بۈگۈن قانداق بىر كۈن؟ بۈگۈن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ خاتىرە كۈنى. شېكىسپېىر مۇنداق دېگەن ئىدى: «جەھەننەم ھازىر قۇرۇقدىلىنىپ قالدى، پۈتۈن شەيتانلار بۇ يەر يۈزىدە.
بۈگۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە دەل مۇشۇنداق بولدى، پۈتۈن شەيتانلار بىرلىشىپ شەرقى تۈركىستاننى بىر جەھەننەمگە ئايلاندۇرماقتا. قانداق جەھەننەم بۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى بۈگۈنكى شەرقى تۇركىستاننىڭ رېئاللىقىدا. بۈگۈن بۇ دوزاقتىكىلەر ئۈچۈن ھىچقانداق ئالاھىدە بىر كۈنمۇ ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ چېكىدىغىنى ھەركۈنى زۇلۇم، ھەركۈنى خورلۇق، ھەركۈنى ئىنسانىي غورۇرلىرىنىڭ چەيلىنىشى. بۈگۈن پەقەت تاشقىي دۇنياغا بىلىنگەن 21 -ئەسىردىكى خولوكوستنىڭ باشلىنىش كۈنى.

بۇ كۈندە، 2009-يىلىنىڭ مۇشۇ كۈنىدە ئۈرۈمچىدە نېمە بولغان؟ شاۋگەن قەتلىئامىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلانغان تۇققانلىرىنىڭ ھەق تەلەپلىرى بىلەن تېنچلىق نامايىشى قىلغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز خىتايلار تەرىپىدىن قەتلىئام قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركىتى كېيىن ھەرساھەنىڭ نارازىلىق ھەركىتىگە كېڭەيگەن. ئەرلىرى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئاياللار كوچىغا چىقىپ، ئەرلىرىنىڭ، ئوغۇللىرىنىڭ دېرىكىنى قىلىشقان. خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئاتالمىش خىتاي نامايىشچى ئاممىسى كالتەك-چوماقلار بىلەن كوچىلارغا تېشىپ چىقىپ، «ئۇيغۇر ئوۋلىغان»، ئەمما ئۇلار قانۇنسىزلىق قىلمىش ھېسابىدا چەكلەنمىگەن، خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئوۋلىشىغا تاماشابىن بولۇپ قېلىۋەرگەن. چۈنكى پانىينىڭ دوزىقى بولغان خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا خىتايلار نېمىلا قىلسا قانۇنلۇق، ھەقلىق؛ ئۇيغۇرلار ھامان جىنايەتچى بولۇدۇغان بولغاچقا، بۇ ئىشتىمۇ خۇددى شۇنداق بولغان. خىتايلار ھەتتا كىچىك بالىلارنىمۇ ئاياپ قويمىغان! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە ئۈچ ياشلىق بالىلارنىڭمۇ بولغانلىقى ھەققىدە دەلىللەر مەۋجۇت. دوختۇرخانىلارمۇ ھاكىمىيەتنىڭ رايىنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر يارىدارلارنى قوبۇل قىلمىغان! مانا مۇشۇنداق ئىنسانىيەتسىزلىك تۈپەيلى، دوختۇرخانىدا رەت قىلىنغانلاردىن بىرى ئۈچ ياشلىق قۇتلۇقجاندۇر. دادا-بالا تۇققانلار زىيارىتىگە كېتىۋاتقان يېرىدە ئاتالمىش غەزەپلەنگەن »خىتاي ئاممە»سى تەرىپىدىن قاتتىق دۇمبالانغاندىن كېيىن، دادىسى قۇتلۇقجاننى مىڭ ئۆلۈپ-مىڭ تىرىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن، ئەمما «ئىنسانپەرۋەر خىتاي دوختۇرلار» ئۇلارنى قوبۇل قىلمىغان.
شۇ كۈنى يەنە بىر ئۇيغۇر خانىم، ئىسمى پاتىگۈل خانىم، بۇ خانىمنىڭ قولى ئوچۇق، قۇرۇق قول ، قورقماي ۋە يالغۇز خىتاي ھەربىي قىسىملىرىغا قارشى تۇرغان كۈنى ئىدى. ئۇنىڭ جاسارىتى بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلان بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى تىنچ ئۇسۇلدا نامايەن قىلدى.

بۇ كۈندە ۋە كېيىنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ زىيادە ناچارلاشتۇرۇلغان ئوبرازى خىتاينىڭ ھەر خىل دۆلەت تەشۋىقات قاناللىرى تەرىپىدىن تېز ۋە كەڭ تارقالدى. ئۇيغۇرلار بىر تەرەپلىمە ھالدا تېرورچى دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ خەتەرلىك ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى ئادەتتىكى خىتايلارنىڭمۇ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تەرىپىدىن خىتايچە تور پاراڭلىشىش ئۆيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنغان. ج ك پ نىڭ بۇ تەييار دۈشمەننى - خەلق ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دۈشمىنىنى يوقۇتۇشى ۋە قارار قىلىشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالغان ئىدى. 2017-يىلى ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى باشلاندى، ئۇيغۇرلارنى ئاڭلىماققا دوزاخقا ئوخشاش خىتاي لاگېرلىرىغا سولاپ قويۇپ ، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتىشكە باشلىدى.

بىز بۇ كۈننى قەتلىئاملارنىڭ باشلىنىش كۈنى سۈپىتىدىلا خاتىرىلەۋاتىمىز، بۇ ھەرگىزمۇ قەتلىئام ۋە زۇلۇملارنىڭ ئەڭ چەككە يەتكەن كۈنى ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي زۇلمى كۈندىلىك نورمال ھاياتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەچكە، 5-ئىيۇلنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆمۈپ تاشلىدى، ھەتتا ئۇنى ئادەتتىكى بىركۈنگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. چۈنكى، شۇندىن كېيىن ھەركۈنى دېگۈدەك روي بېرىدىغان ئۆلۈملەر، خورلۇقلار، ۋەھشىيانە قىلمىشلار ناتسىستلارنىمۇ قورقۇتۇۋەتكۈدەك چەككە يەتتى. بەلكىم ئادولف ئېيچمان بۈگۈنكى ھالىمىزنى كۆرسە خىتايلارغا قول قويغان بولاتتى.
خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىسىلەر؟
ئالېكساندىر سولنىژېتسىن تەسۋىرلىگەن «كۇلاك تاقىم ئاراللىرى» كۆز ئالدىڭلارغا كېلىشى مۈمكىن. ئەمما كۇلاك تاقىم ئاراللىرى رۇس جەمىيىتىنىڭ سىرتىدا، ئايرىم بىر دۇنيا بولۇپ، ئۇ يەرگە يوللانغانلارغا مەلۇم جىنايەت ئارتىلىپ، رەسمىيەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ، قانۇنغا ئۇيغۇنلۇق كۆرۈنۈشى بىلەن توپلانغان «جىنايەتچىلەر» ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇر جەمىيىتى بىر پۈتۈن ھالدا كۇلاك تاقىم ئاراللىرىغا ئايلاندى. بۇ يەردە «جىنايەتچى، گۇناھكار، گۇناھسىز»نىڭ ھىچ ئايرىمىسى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ جىمىسىلا كۇلاك! كۇلاك تاقىم ئاراللىرىدا گۇناھكارلارنىڭ مەلۇم دائىرىدە شەخسىي ئەركىنلىكى بارىدى، ھىچ بولمىسا ئەركىن ئويلىيالايتى، ئۆز ئارا ھەرقانداق تېمىلاردا سۆزلىشەلەيتى. ئەمما، كۇلاك تاقىم ئاراللىرىغا ئايلانغان ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشىشلىرىگىمۇ كۆز-قۇلاقلار، ئېلىكترونلۇق جاھازلار ھېزى بولۇپ تۇرغاچقا، ھەتتا ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھىچقانداق مەھرەم، باشقىلاردىن يوشۇرۇن سۆز بولۇشى مۈمكىن ئەمەس. كۇلاك تاقىم ئاراللىرىدا ئېغىر ئەمگەك، تەن جازاسى بارىدى، ئەمما ئىنسانلارنىڭ روھى يەنىلا ئەركىن ئىدى. ئۇيغۇر كۇلاك تاقىم ئاراللىرىدا بولسا ئىنسانلارنىڭ روھىمۇ تاجاۋۇزغا ئۇچرىماقتا، ھىچكىم ئۆزى ئەمەس، ھىچكىمنىڭ خاسلىقى، مەھرەمىيىتى (شەخسىي مەخپىيىتى) قالمىغان، ئىسمى-جىسمى بىلەن ماڭقۇرتلاشتۇرۇلغان بىر جەمىيەتتۇر. كۇلاكلارنىڭ ئائىلىلىرى ئۆز ھالى بىلەن بولاتتى، بالىلىرى يەنىلا سوۋېت باللىرىنىڭ بىرقىسمى ھېساپلىناتتى. دادىسى كۇلاك بولغان بولسا، بالىلىرى ئانىسى بىلەن نورمال ياشىيالايتى؛ ئانىسى كۇلاك بولغان بولسا دادىسى بىلەن يەنىلا بىر ئائىلە سۈپىتىدە ياشىيالايتى. ئەمما ئۇيغۇر كۇلاك تاقىم ئاراللىرىدا ھىچكىم ئۆز بالىسىغا ئىگە بولالمايدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلاردىن ئايرىۋېتىلگەن، ھەتتا ئەمچەكتىكى بالىلارمۇ ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ، نامەلۇم يەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ يەردىكىلەر سولنىژىتسىننىڭ كۇلاك تاقىم ئاراللىرىنى ھەسرەت بىلەن سېغىنىدىغان، كۆڭۈللۈك بىر يەر سۈپىتىدە كۆرگەن بولاتتى.

دۇنيادا نۇرغۇن جايلاردا زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ، مەلۇم گورۇھلار ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن، مەلۇ شەخسلەر ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىرمۇنچىلارنىڭ ئازاپلىرىنى راۋا كۆرۈش ئىنسانىيەت تارىخنىڭ باشلانغۇچىدىن بېرى مەۋجۇت بىر رىياللىق. بۇ نۇقتىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارايدۇ ياكى شۇلاردىن ئۆزى بىلىدىغان بىرەر مىسالغا ئوخشۇتۇدۇ. ئەمما، بۇ زۇلۇم، زۇلۇمنىڭ بۇ دەرىجىسى بۈگۈنگىچە ھىچقانداق باشقا بىر قەۋمنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەمەس. بەزىلەر دەرھاللا پەلەستىنگە ئوخشۇتۇشقا ئالدىرايدۇ، ئەمما پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بىر زېمىنى، پۈتۈن دۇنيا تونۇغان كىملىكى، كىملىك ھۆججەتلىرى بار. ئۇلار ھىچ بولمىغاندا زالىملار ئۈستىدىن بەددۇئا قىلىش ئىمكانىغا ئىگە. ئەمما، ئۇيغۇرلار زالىملارنى مەدھىيلەشكە مەجبۇر. خىتايلار تەرىپىدىن توقۇلغان زالىملارنىڭ نىجات يۇلتۇز ئىكەنلىكى، بەخت كەلتۈرگۈچى ئىكەنلىكى ھەققىدە ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇر. پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىبادەت قىلىش ھەققى بار ئىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ھەققى يوق؛ مەسجىتلەرگىمۇ زالىملارنىڭ سۆزلىرى، رەسىملىرى ئېسىلغان، خۇتبىلەردىمۇ زالىملارنىڭ بۇيرىغانلىرىنى سۆزلەشكە مەجبۇر. بۇ ھالەتنى قايسى قەۋم باشتىن كەچۈرۈپ باققان؟

يەنە، دۇنيانىڭ نەرىدە قانداق بىر زۇلۇم مەيدانغا كەلسە شۇئان بۇنىڭ ھەققىدە خەۋەرلەر مەتبۇئاتلارنى قاپلايدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە دۇنيانىڭ بۈگۈنگىچە قانچىلىك خەۋىرى بولدى؟ 70 يىلنى ئاشقان بىر ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق زۇلۇملار دۇنيانىڭ كۆزىدىن قاچتى، دىققىتىنى تارتالمىدى، ھەتتا خەۋىرى بولمىدى. پەقەت بۈگۈنگە كەلگەندە دۇنيا بۇ زۇلۇملار ھەققىدە قىسمەنلىكتە خەۋەردار بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىمۇ؟ قىسمەنلىكمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ دېڭىزدىن تامچە، خالاس. خۇددى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنى دۇنيا بىرنەچچە يۈز دەپ ئاڭلىغانغا ئوخشاش. ئەمەلىيەتتە ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە 30مىڭغا قەدەر ئوخشىمىغان بايانلار مەۋجۇت. مەلۇم بىر خىتاي ساقچىسىنىڭ يېقىنلىرىنىڭ بىرىگە دېگىنى بويىچە 17500دىن ئارتۇق. ئەمما دۇنيا بۇنى بىرنەچچە يۈز دەپ بىلگەن بولسا، دېمەك، بۈگۈنكى كامپ تۇتقۇنلىرىنىڭ سانى ھەققىدىمۇ ئاشۇنداق زور پەرقلىق يېتەرسىز ئۇچۇر دۇنياغا مەلۇم بولغان دېيىشىمىز مۈمكىن.

بۈگۈن خىتاي كامپلىرىنى ناتسىست كامپلىرىغا ئوخشۇتۇش ئادەتكە ئايلاندى، ئەمما ناتسىست كامپلىرىدا مەن ئىبادەتخانىلارنى كۆردۈم؛ كامېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە زىيارىتى، بىريەرگە توپلۇشۇپ پاراڭ قىلىش مۈمكىنچىلىكى بارلىقىنىمۇ بۇنىڭغا ئائىت فىلىملەردىن كۆرىمىز. لېكىن، خىتاي كامپلىرىدا ئۇيغۇرلار كېچىلىرى يېنىدا ياتقان بىرى بىلەن ئۇيغۇرچە پىچىرلاشسىمۇ شۇ ھامان گۇندىپايلار يېتىپ كېلىپ دۇمبالايدىغانلىقىدىن بۇ كامپلارنىڭ ناتسىست كامپلىرىغا زادىلا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئەگەر شۇئاندا ئۇيغۇر كامپ تۇتقۇنلىرى ناتسىست كامپلىرىغا يۆتكەلسە چوقۇم بىر راھەتكە چىققاندەك ئازادىلىك ھىس قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز!

بۈگۈن دۇنيا ئەھلىدىن خىتايلارغا بېسىم قىلىپ، بىر خالىس تەكشۈرۈش گورۇپپىسىنىڭ بېرىشىغا رۇخسەت تەلەپ قىلىشىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتايلار رۇخسەت قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ تەكشۈرۈش گورۇپپىسىنىڭ ھەققىقىي ئەھۋالنى خۇددى رىياللىقتا بولغىنىدەك كۆلەم ۋە چەكتە بىلەلىشىگە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاپ باققان بىزلەر ھىچ ئىشەنچ قىلالمايمىز. چۈنكى، خىتايلار چەتئەللىكلەرنىڭ كۆزىنى بوياشتىمۇ غايەت زور تەجرىبىگە ئىگە.

خىتاي ئالدامچىلىقى خۇددى ناتسىستلار گېرمانىيىسىگە ئوخشاش ، 1943-يىلى جازا لاگېرلىرىنىڭ دوزاخ مۇھىتىنى ئەتىرگۈللۈك باغقا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ زىيارىتىنى ئالداشقا تىرىشقىنىغا ئوخشاش، خىتايمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مىللەتلىرىگە قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى قانداق يوشۇرۇشقا خېلى ئۇستا. تارىخ بىزگە ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ئوخشاش، خىتاي ئىرقى قىرغىنچىلىق تۈزۈمىنىڭ خەلقئارالىق سوتتا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن يۈزلەشمىسە ، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىدا ئوچۇق-ئاشكارە بولمايدىغانلىقىنى ۋە مەڭگۈ ئاشكارا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.

ئىلگىرى مەلۇم دۆلەتلەردىن بارغان كۈزەتكۈچىلەر ھەتتا خىتاينىڭ پايدىسىغا تەشۋىقاتچىلىق قىلىدىغان تەسىراتلار بىلەن قايتىپ كەلگەن ئەھۋاللار كۆرۈلگەنىدى. چۈنكى، خىتايلار كوممۇنىست ئىستىلاسىدىن بېرى بۇ جەھتتە نۇرغۇن تەجرىبە قازاندى. كۈزەتكۈچىلەرنى قانداق ئايلاندۇرۇشنى، قەيەرلەرنى كۆرسۈتۈشنى، ھەقىقەتنى قانداق يوشۇرۇشنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى پەقەت شۇ جەمىيەتتە ياشاپ باققانلارلا ئەڭ چوڭقۇر چۈشۈنۈدۇ. سىرتتىن بارىدىغانلار چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە، چەكلىك دائىرىدىكى پائالىيەت -ھەركەت ئىمكانلىرى بىلەن ھەقىقىي تۈردە بىلەلىشى، ئېنىقلىيالىشى مۈمكىن ئەمەس.

خىتايلار جىنايى ئىزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئېچىلىپ قېلىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارىمىغانلىقى ئاشكاردۇر. مەسىلەن غەرپلىكلەر ئامېرىكا يەرلىكلىرىگە قىلىنغان زۇلۇم، قەتلىئاملارنىڭ دەلىلى بولۇپ، بەزى يەرلەردە ئاممىۋىي قەبرىلەرنىڭ ئېچىلىشى، ناتسىست قەتلىئاملىرىنىڭ دەلىلى بولۇپ، توپلۇق مازارلارنىڭ تېپىلىشى خىتايلارغا ئىلھام بولغان بولۇشى كېرەككى، كامپلار بىلەن بىرلىكتە جەسەت كۆيدۈرۈش ئوچاقلىرىمۇ بىللە ئاپىرىدە قىلىنغاچقا، تارىخ ئۈچۈن بۇنداق ئىنسانغا جىنايەتلەرنىڭ پاكىتلىرىمۇ ۋاقتى-ۋاقتىدا يوق قىلىنىشقا سەل قارالمىغان. زالىملىقتا، زالىملىق تەجرىبىسىدە ۋايىغا يەتكەن بۇ زالىملارنىڭ نەقەدەر ئىنچىكىلىكىنى ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقانلار تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدۇ.

بۈگۈن دۇنيا خەلقىگە، ئىنسانىيەتكە دەيدىغىنىمىز شۇكى، كۆز ئالدىڭلاردىكى ئازغىنا مەنپەئەت ئۈچۈن زالىمغا يانتاياق بولۇشنىڭ بەدىلى بەك ئېغىر بولۇشى مۈمكىن. ئەگەر ئىنسانلىقىمىز راست بولسا، ئىنسان ترادېگىيىلىرىگە سەيرىچى بولۇپ قېلىش نومۇستۇر. بۈگۈن بۇ زۇلۇملارغا «توختات!» دېيىشكە پېتىنالمىغانلار، ئەتىلا بۇ زۇلۇمنىڭ ئوبېكتلىرىغا ئايلىنىشى مۈمكىن. چۈنكى خىتايلارنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش نىيىتى تۇغۇلۇشىدىنلا مەۋجۇت. ھەق-ئادالەت تۇيغۇسىنى، ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يوقۇتۇپ قويمىغان بارلىق خەلقلەرگە چاقىرىقىمىز زالىمغا تۇر! دېمەك، زۇلۇمغا چېكىت قويماق ھەر ئىنساننىڭ ئىنسانلىق بۇرچى. بۇنى بىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆزۈڭلار ئۈچۈنمۇ قىلىش مەجبۇرىيىتىڭلار بار.

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

Comments powered by CComment