سىناق سوئاللىرى

نەزەرىيە دېگەن نېمە؟

بۈگۈن دۇنيادا بولۇۋاتقان ھادىسىلەردىن خالىغان بىرىگە ئائىت بىر تەخمىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەخمىنىڭىزنى ھەرخىل ئۇسۇللاردا سوراقلاپ، ئاخىرقى ھۆكمىڭىزنى بېكىتىپ چىقىڭ.

سۈرىيەدىكى سۈركۈلشلەر ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىڭ. رېئالىست دۇنيا قاراش بويىچە، لىبرال قاراش بويىچە ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىچىلىق بويىچە، ئاندىن قاراشلىرىڭىزنى خۇلاسىلەڭ.

خەلقارا مۇناسىۋەت ۋە دۇنيا سىياسىتى ھەققىدە چۈشۈنۈش ۋە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىكى تۆرت تۈرلۈك دۇنيا قاراشنى قىسقىچە شەرھىلەڭ، شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ قايسى خىل قاراشقا مايىل ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ بېقىڭ.

نورماتىزمنى شەرھىيلەڭ. شۇنداقلا نورماتزمنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادا رولى، كەلگۈسىدىكى رولى ھەققىدە ئويلىغانلىرىڭىزنى دەپ بېقىڭ.

https://www.untr.org/siyaset_sehnisi_3-san_2-bolum/

 رادىئو سۆھبىتىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا ئېلىپ بېرىلغان تەھلىللەرنىڭ ئەمەلىيەت تەرىپىدىن بولغان توغرا خاتالىقى قانداق بولۇپتۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ سىز بۇ  مىسالدىكى ئېكىسلەرنى ۋە ئارا ئۆزگۈرۈش ئاي لارنى ساناپ چىقىڭ.

خەلقارا مۇناسىۋەتنىڭ تۈپ نېگىزى نېمىدۇر؟ ئۇرۇش ياكى ئۇرۇشۇپ قالماسلىق (تېنچلىق)مۇ؟ ياكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقمۇ؟ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ مەخسىدى تەڭ بەھرىمەن بولۇشمۇ ياكى ئاز بېرىپ، كۆپ ئېلىۋېلىشقا تىرىشىشمۇ؟

ھەمما دۆلەتتە ئارمىيە بار، ھەمما دۆلەت دۆلەت مۇداپىئەسى دەپ باش قاتۇرۇدۇ؛ پۇل چىقىم قىلىدۇ؛ كىمدىن ئەنسىرەيدۇ؟ھەممىسى ئەنسىرەۋاتقان ئورتاق بىر دۈشمەن بارمۇ؟ ياكى بىر-بىرىدىن ئەنسىرەمدۇ؟ «سەنمۇ، مەنمۇ ئەنسىرەشمەيلى، ھەربىي چىقىملارنى خەلقنىڭ پاراۋانلىقىغا ئىشلىتەيلى» دېيىشسە بولمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ؟

 

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

Comments powered by CComment