بېسىش
يوللانما تۈرى: ئاۋازلىق ئەسەرلەر
چېكىلىش سانى: 1104

پەرھات تۇرسۇن

ئۆز ئاۋازى تۆۋەندىكى ئۇلۇنۇشتا:

سەھەر تۇيغۇسى

ھەركۈنى ئەتىگەن
ئەسكى تۈسكى تەرگۈچىنىڭ قوپال ۋە سەت ئاۋازى
ئىشىكلەرنىڭ قىسلاچلىرىدىن
دېرىزىنىڭ قىسلاچلىرىدىن
بار كۈچى بىلەن كىرەر ئۆيگە سىغدىلىپ
ئېچىنىشلىق ئەمەستۇر بەلكىم بۇ ئاۋاز
بىراق قوپال ۋە سەتلىكىدىن
ئېچىنىشلىق ئاڭلىنىدۇ شۇ قەدەر
يېتەر يادىمغا
نۇرغۇن جايلاردا
قېلىپقالغىنى ئادرېسىم ۋە تېلىفون نومۇرۇمنىڭ
شۇنىڭ بىلەن ھېس قىلىمەن
يوقاتقاندەك نۇرغۇن نەرسىنى
يوقاتقاندەك سېزىمەن ھەتتا
ئەڭ مۇھىم ئىچكى سىرلىرىمنى
چوڭ كوچىلاردا
قېپيالىڭاچ ھېس قىلىمەن ئۆزۈمنى
چۈنكى ھېچكىم كەلمەيدۇ ئىزدەپ
ھېچكىم ماڭا قىلماس تېلىفون
بەلكىم ئۇلار ئوغرىلىقچە نەلەردىدۇر كۆزىتەر مېنى
نومۇسىزلارچە قىلار تاماشا تېلىفون نومۇر ۋە ئادرېسىمنى
تاماشا قىلغاندەك رەسۋالارچە سىرلىرىمنى
سىرتقا چىقىشقا پېتىنالماستىن
ھەممىنى تىللايمەن بۇندا ئولتۇرۇپ
ئەسكى تۈسكى تەرگۈچىنىڭ سەت ۋە بوغۇق ئاۋازى
بىنالارغا چۈشكەن ئاپتاپ جىلۋىسى
يوتقاندىن كۆتۈرۈلگەن تەننىڭ بەدبوي پۇرىقى
تاڭ ئاتقىنىنى
ئېتىراپ قىلىشقا قىستار كىشىنى

1993 –يىل، ئۈرۈمچى