سەنسىز خىياللىرىمنىڭمۇ تاتقى يوق،

ھاياتنىڭ تاتقىدىن سۆز ئاچماق قانداقچە مۈمكىن؟

كاشكى چۈش ئادەمنىڭ ئىختىيارىدا بولسا

چۈشىسەم سېنى، پەقەت سېنىلا.

ئاق قۇببىلەرنىڭ ئارىسىغا سوقۇپ بۇرنۇمنى

پۇراقلىرىڭ ئارىلاش ھاۋادىن نەپەسلەنسەم بىردەم.

قۇببىلەر، دۆمبەچەكلەرنى سىلىسام

پۈتۈن ئىدىر ۋە جىلغىلارنى قويماي ئارىلىسام.

پۇراقلىرىڭ ئارىلاش ھاۋادىن نەپەسلەنگەن ئاشۇ دەم

چوقۇم جەننەتنىڭ لەززەتكە تولغان ھاياتىدىن بىر ئۆرنەك،

خۇددى قوزىنىڭ تۇمشىقىنى ئانىسىنىڭ باغرىغا تىقىپ

ئىيىتىپ-ئىيىتىپ ئىمىش ئۈچۈن ئۈسكىنىدەك

ئىيىتسەم سېنى!

پانىيدا بىر جەننەت بولسا ئەگەر،

مېنىڭ ئۈچۈن بۇ — سېنىڭ قۇببىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا.

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

Comments powered by CComment