شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كېيىنكى يېرىم ئەسىرلىك مەسىلىمۇ ئەمەس. شەرقىي تۈركىستان كۆرىشى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئانا پىكرى »جەدىتچىلىك« ھەركىتىدىن كەلگەن. غەربىي تۈركىستانلىق »جەدىت«لەر غەربىي تۈركىستاندا تاتارستان دۆلىتى، باشقۇرت دۆلىتى، ئالاش ئوردا، خىۋە، بۇخارا جۇمھۇرىيىتى، قوقان جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنى قۇرۇش سىناقلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقتلاردا قازان ۋە بۇخارادا تەتقىقات ۋە ئۆگۈنۈش بىلەن بولۇۋاتقان ئابدۇقادىر داموللا بۇ پىكىرنى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كەلگەن. شەرقىي تۈركىستاندا ئىدىئولوگىيىلىك ئىسلاھات ئۈچۈن ھۇل سېلىشقا تىرىشقان؛ بىر قىسىم تاللانغان شاگرتلىرىغا دۆلەتچىلىك ئېڭى سىڭدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.

»جەدىتچىلىك«نى ۋەتىنىمىزدە تولۇق شەرھىيلەش ئىمكانى بولمىغاچقا ئۇنى نوقۇل دىنىي ئىسلاھات (ئەسلىدە دىننى ئىسلاھ قىلىش مۈمكىن ئەمەس، دىننى چۈشۈنۈش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش نەزەردە تۇتۇلغان)،

مائارىپ ئىسلاھاتى شەكلىدىلا چۈشەندۈرۈش بىلەن چەكلەندى. ئەمما »جەدىتچىلىك«نىڭ ئاساسىدا ياتقان تۈپ پىكىر سىياسىي ئىسلاھات بولۇپ، دۆلەتچىلىك ئېڭىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە تۈركىي مىللەتلەر تۇپراقلىرىدا مۇستەقىل دۆلەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ غايىسى قىلغان ئىدى. بۇلارنى پروففىسسور ئەخەت ئەندىجاننىڭ » ›جەدىتچىلىك‹تىن مۇستەقىللىققىچە — چەتئەللەردە تۈركىستان كۆرىشى« ناملىق ئەسىرىدىكى تارىخىي پاكىتلاردىن تېخىمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز. (بۇ كىتاپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ توردا ئېلان قىلىنغىلىمۇ بىرنەچچە يىل بولدى، ئەمما ئاتالمىش مىللىي مۇجادىلە سېپىدىكى ئەزىمەتلىرىمىزدىن بۇنى ئوقۇپ باققانلارنىڭ تايىنى يوقلۇقىغا ئىشىنىمەن)

ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىتاپتا غەربىي تۈركىستانلىقلار ئىسمائىل گاسپرالىنىڭ »تىلدا، دىندا، پىكىردە بىرلىك« شۇئارىنى چىقىش قىلغان بىر ئازاتلىق كۆرىشى ئېلىپ بارغانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئۇلار قۇرغان قىسقا ئۆمۈرلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەنە شۇ بىرلىككە ئەمەل قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈن »مىللەت« بولۇپ شەكىللەنگەن تۈركىي توپلارنىڭ ئايرىمچىلىق قىلمىغانلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇدۇ. مەسىلەن: بۈگۈنكى ئۆزبىكىستان تەۋەسىدە قۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىچىدە تاتاتلار، باشقۇردلار، قازاقلار ۋە ئۆزبىكلەر ئارىلاش بولۇپ، قوقان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرىزدېنتى باشقۇرت (زەكى ۋەلىدى توغان)، باش مىنىستىرى قازاق (مۇستاپا چوقاي) بولغان. بۈگۈن بۇنداق بىر بىرلىك تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ، ئەلۋەتتە.

خۇددى شۇ ئەنئەنىگە كۆرە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە ئۆزبىكلەرمۇ بولغان (زىرىپ قارىھاجىم، سېتىۋالدىجان)، قىرغىزلارمۇ بولغان (ئوسمان ئالى)، ... غەربىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركەتلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلغان غەربىي تۈركىستانلىق »جەدىت«لەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەت ئورگانلىرىنى قۇرغان. بولۇپمۇ چېگرىداش دۆلەتلەردە — ئافغانىستان، ئىران قاتارلىقلاردا ھەرقاچان ۋاكالەتخانىلىرى بولغان. كىمنى قايسى دۆلەتكە خىزمەتكە تەيىنلىسە، ئۇ شۇ دۆلەتكە بېرىپ خىزمەت قىلغان. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تامامەن بالىلارچە دېيىش مۈمكىن. چۈنكى بىرى غەرپ دۆلەتلىرىدە ئاران ئورنى ئىسسىغاندا ئافغانىستانغا خىزمەتكە ئەۋەتسە بېرىشى مۈمكىنمۇ؟

شەرقىي تۈركىستاندا خەلق ئىنقىلاپلىرىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن، غەربىي تۈركىستانلىقلار شەرقىي تۈركىستانغىمۇ كادىر ئەۋەتىپ ياردەمدە بولغان. بۇ ھال ئۇلاردىكى بىرلىك روھىنىڭ يەنە بىر تەجەللىسى ئىدى. ئەمما بۈگۈن (بىر ئەسىر ئۆتكەندە) ئۆز ۋەتىنىمىزدىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنى سەپ تېشى قىلىۋېتىپ، »ئۇيغۇر« دېگەن ئات بىلەنلا تەشكىلات قۇرۇپ (كى بۇ تەشكىلات ئىسمى بىرەر مىللىي كۈلتۈرەل مەركەزنىڭ ئىسمىنىلا ئەسلىتىدۇ)، بۇنى بىر مىللەتنىڭ داۋاسىغا ئايلاندۇرۇۋالدۇق. بۇ جەھەتتە غەربىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرەشلىرى تارىخىنى ۋاراقلاپ سېلىشتۇرساق، سەۋىيەمىزنىڭ بىر ئەسىر كېيىن قالغانلىقىنى ئەلەم ئىچىدە كۆرۈمىز! تۈركىستان كۆرەشچىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى مەركىزىي ۋەكىللىك ئورگىنىنىڭ بىر قېتىملىق سايلىمى دىققىتىمنى تارتتى (بۇ مەركەزدىكى ئۈچ ئاساسىي رەھبەر بۈگۈنكى كۈننىڭ ئۈچ مىللىتىدىن — ئۆزبىك، باشقۇرت، قازاقتىن — تەركىپ تاپقانلىقىمۇ ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بىر نۇقتا). ئوسمان خوجا (ئۆزبىك) ئىقتىسادىي ھىساباتنى ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق بېرەلمىگىنى ئۈچۈن، ئۇنى رەئىسلىكتىن قالدۇرۇشقان! زەكى ۋەلىدى توغان (باشقۇرت) رەئىس بولغان. ئەمما بىزنىڭ تەخمىنەن بىر ئەسىردىن كېيىنكى ئىشلىرىمىزدا ئاشۇنچىلىك سىستېم بارمۇ؟ ئىقتىسادىي ھىساپلار ئېنىقمۇ؟ ئىقتىسات باشقۇرۇش خۇسۇسىدا سىستېملىق بىر پىرىنسىپ بارمۇ؟ ئىئانىنى بەرسە يانچۇققىلا سالغان، بۇنىڭ ھىسابى نە خەلققە، نە تەشكىلات ئىچىدىكىلەرگە ئوچۇق بولمىغان!

دۈشمەنلىرىمىزنىڭ يېڭى مىللەت يارىتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا شۇنچىلىك ماسلاشتۇقكى، دۈشمەنلەرنىڭ باشقا دۈشمەنلىكلىرىنىڭ تېخىمۇ قولاي ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىشىپ بەردۇق. تارىخنىڭ كەينىگە يانمايدىغانلىقى راست، ئاللىقاچان پارچىلىنىپ كەتكەن تۈركلەرنىڭ قايتىدىن بىر بايراق ئاستىدا بىر مىللەت بولۇپ ئەسلىگە كېلىشى مۈمكىن ئەمەس. ئەمما بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنى گويا ئۇ دۆلەتتە ئۇنىڭ ھەققى يوقتەكلا سىياسىي داۋا سېپىدىنمۇ تېپىپ چىقىرىۋېتىش دۈشمەنگە قىلىنغان تېخىمۇ چوڭ ياردىمىمىز بولۇپ قالدى. تارىختىن بېرى بىز بىلەن بىر سەپتە كۆرەش قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بىرلىك سېپى بىرنەچچە چالاساۋات بىلەرمەن تەرىپىدىن پارچىلىنىپ، يىتىملىكىمىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنىلا ئەسلەپ ئۆتۈدىغان بولساق، بۇ قېرىنداش مىللەتلەر ئالدىدا يۈزۈمىز قىزارماي قالمايدۇ (قىزارغۇدەك يۈز بولسا):

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئاساسلىقى سېتىۋالدىجان پولكىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قۇرۇلغان. سېتىۋالدىجان ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىقى ئۆزبىكلەردىن بولغان ئەسكەرلىرى ئەسلىدە غەربىي تۈركىستاندا ئون يىلدىن ئارتۇق بولشىۋىكلار بىلەن قانلىق كۆرەش قىلغان ۋە ئەڭ ئاخىرى چارىسىزلىكتە شەرقىي تۈركىستانغا قېچىپ كەلگەن كونا »باسمىچى«لاردىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىسى مول، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن ئىدى. سېتىۋالدىجان پولكىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ھەققىدە »شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى«نىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرىدىن مەيلى خىتاي ياكى باشقا مىللەت ئاپتورلارنىڭ ئەسلىمىسىنى ئوقۇڭ، بىردەك ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى كۆرۈسىز. مانا شۇ قېرىنداشلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىلەن تارىخىمىزدىكى ئەڭ ساپ، چەتئەلنىڭ قولى بولمىغان، بېشىمۇ چەتئەللىكتىن ياكى باشقا مىللەتتىن بولمىغان بىر دۆلەتنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان ئىدۇق. بۇلاردىن باشقا، يۈسۈپجان قۇربېشى (بۇمۇ »باسمىچى« قوماندانلاردىن بىرى ئىدى)، ئوسمانئالى (قىرغىز)لارنىڭ تۆھپىسى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان مەۋجۇدىيەت ئىدى. بىزنىڭ تەقدىرداش خەلق ئىكەنلىكىمىزنى، بۇنىڭ قېرىنداش خەلقلەر قەلبىدە قانچىلىك يىلتىزى بارلىقىنى شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇ:

ئوسمانئالى ئەسلىدە ئۇلۇغچات ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەرجىمانى ئىدى. قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشى ۋە قوزغۇلاڭچى قوشۇننىڭ قەشقەرگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقى خەۋىرى كېلىشى بىلەنلا ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئوسمانئالىغا ئەسكەر توپلاش ھوقۇقى بېرىدۇ. قىرغىزلاردىن بىر پولك تەشكىللىنىدۇ. ئەسكەرلەرگە قوراللار بېرىلگەن ھامان ئوسمانئالى ئىسيان كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى تۇرۇدۇ. ئۇلۇغچات ناھىيىسى خەلقنىڭ قولىغا ئۆتۈدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئوسمانئالى قوشۇنلىرىنى باشلاپ، قۇمۇل قوزغۇلاڭچىلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ماڭىدۇ. لېكىن قوزغۇلاڭچىلار تېخى قەشقەرگە يېتىپ كەلمىگەچكە، ئوسمانئالى قەشقەرنى ئۆزى ئىشغال قىلىپ، قوزغۇلاڭچى ئاساسىي قوشۇننى غەلىبە مىۋىسى بىلەن كۈتۈۋالىدۇ.

ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىمۇ كۆپچۈلۈك بىلىدۇ، ھەتتا رەئىسجۇمھۇرىمىز ئۆزبىكتىن بولغان، باشقوماندان قىرغىز، مۇئاۋىن باشقوماندان قازاقتىن بولغان. ھەتتا موڭغۇل پولكلىرى، شىۋە بىرىگادىلىرى بولغانىدى. يەنى جۇمھۇرىيەتنى بىرلىكتە قۇرغان ئىدۇق (ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىدە سوۋېتلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوماندانلىقىنى مۇستەسنا قىلغاندا). ئەمدى كۆرۈڭكى، يېرىم ئەسىر ئۆتمەستىن دۈشمەننىڭ شۇملۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى خۇددى دۈشمەننىڭ ئارزۇ قىلغىنى بويىچە ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرۈۋالدۇق ۋە چەتئەللەردىكى ئەسلىدىمۇ ئاجىز ۋە يىتىم ھالەتتىكى داۋامىزنى تېخىمۇ يىتىملاشتۇرۇپ، خىتاينى مۇرادىغا يەتكۈزدۇق! بۇلارنى تەرەققىيات دېيىش كېرەكمۇ؟ چېكىنىش دېيىش كېرەكمۇ؟

بىزنىڭ بالىلارچە ئېڭىمىزدا گويا قازاقلارنى، قىرغىزلارنى ئايرىۋەتسەك دەردىمىز چىقىدىغاندەكلا بىر تۇيغۇ بار. بۇنداق تۇيغۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدا تېخىمۇ كۈچلۈك. چۈنكى ئۇلار بىۋاسىتە ئەنە شۇ مىللەتلەرنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ياشىغاچقا شۇنداق. ئىككى مىللەت بىرلىكتە ياشىغاندا ھامان ھەر خىل مەزمۇن ۋە ھەر خىل كۆلەمدىكى سۈركۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بىرى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق مىللىتى، يەنە بىرى شۇ دۆلەتتىكى ئازسانلىق بولغاندا ھاكىمىيەتتىكىسى خالار-خالىماس ئۈستۈنلۈك ئىپادىلىشى مۈمكىن. بەزى كۆزى كىچىك نادانلىرى بۇنداق ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ياۋايىلارچە ئىپادىلىشىمۇ مۈمكىن. بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئىككى قېرىنداش مىللەت ئۆزئارا دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالمايدۇ. بۇ قىسمەنلىكتىكى ئىش. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىختىن مىللىي چېگرالار ئېنىق بولمىغان، بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىلاش ياشىغان بىر بۆلگە. ئۇنداق ئىكەن، بۈگۈنكى قىسمەنلىكتىكى سۈركۈلۈشلەر يېقىن ئۆتمۈشتىكى سىياسىي كېلىماتتىن سۈنئىي بارلىققا كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭلىق بىلەن تارىخي قانداشلىق، قېرىنداشلىقنىڭ دۈشمەنلىككە ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەندە، بۇنداق ئادەملەرنى سىياسىي ساھەدە بىرەر ئىش قىلالايدۇ دەپ ئويلاش بالىلىق بولۇدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇلارنىڭ قېيداشلىرى ھەرگىزمۇ بىر پىكىر ئىگىسى، چوڭ ئادەمنىڭ قىلىقى ئەمەس! كوچىدا بىر قىرغىز خاپا قىلغان بولسىلا قىرغىزلارغا ئۆچ بولۇپ قېلىش بالىلىق بولماي نېمە؟ توغرا قازاقىستان بەزى ئۇيغۇر مۇجاھىتلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇمۇ دۆلەت مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتقاندا خاتا دېگىلى بولۇدۇغان ئىش ئەمەس. بۇنچىلىك ئىشنىمۇ چۈشەنمىگەندە يەنە شۇ سىياسىي ساۋاتتىكى بالىلىقنى ئاشكارىلايمىز، خالاس.

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئەگەر بۇ بىر دۆلەتنىڭ داۋاسى بولۇدۇغان بولسا چوقۇم دۆلەتنىڭ ئىسمى داۋانىڭ بېشىدا بولۇشى زۆرۈر ۋە ئەقەللىيدۇر. ئەگەر بۇنى مەلۇم چەتئەل كۈچلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ئارزۇسى ئۈچۈن تەشكىلات نامى ۋە پروگراملىرىدىن چىقىرىۋەتكەن بولساق، ئۇ ھالدا بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن داۋا قىلىۋاتقان بولمايمىز؛ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋەكىللىكتىن سۆز ئېتىشىمىزمۇ ھەقىقەتەن كۈلكىلىك ھەم بىمەنە بولغان بولۇدۇ. بىز ئەنە شۇ چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قولىدىكى قونچاق بولغان بولۇمىز، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۇلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان بولۇمىز. بۇ بىر ئەقەللىي رىجە بولسىمۇ، پەقەت پۇلنى دەپلا تۈپكى سىياسىي نىشاننى قايرىپ قويۇپ، يەنە مەن بۇ داۋانىڭ ۋەكىلىمەن دېيىش بىمەنە بولماي نېمە؟!

2011-يىلى ئۆكتەبىر

 

 

 

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

CComment تەرىپىدىن ئىشلەندى