(پوۋېست)

«سۆيۈملۈك...»

خەت شۇنداق باشلانغان ئىدى. مۇشۇ سۆزنىڭ ئۆزىلا كۇپايە بولدى. بۇنداق باشلىنىدىغان خەتلەرنى مەن ھاياتىمدا پەقەت بىرلا ئادەمدىن تاپشۇرۇۋالغان ئىدىم. قىرىق يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندە مۇشۇ باشلىنىش بىلەن قولۇمغا ئىلىشتۈرۈلگەن بۇ خەتنىڭ قانداقلارچە، قانداق يوللار بىلەن ماڭا يېتىپ كەلگەنلىكىمۇ قىزىق بىر مۇئەمما ئىدى. بۇمۇ تۇرۇپ تۇرسۇن، ئەگەر بۇ خەت مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا ئۇلاشتۇرۇلمىغان بولسا نېمە بولاتتى؟ بۇ مېنىڭ يالغۇز قالغان كۈنلىرىم ئىدى. قىزىم ئىزچىل ماڭا باقتۇرۇۋاتقان بالىلىرىنى بىرەر كۈن ئۆزى بىلەن تۇرغۇزماقچى بولۇپ ئېلىپ كەتكەن، دادىسىمۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى ئېغىر سۈكۈناتلىق بىكارچىلىققا چىدىيالماي، ئۆيدە ئولتۇرالماس بولۇپ قالغان، ھېلى ئالتەشەدىكى تۇققانلارغا بېرىپ كېلەي، ھېلى ئۈرۈمچىدە ئىشىم چىقىپ قالدى دېگەندەك باھانىلەرنى تېپىپ، ئۈچ-بەش كۈن يوقۇلۇپ كېتىدىغان بولۇۋالغان ئىدى. خەتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنلىرىم دەل مانا مۇشۇنداق يالغۇز قالغان چاغلىرىمغا توغرا كەلدى. ئاشۇ سۈپەتكە قوشۇلۇپ كەلگەن ئىسمىمنى كۆرۈش بىلەنلا خۇددى قىزىتىلغان سىماپ ۋۇجۇدۇمغا تاراپ كەتكەندەك، كۆز جىيەكلىرىم كىرتىيىپ، يىغلاشقا تەييارلانغاندى.

بىرسى مېنى ئۇزاق پايلاپ، مۇشۇنداق بىر پەيتنى تاپقاندا ئاندىن بۇ خەتنى ماڭا ئۇلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق تاپقاندىمۇ؟ بۇنىسى بەكمۇ موھىم ئەمەس، موھىمى، قىرىق يىل — ئاز كەم يېرىم ئەسىر ئۆتكەندە مېنى ھاياجانغا چۆمدۈرەلەيدىغان خىتاپ بىلەن باشلانغان بۇ خەت قىزىقارلىق بىر مەۋزۇ ئىدى. شۇئان قۇلاقلىرىمغا جىمجىت قىش كېچىلىرىدە ياكى چىكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرىدىن باشقا سادا بولمىغان ياز كېچىلىرىدە ئۇزاقلاردا چېلىنىۋاتقان تەمبۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى. زەخمەك بىلەن چالىدىغان چالا ئۇستىلارنىڭ چالغىنى ئەمەس، تۆرت بارمىقىغا ناخۇل باغلاپ چالىدىغان ھەقىقىي ئۇستىلارنىڭ چېلىشى ئىدى بۇ. شۇنداقلا ياشلىققا تالىق بىر ناخشىنىڭ ساداسىمۇ بەك چوڭقۇردىن، چەكسىز قاراڭغۇلۇققا پاتقان چوڭقۇر يار تېگىدىن ئاڭلانغاندەك بولۇۋاتاتتى. كىم بىلىدۇ، ئەگەر بۇ خەت بۇندىن ئوتتۇز يىل، ياق، يىگىرمە يىل بۇرۇن قولۇمغا تەگدۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ چوقۇم دەسلەپكى قۇرلارنى ئوقۇش بىلەنلا غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، داۋامىنى ئوقۇشقا تاقەت قىلالماستىن پۈرلەپلا ئەخلەتكە تاشلىغان بولاتتىم. «ھۇ، ئالدامچى كاززاپ، مېنى يەنە بىر قېتىم ئالداپ، يەنە قانداق بەختسىزلىكلەرگە پاتۇرماقچىدىڭ؟» دەپ ۋارقىرىۋەتكەن بولاتتىم.

راست تاشلارمىدىم؟ تاشلىيالارمىدىم؟ تاشلايتىم! چوقۇم تاشلايتىم! ئەمما يەنە شۇنىڭغا ئىقرار بولۇشۇم كېرەككى، تاشلاپ بولۇپ ئەخلەتتىن تەكرار ئېلىپ، بۇ ئالدامچى نېمىلەرنى دېمەكچىكىنا؟ دەپ قىزىقىشلىرىمغا بەس كېلەلمەستىن ئوقۇماي قالمايتىم. ئەمدى بۈگۈن بولسا، قېرىدىم، مېنى ئەمدى ھىچكىممۇ ئالداپ يۈرمەيتى. شۇڭا بىمالال ئوقۇشۇم مۈمكىن ئىدى. مەيلى تاتلىق، مەيلى ئاچچىق، ھەتتا ئازاپلىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆتكەن ياشلىق ھاياتنى ئەسكە سالىدىغان ياكى شۇنداق ئىھتىمالى بولغان بۇ خەتنى ئەمدى بىمالال ئوقۇپ، ئاشۇ قىرىق يىل ئاۋاللىرى بولۇپ ئۆتكەن كەچمىش ۋە كەچۈرمىشلىرىمنىڭ تور بېسىپ كەتكەن قازناقلىرىنى بىر قېتىم ئېچىپ كىرىپ، كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشنىڭ يەنىلا قىزىققۇچىلىكى باردەكلا ئىدى.

پەقەت شۇلىمۇ؟ ئاشۇ قۇلاقلىرىم تۈۋىدە تىرىڭلاۋاتقان تەمبۇر ئاۋازىنىڭ ئۆزىلا مېنىڭ خىياللىرىمنى ئاللىقاچان ئاشۇ «قايتا تەربىيە»گە چۈشكەن جاڭگاللارغا ئېلىپ كەتكەندەك قىلاتتى. خەتنىڭ دەسلەپكى قۇرلىرىدىن كېيىنلا كۆزۈم بىر نۇقتىدا قېتىپ قالغىنىچە، قولۇممۇ خەتنى تۇتۇپ قېتىپ قالغىنىچە خىياللىرىمنىڭ قاينىمىغا چۆكۈپلا كەتكەنلىكىمنى سەزمەي قاپتىمەن.

 

بىر قىز ئۈچۈن ئىپپىتىنى يوقۇتۇشنىڭ نېمىلىكىنى مانا مەن بىلىمەن. قىزىم، «ئىپپەت قارىشى ئىپتىدائىي جەمىيەتكە خاس بىر ئىش»، دەيدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە يولداشلار ئىپپەتنى بەك سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەس بولۇپتۇمىش. پەقەت سەھرالىرىدىلا ئانچە-مۇنچە قاپتۇمىش. غەرپ دۇنياسىدا بولسا ئىپپەتنىڭ گېپىنى قىلىپ ئولتۇرۇش ھەتتا كۈلكىگە قالۇدۇغان نومۇسلۇق بىر ئىش بولۇپ قاپتۇمىش. ياق، ياق! مەن بۇنداق بولۇشىنى زادىلا تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. ياق، ياق، چۈشەندۈرۈمەن دەپ ھىچكىم ئاۋارە بولمىسۇن، بەرىبىر مەن بۇنداق غەلىتىلىكنى زادىلا چۈشۈنەلمەيمەن! قىزىمنىڭ خاتىرىجەملىك بىلەن بۇنداق گەپلەرنى قىلىشى، ھەتتا دەسلەپكى يۈرگەن يىگىتىدىن قورسىقىنى ئىشىتىپ بولۇپ ئايرىلىپ قېلىپمۇ، ھىچ چېۋىغىقىغا ئالماي خاتىرىجەم يۈرۈشلىرىگە قاراپ ھەيران بولماي ئىلاج يوق!

ئەينى چاغدا قىزىمىزنى ئەتىۋارلاپ، يەردە قالماسلىقى ئۈچۈن ۋەسىلە بولۇدۇغۇ دەپ خەنچە مەكتەپكە بەرگىنىمىزگىغۇ بۇرۇنلا تويغان ئىدۇق، نەدىن بىلەيلىكى، مىللىي كۈلتۈرىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەن ئادەمنىڭ غەلىتە مەخلۇققىلا ئوخشاپ قېلىشىنى؟ نەدىن بىلەيلىكى، بىز ئۇنى ئارزۇلاپ خەنچىگە بېرىپ كەتمىسەكمۇ، بىر زامانلار ئۆتۈپ، بۈگۈنگە كەلگەندە ھەممىمىزنىڭ شۇنىڭغا زورلۇنۇشىمىزنى؟! قىزىمىزنىڭ يات كۈلتۈردە يېتىلىشى بىلەن مىللىي ئەخلاق پەقەتلا سىڭدۈرەلمەيدىغان قىلىق، ھەركەتلەردە بولۇشىدىن، گەپ-سۆزدە پەدىشەپكە يات بولۇپ كېتىشلىرىدىن ئاللىنىۋاق تويۇپ پۇشايمانغۇ قىلغانىدۇق. يەنە شۇ بالا ئەمەسمۇ، نېمە دېسەكمۇ يەنىلا تاشلىۋەتكىلى بولمايدىكەن...

بۇنىغۇ شۇنداقمۇ دېدۇق، ئەمما راستىنى دېسەم (دادىسىمۇ شۇنى دەيدۇ) ئۇ خەنچە ئوقۇغاچقا بىز ئۈچۈن مەلۇم يېپىقلىققا، سىرلىقلىققا ئىگە بولۇپ قالغاندەك، گەپ قىلغىلى بولمايدىغان «ئالاھىدە» بىرسىگە ئايلىنىپ قالغاندەك بىر تۇيغۇمۇ بىزنى چەكلەيدىغان بولۇپ قالدى. «كىم بىلىدۇ، ئۇ دېگەن خەنچە ئوقۇدى ئەمەسمۇ، بىز بىلمىگەننى بىلىدۇ، ئۇنىڭغا يامان مۇئامىلە قىلىپ ئايىغىدىن چىققىلى بولماي قېلىشىمۇ مۈمكىن»، دېگەندەك بىر ھېيىقىش بىزنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىمۇ ھەيران قالارلىق ئىدى. نورمالدا نەق ئەمەلىيەت ئۈستىدە بىز بۇنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيتۇق، بى ئىختىيار يوسۇندا ئەنە شۇ ھېيىقىش بىلەن مۇئامىلە قىلاتتۇق، ئەمما، كېيىن، مەلۇم ئاخشاملىرى خىيال سۈرۈپ ياتقان چاغلاردا ئەقىل بىلەن بۇلارنى قايتا باشتىن كەچۈرۈپ باققىنىمىزدىلا ئۆزىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان بۇ غەلىتە ئىپادىدىن ئۆزىمىزمۇ ھەيران قالاتتۇق. توۋۋا، ئەجەبا ئۇ بىزنىڭ ئۆز قىزىمىز ئەمەسمىدى؟!

ئۇ ئەنە شۇنداق، مىللىي كۈلتۈرىمىزگە يات بىمەنە گەپلەرنى قىلغىنىدا مەن راستىنلا ئازاپلىنىپ كەتكەنىدىم. ئۇنىڭ خۇددى ئۆزى ئۇيغۇر ئەمەستەك: «سىلە ئۇيغۇرلا... »دەپ ئەيپلەپ سۆزلەشلىرىچۇ؟ توۋا!...

توۋا، مەن بىر ئۆمۈر زەھەر-زوقۇم يېگەندەك ئازاپلىنىپ يۈرگەن ئىشنىڭ ئەمدى مۇشۇنداقلا قىزىقى يوق، قىممىتى يوق، ئەھمىيىتى يوق، تىلغا ئالغۇچىلىكىمۇ يوق بىر ئىش بولۇپ تۈگىشى ئەقىلغە سىغامدۇ؟ ئۇنى دېسىغۇ ھازىر ساغرىسىنى چىقىرىپ يۈرۈشمۇ گۈزەللىك كۆرىكى بولۇپ قاپتۇ. ئىلگىرىلىرى بىزلەر كۆڭلىكىمىزنىڭ ئۈستىدىن بىلىنىپ قالسىمۇ قىزىرىپ-تاتىرىپ دەرھال ئۆزىمىزنى تۈزەشتۈرەتتۇق، بوز ئاچقان يەرلىرىمىزدە يۇمشاق توپا ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قوپۇشقا توغرا كەلسىمۇ دەرھال پۇتىمىز بىلەن ئولتۇرغان توپا دۆۋىسىنى بۇزۇۋېتەتتۇق، ئۇنداق قىلمىساق بەزى شوخ، قىلىقسىز يىگىتلەر يۇمشاق توپا ئۈستىگە چۈشكەن ئىزنى غېرىچلاپ، خۇددى ساغلىقنىڭ قۇيرۇقىنى باھالىغاندەك باھالاپ، ئادەمنى نومۇسقا ئۆلتۈرەتتى. مانا ئەمدى بۇ كۈنلەردە قارايسىزكى، نومۇس ئەمەس، ئىپتىخارلىنىدىغان بىر ئىش بولۇپ قاپتۇمۇ دەيمەن؟ قىزىمنىڭ «ئېغىغا مىنىپ» يۈرۈشلىرىدىن يۈزۈپ قىزىرىپ: «ھىچ بولمىسا داداڭدىن خىجىل بولغىن، ۋاي، ئۆلەي!» دەپ كېتەتتىم. ئۇ بولسا، «بەدەن گۈزەللىكىنىمۇ يوشۇرۇش كېرەكمىكەن؟ نېمانداق، سەھراچە گەپ بۇ؟ سىلە ئۇيغۇرلا...» دەپ پىسەنتىگىمۇ ئالمايتى. تېخى قانچە چوڭقۇر پېتىپ، كەمكوتىسىز بىلىنىپ تۇرسا شۇنچە ئىپتىخار بولۇدۇكەن! كېيىن-كېيىن مەنمۇ كۆنۈپ قالغاندەك بولۇپ، ئارتۇقچە ئارىلاشماس بولدۇم. راستىنى دېسەم ھېلىقى سىرلىق ھېيىقىش مېنى تىلىمنى تېيىشقا مەجبۇر قىلغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. دۇنيا دېگەن ئاجايىپ بولۇدۇكەن، ياق، ئادەملەر ھەجەپ قىززىق مەخلۇقكەن، دېسەم توغرىدۇر بەلكى؟ بىر نومۇس بەلگىسى بىر زامانلار كېلىپ ئىپتىخار ۋەسىلىسى بولۇپمۇ قالۇدۇكەن ئەمەسمۇ؟ توۋا! مانا شۇ ئىپپەت مەسىلىسىنى دېسەكمۇ شۇغۇ.

بىر ئۆمۈر تارتقانلىرىم ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇغۇ؟ مېنى باشقىلارنىڭ كۈلتۈرىدىكى ئادەتلەرگە كۆندۈرۈش بىلەن، ئىشەندۈرۈش بىلەن، مەن ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىمنى تۈزۈتەلەيمەنمۇ؟

 

دەل بىلمەسلىكىم تۈپەيلىدىن،... (مۇشۇنداق دېسەم ئادىل بولارمۇ؟ بىلمەسلىكىمدىنلامۇ؟ ياخشى كۆرمەيتىممۇ؟ توغرا، ياخشى كۆرۈشۈممۇ بار) مانا شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ يالماۋۇزدەك، بەس كەلگىلى بولمايدىغان نەپسىي تەلەپلىرىگە تەدرىجىي يول قويۇپتىكەنمەن. ئويلاپتىمەنكى، بەرىبىر ئاخىرقى چەكتىن ئۆتكۈزۈۋەتمەيمەن! بۇ ئەسلىدە بىمەنىلىك ئىكەن. مەسىلەن، ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسىنىلا ئەسلىسەك كۇپايە. بۇ مۇسابىقىدا تۇنجى قەدەمدە كەتكۈزۈۋەتكەن تەرەپ، ئاخىرقى چېگرىدا ۋەزىيەتنى قۇتقۇزالامدۇ؟ مۈمكىن ئەمەس. بۇلارنىمۇ نەدىن بىلەي؟ تەجرىبىسىزلىك. لېكىن بۇ ئاقلىشىممۇ بەكلا تېتىقسىز. كىم ئاۋال تەجرىبە قازىنىپ، كېيىن ئىپپىتىنى ساقلايدۇ؟ شۇمۇ گەپ بولۇپتۇ-دە!

ئەسلىدە بۇ دەسلەپكى سۆيۈشتىن باشلانغان كەتكۈزۈش. بەلكىم قولىمىزنىڭ بىر-بىرىگە تېگىپ كېتىشىدىن باشلانغاندۇر. ئىشقىلىپ ئاشۇنداق باشلىنىدىكەن. خۇددى پىچۇرىننىڭ دېگىنىدەك: «بەدەننىڭ بىرىنچى تېگىشى مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ»كەن.

توغرا، دەسلەپكى سۆيۈشتە مېنى ئەيپلەشكە بولمايدۇ، بۇ ئىش بەكمۇ تۇيۇقسىز بولغان ئىدى. مەندىن سوراپ ئولتۇراتتىمۇ؟ رۇخسىتىمنى ئېلىپ ئاندىن سۆيۈدۇغان بولسىدى، ئۇنىمىغان بولاتتىم. ئەمما ئۇ كۈنى بىز جىگدىلىكتە ئولتۇرغىنىمىزدا گېپىمىز تۈگەپ قالغاندەك جىم-جىتلىق پەيدا بولدى. مەن يان تەرىپىمگە بۇرۇلۇپ قاراپ باقاي دېسەممۇ، نېمىشكىدۇر قارىيالمايتىم. خۇددى ھېلىلا بىر ئىش، پەۋقۇلئاددە بىر ئىش يۈز بېرىدىغاندەكلا بىر تۇيغۇدىن لەرزىگە كېلىپ تۇراتتىم. گويا يەر پوستى كۆتۈرۈلۈپ-كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇۋاتاتتى؛ يانارتاغ ھامان پارتلايتى. ئۇنىڭغا قارىيالماسلىقىم بەلكىم مۇشۇ تامالىق كۈتۈشتىنمىدى؟ ياكى ئۇنىڭ يىرتقۇچ كۆزلىرىدىن قورقۇپمۇ؟ ئەيتاۋۇر مەندىمۇ نېمىدۇر بىر ئىش، ئادەتتىكىدىن باشقىچە بىر ئىش، بىر تەرەققىيات، ئاۋالقىغا كۆرە ئىككىنچى قەدەمنى كۈتۈش تاماسى بولمىغان دېيەلمىسەم كېرەك. دېمەك، چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ دېيىشىدۇ ئەمەسمۇ، مەندىمۇ باردەك قىلىدۇ. مەن ئۆزەمگىمۇ نامەلۇم بولغان بىر تامادا كۈتۈپ ئولتۇرغاندەك قىلىمەن.

ئەنە شۇ چاغدا، دەل مەن تامادا كۈتۈۋاتقاندا ئۇنىڭ قېلىن لەۋلىرىنى مەڭزىمدە ھىس قىلدىم. ھەتتا بىر ئاز ھۆل قالغانلىقىمۇ ھازىرقىدەك ئېسىمدە. لەۋلەرنى ئۆز بەدىنىمدە ھىس قىلدىم-دە، مەست بولۇپ قالدىم. نېمە دېيەلەيمەن؟ ئۆزەممۇ تامادا ئولتۇرغۇنۇم ئېنىق تۇرغان ھالدا يالغان خاپا بولۇپ، قېيداپ كېتىمەنمۇ؟ قاملىشارمۇ؟ بۇ، ھىسلار قوشۇلۇپ كېتىۋاتقان پەۋقۇلئاددە دەقىقىلەردە تىلنىڭ ئىشىنى كۆرۈنمەس رىشتىلەر ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش پۈتۈنلەي سىمسىز دولقۇنلار ئارقىلىق بولۇۋاتقان بىر پەيتتە قانداقمۇ ئۆز كەيپىياتىمنى يوشۇرۇپ، سۈنئىي قارشىلىقلارنى، يالغان خاپا بولۇپ كېتىشلەرنى قاملاشتۇرالايمەن؟ ھىچنەرسە دېيەلمەستىن مۈرەمگە پېتىپ ئولتۇردۇم. قەلبىمنىڭ چوڭقۇرلىرىدا بىر سىگنال ئاجىزانە نالە قىلاتتى: تۈگەشتىڭ، ھەممە ئىش مانا مۇشۇنداق باشلىنىدۇ، مانا بۇ ئىپپىتىڭدىن ئايرىلىشنىڭ باشلىنىشى! ئەسلىدە مانا مۇشۇنداق قىلىقلانىڭ ئىپپەت چېگرىلىرىنى ئۇپرۇتۇپ، يېمىرىشكە باشلىشى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام كاشكى! بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ يىرتقۇچنىڭكىدەك كۆزلىرىگە قارىيالمايتىم، ياق، ياق! ئۇنىڭ يىرتقۇچلارچە ۋەھشىيلىكىدىن ئەمەس، ئۆزەمنىڭ ئاجىزلىقى، ناتاۋان كىيىك ياكى قورققاق توشقانلىقىدىن يېتەرلىك جاسارەت تاپالمايتىم. ئۇ كۆزلەردە ھېلىقىدەك ئوت يېنىۋاتقاندا ئۇنىڭ تىكىلىپ قاراشلىرىغا دۇچ كېلىش ھەم لەززەتلىك، ھەم قورقۇنۇچلۇق ئىدى.

ئەمما ئۇ چاغلاردىكى چۈشەنچەمدىمۇ ھامان، ئاخىرقى چېگرىدا كونترول قىلالايمەن دەيدىغان پوچىلىق بارىدى. نېمە بوپتۇ، كۆڭۈلنىڭ خاھىشىنى بۇ دەرىجىدە بوغۇپ نېمە قىلاي، ئۆلۈدۇغان جانغۇ؟ مېنىڭ جىمجىتلىقىم ئۇنىڭغا جاسارەت بەردىمۇ؟ مېنى خاپىلىقتىن بوغۇلۇپ ئولتۇرۇپ كەتتى، دەپ بىلدىمۇ؟ ئىشقىلىپ ئەمدى، ئۇ مېنىڭ جىم-جىتلىقىمنى خاپا بولۇش دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسا بولاتتىغۇ دېگەن ۋەسۋەسە پەيدا بولدى. ھەتتا ئۇنىڭغا ئاشكارە جاسارەت بېرىپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى كېلىشكە رىغبەت بەرگىلى تاس قالدىم. ئەمما ئۇ بىر ئەركەك ئىدى. قىزلارنى — ئايال زاتىنى چۈشۈنەتتى. ئۇنىڭ يوغان قوللىرىنىڭ بىرىنى بوينۇمدا ھىس قىلا قىلمايلا ئىڭەك ۋە بىر مەڭزىم يەنە بىر قولىنىڭ ئالقانلىرى ئىچىدە ئېرىپ كەتكەندەك ئۇ تەرەپكە ساقىدى ۋە ئاغزىم ئۇنىڭ قېلىن لەۋلىرىگە توغرۇلۇنۇپ قالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا بولۇپ ئۆتتىكى، بۇنداق قىسقا ۋاقىتلارنى قانداق بىرلىك بىلەن ھىساپلايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خۇددى مېنىڭ بىرنەرسە دەپ سېلىشىمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالدىرىغاندەك، لەۋلىرى بىلەن ئاغزىمنى «پىچەتلىۋالدى».

ئادەم چۈشىدە بەك ئىگىز، بەك ئىگىز بىر يەرلەردىن لەيلەپ چۈشۈدۇغۇ، ئەنە شۇنداق بىر لەيلەش، بوشلۇقتىكى ئەركىن چۈشۈش،... نەگە، قاچانغىچە چۈشۈش بەلگىسىز بولغان بىر چۈشۈش! ئەنە شۇ چاغدا مەندە پەيدا بولغىنى ياكى بۈگۈنگىچە ئېسىمدە قالغىنى پەقەت مانا شۇلا ھىس.

ئەسلىدە مەن ئاشۇ چاغدىلا تۈگەشكەن ئىكەنمەن! بۇنى نەدىن بىلەي؟ جىگدىلىكتىن قايتقاندىن كېيىن كېچىچە لەۋلىرىم دەممۇ-دەم ئوت بولۇپ يېنىپ، يەنە ئاشۇ مۇئەللەقتىكى لەيلەپ چۈشۈش تۇيغۇسى تەكرارلاندى. بۇ ھىسنىڭ لەززىتىدىن مەست-مۇستەغرەق بولۇپ، لەۋلىرىمدە قېتىپ قالغان مەمنۇنلۇق كۈلكىسى بىلەن ئۇيقۇغا كەتتىم. شۇغۇنىسى، بۇنداق لەززەت، تېتىپ كۆرۈلسىلا خۇمارغا ئايلىنىپ قالۇدۇغانلىقىنى ئاۋال قانداقمۇ بىلەي؟ ھەرقانداق ۋاقىتتا مانا شۇنداق بولۇدۇغۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە يامراپ كېتىۋاتقانلىقىدىن زىكرى قىلىنىۋاتقان خىروئىنمۇ ئاشۇنداق تېتىپ كۆرۈلگەن بىر خىل لەززەت — كەيپلىك تۇيغۇسىنىڭ قايتا تەكرارلاش ھەققىدىكى قۇترىتىشىنى خۇمار بولۇپ قېلىش دېيىشىدۇغۇ؟ توغرا، خۇمار! قانداق بىر لەززەت تۇيغۇسى ئىنساننى خۇمار قىلمايدىكەن؟

ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە كەلسەملا ئۇنىڭ كۈچلۈك قوللىرىدا قاماللاپ تۇتۇشىنى تاما قىلىۋاتقانلىقىمنى سېزىمەن. زىلۋا بەللىرىمنىڭ ئۇنىڭ بەقۇۋۋەت قۇچاقلىرىدا غايىپ بولۇشىنى، قاتتىق قۇچاغلىنىشتىن بەللىرىمنىڭ غىرىسلاپ كېتىشىنى تاما قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. تېخىمۇ يامىنى مانا شۇ ياۋايىلارچە قۇچاقلاشنىڭ داۋامى ھەققىدىكى تاما ئىدى. ئۇتتۇر چىشلىرىم ئاغرىپ كەتكۈدەك قىلىپ لەۋلىرىنى بېسىشىنى تاما قىلاتتىم. ھەتتا ئاچچىق بىر لەززەتنى، چىشلىنىشىمنى تاما قىلاتتىم. چۈنكى بىر قېتىم ئۇ تاتلىقچىلىقتا چىدىماي قالغاندەك قىلىپ، لەۋلىرىمنى يېنىكرەك چىشلىگەن ئىدى، لەۋلىرىم ئازراق قانىدى. شۇڭا ئاچچىق ئېچىشىپ تۇرسىمۇ تەڭداشسىز بىر لەززەتنى ھىس قىلغان ئىدىم. ھەتتا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن چېغىمدىمۇ ئاشۇ قانىغان يېرىمنى شوراپ، بۇ لەززەتنى ئۇزاققا سوزغان ئىدىم. بۇ خۇددى ئاچچىققا ئامراق ئادەملەرنىڭ ئاچچىق مۇچتىن قانداقتۇر بىر خىل لەززەت تاپقىنىغا ئوخشاش بىر ئىشمىكىنە؟

مانا شۇنىڭدىن كېيىن ياتاقنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ باس ئاۋاز بىلەن ناخشا ئېيتىپ ئېتىزلىققا ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلىغىنىمدا ۋۇجۇدۇمدا ئوت يېنىپ، ئۆز-ئۆزەم بىلەن لەززەتلىنىدىغان بولۇپ كەتتىم. توۋا، ئاۋازدىن! ئەمگەك ئۈستىدىمۇ پات-پات باش كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ قوياتتىم. قاراشتىنمۇ، ماراشتىنمۇ لەززەت ئالغىلى بولاتتى. قانداق ئاجايىپ تۇيغۇ بۇ، ھە؟

ھازىرقى ئاق چەككۈچىلەر ھەققىدە شۇنداق ئاڭلىدىم، راستمىكىن؟ ئاۋال سىگارت بىلەن قوشۇپ تۈتۈننى تارتىپ ئۈگۈنەرمىش، كېيىن بولسا بۇنىڭغا قانائەت قىلىشماستىن ئۆزىنىلا بۇرنىغا تارتىشىدىكەن. ئاندىن بۇمۇ كار قىلماي، سۇيۇقلاندۇرۇپ تومۇرىغا ئۇرۇدۇكەن! ئۇ چاغلاردا بۇنداق بىر ئوخشۇتۇش ھەققىدە خەۋىرىمىز يوقىدى. بۇ ئەمدىكى ئويلىغانلىرىم. شۇغۇنىسى، بۇنداق ئوخشۇتۇش بولمىغان بىلەن، خۇمار دېگەن تەرەققىي قىلىشتا ئوخشاش قانۇنىيەتكە ئىگىمۇ نېمە؟

بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ ئاشۇ بىرىنچى قەدەمدىن كېيىن مەلۇم ئىلگىرىلەشلەر مەيدانغا كەلدى. بىر يىلدىن ئاشقان كۈنلەردە بولسا ئۇ دادىل ھالدا ئىككىنچى قەدىمىنى ئېلىپ قىستاپ كەلگەنىدى.

بىز دائىمقىدەك بۇغدايلىق ئارىسىدىكى قىرلاردا، قوناقلىق ئارىسىدا ياكى جىگدىلىكتە گەپلىشىپ ئولتۇراتتۇق. ئۇ مېنى ئىككى قولۇمدىن تۇتۇپ تارتىپ تۇرغۇزدى. ئاندىن كوفتامنى يېشىشكە باشلىدى. قوللىرىنى تۇتۇۋالدىم، قورقۇپ كېتىۋاتاتتىم. شۇنداقتىمۇ ئاغزىمغا ئىنكار جۈملىلىرى كەلمەستىن، پەقەت كىچىككىنە قوللۇرۇم بىلەن ئۇنىڭ يوغان قوللىرىنى تۇتۇۋالدىم. ئەمما ئۇ قوللىرىنى قولۇمدىن ئاسانلا چىقىرىۋېلىپ، ئىشىنى داۋام قىلدى. مېنىڭ ھىچ تەييارلىقىم يوقىدى. شۇڭا تىترەپ تۇراتتىم. پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ:

— نېمە قىلىۋاتىسىز؟ ھەرگىز بولمايدۇ! — دەپ پىچىرلىدىم. چوقۇمكى لەۋلىرىم كۆكۈرۈپ كەتكەن بولسا كېرەك.

— قورقۇپ كەتمە، باشقا ئىش ئەمەس، كۆكۈسلىرىڭگە چىدىمايلا قالىمەن، ئېچىپ بىر كۆرەي، شۇنچە ۋاقىتتىن كىيىملىرىڭ ئۈستىدىنلا ئويناپتىمەن، ئەمدى ئالمىلىرىڭنى ئۆزىنى تۇتۇپ باقاي، چىدىيالمايلا قالدىم، ... — دېدى ئۇ.

ئۇھ، شۇندىلا بىر ئاز ئېسىمگە كەلدىم. يۈرىكىم جايىغا چۈشتى. ئەمما شۇئان يەنە جىددىيلىشىپ كەتتىم، ياق، نېمىشقا؟ بۇنداق بولۇۋەرسە بېرىپ-بېرىپ، «ئاناڭنىڭ ئايىغۇچىلىكى قالدىمۇ، بالام؟» دېگەندەك بولمامدۇ؟ بولمايدىكەن. بايا مەن قورقۇپ كەتكىنىمنىڭ ئارقىسىدىنلا، ئويلۇغۇنۇمدەك قورقۇنۇچلۇق ئىش ئەمەس، باشقا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگىنىم، كۈتكىنىم قورقۇنۇچلۇق بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇنىسى ماڭا ئادەتتىكىچە تۇيۇلۇپ كېتىپ، دەرھاللا بوشاپ كېتىپتىمەن ئەمەسمۇ؟ بۇمۇ بولمايدىكەن، بۇمۇ ئوخشاشلا چەكتىن ئېشىش ئىكەن! شۇغۇنىسى يۇلقۇنۇش، تىرەجەش قولۇمدىن كەلمىدى. ياق دەپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا يول قويۇۋاتقانلىقىمنى، خالىمايدىغاندەك قىلىۋاتساممۇ، چەكلىشىم كېرەكلىكىگە قەتئىي ئىشىنىپ تۇرساممۇ كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە تاما قىلىۋاتقانلىقىمنى غۇۋا سېزەتتىم.

ئۇ كوفتا ئىچىدىكى مايكامنى يوقۇرى كۆتۈرۈۋاتقاندىلا قوللىرىنىڭ دۈمبىسى تېنىمگە تېگىپ خۇددى مىڭ ۋولتلۇق توك ھاسىل بولۇپ بولغان، باش ئۈستۈمدە چاقماقلار چېقىلىپ كەتكەن ئىدى. مەن تامامەن ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويدۇم. خۇددى ئىچىگە پاقا كىرىۋالغان ئادەمدەك تېنىم جۇغۇلداپ، ئۆزەمنى قاچۇراي دېسەممۇ، بىر تەرىپىدە ياتقان لەززەتتىن مەست بولۇپ، قورۇنۇش ئارىلاش ئۇنىڭ مەيلىگە قويدۇم. ئەمدى جىددىي، ئالدىراش ھەركەتلەر بىلەن ئۆزىنىڭ كۆينىكىنى كۆتۈرۈپ، مەن نېمە بولۇۋاتىدۇ، دېگەن پىكىرلەرنى كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈپ، مەزمۇننى ھەزىم قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئىسسىق كۆكسىمىز جۈپلەشتى... ھەممىسى مۇشۇ قاراڭغۇنىڭ جىنايىتى. بۇنداق يېقىنلىشىشلارغا قاراڭغۇلۇقنىڭ پەردىسى يول ئېچىپ بەرسە كېرەك. ياكى بۇ شەيتاننىڭ بىر خىل زاھىر بولۇش شەكلىمۇ؟ ئىشقىلىپ، كۈندۈز بولغان بولسا، خىجالەتچىلىكنىڭ قىستىشى تۈپەيلىدىن بولسىمۇ بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالماس بولغىيدۇق، دەپ ئويلايمەن.

ئەمما كېيىن مەن يىغلاشقا باشلىدىم. بۇ يىغىنىڭ مەزمۇنلىرىنى بىلمەيتىم. ئۇ مەندىن دەممۇ-دەم نېمىشقا يىغلىغانلىقىمنى سورايتى. ئەمما مەن جاۋاپ بېرەلمەيتىم. شۇ تۇرقىدا بىرلىرى كۆرگەن بولسا بىزنى ئۇرۇشۇپ تالاشقان، بىر-بىرىنى يۇلۇشقان ئەر-خوتۇنلارغا ئوخشۇتۇپ قېلىشى تۇرغان گەپ. كىيىملىرىمىزنىڭ ئالدى رەتسىز، چۇۋۇق ھالدا، مەن بولسام يىغلاپ تۇراتتىم. يىغامدىن ھەم ئۆزەم تە بولاتتىم، ھەم چوقۇم يىغلاشقا تېگىشلىكتەكمۇ قىلاتتى. كىيىملىرىمنىڭ ئالدىنى ھاپىلا-شاپىلا ئوڭشاپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىرىگە جاۋاپ بېرىشتىن باش تارتىپ ياكى دەل باش تارتىش ئۈچۈن ئالدىراپ جىگدىلىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقىنىمدا ئۆزەمدىنمۇ خۇددى شۇنداق سورۇدۇم: نېمىشقا يىغلىدىم؟

بىر تەرەپتىن ئويلىغاندا مەن ھاقارەتلەنگەن ئىدىم. بەلكىم شۇنىڭغا يىغلىغاندۇرمەن. مېنى ئازراقمۇ ئويلاپ قوياي دېمەستىن ھاڭغا قاراپ قىستاپ كېلىۋەرسە ئاقىۋىتى نېمە بولۇدۇ؟ ئۇغۇ ئەركەك، ھىچنېمە بولمايدۇ. ئەمما قىزۋالا دېگەن ئاجىز تۇرسا، جەمىيەتتە يۈز كۆتۈرۈپ يۈرۈش مەسىلىسى، ئاتا-ئانا، دوست-دۈشمەن،... ھەممە بالاغا مەن قالىمەن شۇ. چوقۇم يىغلاشقا تېگىشلىك تەرىپى شۇمىدىكىن؟ ياتاققا قايتىپ كېلىۋاتقىچىمۇ يىغامنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىغان ئىدىم، ئەمما كېيىن تاپقاندەكمۇ بولدۇم. بەلكىم بۇ توغرا سەۋەپتۇر؟

كۆز-ياشلىرىمنى توختۇتۇپ، يىغلىغانلىقىمنى ياتاقداشلارغا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزەمنى تۈزەپ ياتاققا كىرگىنىمدە، بەرىبىر كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ زورۇقۇپ، ئۆزەمنى تۇتۇۋېلىپ، ياتاقداشلارنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سېلىشقا، بولسا دەرھال پاراڭلارغا قوشۇلۇۋېلىش ئارقىلىق، ئۆزەمنى ئاشۇ پېتىپ قالغان يېرىمدىن تېزراق چىقىرىۋېلىشقا ئۇرۇندۇم.

ياشلىق، بەڭۋاشلىق دەپ بىكار ئېيتىشمىغان-دە، بىردەمدىلا يىپ بازىرىغا قوشۇلۇپ كېتىپ، بايىقى كەيپىياتىمنى ئۇنتۇدۇم ئەمەس، يەنە تېخى يىغلاپ يۈرگۈنۈمگە كۈلگۈم كەلدى. توۋا، بۇ ھاياتنىڭ شۇنداق قىپ كەتكۈچىلىكى بارمۇ؟ مىڭ يىل ياشىمايمىزغۇ! ئورنۇمغا كىرىپ ياتقىنىمدا بولسا تېخىمۇ باشقىچە خىياللار ئۈستۈنلۈككە چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ئۆزەمنىڭ قوللىرى بىلەن كۆكۈسلىرىمنى قورقۇپقىنا سىلاپ باققىنىمدا يېنىك بىر جۇغۇلداش ۋۇجۇدۇمنى تىترىتىپ ئۆتتى. شۇندا بايا كۆكسۈمگە يېقىلغان ئاتەشنىڭ ھاياجىنى قايتا قوزغالغاندەك بولۇپ، كۈچلۈك بىر سېغىنىش ھىسسى، نېمىدۇر چالا قالغان، تولۇق تويۇنمىغان بىر ھىسنىڭ تەخىرسىز ھالدا تويۇنۇشقا قاراپ قىستىشى بېسىپ كەلدى. شۇندىلا پۇشايمانغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ھىس، بىر تەرەپتىن ئۇيۇلۇپ تۇرساممۇ، بىر تەرەپتىن يەنىلا ئۆزىنى كۆرسۈتۈپ، ئاشۇ ئاتەش يېقىلغان دەملەردىكى لەززەتنى نېمىشقا بولمىغۇر يىغا بىلەن بۇزۇپ، كۆپۈككە ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكىم ھەققىدە مېنى ئىزتىراپقا پاتۇرماقتا ئىدى؛ بىرتەرەپتىن بولسا، ئاشۇ لەززەتلىك ئەمما ھاياسىز قىلمىشنى خىجىل بولماستىن سېغىنىۋاتقىنىمنى يۈزۈمگە سېلىۋاتقان بىر ھىس مېنى ئۇيالدۇرۇشقا تىرىشاتتى. نېمىلا بولمىسۇن، بىر خىل لەززەتلىك تۇيغۇ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ ئۇخلاپ قالدىم.

كېيىنكى قېتىمدا بولسا بۇ ئىش مېنى ئانچە قورقۇتمىغان بولسىمۇ، بىر ياقتىن قاتتىق ئۇيۇلۇش ئىچىدە ئۇنىڭ ئىختىيارىغا ئۆزەمنى تاپشۇرغان ئىدىم. ئۇ خۇددى قوزىچاقلار ئانىسىنىڭ يەللى ئارىسىغا تۇمشۇقىنى تىقىۋېلىپ، ئەركىلەپ تۇرۇپ، ئۈسۈپ-ئۈسۈپ ئەمگىنىگە ئوخشاش يوچۇن قىلىقلارنى ئويلاپ تاپاتتى. بۇ قىلىقلارغۇ ماڭا ياقاتتى. ئەمما بۇ يېقىش خۇددى بىر يېرىگە قۇرۇت چۈشكەن مېۋىدەك، غەشلىك ئارىلاش لەززەت بېرەتتى. بىر خىل خاتىرىجەمسىزلىك مېنى قىيناپلا تۇراتتى. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولسام ئىدى، بۇ لەززەت پۈتۈن غەشلىكتىن ئادالانغان، تولۇق ۋايىغا يەتكەن، مەنمۇ بىر ئاز قورۇنۇپ ئەمەس، پۈتۈنلەي ئۆزۈمنى قويۇۋەتكەن ھالدا ھوزۇر سۈرگەن بولاتتىم. ئەمما شۇئاندا بۇ قىلىۋاتقىنىم گۇناھ ئىدى. ھاياسىزلىق ئىدى. بۇنى بىلىپ تۇراتتىم. مانا شۇنىسى ھوزۇرۇمنى بىر ئاز بەتتاملاشتۇرۇپ تۇراتتى. تولۇق ئېچىلىشىمغا ھالاقىت بېرىۋاتقان بۇ ھىسنى ئۇمۇ سېزەمدىكىن؟ بۇنداق ھاللاردا ئەركەكلەردە بىر خىل غالىپلىق تۇيغۇسىلا ھۆكۈمران بولسا كېرەك، شۇڭا، ھىچقاچان پاسسىپ پىسخىك كەچۈرمىشلەرگە چۆممىسە كېرەك.

ھەر دايىم ئۇ مېنى سۆيۈش ئۈچۈن ياكى ئامراقلىق ئىپادىلەپ بوينۇم، چاچلىرىم ئارىسىغا تۇمشۇقىنى سوقۇپ يۈرۈۋاتقاندا ئۇنىڭ تىنىقلىرىدىن تاماكىنىڭ كونارغان، ئېغىر پۇرىقى كېلەتتى. بۇ پۇراقتا يەنە ئەرلەرگىلا خاس بولغان ئېغىر پۇراقلار — تەر پۇرىقى، كىر پۇرىقى، قولتۇق پۇرىقىنىڭ ئارىلاشمىسى بارىدى. ئەمما بۇ پۇراق ماڭا بەك سەسكىنەرلىك بىلىنمەيتى، بەلكىم پەقەت ماڭىلا شۇنداق تۇيۇلاتتىمىكىن؟ ئىشقىلىپ، ئۇ ماڭا ئەركەكلىكنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىدەك بىلىنەتتى. ئەكسىچە بەزى پۇراقلىق بويۇملارنى ئىشلىتىدىغان ئەرلەر ماڭا ئەركەك ئەمەستەك، «دەردى بار»دەك تۇيۇلۇپ سەسكىنىپ كېتەتتىم.

دېگىنىمدەك خۇمار چوڭقۇرلاپ بېرىۋاتاتتى. ئازغا قانائەت قىلمايدىغان ئاچكۆزلۈك، كۈنسېرى تېخىمۇ چوڭراق تەلەپلەرنى تۇغدۇرۇپ، كۆڭۈلنى قىستايتى. پەقەت ئەركەكلەردىلا مۇشۇنداق قانائەتسىزلىك، بولۇدۇ دېيىشمۇ بىر ئاز ئادالەتسىزلىك بولۇشى مۈمكىن. مەندىمۇ شۇ. بىر تەرەپتىن قاتتىق قورقۇپ تۇراتتىم، ئەمما ئۆزەمنى تۇتالمايتىم. ھەر قېتىملىق ئىلگىرىلەشتىن كېيىن ئۇزاققىچە ئىككى خىل تۇيغۇنىڭ ئارىسىدا سىقىلاتتىم خۇددى ئىككى تاش ئارىسىدا قالغاندەك. بىر ياقتا كۆڭۈلنىڭ مەيلى، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى، دۇنيا ھاياتىغا قىزىقتۇرۇشلىرى؛ يەنە بىر تەرەپتە ئاقىۋەت ھەققىدىكى قورقۇنۇچلۇق تەسەۋۋۇرلار، دادامنىڭ نومۇسى تۆكۈلگەن ھالەتتىكى بىچارىلىكى كۆزئالدىمغا كەلسىلا ۋەھىمىگە چۆمۈلەتتىم. تۆرت ئوغۇل ئارىسىدا يالغۇز قىز بولۇشۇم بىلەن دادام مېنى خۇددى قولىدىكى ئۈزۈك دەپ بىلەتتى. يېڭى مودىلار دەمسىز؟ بۇ ئەسلىدىلا مەندىن باشلىنىدۇ دېسەم پو ئاتقان بولمايمەن. دېگىنىم دېگەن، قىلغىنىم قىلغان! پەقەت باشقا بىر ئەركەكنىڭ ئالدىدىلا ناتاۋان بولۇپ قېلىۋاتقىنىمنى، يېتەرلىك ئەتىۋارلانمايۋاتقاندەك ھىس قىلغىنىمدا بەكمۇ خورلۇقۇم كېلەتتى. ئەگەر سىز بەكمۇ ھۆرمەتلىك بىر جاناپنىڭ قەسىرى ئالدىغا كەلسىڭىزلا تىترەشكە باشلايسىز، كىرىشكە تارتىنىسىز، ھەتتا قايتا-قايتا تەكلىپ قىلىنغان ئەھۋالدىمۇ تىرنىقىڭىزنى تاتىلاپ، يەردىن ئۈستۈن قارىيالماي، تارتىنىش بىلەن بەدەنلىرىڭىز تىكەنلىشىپ كىرىسىز. كىرىسىز، ئەمما ئەركىنلىكتىن تامامەن مەھرۇم بولغان بىر تۇيغۇدا ساھىپخاننىڭ مەيلىگە بويسۇنۇسىز، جانلىق-جانلىق سۆزلەشكىمۇ پېتىنالمايسىز، ئاۋازىڭىز قورۇنۇش تۈپەيلى ئاران-ئاران ئاڭلىنىدۇ. ئەمما بىر يوقسۇل گاداينىڭ، ئادەتتىكى دىھقان تونۇشىڭىزنىڭ ئۆيىگىچۇ؟ ھىچ تارتىنماستىن ئۈسۈپ كىرىۋېرىسىز. ئاۋالقىسىدىكى قورۇنۇش ۋە جۈرئەتسىزلىك دەل چەككە يەتكەن ھۆرمەتنىڭ، نوپۇزدىن تىترەشنىڭ مەھسۇلى بولغان بولسا، كېيىنكىسى دەل ئانچە بەك كۆزگە ئىلمەسلىكتىن ئەمەسمۇ؟ دېمەك مەن ئۇنىڭ ئالدىدا بىر گاداينىڭ ھالىغا چۈشۈپتىمەن-دە! بۇنىسى قاتتىق ھار كەلگەچكە، ھەتتا ئۇنىڭغا نەپرەت پەيدا بولدى. ئەمما سۆيگۈ مۇناسىۋەتلىرىدە نەپرەتمۇ سۆيگۈنىڭ، بەلكى قاتتىق ئاشقلىقنىڭ بىر خىل قىزغىنىش، چىدىماسلىق ئىچىدىكى ئىپادىلىنىشى بولغاچقا ئاللىقاچان مەنىسىنى يوقاتقان بولۇدۇ ئەمەسمۇ! نېمە دېسەم بولۇدىكىن؟ ئىشقىلىپ، يېتەرلىك دەرىجىدە ھۆرمەتلەنمەيۋاتقانلىقىمنى غۇۋا سەزگەندەك بولۇش بىلەنلا ئاچچىقىم قىرىق گەز ئۆرلەيتى. ئۇنى سىلكىپ-سىلكىپ كېتىپ قېلىشنى، شاڭخو قىلىپ كۈلۈپ، غۇرۇرىنى سۇندۇرۇشنى ئويلاپ كېتەتتىم. ئەمما،...

ئاكا-ئۇكىلىرىم — ئەركەك قېرىنداشلىرىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەممۇ ئەنە شۇنداق ۋەھىمىگە چۆكۈمەن. ئۇلار نېمە بولۇپ كېتەر-ھە! ئەگەر مېنىڭ رەسۋا بولۇپ داڭقىم چىقىدىغان ئىش بولسا بۇنىڭ ئاخىرى نېمە بولار؟ مەن ئۆزەمنى ياردىن تاشلىۋالامدىم؟ ياكى ئۆيىمىزنىڭ ئەركەكلىرى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالامدۇ؟ توۋا، بۇ ئاجايىپ ئىش-تە! مېنىڭ قىلغان ئىشىم، كۆڭلۈمنىڭ مەيلىگە بېرىلىشىم، ماقۇل بۇنى مېنىڭ گۇناھىممۇ دەيلى، بىرمۇنچە ئادەم ئۈچۈن بەختسىزلىك كەلتۈرگىنى توغرىمىدۇ؟

 

ئۇ مېنى قۇچاغلاپ، بېشىمنى كۆكسىگە بېسىپ تۇرۇپ، بىر قولىدا دۈمبەمنى سىلاشقا باشلىغاندىكى سېزىملىرىمنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىزمەن. ئۇنىڭ يوغان ۋە بەقۇۋۋەت قوللىرىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى سەزگىنىمدە بەدىنىمنىڭ جىغىلداشلىرى تېخىمۇ يوقۇرى پەللىگە چىقاتتى. ئۇ بولسا ئىنساپسىزچە تۆۋەنلەيتى. تۆۋەنلەيتى، تۆۋەنلەيتى. ئۇ مېنىڭ بۇنداق ھاللاردا قورققاق توشقانغا ياكى ناتاۋان كىيىككىلا ئوخشاپ قالۇدۇغانلىقىمنى، يىرتقۇچنىڭ قولىغا چۈشكەندەك بى ئىلاجلىق بىلەن ھەممىنى قوبۇل قىلىپ قارشىلىقسىز تۇرۇدۇغانلىقىمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ قوللىرى،... راستىنلا قولمۇ؟ ياكى يوقۇرى ھارارەتلىك ئېلىكتېر تاياقچىسىمۇ؟ ئىشقىلىپ ماڭا چەكسىز ھارارەت بېرىپ تۆۋەنلەيدۇ.

ساغرىلىرىم ئۈستىگە كەلگەندە تامامەن ئۆزەمنى يوقۇتۇپ قويۇمەن. مۇئەللەقتە لەيلەيمەن. ئۇچۇۋاتقاندەك بولۇمەن. ھاۋا شۇنداق ئوچۇق. زەڭگەر ئاسماننىڭ سۈزۈكلۈكىگە يارىشا ھاۋامۇ ئىللىق، ئىسسىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس،... لەرزان ئۇچۇۋاتىمەن،... بىر پارچە ئاق پاختىدەك بۇلۇت ئۈستىدە،... ئۇنىڭ قولى ساغرامدا تۆۋەنلەشكە ئەگىشىپ ئوتتۇرا بارمىقى ئايرىلىپ چىقىپ دومبىيىدۇ، باشقا بارماقلار ئىدىرلار ئۈستىدە كەزگەندە، ئوتتۇرا بارمىقى ئىككى ئىدىر ئارىسىغا شۇڭغۇپ چۈشۈدۇ،... ئاھ، بۇ چاغدىكى مەستلىكنى نېمىلەرگە ئوخشۇتۇش مۈمكىنكىن؟

كېيىنچە بەزى جىنسىيەت ئىلمىغا ئائىت كىتاپلارنى كۆرگىنىمدە بىلدىمكى، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھوزۇرى تاكى بوشاشمىغىچە ئىنتىلدۈرۈپ، ئاچكۆزلەرچە بېسىپ كېلىۋېرىدىكەن، قانائەتنى بىلمەيدىكەن. ئەمما ئاياللارنىڭ ئۇنداق ئەمەس، ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ ئاۋازىدىنمۇ، قوللىرىدىنمۇ، قاراشلىرىدىنمۇ لەززەت دەرياسىغا چۆمۈلۈۋېرىمىز. ھەر بىر ھەركەتنىڭ ئۆزىگە خاس تاڭسۇقلۇقى بار. مەسىلەن، مەيداندا كىنو قويۇلسىلا بىرگە ئولتۇرۇۋالىمىز. ئاندىن چىراقلار ئۆچۈرۈلگەن ھامان قوللۇرۇم ئۇنىڭ يوغان ئالقانلىرى ئىچىدە خۇددى ئىللىق ئۇۋىسىنى تاپقاندەك راھەتكە چۆمۈلۈدۇ. ئەمما قوللۇرۇملا ئەمەس، قولۇمدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان ئېلىكتېر ئېقىمى پۈتۈن تېنىمنى ھارارەتكە تولدۇرۇدۇ، لەززەتكە چۆمۈلدۈرۈدۇ. ئەسلىدە ماڭا شۇمۇ يېتىدىغاندەك قىلاتتى. بولدىغۇ، مۇشۇنىڭدىمۇ يۈرەكنىڭ جىغىلداشلىرى، ۋۇجۇتنىڭ قىزىشلىرى مەۋجۇتقۇ؟ ئەمما ئۇ بۇنىڭغا قانائەت قىلمايدىغاندەك قىلاتتى.

ئۇ ھىچقاچان مېنى قۇچاقلىغاندا بېلىمدىن تۆۋەنگە قول ئۇزۇتۇپ باقمىغان ئىدى. گويا بۇ بىر چەكلەنگەن رايون ئىدى. گەرچە ئىككىمىز ئالدىن بېكىتىۋالمىغان بولساقمۇ بەرىبىر شۇنداق ئىدى. مانا ئەمدى ئۇ خۇددى ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى، رازىلىقى بىلەن بۇ چەكلەنگەن رايوننىڭ چەكلىمىسى ئېلىپ تاشلانغاندەك قوللىرىنى بىمالال نەلەرگىچە چۈشۈرۈۋاتىدۇ-ھە؟! ئۇ مېنى كۆزىگە ئىلمىگەنلىكتىن، مېنىڭ ئارزۇلىرىمنىڭ قانداقلىقى، كۆڭۈل مايىللىقىم بار-يوقلۇقى بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرماي، خۇددى ئۆزىنىڭ مېلى، سېتىۋالغان قۇلىغا مۇئامىلە قىلغاندەك شۇنچىلىك ئەركىن، خاتىرىجەم نېمىلەرنى قىلىپ يۈرۈدۇ-ھە!

شۇغۇنىسى، مېنىڭ كۆڭۈل مايىللىقىم يوق دېيىشىم مۈمكىنمۇ؟ مۇناسىۋەتنىڭ مۇقەررەر تەرەققىياتى ئاشۇنداقمۇ نېمە؟ مەنمۇ بارغانسېرى خۇددى كۆنۈككەن قىلىقلارنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر قەدەم ئېلىنىشىنى ئارزۇلىغاندەك كەيپىياتتا ئىكەنلىكىمنى ئىزا ۋە ئەلەم ئىچىدە ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمەن. كۆيۈشكەندەك جىغىلداشتىن ھەم لەززەتكە چۆمۈپ، ھەم ئىزا تارتىپ، زورىغا سىلكىندىم-دە، قېيدىغان بولۇپ كېتىپ قالدىم. كېتىۋاتقىنىمدا ئىختىيارسىز ئارقىلىرىمنى — ساغرامنى تۇتۇپ باقتىم. چۈنكى ماڭا ئوچۇق قالغاندەك تۇيۇلۇپ، ئۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتىم. بۇ ھال يەنە مېنى يىغلاتتى. مۈرىلىرىمنى بىلىنەر-بىلىنمەس سىلكىندۈرۈپ يىغلاۋاتاتتىم. قاراسۆگەتنىڭ تۈۋىگە كەلگەندە بۇ ھالىم بىلەن ياتاققا كىرىشكە جۈرئەت قىلالماستىن، شۇ يەردە بىر ئاز ئۆزەمگە كېلىۋالماقچى بولدۇم. سىلكىنىۋاتقان مۈرىلىرىم كۈچلۈك قوللار بىلەن قاماللانغاندا بولسا يىغام تېخىمۇ كۈچۈيۈپ كەتتى. مەن خۇددى باشقا بىرسى تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغان، ئەمدىلىكتە مېنى قوغدايدىغان كۈچتۈڭگۈر باتۇرنىڭ ھامىيلىقىغا ئېرىشكەندەكلا ئېرىپ كەتتىم. يىغامنىڭ باشلىنىشى بىلەن ھازىرقى ئەۋجى ئۆز ئىچىگە ئېلىۋاتقان مەزمۇنلار تامامەن باشقىچە بولۇپ، ئەمدىكىسى بۇرمۇلۇنۇپ كەتكەن ئىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ چەكتىن ئېشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يىغام ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ قوغدىشى، قوينىغا ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولغاننىڭ مەمنۇنىيىتىگە ئۆزگۈرۈپ كەتكەن ئىدى.

— نېمە بولدى؟ نېمىشقا يىغلايسەن؟ كۆڭلۈڭگە كەلگۈدەك بىر ئىش بولمىغاندۇ؟ مەندىن ئۆتكەن يېرى بارمۇ؟ — ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى ئاھاڭ مېنى تامامەن پالەچ قىلىپ قويۇشقا يېتەتتى. ئۇ قانداق ۋاقىتتا، قانداق ئاھاڭدا سۆزلەشنى بىلەتتى. ئۇ ئاياللارغا، بەلكىم خاسلا ماڭا ئاتاپ ياسالغاندەكلا، تەسىرلىنىش نۇقتىلىرىمنى بىلگەن بىر ئەركەك ئىدى!

ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە دېيەلەيمەن؟ سېنىڭ سىلاشلىرىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتتى، چەكلەنگەن رايوندىن ئۆتۈشكە كىم ساڭا ئىجازەت بېرىپتۇ؟ مېنى رەنجىتكەن دەل سەن! دېيەلەمدىم؟ مېنى ئۇ رەنجىتتىمۇ؟ راستىنلا مەن رەنجىدىممۇ؟ بۇلارغا جاۋاپ بېرىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئىدى. رەنجىگىنىم قانداق گەپ؟ ئەگەر بۇ رەنجىشنى شەرھىيلەش كېرەك تېپىلسا چوقۇم ئېغىز ئاچالمايتىم. ئۇنداق بولسا نېمىگە رەنجىپ قالدىم؟

ئۇ ئارقامدىن كېلىپ، مۈرىلىرىمدىن قاماللاپ تۇتۇپ، مۈرەم ئۈستىگە ئېڭىشىپ، قۇلىقىم تۈۋىدە پىچىرلاۋاتاتتى. تىنىقلىرى چاچلىرىمنى يېنىك يەلپۈپ، چاچلىرىم ئارىسىدىكى تېرەمدە ھىس قىلىناتتى. پۈتۈن بەدىنى ئارقامغا يېپىشىپ دېگۈدەكلا تۇرغاچقا، ئەڭ سەزگۈر جايلىرىممۇ «تېگىش سەزگۈسى»نى جارى قىلىپ، مېنى ھوشۇمدىن كەتكۈزەيلا دەپ قالدى. يىغام شىپپىدە توختاپ، چوڭقۇر بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن تامامەن ئۆزەمگە كەلدىم. بەلكىم ئۇنىڭ يېلىنغاندەك ئارقامدىن كېلىپ ھال-ئەھۋال سورىغاندەك ياكى كەچۈرۈم سورىغاندەك ئۆزىگىلا خاس مۇلايىم ئەمما تەسىرلىك ئاھاڭدا گەپ سوراشلىرى مېنىڭ قىزلىق مەغرۇرلۇقۇمنى قانائەت تاپتۇردىمىكىن؟ تامامەن تەسكىن تاپتىم ۋە:

— ھىچنېمە بولمىدىم، — دەپلا بىر سىلكىنىپ، ئۇنىڭ قوللىرىدىن، توغرىسى قۇچاقلىرىدىن چىقىپ كەتتىم ۋە ئارقامغا قارىمايلا ياتاققا كىرىپ كەتتىم.

ھە، بۇ ياخشى بولدى. بەزىدە يىگىتلەرنى ئەنە شۇنداق ۋەسۋەسىگە سېلىپ قويۇش كېرەك. ئەمدى ئۇ مېنىڭ نېمە بولغۇنۇمنى، نېمىدىن خاپا بولۇپ قالغىنىمنى ئويلا-ئويلا ئۇيقۇسى قاچسۇن، دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزۈپ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى.

شۇغۇنىسى ئۆزەمنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى. توۋا! بايا ئۇنىڭ قوللىرى سىلىغان يەرلىرىمدە خۇددى چۈمۈلە مېڭىۋاتقاندەك جىمىرلاپ، ئۆزەم بىسەرەمجان بولدۇم. بۇ قانداقتۇر كۆڭۈلسىزلىكتىن تۇغۇلغان بىسەرەمجانلىق ئەمەس ئىدى. نېمە دېسەم بولۇدۇكىن؟ كۆپ ئوقۇمىغاننىڭ خاپىلىقى، ساۋات تۆۋەن بولغاندىكىن بەزىدە ئادەم ئويلىغىنىنى دېيەلمەي قالدۇغان ئىشكەن. سىنىماغلىق ئۈچۈن بىرنەچچە كۈن ئۇنىڭغا كۆرۈنمەسلىككە قارار قىلدىم. مانا شۇنىڭ بىلەن خۇددى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ بىر ئىش ھەققىدە توغرا يەكۈن چىقارغاندەك يېنىكلەپ، ئۇخلاشقا بەل باغلىدىم. شۇنداق بولسىمۇ ھەر ئىش خىيالەن تەكرارلىناتتى...

قارار قىلىشقۇ ئاسان ئەمما ئەمەل قىلىش نەقەدەر قىيىن-ھە؟ ئۇنىڭ ئاۋازى ھەريەردە ئاڭلىنىپ تۇرۇدۇ، بۇ ھېلىقى مېنى مەست قىلغۇچى ئاۋاز ئىدى. شۇندىلا سېزىمەنكى، ئۇنى نەقەدەر ياخشى كۆرۈمەن-ھە!؟ ئۇنىڭغا جان پىدا قىلالايمەنۇ، ئۇنىڭ ئەركىلىكىگە قانداقمۇ چەك قويالايمەن؟ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ چىققۇم كېلىۋاتسىمۇ قەستەن كۆرۈنمەسلىككە تىرىشىپ، ئۇنى قىينايمەن دەپ، ئەمەلىيەتتە ئۆزەمنى تازا قىيناۋاتاتتىم. ئەمگەكلەردىمۇ ئۇنىڭغا قارىمايتىم ياكى ئۇنىڭ قاراشلىرىغا دۇچ كەلمەسلىككە تىرىشاتتىم. ئىشتىن چۈشكەن ھامان شاپاشلاپ قايتىپ كېلىپ ياتاقتىن چىقمايتىم. كىنوغىمۇ چىقمىدىم ياكى چىقساممۇ قەستەن قىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ ئۇنى قييناشقا ئۇرۇناتتىم.

ئاخىرى ئۇ ماڭا خەت يېزىشقا مەجبۇر بولدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ خەتلىرىنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇ خېتىنى ھەمىشە «سۆيۈملۈك... » دەپ باشلايتى. ئاشۇ سۆزنى ئوقۇۋاتقىنىمدىلا جىمىكى ئاداۋەتلىرىم شىپپىدە تارقاپ كېتەتتى. خەتنى ئاخىرغىچە ئوقۇشۇمغىمۇ ھاجەت قالمايتى. شۇنداق بولسىمۇ بۇ خەتكە نېمىلەرنى يازدىكىن دەپ قاراپ باقماي قالمايتىم. ئۇ دەل كۆڭلۈمدىكىنى تېپىپتۇ! چەكلەنگەن رايونلاردىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، ئەدەپسىزلىك قىلىپ قويغانلىقىنى بوينىغا ئاپتۇ، قانداق سەزگۈز-ھە! بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ مەن-مەنلىكىم پەپىلىنىپ، بارلىق ئاغرىنىشلىرىم تۈگەپلا كەتتى. تېخى ئۇ بارلىق چەكتىن ئاشقان قىلمىشلىرىنىڭ ئەسلىدە سۆيگۈسىنىڭ ئەسەببىي ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كەچۈرۈمگە لايىقلىقىنىمۇ دەپتۇ. مەن ئۇنىڭ خېتىنى ئايرىم خەت سۈپىتىدە يېزىپ باقاي دېسەم ئۇنىڭدىكى گۈزەللىكنى بۇزۇپ قويۇشۇمدىن قورقتۇم. ئەينەن كۆچۈرۈش ئۈچۈن خەتنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قويماپتىكەنمەن. ساقلىمىغىنىمغۇ بىر ھىساپتا ياخشى بولغان دېسەممۇ بولۇدۇ، چۈنكى بۇ ئۇزۇن قىرىق يىللىق جەرياندىكى تارتقانلىرىمدا ئۇ ماڭا مەلھەم ئەمەس، يارامنى تاتىلىغۇچى ئامىل بولۇپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى.

ئۇ تەمبۇرنى چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغان بولسا قىزلارنىڭ ھەممىسى ئېغىز تامشىپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا قەلبىمگە پەۋەس تولغان ئىپتىخار بىلەن ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ:

— ئۇ مېنىڭ! ئۇ مېنىڭ! ھىچقايسىڭنىڭ چىشى پاتمايدۇ! — دەپ جاكالىغۇم كېلەتتى.

ئۇ تۆرت بارمىقىغا ناخۇل باغلاپ چالىدىغان بولسا ئۆزىمۇ، سورۇندىكىلەرمۇ ئېرىپ كېتەتتى. بۇنداق كۆڭۈللۈك دەملەر ھەپتە ئاخىرلىرىنىڭ بەزىلىرىدە بولۇپ تۇراتتى. ھەر ھەپتىدىلا بولۇۋەرمەيتى. بۇنىڭغا تۈرلۈك شارائىتلىرىمىز يار بەرمەي قالاتتى. ئاساسەن ئىككى ھەپتىگە بىر قېتىم توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭ ناخشىسى ۋە مۇزىكىسى خۇددى لەرزان چايقىلىپ تۇرغان دېڭىزغا ئايلىناتتىكى، ئۇ بولسا يۇنۇستەك ئويناقشىپ ئۈزەتتى. مەن بولسام مانا شۇ دېڭىزدا خۇددى كىچىك، ئادەمسىز قولۋاقتەك نىشانسىز ئەلەڭلەپ، دولقۇنلارنىڭ سۈرۈشى بىلەن نامەلۇم ئۇزاقلىقلارغا كېتەتتىم. بىردىنلا دېڭىز تاشقىنلىسا ھەيۋەتلىك دولقۇنلار تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ كېتىدىغان بۇ غېرىپ قولۋاقنىڭ تەقدىرى نەقەدەر خەتەرلىك-ھە! ئەمما ئۇ تەسىراتقا چۆمۈلگەن چاغلىرىمدا تېخىمۇ ئۇزاق، تېخىمۇ ئۇزاقلارغا ئەنە شۇنداق لەپپەڭشىپ كېتىپ قېلىشنى، جىم-جىت ۋە ئادەمسىز ئاراللارنىڭ قۇملۇق ساھىللىرىغا بېرىپ تاقىلىپ توختاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىم ناھايىتى ئېنىق. ئۇنىڭ ناخشىسى توختاپ خېلى ۋاقىتقىچىمۇ مەن ئاشۇ نامەلۇم ئۇزاقلىقتىكى جىم-جىت ئاراللاردىن رىياللىققا — ئولتۇرۇش قىلىنغان ياتاققا قايتىپ كېلەلمەي مەڭدەپ قالاتتىم.

ھەر قېتىم مانا شۇنداق قاتتىق ھاياجانلانغان ۋاقتىمدا قارشىلىق كۈچۈم خوپلا ئاجىزلاپ، ئۇنىڭ روھنى ئىستىلا قىلغۇچى سېھرىي كۈچى ئالدىدا ناتاۋان بولۇپ قالاتتىم. ئۇمۇ بۇنداق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشنى بەك ئوبدان بىلەتتىغۇ دەيمەن. ھەر قېتىم مەلۇم بىر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بىردەم ناخشا-مۇڭ قىلىپ تارقىغان چېغىمىزدىلا ئۇ مېنى بۇغدايلىق ياكى ياۋا ئۈرۈكلۈك تەرەپكە ئىشارە قىلىپ قويۇپ كېتەتتى. مېنىڭ يېڭىلىشلىرىم، خاتالىرىم دائىما مانا شۇنداق ئاخشاملارغا، كۈنلەرگە توغرا كەلگەن دېسەممۇ بولۇدۇ.

ئاشۇ قېتىملىق قېيداش ۋە ئۇنىڭ ئادەمنى شامدەك ئېرىتىۋېتىدىغان خېتىدىن كېيىنكى بىر يەكشەنبىدە كۈندۈزى ناخشا-ساز بىلەن ئولتۇرۇشۇپ قالغان ئىدۇق. بۇنداق مۇڭلۇنۇپ قالۇدۇغان ھاللارمۇ دائىملىق ئىدى. ھەممىمىز يىراقتىكى ئۆيىمىزنى، ئاتا-ئانىمىزنى سېغىناتتۇق-تە. مانا شۇ كۈندۈزدىكى تاماشىرىمىزدىن كېيىن تارقالغاندا ئۇ مېنى ئىشارەت قىلمىدى، مەن ئۆزۈم بۇغدايلىق تەرەپكە كەتتىم. ئۇنى ئارقامدىن كەلسىكەن دېگەن تامادا بولغۇنۇم يوق. بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزەمنى ئاقلاش، «سېغىزخاندىن ساق» كۆرسۈتۈش ئۇرۇنۇشۇم ئەمەس، راستىنلا ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن تاماسىز ھالدا، بىردەم يالغۇز ئولتۇرغۇم، قۇلاق تۈۋىمدە تېخىچە مۇڭى جاراڭلاپ تۇرغان ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئەللەيلىشىدىن لەززەتلىنىپ، بىردەم يالغۇز خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغۇم كەلگەن ئىدى.

بۇغدايلىقنىڭ ئىچكىرىرەك بىر يېرىگە بېرىپ قىردا ئولتۇردۇم. خىيالىم ئۇزاقلارغا پەرۋاز قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، كۆزلۈرۈم چۈرۈچ مەزگىلىدىكى بۇغداي غوللىرى ۋە ياپراقلىرىدا تېز ۋە چاققان يۈرۈدۇغان خانقىز لېچىنكىلىرىگە، چىرپاشكىلارغا تىكىلگەن ئىدى. بەزىدە يېتىلگەن خانقىزلارمۇ كۆرۈلەتتى. گاھ يوپۇرماقنىڭ ئۈست تەرىپىدە كۆرۈنسە، بىردىنلا ئاستى تەرەپكە ئۆتۈپ غايىپ بولاتتى. ئۇنىڭ شۇنداق تېز ۋە چاققان ھەركەتلەر بىلەن كۆكپىت ئوۋلاشلىرىنى كۈزۈتۈپ ئولتۇرۇشمۇ بىر خىل ئەمەك ئىدى. چىرپاشكىلارنىڭ ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك قاسراق دۈمبىسى تېنىمنى شۈركەندۈرەتتى.

مېنىڭ ھاشاراتلارنى كۈزۈتۈۋاتقىنىم ياكى خىياللىرىم بىلەن مۇڭداش بولۇپ، يىراقلارغا پەرۋاز قىلغىنىم ئېنىقسىز بىر پەيتتە ئۇ شىپپىدىلا يېنىمدا پەيدا بولدى. گەپ قىلماستىنلا يېنىمدا ئولتۇردى. ئاندىن ئۇستۇلۇق بىلەن چاندۇرمايۋاتقاندەك قىلىپ قوللىرىنى مۈرەمگە قويدى. ئۇ شۇنچە ئاۋايلىسىمۇ بەرىبىر مۈرەمدە ھىس قىلىنغان ئېغىرلىقتىن بىلمەيمەنمۇ؟ قولىنى مۈرەمدىن سىلىققىنە ئېلىۋەتتىم. ئەمما سىلكىپ ئەمەس، شۇنداقلا ئېلىپلا تاشلىۋەتمىدىم. قولىنى بىر ئالقىنىمدا تۇتۇپ، يەنە بىر قولۇم بىلەن بارماقلىرىنى ئاۋايلاپ ئاچتىم. ھە، توغرا، ھەردايىم ئۇ تەمبۇر چېلىۋاتقاندا ئۇنىڭ ماھىر بارماقلىرىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئارزۇ قىلاتتىم ئەمەسمۇ، مانا شۇ ئېسىمگە كېچىپ، ئۇنىڭ پەدە باسىدىغان كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئۇچىغا قارىدىم. گەرچە تىرنىقىدا باسىدۇ دېيىلسىمۇ، يەنىلا بارماق ئۇچىدا ئىنچىكە تاردىن قالغان چوڭقۇر سىزىق بىلىنىپ تۇراتتى. چۈنكى ئۇ چېلىشتىن توختىغىلى يېرىم سائەتچە بولدى ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئالقىنىغا ۋە دۈمبىسىگە سۆيگۈم كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تەخىرسىز ئىستەكلىرىمنى تىزگىنلەپ، ئالقىنىنى ئېچىپ، ئالقان سىزىقلىرىغا قاراپ، پالچىلاردەك سىزىقلاردىن ئۇنىڭ كەلگۈسى قىسمەتلىرىنى ئوقۇيالايدىغاندەك سىنچىلاپ كەتتىم. راستىنلا، ئەگەر مەنمۇ بارماق سىزىقلىرىغا قاراپ، تەقدىرىنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى؟ مەن بارماققا قاراپ پال ئاچىدىغانلارنىڭ «مۇنچە بالاڭ بولۇدۇكەن، مۇنچە نىكاھلىق بولۇدۇكەنسەن» دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەگەر بۇنداق ئوقۇش راست بولسا ۋە مەنمۇ ئوقۇيالايدىغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى-ھە!؟ ئۇ ھالدا بىرمۇنچە خاتالاردىن ساقلانغىلى بولاتتى ئەمەسمۇ.

تېخىچە جىم-جىت ئولتۇراتتۇق. ئۇمۇ ھىچنېمە دېمەيتى. مېنىڭمۇ گەپ قىلغۇم يوقىدى. مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ، خىياللارنىڭ ئەللىيىدە ھوزۇرلانماق تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئەمما ئۇ مېنى بېلىمدىن ئېلىپ، قۇچىقىغا يىقىتتى. ئاندىن بىر بىلىكىنى قولتۇقۇمدىن، بىر بىلىكىنى تېقىمىمدىن ئېلىپلا، خۇددى سا چۆجىنى كۆتۈرگەندەك لىككىدە قۇچىقىغا ئېلىۋالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرنەچچە سېكونت ئىچىدىلا بولۇپ ئۆتتى. مەن بۇنىڭغا قارشىلىق قىلىشىم كېرەكمىدى؟ نازلىنىپ تىپىرلىشىم كېرەكمىدى؟ بۇلار ھەققىدە ئويلۇنۇش، قارار بېرىشكە ئۈلگۈرگىدەك پۇرسىتىممۇ بولماي، ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ بويى ئىگىز بولغاچقا ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرغۇنۇمدا يۈزلىرىمىز تەڭلىشەتتى. ئەمدى ئۇ بىمالال ھالدا بوينۇمدىن ئۆتكۈزۈۋالغان قولى بىلەن يۈزۈمنى ئۆزىگە توغرۇلاپ، ئاچكۆزلۈك بىلەن سۆيۈشكە باشلىدى. بۇ سۆيۈشكە شۇنچىلىك مىھىر سىڭگەنكى، شۇنچىلىك سېغىنىش مۇجەسسەم بولغانكى، خۇددى ئامراقلىقىدىن «يەپ قويغۇدەك» بىر خىل خىرس بارىدى. ئاچكۆزلۈك، ياۋايىلارچە ئاچكۆزلۈك بارىدى. بۇلارنى سېزىپ تۇرۇپ قارشىلىق قىلىش، كەيپنى ئۇچۇرۇش مۈمكىنمىدى؟ پەقەت بىرلا نەرسە مېنى قورۇندۇرۇپ، يۈزلۈرۈم جىمىرلىغاندەك بولاتتى: شۇئان مېنىڭ ساغرىلىرىم ئۇنىڭ يوتىلىرى ئۈستىدە ئىدى. يوتىلىرى پېتىپ تۇراتتى. ئۇ چوقۇم يوتىلىرىنىڭ سېزىمى بىلەن بىر خىل شەھۋانىي لەززەت سېزىپ تۇراتتى. بىزنىڭ قېيدىشىپ قېلىشىمىزنى (سۈنئىي بولسىمۇ) كەلتۈرۈپ چىقارغان مانا شۇ ساغرىلىرىمغا تېگىشى ئىدى. مانا ئەمدى تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ تەلتۆكۈس ھالدا «تېگىش سەزگۈمىز» بىر-بىرىدىن زەررەتلىنىۋاتاتتى، ئەمما ئەمدى مەن قېيدىمايۋاتاتتىم. دېمەك، (راستىنى دېسەم ئەمدىكى ھىس قىلىشىمدا) مانا شۇنداق قىلىپ «چەكلەنگەن رايون» بەلگىسىدىن بىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇۋاتاتتى. ئەمدى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىناتتى. توۋا، بۇنداق بىر خىل ئىلگىرىلەش ئالدىن پىلانلانغان بولغىيمىدى؟ ياق، مېنىڭچە بۇ تەبىئىي تەرەققىيات ئىدى. مەن بۇ «ئىلدى تەرەپكە ئۆز تورى بىلەن (ئېنىرىتسىيىسى بىلەن) كېتىۋاتقان ھارۋا»نىڭ چاقىغا تاش قويۇۋېلىش كېرەكلىكىنى خۇددى ئۇزاقلاردىن ئاڭلىنىۋاتقان نەي ئۈنىدەك سېزىپ تۇرساممۇ، ئەمما ھەركەتكە ئۆتەلمەيۋاتاتتىم. زادى قانداق يېرىدە، قانداق ئۇسۇلدا تاش قويۇۋېلىشنى بىلمەيتىم. ئۇنىڭ يوتىلىرىنىڭ پېتىپ تۇرۇشىدىن بەدىنىمگە تارقىلىۋاتقان زەررەتلەردە لەززەت ئېلىمېنتىغا باراۋەر دېگۈدەك قورۇنۇشمۇ بارىدى. ئەمما ئۇنىڭ يۈز-كۆز، بويۇن باشلىرىمغا تەلۋىلەردەك سۆيۈشلىرىدىن بولسا لەززەتنىڭ دېڭىزىغا چۆمۈلۈپلا كەتكەن ئىدىم. مەن شۇ دېڭىزنىڭ تېنچ پەيتتىكى مەيىن دولقۇنلىرىدا ئۈزۈپ كېتىۋېتىپمۇ ئۇنىڭ يوتىسىنى، تىزىنىڭ قاتتىقلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇيالمىدىم.

بىز يەنىلا گەپلەشمىدۇق. ئۇنىڭ سۆيۈشلىرى بىر سولدىن چىقىپ، يېڭى سول باشلاپ، تەكرارلىنىشلاردىن كېيىن بىر ئاز تىنغان پۇرسەتتە ئاندىن مەن ئۇنىڭ قۇچىقىدىن تۇرۇپ كەتتىم. يەنىلا گەپ قىلىشمىدۇق. مەن گەپ-سۆزسىزلا يېنىدا ئولتۇردۇم. ئەمدى ھەر ئىككىمىز گويا بۇغداي غوللىرىدا، ياپراقلىرىدا جىددىي ھالدا كۆكپىت ئوۋلاۋاتقان خانقىزلارنى كۈزۈتۈشكە باشلىدۇق. چىرپاشكىلارمۇ كۆپ ئىدى. ئەمما خانقىزلار چىرپاشكىنىڭ كۈشەندىسى قىلىپ يارىتىلمىغاچقا چىرپاشكىلارغا ھۇجۇم قىلمايتى. بەلكى ئۆزى بىلەن تەڭ جۇغى بار بۇ قاسراقلىق ھاشارەتكە كۈچى يەتمەمتىكىن؟ چىرپاشكىلارنىڭ تۈرىمۇ ئاز ئەمەس، پەقەت بىرلا ئورتاقلىقى ھەممىسىنىڭ دۈمبىسىدىكى تۈز تاختىدەك قاسرىقى ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇشى ئىدى. يېتىلگەن خانقىزلارمۇ كۆپ تۈردە ئىدى. بەزىلىرى سۇس زەپىرەڭ، بەزىلىرى قىزىلغا يېقىن؛ بەزىلىرى كۆپ توچكىلىق، بەزىلىرى يەتتە توچكىلىق ئىدى. بارماقلىرىمدا خۇددى يېقىملىق مۈشۈكتەك مېڭىپ يۈرگەن بىرىگە سىنچىلاپ قارىدىم. بۇ يەتتە توچكىلىق ئىدى. خۇددى ماھىر ئۇستا سىرلىغاندەكلا! قاناتنىڭ ئۇ يېقىدا ئۈچ توچكا، بۇ يېقىدا ئۈچ توچكا، ئىككى قانات ئوتتۇرىسىدا بىر توچكا بولۇپ، قاناتلىرىنى ئاچقاندا بۇنىسى يېرىم چەمبەردىن ئىككى قاناتقا بۆلۈنۈپ كېتەتتى.

پۈتۈن يەكشەنبىنى بۇنداق ئۆتكۈزۈۋەتكىلى بولمايتى. بىرمۇنچە ئىش بار، كىر يۇيۇش كېرەك،... بۇنىڭدىن باشقىمۇ قىلغۇدەك ئىش ھامان تېپىلىپ تۇرۇدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇلارنى ئويلاپ لىككىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم. مېنىڭ ئالدى بىلەن كېتىشىممۇ قىزلىق مەيدانىمغا يارىشىدىغان ئىش-تە. ئۇنىڭ زېرىكىپ تۇرۇپ كېتىشىگىچە ساقلىسام قەدرىم بولامدۇ؟ ئورنۇمدىن تۇرۇپ، بۇغدايلىقتىن چىقىپ كېتىش ئالدىدىمۇ گەپ قىلماستىن كېتىش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا:

— كىر يۇياتتىم،... — دېدىم ۋە خىجالەتلىك كۈلۈمسىرەش بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ، خۇددى ئۇنىڭ بىرەر نەرسە دېيىشىنى تاما قىلىۋاتقاندەك ئاغا تارتىپ، ئالدىرىماي ئۈستىۋېشىمنى قېقىشتۇردۇم.

ئەمما ئۇ پەقەت ئاچكۆزلەرچە تىكلىپ تۇراتتى. بىرنېمە دەيدىغاندەك قىلمايتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تارىلىۋاتقان مىكرودولقۇنلاردا ئامراقلىق، قانماسلىق، جىنسىي ئىنتىلىش ئاچكۆزلۈكى ئادەمنىڭ ئامراقلىقى كەلگۈدەك بىر خىل تەرىقىدە جۇلالاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇنداق ئاچكۆزلەرچە بېقىشى مېنىڭ قىزلىق مەغرۇرلۇقۇمغا ئوزۇق بولۇپ، قەلبىمنى ئىپتىخار ھىسسىغا چۆمدۈردى. «ئۇنى ئېچىرقىتىۋاتقان مەن» دېگەن ئوينىڭ ئۆزىلا مېنىڭ غالىپلىقىمنىڭ، ئۈستۈنلۈكۈمنىڭ نامايەندىسى ئىدى. مەن تولۇق ئىشەنچ بىلەن بىر قارارغا كەلگەن ھالدا، قىر بويلاپ مېڭىپ بۇغدايلىقتىن چىقىپ كېتىشكە باشلىغىنىمدىمۇ خۇددى ئۇ ئارقامدىن بىرنېمە دەيدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. ھەتتا دۈمبىلىرىم شۇرۇلداپ، نېمىنىدۇر كۈتەتتى. گويا ئۇ ھازىرلا ئارقامدىن كېلىپلا بوينۇمغا گىرە سېلىۋالىدىغاندەك بىر خىل جىمىرلاشتىن قۇتۇلمىغان ھالدا بۇغدايلىقتىن چىقىپ كەتتىم.

ئاشىقلىق ياكى ئاشىق-مەشۇقلۇق بىر تۈرلۈك ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشمىكىن دېگىم كېلىدۇ بەزىدە. ئىككى ياش گاھ قېيدىشىپ، گاھ ئەپلىشىپ يۈرگەنلىرىدە گاھ ئۇ غالىپ كەلگەندەك، گاھ بۇ غالىپ كەلگەندەك بولۇپ؛ گاھ ئۇ ئەپۇ سوراپ ۋەزىيەتنى يۇمشاتسا، گاھ بۇ ئۆزۈر تىلەپ ئارىدىكى تۈتەكنى كۆتۈرۈۋېتىپ يۈرۈدۇغانلا ئىشتەك. بىزمۇ شۇ. بەزىدە بۇ ماڭا ئويۇندەكلا تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. ئاخشاملىرى ئۇيقۇ ئىزدەپ ياتقانلىرىمدا بولۇپ ئۆتكەنلەرنى باشتىن ئويلاپ كۆرۈپ كۈلۈپ كېتىمەن. بىز رىيال بىر ھاياتنىڭ ئىچىدىمىزمۇ؟ ياكى سەھنىدە رول ئېلىۋاتىمىزمۇ؟ دەپ سورايمەن ئۆزەمدىن. ھەتتا يېقىنلاشقان ئۇيقۇدىن شىركەيپ بولغاندەك، خىياللىرىم تۇتۇقلاشقان چاغلاردا بولسا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئويۇن، بىز سەھنىدەمىز، دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان چاغلىرىممۇ بولۇدۇ. ھەتتا ئاشۇنداق ئاخشاملارنىڭ ئەتىسى راستىنلا سەھنىدە ئويناۋاتقان بىر تۇيغۇنىڭ ئاسارىتىدە قېلىپ، ھاياتقا ئويۇن تەرىقىسىدە مۇئامىلە قىلىۋەتكىلى، «بەرىبىر ئويۇنغۇ» دېگىلى تاس قالغان چاغلىرىم بولاتتى.

بۇ گەپلىرىم بەلكىم قىلمىشلىرىم ھەققىدە ئۆزەمنى ئاقلاش ئۈچۈن ئويدۇرۇلغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئاز دېگەندىمۇ، بۇ گەپلىرىمنى بىرسىگە سۆزلەپ بېرىدىغان بولسام ئاڭلىغۇچى چوقۇم بۇنى ئۆزۈمنى ئاقلاش ئۈچۈن ئالدىن ھۇل سېلىش دەپ قارىشى چوقۇم. بۇلارنى چۈشەنگىنىمدە تېخىمۇ لەختە بولۇپ كېتىمەن. ھىچكىمنى، ھەتتا ئۆزەمنى ئىشەندۈرەلمەيدىغان سەۋەپلەر بىلەن ھە!...

ئاشۇ بايرام ئاخشىمىدىكى ئولتۇرۇشىمىزدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ياۋا ئۈرۈكلۈكتە «بىردەم ھاۋا يەپ» ئولتۇرۇدۇغانغا چىققان ئىدۇق. ئۇ شىركەيپ ئىدى. شۇڭا بىر ئاز قورقۇپ تۇراتتىم. ئوغۇللار «قېلىن دورىسى» دەپ ئاتايدۇ ئەمەسمۇ، ئەمدى قېلىن بولۇۋالغاندىكىن، ماڭا يولسىز تەلەپلەرنى قويۇپ، خىجالەت قىلمىسىكەن دەپ تىلەيتىم. ئەمما بۇ بىرسىگە ئېيتىپ بېرىۋاتقان ھىكايە بولمىغاندىكىن، راستىنى دەۋەرسەممۇ بولۇدۇغۇ، راستى شۇكى، بارلىق يېڭىلىقلار، كۆرۈپ باقمىغان، سىرلىق تۇيۇلۇدۇغان نەرسىلەر ئادەمنى جەلپ قىلىپ تۇرغىنىدەك، مەندىمۇ قورقۇنچ ئارىلاش بىر خىل قىزىقىش بارىدى. «ئەگەر ئۇ بىرەر يولسىزلىق قىلاي دەپ قالسا نېمە قىلار؟» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن كەچۈرەتتىم.

سۆيۈشۈش، قۇچاقلىشىش دېگەنلەر دائىمىي ئىشلارغا ئايلىنىپ كەتكەچكە، ھە دېمەيلا چىرمىشىپ كەتتۇق. شۇئان بايىلا ئولتۇرۇشتا ئۇنىڭ ئوقۇغان ناخشىلىرىدىن بىرى يادىمغا كەچتى:

 

ئەۋرىشىمدەك بويلارىڭغا

چىرماشىپ ئۆلسەم كاشكى.

 

بۇنداق بىر سۆيگۈ ناخشىسىنىڭ ئەلۋەتتە كۈشكۈرتۈش رولى بولۇدۇ دېسە بەلكىم ئىشەنمەستىم. ئەمما شۇئان مەن خۇددى ئۆزەمنى سەنەمدەك ھىس قىلدىم. غېرىپجان باغداتتىن قايتىپ كەلگەن، بىزلەر چارىباغدا ئۇچراشقان ئىدۇق... ئۇ كوفتامنىڭ تۈگمىلىرىنى يېيىشكە باشلىغىنىنى غۇۋا تۇيۇپ تۇراتتىم. ئەمما مەن بۇ يەردە ئەمەس، شاھى ئابباسخاننىڭ چارىباغلىرىدا ئىدىم-دە. ئۇنىڭ كۆكسۈمنى ئېچىۋېلىشلىرىمۇ تۇنجى قېتىم بولمىغاچقا، قارشىلىق قىلىپ ئولتۇرمۇدۇم. مېنىڭ قورقۇنچ ۋە قىزىقىش ئارىلاش كۈتۈۋاتقىنىم بۇ ئەمەس ئىدى.

ئۇنىڭ قوللىرى ھەر يېرىمدە كېزىشكە باشلىدى. تېخى يېقىندىلا قېيدىشىپ قېلىشىمىزغا سەۋەپ بولغان چەكلەنگەن رايونلارنىڭ دەخلىگە ئۇچرىشىدەك خاتا گويا ئارىمىزدا ئۇنداق بىر ئىش بولۇپ باقمىغاندەكلا تەكرارلاندى. ئەمما بۇ ماڭا بىرىنچى قېتىمدىكىدەك لەززەتلىك سەسكىنىش تۇيغۇسى بەخش ئەتمەستىن، پەقەتلا لەززەت بەخش ئېتىۋاتقانلىقىنى، قارشىلىق قىلىش، تىپچەكلەشنىڭ بىخلىرىمۇ باش كۆتۈرمەيۋاتقىنى مېنى ئەجەپلەندۈردى. ئەقلەن، قارشىلىق قىلىشىم كېرەكىدى، ھىچ بولمىغاندا بىر يۇلقۇنۇپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى، دەپ شىۋىرلىسىمۇ، شۇئان مەن ئەقىل كونتروللۇقىدا ئەمەس، ئاڭسىزلىقىمدا ياشاۋاتقاچقا، مېنى باشقا بىر سىگنال مەھرۇملۇقتىن ئاگاھلاندۇرۇۋاتقاندەك بولۇپ، ئۈن-تىنسىز مەيلىگە باقتىم.

ئەمدى ئۇنىڭ قوللىرى خۇددى چىمەنلىكتە تىۋىشسىز سويلاۋاتقان يىلاندەك بەدىنىمدە سىلىق ھەركەتلىنىپ، سىلاپ سىپايتى. بۇنداق سىلاپ-سىپاشنىڭ خۇددى بىر خىل دۈشمەنلىكنىڭ باشلىنىشى ھارپىسىدىكى ئالدامچىلىققا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيدى؛ بۇ يەنە قاتتىق ئېتىشمىلارنىڭ باشلىنىشى ئالدىدىكى جەڭگاھ جىملىقىغا ئوخشايتى. مېنىڭ قورقۇپ ھەم قىزىقىپ كۈتۈۋاتقىنىم يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى سەزمەسلىكىم مۈمكىن ئەمەس ئىدى. پۈتۈن بەدىنىم قۇلاق بولۇپ تىۋىشلارنى ئاڭلايتى؛ پۈتۈن بەدىنىم كۆز بولۇپ، ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇراتتى؛ پۈتۈن بەدىنىم بۇرۇن ئىدى ھەم، كونكرېت پۇراقلارنىلا ئەمەس، مەۋھۇم پۇراقلارنىمۇ پۇراۋاتقاندەك قىلاتتى. سەزگۈرلۈكنىڭ پەلەككە چىققان بۇ پەيتىدە ھىچنەرسە سەزمىدىم دەپ ساختىلىق قىلساممۇ ئاقمايدۇ.

— يېتەر! — دەپ سىلكىدىم ئۇنىڭ قولىنى ۋە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. ئاۋازىم تىترەپ كەتتى.

يەنە شۇ بوزەك قىلىنغانلىق تۇيغۇسىدىن يىغلىۋەتتىم. ئازاپ، بەختىيارلىق، خىجىللىق، ئىتىلىش ۋە قېچىش ئارىلىشىپ كەتكەن بۇ يىغام، شىركەيپ يىگىتىمنى ھىچقانچە بىسەرەمجان قىلمىغاندەك قىلدى. بۇ ھال بولسا مېنىڭ قىزلىق غورۇرۇمغا تەگدى. تېخىمۇ ئىچىمدىن يىغلىغۇم كەلدى. ئۇ شۇندىلا مېنىڭ ئويۇن قويمايۋاتقانلىقىمنى جەزم قىلىپ، لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، مۈرەمدىن تۇتۇپ ئۆزىگە تارتىپ، مەھكەم قۇچاقلىدى. ئىڭىكى مۈرەمگە تېگىپ تۇراتتى؛ ئىسسىق نەپەسلىرى يۈزۈمگە ئۇرۇلۇشى بىلەنلا قاڭسىق ھاراق پۇرىقىمۇ دىمىقىمغا ئۇرۇلدى. سەسكىنىپ كەتكەن بولساممۇ، بۇ تەۋى نازۇك يىگىتنىڭ «سېسىق پۇرىدىممۇ؟» دەپلا قېيداپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بوينۇمنى بۇرۇۋېلىپ كۇپايىلەندىم. يەنە سىلكىنىشىم، تىپچەكلىشىم كېرەك بولسىمۇ نېمىشقىدۇر جىمىپ قالدىم. نېمىنىدۇر كۈتۈۋاتقاندەك ئىدىم. ھېلىلا ئۇنىڭ شائىرلاردەك گەپدانلىق بىلەن پىچىرلاشلىرى قۇلۇقۇمغا ئىسسىق-ئىسسىق نەپەس ئۇرۇلۇشى بىلەن بىللە باشلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.

— مېنى مەست دەپ قالدىڭ، شۇنداما؟ مەن مەست ئەمەس، — دېدى ئۇ. بۇ بارلىق مەستلەرنىڭ ئورتاق گېپى بولۇپ، بۇنىمۇ تولا ئاڭلاپ كەتكەن ئىدىم، — چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، قانداق قىلاي؟ دەپ باقە، قانداق قىلاي؟ — مەن ئۈنچىقمىدىم. چۈنكى بۇنداق چاغدا كىشى نېمە دەرىنى بىلمەي قالۇدۇ، نېمە دېسىمۇ بەرىبىر ئەپلەشمەيدۇ، — بىز توي قىلامدۇق، قىلمامدۇق، دەپ باقە، — دېدى ئۇ مەستلەرچە يېپىشقاقلىق بىلەن. ئۇ بىر بولسا راستىنلا ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى، بىر بولسا يالغاندىن ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك بولۇۋېلىپ، مەخسەتلىرىنى ئېچىپ، بىرىنچى قېتىملىق ئېغىز ئېچىشنىڭ قىيىن ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈۋالماقچى، ئاندىن كېيىنكى قېتىمدا ئاسانلا ئېغىزدىن چىقارماقچىدى ياكى كېيىنكى قېتىم بۇنداق گەپلەرنى ئوپ-ئوچۇق دېيىشىگە ھاجەت قالمايتى-دە، «ئۆتكەندە دېگەن گەپنى... » دەپلا ئىما قىلسىمۇ بولۇۋېرەتتى، بۇنىسى ئاشكارە دېگەندىن كۆپ ئاسان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا بۇنداق پۇرسەت چىقىرىپ بەرمەيمۇ قانداق؟ دەپ ئويلاپ بولغىچە، ئۇ مېنى جاۋاپقا قىستاپ سوئالىنى تەكرارلىدى.

— توي قىلىمىز، سېنىڭ نىيىتىڭ ئۆزگۈرۈپ قالمىسىلا، — دېدىم ئاخىرى.

— ھە، بولۇدۇ، توي قىلىمىز. مەن ئۆزگەرمەيمەن، ئوغۇلۋالامەنغۇ، گېپىم گەپ، ئۆزگەرمەيمەن، ھە، دېمەك توي قىلىمىز، شۇنداققۇ؟ توي قىلىمىز، ۋاختىمىزمۇ ئاز قالدى، خىزمەتكە چىقىشىمىزغىمۇ كۆپ بولسا بىر يىل، بولمىسا ئالتە ئاي قالدى، شۇنداققۇ؟ سەن مېنىڭ بولۇسەن، شۇنداققۇ؟ سەن مېنىڭمۇ، ئەمەسمۇ؟ دەپ باقە، دەپ باقە.

— سېنىڭ...

— سەن مېنىڭ، شۇنداققۇ؟ سەن مېنىڭ، مەن سېنىڭ! شۇنداققۇ؟ ھە، شۇندا بوغاندىكىن، ئاياپ نېمە كەپتۇ؟ بۈگۈن بوسا نېمە بولۇدۇ، ئەتە بولدى، نېمە؟ بەرىبىر مېنىڭغۇ؟ ياكى باشقا بىر نىيىتىڭ بامۇ؟ باشقا بىرسىنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈۋاتمىغان بوساڭلام...

— ماڭا قارا، سەن مەست بولۇپ قاپسەن، ئەتە گەپلىشەيلى، بولامدۇ؟

— ياق، مەن مەست ئەمەس، مەن مەست ئەمەس، سەن باھانە تاپما، جاۋاپ بە: سەن مېنىڭمۇ، ئەمەسمۇ؟

— ھازىر تېخى سېنىڭ ئەمەس.

— كىمنىڭ سەن؟ ھە؟ كىمنىڭ؟ باشقا بىرى بامۇ؟

— ھىچكىمنىڭ ئەمەس، ئانام-دادامنىڭ...

— قويە ئۇندا قۇرۇق گېپىڭنى. سەن مېنىڭ! بۇنى بىز بۇرۇنلا دېيىشىپ بوغانغۇ؟ ھە، سەن مېنىڭ! ئۇندا بوغاندىكىن، بۈگۈن بىلەن ئەتىنىڭ نېمە پەرقى بار؟ بەرىبىرغۇ؟ مېنى بىكاردىن قىينىغىچە، دەيمىنا، نېمە قىلساق، نېمە قىلغاچ تۇرساق، بەرىبىر توي قىلىمىز ئەمەسمۇ...

— بىرسى كېلىۋاتىدۇ! — يالغاندىنلا قورقۇتتۇم ئۇنى، — بىرسى ماراۋاتقاندەك، يۈرۈكۈم سېلىپ كەتتى، بولدى كېتەيلى، ئەتە دېيىشەرمىز،... — دېدىم-دە، ئىتتىك-ئىتتىك ئۈرۈكلۈكنىڭ سىرتىغا ماڭدىم.

مېنىڭ شۇ گېپىم بىلەنلا قۇچىقىدىكى مېنى قويۇۋېتىپ جىممىدىلا ئەتراپقا قۇلاق سالغىنىدىن قارىغاندا بەكمۇ ئېغىر مەستتەك قىلمايتى. نېمىلىكى بولمىسۇن، ئۇ بىر قىيىن ئۆتكەلدىن ئېشىۋالدى. مەن بولسام ئاخىرقى مۇداپىئە ئىستىھكامىمنى قولدىن بېرىپ قويغان ئىدىم. بۇ ھال مېنى قورقۇتۇپ تۇراتتى. بىر تەرەپتىن بولسا ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى توغرا دېگىم كېلەتتى. راست ئەمەسمۇ، بەرىبىر توي قىلاتتۇق. بۇنىڭغا ھەر ئىككىمىز شۇنچىلىك ئىشىنەتتۇق. بىر-بىرىمىزدىن قىلچە شۈبھىلەنمەيتۇق. ئۇنداق بولغاندىكىن، ۋىسال كېچىسىنى قەستەن ئاغا تارتقاننىڭمۇغۇ پايدىسى يوقتەك قىلاتتى. بىرلا يېرى، ئەگەر قورسۇقۇم يوغۇناپ قالسا،... بۇ تەرىپىنى ئويلىساملا دەھشەت باساتتى. دادامنىڭ نومۇسى تۆكۈلگەنلەرگە خاس تۇرقى: يۈز-كۆزىنى تاتىلىۋالغان، ئۈستى-بېشىنى يىرتىۋالغان ھالدا ساراڭلاردەك جار سېلىپ: «قىز تاپقاننىڭ سازايى!» دەۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ جىمىكى جاسارىتىمنى، تەۋەككۈلچىلىككە باي ياشلىق تۇيغۇلىرىمنى، ئاشىقانە ئىنتىلىشلىرىمنى،... كۇمپەيكۇم قىلىپ تاشلايتى. بىچارە دادامنىڭ ئەتىۋارلاپ باققانلىرىغا قارشى ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشىمدىنلا قورقاتتىم.

ئويلۇغۇنۇمدەك، بۇ قورقۇنۇچلۇق تېما ئەمدى بەكمۇ ئادەتتىكى، كۈندۈلۈك بىر تالاش-تارتىش ئورنىغا چۈشۈپ قالدى. ھەر پۇرسەتتە ئۇ:

— ھېلىقى، ئۆتكەندە دېيىشكەن ئىشنى،... — دەپلا كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇدۇغان بولۇۋالدى. خۇددى ئۇرۇغى ئېلىۋېتىلگەن قىزىلمۇچنىڭ ئانچە ئاچچىقى قالمىغاندەك، بۇ گەپنىڭ ئادەمنى خىجىل قىلىدىغان ئۈستى قەۋىتى ئېلىۋېتىلىپ، ئەمدى ئاستىدىن چاخچاققا ئوخشايدىغان يېرى قالغاندەكلا ئىدى. مەنمۇ بەزەن ئۇنىڭ بىچارىدەك مۆلدۈرلەپ، ئاشۇ چالا جۈملىنىڭ ئاخىرىنى كۆپ چېگىت بىلەن توختۇتۇپ، گادايلارچە تامادا تۇرۇشلىرىغا كۈلۈپ كېتىدىغان بولدۇم. توۋا، شۇنچىلىك ھەددىدىن ئاشقان بىر گەپمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، دەۋېرىلىش تۈپەيلى، ئەنە شۇنداق تەسىرسىز بولۇپ قالۇدۇكەن ئەمەسمۇ؟ مەن بەزىدە ئۇنى پىسخولوگمىكىنا دەپمۇ قالىمەن. ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ مۇشۇنداق نەتىجە بېرىشىنى بۇرۇنلا بىلىدىغان بولغىيمىدى؟

ئەمدى ئەگەر بىز خامانلىقتا ياكى ئۈرۈكلۈكتە كېچىلىرى ئۇچراشساقمۇ، ئۇ خۇددى مېنى قىچىغلاپ كۈلدۈرمەكچىدەك، ھە دېمەيلا ئاشۇ مەخسەتتە ھۇجۇمغا ئۆتۈدۇغان، مەنمۇ بۇرۇنقىدەك ئاچچىقلاپ چېچىلىپ كەتمەستىنلا، خۇددى ئوينۇشۇۋاتقاندەك ئىنكاس بىلدۈرۈپ، كۈلۈش-تېلىقىش ئىچىدە ئۇنىڭ قوللىرىنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئورنۇمدىن تۇرۇۋالدىغان باسقۇچقا كەلدۇق. بۇ ھال ئالتە ئاي داۋام قىلدى.

پۈتۈن كۈز ۋە قىشىچىمۇ ئۇنىڭ باشقا تەلىپى بولمىدى، شۇنداقلا بۇ تەلەپتىن زېرىكەي دېمىدى. بۇغدايلار چۈرۈچ بولغان مەزگىللەرگە يېقىنلاشقىنىمىزدىن كېيىن، ياتاققا تېخىمۇ يېقىن بولغان بۇغدايلىقتا كۆرۈشۈشىمىز غولداپ قالدى. ئەمدى مېنىڭ ئاخىرقى قورغانلىرىممۇ تۇتمايدىغان ھالدا ئىدىيۇ، پەقەت مەن ئۇنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم بولۇشۇمدىنلا قورقۇپ تۇراتتىم. ئوغۇلبالا دېگەن قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ، ئارقىدىن «ئىشتانبېغىڭ بوشكەن» دەپ ئىشەنمەس بولۇپ قالسا نېمە دېگۈلۈك؟ پەقەت مۇشۇ سەۋەپلا مېنى ئىككىلەندۈرۈپ تۇراتتى. باشقا ھەممە سەۋەپلەر يېمىرىلىپ پۈتكەن، ئۆزەممۇ بۇنداق ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلغان پىسخىك ھۇجۇملار بىلەن پىراكتىك غىدىقلاشلار نەتىجىسىدە ئۆزۈمنى تەستە تۇتۇۋالۇدۇغان ۋەزىيەتتە ئىدىم.

كېيىن بىر قېتىم ئۇ بىچارىلارچە يالۋۇرۇشقا باشلىغاندا «ماقۇل دەيمۇ؟ ماقۇل دەيمىكىنا؟» دېگەن شەيتانى خىيالنىڭ كۆڭلۈمدىن كېچىشكە باشلىغىنىنى سەزدىم. شۇ ھامان ئىچ-ئىچىمدىن كەلگەن بىر يىغا مېنى پۈتۈنلەي ئىلكىگە ئالدى. ئۇ ئادەت بويىچە مېنى قۇچاغلاپ، باشلىرىمنى سىلاپ، سۆيۈپ تۇرۇپ قۇلۇقۇمغا پىچىرلاپ:

— نېمىگە يىغلىدىڭ؟ — دەپ سورىغاندىلا، بۇ سوئالنى ئۆزەمدىن سورۇدۇم. غەلىتە بىر خىيال كۆڭلۈمدىن كېچىپتۇ، شۇنىڭغا يىغلىغان ئوخشايمەن:

— شۇنىڭدىن كېيىن، — دېدىم ئۇنىڭ نېمىنى دەۋاتقانلىقىمنى چۈشۈنۈپ تۇرغىنىدىن ئەمىن بولغان ھالدا، — مەيداندا بىر ئىشلار بولۇپ، قاتارغا چاقىرىلساق، ۋە «قىزلار، ما تەرەپكە... » دېيىلسە، مەن،... مەن قىز ئەمەسلىكىمنى ئۆزەملا بىلىدىغان بولغاچقا، ئىككىلىنىپ قالۇدۇغاندەكلا،... «مەن قىز ئەمەس» دەپ ئۆزەمنى ئاشكارە قىلىۋېتىدىغاندەكلا،... — يەنە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم.

— ۋاي ئاخماقەي، تاپقان گېپىنى! شۇنىڭدىن باشقا باھانەڭ تۈگىدىما؟ — دېدى ئۇ كۈلۈپ ۋە مېنىمۇ كۈلدۈرۈشكە تىرىشىپ. ئەمما مەن كۈلۈدۇغاندەك ئەمەس، دېگەنلىرىمدە قانداقتۇر بىر جىددىيلىك بارىدى:

— راست، دەيمەن. قىز ئەمەسلىكىمنى ئۆزەملا بىلىمەن ۋە قىزلار ئارىسىدا يالغاندىن قىز بولۇۋېلىپ، يالغانچىلىق، كۆز بويامچىلىق بىلەن تۇرۇۋېرىمەن،... تۇرالايمەنمۇ؟...

ھەقىقەتەنمۇ جىددىي ئىدىم. يىغاممۇ راستىنلا ئىچىمدىن كېلىۋاتاتتى. مەن ئەمدى ھاياتنىڭ موھىم بىر چېگرىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمنى سەزگىنىمدە، بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بىرسى بولۇپ قالۇدۇغانلىقىمنى، زادى نېمىگە ئوخشاپ قالۇدۇغانلىقىمنى بەك ئويلاپ كەتتىم. نېمىنى يوقۇتۇپ، نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىم بىر قارىسا بەكمۇ ئېنىقتەك ئىدىيۇ، ئەمما بەكمۇ غۇۋا، بەكمۇ ئېنىقسىز، مەۋھۇم بىر مەۋجۇتلۇق ئىدى. يوقۇتۇدۇغۇنۇمنىڭ موھىملىقىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن بىلمەيتىم. شۇنداقلا نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىممۇ قىزىق بىر تېپىشماقتەك ئىدى.

 كېيىنكى كۈنلۈكتە «چېنىقتى» دېگەن ئاتنى ئېلىپلا كادىر قىلىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن مەلۇم بىر كادىرنىڭ خوتۇنىنى مەيدانغا ئەۋەتىشكەن ئىدى. نېمىشكىدۇر مۇشۇ ئېرى بار ئايالغا قارىغۇم كېلەتتى. ئۇنىڭ بىزگە ئوخشىماس بولۇپ قالغان بىرەر بەلگىسىنى تاپماقچى بولغاندەك بىر ئۇرۇنۇش بىلەن خۇددى رازۋىدچىكلاردەك ئىنچىكە، تەپسىلىي كۈزۈتۈپ كېتىدىغان بولدۇم. ھەتتا ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە شۇنچە سىنچىلاپ قاراپ كېتىدىغان بولۇپ قالغىنىمنى سېزىپ قالغاندەكمۇ ئىدى. بىر ئاز ھەيرانلىق، بىر ئاز ھودۇقۇش، ھەتتا بىر ئاز بىزارلىققىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان قاراش بىلەن بىللە كۈلۈمسىرەپ قوياتتى. ئۇ چوقۇم بىر كۈنى چىدىيالماي، مەندىن نېمىشكە بۇنچە قارايدىغان بولۇپ قالغىنىمنى سورايدىغۇ دەپ قورقۇپ تۇراتتىم. ھەتتا ئۇ چوقۇم مەندەك ھىسىياتلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇشى مۈمكىن، ئۇنداقكەن مېنىڭ بۇنداق قاراشلىرىمدىن چوقۇم يېقىن ئارىدا ھاياتنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن ئۆتمەكچى بولۇپ تۇرغۇنۇمنىمۇ جەزمەن سېزىپ بولدى، دېگەن خىيالنىڭ كۆڭلۈمدىن كېچىشى بىلەنلا، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالدىم.

ھەتتا بىر قېتىم مەيداندا بىر توپلۇنۇش ئەسناسىدا «قىزلار بۇ ياققا قاتار بولۇڭلار» دېيىلگەندە، بۇ ئايالنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىغا زەڭ سالىمەن دەپ، جايىمدا بىزىرىپ تۇرۇپ قېلىپ، تازىمۇ كۈلكىگە قالغانىدىم. شۇنى كۆردۈمكى، ئايال ھىچقانداق ئىككىلەنمەيلا قىزلارنىڭ قاتارىدىن جاي ئالدى. «مەن قىز ئەمەستىم» دەپ ئولتۇرمىدى. شۇنداقلا باشقىلارمۇ ئۇنى «قىزلارنىڭ قاتارىدا ساڭا نېمە بار» دەپ چىقىرىۋەتكىنى يوق. شۇنچىلىك ئاددىي. مەن نەقەدەر مۇرەككەپ ئويلاپ كەتتىم بۇ ئىشنى؟ تازىمۇ!...

مېنىڭ ئاخىرقى غەلىتە مەھرۇملۇق تۇيغۇممۇ ئەنە شۇنداق پەپىلەندى. ھىچ ئېچىنىشقا، تەئەججۇپقا، ئېسەنكىرەپ كېتىشكە، پۇچۇلۇنۇشقا ياكى خىجالەت بولۇشقا ئورۇن يوقىدى. مېنىڭ پىسخىك جەھەتتىن يېمىرىلىپ، ھۇجۇمغا ئوچۇق ھالغا كەلگەنلىكىم ئۇنىڭ كۆزىدىن قاچمىغان ئىدى (دېگەنتىمغۇ، بىر بولسا ئۇ بىر پىسخولوگ)، ئەمدى مېنىڭ باھانە قىلىشقا گېپىم قالمىغانلىقىنى بىلگەندەكلا، ئەركىن ۋە ئىشەنچىلىك ھەركەتكە ئۆتكىنىدە، مەن خۇددى سەھنىدە رول ئېلىۋاتقاندەك بايىقى غەلىتە روھىي ھالەتتە ئىدىم. شۇڭا خۇددى، سەھنە سۆزىنىڭ مەزمۇنى ياكى تەلەپ شۇنداق بولغاندىكىن، دېگەندەك، ھىچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر سۈنئىي قارشىلىق بىلەنلا چەكلەندىم...

خۇددى چېكەرمەنلەر خۇماردىن چىقىپ، بوشۇشۇپ، لاكچاراپ قالغاندەك، مەندىمۇ ئېغىر گۇناھكارلىق تۇيغۇسى، ئۆز-ئۆزەمدىن يىركىنىش تۇيغۇسى، خۇددى يۇندىغا چۆمۈلۈپ چىققاندەك بەكمۇ يامان بىر تۇيغۇ ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى. ئەسلىدە ئۆزەم ياخشى كۆرگەن بىرسى بىلەن بىللە بولغۇنۇم ئۈچۈن يېنىكلەشكەندەك، روھىم كۆتۈرۈلۈپ قېلىشى كېرەك بولسىمۇ، ئارىدا نىكاھنىڭ بولمىشى پۈتۈن تۇيغۇمغا زەھەر ئارىلاشتۇرۇۋەتكەندەك ياكى پاسكىنىچىلىق قوشۇۋەتكەندەك سەسكىنىشتىن، ھىچ كەيپ سۈرەلمىدىم. تەلەيسىزلىكىم شۇنىڭدىكى، بۇنداق يىركىنىش تۇيغۇسى ماڭا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولۇپ قالدى. كېيىن ئېرىم بىلەن بىللە بولغاندىمۇ ئوخشاشلا بۇ تۇيغۇدىن خالى بولالمىدىم، چۈنكى، بۇنىڭغىمۇ ئالدامچىلىق ئارىلاشقان ئىدى-دە.

(تۇنجى مۇناسىۋەتتىن كېيىن) ھەر قېتىم مەندە خۇددى ئۇنى تەڭداشسىز لەززەتكە چۆمدۈرۈپ، بەختلىك قىلغاننىڭ مىننەت تۇيغۇسى بىلەن، ئەمدى «جانان چىنە چېقىلدى»، بۇرۇنقىدەك قىممىتى قالمايدۇ، دېگەن ۋەھىمىنى سېزىشتىن تۇغۇلغان مەھرۇملۇق تۇيغۇسى تەڭلا باش كۆتۈرەتتى؛ ئۇ ئېرىشكەن لەززەتلىرى تۈپەيلى رازىمەنلىك، مىھىر بىلەن قارىغىنىدا ئاۋالقى تۇيغۇم كۈچۈيۈپ، يوقسۇلنى تويغۇزغان باينىڭ مىننەتكار ۋە خوشامەت تاما قىلىدىغان تۇرقى بىلەن ھال تارتىپ؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىدە «ئەمدى سېنىڭ ئىشىڭ پۈتتى، تايىنىڭ قالمىدى» دەۋاتقاندەك، مەسخىرىگە، پەس كۆرۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىپادىلەرنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەن ياكى شۇنداق گۇمانغا پاتقىنىمدا بولسا كېيىنكى تۇيغۇم كۈچۈيۈپ، خۇددى ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلغان يوقسۇلنىڭ بىچارىلىكى ئەپتىمدىن تاشقىلى تۇراتتى. بۇنداق ئىككى خىل روھىي ھالەت خۇددى تۈگمەن تېشىنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى بولۇپ، مېنى كېيىنكى قېتىملاردا داۋاملىق ئېزىدىغان بولۇپ قالدى.

خىروئىننىڭ ئاخىرقى ھىساپتا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ داۋام قىلىۋەرگەندەك، ئەمدى ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنى تىزگىنلىيەلمەي قالدۇق. دېمىسىمۇ ئەمدى «ئاناڭنىڭ ئايىغۇچىلىكى قالدىمۇ، بالام» دېگەندەك، بولغۇلۇق بولۇپ بولغان ئىدى. بىرلا دىشۋار: بويۇمدا قېلىشىنى ئويلىساملا كۆزۈمگە قاراڭغۇچۇلۇق تىقىلىپ، بولدىلا، ئەمدى، ئىككىنچى،... دەپ كېتەتتىم. بۇ قورقۇشلۇرۇمدا يۈزلىرىنى مورلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىۋالغان دادامنىڭ تۇرقى ۋە «قىز تاپقاننىڭ سازايى!» دەپ نىدا قىلىشلىرى خۇددى راستەكلا كۆز ئالدىمدا جانلىناتتى.

بىر كۈنى قورقۇشلۇرۇمنى ئۇنىڭغا ئاچتىم.

— ئەمدى ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالايلى، سەن بەك ھەددىڭدىن ئېشىپ كېتىۋاتىسەن، ئەسلىدە ئاشۇ ئامانىتىڭنى ئالساڭلا بولدى قىلىپ، توي قىلمىغۇچە يېقىن كەلمەيدىغان بىر ۋەدەڭمۇ بارىدى، بۇنداق كېتىۋەرسەك، بويۇمدا قالسا قانداق بولۇدۇ؟

— نېمىدىن قورقۇسەن؟ ئىگىسى مەن! مەن تېنىۋالسامتى، قورقساڭ...

— ئەمما توي قىلماستىنلا قورسۇقۇمنى ئىشىتىپ ئولتۇرسام، ئۆيگە قايسى يۈزۈم بىلەن ئاياق باسىمەن؟ ئىڭەككە تاقاشقان ئىنىلىرىمنىڭ ئالدىدا نى ئات، نى نومۇس، ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ ئەگەر سېنىڭ بىرەر مەزلۇم بىر تۇققۇنۇڭ ئاشۇنداق قورساق كۆتۈرۈپ ئۆيگە كەلسە سەن قانداق قىلغان بولاتتىڭ؟

— راست دەيسەن، بىر چارە تاپايلى، مېنىڭ بىر ئويلىغانلىرىم بار،... — دېدى ئۇ ماڭا قوشۇلۇپ.

مەن ھەم مەمنۇنلۇق، ھەم مەھرۇملۇق تۇيغۇسىغا پېتىپ قالدىم. ئۇ ئەمدى قانداق قىلماقچىدۇ؟ تاكى تويىمىزغىچە تاقەت قىلارمۇ؟ مەنچۇ؟

ئەمما ئۇ چارە تاپتىم دەپ بولمىغان بىر چارىنى تېپىپتۇ. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قېپىكەن. بۇنى ئىشلەتكەندىن كېيىن كۆڭلۈم خۇددى گۈرەنشىپ قالغاندەك غەلىتە بولۇپ قالدى. ئۇمۇ ئۆزىنى مەغرۇر، تاغنى تالقان قىلغان ياكى شە ئالغان نوچىدەك ھىس قىلماستىن بىر خىل پاسسىپ روھىي ھالەت ئىپادىلىدى.

كېيىن ئۇ «يېزا ئاياللىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ساۋادى» دېگەن بىر كىتاپنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، مېنى ئوقۇشقا ئۈندىدى.

— مەن ئوقۇپ بولدۇم، مەن دېسەم ھەقىچان ئۆزى توقۇغان گەپ دەپ ئىشەنمەيمۇ قالىسەن، شۇڭا ئۆزەڭ ئوقۇ، — دېدى ئۇ.

— نېمە گەپلەركەن، مەن ئىشەنمەي قالغۇدەك؟

— ھامىلە قېلىش ئىككى ھېيىز ئارىلىقىدا، يەنى، بىر ھېيىزدىن ئېرىغدىلىپ، پاك بولدۇم دېگىنىڭدىن كېيىنكى 14-كۈنى بولۇدۇكەن. مانا شۇ كۈنگىلا دىققەت قىلساق، ساقلانغىلى بولۇدۇكەن.

— ماڭغىنا!...

— ھە، مانا، دېمىدىممۇ، ئىشەنمەيسەن دەپ. كىتاپنى ئۆزەڭ ئوقۇپ باق، بولمىسا مۇنداقلا قىل، ئەكىلە، مەن سىزىپ قويغان يەرلەرنىلا ئوقۇ، — دېدى ئۇ قولۇمدىن كىتاپنى ئېلىپ ۋە دەرھال كېرەكلىك يېرىنى تېپىپ شۇ يەرنى كۆرسۈتۈپ، — تەپسىلىمۇ ئوقۇ، كۆڭلۈڭ تەسكىن تاپمىسا.

— ئاشۇنچىۋالامۇ كەسكىنمىدۇ؟ بىرلا كۈن!؟...

— بولمىسا ئىككى تەرەپتىن بىردىن ئىككى كۈن قېتىپ، 13-، 14-، 15-كۈنلىرى ناراق تۇرۇشساق بولمىدىمۇ.

— ماڭە ساراڭ، ... — نېمىلىكىم بولمىسۇن كىتاپنى ئوقۇپ بېقىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى چارىسىنى قىلمىساق بولمايتى.

مەنمۇ سەل قايىل بولدۇم. بەلكىم قايىل بولغاندەك بولۇۋېلىپ، كۆڭۈلنىڭ مەيلىگە بېرىلگەندىمەن. ئىشقىلىپ، راستتەك قىلاتتى. شۇندىن كېيىن ھېيىزدىن پاكلانغان كۈنۈمنى مۇتلەق ئېسىمدە تۇتۇشقا، كۈنلەرنى ساناشقا سەل قارىمىدىم. گۇناكارلىق تۇيغۇسى يۈرۈكۈمنى لەختە-لەختە قىلىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ تەلىپىگە ھىچقاچان قارشى كېلەلمەستىن، رايىغا بېقىپ كېتىۋەردىم...

تومۇزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇ ناھىيە بازىرىمىزدىكى مەلۇم ئورۇنغا ئىشچى بولۇپ كەتتى. ھارپا ئاخشىمىنى ئەلۋەتتە بىرلىكتە ئۆتكۈدۇق. مېنىڭمۇ ساناقلىق كۈنلۈرۈم قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، يەنىلا ئۇنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتقاندەك، يوقۇتۇش، جۇدالىق تۇيغۇسىدىن كۆپ ياش تۆكتۈم. بۇنداق قىلىشىمدا ھەقىقەتەنمۇ بىر خىل ئەنسىرەش مەۋجۇت ئىدى. ئايرىلىش مەزگىلىمىز ئۇزۇراپ كەتسە، كىم بىلىدۇ، ئوغۇلبالا دېگەن يەنە بىرنى تېپىۋالسا تېپىۋېلىۋېرىدۇ-دە. مۇشۇ ئاخىرقى قېتىمدىلا پۈتۈن كۆڭۈل رىزالىقىم بىلەن بىللە بولغۇنۇم ئۈچۈنمىكىن، ئانچە كۆپ گۇناھكارلىق تۇيغۇسىنىڭ قىيناشلىرى، تالاشلىرىغا ئۇچرۇمۇدۇم.

بىرنەچچە ئايدىن كېيىن مەنمۇ كەتتىم. شۇغۇنىسى مېنىڭ ئىش ئورنۇمنى بىر يېقىدىن بەك كۆڭۈلدىكىدەك دېگىلى بولمايتى. ئۆيۈمىزدىن يەتتە كلومېتېرچە ئۇزاقتا، قاش دەرياسىنىڭ مەلۇم تارماق ئېقىنى ئۈستىگە قۇرۇلغان كىچىك سۇ ئېلىكتېر ئىستانسىيىسىدا ئىدى. ئارىلىقنىڭ يىراقلىقىنى دېمىگەندە ئىشىمدىن ھىچ شىكايىتىم يوق ئىدى. كۈن بويى بىكار ئولتۇراتتۇق. يېڭى ئىشچىدىن بىرنەچچىمىز بارىدۇق، باشقىلارنىڭ ھەممىسى چوڭ ئادەملەر، قېرىلار ئىدى. ئامپېرمېتېر، ۋولتىمېتېرلارغا قاراپ ئولتۇرۇشتىن باشقا قىلىدىغان بىر ئىش بار دېيىلسە پەقەت چۈشۈرگىگە چىقىپ سۇنى بىر ئاز كۆپەيتىپ قويۇش ياكى ئازايتىپ قويۇشتىن ئىبارەت بىرلا ھەركەت بارىدى. بىزدەك يېڭىلار باشقا ئىش بولغان تەقدىردىمۇ قىلالمايتۇق. ھەر ئىسمىنىدا بىر ياكى ئىككى يېڭى ئىشچى، بىرنەچچە پىشقەدەم ئىشچى بولاتتى.

قاشنىڭ بۇ تارماق ئېقىنى خېلى ئۇزاق باشتىن يانباغىردىن ئېلىنغان ئۆستەڭگە باشلانغان بولۇپ، ئۆستەڭ تەكشىلىكتە، جىلغا جىددىي تۆۋەنلەپ بارىدىغان بولغاچقا خۇددى ئۆستەڭ تەدرىجىي ئىگىزلەپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئاشۇ «ئىگىزلىتىلگەن» يەردىن غايەت يوغان تۇربىدىن 45 ياكى 60 گىرادۇسلۇق يانتۇلۇقتا شىددەت بىلەن چۈشۈپ، چوڭقۇرغا جايلاشقان گېنېراتور ئۆيىدىكى ماشىنىلارنى ئايلاندۇراتتى. گېنېراتور ئۆيىنىڭ ئارقا ئىشىكى چۈشۈرگە تەرەپكە چىقىدىغان پەللەمپەيگە تۇتۇشاتتى. 65 ياكى 70 پەللەمپەي بىلەن تۇربىغا پاراللېل يوقۇرى ئۆرلەپ، ئۆستەڭ ئاخىرلىشىپ، سۇ تۇربىغا باشلانغان نۇقتىدىكى بېتون قۇرۇلمىغا بېرىپ ئوڭغا بۇرۇلۇپ، يەنە بەش پەللەمپەي چىققاندىن كېيىن، ئۆستەڭ قىرىنىڭ بېقىنىغا چىقىلاتتى. ئاندىن سۈنئىي ئىگىزلىتىلگەن ئۆستەڭ قېشىدىكى يانتۇلۇقتىن ياكى يەنە بىر تار پەللەمپەيدىن يامىشىپ، بېتون قۇرۇلما ئۈستىدىكى تەكشىلىككە چىقساق ئۇ يەردە ئۆستەڭ بىلەن تۇرۇببا ئارىلىقىدا سۇنى كونترول قىلىدىغان تۇرقاقنىڭ[①] رولى بارىدى. رولنى تولغىغاندا زەنجىر بىلەن سۇ ئاستىدىكى تۇرقاققا ئۇزۇتۇلغان ھەركەت ئېچىپ يېپىشنى ئورۇندايتى.

بىز قىلىدىغان ئىشلار ئىچىدىكى ئەڭ جاپالىقى سانىلىدىغان چۈشۈرگىگە چىقىپ سۇنى تەڭشەش ئىشىنى مەن ئەڭ ياخشى كۆرەتتىم. بۇنىڭ جاپالىق تەرىپى پەقەت ئاشۇ چوڭقۇردىكى گېنېراتور ئۆيىدىن پەللەمپەيلەر بىلەن ئاشۇ ئىگىزگە چىقىشلا ئىدى. مېنىڭ بۇ ئىشنى ئەڭ ياخشى كۆرۈشۈمنىڭ سەۋەبى بولسا، ئادەملەر ئارىسىدىن كېتىش، يالغۇز قېلىش ھېرىسمەنلىكى، بولۇپمۇ ئانا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن يالغۇز، جىمجىت ھوزۇرلۇنۇش ھەۋىسىمدىن ئىدى. بولۇپمۇ كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلىگەندە چۈشۈرگىگە چىقىش بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى. گېنېراتور ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى مىڭ ۋاتلىق چىراق چۈشۈرگىگە قارىتىپ قويۇلغان بولغاچقا، پۈتۈن پەللەمپەيلەرنى، بېتون سۇپا، تۇرقاق رولىنى يورۇتۇپ، ئاندىن بوشلۇقتىكى قاراڭغۇلۇق تەرىپىدىن شۈمۈرۈلۈپ كەتكەندەك يوقۇلاتتى. ئىللىق ياز كېچىلىرىدە گېنېراتور ئۆيىدىكى بىقسىغان، قانداقتۇر موتور يېغىدەك بىر نېمىلەر پۇرايدىغان ھاۋادىن چىققان ئادەمگە بۇ يەردىكى ھاۋا ئالاھىدە بىلىنىپ كېتەتتى. قانداقتۇر ياۋا گۈللەرنىڭ پۇراقلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان نەمخۇش، سالقىن ھاۋا جانغا ئارام ئىدى. رولنى بۇرىغاندا چىقىدىغان زەنجىرنىڭ شاراقلىغان ئاۋازى سۈرلۈك جىمجىتلىقنى بىردەملىككە بۇزغاندەك قىلسىمۇ، ئارقىدىن پۈتۈن تەبىئەت بىر پۈتۈنلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۇ جىمجىتلىق تولۇق مۇكەمملىشەتتى. بېتون سۇپا ئۈستىدە ياكى ئوڭغا بۇرالغان بەش باسقۇچلۇق پەللەمپەينىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى تەكشىلىكتە خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئاندىن قايتاتتىم. كۆپرەك كېيىنكىسىدە ئولتۇراتتىم. بۇ بەش پەللەمپەي چىراقنىڭ نۇر تالالىرىنىڭ چېتىدىرەك قالغاچقا، يورۇقلۇق كۆزنى چاقمايتى. ئارقا تەرىپىمدە تىكەنلىك سىم ۋە ئۇنىڭ نېرىسى بولسا مۇشۇ بىر پۈتۈن قاراڭغۇلۇقنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بەزىدە قورقۇنۇچلۇق ھوھۇلداپ تۇراتتى، بەزىدە كۆڭۈلگە يېقىن، يېقىملىق جىمجىتلىق بولۇپمۇ تۇيۇلاتتى.

ئىشىمنىڭ بولمايدىغان يېرى، ناھىيە بازىرىدىن ئۇزاقتا بولۇشى، ئادەمسىز يوللار، جىلغا ئىچىدىن كېلىشىمىز ئىدى. ئەمما بۇ قىيىنچىلىقمۇ بەك ئوبدان ھەل قىلىنغان بولۇپ، گېنېراتور ئۆيىگە تىك چۈشۈدۇغان بىر كورپۇس ياتاق بارىدى. بۇ يەردە ئالتە ئېغىز ياتاق ئۆيى بولۇپ، كېچە سائەت 12 دە ئىشتىن چۈشۈدۇغانلار ئەگەر كېچىدە يول يۈرۈشتىن قورقسا ياكى كېتىشكە خوشياقمىسا بۇ يەردە ئۇخلاپ، تاڭ ئاتقاندا كەتسە بولاتتى؛ كېچە 12 دە ئىشقا چىقىدىغانلار ئاخشىمى شامدىن بۇرۇن كېلىپ، بۇ يەردە ئۇخلاپ تۇرسا، ئىشتىن چۈشۈدۇغانلار ئويغۇتۇپ قويۇشاتتى. گېنېراتور ئۆيى تەرەپتىكى بىرىنچى ياتاق ماڭا بېرىلگەن ئىدى. شۇڭا يول خاپىلىقىنىمۇ ئانچە چوڭ بىلىپ كەتمىسەممۇ بولاتتى.

بەزىدە بىر يىگىت بىلەن بىر ئىسمىنىدا بولۇپ قالاتتۇق. بۇ يىگىت بىر ئاز غىتمەك مىجەز ئىدى. گېنېراتور ئۆيىدىكى شىرەگە كىمدۇر ئەكىلىپ تىكلەپ قويغان ئەينەكنى بىز بىلەن تالىشىپ، چاچ تاراپ تۇراتتى. قىلىقلىرىمۇ قىزلارغا ئوخشاپ كېتەتتى ۋە قىزلارنىڭ پەقەت ئاياللارغىلا خاس بولغان: پەداز بويۇملىرى، كىيىم-كېچەك، ھەتتا باشقا مەھرەم تېمىلاردىكى پاراڭلىرىغىمۇ ئارىلىشىۋېلىپ، قوشۇق سېلىپ تۇراتتى. ھېپىز ئىسىملىك بۇ يىگىتنى بىز ھېپىزىخان دەپ ئاتايتۇق. ئەسلىدە ئۇ بىزار قىلغۇچى قىلىقلىرى بىلەن بىزنى زېرىكىشتىنمۇ خالى قىلاتتى. بىكارچىلىقتا ئۇنىڭ بىلەن چېقىشىپ، ئۇنىڭغا ھاقارەتلىك چاخچاقلارنى قىلىپ سائەتلەرنى توشقۇزاتتۇق. بەزىدە تېخى ئۇنىڭ ماڭا قارىتا بىر ئاز تايىنى قىستاپ تۇرۇدۇغانلىقىنىمۇ سېزەتتىم.

جىلغا ئىچىدىكى گۈزەللىك تەرىپلەرگە سىغمايتى. جىلغا يۈزىدىكى تەكشىلىكلەردە يېشىل چىمەنلەر، ھاۋارەڭلىك پىچان گۈللەر بىلەن سېرىق رەڭلىك مامكاپ گۈللىرى ئېچىلىپ كەتكەن بىر گۈلزارلىققا ئوخشايتى. ئادەملەرنىڭ قولى تەگمىگەن يەرلەردە مانا شۇنداق تەبىئىي گۈزەللىكنى كۆرۈش مۈمكىن ئىدى. قارشى تەرەپتىكى تاغ يامپاشلىرىدا تاكى تاغ ئۈستىگىچە قاراڭغۇ قارىغاي ئورمانلىقى كۈندۈزلىرى كىشىگە تاتلىق، رومانتىك خىياللار بەخش ئېتىپ، سىرلىق قوينىغا جەلپ قىلسا، كېچىلىرى خۇددى ئاشۇ قاراڭغۇلۇقتىن قانداقتۇر ۋەھشىي ھايۋانلار، چۆچەكلەردىكى بەھەيۋەت مەخلۇقلار چىقىپ كېلىدىغاندەك ئېغىر سۈكۈناتى بىلەن كۆڭۈللەرگە غۇلغۇلا سېلىپ تۇراتتى. ئىستانسىيىمىزنىڭ ئەتراپىدا ئۆز ۋاختىدىكى ئىستانسىيە قۇرۇلۇشى جەريانىدا بۇزۇۋېتىلگەن چىمەنلىك، ئانا تەبىئەتنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى ئورنىغا ئەھيا قىلىنغان سۆگەت ۋە مەجنۇنتال ئورمانلىقى تاكى بىزنىڭ ياتاق بىنامىزنىڭ چېتىگىچە كېلەتتى. قارشى تەرەپتىكى تاغ يامپىشىنىڭ بىر يەرلىرىدە، بىز تەرەپنىڭمۇ ئۇزاق بىر يەرلىرىدە يېڭىدىن پەيدا بولغانلىقى مانا مەن دەپ بىلىنىدىغان، خۇددى گۈزەل بەدەنگە چىققان چىقاندەك، سەتلەشتۈرۈپ تۇرۇدۇغان گىيا ئۈنمەس كۆيۈك توپىلىق نۇقتىلارمۇ كۆزگە چېلىقاتتى. شۇنداقلا بۇ «يارا»نىڭ كۈنسېرى بەدەننىڭ باشقا تەرەپلىرىگە يامراپ كېڭىيىۋاتقانلىقىمۇ سېزىلەتتى. بۇلار يېڭىدىن ياردەمگە چىققان يولداشلارنىڭ قۇرغان خۇمدانلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئىشى يوق، خىش پۇشۇرۇپ ساتسىلا، پۇل قىلىپ يۇرتىغا قاچسىلا بولاتتى.

كېچە سائەت 12 دە ئىشتىن چۈشۈپ شۇ يەردە قونۇپ قالغان ماي ئېيىنىڭ تاڭ سەھەرلىرىدە سەھەرچى قۇشلارنىڭ يېقىملىق ئەللەيلەشلىرىدىن ئويغۇنۇمەن. ئويغۇنۇمەن دېدىم، ئەمما ئۇيقۇلۇق ھالدا يېتىپ قۇشلارنىڭ خىلمۇ-خىل ئاۋازلاردىكى سايراشلىرىنى ئاڭلاپ ياتىمەن. قانداق راھەت! ئورنۇمدىن تۇرماي، مەڭگۈ مۇشۇ يوسۇن قۇشلار نەغمىسىدىن مەست بولۇپ يېتىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن-ھە. مانا شۇنداق سەھەرلەردە يېنىڭدا كۆڭلۈڭدىكى كىشىڭ بولسا، چىرمىشىپ يېتىپ ئاڭلىساڭ! مانا شۇلارغا مەست بولۇپ يېتىپ، بەزىدە ئىشىكىمنىڭ ئۈستىدىكى كۆزنەكتىن چۈشكەن قوياش نۇرى كۆزلىرىمنى چاققىچە ئورنۇمدىن تۇرمىغان چاغلىرىممۇ بولاتتى.

رومانتىك تۇيغۇلارغا باي بۇ گۈزەل جىلغىنىڭ غىدىقلىشىدىن ئۇنى چەكسىز سېغىنغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. كۆرۈشمىگىنىمىزگە بىرنەچچە ئاي بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ مېنى ئىزدەي دېمىدى، ئەركەك تۇرۇپ مېنى ئىزدىمىسە، مەن نېمە دەپ ئىزدەيمەن؟ قانداق ئىزدەيمەن؟

گېنېراتور ئۆيىنىڭ ئارقىدىكى ئىشىكىدىن چىقىلسىلا چۈشۈرگىگە چىقىدىغان پەللەمپەيلەر كۆرۈنەتتى. پەللەمپەيگە پاراللېل غايەت يوغان توربا چۈشۈرگە ئىگىزلىكىدىن باشلىنىپ، بىنانىڭ ئاستىغا كىرىپ يوقۇلاتتى. ئۆسكىلەڭ قىياقلار، مارالقۇلاقلار تۇربىنى كۆمۈۋېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، كۆكات ئارچلىرىدىن بىر زامانلارنىڭ تەۋەرۈكى بولغان زامانىسىنىڭ سىياسىي شۇئارلىرىدىن قالغان خۇنۇك ئىزنالار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. خەت يازغىدەكلا يەر بولسا شۇئار يېزىلىدىغان ئاشۇ زامانلارنىڭ ھاياجانغا تولغان، قاينام-تاشقىن كەيپىياتى ئەمدىلىكتە قانداق سۇسلىغان بولسا، ئۇنىڭ يالدامىسى بولغان بۇ شۇئارلارمۇ خۇددى شۇنداق سۇسلىغان بولۇپ، كىشىگە «دۇنيادا سۇسلىمايدىغان ھاياجان، ھاياتىي كۈچى ئاجىزلىشىپ تۈگىمەيدىغان يارىتىق (مەخلۇق) يوق» دەۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. گېنېراتور ئۆيىنىڭ ئارقا تېمىدىمۇ سۇسلىشىپ كەتكەن، ئەمما تېخىچە ئوقۇغىلى بولۇدۇغان مۇشۇ تۈردىكى شۇئارلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ زامانلاردا سۈنئي ئەسەبىيلەشتۈرۈلگەن ئىنسانلار مۇشۇنداق خىلۋەتتىكى جىلغىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماي، ئۇنىڭ شۇئار يازغۇدەك يېرى بارلىقىنى يادىلىرىغا ئېلىپ بۇ يەرلەرگىمۇ كېلىپ يازىدىغىنىنى يېزىپ كېتىشكەن ئىكەن. ھەتتا ئۇ چاغلاردا تۈز يۈزلۈك قىياتاشلارمۇ زامانىسىنىڭ بۇ ھاياجانغا تولغان كەيپىياتىغا ئورتاقلاشتۇرۇلۇشتىن خالىي قالمىغان، ئادەم ئايىغى تەگىمەن تاغ ئارىلىرىدىمۇ بۇنداق ئىزنالارنى چېلىقتۇرغىلى بولاتتى. ئەمدىلىكتە بولسا گويا مەڭگۈلۈككە ئۇنتۇلغان، خۇددى بۇ ئىشلار ئالدىنقى ھاياتلىق ئىراسىدىن قالغاندەك، بۇ ئىرادا بۇنداق بىر ئىش بولۇپ باقمىغاندەك سۇسلۇشۇپ كەتكەن ئىدى.

تۇربىغا پاراللېل پەللەمپەيلەر خىشتىن ياسىلىپ، سىمونت بىلەن سۇۋالغان ئىدى. يىللار ئۇنىڭمۇ پەدازلىرىنى سۆكۈپ ئېتىشقا باشلىغان، بەزى يەرلىرىنىڭ سۇۋاقلىرى قومۇرۇلۇپ چۈشۈپ، خشلىرى كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. بۇ كۆپ باسقۇچلۇق پەللەمپەينىڭ ئۈستىدىكى كىچىك سەينادىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ يەنە داۋاملاشقان بەش باسقۇچتىن چىققاندا ئىككى-ئۈچ مېتېرلىق بىر بوشلۇق دايىم ئادەملەر تەرىپىدىن دەسسىلىپ تۇرغاچقا، قېتىپ ۋە سىلىقدىنىپ داق سەينا بولۇپ تۇرغاندىن باشقا، نېرىسى سۈنئىي ئەھيا قىلىنغان سۆگەت ۋە مەجنۇنتاللىق تاكى جىلغا ئىچى تاشيول بويلىرىغىچە ۋە تاشيولغا پاراللېل، ئۆستەڭنىڭ باش ئۇچى تەرەپلەرگىچە سوزۇلۇپ كېتەتتى. ئۆستەڭنىڭ تىك قېشىدىن چۈشۈرگە ئۈستىگە يەنە سەككىز باسقۇچلۇق تار پەللەمپەي ياساپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆستەڭنىڭ ئاخىرقى ئۇچى، گېنېراتور تۇربىسىنىڭ باشلىنىشى ئۈستىدىكى سىمونت توسما؛ توسمىغا تۇتاش، ئۆستەڭنىڭ ئاخىرقى ئۇچى ئۈستىگە كۆۋرۈكسىمان قۇيۇلغان بېتون تاختا سۇپىغا چىقىلاتتى. مانا شۇ سۇپىنىڭ ئالدى تەرىپىدە پولات چىۋىقلاردىن قىلىنغان مۇداپىئە تورى تۇربىغا كىرىپ كېتىش ئىھتىماللىقى بولغان چاۋا-چاتقاللارنى سۈزۈپ قالاتتى. شۇنداقلا بۇ تور چۈشۈرگىدىكى پۈتۈن ئۆستەڭ بويىچە ئەڭ چوڭقۇر ۋە ئەڭ كەڭ ھىساپلىنىدىغان قايمىغا چۆمۈلۈدۇغان كىشىلەرنىڭمۇ تۇربىغا كىرىپ كېتىپ ئۆلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالۇدۇغان مۇداپىئە توسۇقى ئىدى. چۈنكى ئۆستەڭنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا تۆرت مېتېرچە ئارىلىق ئاستى ۋە ئىككى قاش بېتوندىن قۇيۇلغان بولغاچقا بىر سىمونت كۆلدەك پۇتقا پاتقاق يېپىشماستىن چۆمۈلۈشكە بولۇدۇغان ياخشى يەر ئىدى.

زېرىككەندە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ئەڭ ياخشى يەر مانا شۇ چۈشۈرگە ئۈستىدىكى بېتون سۇپا ياكى ئورمانلىقنىڭ تۈگىگەن يېرىدىكى بەش باسقۇچلۇق پەللەمپەينىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇش ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىدى. كېچىلىرى گېنېراتور ئۆيىنىڭ ئارقا تېمىغا — چۈشۈرگە تەرەپكە قارىتىپ ئېسىلغان بەكمۇ كۈچلۈك نۇرلۇق چىراق پۈتۈن پەللەمپەيلەرنى، چۈشۈرگە ئۈستىنى يورۇتۇپ تۇرغاچقا، كېچىسىمۇ بۇ يەرلەردە ئولتۇرۇشقا بولاتتى. شۇغۇنىسى كېچىلىرى جىلغا ئىچىنىڭ نەمخۇش ھاۋاسى تېخىمۇ سوۋۇپ كېتىدىغان بولغاچ، چۈشۈرگە سۇپىسى بەكمۇ چوقچۇيۇپ تۇرغاچقا تاغ سالقىنى تەننى شۈركەندۈرۈۋېتەتتى. پەستە، ئۆستەڭ قېشىنىڭ دالدىسىدا ئولتۇرۇش ياخشىراق بولسىمۇ، ئارقا تەرىپىمىزدە قاراڭغۇلۇققا چومگەن ئورمان بولغاچقا ئاللىقانداق غاۋۇر-غوۋۇر، شالدىر-شۇلدۇر قىلغان ئاۋازلار، بولۇپمۇ قېرى كېسەلنىڭ تىنىقلىرىدەك ئېغىر ھوھۇلداشلار گويا ئارقىمىزدىكى قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن جىن-شاياتۇنلار چىقىپ كېلىدىغاندەك سۈر بېغىشلاپ تۇراتتى. دايىملا ئارقىدىن كىمنىڭدۇر ئىھتىيات بىلەن ئاياقلىرىنى ئاۋايلاپ باسقان قەدەملىرىنىڭ بىلىنەر-بىلىمەس شىپىرلىشىدەك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ، خۇددى قېچىپ يۈرگەن بىرەر قاتىل مۇشۇ سۆگەتلىككە يوشۇرۇنۇۋالغان ۋە ئەمدى ئوغرى مۈشۈكتەك سىلىق ھەركەتلەر بىلەن ئارقىدىن يېقىنلىشىپ، شارتتىدە گېلىمغا پىچاق سۈرۈدۇغاندەك بىر ۋەھىمە ۋۇجۇدۇمنى تىترىتىپ ئۆتەتتى. پات-پات ئۈرككەك توشقانلاردەك شىڭتىيىپ، يان-يېنىمغا، ئارقامغا قاراپ تۇراتتىم. بۇ ھال دەرھال كىشىنى زېرىكتۈرۈپ، پەسكە چۈشۈپ كېتەتتىم.

بىر كۈنى مەھەللىمىزدىكى قىزلار بىلەن كىنوغا باردۇق. كىنوخانا ئالدىدا بىر توپ يىگىتلەر چاخچاق پاراڭلارنى قىلىشىپ، كۈلۈپ، تېلىقىشىپ تۇرغان ئىكەن. بۇ كىچىككىنە بازاردا تونۇمىغۇدەك كىملەر بولاتتى، دەيسىز، ئارىسىدا بىرقانچە ساۋاقدىشىمىزنىمۇ كۆرۈپ قالدىم. كېيىن بىردىنلا يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇشى تېزىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ، نېمىگە ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىمنى ئاڭقىرالماي، يىگىتلەر توپىدىن يانداپ ئۆتۈۋاتاتتىمكى، ئارىدا ئۇنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. كۆزلۈرۈمنىڭ كۆرۈشىدىن بۇرۇنلا يۈرۈكۈمنىڭ سىگنال بېرىشكە باشلىغىنى ئاجايىپ ئىش ئىدى!

ئۇمۇ مېنى كۆرگەنمىدۇ؟ بەك يورۇقمۇ ئەمەس ئىدى. ئەمما كىنوخانا ئالدىدىكى چىراقلار، كوچا چىراقلىرىنىڭ يورۇقى يېتەرلىك دېيىشكىمۇ بولاتتى. ئۇ مېنى كۆرگەنمىدۇ؟ بىر ۋەسۋەسە ماڭا ئارام بەرمەيتى. ئەمدى كاللامغا ھىچنەرسە كىرمىدى. قىزلاردىن بىرسى بىلەت ئالغان ئىدى، قولۇمغا تۇتقۇزۇلغان بىلەتنى سەزگۈسىز ھالەتتە تۇتۇپ، خۇددى يېتىلەكتىكى قارىغۇدەك ئۇلارغا ئەگىشىپ كىنوخانىغا كىرىپ، ئۇلار كۆرسەتكەن ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم. ئارا يولنىڭ بويىدا — چەتتىكى بىرىنچى ئورۇندۇقتا ئىدىم. كىنو كۆرسەممۇ نېمە كۆرگۈنۈمنى بىلگۈدەك ئەمەس ئىدىم. ئۇمۇ مېنى كۆرگەنمىدۇ؟ مانا شۇ سوئاللا تەكرارلىناتتى.

ئۇ مېنى كۆرۈپتۇ! دوستلىرىدىن شۇ زاماتلا ئايرىلىپ، ئارقىمىزدىنلا بىلەت ئېلىپ مېنى ئىزدەپ كىرىپتۇ. چەتتە ئولتۇرغىنىم ئۈچۈن ھە دېمەيلا مېنى تېپىۋالدى. يېنىمغا كېلەر-كەلمەيلا:

— جۈر، — دەپ پىچىرلاپلا چىقىش ئىشىكىگە قاراپ كەتتى. مەن بىردەم ھايال بولساملا ئۇنى مەڭگۈگە يۈتتۈرۈپ قويۇدۇغاندەك، قوشنا قىزلارغا بىرەر باھانە كۆرسۈتۈپ، گەپ يومزاشمۇ ئەقلىمگە كەلمەستىن، خۇددى ئىتائەتكار قۇلدەك ئارقىسىدىن كەتتىم. قىزلارنىڭ ھەممىسىغۇ مۇناسىۋىتىمىزنى بىلەتتى، شۇنداق بولسىمۇ، كېيىن ئويلاپ تازىمۇ يۈزۈم قىزارغان ئىدى.

قارا كۆرە ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. بىريەردىن ۋەلسىپىتىنى ئالدى. ئاندىن مېنى مىنگەشتۈرۈپ، كوچا چىراقلىرى بولمىغان كىچىك كوچىلاردىن ئايلاندۇرۇپ، بازارنىڭ چېتىگە — يېزىنىڭ ئورمانلىرى باشلانغان يەرگىچە ئاپاردى. ئەتراپ قاراڭغۇ ئىدى. ھېلى يۈز بېرىدىغان ئىشتىن لەرزىگە كېلىپ، بەدەنلىرىم «غۇژ-غۇژ» قىلىپ تۇراتتى. بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، چۈشۈنۈكسىز بىر تەرزدە بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتىم. راستىنلا بۇ يىغامنىڭ سەۋەبىنى، مەخسىدىنى ياكى  مەزمۇنىنى بىلەلمىدىم، ئەمما ئىچىمدىن كەلگەن بىر تۇغما ئىستەك بىلەن يىغلىغىنىم ئېسىمدە. بەلكىم ئۇزۇن مەزگىللىك ئايرىلىشتىن كېيىنكى تۇنجى ئۇچرۇشۇشىمىز بولغاچقا بەختىيارلىقىمدىن يىغلىغاندۇرمەن ياكى ئاشۇ ئۇزۇن ئايرىلىشنى ئەبەدىيلىك ئايرىلىشقا ئايلىنىپ كېتەرمۇ دەپ قورققانلىرىم ئۈچۈن ئەمدى ئاڭلىغۇچىنى تاپقاندىكى دەرتلىنىشمىدىكىن؟ ئىشقىلىپ مۇشۇ مەزمۇنلارنىڭ بىرى ياكى ھەممىسى بارىدى. ئىلگىرلىرى خوشلۇق ياكى خاپىلىقتىن يىغلىساملا ئۇ مېنى پەپىلەپ، نېمىشقا يىغلىغانلىقىمنى سورايدىغانتى. شۇڭا، ئەركە بالىدەك پەپىلىنىش، ئەتىۋارلىنىش تاماسىممۇ بولۇشى كېرەك. ھېلى بىز بىر يەرنى تايىن تېپىپ ئارامىمىزچە ئولتۇرغۇنىمىزدا ئو چوقۇم مېنىڭ چاچلىرىم ئارىسىدىن قۇلاقلىرىمغا ئىسسىق نەپەسلىرىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ ماڭا شىۋىرلايدۇ دەپ ئىشىنەتتىم.

ئۇ ۋەلىسىپىتنى ئادەم كۆرمەيدىغان بىر قاراڭغۇ قېرىمچىغا تاشلاپ، مېنى يېتىلىگىنىچە ئورماننىڭ ئىچكىرىسىگىراق تارتىپ كەتتى. ۋاقىت خېلى ئۇزۇراپ كەتكەچكە مەنمۇ خوپ سېغىنغانلىقىمنى شۇندا تەخىرسىز بىر ئىستەكنىڭ ئەسەبلىرىمگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدىن بىلدىم. ئۇ بۇرۇنقىدەك مېنى پەپىلەي دېمىدى، قۇلاقلىرىم تۈۋىدە خىيالەن ھىس قىلىشتىن پەدەنلىرىم جۇغۇلداپ كەتكەن تاتلىق شىۋىرلاشلارغىمۇ چولىسى تېگىدىغان تۈرى يوق، ئەقلىگىمۇ كەلتۈرگەندەك ئەمەس، ئۆزىنىڭ ھايۋانىي ئىستەكلىرىنىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەنلا قالغاندەك ئىدى. ھېيىز مەزگىلىم ھەققىدە، دايىم بىلىپ تۇرۇشۇم كېرەك بولغان كۈنلەر ھەققىدىمۇ ئۇنۇتقان ئىكەنمەن. بۇ بىرنەچچە ئايدا بۇ لازىمى بولمىغان ئۇچۇرلارنى بىلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى دەپ قارىغان بولسام كېرەك. بۈگۈننىڭ ھېلىقى قورقۇنۇچلۇق 14-كۈنۈم بولۇشى ئىھتىماللىقىنىمۇ ئويلاپ كۆرمەستىن ئۇنىڭ مەيلىگە بېرىلدىم.

بىز ئورمان ئارىسىدىكى نەم تۇپراقتىن ئۈتىۋېشىمىزنى بۇلغاپ، چامنى تۈگەتكەن ھاشارچىدەك ھەمىدەپ ئولتۇرغاندىلا ئۈستۋېشىم ھەققىدە ئەقىل بىلەن ئويلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇم ۋە غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى. ئۇ كۈنى دەم ئېلىش كۈنۈم بولغاچ راسا مودىلار بويىچە ياسىنىپ چىققان كۈنۈم ئىدى. ئۇچامدىكى كۆينۈكۈمنى تۇنجى كېيىشىم ئىدى. سۈتتەك ئاق، گارمون پۈرمىلىرى ۋە ئاياق گىرۋىكىدىلا ئاجايىپ گۈللىرى بولغان بۇ كۆڭلەك ئۈستىدىكى لاي-لاتقىلار كىچىنىڭ گىرىمسەن يورۇقىدىمۇ مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. مەن مانا مۇشۇ ئۈستىۋاش بىلەن دادام بار ئۆيگە كىرىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى!

كۆڭلۈمنى غەشلىك قاپلىۋالدى! گۇناھكارلىق تۇيغۇسىلا ئەمەس، يېڭى مودا كۆينۈكۈمنى بۇلغۇشۇم بىلەن باشلانغان بۇلغۇنۇش ھەققىدىكى بارلىق سەزگۈم بىردىنلا جىددىي ھالەتكە ئۆتكەندەكدەك، ئىچىدىن چىقىلماس پاتقاقلىق، قارالاي ئىچىدە قالغاندەك بىر خىل پاسسىپ روھىي ھالەت مېنى مۈكچەيتىۋەتتى. ئۇمۇ مەندەك تۇيغۇلارغا پاتتىمىكىن، كۆڭۈل ئاۋۇندۇرغۇدەك سۆزلەرنى قىلمىدى. بىر ھازا جىمجىت ۋە كۆڭۈلسىز ئولتۇرۇشۇپ قايتىش ئۈچۈن تۇردۇق. ئۇ مېنى تاكى مەھەللىگىچە ئارقىسىغا مىنگەشتۈرۈپ ئەكىلىپ قويدى، ئەمما يول بويىمۇ گەپلەشمىدۇق. ئايرىلىش ئالدىدا كېيىنكى قېتىملىق كۆرۈشۈش ۋاقتى ۋە ئورنى ھەققىدە بىرنەرسە دېگۈسىمۇ كەلمىگەندەك، بوغۇزىدا تۇرۇپ قالغان بىر ئاۋازدا نېمىدۇر بىرنەرسە دەپ غوڭۇلداپ قويدى. بۇ بىر خوشلۇشۇش سۆزىگە ھىساپ بولدى. ئاشۇنداق ئايرىلدۇق. مەن بولسام ئۈستىۋېشىمدىكى رەسۋاچىلىق بىلەن ئۆيگە قانداق كۆرۈنمەي كىرىۋېلىش ھەققىدىكى ۋەسۋەسىنى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭ بىردىنلا كۆڭۈلسىزلىشىپ، گەپ قىلغۇسى كەلمەي قېلىشىنىڭ سەۋەپلىرى ھەققىدە گۇمانخورلۇق بىلەن يامان خىياللارغا كېتىپ، بىر قورقۇنۇچ كۆڭلۈمگە سايە سېلىۋالغانىدى.

دېمىسىمۇ ئۇنىڭ بارلىق ھەددى-ھەركەتلىرىدىن بىر خىل ياتلىشىش ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى. ئىچ-ئىچىمدىن بۇقۇلداپ يىغلىشىمغا قارىتا ئىنكاسىمۇ شۇنچىلىك پەرۋاسىز بولدى. بوينۇمغا گىرە سېلىپ قۇلاق تۈۋىمدە پىچىرلىمىغان تەقدىردىمۇ، توغرىدىن-توغرا نېمە بولدۇڭ دەپ سوراپ قويۇشقىمۇ تىلى بارمىدى. مەندىن خۇددى بىر ماشىنىدىن پايدىلانغۇچىدەكلا پايدىلىنىشتىن باشقا ھىس-تۇيغۇلارغا تالىق بىر تەرىپى باردەك كۆرۈنمەيتى. بۇ تۇنجى دەزمىدى؟ ياكى ئارىمىز ئاللىقاچان ئېچىلىپ بولغانمىدى؟ ئەمما مېنىڭ خاتىرىلىرىمگە كۆرە بۇ بىر باشلىنىش ئىدى.

بىر بازار كۈنى نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشقا چىققان ئىدىم. كىنوخانا ئالدىدىكى مەيداندا ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە مىھىردىن خالىي ياۋايى نۇر يېنىپ تۇراتتى. ئۇ مېنى دەرھال بىرەر دالدىغا سۆرەشنىڭلا قەستىدە تۇرغاندەك بىلىنەتتى. راست دېگەندەك، سالام-سائىتىمىزدىن كېيىنلا:

— جۈرە، — دەپلا مېڭىشقا ئالدىرىدى.

— مەن نەرسە-كېرەك ئالغىلى چىققان، ئۆيدىكىلەر ساقلاۋاتىدۇ،... — دېگەننى پېتىنماستىن ئارانلا دېدىم. ئەمما ئۇنىڭ پەشنى قېقىپ كېتىپ قېلىشىدىن قورققاندەك، — دېگىنە، نەگە بارىمىز؟ كېچىكمەمدۇق؟

بۇنداق رەت قىلىشلارغا ئۇچراپ باقمىغان ئەتىۋارغا بۇ گەپلىرىم ياقمىدى. چىرايى تاتىرىپ كەتتى. بىز يەنە تارتىشىپ تۇرۇۋاتقاننىڭ ئۈستىگە يېقىن قوشنىمىزنىڭ قاشقادىن چىققان ۋە مەھەللىدە ياغاچچىلىق قىلىپ يۈرگەن بىر تۇققىنى ئۆتۈپ قالغانىدى، ئۇ مېنى كۆرۈپ:

— ھە، خېنىم، تۇرۇپ قاپلىغۇ؟ — دېدى بىر ئاز بى نورمال ئاھاڭدا. بۇ ئادەم خېلىدىن بېرى بۇ يەرلەردە ئوقەت بىلەن يۈرۈپ، ئائىلىسىدىن ئۇزاق قالغاچقا بەلكىم جىسمانىي ئىھتىياجلىرىنىڭ زورىدىن بولسا كېرەك، مەھەللىدىمۇ ھەممە قىز چوكانلارغا قاش-كۆز ئوينۇتۇپ، لاۋزىلىشىپ تۇراتتى. شۇئان ئۇنىڭ ماڭا گەپ قىلغان ئاھاڭى مېنىمۇ شۈركەندۈرۈۋەتتى. خۇددى، ئۆزىگە پىششىق مەلۇم بولغان بىر جالاپقا گەپ قىلغاندەكلا!

— كىم ئۇ؟ — دەپ سورىدى ئۇ، ياغاچچى قاشقالىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن.

— قوشنىمىزنىڭ تۇققىنىكەن، ياغاچچىلىق قىلىدۇ، مەھەللىدە بولغاچقا تونۇيدۇ،... — دېدىم بىر خىل ئىشەشسىزلىك بىلەن، گويا ئۇنىڭغا يالغاننى توقۇپ دەۋاتقاندەكلا ئوڭايسىزلانغان ھالدا.

— ئاجايىپ تونۇشلىرىڭ بارىكەن-ھە!؟ — دېدى ئۇ كۈتۈلگەن گۇمانىنى ھىچ يوشۇرماستىن. ئاندىن يەنە ھېلىقى تاقەتسىز كۆز نۇرىدا مېنىڭ بەدەنلىرىمنى تېشىۋېتىدىغاندەك قاراپ، — قانداق قىلىسەن؟ ماڭامسەن؟ — دېدى ئۇ كۆرۈنمەس بىر خىل بېسىم بىلەن. بۇ شۇنچىلىك قۇۋۋەتلىك بېسىم ئىدىكى، مېنى تۇنجۇقتۇرۇۋەتتى. ياق، دېسەملا، خۇددى ئەمىسە شۇ پېتى قال دەپلا كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ بىچارىلىك بىلەن ئارىسالدى بولۇپ قالدىم. بايىقى قاشقالىقنىڭ ئەدەپسىز مۇئامىلىسىمۇ مېنىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىمدا چوڭ رول ئوينىغان بولغاچقا، ئۈن دېمەستىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم.

ناھىيە بازىرىغا يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان بىر بىنانىڭ قالايمىقانچىلىقلارغا تولغان ئىچىگە باشلاپ كىرىپ، ئۈستىگە ئېلىپ چىقتى. ئۈستىدىكى پولمۇ شۇنچىلىك قالايمىقان، پاسكىنا ئىدى. قولۇمدىكى سومكىنى قويۇپ ئۈستىدە قورۇنۇپقىنا ئولتۇردۇم. بىرەر يېرىم بىر يەرگە تېگىپ كەتسىلا مەينەتچىلىك يۇقۇدۇغانلىقىدىن، پۇت-قولۇم يىغىلىپ، بىر تۈرلۈك قولاشمىغان شەكىلدە ئولتۇرغان ئىدىم.

— ھە، گەپ قىلە،... — دېدىم گويا ئۇنى بۇ يەرگە گەپلىشىشكىلا كەلدى دەپ ئويلاۋاتقان تەرزدە. گەرچە بۇ رەسمىي خۇپسەنلىك بولمىسىمۇ، بۇندىن باشقا نېمە دېيىلەتتى، بىلمەيمەن.

— گەپ دەيسەنغۇ؟ خۇددى بىلمەيدىغاندەك؟ — دېدى ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ.

— ماقۇل دېگىنە، مەن ئالدىراش، ئۈنىڭ ئۈستىگە قارىمامسەن بۇ يەر تازىمۇ،... كۈپ-كۈندۈزدە ئۈستىۋېشىمىزنى رەسۋا قىلىپ، كېيىن قانداق چىقىپ كېتىمىز؟ — دېدىم كۈلۈمسىرىگەن ھالدا. بۇ قاملاشمىغان كۈلۈمسىرەشلىرىمدە بىر خىل يالۋۇرۇش ئېلىمنتلىرى بارلىقىنى ھىس قىلىپ، غۇرۇرۇم زېدىلەندى. توۋا، ماۋۇ ھالىمنى دەيمەن-دە!

— سېنى يا تاپقىلى بولمىسا، مەھەللەڭگە بېرىپ ئەگىپ يۈرگىلى تېخى بولمىسا،... — دېدى ئۇ.

— ئشتىكى ۋاقتىمدا تېلىپۇن قىل، نومۇرىنى يېزىۋال، — دېدىم خوشامەت بىلەن. ئۇنىڭدىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇشنىڭ كويىدا ئىدىم. ئۈستىۋېشىمدىكى قىممەتلىك كىيىملىرىمگە چىدىمايۋاتاتتىم.

— تېلىپۇننىمۇ قىلارمەن، ئەمما ئۇزۇن بولۇپ كەتتىغۇ، بۇ... تاقىتىم يوق،... كەچتە ئۆيۈڭلارنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئۆستەڭ بويىغا بارسام، ئۆستەڭنىڭ ئۇ ياقلىرى ئېتىزلىققۇ، بىرەر دالدا تېپىلىپ قالارمىتىكىن...

— ئاخشامدا؟ قاراڭغۇدا ئۇ تەرەپلەرگە چىقالمايمەن، نېمە دەپ چىقىمەن، ئويلىمامسەن...

— بەك قاراڭغۇدامۇ ئەمەس، كەچقۇرۇن بارسام، ئۇ ياقلاردا دىھقانلارنىڭ ئۆيلىرى باردەك كۆرمۈدۈمغۇ، ئادەملەردىن ئۇزاق بولغاندىكىن، بەك كېچە بولۇشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق.

— قاراڭغۇ چۈشمەستە ئۆيگە قايتىپ كىرمىسەم بولمايدۇ...

— بولۇدۇ، بالدۇرراق باراي، ئۇزاق ساقلىتىۋەتمە، سەنمۇ.

ئۇھ، شۇنداق قىلىپ قۇتۇلدۇم.

كەچقۇرۇن، شامدىن بۇرۇنراقتا ئارقىدىكى ئۆستەڭ تەرەپكە چىقىپ ئۇنى تاپتىم. ئۇ مېنىڭ چىقىدىغان تەرىپىمگە تىكىلىپلا تۇرغاچقا ھايال بولمايلا يېنىمدا پەيدا بولدى. بۇرۇنقىلاردەك ئۇنىڭ كۆزلىرىدە مىھىر ئۇچقۇنى، سېغىنچ، مۇھەببەت، دېگەندەكلەرگە تالىق ھىچقانداق ئېلىمېنت يوق، پەقەتلا ياۋايى شەھۋەت ئوتى يېنىپ تۇراتتى. بۇ مېنى شۇنچىلىك ئېزەتتىكى، بۇ ھالىتىمىزنىڭ بىر كۈنلىرى تۈزۈلۈشىگىمۇ كۆزۈم يەتمەي قېلىۋاتاتتى.

ئۇ مېنى ئالدىراتقىنىچە ئېتىزلىقلارنى ئارىلاپ ئەكەتتى. ھايۋانىي ئىستەكلىرى ئۈچۈن بىرەر خاس يەر ئىزدەپ، ئىككى تەرەپكە ئالاق-جالاق قارايتى. ئويلىمىغان يەردىن بىر ئۆينىڭ ئالدىدىنلا چىقىپ قالدۇق. ئەسلىدە ئويمانراق يەردە بولغان بۇ ئۆينى ئىلگىرى زادىلا كۆرمىگەن، بۇ ئەتراپلاردا دىھقانلارنىڭ تۇرالغۇسى باردەكمۇ قىلمىغان ئىدى. بىز نىشانسىز ھالدا باشقا تەرەپكە بۇرالدۇق. ئۇ شۇنچىلىك ئالدىراش ئىدى.

بىر كەمدە ئالدىمىزدىن ئېتىز قىرى بىلەن كېلىۋاتقان 12 ياشلاردىكى ئىككى دىھقان بالىسى چىقىپ كەلدى. ئۇلاردىن بىرى شۇنداق گۇمانلىق نەزەردە قارىدىكى، خۇددى يالىڭاچ كېتىۋاتقاندەك قورۇنۇپ كەتتىم. ئۇ بىز ئۆتۈپ كەتكىچە بىرچەتكە ئۆتۈپ تۇرۇپ، بىزنى خۇددى جادۇگەر خوتۇنلاردەك باشتىن-ئايىغىمىزغىچە سۈزۈپ زەڭ سېلىپ تۇراتتى، ئۆتۈپ بولۇشىمىزغىلا ئارقىمىزدىن:

— مۇشۇ جالاپ دايىم مەشەگىلا كېلىدۇ، ئۆتكەندە باشقا بىر ئادەم بىلەن كەپتىكەن، — دېمەسمۇ!

ئىم! ئەمدى ئۆلدۈم دەۋەرگىن دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە. بۇ بىر تەلەيسىزلىكمىدى؟ بالا مېنى بىرسىگە ئوخشاتقانمىدۇ؟ ياكى بەك ئاقساقال، قۇلاق كەستى بولغان بولسا قەستەن شۇنداق دېگەندىمۇ؟ بالىنىڭ دېگەنلىرىنى ئۇمۇ ئاڭلىدى. ئاڭلىماسلىقى مۈمكىنمىدى؟ ئارىلىق يېقىن، بالا بەك پەس ئاۋازدا پىچىرلىغىنىمۇ يوق. بۇ گەپ كۈندۈزدىكى قاشقالىقنىڭ پەيدا قىلغان يامان تەسىرىنى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.

— دېمەك، پات-پات كەپ تۇرۇدۇكەنسەن-دە!؟ — دېدى ئۇ ئاجايىپ بىر خىل زەھەرخەندە كۈلۈمسىرەش بىلەن.

— كىچىك بالىنىڭ گېپىنى راست دەمسەن، قويغىنا ساراڭ بولماي،... — دېدىم ئەمما سۆزلۈرۈمنىڭ ئىشەندۈرۈش كۈچىنىڭ يوقلۇقىنى ئۆزەممۇ تۇيۇپ تۇراتتىم.

— ھېلىقى قاشقالىق بىلەن كەلگەنمىدىڭلا، ئۆتكەن قېتىم؟ ياكى باشقىسىمىدى؟ — دېدى ئۇ يەنىلا شۇنداق غەلىتە پوزىتسيە بىلەن. ئەمدى ئۇ دالدا ئىزدەش، ھايۋانى نەپسىنى قاندۇرۇش دېگەنلەردىن ۋاز كەچكەندەك قىلاتتى. ئۆستەڭ تۈۋىگە قايتىپ كەلگەن ئىدۇق. بېشىمغا غايەت زور بەختسىزلىك سايە سالغان ئىدى. بۇنىڭدىن قانداق چىقىشىمنى بىلمەيتىم. كۆڭلۈمنىڭ ئاللىقانداق بىر يېرىدە شۇ چاغلاردا كۆپ ئوقۇلۇدۇغان كوچا ناخشلىرىدىن بىرىنىڭ غەلىتە نەقراتى تەكرارلىنىپ، مېنى شاڭخو قىلاتتى:

 

دادى شۇ، دادادى شۇ،

ئوينىغاننىڭ دەدى شۇ!

 

— بالىنىڭ گېپىگىمۇ ئىشەنمەي، قاشقالىقنىڭ بۇزۇق خوتۇنلارغا گەپ قىلغاندەك تەلەپپۇزىدىنمۇ گۇمان قىلماي، ساڭا ئىشىنەي، — دېدى ئۇ بىر تۈرلۈك قوماندانلارنىڭ موھىم بۇيرۇق جاكالاش ئالدىدىكى تۇتۇمى بىلەن، — نېمىلىكىم بولمىسۇن كۆڭلۈمگە شەك چۈشمىدى دېسەم سەنمۇ ئىشەنمەيسەن، شەك دېگەن پاكىت ئەمەس، بۇنىڭغا ئاساسلىنىپلا ئىشنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئېسىڭدە بولسۇن، ئىزىڭدا مەن، ھەر يەردە ئارقاڭدا بىرى بار دەپ بىل! — دېدى ۋەزمىن، ئەركەكلەرچە تەلەپپۇز بىلەن.

يىغلاشقا باشلىدىم. قولۇمدىن باشقا نېمە كەلسۇن؟

— يىغلىما، ئىش مۇشۇ يەردىلا، شەك پېتى قالسا چوڭ ئىش يوق، قورقمىساڭمۇ بولۇدۇ، سېنى رەسۋاچىلىققا قويمايمەن، ئەمما دىققەت قىل، ئىزىڭدا مەن!

— قىلغۇلۇقنى قىلىپ، ئىشەنچىسز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئەمدى... باھانە تاپالماي ئاران تۇرۇۋاتقان ئوخشايسەن،... — يەنە يىغلاشقا باشلىدىم.

— سەن كۆز يېشىدىن ئىبارەت بۇ قورالنى ئىشلىتىپ، ماڭا بېسىم ئىشلەتمىسەڭمۇ بولۇدۇ، زېرىكسەممۇ، شەكلەنسەممۇ سېنى تاشلىۋەتمەيمەن، چۈنكى بۇ نامەرتلىك بولۇدۇ، سېنى ئانىي تاپقانلىق، بوزەك قىلغانلىق بولۇدۇ، ئەمما شەك ئېنىقلىققا ئېرىشىپ قالمىسۇن، شۇنىڭغا دىققەت قىل، مەن ھەر قاچان ئىزىڭدا! بۈگۈندىن باشلاپ!

ئۇ ئارقىسىغا قارىماستىن كەتتى.

ھەتتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەركەكچىلىكىنى، سۆزىدە تۇرۇدۇغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەرھاللا ماڭا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئانام-دادامنىڭ كېچىلىرى مېنىڭ غېمىمدە كۇسۇرلاشقانلىرىدىن خەۋىرىم بارىدى. قىز دېگەننى ئاچىقىپ بەرگىلى بولمىغاندىكىن، ئەلچى ساقلاپ ئولتۇرۇدۇغان گەپكەن ئەمەسمۇ؟ يېشىممۇ خېلى يەرگە بارغان، ئارقامدا ئېڭىكىمگە تاقىشىپ نەچچە ئىنىم تۇرسا، تېشىمىزغا چىقىرالمىغان بىلەن ئۆز گۆشىمىزنى ئۆزىمىز يېگۈدەك بولۇۋاتاتتۇق. مۇناسىۋىتىمىزدىن ئۆيدىكىلەرنىڭ خەۋىرى بارىدى. شۇڭا باشقا ئەلچىلەرگە نېمە دېيىش مەسىلىسى ئۇلارنى قىينايتى. ياق دەۋېرىپ، مېنىڭكىنى ساقلىساق، ئاخىرىدا بۇنىسى راست بولماي قېلىپ داغدا قېلىشتىنمۇ قورقماي بولمايتى. يا مەن ئۇنىڭغا «راست توي قىلىدىغان بولساڭ ئەلچى ئەۋەتكىن، ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆڭلى تىنسۇن» دېگەننى دېيەلمەيتىم. تازىمۇ قىيىن كېچىك ئىدى بۇ. بۇنى قىزى بارلار ئوبدان بىلىدۇ. دەل مانا شۇنداق تىت-تىتلىق ئىچىدىكى ۋەزىيىتىمىزدە ئۇلاردىن ئەلچى كېلىشى ئۆيدىكىلەرنى ئاجايىپ سۆيۈندۈرۈۋەتتى. بولۇپمۇ دادام خۇددى قاپ-قاراڭغۇ زىنداندىكى ئۇزاققا سوزۇلغان كۈنلىرىدىن بىردىنلا ئوچۇق ھاۋاغا، يورۇقلۇققا چىقىپ قالغاندەك يايراپ كەتتى. ئەتىۋار قىزىنىڭ ئىناۋىتى ئۈچۈن ئۇ شۇنچىلىك مەرتلىك كۆرسەتتىكى، ئەلچىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر ياخشى بىر ئائىلىگە كەلگەنلىكلىرىگە كۆزى يەتتى.

ئۇنىڭ دادا تەرەپ، ئانا تەرەپ تاغا، ھاممىلىرىنىڭ ھەممىسى، يېقىن قوشنىلىرى بولۇپ يىگىرمىدەك ئادەم كېلىشكەن ئىدى. گەرچە ئۇ ئاغزاكى ۋەدىلىرىدە تاشلىۋەتمەيمەن دەپ تۇرسىمۇ، يەنىلا قورقۇپ تۇرغۇنۇم ئۈچۈن، مەنمۇ ئۆيدىكىلەر ئالدىدا يۈزۈم يورۇق بولۇپ، بېشىم ئاسمانغا يەتتى. كېيىنكى ئىشلار كاپالەتكە ئېرىشكەندەك، كۆڭلۈم تەسكىن تاپتى. شۇغۇنىسى بۇ خىل ئاراملىق ئىپپىتىمنى يوقاتقاندىن كېيىن تاشلىنىپ كېتىش رەسۋاچىلىقىدىن قۇتۇلغانلىقىمنىڭ كاپالەتكە ئېرىشكەنلىكىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ھەرگىزمۇ بەختىمنىڭ كاپالەتكە ئېرىشكەنلىكى ئەمەس ئىدى.

ئۇ مەندىن كۆرۈنەرلىك سوۋۇپ كەتكەن ئىدى. بۇنىسى بىلىنىپلا تۇراتتى. ئۇ پەقەت ماڭا ئىچ ئاغرىتىش، ۋەدىلىرىدە تۇرۇپ ئەركەكلىكىنى كۆرسۈتۈش مەجبۇرىيىتى تۈپەيلىدىنلا ئۆزىنى زورلايتى. بۇنداق زورۇقۇپ ماڭا ئۆيلەنگەن تەقدىردىمۇ، «ئالدىڭمۇ؟ ئالدىم» شەكلىدە «شەرىئەتنى دۇرۇست قىلىپ»لا بىر نەچچە ئاي ئىچىدە چىرايلىقچە ئاجرىشىپ كېتىش توغرۇلۇق تەكلىپ بېرىدىغانلىقى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كېيىنكى چاغلاردىكى مېنى ئىزدەشلىرى پەقەت ھايۋانىي ئىستەكلىرى ئۈچۈنلا بولۇپ، مۇھەببەتتىن ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن ئۇ مېنى سۆيۈشكە ھىچ قىزىقماي قويدى. باشقا سىلاش-سىپاشلارمۇ تۈگىدى. ئۇ بەدىنىمنىڭ ھىچ يېرىگە قولىنىمۇ تەگدۈرگىسى يوقتەك، شۇنچىلىك يۈزسىزلىك بىلەن مەندىن يىراقلاشقان ئىدىكى، مەنمۇ پەقەت «ئەرگە تەگدىڭمۇ؟ تەگدىم» قىلىش ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا تېگىدىغاندەك قىلاتتىم.

مېنىڭ گۇمانلىق بولۇپ قېلىشىمدىن كېيىن مەندىن تېخىمۇ ھۆ بولۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇزاققىچە قارىسىنى كۆرسەتمىدى. تېلىپۇنمۇ قىلمىدى. تاكى ياز كىرگەنگىچە ئىشەنچ ۋە ئىشەنچسىزلىك ئارىسىدا يۇلقۇنۇپ ئۆتتۈم. ئۇنىڭ ماڭا «چاي ئىچۈرۈش»ىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولارمىدى؟ بىر نېمە دېيىش تەس. كۈندۈزى ئىشلەۋاتقان كۈنلىرىمدىن بىرىدە تېلىپۇن قىلدى. بۇ بەش ئاي ئارىلىقتىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق قايتا تېپىشىشىمىز بولۇپ قالاتتى.

— قاچان كېچىدە ئىشلەيسەن؟ — دەپ سورىدى ئۇ.

مەن كېچىگە ئالمىشىدىغان كۈنۈمنى ئېيتىپ بەردىم.

— قارا، مەن بىر كۈنى ئۇ تەرەپلەرنى كېزىپ كەلدىم، ياتىقىڭلارنىڭ يېنىدىلا ئورمان بارىكەن، كېچىلىرى يولدىن ئۆتۈدۇغانلارمۇ بولمىغاندىكىن، شۇ يەردە ئۇچقاشساق تېخىمۇ خاتىرىجەمرەك بولغۇدەك. مەن سائەت 11لەردە شۇ يەردە بولۇمەن. ياتىقىڭلارنىڭ ئالدىدىكى يول كۆرۈنۈپ تۇرۇدۇغان يەردە تۇرۇپ تۇرۇمەن، ئورمان تەرەپكە كەلسەڭلا مەن سېنى كۆرۈمەن. كېچىگە ئالمىشىدىغان بىرىنچى كۈنۈڭنىڭ ئاخشمىدا كۆرۈشەيلى.

ئۇ ھەتتا مېنىڭ رايىمنى سوراپمۇ ئولتۇرمىدى. بۇ بىر خىل شەرقچە ئەرلەر ھۆكۈمرانلىقىمىدى؟ ياكى، مەندەك قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتقۇزۇۋەتكەنلەرنىڭ مۇقەررەر جازاسىمىدى؟ راستىنى دېسەم مەندىمۇ بىر خىل ئۆچمەنلىك (كى بۇ ھەرگىزمۇ مۇھەببەتنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشى بولغان نەپرەت ئەمەس ئىدى) پەيدا بولۇپ، كۈنسېرى كۈچۈيۈپ بېرىۋاتاتتى. نېمىلىكىم بولمىسۇن ئۇنىڭغا تەۋە بولۇپ قالغانلىق قورقۇنچىدىنلا زورىغا باغلىنىپ تۇرۇۋاتاتتىم. شۇنداقلا، ئۇنىڭ ئۇچرۇشۇش تەلەپلىرىنى رەت قىلىشتىن قورقۇشۇمدا يەنە باشقا نۇرغۇن مۇرەككەپ سەۋەپلەر بارىدى. كىم بىلىدۇ، ئۇنى ياخشى كۆرۈش تۇيغۇلىرىمنىڭ سۇسلاپ بېرىشى بىلەن بىرگە، «ئۆزەم يېسەم سېسىق ئېشىم، خەققە بەرسەم ئېسىت ئېشىم» بولۇۋاتقان تەرىپىمۇ يوق ئەمەس دەپ ئويلايمەن. زېرىكىپ تاشلاش بىلەن قىيماسلىق ئارىسىدا جان تالىشىۋاتاتتىم. ئۇچۇ؟ ئۇنىڭدىمۇ مۇشۇنداق تۇيغۇ بارمىدى؟ مېنىڭچە ئۇنىڭدا «ئېسىت ئېشىم» دېگەن مەنىدىكى ياكى ھەرقانداق بىر قىيالماسلىق تۇيغۇسى قالمىغاندەك، پەقەت سۆزىگە سادىق قېلىشتەك، مەنمەنلىكىنى كۆرسۈتۈپلا قويۇپ، ئاندىن كارخانىلاردىن چىقىرىۋېتىلگەن كېرەكسىز ئەخلەتلەرگە ئوخشاش چىقىرىۋېتىش خىيالىلا بارىدى.

كېچە 12 دە باشلىنىدىغان ئىسمىنىغا ئالماشقان كۈنى ئادەت بويىچە شامدىن بۇرۇنلا ياتىقىمغا بېرىۋالدىم. ئاندىن سائەتنىڭ 11 بولۇشىنى سەبىرسىز كۈتۈشكە باشلىدىم. بۇ سائەتلەرنىڭ كېلىشىگە بولغان تەشنالىقىمنى چۈشۈنۈشمۇ، چۈشەندۈرۈشمۇ ئوخشاشلا تەس. نەپرەتلىنىشكە باشلىغان تۇرۇغلۇق، نېمىشكە بۇنچە تىت-تىتلىق ئىچىدە كۈتۈۋاتقىنىمنى چۈشۈنۈشكە تىرىشاتتىم. بەلكىم بىرەر خالىمىغان ئىش، مەسىلەن، بىر ئېغىر ۋەزىپە، ھاشار دېگەندەك ئىشنىڭ بولۇدۇغان بولسا بولۇپ، چاپسانراق قۇتۇلۇش مەزمۇنىدىكى ئالدىراشمىدى؟ ياكى بۇ قورقۇشمىدى؟ ياق، قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوقىدى. چۈنكى، تاغ ئارىسى كېچىدە شۇنچىلىك جىم-جىت ئىدىكى، يۈزدە-يۈز خاتىرىجەم بولۇشقا بولاتتى. ئەمما كۆڭلۈمدىكى بۇ ۋەسۋەسىنىڭ، تىپىرلاشنىڭ، يۇلقۇنۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشۈنەلمىدىم.

كۈتكەندە ۋاقىتنىڭ ئۆتمەيدىغىنى ھەممە كىشىگە ئايان، ئاشۇنداق جاننى قىينىغۇچى سېكونت ساناشلارنىڭ ئاخىرىسىدا سائەت 11گە 5 مىنۇت قالدى. ياز بولۇشىغا قارىماي، تاغ ئارىسى بولغاچ كېچىسى يەنىلا تەننى جۇغۇلدۇتۇدۇغان نەمخۇش سوغۇق بولاتتى. ئىشتا كېيىشكە بېرىلگەن كالتا جۇۋامنى كېيىپ، ئورمان تەرەپكە ھاجەتكە بارىدىغاندەك قىلىپ ماڭغانىدىم، شۇئاندا ئىشلەۋاتقان قىزلاردىن بىرى ماڭا ئەگەشتى. ئۇمۇ ھاجەتكە بارماقچىدى، ئەمما مەن ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ ئورمانغا قانداقمۇ بارالايمەن؟ ئۇنى ئازدۇرۇش خېلى تەس بولدى. مەن ئورماننىڭ ئەڭ يېقىن نۇقتىسىغا كېلىشىمگىلا ئارقامدىن تاپ باستۇرۇپ كەلگەن قىزنى باشقا تەرەپكە باشلاش ئۈچۈن خېلى ۋاقتىم كەتتى. ئەمدى ئۇنى باشلاپ يەنە قايتىپ كېتىشىم، ئاندىن يەنە بىر پۇرسەت تېپىپ، يەنە كېلىشىم كېرەك ئىدى. بۇ يەرنى ئەڭ تېنچ، خاتىرىجەم دېسەك، ئويلىمىغان پۇتلىكاشاڭنى قارىمامدىغان؟! ئۇ بۇلارنى كۆرۈپ تۇرغان بولسىغۇ، ياخشى، بولمىسا كېچىككەنلىكىم ئۈچۈن يەنە مەن گۇناكار بولارمەنمىكىن؟

يېرىم سائەت كېچىكىپ، ئىككىنچى قېتىم چىقتىم. توۋا، يەنە ۋاقتتا بولمىغان بۇ ئىشنى دەيمەن! ھېلىقى قىز خۇددى بىر نەرسىنىڭ شەپىسىنى ئالغاندەك، يەنە گېنېراتور ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئادەتتە چۈشۈرگىگە چىقىپ كېتىپ، سائەتلەرچە پەللەمپەيدە ياكى بېتون سۇپىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈپ كېلىدىغان چاغلىرىمدا ھىچ بىرىنىڭ خىيالىغا كېلىپ، نەدە يۈردۈڭ؟ دېمەيدىغان خەقنى، توۋا! ئالاقىزادىلىك ئىپادىلەپ ئۇنى تېخىمۇ گۇمانلاندۇرماسلىق ئۈچۈن دادىل مېڭىپ ئورمان تەرەپكە كەتتىم. ئورمان ئىچىدە — قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇپ كەينىمگە قارىغىنىمدا قىز ئىچكىرىگە كىرىپ كېتىپتىكەن، ئۇھ دېدىم-دە، ئالدىمغا — ئورماننىڭ ئىچىگە بۇرۇلۇشۇم بىلەنلا ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇن-بۇرۇنغا كېلىشىپ قېلىپ قورقۇپ كەتتىم.

— ئۇھ، ھەجەپ قورقۇتتۇڭا!

— نېمىگە «قاسساپقا پۇل بېرىپ ناۋايغا قارىغاندەك» كۆزۈڭ كەينىڭدە؟

— ئاۋۇ قىز،... مۇشۇ يەردە ئىشلەيدىغان قىز بايا...

— ھە، كۆرۈپ تۇردۇم، بولدى، كېلە بۇ ياققا...

— بۇ قېتىم يەنە چىقىپ قاراپ تۇراتتى، يەنە كېلىۋاتامدىكىن دەپ،...

— كەلمەيۋاتىدۇ، كىرىپ كەتكىنىنى كۆردۈم. ئورمان ئىچى بەك لايمۇ نېمە، يېڭىدىن سۇ سېلىۋەتكەندەك...

مەنمۇ قۇرۇقراق يەرلەرنى ئىزدىشىپ، بىردىنلا ئاياقلىرىمنىڭ قۇرۇق يەرگە دەسسىگەنلىكىنى ھىس قىلىپ، تېخىمۇ ئەمىن بولۇش ئۈچۈن يەرگە ئېڭىشىپ تۇتۇپ بېقىپ:

— مەيە قۇرۇقكەن، — دېدىم ۋە ئالدىراپ-تېنەپ كالتا جۇۋامنى چىقىرىپ، يەرگە سالدىم.

— يو! نېمانچە ئالدىرايسەنۇي، ئارانلا قالغانكەنسەنمۇ نېمە؟ — دېدى ئۇ زەھەرخەندىلىك ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن.

غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى. شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدىكى ۋە بۇ سۆز شۇنچىلىك يولسىزلىق بىلەن ئېيتىلدىكى، ئەسلىدە ئۇنىڭ تەستىكىگە شالاققىدا قويۇپ كېتىشىملا كېرەك ئىدى. ئەمما، ئۆزەمنى تۇتتۇم. تالاش-تارتىشمۇ قىلمىدىم. ئۇنداق قىلسام ھەر ئىككىمىزنىڭ كەيپى ئۇچاتتى. چىشىمنى چىشلەپ:

— ئۇزاق يوقاپ كەتسەم ئىشداشلىرىم خاتا ئويلاردا بولمىسۇن، بالدۇرراق قايتاي دەيمەن، — دېدىم. بۇمۇ راست ئىدى.

ئەمما، ئۇنىڭ ئويلىغىنىمۇ راست ئىدى. ئالدىرىمىدىم دېسەم يالغان بولاتتى. نېمىشقا ئالدىرىماي؟ بىزنىڭ كۆرۈشمىگىنىمىزگە بەش ئايدىن ئاشقان تۇرسا، ياش تۇرسام،... شۇنىمۇ توغرا قوبۇل قىلالمىغىنىنى قارىمامدىغان! ئالدىرايدىغانغا ئۈگەتكەن ئۆزى تۇرۇپ، يۈزسىزلىكىنى بۇنىڭ! توۋا! مېنىڭ كەيپىمغۇ خېلىلام ئۇچۇپ بولدى، كۆڭلۈم غىققىدىلا بولۇپ قالدى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ قالدىم. ئۇنىڭ كەيپى ئۇچسا، كۆڭلى لەت يېسىلا شۇ ھامان پەشنى قېقىپ كېتەتتى. «ئېنەك ئۇنىمىسا تۇتۇپ بەرگۈلۈك، بۇقا ئۇنىمىسا قانداق قىلغۇلۇق» دەيدىغان گېپىمىز بار ئەمەسمۇ. مەن لەت يېسەم بولۇۋېرىدۇ، ئەمما ئۇ لەت يېسە بەش ئايلىق كۈتۈشنىڭ نەتىجىسى تۈگىدى دېگەن گەپ.

ئەنە شۇ چاغدا تۇنجى قېتىم ئاياللارنىڭ جىنسىي سېغىنىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ھىس قىلدىم. ھىچ بولمىغاندا بۇنداق ھىسىياتنى ئىپادىلەش ھوقۇقى يوقكەن. مەن بۇ تەڭسىزلىككە ھەيران قېلىش بىلەن بىللە شۇنچىلىك ئاچچىقىممۇ كەلدى، تە بولدۇم، ھەتتا ئۈنسىز يىغلىۋەتتىم. بوپتۇ، بۇ قېتىم كەتسۇن، كېلەر قېتىم ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ، «ھىچ سېغىنىپ كەتمىگەن»لىكىمنى ئىپادە قىلىپ باقاي، نېمە دەيدىكىن دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن كەچۈردۈم.

... كېتىشكە جابدۇنۇپ، ئۈستىۋېشىمنى تۈزەشتۈرۈۋاتقاندا نېمىشكىدۇر يەنە يىغلاپ سالدىم. يەنە بۇرۇنقى چاغلاردىكىدەك سەۋەبىنى ئۆزەممۇ چۈشۈنەلمىگەن بىر خىل يىغا. ئۇ يەنىلا نېمىگە يىغلايسەن دەپ سورىمىدى. باشلىرىمنى سىلاپ، پەپىلەشلىرىدىن ئۈمىتمۇ يوقىدى. بەلكىم، يامان دېسەممۇ يەنىلا كونا قەدىناس بولغاچقا، ئۇزاق سېغىنىشتىن كېيىنكى ئۇچرۇشۇشنىڭ شۇ كىچىككىنە مەمنۇنلۇقى تېزلا ئاخىرلىشىپ، ھاياتنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان مۇشۇ قۇسۇرلۇق بەختىنىڭمۇ بىللە ئاخىرلىشىدىغانلىقى، ئۇ كېتىشى بىلەنلا جىمجىتلىققا چۆككەن نەمخۇش جىلغىنىڭ قاراڭغۇلۇقى خۇددى ھەممە نەرسەمنى يۇتۇپ كېتىپ، مەن كويىقاپتا تەنھا قالغاندەك يالغۇز قالىدىغانلىقىمدىن يىغلىدىممىكىن؟

— ئەگەر يەنە يېرىم سائەت، بىرەر سائەتلەردىن كېيىن چىقالايدىغان بولساڭ، كۈتۈپ تۇرۇمەن، — دېدى ئۇ. ئۇ ئۆز نەپسىنىڭلا كويىدا ئىدى. مېنىڭ يىغامنىڭ سەۋەپ ۋە مەزمۇنلىرىغا قىزىقمايتى. مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانانىزىمنىڭلا ئورنىنى باسقان بىر ماشىنا بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئىدىم. بۇلارنى چۈشۈنۈپ تۇرغۇنۇم ئۈچۈن يىغام تېخىمۇ كۈچۈيۈپ كەتتى. يىغامنى باسالمىغان ھالدا بېشىمنى لىڭشىتتىم. ماڭىمۇ خۇددى شۇنداق ئانانىزىم ماشىنىسى لازىممىدى؟ ياكى باشقا سەۋەپلىرى بارمىدى؟ ئىتائەتكە كۆنۈپ كەتكىنىمدىن مىخانىك ھالدا باش لىڭشىتىۋەتتىممۇ؟ بۇلارنى ئوبدانراق ئويلۇنۇۋېلىشقىمۇ رەغدىم يوق، كۆز ياشلىرىمنى سۈرتكەچ ئالدىراپ ئورماندىن چىقىپ كەتتىم.

كېيىن بىرەر سائەتچە ئارىلىق بىلەن ئىككى قېتىم چىقتىم.

 

تاغ ئارىسى شۇنچىلىك گۈزەل بولسىمۇ يەنىلا زېرىكىشلىك ئىدى. بۇنداق مەنزىرىلىك جايلاردا كۆڭۈلدىكى كىشىڭ بىلەن بىللە بولساڭ، ياۋا گۈللەر بىلەن قاپلانغان يانباغىرلارنى قول تۇتۇشۇپ بىللە كەزسەڭ ئاندىن مەزىسى بولۇدۇ-دە. ھاۋا قوغۇشۇن رەڭلىك تۈس ئالدىمۇ بولدى، قارشى تەرەپتىكى تاغلارمۇ تۇمان ئىچىدە غايىپ بولۇدۇ. دائىمىي يامغۇرلۇق باھار ۋە يازنىڭ باشلىرىدا ئاق يېغىن ئېلىپ كەلگەن سۈكۈنات تېخىمۇ جاننى سىقىپ، بوغۇنۇقتۇراتتى. يامغۇر ياغمىغان، ئەمما ھاۋا تۇتۇق بولغان چاغلاردىمۇ كۆكاتلارنىڭ، بولۇپمۇ مارالقۇلاقلارنىڭ يوپۇرماقلىرى يالتىراپ، كۆزگە كۆرۈنمەس سۇ زەررىلىرىنىڭ تۆكۈلۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دالالەت بېرەتتى. بۇنداق كۈنلىرى ئادەمنىڭ ئۈستى ھۆل بولمايتى، ئەمما چىمەنلىكتە ماڭىدىغان بولسا ئاياغ ۋە پۇشقاقلار بىردەمدىلا ھۆل بولۇپ كېتەتتى.

چۈشۈرگىگە چىقىپ كېتىپ، بېتون سۇپا ئۈستىدە سالاسۇنغا يۆلەنگىنىمچە ئۆرە تۇرۇپ ئۇزاقلارغا نەزەر سېلىپ سائەتلەپ تۇرۇپ قالاتتىم. مېنى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىۋاتىدۇ دېگىلى بولمايتى. چۈنكى كۆزلۈرۈم تىكىلىپ تۇرغان تەرەپلەرنى كۆرۈۋاتقىنى يوق، تامامەن دىققەتسىز ئىدىم. ئۆز غەملىرىم بىلەن مەشغۇل دېسەممۇ بولاتتى. كونكرېتراق قىلىپ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى دەپ بېرەلمەيتىم. شۇئانكى روھىي ھالىتىم خۇددى تۇتۇلمىغان جىنايەتچىنىڭ روھىي ھالىتىگە ئوخشايتى. ھامان تۇتۇلۇپ قېلىش خەۋپى ئىچىدە ئەسەبلىرى يايدەك كېرىلگەن جىنايەتچى، بەزىدە تۇتۇلۇپلا قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان، بولغۇلۇقنىڭ بولۇپلا بىراقلا خاتىرىجەملىككە ئېرىشىشنى خالاپ قالغىنىدەك بىر تۇيغۇ مەندىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بۇنداق ئارىسالدىلىق، شۈبھە، بىسەرەمجانلىق، تەشۋىش ئىچىدە روھىم شۇنچىلىك چارچىغان ئىدىكى، «تاشلىساڭ گاچچىدا تاشلىۋەت مېنى، تاشلىۋەتتىم دېگىن-دە، مەن بىر ئۇھ دەي!» دېگۈم كېلەتتى ئىچىمدىن. شۇغۇنىسى، ھىچ ئىش بولمايۋاتاتتى. توينىڭ ۋاقتى ھەققىدىمۇ لام-جىم دېيىلمەي ۋاقىت كېتىۋاتاتتى. تەڭتۇشلار بالىلىق بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئەڭ ئەۋەل توي قىلىشىمىز كۈتۈلگەن بىزلەرنىڭ تېخىچە تارتىشماق ئويناپ ئولتۇرۇشىمىز يۈرەكنى غاجاپ يەيتى.

ئۇ يەنە كۈندۈزى تېلىپۇن قىلدى. كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، مەن تىل چايناپ، خالىمىغاندەك كەيپىياتتا بولدۇم.

— خېلى تويۇنۇپ قاپسەنغۇ، — دېدى ئۇ ئويلىمىغان يەردىن. بۇنىسى تېخىمۇ ھاقارەتلىك ئىدى.

دېمەك، مەن ھىچقانداق قىلىپ ئىشەنچلىك بولالمايتىم. مېنىڭ سېغىنغانلىق ھەققىدىكى ئىپادەممۇ، سېغىنمىغانلىق ھەققىدىكى ئىپادەممۇ ئوخشاشلا ئۈستۈمدىكى شۈبھىنىڭ كۈچىيىشىگىلا خىزمەت قىلاتتى. ئىچىم تەسۋىرلىگۈسىز ئاچچىققا تولدى. كۆرۈۋاتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى شۇنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردى: بۇلار خۇددى پايپاق، پەلەي ياكى شۇنىڭدەك ئىلمە-توقۇلما ماتىرىياللارغا ئوخشاش قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەن. ئەڭ ئاخىرقى بىر چېگىك بىلەن تاماملانغان بۇ توقۇلمىنىڭ ئاشۇ باشتىكى بىرلا چېگىكى يېشىۋېتىلىپ يا كېسىۋېتىلىپ يىپنىڭ ئۇچى چىقىرىلسىلا بىر باشتىن سۆكۈلۈپ توختاتقىلى بولمىغاندەك، مېنىڭ ئىشەنچلىكلىكىممۇ خۇددى شۇنداق توختاتقىلى بولماستىن سۆكۈلۈۋاتاتتى. بۇ ئاخىرقى چېگىك — مېنىڭ ئىپپىتىم ئىدى.

غەزىپىم قوزغالغىنىدىن ئەمدى تىرەجەشكە باشلىدىم. تېلىپۇننى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەنلا يېنىمغا كېلىۋالغان ھېپىزىخان، مەن بىلەن بىللە ئاۋازلارنى ئاڭلىماقچى بولۇپ، تېتىقسىزلىق قىلىۋاتاتتى.

— ناراق تۇرۇپ تۇرۇڭە، — دېدىم ئۇنىڭغا ئاچچىقىم بىلەن ئەمەس، چاخچاق قىلغاندەك قىلىپ، — كېسەل بولۇپ قاپتىكەنمەن.

— يېنىڭدىكى كىم؟

— مەن بىلەن ئىشلەيدىغان بىر بالا...، — ناراق تۇرۇڭە ھېپىزىخان، گەپلەشكىلى قويۇپ.

— كىم بىلەن گەپلىشىۋاتىسىز؟ مۇھەببىتىڭىزمۇ؟

— قانداق قىلاتتىڭىز؟ — دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ، — ناراق تۇرۇوڭە، نېمانداق...

— ھىچ چولاڭ تېگىدىغاندەك قىلمايدىغۇ، ماڭا؟ — دېدى ئۇ تەئەددى بىلەن.

— ياق، ئۇنداق ئەمەس، گېپىڭنى دەۋەر، — دېدىم مەن يەنە شوخ قىزلاردەك، ئۆزەمچە غەمدىن تۈگۈشۈپ كەتكەندەك كۆرۈنسەم ئۇ مېنى تېخىمۇ ئەزمىسۇن دەپ ئويلاپ، خۇددى پىسەنت قىلمايۋاتقاندەك، ئۆزەمنى خاتىرىجەم كۆرسۈتۈشكە تىرىشىپ.

— دېگەنلىرىمنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ تازا دىققىتىڭ مەن تەرەپتە بولماي ئۇقالماي قالدىڭمۇ؟ — دېدى ئۇ. ھېپىزىخان تېخىچە بىزەڭلىك بىلەن يېنىمدا ئىدى. بىر قولۇمدا ئۇنى ئىتتىرىپ تۇراتتىم، ئۇ بولسا قۇلىقىنى ترۇپكىغا يېقىشقا تىرىشاتتى.

— ئاڭلىدىم، ئاڭلىغاچقا جاۋاپ بەرگەندىمەن؟!

— نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭ؟

— كېسەلمەن، بولمايدۇ، دېدىمغۇ؟

— كېسەل بولۇپ قالغانلىرىڭنىمۇ ئاشۇ يېنىڭدىكىنىڭ قېشىدىلا دەۋېرەلەيدىكەنسەن-ھە؟ ئۇ خېلى يېقىنلاردىن ئوخشىمامدۇ؟ — دېدى ئۇ گۇمان بىلەن.

— ياق، ئۇ گەپلەرنى ئۇقمايدۇ، چۈشەنمەيدۇ؟

— ساراڭمۇ ئۇ؟

— مېنى ساراڭمۇ دەمدۇ نېمە؟ — دېدى ھېپىزىخان چالىراق ئاچچىقلاپ.

— مەن ساراڭ ئەمەس دەۋاتىدۇ، ئەنە، — دېدىم قانداق شەيتاننىڭ مېنى قاياققا يېتىلەۋاتقىنىنى پەرق ئەتمەستىن مەسخىرە قىلغاندەك كۈلۈپ.

تاراققىدە قىلىپ ترۇپكىنى قويۇۋەتتى ئۇ.

ھەيرانمەن، ھىچقانداق ئىنكاس قوزغالمىدى مەندە. بۇنىڭدىن بىرەر بالا-قازا تۇغۇلار، مەن بىلەن ئەمدى بولدى قىلىپلا ئالاقىسىنى ئۈزەر،... دېگەندەك ۋەھىمىگىمۇ پاتمىدىم، «ئاگاھ بول، ئىزىڭدا مەن» دېگەنلىرىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدىم؟ ياكى ھېلىقى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىنىڭ روھىي ھالىتى بىلەن، بولۇدۇغان ئىشنىڭ تېزرەك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى، چىقاننى بالدۇرراق ئېغىز ئالدۇرۇش ئۈچۈن پىياز تاڭغاندەك ئىش قىلغانمىدىمكىن، ئېنىق ئەمەس، خۇددى گاڭسادەكلا ئىدىم.

چۈشۈرگىگە چىقىپ كېتىپ، ئوڭ تەرەپكە بۇرالغان جايدىكى بەش باسقۇچ پەللەمپەي ئۈستىدە ئولتۇردۇم. ئاياغ تەرىپىمدە كىچىككىنە چاسا مەيدانچاقتىن كېيىن تۇرۇببىغا پاراللېل چۈشۈپ كەتكەن ئاشۇ ئۇزۇن پەللەمپەيلەر، تۇربىنى ياۋا كۆكاتلار بىلەن ياۋا گۈللەر ئوراپ كۆمۈۋېتەيلا دەپ قالغان ئىدى. بۇ يەردە خېلى ئۇزاق ئولتۇردۇم. قانچىلىك ئولتۇرغۇنۇمنى راستىنلا ئېنىق بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ، زېرىككەندە ئاندىن قايتىپ چۈشتۈم. مېنى بىر خەۋەر كۈتۈپ تۇرۇپتىكەن:

تېلىپۇن ترۇپكىسىنى تاراقلىتىپ قويۇپلا ئۇ بۇ تەرەپكە ئاتلانغان بولسا كېرەك، مەخسىدى ھېپىزىخاننىڭ زادى قانداقراق يىگىت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان بولۇشى مۈمكىن، تونۇپ قوياي دېدىمىكىن يا، ئىشقىلىپ، مەن يوقۇرىغا چىقىپ كەتكەن ئارىلىقتا بۇ يەرگە چىقپتۇ ۋە گېنېراتور ئۆيىگە كىرىپتۇ. بۇ چاغدا ھېپىز شىرە ئالدىدا چاچ تاراپ ئولتۇرغان بولسا كېرەك، چۆچۈپ كېتىپ:

— كېلىڭ، — دەپتۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ. (بۇنى باشقا بىر قىزدىن ئاڭلىدىم.)

ئەمما ئۇ بوسۇغىدىن ئاتلىغان يېرىدە بىر مىنۇتچە ھېپىزغا مىختەك تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا چىقىپ كېتىپتۇمىش! پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈن 14 كلومېتېر يول مېڭىشقا ئەرزىمدىغاندۇ؟ ئۇ زادى نېمە مەخسەتتە چىققان، نېمىشقا بىر مىنۇتتىلا قايتىپ كەتتى؟ بۇلار مېنى بىر كۈن كەچكىچە مەشغۇل قىلىۋالدى. ئەمما ئەتىسىدىن باشلاپلا يەنە ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. يەنە شۇ بايىقىدەك، بىزەڭ بولۇپ قالدىم. نېمە بولسا بولار، قانداق قىلاي؟ دەيدىغاندەك غەلىتە روھىي ھالەت.

ھېپىز بوشاپ كەتتى. ئۇنىڭ ھەممىگە چېپىلىپ، قىزلار بىلەن يىلىم-چۆچەكتىن تارتىپ ھەممە نېمىنىڭ پارىڭىنى قىلىشىۋېرىدىغان غەلىتىلىكى، گېنېراتور ئۆيىدىكى ماشىنا غوڭ-غوڭىدىن باشقا سادا بولمىغان جىملىقنى بۇزۇپ تۇرۇدۇغان كۈلكە-چاخچاقلار ھېپىزسىز ئەپلەشمەيلا قالدى. ئۇ ھەممىمىزنىڭ قونچىقى، ئويۇنچۇقى، شاڭخو ئوبېكتى ئەمەسمىدى. ئۇنىڭ جىمىپ قېلىشىدىكى سەۋەپنى دەرھال بايقىدىم. ھېپىز ئۆزىگە بىر مىنۇتچە تىكىلىپ تۇرۇپ قايتىپ كەتكەن يىگىتىمدىن قورقۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ناھىيە بازىرىدا بىرەر يەردە قاتتىق تاياق يەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتاتتى. بۇ يەردىكى زېرىكىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھېپىزدا خاتىرىجەملىك ئويغۇتۇش ئىھتىياجىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتمۇ شۇنداق دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ھېپىزغا:

— ھېپىزىخان، سەن قورقۇپ كەتمىسەڭمۇ بولۇدۇ، ھەر ئىش بولسا سېنى ئەمەس، مېنى گۇناھكار دەپ قارايدىغان بولغاچقا، سەن بىلەن كارى بولمايدۇ، ماڭا ئىشەن، — دېدىم.

ھېپىز گېپىمگە دەرھال ئىشىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تۇغما مىجەزىدىكى سۇيۇقلۇق، تېتىقسىزلىق بەرىبىر ئۇنىڭ ئېغىر مىجەز بولۇۋېلىشىغا ئۇزاق يول قويمىدى. ئىككى كۈندىن كېيىنلا ئېچىلىپ كەتتى. بۇ قېتىم ھېپىزنى تولۇق خاتىرىجەم قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بۇرۇختۇملۇقتىن ئۆزەمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭغا سىرلىق بىشارەتلەرنى بېرىپ، ئۇنى جاسارەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ تامالىرىنى كۈچەيتتىم. بىر ئايال ئۈچۈن ئارقىسىدىن قوغلۇشۇدۇغان بىر ئەركەكنىڭ بولۇشى يەنىلا يېقىشلىق بىر ئىشقۇ، بىرنەچچىسى تالاش ئىچىدە بولسىغۇ تېخىمۇ روھىي كەيپىياتنى كۆتۈرۈدۇغان ئىش بولۇدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كونىلار: «خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك؟» دېگەن ئەمەسمۇ؟ مانا شۇنداق قىلىپ، ئۆزەمنى زورىغا «خېرىدارلىق» قىلىش ئارقىلىق مەنىۋىي بوشلۇقۇمنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتاتتىم. كىنولار، ھىكايە-چۆچەكلەر، رومانلار، ئومۇمەن ئۈستقۇرۇلما مېدىياسىدىكى كىشىلەرنى ئەخلاققا ئۈندەشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىدىغان ئاشىق-مەشۇق ئويدۇرمىلىرى، ۋاپادار ئەر-خوتۇنلار ھەققىدىكى بايانلارنىڭ كۈلكىلىكلىكىنى بايقاپ قالدىم. نەدىمۇ ئاشۇنداق ئىش بولسۇن؟ بىر ئىنساننىڭ مەڭگۈ بىر گۈلنىلا ياخشى كۆرۈشى، باشقىسىغا ھەۋەس قىلماسلىقى،... سەپسەتىسى نەقەدەر كۈلكۈلۈك-ھە؟ دېگەنلەر كۆڭلۈمدىن كېچىدىغان بولۇپ قالدى. بۇلار ئەخلاقشۇناسلارنىڭ، جەمىيەتتىكى بېقىندۇرغۇچى كۈچنىڭ ئارزۇسى.

ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم كۈچلەرگە بېقىندىلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرۈدۇ. بېقىندىلىقتىن خالىي بىرمۇ جان يوق. ئەمما بۇ بېقىنىشنىڭ دەرىجىلىرى ھەر خىل بولۇدۇ. مەسىلەن، دىن، ئەخلاق قاراشلىرى، ئەنئەنە، دۆلەتنىڭ قانۇنى، كۈلتۈر توپىنىڭ تۇرمۇش قاراشلىرى قاتارلىق دائىمىي ۋە مەڭگۈلۈك بېقىندۇرغۇچىلارنى كۆرسۈتۈش مۈمكىن. ئىنسانلارنىڭ بەزىلىرى بۇلار ئىچىدىن مۇقەددەس بولغان دىن، ئەنئەنە،... قاتارلىقلارنىڭ بېقىندىلىقىنىمۇ رەت قىلىپ، خاسلىق قازىنىشى مۈمكىن، ئەمما، دۆلەت قانۇنىغا يەنىلا بېقىنىشقا مەجبۇر. چۈنكى ئۇنىڭ جازاسى يېقىندا ۋە كونكرېت. ئەمما يەنە بىرمۇنچە ئادەملەر يەنە شەخسلەرنىڭ بېقىندىلىقىغىمۇ چۈشۈپ قالۇدۇ. بېقىندۇرغۇچىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىنى مېنىڭسىگەن بولۇدۇ ۋە ئۆزىمۇ سەزمەستىن بۇنى ئۆز ئارزۇسى ھىساپلايدۇ.

مېنىڭچە جىنسىي ئەخلاق، مۇھەببەت، نىكاھ مەسىلىلىرىدە مانا بۇ ھالنى ئېنىق كۆرۈش مۈمكىن. مەسىلەن: زىكرى قىلىنغان مەڭگۈلۈك ئاشىق-مەشۇقلار، ۋاپادار ئايال، ساداقەتلىك ئەر دېگەنلەر ئەسلىدە بېقىندۇرغۇچىلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئەڭ قاتتىق مۇپتىلا بولغۇچىلار بولۇپ، ئۇلاردا كۆرۈلۈۋاتقان «ۋاپادارلىق»، «مەڭگۈ بىرىنىلا سۆيۈش» دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە بېقىندۇرغۇچىلارنىڭ تەلىپى، بۇ شەخسلەرنىڭ ئۆز ئارزۇسى ئەمەس. مەجبۇر قىلىنغانلىقتىن كېلىپ چىققان نەتىجىنىڭ چىرايلىق ئاتىلىشى! ئايالى بار تۇرۇپ، يەنە بىر چىرايلىق ئايالنى كۆرگەندە ھىچ قىزىقىش، ھەۋەس ئويغانمايدۇ دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ ئۇ ئۆز ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى ئەمەس، بېقىندۇرغۇچىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشقا كۆندۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنى تەلەپتىكى مەزمۇنلارغا كۆرە كونترول قىلىدۇ، خالاس! يەنى، ئەخلاقلىق بولۇپ كۆرۈنۈشكە مەجبۇر بولۇدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئىنساننىڭ «ئۆز»ى ئەمەس، ئۇنىڭ جىسمىدا رول ئويناۋاتقان بېقىندۇرغۇچىنىڭ ئىرادىسى.

مەن بىر ئاز ئاڭقاۋ، بىر ئاز تەلۋىلىشىپ قالغاندەك قىلدىم شۇ كۈنلەردە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆزەمگە قىلىنغان ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۇنتۇپ، ئۆزەم ھەققىدە شۈبھىنى كۈچەيتىدىغان ئىشلارغا دىققەت قىلىشتىن غاپىل بولدۇم.

كېچىدە ئىشلەۋاتقان كۈنلىرىم ئىدى. مەن ئۇنى خالاپ قالدىم. ئىچىمدىكى تىت-تىتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن روھىم يۇلقۇناتتى. ئەمما ئۇ تېلىپۇن قىلماي قويدى. بۇنچە ئۇزاق جىملا يوقۇلۇپ كېتىشى مېنى ئەنسىرىتىش بىلەن بىرگە يەنە تاشلىۋېتەي دېگەندە يەنە لازىمى بولۇشى ھەققىدە ئىككىلىنىشكە مەجبۇر قىلىدىغان ئەسكى نەرسىگە ئوخشاش، قىيالماسلىقمۇ ئويغۇنۇۋاتاتتى. «بىر كۈنلۈك ئەر-خوتۇنچۇلۇقتا قىرىق يىللىق مىھىر بولۇدۇ» دەيدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئارىمىزدا نېمىلىكىم بولمىسۇن تاتلىق دەملەر بولغان، كۈچلۈك سېغىنچ، ئازاپلىق قېيداشلارنى ئۆتكۈزۈشكەن، خۇي-پەيلىمىزمۇ ئۆزئارا تونۇشلۇق بىرسى-دە! ئەگەر ئۇنىڭدىن ئايرىلسام، يەنە قانچىلىك ئۇزاقتا مۇشۇنچىلىك بىر يېقىنلىقنى باشقا بىرسى بىلەن ھاسىل قىلالايمەن؟ ئەگەر مۈمكىن دېيىلگەن تەقدىردە؟ بۇ خۇددى يۈز يىل داۋام قىلغان قەسىر قۇرۇلۇشىغا ئوخشايتى. قەسىر پۈتەي دېگەندە يەربىلەن يەكسان بولسا نى ئەلەم؟ ئۇنى يەنە قايتىدىن باشلاش نەقەدەر قىيىن ۋە كىشىنى ئېرىندۈرۈدۇغان، روھنى تالدۇرۇۋېتىدىغان ئېغىرچىلىق؟!

گېنېراتور ئۆيىدىن سىرتقا چىقىپ كەتسىلا ماشىنىنىڭ غوڭ-غوڭى ئاڭلانمايتى ياكى يەرنىڭ تېگىدىن كېلىۋاتقاندەك جىددىي سۈپەت ئۆزگۈرۈشى قىلىپ، خۇددى چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلدىشى جىمجىتلىقنىڭ زىننىتى بولغاندەك، جىمجىتلىقنى مۇكەممەللەشتۈرگەن بىر ئامىلغا ئايلىناتتى. جىلغىنىڭ نەمخۇش ساپ ھاۋاسىنى سۈمۈرۈپ-سۈمۈرۈپ نەپەس ئالۇدۇغان بولساڭ قانداق راھەت! ئۇنىڭدا جىلغىنى تولدۇرغان ھاۋارەڭ پىچان گۈللەر بىلەن سېرىق ئېچىلىدىغان مامكاپ گۈللىرىنىڭ، باشقا تۈرلۈك تۈمەن كۆكاتلارنىڭ پۇراقلىرى ئارىلاش بولۇپ، خۇددى ھاۋانىڭ ساپلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغاندەك تولۇقلۇما رول ئوينىغان ئىدى.

ئالدى ئىشك تەرەپكە چىقىپ، ياتاققا كىرىپ، بىردەم ئۆزەمنى كارۋاتقا ئېتىپ يىغلۇغۇم كەلدى. ئەمما ياتاق بىنامىزغا پاراللېل، گېنېراتور ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە ئۇدۇل چۈشكەن يولغا چىقىپ، بۇ يولنىڭ جىلغىدىكى ماشىنا يولىغا تۇتاشقان ئۇچى تەرەپكە قاراپ خىيالغا چۆكۈپ تۇرۇپ قالدىم. ئاشۇ ئىككى يولنىڭ قولتۇقىدىن باشلىنىپ تاكى ياتىقىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى دۆڭگىچە قارىيىپ كۆرۈنۈۋاتقان سۈنئىي ئورمان تاتلىق قىچىشىدىغان ۋە شۇنىڭغا ئارىلاش ئېچىشىدىغان يارامنى تاتىلىۋەتكەندەك بولدى. بىز ئەنە شۇ ئورماندا تۇنجى ئۇچراشقان كۈن خاتىرەمگە كېچىش بىلەن شۇنى ئەلەم ئىچىدە ھىس قىلدىمكى، ئاشۇ كۈنلەردىنمۇ ئاغرىنغان ئىكەنمەن، ئەمما ئۇنىسى بۈگۈنكى كۈنلىرىمدىن خوپ تاتلىق ۋە بەختلىك ئىكەندۇق! بىردىنلا يەنە شۇنى بايقىدىم: ھەربىر ئۆتكەن كۈنۈم — تۈنۈگۈنۈم بۈگۈنۈمدىن كۆپ ياخشى ئىكەن!

تەسەللىيگە مۇھتاجلىقىمنى ھىس قىلدىم. ئاڭسىز يوسۇندا ئارقامغا ياندىم. گويا ئىشداشلىرىمدىن بىرەرسى مېنىڭ كۆڭلۈمدە كېزىۋاتقان قاراقۇيۇندەك روھىي بوھرانلىرىمنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغان ۋە كېلىپ ماڭا تەسەللىي بېرىدىغاندەك بىر تاما بارىدى. ئەمما مەن ئۆزەم ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز دەردىمنى تۆكۈپ، ئاندىن تەسەللىي بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالىمايتىم.

پىشقەدەم يولداش ئۇستا بىرىڭلا سۇنى ئازراق كۆپەيتىپ قويساڭلاركەن، دېيىشىگىلا، خۇددى ئەنە شۇنچىلىك بىر باھانىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، ئارقا ئىشككە قاراپ ماڭدىم. بىكاردىنلا 65 پەللەمپەينى بېسىپ دۆڭگە چىقىش ئېغىر ئىدى، ئەمدى ۋەزىپە باھانىسىدا چىقىپ، ئىگىزدە ئولتۇرۇپ بىردەم خىياللىرىم بىلەن مۇڭداشقۇم بارىدى.

مەن تېخى بەش پەللەمپەي چىقار-چىقمايلا ئارقامدىن ھېپىزنىڭ:

— مەنمۇ چىقىمەن، — دەپلا پالاق-پۇلۇق قىلىپ يۈگرىگىنى ئاڭلاندى. بىرنەچچە سېكونتتىلا ھېپىز مەن بىلەن تەڭلەشتى. چۈشۈرگە تۇربىسى تەرەپكە قارىتىپ قويۇلغان كۈچلۈك چىراق نۇرى پەللەمپەي ۋە تۇربا بويلاپ، يوقۇرۇلاپ كەتكەن يورۇق كارىدور ھاسىل قىلغان ئىدى. ئىككى تەرەپ ۋە باش ئۈستىمىزنى گۆرىستان قاراڭغۇلۇقى ئوراپ تۇراتتى. بۇ ھال بەكمۇ رومانتىك بولۇش بىلەن، چۆچەكلەردىكى ئاللىقانداق قورقۇنۇچلۇق تەسۋىرلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن خىيالىي بىر كۆرۈنۈش قۇراشتۇرۇپ چىقىلىدىغان بولسا بەكمۇ جەزىبىدار بولاتتى؛ ئەگەر ئاشىق-مەشۇق رومانلىرىدىكى شېرىن مىنۇتلارنىڭ تەسۋىرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يېڭى كۆرۈنۈشلەر ياسالسا تېخىمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ كېتەتتى. توۋا، خىيال دېگەن ئەجەپ نەرسە-ھە!

ئۇدۇل چىقىپ ئوڭغا قېيىپ، بەش باسقۇچتىن كۆتۈرۈلۈپ، دۆڭ يۈزىگە تەڭلەشكەن يەردىلا ئولتۇردۇم، پۇتۇمنى ئىككى باسقۇچ تۆۋەندىكى پەللەمپەيگە بېسىپ، چۈشۈرگە تۇربىسىغا يۈزلەندىم. ئارقام ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق دېۋىلەر ماكانىغا تەسەۋۋۇرلۇرۇمنى ئۇلايدىغان قاراڭغۇلۇقنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئالدىمدىكى 0.8 مېتېر دىئامېتېرلىق تۇرۇببا، تۇرۇببىنى يۇمشاق تەنلىرى بىلەن يېپىۋالايلا دەپ قالغان يېشىل كۆكات ۋە رەڭگا-رەڭ ياۋا گۈللەر بولسا كۈندۈزدەك يورۇقلۇق ئىچىدە ئىدى.

— ئاتايىن چىققاندىكىن سىز سۇنى ئېچىپ چۈشۈڭە، — دەپ ھېپىزغا ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋەتتىم. ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۆستەڭ قىرىغا چىقىشىمىزنىڭ كېرىكىمۇ يوقىدى.

— سىزمۇ كېلىڭ، چۈشۈرگە سۇپىسىدا ئولتۇرساق تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ — دېدى ھېپىز.

— ياق، ھېرىپ كەتتىم، مەن مۇشۇ يەردە بىردەم ئولتۇرۇمەن، سىز سۇنى ئېچىپ بولۇپ، چۈشۈپ كېتىڭ، — دېدىم.

ھېپىز رەت قىلىپ بولمايدىغان بۇيرۇققا بويسۇنغاندەك، دەرھال سۇپىغا چىقىپ كەتتى. ئارقىدىنلا زەنجىرنىڭ يېقىملىق شىرىقلىشى ئاڭلاندى. بىر مىنۇتتا ھېپىز يېنىمدا پەيدا بولدى. بېقىنىمدىلا ئولتۇردى. ئەمدى ئارتۇقچە تالىشىپ ئولتۇرمىدىم، ئولتۇرسا ئولتۇرسۇن. يالغۇز ئولتۇرسام بەزىدە كۆڭلۈمدىكى خىياللارنىڭ ۋەھىمىسى بىلەن ئەتراپتىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ سۈرى بىرلىشىپ، تېنىم شۈركۈنۈپمۇ كېتەتتى، يېنىمدا بىرسى بولسا ھەرھالدا خاتىرىجەمرەك ئولتۇرمامدىمەن، دېگەنلەرنى ئويلاپ قالغان ئىدىم.

— كەيپىڭىز بىردىنلا بۇزۇلغاندەك بولدى، نېمە بولدىڭىز؟ — دەپ كۆيۈنۈپ سورىدى ھېپىز.

تەسەللىيگە شۇنداق مۇھتاج ئولتۇرغۇنۇمدا بۇ سۆز شۇنچىلىك قاتتىق تەسىر قىلدىكى، يىغلىۋېتىشكە تاس قالدىم. تەستە ئۆزەمنى تۇتتۇم. ھېپىزمۇ خېلى يارايدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى. يەنە بىر تەرىپىدىن ئۇنىڭ توغرىدىن –توغرا تەسەللىي ئېيتىش ئورنىغا نېمە بولغۇنۇمنى سورىشى، «ئىچىمدىكىنى تاپ» تۇتۇمۇمغا قارشى كەلگەچكە غۇژژىدا ئاچچىقىمنىمۇ كەلتۈردى.

— ئەگەر جىم ئولتۇرالمايدىغان بولسىڭىز چۈشۈپ كېتىڭ! — دېدىم كەسكىن تەلەپپۇزدا.

ھېپىز بۇ گېپىمدە قىلچىمۇ چاخچاق ئالامىتى يوقلۇقىنى سېزىپ، رايىشلىق بىلەن بويسۇندى. ئۇزاق، ئۇزاق جىم-جىت ئولتۇردۇم. نېمە ئويلاۋاتقىنىممۇ بەلگىسىز ئىدى. بەلكىم ھىچنېمە ئويلىمىغاندىمەن. ھېپىزنىڭ يان تەرىپىمدىن بىچارىلارچە تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم. شۇڭا ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىلەن بىردەم چوڭ كىشىلەرچە ھال-مۇڭ بولۇشقۇم كەلدى.

— ھېپىز، سۆيگۈنۈڭۈز بارمۇ؟ — دەپ سورۇدۇم.

— يوق،...

— بولغاننىڭمۇ پايدىسى يوق بىر ئىش...

— خاپا بولۇشۇپ قالغانمىدىڭلا؟

— خوش بولۇشۇپ باققاندەك ئەمەسمىز، يادىمدا يوق،...

— بولمىسا ئايرىلىپ كېتىڭ.

— ئايرىلىپ كەتسەم سىز مېنى ئالامسىز؟ — بۇ گېپىمدىمۇ چاخچاق ئاھاڭى يوق ئىدى.

— ئالاتتىم، راستلام! سىز مېنى ياراتسىڭىزلا،...

— سىز دېگەن ياخشى بالا، ئاقكۆڭۈل،... مەن سىزگە لايىق ئەمەس-تە!

— نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟ لايىق ئەمەس دېگەنمۇ گەپمۇ؟ مېنى زاڭلىق قىلىپلا تۇرۇسىزغۇ، مەن لايىق كەلمىسەم كېرەك؟

— سىز دېگەن قول تەگمىگەن گۈل، مەن پۈرلۈشۈپ، خەق تاشلىۋەتكەن گۈل بولۇمەنغۇ...

ئۇ ماڭا يېقىنلىق كۆرسۈتۈش، تەسەللىيسىنى كونكرېتلاشتۇرۇش ئۈچۈنمىكىن، يان تەرىپىمدىن تۇمشۇقىنى ئۇزاتتى. مەن چۆچۈپ ئۇنىڭغا قاراي دېگىچىلا مەڭزىمدە خۇددى مۈشۈكنىڭ سىلىق يۇڭلىرى تەككەندەك يېنىك بىر تېگىش سېزىمى ھىسئەتتىم. شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدىلا ئارقىمىز تەرەپتىكى ئورمانغا ئىھاتە قىلىپ تارتىلغان بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ساڭگىلاپ قالغان تىكەنلىك سىمنىڭ ئۇ يېقىدىكى قاراڭغۇلۇقتىن بىر شەپە سېزىلدى. ئۇنىڭ نېمىلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە بىر ئادەم گەۋدىسىنى ئارقىمىزدىلا ھىس قىلدۇق. كۆڭلۈمگە يەتمىگەن ۋەسۋەسە قالمىدى، يامان خىياللاردىن كۈرمىڭى شۇ سېكونتتىلا خىيالىمدىن كېچىشكە ئۈلگۈردى. چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئارقامغا بۇرۇلغۇنۇمدا ئۇنى كۆردۈم! ئۇ سىياقلىق جىنمىدى؟ مۇشۇنداق يېرىم كېچىدە، مۇشۇ قاراڭغۇلۇقتا ئادەم بولۇشى مۈمكىنمىدى؟ خۇددى موم ئېرىتمىسىدەك ھەممىنى ئۆز قوينىدا ئېرىتىپ ئۆزىگە قوشۇۋالغان بۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ بىر تىرىك جاننى ئۆز پېتىچە چىقىرىشى ئەقىلگە سىغمايتى.

ئۇ رىيال ئادەم ئىدى، خىيالمۇ ئەمەس، جىنمۇ ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ راستلىقى شۇ سېكونتتىلا ئىسپاتلاندى. قورقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان ھېپىزنىڭ:

— كېلىڭ،... — دېگەن غەلىتە، خۇددى ئۆز ئۆيىگە تەكلىپ قىلىۋاتقاندەك قارشى ئېلىش سۆزىگە پىسەنتمۇ قىلماستىن، ئىككى باسقۇچ تۆۋەندە تۇرغان مېنىڭ كۆڭسۈمگە پۇتىنىڭ ئالقىنى بىلەن بىرنىلا تەپتى-دە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، يەنە ھېلىقى قاراڭغۇ موم ئېرىتمىسىگە قوشۇلۇپ غايىپ بولدى. ئۇنىڭ تېپىشى بىلەن سەندىرەكلەپ كېتىپ، ئوڭدامغا چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەستە بەدىنىمنى پەس تەرەپكە توغرۇلاپ، پالاق-پۇلۇق قىلىپلا كىچىك سەيناغا چۈشۈپ، دەلدۈگۈنۈپ توختىغان ۋاقتىمدا ئۇ ئاللىقاچان ئاقتىمۇ يوق، كۆكتىمۇ يوق بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەگەر ھېپىزنىڭ قورقۇپ كەتكىنىدىن پەللەمپەيدە قېتىپ تۇرغىنى ۋە ئۆزەمنىڭ ئىككى پەللەمپەي ئاتلاپلا تۈزگە چۈشۈپ ئاران ئۆزەمنى توختاتقىنىمنى دېمىگەندە، بۇنى بىر خىيال دېيىشكىمۇ بولاتتى. مەن تېخىچە تۇربىنى ئورۇۋالغان كۆكاتلارنىڭ ئارىسىغا، تۇربا بېقىنىدىكى چوڭقۇرلۇققا چۈشۈپ كېتىشتىن ۋەھىمىلىنىپ، سابىت تۇرغۇنۇمغىمۇ تازا ئىشەنچ قىلالماي ئوڭ سولۇمغا ئالاق-جالاق قاراۋاتاتتىم.

كىچىك مەيداندىن كېيىن ئوڭغا بۇرۇلغان پەللەمپەينىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا ئاران كېلىپ، ئۆزەمگە كېلىۋېلىش ئۈچۈن ئاۋايلاپ ئولتۇرۇۋالدىم. خۇددى ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەكلا بىر ئىش ئىدى بۇ. ئويلاشقا تېگىش ئۇ قەدەر كۆپ ئىش تۇغۇلغان ئىدىكى، قايسىنى ئويلاپ، قايسىنىڭ قايغۇسىنى يېيىشمۇ بىر گەپ ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يولى ئويلاش مۈمكىن بولمىغىنىدەك، بىر-بىرلەپ ئويلاشقىمۇ قادىر ئەمەس ئىدىم. چۈنكى بۇنداق بىر رەت تەرتىپ تۈزۈپ چىقىشقا كېتەرلىك ئەقىل، سالماقلىق مەندە تېپىلمايتى. بېشىمنى تۇتۇپ بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىمچە ئولتۇراتتىم. يىغلىشىم كېرەك، يىغلىشىم كېرەك دېگەن بىر پىچىرلاش قۇلۇقۇم تۈۋىدە سادا بېرىپ تۇرسىمۇ، يىغلىيالمىدىم. ھىسلىرىممۇ، تۇيغۇلىرىممۇ قېتىپ قالغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ قورقۇپ كەتكەن ھېپىزنىڭ يېنىمدىن ئۈن-تۈنسىز ئۆتۈپ، پەسكە چۈشۈپ كېتىۋاتقىنىنى سېزىپ تۇردۇم. ۋاي بىچارە ئەركەك!

ئەمدى نېمە بولۇدۇ؟ بۇنىسى مەلۇملۇق، ئەمما قانداق شەكىلدە، قانداق تەرتىپتە بولۇدۇ؟ مەن ئۇنىڭ مېنى جىمجىتلا تاشلىۋېتىشىنى، ھىچ ئۇچراشماستىنلا غايىپ بولۇپ كېتىشىنى شۇنچىلىك خالايتىم؛ ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇچرۇشۇپ، زەھەردەك گەپلەر بىلەن يۈرۈكۈمگە بىگىز سانچىپ، دېگۈلۈكنى دەپ، ئاندىن «ھىساپ-كىتاپ»نى يېپىشىدىن شۇنچىلىك قورقاتتىم.

قانچىلىك ئولتۇرغۇنۇم بەلگىسىز. ئويلاپ يەتكەن بىرەر نەتىجىمۇ يوق. چۈنكى بۇنداق چاغلاردا ھىچكىم ئەقىل بىلەن ئويلاپ بىرەر چارە تېپىپ چىقالمىسا كېرەك. مەن خۇددى چۆگۈلۈتۈپ قويۇپ بېرىلگەندەك گاراڭ روھىي ھالەتتە ئىشتىن چۈشتۈم. ئەتتىگەندە ئۆيگە يېتىپ كېلىپ، ئانامنىڭ كۆيۈمچانلىق يېغىپ تۇرغان چىرايىغا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئېغىر گۇناھكارلىق ھىسسىغا پاتقىنىم ئۈچۈن، ئانىلاردا بولۇدۇغان قىزىنىڭ ئولتۇرۇپ قېلىشى تەشۋىشى، قىزى ھەققىدە «گەپ چىقىش» تەشۋىشى بىلەن يۈرەكئالدى بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلۇدۇغان ئېزىك مىھرىۋانلىق يېغىپ تۇرۇدۇغان چىرايىغا قارىيالماستىن، ئۇدۇل ياتاق ئۆيگە كىرىپلا يېتىۋالدىم. ئانامنىڭ ناشتا قىلىۋېلىپ ئاندىن ئۇخلاش ھەققىدىكى كۆيۈنۈشلىرىگىمۇ جاۋاپ بەرمىدىم.

ئۇخلۇدۇممۇ؟ ياكى ئۇيقۇغا تۇققان چىگىش خىياللار بىلەن ئۇيقۇسىز ياتتىممۇ؟ بۇنىمۇ ئايرىيالمايتىم. نېمىلىكىم بولمىسۇن ھويلىدىكى ئاۋازدىن ئېسىمگە كەلگىنىمدە ئۇيقۇدىن ئويغانلىقىم ئېنىق ئىدى. بەلكىم ئاخىرقى مىنۇتلاردا كۆزۈم ئىلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك.

— كېلىڭ، بالام، ھە، ھە، ئۆيدە، كېچىدە ئىشلىگەن، شۇڭا ئۇخلاپ قالدى، مەن ئويغۇتاي...

— بولدى، ...

كۆزلۈرۈمنى ئۇۋۇلاپ ئاچقىنىمدا كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ غەزەپ ۋە نەپرەتتىن يېرىلايلا دەپ تۇرغان مۇدھىش چىرايى بىلەن روبىرو كەلدىم. ئۇنىڭمۇ كېچىچە ئۇخلىيالماستىن تاڭ ئاتقۇزغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. بۇنى سەزدىمۇ، شۇئان قەلبىمنى ئىللىق بىر سېزىم ئىلكىگە ئالدى؛ ئەمما بۇ ئىللىقلىق، ۋاقتى ئۆتۈپ تەمى ئۆزگۈرۈپ قالغان يېمەكلىكتەك، ئاللىقاچان تاتىنى قاچۇرغان بولۇپ چىقتى. چۈنكى ھەممىنىڭ تۈگۈگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئۆزەم سەۋەپ بولغانلىقىمنى بىلەتتىم. دېمەك، ئاخشامقى بولۇپ ئۆتكەنلەر چۈشۈم ئەمەسكەن. ئەڭ قورققۇنۇم — ھىساپ-كىتاپ مۇراسىمى بولۇش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مانا شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلەتتىم. ھىساپ-كىتاپ قىلىشمايلا جىم-جىت يۈتۈپ كەتكەن بولسا ماڭا قانچىلىك يېنىك بولاتتىكىن!؟

ئۇنىڭ دەھشەت يېغىپ تۇرغان چىرايىغا قاراشمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىدى. بۇ ھالدا ئۇنىڭ ئاغزىدىن ياخشى گەپ چىقمايدىغانلىقى ئېنىق. ماڭا راسا ھاقارەت ياغدۇردى. مېنى «كوچا خوتۇنى»غا چىقىرىۋەتتى. جالاپتىنمۇ رەسۋاراق قىلىپ سۈپەتلىدى. بىز دەسلەپكى مۇھەببەتلەشكەن چاغلاردا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشقان رەسىملىرىمىز بولۇدۇغان، مېنىڭكىنى ئاشۇ غەزەپلىك تۇرقىغا ئۇيغۇن قوپال ھەركەتلەر بىلەن ئالدىمغا تاشلاپ بەردى ۋە ئۆزىنىڭكىنى تەلەپ قىلدى. مانا ئەمدى بۇنىڭ بىلەن ئايرىلىشىمىزنىڭ مۇكەممەللىشىدىغانلىقىنى تۇيۇپ، خۇددى مانا شۇ رەسىم بىلەنلا كۈتۈلگەن ئىشلار رەسمىي ئەمەلىيلىشىۋاتقاندەك، ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ، قارا بوراندەك بېسىپ كەلگەن يىغام بوغۇزۇمغا قاپلىشىپ، نەپەس ئالالمايلا قالدىم.

مەن گۇناھكارلىقىمدىن بىر ئېغىزمۇ سۆز ياندۇرماي، كۆز يېشىمنى تۆكۈپلا تۇردۇم. ئۇ سۆزلەيدىغاننى سۆزلەپ، تىللايدىغان سەت گەپلىرىنىڭمۇ ھەممىسىنى تۆكۈپ-تۆكۈۋېتىپ، چىقىپ كەتتى. شۇندىلا مەن خۇددى چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەنھا قالغاندەك يىتىملىك ھىسسىنىڭ يۈرۈكۈمنى بېسىشىدىن يۈرۈكۈم يېرىلايلا دەپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنى سۆزلۈشۈۋالسۇن دەپ قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ھويلىدىكى ئوچاق بېشىدا بولغۇسى كۈيوغلى ئۈچۈن قازان ئاسماقچى بولۇپ تەمتىرەپ يۈرگەن بىچارە ئانامنىڭ ئۇنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن قىلىنغان تەكەللۇپلىرىغا قارىتا سوغۇقلۇق بىلەن بىرنېمىلەرنى گوڭۇلداپلا، قاراپمۇ قويماي چىقىپ كەتكەنلىكىنى تۇيغۇنۇمدا بەختسىزلىكىم ئازاپ، ھاقارەت، چۆكۈرۈشلەر بىلەن تولۇقلانغاندەك، ئۆزەمنى ياستۇققا تاشلاپ، بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتىم. باياتىن بېرى ئۈنسىز تۆككەن ياشلىرىم ئەمدى بەدەنلىرىمنىڭ سىلكىنىشلىرى، ئېسەدەشلىرىم بىلەن تېخىمۇ بوشۇنۇپ، راۋانلىشىپ كەتكەندەك، يۈزۈمنى پاتۇرۇۋالغان ياستۇقنى مىلىچچىدا ھۆل قىلىۋەتتى.

مېنى بۇنچىۋالا ئېزىۋەتكەن ياكى ئازاپلىرىمنى تېخىمۇ يۈكسەلتىۋەتكەن ئامىل، بىچارە ئانام ئۇچرىغان ھاقارەت ئىدى. قىز تۇغقان گۇناھىغا ئۇ ئاشۇنداق قوپاللىققا ئۇچرىشى كېرەكمۇ؟ ئاپامدا گۇناھ بولمىغاندىكىن ئۇنىڭغا ئادىمىيانە مۇئامىلە قىلىپ چىقىپ كەتسە بولاتتىغۇ؟ ئاپام مەندەك شەرمەندە قىزنى تۇغقانلىقى ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق خورلۇققا قېلىۋاتاتتى. بۇلارنى ئويلىغانسېرى ئېزىلىپ كەتتىم.

تاكى ئاخشامغىچە مانا شۇ يېتىشىمدا يېتىپ، ئۆز ھالىمغا، ئاپامنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغلىدىم. بولۇپمۇ دادامنىڭ تۇرقى كۆز ئالدىمغا كەلسىلا يىغام ئەۋجىگە چىقىپ تۇردى. «چاي ئىچۈرۈش مۇراسىمى»دا دادام خۇددى مىڭ يىللىق بىر يۈكتىن قۇتۇلۇش ئالدىدا تۇرغاندەك خوشاللىقىنى يوشۇرالمايلا قالغان، ئۇنىڭ تەرىپىدىن كەلگەنلەرگە شۇنچىلىك سۇۋۇشۇپ، خۇشامەت قىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ سۆيۈنگەن بۇ قۇرۇلۇش مانا ئەمدى يېمىرىلىپ كەتتى. مانا ئەمدى دادام بۇ نەتىجىدىن خەۋەر تاپسا نېمە بولۇپ كېتەر؟ بۇلارنى دادامغا، ئەركەك بىر تۇققانلارغا نېمە دەپ چۈشەندۈرگىلى بولار؟ ئانامغا دېسەم، ئانام بىر يولىنى تاپارمىكىن؟ ئەمما ھازىرچە ئانامغىمۇ دېيەلمەيدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. قېنى، ۋاقىت ئۆتسە بەلكىم ھەممىنى ۋاقىت ھەل قىلىۋېتەر!

ئەمما يەنە بىر نەرسىمۇ بار، يۈرۈكۈمنى يەۋاتقان ئامىللارنىڭ ئەڭ ئاچچىقى دېسەممۇ، تاتلىقى دېسەممۇ بولۇدۇ. ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدىكى ھاقارەتلىرى، قوپاللىقلىرى تېگىدە ياتقان بىر ئېزگۈلۈكنىمۇ بايقىماي قالمىدىم. ئۇ مەندىن ئايرىلىۋاتقان ئاشۇ مىنۇتلاردا بىر خىل چىدىماسلىق، قىيالماسلىق ئىپادە قىلىۋاتاتتى. گەرچە مەندىن زېرىككەندەك قىلغان، بىرەر باھانە تاپسىلا تاشلىۋېتىشنى نىيەت قىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، نېمىلىكىم بولمىسۇن بەش يىللىق مۇھەببەتلىشىش تارىخىمىز، نۇرغۇن شېرىن كېچىلىرىمىز، تاتلىق پىچىرلاشلار، بالىلارچە ماي تارتىشلار... ئۆتكەن ئەمەسمۇ؟ ھەرقانداق ئەسكى نەرسىمۇ تاشلىۋېتەي دەپ قوپقاندا مەلۇم قىممىتى باردەك تۇيۇلۇپ، قىيالماي قالۇدۇغانمۇ ئىش بار ئەمەسمۇ؟ بەلكىم ئۇمۇ بىر بوھرانغا دۇچ كەلگەن، گەرچە مەندىن بىرەر خاتانىڭ ئۆتۈشىنى تاما قىلىپ تۇرغان بولۇشىغا قارىماي، يۈز بەرگەنلەردىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن، لەرزىگە كەلگەن، كۆتۈرەلمەي قالغان بولۇشى مۈمكىن. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىغان! ئەگەر ئۇ مەندىن قۇتۇلالماي ئاران تۇرغان بولسىدى، بۇنچىۋالا ئازاپلانمىغان بولاتتى. بۇلار مېنى تېخىمۇ قاتتىق ئازاپلىدى. نېمىلىكىم بولمىسۇن ئۇنىڭ قەلبىدە خېلى ئورنۇم بار ئىكەندۇق، مەن بۇنى بەربات قىپتىمەن ئەمەسمۇ؟!

ئەڭ يېقىن كىشىڭ ئۆلۈپ كەتسىمۇ ئۆمۈر بويى يىغلاپ يۈرمەيسەن، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يىغىدىن توختايسەن، يەنە نورمال ھاياتقا قايتىسەن، يەنە كۈلۈسەن ئەمەسمۇ؛ مەنمۇ خۇددى ئەمدى ئەبەدىي كۈلەلمەيدىغاندەك تۇيۇلغان بۇ بوھران ئۆتۈپ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن خېلى يېنىكلەپ قالدىم. «ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ، ئادەم دېگەن ھەممىگە چىدايدىغان گەپكەن، ھەممىگە كۆنۈدۇكەن. مېنى بىرنەچچە كۈن قاتتىق ئېزىۋەتكەن بۇ ۋەقە غەمكىنلىك، مۆرىمەسلىك بەخش ئېتىپ، ئۆزەمنى چەتكە تارتىپ، ھىچكىم بىلەن گەپلەشمەي يۈرگەنىدىم. ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە ئاستا-ئاستا ئەسلىمگە كېلىپ، يەنە خىزمەتداشلار بىلەن ئادەتتىكىچە كۈلكە-چاخچاق، ئويۇن-تاماشىرىمىزنى باشلىدىم.

ھېپىز مېنىڭ يىگىتىمدىن مەھرۇم قالغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزىنى گۇناھكار ھىساپلاپ يۈرگەچكە، دەسلەپكى كۈنلەردىلا ماڭا يېقىنلىشىپ:

— بۇ ئىشقا مەن سەۋەپ بولدۇم، شۇڭا ئەگەر خالىساڭ ئۆزەم تۈزۈتەي: كىم نېمە دېسىمۇ، ئىلگىرى نېمە قىلغان بولساڭمۇ سۈرۈشتە قىلماستىن سەن بىلەن توي قىلىشقا مەن تەييار، — دېگەن ئىدى. گەرچە ئۇ بۇنى ياخشى كۆڭلى بىلەن دېگەن بولسىمۇ، دەسلەپكى كۈنلەردىكى خاپىلىقىمنى كۈچەيتىشكە يارىدى. شۇڭا شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدىكى:

— مەن توي قىلىشقا توغرا كەلسە پەقەت ئەر كىشى بىلەن توي قىلىمەن، — دېدىم ئۇنىڭغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان تەلەپپۇز بىلەن.

ئۇمۇ بىرنەچچە كۈن ئۇجۇقۇپ كەتتى. كېيىن ئۇمۇ تەكرار ئېچىلدى ۋە تەكلىپىنى تەكرارلىدى. مەن شەرمەندىچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر «ئەركەك»كە تېگىش بىلەن ئۆزەمنى قۇتقۇزۇشۇم مۈمكىن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆز گۇمانلىرىدا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى يېڭى ئىسپات بىلەن تەمىن ئەتمەسلىك ئۈچۈن ھېپىزنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدىم. ئۇنى گۇمانىدا ئىككىلەندۈرۈش ئارقىلىق بولسىمۇ ئازابىمنى يېنىكلىتىشىم كېرەكتەك تۇيۇلاتتى.

ئەمدى مېنىڭ چۈشۈرگىگە چىقىۋېلىپ، ئۇزاق قارشى تەرىپىمىزدىكى قارىغايلىقلارغا قاراپ خىيال سۈرۈشۈم ئەدەپ كەتتى. بىر تۇرۇپ، بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلار چۈشتەك تۇيۇلسا، بەزىدە بۇ دائىملىق قېيداشلارنىڭ چوڭراقى بولۇپ تۇيۇلاتتى. ئۇ مېنى قاتتىق بىر چۆچۈتۈپ قويماقچى، مېنى قورقۇتۇۋالماقچى بولغان بولۇشى مۈمكىن ئىدى. بۇنداق خىياللار ماڭا ئالاھىدە يېنىكلىك بېرەتتى. گويا راستىنلا مۇشۇنداقتەك تۇيۇلۇپ، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى، كېچىدە ئىشلىگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىزلا ياتىقىمنىڭ دېرىزىسى ئارقىسىدىكى دۆڭدە تۇرۇپ، ئۇششاق تاشلارنى دېرىزەمگە ئېتىپ، ئەينەكنى شىرىقلىتىپ مېنى ئويغۇتۇشىنى تاما قىلىپ، ئۆزەمچە ھاياجانلىنىپمۇ كېتەتتىم. ئۇ ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم ئاشۇنداق قىلغان، دېرىزىدىن ياتىقىمغا كىرگەن ئىدى. ئاشۇ شېرىن كۈنلەرنى ئويلۇسام ئويلۇسام يوقاتقانلىرىمنىڭ بۈيۈكلۈك دەرىجىسى ئاشكارە بولۇپ، قورقۇپ كېتەتتىم.

چۈشۈرگىدىكى بېتون سۇپىدا ياكى پەللەمپەينىڭ دۆڭ ئۈستىگە تۇتاشقان يېرىدە ئولتۇرۇپ ئەتراپىمغا قارىغىنىمدا ئىلگىرى دايىملا كۆرۈپ تۇرۇدۇغان مەنزىرىلەرنىڭ مەزمۇنلىرىدا تامامەن ئۆزگۈرۈش بولغانلىقىنى ھىسئەتتىم: گېنېراتور ئۆيىنىڭ ئارقا تېمىدىكى سۇس رەڭدە ئاران كۆرۈنۈدۇغان كونا شۇئارلار بىر ئاز ئوچۇقلۇشۇپ، جانلىنىپ قالغاندەك، تۇرۇببا ئۈستىدىكى يېرىم-ياتا ھەرپلىرى قالغان شۇئارلارنىڭ ئاشۇ تېخىچە ۋاقىتنىڭ قېرىتىشى بىلەن تىركىشىۋاتقان پارچىلىرى رەڭلىنىپ قالغاندەك تۇيۇلدى. ئۇلارمۇ مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامدىكىن؟ «بىز تېخىچە ھاياتمىز، ئەمما سەن بىزدىنمۇ بۇرۇنراق تۈگەشتىڭ!» دەۋاتامدىكىن؟ «ئالدى مىڭ پاتمان ئومۇتنى، ئۇردى جىنخۇ كۈچ بىلەن، قىلدى خالىي يەر-جاھاننى چاڭ-توزاننىڭ دەستىدىن!» تامنىڭ ئارقا يۈزىدە ئوقۇلۇۋاتقان ماۋزېدوڭنىڭ شېئىرلىرىدىن ئېلىنغان بۇ مىسرالار خۇددى ماڭا ھەيۋە قىلىۋاتقاندەك، ماڭا دارىتىۋاتقاندەكلا ئىدى. تۇرۇببىنىڭ بېقىنىغا نېمىلەر يېزىلغان ئىدىكىن؟ ئۇنىڭدا بىرەر تەسەللىي بارمىدىكىن؟ ياكى مېنى تېخىمۇ كۆڭۈلسىز قىلىۋېتىدىغان بىر نېمىلەر بارمىدىكىن؟ ئەمما ئۇلارنى ئوقۇش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇزۇن تۇرۇببا بويلاپ قىياقلارنى، مارالقۇلارلارنى قايرىپ، تۇرۇببا يۈزىنى ئېچىشىمغا توغرا كېلەتتى. مەنغۇ تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن بۇنىمۇ قىلار ئىدىم-دە، شۇغۇنىسى كۆرگەنلەر مېنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇمۇ بۇ؟ دەپ قېلىشىدىن ئىزا تارتىپ ئۆزەمنى تۇتۇشقا مەجبۇر ئىدىم. بۇ خۇددى مۇقەددەس بىر ئىشىمدا كەمتۈكلۈك ھاسىل قىلغان بىر ئامىل بولۇپ، كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى. چوقۇم ئاشۇ تۇرۇببىدىكى شۇئارلارنى ئوقۇمىسام بولمايدىغاندەكلا، بۇ ھاياتىم ئۈچۈن زۆرۈردەكلا بىر كەيپىياتقا بوغۇلۇپ قالغان ئىدىم. ئىچىمدىكى يۇلقۇنۇش ھىسسى، ھەر تەرەپتىن تەسەللىي ئىزدەيتى. بۇنىڭدىن باشقا چىمەنلىكتىكى چىچەكلەرنىڭ دائىمىي مىھمىنى، ئاشىقى بولغان گۈلھەرىدىن بىرى گىژىلداپ يۈرەتتى. ئىلگىرلىرى يېقىنلىرىمدا بۇنداق گۈلھەرە كۆرۈپ قالساملا بىر ئەمەك سۈپىتىدە ئۇنى يېرىم سائەتلەپ كۈزۈتۈش بىلەن مىلىكە بولاتتىم. ھەرىنىڭ تۈكلۈك پۇتلىرى بىلەن چىچەكلەرگە قونۇپ، بىردەم غۇژمەكلىنىپ تۇرۇپ، تەكرار ئۇچۇشلىرى، ئاندىن باشقا بىر چىچەككە قونۇپ گۈل بەرگى ئۈستىدە مەركىزىدىكى ئاتىلىقىنى چۆگۈلەپ گۈلچېڭى توپلىشىغا قاراپ تۇراتتىم. بۇ شۇنداق چىرايلىق بىر تۈردىكىسى بولاتتىكى، گۈللەردەكلا جەلپكار ئىدى. ئەمما بۈگۈن يېقىنلا يەردىن — ئاشۇ كېچىسى ئۇ ئېزىتقۇدەكلا چىقىپ كەلگەن ئورمان بىلەن ئادەملەر دەسسەپ گىيا ئۈنمەس داق يەرگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن مەيدانچاق ئارىسىدىكى چىمەنلىكتىن ئاڭلىنىۋاتقان گىژىلداشقا قارىغۇم كەلمىدى. بۇ گۈزەل گۈلھەرىنىڭ ئارقا يان تەرىپىمدىن ئاڭلىنىۋاتقان گۈلھەرىنىڭ گىژىلدىشى مېنى قانداقتۇر بىر تۈرلۈك بىئارام قىلىۋاتقان تۇيغۇنى بايقىدىم: ئۇ مېنىڭ كونا بىر دوستۇم ئىدى؛ گۈزەللىكتە، بايۋەچچىلىكتە، مودا ياسىنىشلاردا بەسلىشىدىغان، ئەمما سىرتتىن قارىسا بەك يېقىن دوستتەك تۇيۇلۇدۇغان بىر تۈردىكى دوستۇم ئىدى. بۇنداق مەغلۇپ، بەربات ھالىمنى ئۇنىڭغا كۆرسۈتۈش بەكمۇ ئېغىر ئىدى. چۈنكى قارىمىساممۇ، ئۇ بۇرۇنقىدەكلا گۈزەل، گۈللەردەكلا رەڭدار ئىدى. خۇددى گۈللەر بىلەن گۈزەللىكتە بەسلىشىپ، بوغۇشۇۋاتقاندەك گۈل بەرگىدە غۇژمەكلىنىپ تۇرۇپ گۈلنىڭ ئاتىلىقىنى تاتىلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلەيتىم.

چۈشۈرگىدە غەمگە پېتىپ ئولتۇرۇدۇغان سانسىز كۈنلەر ۋە تۈنلىرىمدە ئېقىننىڭ قارشى ياقىسىنىڭ تەدرىجىي ئىگىزلەپ، تاغقا تۇتۇشۇپ كەتكەن يانتۇلۇقىغا ئىختىيارسىز كۆزۈم تىكىلگىنىدە، تەكشى يانباغىرنىڭ تىكلەشلەشكەن يېرىدىن باشلانغان قارىغايلىققا قاراپ كۆزلۈرۈم قېتىپ قالاتتى. مەن ئۇ يەردىكى ئۆزگۈرۈشچان مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلۇنۇپ ئولتۇرۇمەن دېيەلمەيتىم. خۇددى تەمسىلدىكى «كۆز دېگەن كامار نېمە، كۆرمىسە بىكار نېمە» دېگەندەك، كاماردەك ئېچىلىپ تۇرغان كۆزلۈرۈم كۆرۈپ تۇرغان مەنزىرىلەرنى ئەقلىم ھەزم قىلىپ تۇرمىغاچقا، قېتىپ تۇرۇدۇغان قونچاقلارنىڭ كۆزىدىن پەرقسىز ئىدى. ھەردەم بېشىمنى سىلكىپ، رىياللىققا قايتىپ كېلىشكە ئۇرۇنغان چاغلىرىمدا بىرنەچچە سېكونتلا مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ قالاتتىم. بىردەم ئۈستىنى ئاق بۇلۇتلار خۇددى پەرەنجىدەك ئورىۋالغان قارىغايلارنىڭ «پاچاقلىرى»لا كۆرۈنۈپ، قارىغايلىقنىڭ قاراڭغۇلاشقان ئىچ تەرەپلىرى تېخىمۇ سىرلىق قاراڭغۇلۇشۇپ كەتكەن بولاتتى. شۇنى كۆرەتتىم-دە، كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولۇپ، ئۆزەم خىيال سەھراسىغا شۇڭغۇپ، كۆزۈمگە خىيالىي مەنزىرىلەر كېلىپ باساتتى: ئاشۇ قارىغايلىقنىڭ قاراڭغۇلاشقان ئىچكىرى تەرەپلىرىدە چوقۇم ئاتلىق قاراقچىلار بارىدى. كۈندۈزلىرى قارىغايلىقنىڭ ئەڭ چېتىگىچە كېلىپ دايىما ئىنسانلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى كۈزۈتۈپ، يوچۇق ئىزدەپ تۇرۇدۇغان بولغاچقا، بۇ يەردە بىر ياش قىزنىڭ ئىشلەيدىغانلىقىنى، ھەردايىم چۈشۈرگىدە ياكى پەللەمپەينىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى تەكشىلىكتە ئولتۇرۇدۇغانلىقىنى كۆپتىنبېرى بىلىشەتتى. بىر كۈنى كېچىسى قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ باش ئۈستىلىرىدە ئويناتقىنىچە چېپىشىپ، ئۆستەڭ بويىنى بويلاپ مەن تەرەپكە كېلىشەتتى. قاراقچىلارنىڭ كاتتابېشى خۇددى چەۋەندازلارنىڭ ئوغلاق ئېلىشىغا ئوخشاش چەبدەسلىك بىلەن مېنى يۇلۇپ ئېلىپ، ئىگەرنىڭ قۇشبېشىغا قوندۇرغانچە ئېلىپ قاچاتتى. تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدە مەلۇم بىر غاردا بولغان ماكانىغا ئاپىرىپ تاشلايتى. ئۇ يەردە خالار-خالىماس ئاتاماننىڭ خوتۇنى بولۇپ قالاتتىم. كىيىملىرىم چىرىپ تۆكۈلۈپ پۈتكەندە، ئەمدى تېرىلەردىن قوپال تۆنەلگەن يېرىم ياۋايىلارچە كىيىملەرنى كېيىدىغان بولاتتىم. گەرچە يۇرتتىن، يېقىنلىرىمدىن ئايرىلغان بولساممۇ، بىر دىشۋاردىن — ئەڭ بېشىم قېتىۋاتقان، مېنى ئەڭ دەھشەتكە سېلىپ تۇرغان خاپىلىقتىن قۇتۇلغان بولاتتىم. بۇ يەردىكىلەر مېنىڭ ئۆتمۈشۈمنى، رەسۋالىقلىرىمنى بىلىشمەيتى؛ ئاتاماننىڭ خوتۇنى بولغۇنۇم ئۈچۈن ھەممىسى ماڭا قول باغلاپ تۇرۇشاتتى...

يەنە قاتتىق بېشىمنى سىلكىپ رىياللىققا قايتتىم: مەنزىرىلەر ئۆزگەرگەن بولۇپ، قارىغاينىڭ شاخلىغان يەرلىرىنى پۈركۈۋالغان ئاق بۇلۇتلار ئەمدى قارىغاينىڭ پاچاقلىرىغا يۆگۈشۈپ يۈرەتتى. شۇڭا تۈۋى كۆرۈنمەي قالغان قارىغايلار ئەمدى خۇددى بۇلۇتلاردىن ئۈنۈپ چىققاندەك سېھىرلىك تۈس ئالغان ئىدى. بۇنداق ئاجايىپ گۈزەللىكتە ياتقان تەگسىز چوڭقۇرلۇققا، ئۇپۇقى بولمىغان چەكسىزلىكتە ئىگە شائىرانە ئاللىنېمە ياتاتتى، ياق، دەل شېئىرنىڭ ئۆزى ئىدى! ئەمما مەندە بۇنداق شېئىرىي لەززەتلەرنى سۈرگۈدەك ھەپسىلە، روھىي ئارامچىلىق بولمىغاچقا، كۆزلىرىم يەنە قېتىپ قالدى...

تەكرار ئۆزەمگە كەلگىنىمدە قارىغايلارنىڭ بېرىسىدىن دەريانىڭ گىرۋىكىگىچە بولغان يانتۇ تەكشىلىككە ياردەمگە چىققان يولداشلار تەرىپىدىن تېرىلغان قانداقتۇر زىرائەتلەر (بەلكىم قىچا بولسا كېرەك؟) سېرىق چىچەك ئاچقانلىقىنى، سېرىق چېچەكلەردىن ھاسىل بولغان يولداشلارنىڭ خەتلىرىنى بايقاپ قالدىم! ئىلگىرىكى يىللاردا مۇشۇنداق پەسىللەردە بەش كىلومېتېرچە ئۇزاقتىنمۇ شۇنچە ئېنىق كۆرۈنۈدۇغان بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ھىچ دىققىتىمنى بەرمىگەنلىكىمنى بايقىدىم. توۋا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ سېرىق رەڭلىك خەت ئىدى! ھەربىر خەت ئىككى موچە كەڭلىككە «يېزىلغان» بولسا كېرەك، بولمىسا ئىككى تاغ ئارىسىدىكى كەڭلىكتىن ئېيتقاندا، غەرپ تەرەپتىكى تاغ (ياكى تۆپۈلۈك) باغرىدا تۇرۇپ ئوقۇغۇلى بولاتتىمۇ؟ توۋا، ئەتىيازدا تېرىۋاتقاندا بۇنچە چوڭلۇقتىكى خەتكە كەلتۈرۈپ تېرىشمۇ بىر ئىشتە! قېنى، نېمىلەر يېزىلدىكىن: «بىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىمىز». «توغرا، ئۇلارنىڭ تاغ-دەريالىرى!» دېگەنلەر ئەلەم بىلەن كۆڭلۈمدىن كېچىشى بىلەنلا، ئۆزەمنى تولۇق مەنىسى بىلەن نامرات بىر يىتىمدەك ھىس قىلىشقا، دۇنيادا ئارتۇقچە ھىس قىلىشقا باشلىدىم. بۇ يىتىملىكىم كەم-كوتىسىز ئىدى: دۇنيانىڭ ھىچ يېرىدە مېنىڭ ئورنۇم يوق ئىدى. «مېنىڭ» دېگۈدەك ھىچنەرسەم يوق ئىدى. شۇندىلا مەن — بۇ «ئارتۇقچە جان»غا ئىچىم ئاغرىپ، ئىچىمدىن قاينىغان بىر ھىس بىلەن يۇم-يۇم يىغلىۋەتتىم. خۇددى مېنىڭ باشلاپ بېرىشىمنىلا كۈتۈپ تۇرغاندەك، تاغ ئارىسىنىڭ تۇراقسىز ھاۋاسى بىردىنلا ئۆزگۈرۈپ، سىم-سىم يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى. ئەمما مەن پەسكە— ماشىنا ئۆيىگە قاراپ قېچىشنى ئويلاپمۇ قويماستىن ئېسەدەپ ئولتۇرۇۋەردىم...

كېچىلىرى پەللەمپەيلەرنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى داق يەردە ئورمانغا ئارقامنى قىلىپ ئولتۇرغۇنۇمدا شىۋىر-شىۋىر تىۋىشلاردىن ئانچە تېنىم شۈركەنمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى تاسادىپىيلا بايقاپ قالدىم. ئەمدى ئاشۇ قاپقاراڭغۇلۇققا پاتقان ئورماندىن بىرەر تۇتۇلماي يۈرگەن قاتىلنىڭ چىقىپ قېلىشىنى ئويلىساممۇ قورققاندەك قىلمايتىم. ئەكسىچە «شۇنداق بولسىغۇ، ئاسانراق جان چىقىدىغان بىر ئۇسۇل بىلەن ئۆلتۈرۈپلاۋەتسە، مۇشۇ ۋاپاسىز دۇنيادىنمۇ، دەرت-ئەلەمگە تولغان ھاياتتىنمۇ بىراقلا قۇتۇلسام» دېگەندەك بىر خىل ئارزۇ باش كۆتۈرۈپ، تامادا بولۇۋاتقاندەكمۇ قىلاتتىم. دېمىسىمۇ نېمىگە تارتىشىمەن؟ بۇ ھاياتتا تارتىشقۇدەك، قىيمىغۇدەك نېمەم بارىتى؟

ئاخىرىنىڭ نەدىن چىقىشىغا كۆزۈم يەتمەيدىغان بۇ خاپىلىق دەستىدىن تۈگۈشۈپ كېتەرمەنمۇ؟ ماڭىمۇ بىر چىقىش يولى، بىر ئائىلە ھاياتى نېسىپ بولارمۇ؟ ۋارقىرىغۇم كېلەتتى. چۈشۈرگىنىڭ سۇپىسىدا تۇرۇۋېلىپ بۇ جىمجىت جىلغىنى چاڭ كەلتۈرۈپ قاتتىق ۋارقىرىغۇم كېلەتتى. ئارقىدىن تاغلاردىن قايتقان ئەكس سادايىمغا قۇلاق سېلىپ، خۇددى بەلگىسىز بىر ئىستىقبال تەرىپىدىن چاقىرىلىۋاتقاندەك شەكىلسىز شاتلىققا چۆمۈلگۈم كېلەتتى. خىياللىرىم شۇ يوسۇن قاناتلىنىشقا باشلىغاندا بولسا ھەر دايىم تاغلارنىڭ يانباغرى بويلاپ چېپىپ كېتەتتىم؛ تارماق جىلغىلارنىڭ توسۇن ئاتتەك شىددەت بىلەن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان تاغ سۇلىرىدىن سەكرەپ-سەكرەپ ئۆتۈپ، تاكى ياردەمگە چىققان يولداشلارنىڭ خۇمدانلىرى تەرىپىدىن تەبىئىي گۈزەللىكى بۇزۇۋېتىلىپ، كۆيۈك توپا قاپلىغان ئاشۇ جاراھەتكە ئوخشاش يەرلەرگىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن بىردىنلا تاغ ئۈستىگە _ مەزمۇت شەمشات قارىغايلىرى ئارىسىدىن يۈگرەپ كىرىپ كېتىپ، تاغنىڭ ئۈستى قىرىدا كىيىكلەردەك يۈگرەيتىم. بۇ خىيالىي يۇلقۇنۇشلىرۇمنىڭ ئاخىرى گۈزەل چۆچەكلەرگە ئۇلۇشۇپ كېتەتتى. بۇ يېقى مېنى بىردەملىككە شاتلىققا چۆمدۈرۈپ، تامامەن ئەسىر قىلىۋالاتتى. مەن خۇددى ھۆر قىز بولاتتىم. بۇ غايەت گۈزەل ۋە قورقۇنۇچلۇق قاراڭغۇ ئورماننىڭ ئىچىدە ئوۋ قىلىپ يۈرگەن چىن تۆمۈر باتۇرغا يولۇقاتتىم...

دايىملا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان كېچىلەر خىيالىمنى مەشغۇل قىلىپ، گاھ ئازاپلىق لەززەت بەخش ئەتسە، گاھ پۇشايماننىڭ ئاچچىقىغا چۆمدۈرەتتى. ئويلىماي دېسەممۇ ئەركىم ئۆزۈمدە ئەمەس ئىدى. بۇ جىلغىدا بىللە بولۇشلىرىمىزنىڭ بىرىنچى كېچىسى ئۆتكەن ئاشۇ يول بويىدىكى ئورمان تەرەپكە قارىساملا، خۇددى ئېغىز ئالاي دەپ قالغان جاراھەتنىڭ تاتلىق قىچىشىشىغا ۋە ئۇنى ئاغرىتىپ-ئاغرىتىپ مىجىۋېتىشتىن ھاسىل بولۇدۇغان ئازاپلىق لەززەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ھىس مېنى قۇچىقىغا ئالاتتى. ئاشۇ ئورمانغا— ئورمان ئارىسىدىكى ھېلىقى كىچىككىنە بوشلۇققا بېرىپ، شۇ يەرنىڭ تۇپرىقىنى پۇراپ-پۇرىۋالغۇم، يۈزلۈرۈمنى ياققۇم كېلەتتى. ئەمما يەنە قانداقتۇر چۈشۈنۈكسىز بىر قورقۇنۇچ مېنى ئۇ يەرگە بېرىشتىن چەكلەپ تۇراتتى.

ئاخىرى بىر كۈنى گېنېراتور ئۆيىدىكى كونارغان ماي پۇرىقىدىن دىمىققاندەك، ئۆزەمنى ساپ ھاۋاغا ئاتقۇم كېلىپ ئورنۇمدىن تۇرغۇنۇمدا ئاياقلىرىم مېنى چۈشۈرگە تەرەپكە ئېلىپ چىقىدىغان ئارقا ئىشككە ئەمەس، يول تەرەپكە چىقىدىغان ئالدى ئىشككە ئېلىپ باردى. تەبىئىي تۇيغۇلىرىمغا بەس كېلەلمىدىم، توغرىسى چەكلەشكە ئۇرۇنمۇدۇم. چوڭقۇردىكى گېنېراتور ئۆيىدىن يانتۇلۇق بىلەن ئىگىزلەپ يولغا تۇتۇشۇدۇغان، ياتاقلىرىمىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈدۇغان ئاشۇ كالتە داۋاندىن ئۆرلەپ كەتتىم. يولدىن كېسىپ ئۆتسەملا ئاشۇ سۆگەت ۋە مەجنۇنتاللىق ئىدى. خاتاسىز ھالدا ئاشۇ ئازاپقا ۋە لەززەتكە تويۇنغان كېچىمىزنى ئۆتكۈزگەن كىچىككىنە بوشلۇقنى تاپتىم ۋە كۆچەت قېرىملىرىنىڭ قىرىدا ئاشۇ يەرگە تىكىلگىنىمچە قېتىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. مەيلى قانچىلىك يىرگىنىشلىك دېسەممۇ، ئاشۇ كېچىنىڭ قايتىلىنىشى ھەققىدىكى تەخىرسىز ئارزۇمنى باسالمىدىم. كۆز يېشىم مەڭزىمدىن سىرغىپ چۈشۈۋاتاتتى. ئۈنسىز يىغلايتىم.

مەن ھەر قېتىم مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا رىيال دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمنى، مەسئۇلىيىتىمنى، قىزلىقىم، ئار-نومۇس ھەققىدىكى قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتلەرنى،... تامامەن ئۇنتۇپ، بىر خىل سېھرىي ئالەمگە پەرۋاز قىلاتتىم؛ كۆزۈمگە ھېچنېمە كۆرۈنمەي قالاتتى. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا ئەڭ مۇكەممەل ھوزۇرغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنىمۇ كۆڭلۈم تۇياتتى. تەلىيىمگە جىم-جىت خالىي جايلاردا جەريان ئەتكەچكە، ماڭا بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمنى ئەسلىتىدىغان ھىچ ئامىل بولمىغانىدى؛ بۇ ھال خىيالىي دۇنيامدا بىمالال پەيزى سۈرۈشۈم ئۈچۈن ياردەم بەرگەنىدى. پەقەت بىر قېتىملا  ياتىقىمدا — ئۇنىڭ دېيىشى بويىچە «ئادەمچە» — تۇغما يالىڭاچ بولۇپ ئۆتكۈزگەن مۇناسىۋىتىمىز مەن ئۈچۈن ئۇ قەدەر مۇكەممەل بولمىغانىدى: گېنېراتورنىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازى، ئىسمىنىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئاۋازلىرى  يېقىندىلا ئاڭلىنىپ، ماڭا قەيەردىلىكىمنى ئەسلىتىپ تۇراتتى. بۇ ھال ھوزۇرۇمنىڭ پەيزىنى قاچۇرۇپ تۇراتتى. ھەتتا بىرلىرى بىزنى بايقاپ قالغان بولسا، ئىشىك دەرىزىلەرنى قامال قىلىۋالسا، تۇتۇلۇپ قېلىشىمىز ھەققىدىكى ۋەھىمىلىك خىيالمۇ كەيپىمنى ئۇچۇرغان، ئىشمۇ-خىيالىم ئۇنىڭ چاپسانراق چىقىپ كېتىشىدىلا قالغان ئىدى. نېمىشكىدۇر ئۇ بۇ كېچىنى ئەڭ مۇكەممەل ھىساپلىغانىدى.

كونا-يېڭى ئەستىلىكلىرىم، ئازاپلىقلىرى، لەززەتلىكلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن ھالدا خىيالىمدىن كېچەتتى، ئەمما ھىچبىرى مۇكەممەل ئەمەس ئىدى. بىرىدىن بىرىگە ئاتلايدىغان شەكىلدە شۇنچىلىك چېچىلاڭغۇ، شۇنچىلىك تەرتىپسىز ئىدىكى، نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى ئۆزەممۇ ئېيتىپ بېرەلمەيتىم. بۇ يەردە ئۆتكەن ئاشۇ كېچىنى، ئۈچ قېتىم چىققانلىقىمنى،... ئەسلەپ ئۆزەمگە مەلۇم تەسەللىي تاپماقچىمىدىم؟ بۇنىمۇ بىلمەيتىم. ئاشۇنداق گاڭسالىق ئىچىدە ئولتۇرغۇنۇمدا ئارقا تەرىپىمدە شاخلارنىڭ شىلدىرلىشىدىن شۇنچىلىك چۆچۈدۈمكى، بۇنى قاتتىق قورقۇش دېيىشكىمۇ، بىر خىل كۈچلۈك ئارزۇنىڭ خۇددى بۇددىستلاردەك كۈنلەر-ھەپتىلەر بويىچە قىمىرمۇ قىلماي سۈكۈتتە ئولتۇرۇش تۈپەيلى مۆجىزە يۈز بېرىپ، راستقا ئايلىنىشىدىن، بۇ سىرلىقلىق قارشىسىدا ئۆزىنى يوقۇتۇش دېيىشكىمۇ بولاتتى. راستىنى دېسەم بۇ ھالدىن شۇنچىلىك مەڭدەپ كەتتىمكى، چوقۇم بېرىلىپ ئويلۇشۇم، ئىچ-ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئارزۇ ئۇپقۇنلىرى مىكرو دولقۇن بولۇپ ئۇنىڭغا يېتىپ بارغان ۋە ئۇنى تەسىرلەندۈرگەن، ئۇمۇ بۇ خىل روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاخىرى بۇ يەرگە كەلگەن ئىدى!

كۆزۈمدىكى ياشلىرىمنى سۈرتۈۋېتىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، توغرىسى، سۈرتۈۋېتىشنى ئويلاپمۇ كۆرمەستىن، ئاشۇ دەسلەپكى مومېنتتىكى چۆچۈش بىلەن تەڭ ئورنۇمدىن تۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ سەندىرەكلەش بىلەن تەڭ بېشىمنى بۇرۇدۇم. شاخ-تاللارنى شىلدىرلىتىپ ئورمانغا كىرىپ كەلگىنى راستىنلا ئۇمىدى؟ مەن ھىچنەرسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرماستىن، ئەتىۋارىمنى ساقلاش، كىبىر كۆرسۈتۈش، چوڭلۇق تالىشىپ رامبۇت ئېلىشىش دېگەنلەرنىڭ ھىچبىرىنى ئەقلىمگىمۇ كەلتۈرمەستىن ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزەمنى ئېتىپ، سائەتلەرچە يىغلاشقا ھازىر ئىدىم؛ مەيلى، ئۇ مېنى ئاران تۇرۇپتىكەن دېسە دەۋەرسۇن، شۇندىن كېيىن مېنىڭ «تومۇرۇمنى تۇتۇۋېلىپ» يوغانلىق قىلىدىغان بولۇۋالسا بولۇۋالسۇن، كارىم يوق، مەن پەقەت بۇ ئۇزاققا سوزۇلغان، ئۈمىدتىسىزلىككە پاتقان كۈنلۈرۈمنىڭ پىغانىنى بىراقلا چىقىرىۋالىمەن!

خىزمەتداشلىرىمدىن ئەينى چاغدا مۇشۇ يەردىكى ئۇچرۇشۇشقا كېلىۋاتقىنىمدا ئەگىشىۋېلىپ ئاۋارە قىلغان قىز ئىدى! پارتلاشقا تەييارلىنىپ كۆتۈرۈلگەن يەر پوستىنىڭ بىر كىچىك يوچۇقتىن لاۋا ئارىلاش گاز پۈركۈشى بىلەنلا «پۇف!»فىدە قىلىپ بېسىلىپ قالغىنىدەك، خۇشاللىق، غەزەپ، ئاچچىق، سېغىنىش، نەپرەت، قايتا ئېرىشىش شاتلىقى ۋە ھېيىقىش،... لار ئارىلىشىپ كەتكەن، كۆكسۈمنى پەۋەس تولدۇرغان ھىسلىرىم بىردىنلا تۈتەككە ئايلىنىپ شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدىكى، بۇ شەقىقە جالاپنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈۋەتكۈلىرىم كەلدى. «پوق بارمىكىنا بۇنىڭغا، مېنىڭ پېشىمدە يۈرۈپ!؟»

قوپۇشقا تەمشىلىۋاتقان بەدىنىممۇ مىسسىدىلا جايىغا چۆكۈپ قالغان، بۇرالغان بېشىممۇ خۇددى پۇرژېنىدەك، كەينىگە تېپىپ، بۇرۇنقى جايغا قاراپ بولغان ئىدى. گەپ قىلمىدىم. گەپ قىلىشىمنىڭ ئورنىمۇ يوقىدى. نېمە دەيمەن؟

— سېنى چۈشۈنۈمەن، دوستۇم، — دېدى ئۇ ماڭا ياقمايۋاتقان بىزەڭلىكى بىلەن، — كونا ئەستىلىكلىرىڭنى ۋاراقلاپ، ئۆزەڭگە تەسەللىي ئىزدەۋاتقانلىقىڭنى چۈشۈنۈمەن....

يەنىلا گەپ قىلمىدىم.

— مۇشۇ يەردە كۆرۈشكەنتىڭلار، توغرىمۇ؟ مەن بۇرۇنلا بىلگەن ئىدىم،...

بۇ گەپ ماڭا قاتتىق بىر زەربە بولدى. ئۇنىڭ ئىپپەتكە ئالاقىدار سىرىمنى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ماڭا مۇقەددەس بىر تاۋاپگاھتەك، كۆڭۈل ئاۋۇندۇرغۇچى، ئازاپ ئارىلاش بولسىمۇ لەززەتلىك خىياللىرىمنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىۋاتقان بۇ يەرنىڭ سىرلىقلىق، خۇپيانىلىك پەردىسى ئېچىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ھىچقانداق قىزىقى، قىزىققۇچىلىكى، جەلپكارلىقى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. بۇ بىزەڭ پاسكىنىنىڭ كاساپىتىدىن مەن بىر توننا ئالتۇن زىيان تارتقان ئىدىم! مېنىڭ ئەمدى ھىچنەرسەم قالمىغان ئىدى! ئاشۇ كىچىككىنە تەسەلىيىمدىنمۇ ئايرىلغان ئىدىم!

گەپ-سۆز قىلماستىن بۇرۇلۇپلا ئورماندىن چىقىپ كەتتىم. بۇ شەرمەندە بۇدۇشقاققا قارىغۇممۇ كەلمىدى، كۆزۈمگە بەك سەت كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدى. تېخىچە كۆز ئالدىمنى يامغۇرلۇق كۈندىكى دەرىزە ئەينىكىدەك كۆرسۈتۈۋاتقان ياشلىرىمنىمۇ سۈرتمىگەن ئىدىم. گېنېراتور ئۆيى تەرەپكە پەسلەپ كەتكەن يامپاشنىڭ بېشىغا كېلىپلا بىنا تېمىغا كۆزۈم چۈشكىنىدە تامنىڭ بۇ يۈزىدىمۇ بىر شۇئارنىڭ سۇس ئىزناسى بارلىقىنى بايقاپ، خۇددى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى يوقاتقان موھىم بىر نەرسەمنى قايتا تېپىپىۋالغاندەك ئاۋۇنۇش تۇيغۇسى دىلىمنى پەپىلەپ ئۆتتى:

«شۆھرىتى زور قەھرىماننى ئىزدىسەڭ، سېلىپ نەزەر بۈگۈنكى بۇ دەۋرانغا باق!»

بۇ قىسمەتنىڭ ماڭا قىلىۋاتقان بىر تۈرلۈك بىشارىتىمىدى؟ بۇ ماۋزېدوڭنىڭ يەنە بىر شېئىرى ئىدى. نېمىشكىدۇر بىر يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى بۇنىڭغا دىققىتىم چۈشمەپتۇ. ئارقا تامغا شۇنچە كۆپ قاراپتىمەن، ئارقا تامدىكى شۇئارنىمۇ سانسىز قېتىم ئوقۇپتىمەن، ئەمما ئالدى تامدىكىسىگە زادىلا دىققەت قىلماپتىكەنمەن. بەلكىم پەللەمپەيدە بىكار ئولتۇرغاندا تەبىئىي يوسۇندا ئارقا تامغا كۆز چۈشۈدۇغان بولغاچ ئۇنى كۆرگەن، ئالدى تەرەپتىكى يولدىن پەقەت كېتىپ كېلىشتىلا مېڭىلىدىغان، تۇرۇلمايدىغان بولغاچ نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بولسا كېرەك.

ئەمدى دەرھال ئارقا تەرەپكە چىقىپ، پەللەمپەيدە ئولتۇرۇپ خىيال سۈرگۈم، بۇنى بىر بىشارەت سۈپىتىدە ئويلاپ، ئۇلانما تەسەۋۋۇرلۇرۇم ئارقىلىق، ئۆزەمنى خوش قىلىدىغان بىرەر بەختىيار كارتىنا سىزىپ چىقىش ئۈچۈن ئالدىرىدىم. ئەگەر بۇ قىسمەتنىڭ سىرلىق بىشارىتى بولغان بولسا نەقەدەر ياخشىدى؟ دېمەك، مەن ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئەركەك تۈگەپ كەتمىگەن!

 

مۇزدەك تاغ سۈيىدە توختىماي قول يۇيۇپ، ياكى ئوڭ چاڭگىلىمدا ئالغان سۇنى سول بىلىكىمگە، سول چاڭگىلىمدا ئالغان سۇنى ئوڭ بىلىكىمگە قۇيۇپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈدۇغان چاغلىرىمدا يۈرۈكۈمنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدىن مۇڭۇمغا تەڭكەش ناخشىلار تۇغيان ياسايتى. ئىچىمدە ياڭرىغان ناخشىلار دەردىمگە مەلھەمدەك كېلەتتىيۇ، يەنە يارامنى تاتلاپ، تېخىمۇ ئېچىشتۇرۇۋېتىدىغاندەكمۇ قىلاتتى. چۈنكى بۇ ناخشىلارنىڭ ھەممىسىنى چېنىقىش يىللىرىمىزدا ئالمۇتا راديوسىدىن ئاڭلاپ ئۈگەنگەن ئىدۇق ۋە ھەممىسىنى ئۇ تەمبۇر بىلەن ئەڭ چىرايلىق ئوقۇپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئىچىمدە ياڭراۋاتقىنى ئۆز ئاۋازىم ئەمەس، ئۇنىڭ ئاۋازى بولاتتى. ئەسلىدە ئاۋازسىز ئوقۇلۇۋاتقىنىغا قارىماي، شۇنچىلىك جاراڭلىق تۇيۇلاتتىكى، خۇددى ئۇنىڭ ساداسىدىن پۈتۈن جىلغا، قارشى تەرەپتىكى قارىغايلىق تاغلار، جىلغا ئىچىدىكى گۈللەر بىلەن قاپلانغان تۈز چىمەنلىكلەر تىترەۋاتقاندەك بولاتتى. ئەزەلدىن دەردى بارلار ناخشا ئېيتىدۇ دەپ قارايمىز ئەمەسمۇ؟ خۇددى ناخشا دەرتكە دەرمان ئىدى. كىم بىلسۇن، ناخشا دەرتنى يېڭىلايدىغاندۇ.

 

ئۇنداغ ئەتمەڭلا مېنى،

بۇنداغ ئەتمەڭلا مېنى،

ئاخىرى لازىم بولارمىز

تاشلىۋەتمەڭلا مېنى.

پەريادەي،

تاشلىۋەتمەڭلا مېنى.

 

سەن-سەن مېنى سەن

خارابى قىلدىڭ مېنى سەن،

ئوتلەرگە سېلىپ

كاۋابى قىلدىڭ مېنى سەن!

 

بۇ ئاۋاز بەزىدە ئۇنىڭ تەمبۇرغا تەڭكەش قىلىۋاتقان يېقىملىق ئاۋازىدەك قىلاتتى. بەزىدە خىيالىي دۇنياسىمنىڭ چۆل-توقايلىرىدا ئېزىقىپ يۈرگەن ئۆزەمنىڭ ئاۋازىدەكمۇ قىلاتتى. مەن سەرسان-سەرگەردان بولۇپ، مۈرەمدە خۇرجۇن، بىر قولۇمدا ساپايە، بىر قولۇمدا پۇچۇلۇپ كەتكەن قاپاق... ئۈستۈمدە جەندە-كۇلا غېرىپ چۆللەردە يۈرگەندەكلا!

 

ئاي ئالدىمدا، كۈن ئالدىمدا، ھەسرەت ئىچىمدە،

«ماڭا بەرگەن ئامانەتنى ئال» دەپ يىغلايمەن،   يارۇ!

 

«يارۇ!...» دېگىنىمدە خۇددى تاغلار ئەكس سادا بېرىۋاتقاندەك بولۇدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ قەلبىمنىڭلا ساداسى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.

مەن ئۇنى ھامان قايتىپ كېلىدىغۇ دەپ تامادا بولاتتىم. گەرچە ئەقىل بىلەن ئويلىغاندا ئۇنىڭدەك بىر ئەركەك ماڭا ئارتىلغان گۇناھتىن كېيىن ئارقىسىغا يانمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا تامادا ئىدىم. «ھەرقانچە بولسىمۇ ئاياق سۈرتكەن لاتىنى تاشلىۋەتكەندەكلا تاشلىۋەتمەس؟» دەپ ئويلۇغۇنۇمدا، تامادا بولۇشۇم خېلى ئورۇنلۇقتەكمۇ بىلىنىپ كېتەتتى. شۇڭا خىيالىمدا دايىملا ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشى ۋە شۇندا روي بېرىدىغان ئەھۋاللار، سۆھبەتلەرنى جانلاندۇرۇپ ئۆزەمنى خۇش قىلىپ يۈرەتتىم. تاغ-جىلغىلارنى لەرزىگە سالۇدۇغان جاراڭلىق ناخشىسى دايىملا قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇراتتى. كۆپ چاغلاردا بۇ خىيالىمنى راست دەپ ئىشىنىپ قېلىپ، چۆچۈپ ئەتراپقا قاراپ، نەپىسىمنى تۇتۇپ جىم-جىت قۇلاق سالاتتىم. ئەمما ئەتراپ ئادەمسىز ئورمانلار، جىلغىلار، سايلار خۇددى تىرىك جان يوقتەك سۈكۈتكە چۆمگەن بولاتتى.

بۇ جىمجىت نەمخۇش جىلغىنىڭ دائىمىي مىھمىنى بولغان يامغۇر خىياللىرىمنىڭ تېخىمۇ مەۋھۇملۇشۇپ، تېخىمۇ گۇڭگالىشىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولاتتى. ھەممىمىز گېنېراتور ئۆيىنىڭ ئىچىگىلا قامىلىپ قالاتتۇق-تە، ھەرقانچە زېرىكسەكمۇ تاشقىرىغا چىقالماي، ئىشكتە قىستىلىشىپ ماراپ تۇراتتۇق. دائىمىي خىياللىرىم ئۈچۈن ساھىپخانلىق قىلغان چۈشۈرگە سۇپىسىنىڭ جىددىي ۋە ئۇششاق يېغىۋاتقان يامغۇردا ئېرىپ بارغانسېرى پېتىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشىمۇ يىغلۇغۇمنى كەلتۈرەتتى. بولۇپمۇ يول تەرەپتىكى سۆگەتلىككە قارىساملا ئىچىم ئاچچىققا تولاتتى. بۇ تېشىغا ئېتىلىپ چىقالمىغان كۆز يېشىمنىڭ ئاچچىقى بولۇشىمۇ، ئاشۇ ئەسلىمە ئىچىدىكى يۈرەكنى زېدىلەيدىغان ئېلمىنتلارنىڭ ئاچچىقى بولۇشىمۇ مۈمكىن ئىدى. ئاشۇ كېچىسى بىز قۇرۇق يەر ئىزدەپ، قاراڭغۇدا تىمسىقلاپ، ئورمانغا يېڭىلا سۇ سېلىۋەتكەنمىكىنا دەپ ئويلاپتىكەنمىز، مانا ئەمدى بىلىۋاتىمەنكى، ئەسلىدە مۇشۇنداق يامغۇرلۇق كۈنلەردىن كۆپ ئۆتمىگەن بىر بىر كۈنى بولسا كېرەك. مانا بۈگۈنمۇ چىمەنسىز يالىڭاچ ھەرقانداق يەرگە دەسسەيدىغان بولساڭ ئايىغىڭ بىر پاتمان لاينى ئۆزىگە ئېلىۋالىدۇ. ئاشۇ كىچىككىنە بوشلۇق ھازىر مىلىچچىدا پاتقاق، ئەگەر ئۇ بۇ ئاخشام ياكى ئەتە ئاخشامدا كېلىپ قالغان تەقدىردە ئۇ بوشلۇققا قەدەم ئالغىلىمۇ بولمايدىغان دەرىجىدە پاتقاق بولۇپ كەتتى-دە!

ئاشۇ كېچىسى ئىككىمىز قۇرۇق يەر ئىزدەۋاتقاندا يەرنى تۇتۇپ باققىنىم، «بۇ يەر قۇرۇقكەن» دېگىنىم ۋە ئۇنىڭ ماڭا ھاقارەت بولۇپ تۇيۇلغان «ئاران قاپتىكەنسەنمۇ نېمە؟» دېگىنى ئېسىمگە كېلىشى بىلەنلا «جۇغغىدە» ئاچچىقىم كەلدى ۋە ئارقىدىنلا مېيىقىمدا كۈلۈپمۇ قويدۇم: «ۋاي، توۋا، ساراڭكەنمەن، ئۇنىڭ دېگەنلىرى چاخچاق بولۇشىمۇ مۈمكىن ئىدىغۇ؟ ھەجەپمۇ تەگەپ كېتىپتىكەنمەن؟... » بۇنىڭ بىلەنلا ئاچچىق بىر پۇشايمان ئىچىمگە تولدى. بۇ ئاچچىق شۇنچىلىك ئىچىمنى ئۆرتىدىكى، خۇددى ھەممە بەختسىزلىكىمگە سەۋەپ بولغىنى ئۇنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىنى چاخچاققا جورىماي، تەگەپ كەتكەنلىكىمدىن بولغاندەكلا نادامەت ئىچىدە قالدىم. يامغۇردىن پارقىراپ كەتكەن شاخ-يوپۇرماقلار ئاستىدا مىچىلداپ ياتقىنىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولۇدۇغان ئاشۇ كىچىككىنە بوشلۇقنىڭ ھالى مېنىڭ شۇئانكى بەختسىز ھالىمدىنمۇ يامانراقتەك، تېخى ئۇ يەرگە ئىچ ئاغرىتىپمۇ قالدىم، توۋا، ئادەم دېگەن ھەجەپمۇ قىزىق مەخلۇقكەن-دە!

مەن تېخىچە ئۆزەمنىڭ مۇشۇنداقلا تاشلىنىپ كېتىشىمگە ئىشىنەلمىگەچكە، بەلكىم دەل شۇنداق بولغاچقا، ھېپىزدەك تەييار ئولجىنى قولدىن بەرگەندىمەن!؟ بۇ خىل ھەردەمخىياللىق بىلەن رىياللىقنى توغرا تونۇماسلىقىم مەلۇم بىر يىل ئاخىرىدا تامامەن يېمىرىلىپ، ھەقىقەت پۈتۈن يالىڭاچلىقى بىلەن ئوتتۇرىدا ئاشكارە بولدى: ئۇنىڭ توي قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ئۇقۇلدى. دېمەك، ئۇ توينى مەن بىلەن ئەمەس، باشقا بىرى بىلەن قىلماقچىدى!

بىللە چېنىققان ساۋاقداش قىزلار ئايدا-يىلدا دېگۈدەك، ئۇزۇن-ئۇزۇندا بىرەر قېتىم بىر ئارىغا كېلىشىپ قالاتتۇق. مانا مۇشۇنداق سورۇنىمىزدا ساۋاقداشلار، چېنىقداشلارنىڭ ھەممىسى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا تۆكۈلەتتى. ئوغۇل-قىز، ھەممىسىنىڭ بۈگۈنكى ھال-ئوقىتى، ئائىلە، نىكاھ، خىزمەت،... ھەممە ئىشلىرى ھەققىدە سۆزلىنەتتى. مانا شۇنداق توپلۇنۇشلىرىمىزدىن بىرىدە ئۇنىڭ ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارمۇ ئوتتۇرىغا تاشلانغان ئىدى. ساۋاقداشلاردىن بەزىلىرى بىزنىڭ ئايرىلىش جەريانىمىزدىن خەۋەردار ئىدى. يەنى، مەن ئۆزۈم يېقىنلىرىمدىن بەزىلىرىگە ئىچىمگە پاتقۇزالمىغان دەرتلىرىمنى تۆكۈپ بەرگەنىدىم. شۇڭا ئۇلار ماڭا ھىسىداشلىقتىنمۇ ياكى قىتىغۇرلۇقتىنمۇ، ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان ئىدى. چېنىقىشتىكى چاغلاردا مېنىڭ ھالىم ھەممىدىن ئۈستۈن ئىدى ئەمەسمۇ، شۇ چاغلاردا مەن كۆزۈمگە ئىلمەيدىغانلاردىنمۇ ھىچكىم قالماي توي قىلىپ بولۇشقان، ھەتتا بەزىلىرى شۇنداق كاتتا يىگىتلەر بىلەن توي قىلغانكى، ئىلگىرى بۇنداق بولارىنى ھىچكىم تەسەۋۋۇر قىلىشالمايتى. مانا شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، ھەممىدىن كېيىن قېلىپ، «سېسىپ» ئولتۇرۇپ قالغان ماڭا بۇنداق خەۋەرلەر دۈشمەنلىكتىنمۇ ئۇقتۇرۇلاتتى؛ بەزى يېقىن دوستلۇرۇم بولسا ياخشى كۆڭلى بىلەنمۇ ئۇقتۇرۇپ تۇراتتى.

دېمەك، ئۇ توي قىلىش ئالدىدىمىش. بىزدىن بىر سىنىپ تۆۋەن ئوقۇغان، ئەمما كېيىن بىز بىلەن بىللە چېنىققان بىر قىزنىڭ ئىككىنچى سىڭلىسى ئىكەن! گەرچە ئۇنىڭ كىم بىلەن توي قىلىشىنىڭ ھىچ پەرقى يوق بولسىمۇ، نېمىشكىدۇر ئۇنىڭ شۇنچە كىچىك بىر قىز بىلەن توي قىلىشى ماڭا ئەسلى ئېغىرلىق دەرىجىسىدىنمۇ ئېغىرراق كەلدى. دېمەك، ئىنسان بۇنداق چاغدا، قارشى تەرەپنىڭ مەغلۇبىيىتىنى تىلەش تۇتۇمىدا بولۇدۇغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەم قېرى، ھەم سەت بىر بۇزۇق خوتۇن بىلەن ئۆيلىنىشى يېنىكلىك بېغىشلايدىغان؛ ھەم ياش، ھەم چىرايلىق، ھەم ئۈستۈن تەبىقىدىن بىرى بىلەن توي قىلىشى ئەلەملىك تۇيۇلۇدۇكەن.

ئەمدىلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمدەك رىياللىق ئاشكارە بولغاندەك قىلدى. بۇ پاكىت رەت قىلىپ بولمايدىغان ھالدا ئىسپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. بۇنىڭ ئەلىمى ئاز كەلگەندەك، ئۇنىڭ مەندەك تەڭ قۇراملىق بىرىنى تاشلاپ، تېخىمۇ ياش، تېخىمۇ چىرايلىق بىرى بىلەن توي قىلىۋاتقىنى ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك بولدى. شۇنچە ئۇزاقتىن بېرى ئۇنى خۇددى قاتتىق قېيداپ قالدى، بىر كۈنى تۇيۇقسىز كېلىپ قالۇدۇ ياكى بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، «كىم يېڭىدۇ» ئويناۋاتىدۇ، ئەگەر مەن بىرىنچى بولۇپ گەپ قىلساملا قۇچۇقۇمغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، دەيدىغان خىيال بارمىدىكىن؟ بۇ مۇدھىش رىياللىق ئالدىدا ئىززىتىمنىمۇ يوقاتتىم، «ئاتتىنمۇ، ئۈزەڭگىدىنمۇ چۈشتۈم»-دە، ئۇنىڭ ئىش يېرىگە تېلىپۇن قىلدىم. ئەمما تېلىپۇن چېلىشقا باشلىغان ھامانلا يەنە قىزلىق مەغرۇرلۇقۇم تى رىلگەندەك، يالتىيىپ قېلىپ، يېنىمدىكى خىزمەتداش قىزغا ترۇپكىنى تۇتقۇزۇپ قويدۇم.

تېلىپۇن ئۇلانغاندىن كېيىن مەن يېنىدا تۇرۇپ پىچىرلاپ ئۈگۈتۈپ تۇردۇم. ئۇ سۆزلەشتى. شۇنىمۇ بوينۇمغا ئالىمەنكى، دەسلەپكى تەنە تەبرىكلەشلەردىن كېيىن تەشكىلگە ئەرز قىلىش بىلەن تەھدىتمۇ سالدىم. گەرچە بۇنداق ئۇرۇنۇشلار بىلەن ۋەزىيەتنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولمىسىمۇ، قانداق قىلىمەن؟ ياخشى كۆرگەن نەرسەم قولدىن كېتىۋاتاتتى. مەن بۇ شال پاخىلىغا ئېسىلىپ بېقىشتىن قانداقمۇ ئۆزەمنى تۇتالايمەن؟ ياخشى كۆرۈدۇغانلىقىمنى نېمىشكە تولۇق چۈشەنمىگەن بولغىيدىم؟ سوۋۇپ كەتتىم، ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىم، دەپتىكەنمەن، ئەمدى چىدىماي قېلىۋاتاتتىم.

بۇنداق تىلىپۇن زىيارەتلىرىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالدىم. ئەمما ھەمىشە مەن بىۋاستە سۆزلۈشۈشتىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ تۇراتتىم. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ مېنىڭ ياندا تۇرۇپ ھەر سۆزنى ئۈگۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىمنى بىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى ۋە خىزمەتدىشىمغا:

— يېنىڭىزدىكى ئۈگەتكۈچىگىلا بەرسىڭىزكەن، ھەر ئىككىمىز قىينىلىپ كەتتۇق، بىۋاسىتىلا سۆزلىشەي، — دېدى.

بىۋاسىتە سۆزلەشتۇق. بۇ ئاخىرقى سۆزلۈشۈشىمىز ئىدى. بىرىنچى مىنۇتتىن باشلاپلا كۆز يېشىمنى تۇتالمىدىم. ئېسەدەش ئارىلاش گەپ قىلاتتىم. ئوغرىمۇ تۇتۇلۇپ قالغاندا ئۆزىنى مەسۇم كۆرسۈتۈش ئۈچۈن باھانە ئىزدەيدىغۇ؟ مەنمۇ ئۆزەمنى ئاقلاشقا ئۇرۇندۇم. ھېپىز بىلەن مۇناسىۋىتىم بولۇدۇغان بولسا بۇ چاغقىچە توي قىلىپ بولۇدۇغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. ئانام بىلەن بولغان بوھراننىمۇ سۆزلەپ بەردىم.

ئۆيدىكىلەر ئۇزاق كۈتۈشتىن زېرىكىپ، مېنى قىستاشقا باشلىغان ئىدى. دادام ئاپامنى قىستاپتۇ. قۇدىلارنىڭ بۇنچە ئۇزاق ئۈنسىز يۈتۈپ كېتىشى ياخشىلىقتىن بىشارەت ئەمەس، نېمىشكە توي توغرىسىدا گەپ قىلغىلى ئۇنىمايدۇ، چوقۇم بىر كېلىشمەسلىك بولدى، دەپتۇ. ئاپام مەندىن قىستاپ سورىغان ئىدى. مەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىمىزنى ئېيتتىم ۋە ئىچىمگە سىغدۇرالمىغان بۇ دەرت تۈپەيلى ئاپامنى قۇچاغلىۋېلىپ راسا يىغلىدىم. ئەسلىدە يىغامدىن يەنە بىر مەخسەت، ئاپامنىڭ ئەيپلىمەسلىكىنى، ھىسسىداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. ھىچنەرسىدىن خەۋەرسىز ئاپام قىلچە خاپا بولماستىن:

— نېمە بوپتۇ؟ تېپىلماسنىڭ خورمىسىمىدى؟ بىرسى چالما دەپ تاشلىۋەتسە، بىرى ئالما دەپ ئالۇدۇ، — دەپ ماڭا تەسەللىي ئېيتتى. بۇنىڭدىن ئىچىم سېرىلىپ، تېخىمۇ بەك يىغا تۇتۇپ كەتتى.

مەن ئاپامنىڭ يۈزىگە قاراشتىن قېچىپ، ئاشۇ قۇچاقلاشقان ھالىتىمدە ئۆزەمنىڭ قىز ئەمەسلىكىمنى ئېيتتىم. چوڭلارنى بىر ئامالىنى قىلىدۇ، دەپ بىلەتتىم. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاپام، مېنى مۈرىسىدىن سىلكىپ ئاجرىتىپ، تەستىكىمگە نەچچىنى سېلىۋەتتى؛ يۈزۈمگە تۈكۈردى. مېنى ئەتىلا ئاپىرىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە تاشلاپ كېلىدىغانلىقىنى دەپ جار سالدى. ئۇنى قامىتىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ جار سالدى. ئاخىرىدا يەنە پەسكارىغا چۈشۈپ، مېنى قۇچاغلاپ يىغلىدى. بىللە يىغلاشتۇق.

تېلىپۇندا، پۈتۈن بولۇپ ئۆتكەنلەرنى بىر-بىرلەپ ئۇنىڭغا دەپ بەردىم. بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى سۆزلۈشۈشىمىز بولۇپ قالدى.

ئەمدى مەن ھېپىزغىمۇ تېگەلمەيتىم. ئۇ خىزمەت ئالمىشىپ، بازار ئىچىگە كەتتى. تويمۇ قىلىپ بولدى! مەن قالدىم!

 

ئانام، ئىشداش دوستۇم، ھېپىز (كېتىشتىن بۇرۇن)، باشقا قىز ساۋاقداشلارنىڭ بېشىمغا كەلگەن قىسمەتلەر تۈپەيلى ئىچ ئاغرىتىپ، ماڭا ئالاھىدە ئىلتىپاتلىق مۇئامىلىدە بولۇشلىرىدىن تۇغۇلدىمىكىن، ئىشقىلىپ، «ئازاپتىن ھوزۇرلۇنۇش»تەك غەلىتە، بى نورمال پىسخىك ھالەت شەكىللەندۈرگەندەك قىلاتتىم. ھەتتا بەزىدە ئازاپقا يېتەرلىك ئەمەلىي سەۋەپ بولمىسىمۇ، كۆڭلۈمدە قاباھەتلىك خىياللارنى سۈرۈپ، بۇ خىياللىرىمنى خۇددى راستتەك خىيالىي باشتىن كەچۈرۈپ، بۇنىڭدىن لەززەت ئالاتتىم. بۇ خىياللىرىم شۇنچىلىك مۇدھىش سەۋىيەلەرگە يېتەتتىكى، ئىنسان بالىسى ئۆزى ئۈچۈن بۇ قەدەر يامان قىسمەتلەرنى راۋا كۆرۈشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. نورمال ھالىتىمگە كەلگەن چاغلىرىمدا ئاشۇ مۇدھىش خىياللار يادىمغا كەلسە تېنىم شۈركۈنۈپ كېتەتتى. توۋا! شۇنچىۋالا يامان ئاقىۋەتلەرنى خۇددى بېشىمغا كەلگەن راست ئىشتەك تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدىن قورققۇم كېلەتتى. ئەمما پەلىپەتىش خىياللارغا پاتقان چاغلىرىمدا خىياللىرىمنىڭ مەزمۇنى چاتاقلاپ، بىرىدىن بىرىگە ئاتلاپ، يەنە ئۆز-ئۆزەمنى قاتتىق ئازاپ بىلەن جازالاپ، بۇنىڭدىن گويا ئۆزەم پۇخادىن چىقىدىغان بى نورمال روھىي ھالەتكە كېلەتتىم، بۇ سائەتلەرچە سۈرەتتى.

ئىچىمدىكى ھىسلىرىمنى دىققەت بىلەن كۈزەتكىنىمدە شۇنى بايقىدىم: ئىچىمدە قارىمۇ-قارشى، بىر-بىرىگە دۈشمەن ئىككى «مەن» بارىدى. ئوخشىمىغان كىملىكتىكى بۇ ئىككى «مەن»نىڭ بىرسى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، يەنە بىرىنى يەردىن-يەرگە ئۇرۇش، مەسخىرە قىلىپ چۆكۈرۈش، ئازاپلاش،... لاردىن ھوزۇرلىناتتىم.

ئۇنى پۇشايمان قىلدۇرۇپ، ئالدىمدا مۈكچەيتىشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىمكى، بۇ خىياللىرىمدىن شۇنچىلىك گۈزەل چۆچەكلەر تۇغۇلاتتى. ئەمما بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۈمكىنچىلىكى نۆلگە يېقىنلا ئىدى. چۈنكى مېنىڭ غالىپ كېلىشىم، ئۇنىڭ بولسا يېڭىلگۈچى سۈپىتىدە مەندەك قالتىس بىرسىدىن ئايرىلىپ خاتا قىلغانلىقىنى بوينىغا ئېلىشى ئۈچۈن بىرلا يول — مەن قالتىس مەشھۇر شەخس بولۇپ تونۇلۇشۇم، شۆھرىتىم ئەلگە تارالغان بولۇشى كېرەك ئىدى. مېنىڭ ئەقلىي جەھەتتە بۇنداق بىر پەللىگە يېتىشىم، يەنى، دەيلىكى، ئالىم بولۇشۇم، داڭلىق شائىرە بولۇپ كېتىشىم چۆچەك مەسەللىك خىيال ئىدى؛ كاتتا باشلىق بولۇپ، ئۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دائىرىنى باشقۇرۇشۇم ئۈچۈنمۇ يېتەرلىك شەرتلەر — پارا بېرىش ئۈچۈن پۇل، ئۆزەمنى دەسمىي سېلىش ئۈچۈن ھەۋەسكە لايىق چىراي، ئاتا-ئانامنى ۋاسىتە قىلىش ئۈچۈن ئۇلاردا كېرەكلىك مەرتىۋە — يوق ئىدى. دېمەك، بۇمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنداق ھەيران قالدۇرۇش، پۇشايمان قىلدۇرۇش كۆرۈنۈشلىرى بۇرۇن چۆچەكلەردىلا كۆرۈلۈپ، ناھەقچىلىككە ئۇچرىغۇچىغا ھىسسىداشلىققا مايىل تۇتۇمدا بولۇدۇغان كىتاپخاننى «ھەجەپ ئوبدان بولدى» دېگۈزۈپ ھاردۇقىنى چىقىرىدىغانتى. ھازىر بەزى يېڭى ھىكايىلاردا مۇشۇ قېلىپتىن پايدىلىنىش كۆرۈلۈۋاتاتتى. ئەمما كېيىنچە بارلىققا كەلگەن كىنو-ۋىدىيوچىلىقىمىزدا تېخىمۇ يارقىن شەكىل ئالغان ھازىرقى زامان نۇسقىلىرى مەيدانغا كېلىپ، تاماشىبىننى گولداشنىڭ ئاسان يولى بايقالغانىدى: ۋاپاسىز ئەر ئاجىز ئايالنى رەھىمسىزلىك بىلەن تاشلاپ كېتەتتى. بۇ تىرىشچان ئايال شوپۇرلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، پۇلى بولمىسىمۇ ماشىنىغا چىقىۋېلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر ئاماللار بىلەن ئۈرۈمچىگە چىقىۋالاتتى. ئاۋال بالا باققۇچى ياكى ئاشخانىلاردا يۇغۇچ بولۇپ ئىشلەپ، كېيىن ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىپ بېيىپ كېتەتتى. نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچى ئىشلىتىدىغان چوڭ كارخانىلارنى قۇرۇپ چىقاتتى. بىر كۈنلەردە چۈشكۈنلۈشۈپ، تۈگەشكەن ئەر بىلمەستىنلا ئۇنىڭ بىرەر تارماق شىركىتىدە مەدىكار بولۇپ ئىشلەپ قالاتتى. بىر كۈنى ئايال ئالىي پىكاپتىن چۈشۈۋاتقان، بىرمۇنچە سالىكلار پاي-پېتەك بولۇپ تۇرغان؛ ئەر بولسا تازىلىقچى سۈپىتىدە ئايالنىڭ (كاتتا خوجايىننىڭ) ئاياغ پايلىرىنى سۈرتۈۋاتقان ھالدا ئۇچرۇشۇپ قالاتتى.... ۋاھ! ۋاھ! مەن ئۈرۈمچىگە چىقىپ كېتەلمەيتىم. خىزمىتىم تۇرسا! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتسەملا ئاشۇنداق باي بولۇپ كېتىدىغانغا كاپالەت بارمىدى؟ بۇ دېگەن ھىكايىلاردا ئاسان بولغان بىلەن رىياللىقتا نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن؟ ئاتا-ئاناممۇ، بىرتۇققان قېرىنداشلىرىممۇ بۇنىڭغا يول قويمايتى. دېمەك ئەمدى مېنىڭ غالىپلىق تەنتەنىسى سۈرگەن ھالدا ئۇنى ئايىغىم ئاستىدا كۆرۈشۈم ناتايىن ئىدى. بۇ ھال، بۇ رەھىمسىز رىياللىق ماڭا يۈزمۇ-يۈز دېۋەيلەپ تۇرغاندا بولسا دۇنيانىڭ مەزىسى قالمايتى، ھاياتنىڭمۇ، دۇنيانىڭمۇ ۋاي دەپ كەتكۈچىلىكى يوق، چاغلىقلىقى ئاشكارە بولاتتى.

بەزىدە ئۆزەمنى يەككە-يىگانە ھىس قىلاتتىم. چۈشۈرگىدە ئولتۇرۇپ ھېلىقى مۇدھىش كېچىنى يادىمغا ئالغىنىمدا ئىختىيارسىز ھالدا ئاشۇ ساڭگىلاپ قالغان تىكەنلىك سىم سىرتىدىكى ئورمانلىققا قاراپ قالاتتىم. ئەنە شۇ ئورمانلىقتا ئۇ مېنى كۆرۈپ تۇرغانىدى. قاراڭغۇلۇقنىڭ بىر پارچىسى بولۇۋېلىپ مېنى كۈزۈتۈپ تۇرغىنىدىن بىخەۋەر بىز ھېپىز بىلەن ئەنە ئۇ يەردە ئولتۇرغان ئىدۇق. ئۇ قانچىلىك ۋاقىتتىن بېرى بىزنى كۈزۈتۈۋاتقان بولغىيدى؟ شۇ كۈنىلاممۇ ياكى بىرنەچچە كۈنلەردىن بېرىمۇ؟ ئەمدىلا كېلىپ تۇرغانمىدى؟ ياكى سائەتلەردىن بېرى شۇ يەردە ھۇقۇشلارچە ھۇشيارلىق بىلەن ماراپ تۇراتتىمۇ؟ بۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇشنىڭ بۈگۈن ئۈچۈن ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق بولسىمۇ، يەنىلا قىزىقارلىق ئىدى، دايىم ھەققىدە ئويلاندۇراتتى.

بىركۈنى ئىختىيارسىز ھالدا ئۆستەڭ قېشىدىن چۈشۈپ، ئاشۇ كۈنى ئۆزەم ئولتۇرغان ئەڭ ئۈست پەللەمپەينىڭمۇ ئۈستىدىكى، ئورمانلىققا تۇرتاشقان ئانچە تەكشى بولمىغان تۈزلۈكتە تۇرۇپ، ساڭگىلاپ قالغان تىكەنلىك سىمنىڭ ئارقىسىدىكى ئورمانغا قاراپ بىر دەم تۇرۇپ قالدىم. ئاندىن ئورمانغا كىرىپ ئاشۇ ئولتۇرغان يېرىمگە قارىدىم. ئارىلىق ئون قەدەمچە كېلەتتى. بۇنىڭ ئالتە قەدىمى پەللەمپەيلەر تۈگىشىدىكى تەكشىلىك بولۇپ، دايىم ئادەم مېڭىپ تۇرغاچقا گىيا ئۈنمەس قاق بولۇپ كەتكەن يەر ئىدى. بۇ قاق يەرنىڭ غەرپ ياقىسى ئۆستەڭ قېشىغىچە تۇتاشقان بولۇپ، قاش يانتۇلۇقىنىڭ دايىم چۈشۈرگىگە چىقىش ئۈچۈن يول قىلىنغان يەرلىرىگە گىيا ئۈنمىگەننى ھىساپقا ئالمىغاندا قاش يانتۇلىقىمۇ يېشىللىققا پۈركەنگەن ئىدى. قاقيەرنىڭ شىمالى، شەرقىي شىمالى ئورمانلىققا تۇتاشقان بولۇپ، رەسمىي ئورمان ئىچىگىچە بولغان تۆرت قەدەمچە ئارىلىقتا تۈز چىمەنلىك بارىدى. تىكەنلىك سىم مانا شۇ چىمەنلىك ئۈستىدە بولۇپ، كۆپ جايلىرى ساڭگىلاپ قالغاچقا رولىدىن قالغان ئىدى. ئورمان زىچ بولغاچقا غولى يوغۇنۇماي، پۈتۈنلەي چاچۋاغ شەكلىدە ئىنچىكە شاخلار چىرمىشىپ تۇراتتى. بۇ يەردىن مېنىڭ ئولتۇرغان يېرىمگە قاراپ تۇرۇلسا كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى قوشۇلغاندا ھەقىقەتەنمۇ كۆرگىلى بولمايدىكەن.

مەن ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۈزەتكەن نۇقتىسى بولۇشى مۈمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان يەردىن چىقىپ، گېنېراتور ئۆيى ۋە ياتاق بىنامىز جايلاشقان چوڭقۇرلۇقنى ئوراپ تۇرغان دۆڭ (ئەمەلىيەتتە دۆڭ ئەمەس، تۈز، پەقەت چوڭقۇرغا جايلاشقان ئۆيلەرگە نىسبەتەن دۆڭ) گىرۋىكى بويلاپ ياتاقنىڭ ئارقا دەرىزىسى ئۈستىلىرىدىن ئۆتۈپ، جىلغا ئىچىدىكى ئاساسىي يولغىچە چىقىپ، ئاندىن گېنېراتور ئۆيىنىڭ ئالدى چوڭ ئىشىكىگە ئۇدۇل، ياتاق ئالدىدىن پاراللېل ئېلىنغان يول بىلەن گېنېراتور ئۆيىگە قايتىپ كىردىم.

ياتاقلارنىڭ ئەڭ باشتىكىسىلا چوڭقۇردا قالاتتى. دۆڭ تەدرىجىي تۆۋەنلەپ بارغاچقا، باشقا دەرىزىلەر بارا-بارا ئاشكارە چوقچۇيۇپ كۆرۈنەتتى. ئەڭ باشتىكىسى مېنىڭ ياتىقىمنىڭ دەرىزىسى ئىدى. دۆڭدىن دەرىزىگىچە يانتۇلۇقتىن چۈشۈلسە، دېرىزە تەكچىسىدىن بىر ئاز ئىگىز يەرگىچە چۈشۈلەتتى. مەن ئۇنى بىر نەچچە قېتىم مۇشۇ دەرىزىدىن ئىچكىرى كىرگۈزگەن ئىدىم. دېرىزە ئارقىسىدا تۇرۇپ ياتىقىمنىڭ ئىچىنى روشەن كۆرۈپ تۇرۇشقا بولۇدۇكەن؛ ھەتتا گېنېراتور ئۆيىنىڭ شىمال تەرەپكە — دۆڭگە يۈزلەنگەن غايەت يوغان دەرىزىسىدىن ماشىنا ئۆيىنىڭ ئىچىنىمۇ تولۇق دېگۈدەك كۆرگىلى بولۇدۇكەن.

بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مەلۇم بولدىكى، ئۇ مېنى ياتاقتىمۇ، ئىش ئۈستىدىمۇ كۈزۈتۈپ تۇرغان بولۇشى چوقۇم. ئاندىن مېنىڭ چۈشۈرگىگە چىقىپ كېتىۋاتقىنىمنى كۆرۈپلا چۈشۈرگە يېنىغا كېلىپ يوشۇرۇنغان! بەلكىم ئارقامدىنلا ھېپىزنىڭ ئەگەشكەنلىكىدىن گۇمانغا كېلىپ، بىزنى چوقۇم بىر ئىش قىلىدۇ دەپ ئويلىغان بولۇشى مۈمكىن. كىم بىلىدۇ، شۇ ھېپىز ئەگەشمىگەن بولسا بەلكىم بۇ يەرگىچە ئارقامدىن كەلمەسمىدىكىن؟

مانا ئەمدى ھېپىزمۇ يوق، خىزمىتى ئالماشتى ھەم ئۆيلۈنۈپ بولدى. تەڭتۇشلارنىڭغۇ بالا-چاقىلىرىمۇ بولدى. ئارقامدىكى ئىنىلىرىم مەن يولىدا توغرىسىغا تۇرۇۋالغان ئەھۋال ئاستىدا توي قىلالمايتى. چوڭ ئوغۇل تۇرۇپ سىڭىل توي قىلسا تامامەن مۈمكىن، چۈنكى قىز ھامان كىچىكرەك توي قىلىدۇ ئەمەسمۇ؛ ئەمما چوڭ قىز تۇرۇپ، ئارقىسىدىكى ئىنىلىرى توي قىلىش كۆرۈلمىگەن بىر ئىش ئىدى. بۇ ھالدا مەن شۇئان ئىنىلىرىمنىڭ كۆزىگىمۇ تاپتەك كۆرۈنۈۋاتقان بولسام كېرەك.

ئۇنىڭ تويى ھەققىدىمۇ ئۇقۇلدى. ئەمدى مەندە يەنە رىياللىققا بىرەر پىرسەنت ئالاقىسى بار شېرىن خىيال قىلىشقىمۇ ئورۇن قالمىغان ئىدى. ئەسلىدىغۇ توي قىلماسلىقىممۇ تامامەن مۈمكىن ئىدى، ئەر كىشى دېگەن شۇنداق بولۇدۇغان بولسا توي قىلىپ قايسى خوۋلۇقنى كۆرەتتىم؟ ئەمما ئاتا-ئانامنىڭ توپلۇمدىكى يۈز-ئابرويى، ئىنىلىرىم ئۈچۈن توي قىلىشقا مەجبۇر ئىدىم. بىراق، قانداق؟ قانداق توي قىلىمەن؟ بىرى ئالاي دېسە تېگەرمەن؟ ئۆزەمنى تەكلىپ قىلسام ھەركىم مەندىن قاچار؟

بۇ كۈنلەردە بىر نەچچە ياش يولداش بىلەن بىرگە بىر ئۇيغۇر بالىمۇ يېڭىدىن كەلدى. ئادىل ئىسىملىك بالا مېنىڭ ئىنىمدىنمۇ بىر سىنىپ تۆۋەن ئوقۇغان بالا ئىدى. چىرايىدىنمۇ بالىلىق سەبىلىكى چىقىپ تۇراتتى. بۇ جىمجىت جىلغىدا ئىچى پۇشقانلىقتىنمىكىن، ماڭا كۆپ سۈركۈلۈپ، چېقىشىپ، ئىچ پۇشقىنى چىقىرىشقا ئۇرۇناتتى. مەنغۇ ئۇنىڭ ماڭا توي تەكلىبى قويۇشىغا ئىشەنچىم يوق، ھەم بۇ مۈمكىنسىز بىر ئىش دەپ ئويلايتىم-يۇ، ئەمما، يەنىلا ئۇنىڭغا جاۋابەن لايىقىدا چاخچاق بىلەن جاۋاپ بېرىپ، بۇرۇختۇملۇققا پاتقان بەختسىز ھاياتىمنىڭ ئەمىكى قىلاتتىم.

بالا بەلكى كىچىكلىكى، نادانلىقىدىن بولسا كېرەك، مېنىڭ ئىنكاسىمنى خاتا چۈشۈنۈپ، يوغۇن تامالاردا بولۇپ قالغاندەكمۇ قىلاتتى. بەزىدە ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتا ياتاقتا دەم ئېلىۋاتقان چاغلاردا بىر ئاماللار بىلەن ياتاققا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، ماڭا ئېسىلىپ باقىدىغانمۇ بولدى. بىر تۇرۇپ بۇ ھال راسا غورۇرۇمغا تەگدى. «ئەمدى ئۆتەپ-تېشىپ مۇشۇنداق سويمىلارغىمۇ ئويۇنچۇق بولۇپ قالدىممۇ نېمە؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ، بالىنى يا تەستەككە سېلىپ قوغلاپ چىقىراتتىم، يا قوپال گەپلەر بىلەن ھەيدەيتىم. ئەمما بىرنەچچە ئادەمدىن باشقا تىرىك جان بولمىغان بۇ جىمجىت مۇھىتتا زېرىكىشتىن چارىسىزدۇر بەلكىم، ئەتىسىلا يەنە ھىجىيىپ چاپلاشقىلى تۇراتتى.

ئۇنىڭ زېرىكمەس روھىدىن تالدىم. بىر كۈنى ئۇ ياتىقىمغا كىرىۋېلىپ ئېسىلىۋاتقاندا ئۇنى توختۇتۇپ تۇرۇپ:

— پىچەتنى بۇزۇش ھەرقاچان جىنايەت، بۇنى بىلەمسەن؟ — دېدىم نەسىھەت ئاھاڭىدا، — سەن تېخى كىچىك، مەن قىز تۇرسام، ھۆددىسىدىن چىقالماي قالاسەنمىكىن؟

— ئوغۇلبالا بىز دېگەن، قىلغان ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان كۆرۈۋاتامسەن بىزنى! — دەپ مەيدە قاقتى ئۇ.

بۇنچىلىك پوغىلا ئىشىنىپقۇ كەتمەيتىم، ئەمما مەنمۇ ياشمەنغۇ؟ يىللار ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم بىللە بولغىلى، مەنمۇ چىدىغۇسىز بىر ۋەزىيەتتە ئىدىم. شۇڭا ئۆزەمنى تۇتقۇزايمۇ دېگەن شەيتانى ۋەسۋەسە ئارامىمنى بۇزۇپ، مېنىڭ مۇداپىئە قورغانلىرىم بوشاپ، يېمىرىلىپ كەتكىلى تۇردى. ئەمما يەنە بىر قېتىم داغدا قالماسلىق ئۈچۈن كۈچەپ ئۆزەمنى تۇتۇپ، ئادىلنى ئىتتىرىۋەتتىم-دە:

— مەن ئوبدانراق ئويلۇنۇۋالاي، سەنمۇ ياخشى ئويلان، ئاقىۋىتى نېمە بولۇدۇ، نېمە بولسا نېمە قىلىمەن؟ ئىگە بولالايمەنمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ ئاندىن قېشىمغا كېلەرسەن، — دەپ چىقىرىۋەتتىم.

مەن نېمىنى ئويلۇناتتىم؟ بىر تۇزاق قۇرۇپ، مۇشۇ سەبى بالىنى ھۆل خىشقا دەسسىتىپ، ئۆزەمنى قىيىن ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا ئويلۇنۇپ قالدىم.

«بىر قېتىم ئەرزان سېتىلغان مال كېيىنكى قېتىملاردا داۋاملىق ئەرزان سېتىلىدۇ» دېگەننى ئوقۇغان ئىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ مال توغرۇلۇق ئېيتىلمىغانغۇ دەيمەن. ۋىجدان، خائىنلىق، دۈشمەنگە سېتىلىش، ئار-نومۇس دېگەندەكلەرگە ئالاقىدار مەزمۇندا ئىشلىتىلگەن بولسا كېرەك. مەيلى نېمىلىكى بولمىسۇن، بۇ مېنىڭ ئەھۋالىمغا ئۇيغۇن كېلەتتى. ئەمدى نېمىنىڭ ئايىغۇچىلىكى قالدى؟ مەن ئۆزەمنى قۇتقۇزمىسام بولمايتى.

نەپس بىلەن يارىتىلغان ئاجىز بەندىمەنغۇ؟ بەزىدە شەيتان غالىپ كەلسە نەپسكە يېڭىلمەيدىغان كىم بار؟ ئەمدىكىسى باشتىكىسىگە ئوخشىمايدۇ تېخى! بۇرۇنقىسى ساقلانغىلى بولۇدۇغان، مۇداپىئە توسۇقلىرىغا ئىگە بولغان بولسا، ئەمدىكىسى ئادەتلەنگەن خۇمارنىڭ قىستىشى بىلەن تېخىمۇ جىددىي، تېخىمۇ بېسىم كۈچىگە ئىگە، تېخىمۇ ئەمەلىي تۈس ئالغان ئىدى.

مېنىڭ ئويلاپ تاپقان ھىلەم نېمىمۇ بولسۇن؟ بۇ بالىنى قىز ئىكەنلىكىمگە ئىشەندۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى ئالقىنىمغا چۈشۈرۈش ئىدى. ئەتىسىلا ئۇ ئەركەكلەرنىڭ سەۋرىسىزلىكى بىلەن:

— مەن ئويلۇنۇپ بولدۇم، ھەرقانداق ئىش بولسىمۇ ئىگە بولۇشقا سۆز بېرەلەيمەن، — دەپ يەنە نەپسى-خاھىشىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئالدىراشقا باشلىدى.

— ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، ئادىل، مېنىڭ تېخىچە كاللامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ، ھالىم-ھادىس...

— بولدى قويە، مانا مەن!...

ئەمما مەن بىر قارارغا كېلىپ بولغان بولساممۇ بىر ئاز كەينىگە سۆرۈشۈم كېرەك ئىدى. بۇ ئىش ھېيىز كۈنلىرىمنىڭ باشلىنىشىغىچە ئارقىغا سۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن گويا «بەكمۇ تەسلىكتە» ئادىلغا ئامانەتنى تاپشۇرغان بولدۇم. شۇندىمۇ بۇنى مېنىڭ تولۇق رازىلىقىمسىز، پەقەت ئادىلنىڭ ئەركەكچىلىكى، بىر ئاز زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە روياپقا چىققان تۈس بېرىپ پۈتتۈردۈم.

شۇندىن كېيىن كەچلىك ۋە كېچىلىك ئىسمىنىلاردا ئىشلىگەن چاغلاردا پۇرسەت تاپساقلا بىرگە بولۇپ يۈردۇق. قارىسام ئادىلمۇ مېنى ئويۇنچۇق قىلىپ ئويناپ كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېتىۋەرگۈدەك، چۈنكى ئۇ تېخى كىچىك بولغاچقا ئەڭ ئاز ئۈچ يىلسىز ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئۆيلەش ھەققىدە باش قاتۇرمايتى. شۇڭا بۇ ئىشنى بىر ئاز تېزلىتىش ئۈچۈن ئەقىل ئىشلىتىشىمگە توغرا كەلدى. چېنىقىش يىللىرىمىزدا ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ دىققەت قىلىدىغان «خەتەرلىك 14-كۈن» ماڭا ئەمدى ئەسقاتتى. بىر نەچچە قېتىم ئارقا-ئارقىدىن دەل 14-كۈنىگە ئۇتتۇرلۇدۇم.

ھېيىزىمنىڭ توختىشى بۇ نەزەرىيەنىڭ توغرۇلۇقىنى ئىسپاتلىدى. بىر كۈنى ئادىل بىلەن ياتاقتا خالى بولغۇنۇمىزدا:

— ئادىل، بويۇمدا قالغاندەك قىلىدۇ، تەشكىلگە مەلۇم قىلايمۇ ياكى ئاتا-ئاناڭغا دەپ ئىشنى چىرايلىق ھەل قىلالامسەن؟ — دەپ سورۇدۇم.

ئۇ تاتىرىپ كەتتى. ۋەدىلىرىدىن قەتئىينەزەر بۇ ھال ئۇنىڭغا يەنىلا ئېغىر كەلدى. ياقمايدىغانلىقى ماڭىمۇ ئايان. كىمگىمۇ ياقسۇن بۇنداق بىر تېتىقسىز ئىش؟ ئەمما ئۇ قورقتى. تەشكىلگە دېمەسلىكىمنى ئۆتۈنۈپ، ئانىسىغا دەيدىغانلىقىنى، ئانىسى گېپىنى يىرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما مەن ئەمدى خېلى قۇۋلۇشۇپ قالغان ئىدىم. قۇرۇق گەپلەرگە ھە، دەپ، ئۆمۈر زايا قىلىپ كېتىۋېرەلمەيتىم.

— بىر ھەپتە ئىچىدە جاۋاپ ئەكەلمىسەڭ، تەشكىلگە دېيىشكە مەجبۇرمەن. قوسۇقۇم بىلىنمەستە ئىشنى پۈتتۈرمىسەك، مېنىڭمۇ يۈز-ئابرويۇم بار، ئاتا-ئانامنى ئايىمىسام بولمايدۇ.

ئۇ ئىچىدىن خالاپ كەتمىسىمۇ، يەنىلا ۋەدە قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئىش شۇنداق پۈتۈدۇغان بولدى. شۇ ئاخشىمى ئاللىقانداق مۇرەككەپ تۇيغۇلار ئىسكەنجىسىدە تاڭ ئاتقۇچە يىغلاپ چىقتىم. سەۋەبىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمىسەممۇ، ئىچىمدىن كەلگەن يىغا ئىدى بۇ. بەلكىم بۇ مانا ئەمدىلا باشقا بىرىگە تەۋە بولۇۋاتقانلىقىم، خالاپ ئەمەس، قىسمەتنىڭ زورىدىن شۇنداق بولۇۋاتقىنىدىن بولسا كېرەك؛ ياكى بۇ بىر تۈرلۈك ۋىجدان ئازابىدىن ئۆز-ئۆزەمنى سوتلاشنىڭ نەتىجىسى بولۇشىمۇ مۈمكىن. چۈنكى مەن بىر سەبى بالىنى ھىلە بىلەن بۇ مەنزىلگە قىستاپ كېلىپ، مەخسىدىمگە يېتىۋاتاتتىم. ئۆزەمنى شەرمەندىلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تېخىمۇ يامان بىر شەرمەندىلىكنى قىلىۋاتاتتىم.

ئادىل ئانىسى بىلەن سۆزلۈشۈپ ئەتىسىلا ماڭا خۇشخەۋەر قىلدى:

— ئاپامغا شۇنداق بىرلا يىغلاپتىكەنمەن، دېگىنە، ئاپام بولدى بالام، دېگىنىڭدەك قىلايلى، دەپ كەتتى، — دەپ ماختانغان ئىدى، ئۇنىڭ شۇ ھالى مېنى يەنە خورلۇنۇش تۇيغۇسىغا پاتۇردى. ئەسلىدە مەن، مېنىڭ بويۇنتاۋلىقلىرىمنى بىر تىيىن قىلىپ، ئەركەكلەرچە پۈكلەپ، قاتلاپ بويسۇندۇرۇدۇغان، ئەركەكتەك ئەردىن تامادا ئىدىم؛ ئاياللاردەك كۆز يېشىنى قورال قىلىدىغان ئاجىزلاردىن نەپرەتلىنەتتىم. قىسمەت مانا بۇنداق بولۇدۇكەن. نېمىدىن قاچساڭ شۇنىڭغا تۇتۇلۇدۇكەنسەن...

ئايال كىشى دېگەن شۇنداق غەلىتە مەخلۇقكى، ئائىلىدە (ياكى تېخى مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا) زېرىكمەستىن ئەرنى بويسۇندۇرۇشقا، گېپىگە كىرىدىغان قىلىشقا ئۇرۇنۇدۇ-يۇ، ئەگەر ئەر بويسۇنسىلا بۇنداق ئەردىن كۆڭلى قالۇدۇ؛ زېرىكىشكە، كۆزىگە ئىلمەسلىككە باشلايدۇ.

ئانىسى رازىلىق بېرىپ ئادىلنى خاتىرىجەم قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئەسلىدىن رازىلىقى بولمىغاچقا يەنىلا زىغىرلاش، سۈرۈشتە قىلىشلار بىلەن قۇتۇلۇشقا چارە ئىزدىگەنلىكىمۇ مەلۇم بولدى. ئادىلنىڭ دوستلىرىنى ئارىغا سېلىپ: «ئاغىنەڭلەدىن ئوبدانراق سوراپ كۆرۈڭلا، بىر ناخشا بارغۇ، ‹باغقا كىردىم شوراڭدىن، بىرنى ئۈزدۈم غوراڭدىن،... › دەيدىغان، بالام بىچارە كىچىك، ئىش كۆرمىگەن، شۇڭا خەق ئاچقان شورىدىن كىرىپ قېلىپ، بىر تال غورا ئۈزگەنگىلا بالاغا قېلىۋاتامدۇ، قانداق؟... » دەپتۇ. دوستلىرى ئادىلدىن سۈرۈشتە قىلىشقاندا ئادىل مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «بىز دېگەن شۇندا ئوغۇل بالىما؟ خەق ئاچقان شورىدىن باغقا چۈشۈدۇغان؟ شورىنى مانا مەن ئۆزۈم ئاچتىم! باشقىسىغا ھۆددە قىلالمىساممۇ بۇنىڭغا ھۆددە قىلىمەن» دەپتۇمىش.

— بىز شۇندا ئوغۇل بالىما، قانداق دېدىم، ھە؟ — دېدى ئۇ ماڭا ئۇ گەپلەرنى دەپ بېرىۋاتقاندىمۇ مەيدىسىگە مۇشلاپ قويۇپ.

ئادىلنىڭ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقان چاغدىكى ساپلىقى، بالىلىقى — مېنىڭ ھەققىمدە قىلچە گۇماندا بولمىشى، ئۆزىنىڭمۇ ئالدىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بار ئاددىي بىرى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ كۆرمەسلىكتەك گوللۇقى كۆزۈمگە ياش كەلتۈرۈۋەتتى. نېمىدۇر ماڭا ئۆلگۈدەك ھار كېلىۋاتاتتى. نېمىدۇر مېنىڭ ۋىجدانىمغا تۈكۈرەتتى... ئەمما نە چارە؟ مەنپەئەتنى دەيدىكەنسەن، بۇنداق سورۇندا ۋىجدانغا ئىش يوق!

مەجبۇرىي تۈس ئالغان تويىمىز بولدى. توي كېچىسىنىڭ مەن ئۈچۈن ھىچقانداق ئالاھىدە تەرىپى يوق ئىدى. قىزلاردا قورقۇنۇچ ۋە قىزىقىش ئارىلىشىپ كەتكەن تۇيغۇلارنىڭ جۇش ئۇرۇدۇغان بۇ كېچىسى مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك تاتسىز، ھەتتا ئۇياتلىق ئىدىكى، يىغلاي دېسەم تېخى، خوش بولاي دېسەم تېخى دېگەندەك بىر ۋەزىيەتتە ئىدىم. توي كېچىسىگە (قىز ئېتىم بولۇشىغا قارىماي) قىز كەلمىگىنىم يەتمەي، ھامىلدار قورسۇقۇم بىلەن كەلگەن ئىدىم. بىر بىچارە بايقۇشنىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئۆزەمنى قىز قىلىپ ئۆتكۈزۈۋالغىنىممۇ مانا ئەمدى روھىمغا يۈك بولۇپ مېنى قىينىماقتا ئىدى. ھەممە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئەڭ بەختىيار بولۇدۇغان، مۇتلەق تۈردە قوشۇلۇدۇغان بۇ كېچىسى مېنىڭ روھىي سەراسىمە ئىچىدە بولۇشۇم تۈپەيلى، ھىچنېمە تېتىمايدىغان ھالدا بولغاچقا ئادىلنىڭ چاخچاق ئارىلاش، بىرىنچى كېچىنىڭ يېقىنچىلىقىغا تەقلىت گەپلەرنى قىلىپ، يېقىنلىشىشىغا قارىتا، سوغۇقلۇق ۋە تەتۈرلۈك بىلەن ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئارقىغا ئۆرۈلۈپ يېتىۋالدىم. بىزنىڭ بىرىنچى كېچىمىز ئەنە شۇنداق ئوخشىمىغان شەكىلدە ئۆتتى.

تەتۈر قارىۋالغاندىن كېيىن دەرھال ئۇخلاپ قېلىشىم مۈمكىنمىدى؟ مېڭەم چېگىش خىياللارغا تولغان ئىدى. ئەسلىدە مانا بۇ كېچىدە، تەنتەنىلىك مۇراسىملاردىن كېيىنكى بۇ كېچىدە بولۇشى كېرەك بولغان بىرىنچى قېتىم مەن ئۈچۈن يىللار ئاۋال بۇغدايلىقنىڭ قىرىدا، چېكەتكىلەر چىرىلداپ تۇرغان، چۈرۈچ بۇغداينىڭ پۇراقلىرىدىن ھاۋانى تېخىمۇ دىمىق ھىس قىلدۇرۇدۇغان ياز كېچىسىدە تۈگۈتۈپ ئولتۇرغان ئىدىم. ئىززىتىم بىلەن، ئىنسانچە بولمىغان ئاشۇ كېچە تۈپەيلى، مانا بۇ كېچە، بۇ تۆشەككە نەپرەتلىك بېقىشلار ئاستىدا، نارازى كوتۇلداشلارنىڭ قۇلاققا ئۇرۇلۇشلىرىنى بىلمەسكە سالغان ھالدا كىرىشكە مۇيەسسەر بولغان ئىدىم.

ئادىلنىڭ ئانىسى ئايال كىشى بولغاچقا تېزلا غۇملىرىنى ئۇنتۇپ، ئەتىۋارلىق بالىسىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولدى. شۇنداقلا قىز تاپقان بىچارىلەرمۇ بىزدەك ئاتا-ئانا ئەمەسمۇ، ئۇلاردا نېمە گۇناھ؟ دەپ ئۆز-ئۆزىنى پەپىلىگەن بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئەمما دادىسى ماڭا باشتىن ئاخىر شۈبھىلىك نەزەردە قاراشتىن نېرىغا ئۆتمىدى. «بۇ رەخىنە بولۇپ كەتكەن جالاپ باشقىلاردىن تاپقان بالىنى مېنىڭ ئاخماق ئوغلۇمغا دۆڭگەپلا تېگىۋالدىغۇ؟» دەۋاتقاندەك قارايتى. بىر قېتىممۇ «بالام» ياكى «قىزىم» دەپ خىتاپ قىلىپ باقمىدى. ئۇ مېنىڭ جىمىكى سىرلىرىمنى كۆزلۈرۈمدىن كۆرۈپ تۇرۇدۇغاندەك، ئۇنى كۆرگەندە دايىملا بەدىنىم تىكەنلىشىپ كېتەتتى. ھەتتا بىر قېتىم مېنىڭ ئىچكىرى ئۆيدە ئىكەنلىكىمنى بىلمەستىن بىر ئىش بىلەن كەلگەن مىھمان تەڭتۇشلىرىغا:

— ئەسلىدە بىز «ھە، توي قىلدىڭمۇ؟ قىلدىم» قىلىپلا تۆرت كۈندە يولغا سالامىز دەپ ئويلىغان، ئىش كۆرمىگەن ئاخماق بالا، دەڭلا، بەك تېتىپ كەتكەنمۇ، بۇنىڭدا بار نېمە باشقا ئاياللاردا يوق دەپ ئويلاپ قالغان بوسا كېرەك، چاپلىشىپلا قالدى، ئامال يوق،... — دەۋاتقىنىمۇ قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالغان ئىدى.

ئادىلنىڭ مېنى ئۆمۈرلۈك جۈپ سۈپىتىدە كۆرمەيدىغانلىقى، «شەرىئەتنى دۇرۇست قىلىپ»لا قويۇۋېتىدىغانلىقىنى مەنمۇ مۆلچەرلىگەن ئىدىم، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى، ھەممىدىن بەك ئاشۇ ماڭا شۈبھىلىك باقىدىغان دادىسى مېنى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق قويمايدۇ دەپ ئويلايتىم. شۇنداق بولسىمۇ ھىچ ئەنسىرىمەيتىم. چۈنكى مەنمۇ پەقەت بۇ توينى «كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىش» ۋاسىتىسى دەپ قارايتىم. شۇڭا ئادىلغا بەك يېقىنچىلىق كۆرسۈتۈپ، ئۇنىڭ ئىلكىدە قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيتىم. بۇ ھال بولسا ئەكسىچە نەتىجە بېرىۋاتقاندەك قىلدى: «قوغلىغاندىن قاچ، قاچقاننى قوغلا» دەيدىغان كىلاسسىك نەزەرىيە توغرا چىققاندەك قىلاتتى. ئادىل مېنى ھىچ قويۇۋېتىدىغاندەك قىلمايتى.

بۇلار بالىسىغا بەك ئامراق بولۇشىغا قارىماي، دادا بولغۇچىنىڭ مېنى دايىم كۆرۈپ تۇرۇشقا تاقىتى بولماسلىقى تۈپەيلىدىنلا، نېمە ھالى بولسا ئۆزلىرى كۆرسۇن، دېگەندەك قىلىپ، ئۆيىمىزنى ئايرىۋەتتى. بۇغۇ بىر كېلىننىڭ ئەڭ بەك ئارزۇ قىلىدىغىنى بولسىمۇ، دادىسىنىڭ ئىچىدىكى خىيالىنى تۇيۇپ تۇرغۇنۇم ئۈچۈن بىر ئاز تە بولدۇم.

ئاۋۇ ۋاپاسىز بىلەن ئايرىلغان ئۇزۇن قەرنە ئىچىدە ئۇنى بىر قېتىملا بازاردا كۆرۈپ قالدىم. بۇ مېنىڭ ئىككىنچى بالامغا ھامىلدار چاغلىرىم بولۇپ، قورسۇقۇمنىڭ دومبۇيۇشى بويۇمنى تېخىمۇ پاكارلىتىۋەتكەندەك، «يەر تېگىدە غىلدىرلاپ يۈرۈدۇغان» كۈنلىرىم ئىدى. تېخىمۇ يامىنى يۈزلۈرۈمگە شۇنچىلىك سەت داغ چۈشۈپ كەتكەنكى، ئانامنىڭمۇ ھەۋىسى كەلگۈدەك ئەمەستىم. مېنىڭ بۇ بەربات تۇرقۇمغا قارشى ئۇ تازا بەرنا يىگىت بولۇپ، ئەزەلدىن كىيىم يارىشىدىغان بويىغا شۇ چاغلاردا مودا بولغان كاناي ئىشتان كىيگەن، ئىشتىنىنىڭ رەختى ئاپپاق، كۆينىكىمۇ ئاپپاق بولۇپ، بۇ كىيىمدە ئۇنىڭ يىگىتلىكى تېخىمۇ گەۋدىلەنگەندەك ئاجايىپلا ئاچقان ئىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ كۈنكى تۇرقى مېنىڭ كۆڭۈل ئىكرانىمدا مەڭگۈلۈك بولۇپ قېتىپ قالدى ۋە كېيىنكى بارلىق ئۇنىڭغا تالىق خىياللىرىمدا ئۇ ئەنە شۇ كۈنكى تۇرقى بىلەن كۆز ئالدىمغا كېلىدىغان بولدى. ھەتتا بۈگۈنكى — 60 ياشقا يېقىنلاشقان چېغىمدىمۇ ئۇنى ئەنە شۇ تۇرقى بىلەن خىيال قىلماقتىمەن.

بىر-بىرىمىزنى كۆردۇق. ئۇنىڭ بىر زامانلاردا مەن ئۈچۈن قورقۇنۇچلۇق بولغان، ئەمما قاراپ تويۇلمايدىغان خۇمار كۆزلىرىگە بىر دەقىقە كۆزۈم چۈشتى. كۆزلىرىمىز پەقەت شۇنچىلىك قىسقا ئۇچراشتى. ئەمما مېنى ئايلار بويىچە ئىستىلا قىلغان روھىي ھالەتكە پېتىپ قالدىم. بۇ بىر خوشاللىق بولۇش بىلەن بىرگە ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر ئىش بولغاندەك ئىدى. ئۇنىڭ قاملاشقان تۇرقىغا مۇقابىل مېنىڭ ئاشۇ سەتلىكىمنى ئويلىسام نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولاتتىم ۋە بۇنداق بىر ئۇچرۇشۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىردىن ئاغرىناتتىم؛ ئەمما مەن ئۈچۈن مەڭگۈ قىزىقارلىق بولغان ئۇنىڭ تەققى تۇرقى ۋە ھاياتى ھەققىدە بىلىش ئىستىكىم نۇقتىسىدىن بۇ ئازاپلىق لەززەت — تىراگېدىيە لەززىتى بەخش ئېتەتتى.

ئاشۇ بىر دەقىقىلىق كۆز ئۇچرۇشۇشىدا نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىمنى ئايلار بويىچە خىيال قىلدىم. تەھلىل قىلدىم، تەبىر بېرىشكە ئۇرۇنۇپ ئۆتتۈم. شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوقۇلغان مەنا نېمىدى؟ مەسخىرە ئەمەسىدى. بۇنىڭغا كەسكىن ئىشىنەتتىم. تۇرقۇمنىڭ شۇنچە بەربادلىقىغا قارىماي، ئۇ ماڭا «قارا ھالىڭغا، ياخشىمۇ سەندىن قۇتۇلۇپتىكەنمەن» دېگەن مەنىدە قارىمىغان ئىدى. ھىسسىداشلىقمىدى؟ ياق، بۇنىڭغىمۇ ئوخشىمايتى. ئەگەر بۇنداق بىر مەنا ئوقۇلغىنىدا مەن ئوخشاشلا تۈگۈشۈپ كەتكەن بولاتتىم. قىسقىسى ھىچقانداق سەلبىي مەنا يوقىدى. ئەمما نېمە ئىدى؟ بۈگۈنگىچىمۇ ئېنىق تەبىر بېرەلمىدىم. بۇ كۆز نۇرىدا مىھرىۋانلىق، دوستانىلىك، سەمىمىي سەبداشلىقنىڭ ئالامەتلىرى بار دەپ جەزم قىلساممۇ، فورمۇلىلاشقان شەكىلدە بىر جۈملىگە خۇلاسە قىلىپ چىقالمىدىم. ئۇنىڭدىكى بۇنداق كۆز نۇرى ھىچ كۈتۈلمىگەن نەتىجە بولغاچقا مېنى ئۇزاققىچە ئويغا سېلىپ قويدى. ھەتتا مېنى ئازاپلىدى. تۈگەشتۈرۈۋەتتى. كاشكى مەسخىرىلىك باققان بولسىچۇ، كۈتكىنىممۇ شۇ بولغاچقا بىردەم ئازاپلىنىپلا ئۆتۈپ كېتەتتى؛ بۇنچە ئۇزاق زامان ماڭا ھەمرا بولۇپ، مېنىڭ روھىمغا يېپىشىۋېلىپ مېنى قىينىمايتى، دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ كەتتىم. نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇنداق ياخشىلىققا تالىق كۆز نۇرى مېنى تېخىمۇ ئازاپلايدۇ؟ بۇنى چۈشەندۈرەلمەيتىم. چۈنكى بۈگۈنگىچىمۇ ئۆزەم چۈشۈنۈپ بولالمىغان نەرسىنى قانداقمۇ چۈشەندۈرەلەيتىم؟

بۇ ئۇنىڭ ھېلىقى كىچىك قىزدىن بىر بالا بىلەن ئاجرىشىپ بويتاق يۈرۈۋاتقان كۈنلىرى ئىدى. ساۋاقداشلار ئۇچرۇشۇشلىرىدا ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇقۇپ تۇرغۇنۇم ئۈچۈن بۇنى بىلەتتىم. كىم بىلىدۇ ئۇ بويتاق بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن يېڭى ئوۋ نىشانلىرى ئىزدەپ يۈرۈۋاتقاچقا ئەنە شۇنداق چىرايلىق ياسىنىۋالغانمىدىكىن؟ ئۇنىڭ ماڭا ھېلىقىدەك، كۈتۈلمىگەن مەنىدە قاراشلىرىغا بەلكى تۇرمۇشتا ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقى سەۋەپ بولدىمىكىن؟ بىرىنچى نىكاھتىن ئاجرىشىش، بولۇپمۇ بىر بالا بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش ھەرقانچە بولسىمۇ ئازاپلىق بىر ئىش ئىدى. بېشىدىن بىر ئاز ئىسسىق-سوغۇق ئۆتكەچكە ماڭا توغرا قارايدىغان بولۇپ قالدىمىكىن؟ ياكى ئۇنىڭدىمۇ پۇشايمان بارمىكىن؟ ئەمما شۇ كۈنكى «بوغۇز پاقا»غىلا ئوخشاپ قالغان بوي-تۇرقۇم، ئالا-پاساق داغ قاپلاپ كەتكەن يۈزۈمنى ئويلىساملا ئۇنىڭ پۇشايمان قىلغانلىق ئىھتىمالىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولاتتىم.

ئۇنىڭ بىلەن ئۆتۈشۈپ كېتىپلا كۆزلۈرۈم ياش بىلەن لىغىرلاپ كەتتى. خۇددى يامغۇرلۇق ھاۋادەك ياكى ھۆل ئەينەكتىن كۆرۈۋاتقاندەك كۆرەتتىم. ئۇنىڭ ئاشۇ تۇرقى شۇ چاغدىلا مۆھۈر بولۇپ قەلبىمگە بېسىلغان ئىدى. كۆز ئالدىمدا شۇ پېتى جانلىنىپ تۇراتتى. ئاشۇ بەرنا يىگىت بالامنىڭ دادىسى بولۇشى كېرەك ئىدى. مەن بۇ قوساقنى ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ بالىسى ئۈچۈن كۆتۈرۈشۈم كېرەكتى،... ئۇ مېنىڭ ئېرىم بولاتتى،... دېگەنلەرنى ئويلۇغۇنۇمدا بۇ كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان، تۈزۈتۈپ قايتا ياشىغىلى بولمايدىغان كاژ تەقدىرگە ئىسيان بايرىقى چىقاردىم (ئەسلىدە بۇنىڭ بىلەن گۇناھكار بولۇدۇغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتىم، تېخىچە دىنسىز ئىدىم). ئەسلىدە بازارغا يېڭى چىققان ئوتياشلاردىن ئەكىلەي، راسا ئاچچىق چۈچۈك قىلىپ قورۇما قىلاي دەپ سودىلىققا چىققان بولساممۇ، كاللام پىرقىراپ كەتكەچكە، نېمە قىلىۋاتقانلىقىمنىمۇ تۇيماستىن شۇ پېتى ئۆيگە قايتىپ كەپتىمەن. قولۇمدىكى قۇرۇق سومكىنى پىرقىرىتىپ تاشلاپ، دۈم يېتىۋالدىم.

ئادىل مېنىڭ خوشال-خۇررام چىقىپ كېتىپ، قارا بوران چىقىرىپ قايتىپ كەلگىنىمنى چۈشۈنەلمەي ھەيران ئىدى. ئۇنىڭ كۆيۈنۈپ ھال سوراشلىرىمۇ جېنىمغا تەككەچكە، قوپاللىق بىلەن سىلكىۋەتتىم. ئاشۇ ياتقىنىمچە ئەتىسى ئەتتىگەنگىچە ئېچىلمىدىم، گەپلەشمىدىم. ئەتىسىمۇ خام سۇيېغى ئىچىۋالغاندەك خارامۇش ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئىزىغا چۈشكەن، كونا يارىلار ئۇنتۇلۇپ، بەك كۆڭۈللۈك بولمىسىمۇ نورمال ئىزدا كېتىۋاتقان بىر ھاياتىم بارىدى. بۇ تېنچ ھاياتىم خۇددى بىردىنلا قارا بوران كۆتۈرۈلگەن دېڭىزدەك شىددەتلىك دولقۇنلاپ كەتكەن ئىدى. بۇنىڭ پەسكارىغا چۈشۈپ، يەنە بۇرۇنقى نورمال ھاياتىمنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھەپتىگە سوزۇلدى.

مەن بۇ كۈتۈلمىگەن زەربىنى خېلى تەستە ئۆتكۈزۈۋەتتىم. ماڭا ئېغىر كەلگىنى، مېنىڭ غورۇرۇمنى سۇندۇرغان تۇرقىمىزدىكى پەرقمىدى؟ ھەرھالدا شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلىشتىن ئاجايىپ قورقۇدۇغان بولۇپ قالدىم. مېنىڭ تىرىشچانلىقىمدىنمۇ ياكى قىسمەت شۇنداقمۇ، ئاللاھقا شۈكرىكى، ئۇنى شۇندىن كېيىن كۆرمۈدۈم.

 

ئادىل مەندىن ئايرىلىدىغاندەك قىلمىدى. بالىلىرىمىز بىردىن ئىككىگە، ئىككىدىنمۇ ئۆتۈپ تۆرتكە يەتتى. ئەمدى ئادىلنىڭ ماڭا ئۆمۈرلۈك يولداش بولۇپ قېلىشى مۇقىملاشتى. شۇڭا بەزىدە ھەددىمدىن ئېشىپ ئۇنى بوزەك قىلىش ئۇرۇنۇشلۇرۇممۇ بولدى. چۈنكى بىر ئۆيمۇ دۆلەتكە ئوخشاپ كېتەمدىكىن دەيمەن. ھەمىشە ھاكىمىيەت غەۋغالىرى بولۇپلا تۇرۇدۇكەن ئەمەسمۇ؟ چوقۇم بىرى يەنە بىرىگە بويسۇنۇشى كېرەككەن، باراۋەرلىك دېگەن گەپ قۇرۇق گەپ. ئاياللار بولسا ئاخىرقى ئۆمرىگىچىمۇ زېرىكمەستىن قۇرۇتتەك ھەركەت قىلىپ، ئائىلىدە سۆزىنى ئۆتكۈزۈشكە، ئېرىنى سىزىقىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئەگەر بىرى سۆزسىز بويسۇنسا ئائىلىدە تېنچلىق بولۇدۇ ۋە بەختلىك ئائىلە بولۇدۇ. بويسۇندۇرۇش ئۇرۇنۇشى قارشىلىققا دۇچ كەلدىمۇ ئائىلىدە غەۋغا قۇرۇمايدۇ. گەرچە بۇ غەۋغالار تۈرلۈك تۈس ۋە شەكىللەردە روي بەرسىمۇ، ئەسلى سەۋەپ ئائىلە ھاكىمىيىتى.

مەن بولسام ئادىلنىڭ ئەركەكلىك غورۇرىنى پەپىلەپ، ئۇنىڭغا خۇددى قۇللارچە بويسۇنۇدۇغاندەك تۇيغۇ بېرىپ، ھەممىدە ئۆز قارارىمنى راست قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم: دوستلىرى ئالدىدا، باشقا كىشىلەر ئالدىدا ئۇنىڭ بەك ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ غورۇرىنى قانائەت تاپقۇزاتتىم. ئۇ ماڭا بولغان مەمنۇنلۇقىدىن ئۆيدە ھەممە دېگىنىمگە ماقۇل بولاتتى. ھەتتا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ مېنىڭ بۇنداق كەمكوتىسىز بىر خوتۇن رولىدا بولۇشۇمدىن بالىسى ئۈچۈن پەخىرلىنىپ، ماڭا خېلى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى. شۇنداق بولسىمۇ قېينىئاتام يەنىلا شۈبھىلىك بېقىشلىرىنى داۋام ئەتتى.

ئائىلىدىكى خوجايىنلىقىم ھەرگىزمۇ مېنى خوشال قىلالمىدى، بەختلىك قىلالمىدى. چۈنكى مەن ماڭا بويسۇنۇدۇغان بىر ئەركەكنى ئەمەس، مېنى بويسۇندۇرۇدۇغاننى ئارزۇ قىلاتتىم. شۇڭا گەرچە مەندىن كىچىك، چىراي تۇرقىمۇ جايىدا بولۇشىغا قارىماي، ئۇنى ياراتقۇم كەلمەيتى. تېخى يەنە بىر تەرەپتىن مېنىڭ ئۇ قىز چاغلىرىمدىكى تۇرقۇمنىڭ يېرىمىمۇ قالمىغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا نېمىدۇر كەمدەك ھىس قىلىپ، ياراتمايتىم.

يېڭى توي قىلغان چاغلىرىمىزدىغۇ دايىملا تەتۈر قاراپ يېتىپ ئۇنى ئويلايتىم. دۈمبەم تەرەپتە باشقا بىر ئەر ياتىدۇ، ئەمما مەن باشقا بىر ئەرنى خىيال قىلاتتىم. نە چارە؟ بۇ مېنىڭ ئىختىيارىمدا بولمىسا؟ تېخى، يېقىنچىلىق قىلىشقاندىن كېيىنلا يىركىنىشلىرىمنى نېمە دەي؟ خۇددى گۇناھ ئىشنى قىلىۋاتقاندەك، ياتۋاش بىرى بىلەن ياتقاندەك تۇيغۇ بىلەن ھۆ بولاتتىم، گۇناھكارلىق تۇيغۇسىغا پاتاتتىم. بىر ئەركىشىگە تايىنىپ بىللە ياشاش، ئائىلە بولۇپ ياشاش، ھاياتنىڭ ئىھتىياجى بولغاچقىلا، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە چىداپ، بۇ ناباپ توقۇلغان چويلىدەك ئائىلىنى ساقلاشقا مەجبۇر ئىدىم.

كېيىن بولسا بارلىق مۇھەببىتىمنى بالىلارغا بەردىم. بالىلارنى ئويلايدىغان بولدۇم. بالىلار بىلەنلا ئاۋۇناتتىم. ئادىل بىلەن ئانچە كارىممۇ يوق ئىدى. سىرتتىن قارىغاندا بىزنىڭ ئائىلىمىز ئۈلگىلىك ئائىلە ئىدى. ئۆلچەملىك تۆرت بالا، زامانىسىنىڭ ئەڭ مودا جاھازلىرى ئۆيىمىزدە، بالىلارمۇ ئەڭ رەتلىك، مەدەنىي بېقىلىۋاتقان ئائىلە ھىساپلانسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى دەرتنى، كاۋاكلىقنى مەنلا بىلەتتىم.

 چوڭ قىزىمىز تۇنجىمىز بولغاچقا ئۇنى كاتتا ئادەم بولسۇن دەپ كۆزىگە قاراپ، خەنچە مەكتەپكە بەردۇق. بەك ئوبدان ئوقۇدى. كىم بىلسۇن؟ ئۇ چاغلاردا ھامان بىر كۈنى بۇ تىلنىڭ بىزگە تېڭىلىپ، ئۆزىمىزنىڭكىسىنى تاشلاشقا زورلۇنۇدۇغانلىقىمىز كىمنىڭمۇ ئەقلىگە كەلسۇن؟ بۇ خۇددى ئۆزىگە بالانى تىلىگەندەك بىر ئىش بوپتىكەن. بۇنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە كېيىن يەنە توختۇلۇمەن. ئەمما قىزىم ھە دېمەيلا مىللىي ئەخلاقىمىزدىن چەتنەپ غەلىتە خۇي-پەيلدىكى بىر «مەخلۇق» بولۇشقا باشلىغىنى بىلىندى. ئادەم بار يەردە قىلىشقا بولمايدىغان قىلىقلارنى قىلىۋېرەتتى. «ھاي، بۇنداق قىلىقلارنى ئادەم بار يەردە، بولۇپمۇ يات ئادەم بار يەردە قىلمايدۇ» دەپ نەسىھەت قىلسام، «نېمە بولۇدۇ؟» دەپ ھەيران قالغاندەك قىلاتتى. مېنىڭ «بولمايدۇ»لىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇنى تېرىكتۈرەتتى. ھەتتا بىر قېتىم «نېمە دېگەن غەلىتە خەلق سىلەر، بولمايدۇ-بولمايدۇلا دەيدىكەنسىلەر، نېمىسى بولمايدۇ؟» دەپ ماڭا ياندى ۋە ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۇ بىز خەلقتىن ئەمەستەكلا قىلاتتى. ھەتتا ئۇ «سىلەر ئۇيغۇرلار... » دەيدىغانمۇ بولۇۋالدى.

بىر يىلى ئادىلنىڭ ئالتەشەلىك تۇققانلىرىدىن بىرى كەپتىكەن، ئۇنىڭ بىلەن سالام قىلىشنىڭ ئورنىغا:

— كىم بۇ لاۋشاڭ؟ — دەپ سورىغان ئىدى.

— لاۋشاڭ ئەمەس، تۇققۇنىڭىز، ھاممىڭىز،... — دېيىشىمگە، دىمىقىنى قېقىپ ئىچكىرى كىرىپ كەتكەن پېتى ھىچ قاراپمۇ قويمىدى. ھەتتا ئىككى ھەپتىچە بولغاندا:

— بۇ لاۋشاڭ نېمىشقا كەتمەيدۇ؟ — دەپمۇ سورىغان ئىدى.

بىز شۇندىلا خەنچە مەكتەپكە بېرىپ خاتا قىلغانلىقىمىزنى بىلدۇق. ئۇ تامامەن بىزگە يات بولۇپ كېتىۋاتاتتى. شۇغۇنىسى بىز ئۇنىڭدىن قورقۇدۇغاندەكمۇ قىلاتتۇق. توۋا دېمەي ئامال يوق.

شۇ كۈنلەردە بىر قېتىم مەلۇم قىز ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئۆيىدە سۈننەت تويى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم جەم بولۇشۇپ كونا خامانلارنى سورۇشتۇق؛ ساۋاقداشلارنىڭ كېيىنكى قىسمەتلىرى ھەققىدە بىلگەن ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا تۆكۈلدى. بۇ چاغدا شۇنچە ئۇزۇن يىل ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارنى ئاڭلىدىم.

ئۆتكەنلەردە ئۇنى خىزمەتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپ، ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىپتۇ، سودىگەر بولۇۋاپتۇ، دېيىشكەندەك قىلغانىدى. بۈگۈنكىسىدە بولسا ئۇنىڭ باي بولۇپ كەتكەنلىكى، ھەتتا شۇ يېقىندا ھەج قىلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى يېڭى خەۋەر ئوتتۇرىغا چۈشتى.

— شۇنداق يامان كاززاپ-تە ئۇ، — دېدى بىرى، — قىلمىغىنى قالمىغان، ئەمدى ھاجىم بولۇۋاپتۇمىش! — دېدى مەسخىرە قىلىپ. ئۇلار تۇشمۇ-تۇشتىن مەسخىرىلىك مۇلاھىزىلەر قىلىشپ كەتتى. بۇنى ئەسلى ماڭا تەسەللىي بولسۇن دەپ قىلىشىۋاتاتتى.

ئەسلىدە مەن ئۆچمەنلىكىمدىن بۇنداق مەسخىرىلەرنى قىلىشقا تېخىمۇ ھەققىم باردەك ھىس قىلىپ يۈرگەن بولۇشۇمغا قارىماي، بۈگۈن بۇ مەسخىرىلەرگە شەكلەنلا ئەمەس، ئىچىمدىنمۇ قوشۇلمۇدۇم. ئۇنىڭ ھەج قىلىپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئاجايىپ خەۋەر ماڭا سىرلىق بىر سىگنال بەرگەندەك قىلدى. روھىمدىكى ئۈزۈكچۈلۈك، يوقلۇق، ئېچىرقاشقا ئوخشاپ كېتىدىغان مەنىسىزلىككە ئۇيغۇن بىر دورىنىڭ ئۇچۇرى چىققاندەك، قاراڭغۇلۇقتا قالغان يولۇچىغا خۇددى تونېلنىڭ ئۇ ئۇچىدىن بىر نۇر توچكىسى كۆرۈلگەندەك،  بىر خىل يوشۇرۇن ئۈمىت ۋەدە قىلىۋاتقان ئاللىنېمە يوشۇرۇنغان بىر سىگنال ئىدى بۇ. بۇلارنى ئۇ چاغنىڭ ئۆزىدە مۇشۇ دېگىنىمدەك ھىس قىلالىغىنىم يوق، ئۇ چاغدا ئۆزەممۇ بىلمىگەن بىر خىل چۈشۈنۈكسىز ھاياجان، چۈشۈنۈكسىز ئۈمىت شاتلىقى مېنى ئالدىرىتىپ قويغاندەك غەلىتە قاتىلاڭ بىر ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدىم. بارلىق خىيال سۈرۈشكە ئېشىنغان ۋاقتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سەرپ قىلىپ، مېنى تاتلىق ئارامسىزلاندۇرۇۋاتقان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى كەشپ قىلىشقا ئۇرۇناتتىم.

قوشنىمىزنىڭ بىر تۇققىنى بەزى يىللىرى قەشقەردىن كېلىپ ئىككى ئۈچ ئاي تۇرۇپ كېتەتتى. ئۇ بىر بۈۋىم ئىدى. بىلمەيمەن، بۇرۇنلاردا مەن ئۇنى داخانمۇ ياكى پالچىمۇ،... شۇنىڭدەك بىرنېمە دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىكەنمەن. چۈنكى دىنىي بىلگىمنىڭ يوقلۇقىدىن موللا، قارى، بۈۋى، داخان، جىنكەش، پالچى دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل تۇيۇلاتتى؛ ھەممىسى خۇراپاتنىڭ، كونۇلۇقنىڭ ۋەكىللىرى بولغان كىمسەلەر ئىدى. قوشنىدارچىلىق يۈزىسىدىن زورىغا ئۆيگە چاقىرىپ مىھمان قىلىپ قوياتتۇق، ئەمما، ئۇنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ باقمىغان ئىدىم. بۇ خېنىم كەلسىلا مەھللىمىزدىكى ھەر نېمىگە قىزىقىۋېرىدىغان ئاياللار ئۆيلەردە بۈۋىمنىڭ ئەتراپىغا توپلۇنۇپ ئاخشام سۆھبەتلىرى قۇرۇدۇغانلىقىنى بىلسەممۇ، مەن ھىچ قىزىقىپ باقمىغان ئىدىم. بۇ سۆھبەتلەردە نېمىلەر بولۇشى ھەققىدىمۇ داخان ياكى جىنكەشلەرنىڭ ئەقىل قوبۇل قىلالمايدىغان غەلىتە قىلىقلىرى بولسا كېرەك دەپلا يۈرەتتىم.

قەلبىمدە نېمىدۇر بىرنېمە مەۋج ئۇرۇپ، مېنى بىر چىقىش يولى ئىزدەشكە قىستاۋاتقان كۈنلەردە بۈۋىم يەنە كەلگەن بولۇپ، ئاخشام سۆھبەتلىرى باشلانغان ئىدى. يىللاردۇر بۇ سۆھبەتلەرگە يېقىن يولۇمىغىنىم ئۈچۈن ئەمدى بىردىنلا داخىل بولۇش گەدىنىمگە ئېغىر كەلگەندەك قىلدى. ئەمما ئىچىمدىكى ۋەسۋەسىلەرگە ئۇ سۆھبەتلەردە بىرەر جاۋاپ چىقىپ قېلىشىدىن تامادا بولغۇنۇم ئۈچۈن قىزىقىشقا باشلىغان ئىدىم. بۇنىڭغا بىرەر يول، ئۆزەمنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتقۇزۇدۇغان بىر يول بىلەن قوشۇلسام بولاتتى. ئاخىرى ئۇنى مىھمانغا چاقىردىم. بۇ دايىمى ۋە نورمال ئىش ئىدى. پەقەت مەھەللە ئاياللىرىغىمۇ ئۇقتۇرۇپ، بۇ ئاخشام بىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇشنى مىھماندارچىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئويلۇغان ئىدىم. بىر يىلىنىڭ يېزى ئىدى. پەمىمچە 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بولسا كېرەك.

داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن بۈۋىمنى دايىملىق سۆھبىتىنى باشلاشقا دەۋەت قىلدۇق. خەيرىيەتكى، بۇ ئاجايىپ بىر كۈنگە توغرا كەپتىكەن. بەلكىم بۇنىڭدا بىر ھىكمەت باردۇر.

— بۈگۈن رەببىيۇل ئەۋۋەلنىڭ 12-كۈنى، — دېدى بۈۋىم، ئۇنىڭ ئاۋازى بەك يېقىملىق ئىدى. بەلكىم دايىم سۆزلەپ تۇرغاچمىكىن، سۆزمەن ئىدى، — مەۋلۇد قەندىلى، — دەپ داۋام قىلدى ئۇ، — يەنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. بۇ كۈندە تۈنەپ، نەفل ناماز ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ، زىكرى-تەسبىھ ئېيتىپ ئولتۇرۇش بەك ساۋاپ. بىز قەشقەردە ھەر يىلى شۇنداق قىلىمىز.

— بىزمۇ تۈنەيلى، — دېدى كۆپچۈلۈك.

— ئۆي ئىگىسى نېمە دەيدىكىن؟ ئەگەر مۇسائىد بولمىسا باشقا ئۆيگە يۆتكۈلۈپ تۈنىسەكمۇ بولۇدۇ، — دېدى بۈۋىم.

— بىزنىڭ ئۆيگە چىقايلى، — دېيىشتى بىرنەچچە ئاۋاز تەڭلا.

بۇ ھال مېنىڭ غۇرۇرۇمغا تېگىشى جەزمەن ئىدى. گەرچە مەن تۈنەشتىن بىخەۋەر، كەچتە بىردەم-يېرىم دەم سۆھبەتتە بولۇپ تارقايمىز دەپ ئويلاپ چاقىرغان بولساممۇ، ئەمدى باشقا بىر ئۆيگە يۆتكۈلۈپ، تۈنەشنىڭ گېپى مېنىڭ ئىززىتىمگە تەككەندەك بولدى:

— نېمىشكە يۆتكەلمەكچىسىلەر؟ بۇ ئۆي سىلەرگە تار كەلدىمۇ؟ ياقماي قالغان بىر يېرى بارمۇ؟ — دېدىم ئاچچىقىمنى يوشۇرماي.

شۇنىڭ بىلەنلا بىرمۇنچە ئۆزۈر تىلەشلەر، تەكەللۇپلار بىلەن پەسكارىغا چۈشۈپ، مۇشۇ ئۆيدە تۈنەش قارار قىلىندى. دىنىي ساۋاتلاردىن خېلى ئۇزاق سۆزلەندى. مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئاندىن بۇ بۈۋىمنىڭ قانداقتۇر داخان، جىنكەشلەردىن ئەمەس، موللا ئىكەنلىكىنى بىلدىم. سۆھبەت بىر يەرگە بارغاندا ئاياللارنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۇشقا يۈز تۇتۇۋاتقىنىنى پەملەپ، نامازغا تۇرۇلدى. ھەركەت بىلەن بىر ئاز ئۇيقۇنى قاچۇرۇپ، ئاندىن يەنە زىكرى-تەسبىھ ئېيتىپ، ئاندىن يەنە سوئال-جاۋاپلار قىلىش بىلەن داۋام قىلدۇق.

نامازغا تۇرۇلغاندا مەن بىردىنلا تاھارەتسىز ئىكەنلىكىمنى ئەسكە ئالدىم ۋە خۇددى ھەممە يېرىم ئېچىلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا ئەسىر بولۇپ، ھاپىلا-شاپىلا تەرەت ئېلىپ كەلمەكچى بولدۇم. ئەمما بۇنىمۇ بىلمەيتىم. ئەمدىلىكتە بولسا سوراش بەكلا خىجالەتلىك تۇيۇلدى. شۇڭا، پەقەت كىچىك ۋاقتلىرىمدا مومامنىڭ ھويلىدا تاھارەت ئالغان كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلەپ، تەقلىت قىلدىم. نامازغا سەپ بولۇپ تۇرغاندا بىر ھاياجان قەلبىمنى لەرزىگە سالغانلىقىنى، بۇ ھاياجاندىن كۆزلۈرۈمگە ياش كەلگەنلىكىنى يوشۇرمايمەن. شۇئان مەن يالغۇز ئەمەسلىكىمنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ھىس قىلىۋاتاتتىم. مەن بىر جامائەتنىڭ بىر پارچىسى ئىدىم. شۇئان مۇشۇ ئۆيدە ناماز ئوقۇشقا تۇرغان سەپتىكىلەر بىلەن قەلبىم قوشۇلۇپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم. بۇلا ئەمەس، بارلىق نامازخانلار، بارلىق مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ئىدىم. قۇدرەتلىك بىر قوشۇننىڭ ئىچىدىكى بىر جەڭچىدەك ئىپتىخارلىق ھىسسى قەلبىمنى پەۋەس تولدۇرغان ئىدى.

ئەمما مەن ئىلگىرىكى گۇناھلىرىمنى ئويلاپ، ئىككىلىنىپ تۇراتتىم. مەندەك ئىككىلەنگۈچىلەر، يېڭىدىن ھىدايەت يولى ئىزدەۋاتقانلار ئارىمىزدا بارىدى. ئۇلار ھەرھالدا مەندىن سەل بۇرۇن توپقا قېتىلغان بولغاچقا، مەن سوراشقا جۈرئەت قىلالمىغان سوئاللارنى سوراپ، مەن ئۈچۈنمۇ كۆڭۈلنى يورۇتۇدۇغان جاۋاپلارنى ئېلىۋاتاتتى.

ھىدايەتنى، ئاللاھنىڭ يولىنى تونۇشنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى يوق، تاكى جان ھەلقۇمغا كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا ھەرقاچان ھىدايەت دەرۋازىسىنىڭ ئوچۇقلۇقىنى، ئىلگىرىكى گۇناھلارنىڭ قانچىلىك بۈيۈك، تاغدەك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھىدايەتكە مېڭىش بىلەنلا كونا ھىساپلارنىڭ يېپىلىدىغانلىقىنى ئىسلام تارىخىدىن مىساللار بېرىپ شۇنداق جانلىق سۆزلەپ بەردى. ئەبۇ سوفيان ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى، رەسۇلىللاھنىڭ تاغىسى ھەمزىنى ئۆلتۈرگەن ۋەھشىي، ئىسلام جەڭچىلىرىگە ئەڭ كۆپ زەرەر بەرگەن خالىد ... ئاللاھنىڭ رەھمىتى تۇغيان ئېتىشى بىلەن ساھابە بولغانلىقى، ئىلگىرى بالىسى، دادىسى، ئېرى ئۆلتۈرۈلگەن ساھابىلارنىڭ ئۆچ ئېلىش غەرىزىدە بولماي، بۇلارنى ئۆزىدەكلا كۆرگەنلىكى،... قاتارلىقلاردىن قەلبىمدىكى قورقۇنۇچ، ئىشەنچسىزلىك، شۈبھىلەرنىڭ تارقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇردۇم.

ھەر قېتىم سالاۋات ئېيتقاندا بىر ئېغىزدىن چىققاندەك بىرلىشىپ كەتكەن ئاۋازلار ئىچىدە مېنىڭمۇ ئاۋازىمنىڭ بارلىقىنى ئويلۇغۇنۇمدا قەلبىمگە تولغان ئىپتىخارنى تەرىپلەپ بېرەلمەيمەن. كۆزۈمدىن ئەگىۋاتقان ھاياجان ياشلىرىمنى سۈرتۈشنىمۇ، باشقىلاردىن كۆز يېشىم ئۈچۈن خىجىل بولۇشنىمۇ ئەقلىمگە كەلتۈرمەيتىم. بالاۋاقتىمدا بالىلار دەرەخكە ئاغامچا باغلاپ ئىلانگۈچ سېلىپ بىر-بىرىمىزنى ئىتتىرىپ ئۇچۇرۇشاتتۇق، مانا شۇنداق چاغلاردا تەدرىجىي ئىگىزلەپ، ئىگىزلەپ، ئاغامچىنىڭ ئۇچى باغلانغان نۇقتىدىنمۇ ئىگىزرەك چىقىپ كېتىدىغان، خۇددى يوقۇرى تەرەپتىن ئارقىغا پىرقىراپ تولۇق بىر ئايلىنىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىپ شۇنداق دەھشەتلىك بىر قورقۇنۇچ يۈرەكنى قاماللىۋالاتتى؛ بۇ ئويۇننىڭ يوقۇرى ەللىسىمۇ، ئەڭ لەززەتلىك نۇقتىسىمۇ دەل مۇشۇ يوقۇرى ئۆرلەشتە ئېرىشىلگەن قورقۇنۇچ ئارىلاش لەززەت ئىدى. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش بۈگۈن مېنىڭ چۆمۈۋاتقىنىممۇ شۇنداق بىر ھىس — ئىلاھىي سۈر (قورقۇنچ) بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن تەڭداشسىز بىر ئىللىقلىق، تەرىپكە سىغمايدىغان ۋە ئوخشىشى بولمىغان بىر تۈرلۈك لەززەت ئىدى.

مەۋلۇت كېچىسى بىلەن باشلانغان مەندىكى روھىي ئۆزگۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدلەر ئېيتىمەن. شۇندىن كېيىن ئاخشام سۆھبەتلىرىدىن قالمىدىم. تاكى بۈۋىم يۇرتىغا قايتقىچە قاتناشتىم. ھەتتا بەزى كۈندۈزلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەردە بولۇپ، مېنى قورقۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىلگىرىكى گۇناھلىرىم ھەققىدىكى ئەندىشىلەرگە ئائىت سوئاللارنى سوراپ، كۆپ يېنىكلەپ قالدىم. بۈۋىمدىن ئالغان بىر ناماز قائىدىسى سايىسىدە ناماز ئوقۇشنى ئۈگۈنۈشكە باشلىدىم. بۇ كىچىك بىرۇشۇر شاپىگىراف باسمىسى بولۇپ، بەزى يەرلىرى بەك ئۆچۈك بولسىمۇ، مەن ئۈچۈن بەك قىممەتلىك، يولۇمنى يورۇتقان مەشئەلدەك ئىدى.

ئىككىنچى يىلى ۋىلايەت مەركىزىدە قەدىر كېچىسىدە تۈنىگەن ئاياللار تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن قورقۇنۇچلۇق ۋەقەنى ئاڭلىغىنىمدا، ئىلگىرىكى چاغلىرىمدىكىدەك مېڭە يۇيۇش تۈرىدىكى ئاڭلىتىشلارغا قىلچە ئىشەنمىدىم ۋە ئۇ ئاياللارغا ئىچ-ئىچىمدىن ھىسىداشلىقىم كەلدى. ھەۋەس قىلدىم. كاشكى مەنمۇ شۇ توپتا بولغان بولسام،... دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم. ھېلىغىچە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ يۈرەتتىم. ئاشۇ ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەلبىمدە تۇغۇلغان بىر قەتئىيلىك بىلەن بەش ۋاخ نامازغا باشلىدىم. بۇ شېھىت قىلىنغانلارغا تەرەپدارلىقىمنى جاكالاش بىلەن، شېھىت قىلغۇچىلارغا بولغان قارشىلىقىمنى ئىپادىلىگىنىم بولسا كېرەك.

ھەر قېتىم كونا كەچمىشلىرىم ئېسىمگە كەلسە ئۇيۇلۇپ كېتەتتىم ۋە كونىلارنىڭ: «جالاپ قېرىسا بۈۋىم بولۇدۇ» دېگەن تەمسىلى يادىمغا كېلىۋېلىپ، ئىچىمدىكى يەنە بىر «مەن» مېنى مەسخىرە قىلاتتى. گۇناھنى قىلغاننىڭ ئۈستىگە جۇنۇپ يۈرگەنلىرىمنى ئويلىسامغۇ، ئۆلۈۋالغۇدەك بولاتتىم. مانا شۇنداق چاغلاردا راستىنلا كەچۈرۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىمغا گۇمانمۇ قىلغان بولدۇم. ئەمما، دىنىمىزنىڭ ئەپۇچانلىقنى ئاساس قىلغان پىرىنسىپلىرى، ھىدايەتتىن كېيىن كونا ھىساپنىڭ ئېلىنمايدىغانلىقى ماڭا تەسەللىي بولاتتى. ھەتتا ئۆمۈر بويى زىنا قىلغان بىر جالاپنىڭ بىر كۈنلىرىدە كوچىدا ئاچ ياتقان بىر لالما ئىتقا ئىچ ئاغرىتىپ، تاماق بەرگەنلىكى، مۇشۇ بىر ياخشىلىق ئاللاھنىڭ پىسەنتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن بارلىق گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنغانلىقىدەك تەسىرلىك ھىكايىلار كۆڭلۈمگە تەسكىنلىك بېرەتتى. مېنى «بولغۇلۇقۇڭ بولۇپ بولدى، ئەمدى مىڭ قىلساڭمۇ ئاقلىنالمايسەن»، دەپ ۋەسۋەسە قىلىۋاتقان شەيتانغا قارشى «ئى ئاللاھ، ساڭا سېغىنىپ، قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دەپ دۇئا ئوقۇپ ئۆز ئەتراپىمغا سۈفلەيتىم.

مانا بۇ كۈنلەرگە كەلگەندە بولسا چوڭ قىزىمنى خەنچە ئوقۇتقۇنۇمغا مىڭ پۇشمان قىلىپ، تېخىمۇ ئۆرتۈنۈدۇغان بولۇپ كەتتىم. چۈنكى ئۇ مېنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقىنىمنى كۆرسىلا تەت5ۈرلۈكى تۇتۇپ، خۇيلۇنۇپ كېتەتتى:

— 哎呀!太落后的很! (ئەييا، تەي لاۋخۇدىخېن!)[②] — دەپ تۇمشۇق پۈرەتتى.

ئادىلمۇ خالار-خالىماس جامائەتكە قېتىلىپ مەسجىدكە بېرىپ يۈردى. كېيىن بارا-بارا بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدۇغان بولدى. بۇ مەزگىلدە ئادىل بىلەن ئىككىمىز رەسمەن بىربىرىگە كۆيۈنۈدۇغان، نىيەت ئىقبالى قوشۇلۇپ كەتكەن ئەر-خوتۇنلاردەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. شۇڭلاشقا بەزىدە قەلبىم يۇمشاپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خاتاسىمنى، ئۇنى ئالدىغانلىقىمنى بوينۇمغا ئېلىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورۇماقچى بولۇپمۇ ئۇرۇناتتىم. ئەمما يەنىلا جۈرئەت قىلالمايتىم. چۈنكى بۇنى ئەركىشىنىڭ غۇرۇرى كۆتۈرەلەمدۇ؟ ئىشەنچىم يوقىدى.

تۇنجى قىزىمىز قوسىقىنى ئىشىتىپ، تاشلىۋېتىلىپ، بىزنى ئۇياتقا قالدۇرغان چاغلاردا بىر قېتىم ئادىل بۇ نومۇس دەردىنى مەندىن ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق دېگەن ئىدى:

— قىزىڭغۇ سېنى تارتىپتىكەن، ئەمما مەندەك لەۋزىگە سادىق ئەركەككە ئۇچرىمىغاننىڭ سەتچىلىكى-دە بۇ!

مانا شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر مەندىن قىلچە گۇمان قىلاي دېمەستىن ساددىلىق بىلەن ئىشىنىپ كەلگىنى ماڭا كەم-كوتىسىز ئايان بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىچىم ئاغرىغان ئىدىكى، بۇ تۇيغۇمغا بەس كېلەلمەي، ئەسلى ھەقىقەتنى ئاشكارىلاشقا تاسلا قالغانىدىم. ئەمما ئاخىرقى سېكونتتا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. چۈنكى ئىنسانلار بارلىققا كەلگەندىن بېرى ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان، ھەقىقەت تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇشسىمۇ، ھەقىقەتنى ئاسان قوبۇل قىلالمايدۇ؛ راست گەپنى تەلەپ قىلسىمۇ راست گەپنى قارشى ئالمايدۇ؛ ئەكسىچە چىرايلىق يالغانلار بىلەن پەپىلىنىشنى، دەبدەبىلىك قۇرۇق ۋەدىلەر بىلەن ئالدىنىشنى ئىستەيدۇ.

بۇ شەرمەندە سىرىم، ھاياتىمنىڭ مۇقەددەس سىرى بولۇپ قېلىۋەردى. مەن ھىدايەت يولىغا ماڭغاندىن كېيىن بولسا دەل شۇ سىر مېنى كۆپ قىينايدىغان بولدى. ئاشكارىلىشىم كېرەك بولغىيمىدى؟ يوشۇرسام يالغانچىلىق گۇناھى ئۆتكۈزگەن بولارمەنمۇ؟ دېگەندەك ۋەسۋەسىلەر بىلەن ئۆز گۆشۈمنى يېگۈدەك بولاتتىم. ئەمما بۇنى بىرسىدىن سورىغىلى بولاتتىمۇ؟

شۇ كۈنلەرگە كەلگەندىلا ئاندىن مەن ئۇنىڭ ھەج قىلىپ كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان چېغىمدا نېمىشكە ھاياجانغا كەلگەنلىكىمنى، باشقىلاردەك ئۇنى ئەيپلەش ئورنىغا، خۇددى ئوخشاش بىر ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى تېپىلغانلىقنىڭ شاتلىقىغا چۆمگەنلىكىمنى چۈشەندىم.

قولۇمدىكى خەتنى تېخىچە ئوقۇمۇغانلىقىمنى يادىمغا ئېلىپ، ئوقۇشقا ئالدىرىدىم، ئەمما بالىلارچە قىزغىنلىقىم قوزغۇلۇپ، تېپىشماق ئويناپ باققۇم كەلدى: خەتنىڭ مەزمۇنىنى پەرەز قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقماقچى، ئاندىن ئوقۇپ، پەرىزىمگە سېلىشتۇرۇپ باقماقچى بولدۇم.

ئەگەر ئۇ قىلغان گۇناھىغا توۋا قىلىش ئۈچۈن، مېنىمۇ گۇناھقا سۆرەپ كىرگىنى ئۈچۈن ئەپۇ سوراش مەزمۇنىدا بولۇشى مۈمكىنمۇ؟ ئۇنداق بولسىدى، بۇنى ئۇ ھىدايەت تاپقان دەسلەپكى كۈنلەردىلا ئەۋەتكەن بولاتتى. قايتىدىن مەن بىلەن تېپىشقۇسىغۇ يوقتۇ؟ «قېرىغاندا قېرى تارتۇق، ئۇنىڭ قىلىقلىرى ئارتۇق» دېگەندەكمۇ؟ يوق گەپ. ھىدايەت تاپقاندىن كېيىن يەنە شۇنچە زاماننى ئۆتكۈزۈپ نېمىمۇ يازار؟ باي بولغىنىدىن قارىغاندا، گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن ياردەم تەكلىپ قىلىپ، قانداق ئىھتىياجىڭ بار،... دېگەندەك گەپلەرمىكىنە؟

ھىچقانداق پەرىزىم ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيتى. بۇ ھال قىزىقىشىمنى ئاشۇرۇۋەتتى. تاقەتسىزلىك بىلەن خەتنىڭ داۋامىغا كۆز يۈگۈرتتۈم:

«... بولغان ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆزۈمنىمۇ، سېنىمۇ قىينىغۇم يوق. گۇناھلىرىمىزنى ئەسلەپ نېمە قىلاي؟ سەندىن ئەپۇ سوراش ئۇرۇنۇشىدىمۇ بولالماي كەلدىم، ھەم ئۇنداق قىلىش نىيىتىممۇ باردەك قىلمايتى. پەقەت ئاللاھتىن ئەپۇ تىلەپ كەلدىم. ئەگەر ھەققىڭدىن رازى بولۇپ، مەندىن ئۆتكەن تەرەپلەرنى ئەپۇ قىلساڭ، ئەلۋەتتە خوش بولۇمەن، ئەمما بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمايمەن.

دەل شۇ جۈرئەتسىزلىكىم، بۇ خەتنى يېزىشىمنى ئۇزۇنغا كېچىكتۈرۈۋەتتى. كېيىن سېنىڭمۇ ھىدايەت تاپقانلىقىڭنى، ھەققە تەسلىم بولغانلىقىڭنى ئۇقتۇم. مانا شۇ چاغدىلا، كەچۈرۈمدىن ئۈمىتۋار بولۇپ، بۇ خەتنى يېزىشقا جۈرئەت قىلدىم. چۈنكى، مۇسۇلمان دېگەن رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك بولۇدۇ ۋە شۇنداق بولۇشى كېرەك. ئاللاھ رەھمانىررەھىمدۇر ۋە بۇ سۈپىتىنىڭ ئىنسانلاردا تەجەللىيسىنى كۆرۈشتىن سۆيۈنۈدۇ. مانا بۇ ماڭا كەچۈرۈشۈڭگە ئۈمىت باغلاشقا رىغبەت بەرگەن ئامىل ئىدى.

مەسىلە شۇ: ئاشۇ يىللاردىن بېرى مەن سېنى ئارىلاپ چۈشەپ قالىمەن. چۈشلۈرۈمنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ ھال مېنى قورقۇتۇدۇ. شۇنداقلا بۇنداق چۈشلەر خېلى كۆپ تەكرارلىنىدۇ. بىر يىلدا ئاز دېگەندىمۇ ئالتە-يەتتە قېتىم ئوخشاش چۈشنى چۈشەش، بولۇپمۇ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان چۈشنى تەكرار كۆرۈشنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق بولۇدۇغانلىقىنى، روھنى غاجىلاپ، يارا قىلىۋېتىدىغانلىقىنى چۈشۈنەرسەنمۇ بىلمەيمەن.

بۇ چۈشلۈرۈمدە سېنىڭ كۆرۈنۈشۈڭ مېنى بەكلا ئازاپلايدۇ. چۈشۈمدىكى قاراشلىرىڭ شۇ قەدەر بىچارىكى، ئۇزاققىچە ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن. بۇ قاراشقا يوشۇرۇنغان مەزمۇنلارنى تەسۋىرلەش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭدا ۋاقتى ئۆتكەن مۇھەببەتنىڭ ئېلىمېنتلىرى بار. ئەمما سەن ماڭا سۆيگۈ بىلەن ئەمەس، خۇددى ئەخلەتكە، ئۆزى تاشلىۋەتكەن ئەخلەتكە قارىغاندەك قارايسەن. ھەممىدىن مانا شۇ قاراشلىرىڭغا دۇچ كېلىش ماڭا قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلۇدۇ. ھەتتا نۆۋەتتىكى چۈشۈمدىن كېيىن بۇ قاراشلار ئوڭۇمدىمۇ گاھ ئارقامدىن، گاھ ئالدىمدىن نەيزىدەك تىكىلىپ تۇرۇۋېلىپ، مېنى قورقۇتۇدۇ.

بەزىدە بىز توي قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇمىزۇ، ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بېقىشلىرىمىزدا، سۆز ھەركەتلىرىمىزدە مىھىر-مۇھەببەتتتىن ئەسەر يوق؛ خۇددى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئەمدى چاپقۇغا ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرغان گۇناھكاردەك ئېغىر قاراشلاردا قارىشىمىز، يۈرەكنى بېسىپ تۇرغان قوغۇشۇندەك ئېغىر بىر نەرسە بار، تەسۋىرلىگۈسىز روھىي ئازاپ ھىس قىلىنىپ تۇرۇدۇ. بۇ ئۆلۈمگە مەنىداش توي ھەم ۋاز كەچكىلى، ھەم تۈزەتكىلى بولمايدىغان ئاجايىپ ئېغىر ۋەزىيەتتە بولۇدۇكى، خۇددى چۆيۈندىن قۇيۇلغان دەرۋزىلار ئىچىگە بەنت قىلىنغاندەك پەقەتلا ئېغىرلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ، نەپەسنى قىيىنلاشتۇرۇدۇغان، قەدەمنى ئېغىرلاشتۇرۇپ تۇرۇدۇغان بۇ تۇيغۇنىڭ ئازابىدىن شۇنچىلىك قورقۇمەنكى، سېنى چۈشەپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەتتا ئۇخلاشتىنمۇ قورقۇدۇغان دەرىجىگە يەتتىم.

بەزىدە بىز ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغان ئەر-خوتۇنلار بولۇمىز. ئەمما ۋەزىيىتىمىزدىكى ئېغىرلىق، سېنىڭ قاراشلىرىڭ ئوخشاشلا. چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. مېنى قىيناۋاتقىنى سېنىڭ روھىڭمىكىن دەپ ئويلايمەن. بەلكىم بۇنداق ئويلۇشۇم دىنغا مۇخالىپ خۇراپات بولۇشىمۇ مۈمكىن. مېنى گۇناھىمنى ئېغىرلاشتۇرۇدۇغان خىياللاردىن قۇتقۇزۇۋالغىن! ھەققىڭدىن ئۆتكەنلىكىڭنى بايان قىلغىن. ئاللاھتىن مېنىڭ روھىمغا ئەمىنلىك تىلەپ قويغىن، مەن خۇددى ماتىرىيالى پولاتتىن بولغان ئۆمۈچۈك تورىغا چىرمىلىپ قالغاندەك بىر ھالدىمەن، يۇلقۇنۇمەن، قۇتۇلالمايمەن، ھالىمدىن كەتتىم.... »

باشتا راسا كۈلگۈم كەلدى. مېنىڭ جىنلىرىم ئۇنى ئورىۋېلىپ، تازا قىينىغان ئوخشىمامدۇ؟ دەپ، «خوپ بوپتۇ!» دېمەكچىمۇ بولدۇم. بىر مۆمىن ئۈچۈن كەچۈرۈشنىڭ ئەجىر ھىساپلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىچىمدىن كەلگەن بىر ھىس بىلەن ئاللاھقا يېلىندىم. ئۇنىڭ روھىنى چىرمىۋالغان نېمە بولسا، شۇنىڭدىن ئازات قىلىشىنى، مېنى ئۇنىڭ چۈشلىرىدە قايتا كۆرسەتمەسلىكنى تىلىدىم. ياخشىلىق قىلغۇچىدا بولۇدۇغان روھىي قانائەت قەلبىمنى تولدۇردى. ئاجايىپ يېنىكلەپ كەتتىم. مانا شۇ چاغدا ئۇنىڭ خېتىنى ئىختىيارسىز كۆكسۈمگە باستىم...

 

2013-يىلى ئاپرىل

2013-يىلى 5-ئۆكتەبىردە تۈزۈتۈلدى. 15- ئۆكتەبىردە قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلدى. كانادا، ئېدمونتون.

 

    [①] تۇرقاق — ئۇيغۇرچىدا ھازىرغىچە تەڭدىشى ياسالماي، رۇسچە، كېيىن خىتايچە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئېنگىلىزچە Valve، خىتايچە 闸门 دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسى، — ئا.

    [②] ۋاييەي، نېمىدېگەن قالاقلىق! (خىتايچە) — ئا.

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

CComment تەرىپىدىن ئىشلەندى