(پوۋېست)

 

بىر ئادەمنىڭ ئوبدانلىقىدىنمۇ بىزار بولۇنامدۇ؟ زېرىكىلەمدۇ؟

 

***

مەن كىرىپ كەلگەندە ئەر-خوتۇن ئىككىسى جىدەللىشىۋاتقان ئىكەن. توغرىسىنى دېسەم، خوتۇن جاۋىلداپ سۆزلەۋاتقان، ھەمدۇللاقارىم تىماق تاتىلاپ:

— خوتۇن،... ئانىسى،... ماڭا قاراڭلا، ماندا دېيىشىپ كەتمەيلى، بولدى قىلىڭلا،... — دېگەندەك بىرنېمىلەرنى دەۋاتقان ئىكەن.

ئۆينىڭ ئەھۋالى بەكمۇ بەربات ئىدى؛ ئولتۇرغىلى ئەمەس، دەسسىگۈدەكمۇ بوشلۇق يوق دېيىشكە بولاتتى. بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرى (ئاساسەن ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى قول نەرسىلەر)، زاكىلىق لاتىلار، يېمەك قۇتۇلىرى، مىۋە شۆپۈكلىرى، تاماق يۇقى قاچا-قۇچىلار، قوشۇقلار، چوكىلار،... ئىشقىلىپ، ئۆيدە بار بولغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پولدا ياتاتتى.

مېنىڭ كىرىپ كېلىشىم ھەمدۇللاقارىنى ھودۇقتۇرۇۋەتتى؛ ئۇ خوتۇننىڭ گەپلىرىگە جاۋاپمۇ بەرمەستىن جىددىي ھەركەتلەر بىلەن مەن ئۈچۈن كونا ساپاغا كېلىپ ئولتۇرۇدۇغانغا قەدەم باسقۇدەك بوشلۇق چىقىرىپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىرىدى. شۇغۇنىسى ساپانىڭ ئۈستىدىمۇ بوش يەر يوق بولغاچقا ئۇ يەردىنمۇ كاسام پاتقۇدەك يەرنىڭ يۈزىنى ھاپىلا-شاپىلا ئېچىپ:

— كېلىڭە، ئولتۇرۇڭ، — دېگەچ قوشقوللاپ قولۇمنى سىقىپ، گويا ئونبەش يىلنىڭياقى كۆرۈشمىگەننىڭ سېغىنچىنى بىراقلا چىقىرىۋالماقچىدەك، قولۇمنى شۇ تۇتقانچە ھېلىقى بوشۇتۇلغان ساپا بۇرجىگىگىچە ئېلىپ كەلدى.

ئەمەلىيەتتە بىز بايىلا تالادىن كىرىۋاتقۇچە بىنانىڭ ئالدىدا كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭ ئادىتىگە مەجبۇرىي ماسلىشىپ، يېرىم سائەتچە تۇرۇشقان ئىدۇق. ئەسلىگۈدەك يېڭى ۋە ئالاھىدە بىر گەپلەر بولمىغاچقا، نېمە ديىشكەنلىكىمىزنى، شۇنچە ئۇزۇن ئايرىلىشالماي تۇرغۇدەك زادى نېمە زۆرۈرىيەت بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. چۈنكى بىز بىرنەچچە يىلدىن بېرى مانا شۇ بىر بىنادا ئولتۇرۇۋاتىمىز ئەمەسمۇ، بۇنداق ئۇچرۇشۇشلار، كىرىپ-چىقىشلىرىمىز كەم بولمايدۇ. ئەمما ئۇ بولسا ھەر قېتىمدىلا ئەنە شۇنداق: ئەڭ ئاز 15 يىل ئايرىلىپ كەتكەن قېرىندىشى بىلەن ئەمدىلا كۆرۈشۈۋاتقاندەك ھاياجان، قىزغىنلىق ئىپادىلەيدىغان بولغاچقا چارىسىز ئۇنىڭ كۆڭلىنى دەپ تۇرۇپ قالۇدۇغان گەپ. ئەمما بەزىدە ھەقىقەتەنمۇ يۈزسىزلىك قىلىپ، «ماقۇل، يەنە كۆرۈشەرمىز، مەن سەل ئالدىرايتىم» دەپلا تاشلاپ كېتىشكىمۇ توغرا كېلىپ قالاتتى؛ ھەتتا بۇنداق ھاللار ئاساسىي ئورۇندا دېيىشكىمۇ بولۇدۇ. چۈنكى مەن ئۇنىڭ مىجەزىنى بەك ياخشى  بىلگىنىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەيلىگە قويۇپ بەرسەم ئىشىمدىن كەچ قويۇدۇغانلىقى (گەرچە بۇ ئىشىمغا يەنە ئىككى سائەتچە بولسىمۇ)، ھەتتا كېچىنى تاڭغا ئۇلاشتىنمۇ يانمايدىغانلىقى ماڭا ئايان-دە. شۇڭا يېڭى تونۇشلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن

تېخىمۇ ئۇيۇمچان بولاتتى.

توغرا، مەن ئۇنى تۈزۈكرەكمۇ تونۇشتۇرمايلا قۇرۇق گەپكە چۈشۈپ كېتىپتىمەن. ھەمدۇللاھقارى دېگىنىمىز بىلەن، ئەمەلىيەتتە قارىمۇ ئەمەس، ئاز-تولا ساۋادى بولسىمۇ، قارى دېگۈچە يەردە ئەمەس، بەزى يېڭى تونۇشلىرى ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ قارى دەپ ئويلاپ قېلىپ، شۇنداق مۇئامىلە قىلغانلىرىدا ئۇ قىزىرىپ تۇرۇپ: «مەن قارى ئەمەس، ‹كۇچار قارىسى›، بولغۇمىزغۇ بارىدى، شۇ كاژ زاماندا تۇغۇلۇپ قاپتىكەنمىز، بولالمىغان» دەپ قوياتتى. ئۆزى خېلى كۆپ كەسپ ئالماشتۇرۇپ تۇرغاچقا كەسپىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئىمكانىمۇ ئاز؛ مەسىلەن، شۇئاندا ئۇ تاكسىچىلىق قىلىپ يۈرۈدۇ، ئەمما بۇنىڭدا مۇقىملىشىپ قېلىشىغا ئىشەنچ يوق. چۈنكى ئۇ دوغچى بىلەن بىردەم پاراڭلاشسىلا دەرھال دوغچى بولغۇسى؛ لەڭپۇچى بىلەن ئۇچراشقان كۈنىسى دەرھال غالتەك ياسىتىپ ئەتىسىلا لەڭپۇڭچىلىققا باشلايدىغان تىپتە بولغاچقا كەسپى ھەققىدە بىر نېمە دېيىش تەس. ئەمما ئۆزى ئادەتتىن تاشقىرى كۆڭلى ياخشى، ئادىمىگەرچىلىكى يۈزنى قاتلاپ، ئىككى يۈز پىرسەنتكە يەتكەن ئاجايىپ ئادەم. ئۇنىڭ دايىملا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان بالىدەك خىجالەت بىلەن قىزىرىپ تۇرۇشلىرىنى كۆرگىنىڭىزدە بىرەر ئالىجاناپ ئەرباپنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغانمىدۇر؟ دەپ ئويلاپ كەتمىسىڭىزمۇ بولۇدۇ؛ ئۇ پەقەت كوچا ئاپتوۋۇزىدا بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ قالغان ياكى ساتراچخانىدا نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرۇشقان يېرىدە تونۇشۇپ قالغان بىرەر ئادەمنى كۆڭۈلدىكىدەك مىھمان قىلالمىغانلىق شۈبھىسى بىلەن ئەنە شۇنداق پۇچۇلۇنۇپ، ئەنە شۇنداق قىزىرىپ-تاتىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ مانا شۇنداق ئادىمىگەرچىلىكى ۋە تونۇشقاقلىقى خاسىيىتىدە تونۇشۇپ قالمىغان بولساق، بۇ ئۈرۈمچى دېگەننى بىلىسىز، بىر بىنادا 30 يىل ئولتۇرۇپمۇ يان قوشنىڭىزنى تونۇماسلىقىڭىز تامامەن مۈمكىن.

مەنمۇ شۇ ئۇنىڭ كۆڭۈلچەكلىكىدىن ماڭا كايىپ كەتمىسۇن ئۈچۈنلا بۇ يەردىمەن. يەنى، بايا ئۇنىڭ بىلەن يېرىم سائەتلىك قەلپ چۈشەندۈرۈشلەر ئىچىدە ئىشىك ئالدىدا خوشلۇشۇپ ئۆيگە چىققان ئىدىم، خوتۇنۇم ماڭا خۇشخەۋەر قىلىپ دېدىلەركى، قەشقەردىن ئاكام ئەر-خوتۇن يولغا چىقىپتۇ. داۋالانغىلى كېلىدىكەن. مانا شۇ بۈگۈننىڭ ئۆزىدە ئايروپورتتىن ئۇلارنى ئېلىشىمىز كېرەككەن. ھەمدۇلقارىم ھازىر تاكسىچىلىق قىلىۋاتقاچقا، ئەگەر ئۇ تۇرغان يەردە مەن باشقا بىر تاكسى بىلەن قېرىنداشلىرىمنى ئېلىپ كەلگىنىم ئۇقۇلۇپ قالسا ئۇنىڭ ئادىمىگەرچىلىك ئوقلىرىدىن قۇتۇلۇش تەس. شۇڭا ئۇنىڭغىلا دەپ قوياي دەپ كېرىشىم ئىدى. يەنە بىر ياخشى تەرىپى، ئۇمۇ ئاكامنى چالا تونۇغاچقا، مەن بارمىساممۇ بولۇۋېرەتتى. بۇ جەرياندا مەنمۇ كەچلىك ئىشىمدىن قالمايتىم. شۇغۇنىسى مەنمۇ تازا ۋاقتىنى تېپىپ كىرگەن ئوخشىمامدىم!؟

— ئانىسى، ماڭا قاراڭلا، ماندا دېيىشىپ تۇرۇۋەسەك سەت، يۈسۈپھاجىمنىڭ ئۆيگە كىرمىكى ئاسان ئەمەس، ۋاتىلدىشىپ تۇرغىچە گاچچىدا بىر نېمە قىلىڭلا، ھە، ماندا، كېلىڭلا، كېلىڭلا، مانا مەن ئۆزەم ياردەملىشىمەن، دەيمەن،.... — دېدى ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئايالى بىلەن ياخشى-خوپ بولۇشۇۋالماقچىدەك قىلىپ.

ئەمما مەن بۇ ئاداشنى بىلىمەن، ئۆيگە كىردىڭمۇ، ئۇ قازان ئاسماي ئۇنىمايدۇ. ئىككىلا يولى بار: يا ئۇنىڭ مەيلىگە بېقىپ، ئۇنىڭ داسقىنىدىن تائام يەپ، ئۇنى بەختىيار قىلىش؛ يا يۈزسىزلىك بىلەن خوش دېسە، خوش دەپ چىقىپلا كېتىش! شۇڭا مەن بۈگۈن ئۇنىڭغا ئىھتىياج بىلدۈرۈپ كىرگەچكە سىلىقراق بولۇشقا تىرىشىشقا مەجبۇر ئىدىم:

— ھەمدۇللاقارىم، ماڭا قارىسىلا، مەن بىر ئىش بىلەن چىگەن، سىلىگە بىر ئىلتىماس بىلەن، توغرىسىنى دېسەم. شۇنى دەپلا چىقمىسام بولمايدۇ، يەنە كەچلىك دەرسكە بارمىسام بولمايدۇ، خەۋەلىرى با...

— گەپ دېگەننى قىلىشقا ئۈلگۈرىمىز دەيمە، ئولتۇرۇڭە، ئاۋازىڭىزنى چىقاماي، ئاران بى كىرگەندە مۇشۇندالام چىقىدىغان گەپمىكەن؟ بولاڭلا خوتۇن، يۈسۈپھاجىم قامچىسىغا تۈكۈرۈپ ئارانلا تۇرۇدۇ، گاچچىدە بىرنېمە قىلايلى.

— ھەمدۇللاقارىم، ماڭا قارىسىلا، سىلى-بىز يېڭى بوممىغاندىكىن، ئايدا-ژىلدا بى كۆرۈشۈدۇغان ئارىمىز ژىراق بوممىغاندىكىن، ماندا تۈزۈت قىپ كەتمىسەكمۇ بولۇدا، ئولتاسىلا مەيەگە كېلىپ،...

— مانا، مانا ھازىر،... بولاڭلا....

ئەمما ئۇمۇ مەندىن بىر ئاز ھېيىقاتتى. چۈنكى مەن گەپنى ئۈزۈپ تاشلاپلا چىقىپ كەتكەن چاغلىرىم ئاز بولمىغاچقا، مېنى يەنە شۇنداق يۈزسىزلىكنى قىلمايمۇ قالمايدۇ، دەپ ئىشەنگەچكە تاماق قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، دەرھال تەييار نەرسىلەردىن بىر داستىخان راستلاش بىلەن چەكلىنىشكە قارار قىلغاندەك تۇراتتى. شۇغۇنىسى بۇمۇ ئارتۇقچە ئىدىغۇ، ھەركۈنى كۆرۈشۈپ تۇرۇدۇغان ئادەم ئۈچۈن.

ئۇ بەزىدە ئاشپەزلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلەردىن تەسىرلىنىپ كېتىپ، ئاشپەز بولۇپمۇ قوپۇدۇغان بولغاچقا، ئايالىدىنمۇ چاققانراق ئىدى. شۇڭا مىھمانلارنى كۈتۈش ئىشىدا ئاساسەن ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەيتى. شۇنداقلا بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك زەۋقى ھىساپلىناتتى ھەم.

بالىلار ئاياق ئاستىلىرىدا، چاترىقىدا پۇتلۇشۇپ، سۇۋۇشۇپ يۈرەتتى. يۈز-كۆزلىرىدىكى كۆك پوتلا، تاماق يۇقلىرى،... يىللاردىن بېرى سۇ كۆرمىگەندەك تەسىر بېرەتتى. شۇنداقلا ھەر كۆرگەننى يەيمەن دەپ تۇرۇشلىرىدىنمۇ بىر ئاچارچىلىقنىڭ ھىدى كېلەتتى. ئۇلارنى ئاچ قويۇۋاتامدىكىن دېسىڭىز، توڭلاتقۇدا توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە بار، بالىلار خالىغانچە ئېچىپ، ئۆزى خالىغاننى ئېلىپ يېيىشەتتىيۇ، يەنىلا ئاغزى تىنمايتى ۋە ھەمىشە بەر دەپ نالە قىلىشىپلا تۇرغىنى-تۇرغان ئىدى. ئۆينىڭ يەر يۈزىنى كۆرۈنمەس قىلىپ كۆمۈۋەتكەن نەرسىلەرنىڭمۇ كۆپىنچىسى شاكىلات قۇتۇلىرى، تاتلىق –تۇرۇملارنىڭ قۇتۇلىرى، پېچىنە قۇتىلىرىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى مانا شۇ مولچۇلۇقنى دەلىللەيتى. بىساتلارنىڭ ھەممىسى «كۆنگەن — ئىككىنچى يا ئۈچىنچى قول» بىساتلار بولۇشىغا قارىماي، يېمەك-ئىچمەككە كەلگەندە ھەقىقەتەنمۇ بىر سېخىيلىق ئۇرغۇپ تۇراتتى. بالىلارنىڭ چوڭ ئىككىسى يا مەكتەپتە ياكى ئوقۇشتىن سىرتقى كەچلىك پائالىيەتلەردە ھايالشىپ قالغان بولسا كېرەك. بۇلار ئىككەيلەن بولۇپ، چوڭى ئوغۇل ۋە كىچىكى قىز ئىدى. ئۇلار باشلانغۇچنىڭ يوقۇرى سىنىپى ۋە تولۇقسىزدا ئوقۇيتى. باشلانغۇچنىڭ يوقۇرى سىنىپىدا ئوقۇيدۇغان قىزى مېنىڭ قىزىم بىلەن بىر مەكتەپتە پاراللېل سىنىپتا ئوقۇيتى. شۇڭا بەزىدە ئاتا-ئانىلار يىغىنى بولۇپ قالسا بىللە بېرىپمۇ قالاتتۇق.

مەن ھىچ بولمىسا مەخسىدىمنى دېگەچ تۇراي، داستىخان كەلگىچە تۈگۈتۈپ، چېيىدىن بىر يۇتۇم ئوتلاپلا چىقىپ كېتەرمەن دېگەن قازاننى ئېسىپ، ئېغىز ئاچاي دېيىشىمگىلا، ئۇ مېنىڭ ھال-ئەھۋالىمنى سوراپ، بالىلارنىڭ ھال-ئەھۋلىنى سوراپ، خىزمىتىم ھەققىدە سوراپ، زادىلا پۇرسەت بەرمەي، ئاخىرى داستىخاننى ئالدىمغا ھازىر قىلدى. تاتلىق-تۇرۇملار، مېۋە-چىۋىلەردىن تارتىپ، مېغىز تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى بارىدى. ئۇ داستىخاننى مول قىلىش بويىچە مەشھۇر ئاداش ئەمەسمۇ؟ ئۇ بەلكىم مۇشۇ قىلىقى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا ئۇرۇنامدىكىن؟ بۇ نەرسىلەر تىزىلىپ بولغۇچە كىچىك چەينەكمۇ قاينىدى.

— دەرھال يەنە بىر چەينەكتە چاي قويۇۋېتىڭلا، خوتۇن، بىز مانى ئىچكىچە قايناپ قالسۇن، — دېدى-دە، پىيالەمگە چاي قۇيدى. ئادەم دېگەن ئۆزگەرمەيدىغان گەپكەن-دە! قانچە قېتىم سىلكىپ-سىلكىپ رەت قىلغانلىرىمغا قارىماي، يەنە مۇشۇنداق زېرىكمەي ئادىمىگەرچىلىك قىلىدۇ-دە بۇ ئاداش!

— ئاكام قەشقەردىن كېلىۋېتىپتىكەن، — دېدىم چايدىن بىر ئوتلاپلا، — بۈگۈن كەچ سائەت ئالتىدە شۇلارنى ئەكىلدىغان ئىشتى،...

— ئەكىلىمىز، ئەكىلىمىز، خاتىرىجەم بولۇڭ، ئېلىڭە مەزەلەردىن، — دېدى ئۇ مېنىڭ گېپىمنى گويا ئانچە موھىم قاتاردا سانىماي، تېخىمۇ موھىمى مېنىڭ داستىخاندىكى تۈرلۈك تۈمەن نەرسىلەردىن بولۇشىچە يېيىشىمدەك بىر خىل بېسىم بىلەن مېنى زورلاپ. شۇئان ئۇنىڭ مەندىن داستىخانغا بېقىش ھەققىدىكى ئىلتىجانى قىلغان ۋاقىتتىكى چىراي ئىپادىسى، ئاھاڭى، ئىچ-ئىچىدىن قايناپ چىققان دوستانە ئۆتۈنۈشىنىڭ دەرىجىسىنى قانداق تەسۋىرلەشنىمۇ بىلمەيمەن. بەلكىم شۇنداق دېيىشىم مۈمكىندۇر: ئۇ ئۆزى ياكى ئەڭ يېقىن جان-جىگىرى جان ئالغۇچى بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، مەندە بولسا ئابىھايات بار؛ ئاشۇنىڭدىن بىر يۇتۇم بەرسەم ئۇنىڭ جېنى قۇتۇلۇپ قالۇدۇ. ئۇنىڭ شۇئانكى ئۆتۈنۈش شەكلى خۇددى ئەنە شۇ ئابىھاياتتىن بېرىشىمنى تىلەۋاتقان تەرزدىكى يېلىنىشكە، تىلەمچىلەردەك تۆۋەنچىلىككە، بىچارىلىككە تولغانكى، بۇنداق سارغىيىپ، بۇنچە بىچارىلىشىپ، بۇنچە يېلىنىپ بىر ئادەمنى داسقانغا زورلاشنى بەلكىم باشقا بىرىدە كۆرگىلى بولماس! ھەممىدىنمۇ ئادەمنى تەڭلىككە سالىدىغىنى مانا شۇ ھالىتى ئىدى.

بولۇپمۇ تاماقنىڭ ئىككىنچى قاچىسىنى، چاينىڭ ئىككىنچى پىيالىسىنى زورلاشتىكى قەيسىرانە روھى، زېرىكمەسلىكى ھەرقانداق ئادەمنى قايىل قىلماي قالمايتى. 20-قېتىم ئۆزۈر ئېيتىلسىمۇ 30-قېتىم يەنە يېلىنىپ تۇرۇپ ئىلتىماس قىلاتتى.

— دەل شۇ تاكسىنىڭ چاتىقىدىن ۋارقىرىشىپ تۇرۇۋاتقان ئىدۇق، — دېدى خوتۇنى مېنىڭ سۆزۈم تۈگىشىگىلا.

— ئانىسى، سىلە شۈك تۇرۇڭلا دەيمە، ئارىلاشماڭلا، ئە كىشىنىڭ ئىشىغا،... دەۋېرىدۇ، ئەكىلىمىز، خاتىرىجەم بولۇڭ...

— ھە، ئەكىلىسىز! يولدا بىر ئىش بولسا، گەدەنگىچە ئارتىلىپ قالامىكى؟

— نېمە گەپ ئۆزى؟ — دېدىم جىددىيلىشىپ، چۈنكى ئۇنىڭ تاكسىسىدىن چاتاق چىققان بولسا دەرھال باشقا ئامالىنى قىلمىسام بولمايتى.

— خوتۇن كىشى بولغاندىكىن، مېڭىڭلا ئىشىڭلىنى قىلىڭلا،....

— نېمە گەپ بولاتتى، — دېدى خوتۇن ئېرىنىڭ توسۇشلىرىنى بىر تىيىنغىمۇ ئالماستىن، — تاكسىنىڭ يىللىق تەكشۈرەش رەسمىيىتىنىڭ ئاخىرقى سۈرۈكى بۈگۈنكەنمىش، ۋاي يولدا تۇتۇۋالسا جەرىمانە ئالۇدۇ، ۋاي بۈگۈن شۇ ئىشنى قىلىۋالمىسام بولمايتى، دېدى، چىقىپ كەتتى... ھېلى سولۇشۇپ قايتىپ كەپتۇ، ئىشتىن چۈشۈپ كېتىپ قاپتۇ، ئۈلگۈرەلمىدىم، دەپ. ۋاي سىز ئەتتىگەنلام چىقىپ كەتكەنتىڭىز ئەمەسمۇ؟ قانداقسىگە ئۈلگۈرمەيسىز؟ دېسەم، يولدا بىر ئاغىنەم ئۇچرۇشۇپ قالغانتى، شۇ ئاداش مېنى بىر يەرگە بىللە بېرىشىپ بەر دېگەنتى، شۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، ھە بولاپتۇ دەپ بىللە كېتىپتىمەن، مەن كەلگىچە سائەت تۆرت بولۇپ كېتىپتۇ، دەپ ئولتۇرۇدۇ،...

— بۇ ماندا گەپتى دەڭا، ئالدىراپ كېتىۋاتسام، ھېلىقى چارۋىچىلىقتا دەرۋازا ساقلايدىغان ئاداش چاقىرىپ قالدى، ھە دېسەم، ئۇ ئاداشنىڭ شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىدىغان بىر ئىشى باكەن، يالغۇز بارغۇم كەلمەيۋاتىدۇ، بەك زېرىكىشلىك، ئىككى ئادەم بولسا گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىشىپ بېرىپ كەلسەك ئوبدان بولاتتى، ئىشىڭلا بولمىسا بىللە بېرىپ كەلمەيلىمۇ؟ دېگەنتى، ئىشىم بار دەي دېسەم، باھانە تاپتى دېمىسۇن دەپ، شۇ، ماقۇل دەپتىمەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاداش بىلەن تونۇشقاندىن بېرى ماڭا بىر قېتىم لەۋزە قىپ قاپتۇ، لەۋزىنى يەردە قويۇشقا يۈزۈم چىدىماي شۇ،...

— ھەمدۇللاقارىم، ئۇنىڭ ئىشىغۇ بىكلاردىنلا بارىدىغان، بىكاردىنلا كېلىدىغان بىر ئىشكەن، بىللە بارمىسا بولمىغۇدەك ئىشمۇ ئەمەسكەن، سىلىنىڭ ئىشلىرى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە جەرىمانىسىنى قوشۇپ تۆلەيدىغان ئىش تۇرسا، ئويلىمىلىما؟

— ئويلاشنىغۇ، ئويلۇدۇم،... يەنىلا شۇ لەۋز...

— سىلىنىڭ رەسمىيىتىڭلا بولمىسا مەن سىلىگە ئىش تېپىپ بەرمەي، ئەتىلا رەسمىيىتىڭلانى پۈتتۈرۈۋېلىڭلا، ئازراق جەرىمانە تۆلىسەڭلامۇ، تېخىمۇ كېچىكتۈرۈپ، يولدا تۇتۇلۇپ قالغاندىن ياخشى؛ مەن باشقا يولىنى قىلاي، — دېدىم دەرھال ئورنۇمدىن قوزغۇلۇشقا ھەركەت قىلىپ.

— ئۇ ئىش ماڭا تەن زادى! ئۇ ئىشنى پۈتكەن ھىساپلاۋەرسىڭىزلا بولۇدۇ، ماندالام ئالدىراپ چىقىمەن دېمەي، بەش مىنۇت، يەنە بىر سىركاي،... مانا ئىۋۇ مېغىزلادىن، ماۋۇ ئالمىلادىن،... ماڭا قاراڭ دەيمەن،...

ئادىتىم بويىچە ھىچ سالاغا ئېرىمەيلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشككە يېقىنلاشقىنىمدىلا ئاندىن ئۇ مېنىڭ دېگىنىمدىن يانماسلىقىمنى يادىغا ئېلىپ ھاپىلا-شاپىلا ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگرەپ ئارقامدىن يېتىشتى:

— قۇرۇقلا چىقىدىغان بولدىڭىز، ھىچ بولمىسا ئېلىۋالسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ، سىز يېمىسىڭىز بالىلار يەردى؟ — ئۇنىڭدا ئاشۇ «جان قۇتقازغۇچى ئابىھايات»نى ئالالمىغاننىڭ ئىزتىرابى، ئازابى، ئۈمىتسىزلىكى بارىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئاخىرقى ئۈمىدىنى تاكسى ئىشىغا باغلاپ، — ئەمما ئايروپورتقا چىقىش ئىشى پۈتتى دەۋەرسىڭىز بولۇدۇ، جۇمۇ؟ ياق، ماندا دېيىشىپ كەتمەيلى، بۇ ئىش مېنىڭ ئۈستۈمدە، خاپا بولۇپ قالىمەن!...

ئۇنىڭ «ئابىھايات»نى ئالالماي ھەسرەتتە قالغان روھىي ھالىتىنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر ئەلەم يۈكلەنمىسۇن ئۈچۈن، ئۇنى بىر خىزمەت قىلىۋېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، قايتىپ چىقتىم. ئەمما كۆڭلۈم غەش ئىدى. ئاللاھ ساقلاپ يولدا ھالىم-ھادىس ساقچى توسۇپ قالمىغاي، بۇ بىچارە كۆڭۈلچەك ئادەم يەنە بىرمۇنچە زىيان تارتمىغاي دەپ تىلىدىم ئىچىمدە.

 

مىھمانلارنىڭ كېلىشى كېرەك بولغان ۋاقىتتىن سائەتلەر ئۆتكەندە كەچلىك كۇرسىمدىكى ئىشىمدىن قايتىپ ئۆيگە كەلدىم. بالىلار بىلەن ئايالىمنىڭ جىم-جىت ئولتۇرۇپ تېلىۋېزوردىن (بەلكىم 31-قېتىم) «غەرپكە ساياھەت»نى كۆرۈۋاتقىنىدىن، بالىلىرىمنىڭ سۇن ۋۇكوڭ بىلەن تەڭلا ئوخشاش گەپلەرنى تەكرارلاپ تۇرۇشلىرىدىن، مىھمانلارنىڭ ئارىدا كۆرۈنمىشىدىن ھەيران بولدۇم.

— ئاكاملار قېنى؟

— مەندىن سورايسلىغۇ؟ ئەكىلىدىغان سىلى ئەمەسما، مەن سىلىدىن سورىسام بولا؟ — دېدى ئايالىم، بىر ياقتىن ئاكاملارنىڭ كەلمىگىنى ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى چىرايىدىن چاندۇرۇپ. ئەرنىڭ تۇققىنى ئەمەسمۇ.

— نېمە دەيدىغانسە، مەن ھەمدۇللاقارىمغا دېسەم ئۆزەملا ئەكىلىۋېرىمەن، سىزنىڭ بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، دېگەندەك قىلدى، شۇڭا مەن ئىشقا كەتتىم ئەمەسما.

— نېمە دەيدىغاندۇ بۇ، ئادەمنى گۇناكا قىلىپ، يەنە شۇ مېنىڭ «ئەنىڭ تۇققىنى» دەپ يامان كۆرگەنلىكىمدىن شۇنداق بولغاندەك تەپسىر قىلىنارمىكى تايىنلىق! يەنە مەن ئەسكى بولامەن؟ دەرھال تېلىپۇن قىلىپ سوراپ باقسىلا، نېمە بولدى؟

— تېلىپۇننى سەن قىلساڭمىكىن، مېنى سورىسا يوق دەپ قويساڭلام بولۇدۇ، سەن ئاسانراق قۇتۇلۇسەن.

— مەن قىلساممۇ بەك قىسقا بولسا يېرىم سائەت سۆزلىشەرمىكىن دەيمەن؟

— شۇنداق بولسىمۇ، ساڭا ئاسانراق، سەن قولۇم خېمىردا ئىدى، ماقۇل ئەمىسە دەپلا قويۇۋەتسەڭ بولدىغۇ.

تېلىپۇن قىلىندى. مىھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۇق. شۇغۇنىسى ئۇلار ھازىر ھەمدۇلقارىمنىڭ ئۆيىدە ئىكەن!

— يۈسۈپھاجىم ئىشتا بولسا زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ ئۆيگىلا ئەكىردىم، بىز يات ئادەم بولمىساق، ئۇ ئۆي، بۇ ئۆينىڭ پەرقى نېمە؟ ئوخشاشلىغۇ؟ راستمۇ يا؟ يەنە بىر يېقىنى دېسەكمۇ بىزنىڭ بوسۇغىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ سەت... مەن ئەكەلسەم-دە، ئەكىلىپلا سىلەرگە يوللاپ قويۇپ، ئۆزەم ئىشىمغا كەتسەم ياكى ئۆيۈمگە كىرىپ كەتسەم نى ئات، نى نومۇس؟ يۈزۈم چىدىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە باشلىدىم، ئوخشاشلىغۇ؟ سىلە-بىز يات ئادەم بولمىساق؟ ئۇ ئۆي، بۇ ئۆينىڭ نېمە پەرقى؟ يۈسۈپقارى كەلسە كىرسۇن، مۇشۇ يەردە ئولتۇرىمىز بىردەم، مۇھەببەتلىشىپ... ئۇ ئۆي، بۇ ئۆينىڭ.... — يەنە باشلىدى.

— ماقۇل، ھەمدۇلقارىم، قولۇم خېمىردىدى، يۈسۈپھاجىم كەلسە مەن دەي، ماقۇل.

— ئۇ ئۆي، بۇ ئۆينىڭ... — ھەمدۇللاھقارى يەنە باشلاۋاتاتتى، ئايالىم گەپنى بۆلۈپلا تېلىپۇننى قويۇۋەتتى.

— مانا ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ — دېدىم بېشىم قېتىپ. ئاكا بولسا مېنىڭ، ئۇنىڭغا ھىچ مۇناسىۋىتى يوق. ئۇ ئەكىرىپ مىھمان قىلىۋاتسا، بىكار بولغاندا چىقارسىلە، دەپ ئولتۇرۇۋەرسەم سەت ئەمەسمۇ؟ كىرىپ ئېلىپ چىقاي دېسەم، تۈگۈمەس سالا-سۇلىدىن ئادەم پارتلاپ كېتەيلا دەيدىغىنى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپلا تۇرسا. نېمىلىكىم بولمسۇن چىقماي بولمايدىغان ئىشتەك...

— چىقمىسىلا سەت تۇرامىكى؟ — دېدى ئايالىممۇ دەككە-دۈككە بولۇپ، — مەن ئېتىم شورلۇققا توقام توقۇلۇدۇ شۇ. چىقىپ، ھەمدۇلقارىمغا رەھمەت دېگەچ ئېلىپ كېرسىلە جان-جىگەر ئاكلىرى بىلەن تاتلىق يەڭگىلىرىنى.

ئۇنىڭغا سەت بىر ئالىيىپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم.

مەن كىرگىنىمدە ئاكاملار مول داستىخاننىڭ ئۈستىدە سالا-سۇلى، ئالسىلا-باقسىلا بىلەن ئولتۇرۇشۇپتىكەن. ئۆيدىكى بىسەرەمجانلىق خېلى بېسىقتۇرۇلۇپ، بىر ئاز بوش يەر ئېچىلغاندەك قىلسىمۇ، يەنە قانداقتۇر بىر تارچىلىق، خۇددى ئانامنىڭ ئوخشۇتۇشلىرىدىكى «قىرغىز چۈشكەندەك» ھىس قىلىناتتى ياكى ھەممە نەرسە –نەرسە كېرەك تېپىلىدىغان ئامبارنىڭ كىچىككىنە بوشلۇقىدا ئولتۇرۇشقاندەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى. بالىلارنىڭ چوڭلىرى مىھمانلار بىلەن داستىخاندا، ئايال ساھىپخانمۇ كۆپرەك داستىخانغا داخىل بولغاچ ۋە مىھمانلارنى داستىخانغا زورلىغاچ ئۆزىمۇ يوغان-يوغان ئالغاچ، يەنە بەزىدە ئاشخانا ئارىلىقىدا مېڭىپ يۈرگەندەك، يەڭگىل ئولتۇرۇپتۇ. ھەمدۇلقارىم ئۆزى كۆپرەك ئاشخانىدا بولۇپ، كېلىپ بېرىپ ياكى ئاشخانىدا تۇرۇپلا سۆھبەتكە داخىل بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. بالىلارنىڭ كىچىكلىرى داستىخاننى ئوغلاقلاردەك پېتىقداپ، ھەممە نەرسىنى چىشلەپ قوياتتىكى، ھاينى ئۇقۇدۇغاندەك قىلمايتى.

مەن بەخىرامان ئولتۇرغان ئاكام ۋە يەڭگەم بىلەن كۆرۈشۈپ، «بۇ تازىمۇ؟!...» دېگەن مەنىدە خاپا چىراي قارىغان ئىدىم، ئاكام ماڭا گۇناھكارلارچە قاراپ:

— قانداق قىلىمىز، ئىككىڭلار شۇنچىلىك يېقىن بولغاندىكىن، ئىككى ئۆينىڭ پەرقى يوققۇ؟ ھەمدۇللاقارىمنىڭ ياخشى كۆڭلىنى يىرالمايلا قالدۇق، بۇ قانداق قىلىق؟ بىز دېگەن نەچچە يىلدا، مىڭلاپ كلومېتېر ئۇزاق بىژ يەدىن كەسەك، كەگەن يەنى قويۇپ سىلىنىڭ ئۆيگە چىرىۋاساق قاندا بولۇدا دېسەك ئۇنىماي شۇ...

— مانا، يۈسۈپھاجىم ئۆزى دەپ باقسۇن، ئىككى ئۆينىڭ پەرقى بار دېسە گۇنا مەندە.

— ئۇغۇ شۇ، شۇندا بوسىمۇ،...

— ئاغاچ ئولتۇرۇڭلا ماندا، يىگەچ قىلىمىز گەپ دېگەننى...

— مەن يولدا تاماق يەۋاپتىكەنمەن، — دېدىم كەيپسىزلىكىمدىنلا يالغان سۆزلەپ.

— ھېلى تېخى كەلمىدى دەۋاتقان، كېلىپلا تاماقمۇ يەپ بولالمىدىڭىز ھەقىچان، ئېلىڭە، — ئۇ مېنى يېلىنىپ، بىچارىلىك بىلەن تاماققا زورلاشنى باشلىدى. ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆز ئاكىلىرىم بار يەردە يۈزسىزلىك بىلەن رەت قىلالمايدىغانلىقىمنى پەم ئەتكەن ئىدى.

مىھمان بىر يەردە قېلىپ مېنى زورلاش باشلاندى. سىلىق رەت قىلىشلىرىم كار قىلمىغاچقا ھەمدۇللاھقارىنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ:

— مېنى بىلىلىغۇ؟ خوش، دېدىممۇ بولدى. يېگۈم بولسا يەۋېرىمەن، گەپ كەتمەيدۇ، —دېدىم.

ئەمما ئۇ 20-قېتىم يەنە ئۆتۈنۈش قىلدى.

— قاندا ئادەم بولدۇڭكى، ئۇكام، — دېدى ئاكام ماڭا كايىپ، — قوسۇقۇڭ يېرىلىپمۇ كەتمەس، بى ئادەمنىڭ كۆڭلىكەن، بولاپتۇ دەپ ئالساڭچۇ، — دەپ زورلۇشۇپ بەردى. چۈنكى ئاكام ھەمدۇللاھقارىنىڭ مىجەزىنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ شۇ قەدەر چىدىغۇسىز سارغىيىپ يېلىنىشىگە چىدالماي قالغان، بۇنداق بىر دوستانىلىققا مېنىڭ قىلىۋاتقىنىم تازىمۇ يۈزسىزلىك بولۇپ ئوچۇق سېلىشتۇرما بولۇپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

مانا شۇنداق جەڭگى-جىدەللەر بىلەن تاماق يېيىلىپ بولغان ھىساپلىنىپ، داستىخان يىغىلىپ بولدى. ئەمما دەرھال قېقىشتۇرۇلغان داستىخان قايتىدىن سېلىنىپ، ئۇششاق-چۈشەكلەر، تاتلىق-تۇرۇملار كەلتۈرۈلدى.

— ئەمدى پاراڭلاشقاچ بىردەم چاي ئىچىشىمىز، — دېدى ھەمدۇللاھقارى.

— قارىم، خېلى ۋاخ بولدى، بىز چىقايلىمىكى؟ چاينى ئۆيدە ئىچەرمىز، — دېدىم بىر ئاز تاتىرىپ، ئاچچىقىمنى يوشۇرالمىغان ھالدا.

— ئااا، چىقىسىلەر، ئۈلگۈرىسىلەر، بىردەم ئولتۇرىلى، مانا ما چاي كەلدى، مۇشۇندالام تاشلاپ چىقىپ كەتمەكچىمۇ؟

— ماقۇل دېگىنا، ئۇكام، ھەمدۇللاقارى شۇندا كۆڭلى ئوچۇق بىر ئادەمكەن، ئوسىسى ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىشمۇ بوممىغاندىكىن، بىردەم ئولتۇرساق ئولتۇرىلى، — دېدى ئاكاممۇ.

سەلدىن كېيىن شورلۇق كېلىن ئېتىدىن قورقۇپ ئايالىممۇ كىرىپ كەلدى. يەڭگىسىگە بىردەم كايىپ، تەكەللۇپ سۆزلەر ياغدۇرۇپ ئاندىن چېقىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئېلىۋېتىلگەن تاماقلاردىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كەلتۈرمەي كۆڭلى ئۇنىمايدىغانلىقىنى قىياس قىلىشقا بولاتتى. مانا ئەمدى ھەمدۇلقارىم ئۈچۈن جان قۇتقازغۇچى «ئابىھاياتتىن بىر يۇتۇم تىلەش» ئىشى يەنە باشلاندى. سارغىيىپ، پۈكلۈنۈپ، بىچارىلىشىپ، ئۆز-ئۆزىنى يەرگە مىڭ ئۇرۇدۇغان تىلىنىشلەرگە بەس كېلەلمەي ئايالىم بىرەر تاۋاق يەۋېتىشتىن ساقلىنالمىدى.

كېيىن يەنە بىز ئەمدى ئۆيگە چىقايلى، دېگەن تەلىپىمنى تەكرارلىدىم. شۇندىلا مەلۇم بولدىكى، باياتىن بېرىكى چىڭ تۇتۇشلار مەن ۋە كېيىن ئايالىم ئۈچۈن بولۇۋېتىپتۇ؛ مىھمانلار ھەققىدە گەپ قىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق، مۇشۇ يەردە قونۇپ قالىدىغانلىقىدىن تولۇق ئەمىن بولغان بىر ھالى بارىدى. بۇ ھال ماڭا بىر ئاز ھار كېلىشكە باشلاپ، دائىمىي يۈسىزلىكىمنى ئەمدى قىلماي چارە بولمىدى، دەپ تۇراتتىم، ئاكام يەنە ئىشقا ئارىلاشتى:

— قارا ئۇكام، بىر ئادەمنىڭ ياخشى كۆڭلى دېگەننى ئالتۇن بىلەنمۇ ئۆلچىگىلى بوممايدا جىما؟ بوپتۇ، دە، كېچىچە بىز ساڭا ئالتۇن چىچىپ بېرەتتۇقما، ئەتە چىقساقمۇ سېنىڭ ئۆيەڭ قاچمايدا.

بىز چەكسىز خورلۇق ھىس قىلىپ تۇرساقمۇ، ئاكامغا بۇنى چۈشەندۈرۈش بى ئەپ بولۇپ، ئايالىم ئىككىمىز ئاستا چىقىپ كەتتۇق. ئەمدى ئۆيگە چىققاندىن كېيىن ئايالىمنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىدىن قانداق ساقلىنىشىم كېرەك دېگەنلەر ئۈستىدە باش قاتۇرمىسام يەنە بولمايتى.

 

دەرسكە كىرەي دەپ تۇراتتىم، تېلىپۇنۇم چالدى. ھە، توغرا، مەن كىم؟ ئۆزۈمنى تۈزۈكرەكمۇ تونۇشتۇرمايلا بۇ يەرگە كەپتىمەن. مەن — بىر شەخسلەر ئاچقان تىل كۇرسىنىڭ مۇئەللىمى، كۈندۈزى بىر نەچچە سائەت، كەچكۇرسىدا بىرنەچچە سائەت دەرسىم بار. بېرىدىغىنى دەمسىز؟ ئۇنىڭ بىلەنغۇ بالا باققىلى بولمايدۇ، قانداق قىلاي؟ ئۆز ئالدىمغا تىجارەت تۇتقىدەك نە پۇلۇم، نە دىتىم بولمىسا؟ ئەمما بالىلار كۆپەيمەستە «ئېسىڭنىڭ بارىدا ئېتىكىڭنى ياپ» دېگەندەك ئارقامغا تاشلىۋالغان ئازراق پۇلۇمنى بىزدەك چالا موللا زىيالىغا ئامراق تىجارەتچى دوستلاردىن بىرىگە قېتىپ قويغان ئىدىم، ئانچە-مۇنچە پېيىمغا چۇشلۇق بىرنېمە ئايرىپ بېرىپ تۇرۇۋاتقان، ھازىرغۇ ئۇ ئاداش بەك يوغۇناپ كەتتى؛ پۇلى ئاۋۇغانچە بىزنىڭ پۇلىمىزدەك ئۇششاق رەقەملەر ئارىلىقلاردا كۆرۈنمەي قېلىۋاتامدىكىن، ھىساپ-كىتاپتىن قاچىدىغانمۇ بولۇۋالدى. بىز دېگىنىم، مەندەك يەنە بىرنەچچە چالا بىلىمدان دوستلار، ھەممىمىزلا بىر ئاز نارازى كوتۇلدۇشۇدۇغان بولۇپ قالدۇق. مەنمۇ ھاجىم ئاتالغىنىم تۇرۇۋەرسۇن، ھىچ ھەج قىلىپ باقمىدىم. «كۇچار قارىسى» دېگەندەك، مەنمۇ ئاشۇنداق ھاجى. مانا شۇ مەن.

تېلىپۇن چالغان كىمىكەن دەمسىز؟ ئاشۇ بىزنىڭ ھەمدۇلقارى.

— ھەبىبۇللاقارىم تۈركىيە زىيارىتىدىن قايتىپ كەپتۇ-ھە؟ نەچچە كۈن بولۇپ كەتتى دەيدۇ، ئاڭلىماپتۇق، — دېدى ئۇ ئېغىر ھەسرەت بىلەن، — ئادىمىگەرچىلىكتىنمۇ چىكىتەمدۇق نېمە مۇشۇنداق قىلىپ؟ نەچچە كۈن بولۇپ كەتكىچىمۇ ھارماي كەپسىلەر، دەپ ھاردۇق سوراپ بېرىپ قويالماپتۇق، تېخى ئۇقماي يۈرگىنىمىز ئۆتۈپ كېتىدۇ-دە! — ئۇ دەۋاتقان ھەبىبۇللاقارىم دەل مەندەك بىرنەچچىمىز ئازراقتىن پۇلىمىزنى قوشۇپ قويغان كاتتا تىجارەتچى دوستىمىز شۇ ئىدى.

— ۋاي، قارىم، ئۇنىڭدىن بەك باشلىرىنى قاتۇرۇپ كەتمىسىلىمۇ بولۇدۇ چا، ئۇ يىتىم بەك ئالدىراشكەن، باشقا تونۇشلارنىڭمۇ جىقى تېخى ھاردۇق سوراپ بارالماپتۇمىش، كەلمىدىڭلا دەپ ئاغرىنىپ كەتكۈدەكمۇ ئەمەس تۇرۇدۇ، شۇڭا بەكمۇ ئۇپرۇنۇپ كەتمىسىلە، ماقۇل ئەمىسە باشقا گەپ بولمىسا مەن دەرسكە ماڭغان ...

— قاندا جاھان بوپ كەتتى دەڭا، بۇ؟ ئادىمىگەرچىلىكتىن چىكىتەمدۇق نېمە مۇشۇنداق قىلىپ؟ سەپەردىن كەلگەنلەرگە نەچچە كۈن بولۇپ كەتكىچىمۇ بېرىپ قويالمىساق،...

— مەن دېدىمغۇ، بەك ئۇپرۇنۇپ...

— ياق دەيمىنا، مۇشۇنداقلام ئادىمىگەرچىلىكتىن...

— قارىم، خاپا بولمايلا، جۇما، مەن سىنىپنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم، ماقۇل!

ئۇھ، ئاشۇنداقلا قۇتۇلدۇممۇ ئەمدى؟ ناتايىن. ئەمما ھەبىبۇللاھقارىم ئۆزى ھەمدۇللاقارىنى بىللە ئېلىپ كەلمىگەن بولساڭلا دەپ ئالاھىدە جېكىگەن ئىش بار-دە، بۇنى ئۇنىڭغا قانداق دېگۈلۈك؟ ھېبىبۇللاھقارىم بۇ ھەمدۇللاقارىم بىچارە ئاقكۆڭۈل دوستىمىز بىلەن بەك يېقىنمۇ ئەمەس، ئەمما بۇ كۆڭۈلچەك ئاداش ئۆزى شۇنداق يېقىنىم دەپ ئويلاپ يۈرەتتى. شۇڭلاشقىمىكىن، ھەر ئىشتا، ھەر پۇرسەتتە ئادىمىگەرچىلىك ئىپادىلەشكە تەييارلا ئىدى. ئۆتكەندە ھەبىبۇللاھقارىم لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نامرات دۆلەتلەردە يېڭىدىن بازار تاپقان يولداشلارنىڭ ساختا توۋارلىرىنى سېتىپ قايتىپ كەلگەن چاغدا ئەنە شۇنداق بىر ھاردۇق سوراشقا بارغان ئىكەن. كۈن-تۈنى ئالمىشىپ قالغان بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ كۈندۈزىدە ئۇ يەرلەردە كېچە بولغىنى ئۈچۈن ئۇخلاشقا ئۈگۈنۈپ قالغان ھەبىبۇللاھ قارىم ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرسا ھەمدۇللاھقارى پۈتۈن ئائىلىسى (بەش بالىسى بىلەن) ھاردۇق سورىغىلى بېرىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ. چاي-پاي، تاماق-پاماقلارمۇ تارتىلىپ تۈگەپتۇ، ئەمما يەنىلا ئولتۇرۇپتۇ. ئاۋال كېلە-كەلمەيلا كەتكىلى جابدۇساق، سەت تۇرمىسۇن دەپ؛ كېيىن تاماقنى يەپ-يېۋىلىپلا قپقىلى تۇرساق سەت تۇرمىسۇن دەپ ئولتۇرۇپتۇ. ئولتۇرۇپتۇ. ساھىپخانلار ئاغزى يىرتىلغۇدەك سەت ئەسنىشىپ بىشارەت بېرىۋاتسىمۇ، بۇ ئاقكۆڭۈل دوستىمىز، ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا كەتسەك سەت تۇرمىسۇن دەپ ئويلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ھەتتا سەپەردىن كەلگەن ئاداش سۆھبەتكە ھىچ جاۋاپ بەرمەي قىشىيىپ قاپتۇ. ئەمما، «مۇشۇنداقلا چىقىپ كېتىش»نى ھەمدۇلقارىمنىڭ ئادىمىگەرچىلىكى قوبۇل قىلالمىغاچقا يەنە ئولتۇرۇپتۇ. ئاخىرى بولماي، ھەبىبۇللاھقارىم:

— سىلە خېلى ئولتۇرۇدۇغاندەك قىلىسىلەر، مەن كىرىپ ئۇخلاۋېرەي، باللا بىلەن گەپلىشىپ ئولتۇرۇڭلار، — دەپ ھوجرىسىغا كىرىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ.

مىھمانلار ئولتۇرۇشنى يېرىم كېچىگىچە داۋام قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا قوپۇدۇغاندەك ئەمەسمىش. ساھىپخان ئايال بالىلارغا ئىجازەت بېرىپ:

— ئەتە مەكتەپكە قوپالمايسىلەر، سىلەر كىرىپ ئۇخلاۋېرىڭلار، مەن ئەتە بىكار بولغاندىكىن كۈندۈزى كەچكىچە ئۇخلۇۋالارمەن، — دەپ بالىلارنىمۇ ھوجرىلىرىغا ھەيدەپتۇ.

— بىزمۇ ئاستا مىدىرلايلى، دەپتۇ ھەمدۇلقارىم ئايالىغا ئىشارە قىلغاچ.

— تۇتمۇدۇم ئەمىسە، باشقا بىر كۈنى يەنە كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتەرسىلەر، — دەپتۇ ساھىپخان ھە دېمەستىنلا تەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرماستىن. شۇغۇنىسى مىھمان ئورنىدىن تۇرماي، تېخىچە خاتىرىجەم ئولتۇرۇپتۇ. ساھىپخان ئاغزى يىرتىلىپ كېتىدىغاندەك سەت ئەسنەپ، ئۆزىنى قىيناۋاتقان ئۇيقۇنى قارغايدىكەن. ھەمدۇلقارىم بىرىنچى قېتىملىق «كېتەيلى»دىن كېيىن ھەر ئون مىنۇتتا «كېتەيلى»نى بىر قېتىم تەكرارلاپ قويسىمۇ، يەنىلا قوزغۇلالمايدىكەن. چۈنكى تېخىچە مۇشۇنداقلا كەتسەك سەت تۇرارمۇ دەپ ئىشەنچسىزلىك ئىچىدە پۇچۇلۇنۇۋاتقانلىقىنى مەن چۈشۈنۈپ تۇرساممۇ، ئۆي ئىگىلىرى چۈشەنمەيتى. ئۇنىڭ «كېتەيلى»لىرىگە ساھىپخان باشتىن ئاخىر تەكەللۇپ سۆزى قىلىپ، «ۋاي نېمانداق ئالدىرايسىلەر، بىردەم ئولتۇرساڭلار بولاتتى»، دېگەننى ھىچ دەپ باقمىغان بولۇشىغا قارىماي، ھەمدۇللاھقارىنىڭ كۆڭلى يەنىلا ئۇنىمايدىكەن. ئۇ تېخىچە ئۇزۇن سەپەردىن كەلگەن ئادەمنىڭ ئۆيىگە ھاردۇق سوراپ كىرگەن تۇرساق، تۈزۈكراقمۇ ئولتۇرمايلا كەتسەك سەت تۇرارمۇ دېگەن ئەندىشىدە كۆڭلى ئۇنىماي ئولتۇرۇۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى. چۈنكى بىزمۇ قوشنىدارچىلىقتا بۇنداق ئادىمىگەرچىلىكتىن نەسىۋىمىزنى نەچچە ئالغانلىقىمىز، ئاشۇنداق ئەسنەشلەر، كېرىلىشلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكەزگىنىمىز ئۈچۈن بۇ ماڭا شۇنچىلىك تونۇشلۇق ئىدى. بىزغۇ بىر تاۋاق ئېشىمىزنى قىزغىنىپمۇ كەتمەيمىز، بەش بالىسىنىڭ (ئاشۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى چوڭلىرى داخىل) داۋازلاردەك ساپانىڭ قىرلىرىدا، تاماق شىرەسىنىڭ ئۈستلىرىدە، شىكاپلارنىڭ قىسىلچاقلىرىدا قىيا-چىيا بىلەن يۈرۈشلىرىمۇ مەيلى، كىچىك بالا ئەمەسمۇ؟ دېسەكلا تەسەللىي تاپىدىغان ئىشلار، ئەمما شۇ ئەتىسى ئىشقا بېرىشنى ئويلىسىڭىزلا، بۇ ئادىمىگەرچىلىككە «بىز ئۆيدە يوق» ياكى «تالاغا چىقايلى دەپ تۇرغان» دېمەكتىن باشقىمۇ چارە يوق بولاتتى. ئەمما قارىم ئۆزى ئەتىسى ئىشقا بارمىسىمۇ مەيلىكى، مىھمان تاڭ ئاتقۇچە ئولتۇرۇپ ئۇنى بەختىيار قىلسىلا.

نىھايەت، بىرىنچى قېتىم كېتىشكە جابدۇيدۇغاندەك قىلىپ، «كېتەيلى» دېگىنىدىن قىرىق مىنۇتتەك ئۆتكەندە ئاندىن رەسمىي ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقا باشلاپتۇ. بالىلار بەكمۇ ئەركە ئۆسكەچكە مىھمانغا كەلگەن يېرىدىمۇ يەنىلا شۇ ئەركىلىكى بىلەن پۈتۈن ئۆينىڭ ھەممە بۇلۇڭىدا قىيغىتىپ ئوينىغاچقا، ئۇلارنىڭ پوسمىسىنى، پايپىقىنى ياكى سومكىسىنى تېپىش، كىيىندۈرۈشمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. چۈنكى پايپاقنىڭ بىر پېيى ئاشخانا ئۆيدىكى ئوچاق ئاستىدىن يەنە بىر پېيى مىھمانخانا ئۆينىڭ كارۋات ئاستىدىن تېپىلىدىغان بولغاچقا، بۇلارنىڭ ھەممىنى تېپىپ، رەسمىي ئىشكككە قاراپ سىلجىش ئۈچۈنمۇ تولۇق بىر سائەت ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس ئىدى. خەيرىيەت، يەنە بىرەر نەرسىسى ئۇنتۇلۇپ قالمىغاندۇر، دەپ تىلەپتۇ ساھىپخان ئايال.

مانا شۇ ئادىمىگەرچىلىكتىن كېيىن ئۇلار ھەمدۇلقارىمنىڭ يوقلاپ كېلىش ھەققىدىكى بىشارەتلىرىگە بىز ئۆيدە ئەمەس، ئىشىمىز بارىدى، بىر يەرگە بارماقچىدۇق دەپ، ئۆزىنى قاچۇرۇپلا كېلەتتى. ئەمما ھەمدۇلقارىم بولسا، ئادىمىگەرچىلىكتىن چىقىپ كېتىۋاتىمەنمىكىن دەپ ئۆز گۆشىنى يېگۈدەك بولاتتى. ماڭىمۇ شۇ قوشناڭلارنى ئەگەشتۈرمەي كېلەرسىلەر دەپ تاپىلىغاچقا ئۇنىڭغا ئۇقتۇرمايلا ئاللىقاچان بېرىپ كەلگەن ئىدىم. ئاللاھ ساقلىسۇن، ئۇ مېنىڭ خەۋەر بېرىپ قويمايلا ئۆزەم بېرىپ كەلگىنىمنى ئۇقۇپ قالسا بالا تاشىدۇ.

كەچتە ھەمىشەم بولۇپ تۇرۇدۇغان بىر ھال — ھەمدۇلقارىم بىلەن بىنا ئالدىدا ئۇچرۇشۇپ قالدۇق.

— ھە، ئىشتىن قايتتىڭىزمۇ؟ — دېدى ئۇ قولۇمنى قوشقوللاپ سىقىپ، قويۇپ بەرمەستىن جىمىكى ئامراقلىقى بىلەن، — قانداقراق؟ ئىشلار ياخشى كېتىۋاتامدۇ؟ بالىلار تېچلىقتۇ؟ تېچلىق بولسۇن. ... ھە، ئىشتىن قايتىپتۇقتە؟ ھە بىزمۇ شۇ جاھاندارچىلىق، مىدىرلاپ تۇرۇۋاتىمىز، قانداق؟ باللا تېچلىقتۇ؟... تېچلىق بولسۇن،... — ئۇ تېخىچە قوللۇرۇمنى بوشاتمىغان ئىدى. كۈلۈۋېتەي دېسەم تېخى، «ماڭەۋە، بولدى قىلە» دەي دېسەم ياخشى گەپلەر، ياخشى كۆڭۈلدىن چىقىۋاتقان ياخشى تىلەكلەر...

— باشقا گەپ بولمىسا مەن... كەچتە يەنە بارىمەن ئەمەسمۇ، ئازراق تەييارلىقلىرىم بار، خەۋەلىرى با...

— ھە، بولۇدۇ، بولۇدۇ، ماقۇل، ئاللاھ ئىشىڭىزغا قولايلىق بەرسۇن، — دېدى ئۇ دەرھاللا ئىجازەت بېرىپ، ھىچكىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايدىغان، گېپىنى يىرالمايدىغان ئادىتى بويىچە. ئەمما بۇنداق ئىشلار دايىملا بولۇپ تۇراتتى، «ماقۇل ئەمىسە» بىلەنلا تۈگۈمەيتى، — ھە، راست ئاۋۇ ھەبىبۇللاھقارىمنىڭ ئۆيىگە قانداق قىلىمىز؟ مۇشۇنداقلا كېتىۋېرىدىغان ئىشمۇ؟ ئادىمىگەرچىلىكىمىزمۇ تۈگەپ كېتىۋاتامدۇ، نېمە بالا؟

— راستىنى دېسەم،... مەن ... — مېنىڭ ئاللىقاچان بېرىپ كەلگىنىم ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمىسۇن ئۈچۈن، بىر يالغان ھىكايە توقۇشۇمغا توغرا كەلدى، — ئاشۇ مەھەللىدىن ئۆتۈۋاتسام ھەبىبۇللاھقارىم ئىشىك ئالدىدىكەن، ئۇچرۇشۇپ قالدۇق، قېچىشقا چارە بولماي، ئۆيىگە پەتە قىلىۋەتكەن ئىدىم، شۇنى ھىساپ قىلىپ، ئاتايىتەن يەنە بارمىساممۇ بولار دەپ ئويلاپ يۈرۈۋاتىمەن، قارىسام بەك سېغىنىپ كەتكەندەكمۇ قىلمايدۇ. سىلى بىر پۇرسەت بولغاندا بېرىپ يوقلاپ كېلەلا، بەك ئالدىرىمىسىلىمۇ بولۇدۇ، ئۇلارنىڭ ھازىر مىھمان كۈتۈشكە چولىسى تېگىدىغاندەكمۇ ئەمەس،...

— ھە...؟ سىزمۇ بېرىپ كەپ بوپسىز-دە، مانا! مەن قاپتىمەن، ئادىمىگەرچىلىكتىن چىقىپ بولدۇمغۇ مەن، قاندا بولۇپ كەتتى، بۇ جاھان.

— ئۇنچىۋالامۇ ئەمەس، قارىم، كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا، ماقۇل ئەمىسە،...

— ماقۇل، ماقۇل،... — دېدى ئۇ يەنە ئىجازەت بېرىپ، — مۇشۇنداق ئىشلاردا، ھاجىم، بىزلىگىمۇ بى ھايت دەۋەتكەن بولسىڭىز،... بىزمۇ بى قاتاردا...

— بايا دېدىمغۇ، مەن بىر تاسادىپلا ئاشۇ ياقتىن ئۆتۈپ قېلىپ،...

— ياق، ياق، ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە باشقا بىر ئىش كەپ قالمىسۇن، مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم، ئادىمىگەرچىلىك جەھەتلەردە دىققەت قىلمىساق، ...

— ماقۇل ئەمىسە، قارىم.

— ماقۇل، ماقۇل، ھە، راست، ئاۋۇ ھېلىقى...

ئەمما مەن ئاللىقاچان بىنانىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى تولۇق ئاڭلىماي قالدىم.

 

بايا بىر ئاز پۇرۇتۇپ ئۆتكەنمىدىم؟ بىزنىڭ ئاشۇ باي دوستىمىزغا قاتقان ئازراق پېيىمىزنىڭ خاپىلىقىچۇ؟ ھە، مەندەك ئازراق پۇلغا قاراشلىق غورىگۈل سىنىپىدىكى زىيالىي دوستلار بىر كۈنى بۇ ھەقتە غۇلغۇلا قىلىشىپ، ھەبىبۇللاھقارىمدىن راسا دەرت تۆكۈشتۇق. ئاخىرىدا بۇنداق كېتىۋەرمەي، بۇ ئاداشنى بىر يەرگە چاقىرىپ سۆزلىشەيلى، دېيىشتۇق. قەيەرگە چاقىرساق بولار؟ ئۆيىمىزگە چاقىرساق، ئۇ مىھمان، بىز ساھىپخان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنىڭدىن ھىساپ سورىغىلى، قاتتىق-يىرىك ئېيتىشقىلى بولمايدۇ؛ رىستۇرانغا چاقىرايلى دېسەك، ھىچقايسىمىزنىڭ بۇ چىقىمنى كۆتۈرگۈچىلىكى يوق، ئاخىرىدا پۇل تۆلەش يەنە باي دوستىمىزغا قالۇدۇ-دە، يىگەننىڭ يۈزى ئۇيۇتار دېگەندەك بولۇپ، جىددىي بىر ھىساپ-كىتاپ يىغىنى بولۇشتىن چىقىپ، ئادەتتىكى بىر زىياپەتكە ئايلىنىپ قالۇدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟

ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇ ياقىغا — سۇ ئامبىرى تەرەپكە بېرىپ، مەنزىرە كۆرگەنلە بولۇۋېلىپ، شۇ يەردە بىر يەردە ئولتۇرۇپلا دېيىشمەمدۇق؟ ئارىمىزدىن بىرى تېخىمۇ يېقىن بىر يەردە خېلى پەيزى بار بىر يەرنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مانا شۇ يەرگە بارايلى دېيىشتۇق. ئەتىسىگە ھەبىبۇللاھقارىنىڭ ئالدىراشتىم دېگىنىگە قويماي، ئۇنى بېرىشقا كۆندۈرۈپ قويدۇق. ئاندىن ئاشۇ يەردە تېپىشىدىغان بولدۇق.

بىز ئالدى-كەينى بولۇشۇپ، ئۇيغۇرچۇلۇقنى جارى قىلىپ، دېيىشكەن يېرىمىزگە يېتىپ كەلگەن چېغىمىزدا چۈشكە يېقىنلاپ قالغان ئىدى. بۇ باغچىمىز دۇكانلاردىن ئۇزاق، ئادەملەردىن ئۇزاق خىلۋەتتە بولغاچقا، ھېلىلا قورسىقىمىز ئېچىشقا، ھىچ بولمىغاندا ئۇسساشقا باشلايتۇق. بۇ ھالنىڭ بىر پايدىسى بارىدى، گاچ-گاچلا گەپنى تۈگۈتۈپ، دەرھال قايتىشقا ھەيدەكچى بولاتتى. شۇغۇنىسى بىر زېيىنىمۇ بولاتتى: ھېلىلا ئاغزىمىز قۇرىغىلى تۇرۇدۇغان بولسا، ھەبىبۇللاھقارىمدەك بايۋەچچىلەر دەرھال كېتىشكە ئالدىرىتىپ، گەپنى دېگۈزمەيلا كەيپىمىزنى ئۇچۇرۇشىمۇ مۈمكىن ئىدى. تېخىمۇ يامان يېرى بۇ يەر شەھەرگە ئەڭ يېقىن ئەڭ خىلۋەت ماكان بولۇش سۈپىتىدە بۇ يەرنىڭ كېچىلىك مىھمانلىرى ئاز بولمىسا كېرەك، ئەتراپنى بەك پاكىز دېگىلى بولمايتى. دەرەخلەرنىڭ تۈۋلىرىگە ئىلىشىپ توختىغان ئىچىملىك قۇتىلىرى، پىلاستىك خالتىلارغۇ مەيلى، ئىشلىتىپ تاشلانغان پىرىزېرۋاتىپلارمۇ كۆزگە چېلىقىپ، كۆڭۈلنى ئېلىشتۇراتتى. بۇلارنى كۆرۈپلا بۇ يەرگە باشلىغان دوستىمىزغا بىر ئىككى ئېغىز ھۇجۇم قىلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈردۇق:

— بۇ يەرنى ئوبدان بىلگىنىڭدىن قارىغاندا، بەزى كېچىلىرى كەپ تۇرۇدۇكەنسەن-دە!؟ — دېيىشتى دوستلار. باشقىلىرىمىزمۇ بىرەر ئېغىزدىن چاخچاق يۆلىدۇق. ئەمما چاخچاق دېدۇق-يۇ، راستتەكمۇ قىلدى، گۇمانخورلۇقىمىزمۇ يېتەرلىك ئەمەسمۇ.

ئەھۋالىمىز دەرھال ئىككىنچى ئىھتىماللىقنى مەيدانغا چىقىرىدىغان كۆرۈنۈشكە باشلاپ، ئىچىمنى «شۇۋ» قىلىپ بىرنەرسە كۆيدۈرگەندەك بولۇپ كەتتىم. چۈنكى بىز ھە دېمەيلا تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك گەپنى باشلىيالماي، توغرىسى بايۋەچچە دوستىمىزنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالماسلىق (بۇ ھال ھەممە ئادەمدە شۇنداققۇ، بايلاردىن ھېيىقىمىز) ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ سۆز باشلاشقا ئۇنىماي، تايىنى يوق گال قىرىش، بولا بولماس بىرەر ئېغىزدىن گەپ يومزاشلار بىلەن ۋاقىت ئۆتۈپ، ھەبىبۇللاھقارىمنىڭ ئىچى پۇشۇپ ھېلىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدىغاندەك ئەنسىرەشكە باشلىدىم.

دەل شۇ چاغدا ئورماننىڭ قېرىمچىسىدىن ئاتلاپ قىرىغا چىققان بىرى ئۇزاقتىن كۆرۈندى. قىلغىلى گەپ تاپالماي ئاران تۇرغان دوستلارغا بۇمۇ تازا باھانە بولدى:

— ھىچكىم كەلمەيدىغان يەر دېسەك، بۇ يەرگىمۇ خەق كېلىدىكەن-ھە؟

— شۇنى دەيمەن، بۇ ئادەمگە بۇ خىلۋەتتە نېمە بارىكى؟

— ھوي بۇ ھېلىقى ھەمدۇلقارىمغا ئوخشاۋاتامدۇ، كۆزۈم قۇرۇسۇن؟

— شۇدەك تۇرۇدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆيى بۇ تەرەپتە ئەمەس بولغىيدى؟ بازار قىلىپ يانغاندەك، قولىدا پىلاستىك خالتىلار، خېلى ئېغىر كېلىۋاتىدۇغۇ؟

— ئىم! — دېدىم مەن ۋە دەرھال ئاۋازىم ئۆچتى. راستلام شۇ ئاداش! قولىدىكىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلىپ بولدۇم! ئەمدى بىزنىڭ ھىساپ-كىتاپ مەجلىسىمىزمۇ پىشىپ بولدى! — ئۇ بۇ يەرنى قانداق تاپقاندۇر؟

— تۈنۈگۈن مەن دېگەن، — دېدى دوستلاردىن بىرى، — ئەتە بىزنىڭ مۇشۇنداقراق بىر ئىشىمىز بار، ھەبىبۇللاھقارىم بىلەن، ... دەپتىكەنمەن.

ئۇنىڭغىچە ھەمدۇلقارىممۇ يېتىپ كەلدى:

— ئۇھ، ھەجەپ چارچىدىما، دەل ئۈستۈڭلاردىن چۈشتۈم دەپ ئورمانغا كىرىپتىمەن، ئەمما خاتا يەردىن كىرىپ قاپتىكەنمەن، سەل چۆگۈلەپ قالدىم.

— بۇ تەرەپتە بازار بارمىكەن-يا؟ نېمە بۇ....؟

— ھەربىرىڭلانى مۇشۇنداق بىر گۈزەل ئورماندا ئولتۇرۇدۇ دەپ ئاڭلاپ، شۇ، ئويلۇدۇمكى، ئۇ بىر خىلۋەت يەر تۇرسا، بۇ ئاداشلار ئۇسسىماسمۇ، ئەلۋەتتە كېرەكتە قورسىقى ئاچماسمۇ؟... شۇنىڭ بىلەن توختا، دېدىم-دە، تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر دەپتىكەن، گاچچىدا دۆڭ كۆۋرۈكنى ئارىلىۋېتىپ، ئازراق بىرنېمە كۆتۈرگەچ بېرىپ، دوستلارنىڭ سۆھبىتىدە بولغۇنۇم ياخشى ئەمەسما؟ پۇل تاپىمىز دەپ ئۆلىمىزما، ھەر كۈنى؟ تېپىۋالارمىز، كېيىن، دېدىم-دە، بۇ يان كېلىشىم. ما ھەبىبۇللاھ قارىممۇ ئۇزاق سەپەردىن كەلدى، ھاردۇق سوراپ بارالمىدىم، ئادىمىگەرچىلىكتىن چىقىۋاتىمىزغۇ، بىر تۈرلۈك... ماشىنىنى ئۇزاقراقتا قويۇپتىمەن، دەل ئۈستىدىن چۈشۈمەنغۇ دەپ كىرگەن يېرىم خاتا بولغانلىقتىن سەل ئۇزاق چۆگۈلەپ قالدىم... — ھەمدۇلقارىم ھىكايىسىنى ئونىنچى قېتىم تەكرارلىغاچ پىلاستىك خالتىلار ئىچىدىن پور قاچىلارنى چىقارغىلى تۇردى. پىلاستىك ۋىلكىلارمۇ، قوشۇقلارمۇ بارىكەن، قاچىلار ئېچىلغاندا كۆرۈلدىكى، ئۆپكە-ھېسىپلار، كاللا-پاقالچاق توغرامچىلىرى، ئاچچىقسۇ، قىزىل مۇچ، ئاز-تولا مېۋە، ئاندىن يەنە 30-40چە سامسا، قۇتۇلۇق سوغۇق ئىچىملىكلەر بارىدى. ھەتتا پىلاستىك داستىخاننىمۇ ئۇنۇتماپتۇ. مىھماندارچىلىق ئىشلىرىدا دەرىجە بېرىلىدىغان ئىش بولسا چوقۇم دۇنيانىڭ ئەڭ يۈكسەك بىر دەرىجىسىنى ئويلاپ تېپىشقا، بار دەرىجىلەردىن بېرىش كېرەك بولسا دوكتور ئاشتى دەرىجىسىنى بېرىشكە بولۇدۇغان بۇ ئاغىنىمىز، بۇ ئىشنى بايىلا كوچىدا بىردىنلا ئويلاپ قېلىپ، بىردىنلا بۇ يەرگە كېلىشكە قارار قىلغاندەك ئەمەس، ئاخشامدىن بېرىلا ئويلاپ ياتقاندەك، ئەتتىگەن تەييارلىق بىلەن ئۆيدىن چىققاندەك قىلاتتى. چۈنكى، داستىخاننى ئۆيدىن ئالغىنى بىر قاراشتىلا بىلىنىپ تۇراتتى.

داستىخان مول نېمەتلەرگە تولغاندىن كېيىن دوستلار بۇ يەرگە جىددىي بىر ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى ئۇنۇتقاندەك، تامامەن داستىخان بىلەن ھەپىلىشىپلا كېتىشتى. ئارقىدىن سۆز مەۋزۇسىمۇ داستىخانغا زورلاشلار، تەكەللۇپلاردىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. يېنىمدىكىنى ئاستىلا بېقىنداپ قويدۇم. مەخسىدىم، ئىشىمىزنى ئۇنۇتما دېگەننى ئەسلىتىش ئىدى. ئەمما ئۇ «نېمە دەيسەن؟» دېگەندەك قاراۋاتمامدۇ؟ ۋاي توۋا! داستىخاننى كۆرسەكلا ھەممىنى ئۇنتۇپ قالۇدۇغان قانداق خەلقمىز-ھە؟

چۆلدە ئۇسساپ تۇرغاندا سۇ كەلتۈرگەن كوزىگەردەك ھەمدۇلقارى ئەرشلەرگە چىقتى. يىگەندىكىن، خالار-خاھلىماس ماختاشلار ئارىلىشىپ، ئۇنىڭ مۇرادى ھاسىل بولۇۋاتاتتى. ئەمدى جىددىي بىر سۆھبەتنىڭ مەۋزۇ تېشى بولغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ، بەكمۇ پۇچۇلاندىم. چۈنكى، ھەممىدىنمۇ مېنىڭ پۇلغا ئىھتىياجىم بارىدى. دېمىگەنمىدىم، ئاكام داۋالانغىلى چىققان ئەمەسمىدى؟ مېنى ئۈرۈمچىدە پۇلنى ئۇسۇدۇ، دەپ ئويلايدۇ ئەمەسمۇ ئۇلار؟ شۇڭا مەندىن داۋالاش پۇلىنىڭ ھىچ بولمىسا يېرىمىنى تاما قىلىپ تۇرۇۋاتقىنىغا ئىشەنچىم كامىل. ئەمدى بۇ ئىشنىڭ پەكىرى ئۇچقان ئىكەن، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مىڭ تەسلىكتە، بىرىنى تاپسا بىرى يوق بۇ ئاداشلانى بىر يەرگە ئەكىلىپ تەشكىللىگەن بۇ ھىساپ كىتاپ مەجلىسىمنى مىھماندوستلۇقى ۋە ئادىمىگەرچىلىكى بىلەن بىر تىيىن قىلىۋەتكەن ھەمدۇلقارىنىڭ كارنىيىنى بوغۇشۇم كېرەكمۇ؟ ئۆز پۇلۇم ئۈچۈن ئۆزەم تىلەمچى بولۇپ، ھەبىبۇللاھقارىمنىڭ ئۆيىگە سارغىيىپ بېرىشىم كېرەكمۇ؟ گەرچە بۇ ھالىمغا باقماي قاتتىق بولغان غۇرۇرۇمغا ئېغىر كەلسىمۇ بارماي چارەم يوقتى.

ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن يېيىشىۋاتقانلارغا قاراپ قالدىم. ھەمدۇلقارىنىڭ زورلاشلىرى داۋام قىلاتتى. ئۇ ماڭىمۇ ئۆمسە-ئۆمسە قاراپ قويۇپ، ئانچە-مۇنچە ماڭىمۇ «ئابىھايات تىلەش» تىپىدىكى يېلىنىشلىرىنى تۆكۈپ تۇرسىمۇ، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈچۈن يەپ، ئۇنى بەختىيار قىلىۋاتقانلار يېتەرلىك بولغاچقا، بەكمۇ دىدارىمغا قاراپ كەتمەيتى.

— ئۆزىڭىزمۇ كېلىڭ، ھەمدۇلقارى، — دېيىشىپ، ھەمدۇلقارىغىمۇ غەلىتە بىر خىل خوشامەتچىلىك ئاھاڭىدا تەكلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرى غىجىغىمنى كەلتۈرەتتى. بۇ تەكلىپلەرگە جاۋابەن ھەمدۇلقارى كۆڭۈل قىيالمايدىغان مىجەزى بىلەن داستىخانغا ئېڭىشىۋاتقىنىغا ھاڭقىيىپ قاراپ قالدىم.

شۇغۇنىسى ھەمدۇلقارى داستىخاندىن بىر لوقما مەزە ئېلىش ئورنىغا ئىككى قۇتا ئىچىملىك، تۆرت-بەش دانە سامسا ئېلىپ، بىكار بولغان پىلاستىك خالتىلاردىن بىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋاتقىنىدىلا، كۆڭلۈمگە كەچكەن ئويۇمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئورماننىڭ كۆز يىتىم يەرلىرىگە تېز-تېز يۈگەرتتىم: كۆردۈمكى، بىر دالدىدا، بىزگە بەكمۇ ئاشكارە كۆرۈنۈپمۇ كەتمەيدىغان بىر قىردا بىر جۈپ گەۋدە ئولتۇرغان ئىكەن! «ئاپلا! — دېدىم ئىچىمدە، — كىم بىلىدۇ، ئۇيغۇر بولسىلا مەيلىدىغۇ، يولداشلارمۇ، تېخى! چۈنكى بۇ كۈنلەردە كىيىملىرىمىزدە پەرق قالمىغاچقا يىراقتىن بىلگىلىمۇ بولمايدۇغۇ...»

ھەمدۇلقارىمنىڭ پىلاستىك خالتا ئۈستىگە قويۇلغان يىمەك-ئىچمەكلەرنى قوش ئالقىنى ئۈستىدە تۇتۇپ، ھېلىقى خىلۋەتتە چالا-پۇچۇق كۆرۈنۈپ قالغان بىر جۈپ گەۋدىگە قاراپ مېڭىشىنى كۆرگەن دوستلار ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ھەزىل-چاخچاق قىلىپ قېلىشتى:

— بولدى قويۇڭلا، ھەمدۇلقارى، ئۇلارنىڭ سۆھبىتى دېگەن شۇئاندا ھەسەلدىن تاتلىق تۇرسا، سامسا تېتىمدۇ، دەيمەن؟!

— قايتىپ كېلىڭ، ھەمدۇلقارى، راست گەپ، ئۇلار شۇ تاپتا جەننەتتە، سىلىنىڭ ياخشى كۆڭلۈڭلىنى چۈشەنمەكتە يوق، كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالىسىلە...

— ئاجايىپ ئاداش-تە!

— شۇ، بۇ ئاداشنىڭ كۆڭلى-زە، ئۇ ياقتا ئىككى ئادەم ئولتۇرسا، ئۇلارغا بەرمەستىن يېيىشنى ئادىمىگەرچىلىكى قوبۇل قىلالمىدىغۇ بۇنىڭ... يولداشلامۇ تېخى، «چۈ!» دېمىسىلام بولاتتىغۇ...

— ئۇيغۇر بولسىمۇ تېتىمايدۇ، بۇ قىلىق. مەسىلەن، سەن ئۆزەڭ بولۇپ ئويلاپ باق، ئاشىق بولغان بىر قىز بىلەن، ياق ئاشىق بولغانمۇ ئەمەس، ئادەتتىكىچە مۇناسىۋەتتىكى بىر قىز بىلەن ئولتۇرغان بولساڭ، ئاشۇنداق ناتونۇش بىرى سامسا كۆتۈرۈپ بېرىپ «ئادىمىگەرچىلىك» قىلسا ساڭا قانداق تۇيۇلا؟ خوشياقاما؟ بارە! دېمەي قالارمىدىڭ؟

— سەت بولۇدۇغان بولدى-دە...

ھەمدۇلقارىمنىڭ قانداق بىر نەتىجە بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى يېزىشقىمۇ خىجىل بولۇپ تۇرۇپتىمەن. تېخىمۇ يامىنى مېنىڭ زورۇم بىلەن تەشكىللەنگەن مۇشۇ ھىساپ-كىتاپ توپلانتىمىزنىڭ بەرباد بولۇشى ئىدى.

ئويلۇغۇنۇمدەك، بىزنىڭكىلەرنىڭ داستىخاندىن لەززەتلىنىش كېسىلى خاسىيىتىدە، ھوزۇرلۇنۇپ يەپ-ئىچىشلىرىمىز سائەتلەرنى ئالغاچقا، بىكار بولۇپ، ھەمدۇلقارى ئۆز ۋەزىپىسىدەك بىلىپ داستىخاننى يىغىشتۇرۇۋاتقان چاغدا ئاللىقاچان ئەسىر ۋاقتىغا يېقىنلىشىپ قالغاچقا، ھەبىبۇللاھقارىم دەممۇ-دەم سائەتكە قاراپ، بىشارەتلىرىنى باشلاپمۇ بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا ھەبىبۇللاھقارىمغا ھاردۇق سوراپ بارالماسلىقىدىكى ئەيپنى تامامەن ئۆزىدە دەپ بىلىۋاتقان ھەمدۇلقارىنىڭ تۈگۈمەس تەكەللۇپلىرى 30-قېتىم تەكرارلىنىپمۇ بولغان ئىدى. ئەمدىلەتىن شۇ ئەقلىمگە كېلىۋاتىدۇكى، بۇ ھەمدۇلقارى ھەبىبۇللاھقارىنىڭ ھاردۇق سوراپ بېرىشى ئۈچۈن ئىمكان بەرمەي، باھانە-سەۋەپ كۆرسۈتۈشلىرىگە ئۆز ئادىمىگەرچىلىكىنى بىر كۆرسۈتۈپ قويماقچى بولغانمىكىن-يا؟ تۈنۈگۈن ئۇ ماۋۇ بۇرادەردىن «ھەبىبۇللاھقارىم بىلەن بىللە... » دېگەن ئۇچۇرنى ئاڭلاپلا كۆڭلىگە شۇ ئىشنى پۈككەنمىكىن؟ شۇغۇنىسى ئۇنىڭ داستىخان سېلىشتىن ھوزۇر ئالۇدۇغان بۇ كېسىلىدە ئۆزى ھوزۇرلۇنۇدۇغان بولغاچقا، باشقىلار ھەققىدە بىرەر غەرەزنى كۆڭلىگە پۈكۈشى ئەقىلگە سىغمايتى. چۈنكى ئۇ ساتراچخانىدا نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرۇپ تونۇشۇپ قالغان ئادەملەر ئۈچۈنمۇ بارىنى تۆكۈپ مىھمان قىلىۋېرىدىغان تۇرسا، مەسىلەن، شۇلاردىن نېمە تاماسى بولار؟

 

كۈندۈزلۈك كۇرسنىڭ ئىشىنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كېلىۋاتاتتىم، ھەركۈنى مانا شۇنداق بىر خىلدا تەكرارلىنىدىغان مىخانىك ھەركەتتەك بىر ھايات ئىچىدە بولغۇنۇم ئۈچۈن ھەممە نەرسە كۈنمۇ-كۈن ئوخشاش باراتتى. ئىشىك ئالدىدا بىردەملا ھايال بولسام ھەمدۇلقارىمغا يولۇقۇشۇم ۋە يېرىم سائەتلىك ھال-ئەھۋال سوراشمۇ شۇ پېتى تەكرارلىناتتى. شۇغۇنىسى مەن بۇ ئوخشاشلىقتىن ئەڭ زېدەكەپ كەتكەچكە، مۈمكىن قەدەر سەل بالدۇرراق كېلىپ بىنا ئىشىكىدىن كىرىپلا كەتسەم قۇتۇلاتتىم. سەلدىن كېيىن — كەچلىك تاماقنى يەپ يەنە كەچلىك كۇرسقا بارىمەن ئەمەسمۇ.

بۈگۈنمۇ كەلدىمكى بىنا ئەتراپىدا ھەمدۇلقارىنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتى. بىر بۇلۇڭدىن مىرتتىدە چىقىپ كەلمىسۇن دەپ تېخىمۇ بەك ئالدىرىدىم. ئەمما بىنا ئالدىدا قۇرۇلۇش جەريانىدىن قالغان قىيانىڭ پارچىسىدەك بېتون تاشتا تاماكا چېكىۋاتقان يەنە بىر قوشنام مېنى توختۇتۇۋالدى. ئادەتتىغۇ بۇ قوشنام بىلەن پەقەتلا باش لىڭشىتىپلا ئۆتۈشۈپ كېتەتتۇق، تونۇشلۇقىمىز شۇنچىلىكلا ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ مېنى يېنىغا چاقىرىشىدا قانداق ئالاھىدە سەۋەپ بارىكىن؟ بۇ سېمىز ئادەم يا مەلۇم ئىدارىنىڭ ئاشخانا زاپخوزى ياكى كىچىكرەك ئەمەلدارى سىياقىدا كۆرۈنەتتى. دېمەك، مەن ئۇنىڭ زادى نېمە قىلىدىغان ئادەملىكىنىمۇ بىلگۈدەك تونۇمايتىم.

— قوشنىكەنمىز، ئەمما يىللار بولۇپتۇ، تونۇشمايمىز، — دېدى ئۇ. بۇ راست ئىدى. بەزى ھېيتلاردا يولدا گەز كېلىپ قالغان جامائەتتىن يىرىپ ئۆتەلمەيلا ھېيت پاتىھەسىگە كىرىپ قالغىنىمىز بولمىسا كىرىپ-چىقىشمۇ قىلمايتۇق.

— شۇ، توغرا دەيلا، قوشنا تۇرۇپ، سەت بولدى،... — دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ.

— كېلىڭە، ۋاقتىڭىز بولسا بىردەم تۇرايلى، — ئادەتتە بىزنىڭ بىنانىڭ كەچقۇرۇنلىرى ئىشك ئالدىدا تاماكا چېكىپ تۇرۇدۇغانلىرى ئاشۇ بېتون پارچىسىغا قۇيرۇق قىسمىنى تاقاپ تۇرۇشاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغىدەك تەكشى ئەمەس، ھەم ئىگىزلىكىمۇ توغرا كەلمىگەچكە، ئەنە شۇنداق قۇيرۇقنى تاقاپ ئۆرە تۇرۇش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، بېتونغا قۇيرۇقۇمنى تاقىدىم. ئەمما ھەمدۇلقارىم كېلىپ قالغىچە يوقالسام بولاتتى دەپ ئويلاپ ئىككى تەرەپكە ئەلەڭلەپ قارايتىم.

ئۇمۇ مېنى دوراۋاتقاندەك ئىككى تەرەپكە قاراپ قويۇپ:

— جۈرۈڭە، ئىۋۇ ئارقا تەرەپلەرنى ئايلانغاچ پارڭلىشايلى، ماڭا مېڭىش پايدىلىق، ئەتتىگەن كەچتە ھەركەت قىلىشىم كېرەك، — دېدى ئۇ مېنى قولتۇغۇمدىن تۇتۇپ يىنىك يۆنلەندۈرۈپ.

شۇئان ئۇ ياقتىن كېلىۋاتقان ھەمدۇلقارىنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، يۈرۈپ كەتتىم. ئەجەبا ئۇمۇ ھەمدۇلقارى كەلگىچە كېتىۋالايلى دېدىمىكىن؟

— ئاۋۇ قوشنا بىلەن خېلى يېقىنغۇ سىز؟ — دېدى ئۇ قارىماي تۇرۇپلا بېشىنى ئېغىتىپ، ئارقىسىنى ئىما قىلىپ.

— يامان ئەمەس، قانداق دەيلا؟ — دېدىم شۈبھىلىك بېقىشلىرىمنى يوشۇرالماستىن.

— ماڭغاچ گپلىشىمىز، مېڭىۋېرىڭ، — دېدى ئۇ مېنىڭ توختۇۋېلىشىمدىن ئەنسىرىگەندەك. ئاندىن، — قانداقراق ئادەم ئۆزى؟ — دەپ سورىدى.

— قايسى جەھەتتىن دەيلىكى؟ مەسىلەن، ئادىمىگەرچىلىك يېقىدىن دېسىلىرى باھاسىز بىر ئادەم دېيىش مۈمكىن، گەرچە بەزىدە ئادەمنى تالدۇرۇۋەتسىمۇ،...

— ھە، ھە، دەل شۇ يېرىنى دەيمەن.

— بۇ جەھەتتە بىرەر مۇلاقاتلىرى بولغانمىكى؟

— نېمە دېسەم بولار؟ يەنى، رەسمىيمۇ ئەمەس، — دېدى ئۇ خىجالەت ئارىلاش، — دېگىنىمدەك، مەن ھەركەت قىلىشىم كېرەكقۇ، يەنى، قېنىمدا دىئابىتقا يېقىنلاشقان شېكەر تەركىبى يوقۇرى، قانمۇ قويۇق، مانا كۆرۈۋاتقىنىڭىزدەك، شۇڭا دوختۇر كۆپرەك جىسمانىي ھەركەت قىلىشىمنى تاپىلىغان. بۇ يەردە نېمە جىسمانىي ئەمگىكىمىز بولسۇن دەيسىز، پۇڭلۇق يېرىمىز بولمىسا؟ شۇ ئەتتىگەندە بىر ئىككى كلومېتېر پىيادە مېڭىپ يۈرۈشۈمگە توغرا كېلەتتى. يۈگرىسەمغۇ ياخشىدى، ئەمما يۈگرەشكە يارىمايمەن، ماڭساممۇ بولۇدۇكەن، ھازىرچە. ئاشۇنداق مېڭىپ يۈرگەن سەھەرلەرنىڭ بىرىدە مانا شۇ دوستىمىزيېنىمدا پەيدا بولدى. تاكسىچىكەنغۇ؟ ھە، تاكسى بىلەن. «ماشىنىغا چىقىۋېلىڭ، يولۇمىز بىركەن» دېمەمدۇ. «ياق، ئۇكام، مەن ماڭاي، بىردەم ھاۋا يىگەچ مېڭىپ يۈرۈۋاتقانتىم» دېدىم. ئەمما ئۇ ئادەم قويۇپ بېرىدىغاندەك ئەمەس. «سىز مېنى بىلمەيسىز ھەقىچان، ئەمما مەن سىزنى بىلىمەن، بىز بىر بىنادا ئولتۇرىمىز، قوشنىدارچىلىقنىڭمۇ ھەققى بولۇدۇ، چىقىۋېلىڭ، ئاپىرىپ قويۇمەن» دەۋەردى. «ئاپىرىپ قويۇشىڭىزغا ئىشەندىم، ئەمما، مەن ئاتايىتەن يۈرۈۋاتىمەن، بىردەم ماڭغىلى قويۇڭ، بىر ھاجىتىم بولغاندا سىزنى ئىزدەيمەن» دېدىم يەنە. «ھاجەت بولغاندىكىسى باشقا گەپ، بۈگۈن ئاللاھ ئۆزى ئۇچقاشتۇرۇپتۇ، قوشنا ھەققىنى ئادا قىلىۋالاي دەيمەن، چىقىڭە، مېنى تولا يالۋۇرغۇزماي». بۇ ئادەم بىلەن تالىشىپ تۇرۇۋەرگەننىڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى. ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىغۇدەكلا بىچارىلىك بىلەن يېلىنىدىكەن ئەمەسما؟ بىر بولسا بۇ ساددا ئادەم مېنىڭ يوغان قوسوقۇمغا قاراپ مېنى تازا چوڭ باشلىق دەپ پەرەز قىلغان بولسا، مەندىن بىرەر ئىشنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىدىغۇ، ئەگەر مېنىڭ ئاشخانىنىڭ زاپخوزى ۋە قوشۇمچە ئاشپەزلىكىدىن دەم ئېلىشقا چىققانلىقىمنى ئاڭلىسا تاكسىنىڭ كىراسىنى بېرىۋېتىڭە، ئاۋۇ كۈنى نېسى قالغان، دەرمىكىن؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ، بوپتۇ، دېسە بېرەرمەن، بەلكىم مېنىڭ قولۇمدىن كەلگۈدەكراق بىر ئىھتىياجى باردۇر، دەپ ئويلاپ تاكسىغا چىقتىم، — ئۇ مېنىڭ ھەيران قېلىۋاتقان ياكى قالمايۋاتقىنىمنى ئېنىقلىۋالماقچى بولغاندەك ماڭا قاراپ، — قانداق ئويلاۋاتىسىز؟ ئەقلىڭىزگە بىرنېمە كەلدىمۇ؟ — دەپ سورىدى.

— ياق، ھىچنەرسە كەلمىدى. ئۇ سىلىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلسۇن-بىلمىسۇن قەتئىينەزەر، سىلىگە ھىچقانداق ئىلتىماسى يوقلۇقىغا ھۆددە قىلىمەن. مېنىڭ قىزىقىۋاتقىنىم، ئۇ سىلىنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويۇش بىلەنلا مۇرادىغا يېتەرمۇ؟ يەنى، بىرەر سەھەرچى ئاشخانىلاردىن بىرىگە ناشتىغا ئاپىرىپ، بىر نەرسە يېدۈرمەستىن خۇمارى چىقارمۇ دېگەننى ئويلاپ تۇرۇپتىمەن، — دېدىم كۆڭلۈمدىكىنى يوشۇرماي.

— توۋا! سىز قانداق بىلىسىز؟ — دېدى ئۇ چەكچىيىپ، — دەل شۇنداق بولدى! تاكسىنى مەھەللە تەرەپكە ئەمەس، باشقا ياققا ھەيدىگەندە دەسلەپ مەن ئۇنى كىنولاردىكىدەك، ئادەم گۆرۆگە ئېلىۋېلىپ پۇل ئۈندۈرۈدۇغانلاردىنمىكىن، دەپمۇ گۇمان قىلدىم. ئەمما، ھوي، ئۇكا، نەگە كېتىۋاتىمىز؟ دەپ بولغۇچە بىر ئاشخانا ئالدىغا ئەكىلىپ توختاتتى. «چۈشۈڭە، تازا ناشتا ۋاقتى بوپتۇ، تايىنلىق ناشتىمىزنى قىلىۋېلىپلا ئاندىن كەتمەيلىمۇ؟» دېدى. «ھە، بۇ تېجىمەل كىرادىن قىممەتراق توختۇتۇپ، ماڭا تاماق پۇلى تۆلەتمەكچىكەن-دە؟» دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن كەچۈردۈم-يۇ، ئەمما ئەمدى بولغۇلۇق بولۇپ بولغان تۇرسا، «ئاناڭنىڭ ئايىغۇچلىكى قالدىمۇ؟» دەپ ئويلاپ، قېنى كۆرەرمىز دەپلا ئاشخانىغا كىردىم.

— بولدى، ھەممىنى چۈشەندىم. كۆرۈپ تۇرغاندەكلا دەپ بېرەيمۇ بولمىسا؟ — دەپ چېقىشتىم ئۇنىڭ بىلەن ۋە تاماققا جىددىي ۋە ئىچىدىن قاينىغان بىر ھىس بىلەن زورلاشلارنى ئەينەن دوراپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ ھەيرانلىقتىن چەكچىيىپ قالدى، — شۇندىن كېيىن تونۇش بولۇۋېلىپ، نەدىلا كۆرسە تاكسىغا ئېلىۋالىدىغان بولدىمۇ؟

— ئەينەن شۇنداق، — دېدى ئۇ باش چايقاپ، — كۆڭلىغۇ ياخشىدۇ، دېگىنىڭىزدەك بولسا، ئەمما مەن ئەتتىگەنلىك يۈرۈش ۋەزىپەمنى تاشلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ھىچنەرسە ئۇقتۇرغىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ؟ مېنى يۈرۈشتىن توختۇتۇپلا قويدى. شۇنىڭدىن قېچىپ، ئەمدى كۆز باغلانغان مەھەلدە، شامدىن كېيىن ماڭىدىغان بولدۇم. سىزنىڭچە بۇ ئادەمنىڭ مەندە بىرەر ئىھتىياجى يوقكەن-دە؟

— ياق، بىرى، ئۇ كىشىلەر بىلەن تونۇش بولۇۋېلىشقا ئامراق، يەنە بىرى بىرسىگە بىر نەرسە يېگۈزىۋېلىشتىن ھوزۇر ئالۇدۇ. يەنى داستىخانچىلىق خۇمارى بار.

— توۋا دېمىسە بىكار-دە. ھەر تونۇشۇپ قالغاندىن كىرا ئالمىغىلى تۇرسا، ئائىلىسىنى قانداق باقىدۇ؟

— ئۇنچىۋالا ئەنسىرىگۈدەكمۇ ئەمەس، سىلىنى قوشنا دەپ شۇنداق قىپتۇ؛ يولداشلارنىڭ ئارىسىدىن بىرەر تۇڭگان چىقىپ قالسا، مۇسۇلمانكەن دەپ شۇنداق قىلىشى مۈمكىن؛ چەتئەللىكلەردىنمۇ بەزىلىرىنى ئەرەپكەن دەپ، بەزىلىرىنى تۈرككەن دەپ شۇنداق قىلىشى مۈمكىن، ئەمما بۇنداقلىرى ھەركۈنى ئۇچراپ تۇرمايدۇغۇ؟ دەيلىكى، سىلىنى ئېلىۋالغان ۋاقتىنى دېسەك، ئېلىۋالمىسىمۇ ئەتتىگەنلىك ناشتا ئۈچۈن ئۆيىگە بەرىبىر كېلەتتىغۇ، ئوخشاش ماي سەرپ بولۇدۇ. مانا شۇنداق، — يەنە شۇنىمۇ قوشۇپ قويدۇم، — تېخى ئۇنىڭ ئىشلىرى سىلى-بىزنىڭكىدىن ئوبدانراق ئېقىپمۇ قالۇدۇ، جىما، يەنى، ئۇ يىتىمنىڭ مىھماندارچىلىقىغا داخىل بولغانلار ھەر دوقمۇشتا بىرەر ئىش ئۈستىدە پۇتلۇشۇپ تۇرغاچقا، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارمۇ قارىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئەسقېتىپ، ئىشى ئوبدان يۈرۈشۈپ قالۇدۇغان تەرىپىمۇ يوق ئەمەس.

— توغرا، توغرا، شۇنداق بولۇدۇ-دە، — دېدى سابىق ئاشپەز، ئاندىن بىر نەرسىدىن ئەمىن بولغاندەك قىلىپ، — دېمەك بۇ يىگىت بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىپ تۇرساق بولغۇدەككەن-دە؟ — دېدى سوئالدىن كۆرە، قارارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاھاڭدا.

— ئولتۇرۇپ چىقىشقا كىرىدىغان بولسىلا بەكلا خوش بولۇپ قارشى ئالۇدۇغانلىقىغا مەن كېپىل.

— ئۇنداق بولۇدۇغان بولسا، ئۇلار كەلسە بىزمۇ خوش بولۇمىز-دە، — دېدى ئۇ ماڭا بىر ئاز خاپا بولغاندەك قىلىپ.

— ئۇلار كىرسە سىلىنىڭ خوش بولۇش بولماسلىقلىرىنى ئۆزلىرى بىلىلا، ئەمما ئۇنىڭ خوش بولۇدۇغانلىقىغا مەن ھۆددە قىلالايمەن.

بىردەم جىم ماڭدۇق. كېيىن مەن سۈكۈتنى بۇزۇپ:

— دېمەك، شۇنداق قىلىپ شامدىن كېيىن يۈرۈشكە چىقىدىغان بولدۇم، دېسىلە؟ — دېدىم سۆھبەتنى خۇلاسىلىمەكچى بولۇپ.

— شۇنداق بولدى.

— مەنمۇ كەچتە يەنە ئىشقا بارىمەن، — دېدىم بىنانى ئايلىنىپ يەنە ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالغان ئىدۇق، — كۆرۈشۈپ تۇرارمىز، بىزمۇ تونۇشۇپ قالدۇق، مانا، — دېدىم چېقىشىپ ۋە خوشلۇشۇپ كىرىپ كەتتىم. شۇندىن كېيىن ئاشپەز بىلەنمۇ قوشنىدارچىلىق قىلىشىدىغان بولۇپ قالدۇق.

 

بىر يەرگە كىچىكىپ بېرىشقۇ بىر ئۇيغۇردا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىك دېسىمۇ بولۇدۇ، ئەمما، ھەمدۇلقارىمنىڭ كېچىكىشى ھۆددە قىلىشقا بولۇدۇغان تۈردىن. چۈنكى ئەسلىدە بىرەر سائەت بۇرۇندىن نىيەت قىلىدىغان بولۇشىغا قارىماي، جابدۇنۇشقا ئەنە شۇنداق ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىۋېتىدۇ. ھەتتا دەل بۇ ئىشنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا باشقا بىر ئىشقا تايىنى قىستاپ كېتىپ، دەرھال ئۇ ئىشقا ئاتلىنىدۇ-دە، ئەسلىدە ئۇنىڭدىن تېزلا بىكار بولۇپ، بۇنىسىغىمۇ ئۈلگۈرەرمەن دەپ نىيەت قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا شۇ كۆڭۈلچەكلىكى سەۋەبىدىن ئاشۇ ئىشتىمۇ بىرەرسى بىلەن دەرھال خوشلۇشۇپ ئايرىلىشالماي، مانا شۇنداق كېچىكىشلەر كېلىپ چىقاتتى. ئۇنىڭ خوشلۇشۇش پىچىمىنى جىغان بىلەن چىتلانغان سۇڭگۇچتىن ئۆمۈلەپ ئۆتۈشكە ئوخشۇتۇش مۈمكىن: سۇڭگۇچتىن — جىغان تىكەنلىرى ئاستىدىن ئۆتۈۋاتقاندا دۈمبىڭىزدە بىر يەر تىكەنگە ئىلىنىپ قالۇدۇ، ئۇنى ئاجرىتىپ ئەمدى سىلجاي دەپ تۇرسىڭىز يەنە بىر يېرىڭىز ئىلىنىپ قالۇدۇ؛ ئۇنى ئاجرىتىپ يەنە ئازراقلا مىدىرلىغان ھامان يەنە بىر تىكەن ئىلىۋالىدۇ.... مانا شۇنداق قىلىپ، كىچىككىنە مۇساپىدىن تولۇق ئاجرىلىپ چىقماق بىرمۇنچە ۋاقىت ئېلىش بىلەن بىللە، دەرماننىمۇ قۇرۇتۇدۇ. خۇددى شۇنداق بىر خوشلۇشۇش جەريانلىرى، كۆڭۈل ئاياپ، ئاجرىيالماسلىقلار قارىمنىڭ ھەر كۈنلۈك ۋاقتىنىڭ خېلى بىر قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالاتتى.

بۇ رامىزاننىڭ بېشىدىلا قارىم ئائىلىسىنى كىچىك بالىلىرى بىلەن قوشۇپ دۆربىلجىنگە يولغا سېلىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بويتاق بولۇپ قېلىشى بىلەن بىزنىڭ قوشنىدارچىلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن ئانچە-مۇنچە تاماققا چاقىرىپ تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. شۇغۇنىسى، ھەر پۇرسەتتە كىشىلەر بىلەن تونۇشۇۋېلىپلا تۇرۇدۇغان بۇ ئاغىنىمىزنى تاپماق، تاماققا چاقىرماق ئاسان بولمىدى. تونۇشى تولا ئەمەسمۇ، ئېشىنىدىغاندەك قىلمايدۇ. ھەتتا بۇ رامىزاندا ئىپتارغا چاقىرىش ئۈچۈن بىرەر بوش كۈنىنى تېپىشىمىزمۇ تەس بولدى. شۇنچىلىك تەستە بىر كۈنگە قارار بېرىپ، بىزگە ئىپتار قىلدۇرۇشنىڭ ساۋابىنى قازاندۇرۇشقا ۋەدە قىلدى.

ۋەدىلەرمىغۇ تەرجىمىگە كېرەك يوق، يەنە شۇ ئۇيغۇرچە بولۇدۇ ئەمەسمۇ؟ بىزمۇ كۈتتۈق-كۈتتۇق، ئىپتارغا ئىككى مىنۇت قالغاندىمۇ ھەمدۇلقارى ئىشىكىمىزنى چەكمىدى. ئەمما تېلىپۇن قىلدى:

— مەن سەل كېچىكىپ قالدىم، ئۆزۈر تىلەيمەن، سىلەرنى بەك ساقلىتىۋەتتىم،... تازىمۇ سەت بولدى...

— سەت بولغاننى دېيىشىپ تۇرۇۋەرسەك يەنىمۇ كېچىكىش كېلىپ چىقىدۇ، قارىم، دەرھال كەلسىلە، بىر ئاز كېچىكىپ بولسىمۇ...

— تازا سەت بولدى، مەن ئالدىڭىزدا بەك خىجىل، شۇ، بىزنىڭ بەزى يېڭى ئاغىنىلەر بىلەن بولۇپ قېلىپ، شۇلارنىڭ ئىشى تۈگىمەي،...

— يا... بولدى، كەلسىلە چاپسانراق، كەلگەندە دېيىشسەكمۇ بولۇدۇغۇ، مانا ئىپتار ۋاقتى بولدى، مەنمۇ كېچىكمەي، ئۆيدە تۇرۇپ،...

— قىززىق گەپ بولدى-دە، بۇ، راست، دېمىسىمۇ راست كىچىكتىم، گۇنا مەندە، ماندا بى ئىش باتى...

— شۇنىمۇيۇ قوشۇپ ئۆيگە كەلگەندىلام دېيىشسەك بولماسما، قارىم؟ ئەزەن چىقىپ بولدى، ئىپتار ئۆتۈپ كەتتى، ئۆيدە تۇرۇپ مەنمۇ كېچىكسەم تازىمۇ بىر لەتىپە بولار،...

— شۇ، شۇ، تازىمۇ سەت ئىش بولۇپ قالدى،...

— كېلەلەملا يا؟...

— كېلىتىم شۇ...

— سىلى نەدە؟ باشتا مانى بى سوراي، — دېدىم كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشۈپ قېلىپ. چۈنكى بۇ ئاداشنىڭ تېلىپۇنغا بولغان ئىشتىياقىنىمۇ بوش چاغلاشقا بولمايتى. ھاياتىنىڭ ئۈچتەن بىر ۋاقتىنى تېلىپۇنغا ئاجراتقان دېيىشكە تامامەن ئاساسىمىز بارىدى. بەزىدە ھەتتا ئۇزاق يولدا باشلىغان تېلىپۇننى داۋام قىلىپ، تاكى ئىشك ئالدىغىچە كەلگەن، ئىشكنى ئاچسا گەپنىڭ پەيزى قاچمىسۇن دەپ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ داۋام قىلغان، ھەم بىۋاسىتە ئاۋازى تېلىپۇندىن بالدۇر ئۆيگە ئاڭلىنىپ تۇرغان، ھەم قۇلاققا تېلىپۇن چېلىنىپ تۇرغان ئەھۋاللارمۇ سادىر بولمىدى ئەمەس. بۇ يوسۇن تېلىپۇندا سۆزلۈشۈپ تۇرغان ئانىلىرىنى چوڭ باللىرىدىن بىرى ئاگاھلاندۇرۇپ: «دادامنىڭ ئاۋازىنى بىزمۇ ئاڭلاۋاتىمىزغۇ، مانا شۇ ئىشكنىڭ ئارقىسىدىلا گەپ قىلىۋاتىدۇ» دېگىنىدە، ئايالى تېلىپۇننى قۇلىقىدىن نېرى قىپ تۇرۇپ تىڭشاپ بېقىپ: «ئوووش، بېرىڭە نېرى، لاۋزا» دەپ تېلىپۇننى قويۇۋەتكەندىلا ئاندىن ئىشكتىن كىرىپ كەلگەنلىكىنى ئايالى ئۆزى سۆزلەپ يۈرەتتى. شۇڭا بۇ ئاداش بىزنىڭ ئىشكتە تۇرۇۋېلىپ خۇمار چىقىرىۋاتقان بولمىسۇن دېگەن گۇمان بىلەن سورۇغۇنۇم بۇ.

— مەن مۇشۇ يېقىنلاردا، 15 مىنۇتلاردا يېتىپ بارالايمەن، شۇغۇنىسى...

— ھە، ئۇنداق بولسا مەن ئىپتار قىلىۋېرەي، سىلى تاماققا كېلەلا...

— ۋەي، بىر مىنۇت! — ئۇنىڭ جىددىي تەلىپى بىلەن يەنە جىندەك تەخىر قىلىشقا توغرا كەلدى.

— ھە، يەنە نېمە گەپ؟

— ما يېنىمدا ئۈچ بۇرادەر بارىدى، ئۆتكەندە تونۇشۇپ قالغان، باشلىغاچ بارسام بولامدۇ-يا؟...

— بۇ قانداق گەپ ئەمدى، قارىم؟ كىملەرتى ئۇ؟ نېمە دېگەن...

— ئۆتكەندە  بازاردا تونۇشۇپ قالغان ئازاربەيجانلىقلارتى،... كېچىكىشىمنىڭ سەۋەبى شۇلارنى بازا چۆگۈلۈتۈپ، مال ئېلىشىپ،... شۇ... بەك سەت بولدى...

— ئازاربەيجانلىق؟ قارىم، چاخچاقمۇ بۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ ئادەم! يات، چەتئەللىك ئۈچ ئادەم! بىزنىڭ باشتا خەۋىرىمىز بولمىغاچقا تەييارلىقىمىز ئۆزىمىزگىلا يارىشاتى، چەتئەللىك مىھمانلارنى باشلاپ كېلىمەن دېسىلە بۇ...؟

— بوپتۇ بولمىسا، بۇلارنى ئۆزەم بىر يەردە مىھمان قىلاي، سىزنى ساقلىتىپ بارالماي قالغىنىمغا كۆڭلۈم يېرىم، شۇ، بولمىسا،...

— بەك كەچ بولۇپ كەتمىگەن بولسىغۇ قايتىدىن ھازىرلىق قىلىپ، باشقا قازان ئاسساقمۇ مەيلىتى، قارىم، بۇ چاغ بولغاندا تۇيۇقسىزلا بۇنداق دېسىلە... بالدۇرراق نېمىشقا دەپ قويمىغانلا؟

— ھە، ئۇ چاغدا ئىش بىلەن بولۇپ يادىمىزغا يەتمەپتۇ، شۇ... سەت بولدى-دە،...

— بوپتۇ، ئۇنداق بولسا سىلى باشقا بىر كۈندە ئىپتار قىلىشقا كىرەلا، دوستلىرىنى باشلاپ كېلىدىغان ئىش بولسا ئاۋالراق خەۋەر بېرىۋېىتىپ كەلسىلە بولاۋېرىدا.

— مەيلى، ئەمىسە. يەڭگىمىزگە، باللاغا سالام دەپ قويۇڭ. ئۆزرەمنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ، مېنى ئەپۇ قىلسۇن، يەنە ئاۋۇ ھېلىقى...

— باشقا گەپ بولمىسا، ماقۇل ئەمىسە، مەن ئىپتارغا كېچىكىپ كەتتىم، باللا ساقلاپ قالدى...

— باللاغا مەندىن سالام دەپ قويۇڭ، يەنە ئاۋۇ، بايىقى باغۇ، ئەنە شۇ يەڭگىمىز مەندىن رەنجىپ قالمىسۇن...

— رەنجىمەيدۇ، رەنجىمەيدۇ، خاتىرىجەم بولسىلا قارىم. ماقۇل، خوش!

— باللاغىمۇ سالام دەڭ، يەڭگىمىزگىمۇ، بەك سەت بولدى،... يەنە ھېلىقى، ئاۋۇ باغۇ،... يەڭگىمىز...

— خوش!!

تېلىپۇننى مەجبۇرىي قويۇۋېتىشكە توغرا كەلدى. (خۇددى چاپان يىرتىلسىمۇ يىرتىلسۇن دەپلا جىغانلىقتىن سىلكىنىپ-سىلكىنىپ چىقىۋەرگەندەك!) رامىزاندا مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولمىغان بولسام ئوبدان بولاتتى، ئەمما نە چارە؟ ئىپتار ۋاقتىدىن ئون سەككىز مىنۇت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئۆيدە تۇرۇپ ما ئىشنى دەيمىنا!

 

ئەمما سۆزلۈرۈم يامان تەرەپكە جورۇلمىغاي، بىز بىر توپ ئاغىنىلەر — ھەتتا باي بولغانسېرى بىزدىن ئۇزاقلىشىۋاتقاندەك تۇيۇلۇۋاتقان ھەبىبۇللاھقارىم داخىل بىر-بىرىمىزنىڭ بېشىغا بىر ئىش كەلسە يەڭ شىمايلاپ ياردەمگە ھازىر تۇرۇدۇغان بىر توپمىز (راسا بەينەلمىنەل توپ دېيىشكە بولۇدۇغان، ھەريۇرتتىن بىرەر ۋەكىل). ھەتتا بىرەرسى بىرىمىزنى بوزەك قىلغان تەقدىردە ساقىلىمىزنى سۆرەپ ھەممىمىز دېۋەيلەپ بارغۇدەك يېقىنلىقىمىزمۇ بار.

بۇنى شۇ بىر كىچىك مىسالدىنلا بىلگىلى بولۇدۇ:

ھەمدۇلقارىنىڭ چوڭ قىزى بىلەن مېنىڭ قىزىم دەرستىن سىرت نورۇز پائالىيىتىنىڭ ئويۇنلىرىغا تەييارلىق قىلىشاتتى. شۇڭا شام مەھەللىرىدە قايتىپ كېلەتتى. بىر كۈنى مېنىڭ قىزىم ئاغرىپ قېلىپ بالدۇر يېنىپ كەلگەن كۈندە ھەمدۇلقارىنىڭ قىزى يالغۇز كېلىۋاتقان ئىكەن، قوشنا بىنادىكى بىرىنىڭ ئۆيىگە غۇلجىدىن مىھمان بولۇپ كەلگەن بىر يىگىت ئالدىنى توسۇپ پوخۇرلۇق قىلىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ يېڭى تونۇشىمىز سابىق ئاشپەز يۈرۈشكە چىققان پەيتكە توغرا كەلگەچكە، ئۇچرۇشۇپ قېلىپ، مىھمان يىگىتنى راسا ئەيپلەپ ھەيدىۋېتىپ، قىزنى قۇتقۇزۇپ بىنانىڭ ئالدىغىچە ئەكىلىپ قويۇپتۇ.

مەن كۈندىكى ۋاقىتتا ئىشتىن كېلىپ بىنا ئالدىدا ھەمدۇلقارىم بىلەن دوقۇرۇشۇدۇغان پەيتتە ھېلىقى بېتون قىياسىغا قۇيرۇقىنى تاقاپ تاماكاچېكىۋاتقان ئاشپەزگە يولۇقۇپ قالدۇق. ئەسلىدە ئۇ بىزنى ساقلاپ تۇرغاندەكمۇ قىلاتتى. مانا شۇ چاغدا ئاخشام بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. مېنىڭ تېنىم شۈركۈنۈپ كەتتى. يا بۇ ئىش مېنىڭ قىزىمنىڭ بېشىغا كېلىشىمۇ مۈمكىنغۇ؟ تېخى نارېسىدە قىزلار تۇرسا! تازىمۇ ئاچچىقىم كەلدى.

— كىمنىڭ مىھمىنىكەن ئۇ ھاڭگا!؟ — دەپ ۋارقىرىۋەتتىم. (بۇ تاسادىپىي ئاغزىمدىن چىققان سۆز بىلەنلا ھېلىقى پوخۇر يىگىتكە «ھاڭگا» دېگەن ئىسىم قويۇلۇپ، ئارىمىزدا شۇنداق ئاتايدىغان بولۇپ كەتتۇق.)

بىز ھاڭگىنىڭ تۇققانلىرىنى تونۇيتۇق. گەرچە ئارىلاشمىساقمۇ ئۇچرۇشۇپ قالساق باش لىڭشىتىپ سالاملىشىدىغان دەرىجىدىكى تونۇشلۇقۇمىز بارىدى. مەن ئاچچىقىمنى باسالمىغاچقا باشقا بۇرادەرلەرگىمۇ خەۋەر قىلىۋىتىم قالدىم، توغرا قىلدىممۇ، خاتامۇ؟ بۇنىمۇ ئايرىغۇدەك ھەپسىلەم يوقىدى. بويلىرى ئۆسۈپ، كۆز باغلانغان مەھەلدە چوڭ قىزلاردەك كۆرۈنگىنى بىلەن، تامامەن بالا تۇرسا، قانداقمۇ غەزىپىمنى باسالايمەن. شۇ چاغدىكى مەخسىدىم چوقۇم بۇ ئەدەپسىز ھاڭگىنى راسا دۇمبالاپ ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويۇش بولسا كېرەك. شۇڭا باشقىلىرى ئارىلىشىپ قالسا تەييار تۇرسۇن ئۈچۈن باشقا دوستلارغا خەۋەر بەرگەن بولسام كېرەك.

ئاخشاملىرى مېنىڭدەك مائاشقا ئىشلەيدىغان دوستلارنىڭ ئىشى بولمايدۇ ئەمەسمۇ، ھىچ بولمىسا كەچنى زېرىكمەي ئۆتكۈزۈشكە بىر ئەمەك ھىسابىدا بولسىمۇ دەرھال يېتىپ كېلىشتى. بۇ يەردە قىزغىن غۇلغۇلىمىز باشلاندى.

— ماڭا قارڭلار، بۇرادەرلەر، — دېدى ھەمدۇلقارى بىزنىڭ ھاڭگا توغرىسىدا قارار ئېلىشىمىزغا ھىچ قىزىقمايۋاتقاندەك گەپنى بۆلۈپ، — ئىشك ئالدىغا كېلىپ قاپتۇق، بۇرادەرلەرنىڭ ماندا بىر يەگە كەپ قېلىشى ئاسان ئەمەس، ئۆيگە كىرمەيلىما؟ بىر قازان تاماقنى بىللە يىگەچ دېيىشسەكمۇ بولۇدۇ ئەمەسما؟

بۇ گويا ئۇنىڭغا ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر ئىش ئىدى. بۇ ھال بىر ئاز كەيپىمىزنى ئۇچۇرۇپ، بىلگىنىڭنى قىلەۋە! دېگۈمىز كېلىپ تۇرسىمۇ، ئاتايىتەن دەبدەبە قىلىشىپ بىر يەرگە توپلانغاندىكىن، شۇنىڭغا يارىشا بىرەر قارار ئېلىپ تۈگەتمىسەك تازىمۇ «ماز بىر ئىش» بولاتتى. شۇڭا، ھەمدۇلقارىنىڭ ئادىمىگەرچىلىك ئىپادىلەشكە ئالدىراۋاتقان تىت-تىتلىقىنى «قولىمىزنىڭ كەينى بىلەن ئىتتىرىۋېتىپ» داۋاملىق قاينىشىپلا كەتتۇق. بۇرادەرلەر ھەمدۇلقارىنى دېمىگەندىمۇ مەن ئۈچۈن ھە-ھۇ دېيىشەتتى-دە.

يەنە بىر تەرەپتىن ھەمدۇلقارىنىڭ ياخشى كۆڭلىدىن بەكلا زېرىكىش ھىس قىلىشىپ كەتكەچكىمۇ ئۇنىڭ تەكلىپلىرىنى قارشى ئېلىشقا ھىچكىم قىزىقمايۋاتقاندەك ئىدى.

— توختاڭلا، ھەمدۇلقارى، ما ئىش سىلىگە ئەڭ ئالاقىدار، توغرا، ھەممىمىزگە ئالاقىسى يوقمۇ ئەمەس، ئەمما بىۋاسىتە سىلىگە ئالاقىدار، شۇندا بوغاندىكىن، قاندا قىلاي دەيسىلە؟

— نېمىنى قاندا قىلىشنى دەيسىلە؟

— ئ! ما ئاداشنى! قىززىق بى ئاداشكەن-ئا بۇ؟

— ئەدەپلەپ ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەكمۇ-يا؟

— ھە، بىر گەپلەشمەي بولمايدۇ...

— يەنى مەسىلەن، سىز ئۆزىڭىز گەپلىشەلەمسىز ياكى، ھەممىمىز بىر ئارىغا ئېلىپ راسا بىر قورقۇتۇپ قويىمىزمۇ؟

— بۇ ئىش،... ماڭا تەن زادى، مەن ئۆزەم نېمە قىلاي. ژۈرۈڭلا، بوسۇغىغا كېلىپ ئۆيگە كىرمەي مۇشۇ يەردە تۇرىمىزمۇ؟ ئۆيدە دېيىشسەك تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ بىر قازان ئۇمىچىمىزنى بىللە ئىچىشىپ ماندا...

— يا... كىرمىگەن ئۆي بولمىغاندىكىن، ئۇ گەپكە كەتمەي، ما ئىشنى دېيىشىلى، سىز زادى دېيىشەلەيدىغان بولسىڭىز بىزگە ئىش يوق، قورقۇدۇغان، چىڭراق گەپ قىلالمايدىغان ئىش بولسا بىز بار جۇمۇ!

— يا... ق، قورقۇدۇغان نېمە ئىش بار؟ قورقمايمەن، ژۈرۈڭلا، ماقۇل دەپ ئۆيگە، بىر قازان،...

— ھەمدۇلقارى، — دېدىم مەن ئىككىنچى موھىم مۇناسىۋىتى ماڭا بولغان بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ، — سىلى ئاۋۇ ھاڭگىنى چاقىرىپ چىقىپ، يا بولمىسا ھەر ئاخشىمى ئۇ شۇم دۆڭكۆۋرۈكتە ئوينىغىلى ماڭىدىغان چاغدا ئالدىنى توسۇپ، ياقىسىدىن ماندا بى سىقىپ، — ئاچچىقىمدا ھەقىقەتەنمۇ ھەمدۇلقارىنىڭ ياقىسىنى نەپىسى قىيىنلاشقۇدەك سىقىۋالغىنىمنىمۇ سەزمەستىن، — تامغا نىقتاپ، بىر-ئىككى دوقۇسلۇتۇۋېتىپ، «ھە، گۇي! سېنىڭ ئاچاڭ يوقمىتى؟ سىڭلىڭ يوقمىتى؟ سېنىڭ سىڭلىڭنى يا ئاچاڭنى بىرسى ئاشۇندا قىلسا سەن قانداقراق ھىسىياتتا بولاسەن؟! ما ئوتتۇرا قولۇمنى... جۇما!» دەپ، يۈزىگىمۇ شالاقلىتىپ بىر نەچچنى تۈكۈرۈپ، ھاردۇقنى چىقىرالاملا يا...؟

— ھە، بۇ بولدى، دەيمەن، شۇندا قىلىمىز، قىلىمەن، ئۆزەم ئايىغىدىن چىقىۋالىمەن بۇ ئىشنىڭ،... بۇرادەرلەرنىڭ ماندا بىر ئارىغا كەلمىكى تەس، مۇشۇ ئىشنىڭ بانىسى بىلەن ئىشك ئالدىمىزغا كەپ قاپسىلە، ئۆيگىلا كىرىپ، بىردەم يېرىمدەم مۇھەببەتلىشىپ ئولتۇرۇشقاچ، بىرە قازان تاپقىنىمىزنى تەڭ يەپ،...

— قارىم، بىز مىھمانغا كەلمىگەندىكىن، ئۆيگە كىرمەيلى، ھەرقاچان ئارقىڭىزدا بىز بار، جۇمۇ، قورقماي، ئەركەكتەك تۆرت ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇڭ ئەمىسە. ئەگەر تۇققانلىرى بولۇشۇپ چىقىپ قالسا ھايتلا دېسىڭىز بىز ئۈنىمىز.

— ماندا بىر ئارىغا كەلمىكىمىز...

— بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇشقا ۋاقتىڭلار بارمۇ-قانداق؟ — دەپ سورۇدۇم مەن ھەمدۇلقارىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، مەن بۇ يەردە گەپ ئۇزۇراپ كەتسە كەچلىك دەرسىمگە كەچ قالماي دەپ دەرھال خوشلاشماقچى بولۇپ.

— خوش، ئاداش، بولدى، كىرىۋېرىڭلا، بىزمۇ كېتىمىز، — دېيىشتى ھەممەيلەن.

— خوش ئەمىسە، مەن كىرىپ كەتتىم، — دېدىم ئۆزەمگە خاس يۈزسىزلىكىمنى جارى قىلىپ، بۇ ئاخىرى چىقمايدىغان تارتىشمىلاردىن قۇتۇلۇشقا ئالدىراپ.

ئارقامدىن يەنە ھەمدۇلقارىنىڭ بۇرادەرلەرنى ئۆيگە، تاماق يەپ كېتىشكە زورلىغان يېلىنىشلىرىنىڭ يېڭى باشلىنىشى ئاڭلىنىۋاتاتتى، يېلىنىشلەرنىڭ ئاخىرى چۈشكىچە بىنا ئىشىكىدىن كىرىپ كەتتىم. ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندە يېرىم سائەتسىز بىر-بىرىدىن ئاجرىيالمىشى (ھېلىقى جىغانلىقتىن چىقىشى) ماڭا ئايان ئىدى.

ئەمما بۇ ئىش ئىچىمدىن ئاسان چىقمىدى. كۆڭۈل بۆلمىسەم بولمايدىغان ئىشتى. تېخى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلار تۇرسا، ئاپلا! ئاۋۇ ھاڭگىنى دەسسەپ-دەسسىۋەتسەم-دە! شۇڭا ھەر ئاخشىمى ئىشك ئالدىدىكى دوقۇرۇشۇشتىن قېچىشنىڭ ئەكسىچە، ھەمدۇلقارى كۆرۈنمەيۋاتقان بولسا، بىردەم ساقلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئىشنىڭ يېڭى تەرەققىياتى نېمە بولغانلىقىنى سورايدىغان بولدۇم.

بىرىنچى كۈنىدىكى ساقلىشىمنىڭ پايدىسى بولمىدى، ھەمدۇلقارىم ئۇزاقراققا كەتكەنمۇ قانداق يېرىم سائەتچە ئاشپەز بىلەن گەپلىشىپ تۇردۇق، ئەمما ئۇ كەلمىدى. ئادەتتە ئىككى-ئۈچ مىنۇتلۇق بىر پەرق بىلەن بىنا ئالدىغا كېلىشەتتۇق.

— ھەر ئىشتا بىر ياخشىلىق بار، ھەر ئىشتا بىر ھىكمەت بار دېيىشىدىكەن، — دېدىم ئاشپەز بىلەن چېقىشپ، — سىلىنى ئەتتىگەندىكى يۈرۈشتىن مەھرۇم قىلغان قىسمەتنىڭمۇ ھىكمىتى كۆرۈلدى، مانا، بولمىسا ھېلىقى ھاڭگا بىلەن نەلەرگە يېتەردۇق؟

— شۇ، شۇ، — دېدى ئۇمۇ كۈلۈپ، — چوڭ بىر ماجرانىڭ ئالدى ئېلىندى ھەرھالدا، بەلكىم بىر جىنايەتنىڭ ئالدى ئېلىنغانمۇ بولۇشى مۈمكىن. ھەمدۇلقارىمنىڭ ياخشى كۆڭلىگە بىر جاۋابىمىز بولۇپ قالدى.

ساقلاش پايدىسىز بولۇپ كىرىپ كەتتىم. ئەتىسى ھەرقاچانقىدەك ئازغىنە پەرق بىلەن ئىشك ئالدىغا يېتىپ كەپتۇق. ھەمدۇلقارى يېقىن كېلە-كەلمەيلا ئالدىراپ سورۇدۇم:

— ھە، قارىم قانداق بولدى؟ ئاۋۇ ئېشەك بىلەن كۆرۈشەلىلىمۇ؟ — ھەمدۇلقارىنىڭ ئون يىل كۆرۈشمىگەندەك سېغىنچ ئىلكىدە تەڭلەۋاتقان قولىمۇ، بىر نەپەستە بەش مىنۇتقىچە ئۈزلۈكسىز سورۇلۇدۇغان ھال-خاتىر ھەققىدىكى سوئاللىرىمۇ تۇرغان يېرىدە قالدى. ئەسلىدە ئۇ خۇددى كۈندىكىدەكلا يېرىم سائەتلەرگە سوزۇلۇدۇغان بىر ھاللاشمىغا تەييار كەيپىياتتا كېلىۋاتقان بولۇپ، تۇرقىدىن بىرەر خاپىلىق، جىدەلگە ئالاقىدار بىر ھالنى كۆرگىلى بولمايتى.

— ھىچ نېسىپ بولمايلا قالدى، ئاخشام كەچرەك قېلىپ، قالدىم...

— بۈگۈن كەچقۇرۇن ئاشۇ يېقىنلاردا بىر يەردە پايلاپ تۇرۇپ ئۇچراشسىلا، ما ئىشنى كونارتىۋەتسىلە تاتقى قالمايدۇ، جىما؟

— يا، كونارتامدىغان، بۇ دېگەن موھىم ئىش تۇرسا،... ژۈمەمسىز، بىردەم بىللە...

— ماقۇل ئەمىسە، مەن شۇنىڭ نەتىجىسىنى ئۇقۇپ باقاي دەپلا ساقلاپ تۇرغان، مەن كىرىپ كەتتىم.

ئۇنىڭ ئەتىسىمۇ قارىمدىن ئاشۇ قىزغىن ئەھۋال سورۇشۇش كەيپىياتىدىن باشقا يېڭىلىق ئاڭلىيالمىدىم ۋە سەل ئاچچىقىم كېلىپ:

— بولمىسا مەن بىللە چىقايما؟ — دېدى خاپىغان ھالىم بىلەن بېسىم ئىشلىتىپ.

— يا... يا... بولدى، ئۆزەم،... — دېدى ئۇ. ئاندىن ئۆيگە تاماققا تەكلىپ قىلسام نېمە دەركىن بۇ، دېگەندەك كەيپىياتىمنى كۈزۈتۈۋاتقاندىلا جىددىي خوشلۇشۇپ ئىچكىرى قاچتىم.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنى نىھايەت ئۇنىڭدىن كۈتۈلگەن جاۋاپ كەلدى.

— ھە، ئاخشام كۆرۈشتۈم، — دېدى ئۇ كۆڭۈلسىز بىر خاتىرىنى ئەسلىگۈسى كەلمىگەندەك ۋە جىددىي مەۋزۇنى بۇراپ ھال-خاتىر سوراش، ئۆيگە تەكلىپ قىلىشلارغا ئۆتەي دەپ تۇراتتى، مەن بۇنىڭغا يول قويماستىن تەپسىلات تەلەپ قىلىدىغان بېسىمدار تەلەپپۇز بىلەن:

— قانداق بولدى؟ تۈزۈكرەك دېسىلە قېنى؟

— شۇ كۆرۈشتۇق، بولغان ئىشنى يۈزىگە سالدىم، قىزنىڭ دادىسى بولۇمەن، دېدىم،...

— شۇلامما؟ باشقا؟

— باشقا؟! يەنە نېمە گەپ؟

— ئادېش، ماندا بى ئەركەكتەك كىچىككىنە قەھرى بولمىسىمۇ قاملاشمايدۇ، ئادەم دېگەنننىڭ! «ۋې! گۇي! نېمە قىلدىڭ؟ ئادەممۇ سەن، ئېشەكمۇ؟ ھە!؟... » دېدىلىمۇ يا؟

— دېمەمتىم، دېدىم، تازا دېدىم.

— يەنى، مەسىلەن؟

— مەسىلەن شۇ،... چوپ-چوڭ بىر ئادەم تۇرۇپ، نارېسىدە قىزۋالىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ژۈرسىڭىز شۇمۇ ئىش بولدىمۇ؟ سەت ئەمەسمۇ؟ ماندا دېيىشىپ ژۈگىنىمىزنىڭ ئۆزىمۇ ئەسلى بولمىغان ئىشتى، مەجبۇر بولۇپ قالدۇق مانا، دەپ تازا دېدىم... ئاخىرىدا ئېغىر كەپ كەتكەن بولسا دەپ، ما ئىش بىر ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ، قاراڭغۇ بولغاچقا سىزمۇ بىلەممەي قالغان گەپ ھەقىچان،... دەپ ئازراق سىلىقلاپ، ئىشنى تۈگەتتىم...

— قانداق ئۇقۇشماسلىقكەن ئۇ؟ ئۇقۇشماسلىقما شۇ؟ قاندا دېگەن گەپ بۇ! ئەھۋالدىن قارىغاندا تازا دەۋەتكەندەك تۇرۇلا، تونۇش بولۇشۇپ قالمىغان بولمىسىلالام بولاتتىغۇ!

كۆڭلۈم غەش ھالدا كىرىپ كەتتىم. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن غەشلىكلەر ئۇنتۇلدى.

 

ئاشۇ غەۋغاغا سەۋەپ بولغان بالىلىرىمىزنىڭ نورۇز تەييارلىقى ئەمەسمىدى؟ مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نورۇز پائالىيىتىدە ئوينايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مەكتەپكە چاقىرىلدى. ئەسلىدە تۇنجى قىلىپ ئەمەلىي سەھنە پىراكتىكىسى ھىسابىدا، ھەمدە بالىلارنى رەسمىي سەھنىگە ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بىزگە ئويۇن كۆرسەتمەكچىكەن. ئۇ كۈنى قىزىمىز بەك خوشال ئىدى، شۇنداقلا ھاياجانلىنىۋاتقانلىقى، بۇ ھاياجاندا سۆزىدىنمۇ ئېزىپ تۇرۇۋاتقانلىقى سېزىلەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ رولى ھەققىدە زوق-شوق بىلەن سۆزلەيتى. ئانىسى ئىككىمىز ئۇنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈشكە بەك ھېرىسمەن بولمىساقمۇ ئۇنىڭغا ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن قىزغىنلىق كۆرسۈتۈۋاتقان كۆرۈنۈشتە مەكتەپكە بېرىشقا جابدۇندۇق.

ھەمدۇلقارىنىڭ قىزىمۇ بۇ پائالىيەتتە ئاساسىي رولدا بولغاچقا ئۇمۇ چاقىرىلغانلىقىدا گەپ يوق. بىز ئۇنى چوقۇم خەۋەر تاپىدۇ دەپ ئويلىغاچقا بىللە بېرىش، سائەت نەچچىدە ئۆيدىن چىقىش ھەققىدە دېيىشىپ ئولتۇرمايلا ئۆزىمىز كېتىۋەردۇق. قىزىمىزنىڭ شات-خۇررام سۆزلەشلىرى يول بويىچىمۇ داۋام قىلدى.

مەكتەپكە يېتىپ كەلگىنىمىزدە بەزى ئوقۇغۇچىلار ۋە بەزى ئوقۇتقۇچىلار كېلىپ بولغان ئىكەن. باشقىلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدۇق. ئۇققۇنۇمغا كۆرە سەنئەت پائالىيىتىگە تاللانغا ئوقۇغۇچىلار ئونبەشچە چىقاتتى. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرنەچچىسى بارىدى. ئاتا-ئانىلار بىلەن قوشۇلۇپ 40 تەك ئادەم بولغۇدەك ئىدى. بىرەر سائەت كۈتۈشتىن كېيىن كېلىدىغانلار (ھەمدۇلقارى ئائىلىسىدىن باشقىلار) تولۇق كېلىپ بولدى. ھەمدۇلقارى ئادەتتىمۇ بەك بالدۇر كەلسە يېرىم سائەتلا كېچىكىپ كېلەتتى. بۇمۇ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئىدى.

مەسئۇل ئوقۇتقۇچى ئويۇن باشلىشىمىز كېرەك بولغان ۋاقتتىن ئۆتۈپ كەتتى دەپ تىت-تىت بولۇپ جايىدا پىرقىراشقا باشلىدى. باشقا ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مۇدىر ياردەمچىسى باشلاۋېرەيلى، بىر ئادەمنى ساقلاپ تۇرامدۇق دېيىشكەن بولسىمۇ، ئاساسلىق سەنئەت ئۇستازى بولغان مۇئەللىم باش رولدىكى قىزنى ساقلاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىدىن ئۆرتۈنەتتى. ئۆزىنىڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈۋاتقىنىدىن تە بولۇپ كەتكەن مۇئەللىم ماڭا يېقىنداپ كېلىپ:

— بىلىشىمچە سىز يېقىنغۇ خېلى؟ بىر تېلىپۇن قىلىپ باققان بولسىڭىز بوپتىكەن، — دەپ ئىلتىماس قىلدى يېلىنگەن ئاھاڭدا.

— بالدۇرراق كەلسۇن دېسەك تېلىپۇن قىلماي ساقلىشىمىز كېرەك، — دېدىم مەن. ئەمما مۇئەللىم گېپىمنى چۈشەنمىگەچكە چەكچىيىپ قالدى. شۇغۇنىسى ئۇنىڭغا بۇ گەپنى چۈشەندۈرگىلى بولاتتىمۇ؟

ئەگەر شۇئاندا ئۇنىڭغا تېلىپۇن قىلىنىدىغان بولسا نېمە بولۇشىنى بىرلا ئۆزەم بىلەتتىم. پەقەت خوشلۇشۇش ئۈچۈنلا يېرىم سائەت كېتىدىغان، شۇندىمۇ تېخى ئالدىرىتىپ تۇرۇلسا ئاندىن مۈمكىن بولاتتى. جابدۇنۇۋاتقان بولسا ئىشىنى كەلگەن يېرىدە توختۇتۇپ سۆزلۈشۈشكە باشلىسا تېخىمۇ كېچىكەتتى. چۈنكى ئۇ ھىچقاچان بىرىنچى بولۇپ خوشلۇشۇپ گەپنى ئۈزمەيتى. بۇلارنى بىرنەچچە ئېغىز گەپ بىلەن مۇئەللىمگە چۈشەندۈرۈش تەس بولغاچقا، ئۇنى تەئەججۈپتە قالدۇرغانچە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.

نىھايەت يېرىم سائەتتىنمۇ ئارتۇقراق ۋاقىت ئۆتكەندە ھەمدۇلقارىمنىڭ قىزى خوشال-ھالدا ئىشىكتە كۆرۈندى. ئارقىدىن قالغان بالىلىرى ئاندىن ئېغىر يۈكتىن دولىسى ساڭگىلاپ كەتكەن ئەر-خوتۇن كىرىپ كەلدى. مەن ئۇلارنىڭ كىرىپ كېلىش شەكلىدىنلا «ئىم!» دېدىم، بۈگۈنكى ئىش پىشقان ئىدى.

— تېز بولۇڭ، تېز! — دەپ ئالدىراتتى مۇئەللىم.

— تېزمۇ بولۇپ بولدۇق، — دېدىم مەن ئۆزەمگە دەۋاتقاندەك قىلىپ. ئەمما مۇئەللىم ئاڭلاپ قاپتۇ:

— نېمە دەيسىز؟ نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟

— مانا ھازىرلا كۆرۈسىز...

ھەمدۇلقارىم سەھنىنىڭ ئالدىغا يېنقىلاپ كەلدى. قوللىرىدىكى ئېغىر يۈك — داستىخانغا ئورالغان ئاللىنېمىنى يەرگە قويۇپ، تەرلىرىنى سۈرتكەچ:

— سەل كېچىكىپ قالدىم، ئەپۇ قىلىڭىزلار، — دەپ ئۆزۈر بايان قىلىۋاتاتتى، مەن گەپنى بۆلۈپ:

— ھە، سەل-پەل كېچىكىپ قاللا، ناھايىتى كەتسە شۇ بىر يېرىم سائەت، — دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

— ئاندامۇ ئەمەستۇ؟ — دېدى ئۇ نورمالدا چىرايىدىن كەتمەيدىغان خىجىل كۈلۈمسىرىشى بىلەن سەبىلەردەك قاراپ.

— سائەت نەچچىدە دەپ ئۇقتۇرۇلغان، سىلىگە؟ ھە، مانا ئەمدى سائەتلىرىگە قاراپ باقسىلا.

— ھوي، راست... ئەستاغ... ما ئىشنى،... — دېدى ئۇ دائىمىي خىجىللىق ئىپادىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، — ھە، شۇ مۇشۇنداق بىر جەم بولغان سورۇندا، باللىرىمىزنىڭ ئۇستازلىرى بىلەن بىر ئارىغا كەلگەن مۇشۇنداق ئوبدان پۇرسەتتە بىر قازان ئاشنى تالىشىپ-تارتىشىپ بىللە ئىچىشسەك، دەپ قاپتىكەنمىز، شۇنىڭ بىلەن ھاپىلا-شاپىلا، ئالدىراپلام،... لايىقىدىغۇ ئەمەس، شۇندا بوسىمۇ كۆڭلۈمىز تارتىپ، شۇ... شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي قاپتۇق، گۇنا بىزدە...

— نېمە؟ نېمە دەيدۇ بۇ ئادەم؟ — دېدى ھەيران بولغان مۇئەللىم ماڭا قاراپ.

— بۇ مۇشۇنداق كۆڭلى ياخشى ئادەم، بۇنداق سورۇنلاردا قۇرۇق ئولتۇرۇشقا پەقەتلا يۈزى چىدىمايدۇ، ئادىمىگەرچىلىكى يول قويمايدۇ، — دەپ چۈشەندرۈدۈم مەن مۇئەللىمگە پىچىرلاپ.

— باللىرىمىزنى ئوقۇتقان، ھە، تەربىيىلىگەن مۇئەللىملەرگە بى خىزمەت قىلىۋالماق ئارزۇيىمىز بولسىمۇ، جاھاندارچىلىقتا شۇ، نېسىپ بولماي بۈگۈنگە كەپتۇمىز، مانا بۈگۈن ماندا بىر ئىشنىڭ باھانە –سەۋەبى بىلەن بىر ئارىغا كېلىپ جەم بولۇپ قاپتۇق، شۇڭا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى،... يوغان بىر ئىشقۇ يوق، ئاز بوسىمۇ، غورىگۈل بولسىمۇ ئازراق شۇ...

— نېمە گەپ بۇ؟ مەن چۈشەنمەي قالدىم؟ — دېدى مۇئەللىم، — ئويۇننى باشلايمىز دەپ سىزگىلا قاراپ قالغانتۇق، باشقا ئىش يوقتۇ؟ تېچلىقچىلىقتۇ؟

— تېچلىق، تېچلىق... شۇ، قۇرۇق كېلىشكە يۈزۈم چىدىماي ئازراق بىرنەرسە كۆتۈرگەچ كەپتىكەنمىز، شۇ، ئويۇننى ئاندىن باشلىساق، قىزىقىدا مۇشۇنى بىر بىللە ئولتۇرۇپ ھەمداسقان بولۇشۇپ، نېمە قىلىۋەتسەك، ئويۇننى ئاندىن باشلىمايلىما؟ قانداق دەيسىز؟

— بۇ...؟ تازا... ھېلىمۇ ۋاقىت خېلى كۆپ ئۆتۈپ كەتتى، كېچىكتۇق، ...

— ئەمدى، شۇ، كۆڭلىمىزكەن، ئەكەپ قاپتۇق، ئەمدى بۇنى تاشلىۋېتىپ كەتكىلى بولمايدۇ، دەڭا. كېيىنگە قالسا سوۋۇيدۇ، تاماق سوۋۇسا مەزىسى قاچىدۇ،... گاچچىدىلا... يۈسۈپھاجىم خاپا بولماي ياردەم قىلىشىۋەتسىڭىز....

ئەمدى باشقا تۈرلۈكمۇ بولمايتى. ئەنئەنىمىزدە داستىخانچىلىق بولغان خەلق بولغۇنىمىز ئۈچۈن مۇئەللىملەرمۇ چىڭ تۇرۇۋېلىشقا يۈزى چىدىماي سۈكۈت قىلىشتى. قولمۇ-قول داستىخانلارنى يەشتۇق. كۆرۈلدىكى، قوش جۈمبىللىك كاسترولكىدىن ئىككىدە سۈيقاش بارىكەن. ئاندىن بۇنىڭغا يانداپ بىر داستىخاندا گىردە، سامسا، ئاندىن چايلارغىچە بارىكەن. شۇغۇنىسى پىلاستىك قوشۇق ۋە بىراش (بىر ئىشلىتىپ تاشلايدىغان قاچا) لار يېتەرلىك بولمىغاچقا ئۈچ گورۇپپا بولۇشقا توغرا كېلەتتى. قاچا بىكار بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى گورۇپ داۋام قىلاتتى.

ئۆيلىرىدە خېلى ئېسىل تاماقلارنىمۇ زورلاپ يېدۈرگىلى بولمايدىغان ئەتىۋار بالىلار توپ ئىچىدە تارقىتىلغان تاماققا ئاللىقانداق قىزىقىش بىلەن ئۆزىنى ئۇرۇپ، ئالدى نۆۋەتنى تالىشىدىغان كەيپىياتمۇ كۆرۈلدى. ئانام دەيدىغان «كىچىك بالا تاماق يېگىلى ئۇنىمىسا باشقا بالىلار بىلەن بىللە بولسا يەيدۇ، ئاكاڭ يالغۇز چېغىدا شۇنداق سۈلەي (تاماق تاللايدىغان) ئىدى، تاماق يىگىلى ئۇنىمىسىلا قوشنىلارغا ئاچىقىپ قوياتتىم، تالىشىپ-تارتىشىپ يەيتى». بۇنىڭدىن قارىسا ئادەم مالغىمۇ ئوخشاپ كېتىدىكەن. يالغۇز قويمۇ شۇنداق سۈلەي بولۇدۇ ئەمەسمۇ؟ مېنىڭچە تېخىمۇ موھىم بىر سەۋەبى بىزنىڭ كوممۇنا (ياكى كوللىكتىپچىلىق) تەرىپىدىن يېتىلدۈرۈلگەن كوللىكتىپ يوشۇرۇن ئېڭىمىزدىكى بىرىكىم بولسا كېرەك. كوممۇنادىن ياكى «تەشكىل» دېيىلىدىغان يەردىن بىرنېمە تارقىتىلسا لازىم بولسۇن-بولمىسۇن تالىشىپ ئالۇدۇغان بىر ئادىتىمىز شەكىللەندى ئەمەسمۇ؟ تېخى شۇنداقمۇ بىر تۇراقلىق ئىبارە شەكىللەندى: «بىر تۈكىنى بولسىمۇ يۇلغۇنىمىز يۇلغان»! مانا مۇشۇنداق يېڭى شەكىللىنىشنىڭ خاسىيىتىدىن كەلگەن ئاشۇ روھ مانا بۇ يەردە راسا جارى بولدى دېسەك ئاشۇرەۋەتكەن بولمايمىز.

ھەتتا ئوغۇللار بىلەن قىزلار قىستىلىشىپ، سەھنىگە ئاش تۆكۈلۈپ كەتكەن ئىشمۇ بولدى. چۈنكى بۇ تەقسىمات ئىشى سەھنىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. سەھنە يورۇق بولغاندىن باشقا باشلىنىش مۇراسىمى ئۈچۈن قويۇلغان بىرنەچچە شىرەمۇ بۇ يەرنى مۇۋاپىق تېپىشلىرىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئاشۇ شىرەنىڭ ئۈستىدىكى يوپۇقلارمۇ يۇمۇسا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. ھەرقانچە دىققەت قىلسىمۇ كۆپچۈلۈك ئەمەسمۇ، يەنىلا غودۇر-سۇدۇر بولماي قالمايدىغان گەپكەن، ئاش تۆكۈلدى، نان ئۇۋالدى. ئاندىن شۇ كىچىك بالا دېگەنگە بەرىبىر رەج ئۇقتۇرماق تەس ئەمەسمۇ، قولىدا قالغان ئاخىرقى بۇردا نانلارنى بىر-بىرىگە ئېتىشىپ، بۇنىڭدىن بىر ئويۇن چىقىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن سەھنىنى تازا بىر سائەت سەرپ قىلىپ تازىلىمىسا بولمىغۇدەك ھالغا كەلدى.

نۆۋەت مەسىلىسىدىمۇ كىچىكلەر بىرىنچى نۆۋەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئىككىنچى نۆۋەتتىكىلەر بىلەن بىللە يەنە تەلەپتە بولۇپ غەۋغا چىقىرىشتى. بولۇپمۇ ھەمدۇلقارىمنىڭ تېخى مەكتەپكە كىرمىگەن كىچىك ياشتىكى ئۈچ بالىسىنى تويدۇرغىلى پەقەتلا مۈمكىن بولمىدى. بۇنداق بالىلاردىنمۇ خېلى بارىدى. ئاكىسى ياكى ئاچىسىنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرسۇن دەپ ئالغاچ كېلىنگەن بۇ كىچىك ئەزىمەتلەر سەھنىنى پات-پاراق قىلىۋەتتى....

ئاخىرقى نۆۋەتتە مۇئەللىملەر بىلەن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار شىرەگە كېلىشكەنلىرىدە ھەمدۇلقارىمنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرى چىن يۈرەكتىن تەكرار تۆكۈلدى:

— مۇئەللىم ئۇستازلارنى ئۆيشان دېيەلمىگەن خىجىلچىلىقىمىز بارىتى ئەمەسمۇ، بىر قازان ئاشنى بىللە ئولتۇرۇپ تالىشىپ-تارتىشىپ ئىچىش ئارزۇيىمىز بولسىمۇ،... ما ھەربىرلىنىڭ باللىرى بىزنىڭكى بىلەن بىللە ئوقۇپ، مانا بىللە ئوينايدىكەن، بىز چوڭلار ھىچ تونۇشمايدىكەنمىز، بىرنەچچىڭلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا، شۇمۇ ئادىمىگەرچىلىك بولدىمۇ، قاندا جاھان بولۇپ كەتتى، بۇ، ئادىمىگەرچىلىكتىنمۇ چىقىپ كېتىۋاتامدۇق، نېمە بالا؟...

داستىخان ئالدىدا ھەممىنى ئۇنۇتۇپ، «ئادىمىگەرچىلىك»كە كۆمۈلۈپ كېتىدىغان مىھماندوست خەلق بولغۇنىمىز ئۈچۈن مۇئەللىملەرمۇ نېمەت ئۈستىدە ئوشۇق-تۆشۈك گەپ قىلماي، پەقەت تەكەللۇپ سۆلەرگە ئاڭلىقلىقىغا يارىشا سۇلكەت بىلەن جاۋاپ بېرىشىپ، ھەمدۇلقارىنىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەت-تەشەككۈرلىرىنى تۆكۈپ يەپ ئىچىشتى. مەن ھەمدۇلقارىمغا ياردەملىشىپ مۇلازىمەتتە بولۇشتۇم.

ھەمدۇلقارىمنىڭ تۆۋەنچىلىك بىلەن تاماققا زورلاشلىرىدىن بېشىم يېرىلىدىغاندەك بولۇپ نېرىغا كەتسەممۇ، لېكىن مىھمانلارنىڭ بىرەر خىزمىتى چىقىپ قېلىپ چاپسانلا يەنە يېقىنلاشقا توغرا كېلەتتى. مانا شۇنداق يېقىنلىغان چاغلاردا ئۇنىڭ چىن يۈرەكتىن چىققان ئادىمىگەرچىلىك سۆزلىرى قۇلۇقۇمغا ئونىنچى قېتىم چېلىنىپ تۇراتتى:

— تەڭ يىگەن تەنگە سىڭەر دەپ، شۇ، بىر قازان ئېشىمىزنى بىللە ئىچىشكەچ...

نەپەس يېتىشمىگەندەك بىر خىل سىقىلىشتىن يېرىلايلا دەپ، دەرھال كۆكسۈمنى ھاۋاغا تولدۇرۇۋېلىشقا نېرى كېتىشىمگە توغرا كېلەتتى. چۈنكى تېخىچە نۆۋىتى كەلمىگەن ئۈچىنچى گورۇپپىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ غۇدراشلىرىغىمۇ قۇلاق مىھمىنى بولۇشۇمغا توغرا كەلگەچكە، ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا ئىدىمكى، كاشكى شۇ بىر كۈننى ياشىمىغان بولسام دېگۈم كېلەتتى. ئەمما ھەمدۇلقارى ھەرزامان ئۆز مەشغۇلاتىنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن، ھەممە ئادەمنىڭ دەل كۆڭلىدىكىنى تېپىپ قىلىۋاتقانلىقىدىن، بۇ ئىشنىڭ ھەممىگە ياراۋاتقانلىقىدىن تولۇق ئەمىن ھالدا ئۆز چاققانلىقىنى ئىپادىلەپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ چاققانلىقى، قولى چىۋەرلىكىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىلىنىدىغان سەھنىمۇ دەل داستىخان بولغاچقا، بۇ ئۇنىڭ كەسپىي ئىشى بولۇپ كەتكەندەكلا ئىدى.

نىھايەت ئۈچىنچى گورۇپپىمۇ داستىخانغا كەلگەندە بايىقى غۇدراشلارنىڭ ئەكسىچە بىر ئىپادىلىرى كۆرۈلدى. ئۇلارمۇ ئەمدى ئەجداتتىن كېلىۋاتقان ئۇدۇمغا ئۇيغۇنلۇق ئىپادىلەپ، تەكەللۇپلار، سۇلكەتلىك سۈپەتلەرنى ياغدۇرۇشۇپ، ئۆز ئارا ئادىمىگەرچىلىكلىرىنى ئىپادىلەشكە، ھەتتا ھەمدۇلقارىمنىڭ ھىچ ئويلىمىغان يەردىن تاپقان بۇنداق بىر مىھماندارچىلىق كەشپىياتىدىن سۆيۈنۈشلىرىنىمۇ ئىپادىلەپ، بۇنداق بىر ئىشنىڭ ھىچ ئەقىللىرىگە كەلمىگەنلىكلىرىدىن ئۆزلىرىنى ئەيپلەپ، ماختاشلىرىنى ئىككىنچى تەرەپتىن ۋايىغا يەتكۈزۈشكەنمۇ بولدى.

ئاخىرقى ھساپتا بۇ تاماق جېڭى ئاخىرلاشقاندا سەھنە ئۈستى ۋە پەستىكى سەھنىگە يېقىن جايلار ھەقىقەتەنمۇ بىر قېتىملىق قاتتىق ئېلىشىشتىن كېيىنكى جەڭ مەيدانىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. قالايمىقان، ھەر يەرگە تاشلىۋېتىلگەن بىراش قاچىلار، پىلاستىك قوشۇق، ئارىلار، ئېغىز سۈرتۈشكە ئىشلىتىلگەن قەغەزلەر، پىلاستىك خالتىلار،....

شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا شۇ مەلۇم بولدىكى، ۋاقىت بەك كەچ بولۇپ كەتكەن، پىلانلانغان پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش ھىچ مۈمكىن ئەمەس ئىدى. مۇئەللىملەر بىر-بىرلىرى بىلەن ئۇزاق غۇدراشتىن كېيىن ئاخىرى بۈگۈن پىراكتىكا ھىسابىدا قويۇلۇدۇغان ئويۇننى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكالىدى. نورۇز يېقىنلاپ قالغاچقا، ئەمدى باشقا بىر كۈنىسى بۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ چىقىشىغا ھىچكىمدە ئىشەنچ يوقىدى. باياتىن غۇدرىغانلارمۇ داستىخاندىن قوپقاندىن كېيىن ئېغىزلىرى بېسىقىپ، ئىچىدە نېمە ئويلاۋاتقان بولۇشلىرىدىن قەتئىينەزەر، ھەمدۇلقارىمغا پەقەتلا رەھمەتلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەنلا كىپايىلنىشتى.

ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىرايدىغانلىرى بالىلىرىنى يېتىلىشىپ، قايتىشقا باشلىدى. قالغانلىرىمۇ ئۆزئارا قىسقا خوشلۇشۇش ئىپادىلىرىنى قىلىشىپ ئۇزاۋاتاتتى. مېنىڭ ئايالىم:

— بىز قانداق قىلىمىز؟ يېگۈلۈكنى يەپلا خەقتەك كېتىۋەرسەك سەت تۇرا؟ بۇ يەرنى ھەمدۇلقارى بىر ئۆزى تازىلامدۇ؟ — دەپ پىچىرلىدى.

شۇندىلا بۇ ئىشنىڭ يەنە بىر قاملاشقان يېقى كۆز ئالدىمغا يېيىلىپ، يا كۈلۈشۈمنى، يا يىغلىشىمنى بىلمەيلا قالدىم. تازىلىشىپ بېرەيلى دەي دېسەم ئەڭ ئاز بىر سائەت ۋاقىت كېتەتتى، قىلغاندىكىن ئۆزەڭ توي، دەپلا كەتسەققۇ ئەسلى شۇ توغرا، ئەمما يەنە قىزىل يۈزلۈك ئادەم...

مۇئەللىملەردىنمۇ سەنئەتكە مەسئۇل بىرى ئايرىلىپ قالدى. ئۇ زالنى قۇلۇپلاپ كېتىش ئۈچۈن ساقلىمىسا بولمايتى. بۇ ۋاقىتتا ھەمدۇلقارى ئاللىقاچان چېچىلىپ ياتقان ئەخلەتلەرنى ئۆزىگە خاس چاققان ھەركەتلىرى بىلەن يىغىشقا باشلىغان، ئايالى ئېغىر گەۋدىسىنى تەستە قىمىرلىتىپ، سۈپۈرگىنى قولىغا ئېلىپ بولغان ئىدى. نېمە قىلىشىپ بەرسەك بولار؟ داسقانلارنى يۇيۇش كېرەك، ئەمما بۇ يەردە يۇغىلى بولمايدۇ-دە؟ مەن ئايالىمغا پىچىرلىدىم:

— شىرەدىكى داسقاننى يىغىپلا ماڭايلى، ئۆيدە يۇيۇپ قوياي، بالىلار مەكتەپكە كەلگەندە ئالغاچ كېلەر دېگىن-دە، دەرھال قاچايلى.

دەل شۇنداق قىلدۇق. بايا مېنىڭ گەپلىرىمدىن تەئەججۈپتە قالغان مۇئەللىم ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشىدە خېلى كۆپ مەنا بارىدى. بۇلارنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ بولار.

— ھەمدۇلقارى، بىز كەتتۇق ئەمىسە، ماۋۇ داستىخانلارنى ئاپىرىپ يۇيۇپ قويايلى، ھەممىنى سىلىگە تاشلاپ قويساق ئېغىر كەپ قالمىسۇن،... — دېدىم-دە ئىشك تەرەپكە قەدەم ئېلىۋاتاتتىم، ھەمدۇلقارى «خوش»لا دېسە بولۇدۇغان يەردە، كۆڭلى ئۇنىمىغاچقا قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ، دەرھال مەن بىلەن قانغۇدەك خوشلۇشۇۋېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، ئالدىمدا ھازىر بولدى. ئەمما مەن ئۇنىڭ رايىغا باقسام ئۆزەم كەچ قالغاندىن باشقا، ئۇمۇ ئىشتىن قېلىپ، تېخىمۇ كېچىكەتتى، شۇڭا:

— بولدى، سىلە ئۇزاتمىسىلىمۇ بولۇدۇ، بۇ يا ئۆي بوممىغاندىكىن، ئىشلىرىدىن قالمىسىلا، — دېدىم-دە، يولۇمغا داۋام قىلىۋەردىم. ئۇ بولسا ئون يىللىق سەپەرگە ئوغلىنى ئۇزۇتۇۋاتقان كۆيۈمچان دادىدەك، قىيالماسلىق، قانماسلىق ئىلكىدە تۇرۇپ قالدى. نورمالدا ئۇ بىزنىڭ ئۆيدە بولغاندىمۇ ئادەتتىن بولسا كېرەك، مېنى تاماققا زورلاپ كۆپ ئۇپرۇنۇپ كېتەتتى. نەتىجىدە مەن ئۇنىڭغا ئۆي مېنىڭكى، مىھمان سىلى، دەپ ئاگاھلاندۇرغان چاغلىرىم كۆپ ئىدى. بۇ يەردىمۇ ئۇ ئادەتلىنىپ قالغان مىجەزى بىلەن، قەلبىنى ئىپادىلەۋاتاتتى.

 

بۇ يازلىق تەتىلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ھەبىبۇللاھقارىم بىزدەك نامرات كونا دوستلىرىغا بىر ئىلتىپاتتا بولغۇسى كەلدىمىكىن ياكى بايلارنىڭ ئۆز ھەشەمىتىنى كۆرسۈتۈۋېلىش خۇمارىدىنمىكىن، ئەيتاۋۇر بىزنى بىر ھەپتىلىككە غۇلجىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ غۇلجىدا كاتتا قوروجايلىرى، باغلىرى بارىدى. ئاندىن يەنە بىزگە نىلقا تاغلىرى ئارىسىدا يايلاقلاردىمۇ بىرەر كۈن ئوينۇتۇدۇغان نىيىتىنى بىلدۈرۈپ بىزنى بەكلا خوش قىلىۋەتتى.

ھەبىبۇللاھقارىمغا ئەڭ دەسلەپ دەسمىي سېلىپ، پاي قوشقان تۆتەيلەن بىردىنلا بۇ سەيلى-ساياھىتىمىزدە كۆپرەك باغ-دالىلاردا بولۇپ، دالا تامىقى يەيدىغان ئىشكەن، بىزگىغۇ ئويۇن بىرىنچى، تاماق ئىككىنچى ئورۇندا بولسىمۇ، يەنىلا بىر داستىخان ھازىرلىمىسا بولمايدىغان ئىشكەن، بۇ ئىشقا ھىچقايسىمىزنىڭ ئېپى يوق، ھەمدۇلقارىنى ئېلىۋالساق راسا قولىمىزنى سوۋۇتاتتى ئەمەسمۇ؟ دېيىشىپ قالدۇق. ئەمما ئۇ چاقىرىلمىغان ئىدى. شۇڭا دوستلار مېنىڭ ھەبىبۇللاقارىم بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىقىمنى نەزەرگە ئېلىپ، مېنى سۆزلۈشۈشكە، بولسا ھەمدۇلقارىمنىمۇ تەكلىپ قىلدۇرۇشقا تەيىن قىلىشتى.

ھەبىبۇللاقارىم بەك خالاپ كەتمىسىمۇ، لېكىن دالا تاماقلىرى ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ دورا بولۇشىدا ھەمپىكىر بولغاچقا بولۇدۇ، ئېلىۋېلىڭلار، دەپ ئىجازەت بەرگەن بولسىمۇ، مەن بىر ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى نەزەردە تۇتقاندا يەنىلا سەن ئۆزەڭ بىر تېلىپۇن قىلىپ، رەسمىي تەكلىپتە بولۇنغىن دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدىم. ئىشلار ئاخىرى ئويلۇغۇنىمىزدەك شەكىلدە مۇما تۈۋىگە چۈشتى.

ياخشى بولغان يېرى شۇكى، بۇ كۈنلەردە ھەمدۇلقارىم كېيىنكى چاغلاردا ئاچقان ئاشخانىسىدىن زىيان چىقىپ يېڭىلا تاقىغان، ئەمدىلىكتە دۆڭكۆۋرۈكتە كاۋاپ ئاچساممىكىن دەپ ئويلۇنۇش قىلىپ يۈرگەن بىكار كۈنلىرى ئىدى.

توغرا، ئۇنىڭ ئاشخانا ئاچقانلىقى ھەققىدە تېخى ھىچنەرسە يازمىغانكەنمەن-دە؟! ئۇ بىر ئارا ئاشخانا ئاچقان ئىدى. چۈنكى ئۇ بۇ ئىشقا ئەڭ ئېپىم بار دەپ ھىساپلايدىغان بولغاچقا، ئاشپەزلىكنى ئۆز كەسپى دەپ قارايتى. سابىق ئاشپەز قوشنا ئۇنىڭغا ئىشلىرىنى رەسمىي ئېقىشقا سېلىۋالغۇچە خالىسانە ئىشلىشىپ بېرىشكە رازى بولۇپ ئۇمۇ بىللە ئىدى. شۇغۇنىسى ھەمدۇلقارىم ھە دېمەيلا خېرىدارلار بىلەن تونۇشۇپ قېلىۋەرگەچكە، تونۇش تۇرۇپ پۇل ئېلىشقا يۈزى قىزىرىپ، پۇلنى بولدى قىلغىنى يەتمىگەندەك، يەنە ئىككىنچى قاچىسىنىمۇ زورلاپ يېلىنىپ تۇرۇۋېلىشلىرى خاسىيىتىدە پايدا ئالالمىغاننىڭ تاشايىنىدا دىرىدىن كەتكەن، ئاندىن ئاشخانىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ ھەقتە سابىق ئاشپەزنىڭ ئاجايىپ قىزىق ھىكايىلىرى بولۇپ، ئۈچەينى ئۈزۈۋەتكۈدەك كۈلكىلەرگە سەۋەپ بولالايتى. بۇ ھىكايىلارنى تولا ئاڭلاپ، تولا كۈلۈپ، كۆزلۈرۈمدىن ياش تاراملاپ كەتكەن ئاخشاملاردىن نەچچىنى ئاشۇ بىنا ئالدىدىكى بىتون پارچىسىغا سۆڭگۈچىمىزنى تاقاپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن بولغاچقا، ھەمدۇلقارى دۆڭكۆۋرۈكتە كاۋاپچىلىق قىلايمىكىن دېگىنىدە چاخچاق ئارىلاش تەئەددى قىلىپ:

— ھەمدۇلقارىم، سىلى يەيدىغان نەرسە ساتىدىغان ئىشنى قىلسىلا بولمىغۇدەك، خەققە زورلاپ يېگۈزىۋېتىپ، ئۆزلىرى زىيان تارتىپ ئولتۇرۇدۇكەنلا. شۇڭا، ھىسامنىڭ تەجرىبىسى بويىچە كىرسىن ساتسىلا بولارمىكىن؟ — دېگەن ئىدىم. ھەمدۇلقارى مېنىڭ بۇ گېپىمگە خۇددى توغرا مەسلىھەتكە ئىنكاس بىلدۈرۈۋاتقاندەك ساددىلىق بىلەن:

— شۇنداق قىلسام بولارمۇ-يا؟ — دېگەنىدى.

ئەمدى ئۇزاق سەپەرگە ساياھەتكە بېرىش ئالدىدا بولسا ئۇنى يەنە چوقۇلاپ:

— كەسپ تاللاشتا ئۇزاقراق ئويلۇنۇۋېلىشقا سىلى ئۈچۈن ئوبدان بىر پۇرسەت چىقتى مانا، — دېدىم ئاندىن، — كىم بىلىدۇ ئۇ يەرلەردە باشقا بىر كەسپتىكى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ قالسىلىرى ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قىزىقىپ قالاملا تېخى، — دەپمۇ قوشۇپ قويدۇم.

— شۇندامۇ بولاما؟ — دېدى ئۇ يەنىلا خۇددى مەن راستىنلا توغرا مەسلىھەتتە بولۇۋاتقاندەك.

قىسقىسى، بىز ھەبىبۇللاقارىمنىڭ مىنىبۇسىغا مىنىپ سەپەرگىمۇ ئاتلاندۇق. سەپەر ئۇزۇن، يېقىن دوستلار بىر ماشىنىدا، تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەسكى، زېرىكمەي مېڭىش ئۈچۈن ئورتاق پاراڭ تېمىلىرىمىزمۇ كۆپ.

بىرى ھەمدۇلقارىنىڭ ئادىمىگەرچىلىككە تويۇنغان قىلمىشلىرىدىن بىزگە چالىراق ئۇقۇلغان بىرىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن سوئال سوراش بىلەن مەۋزۇنى ئاچتى:

— ھەمدۇلقارى، ئۆتكەندە خوتەندىن كېلىۋاتقاندا تونۇشۇپ قالغان ھاۋاقىز بىلەن قانداق بولغان ئاشۇ ئىشلار؟

ئەسلىدە شۇ قېتىم ھەمدۇلقارى يېڭى تونۇشۇپ قالغان خوتەنلىك بىر بۇرادەر بىلەن گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ بەزى ئۇششاق ساقسىزلىقلىرى ھەققىدە دەرتلەنگەن چېغى، بۇ خوتەنلىك دوستى ئۇنىڭغا خوتەنگە مىللىي تىۋىپقا بېرىشنى، بىر تاغىسىنىڭ دوستى مىللىي شىپاخانىدا جۈگۈر-يىتىم ئىشلىرىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئەگەر بارسا ئەڭ ياخشى تىۋىپنى كۆرسۈتۈپ قويۇشتىن تارتىپ، ئەڭ يېقىندىن مىھمانخانا تېپىشىپ بېرىشكىچە ياردەمدە بولۇدۇغانلىقىنى ئېيتىپ، مەسلىھەت بېرىپتۇ. بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يىرالمايدىغان دوستىمىز، بۇ مەسلىھەتكە ياق دېسەم سەت تۇرامىكىن دەپ، دەرھال بېرىشقا ماقۇل بوپتۇ. شۇغۇنىسى بۇ يەردىكى ئىشلىرىدىن قول ئۈزەلمىگەچكە يەنە بىر ئاي-يېرىم ئاي يولغا چىقالماي يۈرۈپ، ئاڭغىچە بارمايلا قويساممىكىنە دېگەن يەرگىمۇ كېلىپ قاپتۇ. ئەمما ھېلىقى خوتەنلىك دوستى كېيىنكى ئۇچرۇشۇشتا ئۇنىڭدىن بېرىپ كەلگەن ياكى تېخى بارمىغانلىقى ھەققىدە مۇنداقلا سورىشىغىلا ھەمدۇلقارى خىجىللىقتىن قىزىرىپ، خۇددى ئوغۇرلۇق ئۈستىدە تۇتۇلۇپ قالغاندەكلا بوغۇلۇش تۇيغۇسىدا قاپتۇ-دە، ئالدىمىزدىكى ھەپتە يولغا چىقماقچى بولۇپ تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى دەۋېتىپتۇ. مانا ئەمدى بۇ دوستقا تەكرار ئۇچراپ، يەنە بارماي يۈرگىنى ئۇقۇلسا بىر جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالۇدۇغاندەك تۇيغۇ بىلەن دەرھال جابدۇنۇپ يولغا چىقىپتۇ.

ئەسلىدە ئۇنىڭ كېسىلىمۇ يوق، ئۇششاق چۈششەك ئاغرىق دېگەن كىمدە بولمايدۇ؟ ئۇ پەقەت بىرسى مەلۇم كېسىلى توغرىسىدا سۆزلىگەن بولسىلا ئۇنىڭ بىلەن تەقدىرداش چىقىپ، ئۇنىڭ دەردىنى يەڭگىلىتىشتەك كۆڭۈلچەكلىك بىلەن ئۆزىنىڭمۇ ئۇ يەر، بۇ يېرىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ قويۇدۇغانتى. بەلكىم بۇ ئەھۋالمۇ ئاشۇنداقراق بىر ئىش بولغاي. مانا ئەمدى چىڭىغا چىقىپ، بىرمۇنچە چىقىم بىلەن ئۇزۇن سەپەرگە چىققاندىكىن، ئۇ يەردە تىۋىپقا كۆرۈنمەي يانغىلى بولاتتىمۇ؟

بالىلاردىن بىرى ئاغرىپ قېلىپ، ئۆيدىن جىددىي خەۋەر كەپ قاپتۇ-دە، ئالدىراش قايتىش ئۈچۈن ئۇچاق ياخشىراق دەپ ئويلاپ، ئۇچاققا بىلەت ئاپتۇ. ئاندىن ئۆيدىكىلەرگە، دوستلارغا، خۇلۇم-قوشنىلارغا خوتەننىڭ سوغىتى قىلىپ بىرنەرسىلەرنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. تۇنجى قېتىم ئۇچاققا مىنىشى بولغاچمىكىن، ئاداشنىڭ سەل بېشى قېيىپ، كۆڭلى ئېلىشقاندەك بولغان ئوخشايدۇ. ھەممىدىنمۇ ئوڭ كەلگىنى، بۇ ئاقكۆڭۈل ئاداشنىڭ غۇبارسىز كۆڭلى ئۈچۈن تەقدىر شۇنداق توغرا كەلتۈرگەندۇ بەلكى، ئەسلى ئالتاي لېنىيىسىدە ئۇچۇدۇغان بىر قازاق قىز، مۇشۇ بىر قېتىملا بىر خىزمەتدىشىنىڭ ئورنىغا خوتەن لېنىيىسىدا ئىشلەپ قاپتىكەن. بۇ ئۈرۈمچىدە ئۆسكەن قازاق قىزكەن، ئۇ ھەمدۇلقارىنىڭ راھەتسىز بولۇۋاتقىنىنى سېزىپ، ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن يېنىدا ئۈنۈپتۇ. ئەيتاۋۇر نېمىلەر قىلغانلىقى بىزگە تەپسىلىي مەلۇم بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئۆز ۋەزىپىسىنى بەك ياخشى ئورۇنداپتۇ. پەقەت يولداشلاردەك دىماق قېقىپ، ياراتماسلىق، يىرگىنىش ئىپادىلەپ، قوپال ۋە خوشياقماسلىق ئىپادىلىرىنى كۆرسەتمەستىن ئەستايىدىل مۇلازىمەت قىلغان چېغى، ئەسلى ۋەزىپە تەلىپىمۇ شۇغۇ؟ بۇ ھال ھەمدۇلقارىنى بەك تەسىرلەندۈرۈۋەتكەچكە، ئۈرۈمچىگە قونۇپ ئۇچاقتىن چۈشۈدۇغان چاغدا بۇ قىزغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشنى بۇرچۇم دەپ ھىساپلايدىغانلىقى چوقۇم.

قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەسلىدە رىستۇرانتقا چاقىرىپ، راسا زورلاپ، يالۋۇرۇپ، بىرنېمىلەرنى يېگۈزىۋالسىغۇ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى-دە، ئەمما ئۇ بىر قىز تۇرسا، تازىمۇ ئەپسىز-دە! قانداق قىلىش كېرەك؟ بىر قارارغا كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا ئاغزاكى قەلپ چۈشەندۈرۈشنى سانسىز قېتىم تەكرارلاپ، چىقىشتىكى تار يەرنى بەنت قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا، ئارقىسىدىن چىقىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ غۇدراشتىن ئۆتۈپ سىلكىشلەشلىرىگىمۇ دۇچ كەپتۇ، تەبئىي ھالدا. بولۇپمۇ ئۇچاق خادىملىرىنىڭ بەك ئاچچىقى كېلىپ (ئۇلار ئومۇمەن يولداشلاردىن بولغاچقا) سەۋرسىزلىك بىلەن جالداقشىپ كەتكەچكە، بىچارە قىز ئۇنى سەل ناراققا تارتىپ ئەكىتىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ. بۇ يېڭىدىن يارىتىلغان شارائىت ھەمدۇلقارىنىڭ خۇماردىن چىققۇدەك قەلپ چۈشەندۈرۈشى ئۈچۈن ئوڭ كەلگەن بولسىمۇ، قىز ئۈچۈن خىجالەتتىن ئۆلۈدۇغاندەك قىسىنچىلىق بولغىنىمۇ ئېنىق. ئاخىرى بۇنداق ئۇزاققا سوزۇلغان ھەشقاللا-رەھمەت تەكرارلىرى بىلەنمۇ خۇمارى چىقىدىغاندەك قىلمىغان ھەمدۇلقارى بىردىنلا قىزى ئۈچۈن خوتەن سوغىتى قىلىپ ئېلىۋالغان ئالتۇن ھالقىنى ئېسىگە ئاپتۇ-دە، دەرھال قول سومكىسىدىن ھالقىنى چىقىرىپ، «ئازراق بولسىمۇ كۆڭلۈم» دەپ تەڭلەپ تۇرۇۋاپتۇ. قىز شۇنچىلىك قورقۇپ كېتىپتۇكى، ناراقتا قاش-قاپاقلىرىنى سۈزۈشۈپ، تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلۇشۇپ، دىماق قېقىپ كۈتۈپ تۇرغان خىزمەتداشلىرىنىڭ كۆرۈپ قېلىشى ۋە «پارا ئالغان» دېگەن قالپاقنى كەيدۈرۈپ، خىزمەتتىن ھەيدىلىشىگە سەۋەپ بولۇشىدىن قورقۇپ ئۆلەي دەپتۇ.

— مېنىڭ قىلغىنىم ئۆزەمنىڭ ۋەزىپىسى، — دەيدىكەن قىز، ئەمما ھەمدۇلقارى ئۇنداق گەپلەرگە قايىل بولۇدۇغان تۈردىن بولمىغاچقا، ئۇ پەقەتلا مەن ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدى دەپ تونۇسا كېرەك، كۆڭلىنى ئىپادىلەشتە چىڭ تۇرۇدۇكەن. يولۇچىلار ئاللىنەۋاق چۈشۈپ بولۇپ، بىكار بولغان ئۇچاقتا رەتلەش، تازىلاش دېگەندەك بىرمۇنچە ئىش بولۇدۇ ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولداشلار بەس سالىدىغاننىڭ چىمپيونلىرى بولغاچقا، بىر قازاق قىز بىكار تۇرغان ھالدا ئۆزلىرى ئىشقا تېگىشى مۈمكىنمۇ؟ ئاخىرى بولماي ئۇلار چىچاڭشىغان تەرزدە ئۇنى چاقىرىۋەرگەچكە، قىز چارىسىز ھەمدۇلقارىنى سىلكىۋېتىپلا كېتىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ.

بۇ ئىشلارنىڭ باش ئۇچلىرىغا ئىختىيارسىز شاھىت بولۇپ قالغان «بىر قاغا» دوستلاردىن بىرىگە دەپ قويۇپتۇ. كېيىن بۇ ئىشنى ھەر پۇرسەتتە تاتىلاپ، بىرەر ئېغىزدىن بولسىمۇ گەپ يۇلۇپ، چالىسىنى تولۇقلاپ، ھىكايىنى مۇكەممەلشتۈرەيلا دەپ قېلىشقان ئىدى. بۈگۈن بولسا يەنە قايسى چالا يېرىنى سورۇشاتتىكىن؟

— مېنىڭ ئورنۇمدا ھەربىرىڭلا بوساڭلامۇ شۇنداق قىلاتتىڭلا دەيمە، — دەپ ئۆزىنى ئاقلايتى ھەمدۇلقارى.

— ئەسلىدە، ھەمدۇلقارى شۇ قىزنىڭ ئۆزىنى ياقتۇرۇپ قالغان گەپ، — دەپ چېقىشتى بىرى قەستەن.

— ئاااا...! — دېدى ھەمدۇلقارى خىجىللىققتىن قىزىرىپ، — مېنىڭ ياقتۇرۇپ قالغىنىم ئۇنىڭ ئەخلاقى، تىلى، بىزنىڭ زۇۋانىمىزنى شۇنداق چىرايلىق سۆزلەيدىكەن دەيمەن، ھەۋەس كەلگۈدەك.

— ئۆزىچۇ؟ ئۆزى ھەۋەس قىلغۇدەك ئەمەسمىكەن؟

— ئااا...!

تېمىنى بۇ تەرەپكە تارتىپ، پاراڭنى قىزىتىش ئۇرۇنۇشلىرى نەتىجە بەرمىدى. چۈنكى، ھەمدۇلقارىدا قىلچىلىكمۇ يۇمۇرلۇق ھىس يوق ئىدى. شۇڭا چاپسانلا زېرىكىشىپ، گەپنى ئىككىنچى ھىكايىگە بۇراشتى.

— ھېلىقى ساقچى دوستۇڭلا بىلەن ھېلىمۇ ئانچە-مۇنچە قاۋاقتا ئۇچقۇشۇپ تۇرامسىلە؟ — دەپ سورىدى بىرى.

شۇ گەپ بىلەنلا يۈزۈم قىزىرىۋاتقىنى يەتمىگەندەك، ھەمدۇلقارىمۇ جاۋاپ بېرىشتىن ئاۋال لەپپىدە ماڭا قاراپ قويۇۋىدى، بەك خىجىل بولۇپ كەتتىم. چۈنكى ئۇنىڭ بىر ساقچىنى مىھمان قىلىشىدا مەن شاھىت ئىدىم ۋە بۇ مىھماندارچىلىقنىڭ ھىكايىسىنى دوستلارغا مەن سۆزلەپ بەرگەنىدىم. شۇڭا ئۇنىڭ ماڭا قاراپ قويۇشى خۇددى «ھە، سەن سېتىپتىكەنسەن-دە!؟» دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، ئىزا تارتىپ قالدىم.

— ھە، ئانچە-مۇنچە ئىزدىشىپ تۇرۇمىز، — دېدى ھەمدۇلقارى سەمىمىيلىك بىلەن، — ئەمما قاۋاقتا ئەمەس جۇمۇ، ماندا دېيىشىپ كەتمەيلى، قاۋاقتا نېمە ئىشىمىز بولاتتى، بىزنىڭ؟

— ياق، ئىشقىلىپ كۆرۈشۈپ تۇرامسىلە دېمەكچىدىم، قاۋاقتا بولمىسىمۇ رىستۇرانت، ئاشخانا دېگەندەك...

— ھە، بەزىدە.

بۇ ھىكايىدىكى ساقچى ھەمدۇلقارى كىملىكىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ، تەكرار ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغاندا كىملىكىنى بىجىرىپ بېرىپتىكەن. مېنى بىللە ئولتۇرۇشۇپ بېرىشكە بەك زورلاپ تۇرۇۋالغانتى. ئەسلىدە مەن ئاشۇنداق پىشايۋان شەپكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇش ۋە مۇشۇنداق ئولتۇرۇشۇمنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايدىغان بولۇشۇمغا قارىماي، ھەمدۇلقارىنىڭ قەيسىرانە چىڭ تۇرۇۋېلىشلىرىغا بەس كېلەلمەي ئاخىرى ماقۇل بولغان ئىدىم. ئۇنى توسۇپ بېقىشقا شۇنچە ئۇرۇندۇم. كىملىك يۈتۈپ كەتسە قايتا ئالۇدۇغان ئىش ئادەتتىكى ئىشقۇ؟ دەپمۇ ئاڭلىتالمىغانىدىم.

— ياق، دەيمەن، باشقا ئادەم بولسا ئۇتى، بۇتى دەپ ئاۋارە قىلاتتى، بىلمەمسىز مۇشۇ ئىش بىجىرىدىغانلارنى؟ ئاۋۇ يىگىت خېلى تۈزۈك نېمىكەن، غىدىڭ-پىدىڭ قىلمايلا بىجىرىپ بەردى، دەيمەن، — دەپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەرەپدارى بولاتتى.

مانا شۇنداق چېقىشىپ، كۈلۈشۈپ دېگەندەك ئۇزۇن يولنىمۇ تۈگەتتۇق.

يېتىپ بارغان كۈنىمىز باي دوستىمىزنىڭ ئېسىل قوروجايلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ئاندىن شۇ يەردە كەچلەپ قالدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە بولسا پۇتىمىز يەرگە تەگمىدى دېگۈدەكلا بولۇپ كەتتۇق. ھەبىبۇللاقارىنىڭ بۇ يەردىكى دوستلىرى قوشۇلۇپ، راسا بىر مىھماندارچىلىق قوشۇنى ھاسىل قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ غۇلجۇلۇقلارنى بىلمەمسىلەر، شۇنداق شوخ، چاخچاقچى خەلق ئەمەسمۇ، ئويۇن دېگەندىن توپا چىقىرىۋەتتۇق دېسەكمۇ بولۇدۇ. ھېلى ئۇ باغدا، ھېلى بۇ باغدا ئولتۇرۇش. ئاشۇ مەشھۇر خەنبىڭ (نىمانداق ۋەلىكىزىنا ئىسىم بۇ؟) بېغىدىمۇ كاتتا زىياپەت بېرىلدى. بۇنى ھەبىبۇللاقارىمنىڭ يەرلىك دوستلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. بۇ زىياپەتلەردە بىز خۇددى دۇنيانىڭ ئەڭ بەختىيار كىشىلىرىدەك غەمسىز، چاخچاق ئۈستىگە چاخچاق بىلەن، جىمىنى ئۇنتۇپ، خوشاللىقنىڭ قاينىمىغا چۆمۈپلا كەتكەن ئىدۇق. بىزنىڭ بۇ چاغدىكى بەختىيارلىقىمىزغا بېقىلسا گويا دۇنيادىمۇ ئۇرۇش-جىدەللەر يوق، ئافرىقىدىمۇ ئاچارچىلىق، تەبىئىي ئاپەتلەر يوق؛ ئامېرىكىمۇ ئىراق ۋە ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىۋالمىغان؛ بىزدىمۇ ھەرمىللەت ئىناق-ئىتتىپاق، ھىچقانداق «بۆلگۈنچۈلۈك» ھەركەتلىرى، قىسقىسى خاتىرىجەملىككە دەخلى قىلىدىغان ھىچ قىلىق يوق، پۈتۈن دۇنيا بىز بىلەن بىللە مەشرەپتە ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، 4-كۈنى بولغاندا ئاندىن قاش دەرياسى بويىدىكى ئېرەنلىكتە كاۋاپ سەيلىسى قىلىشقا ۋاقتىمىز ئېشىندى. 5-كۈنىدىن باشلاپ نىلقا تاغلىرى ئارىسىدىكى يايلاقلارغا كەتمەكچى ئىدۇق.

يەرلىك ياشلار خېلى كۆپ بولغاچقا بىز مىنىپ كەلگەن مىنىبۇستىن باشقا يەنە ئۈچ كىچىك ماشىنىغا يۈكلۈنۈپ يولغا چىقتۇق. بۇ قانداق بىر كۈن ئىدىكىن، ئىنسانلارنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ كەتكەندەك، شەھەر بۇ يەرگە كۆچكەندەكلا ئىدى. ئېرەنلىك قايناپ كەتكەن، جاي تېپىشمۇ ئانچە ئاسان بولمىغۇدەككەن، تەلىيىمىزگە يەرلىك ياش دوستلىرىمىزنىڭ بىرى ئەسلى مۇشۇ يېقىن ئەتراپتىكى يېزىدىن بولغاچقا، بۇ يەردىكى تۇققانلىرى ئارقىلىق ئاخشاملا ئەڭ ياخشى يەرنى ئىگەللىتىپ قويۇپتىكەن، شۇڭا ئورنىمىز بەك پەيزى ئىدى.

بىرلا كۆڭۈل غەش بولۇدۇغان يېرى بىزنىڭ داستىخان سالىدىغان بوشلۇقىمىزغا قوشنا بىر توپ سەيلىچى يولداشلاردىن بولسا كېرەك، ئاياللىرى، بالىلىرى ئارىلاش بىر توپنىڭ چاچى-پاچىلىرى قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك يېقىندىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يەرلىك يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇغما چاخچاق خۇمارلىقى بىلەن بۇ قوشنىدارچىلىققىمۇ تەگدۈرۈشتى:

— يا ئاللاھ، ئىككى ئايرىلالماسلىقنى كۆر، مۇشۇ يەردىمۇ يېنىمىزدىلىكەن، بەختىمىزگە يارىشا!

نەرسە-كېرەكلەرنى چۈشۈرۈپ، ھەمدۇلقارىغا تاشلاپلا ھەممىمىز قاش بويىغا كەتتۇق. گۆش توغراپ، تېتىقۇلىرىنى تەڭشەپ، زىخقا ئۆتكۈزۈشكىچىلا ئەمەس، ھەتتا كاۋاپدانغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ چوغ چۈشۈرۈپ، ئوتنى تاۋلاشقىچىمۇ ھەمدۇلقارىنىڭ ۋەزىپىسىدەك ياكى بىز ئۇنى بۇ ئىش ئۈچۈن ياللىۋالغاندەكلا ئاجايىپ ئىش بولدى. ئۇنىڭغا پەقەت مۇشۇ يېقىن مەھەللىلەرنىڭ بىرىدىن ھەبىبۇللاقارىمنىڭ غۇلجىدىكى ئىشلىرىدا ئىشلەيدىغان بىر يىگىت قارىشىپ بېرىشكە قالدۇرۇلدى. ھەمدۇلقارى ھەرگىزمۇ باشقىلار بىلەن بەس سېلىشىدىغان ئادەم ئەمەسىدى. شۇڭا ئۇ بۇنىڭدىن ھەرگىز خاپا بولۇپ كەتمەيتى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئۆز ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىۋېلىشنىڭ پۇرسەتلىرى كۆپ بولمايدىغان بولغاچقا، بۇنداق خىزمەتنى جان دىلى بىلەن قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھىچ بولمىغاندىمۇ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بەشىمىزنىڭ ئىشەنچىسى تولۇق ئىدى. بۇ ئىشلاردا ئۇ خېلى خوپ شوخلۇشۇپ، چاققانلىشىپ كېتەتتى. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا پالاكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، پەقەت بىر يەرگە بېرىشتا ئۆيدىن چىقمىقى بەك ۋاقىت ئالۇدۇ شۇ. «مانا ھازىر، مەن تەييار» دېيىلگەندىن ئەڭ ئاز قىرىق بەش مىنۇت ئۆتمەي تەييار بولالمايدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقتتىن ئەڭ ئاز يېرىم سائەت كېچىكىش ئومۇمەن ئادىتى. مانا شۇنىڭغا قاراپ دەۋاتقىنىمىز بۇ.

دەيلىكى، مۇشۇ ساياھەتتە بولۇۋاتقان كۈنلەردىمۇ ئەسلىدە ھەممىمىز ئوخشاش مىھمان، بىللە يېتىپ، بىللە تۇرىمىز، ئەتتىگەندە تەڭلا چىقىپ بىر ماشىنىغا يۈكلۈنۈپ ماڭىمىزغۇ، مانا شۇ ھالدىمۇ ھەممەيلەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بولغاندىلا ئۇنىڭ بىر نېمىسى ئۆيدە ئۇنتۇلغان بولۇدۇ ياكى خالاغا بارغۇسى كېلىدۇ، مانا شۇنداق قىلىپ ئونبەش مىنۇت بولسىمۇ ساقلىتىپ، ئادىتىنى راۋا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاچچىقى كېلىپ تۇرغان بۇرادەرلەر ئۇ ماشىنىغا چىقىپ بولغاندا سانچىۋېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ:

— ئۆز ئۆيىمىزدىكىدەك بولمىسىمۇ ھەرھالدا، «ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ» دېگەندەك، ئونبەش مىنۇت بولسىمۇ بىر كېچىكىش بىلەن خۇمارنى ئازراق باسمىساق بولمايدىكەن-دە، قارىم؟

— خىجىلمەن، ساقلىتىپ قويدۇم، بەزىدە شۇنداق بولۇپمۇ قالۇدۇكەن...

— ھەئە، بەزىدە...

مانا ئەمدى بۇنداق، داستىخان ئىشلىرىدىكى چاققانلىقىغا قارىسا ئادەم ئۇنىڭ بايىقى سۆرەلمىلىكلىرىگە ئىشىنەلمەيلا قالۇدۇ. پىچاق بىلەشلىرىنى دېمەمسىز؟ «چاق-چۇق، چاق-چۇق... » قىلىپ پىچاق يۈزىنى گاھ ئۇ تەرىپىگە، گاھ بۇ تەرىپىگە ئۆرۈپ بىلەيگە سۈرۈدۇغان بولسا قول بىلەن قىلىنىۋاتقان ھەركەت دېيىشكىمۇ پېتىنماي قالىسىز. شۇنچىلىك تېزكى، تەپسىلاتىنى كۆرۈپ ئۈلگۈرۈش مۈمكىن ئەمەس. دەل ئۇ بىلەشتىن توختاي دەپ تۇرغاندا بىرەر ئادەمنىڭ قاراۋاتقىنىنى سېزىپ قالسىلا بۇ ئەڭ چاققان قىلالايدىغان ھەركىتىنى يەنىمۇ بىر ئاز سوزۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق ھەۋەس قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى شېرىن تەسەۋۋۇر ئىلكىدە ھوزۇرلۇنۇش ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ موھىم زەۋقلىرىدىن بىرى.

قاش دەرياسىنىڭ ئېقىمى بەك شىددەتلىك بولغاچقا ھەممىمىز دېگۈدەك ئوتتۇرىغىراق بارالماستىن تېز ئېقىم سىرتىدا قالغان ۋە تىنىمسىز ئەلەڭلەپ قىرغاققا ئۇرۇلۇپ تۇرۇدۇغان يەرلىرىگە چۆمۈلدۇق. پەقەت خوتەنلىك دوستىمىز مەتسايىتلا يوغان سۆزلەپ: «مەن دېگەن يورۇڭقاشنىڭ ئاستىدىن قاشتېشى سۈزگەنمەن» دەپ شىددەتلىك ئېقىمنىڭ چېتىگىچە بېرىپ، بىرنەچچە يۈز مېتېر تۆۋەنگە ئېقىم بىللە كېتىپ، ئۇ يەردىن قىرغاققا چىقىپ قايتىپ كەلدى.

— قاندا دەييا بۇ يا، باللا؟ — دېدى ئۇ كۆكۈرۈپ كەتكەن لەۋلىرىدىن سۇ تامچىلىتىپ تۇرۇپ، — ئۈستىدىن بىلىنمىگەن بىلەن، ئاستىدا ئادەمدەك-ئادەمدەك تاشلار ئاقىدىكەن، دىققەت قىلمىسا ئىككى تاش ئارىسىدا قېلىپ ھىچ بولمىسا پۇت چۇل-چۇل بولۇپ كەتكۈدەي.

شۇندىن كېيىن ئۇمۇ تېز ئېقىمغىچە بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ھەممىمىز گاھ قىرغاقتىكى چوقچۇيۇپ تۇرغان تاشلار ئۈستىدە يېرىم يالىڭاچ ئولتۇرۇپ، رەسىمگە چۈشۈپ، گاھ تەكرار دەرياغا چۆمۈلۈپ، خۇددى بايرامدىكى كىچىك بالىلاردەك يايراپ ئوينىۋالدۇق. تاكى ھەمدۇلقارى جاپاكەش دوستىمىز يەرلىكلەردىن ئۆزىگە قارىشىپ يۈرگەن يىگىتنى يوللىغىچە ئېرەنلىك ئىچىدىكى داسقىنىمىزغا بارغىمىز كەلمىدى.

بىز بارغاندا كاۋاپنىڭ ئالدى تەييار بولۇپتىكەن. داستىخاندا جەم بولۇپ، چاخچاق ئارىلاش ئولتۇرۇشىمىزنى باشلىۋەتتۇق. يەرلىك دوستلار ھەمدۇلقارىنى چاخچاققا قېتىپ پوملىغاچ، ماختىغانغىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تۈردە كەلتۈرۈپ، جىمى گەپنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى، بۇ ھال ھەمدۇلقارىغا بەك يېقىپ چۈشتى. ھىچقاچان ئۇ بۈگۈنكىدەك ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ بىردەك ئاغزىغا چىقىپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ھالدا بەزىلىرىگە كۈلۈپ قويسا بەزىلىرىگە ئۆز ئۇسلۇبى بىلەن تۈپ-تۈزلا جاۋاپ بېرىپ، تېخىمۇ چاققان ھەركەتلەر بىلەن كاۋاپنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ، گاھ يېڭىدىن گۆش توغراپ، سالات ھازىرلاپ پاي-پېتەك بولۇپ يۈرەتتى.

شۇنداق ئالدىراشچىلىق ئىچىدىمۇ يەنە كاۋاپدانغا ئۆزى قاراپ، پىشقانلىرىدىن بىرەر زىخنى ئۆز قولى بىلەن مەلۇم بىرىگە — ئۆزىگە ھەممىدىن بەك ھۇجۇم قىلىپ كەتكەن يىگىتلەردىن بىرىگە ئىلتىپات بىلەن سۇنۇپ، يېلىنىپ زورلاپ يېگۈزۈشكىمۇ ۋاقت چىقىراتتى. ئادەتتە باشقا بىرىنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇۋاتقاندىمۇ مىھمانلىقىنى ئۇنۇتقاندەك ياكى ئادەتلىنىپ قالغىنىدىن ساھىپخاننى تاماققا زورلاپ ھېرىپ قالۇدۇغان ھەمدۇلقارىنىڭ بۇنداق سورۇندا ئۆز قولىدىن چىقىۋاتقان نېمەتلەرنى زورلىمىشى تەسەۋۋۇر قىلىنغۇسىز ئىش بولاتتى.

قوساق بىر قاتارلىق قارا بېسىپ، ئوتتۇز ئوغۇل ساز ئارىلاش پەيزى قىلىش، چاخچاق قىزىتىش ياكى خالىغانلار ئىككىدىن، ئۈچتىن غۇژمەك بولۇۋېلىپ «خۇسۇسىي سۆھبەت» باشلىغاندىلا ھەمدۇلقارى ئۈچۈن بىر ئاز بوشلۇق چىقىپ، ھاجىتىگە بېرىش پۇرسىتى بولدى. مېنىڭچە ھاجىتىگە بېرىش ئىھتىياجى بارىدى. چۈنكى ئۇ ئەڭ ھوزۇر ئالالايدىغان داستىخان تۇرغان يەردە تەبىئەت مەنزىرىلىرىدىن — يېشىللىقلاردىن، دەريادىن، ئورماندىن قاش بويىغا چىقىپ قارىسا ئۇزاقتىن كۆرۈنۈدۇغان ئاۋرال تېغىدىن ھوزۇرلۇنىشى ناتايىن ئىدى. شۇڭا ئۇ، بىر ئاز ئۇھ دەپ قولى بوشىغان ئانىلاردەك قوللىرىنى پەشتامىسىغا سۈرتكەچ ئورمان سىرتىغا قاراپ ماڭغاندا ئۇنى چوقۇم ھاجەت ئۈچۈن ماڭدى دەپ پەرەز قىلدىم.

راست دېگەندەك ئۇنىڭ قايتىش ۋاقتىنىڭ ئۆزىلا پەرىزىمنى ئىسپاتلىدى. ئۇ دەريا بويىدا ھوزۇرلۇنۇپ ئولتۇرغان بولسا بۇنداق تېز كېلەلمەيتى. ئۇ توپىمىزنىڭ يان قوشنىسى بولغان يولداشلارنىڭ توپىدىن بىرەيلەن بىلەن گەپلەشكەچ بوشلۇققا كىرىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپلا:

— ئىم، ھەمدۇلقارىم يولداشلاردىن بىرى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ قاراپ ئولتۇرمىغىيدى، — دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن كەچۈردۈم.

بۇ يېڭى تونۇشلار ئۆز توپلىرىغا ئايرىلىشىدىغان يەردە يەنە بىر ئاز ھايالشىپ خوشلۇشۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈدۇغاندەك تۇرۇشۇپ قالدى، ئەمما شۇدەمدىلا ھەمدۇلقارىنىڭ قوشقوللاپ سىقىۋالغان قوللىرىنى زورلۇق بىلەن سۇغۇرۇۋالغاندەك ئېلىۋالغان ھېلىقى يولداش ئۆز توپىغا تېزلا يېنىپ كەلدى؛ ھەمدۇلقارى يېقىنلىرىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئۇزاتقۇچىنىڭ يول بويىدىكى غەمكىن تۇرۇپ قېلىشلىرىنى ئەسلىتىدىغان يىتىم قوزىلارچە تۇرۇشتا بىر ئاز مەڭدەپ قېلىپ، ئاندىن قايتىپ كېلىپ، دەرھال كاۋاپداننىڭ ئوتىنى ئۇلغايتىش ئۈچۈن ھەركەت باشلىدى.

بىزنىڭكىلەردىن كاۋاپقا تەلەپكارلار ئاساسەن پەسلەپ قالغان، ئاندا-ساندا پاراڭغا زاكۇسكا قىلىۋاتقاندەك بەزىلەرنىڭ ئىشتاھاسىزلىق بىلەن چايناشلىرى كۆزگە چېلىقاتتى. شۇنىڭغا قارىماي ھەمدۇلقارىمنىڭ ئوتنى ئۇلغايتىپ، يېڭىدىن بىر پىشىملىق كاۋاپنى كاۋاپدانغا تىزىۋاتقىنىغا ئۈنسىز قاراپ قالدىم. بۇ ئاداش خەقنى تاتلىق پاراڭلىرىدىن جۇدا قىلىپ، كاۋاپ زورلاشقا باشلايدىكەن-دە، دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە.

نىھايەت بىر پىشىملىق كاۋاپنى، ئالدىراش بولمىغىنىدىندۇر بەلكى، تېخىمۇ ئاستا ئوتتا ئالدىرىماي، سىڭدۈرۈپ قىپ-قىزىل قىزارتىپ پىشۇرغان ھەمدۇلقارىم ھەممىنى بىراقلا توپلاپ، قوشقوللاپ سىقىمدىغىنىچە قوشنا توپقا قاراپ كەتكەندە ئىچىمنى بىرنەرسە چاققاندەك بىر تۇيغۇ لىپ قىلىپ كېلىپ ئۆتتى. ئالدى بۇ تەرەپكە ئولتۇرغانلاردىن خېلى كۆپى بۇنى كۆرۈپ تۇرغىنى ئۈچۈن ھەمدۇلقارى قايتىپ كېلىپ بىر كاسا تاۋۇزنى پىچىپ، لىگەنگە چىرايلىق تىزغىلى تۇرغاندىلا چاخچاققا قېتىشقا باشلاشتى:

— رەسمىي ئىتتىپاقلىق ئۈلگىسى قىلسا بولغۇدەك ئاكاشكەن-دە بۇ!

— پارتىيەنىڭ تەربىيىسىنى ئوبدان ئاڭلىغان-دە.

بۇ گەپلەرنى ھەمدۇلقارى ئاڭلىماي قالمايتى. ئۇ بۇلارنى مۇھەببەتلىك چاخچاقلار، بۇرادەرلەر مېنى بەك چوڭقۇر سۆيگەچكە ماڭىلا شۇنداق يېقىنلىق بىلەن چاخچاق قىلىشىدۇ، دەپ چۈشۈنۈپ، زوق بىلەن كۈلۈمسىرەپ ئىشىنى داۋام قىلىۋەردى ۋە لىگەننى كۆتۈرۈپ قوشنا توپقا ئەكەتتى. بۇ ھال گەرچە چاخچاق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ھىچكىشىگە ياققاندەك قىلمايتى. بىز ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلەر لام-جىم دېمەستىن بېشىمىزنى يەرگە سېلىۋالدۇق. يەرلىك ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن گاھى راست، گاھى چاخچاق ئارىلاش ھەمدۇلقارىغا سۆز ئېتىشتى.

— يولداشلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلىشمۇ بۇ، ئاكا، ھە؟

— يولداشلار ئەمەسكەن، باللا، تۇڭگانلاركەن، مۇسۇلمانكەن.

— ھە، مۇنداق دە، خېلى كونا تونۇشكەنسىلە –دە؟

— بايا دەريا تەرەپكە بېرىپ كېلىۋېتىپ تونۇشۇپ قالغانتۇق، تۇڭگان بىز دېگەنتى، يېنىمىزدىلا مۇسۇلمان بىر توپ ئولتۇرسا، ئۇلارنى قارىتىپ قويۇپ يەپ ئىچكىنىمىزدىن خىجىل بولۇپ قالدىم... — ھەمدۇلقارى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان ئوقۇغۇچىدەك خىجىل كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.

— بولاپ قويۇدۇغان ئاكاشكەنسەن جۇمۇ، مانا! سەن بىلەن تونۇشۇپ قويسا بولغۇدەككەن، ھىچ زىيان تارتمىغۇدەك...

— راست دەمسەن ھې ئاكا، ھە؟ بايا سىيگىلى بارغان يېرىڭدە تونۇشۇپ قالغىنىڭ راستما؟

— ئادىمىگەرچىلىك دېگەننى كۆردۈڭلاماۋە باللا؟ مانا مانداق بوممانداۋا باللا...

— بىكارغا بىرنېمە بېرىدىغاننى تۇيۇپلا قالسا، تۇڭگان تۈگۈل ئەرەپ بولۇپ چىقىدىغۇ بۇ يولداشلا...

— يا، دەيمىنا ما ئاكاشنى! بولۇپ قويۇدۇكەنغۇ بۇ ئاكاش، ئادىمىگەرچىلىكى بىزگە يېتىپ، يولداشلارغا ئېشىنغۇدەككەن ئەمەسمۇ! ئىككى يۈز پىرسەنكەن-دە!

— ياق، دەيمەن، يولداشلار ئەمەس، تۇڭگانلاركەن... باشتا ۋاي نېمە گەپ بۇ دېيىشىپ ھەيران قېلىشتى؛ كېيىن مەن بىز ئۇيغۇرلانىڭ ئادىتىمىز شۇ، بىرسىنى قارىتىپ قويۇپ بىرنەرسە يېيىشنى ئەيىپ ھىساپلايمىز، بارىنى تەڭ يېيىشىش بىزنىڭ ئادىتىمىز... دېگەنتىم، ۋاي مۇشۇ ئۇيغۇردەك بولسا ئادەم دېگەن، ئەسلى ئىنسانلىق دېگەن مانا بۇ ئەمەسمۇ،... دېيىشىپ كەتتى...

— ھووو، ئۇنداق بولسا بولغۇدەك، نېمە ئەمىسە پارچە-پۇرات قىلىپ، يېرىم تاۋۇزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈسەنۇي ئاكا، ھە؟ بەرىبىر بىز، خەققە بېرىپ، ماختاش ئاڭلايدىغان بوغاندىكىن، پىچىلمىغان تاۋۇزدىنلا ئاپىرىپ بەرسەڭچۇ.

— ھېلىقى، نېمىدى، بىر ناخشا بار ئىدىغۇ، «ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق» دەيدىغان؟ شۇنداقمىدى؟ تازا شۇ ناخشىنى ئوقۇۋېتىدىغان يېرى كەپتىكەن، مانا مانداق:

ئۆزى يېمىسىمۇ خەققە بېرىدۇ،

خەققە تۆرنى بېرىۋېتىپ يەرگە چۈشۈدۇ،

ئۆزى بەرگەننى تىلەپ، يېلىنىدۇ،

بىلەي دېسەڭ ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.

— ھاھاھا...

— ئىم، ئەمدى بۇ خەق بىزنىڭ بۇنچە ئوبدانلىقىمىزدىن تەسىرلىنىپ كەتكەن بولسا ھەر بىرى بىرەردىن بالىسىنى بىزنىڭ توپىمىزغا قېتىپ قويغىلى ئەكەلگۈدەك-دە؛ يەنى، مۇشۇ بالىمىز سىلەردەك ئوبدان ئادەتلەرنى ئۆزىگە جەم قىلغان ھالدا يېتىلسۇن دەپچۇ؟

بۇ گەپ مېنى راستىنلا ئويلاندۇرۇپ قويدى. بىز تاپقىنىمىزنى خەققە بەردۇق، بەك بەلەن مىللەتكەنسىلە دەپ ماختاشتى، راست دېگەندەك ئەگەر بۇنداق ماختاش راست بولسا، راستىنلا قايىل بولۇپ كەتكەن بولسا نېمىشكە بىرەر بالىسىنى ئۇيغۇرنىڭ توپىغا قېتىپ قويۇپ، مۇشۇ بالىمىز سىلەردەك ئوبدان ئادەتلەرنى ئۆگۈنۈپ يېتىلسۇن دەپ باقمىدى؟

بولۇۋاتقان گەپلەرنىڭ راست ياكى تەنە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلۇنۇپمۇ ئولتۇرمايدىغان ھەمدۇلقارى ھەممە ئادەمنى ئۆزىدەكلا ئاقكۆڭۈل ھىساپلىغاچقا، راست دەپ بىلەتتى. شۇڭا ئۇ بۇ گەپلەردىن تەسىرلىنىپ كېتىپ، بۇ تونۇشنى كۈچەيتىش، تېخىمۇ بەك غۇرۇرلۇنۇش ئۈچۈن شۇلارنىمۇ ئىلاۋە قىلدى:

— ئۈرۈمچىدىكى چېغىمىزدا بەزىدە چەتئەللىكلەر بىلەن ئارىلىشىپمۇ قالدۇق، شۇ ئەرەپلەر، پاكىستانلىقلار، ئازەربەيجانلار، تۈركلەر،... دېگەندەك. ئاشۇلارمۇ بىزنىڭ مىھماندوستلۇقىمىزدىن بەك تەسىرلىنىپ كەتكەنتى. ئىنسان سىلەردەك بولۇشى لازىم ئەسلىدە دېيىشىپ كەتكەنتى،...

— ۋاھھا، ھې، ئاكا ھې، سېنىڭ مىللەتچىلىكىڭ ھەممىدىن كۈچلۈككەن جۇمۇ، سەن مانا مۇشۇنداق قىلىپ مىللىتىمىزگە شەرەپ كەلتۈرۈۋېتىپسەن ئەمەسما، تونۇتۇش دېگەن مانا مانداق بولمامداۋا باللا!

بۇ چاغدا ئەسلىدىمۇ پارچە تاۋۇزنى ئاپىرىپ بېرىپ كۆڭلى يېرىم تۇرغان ھەمدۇلقارى يىگىتلەرنىڭ چاخچاق ئارىلاش تەئەددىلىرىنى چۈشەنمىگەن ياكى چۈشەنمىگەن بولۇۋېلىپ تۇرۇپ خۇمارىنى چىقىرىش ئۈچۈن پۈتۈن تاۋۇزدىن بىرنى كۆتۈرۈپ قوشنا توپقا ئەكەتتى. ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى ئەيپ ياكى گۇناھ ئىش سانالمايتى. شۇنىڭ ئۈچۈندۇر بەلكىم، ھىچكىم ئۇنى ئەيپلىيەلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىر تۈرلۈك داڭ قېتىپ قېلىش، تەئەججۈپكە بوغۇلۇش، ئىچىنى نېمىدۇر تاتىلىغاندەك ئارامسىزلىنىش ھەر كىمدە سېزىلىپ تۇراتتى. ئۇنى ئەيپلەش گويا پىخسىقلىق بولاتتى، بۇ ھالدا ھەمدۇلقارى مەرت، ئەيپلىگۈچى پىخسىق، كۆزى كىچىك بولۇپ چىقاتتى. بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭغا نارازىلىق ئىپادىلەشكە ھىچكىم پېتىنمايۋاتقان بولۇشىمۇ مۈمكىن. ھەمدۇلقارىنىڭ قىلىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ ئوتتۇرا ئەسىر رىتسارلىرىنىڭ مەرتلىكىگە ئوخشىمايتى؛ ئۆزىمىزنىڭ چۆچەكلىرىدىكى مەرت-مەردانلارنىڭ سېخىيلىكىگىمۇ ئوخشىمايتى. نەرى ئوخشىمايدۇ؟ دەپ سورالسا ھىچكىم جاۋاپ بېرەلمەيتى-يۇ، ئەمما نېمىدۇر كەمتۈكلۈك قىلىدىغانلىقىنى سېزىپ تۇرۇشاتتى. يامان ئىش قىلدىڭ دەپ ئەيپلەشكە ئېغىز بارمايتى-يۇ، ھىچكىمگە ياقمايۋاتاتتى.

بۇ ھالەت ھەتتا بىر ئۇزۇن سۈكۈتكە سەۋەپ بولدى. چاخچاقلارمۇ، تەنە گەپلەرمۇ بېسىقىپ، بىر ھازا سۈكۈت باسقاندىن كېيىن كىمدۇر بىرى تەرىپىدىن كاۋاپقا خېرىدارلىق ساداسى كەلگەنىدى، خۇددى ھەممەيلەن شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، تەكرار كاۋاپ يېگۈلىرى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. بەلكىم بۇ بايان قىلىشقا سۆز تاپقىلى، ئىپادىلەشكە يۈز قىزىرىدىغان، ئوخشاتقىلىمۇ ئۆرنىكى بولمىغان بىر خىل قىزغانچۇقلۇقتىن، خەققە بەرگۈچە ئۆزىمىز يەۋەتكىنىمىز ياخشى ئەمەسمۇ، دېگەن ئويدىن تۇغۇلغاندەكمۇ بىلىنەتتى.

بىر ئاز تەڭقىسلىقتا قالغان ھەمدۇلقارى ئۈچۈن تەكرار جانلىنىشقا يەنە پۇرسەت كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە سۆيۈملۈك بۇرادەرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى پۈتۈن روھى بىلەن سېزىپ تۇرغاچقا، جان-دىلى بىلەن ئىشقا كىرىشتى. ئۆزىنىڭ بايلىقىدىنمۇ، بۇ يەردىكى ئالاھىدە ئورنىدىنمۇ، ئەيتاۋۇر بىردىن-بىر كاۋاپقا تەكرار تەلەپكار بولمىغان ھەبىبۇللاقارىغىمۇ شۇنچىلىك يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ، 30-قېتىم تەكرار زورلاپ بىر زىخ كاۋاپ تۇتتۇردى. شۇنداق قىلىپ گۆشنى پاك-پاكىزە تۈگۈتۈشتى. ئاندىن ئۇسسۇلۇق، مېۋە-چىۋىلەردىنمۇ يىگەچ تەكرار قىزغىن سورۇن قىزىتقىلى تۇردى. ھەر زامان ئىككىنچى قېتىملىق قايتا كۆتۈرۈلگەن قىزغىنلىقتا نېمىدۇر كەمتۈكتەك ھىس قىلىنىدۇ ئەمەسمۇ، قىزغىن ۋە شوخ يەرلىك ياشلارنىڭ شۇنچە كۈچەشلىرىگە قارىماي، قىزغىنلىق ئەتتىگەنكىدەك تەبىئىي تۈس ئالالمىدى. سورۇن چۇۋۇلۇپ، خۇددى ئەتتىگەندىن بېرى كۆيگەن مەشنىڭ ئوتى كۈل بېسىپ، پەرۋىش قىلسىمۇ قايتا كۈچلەنمىگەندەك سۇسۇيۇپ باردى. يەنە دەريا بويىغا كېتىشلەر ئۇششاق پاراڭلار بىلەن بۆلۈنۈشلەر بىلەن داستىخان شالاڭلاپ قالدى. پاراڭلاردىن، چاخچاقلاردىن ھوزۇرلانمايدىغان ھەمدۇلقارى بۇ ئارىدا ئۆزىنى چەتكە ئالغان ئىدى. گەرچە ھوزۇرلانمىسىمۇ، دەريا بويىدا بىردەم ئولتۇرۇپ كەلگۈسى كەلگەندۇ.

مانا شۇ چۇۋالىشىپ، مەغلۇپ بولغان قوشۇننىڭ ئىنتىزامسىزلىشىپ كەتكەن ئەسكەرلىرىدەك سورۇندا كېتىش خىيالى بىلەن ئولتۇرغىنىمىزدا دەريا تەرەپتىن بىز ئولتۇرغان بوشلۇققا كىرىپ كېلىۋاتقان ھەمدۇلقارىنىڭ كىمدۇر بىرسى بىلەن ئۇچرۇشۇپ گەپلىشىپ كەتكەنلىكى كۆرۈنۈشى بىلەنلا سورۇنىمىز تەكرار جانلاندى. بۇ جانلىنىش ھەممىدىن زېرىككەن بالىلار ئۈچۈن يېڭى ئويۇن تېپىلغاندىكى جانلىنىشقا ئوخشايتى.

— بۇ ئاكاش يەنە بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قېلىۋاتىدىغۇ دەيمەن...

— ھوي، ئاۋۇسى ھېلىقى «ھاڭگا»غۇ!؟

— راستما؟

— ئۇلار تونۇشامدۇ؟

— تونۇشقاندىمۇ يەنە قانداق؟!...

— ئۆتكەندە بۇ يىگىت ئۈرۈمچىگە مىھمان بولۇپ بېرىپ، ھەمدۇلقارىنىڭ قىزىغا پوخۇرلۇق قىلىپ، مانا شۇنىڭ بىلەن ئارىدا سۈركۈلۈش چىققانتى.

— ھە بۇ ھېلىقى ...

— مۇشۇ يېقىن يېزىدىن، بۇ يەر شۇنىڭ مەھەللىسى ھىساپلىنىدۇ. بۇ تىجىمەل مەھەللىسىگە يېقىن بولغاچقا چالا تونۇش بىرەرسى ئۇچراپ قالسا شۇنىڭغا قېتىلىۋېلىپ، بىكارغا ئىچىپ يۈرۈدۇغان...

— ھەمدۇلقارى بىلەن ئارىسىدا ھېلىقىدەك خاپىلىق ئۆتكەن بولسا دىققەت قىلايلى جۇمۇ، بوغۇشۇپ كەتمىسۇن.

— شۇ، شۇ، پىچاقلىشىپ كېتىدىغان ئىش چىقماس؟!

— بىرنېمە دېمەك تەس، دىققەت قىلايلى، ھەرھالدا.

— بىرىمىز دەريا تەرەپكە كېتىۋاتقان بولۇپ يېنىدىن ئۆتكەچ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ باقساق، ئۇرۇشۇپ قالامدۇ، ئۇرۇشقىدەك ئەمەسمۇ پەرەز قىلغىلى بولاتتى.

— مەن يارايمەن، بۇنداق ئىشپيونلۇققا، — دېدى يىگىتلەردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ۋە ھەمدۇلقارى بىلەن «ھاڭگا» گەپلىشىۋاتقان يەردىن يېقىن ئۆتۈپ كەتتى. كۆپ ئۆتمەي قايتتى ھەم قايتىشتىمۇ سۆھبەتتىكىلەرگە يېقىن مېڭىپ قايتىپ كەلدى.

— ھە، قېنى دېگىنە، تىللىشىۋاتامدۇ؟

— ياق، تىللىشىۋاتقاندەك ئەمەس، ئەمما قارى ئاكىمىز ئاۋۇ زابوينىڭ قولىنى قوشقوللاپ تۇتۇۋاپتۇ.

— ھە، دېمىدىممۇ، مانا شۇنداق قولىنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ، تۇيۇقسىزلا «جاڭڭىدە» بۇرنىغا كاللا قويماقچىكەن-دە!

— گېپىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ نېمە دېيىشىۋاتىدۇ؟

— كېتىۋاتقىنىمدا قۇلۇقۇمغا كىرگىنى «بىر قازان ئاشنى تالىشىپ-تارتىشىپ بىللە... » دەۋاتقانكەن، يانغىنىمدىمۇ يەنە شۇنداق دېگەندەك قىلدىغۇ دەيمەن.

— رەسمىي دۇئىلغا شەرتنامە قىلىشىۋاتامدۇ نېمە؟

— ئاۋارە بولماڭلا دەيمەن، ئۇرۇشمايدۇ، دوستلۇشۇپ قالغاندەك تۇرۇدۇ.

— ياق، غەپلەتتە قالمايلى جۇمۇ، چوقۇم بىر چاتاق چىقىدۇ.

بۇ چاغدا ھەممىمىز داستىخاندىن تۇرۇپ كەتكەن ئىدۇق. ئېرەن دەرەخلىرىگە دۈمبىسىنى يۆلەپ تاماكا چېكىشىۋاتقان توپنىڭ كۆزى يەنىلا ھەمدۇلقارىدا ئىدى. ئۇنىڭ سۆھبەتدىشىنى يەرلىك يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىلا تونۇيدىكەن. تازىمۇ لاۋزا يىگىتمىش، دايىملا ئېرەنلىكتە قاڭقىپ، بىرەر تونۇش ئۇچراپ قالسا ئاغزىنىڭ ئۇچىدا دەپ قويغان تەكلىپ بىلەنلا شۇلارنىڭ سورۇنىغا قېتىلىپ بەزدەك ئولتۇرۇپ ئىچىشىپ بېرىدىغان بىرسىكەن. ئۇنى ھىچكىم ياقتۇرمىغاچقا ئەمدىلىكتە ھەمدۇلقارىنىڭ ئۇنى داستىخانغا باشلاپ كېلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. خەيرىيەتكى، داستىخاندا ھىچنەرسە قالمىغان پەقەت تاماق قالدۇقلىرى، شاپاقلار، قەغەز يىرتىقلىرى، بوشىغان قاچا-قۇچىلارلا بارىدى.

ئويلۇغۇنۇمدەك ھەمدۇلقارى «ھاڭگا»نىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇۋالغىنىچە سۆرىگەندەك قىلىپ داستىخان تەرەپكە تارتىپ كېلىشكە باشلىدى. بۇنى كۆرۈپ داستىخانغا يېقىن تۇرغانلارمۇ نېرىدىكى توپقا بېرىپ قوشۇلۇۋالدى. بۇنىڭدا بىرنەچچە سەۋەپ بارىدى: بىرى ئەخلەتتىن باشقا نەرسە قالمىغان داستىخانغا بىر يېڭى مىھماننى بىمالال باشلاپ كېلىۋاتقان ھەمدۇلقارىنىڭ خىجىللىقىغا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن قېچىش؛ يەنە بىرى «ھاڭگا»نىڭ تىجىمەللىكىنى بىلگەنلىكلىرى ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇپ قالماسلىق.

بايا ھەمدۇلقارى دەريا تەرەپكە كېتىۋاتقاندا داستىخاندا ئاشقان-تاشقان بولسىمۇ بىرنەرسىلەر بارىدى. ئۇ بەلكىم شۇ قالدۇقلار بىلەنلا مىھماننىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋالارمەن دەپ ئويلىغان بولغىيدى. ئەمما شۇئاندا داستىخان تامامەن قۇرۇقدالغان بولۇپ، ھەمدۇلقارىنىڭ بۇ سەتچىلىكتىن قانداق چىقىشىمۇ ئادەمنىڭ بەدىنى شۈركەندۈرگۈدەك خىجىل بولارلىق ئىش ئىدى.

بىز خېلى نېرىدا بولغاچقا ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىيالمايتۇق. شۇنداق بولسىمۇ ھەددى-ھەركەتلىرىدىن نېمە گەپلەر بولۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولاتتى. ھەمدۇلقارى يېڭى دوستىنى قولىدىن تۇتقىنىچە داستىخان يېنىغا ئەكەلگەندە ئەخلەتتىن باشقا نەرسە قالمىغان داستىخاننى كۆرگەن «ھاڭگا» ئولتۇرغىلى ئۇنىماي تىرەجىدى. ئەيتاۋۇر ھەمدۇلقارىنىڭ قانچىلىك بىچارىلىك بىلەن يېلىنىپ، ئۇنى تۇتۇپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى سېزىلەتتى. ئۇ مەجبۇرىي دېگۈدەك، مۈرىسىدىن بېسىپ مىھماننى داستىخاننىڭ گىرۋىكىگە ئولتۇرغۇزدى، ئاندىن يەنە ئېڭىشىپ تۇرۇپ نۇرغۇن گەپ قىلدى. مەن ئۇزاقتا تۇرۇپ خىجىللىقتىن ئۆلەيلا دەۋاتقاندا، دايىملا خىجىل بولۇپلا تۇرۇدۇغان ھەمدۇلقارىم نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدىكىن؟ بىرى ئولتۇرغان، بىرى ئۆرە تۇرغان ئەمما ئاۋۇسىنىڭ قۇلىقىغا ئېڭىشكەن ھالدا تالاش-تارتىش خېلى ئۇزاق داۋاملاشقاندىن كېيىن ھەمدۇلقارى بېلىنى رۇسلاپ، ئەتتىگەن كەلگەن تەرىپىمىزگە — ئېرەنلىكتىن چىقىش يولىغا يۈزلەندى. بىرنەچچە قەدەم مېڭىپ توختىغان ھەمدۇلقارى يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىھمانغا يەنە نۇرغۇن تاپىلاشلاردا بولغاندەك قىلدى.

— ئەمدى نېمە بولۇدۇ؟ — دەپ سورىدى ھەبىبۇللاقارىم ماڭا ئالايغاندەك قىلىپ، چۈنكى ھەمدۇلقارىنى قوشۇۋېلىش ھەققىدىكى تەكلىپنى ئۇنىڭغا مەن يەتكۈزگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن بولغان ھەر ئىشتا مېنى جىنايى شېرىك دەپ قارايدىغاندەكلا ھىس قىلدىم.

— ئەمدى، قارىم بازارغا بارىدۇ، ئاز-تولا بىرنەرسە ئەكىلىپ، مىھمانغا يېگۈزمىسە ھاياتى بويىچە بېشىنى كۆتۈرەلمەسلىكى، يۈرىكى ئېچىشىپلا تۇرۇشى مۈمكىن.

— ئۇ يېقىن يەردە بازار بار دەپ ئويلامدۇ ياكى غۇلجا شەھرىگىچە بارامدۇ؟

— دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگىچە بېرىشقىمۇ رازىكى، ئادىمىگەرچىلىكنى قولدىن بېرىشكە يۈزى چىدىمايدۇ.

— چاخچاق قىلىۋاتامسىلە، يا راست دەۋاتامسىلە؟ پىيادە مېڭىپ؟

— كېتىۋېرىدۇ.

— ھەمدۇلقارى! مەيەگە كېلىڭلا، ئاداش، — دەپ چاقىرىۋالدى ھەبىبۇللاقارى كېتىۋاتقان ھەمدۇلقارىنى، ئاندىن ئۇ يېقىنلاپ كەلگەندە ئاچچىقىدىن كۈلۈمسىرەپ، — يول بولسۇن، نەگە ماڭدىڭلا ئاداش؟ — دەپ سورىدى.

— قارىسام داستىخنىمىزدا بىرنەرسە قالماپتۇ، ئاۋۇ بۇرادەرنى تەكلىپ قىلىپ ساپتۇق، ئەمدى ئازراق بىرنەرسە تېپىپ كېلىپ، ئاددىيراق بوسىمۇ... نېمە قىلمىساق سەت تۇرا...

— ئۇقۇشماي قاپتۇق، داستىخىنىمىزدا بىرنەرسە قالماپتۇ، خاپا بولمايسىلە، كېيىن يەنە بىر پۇرسەت بولۇپ قالسا ئوبدان بى كۆڭلىڭىزنى ئېلىۋالارمەن، دەپ ئۆزۈر تىلەپ يولغا سالساق بولمامتى؟

— ئۇنداق دېسەكمىغۇ،... بولۇدۇ، ئېسىلىۋالمايدۇ، شۇ ئادەمنىڭ يۈزى چىدىمايدىكەن، قۇرۇق...

— چوقۇم بارمىساڭلا بولمامدۇ؟

— سەت تۇرۇدۇ-دە....

— يېقىن بىر يەردە بازار بار دەپ نىشانلاپ كېتىۋاتامسىلە، ياكى غۇلجا شەھرىگە قاراپ ئاتلاندىڭلىمۇ؟

— يولدا ئۇچراپ قالسا تېخى ياخشى، بولمىسا بى بازار، بى دۇكان تاپقىچە ماڭىمىز-دە...

ھەبىبۇللاقارىنىڭ قىرىق گەز ئۆرلەپ تۇرسىمۇ، «كېپىل بولغانغا تويۇڭ» دېگەندەك، بۇ ئادەمنى توپقا قوشۇپ ئەكەلگەندىكىن ئەمدى چىدىماي چارە يوق دېگەننى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ غۇلجىدىكى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان، ئەتتىگەن بىر ماشىنىنى ھەيدەپ كەلگەن يىگىتنى چاقىردى.

— سىلىگە قالسا بىز مۇشۇ يەردە قونۇپ قالمىساق بېرىپ كېلەلمەيسىلە، ما بالا سىلىنى ئاپىرىپ كەلسۇن، بىللە بېرىڭلا، — دېدى ئۇ، ئاندىن شوپۇر بالىغا، — مۈمكىن بولسا يېقىنراقتا پۈتۈدۇغان ئىش بولسا يېقىندىن پۈتكۈزەرسىلەر، چوقۇم شەھەرگە كىرىشمۇ كېرەك ئەمەس، جۇمۇ.

— يا... ق، سىلەرنى تۇتماي، ئەگەر سىلەر كېتىدىغان بولساڭلا مېڭىۋەرسەڭلامۇ بولۇدۇ... مەن دەخلى قىلىپ،... — دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزۈر بايان قىلىشقا باشلىدى ھەمدۇلقارى يەنە.

— يوق گەپنى قىلماي، مېڭىڭلا قارىم، — دېدى ھەبىبۇللاقارى بىلىنەرلىك ئاچچىق قىلىپ، — بىز كېتىۋەرسەك سىلى ئارقىمىزدىن ئاۋۇ كاۋاپدان،... لاقا-لۇققىلارنى يۈدۈپ بارامتىڭلا؟!

شۇنداق قىلىپ ھەمدۇلقارىنى شوپۇر يىگىت ئېلىپ كەتتى. ھەممەيلەننىڭ ئۆتى تېشىپ ئاران تۇراتتۇق. شۇڭا ھىچكىم بۇ ھەقتە غۇلغۇلا قىلىشتىن ئۆزىنى تارتقاچقا ئارىنى سۈكۈت باستى. ھەمدۇلقارىنى يەنىلا ئەيپلىيەلمەيتى. ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى يامان ئىشمىدى؟ نېمىسىنى ئەيپلەيسەن؟

خەيرىيەتكى، بۇ ياخشى كۆڭۈللۈك ئادەمنىڭ كۆپ چاغلاردا ئىشلىرىنى ئاللاھ ئۆزى ئاسان يولغا سالۇدۇ جۇمۇ، بۈگۈنمۇ ئۇلار كېتىپ يېرىم سائەتلەردە قايتىپ كېلىشتى. ھەمدۇلقارى قولىدا كۆتۈرۈۋالغان ئىككى تۈگۈنچەك بىلەن داستىخان تەرەپكە كەتتى. شوپۇر يىگىت ھەبىبۇللاقارىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ قويۇش ئۈچۈن توپىمىز تەرەپكە كەلدى.

— قانداق بولدى؟ تېزلا قايتىپسىلەرغۇ؟ پەرىشتە ئۇچراپ قالمىغاندۇ؟ — دەپ سورىدى يىگىت ئېغىز ئاچقۇچىلا ھەبىبۇللاقارى ئالدىراپ.

— ياق، پەرىشتە ئۇچراشمىدى، مۇشۇ يېقىندا بىر ھاممامنىڭ ئۆيى بار ئەمەسمۇ، بايا ئىشەنچىم بولمىغاچقا تىلغا ئالمىغان، پونى ئېتىپ، كېيىن ئەپلەشمەي قالسا دەپ، كېتىۋېتىپ شۇنىڭكىگە بىر دوقۇرۇپ باقمايلىمۇ دەپ ئويلاپ، كىرگەنتىم، قارىسام يېرىم كىلوچە گۆشى بارىكەن، ئاندىن بىرنەچچە نان سورىدۇق، ئازراق ئالما ئېلىۋالدۇق، مۇشۇ يېتەر، شەھەرگە بېرىپ بولالمايمىز دەپ قايتۇرۇپ كەلدىم.

بىز ئەمدى سەل ئېچىلىشىپ، ھەمدۇلقارىمنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىگە ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭدىن كېلىپ تۇرۇشلىرى قاتارلىقلارنى سۆزلەشكەچ، ئانچە-مۇنچە داستىخاننى كۈزۈتۈپ تۇردۇق. ھەمدۇلقارى بايىقى چاققانلىقى بىلەن ئىشقا تەككەن، كاۋاپداننىڭ ئوتىنى ئۇلغايتىپ، بىر ياقتىن گۆشنى توغراپ، تېتىتقۇ ئارىلاشتۇرۇپ، تېز ئارىدىلا بەش-ئون زىخ كاۋاپنى تىزىپ بولغىنىنى كۆرۈپ تۇراتتۇق. داستىخاننىڭ ئازراق يېرى — «ھاڭگا»نىڭ ئالدى بىر ئاز ئېرىغدىلىپ، بىرنەچچە نان ۋە ئالمىلار تۆكۈلگەن، ھەمدۇلقارى بولسا نانغا ۋە ئالمىغا زورلىغاچ كاۋاپداننى يەلپۈپ تۇراتتى.

بۇ ئارىدا ھەمدۇلقارىنىڭ كۆڭۈلچەكلىكتىن ئۆتۈپ ئادەمنى ھارغۇزۇشقا يارايدىغان پەزىلەتلىرىدىن مىساللار سۆزلۈنۈشكە باشلىغانىدى. يەرلىك يىگىتلەرنى كۈلدۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن دوستلار بىرىگە يەنە بىرى ئۇلاپ لەتىپە قىلىپ بېرىشىۋاتاتتى.

— يۈسۈپھاجىم ھەممىدىن جىق بىلىدۇ، ئەڭ يېقىن ئاغىنىسى، ھەم قوشنىسى، —دېيىشىپ مېنى ئارىغا قىستۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتى.

دېمىسىمۇ مەن ھەممىدىن كۆپ بىلەتتىم، بۇ يەردىكىلەر مەن بىلگەن بەزى «ئادىمىگەرچىلىك»لىرىنى بىلىدىغان بولسا ئىشتانلىرىغا سىيىۋەتكەن بولاتتى. ئەمما بۇلارنىڭ ھىچبىرىنى مەسخىرىۋازلىققا دەسمايە قىلىپ بەرمەي دەپ ئاغزىمدىن چىقارمىدىم. بۈگۈن نېمىشقىدۇر ھەمدۇلقارىنىڭ ھالىغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بايا ئەگەر ھەبىبۇللاقارىم ماشىنا تەيىن قىلمىغان بولسا قەيەرگىچە پىيادە مېڭىپ، قانچىلىك ۋاقىتتا قايتار ئىدىكىن؟ شۇئان بۇ كۆڭۈلچەك ئادەمنى چىڭ قۇچاغلىغۇم، يېقىنلىق ئىپادىلىگۈم، ئىلگىرى مەسخىرىلەرگە قوشۇلغانلىرىم ئۈچۈن ئەپۇ سورۇغۇم كېلىپ، تەخىرسىز بىر ئىستەكنىڭ قىستىشىدا قالغانىدىم.

 

ئۇياقتا، ھەمدۇلقارى تەرەپتە نىھايەت كاۋاپمۇ تەييار بولۇپ، بەش-ئالتە زىخنى مىھمانغا قويغاندىن كېيىن، يېنىمىزغا كەلگەن ھەمدۇلقارى بىزنى جىددىي يوسۇندا داستىخانغا تەكلىپ قىلىپ يېلىنىشكە باشلىدى. مەنغۇ بىرىنچى تەكلىپتىلا قايتا ئېغىز ئاچالمايدىغان قىلىپ جاۋاپ بېرىۋەتتىم. ھەبىبۇللاقارىممۇ ئاچچىق ئارىلاش رەت قىلىۋەتتى. ئەمما باشقىلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ بەك ئۇزاق تىركەشتى. ئاخىرى بىرى چاخچاق قىلىپ:

— تېز بولۇڭ ئاكا، كاۋاپقا ئوت كەتتى، — دەپ ئۇنى ھۈركۈتكەندىلا ئۇ شاپاشلاپ ئارقىغا ياندى. شۇغۇنىسى ئۇ بىرنەچچە زىخ كاۋاپنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ بۇرنىغا تەڭلەپ، يەنە زورلاشقا باشلىدى. بىز كونا تونۇشلارغا گەپ يېگۈزەلمەي، يېڭىلاردىن بىرنەچچىسىگە تۇتقۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئاندىن يەنە پايپىتەك بولۇپ داستىخان ئەتراپىدا پىرقىراپ، داستىخاندىكى بىردىن-بىر مىھمانغا جان-دىلى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئاندا-ساندا ئىككى زىخ كاۋاپنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئەمدى كاۋاپ يېمەسكە قەسەم قىلىۋەتكەنلەرنىمۇ ئاخىرى تەسىرلەندۈرۈپ بىرەردىن تۇتقۇزۇپ، كاۋاپلارنى تۈگەتتى.

شۇندىلا ئۇ ھەر كەلگەندە بىر قېتىم كېچىكىشىمىزگە سەۋەپ بولغانلىقى ھەققىدە تەكرار ئىزھار قىلىۋاتقان ئۆزۈر بايانلىرىنى يېڭىلاپ، ئەمدىلىكتە ئۇنى خۇلاسىلەپ، ھەبىبۇللاقارىمغا بەك-بەك رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، ھەممىمىزگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى تەكرار-تەكرار سۆزلەپ، قۇلاق مېيىمىزنى يېگۈدەك قىلدى. ھەبىبۇللاقارىم ئۇنىڭ يەنە يېڭىۋاشتىن تەكرارلاشقا باشلاۋاتقان ئۆزۈر بايانىنى ئۈزۈپ:

— مىھمىنىڭلىنى كۈتۈپ بولغان بولساڭلا ئەمدى ماڭامدۇق يا چالىسى بامۇ؟ — دەپ سورىدى.

— ياق، ياق، چالىسى يوق، رەھمەت، سىزگىمۇ، باشقا باللىغىمۇ رەھمەت، ئاللاھ ھەممىڭلادىن رازى بولسۇن، زادى... ئەمدى ماڭساق بولۇدۇ،... سىزگىمۇ رەھمەت، باشقاڭلاغىمۇ رەھمەت...

— ئۇنداق بوسا، قارىم، ئاۋۇ مىھمىنىڭلىنى گاچچىدە كۆتىدىن يۆلەپ يولغا سېلىۋېتىڭلا، ماۋۇ باللا داسقاننى يىغىشۇرۇشسۇن، ماڭىلى، سۆرۈلۈپ تۇرۇۋەرمەي! يەنە بىر يېڭى تونۇشۇڭلا چىقىپ قالمىسۇن ئەمدى...

— بولۇدۇ، بولۇدۇ، مانا ھازىر،...

ھەمدۇلقارىغا بىردىنلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئۇ مانا مۇشۇنداق ئۆزىگە ئۆزى تېپىۋالغان مۇلازىمەتلەر بىلەن بەخت قۇچۇپ، ھاياتىنى مەنىگە ئىگە قىلىشقا ئۇرۇناتتى. كىم بىلىدۇ، تېخى ئۇ باشقىلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئېچىنىدىغاندۇر؟ بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ئۆزىنىڭ سۆز تېمىسىغا، چاخچاقلارنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان دەملىرىدە ھاياتىنىڭ نەقەدەر مەنىلىك ئىكەنلىكىگە ئىپتىخارى پەۋەس، باشقىلارنىڭ بىچارىلىكىگە ئېچىنىشى تامامەن يوللۇق بولۇپمۇ چىقاتتى.

ھەمدۇلقارى ھازىرلا مىھماننى يولغا سېلىشقا ماقۇل بولۇپقۇ كەتتى، ئەمما ئۇنىڭدا نېمە گۇناھ؟ ئەمما بۇ بىچارە يۇمشاق كۆڭۈل دوستىمىز ئۇنداق چاپسان خوشلۇشۇپمۇ كېتەلمەيتى، بۇمۇ كۆڭلۈمىزگە ئايان بىر ئىش. خۇددى شۇنداق بولدى. يەيدىغاننى يېيىشىپ بولغاندىن كېيىن ئەمدى مىھمان ئۆزى خوش دەپ قوپمىسا ھەمدۇلقارى تاڭئاتقىچىمۇ خوش ئەمىسە دېيەلمەيتى. دېگەندەك، ئۇ مىھماننىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ قانداقتۇر پاراڭغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ پارىڭى تۈگەيدىغاندەك قىلمايتى. بۇ ھالدا بىز يەنىلا قاراڭغۇغا قالاتتۇق. دېمىسىمۇ ھازىر ئېرەنلىكتىكى سەيلىچىلەردىن ھىچكىم قالمىغاچقا خۇددى ئادەمسىز باياۋاندەك ھوھۇلداپلا قالغان ئىدى.

سەبرىسى تۈگىگەن ھەبىبۇللاقارى ياش يىگىتلەردىن بىرىنى داستىخان تەرەپكە ئەۋەتتى.

— ھازىر يولغا چىقمىساق بولمايدىغان بىر ئىش چىقىپ قاپتۇ، دەڭا بېرىپ، تېزرەك!

يىگىت بېرىپ ئىككى ھەمسۆھبەتكە بۇ جىددىي خەۋەرنى يەتكۈزگەندە مىھمان سۈپىتىدىكى «ھاڭگا» دەرھال بىرنېمىلەرنى دېگەچ ئورنىدىن قوزغالدى، ئەمما ئۇنىڭ قوللىرىنى يەنە قوشقوللاپ تۇتۇۋالغان ھەمدۇلقارىنىڭ گېپى تۈگۈمەي قالدى.

— يەنە قانداق قىلاي دەيدۇ بۇ؟ — دەپ سورىدى ھەبىبۇللاھقارى ماڭا قاراپ، دېمىدىممۇ، ھەمدۇلقارىنىڭ ھەممە قىلمىشى ئۈچۈن يېرىم جاۋاپكارلىق مېنىڭ ئۈستۈمدەدەكلا!

— بىلمەمسىلە، ئاداش، ھەمدۇلقارى، بىرلا خوش ئەمىسە بىلەن بىر ئادەمدىن ئاجرىيالايدىغان تۈردىن ئەمەسقۇ، — دېدىم مەنمۇ ئۇنى تېخىمۇ تېرىكتۈرۈپ، — مانا ئەمدى سائەتكە قاراپ تۇرساڭلا، يېرىم سائەتلەردە ئاندىن ئاجرىيالايدۇ.

— شۇنى بىلىدىكەنسىلە، بولمىسا...

مىھماننىڭ مېڭىشقا ئۈمتۈلۈپ يول تەرەپكە تىرەجەۋاتقانلىقى، ھەمدۇلقارىنىڭ ئۇنىڭ قولىنى قويۇۋېتىشكە چىدىمايۋاتقاندەك يەنىلا تارتىشىپ تۇرغانلىقى كۆرۈلەتتى. مىھمان مەجبۇرىي دېگۈدەك ئۆز يولى تەرەپكە خېلى ئۇزاقلاپ كەتكەن چاغدىمۇ ھەمدۇلقارى تېخىچە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇغلۇق ھالدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يولنىڭ يېرىمىغىچە كېتىدىغاندەك كېتىۋاتاتتى.

— ئەمدى بېرىڭلا، بولدى، داستىخاننى يىغىشتۇرۇۋېرىڭلا، — دېدى ھەبىبۇللاقارى ياش يىگىتلەرگە، تېزراق بولۇڭلا، — ئاندىن ماڭا تەئەددى قىلغاندەك قىلىپ، — كەينىگە يېنىپ يەنە كەلمەس، سىلە بىلىسىلە، — دېدى.

— ھىچنېمە دەپ بولمايدۇ، ھەمدۇلقارى ئۇ دېگەن، — دېدىم كۈلۈپ، — ئەگەر كۆڭلى قىيالمىسا قايتىدىن ئەكىلىشى مۈمكىن.

— ئادەمنىڭ جېنىنى چىقىرىپ چاخچاق قىلىدىكەنسىلە، ئاداش!

ھەمدۇلقارى يېڭى دوستىغا قىيالماي تاكى ئېرەنلىكتىن چىقىرىپ قويۇپ قايتىپ كەلگەندە داستىخان يىغىلىپ، ئەخلەتلەر توپلۇنۇپ، يۈك-تاقلار كۆتۈرگىدەك قىلىپ ھازىرلىنىپ بولۇنغانىدى.

— داستىخاننىڭ ئىشى تۈگۈگەن بولغىيدى، قارىم؟ — دەپ سورىدى، ھەبىبۇللاقارى تەئەددى قىلىپ، — يىغىۋېتىپ قالدۇق، سىلىدىن بىخەۋەرلام.

— ياق، ياق، ئۇنداق دەپ كەتمەڭ ئەمدى، ئۆزەم يىغاتتىم ئەمەسمۇ، باللانى ئاۋارە قىلىپ خىزمەتكە ساپتۇق، تازا سەت بوپتۇ، — دېدى ئۇ.

ياشلاردىن بىرى كەيپىياتنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەمدۇلقارىغا چاخچاق قىلىپ:

— ۋې ئاكا، سەن بۇ دوستۇڭ بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئابايقى تۇڭگان دېگەن دوستۇڭ بىلەن خوشلىشالماي قالدىڭ ئەمەسما، بىچارىنىڭ تازا كۆڭلى يېرىم كەتتى-دە، — دېدى.

— شۇ، يامان بولدى، — دېدى ھەمدۇلقارى تۈزلۈكى بىلەن، — يېتىشەلمەيلا قالدۇققۇ، خاتىرەمدىن چىقىرىپلا قويۇپتۇمەن، قاچانراقتا كەتتى ئۇلار؟

— سەن بازار قىلغىلى كەتكەندە كېتىپ قالدى ئەمەسما.

— ھە،... بوپتۇ، قانداق قىلىمىز، نېسىپ بولماپتۇ، يەنە بىر پۇرسىتى بولار، كۆڭلىنى ئېلىۋالارمىز.

شۇنداق قىلىپ، قاش بويىدىكى سەيلىمىز ئاخىرلىشىپ شەھەرگە قايتتۇق. ئەتىسىدىن باشلاپ نىلقا يايلاقلىرىغا چىقماقچىدۇق، ئۇلاستايغا، قىيىندىبۇلاققا، ئارسلانغا، ئاقتاشقا،... يەنە قەيەرلەرگە باراتتۇقكىن ئېسىمدە يوق. ئەيتاۋۇر ئارىمىزدا ھۆكۈم سۈرگەن بىر كۆڭۈلسۈزلۈك بىلەن يايلاققا چىقىشقا ھەبىبۇللاقارىنىڭ ھەپسىلىسى بولماي قالغانلىقىنى، پەقەت ۋەدىسى تۈپەيلى زورۇقۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى پەم ئېتىپ، باشقىلىرىمىز ئالدىراشلىق باھانىسى كۆرسۈتۈپ ئۈرۈمچىگە قايتماقچى بولۇشتۇق.

2014-يىلى، 20-فىۋرال، پەيشەنبە، كانادا، ئېدمونتون.

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

CComment تەرىپىدىن ئىشلەندى