سېنى سېغىنىپ، سېغىنىپ ئەسلەيمەن،

سېنى نەپرەت بىلەن ئەسلەيمەن!غەزەپ بىلەن ئەسلەيمەن!

ئەمما بۇ «قول يەتمىگەن شاپتۇل»نىڭ ئاچچىقىغا ئوخشايدۇ.

تۇتقان، قويغۇنۇمنى بىلەلمەي قالىمەن،

«ۋاي، جالاپ!» دەپ تىللىۋېتىمەن

قەھرىمدىن ئەمەس، سېغىنچنىڭ شىددىتىدىن.

بۇ شىددەت مېنى ئۆمۈچۈك تورىغا چۈشۈپ قالغان ھاشاراتقا ئوخشۇتۇپ قويۇدۇ،

ھەريان يۇلقۇنىمەن، نېمە دەرىمنى، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەيمەن،

خۇددى ئەپەندى قاراڭغۇدا ئوڭ-سولىنى بىلەلمىگەندەك.

چىش ئاغرىقىغا ئادەم ئۆلمىگەندەك

سېغىنچقىمۇ ئادەم ئۆلمەيدىكەن،

ئاشۇ تىللىشىم بىلەنلا بىر رىقابەت، رەشىق، مەھرۇملۇق

پۇرايدۇ بۇرنۇمغا،

شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ قىممەتلىك بولۇپ كېتىسەن!

قىممەتلىكىم،

سېنى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەمدەك ئەسلەيمەن.

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

Comments powered by CComment