10ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئازادلىق ئارمىيە باش ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى

ئۆتكەنكى نەچچە ئون يىلدا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى شىنجاڭدا يامان ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئەگەر ھازىرمۇ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى بەك ئاددىيلاشتۇرىۋېتىلسە، شۈبھىسىزكى، ئۆزىمىزنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ ئالدىغانلىق بولۇدۇ. تازا ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق، 80 - ، 90 - يىللار ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى بەك ئەۋج ئالغان 20 يىل بولدى. بۇ ھال ھەم سىرتتىكى خەلقارا مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەم دۆلەت ئىچىدىكى خاتا سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. راستىنى ئېيتقاندا، ئۆتكەنكى جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار فاڭجېن ـ سىياسەتلىرى، مېنىڭ قارىشىمچە، بەك مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى. بولۇپمۇ 80 ـ يىللاردىن كېيىنكى سىياسەتلىرى. بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىشى بۇنىڭ ياخشى ئىسپاتى بولالايدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، مانا مۇشۇ فاڭجېن ـ سىياسەتلەر مىللىي زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتتى؛ شىنجاڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىنىڭ يامراپ كېتىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا يول ئېچىپ بەردى.

كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كېچىسى تولا يىغلايدىغان بالا، گېنېرال ۋاڭ جېننىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا قورقۇپ، يىغىسىدىن توختاپ قالاركەن. بۇنىڭدىن ۋاڭ جېننىڭ ھەيۋىسىنى بىلگىلى بولۇدۇ. ۋاڭ جېن — جوڭخۇا مىللىتىنىڭ يۈرەكلىك قەھرىمانى. ئۇ زوزوڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى «ئەسكەرلەر بوز يەر ئېچىپ، چېگرا رايوننى ساقلاش» سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش قىسىملىرى (ئىش ـ قۇر قىسىملىرى) قۇردى. ئادەتتە پۇخرا، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئەسكەر بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان بۇ ئورگان شىنجاڭنىڭ بىرلىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. «چاقىرغاندا كېلەلەيدىغان، جەڭ قىلغاندا غەلىبە قىلالايدىغان» مىليون كىشىلىك بۇ قوشۇن دۆلەتتىن بىر تال ئاشلىق تەلەپ قىلمىدى.  ۋاڭ جېن شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زور كۈچ بىلەن زەربە بېرىپ، شىنجاڭنى نەچچە ئون يىل تېنچ ساقلىدى. لېكىن ۋاڭ جېنمۇ سەل رەھىمسىزلىك قىلدى: يەنى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ جېن ئارمىيىنى يېزىلارنى قورشاشقا بۇيرۇپ، ئازادلىق ئارمىيىنى ئۆلتۈرگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە، تاپشۇرۇپ بەرمىسە شۇ مەھەللىدىكى ئەرلەردىن بىر ئەسكەر ئۈچۈن بەشنى ئۆلتۈرىۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئەگەر راست شۇنداق ئىش بولغان بولسا ھەقىقەتەن سەل قانخورلۇق قىلغان. لېكىن ئىنچىكە ئويلانغاندا بۇنىڭمۇ داۋلىسى بولۇپ، جوڭخۇانىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولغان. چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ رەھىمدىللىك قىلىشى، يۇمشاق قول بولىشى بىلەن بۆلگۈنچىلەر كۆز قارىشىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار ھۆكۈمەتنى ئاجىز دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئۇلار زورىيىپ كېتىپ، تاقابىل تۇرغىلى بولماي قالغان چاغدا، مۇنتىزىم ئارمىيە بىلەن مۇنتىزىم ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق جەڭ كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا دۈشمەنگە رەھىمدىللىك قىلىش ئۆزىگە زوراۋانلىق قىلىش بولۇپ قالىدۇ. لېكىن مەسىلە شۇ يەردىكى، شۇ چاغدىكى دۆلەت كۈچى تۈپەيلىدىن مەركەز شىنجاڭ رايونىغا بەك كۆپ يۇمشاقلىق قىلمىدى. زوراۋانلىقتىن قالغان داغنى ئۆز ۋاقتىدا يوقىتالمىدى. كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چېچىلغان بۇ ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى  80- يىللاردا بىخلاپ چىقتى. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ماۋزېدوڭ دەۋرى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئەڭ تېنچ، مىللىي زىددىيەت ئەڭ پەسەيگەن دەۋر بولدى، شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرىمىز بۇ ھەقتە ئورتاق ھىسىياتقا ئىگە ئىدى. خۇياۋباڭ دەۋرىگە كەلگەندە سوبىكتىپچىلىق چوڭ خاتالىقى سادىر قىلىندى. يەنى «شىنجاڭ، شىزاڭ توغرىسىدىكى ئالتە ماددا» چىقىرىلدى. بۇنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى مۇنداق بولدى:

  1. تولۇق ئاپتونومىيە بولۇش؛
  2. تەربىيىلىنىپ، ھاللىنىۋېلىش؛
  3. ئاپتونوم رايون ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان جانلىق سىياسەت قوللىنىپ، ئاپتونوم رايون ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛
  4. ناھايىتى كۆپ خىراجەت ياردەم قىلىپ، دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جىددىي ئىھتىياجىغا سەرپ قىلىش؛
  5. ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىلىم ـ پەن ئىشلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛
  6. شىنجاڭغا، شىزاڭغا بارغان كادىرلارنى تۈركۈمگە، مۇددەتكە بۆلۈپ ئىچكىرىسىگە يۆتكەپ كېتىش.

يۇقۇرىقى ئالتە ماددىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى تەڭشەشنى، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى نىسبىتىنى كۆپەيتىشنى، خىتاي كادىرلارنى بالدۇر پېنسىيىگە چىقىرىشنى، ياكى ئۇلارنىڭ ئىچكىرىسىگە يۆتكۈلۈپ كېتىشىگە ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى.

خۇياۋباڭنىڭ قارىشىچە، سىياسەتتە شىنجاڭغا ئېتىۋار بېرىلسە، ئىگىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، ئازسانلىق مىللەتلەرمۇ خىتايلارغا تەبىئىي مايىللىشىدۇ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى تەبىئىي قوغدىلىدۇ. كىم بىلسۇن، ئۇيغۇرلار جوڭگۇنى ئۆزىنىڭ دۆلىتى دەپ قارىمىدى. غەرپنىڭ بىر مۇخبىرى مۇنداق بىر ۋەقەنى بايان قىلغان: دۆلەت بايرىقىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھەركۈنى چىقىرىپ بولۇپ يىغىۋېلىنغان دۆلەت بايرىقىنى ئەكىرىپ دەسسىگەن! قانداق ئۆچمەنلىك مۇشۇنداق دەرىجىگە ئېلىپ بارىدۇ؟!

خۇياۋباڭ ئاساسلىقى مۇنداق بىر نەچچە جەھەتتە خاتالاشتى:

  1. شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا ھەقىقىي تايىنىشقا بولىدىغان كۈچ ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى خىتايلار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئىتتىپاقلىشىش ئوبېكتى بولىدىغانلىقىنى، كۈچنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولالمايدىغانلىقىنى بىلمىدى. شىنجاڭ توغرىسىدىكى ئالتە ماددىنىڭ بىرنەچچە ماددىسى خىتايلارنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزدى. مەسىلەن، 60 پىرسەنت سىياسىتى — ئىشچى قوبۇل قىلغاندا، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا شىنجاڭلىقلار 60 پىرسەنتنى ئىگىلەش، رەھبىرىي كادىرلار ئىچىدە 1ـ قول باشلىق ئۇيغۇر بولۇش كېرەك، دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدىكى خىتايلارنى 2-دەرىجىلىك پۇخرا ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا مۇقەررەر ھالدا ئاساسىي قاتلامنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىدى. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كىشىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش پىلتىسىنى كۆمۈپ قويدى، ئۆز ئارا زىددىيەتنى ئىنتايىن كۆپەيتىۋەتتى. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇ بولدىكى، بۇنداق سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا بولغان ياخشى تەسىراتىنى كۈچەيتەلمىدى. بولۇپمۇ 90- يىللاردىن كېيىن بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا، ھككۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قىسقارتىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار قىيىنچىلىقتا قالدى. يۇقۇرىقى سىياسەت يەنە بىر يۈك بولۇپ قالدى. ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار بولدى. چۈنكى خىزمەتچىلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭ نىسبىتى چوڭ، ساپاسى تۆۋەن ئىدى. ھەتتا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدىغانلار 60 پىرسەنت بولۇش سىيسىتىمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بازارغا يۈزلىنىش ئارقىسىدا يۈك بولۇپ قالدى. بولغاندىمۇ بەك خەتەرلىك يۈك بولۇپ قالدى. ئۇلار مۇئەييەن بىلىم ئىگىلىدى، لېكىن خىزمەت تاپالماي جەمىيەتتىن نارازى بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ تارىختا ئۆتكەن ھەقانداق بىر مالىمانچىلىق، ھەرقانداق بىر تەشكىلنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن بىلىملىك نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قاتنىشىشىغا توغرا كەلگەن. بىر توپ ساۋاتسىزلارغا تايىنىپ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. ۋاھالەنكى، شىنجاڭدىكى ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەر ئەمەلىيەتتە شۇنداق ئادەملەرنى تەربىيىلەۋاتىدۇ.
  2. ئەمەلىيەتتە قانۇن، ئۇيغۇرلارغا كۈچىنى يوقاتتى. ئەگەر ھەقىقىي قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈلىدىغان بولسا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى تۈرمىگە كىرىدۇ. بۇ سۆز سەل چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىلگەن، مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ ئامانلىق ساقلىشىدىكى ئىلاجىسىزلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن يالغان خاراكتېرلىق بەزى دېلولار، مەسىلەن، كاۋاپچىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن قاتىلغا ئاران ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىش قاتارلىقلار خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. ئەگەر 60 پىرسەنتلىك سىياسەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە زىيان سالدى دېيىلسە، ئامانلىق ساقلاش ئەھۋالىنىڭ بۇنداق ناچارلىشىشى ياشاش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزدى. ئەگەر بولۇشىغا قويۇۋېتىلسە، كەڭ كۆلەملىك مىللىي قىرغىنچىلىقنى ۋە نوپۇسنىڭ بىنورمال ئېشىشىنى شىنجاڭدىكى خىتايلارنىڭ ئىچكىرىسىگە ئېقىشىنى پەيدا قىلىدۇ! ئوخشاشلا بۇنداق قانات ئاستىغا ئېلىشتىن ئۇيغۇرلار مىننەتدار بولامدۇ؟ ئۇلارنىڭ قارىشىچە، گۆشنى تۇتقان ئادەم گۆشنى ئالمىسا ئۇنى ئۆلتۈرۈش كېرەك. ساقچىلاردا ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بولۇدۇ، ئۇنداق قىلمىسا ئۆلتۈرۈش كېرەك. ئۇلار ئۆزىنىڭ قانۇن ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ھەرگىز ئويلىمايدۇ. بۇنداق بولىشىنى بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئۇلارغا ئادەتلەندۈرۈپ قويغان. ۋاھالەنكى، بۇنداق سىياسەت خىتيلار ئارىسىدا قانداق تەسىر پەيدا قىلدى؟ ئەمدى يەنە بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى:

1993ـ يىلى شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھرىدە قانلىق دىلو پەيدا بولدى. ئۇ دىلونى بۈگۈن ئويلىسىمۇ ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ. شىنجاڭدىكى خىتايلار ھاياتىنىڭ پاخالچىلىكمۇ قەدرى بولمىغان. قەشقەر شەھرىدە ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان خىتاي ئايال باغچىنىڭ ئالدىدا بىليارد تاختىسى قۇرۇپ تىرىكچىلىك قىلغان. چۈشتە 14 ياشلىق سىڭلىسىنى ئېلىپ ئالىي مەكتەپتىن تەتىل قىلىپ كەلگەن قىز ئاپىسىنىڭ ئورنىدا بىليارد تاختىسىغا قاراپ تۇرغان. ئاپىسى تاماق يېگىلى كەتكەن. مانا شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئانا يېڭىلا ئالىي مەكتەپكە چىققان قىزىدىن ئايرىلىپ قالغان. قىزلارنىڭ ئاپىسى كەتكەندىن كېيىن، بىرنەچچە ئۇيغۇر بالا بىليارد ئوينىغىلى كەلگەن. بىليارد ئويناۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن ھېلىقى قىزنىڭ سىڭلىسىغا بىزەڭلىك قىلىشقا باشلىغان. قىز كۆكرەك كېرىپ چىقىپ سىڭلىسىنى قوغداپ، بىر ئېغىز ئاچچىق گەپ قىلىشىغا، كۆكرىكىگە خەنجەر تىقىلىپ، شۇ ھامان جان ئۈزگەن. قىزنىڭ سىڭلىسى قايغۇ ـ غەزەپ بىلەن قاتتىق يىغلاشقا باشلىغاندا، ھېلىقى ئۇيغۇر بالىسى بازار تەرەپكە كېتىپ قالغان. ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولۇپ، بىرەرسىمۇ ئۇنى توسىمىغان، ساقچىغىمۇ خەۋەر قىلمىغان. ئانا قايتىپ بۇ پاجىئەنى كۆرگەندىن كېيىن ساقچى چاقىرىپ كەلگەن. ساقچى ئەتراپتىكى ئادەملەردىن سورىغاندا بىرمۇ ئادەم جۈملىدىن بىليارد ئويناشقا بىللە كەلگەنلەرمۇ قاتىلنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتمىغان. ساقچىلار ئەتىسى قاتىلنى ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان كارۋىتىدىن تۇتىۋېلىپ، سوراق قىلغاندا، تۈنۈگۈن مەست بولۇپ قېلىپ، نېمە ئىش قىلىپ قويغىنىمنى بىلمەيمەن دېگەن. سوت قاتىلغا سەۋەنلىك بىلەن ئادەمنى زەخمىلەندۈرگەن، دەپ ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. جەمىيەتتە دەرھال غۇلغۇلا كۆتۈرۈلگەن. ئۆلگۈچىنىڭ ئۆيىدىكىلەر جەسەتنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىمىز دېگەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۇلارغا خىزمەت ئىشلەپ، نەپىقە بېرىشكە، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋەدە بېرىپ، يۇمشاق، قاتتىق ۋاسىتىلارنى قوللۇنۇپ، ۋەقەنى تىنجىتقاندىن كېيىن بېسىپ قويغان.

  1. مىللىي مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ تىلنىڭ گۈللىنىشى. تىل بىر مىللەتنىڭ جېنى. بىر مىللەتنى كۆڭۈلدىكىدەك كونترول قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ تىلىنى ئاستا ـ ئاستا يوقۇتۇشتىن ئىبارەت. خۇياۋباڭ سادىر قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىق شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يول قويدى. 1980 ـ يىلى 10 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى مەسجىد ـ مەدرىسلەرنى ئېچىۋېتىش، قۇرئانى كەرىمنى قايتا نەشىر قىلىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭ، نىڭشىيا، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلۆىلەردىكى مەسجىد ـ مەدرىسلەر قايتىدىن ئېچىلدى. بۇزۇلغان مەسجىد ـ مەدرىسلەر، ئىبادەتخانىلار، دىنىي خارابىلىقلار رېمونت قىلىندى. يېزىلار، شەھەرلەردىكى دىنىي مەكتەپلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك كۆپىيىپ، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن بالىلار دىنىي مەكتەپلەرگە كىرىپ دىن ئوقۇدى ۋە كونا يېزىقنى ئۆگەندى. نۇرغۇن ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنى خىتاي مەكتەپلىرىگە بەرمەي، بالىلارغا دىن ۋە كونا يېزىق ئۆگەتتى. دىنىي مەكتەپلەرگە بىر مەھەل بالىلار پاتماي قالدى. لېكىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم خىتاي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى ئازلاپ كەتتى. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولۇدۇكى، شۇ چاغدىكى مەركىزىي كومىتېت، «ئۇلۇغ سوتسيالىستىك مەدەنىيەت ئالدىدا، دىن بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ» دەپ قارىغان ئىدى. نەتىجە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. 30 يىل ئاتئىزىم تەشۋىقاتى، ئىدىيە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، دىننىڭ ئۇيغۇرلارنى جەلپ قىلىش كۈچى غايەت زور بولدى. تېخىمۇ ئەخمەقلىق شۇ بولدىكى، 1982 ـ يىلى 9ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى ئاپتونوم رايون قانۇن چىقىرىش شەكلى بىلەن ئۇيغۇرچە، قازاقچە كونا يېزىقنى قوللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى جاكارلىدى. كونا يېزىق بىلەن خىتايچە پىنيىن بىر قاتارغا قويۇلۇپ، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت يېزىقى قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ماۋزېدوڭ دەۋرىدە باشلانغان يېزىق ئىسلاھاتى — شىنجاڭلىقلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنىڭ ئەڭ موھىم ھالقىسى نابۇت قىلىندى!

ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش 1961ـ يىلى باشلانغان. بىر مەزگىل سىناپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئۇيغۇرچە كونا يېزىقنى بىكار قىلىش، ئاپتونوم رايون ئىچىدە خىتايچە پىنيىن بويىچ ئىشلەنگەن يېڭى يېزىقنى قوللىنىش، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان دەسلىكلەرنى پۈتۈنلەي يېڭى يېزىق بىلەن چىقىرىش مەجبۇرىي بەلگىلەندى. مۇشۇنداق مەجبۇرىي يولغا قويۇلغان يېزىق ئىسلاھاتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئەنئەنىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بولمايدىغان ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغانلار ئۇيغۇرچە كونا يېزىقنى تونۇمايدىغان، كونا يېزىقتىكى تارىخىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيالمايدىغان، كونا يېزىق بىلىدىغان چوڭلار يېڭى يېزىقنى بىلمەيدىغان بولۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۈزۈك ھالەت كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ، خىتايلىشىش بارغانسېرى ئومۇملاشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ كونا يېزىقى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئەنئەنىسىنى خاتىرىلەيدىغان ئەڭ موھىم ۋاسىتە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر ئاشۇ سىياسەت داۋاملاشتۇرۇلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش كۆپ ئاسان بولغان بولاتتى. شۇ جاغدىكى خىتاي بېكىنمىچىلىك ئىچىدە تەرەققىي قىلىۋاتاتتى. خەلقارادىكى بېسىم نەزەرگە ئېلىنمىسىمۇ بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە خەلقارا بېسىم ئالدىدا ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولىمىز. يېزىقنى ئىسلاھ قىلىدىغان بۇنداق ئىشنى ئەمدى قىلغىلى بولمايدۇ.

ئەينى چاغدىكى مەركىزىي كومىتېت ساددىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە، ئۇيغۇرلارغا ياخشىچاق بولغىلى بولۇدۇ، دەپ قاراپ، ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپتى، يەنە كېيىنكىلەرگىمۇ زىيان سالدى. ئويلاپ باقايلى، ئۇيغۇرلار باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە ئۇيغۇرچە تەربىيە ئالسا، ئالىي مەكتەپكە چىقىپ بىر يىل خىتايچە ئوقۇسا، ئاندىن كېيىن تۆرت يىل خىتاي تىلىدا كەسپىي دەرس ئوقۇسا، نېمە ئۆگۈنەلەيدۇ؟

  1. ھەردەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ 1ـ قولى ئۇيغۇردىن بولۇشىنى تەلەپ قىلىش ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستانچى كۈچلەرنىڭ غالجىرلاشقان ھەيۋىسىگە مەدەت بولدى. تارىختا شىنجاڭدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار شەرقىي تۈركىستان پائالىيىتىگە قاتناشقان ياكى شەرقىي تۈركىستانچىلارنى ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن قوللىغان. نۇرغۇن چاغلاردا ئۇيغۇردىن بولغان 1ـ قول باشلىقنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئوق چىقىرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلۈپ، نۇرغۇن جەڭچىلەرنىڭ بىكاردىن ـ بىكار قۇربان بولغان (شىنجاڭدىكى ئەسكەرلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە قاراڭ). ئاساسىي قاتلاملاردا ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار ئۇيغۇرلارغا مەخسەتلىك ياكى مەخسەتسىز يان باسسىلا، خىتايلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بەك يامانلاشقان. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، خىتايلار بىر قەدەر سەۋرچان ۋە جاپاغا چىداملىق بولۇپ، جان باققۇدەك ئىمكانىيەت بولسىلا قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئىدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك قانلىق توقۇنۇش ئاللىقاچان يۈز بەرگەن بولاتتى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھازىر چەتئەللەردىكى جامائەت پىكرىدە شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا گەپ بولسىلا، خۇياۋباڭنى ماختاپ، ۋاڭ جېننى كەمسىتىدىغان سۆزلەر بولىۋاتىدۇ. بۇ ئىككەيلەننىڭ سىياسىتى ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدا ئوخشىمىغان ئۈنۈم بەردى ئەمەسمۇ؟ بۇ ھال مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەمدۇ؟

 

ئاھالە كۆچۈرۈشتىن ئىبارەت شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى دۇچ كەلگەن ئەمەلىي مەسىلىلەر

 

بىرەر جاينى ئىدارە قىلىشتا بىرىنچىسى ئادەم. جۈملىدىن باشقۇرۇش تەبىقىسى ۋە باشقۇرغۇچىلار تايىنىدىغان ئاۋام تەبىقىسى، يەنى كۈچنىڭ مەنبەئەسى؛ ئىككىنچىسى، ماددىي ئاساس، يەنى كىشىلەرنىڭ ياشاش شارائىتىدىن ئىبارەت ئىككى ئامىل بولۇدۇ.

بىرىنچى نۇقتىدا ئىككى ئۇسۇل بولۇدۇ: بىرىنچىدىن، يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تايىنىپ، يەرلىك مىللەتلەرنى يۆلەپ ۋە پارچىلاپ، خىتايلاردىن ئايرىلالمايدىغان قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. مىللەت باشقا بولغانىكەن، نىيىتىمۇ باشقا بولۇدۇ. دۆلەت بېيىپ كۈچەيگەندە يەرلىك مىللەتلەرنى باقسا، ئۇلار دۆلەت دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇشنى خالايدۇ. دۆلەت خاراپلاشقاندا ئۇلار مۇستەقىل بولۇپ، تېخىمۇ چوڭ مەنپەئەتكە ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ. بۇنداق سېتىۋېلىش مەخسەت قىلىنغان «ئىبادەتخانا سېلىش» ۋە بېقىشلار بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى، ئەمەلىيەتتە يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلغىلى بولمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەپ كېلىپ، خىتاي مىللىتىنىڭ نوپۇسىنى نوپۇسنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلاندۇرۇش ھەمدە يەرلىك مىللەتلەرنى تەدرىجىي ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ بولۇش لازىم. بۇنى ئەمەلىيەتتە جاڭ زولىن شەرقىي شىمالدا قوللانغان شەندوڭ قاتارلىق جايلاردىن شەرقىي شىمالغا ھەركۈنى نەچچە پويېزدا ئادەم يۆتكىگەن. بۇ يېقىنقى زاماندا شەرقىي شىمالنىڭ بۆلۈنۈپ كەتمەسلىكىدىكى ئەڭ ئاساسىي سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك. دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىش ـ قۇر قىسىملىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىمۇ ئاساسلىقى مۇشۇ تەپەككۈر نەزەرگە ئېلىنغان. شىنجاڭ ئىش ـ قۇر قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا قاراپ باقايلى:

ئىش ـ قۇر قىسىملىرى تەۋەلىكىدە 13 يېزائىگىلىك دېۋىزىيىسى، بىر قۇرۇلۇش دىۋىزىيىسى، 174 دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە نۇرغۇن سانائەت قاتناش، بىناكارلىق، سودا كارخانىلىرى بار. 2000 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىش ـ قۇر قىسىملىرىغا قاراشلىق ئومۇمىي نوپۇس ئىككى مىليون 427 مىڭ 900 كىشى، ئىش ئورنىدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچى 703 مىڭ 700 كىشى بولدى. ئىش ـ قۇر قىسىملىرىغا قاراشلىق ئورۇنلار شىنجاڭدىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە تارقىلىپ، ھەربىر رايونغا قوزۇق بولۇپ قېقىلىپ، شىنجاڭ ھاكىمىيىتىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان كۈچنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى قىلىندى.

لېكىن كۆچمەن كۆچۈرۈش سىياسىتى شىنجاڭدا رېئال مەسىلىگە دۇچ كەلدى. بىرىنچىدىن، ماددىي ئاساس، ئەڭ موھىمى سۇ مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. سۇ بولمىسا ئادەم ياشىيالمايدۇ.شىنجاڭدىكى ھۆل ـ يېغىن ئاساسلىقى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىي شىمال ئېقىمىدىن كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدىن كېلىدۇ. تېنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياننىڭ پەسىللىك شامىلى شىنجاڭغا كىرەلمەيدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە ھۆل ـ يېغىن مىقدارى 145 مىللىمېتىر بولۇپ، جوڭگۇنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى (630م م)نىڭ 23%ىگە توغرا كېلىدۇ. يەر شارىنىڭ ئوخشاش كەڭلىكىدىكى رايونلار ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ھۆل ـ يېغىن مىقدارى ئەڭ ئاز. ھۆل ـ يېغىننىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتى مۇنداق: ھۆل ـ يېغىن شىمالىي شىنجاڭدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكىدىن كۆپ، غەربىي قىسىمدا شەرقىي قىسىمدىكىدىن كۆپ، تاغلىق جايلاردا تۈزلەڭلىكتىكىدىن كۆپ، ئويمانلىقنىڭ چۆرىسىدە ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىدىن كۆپ، شامال تېگىدىغان يانتۇلۇقلاردا شامال تەگمەيدىغان يانتۇلۇقلاردىكىدىن كۆپ. بۇ ھال شىنجاڭنىڭ قۇرغاق كېلىماتىنى بەلگىلىگەن. شىنجاڭنىڭ زېمىنى ناھايىتى كەڭ بولسىمۇ، كۆپىنچە يەرلەر قۇملۇق — چۆل. شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، شىنجاڭدىكى 95% نوپۇس شىنجاڭ يەر كۆلىمىنىڭ ئۈچ پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بوستانلىقلارغا توپلانغان. بوستانلىق رايونلاردا نوپۇسنىڭ زىچلىقى بىر كۋادرات كلومېترغا 200 ئادەم بولغان، بەزى جايلاردا 500 ئادەمگە يېتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ نوپۇس زىچلىقىغا يېقىنلاشقان. ئەگەر يېڭى سۇ مەنبەسى بولمىسا، كۆچمەن يۆتكەش بوشلۇقى قالمايدۇ. شۇڭا باشقىچە ئاھالە كۆچۈرۈش شەكلىنى قوللىنىشىمىزغا، يەنى ئىچكىرى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان شىنجاڭلىقلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قالدۇرۇپ، 2ـئەۋلادىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلغىلى، ھەم ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا يېڭى كۈچ سۈپىتىدە قوشۇلىشىدىن ساقلانغىلى بولۇدۇ.

ئىككىنچىدىن، نوپۇسنىڭ قايتىپ كېتىش مەسىلىسى. نوپۇسنىڭ قايتىپ كېتىشى جەمىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى، ئامانلىق ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن 20 يىلدا شىنجاڭدىن 200مىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىختىساس  ئىگىسى كېتىپ قالغان. بۇ، دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلغانلىقىنىڭ تەسىرى. لېكىن بۇنىڭدىن پەيدا بولغان مەسىلىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. غەربىي رايوندا ئىختىساس ئىگىلىرى يېتىشمەيدۇ. كېتىپ قالغان بۇ ئادەملەر ھۆكۈمران تەبىقە تايىنىدىغان ئوبېكتلار ئىدى. ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بۇنداق كېتىپ قېلىشى ھۆۈمران تەبىقىنىڭ كۈچىنى بىۋاسىتە ئاجىزلاشتۇردى. ئەمەلىيەتتە ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كېتىپ قېلىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. كېتىپ قالغانلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش تەسىرى ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ كېتىپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولۇدۇ. بۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك دەۋر قىلىش شەكىللىنىدۇ. بۇ ئەھۋال تاشقى كۈچ بىلەن چەكلىمىگۈچە — مەسىلەن، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئاچمىغۇچە توىتاپ قالمايدۇ.

ھازىر زىيالىي ۋە تېخنىكلاردىن ئىبارەت ئىختىساس ئىگىلىرى ئىچكىرىگە قايتىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئانچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس. قورقۇنۇچلۇقى شۇكى، كوسوۋودىكى سېربلار كەڭ كۆلەمدە يوگسلاۋىيىنىڭ ئىچكىي رايونلىرىغا كۆچكەندەك، ئادەتتىكى خىتاي پۇخرالار كەڭ كۆلەمدە ئىچكىرىسىگە قايتسا، جوڭگۇدىكى يامان ئىش بولۇدۇ، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئايرىلىپ قېلىشىدەك بىشارەت بولۇدۇ. ئەمەلىيەتتە، جوڭگۇنىڭ ئالاھىدە دۆلەت ئەھۋالى (مەسىلەن نوپۇس تۈزىمى، ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش كېنىشكىسى تۈزۈمى) بولغاچقا، بۇنداق كۆچۈش ۋاقتىنچە يز بەرمەسلىكى مۈمكىن. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان تېرورچىلىرىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىلمىسە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلمىسە، نوپۇسنىڭ بۇنداق ئىستىخىيىلىك كۆچۈشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

 

  1. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى

 

بىرىنچىدىن، سۇ مەنبەسىنى كۆپەيتىپ، سۇنى تېجەش. (بۇ مەۋزۇ تېكسىتى قىسقارتىۋېتىلدى)

... ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان — نىسبىتى 50%تىن ئېشىپ كېتىدىغان رايون بەش بولۇپ، بۇ يەرلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ 80% تىن كۆپرەكى مەركەزلەشكەن. بۇ بەش رايون: خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت. جۈملىدىن خوتەن ۋە قەشقەر شەرقىي تۈركىستان تېرورچىلىرىنىڭ ماكانى. ئىسرائىلىيىنىڭ ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، خىتايلارنى كەڭ كۆلەمدە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش لازىم (ئادەم يوق يەرلەرگە كۆچۈرۈش كېرەك. خىتايلار كېلىپ ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بوشلۇقنى تارتىۋالدى، دەيدىغان تەسىراتنى بېرىپ قويماسلىق لازىم). شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ باشلاپ كېلىنگەنلىكتىن، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ ياخشىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلانىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان تېرورچىلىرىنىڭ مەۋقۇت بولۇش بوشلۇقى چەكلىنىدۇ.

 

  1. ھازىرقى باسقۇچتا ھۆكۈمەت قوللۇنىدىغان تاكتىكىلار

 

ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان تېرورچى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەركىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆكۈمەت تۆۋەندىكى تاكتىكىلارنى قوللۇنۇشقا بولۇدۇ:

ئا. تېرورلۇق ھەركەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. تېرورچىلار بايقىلىپ تەكشۈرۈلۈپ چىقىلغان ھامان قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆلتۈرۈش، خىلقارادىكى ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارىلىشىشىنى ھەرگىز نەزەرگە ئالماسلىق لازىم. پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، تۇتۇلۇپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن تېرورچىلار كۆپ ھاللاردا تېرورچى تەشكىلاتلارنىڭ تايانچىسى بولۇپ قالغان.

ئە. تېرورچى تەشكىلاتلارنىڭ مەبلەخ مەنبەسىنى، بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەخ مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك.

ب. خەلقارالىق مۇداپىئە كۆرۈش لازىم. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر خەلقارادىكى كۈچلەرنىڭ قوللىشى بولمىسا شەرقىي تۈركىستان تېرورچى تەشكىلاتلىرى مەڭگۈ كېلىمات يارىتالمايدۇ. خەلقارادا جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا گېرتسىيە كوزېرى، سىپرۇس كوزېرى بار. تۈركىيىگە نىسبەتەن ساياھەت — ئىقتىساد كوزېرى، كوردلار كوزېرى بار. ئوتتۇرا شەرقتە سەئۇدىي ئەرەبىستانىغا باشقۇرۇلۇدىغان بومبا كوزېرى بار؛ ئوتتۇرا ئاسىيادا يېقىندا قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۆلگۈنچىلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان ئۆتكۈر قورال ھېساپلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، نەزەرنى شەرقىي تۈركىستان تېرورچىلىرىغىلا تىككەندە بەك يۈزەكىلىك بولۇپ قالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوراللىق كۈچى ھەقىقىي نىشان ھېساپلىنىدۇ.

پ. ئۇيغۇرلارنى تۇڭگان، موڭغۇل، قازاقلار ئارقىلىق تىزگىنلەش كېرەك. ئەگەر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇس نىسبىتىنى تەھلىل قىلغاندا، شۇ نەرسە بولۇدۇكى، يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلارنىڭ بۆلۈنۈشىدە بۇ پىرىنسىپ ئەكس ئەتتۈرۈلدى. مەسىلەن، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى نوپۇس ئىچىدە موغۇللار ئاران 4.5%نى، ئۇيغۇرلار 34.3% نى ئىگىلەيدۇ. موغۇللارنىڭيەنە بىر ئاپتونوم ئوبلاستى بولغان بۆرتالادا موڭغۇللار نوپۇسنىڭ 6.8%ىنى، ئۇيغۇرلار 16%ىنى ئىگىلەيدۇ. شەكسىزكى، بۇ شۇ چاغدىكى ھۆۈمەتنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئىلى رايونىدا ئۇيغۇرلارنى قازاقلارغا تايىنىش ئارقىلىق كونترول قىلىش كېرەك. ئەگەر تەبىئىي بايلىقنىڭ تارقىلىشىنى تەكشۈرگەندە بۇ پىرىنسىپنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولۇدۇ.

ت. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ھەقىقىي تۈردە ئاشۇرۇپ شىنجاڭدىكى خەنزۇ كادىرلارنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش لازىم. بىزگە مەلۇمكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازى تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇدۇ. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتنى كونترول قىلىشى مەيلى ۋاسىتە جەھەتتىن ياكى ئۈنۈم جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىنتايىن ناچار بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بەزى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، كىچىك ئىشلار تۈپەيلىدىن زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

ج. شىنجاڭدىكى قانۇن ـ تۈزۈمنى ھەقىقىي يولغا قويۇپ، خىتايلار ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كۆچمەنلەرگە ئىلھام بېرىش كېرەك. خىتايلار كۆچۈشنى خالىمايدۇ، دەپ قارىماسلىق لازىم. ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدىكى پاختىنىڭ كۆپ قىسمىنى سىچۈەن دىھقانلىرى يىغىپ بېرىدۇ. ئۇلار ئىنتايىن ئاز ھەق ئېلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ بولۇدۇ. ئەگەر مۇئەييەن ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بېرىلسە، ئەينى يىللاردا شەندوڭلۇقلار شەنخەيگۈەننىڭ شەرقىدىكى جايلارغا بېسىپ كىرگەندەك دولقۇن چوقۇم شىنجاڭدا پەيدا بولۇدۇ.

 

شىنجاڭ مەسىلىسى جوڭگۇ ھۆكۈمىتى دۇچكەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ

 

ئافغانىستان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، بۇ مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقى گەۋدىلىنىشكە باشلىدى — ئامېرىكىنىڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن ۋاسىتىسى (كوسوۋو ئەندىزىسى)نى ئويلاشقا توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، شىنجاڭ قولدىن كېتىپ قالسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىغا كىرگۈزۈپ، جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى تەلەپ قىلىمەن. شىنجاڭنى مەھكەم ئىگىلەپ ئېچىش بىزنىڭ نىشانىمىز، شۇنداقلا جوڭخۇانىڭ كەلگۈسى ھۋساپلىنىدۇ. شۇڭا مەركىزىي ھۆكۈمەتتە ئۇزۇن، ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇددەتلىك بىر يۈرۈش پىلان بولىشى كېرەك. يىراقتىن قارىغاندا، ئاخىرقى نىشان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش بولىشى كېرەك. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقۇتۇش لازىم. تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا ئەرزىيدۇ:

  1. خىتاي تىلىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوغداپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىنى ئاستا ـ ئاستا ئاجىزلىتىش لازىم. بۇ، ئەمەلىيەتتە قىيىن ئىش ئەمەس. شىنجاڭنىڭ ئىگىلىكى تەرەققىي قىلدۇرۇلسا، ئىچكىرىسى بىلەن ئالماشتۇرۇش كۆپەيسە، خىتاي تىلىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى مۇقەررەر كۈچىيىدۇ. خىتايلار يېتەكچى ئىقتىسادىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدە كىچىكىدىن خىتايچە ـ ئۇيغۇرچە قوش تىللىق ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇش، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى خىتاي تىلى ئىشلىتىش (ياكى خىتايچىنى ياخشى ئۆگىنىشنى مۇكاپاتلاش شەرتى قىلىش) لازىم. ئىچكىرىسىدىكى كارخانىلار ۋە ھەر خىل فوندلارمۇ ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇش. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىتايچە ئۈگىنىش مۇكاپات پۇلى قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك. بۇنى ھەش ـ پەش دېگۈچە قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇلسا ئەھمىيىتى چوڭ بولۇدۇ.
  2. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، لېكىن خىتايلارنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىشنى بەدەل قىلماسلىق لازىم. يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك، خىتايلارنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىدىغان سىياسەت بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى قوغدىغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول باشلىق ئۇيغۇر بولۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بيۇكراتلىق ئەنئەنىسىدىكى جوڭگۇدا ئىنتايىن چوڭ نارازىلىق قوزغىدى. قانۇننى ھەقىقىي يولغا قويۇپ، دكلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭدىكى خىتايلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، خىتايلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى 2-دەرىجىلىك پۇخرالىق مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭدىكى خىتايلارنىڭ كۆڭلىنى تېچلاندۇرۇش لازىم. ھازىر خىتايلارنىڭ ئىچكىرىسىگە كەتمەسلىكىدە نوپۇس تۈزۈمى موھىم سەۋەپ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. لېكىن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نوپۇس تۈزۈمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىشىدىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەقىقەتەن خىتايلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىچكىرىسىگە كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. سۇ بايلىقى مول، ئېچىلمىغان يەرلەرگە كۆچمەن كۆچۈرۈش، خىتاي كۆچمەنلەرنى ئادەم يوق يەرلەرگە ئەۋەتىش ماكرو قاتلامدىن ئېيتقاندا يەرلىك مىللىي ئەزىمەتلەرنىڭ تەنقىد قىلىشىغا، قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. لېكىن يەرلىك مىللەت خەلقى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشمىغاندا ۋە ئۆز ئارا چېقىلمىغاندا، ئۇلار بىلەن بايلىق تالاشمىغاندا، ئاۋامنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمىگەندە، بۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغان توقۇنۇش ئاساسىي قاتلامغا يامراپ كەتمەيدۇ.

(ئاخىرى قىسقارتىۋېتىلدى)

 

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

Comments powered by CComment