ئۆزەممۇ كۆرمىگەن، خىلۋەتتىكى ئاشۇ كۈلبەمدە

تەرىپىمدىن قويۇلغان لەقەملىرىڭ بىلەن 

ئەركىلەتمەكتىن باشقا ئېرىشكىنىم نە؟

«كەچ بازاردا» ئاقماس ئىش ئۈچۈن

بەدەل تۆلەش بارمىش قىسمەتتە.

ئاغرىنىشتىن ھەر سۆز چىقار ئېغىزدىن،

ئەمما، ئاشۇ لەقەملىرىڭنى بىر-بىر ئاتاپ تىللاپ چىققىنىم

بەزىدە ئاشۇ لەقەملىرىڭنى بىر-بىر ئاتاپ ئەركىلەتكىنىم

بىر قازانچ، بىر ئۇتۇق كەبى قەلبىمنى تولدۇرار

بۇنىڭسىز، جىم-جىت قازناقنىڭ تورباسقان، پوستەك ئۆرلىگەن

دىمىق، گەمە ھىدى كېلىدىغان مەۋجۇتلۇقىدەك

مەنىسىزلەشكەن مەۋجۇتلۇقۇم ياخشىراقمىدى؟!

ھەر لەقىمىڭدە بىر تاد باركى،...

ئىشەنچىم مۇتلەق، لەۋلىرىڭنىڭ تاتقى بۇ!

ھەر لەقىمىڭنى سۆيگۈ تۇيغۇلىرىغا چۆمگەن ھالدا تىلىمغا ئالسام

مانا شۇ لەۋ تاتقىغا تولۇدۇ قەلبىم.

ئاشۇ تاد بىلەن ئۇخلاپ قالغان كېچىلىرى

كۆرسەڭ ئىدى، لەۋلىرىمدە قېتىپ قالغان تاتلىق كۈلۈمسىرەشنى!

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

Comments powered by CComment