|
ئۇيغۇرنىڭمۇ ھەققى بار سەندە.
سېتىلغانتى ئاتمىش يېل بۇرۇن
يالتادىكى جەڭ سودىسىدا.
سېتىلماقتا بۈگۈنمۇ ئۇيغۇر
دۆلەتلەرنىڭ يەڭ سودىسىدا.
ئاسىيانىڭ باغرىدا ئۆسكەن.
ئەزەلدىن ھۆر-مۇستەقىل ئۆتكەن.
بىر قەدىمى مىللەتقۇ-ئۇيغۇر
تالاي ئەسىر دەۋرانلار سۈرگەن.
ئات ئۈستىدە زەپەرلەر قۇچقان.
مەرىپەتتە گۆھەرلەر چاچقان.
تېجارەتتە جاھاننى كېزىپ
مەشھۇر «يېپەك يولى»نى ئاچقان.
ئەي كور دۇنيا! قامۇسلىرىڭدا،
ئېپتىخارلىق ئىش-ئېزىلىرى بار.
ئەجدادىغا ۋارىسلىق قىلار
مېليۇنلارچە ئوغۇل-قىزى بار.
ئاستى-ئۈستى بايلىققا تولغان.
بىپايان، مول ۋەتىنى بولغان
«ئۇيغۇر»لارنى يوقالسۇن! دېمەك
قايسى قانۇن-تۈزۈمىڭدە بار؟
سۈلھى-سالا توزاقلىرىڭدا،
چۈشكىنى راست قاپقانلىرىڭغا،
نامەرتلىكتە خىجىل بولماستىن
نەپسىڭ ئۈچۈن ئازغانلىرىڭدا.
لىكىن جەڭدە يېڭىلگەن ئەمەس،
ناھەقلەرگە ئېگىلگەن ئەمەس.
نامەرت بىلەن يەڭ سودىسى قىپ
يۈزسىزلەرچە كېرىلگەن ئەمەس.
مەرتلىكنىڭ يولىنى تۇتۇپ،
ئادالەت ھەم سائادەت قۇرۇپ،
ياشاپ كەلگەن تارىختىن بۇيان
مەردانلارغا نەمۇنە بولۇپ.
ئاجىزلارغا بولغان باشپاناھ،
غېرىپلارغا قىلغان خەيرىخاھ.
ياتمىغانتى سىلەردەك بۇنداق
زالىملىقنى بىلىپ سەيلىگاھ.
بېرىش تۈگۈل بىزلەرگە مەدەت،
قارشى تۇرۇپ كەلدىڭلار رەت-رەت؟
نامەرت خىتاي ژۈندىسىن ئېچىپ
نۇمۇس قىلماي يۈردۈڭلار ئەجەپ؟
ئىنساپ بولسا ئويلاپ بىقىڭلار،
ئۇيغۇر قانداق تېرورىست بولار؟
ئادالىتى بولمىغان يەردە
كىممۇ ئىسيان قىلالماي تۇرار؟
خەۋىرىڭ بار قانلىق قىسمەتلەر
پەيدا قىلغان سانسىز سەۋەپلەر.
دەلىل دەيسەن ئۇيالماي يەنە،
نەگە كەتتى تاغدەك جەسەتلەر؟
بولسا ئىمكان قولىمىزدا گەر،
كۆزلىرىڭگە قىلاتتۇق خەنجەر.
سىلەردە بار ھەربىر ئىسپاتنىڭ
ھەر دانىسى بىباھا گۆھەر.
خىيانەتنىڭ جاھلىتىدىن،
يەڭ سودىسى بولدى ۋە لىكىن.
ھالىڭلار شۇ ئىكەنغۇ ئەنە
كىم نېمىگە، نەدە خارئىكەن؟
مەنپەئەتكە قۇل بولغان دۇنيا
ئوڭ كۆزىدە باقمىدى. ئەمما
ئۇيغۇر يەنە قىلماقتا كۆرەش
بىر كۈن مىۋە بىرىدۇ ئاللاھ!
چۈنكى ئۇيغۇر ئاشۇنداق مىللەت.
قۇللۇققا باش ئەگمەيدۇ ئەبەد.
باردۇر ئۇنىڭ ئىمان-غورۇرى
ئىتىقادتىن ئالىدۇ قۇۋۋەت.
كەلسىمۇ گەر ئەجەل دەۋەيلەپ،
قىلار غەيرەت، كۆرسېتەر ھېممەت.
يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ، مەڭگۈ
ۋاز كەچمەيدۇ ھۆرلۈكتىن پەقەت.
توسالمايدۇ يولىنى ھېچكىم.
شۇ ئاداققىي كۈنگىچە بەلكىم.
يوقالمايدۇ كۆرەشتە مىللەت
سۈكۈت قىلماس ئۇيغۇردىن ھەركىم.
شۇڭا ھەيران قالما سەن مۇنچە،
كۈلسە ھۆرلۈك بىر كۈن ۋەتەندە.
قىزغانساڭمۇ بەرىبىر بىكار
ئۇيغۇرنىڭمۇ ھەققى بار سەندە!
ئەھمەد قەشقەرى شېئىرلىرىدىن پارچە.
2010-يىلى 10-ئىيۇن.
|