بېسىش
يوللانما تۈرى: نەزمىي ئەسەرلەر
چېكىلىش سانى: 9996

پەرھات تۇرسۇن 

ھەر بىر بەش يىل ئۆمۈرنىڭ بىر باسقۇچى

مەن بەش ياشتا مەكتەپكە كىرگەن

ئۇچاغلاردا ۋاقت بەك ئۇزاق ئىدى

بىر پوممىششىك خوشنىمىز تۇرمىدىن چىققاندا

باشقىلار ئۇنى بەش يىل ياتتى دىيىشكەن

ئو، نىمە دىگەن ئۇزاق ۋاقت!

مەن ھەيران قالغانىدىم

بۇ مەن ئۇچۇن بىر ئۆمۈرگە تەڭ ئىدى

چۈنكى مەن ئۇچاغدا ئاران بەش ياشتا

 

بەش يىللىق ئالي مەكتەپ ھاياتى

پەقەت بىر ئەدەبىيات سەنئەت كۆڭۈل ئېچىش جەريانى بولدى

بىراق ئىسەنكىرەش ۋە پاراكەندىلىك

بۇ بەش يىلنى بەكمۇ ئۇزارتىۋەتتى

تەننىڭ تەلىپىگە بولغان قارشىلىقتىن

ئۇنى قوبۇل قىلغىچە بولغان بۇ ئۇزاق جەرياندا

ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋاقتى بەكمۇ يىراق بىلىنەتتى

 

ھازىر كىشىلەرنىڭ بىر بىرى بىلەن ئارىلىقى بارغانسىرى يېقىنلاپ كەتتى

باشقىلارنىڭ  تىكىلىپلا تۇرغىنىنى دائىم ھېس قىلغىلى بولىدۇ

ئۇلارنىڭ ئاغزىنىڭ پۇرىقى بۇرنۇڭدىن نېرى كەتمەيدۇ

ۋاقت بارغانسىرى قىسقارماقتا

ئاغزىمنى ئەمدىلا ئېچىپ

بىر جۈملە سۆزنى ئېيتىپ بولالمايلا

بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى

 

2005-يىل 5-ئاي