بېسىپ چىقىرىش
Category: نەزمىي ئەسەرلەر
Hits: 4254

زەھرىنى تىققاچ تېنىمگە بۇ خىتاي ـــــ يىلان ـ چايان،

زۇلمىدىن ئىڭراشقىمۇ يەتمەيدۇ ھال، يوق ئىمكان،

يىغلىسام دەردىمگە بىللە يىغلىغاي پۈتكۈل جاھان،

قان ـ يېشىمدىن بولدى ھاسىل شۇ مەھەل دەريا ـ قىيان،

سۆزلىسەم قىسمەتلىرىم تىترەر يۈرەك ياپراقسىمان.

 

بەردى قۇربان ھۆررىيەت دەپ، بۇ خەلق  كۆپتىن بېرى،

ھۆررىيەت ئارزۇسى ئەلنىڭ ئاشتى شۇنداق كۈنسېرى،

غەلىبە يوق، ئەمما ساۋاقلار بەردى ئاققان قان ـ تېرى،

بىلدى خىتاينىڭ نىيەت ـ پىلانىنى ياش ھەم قېرى،

ئوت ۋە سۇدەك بىرگە بولمايمىز خىتايلە بىز ھامان!

 

خۇمسىلارچە بىرلىرى ھەمكار بولۇپ خىتاي بىلەن،

ئىش قىلارمىش بىرلىشىپ شۇ پاسكىنا تومپاي بىلەن،

خۇددى يىرتقۇچنى قوشۇپ قوي ـ قوزا، يىلقا ـ تاي بىلەن،

بىللە قويغاندەك ۋە ياكى ئاتەشنى ـــــ ئوتنى ماي بىلەن،

ھۆررىيەت يوللىرىغا سوقماقچى توسما، تاغ ـ داۋان!

 

قىش كۈنى زۇلمەتنى ــــ تۈننى چىللىغان شۇم قاغا سەن،

ئەل بېشىدا قامچا ئويناتقان مۇناپىق دوغا سەن،

بى كېرەك بىزگە پەقەت، رىسقىمنى قىلما ئوغا سەن،

”فىدراتسىيە“، ”مۇختارىيات“نى خوتنۇڭغا قىلغىن سوغا سەن،

ئەمما ئەلنىڭ كۆڭلىنى چەگمە، يېيىپ بۇلۇت، تۇمان.

 

ۋا دەرىخا، تويدى ئەل خىتاي دېگەندىن غىققىدا،

كۆردى خىتاينىڭ قۇرۇق ”شەپقەت“لىرىنى جىققىدا،

بۇ كەبى شۇم گەپنى ئشتسە تۇرمامدۇ ھەركىم تىككىدا،

دوپپىمىزغا جىگدە سالماقچى بولۇشساڭ شىپپىدا،

يانغۇسى يامانلىقىڭ، باشىڭغا چىققاي شۇ ھامان!

 

سەن خىتايغا قانمىغان، يا تويمىغان بولساڭ ئەگەر ـــــ

بول قۇدا ۋە يا باجا، يا ئاناڭ، ئاچاڭنى بەر!

كەينىدىن كەت ئەگىشىپ، بولغاندا خىتاي دەر ـ بەدەر،

سەن ئەگەر ئادەم ئىسەڭ، بولما ئىپلاس ئۇ قەدەر،

بولمىقىڭغا نە كېرەك  خىتاي قېشىدا ئىت ـ قاۋان؟

 

ئىستىكىڭ بولسا نېمە ئەركىنلىكىڭ، بىلگەننى قىل،

ئەمما ئۇ ئۆز ئىستىكىڭ، ھېچ ئەمەس  كۆپكە ۋەكىل!

ئەلنى ساتما، خاھلىساڭ سىڭلىڭنى سات، ئۆزەڭ سېتىل،

ئانچە بەك ئەزۋەيلىمە، كۆتۈڭنى قىس، ئۆزەڭنى بىل!

”ئەل تەرەپ بولماق ــــ ھامان ئەركەك ئىشى“ ـــــ بىزنىڭ مىزان!

 

ۋەدىسىگە پۈتمىگەي ھېچكىم خىتاينىڭ، شۇ بۈگۈن،

چۈنكى دىلدا بار ئازاپتىن شۇ خىتاي تۈككەن تۈگۈن،

ئاق خىتاي، قىزىل خىتاي ھەممىسى بىردۇر پۈتۈن،

شۇ خىتايلار دەستىدىن چىقتى مانا باشتىن تۈتۈن،

بۇ خىتايمۇ ئۇ خىتايدەك قان ئىچەردۇر بى گۇمان!

 

”يېمىكى پوق بولغۇسى، قاغىغا ئۈلپەت بولسا كىم“،

تالىسا غالجىر سېنى گەر، قانجۇقى بولماس ھېكىم،

سۇ سۈزۈك بولمايدۇ، باشتىن كەلسە لاي دەريا ـ ئېقىم،

مۈشۈكۇ ـ چاشقان كەبى تۇغما كۈشەندە قىسمىتىم ــــ

بىز ۋە خىتاي ئەينى شۇ ھالدا ئىمىز، كۆپكە ئايان!

 

چاڭقىغان چۆللەردە بولغاندەك گوياكى سۇغا زار،

بولدى ئەلمۇ ھۆررىيەتكە ئاشىقانە ئىنتىزار،

بولسا گەر ئەل ئوغلى كىم، دۈشمەنگە تىنماي گۆر قازار،

بولمىسا پۇشتى ھاراملىق توغرا يولدىن كىم ئازار؟

بەد دۇئا، ئەل قارغىشى بەك ياماندۇر، بەك يامان!

2000-يىلى ئىستانبۇل