header image
باشبەت arrow ماقالە ئارخىپى arrow سىياسىي ئەسەرلەر arrow يەنە تەشۋىقاتنىڭ قۇدرىتى توغرىسىدا
يەنە تەشۋىقاتنىڭ قۇدرىتى توغرىسىدا PDF بېسىش E-mail
يوللىدى ئىلھام   
201015سائەت05/15/10ماي

images/stories/yol.jpgمەن تەشۋىقات ھەققىدە كۆپ توختالدىم. يەنە دەۋەرمەي دېسەم ئۆزەمنى تۇتالمىدىم. سىياسىي پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر گورۇھنىڭ تەشۋىقاتنىڭ قۇدرىتى ھەققىدىكى مۈجىمەل تونۇشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ، شۇڭا يەنە بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا، تەكرار تەكىتلەشكە مەجبۇرىيەت ھىس قىلدىم.

تەشۋىقات خاراكتېرى جەھەتتىن يېتەكلەش، كۆندۈرۈش تەشۋىقاتى؛ قايمۇقتۇرۇش تەشۋىقاتى؛ قورقۇتۇش تەشۋىقاتى؛... قاتارلىقلارغا بۆلۈنۈدۇ. مېتودى جەھەتتىن ئاشكارە تەشۋىقات (دۆلەت ئىچى ياكى سىرتىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى گېزىت ـ ژۇرنال، رادىئو ـ تېلىۋىزىيە، ئەدەبىيات ـ سەنئەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق قىلىنىدىغان تەشۋىقات)؛ يوشۇرۇن «ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ يۈگۈرتۈش» شەكلىدىكى تەشۋىقات (ئىستىخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇدۇغان ۋە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەشۋىقات) قاتارلىقلارغا بۆلۈنۈدۇ.

ھاكىمىيەتلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوللۇنۇشى مۈمكىن. تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدىكى سىياسىي كۈچلەر ئاساسلىقى يېتەكلەش، كۆندۈرۈش شەكلىدىكى تەشۋىقات بىلەن ئىش باشلىشى مۈمكىن. ھەتتا يەر ئاستى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشۋىقات ماتىرىياللىرى يوشۇرۇن تارقىتىلىدىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئاشكارە تەشۋىقات تۈرىگە مەنسۇپ بولۇدۇ. چۈنكى ئاشكارە- يوشۇرۇنلۇق كونكرېت ياكى مەۋھۇملۇق، يەنى، ۋاسىتىنىڭ كونكرېتلىقى ياكى مەۋھۇملۇق تەرىپىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئىستىخبارات تەشۋىقاتىدا ئەسلى يوشۇرۇن بولۇدىغىنى تەشۋىقاتنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. بۇ خىل تەشۋىقاتتا تەشۋىق ۋارىقى، گېزىت ژۇرنال قاتارلىق مەتبۇئات ۋاسىتىلىرى ئىشىلىتىلمەيدۇ. پەقەت سۆز-چۆچەك تارقىتىش شەكلىدىكى مەۋھۇم ۋاسىتىلەر بىلەن ئىش كۆرۈلگەچكە، ئىنسانلار تۇيماستىنلا بەلگىلەنگەن يۆنۈلۈشكە توغرۇلۇنۇدۇ.

ئىستىخباراتقا مەنسۇپ بولغان يوشۇرۇن تەشۋىقات ھەققىدە باشقا ماقالىدە توختالغان بولغاچقا، بۇ يەردە ئاشكارە تەشۋىقات ھەققىدە توختۇلۇمىز.

ئاشكارە تەشۋىقات ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن يەنە، ئۇزاق مەزگىللىك تەشۋىقات، قىسقا مۇددەتلىك (دەۋر خاراكتېرلىق) تەشۋىقاتقا بۆلۈنۈدۇ.

ئۇزۇن مۇددەتلىك تەشۋىقات —كۆپ ھاللاردا بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنى ئاستا ـ ئاستا ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈش، يەنى پۈتۈن دۆلەت پۇخرالىرى ياكى پۈتۈن مىللەت ئەزالىرىنى تامامەن ئىسلاھ قىلىپ، مەڭگۈلۈك مىللىي مەنپەئەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سۈپەتلىك يېڭى ئىنسانلاردىن قىلىپ يېتىلدۈرۈشنى ئۆزىگە غايە قىلغان تەشۋىقات بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلرى (قىزىلتاشلىق كىتاپ)دا يەر ئالغان مەزمۇنلارنى ئۆزىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. پۈتۈن مىللىي مائارىپنىڭ بىر ۋەزىپىسى مۇشۇ تەشۋىقاتنى مائارىپ تەربىيىسى ئىچىگە سىڭدۈرگەن ھالدا ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ياپونىيەنىڭ ساماۋىي پادىشاسى ئەنە شۇنداق »سۈپەتلىك پۇخرا« بارلىققا كەلتۈرۈش ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان ئىكەنمىش. ئەمما ئۇ مائارىپ سىستېمى ئارقىلىق ئاستا-ئاستا بۇ نىشانغا يېتىشتىن بەك ئىچى پۇشۇپ كەتكەن، پاتراق نەتىجە كۆۈرۈشكە ئالدىرىغانمۇ، قانداق، ئىنتايىن قاتتىق قول ۋاسىتىلارنىمۇ قوللۇنۇپ، شۇ زامان ئۈچۈن ئىنتايىن ۋەھشى ئاتالغان. كېيىنكىلەر ساپالىق بىر مىللەتنى شەكىللەندۈرۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، رەھمەتتىن ئۇنىڭغا روھىغا مىڭ تازىم قىلارمىش.

بۇ ھەقتە گىتلېر شۇنداق دېگەن: «ئورتاق بىر مىللىي تۇيغۇ ۋە مىللىي ھېسسىيات پەقەت مەكتەپلەردە مائارىپ ئارقىلىق، تەشۋىقات دولقۇنى ۋاسىتىسى بىلەن يارىتىلىشى مۈمكىن. بۇ نىشانغا ئون- يىگىرمە يىلدەك قىسقا بىر زاماندا يېتىش مۈمكىن ئەمەس. بەلكى يۈز يىللارنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك.»

ماھىر قايناق شۇنداق دەيدۇ:

«مائارىپ سىستېمى ئىنسانلارغا مەلۇم بىر خىل پىكىر قىلىش ئادىتى بېرىدۇ. دېمىسىمۇ، دەسلەپكى قەدەمدە مائارىپ سىستېمى ئىچىدە ئىنسانلارنى مۇئەييەن بىر قېلىپقا سېلىپ، ئاندىن كېيىن بۇ قېلىپ ئۈستىگە كۈندىلىك ھادسىلەرگە كۆرە بىر يۆنۈلۈش بەرمەكتۇر.»

دەۋر خاراكتېرلىق تەشۋىقات شۇ زامان، شۇ تارىخىي شارائىتتا ھاكىمىيەتكە كېرەكلىك بولغان بىر تۈرلۈك كەيپىياتنى ھازىرلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەشۋىقات بولۇپ، مەلۇم تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنى نىقاپلاش، مەلۇم يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرغان يېڭى سىياسەتكە كىشىلەرنىڭ قارشى چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن، كىشىلەرنى كۆندۈرۈش، مەۋجۇت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرىۋېتىشكە كىشىلەرنى كۈشكۈرتۈش، تەرەپتار توپلاش،... قاتارلىق مەخسەتلەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

«سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى دەۋرىدە ھېچكىم دىنىي سەۋەپلەر بىلەن سوقۇشمايتى. تەرەپلەرنى بەلگىلىگەن ئامىل ئىدىئولوگىك مەيدانى ئىدى ۋە كوممۇنىزىم بىلەن ئەركىن ئىدىيە ئارىسىدا بولىۋاتقانلىقى سۆزلىنەتتى. ئەمدى بولسا، مىڭلارچە يىل بۇرۇنقى پەرقلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلىۋاتىدۇ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ دۇنيانى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش غەرىزىدە بولۇۋاتقانلىقى سۆزلەنمەكتە....بۈگۈنكى سۈركۈلۈشلەر دىنىي ۋە ئېتنىك ئاساسلارغا كۆرە بولۇۋاتامدۇ ياكى بۇلار بىرەر چۈمپەردىمىدۇر؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا، ئەسلى سەۋەپ نېمىدۇر؟»[1] بۇ قۇرلاردىن دەۋر خاراكتېرلىق تەشۋىقاتنىڭ بىر يۈزىنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. بۇندىن باشقا، «مەتبۇئات بىر تەرەپتىن ئۆز قاراشلىرىنى يايسا، يەنە بىر تەرەپتىن قارشى پىكىرلەرنى توسۇشى كېرەك. يەنى، مەتبۇئاتنى كونترول قىلىدىغانلارنىڭ رولى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى خالىغانلىرىنى سۆزلەتمەك؛ ئىككىنچىسى، خالىمىغانلىرىنى توسماق.»[2] دېمەك، ئەڭ ئەركىن ھېساپلانغان سىياسىي تۈزۈملەردىمۇ مەتبۇئات تامامەن ئەركىن بولمايدۇ. ئەكسىچە، ھۆكۈمران گورۇھنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ئىش تۇتۇدۇ. بەزەن مۇخالىپ ئىدىيىلەردىكى يازمىلارغىمۇ ئورۇن بېرىلىشى مۈمكىن. بۇ پەقەت «رەڭ پەرقى ئارقىلىق» ئىستەلگەن رەڭنى تېخىمۇ يارقىن كۆرسەتمەك ئۈچۈن. يەنى، ئوخشاش بىر ئىدىيەنىڭ پۈتۈن مەتبۇئاتنى قاپلاپ تۇرۇشى، ئۇنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنى چۈشۈرۈدۇغان بولغاچقا، چەكلىك دائىرىدە مۇخالىپ پىكىر ئۇيۇشتۇرۇلۇدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ تىزگىندىن سىرت ئىش ئەمەس، كونتروللۇق ئاستىدىكى، پىلانلىق ئىش.

باشقا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرىمدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئىنسانلارنى تەشۋىقات ئارقىلىق تامامەن باشقا تۈرلۈك شەكىللەندۈرۈپ چىققىلى بولۇدۇ. يوۋاش بىر خەلقنى شىردەك ھۆكۈرەيدىغان جەڭگىۋار قىلغىلى، زەئىپ مىللى روھتىكى، تەسلىمچى بىر مىللەتنى قىزغىن مىللەتچىلەرگە ئايلاندۇرغىلى؛ ئىستىخىيىلىك تۇيغۇ بىلەن، دوگما شەكىلدە ئىبادەت قىلىپ يۈرگەن بىر مۇسۇلمان جامائىتىنى ئاللاھ يولىدا خوشاللىق بىلەن شېھىت بولۇشقا ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرۇدىغان ساپ ئېتىقادلىق مۆمىنلەرگە ئايلاندۇرغىلى بولۇدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىنى ئەسلەپ ئۆتۈدىغان بولساق، ناتسىستلارنىڭ گېرمانىيە خەلقىنى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن قانداق ھازىرلىغانلىقىنى، قانداق قىلىپ شۇنچىۋالا ۋەھشىيانە بىر ھەركەتنى ھەقلىق كۆرسۈتۈپ، قوبۇل قىلدۇرالىغانلىقىنى كۆرۈمىز.

گىتلېر مۇنداق دەيدۇ: « تەشۋىقاتنىڭ ۋەزىپىسى تەرەپدار توپلاشتۇر. تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسى بولسا پارتىيىگە ئەزا تىزىملاشتۇر. ئەگەر بىر ھەركەت بىر دۆلەتنى، كېيىنچە بۇ دۇنيانى ئاستىن - ئۈستۈن قىلماقچى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر دۆلەت ۋەياكى يېڭى بىر دۇنيا قۇرماقچى بولىدىغان بولسا ھەمدە ئۆزىگە بىر مىقدار تەرەپدار توپلىغان بولسا، بۇ پىرىنسىپتىن ھېچبىر ۋاقت ئايرىلماسلىقى كېرەك.»

«تەرەپدارلارنى تەشۋىقات تاپىدۇ ۋە ئۇنى ھەركەتكە جەلپ قىلىدۇ. ئەزا بولسا تەشكىلات تەرىپىدىن توپلىنىدۇ. تەرەپدار بولماق بىر ئىدىيىنى پاسسىپ شەكىلدە قوبۇل قىلماقنى شەرت قىلىدۇ. ئەزا بولماق بولسا ئىدىيىنىڭ ئاكتىپ شەكىلدە ۋەكىلى بولۇش ۋە مۇداپىئە قىلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. مەسىلەن، ئون تەرەپدار ئارىسىدىن ئىككى ئەزا چىقىشى مۈمكىن.»[3]

بىز يەنە تەشۋىقاتنىڭ قۇدرىتىنى يېقىن كەچمىشىمىزدىكى (1996 1999 – يىللار) تەشۋىقات دولقۇنىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلىشىمىز مۈمكىن. ئەسلىدە ئاڭسىز بىر تەبىقىگە مەنسۇپ بولغان دىھقاندىن كېلىپ چىققان ئۇششاق تىجارەتچىلەر بىردىنلا ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلۈشكە ھازىر روھى ھالەتكە كەلگەن ۋە يېنىدىكى پۇل - مېلىنىمۇ ئاياپ ئولتۇرمايدىغان سېخىلارغا ئايلانغان ئىدى.

بىزنىڭ ۋەتەنگە ئاۋازىمىزنى يەتكۈزۈشتىكى بىردىن بىر ۋاسىتە بولغان رادىئو ھەققىدە ئاغرىنىشلىرىمىزمۇ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلمايۋاتقانلىقتىندۇر. مەسىلەن، كېيىنكى مەزگىللەردە رادىئودا ئىشلەشكە باشلىغان شۆھرەتنىڭ تاللىغان تېمىلىرى، ئەھمىيىتى، جانلىقلىقى بىلەن دىققەت چېكىپ، رادىئودا ھەقىقەتەنمۇ زور ئىشلارنى قىلغىلى بولۇدۇغانلىقىنى، ئەمما قىلاي دېگەن نىيەتتىكىلەرنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تېخىمۇ بىلىندۈردى.

بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تەشۋىقاتنىڭ رولىنى زىيالىلار ۋە باشقا بارلىق جامائىتىمىزدىن كۆرە دىنىي ساھەمىزدىكىلەر ئوبدانراق چۈشىنىدۇ. بۇ دىنىي ئەقىدىدىن كەلگەن ئۇدۇم بولۇپ، «دائىم تەبلىغ ئاڭلاپ تۇرمىغان مۇسۇلماننىڭ ئىمانى سۇسلۇشۇپ كېتىدىغانلىقى، دىلىنىڭ قاساۋەتلىشىپ، ئۇششاق گۇناھ ئىشلارغا ئېتىۋارسىز مۇئامىلە قىلىدىغان، تەدرىجىي چوڭ گۇناھلارغىمۇ پېتىپ كېتىدىغانلىقى» تەكىتلىنىدۇ. شۇڭا، بىلگەنلەر ئارىسىدىمۇ دىنىي تەبلىغ تەكرارلىنىپ تۇرۇلۇدۇ.

دىنىي زاتلارنىڭ قارىشى ئىنتايىن توغرا. ئىنسان خۇددى تاماققا ئىھتىياجلىق بولغاندەك، ئىدىئولوگىيىگىمۇ مۇھتاج. ئۇنىڭ مەنەۋىي ئاچلىقىغا سەن ھالال بىر نەرسە تەييارلاپ بەرمىسەڭ، دۈشمەن ئۇنىڭ مەنەۋىيىتى ئۈچۈن پوق يېگۈزىدۇ.

كوممۇنىستلاردا تەشۋىقات ئاشكارە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تويۇندۇرغۇچى دەرىجىدە (ئىستىخباراتتىكى تەشۋىقات تېمىلىرىغا قاراڭ)، بىزار قىلغۇچى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغاچقا، ئۇنىڭ ئىشەندۈرۈش كۈچى ئاجىز بولسىمۇ، بىرەر ھەقىقىي خەۋەرگە، ئىدىيىگە، پىكىرگە،... ئومۇمەن مەنىۋىيەتكە كېرەكلىك ئوزۇققا تەشنا بولغان جامائەت يوشۇرۇن تارقىتىلغان ئىستىخبارات تەشۋىقاتىغا (مىش ـ مىش پاراڭلار، سۆز ـ چۆچەكلەرگە) ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ. ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلماي ئامالىمىز يوقكى، ئشەندۈرۈش كۈچى يوق دېيىلسىمۇ، كوممۇنىستلار ئۆز يالغانلىرىنى ھارماي- تالماي تەكرارلاۋەرگەچكە، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىنسانلار يەنىلا ئازدۇر ـ كۆپتۇر بىر نەرسىلەرنى يۇقتۇرىۋېلىشتىن، كوممۇنىستلار كۆزلىگەن شەكىلگە كېلىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. مانا بۇ تەشۋىقاتنىڭ ئىزچىللىقى نېمىلەرگە قادىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ھەقتە ئۆزەمنىڭ بىۋاسىتە تەسىراتىمنى دەپ ئۆتكەنلىكىم يادىمدا. شۇنداق بولسىمۇ زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن تەكرارلىشىم ئەيپكە بۇيرۇلماس. كوممۇنىستلار بىزگە ئۆزلىرىنىڭ »جەننەت« بەرپا قىلىپ بەرگەنلىكىنى، دۇنيادا ئاجايىپ خار ۋە زەبۇن خەلقلەرنىڭ بارلىقىنى توختىماستىن تەلقىن قىلىپ، دۇنيادا ئافرىقا ۋە ئامېرىكىدا ياشايدىغان نېگىرلاردىنمۇ خار ئىنسان يوق دەيدىغان تۇيغۇغا كەلتۈرۈشكەن ئىدى. مەن غەرپكە كەلگەن ۋاقتىمدا (گەرچە كوممۇنىستلارغا ئەڭ ئىشەنمەيدىغان بولۇشۇمغا قارىماي) يەنىلا ئاشۇ نېگىرلار ھەققىدىكى تونۇشتا كوممۇنىستلارنىڭ ئارزۇسىغا كۆرە ئىدىيە، تونۇش ۋە روھى ھالەت شەكىللەندۈرۈپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. تۇنجى ئۇچراتقان نېگىرنى كۈزەتتىم؛ ئۇمۇ مەندەك پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ ئۆزىنى شۇنچىلىك ئەركىن تۇتاتتىكى، ئەسلى مېنىڭ چۈشەنچەم بويىچە بولغاندا ئۇلار ھەريەردە كەمسىتىلىپ، مەسخىرە قىلىنىپ، دەككە بېرىلىپ، زېدىكەپ كەتكەچكە، ھەر يەردە، ھەر ئىشتا تارتىنىپ، پېتىنماستىن سۆز-ھەركتىدە بىچارىلىك، تۆۋەنلىك ھىس قىلىپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمايتى. ھىچ تارتىنمايتى، دادىل تەلەپلەردە بولاتتى؛ چۈنكى ئۇ بۇنچىلىك تەلەپلەرنىڭ ئەقەللىي ھەققى ئىكەنلىكىنى بىلىپ كۆنگەندەك ئىپادىدە ئىدى. دەل ئەكسىچە، مەن — كوممۇنىستلارنىڭ »جەننىتى« دە ئۆسكەن »بەختىيار« ئاشۇ مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى نېگىرنىڭ ئورنىدا ئىدىم. ھەر ئىشتىن تارتىنىپ، »دېسەم بولامدىغاندۇ، بولمامدىغاندۇ؟ قىلسام ۋارقىراپ كېتەرمۇ،بولارمۇ؟« دېگەندەك ئىككىلىنىشلەردە دولامنى قورۇپ، ھەر كىچىك ئىشتىنمۇ قورۇنۇپ تۇرغىنىم بىلىندى. مەن ئۇلار بىلەن غەرپ دۇنياسىغا كېلىشتىن بۇرۇنقى — ئافرىقا ھاياتى ھەققىدىمۇ گەپ تاتىلاپ باقتىم. بەزىلىرى ئىقتىسادىي نامراتلىق ھەققىدە داتلىسىمۇ، سىياسىي زۇلۇم، ئەركىنلىك چەكلىمىسى ھەققىدە بىرەر شىكايىتىنى ئاڭلىمىدىم. ھەتتا كۆپلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ بىزدىن ياخشىراق ئىكەنلىكى، پەقەت ئۆز ئىستەكلىرىگە باققاندا تۆۋەن دەپ قاراپ رازى ئەمەسلىكىنى بىلدىم. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا كەمسىتىلىپ كەتكىنىمۇ، ئەڭ كەمسىتىلگەن چاغدىمۇ بىزدىن تۈزۈكرەك كۈن كۆرگەنلىكىمۇ مەلۇم بولدى. ئۇلار ھەتتا غەرپتە »نېگىر« دەپ ئاتالمايدىكەن، چۈنكى بۇ كەمسىتىش مەنىسىدىكى سۆز بولغاچقا، بۇنداق ئاتاش چەكلەنگەن ئىكەن. پەقەت كوممۇنىست تۈزۈملەردىن كەلگەنلەرنىڭ تىلىدىلا »نېگىر« ئاتالغۇسى ساقلىنىپ قالغان. مانا بۇ پاكىتلار تەشۋىقاتنىڭ ئىنسان روھىيىتىگە قانداق سىڭىپ كېتىدىغانلىقىنى تولۇق كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.

كوممۇنىستلار يېقىندا يولغا قويماقچى بولغان سىياسىتى ھەققىدىمۇ يوشۇرۇن خەۋەر تارقىتىپ، «بىسىنى سىناپ بېقىش»، يوشۇرۇن كۆندۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

غەرپتە تويۇندۇرغۇچى تەشۋىقات بىلەن كىشىلەر بىزار قىلىنمايدۇ. پەقەت ئاشكارە ۋاسىتىلار ئىچىدە يۆنلەندۈرۈش مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىختىيارسىز يوسۇندا ئىدىيىۋىي بىرلىككە كەلتۈرىلىدۇ. مەسىلەن: ئىككى مىليون ئايالنىڭ تۇل قالغانلىقى، ئۈچ مىليون بالىنىڭ يىتىم قالغانلىقى ھىچ تىلغا ئېلىنماستىن، ئامېرىكىلىق بىر ئەسكەرنىڭ ئىراقتىكى تېرورىست كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئائىلىسىنىڭ ئېچىنىشلىق كۆز ياشلىرى ۋە مەملىكەتكە ماتەم كەيپىياتى ئىچىدە ئېلىپ كېلىنگەن جەسەتنى ئاخىرەتكە ئۇزۇتۇپ مېڭىشلار ئادەتتىكىچە خەۋەر قىلىنغاندەك قىلسىمۇ، بۇنداق داۋاملىشىش ئاجايىپ قورقۇنۇچلۇق ئۈنۈم يارىتىدىغانلىقى مۇقەررەر. بۇ خىل ئادەتلىنىش نەتىجىسىدە مەكتەپلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ ئونلارچە ئوقۇغۇچىنى ئېتىۋەتكەن غەرپلىك تېرورىستلار «قوراللىق كىشىلەر» دېگەن ئىسىمدا خەۋەر قىلىنىدىغان (مۇسۇلمان بولمىغاچقا)، نورمال بىر جىدەلگە ئارىلىشىپ قالغان بىرى مۇسۇلمان بولسا «تېرورىست» دەپ ئاتىلىپ خەۋەر قىلىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، توپلۇمغا مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىن بىر تېنچلىقنى بۇزغۇچى خەتەرلىك دۈشمەن ئىكەنلىكى ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلۈدۇ.

تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدىن تاجاۋۇزچىلار تېنچلىق قوغدىغۇچى، ئازاد قىلغۇچى، ھۆرلۈك ئەكەلگۈچى دەپ تونۇتۇلسا، ئۆز ۋەتىنىدە تاجاۋۇزغا قارشى تۇرغۇچىلار تېرورچى، بۆلگۈنچى، تېچلىققا خەۋپ تۇغدۇرچى،... دەپ تونۇتۇلۇدۇ.

سىياسىنىڭ ئوبېكتى ئاممە، قورالى ئاممە؛ مەخسىدى  ئاممە. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تەشۋىقات ئارقىلىق ئاممە كولدۇرلۇتۇلۇدۇ؛ تەشۋىقات ئارقىلىق ئاممە يېتەكلىنىدۇ؛ تەشۋىقات ئارقىلىق ئاممە تەربىيىلىنىدۇ؛ تەشۋىقات ئارقىلىق ئاممە ھەركەتكە كەلتۈرىلىدۇ، قوزغۇتۇلۇدۇ. ئاممىنىڭ پىكرىنى ئۇتۇش، ئاممىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش ھەرقانداق سىياسىي ھەركەتنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى بولۇش بىلەنلا قالماي، سىياسىي مەخسەتنىڭ ئىشقا ئېشىش ئاشماسلىقىدىمۇ بەلگىلىگۈچى ئامىلدۇر. سىياسىي مەخسەتلەر ھەرقاچان بىرەر دەبدەبىلىك شۇئار ئارقىلىق يا يوشۇرۇلۇدۇ؛ يا پەدازلىنىدۇ؛ يا بۇرمىلاپ كۆرسۈتۈلۈدۇ: ياپونلار تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىنى «شەرقىي ئاسىيانى ئورتاق گۈللەندۈرۈش»؛ خىتايلار ۋەتىنىمىزگە سىڭىپ كىرىشنى «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش»، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق تاجاۋۇزىنى «ئاممىۋىي قەتلىئام قوراللىرىنى ۋە تېرورنى چەكلەش» شۇئارى بىلەن پەردىلىدى.

كوممۇنىستلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت قارا نىيىتىنى يوقسۇللارنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزىۋېلىش، زالىملاردىن ئازاد قىلىش دەپ پەدەزلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئالدىدى ۋە مەخسىدى يولىدا پايدىلاندى. يۈزلەرچە، مىڭلارچە قېتىم ئالدانغانلىق تەجرىبىسى بولۇشىغا قارىماي، ئىزچىل داۋام قىلغان تەشۋىقاتنىڭ رولى تۈپەيلى، يەنە داۋاملىق ئالدىنىپ كەلمەكتە.

بۇنداق ئەمەلىي پاكىتلارنى ھەركۈن ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرساقمۇ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقاندەك كۆرۈنگەن لېدىر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خەلقنى ئويغۇتۇش، سەپەرۋەر قىلىش، يېتەكلەش جەھەتتە نېمىلەر قىلغانلىقىنى ئويلاپ كۆرمەيلا، «ھىچنېمە كۆرمىگەن سەھرالىق»تەك، بىرەر يىغىن، قۇرۇلتاي ئېچىشلار، بىرەر باشقا تەشكىلات بىلەن ياكى بىرەر مىنىستېر بىلەن كۆرۈرشۈشلەرنى قالتىس ئىش بىلىۋاتىمىز. سالماق بىلەن ئويلاپ كۆرۈلسە ۋە بۇ كۆرۈشۈشلەردىن بىزنىڭ خەلقىمىزگە نېمە پايدا؟ كۆرىشىمىزگە نېمە پايدا؟ مىللىي ئىستىقبال ئۈچۈن نېمە پايدىسى؟ دەپ سورالسا مەسىلىنىڭ ماھىيىتى ئېچىلىدۇ.

شۇنى قايتا -قايتا دەۋاتىمەنكى، بۇ كۆرەش ھەرقانچە ئابدال بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ خەلقى بىلەن بولۇدۇ؛ چەتئەللىك جاناپلار بىز ئۈچۈن قۇربان بېرىپ ساراڭ ئەمەس. ئۇنداقكەن ئۆز خەلقىمىزگە قارىتىلىدىغان تەشۋىقاتنى تەربىيىلەش، يېتەكلەشنى مەخسەت قىلغان تەشۋىقاتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسىياتى، مىللەتچىلىك تۇيغۇسى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بولغان نەپرەت ئويغۇتۇش ۋە بۇ تۇيغۇلارنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشنى ئەڭ موھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتمىسا، خەلق تاشلىۋېتىلسە، خەلق تەرىپىدىن لېدىرمۇ تاشلىۋېتلىدۇ. خەلق تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن لېدىر ئۆزى يالغۇز ۋەتەننى ئازاد قىلامدۇ؟

ئەگەر بىزنىڭ ئازاتلىقىمىز بەزىلىرىمىزنىڭ دەۋاتقىنىدەك خەلقارانىڭ بېسىمى، توغرىسى غەرپ دېموكراتىيىسىنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا مەيدانغا كېلىدۇ دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئىشنىڭ تەرتىپى شۇ يوسۇندا بولۇشى مۈمكىن: ب م ت ياكى غەرپ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىر گورۇپپا تەشكىللەپ شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىشى مۈمكىن. ھىچقانداق بىر تەرەپنىڭ بېسىمى بولمىغان ئەركىن بىر راي سىناش ئارقىلىق، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئېنىقلىنىپ، ئاندىن نېمە قىلىش بېكىتىلىدۇ، دېيىلىشى مۈمكىن.

چۈنكى بۇلارنىمۇ ھىساپقا ئالغان خىتايلارنىڭ ئاللىقاچاندىن بېرى بۇنىڭغىمۇ تەييارلىقى بولماي قالمايدۇ. شۇڭا ئۇ دايىم دەپ كېلىۋاتقىنىدەك، »بۇلارنىڭ ھەممىسى تاشقىي قۇتراتقۇلۇقتىن مەنبەلەنگەن، خەلقنىڭ ئارزۇسى جوڭخۇا چوڭ ئائىلىسى ئىچىدە بولۇش‹« دېگەن سەپسەتىسىدە چىڭ تۇرۇشى تەبىئىي. ئۇ ھالدا »ھەقىقەتەن خەلق سەندىن ئايرىلماسلىقنى تاللايدىغان بولسا، كۆرۈپ باقايلى« دېيىلشى نورمال. ئۇ ھالدا ھەركۈن ئىدىئولوگىيىلىك ئۆزگەرتىشكە ئۇچراۋاتقان، ھەركۈن پىسخىك تەرەپتىن بۇزۇلۇۋاتقان، ھەركۈن مىللىي روھى نابۇت بولۇۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ئاڭسىزلاشتۇرۇلغان زور كۆپچۈلۈك ئاھالىسى نېمىنى تاللار؟ چوقۇمكى بۇ راي سىناشنىڭ نەتىجىسى بىزنىڭ ئارزۇ قىلغىنىمىزدەك چىقمايدۇ.

چۈنكى، بىر تەرەپ خەلققە ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتقان ئىدىئولوگىيە ھۇجۇمى قىلىپ، خەلقنى زەھەرلەشتىن، مىللىي روھىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشتىن بىر مىنۇتمۇ توختىمايۋاتسا، يەنە بىر تەرەپ، خەلقنىڭ مىللىي روھىنى ئويغۇتۇش، مۇستەقىللىق ئىدىيىسى يېتىلدۈرۈش خۇسۇسىدا ھىچقانداق ئەمەلىي قەدەم ئالمايۋاتسا، شۇنداق نەتىجە يۈز بەرمەي، يەنە قانداق بولماقچىدى؟ مانا شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يەنىلا تەشۋىقات (ئۆز خەلقىمىزگە قارىتىلىدىغان تەشۋىقات — ئىدىئولوگىيە قۇرۇلۇشى)  بىرىنچى ئورۇندىكى خىزمەت بولۇشى زۆرۈر! خەلق ئاڭلىق شەكىلدە ئەمەس، ئاڭسىزلىقىدىمۇ (يوشۇرۇن ئېڭىدىمۇ) ئازاتلىقنى ئىستەيدىغان، ئىنتىلىدىغان ئىدىيىۋىي سەپەرۋەرلىك ھالىتىدە بولۇشى كېرەك.

«تەشۋىقات بىر دۆلەتنىڭ جىمى يېرىنى بىر پىكىر بىلەن تولدۇرغان بولسا، تەشكىلات بىر ئۇچۇم ئادەم بىلەن بارلىق ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئېلىشى مۈمكىن.»[4] بۇ دېگەنلىك، تەشۋىقات ئارقىلىق ئومۇمىي بىر مەنەۋىي ئاتموسفىرا يارىتىلغان ئەھۋال ئاستىدا، بىر تەشكىلات ئازراق ئادىمى بىلەنمۇ غەلىبىلىك ھەركەت ئېلىپ بارالايدۇ دېگەنلىكتۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا خىتاينىڭ يېڭىلىشتۇرغۇچى تەشۋىقاتى قارشىسىدا خەلقنى ئويغۇتۇش، چۆچۈتۈش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە توغرىغا يېتەكلەش تەشۋىقاتى بولمايدىكەن، خىتايلارنىڭ تەدرىجىي مىللىي كىملىكىمىزنى بۇزۇش، ئۇنتۇلدۇرۇش، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يوق قىلىش قارا نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى قولاي بولۇدۇ. قارشى تەشۋىقاتىمىز كۆلەم، ئومۇملىشىش، ئوبېكتقا يېتىپ بېرىش جەھەتلەردە خىتاي تەشۋىقاتى ئالدىدا ناھايىتى زەئىپ ئورۇندا بولۇدۇ دېيىلسىمۇ، يەنىلا خەلقنىڭ يوقالماسلىق يولىدىكى تىرەجىشىنىڭ ئۇزاقراق سوزۇلۇشىدا ئوزۇقلۇق ياكى ئېنىرگىيە بولۇپ رول ئوينىيالايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتاي شەرت-شارائىتى تولۇق ھالدا كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ئېلىپ بارالايدىغان بولسىمۇ، خەلقنىڭ قەلب مايىللىقى ھامان بىز تەرەپتە بولۇدۇغان بولغاچقا، بىزنىڭ تەشۋىقاتىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى مانا بۇ مايىللىق تولدۇرۇدۇغان بولغاچقا، بىز يەنىلا ئۇتۇشۇمىزدىن ئۈمىتۋار بولساق بولۇدۇ.

سىستېمىلىق، ئېنىق مەخسەتلەرگە كۆرە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەشۋىقات، چەتئەللەردە، ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە، شۇ دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىغا سىڭىشىپ يوقۇلۇپ كېتىش؛ ياخشى كۈنگە ئېرىشكەندە (ياڭاق چاققاندا) پادا باققان چاغدىكى دوست (ۋەتەن مىللەت)نى ئۇنۇتۇشتەك، ئاسىي قىلمىشتىن توسۇشى مۈمكىن. بۇنداق بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتى، مىللىي كىملىك تەشۋىقاتى، سىياسىي غايە تەشۋىقاتى بولمىسا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاينىپ، كۈنسېرى ئۆزلىرىنى «شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئالاقىسىز» ھىس قىلىش خاھىشى ئېغىرلىشىپ بارىدۇ. بۇ ھالدا ھەتتا لېدىرلار كۈتكەن «ئىئانە توپلاش»مۇ سۇسلۇشۇپ، بارا- بارا ئون تىيىن پۇل تېپىشمۇ يوققا چىقىدۇ. (چۈنكى بەزى لېدىرلەر: «سىلەر پۇل بەرسەڭلارلا بولدى، ئىشنى مەن قىلىمەن» دەيمىش. بۇ دېگەنلىك، سىلەر پۇلنىلا بېرىپ، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولىۋەرسەڭلارمۇ بولۇدۇ، ۋەتەننى ئازاد قىلىدىغان ئىشنى ئۆزەملا كۆپكە ۋاكالىتەن پۈتتۈرىۋېتىمەن، دېگەنلىك بولۇپ، بۇ پوزىتسىيەدىن ۋەتەن داۋاسىدەك بۇنداق بىر چوڭ ئىش ئۈچۈن ئومۇمىيخەلقنى سەپەرۋەر قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەن ياكى بۇنى چۈشەنگۈچىلىكى يوق ئىكەنلىكى كۆرۈلۈدۇ.)

ئەمما، «دۇنيانى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىدىغان قۇۋۋەتتىكى ھەرقانداق ھەركەتتە تەشۋىقات ئالدى بىلەن بۇ ھەركەتنىڭ ئىدىيىسىنى يېيىشى كېرەك.»[5]

ئەگەر تەشۋىقاتنىڭ رولى، تېخىمۇ موھىمى زۆرۈرىيىتى تونۇپ يېتىلسە چەتئەللەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەشۋىقات تىپىغا كىرىدىغان، مائارىپ ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرۈلىدىغان تەشۋىقات لايىھىسى (دەرسلىك پروگرامى) تۈزۈپ چىقىلىش بىلەن بىرگە، چوڭلار ئۈچۈن ھەرقاچان ئىزچىللىقىنى يوقاتمايدىغان، ئەڭ ئاز مەزمۇن تۈرىدە، ئەڭ كۆپ خىل شەكىلدە تەكرارلىنىدىغان يەنە بىر خىل لايىھە بولۇشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك، دۈشمەن ئۇقۇمى جەھەتتە، دۈشمەننىڭ كۆپخىل ۋە مۇرەككەپلىكى ئەمەس، ئاددىيلاشتۇرۇلغان ۋە بىرگە قىسقارتىلغان دۈشمەن ئۇقۇمى — بىرلا دۈشمەن ئۇقۇمى بولۇشى كېرەك؛ سىياسىي غايە جەھەتتىمۇ، قىسقارتىلغان، ئاددىيلاشتۇرۇلغان، بىرلا غايە ئۇقۇمى سۆزلىنىشى كېرەك.

«تەشۋىقات غايەت چەكلىك تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ۋە بۇنى دائىم تەكرارلىنىشى كېرەك. دۇنيانىڭ باشقا مەسىلىلىرىدە بولغىنىدەك، بۇنىڭدىمۇ تەۋرەنمەس ئىزچىللىق مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئەڭ موھىم شەرتىدۇر.»

بۇ ھەقتە گىتلېر يەنە شۇنداق دېگەن: »تامامەن خىلمۇ - خىل دۈشمەنلەرنىڭ بىرلا سىنىپقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك چۈشەندۈرۈش ئۇلۇغ لىدېرلارغا خاس تالانتتۇر. ئەكسىچە دۈشمەنلەرنىڭ كۆپ خىللىقى توغرىسىدىكى چۈشەنچە ئاجىز ۋە ئىككىلىنىش ئىلكىدىكى خىياللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۆرەش نىشانىغا قارىتا شۈبھە تۇغدۇرۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.« [6]

بۇ نۇقتا شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈركى، دۈشمەننىڭ كۆپ خىللىقى ھەققىدىكى خاپىلىقلارنى بىز ھاياتىمىزدا كۆپ تارتتۇق. ئالدىمىزدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئىبارەت بىرلا دۈشمەن بار، بىر خىللا دۈشمەن بار! بۇ قاراش ئۈزۈلكېسىل ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئۆزىمىز تەۋە بولغان كۆز قاراش، جامائەت، دىنىي ياكى ئىجتىمائىي توپلارنىڭ غايىسىنى مېنىڭسىگەن ھالدا ئۇلار سىڭدۈرگەن »دۈشمەن« قارىشىنى سىياسىي غايىمىزگە قوشۇۋالساق، ئەڭ بۈيۈك سىياسىي غايىمىز يولىدىكى »دۈشمەن« قارىشىمىز مۇرەككەپلىشىپ كېتىپ، يەنە خاتالىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ. خىتايدىن باشقا دۈشمىنىمىز يوق! باشقىلارنىڭ ھەرقاندىقى ئىتتىپاقلىشىشقا بولۇدۇغان كۈچلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگىنى ياخشى.

 



           [1] ماھىر قايناق: «ئىستراتېگىيىلىك ئانالىزلەر» تۈركچە نەشرى، ئا.

             [2]ماھىر قايناق: «دۇنيانى كىملەر باشقۇرۇدۇ؟»

        [3] ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم» (تۈركچە نەشرى)

       [4] ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم» (تۈركچە نەشرى)

        [5]  ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم» (تۈركچە نەشرى)،—ئا.

        [6] ئادولف گىتلېر: «كۆرەشلىرىم» (تۈركچە نەشرى)،—ئا.


ئەزالارنىڭ باھاسى
Your Name / Email Address

ئاخىرقى يېڭىلىنىشى ( 201016سائەت05/16/10ماي )