header image
چەتئەللەردە مىللىي كىملىكنى ئىپادىلەشنىڭ ئەقەللىي پۇ
ئەزا دەرىجىسى: / 0
يوللىدى ئىلھام   
201018سائەت07/18/10ئىيۇل

چەتئەللەردە مىللىي كىملىكنى ئىپادىلەشنىڭ ئەقەللىي پۇرسەتلىرى

images/stories/qurighanaraldengizi.jpgمىللەتچىلىك تۇيغۇلىرىمىزنىڭ ئاڭسىزلىقىمىزدىن ئورۇن ئالمىغانلىقى ھەققىدە ئىلگىرىمۇ توختالغان ئىدىم. ئاڭسىزلىق (يوشۇرۇن ئاڭ
ئاڭسىز ھالدىمۇ ھەركەتتە ئىپادىلىنىدىغان) ىمىزدىن ئورۇن ئالمىغاچقا، گەرچە مىللەتچىدەك قىلىمىز، مىللەتچى بولۇپ كۆرۈنۈمىز، قايناپ سۆزلەپمۇ قويۇمىز، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭ قۇماندانلىقىدىكى مەخسەتلىك سۆز ھەركىتىمىز بولۇپ، ئاڭسىز ھالدا تېشىغا تېپىدىغان سۆز- ھەركەت ھېساپلانمايدۇ.

ئىنكاس يېزىڭ (1ئىنكاسلار)
ئاخىرقى يېڭىلىنىشى ( 201018سائەت07/18/10ئىيۇل )
داۋامىنى ئوقۇڭ
نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
ئەزا دەرىجىسى: / 0
يوللىدى ئىلھام   
201013سائەت07/13/10ئىيۇل

ئەركىن سىدىق

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى

 

images/stories/lopa.jpgبۇ يىل 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، ئۆزەمنىڭ كەسپىي ئىلمىي ماقالىلىرىنى تەييارلاش، بىر قانچە يىغىنلارغا قاتنىشىش ۋە تەتىل قىلىپ باشقا جايلارغا بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن يېڭى ماقالە تەييارلاش ئىشلىرىم سەل ئاقساپ قالدى. مۇشۇ جەرياندا بىر قىسىم قېرىنداشلار ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن يېڭى ماقالە ئېلان قىلغان-قىلمىغانلىقىمنى سوراپ تۇردى.  مەن ئالدى بىلەن ئاشۇ قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن.

ئىنكاس يېزىڭ (0ئىنكاسلار)
داۋامىنى ئوقۇڭ
!«ئاپتونومىيە»چىلىك = تەسلىمچىلىك
ئەزا دەرىجىسى: / 0
يوللىدى ئىلھام   
201019سائەت06/19/10ئىيۇن

(«ئاپتونومىيە» سەپسەتىسى ياكى «ئىككى ئارىلماسلىق»نىڭ چەتئەل ۋارىيانتى توغرىسىدا)

 

ھەرقانداق زۇلۇم ۋە بېسىم قان پاكىز ساقلانغان ئەھۋال ئاستىدا ئەخلاقىي تىرىلىشنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان كۈچلەرنى تۇغۇشى ۋە ھەركەتكە كەلتۈرۈشى مۈمكىن. ھالبۇكى، قاننىڭ پاكىزلىقىنى يوقۇتۇش سائادەتنى يوق قىلىدۇ، ئىنساننى ئەبەدىي پەسلەشتۈرۈدۇ.

— ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم»(تۈركچە نەشرى)

 

سەپسەتىنىڭ بارلىققا كېلىشى

images/stories/shepeq.jpgسەپسەتە «ئۈچ ئەپەندى» نەنجىڭدا گومىنداڭ پارلامېنتىدا ئىشلەۋاتقان زاماندا قەپەزدىن چىققان دېيىشكە بولۇدۇ. پىكىر ئاتىسى ھەرھالدا ئىسا يۈسۈپ. بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» دېگەن ئەسلىمە كىتابىدىن ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولۇدۇ. ئۇ مۇستەقىللىق يولىدا ۋەتەندىن ئايرىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنى «نەسىھەت قىلىپ» قايتۇرۇپ كېلىپ، خىتايلار بىلەن ياراشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. خىتايلارنىڭ بىركۈنى ئەمەس، بىر كۈنى بىزگە ئىچى ئاغرىپ، ۋەتىنىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ باشقۇرۇشىغا رازى بولۇدۇغانلىقىغا كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئۇ 1933 ۔ يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»دىن بەكمۇ راھەتسىزلىك ھىس قىلىپلا قالماي، «ئۆز قېرىنداشلىرى قىلىپ سالغان بۇ بەڭۋاشلىق» ئۈچۈن خىتاي دوستلىرى ئالدىدا بەكمۇ خىجىللىققا قالغانلىقىنىمۇ ئانچە يوشۇرۇپ كەتمەيدۇ. بۇ نۇقتىنى ئۇ شاپىگراڧ بىلەن نەشىر قىلىنىدىغان ژۇرنال «تىيانشان» (تەڭرىتاغ ئەمەس) دا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ يازغان ماقالىلىرىدا، ئەينى ۋاقىتتا قىلغان شەرەپلىك مۇجادىلىسىدىن خىجىل بولغاندەك، ئۇنى خىتايلارغا يۇمشاقراق ئىزاھلاشقا ئۇرۇنۇپ، «بىز ئۇ چاغدا يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلى ئىسيان كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدۇق» دېگەنلىرىدىن كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. چۈنكى، مائاشنى بېرىۋاتقان بىرسىگە قاتتىقلىق قىلىش ئاسانمۇ؟ «يېگەننىڭ يۈزى ئۇيۇتار» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟

ئىنكاس يېزىڭ (3ئىنكاسلار)
ئاخىرقى يېڭىلىنىشى ( 201001سائەت07/01/10ئىيۇل )
داۋامىنى ئوقۇڭ
<< باشلىنىشى < ئۆتكەنكىسى 1 2 3 4 5 كېلەركىسى > ئاخىرى >>

راي سىناش
ئاپتورلارنى باھالاڭ
  
ماقالىلارنى باھالاڭ
  
كىملەر توردا؟
شۇئان تور بېتىمىزدە 19 مىھمان بار