»ﺋﯘرۇش ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﮬﻪل ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺟﺎﻳﯩﺪا ﺋﻮرۇنلاﺷﺘﯘرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﯧﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻣﺎددﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ لازﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺳﺎپ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﮔﯧﭙﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎڭلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ، ﺋﯧﯖﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎنلاﺷﺘﯘراﻟﯩﺴﺎقلا ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻗﺎرﯨﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪ - ﺑﯩﻠﯩﻨﺪۈرﻣﻪي ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ﮬﻪم ﺋﯘلارﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘرۇن ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇۋﯦﺘﯩﻠﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻗﺎرﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘرﻟﯩﻴﺎلاﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻣﺎل ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘرۇش ﻛﯧﺮەك؟ ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘم رۇﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪۋى ﺋﯧﯖﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪاش ﻗﻮﺷﯘن ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەك.
ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚرۈﻟﻤﯩﮕﻪن ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪان ﺗﯩﺮاﮔﯧﺪﯨﻴﻪ − ﺋﻪڭ ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪس ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﺎلاﻛﻪﺗﻜﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘش ﺗﯩﺮاﮔﯧﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﭘﻪردﯨﻤﯘ ﭘﻪردە ﺋﻮرۇنلاﻧﻤﺎﻗﭽﻰ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﻟﯜك ﺋﯧﯖﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرۇۋاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن دەرﯨﺠﯩﺪە ﻳﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜزﻟﻪﻧﻤﻪﻛﭽﻰ. ﺋﺎلاﻳﻠﯘق، ﺑﯩﺰ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ۋە ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﺎرا - ﺑﺎرا ﺋﯚﭼﯜرۈۋﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪپ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪا ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺟﻪرﻳﺎنلارﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪش ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻤﯩﺰ. ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ، ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮى، ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮى، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎنلارﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ رەزﯨﻞ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ۋە ﻣﻪدﮬﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﭼﺎرىلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎرلارﻧﻰ ﻗﻮللاپ ۋە ﻛﯚﺗﯜرۈپ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯧﯖﯩﻐﺎ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘش، زوراۋاﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘش، ﺧﻮرلاﺷﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘش، ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘش، ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪخلاﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻨﻰ ﺳﯩﯖﺪۈرۈﺷﻜﻪ ﺋﯜﻧﺪەﻳﻤﯩﺰ.
ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪ - ﺑﯩﻠﯩﻨﺪۈرﻣﻪي ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﺎﺋﺎل ﮬﻪم داۋاﻣﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳﻜﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻐﺎ ﺗﯜرﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺑﺎرا - ﺑﺎرا ﺋﯘلار دوﮔﻤﺎﺗﯩﺰم ۋە ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺳﯜرۈش ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ دەپ ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ۋە دۇرۇﺳﻠﯘق ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚزﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ۋە ۋەزﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻣﺎس ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﻪ دەپ ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﯘﺗﻪﮬﻪﻣﻠﯩﻚ ۋە ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﮬﺎراﻗﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ۋە زەﮬﻪر ﭼﯧﻜﯩﺶ؛ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘچ ﮬﺎﻳﯟاﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮرﻗﯘﺷﺘﯩﻨﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ؛ ﺋﯘﻳﯘﻟﯘش ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﻮﻗﯘﻟﯘش، ﺳﺎﺗﻘﯩﻨﻠﯩﻖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ۋە ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﺎرا ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ، ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن رۇس ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ كۈچەيتىلىدۇ. ﺑﯩﺰ ﺋﻪﭘﭽﯩﻞ ﭼﺎرﯨﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪ - ﺑﯩﻠﯩﻨﺪۈرﻣﻪي ﻣﯘﻗﻪددەﺳﻠﻪﺷﺘﯜرﯨﻤﯩﺰ. ﺑﯘلارﻧﻰ ﭘﻮرەك - ﭘﻮرەك ﺋﯧﭽﯩﻠﺪۇرۇۋﯦﺘﯩﻤﯩﺰ ... ﭘﻪﻗﻪت ﺋﺎز ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎز ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮىلا زادى ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ قىلاﻟﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﯧﺘﻪﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﻢ، ﻳﯚﻟﻪﻧﭽﯜﻛﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪۇرﯨﻤﯩﺰ. ﺋﯘلارﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎيلاﻧﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘلارﻏﺎ ﺗﯚﮬﻤﻪت ﭼﺎپلااش ﭼﺎرﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎلاﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘلارﻧﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯜرۈﻧﺪﯨﻠﯩﺮى دەپ ﺟﺎﻛﺎرلاﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﺸﯩﯟﯨﺰﻣﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﻮﻣﯘرۇپ ﺗﺎشلاپ، ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺋﻪخلاﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﭼﺎكىنىلااﺷﺘﯘرﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪم ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎزﯨﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎش - ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪردﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﻳﻤﯩﺰ. ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ دوﻧﻰ ﻳﺎﺷلارﻏﺎ ﺗﯩﻜﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﭼﯩﺮﯨﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘلارﻧﻰ ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰ زاتلارﻏﺎ، ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ۋە دۇﻧﻴﺎۋﯨﺰمچىلارﻏﺎ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘلارﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘم ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘرﯨﻤﯩﺰ.«

ﺋﺎﻛﺎدﯦﻤﯩﻚ ﻧﯧﻜﻮلاي ﺋﯩﯟاﻧﻮۋﯨﭻ رﯨﯟﻛﻮﻓﻨﯩﯔ «ﭼﻮڭ دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮاﮔﯧﺪﯨﻴﻪﺳﻰ − ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮى ۋە ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ «ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻧﻪدﯨﻦ ﻛﻪﻟﺪى» دﯦﮕﻪن 1 - ﺑﺎﺑﯩﻨﯩﯔ 1 - ﺑﯧﺘىدە كەلتۈرۈلگەن نەقىل. (ئەسلى سۆز: ﺋﺎﻟﻠﯧﻦ داﻟﻠﯧﺴﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﯧﺮﯨﺰدﯦﻨﺘﻰ ﺗﯩﺮوﻣﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرا ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻧﯘﺗﻘى)

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

CComment تەرىپىدىن ئىشلەندى