(ئوغلۇم پامىرجاننىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ)

 

مۇنقەرز بىر ۋەتەندە مۇناپىق تۆردە،

ئەركەكنىڭ مەنزىلى ئۆلۈم يا زىندان.

يىگىتلىك مەزگىلىڭ بولمىدىڭ بەڭۋاش،

تەقۋالىق سۈپىتىڭ بولدى نۇر__ ئىمان.

 

ياشلىقنىڭ تېنىمسىز تۇيغۇلىرىدىن

مەست بولۇپ، ئازارمۇ يولدىن، دەپتىمەن؛

شاللاقلىق، لۈكچەكلىك، پۈچەكلىك بىلەن

قامىلىپ كەتمىگەي، دەپ غېمىڭ يەپتىمەن.

 

نە بىلەي، قېنىڭدا بارمىش ئۇلۇغلۇق _

يۈرىكىڭ بىر مەشئەل، لالەيۇ چوغلۇق.

تاللاپسەن يولنى تۈز، توغرا _ مۇستەقىم،

شۇ ئىدى مۇكاپات ئەركەك توغرۇلۇق!

 

ئەر ئۈچۈن مۇكاپات دۈشمەن زىندانى،

دۈشمەننىڭ ئوقىدا ئۆلمەك ئەڭ شەرەپ.

"ياشلىقنىڭ پەيزى"نى سۈرمىدىڭ، لېكىن _

ئەڭ ئالىي شەرەپكە بولدۇڭ مۇشەررەپ.

 

كۆز يېشىم ئاتلىق مىھرىم مەھسۇلى،

ئۇ ئەمەس ھەرگىزمۇ ئېچىنىش ساڭا.

ئەڭ توغرا يولدا سەن، دۇرۇس يەردە سەن،

قىسمىتىڭ ئاچچىقۇ، ئىپتىخار ماڭا.

 

بىر قورچاق باشلىقچاق بولغىنىڭدا سەن

يۈرىگىم تىلاتتى ئىزانىڭ تىغى.

چۈنكى ئۇ دۈشمەننىڭ ئىلتىپاتىدى،

دۈشمەندىن ئىلتىپات _ خەلققە يېغى!

 

مۇنقەرز بىر ئەلدە مۇناپىق تۆردە،

ئەركەكنىڭ مەنزىلى ئۆلۈم يا زىندان!

داسقاندا سىنالماس، سىنىلار پەقەت ـ

كۆرەشتە، جەڭگاھتا، مەيداندا ئىمان.

2006-يىلى كانادا، خامىلتون.

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

Comments powered by CComment