|
كەلدى
5-ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن
-كەلدى!
-نېمە كەلدى.
-كالىندارغا 5-ئىيۇل كەلدى.
-ئۇنداقتا كۆڭۈللەرگە نىمە كەلدى؟
-خىتايلارنىڭ كۆڭلىگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە كۆتۈرۈلگەن ،بۇلتۇرقى ئىسياننىڭ ھېدى كەلدى. جاجىسىنى يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن كۆڭلىگە قورقۇنچ-ۋەھىمە كەلدى. بۇ ۋەھىمىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا ئالدامچى سىياسەتنىڭ ياغلىمىلىرى بىلەن تاجاۋۇزچىلىقنىڭ تەھدىدلىرى يەنە كەلدى. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنى تېزراق يوقۇتۇشنىڭ قىزىل باشلىق ھۆججىتى كەلدى. تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش، يۈرگىنى مۇجۇپ ئىبرەت قىلىش.... ھەي.. نۇمۇسسىز خىتايلار ئۈچۈن، تۆھمەت ۋە سۈيقەستلەرنىڭ يەنە بىر پەيتى كەلدى.
-دۇنيانىڭ كۆڭلىگە نېمە كەلگەندۇ؟
-چەكتىن ئاشقان زۇلۇمنىڭ ئاچچىق تولغاقلىرىدىن چىققان-بىچارە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق نىداسى كەلدى. گۇاڭدۇڭدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خۇن دەۋاسى ئۈچۈن قىلىنغان سادانىڭ يالدامىسى كەلدى. بۈگۈنكى ئۈنسىز يېغىلارنىڭ غايىۋانە تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىچچارە قىياپىتى بىرگە كەلدى. يەنە... شۇ چاغدا خىتايلار بىلەن ھاسىل قىلغان كىلىشىملەرنىڭ يىللىق دارامىتى، مەخپىي قولغا چۈشۈرۈۋالغان قانلىق ئىسپاتلارنىڭ كارامىتى، خىتايلارنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالامىتى، بۇ خىل سودىلارنىڭ راۋانلىشىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ سالامىتى-لازىم كەلدى. يەنە كۆپرەك نەپ ئۈندۈرۈش ئۈچۈن بۇ سەرمايىغا تازىم كەلدى.
-ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭكىگىچۇ؟
-ئومۇمىي جەھەتتىن بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھرىدە سەلدەك ئاققان نامايىشنىڭ دولقۇنلۇق ئىلھاملىرى كەلدى. قەھرىمان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ غايىۋانە سىماسى كەلدى. شۇ چاغلاردا بولۇپ ئۆتۈلگەن ئىشلارنىڭ ھىكايىلىرى كەلدى. پىدايىلارنىڭ شۇ چاغدىكى ھىممىتىدىن تارتىپ، ھاياتىغىچە ھازىرىغىچە بولغان چوڭ-كىچىك ئىش-ئىزلىرى ھەققىدىكى قىززىق پاراڭلار زىغىرلاپ كەلدى. ئېغىزلاردىن قۇلاقلارغا شىۋىرلاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاخىرى ناھەقچىلىق ۋە بۆھتان بىلەن ئاياغلاشقان بۇ قىسمەتنىڭ داغلىرى يۈرەكلەرنى مۇجۇپ، ئەلەملەرنى قوچۇپ غىچىرلاپ كەلدى. قىرغىن قىلىنغان ساناقسىز شەھىدلىرىنىڭ خۇشبۇي ھېدىلىرى جاراھەتلەرنى يېغىرلاپ كەلدى.
زەنجىر-كېشەنلىرىنى سۆرۈپ يۈرگەنلەرنىڭ روھىغا قەتئىيلىك، پۇرسەت كۈتۈۋاتقانلارنىڭ قەلبىگە پىداكارلىق كەلدى. ئاجىزلىقىنى شىكايەت قىلىپ رەببىنى ئەسلەۋاتقانلىرىنىڭ تىلىغا دۇئاسى كەلدى. كۈچىنى ئىشلىتىدىغان يەر تاپالمايۋاتقانلارنىڭ دىلىغا ئېزاسى كەلدى.
-قىسمەن جەھەتتىن ئېيتقاندا: ئاتالمىش ساختا دەۋاگەرلەرنىڭ ھەسرىتىنى ئۆرتەپ، ئالدىلىرىغا بوتىلكىلار كەلدى. ئاچچىغىنى چىقىرۋىلىش ئۈچۈن تەڭشەلگەن زاكوسكىلار كەلدى. قورسقىنىڭ تويغۇنىنى تۇتۇپ بىقىپ بىلىدىغانلارنىڭ كۆڭلىگە يانچۇغى كەلدى. يېقىلىپ چۈشسە يۈندىگە چۈشىدىغانلارنىڭ ئىسىگە قانجۇقى كەلدى.
-ئىش قىلىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ كۆڭلىگە، يوق يەردىن باھەنە كەلدى. يەنە بەزىلىرىنىڭ كۆڭلىگە غوت-غوتى بەزىلىرىنىڭكىگە كوت-كوتى كەلدى.
ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى يارىماس ئىنسانلار توپىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
-مانا سىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىرىڭ، مانا سىنىڭ دەۋاگەرلىرىڭ دەپ، ھەققانىيەتنىڭ لەنەتلىرى كەلدى.
-قىنى دوستۇم ئيېتقىنا، سىنىڭ كۆڭلۈڭگە نېمە كەلدى؟!
ئەھمەد قەشقەرى يازمىلىرىدىن پارچە
2010-يىلى 21-ئىيۇن.
|
باھالىدى ebunesrullah on 2010-07-03 05:06:06 يۇتۇبى ئېچىلمىسا بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭhttp://uygur.cephesi.com/ |
|