header image
باشبەت arrow ماقالە ئارخىپى arrow سىياسىي ئەسەرلەر arrow ئالدىمىزغا قارايلى
ئالدىمىزغا قارايلى PDF بېسىش E-mail
يوللىدى ئەبۇۋەلىدانى   
201026سائەت06/26/10ئىيۇن

ئالدىمىزغا قارايلى

 

         2009‏-يىلى 5‏-ئېيۇل ۋەقەسى يۈز بىرىپ، ۋەتەندە نۇرغۇنلىغان قىرىنداشلىرىمىز ئۆلتۈرۈلگەن، تۇرمىلارغا قامالغان، دۈشمەنلەر ھە دەپ ئەسەبىيلىشىپ، بۇ قىتىمقى نارازىلىق نامايىشىنى چەتئەلدىكىلەرگە باغلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان، بىگۇناھ خەلقنى قۇراللىق باستۇرۇپ ناھەق قان ئېچىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تىرۇرلۇق قالپىقى بىلەن مەشھۇرلانغان بىر كىشى پەيدا بولدى.  

         ﺳﺎﻻﻡ.... ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ!

         م.ئازات ئەپەندىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كىيىن پەيدا قىلغان غەۋغالاردىن كۆپ راھەتسىزلەنگەن؛ بۇ توغۇرلۇق ھېچ پىكىر قاتماسلىقنى ئويلىغان بولساممۇ ئامال بولمىدى. چۈنكى توردىكى تىما ۋە ئىنكاسلارنى كۆرگەندىن كىيىن تەكرار ئويلاندىم. ئاخىرى ئازراق قوشۇمچە قىلىشنى توغرا تاپتىم.

 

 

 

         ئەسلىدە بىز ئۈچۈن مەيلى م.ئازات ياكى م.ئەزىمەت بولسۇن ئۇنىڭ ئەمگەك مېۋىسى، پىكىر-قاراشلىرى، مەسلىھەت-نەسىھەتلىرى، تەجىربە-ساۋاق ۋە ئوتلۇق خىتاپلىرى، بۇ كىشىنىڭ كىملىكىدىنمۇ بەكرەك موھىم ئىدى. م.ئەپەندىمدەك ئالىيجاناپلار ئۈچۈنمۇ خەلقنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كىشىلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىغا كۆڭۈل بەرگەندىن بەكرەك موھىم ئىدى. ئەمما نېمە ئۈچۈنكى بۇ قاملاشماس سەلبىي پىكىرلەر، بارغانسىرى ئۇيۇشۇۋاتقان قېرىنداشلىقىمىزنىڭ مەنىۋى ئاتمىسفۇراسىنى بۇلغۇدى. ئاھ... نادانلىق! شەخسىيەتچىلىك! ئابرۇيپەرەسلىك! تەخسىكەشلىكلەر..! سىلەر بىزنىڭ دىلىمىزدىن قاچانمۇ بىر يوقۇلارسىلەر؟!

         ئەي يارەنلەر!!! ﺑﯩﺰ ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك، ئىسلامپەرۋەرلىك دەۋاسى قىلىپ چىققان تۇرۇقلۇق، نېمە ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﯞﺍقتى ئۆﺗﻜﻪﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻻﺷﯩﭗ؟ بۇنداق قىلىش قايسىمىزنىڭ ئەخلاقىغا ئۇيغۇن، قايسىمىزنىڭ دەۋاسىغا ماس كىلىدۇ؟ بىز قاچانغىچە ئادەم بولمايمىز؟!!!

         ئەپسۇسكى؛ بۇ ئىشنى ئالدى بىلەن م... ئەپەندى ئۆزى باشلاپ سالدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى بەئەينى ''چۆجىنىڭ شۇملىقىدىن، توخونىڭ ئەمچىكى يوق.'' دېگەن مەسەلنى ئەسلەتتى. بولغۇلۇق بولۇپ بولدى، ئارقىغا يانغىلى بولماس. ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟

 

         مەقسەت مۇستەقىللىق ئىنقىلاۋى بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ يۆنىلىشى، مەركىزى ئىددىيىسى، ھەر بىر باسقۇچلىرىغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللاردا كۆپ ئىھتىياتچان بولىشىمىز توغرا كىلىدۇ. بولۇپمۇ خەلقنىڭ ئۆز نوقتىسىنى تاپشۇرىدىغان رەئىسلىرىگە نىسبىتەن ئالاھىدە سەزگۈر بولۇشى ھەرگىز خاتا ئەمەس. )ئەلۋەتتە. بەزىلەر ئېيتقاندەك بۇنداق گەپلەرنى قىلىش سالاھىيىتىگە لايىق ئەمەسمەن. ئەمما بۇنداق مەزمۇنلارنى قىستۇرۇشتىن ئەسلى مەقسەت مەن ئەمەس، بەلكى ئىنقىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن زورۈردۇر.( تارىختا تۆمۈر خەلىپىنىڭ قۇرئان ۋاستىسىدا قىلىنغان ئىتىقادى ھىسىيات خاتالىقى، بىر ئىنقىلاپنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىغان بولسا، سابىت داموللام ئۆزىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن خوجا سەركەردىنىڭ بىلىمسىزلىكى، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىستىقبالىغا ماتەم بەرگەن ئىدى. كىلىش مەنبىئى ئىنىق بولمىغان ئەخمەتجان قاسىمىدەك كىشىلەرگە تۇتقۇزۇلغان ھەل قىلغۇچ ئىنقىلاپمۇ، ئۇ باغلانغان كۈچلەرنىڭ رەزىللىكىدە تۇنجۇققان ئىدى. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، رەئىسلەرنىڭ كىملىكى، قانداقلىقى، ئىقتىدارى، قەلب دۇرۇسلىقى، ئىستىل پاكلىقى، ئەخلاق گۈزەللىكى... قاتارلىق ئامىللاردىن ئەڭ كىچىكلىرىمۇ، نۇرغۇنلىغان چوڭ مەسىلىلەرگە بىرىپ تاقىلىدۇ. بولۇپمۇ بىزدەك داھىيلارنى موما قىلىۋالىدىغان مۇستەقىللىق ئىنقىلاپ نەزىريىسى يوق بىر مىللەتكە، بۇنداق سەزگۈرلۈكلەر تىخىمۇ بەك موھىم.

         بىر ئايرۇپىلاننىڭ ئەڭ خەتەرلىك زاپچىسى ئۇنىڭ رولچىسىدۇر. بىر ئۇچقۇچىنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقى، شۇ قىسمەتكە گۇۋاھ بولغان يولۇچىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ. تاكى ئۇلار بىر نەچچە قېتىملىق بىخەتەر سەپىرى بىلەن ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرمىگۈچىلىك. ئەلۋەتتە، بۇ جەريان ئۇچقۇچىنىڭمۇ تاسادىپى پەيدا قىلغان ھادىسىسى سەۋەپلىك، دۇچ كەلگەن تىل-ھاقارەت، كەمسىتىشلىرىگە سەبىر قىلىشىغا، يولۇچىلارنىڭمۇ جېنىنى قولىغا ئەپ قويۇپ، سىناپ بىقىشىغا توغرا كىلىدۇ. ئۇستازىمىزنىڭ بۇنچىلىك ئىشلارنى چۈشىنىدىغانلىقى ۋە ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنسەك ئۇنىڭ ئورنىدا سەكرەپ كىتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.

         ئەقلى بار ئادەمدە تەپەككۇر بولىدۇ. تەپەككۇر تەسەۋۋۇر بىلەن بولىدۇ. شۇنداقكەن، كىشى ئويلىماي تۇرالمايدۇ. ئۆزىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى سەزگەن ھەرقانداق خالىس نىيەتلىك ۋىجدان ئىگىسى، ئىرىشكەن تەپەككۇر مېۋىلىرىنى باشقىلاردىن يوشۇرۇشنى خالىمايدۇ. بەلكى ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا تىخىمۇ بەك ئاكتىپلىشىپ، كەمتەرلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىلمىنتلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ. كىشىلىك ئەخلاق نوقتىسىدىنمۇ ئاللاھ رىزالىقى ۋە ۋەتەن-خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىكىدە پاك بولغان سەمىمى كىشى، بۇنداق چاغلاردا مەن-مەنلىك تالىشىدىغان، ئۈزەنگە سوقۇشتۇرىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەخسىي غەرەزلەرنى مەنبە ۋە مەخسەت قىلمىغانلارنىڭ يوللۇق پىكىرلىرىنى ئويلىنىپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ.

 

         مىنىڭچە كۆپىنچە قېرىنداشلارنىڭ مۇلاھىزلىرىدىكى م.ھەزىرەت ۋە ئابلىمىت تۇرسۇنلارنىڭ ھەققىدە قىلىنغان پاراڭلار ئۇلارنىڭ شەخسىي كىملىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئۇلارنىڭ بۇنداق مەسىلىگە ئالاھىدە كوڭۇل بۆلىشى، يەنىلا ئىنقىلاۋىمىزنىڭ ۋە ئىنقىلاپچىلارنىڭ تەكرار مەغلۇپ بولۇپ كىتىشىدىن ۋە ئاران پىشىپ يىتىلىۋاتقان يېڭى دەۋىر ئىزباسار ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئىسراپ بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن بولغان. بۇنداق ئىكەن ھەرقانداق كىشىنىڭ بىرەر نوپۇسنى قوغداش بەدىلىگە، يۈز بىرىش ئىھتىمالى بار بولغان مۇنچە چوڭ زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ھەققىدە پىكىر قىلىشنى چەكلىشى دۇرۇس ئەمەس. بەزى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ «م.ئەپەندىنىڭ گۇناھى، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلاپنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىدىندۇر.» دېيىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئىنقىلاپنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە كىلىپ چىققان پاجىئە ئۇنچىلىك ئاددىي ئىش ئەمەس. شۇ چاغدىكى بۇ ۋەقە ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قىلىش زۆرۈرىيىتىدىن ئەمەس، بەلكى ئىقتىساد سەۋەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن قىيامەتلىك سوراققا ئايلاندى. توغرا باشسىز تەندىن بىرنەرسە كۈتكىلى بولمايدۇ. ئەمما باش ئۆزىنى قوغداش بىلەن بىرگە ئۆزىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئۆزىگە بوي سۇنغان نادان بەدەننىمۇ قوغدىشى كىرەك. بولمىسا بۇنداق تەننىڭمۇ، ئۇنداق باشقا ھاجىتى يوق! جىسىمنى ياراتقان ئاللاھ ئۇنى باشسىز ياراتمىغاندەك، مىللەتنى ياراتقان ئاللاھ ئۇنى لىدىرسىز قويمايدۇ. ئەمما ھەرقانداق ئىقتىدارلىق لىدىرمۇ، ئاللاھنىڭ قانۇنىغا بوي سۇنماي تۇرۇپ، ۋەتەن-خەلقىنى بەخىتكە ئىرىشتۈرەلمەيدۇ. چۈنكى بەخىت مۇستەقىللىقتە ئەمەس، بەلكى مۇستەقىللىق ھىمايە قىلغان مۇقەددەس تۈزۈمدە. )بۇ ھەقتە ئايرىم تىمىدا توختىلارمىز ئىنشائاللاھ( ئەسلى تىمىغا قايتساق.

         90‏-يىللاردىكى ئورتا ئاسىيادا تەشكىللەنگەن قۇراللىق ئىنقىلاپنىڭ بېشىدا بوران چىقىرىپ، تەشكىلاتنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن بىردىنلا غايىپ بولغاندىن بىرى، مەۋھۇم تور دۇنياسىنىڭ سىياسى سەھنىلىرىدە قەلەم تەۋرىتىپ، يەنە بايراقدار بولالىغان بۇ كىشى، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىمكىلىكىنى مۇشۇنداق چاغدا ئاشكارىلىۋەتتى؟ نېمە ۋەجىدىن ئىلىگىرىكى ۋە كىيىنكى كىملىكىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئويلاپ قالدى؟ بۇ تەرىپى تولىمۇ غەلىتە. ئەگەر ئۇ بۇ ئىككى ئىسمىنى بىرلەشتۈرمىگەن بولسا، كەلگۈسى تارىخلىرىمىزدا ئىككى ئادەم بولۇپ تەسۋىرلەنگەن بولاتتى. ئىككى ئادەم بولغاندىمۇ ھەر ئىككىسىنىڭ ۋەزنى ئۆزىگە يىتىپ ئاشاتتى. ئەمما ئۇ بىر ئادەم بولۇشنى ئىستىدى. بولدى. مانا ئەمدى قارىماققا بىر تەرەپتىن ھەيۋىتى ئاشقاندەك، بىر تەرەپتىن يېڭى تاپقان شۆھرىتىگە خال قويۇۋالغاندەك، ياكى بۇرۇنقى داتلاشقان نوپۇسىنى تازىلاپ، پاقىراتماقچى بولغاندەك بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشى ئىنقىلاپنىڭ تەقەززاسىمۇ؟ ياكى شەخسىي نام-ئاتاقنىڭ ھەۋىسمۇ؟ ۋەياكى ھېچ يىغىشتۇرۇپ بولمايۋاتقان، چىچىلاڭغۇ پىدائىلارنىڭ ئويلىمىغان تەلۋىلىكلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى جۇغلاشنىڭ تەقەززاسىمۇ؟ يەنە ئويلىنىپ باقايلى... پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى. مۇمكىنچىلىكى بار ھەممە ئىشنى ئويلىنىپ باقايلى. قېرىنداشلار ئويلىنايلى. سەركەردىمىز ئۇزۇن سىناقلارنى باشتىن كۆچۈرگەن تەجىربە ئىگىسى بولغاندىن كىيىن، خەلقىنىڭ مۇنچىلىك زىغىرلاپ بىقىشلىرىغا رەنجىپ يۈرمەس. ھەم ئۇنىڭمۇ ئۆزىنىڭ شۇ ئاچچىق كەچمىشلىرىدە ۋىجدانىغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىنى، بۇ گۇمانخور نادان خەلقىگە بىر بىلدۈرۈپ قويغۇسى باردۇ. 

 

         بۇ مەسىلە ئوتتۇرغا تاشلانغان ئىكەن، ئۇنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. ھېچ بولمىغاندا غاردا ياتقان دانىشمەنلەرنىڭ غىدىقىنى قوزغاپ قويۇپ پەشۋا يېۋالساق، يەنە ئازراق ئەقلىمىز ئىچىلىپ قالار.

 

         ﺋﻪسلىدە نېمە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇرۇنقى ﻡ.ھەزىرەت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ھازىرقى ﻡ.ﺋﺎﺯﺍت ﻟﯩﻖ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﺘﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ئەڭ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ خىلىدىن ﺑﯩﺮﻯ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻗﯩﺘﯩﻤﻤﯘ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺳﻪﺑﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. م.ئازاتنىڭ يېزىق ۋە پىكىر قىلىشتىكى قابىلىيىتىگە نىسبىتەن رىقابەتچىلىرى بار بولسىمۇ، كۆرسەتكەن خىزمىتى بىلەن يەنىلا تۆردىن ئورۇن ئالالايتتى. مۇشۇ سالاھىيىتى بىلەنمۇ خىلى ئىشلارنى قىلالايتتى. شەرەپ قازىنالايتتى. بۈگۈنكى ئىنقىلاپتا يول باشلىسىمۇ ئەگىشىدىغانلار يەنە كۆپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئەسلى كىملىكى ئايان بولغاندىن كىيىن، ئىلگىركى ئاچچىق قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن ياكى ئاڭلىغان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىددىيىسدە، ھەزىم بولۇنماي قالغان سىرلىق ھېكايىلەرنىڭ يۇقۇندىسى، ئۇلارنى شۇنداق سۆزلەشكە، پىكىر قىلىشقا مەجبۇرلىدى. شۇنداق قىلسا نېمە بوپتۇ؟ مېۋىسىز دەرەخكە ھېچكىم تاش ئاتمايدۇ.

 

 

         سەركەردىمىز كەچمىشلىرىدە ئىنقىلاپچىلىرىمىز بەرگەن نۇرغۇن بەدەللەر ھىساۋىغا ئۆزىنى بىر قېتىم سىناپ باققان تەجىربە ئىگىسى. ئۇنچىلىك بوران-چاپقۇندىن قورقۇپ قالىدىغانلاردىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىم باشقىلارنىڭ قۇيرۇق ماراپ يۈرۈشلىرىنى ساقلىماستىن، ئۆزىنى مەرتلىك بىلەن ئاشكارىلىۋەتكەن گەپ. ياكى كىشىلەر دەۋاتقاندەك باشقا سەۋەپلەرمۇ باردۇ. مەسىلەن:

         ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بۇنداق ئاشكارا قىلىشى؛ بەلكى بۇ قېتىم ئىلگىركىدىنمۇ بەك تەدبىرلىك ۋە ئىقتىدارلىق بولۇپ يىتىشكەنلىكىدىن ياكى ھازىرغىچە بىرەر نامزات تاپالمىغانلىقىدىندۇ؟ ياكى ئىلگىرى بىر مەزگىل تەمىنى تىتىغان پاراغەتلەرنىڭ يېڭى مەۋسۇمىنى بايقاپ قالغاندۇ. ياكى كونترول تاختىسىدىكى بىرەر غايىپ ئىنتىرچىلارنىڭ مەخسەتلىك قوللىرى بىلەن ئىكرانغا زورلاپ چىقىرىلغاندۇ. يەنە ۋەياكى ئاچچىقىدا ئىلگىرى باسمايۋاتقان بۇ ئىنقىلاپنى ئۆزى بىر باشقا ئاچىقىۋىتىپ، خەلقنىڭ تەقدىرىنى بىر يېڭىلاپ قويۇشنى ئويلاپ قالغاندۇ.  يەنە شۇنىڭدەك بىزنىڭ تەسەۋۋرۇلىرىمىزنىڭ سىرتىدا قالغان نۇرغۇن ياكى..لار ۋەياكى جەزمەنلىكلەرمۇ باردۇ..؟ دېگەنگە ئوخشاش پىكىرلەر. ئىشلىقىلىپ ھەزرىتىمنىڭ پىشقان دانالىقىدا قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىزدەك نادانلار قانداقمۇ بىلەلەيتتۇق؟ بىز بىلگەن چاغدا يەنە شۇنداق ئاچچىق ساۋاقلارنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالمىساقلا بولدى...ۋەھاكازالار.

 

         خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا: يىلاندىن قورققاننىڭ ئارغامچىدىن ئۈركىشى نۇرمال ھادىسە. ھەم ئىنقىلاۋىمىز سىپىدىن مانا مۇشۇنداق پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويالايدىغان، ئويلاشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشىمۇ، ئىنقىلاپ سەۋىيىمىزنىڭ ئاشقانلىقىنى دەلىللەيدۇ. ئىلگىركىدەك قارىسغا ئەگىشىدىغان، نادانلىقلىرىغا خاتىمە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ھەرقانداق بىر دەۋاگەرنىڭ مەقسىدى ۋەتەن-خەلقىنىڭ ئىستىقبالىدا بولسا، بۇنداق ئىنكاسلاردىن پەخىرلىنىشى، خۇشال بولىشى لازىم. ئۆز ۋاقتىدا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ خاتالىشىپ قالسا، ساھابىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغان، ساھابىلار ''قىلىچ بىلەن توسايمىز'' دېگەندە ئەمىر ئاللاھ قا شۈكرى دەپ يىغلاپ كەتكەن. چۈنكى مەقسەت ئەمىرنىڭ سالاھىيتى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ نىڭ ئەمرىنى بىجا كەلتۈرۈش بولغانلىقىدىن شۇنداق قىلغان. بۇنىڭدا ھەممىمىز ئۈچۈن ئىبرەت بار. سىياسىيۇنلار ۋە قۇماندانلارنىڭ نەزىرىدە قول ئاستىدىكىلەر-ئەگەشكۈچىلەر سەركەردىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان، سىناق قىلىدىغان ماتىريال بولۇپ قالسا، بۇنداق قۇمانداندىن شۇ خەلققە بالا كەلسە كىلىدۇكى، ياخشىلىق كەلمەيدۇ. مەسئۇلىيەتچان كىشىلىرىمىز بۇنداق ئىشلارغا ئەلۋەتتە ھۇشيار بولىشى كىرەك.

         ئەلۋەتتە؛ ئىنقىلاپ دېگەندە ئۆلۈش-ئۆلتۈرۈش بولىدۇ. يىڭىش-يىڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما نان تالىشىپ ئەمەس. مەنسەپ تالىشىپ ئەمەس، مال-دۇنيا تالىشىپ ئەمەس. بەلكى، دۈشمەنگە قارشى كۆرەشلەردە بولىدۇ. غالىبلارمۇ مەغلۇبىيەتلىرىدە يىتىپ قالماي، تەكرار تىرىشقانلىقىدىن نەتىجە قازىنالايدۇ. ھەممىگە تونۇشلۇق سەركەردە خوجا نىيازھاجىنىڭ تۆمۈر خەلىپە مەغلۇبىيىتىدىن كىيىن سەرگەردان بولۇپ، ئوۋچى، قوغدىغۇچى، پادىچى ۋە باغۋەنلىك قىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى يەنە ۋەتەندىكى ئىنقىلاپ سىپىگە قايتىپ كەلگەنلىكى ۋە ئىلگىركىدىن كۆپ غەلىبىلىك ئىنقىلاپلارنى تەۋرەتكەنلىكلىرىمۇ بىر ھەقىقەت. ئەمما، گەپ نىيەت ۋە ئىرادىدە. پەيلاسۇپلار پەقەت يۇقۇردىكى ئادەملەرنىڭلا يىقىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، دېگەن. يىقىلىشتىن قورقمىغانلارلا يۇقۇرغا چىقىشقا غەيرەت قىلالايدۇ. تەجىربە-ساۋاقلارمۇ بەدەلسىز قولغا كەلمەيدۇ. بىر مىللەتنىڭ داھىسىمۇ تالايلىغان مەغلۇبىيەتلىرىدە، تەجىربىلىنىپ ئاندىن داھى بولالايدۇ. بۈگۈنكىدەك تىنچلىق ھەركەتلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمسىزلىكىدىن دەھشەتلىك قىسمەتلەرگە دۇچار بولىۋاتقان خەلقىمىز ھايات-ماماتلىق ئىنقىلاپقا تەلپۈنمەكتە. خەلقئارادىكى ھارامزادىلەرنىڭ نامەرتلىكلىكلىرىدىنمۇ، مۇستەقىللىق كۆرىشىمىز قۇراللىق ھەركەتلەرگە مەجبۇر بولماقتا. دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە غايىپ بولغان م.ئەزىمەت ئەپەندىنىڭ بىردىنلا قاسراق تاشلاپ ئورتىغا چىقىشى، ئەلۋەتتە زور بىر ئىنقىلاۋىي ئۆزگۈرۈشنىڭ شەپىسى بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﺳﻪﻛﺮﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ!!! ئەگەر راستلا شۇنداق بىر ئۆزگۈرۈش بولىدىغان بولسا، باشقىلارغا قارىغاندا م.ئەپەندى بۇخىل سىناقنى باشتىن كۆچۈرۈپ باقتى. مۇشۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ھىلىھەم لاياقىتى بار. ئەمدىكى مەسىلە ساداقىتىدە. ئۇ بۇ قېتىم قىلماقچى بولغان ھەركەتلىرىدە كۆپ دىققەت قىلىپ، ئىلگىركى ساۋاقلىرىنى يەكۈنلىگەن ئاساستا مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىمىزگە بىر كىشلىك ھەسسە قوشالىسا، بۈگۈنكى سىڭايان قارىغانلارنىڭ ئەتىكى قۇچاقلاشلىرىغا ئىرىشەلەيدىغانلىقى ئېنىق.

 

         ئۈنتىنسىز ئىلىپ بارغان قەلەم كۆرەشلىرى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن ئۇستاز م.ئازات ئەپەندىنىڭ ئىلگىرىكى سالاھىيىتىمۇ )ئۇنىڭ تەربىيىسىنى كۆرگەنلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىچە( تەشكىللەش قابىلىيىتىگە يارىشا يىگانە بولغانلىقتىن، ئورتا ئاسىيانى مەركەز قىلغان «ش.ت ئازاتلىق پارتىيىسى» نىڭ رەئىسى بولغان ئىكەنتۇق. گەرچە مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، شۇ دەۋىردە تەقەززا قىلغان بىر قېتىملىق قۇراللىق ئىنقىلاپنىڭ ئاۋانگارت سەپلىرىنى رەتلەپ چىقىپ، خىتايلارغا خىلى تەھدىد پەيدا قىلالىغان ئىدى. ئەمما ئاللاھ نىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلارغا شۇنداق بولسا كىرەك. پىكىر بىرلىكىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن كىلىپ چىققان پاجىئەلەر بىر ئەۋلاد ئىنقىلاپچىلىرىمىزنى خانە-ۋەيران قىلدى. بۇ يەردە م.ئەپەندىنىڭ جاۋاپكارلىق تەرەپلىرى سۈرۈشتە قىلىنشقا تىگىشلىك بولسىمۇ، قولىدىن كىلىشىچە قىلغان تىرىشچانلىقلىرى مەدھىيلەشكە ئەرزىيدۇ. توخۇنىڭ تۇخۇمى ئۇنىڭ پوقىنى ياپقاندەك، ئەپەندىمىزنىڭ ھىممىتى ۋە ئىنقىلاپتىن كىيىنكى ھاياتىدا قىلغان قەلەم كۆرەشلىرى ئۇنىڭغا يەنە پۇرسەت بىرەلەيدۇ، دەپ قارايمەن. ھەم ئۇستازىمىز م.ئەپەندىنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن تىخىمۇ كۆپ پايدىلىق ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ھەم ھۆررىيەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئىنقىلاپ باشلىسا، بار ئىمكانلىرىم بىلەن )ئەپەندىگە ئەرزىسەم( مەن ئۆز دەستەمنى ئۇنىڭغا قوش قوللاپ سۇنىمەن. شەرت شۇكى: ئاللاھ كۆرسەتكەن يول بىلەن!

 

         ئاخىرىدا قىرىنداشلارغا تەۋسىيە قىلماقچى بولغۇنۇم؛ ئىلگىرى قانداق ئىشلار يۈزبەرگەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بىز ئەمدى تالاش-تارتىشلىرىمىزنى تەرك ئىتىپ ئالدىمىزغا قارايلى..!

 

          بىز يىقىنقى يىرىم ئەسىرلىك ئىنقىلاۋىمىزدا داۋاملىق مەلۇم شەخىسلەرنى باش قىلىۋالدۇق، ئۇنىڭ تەغدىرى بىلەن باغلىنىپ قالىدىغان قىسمەتلەردە تەكرار مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلدۇق. بىزنىڭ ھەر قىتىملىق ئىنقىلاۋىمىزنى نۆلدىن باشلاشقا مەجبۇر بولىشىمىزدىكى سەۋەپمۇ ئىنقىلاپنىڭ تەغدىرىنى شەخىسنىڭ تەغدىرىگە باغلاپ قويۇشتىن باشقا ئەمەس!!! شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىم بولسىمۇ ئۆتكەنكى ساۋاقلارنى يەكۇنلەپ، شەخىسنى تىكلەشتىن، ئىنقىلاپ نەزرىيىسىنى تىكلەشكە يۈزلىنەيلى... بۇنىڭدا بېشىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغان باشسىزلىقلارنىڭ، ياكى دەرت كەلگەندە تاشلاپ قاچىدىغان، نەپ كەلگەندە سىتىۋىتىدىغانلارنىڭ تاسادىپى سۈيقەستلىك ھادىسىلىرىدىن ساقلىنالايمىز. مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش، ھەقىقى ھۆرلۈككە ئىرىشىش ئۈچۈن ھەممىمىز زىچ ئىتتىپاقلىشايلى. ھەمكارلىقىمىزنىڭ شۇئارى سەمىمىيلىك، بارابەرلىك، قېرىنداشلىق بولسۇن! ھەر بىر دەۋاگەر ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ پىكرىدە ئەگەر ھەقىقىي مەقسەت ۋەتەن-خەلق ئۇچۇن بولىدىغان بولسا، تۆر تالىشىدىغان، كىملىك گەۋدىلەندۇرىدىغان ئىشلارنى قەتئىي تەرك ئىتەيلى...!!!

 

ھۆرمەت بىلەن: ئەھمەد قەشقەرى

2009‏-يىلى 29‏-ئاۋغۇست.

 

 

 


ئەزالارنىڭ باھاسى

باھالىدى nnusratulla on 2010-08-15 23:48:20
man addı bır dıhan adamman. 
mınıngcha.yekınkı zamanda tarıhımızda ınkılapchılırımıznı m.hazrat apandıdak tashkıllashtıralıgan adam yok mınıngcha ottıra asıyada tashkıllashtırılgan ıshnı sızga ohshıgan umar ıbnı hattap mısallırını kaltırıshnı bılıdıganlar buzgan bolmısa ...mustakıl bolmısakmu jasatlırımız watan taglırıda watan saylırıda kalıtı...bakmu apsus kancha jasat barduk nalıda kaldı wa kelıwatıdu...balkım bılasız... 
hıtaydın mıllıtımıznı zımınımıznı kutuldırısh uchun harkat kılgan har bır uygur allanıng yulıdın chıkıp katmaydu.. 
burunkı kashkırıılımu bu ıshnıng maglup bulıshıga sıznıng shartıngıznı eytısh bılan sawap bolgan. 
hıtaydın kutılısh ang muyum. 
bu yol uzun ıslam dap mangsak bashka bılan tugıshı yakı dımgurat dap mangsak ıslambılan tugıshı mumkın...kalgınıı allaga tawakkul. allauzı yahshısını barsun 
zımın kangrı ınkılapchılarga shart koymay u guljıdın sız kashkadın bashlang allahu akbar... 
..... 
musulmanlarnıng ıshını buzushnıng ang yahshı charısı ıslam tunı bılan,ıslam suzı bılan hujum kılıshkan.
Your Name / Email Address

ئاخىرقى يېڭىلىنىشى ( 201027سائەت06/27/10ئىيۇن )