بىز خەلقئارا سەھنىدە دەۋا قىلىشنىمۇ قاملاشتۇرالمايدىغاندەك قىلىمىز. بۇ گەپ ئاڭلىماققا «قۇلاققا مۇش ئۇرغاندەك» ئاڭلىنىدىغان يېقىمسىز گەپ. لېكىن، ھەقىقەت ھەمىشە شېرىنلىك ئىچىدە ئۇچرىمايدۇ. تاتلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىلا پايدىلىق بولۇۋەرمىگەندەك، ئاچچىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىمۇ زەھەر ئەمەس. شىپابەخش دورىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئاچچىق بولۇدۇ. دېمەك، ھەقىقەتمۇ كۆپ ھاللاردا «ئاچچىق» بولۇدۇ.

بەلكىم مېنىڭ ئوقۇمۇش ۋە ئۇقمىشلىرىمنىڭ ئازلىقى، بىلىمسىزلىكىمنىڭ سەۋەبىدىن كالتە پەم ھەم ھەقنى كۆرمەس بولۇپ قالغىنىممۇ قانداق، بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ بىزنىڭ دەۋا ئىشلىرىمىزنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدا قانداقتۇر غەلىتە «داشقايناق»لىق مەۋجۇتتەك ھىس قىلىمەن. قىلىۋاتقىنىمىز دۆلەت داۋاسى. ۋاھالەنكى دۆلەتلەر ئارا سىياسەت، دىپلوماتىيە، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلەردىكى نازۇكلۇق شۇ دەرىجىدىكى، مەنىسى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان بىر سۆز، ئەسلى ئىشلىتىشكە تېگىشلىك سۆزنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ قالسىمۇ يول قويۇلمايدۇ ياكى شۇ «مەنىداش سۆز» تۈپەيلى مۇناسىۋەتلەر بۇزىلىدۇ. بۇ ھەقتە تارىختىن ئاز - تولا مىساللار كەلتۈرۈشنى ئارتۇق ھېساپلىمايمىز. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدا فىرانسىيە مەغلۇپ بولغان، ئۇرۇش دەۋرىدىكى ۋىشى ھۆكۈمىتى گېرمانىيىگە تەسلىم بولغان بولۇپ، پەقەت گېنېرال دې گول بىر قىسىم كوماندىر ــ ئەسكەرلىرى بىلەن ئەنگىلىيىگە قېچىپ بېرىپ، فاشىزمغا قارشى كۆرەشنى داۋام قىلدۇرغانىدى. دې گول ۋە تەرەپدارلىرىنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالى بىزنىڭ باشقا ئەللەردە تۇرۇپ «كۆرەش قىلىۋاتقان» ئادەملىرىمىزگە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا تۆۋەندە دې گولنىڭ سۆز ۋە ھەركەتلىرىدىن مىساللار كەلتۈرىمىز:

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ئۈچ تەرەپ يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان پىلىۋون(فىرانسىيىلىك)غا ئامېرىكىلىقلار ۋەكىللىك سالاھىيىتى بەرمەي، پەقەت مۇتىخەسىسلىك سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان (ئۇلار فىرانسىيىنى ھۆكۈمەت سۈپىتىدە ئۆزلىرىگە باراۋەر كۆرمىگەن). گەرچە بۇ يىغىنغا قاتنىشىش دې گولنىڭ «ئەركىن فىرانسىيە» كومىتېتى ئۈچۈن ناھايىتى موھىم ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، دې گول بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىقنى توغرا تاپتى(سالاھىيەت ئاتالغۇسى تۈپەيلىدىن).

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە «فىرانسىيە خەلقى ئۆز ھۆكۈمىتىنى سايلاپ چىقىشتىن بۇرۇن، فىرانسىيە مىللىي كومىتېتىنى ‹ئەمەلىيەتتىكى خەلق ئىشلىرى دائىرلىرى‹ دەپ تونۇش كېرەك » دېگەن قاراشتا چىڭ تۇردى. يەنى، دې گولنىڭ كومىتېتىنى فىرانسىيىنىڭ ۋاقتلىق ھۆكۈمىتى دەپ ئېتىراپ قىلماسلىق مەيدانىدا تۇرغان.

غەلىبىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر زالدا كىشىلەر دې گولغا: «گېنېرال، قاراڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قارشىلىق كۆرسۈتۈش ھەركىتى كومىتېتى ۋە پارىژ ئازادلىق كومىتېتى سىزنىڭ ئەتراپىڭىزغا ئىتتىپاقلاشتى. بىز سىزنىڭ بۇ يەرگە يىغىلغان خەلق ئاممىسى ئالدىدا تەنتەنە بىلەن جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكالاپ بېرىشىڭىزنى سورايمىز» دېگەندە، دې گول: «جۇمھۇرىيەت ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلدى،... مەن جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسى تۇرسام، نېمە ئۈچۈن يەنە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىمەن؟» دېگەن. دې گول بۇ يەردە جۇمھۇرىيەت ئىزچىل مەۋجۇت دېگىنىدە «ئۇ مەغلۇپ بولغىنى يوق، فىرانسۇز مىللىي روھىدا، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ قەلبىدە مەۋجۇت ئىدى، مەن مانا شۇلارنىڭ ۋەكىلىغۇ؟» دېمەكچى بولۇدۇ. ئەگەر ئۇ ئىش ئوخشايدۇ دەپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلسا، ئۆتكەن بىر مەزگىلدە فىرانسىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقتىن قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپ قالاتتى. (شەرقىي تۈركىستان دېگەن بىر دۆلەت تارىختا ئىككى قېتىم شۇ نام بىلەن دۇنياغا جاكالانغان، شۇ دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ نىشانى بولسىمۇ، بىرلىرى تارىختا بولۇپ باقمىغان يېڭى بىر دۆلەتنى قۇرماقچى بولۇش بىلەن، دۈشمەننىڭ رەددىيىسى ئۈچۈن يامپاشقا چىقىپ بېرىدۇ، يەنە بىرلىرى بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ بولغانلىقىغا، بۇ دۆلەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىغا تازا ئىشىنەلمەيۋاتقاندەك خىتايلار قويغان ھاقارەتلىك ئىسىمنى تىلغا ئېلىشتىن ئۇيالمايدۇ).

دې گولنىڭ تۆۋەندىكى ئىش- ھەركەتلىرىنىمۇ ئۆزىمىزنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى:

 دې گول ئەنگىلىيىدە پاناھلىنىپ تۇرىۋېتىپمۇ، دۆلەتنىڭ ئابرويى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپال مەسىلىلەردە، شۇنداقلا ۋەتەن قۇتقۇزۇشتا ئۆزىگە بەلگىلىگەن پىرىنسىپ، ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرىدە ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى بىلەن زادىلا مۇرەسسەلەشمىگەن. ئۇنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى تۈپەيلى ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ رەنجىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىشداشلىرىغا شۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئۇلۇغلىقىمىز ۋە كۈچىمىز فىرانسىيىنىڭ ھوقۇق مەسىلىسىدە قىلچىمۇ يول قويماسلىقىدا نامايان بولۇدۇ. بىز تاكى رىيىن دەرياسىدىكى دۆلەت چېگرىسىغا بارغانغا قەدەر ئەنە شۇنداق مۇرەسسەسىزلىك روھىغا مۇھتاجمىز».

ئەمدى بىزنىڭ بەزى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار شۇ دۆلەت تاشقى سىياسىتىنىڭ قورچىقى ۋە ئىجراچىسى بولۇپ قالغان. تېخىمۇ سەت بولغىنى ئۇلار بۇنى موھىم ھەمدە زۆرۈرىيەت دەپ قارايدۇ: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ بۈيۈك بىر كۈچ بولغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن دۈشمەنلىكىگە نىشان بولۇپ قېلىشى ئارزۇ قىلىنماسلىقى كېرەك، ئەلۋەتتە... »[1] بۇ بىزنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ «كاتتا» ئادەملىرىمىزدىن بىرسىنىڭ سۆزى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بىزنىڭ دەۋا ھەركەتلىرىمىزنىڭ بېشىدا بولغانلار ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئىشنىڭ مەخسەت پىرىنسىپىغا ئەمەس، «نان بېرىۋاتقان» دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە كۆرە مەيدان تۇتىدۇ. بۇنداق بىر داۋانىڭ ئىستىقبالى بولۇشى مۈمكىنمۇ؟

 روزۋېلت بىلەن چېرچىل(ئامېرىكا، ئەنگىلىيە) 1943- يىلى يانۋاردا (ۋىشىنى[2] فىرانسىيىنىڭ قانۇنىي ھۆكۈمىتى دەپ تونۇپ مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان، دې گولنىڭ «ئەركىن فىرانسىيە» كومىتېتىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، زور كۆپچىلىك فىرانسىيىلىكنىڭ دې گول تەرەپتە ئىكەنلىكى، دې گولسىز فىرانسىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مۈمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىنمۇ) دې گول بىلەن گرائۇد[3]نى بىرلەشتۈرۈشنى مەخسەت قىلغان ئۇچرۇشۇش ئورۇنلاشتۇرغان. گەرچە دې گول ئۆزىمۇ گىرائۇد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى كۆپ قېتىم ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى ئامېرىكىلىقلارنىڭ غەرەزلىك رىياسەتچىلىكىدىكى ئۇچرۇشۇشنى رەت قىلغان. ئۇ گىرائۇدقا يوللىغان تېلېگراممىسىدا شۇنداق دېگەن: «شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مەن ھېلىھەم سىز بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييار، لېكىن، بۇ سۆھبەت فىرانسىيە زېمىنىدا، فىرانسىيىلىكلەر ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك... » ئۇ باشقىلارنىڭ قورچىقى بولۇپ قېلىشنى خاھلىمىغىنى ئۈچۈنلا ئەنە شۇنداق قىلغان.

روزۋېلت ئۆزى قوللايدىغان گىرائۇدنى فىرانسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى قىلىپ تەيىنلەش، «ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇدىغان سىياسىي كونتروللۇق»قا ئۇچراتماسلىق (دېمەكچى بولغىنى، دې گولنىڭ «ئەركىن فىرانسىيە» كومىتېتىنىڭ ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشى)نى قەتئىي تەلەپ قىلىپ، ئىزىنخائۇئېرغا بۇ ھەقتە دې گول بىلەن سۆزلۈشۈشنى تاپشۇرغان. ئامېرىكىلىقلارنىڭ «... بولمىسا ھەربىي تەمىناتنى توختۇتىمىز» دېگەن تەھدىتلەر بىلەن بېسىم ئىشلىتىشىگە قارىتا دې گول ئىزىنخائۇئېرغا شۇنداق دەيدۇ: «... ئېسىڭىزدە بارمىكىن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنى قورال- ياراق بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە فىرانسىيىمۇ بۈگۈنكى ئامېرىكىغا ئوخشاش رول ئوينىغان. بىز فىرانسىيىلىكلەر ئەينى ۋاقتتا بېلىگىيە بىلەن سېربىيىنى پۈتۈنلەي قوراللاندۇرغان، رۇسىيە بىلەن رۇمۇنىيىنى كۆپلىگەن قورال- ياراق، ئوق- دورا بىلەن تەمىنلىگەن، ئاخىرىدا يەنە بىز ئارمىيەڭلارنى كۆپلىگەن ئەشيالار بىلەن تەمىنلىدۇق. بىرىنچى دۇنيا ئۇرىشىدا سىلەر ئامېرىكىلىقلار ئاتقان زەمبىرەك بىزنىڭ زەمبىرىكىمىز، سىلەر ئولتۇرغان ئۇرۇش ماشىنىلىرى بىزنىڭ ئۇرۇش ماشىنىلىرىمىز، ئايروپلانمۇ بىزنىڭ ئايروپلانىمىز ئىدى. لېكىن، بىز بېلىگىيە، سېربىيە، رۇسىيە ۋە رۇمۇنىيىلەرگە، ھەتتا ئامېرىكىغا پالانىنى قوماندانلىققا تەيىنلەپ بېرىڭلار ۋە مەلۇم سىياسىي تۈزۈم ئورنىتىپ بېرىڭلار، دېگەن تەلەپنى قويۇپ باقتۇقمۇ؟...».

روزۋېلت جاھىللىق بىلەن دې گول تەشكىللىگەن ئازادلىق كومىتېتىنىڭ فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغاندا، دې گول: «... ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ قانداق پىكرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئازادلىق كومىتېتىمىز ‹جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى› دېگەن نامىنى قوللىنىۋېرىدۇ» دېگەن. ئەمما بىزنىڭ داھىلىرىمىز تۇرۇپلا خىتايلار قويۇپ بەرگەن ھاقارەتلىك نامنى تەن ئېلىپ قوپسا (مېنىڭ بۇ يەردە ئۇنى تىلغا ئالغىممۇ كەلمىدى)، تۇرۇپلا ئاپتونومىيىدىن گەپ ئاچىدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى ئاتاشتىن باش تارتقۇچىلار بولسا: «پالانچىكامغا دەرت ئېيتقىلى بارساق، بىزنى تونىمىدى، ‹تۈركمەنىستانمۇ؟› دېدى؛ پوكۇنچىكام، بىلەلمەي، ‹قازاقىستاندىكى تۈركىستانمۇ؟› دېدى،... » دېگەندەك تىلغا ئېلىشتىن ئادەم نومۇس قىلغۇدەك باھانىلار بىلەن، رەسمىي دۆلەت نامىنى ئاتاشتىن باش تارتىپ، خىتايلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماقتا ياكى توغرىدىن ـ توغرا دۈشمەننىڭ شۇم پىلانىنى ئىجرا قىلماقتا!

بۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا «شەرقىي تۈركىستان»نى ھېچ بولمىسا تارىخچىلار، شەرقشۇناسلار، تۈركلوگلار بىلىدىغان زاماندا خىتايلار قويۇپ بەرگەن لەنەتلىك نامنى بىلىدىغانلار يوق ئىدى، ھەتتا خىتايلارنىڭمۇ ھۆكۈمران گورۇھى ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرلا بىلەتتى. خىتايلار مانا شۇنداق بىر ئاتالغۇنى مىللەتچىسى بولسۇن، دېموكراتچىسى بولسۇن، كوممۇنىستى بولسۇن ئىزچىل قوللۇنۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنياغا ئاشۇنداق تونۇتتى ۋە ئېتىراپ قىلدۇردى. ھەتتا دىپلوماتىيىدە ناھايىتى چوڭ بىر مەسىلە سۈپىتىدە بەزى دۆلەتلەردىن مۇشۇ نامنى ئاتاشنى، «شەرقىي تۈركىستان» دېمەسلىكنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ تەلىپىنىڭ ئورۇندىلىشى بەدىلىگە شۇ دۆلەتلەرگە نۇرغۇن «ياردەم» بەرمەكتە. مانا بۇ ئىزچىللىق مۇقەررەر نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئەمدىلىكتە بۇ لەنەتلىك نامنى بىلىدىغانلار ياكى تەن ئالىدىغانلار كۆپەيمەكتە. بىزنىڭ تۇتامسىزلىقىمىز، پالانچىكامنىڭ رايىغا، پوكۇنچىكامنىڭ كۆڭلىگە يارىشا نام ئۆزگەرتىپ تۇرىشىمىز ياكى ھەربىر كۆز قاراش ئىگىسى، ھەر گورۇھ يېڭىدىن ئىسىم قويۇش جاپاسىغا قالغاچقا ۋەتىنىمىزنى ئۆزنامى بىلەن تونۇتۇش توسالغۇغا دۇچ كېلىپ، تارىختا بار بولغان، خېلى نۇرغۇن ئادەم بىلىدىغان نامنى بارغانسېرى خىرەلەشتۈرمەكتىمىز! خىتايلار ئاشۇنداق بىر ئىسىمدا (مەلۇم جەھەتتىن ئالغاندا ئۆزلىرىگە زىيانلىق بولغان، يەنى مۇستەملىكە مەنىسىنى ئاڭلىتىدىغان بىر ئىسىمدا) چىڭ تۇرىدۇ، يېڭىلاپ ئىسىم قويۇشنى ئويلاشمايدۇ. بىز نېمىشكە يېڭىلاپ تۇرىمىز؟ بۇنىڭدا «شەيتان»نىڭ ۋەسۋەسىسى بارمۇ ـ قانداق؟

بۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەي، جىياڭ زېمىن ئەرەبىستانغا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر يىغىنىغا بارغاندا «مەملىكىتىنىڭ» نېفىتلىكلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ ۋەتىنىمىزنى ئۆزلىرى قويغان نام بىلەن تىلغا ئالغان، تەرجىمان بۇ ئاتالغۇنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ تەرجىمە قىلغان. جىياڭ ئەرەپچىدىن ھېچنېمە بىلمىسىمۇ، سۆز ئارىسىدا ئۆزلىرى ئۆلگىدەك قورقۇدىغان «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى تونۇپ قېلىپ، چىداپ تۇرالماي، دەرھال رەددىيە بېرىپ: «جوڭگۇدا «تۈركىستان دەيدىغان بىر يەر يوق›» دېگەن. تەرجىمان: «سىلەر نېمە دەپ ئاتىۋالساڭلار ئۆزەڭلارنىڭ ئىشى، ئەمما بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز ئۇ يەر تۈركىستان» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ھەتتا بۇ دىپلوماتىيىدە ھېچ كۆرۈلمىگەن تەرتىپسىز تالىشىش تېلىۋېزوردا نەخ مەيداندىن ئەينەن كۆرسۈتۈلگەن. ئەمما، خىتايلارنىڭ   «تۇزىنى يەپ قالغان» بەزى «داھى»لار ئاتالمىش سىياسىيونلۇق گۇمپىسىنى جارى قىلىپ، خىتايلار بىلەن قەدەممۇ- قەدەم سودىلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقنىڭ ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن توختاملارغا قول قويماقتا. «ئەينەك» ناملىق كىتاپتا مانا شۇنداق بەزى «قارا نۇرلۇق چىراق[4] «لارنىڭ خەلقىمىزنىڭ تارىخىي پۇرسەتلىرىنى كۈلگە ئايلاندۇرىۋېتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى.  بىزنىڭ بىرمۇنچە ئۇقۇمۇشلۇقلارنىڭ «مىللەتكە كۆيۈنۈپ» ئىسىم يەڭگۈشلىشى بىلەن يوقۇرىدىكى سىياسىيونلارنىڭ ئىزچىللىقىغا سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا نادانلىقىمىز بىلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئاددىيلا كۆز قاراش مەسىلىسى بولۇشى ناتايىن! يېڭىدىن قويۇۋېلىنىۋاتقان «ئۇيغۇرىستان» — خىتايلار بازارغا سېلىۋاتقان ۋە پۈتۈن دۇنياغا شۇ بويىچە ئادەتلەندۈرمەكنى قەستلەۋاتقان «... ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن رەزىل مالنىڭ خەلقئارا داۋالاردا قوللۇنۇشقا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بېرىلگەن ۋارىيانتى، شۇنىڭ يىلىمان شەكلى، خالاس! بۇ تەدىرىجىي كۆندۈرۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇپ، ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن بۇ — خىتايلار ئۈچۈن قورقۇنۇچلۇق بولغان نامدىن يىراقلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلسا، باشقىسى بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدىغانلىقى خىتاي سىياسەت تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن مۇقىملاشتۇرۇلغان ۋە جاسۇسلار ۋاسىتىسى بىلەن بازارغا چىقىرىلغاندۇر.

شۇنى ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەككى، خىتايلار ئۇزۇندىن بېرى بۇ ئىسىمنى ئىنكار قىلىش يۈزىسىدىن نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ئىشلەتتى، ھەمىشە تەشۋىقاتلىرىدا: «شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ئاتالغۇمۇ ئەمەس، تارىخىي ئاتالغۇمۇ ئەمەس، جۇغراپىيىۋىي ئاتالغۇمۇ ئەمەس!... » دېگەن گەپنى تەكرارلايدۇ. بىزمۇ خۇددى شۇنداق تونۇمدۇق؟ بۇ ھۆل خىشقا خېلى نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئاڭسىز دەسسىمەكتە! تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، تېخىمۇ مەسخىرىلىكى شۇكى، ئۆزلىرىنى (خىجىل بولماستىن) مۇشۇ مىللەتنىڭ ۋەكىلى دەپ تونۇيدىغان ئاتالمىش رەھبەرلەرنىڭ قىلچىلىك سىياسىي ساۋادى، دىپلوماتىيە چۈشەنچىسى بولمىغاچقا، خىتايلار بىلەن ھاقارەتلىك، تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلارغا قول قويۇش بىلەن ساۋاتسىزلىقىنى، ئاڭسىزلىقىنى، دۆتلىكىنى، ئىززىتىنى بىلمەيدىغان پەسكەشلىكىنى ئىپادىلەشمەكتە: ئۇلاردا ئازراق ئىززەت تۇيغۇسى بولىدىغان بولسا خىتايلار ئۇلارغا ئەۋەتكەن خەتلەرنى «خاتا كەپ قاپتۇ، ئادرېسىدىن قارىغاندا بىزگە كەلگەن خەت ئەمەس» دەپ قايتۇرىۋەتكەن بولاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋىۋىسكىسى: «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى»، «شەرقىي تۈركىستان... » دېگەندەكلەر. ئەمما خىتايلار ئەۋەتكەن خەتلەرنىڭ ئادرېسىدا بولسا «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن گەپ يوق، ئورنىغا «ئۇيغۇر» ياكى باشقا سۆز يەڭگۈشلەنگەن بولۇدۇ[5]. ئۆز ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسى، ئىززەت تۇيغۇسى ئۆلگەن بۇ ئادەملەر مانا شۇنداق ھاقارەتنىمۇ قوبۇل قىلىۋېرىدۇ! ئورنى كەلگەندە بۇ مەسىلە ھەققىدە باشقا سېلىشتۇرمىلانى بېرىش بىلەن بىرگە تەپسىلىراق پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئارتۇق كۆرمەيمەن:    

يېقىندا قىبرىس مەسىلىسىگە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى ئارىلىشىپ بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلماقچى بولۇشقىنىدا ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكىدىكى ئۇچرۇشۇشقا گىركلار قولىدىكى جەنۇبىي قىبرىسنىڭ قۇمھۇررەئىسى «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس... » دەپ تەكلىپ قىلىنغان؛ تۈركلەر قولىدىكى شىمالىي قىبرىسنىڭ جۇمھۇررەئىسى بولسا «ھۆرمەتلىك رائۇف دېنكتاش... » دەپ ئاتالغان. بۇ ئىككى خىل ئاتاقتا بىر تەرەپ رەسمىي دۆلەت سۈپىتىدە تونۇلۇۋاتقىنى، يەنە بىر تەرەپ ئۇنىڭغا بارابەر تونۇلمايۋاتقىنى بىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس قاتتىق نارازى بولۇشقان ۋە بۇ ئۇچرۇشۇشنى رەت قىلغانىدى. بۇنى بىزنىڭ ئەپەندىلەرنىڭ دۆلەت نامىنى خاھلىغانچە ئاتاشلا ئەمەس، بەزىلىرىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى، ئەلچىخانىسىغا ۋە باشقا سورۇنلارغا نەزرىگە بارغاندەك كېتىۋېرىشى، «كېلىشىملەر»نى قىلىپ، خۇددى ئېشەك ساتقان ھۆججەتكە قول قويغاندەك، سالاھىيەت مەسىلىسىنى ئويلاشمايلا قول قويۇشلىرى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىشقا بولۇدۇ. بەزىلەر «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى «تۈركچىلىك» ياكى «پان تۈركىزم» بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېلىپ چۈشەنگەچكە، تۈركىيىنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا قېيداش تۈپەيلى «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىدىن ۋاز كېچىش پوزىتسىيىسىدە بولۇشماقتا. گويا بۇ تۈركىيە قويۇپ بەرگەن ئىسىمدەك، بۇنداق دېيىش تۈركىيەپەرەستلىك بولۇپ قالىدىغاندەك! ئۇنداق ئەمەس. بۇنداق ئويلاش، خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى خاتا ئاتاپ، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ «چىرايلىق» «ئىلغار» خېتىنى پاكت قىلىپ تەشۋىقات نەيرىڭى توقۇغاندەك بىر ئىش[6].

بولشىۋىك ئىمپىرىيىسى ئاۋال غەربىي تۈركىستاندا بىر «تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرغانىدى. كېيىن «بۆلۈپ ئىدارە قىلىش» شۇم ئويۇنى يادىغا يېتىپ، تۈرك قەۋملىرىنى پارچىلاپ تۆرت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قىلىپ قۇردى. دۇنيا ئۇلارنى شۇ نام بىلەن تونىدى، شۇ نام بىلەن ئىتتىپاقداشلىقتىن مۇستەقىللىققا كۆچتى. يەتمىش يىل ئېلىپ بېرىلغان رىئاكسىئون تەشۋىقات تۈپەيلى ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن چىقىپ كەتكەن «تۈرك»لۈكنى قايتا قاچىلاپ (قىسقا مۇددەتتە) بىر تۈركىستان قىلىشنىڭمۇ مۈمكىنچىلىكى قالمىغانىدى. دېمەك ئۇلار ئاز كەم بىر ئەسىردىن بېرى (مەيلى مۇستەملىكە دەۋرىدىكى فىدراتسىيىسى بولسۇن ياكى مۇستەقىللىقتىن كېيىن بولسۇن) شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ، شۇ نام دۇنيا ئەھلىنىڭ كاللىسىغىمۇ ئۆزلەشتى. ھېچقاچان رەسمىي ھالدا بىر ھاكىمىيەت (مەيلى مۇستەملىكە ھاكىمىيەت بولسىمۇ) تەرىپىدىن دۇنياغا جاكالانمىغان بىر نامنى ھېچقانداق رەسمىي سالاھىيىتى، دۇنيا بىلگىدەك تەسىر قوزغىغان سىياسىي ئورنى بولمىغان ئاتالمىش پارتىيە- گورۇھ (ئەمەلىيەتتە قۇرغۇچىسىدىن باشقا تۆرت- بەش ئادىمى يا بار، يا يوق بولغان ئۇششاق گورۇپپاچاقلار)نىڭ، ھېچكىم بىر تىيىنگە ئالمايدىغان، سىياسىي بىلىمى نۆلگە يېقىن بولغان شەخسلەرنىڭ كوچىدىلا «ئەسكى تامدىن ھوشۇر چىققاندەك» كۆتۈرۈپ چىقىشىنىڭ بىرەر ئىلمىي ئاساسى، تارىخىي ئاساسى، سىياسىي ئاساسى بارمىدۇ؟ بۇ پەقەتلا ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى دورۇپ: «ھەممىسىنىڭ ...ىستانلىرى بار، بىزنىڭ نېمىشكە بولمايدىكەن» دەپلا قىلىۋالىدىغان ئىشمۇ؟ شەرقىي تۈركىستان ئەجەبا بىزنىڭ بولمامدىكەن؟

«شەرقىي تۈركىستان» — پامىر ئىگىزلىكىدىن ئىبارەت تەبىئىي چېگرا ئىككىگە ئايرىپ تۇرغان تۈركىستاننىڭ شەرق تەرىپىنى بىلدۈرىدىغان جۇغراپىيىۋى نام بولۇپ، بولشىۋىك ئىمپىرىيىسىنىڭ كەشپىياتى بولغان «... سىتان«لار بىلەن ھېچ ئوخشاشلىقى يوق. ھازىرغىچە ئىلىم دۇنياسى تارىخ، جۇغراپىيە، تۈركىئولوگىيە پەنلىرىدە بۇ تېرىتورىيىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ (مەزكۈر كىتاپنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلەۋاتقان چېغىمدا مىكروسوفت (Microsoft )شىركىتى ئىشلىگەن 2001 يىللىق دۇنيا ئاتلىسى كومپيۇتېر پروگراممىسىدا ۋەتىنىمىزنى شەرقىي تۈركىستان، پامىر ئىگىزلىكىنىڭ غەربىنىمۇ تۈركىستان دەپ ئاتىغانلىقىنى كۆردۈم، بۇنى ئالاھىدە ئەسلىتىشنى زۆرۈر ھېساپلىدىم). ئۇندىن باشقا مۇشۇ ئەسىردە ئىككى قېتىم مۇشۇ نام بىلەن دۆلەت قۇرۇلۇپ، بۇ نامغا سىياسىي مەنا قوشتى. بۇنىڭ يەنە تالىشىدىغان نېمىسى بار؟ بىز مۇنقەرز بولغان دۆلىتىمىزنى — فىزىك جەھەتتە مەۋجۇت، روھىمىزدا مەۋجۇت بولغان، تارىخىي جەھەتتە — سىياسەت تارىخى، سىياسەتچىلەرنىڭ خاتىرىسىدە ئىزناسى بولغان دۆلىتىمىزنى سىياسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇ؟ ياكى خىتايلار دەۋاتقاندەك، خىتاي جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىن يېڭىدىن بۆلۈنۈپ چىقماقچىمۇ؟ بۇنى ئېنىق ئايرىۋالمىقىمىز لازىم. دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنىڭ ئەسلى نامى بىلەن دەۋا قىلىشىمىز بىر ئەقەللىي شەرت! داۋا ھەركەتلىرىدە دۆلەت نامىنى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئاتاشنىڭ كارايىتى يوق، دەپ قارىغۇچىلارنىڭ ئەقەللىي سىياسىي ساۋادى بارلىقىمۇ شۈبھىلىكتۇر! ھېچ بولمىغاندىمۇ دۆلەت ئەسلىگە كەلگىچە ئۇنى بۇرۇنقى نامى بىلەن ئاتاش ئەقەللىي ئۇقۇم ئەمەسمۇ؟ ئاندىن دۆلەت قۇرۇلۇشىنى جاكالاش ئالدىدا خەلق ۋەكىللىرى(پارلامېنت ياكى ئالىي كېڭەش) مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئۆزگەرتسىمۇ، ئەسلى پېتى قالدۇرسىمۇ بولۇدۇ. ئەمما ئىلگىرى جاكالانغان بىر دۆلەت نامىنى ھېچكىم تەرىپىدىن ئېتىراپقا ئېرىشەلمەي كوچىدا كولدۇرلاپ يۈرگەن ئادەملەرنىڭ ئۆزگەرتىشى، باشقىچە قوللۇنۇشى كۈلكىلىك بولۇپلا قالماي، خىتايلار ئۈچۈن بىر تەشۋىقات كوزېرى بولۇپ «يامپاشقا چىقىش»تۇر. تەبىئىيكى، خىتايلار: «قاراڭلار، بۆلگۈنچىلەر رىئاللىقتا بولمىغان نەرسىنى داۋا قىلىۋاتمامدۇ؟ كىم تارىختا بۇنداق بىرنېمە بولغىنىنى ئاڭلاپ باققان؟ بۇنىسى باش- ئۇچى يوق تالاشلىرىدىنمۇ بىلىنىپ تۇرمامدۇ؟» دېيىشى چوقۇم.

بەلكىم بۇ ئىككى كوممۇنىست ئىمپىرىيىسى ناھايىتى بۇرۇنلا، ئىچكى زىددىيەت ئۇرۇقى بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن جاسۇسلىرى ئارقىلىق «قارا نۇرلۇق چىراق» تىپىدە قۇرۇپ قويغان بۇزغۇنچى يەرئاستى تەشكىلاتلارنىڭ بۈگۈنكى داۋامى، ئاشكارىلىنىشى؛ داۋانىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلاش، چىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، پۈچەكلەشتۈرۈپ كۈلكىگە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىن تاشلانغان قارماق بولۇشى مۈمكىن. بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتايغا ئىشلەيدىغانلار دېمەكچى ئەمەسمىز، ئەمما، ئارىلىرىدىكى بىرمۇنچىلارنىڭ بىلمەستىنلا («قىلىق ئوخشايدۇ» دەپ) قىلىۋاتقانلىقى، ئۆزىنى مەلۇم «كۆز قاراش ئىگىسى» كۆرسىتىش ھەۋىسى بىلەنلا ئاددىي كاللىسى ئايلىنىپ قالغان بولۇشى، يەنە مىللىي پىسخىكىمىزدىكى شەخسىي زىددىيەتنى ئەڭ يوقۇرى قويۇۋېلىش ئاجىزلىقىمىز تۈپەيلى، ئۆتكەندە «ئېتىزلىقتا سۇ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغان» ياكى بازاردا «يەر تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغان» ئەمىتاخۇننىڭ «شەرقىي تۈركىستانچى» بولىۋالغىنىغىلا قېيداپ، ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈنلا شۇنداق بىر تۇيۇق يولنى تاللىۋالغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ئاڭسىز يوسۇندا خىتاينىڭ پايدىسىغا ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئارىلىرىدىكى خىتاي ئاگېنتلىرى بۇنداق بىر ئاچىماق قاراشنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى دەستەكلەۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرمەي تۇرالمايمىز! خىتايلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر- بىرىگە دۈشمەن بولغان سىياسىي گورۇھلار — مەيلى مىللەتچى، مەيلى كوممۇنىست، مەيلى كونسىرۋاتىپ، رادىكال ياكى دىنچىسى بولسۇن، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خۇددى پۈتۈشىۋالغاندەك ۋەتىنىمىز مەسىلىسىدە سەزگۈر، پىكرى بىردەك. ھەممىسى«...ئەزەلدىن... »  دېگەن يالغاننى ئوخشاشلا تەكرارلايدۇ. چۈنكى،  مەيلى قايسى گورۇھ تەختكە چىقىپ دۆلەت سورىسۇن، ھەممىسىگە مىللىي تەرەققىيات ئۈچۈن كېرەكلىك خام ئەشيانىڭ كانى بولغان بۇ باي مۇستەملىكە كېرەك بولغىنى ئۈچۈن، قۇرۇق گەپنىڭ كەينىگە كىرىپ، ھەتتا ئېزىپ كېتىپمۇ باشقىچە گەپ قىلىپ سالمايدۇ.

ھەتتا كوممۇنىستلار ھاكىمىيەتكە چىقىش ھارپىسىدا گومىنداڭ بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان، گومىنداڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش، يالۋۇرۇپ ئىچىنى ئاغرىتىش ئارقىلىق مۇختارىيات (مۇستەقىللىققا يېقىن مۇختارىيات!؟)قا ئېرىشىمىز دەپ تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ يۈرگەن داھىلىرىمىز، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى قويغان بولۇپ، تەكلىپنىڭ مەزمۇنى شۇنداق ئىدى: «ھازىرقى ئاتىلىشى بويىچە بولغاندا روشەن مۇستەملىكە مەناسىنى ئاڭلىتىپ، ئۆزۈڭلارغا جاۋاپ بېرىش تەس مەسىلە تۇغدۇرىدىكەن، شۇڭا نامنى ئۆزگەرتىپ ‹چىن تۈركىستان› دەپ ئاتىساق، بۇ خىتاي تەۋەسىدىكى تۈركلەر ياشايدىغان يەر، دېگەن مەنانى بېرىدۇ- دە، ھەممە باش ئاغرىقى ھەل بولۇدۇ...». بۇ تەكلىپ مۇزاكىرىگە قويۇلغان، ئەمما بۇ مەسىلىدە بىر سانتىمېتېرمۇ يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقى قارارلاشتۇرۇلۇپ، داھىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرى سۇغا چىلاشقان. ئۇلارنىڭ كونكرېت پىكىرلىرىدە شۇنداق مەزمۇنلار بار: «بۇ ھەر ھالدا سەل خاتاراق قويۇلغان بولسىمۇ، نېمىلا بولمىسۇن بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىپ، ئاشۇنداق بىر نامنى قويغىچە ئەجداتلىرىمىز نەچچە ئون مىڭ قۇربانلار بەرگەن، ئەجداتلىرىمىزنىڭ قانلىرى بەدىلىگە كەلگەن نامنى ئۆزگەرتسەك ئۇلارنىڭ روھىغا قانداق يۈز كېلەلەيمىز؟... » (ئەمما بىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ قانلىرى ۋە جانلىرى بەدىلىگە كەلگەن نامنى ئۆزگەرتىشتىن ھېچ خىجىل بولمايمىز!) ئەمما بىزنىڭ ئاتالمىش سىياسىيونلىرىمىز ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقان دۆلەتنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغاندەك، شۇنىڭدىمۇ ئۆزىگە خاس «قاراش» بولۇشى كېرەكتەك، «شەخسىي» «تەرەپ» تامغىسىنى بېسىپ، «ھىسسىيات» ئارىلاشتۇرىدۇ. بۇ نېمە دېگەن دۆتلۈك!؟ 

ئەمدى ئىھتىماللىقى بولغان ئىككىنچى بىر خىل قاراش بولۇدىغان بولسا — يەنى ئەگەر خىتاي جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىن يېڭى بىر نام بىلەن بۆلۈنۈپ چىقماقچى، دېگۈچىلەر بولسا — روشەن كۆرۈنۈپ تۇرۇدۇكى، بۇ مۇناپىقلىق، خائىنلىق! (بەلكى خىتاينىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە) خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن تەشۋىقات «كوزېرى»، رەددىيە دەستىكى قازاندۇرۇش ئۈچۈن ئوينۇلۇۋاتقان ئويۇندىن ئىبارەت بولۇدۇ، خالاس!

بۇ مەسىلىنى خۇددى ئادەم ئىزدەش ئېلانىغا ئوخشىتىشقا بولۇدۇ. سۈپۈرگاخۇن يۈتۈپ كەتسە (ياكى ئۇنى قارا قوللار تۇتۇپ كەتكەن بولسا) ئۇنى چوقۇم شۇ نام بىلەن ئىزدەش، شۇ نام بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىش  كېرەك. ئۇ ئىسىمنى ئۆزىمىزچە ياراتماي، «سالىھجان« دەپ ئىزدىسەك بىمەنىلىك بولغاندەك بىر ئىش! ئىسمى يارىمىغان بولسا بۇرۇنقى ئىسمى بويىچە ئىزدىلىپ ئادەم تېپىلغاندىن كېيىن جامائەت ئالدىدا: «ئەييۇھەنناس، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار، ئاممەخاس! بۇ سۈپۈرگاخۇننىڭ ئىسمى بۈگۈندىن ئېتىۋارەن سالىھجان بولدى!» دەپ جاكارلىساق بولۇدۇ!

قەستەن ۋە ئاساسسىز ھالدا بۇنداق بىر ئىختىلاپنى كۆتۈرۈپ «ئىنقىلاپچى» قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشتىكى ھەقىقىي مۇددىئا نېمىدۇ؟ ھەقىقەتەنمۇ «مىللەتكە بەكراق كۆيۈنۈش» مەخسەت قىلىنغانمىدۇ؟ ياكى داۋامىزنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى سالاھىيىتىگە «بالىلىق» تۈس، بەلكى ساراڭلارچە قىياپەت بېرىپ، جىددىيلىك دەرىجىسىنى، تارىخسەل چىنلىقىنى ئاجىزلاشتۇرماقچىمۇ؟ يوققا چىقارماقچىمۇ؟ ئەڭ تۆۋەن تىراژدا تارقىتىلىدىغان، سۈپىتى تۆۋەن گېزىتلەردە ھېلى ئۇنداق ئاتىسا، ھېلى بۇنداق ئاتايدۇ. ھەتتا بىر ماقالىنىڭ ئۆزىدىلا ئىككى خىل ئاتاش بىلەن چەلەڭگۈش قىلىپ، داۋانى «ساراڭلاشتۇرۇش» رولى ئوينايدۇ. مۇشۇنچىلىك بىر ئەقەللىي ئىشتىمۇ گەپنىڭ بىر يەردىن چىقماسلىقى بىزنىڭ داۋا قىلىشتا بالىلىق ھالەتتە ئەمەس، بوۋاقلىق ھالەتتە ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندۈرمەمدۇ. بىراق، بوۋاقمۇ چوڭ بولاتتى، بىلمىگەن نەرسىلەرنى تەدىرىجى ئۈگىنەتتى، بىزنىڭ ساراڭلاردەك تېپىۋالغان بىر گەپكە مەھكەم يېپىشىۋېلىپ، كاجلىق قىلىشلىرىمىزدىن قارىغاندا، بىز بوۋاق بولۇش بىلەنلا قالماي، يەنە بى نورمال(مەجرۇھ) بوۋاق ئوخشايمىز! بۇ ئىككى خىل «كۆز قاراش» ئۆزلىرىچە خۇددى «گومىنداڭ ـ گوڭسەنداڭ ھەمكارلىقى» تەقلىتىدە «بىرلەشكەن»لىكىدىن سۆز ئېتىشىدۇ- يۇ، قارىسىڭىز ئىككى ئاتالغۇ يەنىلا بىللە سۆرۈلۈپ يۈرگەن! قالتىس بىرلىشىشكەندە، بۇ!

قىسقىسى، ۋەتەننىڭ ھەقىقىي خوجايىنلىرى بولغان 30 مىليون خەلق ئۇ ياقتا قېلىپ، ۋەتەندىن قېچىپ چىقىۋالغان ئازغىنە ئادەمنىڭ خۇددى: «سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ» دېگەندەك دۆلەتكە نام يەڭگۈشلەشكە نېمە ھەققى؟ نېمە سالاھىيىتى؟! نېمە ھوقۇقى بار!!؟ ئاۋال سەن نوچى بولساڭ دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈر، بىر كۈنلۈك بولسىمۇ مۇستەقىللىق جاكارلا، ئاندىن خاھلىغان ئىسىمنى قويىۋال! ھەتتا مۇناسىۋەتسىز بىر ئاتنى قويۇۋالساڭمۇ مەيلى، چۈنكى، «تۆردە ئولتۇرغان ھېساپ ئەمەس، زەللە ئالغان ھېساپ» دېگەندەك، ئىسمىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇندا خەلق ھۆر ياشىسىلا بولدى! ئەمما ھازىر سەن ئۇنداق سالاھىيەتكە ئىگە بولغىنىڭ يوق!

دۆلەت نامى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىۋاتقان مۇشۇ قۇرلاردا كېتىۋېتىپ يەنە بىر قالتىس ئىش يادىمغا كەچتى. «يولدىكى نىجاسەت»نى «تەپكەچ ئۆتۈپ كەتكەندەك» بۇ رەسۋالىقنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى: بەزى بىلەرمەن ئەپەندىلەر 1933- يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلگەن ئەھۋالدا، بۇ بولۇپ بولغان تارىخىي پاكتنى «تەھرىرلەپ» «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتىشىدىغانلىقى دىققىتىمنى قوزغىدى. ئۇلارغا خوتۇن- قىزلىرىنىڭ يالىڭاچ يۈرىشىنى چەكلەيدىغان «ئىسلام» ياقمىغاچقىلا بۇنداق «ئىسلاھات»نى قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ ياكى تېخىمۇ مۇرەككەپ سەۋەپلەر، شۇم مەخسەتلەر بارمىدۇ؟ خاتىرىدىن خاتىرە تۇغۇلۇپ، يەنە بىر ھېكايە خىيالىمغا كەچتى(بۇ راست بولغان ۋاقەمۇ، قانداق، ئىشەنچ قىلالمايمەن. ئەمما نېمىلا بولمىسۇن مېنىڭ ئىشىمغا يارايدىغان بولغاچقا، بولغان- بولمىغىنىنىڭ كارايىتى يوق. بۇ ئەپەندىلەرگە ئوبرازلىق جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن بۇ ھېكايىنى سۆزلىشىمگە توغرا كەلدى):

50-يىللارنىڭ ئاخىرىدا خىتايلار بىزنى لاتىن ئېلىببەسىگە كۆچۈرىدىغان بولۇپ، لايىھە تۈزۈپ چىقىشقا ئۇيغۇر، خىتاي ئارىلاش بىر گورۇپپا تەيىن قىلىنغان ئىكەن. ئۇلار بىر لايىھە ئىشلەپ چىقىپ سەيپىددىنگە ئاپىرىپ كۆرسەتكەن ئىكەن، سەيپىددىن:  «ئىبراھىم تۇردىغا كۆرسەتتىڭلارمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. بۇ زاماندا ئىبراھىم تۇردى تۈرمىدە ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ بۇ ساھەدە نوپۇزلۇق بولغاچقا ئىبراھىم تۇردىغا كۆرسەتمەي بولمىسا كېرەك، سەيپىددىن ئۇلارنى ئىبراھىم تۇردىغا كۆرسۈتۈپ پىكىر ئېلىشقا بۇيرۇپتۇ. بۇ يېزىق لايىھىسىنى ئىشلىگەن گورۇپپا ئالتەيلەن بولۇپ، بىر خىتاي، بەش ئۇيغۇركەن. ئۇلار ئېلىپبە لايىھىسىنى ئېلىپ تۈرمىگە بېرىپتۇ. ئىبراھىم تۇردىنىڭ كامېرىغا كىرىپ كەلگەندە ئۇ تەتۈر قارىۋاپتۇ. كەلگەن بەش ئۇيغۇر كېلىش مەخسەتلىرى، ئىبراھىم تۇردىنىڭ نوپۇزى، بىلىمى تۈپەيلى ئۇنىڭدىن پىكىر ئالماي ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغانلىقى، شۇ سەۋەپتىن كەلگەنلىكى، مالال كۆرمەي لايىھەگە بىر كۆز يۈگەرتىپ قىممەتلىك پىكرىنى بېرىشى... توغرىسىدا ئارقىمۇ- ئارقا بىر سائەتچە شىرىن گەپ قىلغاندىن كېيىن ئىبراھىم تۇردى گەۋدىسىنى قاراتماي، بېشىنىلا ئۇ تەرەپكە بۇرىغان ئىكەن، ئۇلار لايىھەنى ئۇنىڭ كۆزىگە ئەپ كەلتۈرۈپ تۇتۇپ بېرىپتۇ. ئىبراھىم تۇردى قولىنىمۇ ئۇزاتماستىن شۇ پېتى كۆزدىن كەچۈرۈپتۇ. قارىسا بۇ لايىھەدە «ژ» ھەرپى كۆرۈنمەپتۇ. كۆرمەي قالدىممۇ دېگەندەك قايتا قارىسا يەنە يوق. ئەسلىدە بۇ ئەقىللىقلەر «ژ» ھەرپى كۆپ ئىشلىمەيدىكەن، دەپ ئۇنى قالدۇرىۋەتكەن ئىكەن.  بۇنىڭغا ئاچچىقى كەلگەن ئىبراھىم تۇردى، بەش ئۇيغۇرغا ھىچنېمە دېمەستىن، ئارقىدىراق تۇرغان بىر خىتايغا قاراپ:

― «ژ» ھەرپى ژېننىمالىكىما؟[7] — دەپتۇ- دە، بېشىنى بۇراپ، ئۆزىنىڭ ئىشىغا كىرىشىپ كېتىپتۇ. بۇ «قىممەتلىك پىكىر» بىلەن ھۇشىنى تاپقان گورۇپپا دەرھال چىقىپ، يېڭى ئېلىپبەگە «ژ»نى قوشقان ئىكەن. «ئىسلام»نى ياقتۇرماسلىق تۈپەيلى ئۆتمۈش تارىخ بەتلىرىدىنمۇ «تەھرىرلەپ» چىقارماقچى بولغانلارغا پەقەت ئىبراھىم تۇردىنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە:

― «ئىسلام» ژېننىمالىكىما؟ — دېييىشكىلا توغرا كېلىدۇ!

دېمەك، بىر دۆلەتنىڭ داۋاسىنى قىلغۇچىلار سۆزدە، ھەركەتتە دۆلەتلىك سالاھىيەتنى ساقلاشقا قاتتىق دىققەت قىلىشى ۋە پىرىنسىپچان بولۇشى، ئىزچىل بولۇشى شەرت.

خۇددى كەتمەننىڭ سېپىنى قىرىش بىلەن قورالنىڭ زاپچاسلىرىنى قىرىش ئوخشىمىغاندەك، نازۇكلۇق دەرىجىسى مەۋجۇت. مەسىلەن: كەتمەن سېپىنى قىرىش جەريانىدا بىر سانتىمېتېر ئارتۇق شىلىنىپ كەتسىمۇ كارايىتى يوق؛ ئەمما قورالنىڭ زاپچاسلىرىنى قىرغاندا بىر مىكرومىللىمېتېر ئارتۇق- كەم بولۇپ قالسا مۇۋەپپىقىيەتسىز بولۇدۇ. خۇددى شۇنداق، يوقۇرىدا تىلغا ئالغىنىمىز ۋە مىسال قىلغىنىمىزدەك، سىياسىدا، دىپلوماتىيىدە بىر پېئىلنىڭ دەرىجە كاتىگورىيىسىنىڭ توغرا ئىشلىتىلمەسلىكى(ئوخشاش پېئىلنىڭ ئېنىق دەرىجىسى ئورنىغا مەجھۇل دەرىجىسى ياكى مەجبۇرىي دەرىجىسى ئىشلىتىلىپ قېلىشى) تۈپەيلى مۇناسىۋەتلەر، سۆھبەتلەر بۇزۇلۇدۇ. ئەمما بىزنىڭ بىلەرمەنلەرنى كۆرۈڭ، ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلىشەمدۇ؟ ئۇنىڭدىن قانداق ئۈنۈم ھاسىل بولۇشىنى مۆلچەرلىيەلەمدۇ؟ تېخىمۇ ئېنىقى، ئۇلار ئۆتمۈشتە شەرقىي تۈركىستان دېگەن بىر دۆلەتنىڭ بولغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشىنەمدۇ؟ بىزنىڭ خىتايلار دېگەندەك «ئەزەلدىن» مۇستەملىكە ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن مۇستەقىل ياشاپ كەلگەنلىكىمىزگە، تېخى كوممۇنىستلار ۋەتىنىمىزگە كىرگەن چاغدىمۇ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە چىقىپ كېتىش ھەققىدە توختاملار ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان دەرىجىدە «ئايرىملىق» ھالىتى بولغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەمدۇ؟

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋا ھەركەتلىرىدە شۇنداق بىر غەلىتىلىك مەۋجۇت: نامايىش، يىغىلىش ئۆتكۈزگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار قانچە دانە كۆك بايراق(شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى) كۆتۈرسە، شۇنچە دانە تۈركىيە بايرىقىنىمۇ بىللە كۆتۈرىدۇ. بۇ كۆك ۋە قىزىل بايراقتىن تەركىپ تاپقان بىر قوشۇن بولۇدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ بىز بىراقلا ئىككى دۆلەتنىڭ داۋاسىنى قىلىۋاتىمىزمۇ؟ ياكى خەلقئارا مىزانلاردا داۋا قىلغۇچىلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ بايرىقىنىمۇ بىللە كۆتۈرۈشى كېرەك، دېگەن پىرىنسىپ بارمۇ؟ بۇ تەرىپى ماڭا نامەلۇم. ئەگەر شۇنداق پىرىنسىپ بولسا ھەم بۇنىڭدىن باش تارتىپ بولمىسا بۇ قىلىق ھەرھالدا چۈشۈنۈشلۈك، ئادەتكە ئۇيغۇن بولۇدۇ. ئەمما ئۇنداق مەجبۇرىيەت يۈكلەنمىگەن ئەھۋالدا — شەرقىي تۈركىستان داۋاسى قىلىۋاتقانلارنىڭ تۈركىيە دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىشى بىمەنىلىكتىن ھاماقەتلىككە ئۆتۈپ كەتكەنلىك، تېخىمۇ خەتەرلىكراقى، داۋانى تۇيۇق يولغا — زىددىيەتكە باشلاپ قويغانلىق بولامدۇ - يوق؟ مەسىلەن: ئەنگىلىيىدە ياكى فىرانسىيىدە بولغاندىمۇ شۇ دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقىنى بىللە كۆتۈرۈش كېرەكمۇ؟ ئەمما باشقا مەملىكەتلەردە بولغان ھەركەتلەرنىڭ سۈرەتلىك خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا تۈركىيەدىكىدەك ئەھۋال يوقتەك قىلىدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلىش خەلقئارادا داۋا قىلىشنىڭ قائىدە ـ تەرتىپلىرىدىن بولمىغان تەقدىردە بۇ پەقەت تۈركىيەلىكلەرنى خوش قىلىش، «يېگەن ناننىڭ ھەققى- ھۆرمىتى» ئۈچۈن قىلىنغان خوشامەت بولغان بولۇدۇ. ئۇ ھالدا قىل سىغمايدىغان بىمەنىلىك بولۇدۇ! ئەمما تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، بۇ ئۇ قەدەر ئاددىي ھالدا ئادەتكە ئايلاندۇرۇلغان ئىش بولماستىن، ئۇستا سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش»، «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا» قىلىپ نەپ ئېلىش ئۈچۈن ئۇستۇلۇق بىلەن پىلانلانغان ئويۇن بولۇش ئىھتىمالىدۇر. يەنى، شۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كۆرەيلى: تۈركىيەلىكلەر بىزگە بايرىقىنى كۆتۈرگۈزۈپ قويۇپلا، خىتايلارنىڭ ۋە باشقا كۈزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ دەۋانىڭ ئارقا تېرىكى تۈركىيەدەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، دىپلوماتىيىدە بىرمۇنچە ئىلگىرىلەشلەرگە يول ئاچتى. ئەمما باشقا دۆلەتلەر، ئېيتايلۇق، تۈرك دۈشمىنى بولغان دۆلەتلەر كۇردىستان داۋاسىنى ئەمەلىي قوللاپ، ھەتتا ئابدۇللا ئۆجالاننىڭ شەخسىي ھېسابىغا مىلياردلاپ پۇل قويۇپ بېرىپ، تۈركىيىدە 30 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتى بەدىلىگە شۇنچىلىك ئۈنۈم قازاندى، يا قازانمىدى. مەسىلەن: پەلەستىنلىكلەر لىۋان، سۈرىيە زېمىنلىرىنى تايانچ بازا قىلىپ ھەركەت قىلىدىغان، بۇ دۆلەتلەرمۇ ئەمەلىي قوللاش مەيدانىدا بولۇشىغا قارىماي، پەلەستىنلىكلەرنىڭ نە لىۋان بايرىقى، نە سۈرىيە بايرىقى كۆتۈرۈۋالغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. دېمەككى، بىزنىڭ داۋا ھەركەتلىرىمىزدىكى بۇ ئۆزگىچىلىك تەبىئىي ھالدا «تۈركىيە ياردەم قىلىۋاتىدۇ... » دېگەن تۇيغۇنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن بولماي نېمە؟ بۇنداق تۇيغۇنىڭ پەيدا بولۇشى بەدىلىگە تۈركىيىنى خىتاي بىلەن «سودىلىشىش» تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە قىلمامدۇ؟ ئۇلار ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ماددىي ياردەم بەرمەيلا «يولۋاسنىڭ سۈرىتى بىلەن بۆرىنى قورقۇتقاندەك» ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچىمۇ قانداق؟ تەشۋىقات رەسىملىرى، ئىزناكلار، بەلگىلەر،... نىڭ ھەممىسىدە كۆك بايراقنىڭ قىزىل بايراق بىلەن ئاشق- مەشۇقتەك كىرىشتۈرۈلۈپ تۇرۇشى ھەرقانداق كىشىنى ئىختىيارسىز ھالدا گۇمانغا كەلتۈرىدۇ. بۇ داۋانىڭ ئارقىسىدا تۈركىيە باردەك گۇماننى پەيدا قىلىپ، دىپلوماتىيىدە تۈركىيىنى ئاكتىپ (شەرت قويغۇچى) ھالغا كەلتۈرۈشتىن باشقا ئۇيغۇرغا ھېچ پايدىسى يوق! (كېيىنكى كۈنلەردە مەيدانغا چىققان تۈرك- خىتاي كېلىشىملىرى بۇ قاراشلىرىمىزنى ئىسپاتلايدۇ!).

بۇندىن باشقا داۋامىزنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇمىزدىن ئەمەس، تاشقىي قۇتراتقۇلۇقتىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى توغرىسىدا كارنىيى يىرتىلغۇدەك ۋالاقشىيدىغان خىتايلارغىمۇ «ئالتۇنغا بەرگۈسىز» «ياخشى دەلىل» تېپىپ بېرىمىز. خىتايلارنىڭ    ئادەتتە تەشۋىقاتتا كۆپ تەكرارلايدىغان بۇنداق بىر جۈملە سۆزى بار: «مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋەتىنىمىزنىڭ بىرقىسمىنى بۆلىۋېلىپ، چەتئەل ئەكسىيەتچى كۈچلىرىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرماقچى، مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرماقچى، ئۈچ چوڭ تاغنىڭ بېسىمىدىن ئازاد بولغان خەلقنى قايتىدىن جاھانگىرلارنىڭ قۇللۇقىغا تاشلاپ بەرمەكچى،... » ئەگەر بىرسى بۇ سۆزلەرگە پاكت تەلەپ قىلسا خىتايلار ھېلىقىدەك كۆرۈنۈشلەرنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپلا قويسا (ئالاھىدە ئىزاھات بەرمىسىمۇ) سوئال سورىغۇچى ئىككىلىنىپ قېلىشى جەزمەن. بۇ قارىشىمنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ نېمە دېيىشىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس. بۇ مەسىلىنى باشقىچە چۈشەندۈرگۈچىلەر بولسا «تۈركلۈك» نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرمەكچى بولار. ئەمما بۇ پايدىسىز ھالدىكى داۋامىزنى تېخىمۇ تۇيۇق يولغا مۇپتىلا قىلىشى مۈمكىن. «تۈركچىلىك» ياكى «تۇرانچىلىق» ۋەياكى «پان تۈركىزىم» — پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرىنى بىر بايراق ئاستىغا جەم قىلىش، تىل، يېزىق، تېرىتورىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش — خۇددى كوممۇنىستلارنىڭ كوممۇنىزىمىدەك بىر غايە؛ بەلكى كوممۇنىزىمغا قارىغاندا تېخىمۇ ئوتۇپىيەلىك بولىشىمۇ مۈمكىن. شۇڭا بىز داۋا ياكى كۆرەشلىرىمىزنى خاس مۇستەقىللىق ھەركىتى سۈپىتىدە ― ھېچقانداق باشقا ئىدىيە، باشقا قوشۇمچە مەخسەتلەرنى ئارىلاشتۇرماي ئېلىپ بارساق، بۇ بىر قەدەم مەنزىلگە يەتكەندىن كېيىن باشقىلىرىنى ئويلىشىپ باقساق ھەم ئاسان، ھەم ئەقىلغا مۇۋاپىق، ھەم ئەھۋالىمىزغا ماس كېلىدىغانراق بولاتتى. ئەپسۇسكى، بىز ھېلى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ غېمىنى يەيمىز، ھېلى پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرىنىڭ غېمى بىلەن بەند. بۇ خۇددى ئىگىز تىك يارنىڭ قاپ بېلىدە دەرەخ يىلتىزلىرىغا ئېسىلىپ قالغان، ئۈستىگە يامىشىپ چىقىش ئىنتايىن غۇۋا، پەسكە سېرىلىپ چۈشمەكچى بولسا پاچاق- پاچاق بولىدىغان بىر ۋەزىيەتتىكى ئادەمنىڭ پەستىكىلەر ۋە يوقۇرىدىكىلەرنىڭ غېمىنى قىلىپ، «ھەممىڭلارنى ئۆزەم قۇتقۇزىمەن» دېگىنىدەك بىمەنە ھەم كۈلكىلىكمۇ ـ قانداق؟ بۇنداق نىيەتنى توغرا ۋە ئالىجاناپ دېگەندىمۇ، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ، پۇت قويغىدەك يەرگە ئىگە بولمىقى كېرەك ئەمەسمۇ؟

يەنە بىر ۋاقەنى ئەسلەپ ئۆتسەك بۇ غەلىتىلىك بەلكىم ياخشىراق ھىس قىلىنار: 1997 ­يىلى فىۋرالدا ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىچىدىكى تۈركىيەدە يەرلىشىپ قالغان كونىلار تۇيۇقسىزلا ھاياجان بىلەن «ئىستىقلال مارشى»[8]نى ئوقۇپ كېتىشتى! ھەيران قالدىم. ھەم نومۇسۇم كەلدى. قىلىۋاتقىنىڭ نېمە داۋا- يۇ، ئوقۇۋاتقىنىڭ نېمە؟ ئەگەر مۇنقەرز بولغان دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت شېىرى ئوقۇلغان بولسىدى، ئاجايىپ توغرا، تەسىرلىك ھەم ماس بولاتتى. ئەپسۇس، ئۇنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز! ئەگەر تۈركچە ئازادلىق، ھۆرلۈك، زۇلۇم، خورلۇق... تېمىلىرىدىكى باشقا ھەرقانداق بىر مارشنى ئوقۇساقمۇ بولۇۋېرەتتى. لېكىن، دۆلەت شېىرى دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ سىمۋوللۇق ساداسى! شۇڭا بىر دۆلەتنىڭ داۋاسىنى قىلىۋېتىپ يەنە بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت شېىرىنى ئوقۇش- دۆتلۈك، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئالاھىدە تەقلىتتىكى دۆتلۈك، خالاس! دىھقانچىسىغا قىل سىغماس دەرىجىدە تولۇق تەسۋىرلەش ئۈچۈن سەت بولسىمۇ شۇنداق دېيىشكە مەجبۇرمەنكى، بۇ خۇددى خوتۇننى ئورتاقلاشقىلى بولمىغاندەكلا بولمىغۇر بىر ئىش! مەن شۇ چاغدا: «نېمە، بىز داۋايىمىزنىمۇ ئوڭى- سېپىدە قىلالمايدىغان ئوخشىمامدۇق؟! قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ ئوڭ- دۈمىنىمۇ بىلمەمدۇق، نېمە؟ تازىمۇ ئەتى- مەتى يوق خەقكەنمىز» دەپ ئويلىغان ئىدىم.

ئەگەر دۆلەت شېىرى ھەققىدە باشقا قاراش بولمىسا، دېمەك، بايراق ئۈچۈنمۇ ئەينى شۇ پىكىر ئەقىلغا مۇۋاپىق. چۈنكى بايراقمۇ، دۆلەت شېىرىمۇ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ سىمۋولى. باشقا بىر دۆلەت ئۈچۈن سىمۋول بولغان نەرسە يەنە بىر دۆلەتكىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ياكى بۇنداق قوللۇنۇش خاتا! بۇ خامانلىقتا قوشنىلار بىر ئارىنى ئورتاق ئىشلىتىپ تۇرغانغا ئوخشىمايدۇ!

 تۈركىيىگە مۇناسىۋەتلىك گەپ بولۇۋاتقان بۇ پۇرسەتتە يەنە بىر كۈلكىلىك ئىشنىمۇ قوشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ: 1997 ­ىللىرىدىكى قاينام - تاشقىنلىق نامايىشلاردىن بىرىدە، شەرقىي تۈركىستانلىقلار يەنە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا بېرىپ نامايىش قىلماقچى بولۇپ قاپتۇ. كىمنىڭ تەشكىللىگەنلىكى ماڭا قاراڭغۇ، ئەيتاۋۇر ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمىغىنى ئۈچۈن ساقچىلار ئەتراپنى قورشىۋالغان ئىكەن. ساقچىلارنىڭ ھەيۋەتلىك مۇداپىئە «تېمى»، گېزىت ۋە تېلىۋېزىيە مۇخبىرلىرى ئەمەلىيەتتە نامايىشقا تېخىمۇ جانلىق تۈس، جەڭگىۋار قىياپەت بېرەتتىكى، دەخلىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەمىشە شۇنداق بولاتتى. ساقچىلارنىڭ بېشى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا چىن كۆڭلىدىن كۆيۈنۈپ: «سىلەر بىزنى يولىمىزنى توستى، دەپ رەنجىپ يۈرمەڭلار، بىز بۇيرۇق ئىجرا قىلغۇچى بولغىنىمىز ئۈچۈن شۇنىڭغا مەجبۇرمىز. ئەگەر سىلەر بىزنى ئۇرۇپ يىقىتىۋېتىپ ئۆتۈپ كەتسەڭلار بىز سىلەردىن زادىلا ئاغرىنمايمىز، چۈنكى سىلەرنىڭ داۋايىڭلارغا بىزمۇ ھىسسىداشلىق قىلىمىز. بىراق، سىلەرنىڭ بېشىڭلار كىم؟ بۈگۈنكى كۈن تەرتىپتە قىلماقچى بولغان نارازىلىق تېماڭلار نېمە؟ مۇخبىرلارغا ئاڭلىتىدىغان ئاساسىي مەزمۇنلارنى يېزىپ تەييارلىۋالغانمۇ، قانداق؟ مۇخبىرلارغا جاۋاپ بېرىشكە مەسئۇل قىلىنغان ئادىمىڭلار قايسى، ... مۇشۇنداق تەرتىپلەر بويىچە بولسا ئۆزەڭلارغا تېخىمۇ ياخشى. بىزنىڭ قەلبىمىز سىلەر بىلەن بىللە... » دېگەندەك سۆزلەرنى قىلدى. ئەتراپتىن تەرتىپسىز ۋارقىراشلار چېچىلىپ تۇراتتى. بۇ ۋارقىراشلار ئىچىدە ئالاماننىڭ: «ئالاھ بىر! ئاللاھ بىر!... » دېگىنى ئومۇمىي شاۋقۇن بولۇپ كۆتۈرۈلەتتى. مۇخبىرلار ئالدىغا دېۋەيلىشىپ تۇرغان ئالاماندىن: «بۈگۈنكى ئاساسىي كۈنتەرتىبىڭلار نېمە؟ بىز بىلەن سۆزلۈشىدىغان ئادىمىڭلار قايسى؟... » دەپ سوراپ بۇ تەرتىپسىز چۇۋالىشىپ تۇرغان توپتىن زادىلا جاۋاپ ئالالمىغاننى ئاز دەپ بىرەر ئادەم ئۇلارغا جاۋاپ بەرگۈچىنىمۇ كۆرسۈتۈپ قوياي دېمەيتى. ئۇلارنىڭ تەلمۈرۈپ سورىغان سوئاللىرىغا ئومۇمىي شاۋقۇن جاۋاپ بېرەتتى: «ئاللاھ بىر! ئاللاھ بىر!... » مۇخبىرلار ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا: «بىز سىلەرنىڭ داۋايىڭلارنى تېخىمۇ ياڭرىتىپ بېرەيلى دەۋاتساق نېمانداق رەج ئۇقمايسىلەر؟ بۈگۈنكى ئاساسىي نارازىلىق تېماڭلار نېمە؟ خىتاي كونسۇلىغا بېرىلىدىغان نارازىلىق نوتاڭلار يوقمۇ؟... » ئەتراپتىن پەقەت بىرلا سادا تەكرارلىناتتى: «ئاللاھ بىر! ئاللاھ بىر! ... » مۇخبىرلاردىن بىرى ھەيرانلىق ھەم مەسخىرە ئارىلاش: «سىلەرنىڭ بۈگۈنكى ئاساسىي مەخسىدىڭلار ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشمىدى؟ بىزگە ئۇقتۇرۇپ قويماقچىمۇ؟ خىتىيىڭلارغىمۇ؟ بىزگە دېسەڭلار، بىز ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى بىلىمىز، ھەم بۇ مەسىلىنى تالىشىۋاتقىنىمىز يوق، خىتايلىرىڭلارغا دېسەڭلار ئۇلار بەرىبىر ئۇقمايدۇ... » دېدى. ساقچى بېشىنىڭمۇ راسا ئاچچىقى كەلدى. ئۇ: «بۇ قانداق شەرقىي تۈركىستان داۋاسى؟!... » دەپ ئالاماننى ھەيدەشكە باشلىدى. بىزنىڭكىلەر بولسا «ئارپا نېنى ئوسۇرغاققا باھانە بولدى» دېگەندەك، بۇ دوستانە مۇداپىئە توسىقىنى باھانە قىلىپ، «ساقچىلار توسىۋالدى، ئۆتكەزمىدى،... » دېيىشىپ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەرتىپسىز ھالدا خىرىلداپ: «ئاللاھ بىر! ئاللاھ بىر!... » دەپ چۇقۇراپ قويدى ـ دە، ئۆز كۆڭلىنى بەزلەپ كەينىگە ياندى!

تۈركىيىگە مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى بىريەردىلا تۈگەتمەك ئۈچۈن يەنە بىرگەپنى بۇ يەرگە قىستۇرىۋېتەي: تۈركىيىدە شۇنداق بىر كۈلكىلىك ئىشقا دۇچ كېلىمىز، شەرقىي تۈركىستان فوندى قاتارلىق ئورۇنلاردىن بىرەر ۋەكىل بىرەر يىغىلىشتا سۆزلىسە «خىتايلار ئاق قىلدى،... خىتايلار كۆك قىلدى،... دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىمىزنى چەكلىدى،... بالىلىرىمىزغا دىنىي بىلىملەرنى ئۈگۈتۈش ئىمكانلىرى يوق، مەسجىدلەرنى تاقىدى،... » دەپ فورمۇلىلاشقان دەرت تۆكۈشنى تەكرارلايدۇ. خوش، ئۇنداق بولسا تۈركىيىدە بۇ ئەركىنلىكىڭىز چەكلەنمەيدۇ، قانچىلىك ئىبادەت قىلىۋاتىسىز؟ بوپتۇ، بۇنىمۇ دېمەي تۇرايلى، چۈنكى بۇنىمۇ سىزنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىڭىز دەيلى، سەھنىدە ئۆزىڭىزنىڭ ئىستىكىنى ئەمەس، خەلقنىڭ ئىستىكىنى ئىپادىلىگەن بولۇڭ، ئەمىسە نېمىشكە مەدرىستە ياتقان ئوقۇغۇچىلار ناماز ئوقۇسا يامان كۆرۈسىلەر؟ نېمىشكە «دىنچىلار بېسىپ كەتتى... » دەپ قاخشايسىلەر؟ سىلەرمۇ ئوخشاشلا چەكلەش پوزىتسىيىسى تۇتۇۋاتىسىلەرغۇ؟ بۇ ھالدا خىتايلار راسا سىلەرنىڭ دىتىڭلاردىكى ئىشنى قىلغان، سىلەر خىتايلارغا رەخمەت ئېيتىشقا توغرا كېلىدىغان ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقمامدۇ؟

دېمەك، بۇ داھىلارمۇ ئوخشاشلا دىننى ئۆلگىدەك يامان كۆرىدۇ. چۈنكى، «بۇ قالاقلىق، بۇ خۇراپات، غەرپنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان بۇ ئېتىقاد» ئۇلارنىڭ بۈيۈك سىياسىتىگە پۇتلىشارمىش! دېگەنلىرى بىلەن قىلغىنى قارىمۇ- قارشى بولۇشىمۇ تەسىر كۈچى بولمىغان داۋا دېمەكتۇر! دىنىي تەربىيەنى، يېڭىدىن كوممۇنىست مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغان قازاقىستان ۋە موڭغۇلىيە قازاقلىرى ئۈچۈن مىللىي تەركىپ، مىللىي كىملىكنىڭ بىر ئۇنسۇرى سۈپىتىدە ھېساپلىغان تۈركىيە قازاقلىرى ئەھمەد يەسەۋى ۋەقفى ۋە باشقا يەرلەردە يۈزلەرچە ئوقۇغۇچىنى دىنىي تەربىيەگە ئىگە قىلىۋاتقان؛ ھەتتا دىنىي تەرغىباتنى «ئىرتىجا» دەپ سەت ئاتايدىغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇ قاراشنى توغرا تونۇپ يول قويغاندىن باشقا، قازاقىستان تەۋەسىگە دىنىي ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ خىرىستيانلىشىش يولى بىلەن مىللىيلىكتىن چەتنەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مۇشۇ زاماندا، تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى» خۇددى كوممۇنىستلاردەكلا كىن ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن ۋەقف ئىچىدە دىنىي نۇتۇقلارنىڭ بولۇشىغا، ئۇ يەردە ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناماز ئوقۇشىغا قارشى تۇرماقتا! يىغىن- قۇرۇلتايلاردا «...خىتايلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ھۆررىيىتىنى چەكلىدى... » دەپ قاخشاشلىرى سۈنئىي ۋە رەسمىيەت ئۈچۈن ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتىكى خىتايلارغا ئوخشاش مەيدانىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ تۈر پوزىتسىيە — خەلقنىڭ مۇھەببەت ۋە نەپرىتىنى ئەينى شۇ سەۋىيىدە مېنىڭسىمەي تۇرۇپ، رەسمىيەت يۈزىسىدىن «خەلق ۋەكىللىكى» چۈمپەردىسىگە ئورۇنىۋېلىش — ئالدامچىلىق بولۇش بىلەنلا قالماي، بۇنداق ئادەملەر بېشىغا مىنىۋالغان «دەۋا»دىن بىرەر ئىجابىي نەتىجە كۈتمەك بەغەرەزلىكتۇر!

غەرپلىكلەرگە ياراپ قېلىش ئۈچۈن دىندىن ۋاز كېچىشنىڭ ھاجىتى يوق. غەرپلىكلەر بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزدىن قورقۇپ كېتىپ ياردەمدىن ۋاز كېچەرمىكىن دېگەن قاراش بىمەنىدۇر. غەرپلىكلەر بىزنىڭ تۇتامسىزلىقىمىز تۈپەيلى — بىردەم دىنىمىزدىن كېچىش، بىردەم دۆلەت نامى يەڭگۈشلەشلىرىمىز تۈپەيلى — ياردەم بېرىشكە لايىق كۆرمەسلىكى مۈمكىن.

بىر موھىم ئىشقا ئانچە موھىم بولمىغان يەنە بىر ئىشنى ئارىلاشتۇرىۋېلىش ياكى نۆۋەتتىكى كۈنتەرتىپتە بولغان بىر ئىشقا يەنە بىر ئىشنى چېتىۋېلىش، ئاشۇ موھىم ئىشنىڭ موھىملىق تۈسىنى بۇزۇش رولىنى ئوينايدۇ. بىر رەسمىي ئىشقا مۇناسىۋەتسىز ياكى ئىككىلەمچى بىر ئىشنى چېتىۋېلىش، ئاۋالقىسىنىڭ جىددىيلىك سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بىر قولدا كەتمەن، بىر قولدا بولقا تۇتۇپ بىرلا ۋاقتتا ھەم ئۆستەڭ چاپقىلى، ھەم زەرگەرلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بىر ئىشنى پۈتتۈرەلمەي ھەلەك بولۇۋاتقاندا يوغانچىلىق ۋە يا ئاخمىقانىلىق بىلەن باشقا بىر ئىشنى، تېخىمۇ يوغۇنراق بىر ئىشنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىۋېلىش خۇددى تەمسىلىمىزدە ئېيتىلغان: «ئۆزەم پاتمىغان كامارغا، غەلۋىر باغلاي قوڭامغا» دېگەندەك بىمەنىلىك ۋە نادانلىقتۇر! 70- يىللاردا خىتايلار قوزغىغان «لىن بىياۋنى، كوڭزىنى تەنقىد قىلىش» دولقۇنىدا «تۆرت كىشىلىك گورۇھ» «ئارقا ئىشىكتىن مېڭىش»نى قوشۇپ تەنقىد قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىكەن، «تۆرت كىشىلىك گورۇھ» يوقۇتۇلۇپ، تەنقىد قىلىنىشقا باشلىغاندا ئۇلارنىڭ جىنايى ماتىرىياللىرى ئارىسىدا ئۇلارنىڭ بىر تۈرلۈك ئېغىر جىنايىتى سۈپىتىدە مۇشۇ تەشەببۇس تىلغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولغانىدىم. لىن بىياۋ، كوڭزىنى تەنقىد قىلىشقا «ئارقا ئىشكتىن مېڭىش»نى قوشۇپ تەنقىد قىلسا نېمىسى خاتا بولغىيدى؟ دەپ ئويلىغانىدىم. كېيىن چۈشەندىمكى، ئاۋالقىسى كوممۇنىستلارنىڭ نەزىرىدە دوست- دۈشمەن ئارىسىدىكى زىددىيەت بولۇپ، چوڭ ئىش، موھىم ئىش ئىكەن؛ كېيىنكىسى (ئارقا ئىشكتىن مېڭىش) بولسا خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت، ئادەتتىكى كىچىك ئىشلار ئىكەن. بۇ ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرىۋالغاندا ئاۋالقىسىنىڭ جىددىيلىكىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن! دېمەك، بىزدىكى سىياسىي سەزگۈرلۈك ئىنتايىن گۆدەكلىك ھالىتىدە ئىكەنلىكى ئايان بولماقتا.

يەنە بىر «دىنىي زات» قېرىندىشىمىز بىر ئۈنئالغۇ لېنتىسى ئىشلىگەن ئىكەن (ئەسلىدە ئۇ بۇنچىلىك ئىقتىدارغا ئىگە بىرسى بولمىسىمۇ، پەقەت «ناسىراخۇن لېنتىغا سۆزلەپ تارقىتىۋاتسا مەن نېمىشكە قىلمايدىكەنمەن» دېگەن سېلىشتۇرما ھەسەت تۈپەيلىدىنلا ئىشلەپ چىقىلغان بىراك مەھسۇلات)، ئۇنىڭ مەزمۇنىدىكى بىمەنىلىك كىتاپتا تىلغا ئېلىپ ئولتۇرۇشقا ئەرزىمىگەندىن تاشقىرى، نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھاكىمىمىزگە مۇناسىۋەتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، مەزمۇنى ھەققىدە توختالمايمىز. لېنتىنىڭ «نەشرىيات» ئالامەتلىرى ھەققىدە توختۇلىمىز. بۇنى تۈركىيەچە داۋانىڭ ئەرەپچە ۋارىيانتى دېيىشكە بولۇدۇ. بۇ لېنتىغا چاپلانغان «نەشرىيات» ئالامىتىدە لېنتىدىكى نۇتۇق نامى ئەرەپچە يېزىلغان، كۆپەيتىش بەلگىسى شەكىللىك كىرىشتۈرۈلگەن ئىككى دانە قىلىچنىڭ كېسىشكەن يېرىگە بىر دانە ئاق بايراق (ئاي يۇلتۇزلۇق بايراق) قادالغان، بۇندىن باشقا نەشرىيات نامى، بەلگە ئىزنالاردىن ئەرەپ ئالاھىدىلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇم، ھېلىقى كېسىشتۈرۈلگەن ئىككى قىلىچ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت بەلگىسىدىكى بىر ئالامەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرتال خۇرما دەرىخى بار. بىزنىڭ قېرىندىشىمىز بولسا ئەنە شۇ خۇرما دەرىخىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى دەپ پەرەز قىلىشقا بولۇدىغان ھېلىقى ئاي يۇلتۇزلۇق بايراققا يەڭگۈشلىگەن. «ئىسلاھ قىلىپ پايدىلىنىلغان» بولسىمۇ، يەنىلا ئەسلى ئالاھىدىلىكى ئەينەن ساقلىنىپ قالغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، بۇ بىچارە بۇرادىرىمىزدە روشەن «ئەرەپ قۇلچىلىقى» بىلىنىپ تۇرىدۇ. لېنتىغا سۆزلەنگەن «جۆيلۈشلەر»نىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بولغىنىدىن قارىغاندا بۇ «تەشۋىقات»نىڭ ئوبېكتى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. ئۇنداقتا نېمىشكە خېتىنى ئۇيغۇرچە يازماي، ئەرەپچە يازىدۇ؟ نېمىشكە ئەرەبىستاننىڭكىگە تەقلىد قىلىنغان بىر بەلگىنى قويۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى؟ تەبىئىيكى، ئۇ تەقسىر ئەرەپلەر بىلەن باردى- كەلدى قىلىپ ياشاۋاتقان ياكى ئەرەپلەر مۇھىتىدا بىللە ياشاۋاتقان بولسا كېرەك. مانا شۇنىڭ بىلەنلا داۋا ئۈستىدىمۇ «كۆڭلىنى ئېلىش» كويى (ياخشىچاقلىق) پەيدا بولغان. تەقسىر دىنىي زات بولىشىغا قارىماي، دىننى ئاللاھنىڭ ئەمەس، ئەرەپلەرنىڭ دىنى، دەپ چۈشەنگەنمىكىن؟ ياكى ئەرەپلەر ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىش، ئاللاھقا يېقىنچىلىق قىلىشنىڭ بىرخىل ئىپادىسى، دەپ چۈشەندىمىكىن؟ ئەمما رەسۇلىللاھ  (س ئە ۋ) نىڭ ھەدىسلىرىدە ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكى ھەققىدە «ئىنسانلار بىر تاغاقنىڭ چىشلىرىغا ئوخشايدۇ، ئەرەپنىڭ ئەجەمدىن تەقۋالىقتىن باشقا پەرقى يوق» دەپ تەلىم بېرىلمەكتىدۇر. قانداقتۇر بەندىگە قىلىنغان قۇلچىلىق ۋە خۇشامەت ئاللاھقا قىلىنغان تەقۋادارلىق ھېسابىغا كىرمەيدۇ!

قىسقىسى بىزنىڭ بۇ تەقلىتتىكى قىلىقلىرىمىز خۇددى «گۈلئايىم» دىن ناخشا باشلاپ، «گۈزەل تاشقورغان» بىلەن ئاخىرىنى چۈشۈرگەندەك ھاڭۋاقتىلىقتۇر.

بوشناقلارنىڭ بوسنا- ھەرسەك مۇستەقىللىق ھەركىتى جەريانىدىكى پاجىئەلەر، ۋەيرانچىلىقلار، قان ۋە ياشلىرى، شۇنداقلا كۆرەشلىرى ئىپادىلەنگەن بىر سىنئالغۇ لېنتىسىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ نامايىش، يىغىلىش ھەركەتلىرىمىز روشەن بىر سېلىشتۇرما بولۇپ كۆز ئالدىمدا گەۋدىلەندى. بۇ بىر نامايىش كۆرۈنۈشىدىن تۇغۇلغان تەسەۋۋۇر ئىدى: ئۇلارنىڭ ئاياللىرى (مۇسۇلمانچە ئىسكەتتە) ھەربىرى بىردىن شۇئار يېزىلغان پلاكات، لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا ھەم تەرتىپلىك، ھەم قايغۇلۇق، ھەقىقەتەنمۇ ۋەتىنى مۇنقەرز بولغان، نۇرغۇن بىگۇناھ قېرىنداشلىرى ئۆلۈۋاتقان مۇسىبەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاپ، ئىچ- ئىچىدىن ئۆرتەنگەن، يىغا- ماتەم بىلەن چىرايى تۇتۇلغان ھالدا گويا ئۆلۈم ئۇزۇتۇپ كېتىۋاتقان ھازىدارلار سېپىدەك سالماق قەدەم تاشلاپ مېڭىپتۇ. پۈتۈن تۇرقى، پېئىل خۇلقىدىن قايغۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. قالايمىغان ۋاڭ- چۇڭ، ئاللىقانداق «ئالتە ئۆچكە، يەتتە تېكە» دېگەندەك بىردەم ئالدىغا، بىردەم ئارقىغا شاپاشلاپ تۇرىدىغان، پات- پات تەرتىپكە چاقىرىپ ۋارقىراپ قويۇدىغان «رەھبەر»، «تەرتىپ ھەيئەتلىرى»مۇ يوق. بىزدە بولسا نامايىشقا چىققان ئومۇمىي ئادەمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاللىقانداق ۋەزىپىلەر بىلەن ئالدىراش، ئىشقىلىپ ئۆزلىرىنى ئادەتتىكى «نامايىشچى ئاممە»دىن پەرقلىق كۆرسۈتۈشكە تىرىشقۇچىلار بولۇدۇ. ئۇندىن باشقا كەيپىيات جەھەتتە خۇددى «جەننەتنىڭ ئاچقۇچى»دا تەسۋىرلەنگەندەك، «ئاچىسىنىڭ تويى بولۇۋاتقان» سىياقتا ھىجايغان خوشال چىرايلار، باغ سەيلىسىگە چىققان جايدا رەسىمگە چۈشۈۋېلىش ياكى سىن ئالغۇغا ئېلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئوبدانراق توغرىلىغاندەك بىر خىل كەيپىيات، ئومۇمەن، ئۆزلىرىگە ھەقىقىي مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر ئىشقا ئالۋان تەرىقىسىدە قاتنىشىپ قالغاندەك ھالەت بىلىنىدۇ.

مانا شۇنىڭغا ئوخشاش بىر تالاي ئىشلار بىزنىڭ داۋانى قاملاشتۇرۇپ قىلالمايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. بۇ مۇئەييەن يېتەكچى ئىدىيە (نەزەرىيىۋىي ئاساس)، مۇئەييەن داۋا تەرتىبى، داۋا پىرىنسىپى، ئۇزاق مەزگىللىك ۋە باسقۇچلۇق ھەركەت پروگراممىسى، پلان، ئىستراتېگىيەنىڭ يوقلىقىدىن، تېخىمۇ مەسخىرىلىكى، بۇنداق بىر نېمىلەرگە ئىھتىياج بولۇشىنىمۇ تونۇپ يەتمىگەنلىكىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر.

يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتمەك كېرەككى، يېرىم ئەسىرلىك نەتىجىسىز دەۋا ھەركەتلىرىمىزدە «ئۇلۇغۋار» ئىشلارنى قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىدىغان تەشكىلاتلار ئىمكانىيتى يار بېرىدىغان تۇرۇپمۇ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ خەلققە سىياسىي ساۋات، تارىخ ساۋادى، ئىستىخبارات ساۋادى بېرىپ باقمىدى، ئەكسىچە ئۆز- ئۆزىنى «رىكلام» قىلىش تىپىدىكى يىغىنلار، ئۇيغۇرنىڭ قىينالغانلىقىنى يەنە شۇ ئۇيغۇرغا ئېيتىپ بېرىشتەك بىمەنە ئىشلار بىلەن ۋاقت زايا قىلغاچقا يېرىم ئەسىردە ھېچ بولمىسا خەلقنى ئاز ـ تولا سىياسىي ساۋاتقا ئىگە قىلىشمۇ بولمىدى!

1998-يىلى، دىكابىر، تاشكەنت. 2001 – يىلى، ئىستانبۇل.

 

[1]  «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» تۈركچە نەشرى، 2000\1- سانى، شەرقىي تۈركىستان فوندى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى باشلىقى، مىللى مەركەزنىڭ باشلىقى مۇھەممەد رىزا بېكىننىڭ «كىرىش سۆز»ىدىن — ئا.

[2]  فىرانسىيەنىڭ 2ـ دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ھۆكۈمىتى Vichly، ئۇيغۇرچىغا «ۋىشى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

[3]  گىرائۇد — فىرانسىيە ۋىشى ھإكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن گېنېرال. ئۇنىڭدا ۋىشىپەرەستلەردىن پەرقلىق تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئىدىيە بار ئىدى — ئا.

[4]  «قارا نۇرلۇق چىراق» ھەققىدە «ئەينەك» ناملىق كىتاپتىكى «سىياسىدىكى قارا نۇرلۇق چىراق» ناملىق ماقالىگە قارالسۇن — ئا.

     [5] بۇ ھەقتە مۇشۇ مەجمۇئەنىڭ 2-جىلدىدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دېگەن ئىسىم قانداق كەلگەن؟» دېگەن ماقالىغا قارالسا، سۆزلىرىمىزنىڭ دەلىلى بولغان — خىتاي دېموكراتلىرى ئەۋەتكەن خەتنىڭ رەسىمىمۇ بار. خىتايلارنىڭ بۇ خېتىنىڭ رەسىمى يەنە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆز يېشى» ناملىق تۈركچە كىتابىمغىمۇ قىستۇرۇلغان، — ئا.

[6]  خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى «DongTuerqisitan—东土耳其斯 » دەپ يېزىشنى ئادەت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى «土耳其» (Tuerqi) تۈركىيىنىڭ يېزىلىشىدۇر. «斯坦» (Sitan) نى «يەر، دۆلەت» دەپ تەرجىمە قىلغاندا بۇ ئاتالغۇ «تۈركىيىنىڭ شەرقتىكى يېرى» دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىپ قالىدۇ، بۇ ئىسىمنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىنىڭ ناتوغرىلىقىدىن كېلىپ چىققان ئۇقۇشماسلىقنى بىلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ «ئىلغار يېزىقى»نى مەسىلە چۈشۈنۈشنىڭ ئاساسى دەپ تونۇيدىغان نۇرغۇن ھاماقەت خىتايلار خەت مەنىسىگە قاراپلا، بۇ يەردە راستىنلا تۈركىيىگە بېقىندى بولۇش، تۈركىيىگە «ۋەتەن سېتىش» مەسىلىسى باردەك ھىس قىلىپمۇ قالىدۇ. سىياسىدا بولسا قەستەن، غەرەزلىك ھالدا شۇنداق تەبىر بېرىلىدۇ. بىر يىلى «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىدا بىر خىتاي ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ خىتايچە ئاھاڭ تەرجىمىسىنى توغرۇلاش ئۈچۈن   « 东突厥斯坦» (Dong Tujuesitan) دەپ ئېلىشنىڭ ئەسلى مەنىگە ھەم ئاھاڭغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەكلىپ بەرگەنىدى.  «突厥» بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى بىلدۈرىدىغان «تۈركىي» ئاڭلىمىغا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، ئەمەلىيەتتىمۇ مۇشۇنداق قىلىش توغرا بولاتتى، (دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بىرمۇنچە باسما بۇيۇملاردا بۇ ئىسىمنىڭ خىتايچىسى خىتايلارنىڭ خاتا قوللۇنۇشىنى داۋام قىماقتا، بۇ تاسادىپىيلىقمۇ؟ ياكى غەرەزلىكمۇ؟ بىلىش تەس) _ ئا.

[7]  «ژ» ھەرپى ئاناڭنى بىرنېمە قىلغانمۇ؟ مەنىسىدە، ‐ ئا.

[8]     تۈركىيىنىڭ دۆلەت شېىرى — ئا.

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

CComment تەرىپىدىن ئىشلەندى