ئاشۇ خىلۋەتتىكى كۈلبەمنى ساڭا ئاتىغانتىم،

شۇ يەردە ئۇچرۇشۇشنىڭ مىڭ خىل كارتىنىسى تۇغۇلار مەندە:

كۈتىمەن سېنى يول كېسىشمىسىدە

كېلىشىڭگە يېقىن سائەتتە.

تاكسىدا كېلىسەن.

شۇ يېقىنلاردا توختىغان ھەر تاكسى قەلبىمنى دولقۇنلىتار،...

ئاخىرى بىرىدىن چۈشۈپ كېلىسەن

نېمە دەي؟ دۇنيانىڭ قىززىقى، ھاياتنىڭ زوقى

باشلىنار شۇ مىنۇتتىن.

ئالدىرايمەن سېنى ئېلىپ، كۈلبەمگە،

كوچىدا قۇچاغلاشماق، سۆيۈشمەك مۈمكىن بولمىغاچ.

ئىشك ئېچىلىپ، بوسۇغىدىن ئاتلار-ئاتلىماس

چىرمىشىپ كېتىمەن،

خۇددى غېرىپ ئۆلمەك شەكلى سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغان چىرمىشىشتەك...

بەزەن مەن خۇپسەنلىك بىلەن

بىخەۋەر قالىمەن كېلىشىڭدىن، شۇڭا يولدا مەن يوق،

ئىشىكىم چېكىلەر،

قارايمەن ئاۋال مارىغۇچتىن:

ئالەمنىڭ نۇرى، شەبىستاننىڭ نۇرى تولۇن ئايدەك...

يەنە شۇ تەكرارلىنىش:

بوسۇغىدىن ئاتلاپلا...

سەن دۇنياغا تەسىرى ئۆتۈدىغان ئالۋاستى سەن،

شۇڭا مۇڭلانمىغىن،

ھاۋا تۇتۇلۇپ، قارارمىسۇن ئالەم.

غەمكىنلىكىڭنى يۇقتۇرما دۇنياغا.

شاتلىققا تولسۇنكى،

سەن شوخ، جۇشقۇن بول.

مېنىڭ خىلۋەتتىكى ئۆيۈممۇ نۇرلانسۇن.

نۇرغا تولغان كۈلبىدە قوغلاشماق ئوينايلى،

ھوجرىدىن-ھوجرىغا قاچقىن، مەن قوغلاي.

شوخ قىقاسلىرىڭ تولدۇرسۇن ئۆينى،

ياشلىققا قايتاي.

شوخ يىگىتكە ئايلىنىپ شۇئان

سا چۆجىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ تۇتقان يېرىمدە سېنى

ئاپىرىپ كارۋاتقا ئاتاي...

ۋاي يەنە شۇ گۇناھكار بولۇش ئارزۇيۇم

بۇ ئارزۇ دەستىدە ياناي.

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

Comments powered by CComment