ئۆتمۈشتە شىمالدىكى مىللەتلەر (بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ۋە باشقىلار)نىڭ ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن سەددىچىننى سوقۇپ ئىچىگە بېكىنگەن خىتايلار مىڭ يىللار بويىچىمۇ سېپىلدىن چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى. ئەگەر شىمالدىكى مىللەتلەردىن موڭغۇللار خىتايلارنى مۇنقەرز قىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى ئۆز دۆلىتى قىلىۋالمىغان بولسا، كېيىن مانجۇلار سېپىلدىن ئىچكىرى كىرىپ، خىتاي قېتىش بۈيۈك ئېمپىرىيە قۇرمىغان بولسا، كىم بىلىدۇ، خىتايلار قاچانغىچە سېپىل ئىچىدە بېكىنىپ ياشايتى؟

خىتايلار سېپىلدىن ئۆزلىرى تېشىپ چىققىنى يوق، سېپىل قۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان ئاشۇ جەڭگىۋار مىللەتلەر ئۆزلىرى خىتايلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ئاخىرىدا ئۆزلىرى بالاغا قالغان ئىدى. قۇرۇت دېگەننىڭ ئۆز تۆشۈكىدە تۇرغىنى ياخشى ئەمەسمىدى؟ مانا ئەمدىلىكتە، خىتايلارنى ئىستىلا قىلىپ، ئۆزىگە قېتىۋالغان مىللەتلەرنىڭ ئىشغال قىلغان ھەممە يېرىنى خىتايلار ھىچ تارتىنمايلا ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى دەۋېرىدىغان بولدى. تارىخلارمۇ تەييارلا ئىدى. مۇنقەرزلىك تارىخىنى بىرئازلا تەھرىرلىۋەتسىلام!

ئىچىگە بېكىنگەن خىتايلار ئىككىنچى قېتىم 80-يىللاردىن كېيىن تەدرىجىي يۈرەكلىنىپ، ئۇۋىلىرىدىن چىقتى. خەلقارا سەھنىلەردىمۇ ئويناشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولدى. بۇ قېتىم سېپىلدىن ئەمەس، (سېپىل ئاللىقاچان خىتاي زېمىنىنىڭ ئىچىدە قالغان ئەمەسمۇ) بۈگۈنكى چېگرىلىرىدىن سىرتقا چىقتى. خۇددى بۇرۇنقى كۈچلۈك دۆلەتلەردەك ئۇزۇن يىللىق پىلانلىرى ئۈچۈن چەتئەللەردە ئىستىھبارات ئويۇنلىرى تەشكىللىگۈدەك ھالغا كەلدى.

بۇ ئويۇنلاردىن بىرى 1997-1999-يىللىرى ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا، پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردا ئوينالدى. خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىققا بولغان تەشنالىقىدىن ئىنتايىن ئۇستۇلۇق بىلەن پادىلىنىپ، بولۇپمۇ خىتايلارغا ئەسلا ياراشمايدىغان جۈرئەتكارلىق بىلەن بۇ ئويۇننى مىللىتىمىزنى ئويۇنچى قىلىپ ئېلىپ باردى. بىچارە خەلق ئۇزۇن يىللىق بېكىنمە ھايات ئىچىدە جاھان كۆرمىگەن، ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈن، گويا ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۆرەش سېپىگە قېتىلدىم دەپ ئويلاپ قالدى؛ ھەتتا بەزىلەر ئاللا رىزاسى ئۈچۈن جىھاد سېپىدىمەن دەپ ئويلىدى! ھىسام تىككەن ئاق ياغاچ ۋە قارا ياغاچقا ئوخشاش «ئىككى ياغاچ» تىكىلگەن ئىدى. گەرچە ياغاچلار ئوخشىمايتى-يۇ، ئەمما ھەر ئىككىسىگە توپلانغانلار ئوخشاش ئادەملەر (ھىسامنىڭكىسىدە ھەر ئىككىسىگە خوتۇندىن قورقۇدۇغانلار توپلانغانتى) — ساددا مۇسۇلمانلار، ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدى؛ بېشىدىكىلەرمۇ شۇ: روللىرى شۇ تەقلىتتە پىچىپ بېرىلگەن ئادەملەر بولۇپ، بىر خوجايىنغا تەۋە ئىدى.

ئويۇنچىلار تولۇقلاپ تۇرۇلدى: بىر ياقتىن خىتايلار گويا قاتتىق ئەيپلەش تەلەپپۇزى بىلەن: «ئاقچى-كۆكچى، ئېشەك ئوغرىسى دۇمباقچى! بۆلگۈنچى پالانچىلار پالان يەردە ھەربىي مەشق كامپى قۇرۇپ... » دېگەن مەزمۇنلاردىكى تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ، ياشلارغا قەيەرگە بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىشارەت بەردى، ئادرېس كۆرسەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، پاكىستانغا ئىشكنى داغدام ئاچتى: پاسپورتسىز، چېگرا خېتى بىلەنلا چىققىلى بولۇدۇغان قولايلىق يارىتىپ بەردى. پاسپورتسىز بولۇشىنىڭ يەنە باشقا پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بارىدى: ئەگەر كۆرسۈتۈلگەن ئادرېسقا كېلىپ، بۇ يەردىكى ئىشلار دىتىغا ياقماي قالغان تەقدىردىمۇ، پاسپورت بولمىغاچقا ھىچياققا كېتەلمەستىن، ھاياتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ھەلەپ بېرىلىدىغان ئوقۇردىن ئايرىلماي تۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتى. خىتايلار چېگرا خېتى بېرىشنى بەردى، قولايلىقنى ياترىتىپقۇ بەردى. ئەمما خىتايچە كۆزى كىچىكلىكىنى، سىركە-پىيازلىقىنى جارىي قىلىپ، بىچارە ئۇيغۇرنىڭ پۇلىنىمۇ ئوبدان يىغىۋالدى. پۇل بولسىلا چېگرا خېتى ھەل بولۇدۇغان، چەتئەلگە چىققىلى بولۇدۇغان ئىش بولسا، نېمىلەرگە، نېمىلەرگە رازى بولمايدۇ، بۇ خەلق؟! يېرىم ئەسىردىن بېرى دۈملۈنۈپ، كاۋاپ بولايلا دەپ قالغان تۇرسا، تالا-تۈزگە چىققۇسى كەلمەيتىمۇ؟

خىتايلار بۇ ئويۇندا، پاسپورت، چېگرا خېتى دېگەندەك قەغەزلەرنى سېتىپ، ئۇيغۇرنىڭ ئاران تاپقان پۇللىرىنى يىغىۋالدى؛ ئىش ھەققىسىز ئىشلەيدىغان، ئەمما ئېپى كەپ قالسا يەنە شۇ ئۇيغۇرنىڭ يانچۇقىدىن ئېلىۋال دەپ يول ئېچىپمۇ بېرىلىدىغان شۇمپەن ئايغاقچىلار، ۋاسىتىچىلار، ياكى پاسپورت ھۆددىگەرلىرىمۇ خوجايىنلىرىنىڭ ئىلتىپاتىدىن بېيىۋالدى. يا شۇ خىتاي بولمىغان بولسا، بۇنداق ئوبدان ئىش نەدىمۇ بولاتتى؟ دېيىشىپ، خوجايىنننىڭ ئۆمرىگە دۇئا قىلىشتى. پۇلمۇ ئىستىھبارات ئويۇنلىرىدا بىر مەخسەت. ئەمما موھىمى، يوشۇرۇن دۈشمەنلىرىنى ئاشكارە ھالغا كېلىشكە ئۈندەپ، ئۇلارنى قارا تىزىملىككە چۈشۈرۈۋالدى. ئوتنىڭ ئارىسىدىكى يىلان ئوچۇق يەرگە چىقتى! پايدا بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى! ئۇيغۇرلارنى خەلقارا سەھنىلەردە سېسىتىش ئۈچۈن دەلىل ئىشلەپچىقىرىلدى. خىتايلار مەخسەتلىرىگە يەتكەندىن كېيىن بولسا «ياغاچ» بېشىدىكى «دوغىلىرى»غا ئىشارەت قىلدىمۇ، يا قولايلىقلارنى قىسىپلا ئىشنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىدىن بىشارەت بەردىمۇ، ئەيتاۋۇر، «ئاق ياغاچ ۋە قارا ياغاچ» تۈۋىدىكىلەر (گەرچە ھەممىسى خوتۇندىن قورقۇدۇغانلار بولسىمۇ) بىر-بىرىنى سەن ئاق، سەن قارا دېيىشىپ، ئىچكىي ماجراغا يۈزلەندى. بىر خىتاينىڭ بۇرنى قانىغان يوق، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈژمە تۆكۈلگەندەك تۆكۈلگىلى تۇردى. كىرگەنلەرنىڭ تىزىملىكى ئاللىقاچان خىتايلارنىڭ قولىدا بولغاچقا ئۇتتۇرلا چاڭگالغا چۈشتى! ھەتتا بۇ خاسىيەت بىلەن، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى «چىراق تۈۋى قاراڭغۇ» دېگەن قانۇنىيەت بويىچە خىتاي يۇرتلىرىغا بېرىۋېلىپ يوشۇرۇن ھەركەت قىلىۋاتقان، تۇتۇلمايۋاتقانلارنىمۇ تازىلىۋالدى. چۈنكى چەتئەلدىكى «لېدىرلار» ئىش تازا قىزىغاندا «ھەركەت بىر تۇتاش بولغىنى ياخشىدى، كەم كوتىسى بولسا بىز تەمىنلەيتۇق ئەمەسمۇ، ئالاقىلىشىپ تۇرغان بولساق... » دەپ ئۇستۇلۇق ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ «ياغاچ تۈۋىگە توپلانغان» سەبداشلىرىدىن ئۇچۇرلىرىنى ئېلىۋالغاچقا، تۇتۇلماس دەپ داڭقى چىققانلارمۇ دەرھاللا تۇتۇلۇپ يوقالغان ئىدى! خىتايلار ئۈچۈن پايدا شۇنىڭ بىلەنلا تۈگىسىغۇ! يەنە تېخى، چەتئەلدە ئىنقىلاپقا دەپ پۇل يىغىشمۇ بار. ئۈچ بەش تەڭگە كۆز بوياش خاراكتېرىدە پالان ئىشقا دېيىلىپ، كۆرسۈتۈلگەن ئادرېسلاردىن باشقا، يەنە شۇ يوسۇن «دوغا»لارنىڭ نەپسىنى تويغۇزۇشقا يارىغان بولدى. تېخى، پۇل بەرگۈچىلەرنىمۇ قارا تىزىملىككە چۈشۈرۈپ، كىملەرنىڭ ئىنقىلاپقا ئىئانە بېرىدىغانلىقى، قارشىلىق ئىدىيىسى بارلىقى (پۇل بېرىپ قوللىشىدىن مەلۇم بولاتتى) بىلىۋېلىندى. ھەتتا شۇ يىللاردا زاكاتنى قەيەرگە بەرگەنلىكىگىچە سۈرۈشتە قىلىندى! ئەمدى، شۇنداق بىر ۋەزىيەت يارىتىلدىكى، بايلار پۇل بەرگۈسى بولسىمۇ بېرىشتىن قورقۇدۇغان، ئىنقىلاپ مەبلەخسىزلىك تۈپەيلى ئۇچقۇن ھالىتىدىلا ئۆچۈپ قالۇدۇغان بولدى!

خىتايلار ئىككىنچى قېتىملىق ئىستىھبارات ئوپېراتسىيىسىنى مۇشۇ كۈنلەردە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ — شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق «قېچىپ چىقىش» ۋەقەسى ۋە بۇنىڭ داۋامىدا ئېچىلغان يېڭى «پەردىلەر»!

ئالدى بىلەن ئوخشاشلىقلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: ئىلگىرى قولايلىق يارىتىپ، چېگرا خېتى ئارقىلىقمۇ چىققىلى بولۇدۇغان قىلىپ بەرگەن بولسا، بۇ قېتىم «قېچىش»نى قولايلىقلار بىلەن تەمىن ئېتىپ بېرىدۇ. مەھەللىدىن مەھەللىگە ئۆتكىچە توساقلاردا تەكشۈرۈلۈدۇغان بىر ۋەزىيەتتە يۈننەنگىچە بېرىش ئاسانمۇ؟ ئەمما بۇ بىچارە ساددا مۇسۇلمانلار خىتاي موللىلار تەرىپىدىن تەبلىغلەرگە چۆمدۈرۈۋېتىلگەچكە، ئېتىقادى كۈچۈيۈپ كېتىپ، «ئاللاھ يولىغا ئۆزىنى ئاتىغان ئادەمنى ئاللاھ ساقلايدۇ» دەپلا ئىزاھات بېرىپ قويسا، قىلچە باشقا تۈلۈك ئويلاپ كۆرەيمۇ دېمەستىن، ئاللاھ ساقلاپ، تېچ ئامان يۈننەن چېگرا بويلىرىغا يېتىپ كەلدۇق دەۋەرگەن بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ ئامان ئېسەن بۇ 3000دىن 4000 كلومېتېرغىچە كېلىدىغان خىتايلار ھۆكۈمرانلىقى ئىچىدىكى مۇساپىدىن دەل خىتاي ئىستىھبارات ئويۇنىنىڭ «پەردە»، «كۆرۈنۈش»لىرى تەقەززاسى بىلەن ئەنە شۇنداق «تېنچ-ئامان» يېتىپ بېرىشقانلىقى، ئۇلارنى بۇ ئۇزۇن سەپەردە ئامان-ئېسەن ئېلىپ ماڭغان ھېلىقى «يولى بار» «بوخوچى»نىڭ ئەمەلىيەتتە رىژىسسورنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىمانلىرىنى كۈچلەندۈرۈپ، يېنىدىكى دۈشمەننى كۆرمەس قىلىپ، يىراقتىكى دۈشمەننى كۆرۈدۇغان قىلىۋەتكەن تەبلىغچى موللىنىڭمۇ رىژىسسورلاردىن بىرى ئىكەنلىكى ئۇخلىسا چۈشۈگە كىرمەيتى. چېگرا بويلىرىدىن ئۈستى يېپىق ماشىنا بىلەن بېرمىغا توشۇغانلارنىڭمۇ قانداقتۇر پۇلغا ئاچىقىپ قويۇدۇغان ئەتكەسچى ئەمەس، خىتاي ئىستىھباراتىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكى ئەقلىگە كېلەرمىدى؟

بۇ «ئىمانى كۈچۈيۈپ كەتكەن» مۇجاھىت كۆچ قوشۇنى توغرا-خاتا ھەققىدە گەپ قىلاي دەپ ئېغىز ئۆمەللەپ بولغۇچىلا «ھۇ مۇرتەد، ھۇ، تاغۇت!» دەپ تىللاپ، ھىچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندىن باشقا، ئالدىنقى قېتىمدىن مىراس قالغان ھېلىقى مەشھۇر «ئاقتاغلىق، قاراتاغلىق»قا ئايرىش شۇئارىنىمۇ ئەينەن تەكرارلىشاتتى: «ھۇ، دېموكراتچىلار!» ھوووھۇي، بىزنىڭ ئاشۇ ئوقۇمىغان خەلقنىڭ بىلىپ كەتكىنىگە دىققەت! دېموكراتچىمىش! ھاياتىدا دېموكراتىيىنى كۆرۈپ تويۇپ كەتكەندەك گېپىنى كۆرۈڭ، سولتەكلەرنىڭ! ئالدىنقى قېتىمدا «ئۆزىنى ئىسلامچى» دەپ ئاتىۋالغانلارنى ئەمدى بۇ يېڭى چىققانلار دېموكراتچى دەپ ياراتماس بولغان گەپ! ئۆتنە جاھان دېگەن شۇ، دېسەك توغرىمىدۇ؟ ياكى ئىنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ، دېسەك توغرىمىدۇ؟

ئىشقىلىپ، ئۇلارنى تىغ ئۆتمەس، سۇ كىرمەس قىلىپ تەربىيىلەپ ئەۋەتكەن موللىغا قول قويماي ئىلاج يوق! دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن، سىياسىيدىن، ئىستراتېگىيە دېگەندەك يوغان گەپلەردىن قانچە مىڭ كلومېتېر ئۇزاقتىلىقىنى ھىساپلاشنىڭمۇ مۈمكىنچىلىكى يوق ئىكەن، ئۇلارنىڭ خەقنى ياراتمايدىغان 100%لىك مۇسۇلمان بولۇپ كەتكىنىگە قاراڭلار! خىتاي موللىنىڭ قولىدا ئوقۇپ! بىزنىڭ مەھەللىدە بۇرۇنلاردا، بىر ئاز كەڭرىراق زامانلاردا قوشنا باللاردىن بىرنەچچىگە ھەپتىيەك ئوقۇتقان بىر قىز بارىكەنمىش، مۇشۇ كۈنلەردە ئاشۇ كونا ھىساپمۇ ئۇنتۇلماي، ئۇنى ھېلىقى يەرگە ئەكىتىپتۇمىش، قانچە ئايلاردىن بېرى دېرىكى يوق، ئۆيىدىكىلەر سۈرۈشتە قىلىشتىنمۇ قورقۇپ، ئىچىگە تىنىپ يۈرەرمىش. ئەمما بۇ يېڭى مۇجاھىت قاچاقلارنى ئوقۇتقان موللىلارنىڭ شۇنچە ئادەمنى تەربىيىلەپ، پولاتتەك مۇستەھكەم قىلىۋەتكىچىمۇ تۇتۇلمىشى بىر ئۇيغۇردا بىرەر چالا «نېمە ئۈچۈن؟» تۇغدۇرۇشقا يارىمىغان! نەقەدەر ئەقىللىق، زېرەك خەلقمىز! خىتاي شۇڭا بىزنى كولدۇرلىتىشقا بەك كۆپ باش قاتۇرۇپ، ھەر دايىم يېڭى ئويۇن تەييارلاپمۇ ئاۋارە بولمايدۇ. مىڭ قېتىم تەكرار ئىشلەتكەن ئۇسۇلغىمۇ بىز يەنىلا ئىشىنىۋېرىمىز. خۇددى تۇخۇمنى بويىغانچىلىكلا رەڭ بېرىپ قويسا بولدى.

شۇنداق قىلىپ، مۇجاھىت قاچاقلار ئۇلۇغ-ئۇششاق بولۇپ، «ئاللاھ ئاسان قىلىپ بەرگەن يول» بىلەن بېرمىنى ئاتلاپ تايلاندقا، ھەتتا تايلاندنىمۇ ئاتلاپ مالايسىياغا كېلىشىدۇ. ياخشىكى، بىزگە تۈركىيە بار، تۈركىيە ئۆزىگە پىچىلغان قۇتقازغۇچىلىق رولىنى ئوبدان ئويناپ، ئون مىڭلارچە ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ. بىر دىكتاتور دۆلەتتىن قانۇنسىز قاچقان قاچاق دۆلەتنىڭ ئاسىيلىرى دېمەكتۇر، دۆلەتنىڭ دۈشمىنى دېمەكتۇر. ئەمما، بۇ دۈشمەنلەرنى تۈركىيە ھىچ ئىككىلەنمەي، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ قۇتقۇزۇۋالىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، خىتاي بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىدە دەز ھاسىل بولمايدۇ، تېخىمۇ كۈچۈيۈپ كېتىدۇ، تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ھال خۇددى خىتايلار: «بىزگە ئاسىيلىق قىلىپ قاچقان بىچارە قاچاقلىرىمىز نەلەردىمۇ مۇساپىر بولۇپ، ئىسسىق-سوغۇقتا قالار، دەپ بېشىمىز قېتىۋاتقاندا ھەجەپمۇ ياخشى سىلەر قۇتقۇزۇۋالدىڭلا» دەپ مەمنۇن بولغاندەكلا بىر ئىش بولدى.

ئۇلۇغ-ئۇششاقلىرى قېلىپ، جەڭگىۋار ياشلار ئاشۇ خىتاي موللىلار كۆرسەتكەن دۈشمەننى ئىزدەپ كېتىشتى! تۆرت يىل ياشىغان بولۇشۇمغا قارىماي، قايسى چېگرادىن قانداق ئۆتسە ئۆتكۈلى بولۇدۇ، ماڭا قالسا ھەرگىز بىلمەيمەن، ئەمما بۇ يېڭىلا چىققان ئەزىمەتلەر ئازماستىن چېگرىغا بېرىپ، كۆزلىگەن يېرىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ! بارغان يەردە ئوخشىمىغان توپلار بار! ئاق ياغاچ، قاراياغاچ دەپ ئىككىلا تۈر بولغان بولسىغۇ ياخشىدى، ئەمما بۇ يەردە كۆكياغاچ، سارياغاچلارمۇ بار. قايسىسىغا قېتىلسا مەملىكەتتە تەبلىغ قىلغان موللىلار كۆرسەتكەن توغرا يولدا بولغان بولۇدۇ؟ تاللاش ئىمكانى بارمۇ؟ قىياسەن سىناپ باقايلى:

— بىز ھازىرلا چېگرىدىن ئۆتكەن يېڭى مۇجاھىتلارمىز، سىلەر قايسى توپ؟

— بىزلەر قاراياغاچتىن.

— بىز ئىزدىگەنلەر سىلەر ئەمەسكەنسىلەر، بىز ئاقياغاچقا بارماقچىدۇق، ئۇلار قايسى تەرەپتە؟

— بۇنى كۆردۈڭما؟ (كىلاشنىكوۋنى كۆرسۈتۈدۇ) مانا شۇنىڭدىن ئامان قۇتۇلالىساڭ، ئاندىن ئاقياغاچقا بارالايسەن!

— بۇ...؟

— تۇرە، ماياققا، قاتارغا كىرە، ھۇ تەربىيەسىزلەر!

ئېلىپ كېتىدۇ. كۆزلىگەن توپ تەرەپكە كېتەتتىم دېسە، چوقۇم ئېتىۋېتىدىغانلىقى پەيلىدىن كۆرۈنۈپ تۇرمامدۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق بولۇدۇ-دە، ئۇلارغىمۇ ئادەم كۈچى لازىم تۇرسا، تەييار ئادەمنى «ھە، سىلە ئاقياغاچ تەرەپكە بارماقچىمىدىڭلا، ماندا ماڭساڭلا بارىسىلە» دەمتى؟

ئىككىنچى توپ ئۆتۈدۇ. ئۇلارغا بىرتوپ قوراللىق ئادەم ئۇچرۇشۇدۇ.

— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قېرىنداشلار، بىز يېڭى ئۆتكەنتۇق، سىلەر قايسى توپتىن؟

— بىزلەر كۆكياغاچتىن.

— بىز ئاقياغاچقا بارماقچىدۇق...

— جېنىڭدىن تويغان بولساڭ ماڭە قېنى، بىر قەدەم!

ئۇھ.... بۇلارغىمۇ ئادەم كۈچى لازىم بولغاچقا تەييار ئادەمنى قولدىن بەرگۈسى كەلمىدى.

كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، خىتاي موللىلار بەلگىلەپ بەرگەن دۈشمەنگە قارشى جىھات قىلىپ، جەننەتكە يول خېتى ئالماقچى بولغان بۇ مۇجاھىتلار ئوخشىمىغان توپلارغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. قېنى ھېلىقى كۆزلەنگەن دۈشمەن؟ خالىساڭمۇ، خالىمىساڭمۇ قارشىڭدىكىلەرگە قارىتىپ ئاتىسەن! بىر-بىرىگە قارىتىپ ئېتىشلار باشلىنىدۇ! مانا ساڭا جىھات! مانا ساڭا مۇجاھىت!

ئالدىنقى قېتىمدىمۇ پاكىستاندا بىزنىڭكىلەر «ئىچكىي ئۇرۇش» (گىراژدانلار ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتايدۇغۇ بۇنى) قىلىشىپ كېتىشكەن ئىدى. نىشان خاتا تاللانسا، نىشاننى باشقا بىرى تاللاپ بەرسە ھەردايىم مانا شۇنداق بولماي چارە يوق!

ئالدىنقى قېتىمدىغۇ «ئىسلامچىلار»نىڭمۇ، «دېموكراتچىلار»نىڭمۇ داھىلىرى ئېنىق ئىدى. بۇ قېتىم قانداقكىنە؟ ھازىرغىچە بۇلارنى بىلەلمىدۇق. بىر توپنىڭ داھىسىغۇ، ئاشۇ بۇرۇنقىسىنىڭ ۋارىسلىرىمىش! ھېلىقى پاكىستاندا بۈگۈنگىچە مەۋجۇت تۇرۇۋاتقان مۆجىزىۋىي توپنىڭ!

ئەمدى كونا توپلاردىن «دېموكراتچى» قالپىقى كەيدۈرۈلگەن توپنىڭ بېشىدىكى م. ھەز... نىڭ مۇشۇ كۈنلەردە ئوتتۇرىغا چىقىش ھەۋىسى بىلەن يۇلقۇنۇۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. ئىككىنچى قېتىملىق ياكى مۇشۇ كۈنلەردە ئوينۇلۇۋاتقان ئويۇننىڭ رولىغا تەييارلىنىۋاتمايدىغاندۇ؟

بىر چولپان بولۇپ پارلاپ ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ بىرنەچچە يولى بار: يېتەرلىك چىدام، غەيرەت، بىلىم-ساپا، تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە ئىشەنچ بولغاندا ئۇزۇن بىر جاپالىق مۇساپە ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپات قىلىپ، جامائەتكە قوبۇل قىلدۇرۇش؛ يەنە بىرى بىردىنلا پارلاپ چىقىش.

م. ھەز... بىرىنچى يولنى قوللۇنالمايدۇ. چۈنكى بۇ يول تەلەپ قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەردىن ھىچبىرى ئۇنىڭدا يوق. ئۇنىڭ ئىنتىلىشى تۇغما خىرستىن بولۇپ، بۇنىڭغا كېرەكلىك ئىچكىي شەرتلەرگە ئىگە ئەمەس. تېخىمۇ چاتاق يېرى، ئىلگىرىكى پارلىشىدا ئىشەنچنى يوقۇتۇپ، ئىشەنچسىزلىك ياراتقانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرگە تەبىئىي يول بىلەن ئۆزىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئىھتىماللىقى تۈگۈگەن.

قالدىكى، بىردىنلا پارلاپ چىقىش! بىردىنلا پارلاپ چىقىش ئۈچۈن تونۇتقۇچىلار قوشۇنى، بىر توپ سالىك بولۇشى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇ تەرەپكە، ئۇنىڭ بۈيۈك ئىش تەۋرىتىۋاتقانلىقىغا تارتىپ تۇرۇشى كېرەك. ماددىي ئىمكانمۇ لازىم. بۇلاردىن ماددىي ئىمكانغۇ بار، ۋاسىتىچى سالىكلارنى تاپالارمۇ؟ تاپىدۇ. پۇل بار ئەمەسمۇ، ئالدىنقى قېتىملىق ئوقەتتە توپلىۋالغان ئاز پۇلمىدى؟ پۇلغا تايانسىلام بۈگۈنكى دۇنيادا نېمىلەرنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ دەيسىز؟ قانداق بىر ئادەم، بۇ جاناپقا سېتىلىپ، ئۇنىڭ سەھنىگە چىقىشىدا يول ھازىرلاپ بېرىشى مۈمكىن؟ چوقۇمكى، ئالدى بىلەن بىر ئىمانسىز، پۇل دېسە ھەرقانداق شەرمەندىچىلىكتىنمۇ يانمايدىغان ئاچكۆز؛ بىنورمال شۆھرەتپەرەست؛ مەنسەپپەرەست بىرى بولۇشى شەرت. بۇ شەرتلەردىن بىرەرسى كەملىگەن بىرى بۇ ئىشنى قىلمايدۇ.

م. ھەز... بۇنداق بىر ۋاسىتىچىنى تاپتىمۇ؟ تاپقاندەك قىلىدۇ. بۇ جاناپنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن خەۋەردار قېرىنداشلارنىڭ بىلگەنلىرىنى «سىر» قىلىپ ساقلاپ، — «ئۆز»نىڭ سىرىنى ھەريەردە يېيىپ، دۈشمەننىڭ سىرىنى ئوبدان ساقلايدىغان غەلىتە مىجەزىمىزگە ئاساسەن — ئوبدان سىر ساقلاپ، سۈكۈتتە تۇرۇۋەرسە، چوقۇمكى بۇ ئادەم پۇلغا تايىنىپ قايتا سەھنىگە چىقىدۇ. بۇ قېتىم جان ئالامدۇ؟ پۇل تاپامدۇ؟ ئۇنى شۇ چاغدا كۆرۈمىز.

يېڭى مۇجاھىتلار قوشۇنىنى ھاسىل قىلىشتىن خىتايلار قانداق پايدا ئالار؟ نېمە ئۈچۈن ئەمدى خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىدىن قورقماس بولۇپ قالدى؟ بۇ ھەقتە چۈشۈنۈشكە تىرىشىپ بېقىش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بولۇپ قالدى. خىتاي، ئەزەلدىن بىزگە ياخشىلىق تۇرۇپ تۇرسۇن، زىيان بولماي، ئىزى بولۇدۇغان ئىشنىمۇ راۋا كۆرمەيدىغان خىتايلار ئىلتىپات قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ بۇنىڭ ئىلتىپات ئەمەسلىكىنى ھەممە ئۇيغۇر دېگۈدەك پەرەز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىكى سەۋەپنى توغرا پەرەز قىلىش ئاسان ئەمەس.

1962-يىلى ئىلى-چۆچەك ۋەقەسىدە بىر قېتىم چوڭ قاچ-قاچ بولۇپ، 60 مىڭ ئۇيغۇر «قېچىپ» كەتكەنىدى. ئەسلىدە بۇ ئويۇندا كۆزلەنگىنى، چېگرا بويلىرىنى ئۇيغۇردىن تازىلاپ، چېگرا مۇداپىئەسىدىكى «ئاچ بېقىن» ئاجىزلىقىنى ئوتتۇرىدىن قالدۇرماق ئۈچۈن بولغان ئىدى. چۈنكى چېگرىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە ئۇيغۇر بولغان ئەھۋالدا تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ، بۇ چېگرىنى قانداقمۇ ئىشەنچلىك دېگىلى بولۇدۇ؟ چېگرا دېگەننى ئەسكەر ساقلايدۇ دېگىنى ھەربىي مۇداخىلە، تاجاۋۇز ھادىسىلىرىگە قارىتا ساقلايدۇ دېگەن گەپ؛ ئەمما پۇخرا قاچاقلار، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆتۈشمىلىرىنى ئەسكەر توسالمايدۇ. چۈنكى ئەسكەر پەقەت مەلۇم نۇقتىلاردا گازارما قۇرغان بولۇدۇ، ئارىلىقتىكى نەچچە ئون، نەچچە يۈز كلومېتېرلىق چېگرا سىزىقى يەنىلا بوش بولۇدۇ. بۇنداق ئارىلىقلارنى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان پۇخراغا ئامانەت قىلىدىغان گەپ. شۇڭا چېگرا بويلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ بولۇشى خاتىرىجەمسىزلىك بولۇدۇ-دە! بۇ قاچ-قاچ سۈنئىي پەيدا قىلىنىپ، چېگرا بويلىرى ئۇيغۇردىن تازىلانغاندىن كېيىن، بۇ يەرلەرگە خىتايلار ماكانلاشتۇرۇلدى. بۇ چېگرا ئەمدى تولۇق خاتىرىجەملىك ئاتا قىلدى. قارايدىغان بولسىڭىز پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرا بويلىرىدا ئۇيغۇر يوق. ئۇيغۇر يۇرتلىرى رەسمىي چېگرا سىزىقىغا ئەڭ يېقىن بولغاندا 200 كلومېتېر كېلىدۇ. قازاقلار، موڭغۇللار، قىرغىزلار، تاجىكلار خىتايلار ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆرۈمىز.

پەقەت، قاراقۇرۇمدىن ئىبارەت بۇ قاقاس ۋە ئاسمانغا تاقاشقان تاغلار ئارقىلىق ھىندىستاندىن ئايرىلىپ تۇرغان چېگرا بويلىرىدىلا خىتايلار يوق. باشقا چارۋىچى خەلقلەرمۇ يوق. چېگرا سىزىقى ئوخشاشلا 200 كلومېتېردىن ئارتۇق بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىگىز ھاۋا رىئاكسىيىسى بېرىدىغان ئىگىز تاغلار ئارىسى ئاساسەن بوش ياكى ئەڭ چەت ئولتۇراق نۇقتىلىرىدا ئۇيغۇرلار بار! ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستاندەك ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي دۈشمەن بىلەن چېگرىلىنىدىغان تەرەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇشى نەقەدەر خەتەرلىك! بۇ قاچ-قاچتا ئاساسىي قاچاقلارنىڭ خوتەندىن بولۇشى تاسادىپىي ئەمەسمۇ نېمە؟

يەنىچۇ؟ ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇن پاختەك ئاشۇ بىر چالما بىلەن پوكۇلداپ چۈشمەكتە. ئىلگىرىكى خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قورقۇنچاقلىقىنى قارىسىغا داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەكسىچە، يېڭى خىتاي رەھبەرلىكى، ئەمەلىي پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلىدى:

— ئۇيغۇرلار چەتئەلگە چىقىپ كەتسە تەھدىت شەكىللەندۈرەلەمدۇ؟

— تايىنلىق!

— ئۇزاق كەلگۈسى دەۋرلەردە پۇرسەت كەلسە بىر كۈچ سۈپىتىدە يۇرتقا قايتىشقا يارايدىغان سۈپەتنى ساقلاپ تۇرالامدۇ؟

— ۋەتەن ئىچىدىكىدىنمۇ تېزراق ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ، ئۇيغۇرلۇقى ئۆچۈدۇ!

— تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ، ئەمەلىي تەسىرى بولغان ھەركەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالامدۇ؟

— تايىنلىق!

— ئۇنداق بولسا قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوقكەن! نەگە بارساڭ بار دەپ داغدام يول بەرگۈلۈك!

يەنە شۇمۇ بولسا كېرەك: چەتئەللەردە مەيلى قايسى ياغاچنىڭ تۈۋىگە توپلانسا توپلانسۇن، ياغاچلار ئاللىقاچان بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشۈپ بولۇغلۇق، شۇڭا تەشكىلاتدۇق دېسىمۇ، يەنىلا بىزنىڭ باشقۇرۇشىمىز ئىچىدە!

يېڭى «قاچاق مۇجاھىتلار»نى نېمە قىلماقچىدۇ؟ ئۇنى نېمىگە ئىشلىتەر؟

خىتايلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش پىلانى بار. بۇنى بىردىنلا ئىشقا ئاشۇرۇش مۈمكىن بولمىسىمۇ، ئاخىرى بىركۈن بۇ يەرلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنى يېڭى ئەۋلاتلارنىڭ مېڭىسىگە ئۈزلۈكسىز قاچىلاشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ياساپ چىقىلغان تارىخنى مەكتەپ دەرسلىكلىرى ئارقىلىق ئەۋلاتلىرىنىڭ مېڭىسىگە قۇيۇپ، كېڭەيمىچى روھ يېتىلدۈرمەكتە. ئۇلار بۇ بېسىۋېلىش ھەركىتىنى نورمال ھەققىمىز دەپ بىلىدىغان تۈردە قايتا شەكىللەندۈرۈلمەكتە. بۇ ئۇزاق مەزگىللىك پىلاننىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئىشقا ئاشۇرۇلۇدۇغان شەكلى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ھەربىي بازا قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇشى، قەستەن چىقىرىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاسترىتتىن تەشكىللەپ، كېڭىيىش پىلانىدا ئىچىدىن ماسلىشىدىغان كۈچ قىلىپ تەييارلاش جەريانى بولۇشى مۈمكىن. مانا بۇ پىلاندا ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى قەندەك لازىم بولۇدۇ ئەمەسمۇ!

مەملىكەت ئىچىدە خىتايلار كۈنسېرى كۆپەيتىۋاتقان ھەربىي يۆتكۈلۈشلىرىنىڭ نىشانى ھەققىدە قوشنىلارغا خاتا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرىگە ئىھتىياجلىق. مانا شۇنداق قارشىلىقلارنى باھانە قىلغاندىلا ئاندىن ھەربىي يۆتكۈلۈشلەر، چېگرا بويلىرىدىكى ئەسكەر كۆپەيتىشلىرىنىڭ مەخسىنى پەردىلىگىلى بولۇدۇ. گويا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا مەۋجۇت كۈچى بىلەن تەڭ كېلەلمەي، يېڭىدىن ئەسكەر كۆپەيتىشكە مەجبۇر بولغان كۆرۈنۈش بېرىش ئۈچۈندۇر.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ھەربىي بازا تەلەپ قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھەركەت قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىتلىرى بولۇشى كېرەك. بۇنداق بىر باھانە ئارقىلىقلا بۇ دۆلەتلەرگە بېسىم قىلغىلى بولۇدۇ.

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

CComment تەرىپىدىن ئىشلەندى