بىر ئەسىرلىك سېغىنىش، بىر ئەسىرلىك تەشنالىق

ئۈگە-ئۈگىلىرىمدە توپلانغان.

قايتا كۆرسەم ئەگەر

قوۋۇرغىلىرىڭ غىرىسلاپ كەتكۈدەك قۇچاغلىسام،

لەۋلىرىڭنىڭ قېنى قېچىپ، پاقىلىشىپ كەتكۈچە سۆيسەم

ئەسىرلىك ھاردۇقۇم چىقارمىدىكىن؟

بەلكىم كىچىك گۇناھلار بۇنچە چەككەن سېغىنچقا دال بولالماسمىكىن؟

چوڭ گۇناھقا پېتىپ بىراقلا

پانىينىڭ جەننىتىگە باقىينىڭ دوزىقىنى تېگىشسەم بەلكىم

دال بولار بىر ئاز، ئارامى جان!

گۇناھكار بولۇش ئىستىكىمنىڭ تەخىرسىزلىكى چۆچۈتەر مېنى،

شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمەن: سەن چوقۇم شەيتان!

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

Comments powered by CComment