ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار
ئەڭ يېڭى يوللانمىلار
باشبەت
گۇناھ
- نەشىر ئۇچۇرلىرى:
- يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى
- يوللانما تۈرى: نەسرىي ئەسەرلەر
- چېكىلىش سانى: 18375
(پوۋېست)
«سۆيۈملۈك...»
خەت شۇنداق باشلانغان ئىدى. مۇشۇ سۆزنىڭ ئۆزىلا كۇپايە بولدى. بۇنداق باشلىنىدىغان خەتلەرنى مەن ھاياتىمدا پەقەت بىرلا ئادەمدىن تاپشۇرۇۋالغان ئىدىم. قىرىق يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندە مۇشۇ باشلىنىش بىلەن قولۇمغا ئىلىشتۈرۈلگەن بۇ خەتنىڭ قانداقلارچە، قانداق يوللار بىلەن ماڭا يېتىپ كەلگەنلىكىمۇ قىزىق بىر مۇئەمما ئىدى. بۇمۇ تۇرۇپ تۇرسۇن، ئەگەر بۇ خەت مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا ئۇلاشتۇرۇلمىغان بولسا نېمە بولاتتى؟ بۇ مېنىڭ يالغۇز قالغان كۈنلىرىم ئىدى. قىزىم ئىزچىل ماڭا باقتۇرۇۋاتقان بالىلىرىنى بىرەر كۈن ئۆزى بىلەن تۇرغۇزماقچى بولۇپ ئېلىپ كەتكەن، دادىسىمۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى ئېغىر سۈكۈناتلىق بىكارچىلىققا چىدىيالماي، ئۆيدە ئولتۇرالماس بولۇپ قالغان، ھېلى ئالتەشەدىكى تۇققانلارغا بېرىپ كېلەي، ھېلى ئۈرۈمچىدە ئىشىم چىقىپ قالدى دېگەندەك باھانىلەرنى تېپىپ، ئۈچ-بەش كۈن يوقۇلۇپ كېتىدىغان بولۇۋالغان ئىدى. خەتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنلىرىم دەل مانا مۇشۇنداق يالغۇز قالغان چاغلىرىمغا توغرا كەلدى. ئاشۇ سۈپەتكە قوشۇلۇپ كەلگەن ئىسمىمنى كۆرۈش بىلەنلا خۇددى قىزىتىلغان سىماپ ۋۇجۇدۇمغا تاراپ كەتكەندەك، كۆز جىيەكلىرىم كىرتىيىپ، يىغلاشقا تەييارلانغاندى.
ئىنكاس يېزىڭ (0 ئىنكاسلار)