ئابدۇراھمان كاشغەرى

ۋەتەننى سۆيۈش ئىنساننىڭ خاراكتېرى بولۇپ، ئىنساننىڭ ۋەتىنى بىلەن ئالاقىسى ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ۋەتەن ئىنساننىڭ بۆشۈكى، پائالىيەت سەھنىسى ۋە مەنىۋى راھەت مەركىزىدۇر. ئىنسان باشقا يۇرتلاردا ھەر قانچە راھەت ياشىسىمۇ، قەلبى ۋە ئەقلىدە ئانا ۋەتىنىنى ئەسلەپ ياشايدۇ.

ۋەتەن ئىنسانغا ئەركىنلىك، ئادالەت، ئامانلىق، ئىجادىيەت روھى ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش ئاتا قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ۋەتەن سۆيگۈسى ئىنساندىكى تەبئىي خاراكتېردۇر، ياشاش زۆرۈرىيىتىدۇر ۋە دىنى مەجبۇرىيەتتۇر.

ئىسلام دىنى ۋەتەن سۆيگۈسىنى قەدىرلەيدۇ، ۋەتەننىڭ ھۆرمىتىنى تەكىتلەيدۇ، ۋەتەننى قوغداشقا چاقىرىدۇ ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئەقىدىگە باغلايدۇ. ئىسلام ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئەقىدىگە باغلىغانلىقى ئۈچۈن تارىخ بويى ۋەتەنلىرىنى قوغداپ كەلگەنلەر ياخشى مۇسۇلمانلاردۇر. چۈنكى ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر يۇرتى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا جىھات قىلىشنى شۇ يۇرتتىكى بارلىق ئەر-ئايالغا پەرز ئەينى قىلىپ بەلگىلىگەن.

قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ «ۋەتەن» ئاتالغۇسىنى «دىيار»دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى ھەققىدە توغرا تەڭپۇڭ ئۆلچەم قويۇپ بەرگەن.

 

 

 

ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئالاقىدار دەلىل-پاكىتلار

 

قۇرئان كەرىمدىن دەلىل:

1.ئىنساننىڭ يۇرتىنى ياخشى كۆرۈشى ئىنساندىكى تەبىئي خاراكتېردۇر. ئىنساننىڭ يۇرتىدىن مەھرۇم بولۇشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى ئەڭ بۈيۈك مۇسىبەتتۇر.

قۇرئان يۇرتتىن چىقىرىلىش ياكى ۋەتەنسىزلىكنى ئۆلۈم بىلەن تەڭ ئورۇندا قويغان، ئىنساننىڭ يۇرتتىن چىقىرىلىشى جاننىڭ بەدەندىن چىقىپ كەتكىنىگە ئوخشاش: «ئەگەر بىز ئۇلارغا:«ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار»دەپ ئەمر قىلغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى»(نىسا سۈرىسى،66-ئايەت)

بۇ ئايەت ئىنساننىڭ ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسى بىلەن ھاياتىنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

2.قۇرئان كەرىم: «ئاللاھ سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا چېقىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن قوغلاپ چىقارمىغان كاپىرلارغا ئادىل ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلساڭلار چەكلىمەيدۇ» (مۇمتەھىنە سۈرىسى، 8-ئايەت) دەيدۇ. بۇ ئايەت دىننى سۆيۈش بىلەن ۋەتەن سۆيگۈسىنى تەڭ ئورۇندا بايان قىلغان. ئايەتنىڭ بۇ ئىككى ئىشنى بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلغىنى ھەر بىرسىنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسۈتىدۇ.

3.مۇسۇلمانلارنىڭ جەڭ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى زالىم كاپىرلارنىڭ ئۇلارنى بوزەك قىلىپ يۇرتىدىن چىقىرىۋېتىش ئىدى. قۇرئان كەرىم بۇ جەڭنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسۈتۈشكە) رۇخسەت قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر. (ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر -بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسچىتلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر» (ھەج سۈرىسى، 39-40-ئايەتلەر). 

مانا بۇ ئايەت ۋەتەننىڭ ھۆرمىتى بارلىقىنى بايان قىلماقتا. ۋەتەندىن پۇقرالىرىنى چىقىرىۋېتىش ياكى خورلاش دېگەندەك تاجاۋۇزچىلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا چاقىرماقتا.

4.قۇرئان كەرىم ۋەتەن مەسىلىسىدە كىم بىلەن دوستلىشىش ۋە ياخشىلىق قىلىشقا بولۇدىغانلىقى، كىم بىلەن دوستلۇشۇشقا بولمايدىغانلىق ئۆلچىمىنى بېكىتىپ بەردى. ۋەتەنگە تاجاۋۇزچىلىق قىلغان ياكى ۋەتەندىن مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى چىقىرىۋەتكەنلەر بىلەن دوستلۇشۇش ياكى ياردەملىشىشنىڭ قەتئىي چەكلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى: «ئى مۆمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھغا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى. ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھات قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (ئۇ چاغدا مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» (مۇمتەھىنە سۈرىسى، 1-ئايەت).

دېمەك، ۋەتەن سۆيگۈسى ئىنساننىڭ تەبىئي خاراكتېرى، ئاللاھ ۋەتەنلەرنى ياشاش ئۈچۈن زۆرۈر نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلىپ بېكىتكەن. ئەركىنلىكنى تەمسىل قىلىدىغان ۋەتەن بولغاندا ئىبادەت ۋە تەقۋالىقنى جايىدا قىلغىلى بولىدۇ.

  1. قۇرئان كەرىم ۋەتىنى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ياكى ۋەتىنىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ياكى خورلانغان ئىنسانلارنىڭ جەڭ قىلىشى تەبىئي ھەققىدۇر دەپ مۇقەررەرلەشتۈرىدۇ: «ساڭا مۇسا (ۋاپاتى)دىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر جامائەتنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە: «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، (ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەرگە قارشى) ئاللاھنىڭ يولىدا جىھات قىلايلى» دېيىشتى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھات پەرز قىلىنسا جىھات قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھات قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھات پەرز قىلىنغان چاغدا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر» (بەقەر سۈرىسى، 246-ئايەت).

زالىملارغا قارشى تۇرۇشتا، دىنى توسالغۇغا دۈچ كېلىۋاتقان، ئەقلى بۇلغىنىۋاتقان، ئابرويى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، مال-مۈلكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان ۋە تۈرلۈك خورلۇققا ئۇچراۋاتقان ھالەتتىنمۇ باشقا يەنە قانداق سەۋەب لازىم؟ ۋەتەنسىز بولۇش ياكى ئۆز ۋەتىنىدە خورلۇنۇشقا مەجبۇر بولۇشتىن ئېغىر مۇسىبەت بارمۇ؟...

 

ھەدىس شەرىپتىن دەلىل:

  1. رەسۇلۇللاھ ئۆزىنى يۇرتى ۋە ۋەتىنىدىن چىقىرىۋەتكەنلەرگە بەد دۇئا قىلغان، مانا بۇ باشقىلاردىن سىرت پەيغەمبەرلەرنىڭ قەلبىدىمۇ ۋەتەننىڭ قەدىر-قىممىتىنى كۆرسۈتىدۇ. ھەزرىتى ئائىشەنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ! شەيبە، ئۇتبە ۋە ئۇمەييەگە لەنەت قىلغىن، ئۇلار بىزنى ئۆز زېمىنىمىزدىن چىقىرىۋەتتى» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).
  2. رەسۇلۇللاھ زېمىنى ۋە ۋەتىنىدىن چىقىرىلىشىدىن ئەنسىرىگەن. ۋەرەقە ئىبنى نەۋفەل: مىللىتىڭ سېنى يۇرتۇڭدىن چىقىرىۋەتكەندە كاشكى ھايات بولغان بولسامچۇ! دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلار مېنى ۋەتىنىمىدىن چىقىرىۋىتەرمۇ؟» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى). بۇ ھەدىسمۇ ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ۋە ۋەتەندىن ئايرىلىشنىڭ ئادەم كۆڭلىگە نەقەدەر ئېغىر كېلىدىغانلىقىغا دەلىل.
  3. ئابدۇللاھ بىنى ئەدى رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلۇغى ئۈستىدە تۇرۇپ: «ئاللاھقا قەسەمكى ئى مەككە! سەن ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى زېمىنى ۋە ئەڭ سۆيۈملۈكى ئىدىڭ. ئەگەر بۇلار مېنى يۇرتۇمدىن چىقىرىۋەتمىگەن بولسا، چىقىپ كەتمەيتتىم» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن (تىرمىزى ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).
  4. رەسۇلۇللاھ ۋەتىنىدىن ئايرىلغان مۇساپىرلارغا ئىچ ئاغرىتاتتى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىدىن ئىبارەت تەبىئىي خاراكتېرىنى ۋە زۆرۈرىيەتلىرىنى قەدىرلەيدىغان ئىدى. مالىك بىن ھارىس رىۋايەت قىلىنىشچە ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ۋە 20 ئەتراپىدا ياش يىگىت رەسۇلۇللاھدىن ئىسلام دىنىنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن مەدىنە شەھىرىگە كېلىپ 20 كۈندەك تۇرۇپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھ  بىزنىڭ ئائىلىمىزنى سېغىنغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ: «ئائىلە-جەمەتىڭلارغا قايتىپ ئۇلارغا ئىسلام دىنى ئۆگىتىڭلار» دېگەن(تىرمىزى رىۋايىتى). رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە يات يۇرتتىن كېلىپ بىلىم-مەرىپەت تەھسىل قىلىۋاتقان ياش ساھابىلەرنىڭ يۇرت ۋە ۋەتەن سېغىنىشلىرىنى قەدىرلىگەن.

  1. رەسۇلۇللاھ تەبۇك جېڭىدىن قايتىپ كېلىۋىتىپ، مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا: «بۇ ھەقىقەتەن ياخشى شەھەرھە!، بۇ ئۇھۇد تېغى بىزنى ياخشى كۆرۈدۇ، بىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمىز»دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى). ۋەتەن، ۋەتەننىڭ تاغلىرى، دەريالىرى، دەرەخلىرى، مېۋىلىرى ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ياخشى كۆرۈش ئىنساندىكى تەبىئىي خاراكتېر.
  2. رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ!بىزگە مەككە يۇرتىمىزنى سۆيۈملۈك قىلغاندەك، مەدىنە شەھىرىمىزنى سۆيۈملۈك قىلىپ بەرگىن» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى). ۋەتەننى سۆيۈش ۋە سېغىنىش خاراكتېرىدە ئەقلى ساغلام ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق.
  3. شەرىئەت زىناغا ئوخشاش چوڭ جىنايەت ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئەدەپلەش يۈزىسىدىن ۋەتەندىن بىر يىل سۈرگۈن قىلىش جازاسىنى بەلگىلىگەن. مانا بۇمۇ ۋەتەننىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. ۋەتەندىن سۈرگۈن بولۇش مەنىۋى ئازابتۇر، چۈنكى ۋەتەندىن ئايرىلىش ئادەمنىڭ ھىممىتى ۋە بەدىنىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 

ئىسلام ئۈممىتى دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە

 

ئىسلام ئۈممىتى: ئاللاھنىڭ بىرلىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرلىكى ۋە ئىسلامنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كەلگەن خەلقئارالىق بىر دىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمانلار بىرلىكىدۇر.

ئىسلام ئۈممىتى: ئىسلام ئەقىدىسىگە ئىشىنىدىغان، ئىسلام ئەھكاملىرىنى تەتبىقلايدىغان ۋە ئىسلام دەۋىتىنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزىدىغان ئۈممەتتۇر.

ئىسلام ئۈممىتى بىر گەۋدە، بىر بەدەن ۋە بىر روھتۇر. ئىسلام دىنى ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ كىملىكىدۇر. ئۇلار بىر بەدەن سۈپتىدە ئىسلام ئەتراپىغا توپلانغانلاردۇر.

قۇرئاننىڭ تونۇشتۇرۇشى بويىچە توغرا ئىشلاردا ئوتتۇراھال يول تۇتقان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدىغان ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈممەتكە تەۋەدۇر. ئىسلام تارىخىدا دۆلەتتىن ئىلگىرى ئۈممەت شەكىللەنگەن، دۆلەت ئۈممەتنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.

ئىسلام چۈشەنچىسىدە ئىسلام دىيارلىرى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يۇرتىدۇر، مۇسۇلمان ئىسلام دىيارلىرىدا يۇرت ۋە ۋەتەن بىرلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. مۇسۇلماننىڭ بۈيۈك ئۈممەت (بىرلىك)كە قارىتا ساداقىتى ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر. ئوسمانلىلار خەلىپىلىكى يىقىلغانغا قەدەر بۇ ئۇقۇم شۇنداق داۋاملىشىپ كەلگەن، ئىسلام زېمىنىنىڭ ھۆرمىتى قەيەردە بولسا ھىمايە قىلىنغان ۋە ياردەم قىلىنغان.

ئىسلام ئەھكاملىرى تەتبىقلانغان، شەرىئەتنىڭ پرىنسىپلىرى ئىجرا قىلىنغان ۋە ئەزان ئوقۇلغان زېمىننىڭ ھەممىسى مۇسۇلماننىڭ ۋەتىنىدۇر. بۇ ۋەتەن مۇسۇلمان تۇغۇلغان زېمىنىغا ئوخشاش قوغدىلىدۇ ۋە مۇداپىئە قىلىنىدۇ.

ئىمان قېرىنداشلىقى ۋە ئىسلام ئەقىدىسى بىرلەشتۈرۈلگەن مۇسۇلمانلار ئىسلام ئۈممىتى ياكى مۇسۇلمان مىللەتلەر دەپ ئاتىلىدۇ: «مۆمىنلەر ئۆز-ئارا قېرىنداشتۇر» (ھوجۇرات سۈرىسى، 10-ئايەت). مۇسۇلماننىڭ دۈشمەنلىرى گەرچە ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى بولسىمۇ ئىسلام دۈشمەنلىرى سانىلىدۇ.

مۇسۇلمان نامازدا تۇرۇپ: «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دەپ دۇئا قىلغاندا بارلىق ئىسلام ئۈممىتىنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەر قېتىم دۇئا قىلغاندا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ياكى مۇسۇلمان يۇرتلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. دۇئادا دەسلەپتە ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ھەققىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتەن بىرلىكى ۋە ئۈممەت بىرلىكىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان ئاجايىپ بىر سۈرەتنىڭ ئىسلام فىقھسى (چۈشەنچىسى)دە قانداق ئىپادىلەنگەنلىكىگە قاراڭ. بۈيۈك ئالىم ئىبنى ئابىدىن ئىسلام ئۆلىمالىرنىڭ ۋەتەن ۋە ئۈممەت بىرلىكى چۈشەنچىسىنى تۆۋەندىكىدەك نەقىل قىلىدۇ: «ئەگەر دۈشمەن بىر مۇسۇلمان يۇرتىغا تاجاۋۇز قىلسا جىھات قىلىش دۈشمەنگە يېقىن بولغان (يەنى شۇ يۇرتتىكى) مۇسۇلمانلارغا پەرز ئەينى بولۇدۇ. ئەگەر ئۇ يۇرتتىكى مۇسۇلمانلار ئاجىز كەلسە ياكى ھورۇنلۇق قىلسا ئۇ يۇرتقا يېقىن بولغان قوشنا يۇرتلارغا پەرز بولۇدۇ، ئۇلارمۇ ئاجىز كەلسە ئاندىن ئۇلارغا يېقىنراق بولغان يۇرتلارغا پەرز بولۇدۇ. جىھادنىڭ مۇسۇلمانلارغا پەرزلىكى شەرق ۋە غەربكە مۇشۇ تەرتىپ بويىچە داۋاملىشىپ ماڭىدۇ (ھاشىيە ئىبنى ئابىدىنغا قارالسۇن) بۇ چۈشەنچىدە بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىتتىپاق.

دېمەك، قايسى يۇرت تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا شۇ يۇرت ئەھلىگە جىھات پەرز ئەينى بولۇدۇ. باشقىلارغا يۇرتنىڭ يېقىن-يىراقلىقىغا قارىتا ھۆكۈم بېرىلىدۇ.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان يۇرت ياكى دۆلەت يالغۇز شۇ يۇرتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۈلكى بولماستىن، بەلكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مۈلكىنىڭ بىر قىسمى بولۇش ئېتىبارى بىلەن قوغداش ۋاجىپ بولىدۇ.

 

بۈيۈك ئۈممەتچىلىك ۋە مىللى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى قانداق ماسلاشتۇرىمىز؟

 

مىللى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن بۈيۈك ئىسلام ۋەتەنپەرۋەرلىكى ياكى ئۈممەتچىلىك بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ، ئىنساننىڭ تۇغۇلغان يېرى ۋە زېمىنىغا تەۋە بولۇشى مەجبۇرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى بولمايدۇ. ئىسلام ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولۇدۇ، چۈنكى ئىنسان دىنىنى ئۆزى تاللايدۇ ۋە ئىختىيارى تاللىغان دىنىدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ.

ئەقىدە ياكى ئىسلام ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئاللاھ، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر ئۈچۈن بولۇدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئەقىدە جەھەتتىن قېرىنداش، ھەممىسى باراۋەر.

بىراق ئىسلامنى چەتكە قاقىدىغان ياكى ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئىسلامغا يۇقۇرى ئورۇن بەرمەيدىغان 20-ئەسىردىكى تۈركىيىنىڭ تۇرانچىلىقى ياكى ئەرەبلەرنىڭ مىللەتچىلىكى ياكى يەھۇدىلارنىڭ ئۆزىنى باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن تۇتۇشى ياكى گىرمانلارنىڭ فاشىزىملىقى...ئىسلام بىلەن زىتلىشىدۇ. دىنىمىز بىلەن قارشىلاشمايدىغان ياكى دىنىمىزنى چەتكە قاقمايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك رەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئالقىشلىنىدۇ.

مىللەتچىلىكنى تەنقىدلىگەن ھەدىس شەرىپلەر يۇقىرىقىدەك ئىسلام بىلەن ئورۇن تالىشىدىغان ياكى مەقسەتلىرى ئىسلام پرىنسىپلىرى بىلەن زىتلىشىدىغان مىللەتچىلىكنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىسلام دىنىمىزدا ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ياكى قەبىلىسىنى ياكى رايونىنى ياكى رەڭگىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈش رەت قىلىنىدۇ.

دېمەك، ساغلام ئىدىيە ۋە توغرا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى ئاشقانسېرى ئۈممەت بىرلىكىگە يول كەڭرى ئېچىلىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ئۈممەت ئۇقۇمى بىر-بىرىگە زىت كەلمەيدۇ، بەلكى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ.

ئابدۇراھمان كاشىغەرىي

2018- 03- 1 كۈنى.  ئىستانبۇل.

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

CComment تەرىپىدىن ئىشلەندى