بېسىپ چىقىرىش
Category: نەسرىي ئەسەرلەر
Hits: 4839

مەن بۇ ئانچە ئىجادىي ھىساپلانمايدىغان داشقايناق تەرمىلىرىمدە دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى گىگانتلاردىن بىرى ھىساپلىنىدىغان ۋىلادىمىر نابوكوۋنىڭ ئەدەبىيات قاراشلىرى، بولۇپمۇ رومانچىلىق ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن ئۈزۈنتىلەر بېرىش بىلەن پاراللېل قىلىپ، ئۆزەمنىڭ قاراشلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۈزۈنتە تەرجىمىلەر ئارىسىدىكى ئوتتۇرا تىرناق ئىچىدىكى ئىزاھات ياكى قىستۇرمىلار كەمىنىگە ئائىتتۇر.

ئالدى بىلەن ۋىلادىمىر نابوكوۋنىڭ كىملىكى ھەققىدە كىچىككىنە ئۇچۇر بېرەي: ۋلادىمىر رۇسىيەدە تۇغۇلغان. نابوكوۋ ئۇرۇقىنىڭ تاتارلارغا تۇتۇشۇدۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. نابوكوۋلار جەمەتى رۇسىيەنىڭ داڭلىق ئاقسۆڭەكلىرىدىن بولۇپ، ۋلادىمىرنىڭ دادىسى كىرىنسىكىي ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى دەۋرىدە مىنىستىر بولغان. قىزىللارنىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىشىدىن سەل بۇرۇن نابوكوۋ ئائىلىسى ئاۋال گېرمانىيىگە، كېيىن ئەنگىلىيىگە كۆچمەن بولغان. ۋىلادىمىر كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ، ئامېرىكا پۇخراسى بولۇپ قالغان. ۋىلادىمىر دەسلەپكى ئەسەرلىرىنى رۇسچە يازغان؛ كېيىن ئېنگىلىزچە يېزىشتىمۇ ئاجايىپ ماھارىتىنى نامايان قىلغان. ئۇنىڭ داڭلىق رومانلىرىدىن «سولغۇن ئاتەش» ئانتى رومان تىپىغا كىرىدۇ. «لولىتا» يەنە بىر مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ، ۋىلادىمىرنى دۇنيا ئەدەبىياتى سەھنىسىدە تونۇتقان. ۋىلادىمىر ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتېتلىرىدا رۇس ئەدەبىياتى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرى بەرگەن.  پېنسىيىگە چىقىپ، شىۋىتسارىيىگە كۆچۈپ، شۇ يەردە ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

مەن بۇ مەۋزۇ ئاستىدا ئاساسەن ئۇنىڭ لىكسىيەلىرىدىن باشقىلار رەتلەپ تەييارلىغان ئىككى كىتاپ — «رۇس ئەدەبىياتى دەرسلىرى» ۋە «دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرى» — تىن پايدىلاندىم. شۇنداقلا مۇشۇ ئىككى كىتاپتىن ئۈزۈنتىلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئالدىم. تەرجىمە قىلغىنىم مەلۇم كونكرېت ئەسەر ھەققىدىكى تەھلىل ئەمەس، ئاپتور ياكى ئەسەر ھەققىدىكى ئومۇملاشتۇرۇلغان باھالار، شۇنداقلا ئەدەبىيات ھەققىدىكى مۇقۇملاشقان قاراشلىرى بىلەن چەكلەندى.

ئالدى بىلەن ۋىلادىمىرنىڭ ئومۇمىي ئەدەبىيات قاراشلىرى ھەققىدە شۇلارنى خۇلاسىلەپ دەپ ئۆتەي: رۇس ئەدەبىياتى دەرسلىرىدە نابوكوۋ رۇس رومانچىلىرىدىن گوگول، تۇرگىنېۋ، دوستويېۋسكىي، تولستوي، چېخوۋ ۋە سوۋېت ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىدىن گوركىينى دەرسلىرىگە تېما قىلغان بولۇپ، كىلاسسىك رۇس ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن سەنئەتكارلار دەپ تۆرت ئىسىمنىلا تىلغا ئالۇدۇ. بۇلار سەنئەتكارلىق دەرىجىسىگە كۆرە بۇنداق تىزىلغان: 1) تولستوي، 2) گوگول، 3) چېخوۋ، 4) تۇرگىنېۋ. ئاندىن پۈتۈن دۇنيا بۈگۈنگىچە ھەۋەس قىلىۋاتقان دوستويېۋسكىي ھەققىدە كەمسىتكەن ھالدا شۇنداق چاخچاق قىستۇرۇپ قويۇدۇ: «ھەر ھالدا دوستويېۋىسكى بىلەن سالتىكوۋ تۆۋەن نومۇر ئالغىنى ئۈچۈن دەۋالىشىمەن دەپ ئىشخانامنىڭ ئالدىدا ساقلاۋاتقاندۇ». تولستويغا زىيادە بىر قايىللىقى بار. ھەتتا تولستوي ئاڭ ئېقىمى ئۇسلۇبىنى («ئاڭ ئېقىمى» بىزدە قانداق چۈشۈنۈلۈۋاتىدۇ، بىلمەيمەن، بۇنىڭدىكى «ئېقىم» — ئۇسلۇپ، يول، مودا مەنىسىدىكى ئېقىم ئەمەس، سۇنىڭ ئېقىشىغا ئوخشاش، ئېقىش، قاتارلىشىپ ئۆتۈش مەنىسىدىكى ئېقىم بولۇپ، بۇ يەردە ئېقىۋاتقان «ئاڭ» — خىياللار، تەسەۋۋۇرلار، پىكىرلەر، كۆزلەملەر، خاتىرىلەر، ئەسلىمىلەر،...نى بىلدۈرۈدۇ) جويستىنمۇ بۇرۇن قوللانغان دەپ، بۇنى «ئاننا كارېنىنا» دىكى ئاڭ ئېقىشىغا ئائىت مىساللار بىلەن دەلىللەيدۇ. گوگولنىمۇ پەۋقۇلئاددە يوقۇرى باھالايدۇ. شۇغۇنىسى دوستويېۋسكىنى ھىچنىمىگە ئەرزىمەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇدۇ. بۇنىڭدا مەلۇم ھەقسىزلىق بارلىقىنىمۇ ھىس قىلىش مۈمكىن. مەسىلەن، گوگولنىڭ رۇسىيە يېزىلىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلىرىنى گوگولنىڭ خىيالىدىكى يېزىلار، ھەرگىزمۇ رىياللىققا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى گوگول ھىچقاچان يېزىغا بېرىپ باقمىغان، پەقەت يېزىغا بارغان دوستلىرى بىلەن مەكتۇپلىشىش ئارقىلىق، يېزا ھەققىدە مەلۇم نەرسىلەرنى بىلىۋېلىپلا، ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئاشۇنداق يېزىلارنى ياراتقان، دەپ ئۇلۇغلايدۇ-يۇ، دوستويېۋسكىيغا كەلگەندە ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ ياراتقان سەنئەت رىياللىقىنى رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ تىللايدۇ ۋاھاكازا...

رۇس ئەدەبىياتى دەرسلىرى تەرتىبى بىلەن شۇنداق تىزىلغان: گوگول. ئۇنىڭ بىز بىلىدىغان «ئۆلۈك جانلار» رومانى بىلەن «پەلتۇ» (ئورگىنال ئىسمى «شىنېل») ناملىق ھىكايىسى دەرستە سۆزلەنگەن.

ئەمدى ئۈزۈنتە تەرجىمىلەردىن بىرئاز تىزاي:

«غەرپ فاشستلىرىنىڭ ئەدەبىياتتىن ئىستىگەنلىرى بىلەن بولشىۋىكلارنىڭ ئەدەبىياتتىن كۈتكەنلىرى ئارىسىدا پەرق بولمىشى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكتۇر. بىر نەقىل بېرەي، بۈيۈك ناتسىستلاردىن بىرى، ھىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ كۈلتۈر مىنىستېرى در. روسېنبېرگ شۇنداق دېگەن: ‹سەنئەتكارنىڭ كىشىلىكى ئەركىن، چەكلىمىسىز تەرەققىي قىلىشى كېرەك. ئەمما، بىرلا تەلىپىمىز بار: ئېتىقادىمىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشى›. لېنىنمۇ شۇنداق دېگەن: ‹ھەر سەنئەتكارنىڭ ئەركىن ئىجات قىلىش ھەققى بار؛ پەقەت بىز كوممۇنىستلار، ئۇلارنى پىلانىمىز ئىچىدە يۆنلەندۈرۈشكە مەجبۇرمىز›.

«‹قەلەملىرىڭىزنىڭ يۆنۈلۈشىنى بىز بەلگىلەيمىز› — دېمەككى، كوممۇنىست پارتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى مانا شۇنداق ئىدى... بىر كېيىنكى قەدەم بولسا، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى خۇددى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىگە ئوخشاش باشتىن ئاخىر پىلانلاش ئىدى. كوممۇنىست باشلىقلار سۈنئىي بىر كۈلۈمسىرەش بىلەن، بۇنىڭ يازغۇچىلار ئۈچۈن ‹خورىماس تېما رەڭگا-رەڭلىكى› بەخش ئېتىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھەر ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەرەققىياتنىڭ ئەدەبىياتتىمۇ ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى سۆزلىشەتتى. بىر كۈن دەرس تېمىسى ‹زاۋۇتلار› بولاتتى؛ كەينىدىن ‹يېزىلار›، ئارقىدىن ‹بۇزغۇنچۇلۇقلار›[سىنىپىي كۆرەش مىساللىرى]، ئاندىن ‹قىزىل ئارمىيە› ۋاھاكازا (نەقەدەر رەڭگا-رەڭ!). سوۋېت رومانچىسى ئۈلگىلىك دوختۇرخانىدىن باشلاپ، ئۈلگىلىك كان، سۇ ئامبىرىغا قەدەر ھەر نەرسە ھەققىدە باراڭلىق لاپ ئېتىپ تۇرغىنىدا، كۆككە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىر سوۋېت قەھرىمانى دەل كىتاپ بېسىلىۋاتقان كۈنى خاتالىشىپ، ئاغدۇرۇلسا قانداقمۇ قىلارمەن دەپ جان قورقۇنچى ئىچىدە ياشايتى.

«قىرىق يىللىق ھاكىممۇتلەق دەۋرى ئىچىدە سوۋېت ھۆكۈمىتى سەنئەتلەرنىڭ كونترولىنى ھىچقاچان قولدىن بەرمىدى. ئارادا بىر نېمە بولۇشىنى كۆرۈپ باقماق ئۈچۈن بۇرما مىق بىر ئاز بوشۇتۇلاتتى، شەخسىي تونۇشلارغا ئىمكان بېرىدىغان بىر يۇمشاش بولۇپمۇ قالاتتى... »

(«رۇس يازغۇچىلىرى، تەكشۈرگۈچىلەر ۋە ئوقۇرمەنلەر» ناملىق كىرىش سۆزىدىن)

نىكولاي گوگول

«‹ئۆلۈك جانلار›دىن ھەقىقىي بىر رۇسىيە ئارقا كۆرۈنۈشى ئىزدىمەك، بۇلۇتلۇق ئېلسىنوردىكى كىچىك ھادىسىدىن پايدىلىنىپ، دانىيە ھەققىدە بىر ئومۇمىي بىلىش ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنغاندەك بىھۇدە. [مەن مۇنبەردىكى مەلۇم بىر ئىنكاسچىنىڭ دەل نابوكوۋ كۆزدە تۇتقان ئادەملەردەك، «‹ئاننا كارېنىنا›دىن پايدىلىنىپ، رۇسىيە ھەققىدە ئاساسىي بىلىشكە ئېرىشكەنلىك» تەك غەلىتىلىكنى ئوقۇغۇنۇم يادىمدا، قەدىرلىك قېرىنداشلار، روماندىكى كۆرۈنۈش كەيپىيات يازغۇچىنىڭ ئىجادىي دۇنياسىدۇر! ئېسىڭىزدە بولسۇن! بۇ ھەقتە نابوكوۋ يەنە كۆپ توختۇلۇدۇ] سوتسىيال پىكىر قىلىشىدىغان رۇس تەنقىدچىلىرى «ئۆلۈك جانلار» ۋە «مۇپەتتىش»تە يانچىلىق تۈزۈمىدىكى رۇس يېزىلىرىدىكى سوتسىيال پوشتلاستلار (пошлость) تەنقىدلەنگەن دەپ چۈشەندى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئەسلى موھىم بولغان نۇقتىلارنى كۆزدىن قاچۇرۇپ قويۇشتى.

«گوگۇلنى «ناتۇرالىست ئېكول»نىڭ خەۋەرچىسى، «رۇسىيەدىكى ھاياتنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلىگەن يازغۇچى» دەپ باھالىغان زىھنىيەت (ئەقىل)نى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

«ئۇ [گوگول] ۋە پۇشكىن ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن رۇس ئەدەبىياتى يېرىم قارىغۇ ھالدا ئىدى. پەقەتلا ئەقىل يۆنلەندۈرگەن ئاساسىي سىزىقلارنى پەھم ئېتەلەيتى. رەڭلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرەلمەيتى، بىر ئىتقا ئوخشاش، ياۋروپانىڭ قەدىم زامانلىرىدىن قالغان قېلىپلاشقان ئىسىم-سۈپەت بىرىكمىلىرىنى ئىشلىتىش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى. ئاسماننىڭ رەڭگى كۆك ئىدى، شەپەق قىزىل، ياپراقلار يېشىل، گۈزەلنىڭ كۆزلىرى قارا، بۇلۇتلار كۈلرەڭ ۋاھاكازا... سېرىقنى ۋە بىنەپشىنى ئەڭ دەسلەپ كۆرگەن گوگول (ئۇنىڭدىن كېيىن لېرمونتوۋ ۋە تولستوي) بولدى. كۆك يۈزىنىڭ كۈن تۇغۇۋاتقاندا تۇتۇق يېشىل، بۇلۇتسىز بىر كۈندە قويۇق كۆك بولۇشى 18-ئەسىر فرانسۇز ئەدەبىيات ئېكولىنىڭ قاتمال، قېلىپلاشقان رەڭ سىخېمىسىغا ئادەتلەنگەن «كلاسسىك» تەبىرى بېرىلگەن يازغۇچىلارغا ئازغۇنلۇق، تۇتامسىزلىقتەك تۇيۇلاتتى. [بىزدىمۇ خۇددى يوقۇرىدا تەسۋىرلەنگەندەك بىر ھال ھۆكۈمران ئەمەسمۇ؟ ھەممە نەرسە بۇرۇندىن كېلىۋاتقان قېلىپ بويىچە بولۇشى كېرەك، بىر ئادەمنى كۆتەككە ئوخشاتساڭ بولمايدۇ، چوقۇم سەرۋىگە، مەجنۇنتالغا ئوخشىتىشىڭ كېرەك! ئوخشۇتۇشلار، سۈپەتلەشلەر، تەسۋىرلەر،... ھەممىسىنىڭ بەلگىلىك قېلىپى بار! بۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەن ياكى چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانلار ئازغۇن!]

«گوگول بىر غەلىتە مەخلۇق ئىدى. ئەمما دېمىسىمۇ، تالانت [ئەسلىسى: داھىيانىيلىق، بۇ سۆزنى تۈركچىدە سۆز ئۈچۈن ‹داھى› نىڭ يەنە بىر خىل تۈرلىنىشى بولغان ‹دېھا›نى ئىشلىتىپتۇ، دېھا—داھىيانە ئەقىل دېگەنگە توغرا كېلىدۇ. خالىساڭلار مەنمۇ بۇندىن كېيىن بۇ سۆزنى دېھا دەپ ئىشلىتەتتىم، تىلىمىزدا بىر سۆز كۆپىيەتتى] دائىما غەلىتىلىكتۇر. ئەسلىدە، مۇتەشەككۈر ئوقۇغۇچىغا ئەقىللىق دوستتەك تۇيۇلۇدۇغان، ھاياتقا دائىر پىكىرلىرىنى چىرايلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى تەمىن ئېتىدىغان يازغۇچىلار ئىككىنچى دەرىجىدىكى يازغۇچىلاردۇر. [ئىككىنچى (بىزدىكىلىرىنى ئىككىنچى دېيىشكىمۇ بولمىسا كېرەك) دەرىجىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئاۋامغا ياراپ كېتىشى ۋە ھە دېمەيلا ئۇلارغا مەشھۇر، داڭلىق، ئاتاغلىق دېگەندەك ئۇلۇغۋار سۈپەتلەرنى تاقىشى بۇ قۇرلاردا مەلۇم ئېنىقلىق قازىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئاممىۋىي شەكىلدە «ياراپ قېلىش»ىنىڭ سەۋەبى دەل ئۇلارنىڭ قېلىپلاشقان تەسۋىر، قېلىپلاشقان قۇرۇلما،... لار بىلەن، ھەممە ئادەم بىلىدىغان تۈردە، كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىگە پاراللېللىق ساقلىشىدىندۇر]

«بەقارار پۇشكىن، ئەمەلىيەتچان تولستوي، تەمكىن چېخوۋنىڭ جۈملىنى تۇتۇقلاشتۇرۇپ، باشتېمىنى (ياكى ئاساسىي مەزمۇننى) يەڭگۈشلەپ يوشۇرۇن بىر مەنانى ئېنىقلىققا ئېرىشتۈرگەن، ئەقىلدىن تاشقىرى ئىچكۆرۈم دەملىرى بولغان. ئەمما گوگولغا كەلسەك، بۇنداق باشتېما بۇرۇلۇشلىرى سەنئەتنىڭ ئاساسى ھالىغا كېلىدۇ؛ بۇ شۇ دەرىجىدىكى، ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ يۇمۇلاق چىغىرىغا بويسۇنۇپ يېزىشنى، مەنتىقىلىق ئىپادىلەش بىلەن ئاقىلانە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇشنى سىناپ باققان چاغلىرىدا تالانتىدىن ئەسەر قالمايدۇ.

«ئەلۋەتتە، ھاياتنىڭ ئاقىلانە يولىنى بۇنداق تۇيۇقسىز ئىگىۋېتىشنىڭ بىرمۇنچە يولى بار. ھەر بىر بۈيۈك يازغۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە خاس ئۇسۇل ئىشلىتىدۇ. گوگولنىڭ ئۇسۇلى ئىككى ھەركەتنىڭ بىرىكمىسىدىن مەيدانغا كەلگەن. بىر سىلكىنىش ۋە بىر سۈزۈلۈش. ... تۇتامسىزلىق گوگولنىڭ جانانىدۇر، پەقەت، تۇتامسىزلىقنىڭ يات ۋە كۈلكىلىك بولغىنىنى كۆزدە تۇتمايمەن. تۇتامسىزلىقنىڭمۇ تراگىك بولغاننىڭكىدەك تونلىرى ۋە سەۋىيەلىرى كۆپ خىلدۇر. گوگولغا كەلسەك، بۇ تۇتامسىزلىق تراگىكنىڭ يېقىنلىرىدىراق چۆگىلەيدۇ.

«تۇرگىنېۋنى بۈيۈك يازغۇچى دەپ ئويلايدىغان، پۇشكىنغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلىرىنى چايكوۋىسكىينىڭ قىممىتى يوق لىبرېتتو [ئوپېرانىڭ تېكسىت كىتابى] لىرىغا تاياندۇرغان رۇسلار، گوگولنىڭ  سىرلىق دېڭىزىدىكى ئەڭ مەيىن دولقۇنلاردا پالاق ئۇرۇش بىلەن كىپايىلىنىدۇ، ئىنكاسلىرىمۇ [گوگولدىكى] غەلىتە شاڭخولار ۋە رەڭلىك لەتىپىلەردىن زوق ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

«پۇشكىننىڭ نەسرى (نەسرىي ئەسەرلىرى) ئۈچ تەرەپلىك (3D) بولسا، گوگولنىڭكى ئەڭ ئاز تۆرت تەرەپلىكتۇر. زاماندىشى ئوكلىدنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ئېينىشتيىن كېيىنكى زاماندا تەرەققىي قىلدۇرغان نەزەرىيەلەرنىڭ بىرمۇنچىسىنى بىر ئەسىر بۇرۇن كەشپ قىلغان ماتىماتىك لوباچېۋىسكىي بىلەن تەڭلەشتۈرۈشكە بولۇدۇ... پاراللېل تۈز سىزىقلار كېسىشمىسە، قولىدىن كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، قىلىدىغان باشقا ئىشلىرى بولغىنى ئۈچۈندۇر. گوگولنىڭ «پەلتۇ»سىدا نامايىش قىلىنغان سەنئەت، پاراللېل تۈز سىزىقلارنى كېسىشتۈرمەك بىلەنلا قالماي، خۇددى سازاڭدەك تولغۇشۇپ كېتىدىغان، چىرمىشىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ ئىشارە قىلىدۇ؛ خۇددى سۇدا ئەكس ئەتكەن ئىككى تۈۋرۈك شولىسىنىڭ كېرەكلىك دولقۇنلارنى ئۇشلىيالىغان چاغلاردا تىترەك-تىترەك تولغاشقىنىغا ئوخشاش.

«گوگولنىڭ ئەسەرلىرى بارلىق مۇۋەپپىقىيەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولغىنىدەك، پىكىر ئەمەس، تىل ھادىسىسىدۇر».

ئىۋان تۇرگىنېۋ

تۇرگىنېۋنىڭ پەقەت بىرلا ئەسىرى — «دادىلار ۋە ئوغۇللار» — لىكسىيىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇنداق بولسىمۇ باشقا ئەسەرلىرى ھەققىدىمۇ بىرەر ئابزاست قىستۇرما قىلىپ ئۆتكەن. ياۋروپادا رۇس ئەدەبىياتى دېسىلا تۇرگىنېۋنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدىكى سەۋەپنى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن دېگەن قاراشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈدۇ. تۇرگىنېۋنىڭ ياۋروپادا تونۇلۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى تۇرگىنېۋ ئۇزۇن زامان فرانسىيىدە ياشىغان، ئەسەرلىرى ئەڭ ئەۋەل فرانسۇزچىغا تونۇشتۇرۇلغانلىقتىن دەپ قارايدۇ، (بىزدىكى يول تاپقانلارنىڭ ئەسەرلىرى يولداشلارنىڭ تىلىدا نەشىر قىلىنغاندەك ۋە يولداشلار ئۇيغۇر يازغۇچىسى دېسىلا شۇنداقلارنى تىلغا ئالغاندەك بىر ھادىسە).

نابوكوۋ تۇرگىنېۋنى گوگول بىلەن سېلىشتۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ: گوگولنىڭ سەنئەت كۆرگەزمىسىدىكى فلامان تەرزى كۆركەم ئەسەرلەر ئەمەس، سۇ بوياق ئەسەرلەر بۇلار.

«ھارپا» توغرىسىدا نابوكوۋ شۇنداق دەيدۇ: «ھارپا، تۇرگىنېۋنىڭ بىلدۈرمەككە تىرىشقان پۈتۈن ياخشى كۆڭلىگە قارىماي، ئەڭ ئاز مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەسىرىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەڭ داڭقىنى چىقارغان ئەسىرىدۇر. [دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا مانا شۇ: بىر ئەسەر ئاۋام ئىچىدە بەك قارشىلانغانلىقى ئۈچۈنلا ئەڭ مۇۋەپپوىقىيەتلىك (سەنئەت نۇقتىسىدىن) ئەسەر بولۇشى ناتايىن ئىكەن. چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەدەبىياتىچى ئەمەس، سەنئەتنىڭ قىممىتىنى چۈشۈنەلەيدىغانلار ئەمەس. بۇنى بىزنىڭ رومانچىلىقىمىزدىكى «داڭلىق، مەشھۇر، ئۆلمەس... » دېگەندەك ئۇلۇغۋار باھالار ۋە بۇ رومانلارنىڭ ئەسلى قىممىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك].

«بوز يەر» ھەققىدە شۇنداق دېگەن: « بۇ رومان بەك تاتقى يوق بىرنەرسە. يازغۇچى بار تالانتى بىلەن خاراكتېرلەرنى ۋە تاللىغان تېمىسىنى جانلىق تۇتۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، مۇۋەپپەق بولالمىغان. بۇ تېمىنى سەنئەتلىك سەۋەپلەردىن ئەمەس، شۇ دەۋر سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدىن ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرمەك ئارزۇسى بىلەن تاللىغان.

«... تۇرگىنېۋ زامانىسىنىڭ كۆپچۈلۈك يازغۇچىسىغا ئوخشاش ئوپ-ئوچۇق يازغانلىقىنى، ھىچبىر نەرسىنى ئوقۇغۇچىنىڭ سەزگۈلىرىگە قالدۇرمىغانلىقىنى كۆرسەتمەك لازىم. بىر نەرسىنى يادىمىزغا كەلتۈرۈدۇ، ئارقىدىن زېرىكىشلىك شەكىلدە بۇنىڭ نېمىلىكىنى ئۆزى ئېيتىپ بېرىدۇ. [مانا بۇ بىزدىكى ئاددىيلىققا، بالىلارچە ئاددىيلىققا ئوخشايدىغان ھادىسە ئىكەن]

«تۇرگىنېۋ يېقىملىق بىر يازغۇچى بولۇش بىلەن بىللە بۈيۈك بىر يازغۇچى ئەمەستۇر.

«تۇرگىنېۋ، گوركى ۋە چېخوۋ رۇسىيەنىڭ سىرتىدا بەك شۆھرەتلىكتۇر. ئەمما بۇلارنىڭ ئارىسىدا تەبىئىي بىر باغلىنىش قۇرغۇلى بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بەلكى تۇرگىنېۋنىڭ ئەڭ يامان تەرەپلىرى گوركىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئورنىنى تاپقانلىقى، تۇرگىنېۋنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرى (رۇسىيە مەنزىرىسى قاتارلىقلاردا) چېخوۋ تەرىپىدىن بەك گۈزەل شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈش مۈمكىن».

دوستويېۋىسكىي

نابوكوۋ دوستويېۋسكىينىڭ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك لىكسىيىگە كىرگۈزگەن: «جىنايەت ۋە جازا»، «يەر ئاستىدىن نوتلار» (ئەمما بۇنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك، «چاشقان تۆشۈكىدىن نوتلار» دەپ تىلغا ئالغان)، «مەتۇ»، «كارامازوۋلار»، «يامان روھلار» («پاسكىنا جىنلار» دېيىشكىمۇ بولۇدۇ) قاتارلىقلار.

ئەمما دوستويېۋسىكىينىڭ بىرلا ئەسىرى («قوشماق» — The Double)نىلا يامان ئەمەس دەپ باھالىغاندىن باشقا، بارلىق ئەسەرلىرىنى مەسخىرە قىلىدۇ. ھەتتا كېيىنكى تەنقىدچىلەرنىڭ فرىئۇدنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى، روھىي ئانالىز ئۇسۇلىنى فرىئۇددىنمۇ بۇرۇن بايقىغان دېگەندەك باھالاشلىرىدىن بەكلا قىچىغى كېلىدىغاندەك گەپلەرنى قىلغان. ئومۇمەن، ئۇنىڭ فرىئۇدنىڭ نەزەرىيىسىگە بولغان قارىشى تامامەن قارشى بىر مەۋقەدە، بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈن دوستويېۋسكىيغا ئۆچلۈك قىلىدىغاندەك قىلىدۇ. جېيمىس جويستەك ئەدەبىياتنىڭ گىگانتلىرىمۇ دوستويېۋسكى ھەققىدە: دۇنيا ئەدەبىياتىنى بۈگۈنكى سەۋىيىگە دوستويېۋسكى ئەكەلگەن، ماڭا بەك چوڭقۇر تەسىرى بولغان... دېگەندەك باھالاردا بولغان يەردە، نابوكوۋنىڭ بۇنداق باھالىرى ئۇنچىۋالا ئىشەنچلىك تۇيۇلمايدۇ. دوستويېۋسكىي ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىرەر مەتۇ، تۇتقاقلىق كېسىلى بار بىرەرسى، روھىي كېسەل، ئاندىن ئالىجاناپ روھلۇق جالاپ دېگەندەكلەرنىڭ قېلىپلاشقان شەكىلدە تەكرارلىقىنى بايان قىلغان.

«دوستويېۋسكىي سۆز تېمىسى بولسىلا غەلىتە، قىيىن بىر ۋەزىيەتتە قالىمەن. پۈتۈن دەرسلىرىمدە ئەدەبىياتقا ئۆزەمگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىدىن — ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك سەنئەت ۋە شەخسىي تالانت [ئەسلىسى: دېھا] نۇقتىسىدىن ياندىشىمەن. مانا شۇ كۆرۈش نۇقتىسىدىن دوستويېۋسكىي بۈيۈك بىر يازغۇچى ئەمەس، خېلىلا ئورتال يازغۇچىدۇر. مۇكەممەل مىزاھ (كۈلدۈرگە)  يالتراشلىرى بار، ئەمما، ئەپسۇسكى بۇ يالتراشلار ئارىسىدا زېرىكىشلىك تاقىر دالىلار ئۇزۇنۇپ ياتىدۇ.

«دوستويېۋسكىي يازغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان ۋە ‹ئىنسانچاقلار›نى خېلى ئېشىپ چۈشكەن ‹قوشماق› ھىچ دىققەت تارتمىدى. ...[قوشماق] مۇكەممەل بىر سەنئەت ئەسىرىدۇر، لېكىن، 1840-يىلىرىدا — يازغۇچىنىڭ ‹بۈيۈك رومان› تەبىرى بېرىلگەن ئەسەرلىرىدىن خېلى بۇرۇن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ‹پەيغەمبەر دوستويېۋسكى› [قوشتىرناق كەمىنىگە ئائىت، بۇ سۈپەتنى نابوكوۋ مەسخىرىسىنىڭ شىددىتىنى ئارتتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ، دېمەكچىكى ھەممىڭلار دوستويېۋسكىينى پەيغەمبەر دەرىجىسىدە كۆتۈرۈۋالدىڭلار، دېمەكچى]نىڭ مەستانىلىرى نەزىرىدە يوقنىڭ ئورنىدا.

«ئەدەبىيات، ھەقىقىي ئەدەبىيات يۈرەككە ياكى مېڭىگە (مېڭە يۈرەكنىڭ ئاشقازىنىدۇر) پايدا قىلىدىغان ئابىھايات قاتارىدا دەرھال يۇتۇلماسلىقى كېرەك. ئەدەبىياتنى سۇندۇرۇپ، پارچىلارغا ئايرىپ، ئوبدان بىر ئەزمەك لازىم؛ مانا شۇ چاغدا ئەدەبىياتنىڭ خۇشپۇرىقى قولنىڭ ئالقىنىدا ھىس ئېتىلىدۇ. چاينىغاندا تىلنىڭ ئۈستىدە يۇمۇلۇتۇپ تاتقى چىقىرىلىدۇ. پەقەت ۋە پەقەت مانا شۇ چاغدا ئەدەبىياتنىڭ ئاز تېپىلىدىغان تاتقى چۈشۈنۈلۈدۇ، سۇندۇرۇلۇپ ئېزىلگەن پارچىلار مېڭىڭىزدە تەكرار بىر يەرگە كېلىپ، سىزنىڭمۇ ئۆز تەرىپىڭىزدىن تونۇشىڭىز بويىچە بىر نەرسىلەر قېتىلغان بىر پۈتۈنلۈكنىڭ گۈزەللىكىنى مەيدانغا چىقىرىدۇ.

«سەنئەتكار بىر سەنئەت ئەسىرىنى يارىتىشقا باشلىغان چېغىدا يېشىمگە ئېرىشتۈرۈلۈشى كېرەك بولغان مەلۇم سەنئەتلىك مەسلىنى توقۇغان دېمەكتۇر. خاراكتېرلىرى (پىرسۇناژلىرى)نى، زمان ۋە ماكاننى تاللايدۇ؛ كېيىن تەبىئىي شەكىلدە مەيدانغا كېلىشىنى ئارزۇ قىلغان تەرەققىياتلارغا ئىمكان بېرىدىغان ئالاھىدە شەرتلەرنى تاپىدۇ. شۇنداق قىلىپ، سەنئەتكار ئارزۇ قىلغان نەتىجىگە يەتمەك ئۈچۈن زورلۇنۇشى كېرەك ئەمەس؛ شەرتلەر مەنتىقەن ۋە تەبىئىي شەكىلدە سەنئەتكار ئىجراغا قويغان كۈچلەرنىڭ بىرىكمىسى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ.

«سەنئەتكارنىڭ بۇ مەخسەتتە ياراتقان دۇنياسى تامامەن ئەمەلىيەت تېشى بولۇشى مۈمكىن— كافكانىڭ ياكى گوگولنىڭ دۇنيالىرى مىسالىدەك— لېكىن، مۇتلەق تۈردە بىر تەلەپتە بولۇشقا ھەققىمىز بار: بۇ دۇنيا ئۆز ئىچىدە ئاخىرغىچە ئوقۇغۇچىنىڭ ياكى سەيرچىنىڭ نەزىرىدە ئەقىلگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

«ئەسلىدە تالانتنىڭ ئۆلچىمى، كىشى ياراتقان دۇنياسىنىڭ قانچىلىك ئۆزىگە ئائىت، بۇرۇن كۆزىنىڭ ئالدىدا بولمىغان بىر دۇنيا بولۇشىدۇر (ھىچ بولمىغاندا ئەدەبىياتتا)؛ تېخىمۇ موھىمى، دۇنيانى قانچىلىك ماقۇل شەكىلدە قۇرۇپ چىقىشىدۇر.

«بىر سەنئەت ئەسىرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقاندا، سەنئەتنىڭ ئىلاھىي بىر ئىش ئىكەنلىكى ئەستىن چىقماسلىقى كېرەك.

«سەنئەتكار، ھاياتنىڭ چىدىغۇسىز جىددىيلىكلىرى ئالدىدىكى بىر ئىنسان روھىنىڭ تۇيغۇ ۋە ئىنكاسلىرىنى تېپىپ چىقىشقا باشلىغىنىدا ئىنكاسلارنى ھەر ئىنسانغا ئاز تولا ماس كەلگەن شەكىلدە بولغان تەقدىردە ئۇ روھنىڭ قاراڭغۇ كارىدورلىرىدا سەنئەتكارغا تېخىمۇ ئاسان ئەگىشەلەيمىز. ئەمما شۈبھىسىز، پەقەت ئوتتۇرىچە ئىنساننىڭ مەنىۋىي ھاياتى بىلەن ھەپىلىشىش كېرەك دېمەكچى ئەمەسمەن. ئۇنداق ئەمەس، ئەلۋەتتە. دېمەكچى بولغۇنۇم شۇكى، ئىنسانلار ۋە ئىنكاسلار ھىساپسىز تۈردە بولسىمۇ، بىر تەلۋە ياكى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىن يېڭى چىققان ۋە يەنە ئۇ يەرگە قايتىش ئالدىدا تۇرغان بىر خاراكتېر[راسكولنىكوۋنى كۆزدە تۇتۇدۇ]نىڭ ئىنسانىي ئىنكاسلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز قىيىندۇر.

«دوستويېۋسكىي فرىئۇد ۋە ياڭنىڭ خەۋەرچىسى ئىكەنلىكى مەزمۇنىدا بەزى تەنقىدچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئالىملار رەت قىلىشماقتا.

«... دوستويېۋسكىي خاراكتېرلىرى [پىرسۇناژلىرى]نىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بار: كىتاپ بويىنچە شەخسىيەت سۈپىتىدە تەرەققىيات كۆرسەتمەيدۇ. ھىكايىنىڭ بېشىدا ئۇلارنى مۇكەممەل پۈتكەن شەكىلدە كۆرۈمىز؛ مۇھىتى ئالماشسا، بېشىغا ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار كەلسىمۇ ئۇلاردا تىلغا ئالغۇدەك ئۆزگۈرۈش كۆرۈنمەيدۇ.

«ھىكايىلىرىنى مۇشۇنداق كېچىكتۈرۈم [كىتاپخاننى ياكى سەيرچىنى قىزىقتۇرۇش، جىددىيلەشتۈرۈش، تەشنا قىلىش ئۈچۈن نەتىجىنى قەستەن كېچىكتۈرۈپ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش]، كىنايىلەر بىلەن توقۇغانلىقى ئۈچۈن، دوستويېۋسكىي رۇسىيەدە مەكتەپ يېشىدىكى قىز ئوغۇللار تەرىپىدىن ھەۋەس بىلەن ئوقۇلاتتى. خۇددى فېنىمور كۇپېر، ۋىكتور ھيوگو ۋە تۇرگىنېۋلارغا ئوخشاش. ‹جىنايەت ۋە جازا›نى بىرىنچى قېتىم 45 يىل بۇرۇن ئوقۇغانىدىم، كۈچلۈك، ھاياجانبەخش بىر كىتاپكەن دەپ ئويلىغانىدىم؛ ئۇ چاغلاردا ئون ئىككى يېشىمدا بولسام كېرەك. ئون توققۇز يېشىمدا، رۇسىيەنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئىچكىي ئۇرۇش يىللىرىدا كىتاپنى تەكرار ئوقۇغۇنۇمدا بولسا، قاپاق تەمى بېرىدىغان، بەرباد شەكىلدە ھىسىياتچان ۋە ناچار يېزىلغان بىر كىتاپكەن دەپ ئويلۇدۇم. يىگىرمە سەككىز يېشىمدا، كىتاپلىرىمنىڭ بىرىدە دوستويېۋسكىي ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقاندا يەنە ئوقۇدۇم. ‹جىنايەت ۋە جازا›نى ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتېتلىرىدە سۆزلەشكە توغرا كەلگىنىدە يەنە بىر قېتىم ئوقۇدۇم. كىتاپتىكى مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېخى يېقىنقى چاغقا كېلىپ چۈشەندىم:

«پىكرىمچە، بۇ يوغان كىتاپنىڭ ئېتىك [ئەخلاقشۇناسلىق] ۋە ئىستېتىك نۇقتىدىن تامامەن يېمىرىلىشىگە سەۋەپ بولغان قۇسۇر، گەۋدىسىدىكى ئۇ يېرىق 4-قىسىم 4-باپتا. [راسكولنىكوۋنىڭ سونىيا ئارقىلىق ‹ئىنجىل›غا ئېرىشكەنلىكى مەزمۇنلىرى].

«شۇ ئاخمىقانە جۈملىگە قاراڭ: ‹مايماق شامداندا ئۆچۈشكە يۈز تۇتقان شام، بۇ كۆڭۈلسىز ھوجرىدا، ئۆلمەس كىتاپنى ئوقۇش ئۈچۈن غەلىتە يوسۇندا تېپىشقان قاتىل بىلەن پاھىشەنى گۇڭگا يورۇتۇپ تۇراتتى.› ‹قاتىل بىلەن پاھىشە› ۋە ‹ئۆلمەس كىتاپ› — ئاجايىپ ئۈچ بۇلۇڭ!

«خوش، بۇ تەسۋىرلەردە قورقۇنۇچ شەكىلدە خاتا بولغان نېمە ئۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنداق خام ۋە سەنئەتكارلىقتىن ئۇزاقتۇر؟ مېنىڭچە نە بىر ھەقىقىي سەنئەتكار، نە بىر ھەقىقىي ئەخلاقچى، ياكى بىر ياخشى خرستيان ياكى بىر ياخشى پەيلاسوپ، نە بىر شائىر ياكى بىر جەمىيەتشۇناس — خاتا بىر ئۇزسۆزلۈك [چىرايلىق سۆز تىزىش]نى دەپ بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىق كاللىلارنى مۇقەددەس كىتاپ ئۈستىگە ئېڭىشتۈرگەن،  بىر قاتىل بىلەن بىر كوچا جالىپىنى يانمۇ-يان قويماسلىقى كېرەك. [مېنىڭچە بۇ غەلىتە سەۋەپ پەقەتلا چۈشۈنۈكسىزدۇر]

«پاھىشە ئەڭ باشتىنلا گۇناھكار دەپ قارىلىدۇ. مېنىڭچە بولسا، سەنئەتكار ھىچنەرسىنى باشتىنلا قوبۇل قىلمايدىغان كىشىدۇر.

«بىلىشىمىزگە كۆرە دوستويېۋسكىي بۈيۈك بىر ھەقىقەت ئىزدىگۈچى، روھىي كېسەللەر بابىدا بىر داھىدۇر، ئەمما ئۇنىڭ تولستوي، پۇشكىن، چېخوۋدەك بۈيۈك يازغۇچى ئەمەسلىكىمۇ ئەمەلىيەت. تەكرارلايمەن، ياراتقان دۇنياسىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقىدىن ئەمەس بۇ — چۈنكى يازغۇچىنىڭ دۇنيالىرى ھەرقاچان ئەمەلىيەت تېشى بولۇدۇ. .... »

لېۋ تولستوي

تولستوينىڭ «ئاننا كارېنىنا»سى لىكسىيىدە سۆزلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا «ئىۋان ئىلئىچنىڭ ئۆلۈمى» تىلغا ئېلىنغان. نابوكوۋنىڭ ئەڭ ئىقتىدا قىلىدىغىنى تولستوي بولۇپ، ئۇنى فلوبېرتقا تەڭلەشتۈرگىلى تاس قالۇدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئەڭ چوقۇنۇدۇغىنى فلوبېرت ۋە ئۇنىڭ «بوۋارى خانىم»ى بولۇپ، «ئاننا كارېنىنا»نى ئەنە شۇنىڭغا يېقىن بىر سەۋىيىدە مەدھىيىلەيدۇ.

«تولستوي نەسرىي ئەسەرلەردە رۇسلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك يازغۇچىسىدۇر.

«سەلتەنەتلىكنىڭمۇ سەلتەنەتلىكى «ئىۋان ئىلئىچنىڭ ئۆلۈمى...

«ئەدەبىياتنىڭ ئەسلى ئىشلەش پىرىنسىپى پىكىر ئەمەس، سۆز، ئىپادە، ئىماگ (سۈرەتلەش)دۇر.

«[ئاننا بىلەن ۋىرونىسكىينىڭ ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان چۈشلىرى ھەققىدە] تەخمىن قىلغىنىڭىزدەك، چۈشلەرنىڭ فرىئۇدچى تەبىرلىرىگە تەكەللۇپ بىلەن، ئەمما كەسكىن تەرزدە قارشى چىقىمەن.

«ئاڭ ئېقىشى ياكى ئىچ مونولوگ جېيمىس جويستىن خېلى بۇرۇن رۇس يازغۇچىسى تولستوي تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغانىدى... تولستويدا بۇ ئۇسۇل تېخى قوپال پىچىمدا ئىدى، يازغۇچى ئازراق بولسىمۇ ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلغان، ئەمما جويس بولسا بۇنى يېزىقتا مۈمكىن بولۇدۇغان ئەڭ يۈكسەككە كۆتۈرۈپ، تامامەن ئوبېكتىپ بىر زىيارەت دەپتىرى ھالىغا كەلتۈرگەندۇر».

نابوكوۋنىڭ دەرس لىكسىيەلىرىدە ئەڭ تەپسىلىي توختالغىنى «ئاننا كارېنىنا» بولۇپ، ھەربىر پىرسۇناژ ئۈستىدە ئايرىم توختۇلۇش بىلەنلا قالماي، بەزى ھالەتلەر، قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى،... ھەققىدىمۇ ئاجايىپ ئىنچىكە توختالغان. بۇلاردىن باشقا ھەتتا ئاننانىڭ موسكۋا پېتېرسبۇرگ ئارىلىقىدا ئولتۇرغان پويېزنىڭ ياتاقلىق ۋاگونىنىمۇ سىزىپ چىققان. بۇنداق سىزمىلار خېلى كۆپ.

بۇندىن باشقا دوستويېۋسكىي بىلەن تولستوي دىندارلىقىنىڭ پەرقىنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈشنى ئارتۇق كۆرمىگەن: دوستويېۋسكىي گويا دىندار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، دىننىڭ ئاخىرقى قۇتقازغۇچىلىقىنى ئىشارە قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزى بىر دىنسىز ۋە گۇناھكار ئىدى؛ تولستوي بولسا كۈنسېرى تەقۋالىشىپ، ئاخىرىدا ھەتتا ئائىلىسىنى، پاراغەت تۇرمۇشىنى تاشلاپ موناخ بولۇش ئۈچۈن ماناستېرغا قاراپ يولغا چىققاندا ۋوگزالدا پويېز كۈتۈش زالىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئۆلۈپ قالغان دېگەن مەزمۇنلارنىمۇ قوشۇپ قويۇدۇ.

ئانتون چېخوۋ

چېخوۋنىڭ «كۈچۈك يېتىلىگەن ئايال»، «چوڭقۇردا»، «چايكا ھەققىدە نوتلار» قاتارلىق ئۈچ ئەسىرى لىكسىيىدە تىلغا ئېلىنغان. باشقا ئەسەرلىرى ئومۇملاشتۇرۇپ باھالانغان.

«[چېخوۋ] ھاياتى بويىچە ھەر خىل ئادالەتسىزلىككە قارشى چوقان سالدى، ئەمما بۇنى بىر يازغۇچى سۈپىتىدە قىلدى.

«چېخوۋ بىزگە، گوركىيغا ياكى ھەرقانداق بىر سوۋېت يازغۇچىسىغا ئوخشاش خاراكتېر(پىرسۇناژ)نى بىر دەرس ۋاسىتىسى قىلىپ، سوستيالىستىك ئەمەلىيەتتەك كۆرسۈتۈپ، ئۇنى باشقا جەھەتلەردىنمۇ بەك ياخشى كۆرسەتمەكتىن كۆرە (ئادەتتىكى بۇرژۇئا ھىكايىلىرىدا ئانىسىنى ياكى ئىتىنى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ يامان ئادەم ئەمەسلىكى كەبى) سىياسىي دارىتمىلارنى ياكى ئەدەبىي ئەنئەنىلەرنى كۆزىگە ئىلمىگەن ھالدا، جانلىق بىر ئىنساننى تەقدىم قىلىدۇ.

«21-ئەسىردە رۇسىيە ھازىرقىدىن خېلى بەك ياخشى بىر دۆلەت بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. گوركىي دەرس كىتاپلىرىدا بىر ئىسىم بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالۇدۇ، ئەمما قىيىن

 دەرەخلىرى، كۈن پېتىشلار، يېزىش ئىستىكى مەۋجۇتلا بولۇدۇكەن چېخوۋ ياشاۋېرىدۇ.

«[چېخوۋنىڭ] سۆزلۈكى كەمبىغەل، سۆز بىرىكمىلىرى بەكمۇ ئاددى سانىلىشى — كۈمۈش پەتنۇسلاردا سۇنۇلۇدۇغان كۆركەم ئابزاستلار، لەززەتلىك پېئىللار، تۇنجى مېۋىدەك سۈپەتلەر، شەربەتلەردەك لەقەملەر ئۇنىڭغا ياتتۇر. گوگولدەك سۆز ياراتقۇچى ئەمەس، چېخوۋ زىياپەت، ئولتۇرۇشلارغا ئادەتتىكى كىملىرى بىلەن بېرىۋېرىدۇ. مانا شۇنداق تۇرۇپ چېخوۋ، بىر يازغۇچىنىڭ سۆز تېخنىكىدا پەۋقۇلئاددە جانلىقلىق بولماي تۇرۇپمۇ ياكى جۈملىلەرنى ئېگىپ-پۈكۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەي تۇرۇپمۇ مۇكەممەل بىر سەنئەتكار بولغىلى بولۇدۇغانلىىنىڭ ئۈلگۈسىنى ياراتتى. [بۇ ئاجايىپ قارىمۇ-قارشىدەك تۇيۇلۇدۇغان مەزمۇنلار مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. توۋا، سۆزنى كۆپ بىلمىسە، يېڭى ئىجادىي بىرنېمىلىرى بولمىسا قانداقمۇ سەنئەتكار بولغىلى بولار؟ ئەمما كۆپ ئۆتمەي، ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدىكى بەزى قوشاقلار (ياكى ناخشا تېكستلىرى) يادىمغا كېلىپ، بۇنىڭ راستلىقىنىڭ مىساللىرىنى ئۆزىمىزدىنلا تاپتىم. بۇنىڭغا قاراڭلار:

ئاسمانىڭدا ئاي بولۇپ جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم،

پىيالەڭدە چاي بولۇپ، لەۋلەرىڭنى كۆيدۈرسەم.

 

بۇنىڭدىكى سۆزلەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆرت ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىسىدىن سورىسىڭىز ھەممىسىنى بىلىدۇ. شۇ قەدەر ئاددىيكى، ئەڭ دەسلەپ تىلى چىقىش بىلەنلا ئۈگۈنۈلۈدۇغان ئادەتتىكى سۆزلەر. بۇنىڭغا يىللار بويى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش، مىڭلارچە كىتاپ ئوقۇپ سۆزلۈك ئامبىرىنى بېيىتىشقا توغرا كەلمىگەن ئاددىي بىر دىھقان قوشاقچىنىڭ ياكى ئاشىق بولغان دىھقان يىگىتنىڭ قەلبىدىن چىققانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. بۇ قەدەر ئاددىي سۆزلەردىن تەركىپ تاپقان بۇ قوشاقتىكى سېھرىي كۈچكە، ئوخشۇتۇشنىڭ قۇدرىتىگە قاراڭ! كېيىنكى ئاتمىش يىللىق يازما ئەدەبىياتىمىزدا مەشھۇر، داڭلىق ئاتالغان قايسى شائىرنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك سىزىپ-جىجاشلىرى ئىچىدىن بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان بىرەر قۇرنى تاپالايسىز؟ بۇ ياش دىھقان، ئاشىق يىگىت قانداقلارچە بۇنداق ئېسىل بىر سەنئەت ئەسىرىنى بارلىققا كەلتۈردى؟ بۇنىڭ بىرلا جاۋابى بار: سۈنئىيلىكتىن خالىي، ساپ ھىسىياتنىڭ، چىن ئارزۇنىڭ پارتلىشىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن. بۇ خۇددى كۈچلۈك ۋولقاننىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان چوققىغا ئوخشايدۇ. ئەسلى بىزنىڭ تىلەيدىغىنىمىز، كۈتىدىغىنىمىز سۆيۈدىغىنىمىز مانا مۇشۇنداق ساپ نەرسىلەر ئەمەسمۇ؟

يەنە بار:

ھەجەپمۇ كەلمىدىڭ يارىم، قېشىڭغا بارغۇدەك بولدۇم،

قولۇمغا قوش پىچاق ئالىپ يۈرەكنى يارغۇدەك بولدۇم.

 

بۇنىسىمۇ بەك ئادەتتىكى سۆزلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇشىغا قارىماي، ئوقۇغۇچىنىڭ «تەكرار ئىجادىيىتى» ئۈچۈن قالدۇرۇلغان مەخپىيەتلىكمۇ بار. نېمە ئۇ؟ كەلمەيۋاتقان يارنىڭ ئىستىمىگەنلىكلىدىن، سۆيمىگەنلىكىدىن، ۋاپاسىزلىقىدىن ئەمەس، يولىنى توسۇۋالغان رەقىپ تۈپەيلىدىن كېلەلمىگەنلىكىنى يۈرىكى سېزىپ تۇرۇدۇ. شۇڭا قولىغا قوش پىچاق ئالماقچى! بىر پىچاق بىلەنمۇ بىرمۇنچە يۈرەكنى يارغىلى بولۇدۇغان تۇرسا، نېمىشقا قوش پىچاق لازىم بولدى؟ بىرىدە رەقىپنىڭ قارنىنى يارىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىپلاس قېنىدا بۇلغانغان پىچاقنى ئۆز يۈرىكىگە سېلىشنى كۆڭلى كۆتۈرمەيدۇ. شۇڭا يەنە بىر پىچاق بىلەن ئۆز يۈرىكىنى يارىدۇ!

ئەي مەدھىيەۋازلار! سىلەر 60 يىللىق يازما ئەدەبىياتتىن، ئۆزەڭلار مەشھۇر دەپ ئىشەنگەنلەرنىڭ شېئىرلىرىدىن بۇلارنى بېسىپ چۈشۈدۇغان مىسرالارنى كۆرسۈتەلەمسىلەر؟ بىز بۈگۈنگىچە پاخپاق ئەخلەتلەرنى، شاتۇتىنىڭ دورامچىلىقلىرىنى، بىر قېلىپتىن چىققاندەك تەكرار ئۇقۇملارنى، ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئەقلىيەلەرنىڭ مىسراغا تىزىلغان قاپىيەلىك شەكلىنى شېئىر دەپ ئېتىراپ قىلغىنىمىز يەتمىگەندەك، «پالانى مەتخالىق ئالامەت يېزىۋېتىدۇ جۇما!» دەيدىغىنىمىز تېخىمۇ ئازغۇنلۇق ئەمەسمىدۇر؟]

«تۇرگىنېۋ ئولتۇرۇۋېلىپ بىر مەنزىرىنى تەسۋىرلىكى تۇرسا، ئىپادىلىرىنىڭ خۇددى شىمنىڭ دەزمىلىدەك سىلىق ھەم ئىلىپتەك بولۇشىغا دىققەت قىلاتتى؛ پاچاقنى پاچاق ئۈستىگە مىنگەشتۈرگەندە كۆزلىرى پايپاقلارنىڭ رەڭگىدە بولاتتى. چېخوۋنىڭ بۇلار بىلەن چاتىقى يوق؛ بۇ خۇسۇسلار ئەھمىيەتسىز بولغىنىدىن ئەمەس — چۈنكى بەزى يازغۇچىلار ئۈچۈن توغرا تەركىپ مەۋجۇت بولغىنىدا بۇلار تەبىئىي ۋە ناھايىتى گۈزەل بىر پىچىمدا موھىمدۇر — ئەمما چېخوۋنىڭ تەركىبى سۆزلۈك نازۇكلۇكىغا يات بولغىنىدىن. ھەتتا، بىرەر گەرامماتىكىلىق خاتانى ياكى گېزىتتىن ئېلىنغاندەك تۇرۇدۇغان لوپۇلدىما بىر جۈملىنى نەزەرگە ئېلىپ ئولتۇرمايتى. ئىشنىڭ سېھىرلىك تەرىپى، چېخوۋ ئەقىللىق بىر كەسپ ئەھلى بولمىغان ئادەمنىڭمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇدۇغان قۇسۇرلارغا تاقەت قىلىشى، سۆزلەر ئىچىدە كوچىدىكى ئادەمنى، كوچا سۆزلىرىنى كۆرۈشتىن خېلىلا مەمنۇن بولۇشىغا قارىماي، سەنئەتكارلارچە گۈزەللىك ئېقىمى خۇسۇسىدا نەسرىي ئەسەرنىڭ نېمىلىكىنى چۈشۈنۈشتىكى باي غەزنىسىدىن ماختىنىدىغان بىرمۇنچە يازغۇچىنى بېسىپ چۈشۈشىدۇر. سۆزلىرىنى ئوخشاش گۇڭگا چىراق ئاستىدا، پۈتۈنلەي كۈلرەڭ توندا تۇتۇپ قىلاتتى. بۇ كۈلرەڭ تون كونا بىر باغ چىتىنىڭ رەڭگى بىلەن، پەس بىر بۇلۇتنىڭ رەڭگى ئارىسىدا ئىدى. چېخوۋنىڭ روھىي ھالەت بايلىقى، تەسىرچان ئەقىل تىترىشىملىرى، خاراكتېر سىزمىلىرىدىكى سەنئەتكارچە ئىقتىساتچىللىق، جانلىق تەپسىلاتلار ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ سولغۇنلاشتۇرۇلۇشى — چېخوۋغا خاس بارلىق خۇسۇسىيەتلەر — يەڭگىل سەكرەتمىلەر، غۇۋا بىر سۆزلۈك بىلەن ئورۇلۇپ، قورشۇلۇپ كۈچلەندۈرۈلگەندۇر.

«چېخوۋ ھىكايىلىرىدا دائىما سەندىرەكلەشلەرنى كۆرۈمىز. ئەمما بۇ سەندىرەكلەشلەر يۇلتۇزلارغا قاراۋاتقان بىرىنىڭ سەندىرەكلىشىدۇر. بۇ ئادەم بەختسىزدۇر ۋە باشقىلارنىمۇ بەختسىز قىلىدۇ؛ قېرىنداشلىرىنى، ئەڭ يېقىندىكىلىرىنى ئەمەس، يىراقلىرىدىكىنى ياخشى كۆرۈدۇ. ئۇزاق بىر دۆلەتتىكى زەڭگى (نېگىر، قارا تەنلىك) نىڭ ھالى، بىر خىتاي ھاممال، ئۇراللاردىكى بىر ئىشچى ئۇنىڭغا قوشنىسىنىڭ قارا بەختىدىن ياكى خوتۇنىنىڭ چاتاقلىرىدىنمۇ كەسكىن بىر مەنىۋىي ئازاپ بېرىدۇ...

«ھىچقاچان ئىجتىمائىي ياكى ئەخلاقىي بىر تەلىم بېرىش ئۇرۇنۇشىدا بولمىغان بولسىمۇ، چېخوۋنىڭ دېھاسى ئىختىيارسىز يوسۇندا ئاچ،نېمە قىلىشىنى بىلمەيدىغان، پەس كۆرۈلگەن، غەزەپلىك يېزىلىقلارنىڭ رۇسىيەسىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ ئەمەلىيەتنى، باشقا بىرمۇنچە يازغۇچىدىن — مەسىلەن، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي پىكىرلىرىنى  بوياقلىق قونچاقلارنىڭ پاراتلىرى ئىچىدە كىبىر بىلەن نامايىش قىلغان گوركىيدىنمۇ جىقراق پاش قىلغان. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، دوستويېۋىسكىي ياكى گوركىينى چېخوۋنىڭ ئورنىغا تاللىغانلارنىڭ رۇس ئەدەبىياتى ۋە رۇس ھاياتىنىڭ ئاساسىنى، تېخىمۇ موھىمى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرىنى چۈشۈنەلمىگەنلىكىنى دېيىشىم مۈمكىن.

«[چېخوۋ] ھىكايىلىرىنىڭ تەرتىپلىك يۇقۇرى پەللىسى يوق، ئاخىرقى نەتىجىسىدىمۇ ئەخلاق دەرسى چىقمايدۇ.

«ھىكايىلىرى بىر دولقۇن سىستېمى، شۇ ياكى بۇ روھىي ھالەتلەرنىڭ كۆلەڭگىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. گوركىنىڭ دۇنياسىدا ‹ماددا› بۇ دۇنيانى ھاسىل قىلغان مالىكۇلا بولغان بولسا، چېخوۋدا ماددا پارچىلىرى ئورنىدا دولقۇننى كۆرۈمىز. ئەسلىدە بۇ زامانىۋىي ئىلىم-پەننىڭ كائىنات چۈشەنچىسىگە تېخىمۇ يېقىندۇر. [يېقىنقى زامانلاردا مىستىك قاراشلاردىكى دۇنيا بىر يوقلۇقتىن ئىبارەتتۇر دېگەن قاراش پەن تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. ماددىنى تۈزگۈچى زەررىچىلەرنىڭ ۋە ئۇنى تۈزگۈچى ئاتوم، ئاتوم يادروسى، ئېلىكترونلارنىڭ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاخىرىدا بىر دولقۇن — مەيىن بىر دولقۇندىن باشقا نەرسە بولمىشى، نابوكوۋنىڭ ئىشارە قىلىۋاتقىنى بولسا كېرەك]

«ئەسلىدە — كى بۇ ھەقىقىي دېھالاردا تۇغما ئالاھىدىلىكتۇر — چېخوۋ ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ بىلەن ئەڭ ئاددىينىڭ پەرقى يوق؛ تاۋۇز تىلىمى ۋە لەيلەك رەڭگى، دېڭىزغا ئوخشاش ۋالىنىڭ قوللىرىمۇ ‹گۈزەللىك قوشۇلغان رەھىمدىللىك›تىن ھاسىل بولغان بىر دۇنيانىڭ مىخانىك نۇقتىلىرى ئىكەنلىكىنى سېزىمىز».

ماكسىم گوركىي

گوركىي ھەققىدە ئومۇمەن ئىجادىيتى ئىككىنچى دەرىجىدە، ناچار ۋە سۈپەتسىز باھالانغان بولۇپ، گوركىينىڭ شەخسىي كىشىلىكى مەلۇم دەرىجىدە ئىجابىي باھالانغان. گوركىينىڭ يازغۇچى بولغاندىن كېيىن تاپقان پۇللىرىنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلغانلىقى، يىتىمخانىلار قۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىش تۇتۇمى بار. گوركىنىڭ ئاخىرقى پەيتلەردە پۇشايمان قىلغانلىقى، چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمەسلىك نىيىتىگە كەلگىنىدە، چىقىشىغا ئىجازەت بېرىلمەي، ك گ ب تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئوتتۇرىدا كېزىپ يۈرگەن مىش-مىشلارنى نابوكوۋمۇ توغرا تاپقان.

گوركىينىڭ «ئانا» رومانى ئىككىنچى دەرىجىدىكى رومانلار قاتارىدا بىر ئېغىز باھا بىلەن ئاتلاپ ئۆتۈلگەن. دەرس لىكسىيىسىگە «سال ئۈستىدە» دېگەن بىرلا ھىكايىسى كىرگۈزۈلگەن. شۇنداق بولسىمۇ، «يىگىرمە ئالتە ئادەم ۋە بىر قىز» دېگەندەكلەرمۇ تىلغا ئېلىنىپ، تەنقىدلەنگەن.

«گوركىي ئىجاتكارانە بىر سەنئەتكار بابىدىن ئېيتقاندا بەك ئېتىۋارغا ئالغۇدەك يازغۇچى ئەمەس، پەقەت رۇسىيىنىڭ ئىجتىمائىي ھايات قۇرۇلمىسى ئىچىدىكى رەڭلىك بىر ئۇنسۇر سۈپىتىدە دىققەتنى تارتىدۇ.

«گوركىي، سەنئىتىنىڭ يوقسۇللۇقى ۋە پىكىر داشقايناقلىقىنى ئەملەشكە يارايدىغان بىرنەرسىلەرنى تېپىش ئىھتىياجى سېزىپ، دايىم دىققەت قوزغايدىغان تېمىلار، قارشىلىقلار، زىددىيەتلەر، شىددەتلىك ۋە قاتتىق نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىدا يۈرەتتى. ... بۇ گويا يېڭى بىر نەرسىمىش كەبى كۆرۈنەتتى، ئەمما يېقىندىن كۈزۈتۈلگەندە، ھىكايىنىڭ ھىسىياتچان ۋە مىلودراماتىك يازغۇچىلىق ئېكولىنىڭ ئەڭ ناچار ئۈلگىلىرىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋىي، تۈز ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇدۇ. بىزگە تونۇش بولمىغان بىرمۇ سۆز، بىرمۇ جۈملە يوق؛ ئاچقىزىل شېكەرنىڭ ئۈستىگە بىرئاز ئۇز كۆرۈنسۇن دەپ قۇرۇم سۈركىگەن، خالاس».

قىسقىچە خۇلاسە

بۇ دەرسنىڭ موھىم نۇقتىسىنى بىرنەچچە جۈملىگە يىغىنچاقلاش مۈمكىن: ئەدەبىيات تىل سەنئىتى، سۆز سەنئىتى، تىل ئىشلىتىش ماھىرلىقى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ۋەقەلەر ھەققىدىكى راپورت ئەمەس! ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۈچۈن ئۈستۈن سەۋىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈش شەرت ئەمەس، سەممىي بولۇش، چىن ھىسىيات بىلەن ئىجات قىلىش، چىن ئارزۇنى ئىپادىلەش؛ باشقىلار ۋەزىپە قىلغان پىكىرلەرنىڭ جارچىسى بولماسلىق، ھاشار ئەمگىكىگە قاتناشقان كىشىدەك زورلانماسلىق، زورۇقماسلىق كېرەك.

 

«دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرى»

 

بۇ كىتاپ جون ئاپدىكنىڭ كىرىش سۆزى ۋە نابوكوۋنىڭ «ياخشى ئوقۇرمەنلەر ۋە ياخشى يازغۇچىلار» ماۋزۇلۇق بىر تېكسىتى بىلەن باشلانغان.

جون ئاپدايك (John Updike) نابوكوۋنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ فامىلىسى نابوكوۋنىڭ نابوب تىن — سۆز يىلتىزى ئەرەپچىدىن تۈرلەنگەنلىكىنى ۋە 14-ئەسىردىكى تاتار شەھزادىسى نابوك مىرزا تەرىپىدىن كەلتۈرلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نابوكوۋنىڭ ئەدەبىيا قاراشلىرى توغرىسىدا كۆپرەك «ئېدموند ۋىلسون — نابوكوۋ مەكتۇپلىرى»دىن پايدىلانغان. نابوكوۋ ۋىلسونغا يازغان مەكتۇپلىرىدا بەزى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نابوكوۋ ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتېتلىرىدىن ئامېرىكا خەلقارا مائارىپ ئىنستىتوتى، ستانفورد ئۇنۋېرسىتېتى، كورنېلل ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردا رۇس ئەدەبىياتى، سىلاۋيان ئەدەبىياتى، دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرى بەرگەن. بىرنەرسە دىققىتىمنى تارتتى: نابوكوۋ كورنېلل ئۇنۋېرسىتېتىدا دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرىگە باشلاش ئالدىدا ۋىلسونغا يازغان خېتىدە ئۆزىنىڭ يېقىندا دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرىگە باشلايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئېنگىلىز ئەدەبىياتىغا ئائىت تەۋسىيەلىرىنى سورىماقچى ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ئاز ئىككى يازغۇچى تەۋسىيە قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ يازىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا ۋىلسوننىڭ جاۋابىدا بولۇپ، ۋىلسون، «ئېنگىلىز رومانچىلىرى ھەققىدە، ماڭا كۆرە ھىچكىمگە تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەڭ بۈيۈك ئىككىسى (ئېرلاندىيىلىك بولغىنى ئۈچۈن جويسنى سىرتتا قالدۇرغاندا) دىكېنس ۋە جېين ئائۇستىندۇر. تېخى باشلىمىغان بولساڭ «چۆلسىرىگەن ئۆي» (Bleak House) ۋە «كىچىك دوررىت»نىڭ ئاخىرقى دەۋر دىكىنىسىنى بىر قېتىم تەكرار ئوقۇپ باق. جېين ئائۇستىننىڭ باشتىن ئاخىر ھەر نەرسىسىنى، ھەتتا پۈتمىگەن پارچىلىرىنىمۇ ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ». جاۋاپ خەتنىڭ جېين ئائۇستىن ھەققىدىكى قۇرلىرىغا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ كىرىش سۆزدە نابوكوۋنىڭ ئەدەبىيات قاراشلىرى ھەققىدە نەقىل قىلىنغان بەزى جۈملىلەر:

«ئۇسلۇپ ۋە قۇرۇلما كىتاپنىڭ ئۆزىدۇر، ئۇلۇغۋار پىكىرلەر بولسا لاۋزىلىقتۇر.

«ئىشنىڭ توغرىسى، بۈيۈك رومانلار — سەلتەنەتلىك پەرى ھىكايىلىرىدۇر ۋە بۇ تۈركۈمدىكى رومانلار ئۈستۈن ھىكايىلەردۇر... ئەدەبىيات — بىر ئوغۇل بالا ‹بۆرى!› دەپ ۋارقىرىغان ۋە ئارقىدىن ھىچبىر بۆرى كەلمىگەن كۈنى تۇغۇلدى.

«توغرا بىر شېئىر نەزىرىيىسىنى تىلغا ئېلىشنى ئارزۇ قىلساق، رىياللىقنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشنى زۆرۈر دەپ بىلىمىز، چۈنكى رىياللىق شېئىرنىڭ ئاساسىي يوللىمىسىدۇر».

نابوكوۋغا كۆرە بولسا رىياللىق، بىر قۇرۇلمىدىنمۇ ئۆتەراق، بىر ئالداش يوپۇقى ۋە ئادىتىگە ئىگە.

«ھەر بۈيۈك يازغۇچى بۈيۈك ھىلىگەردۇر، ئەمما ئەڭ باش ھىلىگەر تەبىئەتمۇ بۈيۈك بىر ھىلىگەردۇر.

«دۇنيا — سەنئەتنىڭ خام ماتىرىيالى — ئەمەلىيەتتە سەنئەتكارانە مەخلاۇقتۇر [يارىتىلغۇچى].

كافكانىڭ باي تىراگىك-كومېدىيىسىنىڭ ھەممىسىدىكى مەۋھۇملۇقنىڭ نابوكوۋنىڭ ئېتىقادىدا ئورنى يوق.

كىرىش سۆزدىن ئالىدىغىنىمىز تۈگىدى.

«‹بوۋارى خانىم›دا بۇرژۇئازىيە تەنقىدلەنگەن دېگەندەك مۇقۇملاشقان چۈشەنچە بىلەن ئوقۇشقا باشلاشتەك يازغۇچىغا ھەقسىزلىق قىلىش ياكى بىزار قىلغۇچى بىر نەرسە بولمىسا كېرەك. سەنئەت ئەسىرىنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا يېڭى بىر دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ئىكەنلىكىنى دايىم ئەستە تۇتۇشىمىز لازىم.

«بىر روماندىن جايلار ۋە دەۋرلەر ھەققىدە مەلۇمات توپلاشنى ئۈمىت قىلالامدۇق؟ ھەرقانداق بىر كىشى تارىخىي رومان ۋىۋىسكىسى ئاستىدا كىتاپ كلۇپلىرىنىڭ سەييارە ساتقۇچىلىقىنى قىلىدىغان ئېتىگە تولغان بازارلىق كىتاپلار يايمىسىدىن كەچمىش ھەققىدە ھەرقانداق بىرنەرسە ئۈگۈنەلەيمەن دەپ ئويلايدىغانلاردەك نادان بولۇشى مۈمكىنمۇ؟ خوش، داڭلىق ئەسەرلەر قانداق؟ پۈتۈن بىلىدىغىنى مەلۇم بىر پوپنىڭ دالان ئۆيى بولغان جېين ئائۇستىننىڭ بارونلىرى، مەنزىرىلىك قورۇقلىرى بىلەن يەر ئىگىلىرىنىڭ ئەنگىلىيىسى تەسۋىرلىرىگە ئىشىنىشىمىز مۈمكىنمىدۇر؟ ۋە ‹چۆلدەرىگەن ئۆي›، پەۋقۇلئاددە بىر لوندون ئىچىدە پەۋقۇلئاددە مۇھەببەت ھىكايىسىگە، يۈز يىل بۇرۇنقى لوندوننىڭ تەتقىقاتى دىيەلەمدۇق؟ ئەلۋەتتە دىيەلمەيمىز.

«زامان ۋە ماكان، مەۋسۇملارنىڭ رەڭلىرى، مۇسكۇللارنىڭ ۋە زېھىننىڭ ھەركەتلىرى،... بۇلارنىڭ ھەممىسى دېھاسى بولغان يازغۇچى ئۈچۈن ( تەخمىن قىلغىلى بولۇدۇغان مىقداردا ۋە توغرا تەخمىن قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن) ئاممىۋىي ھەقىقەتلەرنىڭ سەييارە كۈتۈپخانىلىرىدىن ئارىيەت ئالغىلى بولۇدۇغان ئەنئەنىۋىي پىكىرلەر ئەمەس، ئۇستا سەنئەتكارلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس پىچىمدا ئىپادە قىلىشنى ئۈگەنگەن بىر قاتار ئاجايىباتلىرىدۇر. ئۇششاق يازغۇچىلارغا ئادەتتىكى ھادىسىلەرنى پەدەزلاشلا قالۇدۇ: بۇلار دۇنيانى يېڭىدىن كەشپ قىلىش جاپاسىنى تارتىپ يۈرمەيدۇ، پەقەت مەۋجۇت تەرتىپتىن، توقۇلمىنىڭ [نابوكوۋ ‹رومان› دېگەن سۆز بىلەن ‹توقۇلما› دېگەن سۆزنى دايىملا پاراللېل ئىشلىتىدۇ] ئەنئەنىۋىي قېلىپلىرىدىن قولىدىن كېلىشىچە كۆپرەك سىقىپ چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. بۇ كىچىك يازغۇچى [ئادەتتىكى يازغۇچىلارنى دېمەكچى، بۈيۈك سەنئەتكارلارنىڭ تەتۈرى]لارنىڭ بۇ چەكلىمە ئىچىدە ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىرىنىڭ تۈرلۈك كومبىناتسىيەلىرى قىسقا مۇددەت يېتەرلىك دەرىجىدە قىزىقارلىق بولۇشى مۈمكىن، چۈنكى كىچىك ئوقۇرمەنلەر [بۇمۇ سەنئەتنى چۈشەنمەيدىغان، ۋەقە قوغلۇشۇپ ئوقۇيدۇغان بىچارىلەرنى بىلدۈرۈدۇ] يېقىملىق بىر مەخپىيەتلىك ئىچىدە ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى كۆرۈشتىن زوقلۇنۇدۇ....ئەگەر ئەڭ باشتىنلا دۇنيانى توقۇلمىنىڭ مۈمكىنلىكى سۈپىتىدە كۆرۈش سەنئىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولسا يېزىش سەنئىتى بەكلا بىكار بىر ئىشتۇر. بۇ دۇنيانىڭ ماتىرىيالى يېتەرلىك دەرىجىدە رىيال بولۇشى مۈمكىن (رىياللىق قانچىلىك رىيال بولالىسا) ئەمما بۇ ماتىرىيال قوبۇل قىلىنغان بىر پۈتۈنلۈك ھالىتىدە تېپىلمايدۇ.

«ئەدەبىيات — بىر ئوغۇل بالا ‹بۆرى!› دەپ ۋارقىرىغان ۋە نېئادېرتال ۋادىسىدىن ئارقىسىدا يوغان بىر كۈلرەك بۆرى بىلەن يۈگرەپ كەلگەن كۈنى تۇغۇلمىدى. ئەدەبىيات — بىر ئوغۇل بالا ‹بۆرى› دەپ ۋارقىرىغان ئەمما ئارقىسىدىن ھىچبىر بۆرى كەلمىگەن كۈنى تۇغۇلدى. ئۇ بىچارە يىگىتنىڭ بەك تولا يالغان سۆزلەيدىغانلىقىدىن ئاخىرىدا ھەقىقەتەنمۇ بۆرىنىڭ يېۋەتكەنلىكى پەقەتلا ئەھمىيەتسىزدۇر. بۇ يەردە ئەھمىيەتلىك بولغىنى شۇ: ئۆسكىلەڭ چىملار ئارىسىدا ياتقان بۆرى بىلەن، مۇبالىغىلىق توقۇلغان ھىكايىدىكى بۆرى ئارىسىدا جۇلالىق بىر ۋاسىتىچى باردۇر. ئەنە شۇ ۋاستىچى، ئاشۇ پرىزما ئەدەبىيات سەنئەتتۇر.

«ئەدەبىيات ئىجادىيەتتۇر. توقۇلما توقۇلمىدۇر. بىر ھىكايىنى ھەقىقىي بىر ۋەقە دېيىش ھەم سەنئەتكە، ھەم دە ھەقىقەتكە ھاقارەتتۇر. ھەربىر بۈيۈك يازغۇچى بۈيۈك بىر ھىلىگەردۇر، ئەمما ئەڭ باش ھىلىگەر تەبىئەت، تېخىمۇ چوڭ ھىلىگەردۇر.

«سەنئەتنىڭ سىھرى، ئوغۇل بالىنىڭ بىلىپ تۇرۇپ توقۇپ چىققان بۆرىسى سايىسىدە، ئوغۇلنىڭ بۆرى چۈشىدە ئىدى، كېيىن ئوغۇلنىڭ ئوغۇل ئويۇنلىرىنىڭ ھىكايىسى ياخشى بىر ھىكايە بولۇپ قالدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئوغۇل ئوتتۇرىدىن يوق بولغاندا ئۇنىڭ ھەققىدە سۆزلەنگەن ھىكايە گۇلخان ئەتراپىدىكى قاراڭغۇلۇقتا ياخشى بىر دەرس ئالاھىدىلىكى قازاندى. ئەمما كىچىك بىر سېھىرۋاز بولغىنى ئۇ ئىدى. ئىجاتكار ئۇ ئىدى.

«بىر يازغۇچى ئۈچ كۆرۈش نۇقتىسىدىن: بىر ھىكايە سۆزلىگۈچى؛ بىر ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە ياكى بىر سېھىرۋاز سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىشى مۈمكىن. بۈيۈك بىر يازغۇچى بۇ ئۈچىنى يۇغۇرۇۋەتكەن بولۇدۇ؛ ئەمما ئەڭ موھىمى — ئۇنى بۈيۈك قىلغىنى ئۇنىڭ سېھىرۋازلىقىدۇر.

«ماڭا شۇنداق تۇيۇلۇدۇكى، بىر روماننىڭ ئالاھىدىلىكىنى  چېكىپ بېقىشنىڭ ئەڭ ياخشى فورمۇلاسى — ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلاندا — شېئىرنىڭ كەسكىنلىكى بىلەن بىلىمنىڭ سەزگۈسىنىڭ ئارىلاشمىسى. ئۇ سېھىرنىڭ تاتقىنى تېتىماق ئۈچۈن ئەقىللىق بىر ئوقۇغۇچى دېھا مەھسۇلى بولغان كىتاپنى يۈرىكى بىلەن، ئەقلى بىلەن ئەمەس، ئومۇرتقۇسى بىلەن ئوقۇيدۇ».

«ياخشى ئوقۇرمەنلەر ۋە ياخشى يازغۇچىلار»دىن

 

دۇنيا ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى ئاساسىي تېكست:

دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسى ئۈچۈن تاللانغان يازغۇچىلار شۇلار:

جېين ئائۇستىن، ئۇنىڭ «مانسفىېلد باغچىسى» رومانى؛ چارلېس دىكېنس، ئۇنىڭ «چۆلدەرىگەن ئۆي» رومانى؛ گۇستاۋ فلوبېرت، ئۇنىڭ «بوۋارى خانىم»ى؛ روبېرت ستېۋېنسون، ئۇنىڭ «غەلىتە بىر ۋەقە: دوختور جېكىلل ۋە ھايد ئەپەندى»؛ مارسېل پروۇست ۋە ئۇنىڭ «سۋاننلارنىڭ تەرىپى» (Swann's Way) (بۇ يەتتە توملۇق رومان «يۈتكەن دەۋرنىڭ ئىزىدىن»نىڭ بىرىنچى قىسمى. ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىنىڭ نامى: Remembrance of Things Past)؛ فرانز كافكا: «ئۆزگۈرۈش»؛ جېيمىس جويس: «يۇلىسېز» (ئوقۇلۇشى بويىچە ئالدىم). نابوكوۋ بۇ كىتاپتىمۇ دايىملا «بوۋارى خانىم»نىڭ ئېسىللىكىنى تەكىتلەپ تۇرۇدۇ. ئۇنىڭچە بۈگۈنگىچە يېزىلغان رومانلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى، ئەگەر فلوبېرت بولمىغان بولسا جويس تۇغۇلمايتى، دەپ قارايدۇ.

دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ بۇ ئۆرنەكلىرىدىن ئۇيغۇر كىتاپخانلىرى پەقەت «بوۋارى خانىم»نى تونۇيدۇ. ئەمما تەرجىمىسى تەرجىمىدىن تەرجىمە بولغاچقا بەك ئىشەنچلىك بولمىسا كېرەك. ئەدەبىي تەرجىمانلارنىڭ يوقۇرىقى ئاپتورلارغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەمدى باشلايلى.:

جېين ئائۇستىن — «مانسفىېلد باغچىسى» دەرسىدىن:

«مۇنداقلا قارىماققا جېين ئائۇستىن مىجەزى ۋە خامماتىرىيالى كونا مودا، سۈنئىي ۋە رىياللىق تېشى كۆرۈنۈدۇ. ئەمما بۇ يامان ئوقۇرمەن دۇچار بولغان يېڭىلىشلىقتۇر. ياخشى ئوقۇرمەن، كىتاپلار ھەققىدە توختالغاندا رىيال ھايات، رىيال ئىنسان ۋاھاكازالارنى ئىزدەشنىڭ مەنىسىزلىكىنى بىلىدۇ. بىر كىتاپتا بىر ئىنساننىڭ، بىر نەرسىنىڭ ياكى بىر ھالەتنىڭ رىياللىقى تامامەن شۇ كىتاپنىڭ دۇنياسىغا باغلىقتۇر. خاسلىقى بار بىر يازغۇچى دايىما خاسلىقى بار بىر دۇنيا ئىجات قىلىدۇ ۋە خاراكتېر ياكى بىر ۋەقە شۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا ئۇيغۇن بولسىلا، ئۇ ھالدا كىتاپ تەتقىقاتى قىلىدىغان، بۇيرۇتمىغا بىر نېمە يازىدىغان بىچارىلارنىڭ «رىيال ھايات» دەيدىغان نەرسىسىگە ئايلاندۇرۇلغاندا ئۇ كىشى، ئۇ نەرسە قانچىلىك نورمالسىز كۆرۈنسىمۇ بىز سەنئەت ھەقىقىتىنىڭ زوق بېرىدىغان تىترىتىشىنى تېتىۋېرىمىز. دېھاسى بولغان بىر يازغۇچى ئۈچۈن رىيال ھايات دەيدىغان بىر نەرسە يوقتۇر، ئۇنى ئۆزى يارىتىشى ۋە كېيىن نەتىجىسىنىمۇ يارىتىشى كېرەك.

«‹بوۋارى خانىم› ۋە ‹ئاننا كارېنىنا›دەك رومانلار، ماختاشقا لايىق بىر پىچىمدا، كونتروللۇق ئاستىدىكى ھەيۋەتلىك پارتلاشلاردۇر.

«مەكتۇپ يېزىش ئىشى [ئاساسىي باياننى بىرسىنىڭ مەكتۇبى شەكلىدە بېرىش ئۇسلۇبىنى دېمەكچى] ھىچقانداق بۈيۈك سەنئەتلىك قىممىتى بولمىغان قىسقا يولدۇر.

«ئۇسلۇپ، يازغۇچى مىجەز-خۇلقىنىڭ ئارىلاشمىسىنى ياكى خاراكتېرىستىكىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئۇسلۇپتىن سۆز ئاچقىنىمىزدا، خاسلىققا ئىگە يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەزىنى ۋە بۇ مىجەزنىڭ سەنئەتكارنىڭ ئەسەرلىرىدە [ئەسلى مەنبەدىكى مەنا ئەسەرلا ئەمەس، ئۇنىڭ تەرىپىدىن يارىتىلغان ھەر نەرسە] ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇمىز. ھاياتتىكى ھەر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بولۇشىغا قارىماي، مۇنازىرىگە لايىق بولغىنى ئۇ ياكى بۇ دېھاسى بولغان، خاسلىققا ئىگە يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبىدۇر. بۇنداق دېھا شۇئاننىڭ ئۆزىدە يازغۇچىدا يوق بولسا، ئەدەبىي ئۇسلۇبىدا ئۆزىنى ئىپادە قىلالمايدۇ.

«تالانتى بولمىغان بىر يازغۇچى قىممىتى بار بىرەر ئۇسلۇپ بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. بۇ ھالدا قىلالايدىغىنىنىڭ ئەڭ ئوبدىنى قەستەن بىر يەرگە توپلانغان، ئىلاھىي ئۇچقۇندىن يوقسۇل، سۈنئىي بىر مېخانىزم بولۇدۇ.

«مانا شۇ سەۋەپتىن، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئەدەبىي ئىقتىدارى يوق بولغان تەقدىردە بىرسىگە توقۇلما [رومان] يېزىشنى ئۈگەتكىلى بولۇدۇغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. پەقەت بۇ ئىقتىدارغا ئىگە بولغان بىر ياش يازغۇچىغا ئۆزىنى تېپىۋېلىشىغا، تىلىنى قېلىپبازلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىغا، ئەجەمىيلىك [كەسپ ئەھلىنىڭ تەتۈرىسى — بېجىرىكسىز، بۇجۇمبۇش، ئىشىنىڭ ئەھلى بولمىغان مەنىلىرىدە]لىرىنى تۈگۈتۈشىگە، ئۇيغۇن سۆزنى (پىكىرنىڭ دەل تونىنى ۋە ھەجمىنى مۈمكىنقەدەر كەسكىن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئەڭ ئۇيغۇن سۆزنى) كۆزىنى ئۈزمەستىن سەۋرچانلىق بىلەن ئىزدەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم قىلغىلى بولۇدۇ.

چارلېس دىكىنس — «چۆلدەرىگەن ئۆي»

« ئەگەر بۇ تىترەش [زوقلۇنۇشنىڭ ھاياجىنىدىن بارلىققا كەلگەن تىترەش]نىڭ تاتقىنى تېتىش قابىلىيىتىمىز بولمىسا، ئەگەر ئەدەبىياتتىن زوق ئالالمىساق، ئۇ ھالدا بۇ ئىشنى تاشلايلى، رەسىملىك رومانلارغا [بالا رومانلىرى]، تېلىۋىزورلىرىمىزغا، ھەپتىنىڭ كىتاپلىرىغا مەركەزلىشەيلى.

«‹چۆلدەرىگەن ئۆي› ھەققىدە مۇنازىرە قىلىۋاتقىنىمىزدا، كۆپ ئۆتمەيلا روماننىڭ رومانتىك ۋەقە زەنجىرىنىڭ بىر يېڭىلىشلىق ئىكەنلىكىنى، بەكمۇ سەنئەتلىك ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى بايقايمىز.

«ئەدەبىياتنىڭ جەمىيەتشۇناسلىق [توپلۇمبىلىم] ياكى سىياسىي تەسىرى ئۈستىدە ئىشلىنىشى، خاس ئەدەبىياتنىڭ ئىستېتىك تىترىشىم [ھاياجان تەسىرىدىكى تىترەش]لىرىگە يارىتىلىش ئىتىۋارى بىلەنمۇ تەربىيەدىن مۇستەسنا قالغانلار، ئىككى تاغاق سۆڭىكى ئارىسىدىكى جۇغۇلداشنى ھىس قىلالمايدىغانلار ئۈچۈنلا پىلانلىنىشى كېرەك. (يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن، ئەگەر ئومۇرتقىڭىز بىلەن ئوقۇمايدىغان بولسىڭىز كىتاپ ئوقۇشنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوق.)

«دىكىنس — كەنسىرى تۇمانى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىدە بىر سېھىرگەر، بىر سەنئەتكاردۇر؛ بالىلار تېمىسىدا سەنئەتكار بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن داۋاچىدۇر؛ ھىكايىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە باشقۇرغان سىر تېمىسىدا بەك ئەقىللىق بىر ھىكايە بايانچىسىدۇر.

«گۇستاۋ فلائۇبېرتنىڭ توقۇلما يازغۇچىسى ھەققىدىكى ئىدىيسى، خۇددى دۇنياسىدا تەڭرىدەك، يازغۇچىمۇ كىتابىدا ھىچبىر يەردە ۋە ھەريەردە، كۆرۈنمەس ۋە ھازىر ھەم نازىر بولۇشى كېرەك، دېگىنىدە جانلىق بىر شەكىلدە ئىپادە قىلىنغانىدى. فلائۇبېرت ئۆزى بۇ غايىسىگە ‹بوۋارى خانىم›دا يەتكەن بولسىمۇ، يازغۇچى مەۋجۇتلۇقىنىڭ فلائۇبېرتنىڭ كۈتكىنىدەك ئۆزىنى تۇيدۇرمىغان بىر قانچە بۈيۈك توقۇلما بار. ئەمما يازغۇچى ئىدىئال سۈپىتىدە ئۆزىنى تۇيدۇرمىغان بۇ ئەسەرلەردىمۇ، يازغۇچى كىتاپنىڭ ھەممىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شۇنداقكى، يازغۇچىنىڭ يوقلۇقى بىر تۈرلۈك پارىلدىغان مەۋجۇدىيەتكە ئايلانغان. خۇددى فرانسۇزلارنىڭ ‹يوقلۇقىدا پارىلدايدۇ› [يۈتكەن پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن] دېگىنىدەك. ‹چۆلدەرىگەن ئۆي› ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، گەپ ھۆۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋە ئارىلىق قالدۇرۇپ تۇرۇۋاتقان ئۈستۈن مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدىكى يازغۇچىلاردىن بىرى ئەمەس، كىتاپلىرىغا ئوخشىمىغان سالاھىيەتلەر بىلەن چۈشكەن ياكى كىتاپلىرىغا ئوخشىمىغان ۋاستىچىلەر، ۋەكىللەر، ئاگېنتلار، پوداقچىلار، جاسۇسلار، ئىشپيونلارنى ئەۋەتىپ مىلىكە بولغان كۆڭۈلگە يېقىن، قىزىقارلىق يېرىم تەڭرى سۈپىتىدىكى يازغۇچىلاردىن بىرىدۇر.

«شۇنى دېييىشىم كېرەككى، رومان ئاجايىپ پىلانلانغان بولۇشىغا قارىماي، ئاساسلىق خاتا، ھىكايىنىڭ بىر قىسمىنى ئېستېر [رومان قەھرىمانلىرىدىن بىر قىز]نىڭ بايان قىلىشى ئىدى. مەن بولسام بۇ قىزنى يېقىن يولاتمايتىم.

«ئۇسلۇپنىڭ تەسىرى ئەدەبىياتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. دىكىنسقا، گوگولغا، فلائۇبېرتقا، تولستويغا ۋە بارلىق بۈيۈك ئۇستىلارغا  ئېلىپ بارىدىغان سېھىرلىك ئاچقۇچتۇر.

«پىچىم (قۇرۇلما ۋە ئۇسلۇپ) = تېما؛ سەۋەبى ۋە قانداق = قانداقلىقى.

«ئەدەبىيات — ھەقىقەتەنمۇ ئاساسلىق پىكىرلەردىن ئەمەس، مۇئەييەن ئاشكارىلىنىشلاردىن؛ پىكىر مەكتەپلىرىدىن ئەمەس، دېھا (تالانت) ساھىبى شەخسلەردىن ھاسىل بولۇدۇ. ئەدەبىيات بىر نەرسە ھەققىدە ئەمەس، نەرسىنىڭ ئۆزىدۇر.

«بۈيۈك بىر سەنئەت ئەسىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بىزدە قالدۇرۇدۇغان تەسىرى نېمە؟ (بىز دېگىنىمدە ياخشى ئوقۇرمەنلەرنى كۆزدە تۇتتۇم). شېئىرنىڭ كەسكىنلىكى ۋە بىلىمنىڭ ھاياجىنى.

گۇستاۋ فلائۇبېرت — «بوۋارى خانىم»

«[‹بوۋارى خانىم›] پىچىم نۇقتىسىدىن شېئىردىن كۈتۈلۈدۇغان تەسىرنى بېرەلىگەن نەسرىي ئەسەردۇر.

«بالىغا بىر چۆچەك ئوقۇپ بېرىسىز، بالا سىزدىن ‹راست بولغانمۇ؟› دەپ سورايدۇ. ئەگەر راست بولمىغان دېيىلسە بالا سىزدىن راست بولغان بىر چۆچەك تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىرى قوپۇپ سىمىت ئەپەندى بايا تېز ئۇچۇپ ئۆتكەن يېشىل ئۇچقۇچىسى بار، كۆك بىر ئۇچار جىسىم كۆرۈپتۇ، دېسە ئۇ چاغدا ‹راستمۇ؟› دەپ سورايسىز. چۈنكى بۇنىڭ راست بولۇشى، ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىلدە ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسۈتۈدۇغان، ئەمەلىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك سانسىز نەتىجىلەر تۇغدۇرۇشى مۈمكىن. ئەمما بىر رومان ياكى شېئىر توغرىسىدا ‹راست بولغانمىدۇ؟› دەپ سورىماڭ، سادىغاڭ كېتەي. ئۆزىمىزنى ئالدىمايلى؛ ئۇنۇتماڭكى، ئەدەبىياتنىڭ ھىچقانداق ئەمەلىي قىممىتى يوق. ... ئېمما بوۋارى دېگەن قىز ھىچقاچان ياشاپ باقمىدى، ئەمما ‹بوۋارى خانىم› دېگەن كىتاپ مەڭگۈ ياشايدۇ. كىتاپلار قىزلاردىن كۆپ ئۇزۇن ئۆمۈرلۈكتۇر.

«راستىنى دېگەندە بارلىق توقۇلمىلار [رومانلار] توقۇلمىدۇر. بارلىق سەنئەت ئالدامچىدۇر.

«فلائۇبېرت بولمىغان بولسا فرانسىيىدە مارسېل پروئۇست، ئىرلاندىيىدە جېيمىس جويس بولمىغان بولاتتى.

«...ىزىملەر كېتىدۇ؛ ...ىزىملەر ئۆلۈدۇ، سەنئەت قالۇدۇ.

«يېزىلغان سەرگۈزەشتلەردىن زوق ئالماق بالىلىقتىلا كەچۈرۈشكە بولۇدۇغان بىر قىلىقتۇر.

«بەزى يۈزەكى يېڭىلىقلىرىغا قارىماي، جويسنىڭ فلائۇبېرتتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلارغىمۇ قوشۇلمايمەن.

«رومان يېزىش تېخنىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا سەنئەت بىلەن بىلىمنىڭ كېسىشكەن چوققا نۇقتىسىدۇر.

«گوگول ‹ئۆلۈك جانلار›ىنى نەسرىي شېئىر دەپ سۈپەتلىگەنىدى. فلائۇبېرتنىڭ رومانىمۇ نەسرىي شېئىردۇر. ئەمما تېخىمۇ ياخشى ئۆرۈلگەن، توقۇلۇشى تېخىمۇ زىچ، تېخىمۇ سىلىق نەسرىي شېئىردۇر.

«[ئېممانىڭ قامچىسىنى ئىزدەۋاتقان ۋە قامچىسىنى ئۇن تاغىرى ئارقىسىدىن تېپىپ، تارتىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندا چارلېسنىڭ ئۇنىڭغا ياردەملەشمەكچى بولغان سەھنىنىڭ تەسۋرى ھەققىدە] فرىئۇد — قاراڭغۇ دەۋرلەردىن قالغان ئاشۇ قويمىچى دوختۇر —بۇ تەسۋىرلەردىن چوقۇم مەست بولاتتى.

 

مارسېل پروئۇست — «يۈتكەن دەۋرنىڭ ئىزىدىن»: «سۋاننلارنىڭ تەرىپى»

«پروئۇستنىڭ ئەسىرى يۈزەكى ئوقۇرمەن ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە قالايمىقان بىر ئىپادىكى، يۈزەكى ئوقۇرمەنلەر بۇنىڭدىن شۇنچىلىك زېرىكىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەسنەكلىرى ئىچىگە شۇنچىلىك چۆمۈلۈدۇكى، كىتاپنى ئەسلا ئوقۇپ تۈگۈتەلمەيدۇ.

«ئەھۋالنىڭ تېگىگە قارىغان بىر ئوقۇرمەن چوقۇمكى، كىتاپنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى بىر قاتار تەكلىپلەردىن ھاسىل بولغانلىقى خۇلاسىسىنى چىقىرىدۇ؛ مەسىلەن، بىر كەچلىك تاماق يۈز ئەللىك بەتنى ئىگىلىگەن، بىر كەچلىك ئولتۇرۇش بولسا بىر تومنىڭ يېرىمىنى.

«ئەسلىتىپ ئۆتۈشۈم كېرەككى، ئۇسلۇپ، يازغۇچىنىڭ تەرزىدۇر. يازغۇچىنى باشقا يازغۇچىلاردىن پەرقلەندۈرۈدۇغان خاس تەرزىدۇر. ئوخشىمىغان ئۈچ يازغۇچىدىن ئۈچ پارچە نەقىل تاللىسام، بۇنىڭدا تېمىنىڭ يىپ ئۇچىنى بېرىدىغان ھىچقانداق مەزمۇن بولمىسا، بۇ نەقىللەرنى ئوقۇپ، سىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن ھالدا ۋارقىراپ: ‹بۇ گوگول، بۇ ستېۋېنسون، بۇ پروئۇست› دېسىڭىز، پەرق ئېتىشىڭىزدە ئۇسلۇپتىكى كۆزگە ئىلىشىدىغان پەرقلەرگە تايىنىسىز. پروئۇستنىڭ ئۇسلۇبى ئۈچ ئۇنسۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالۇدۇ:

  1. مېتافورىك سۈرەتلەشنىڭ بايلىقى، قەۋەت ئۈستىگە قەۋەت روبىرو قىلىشلىرى. مانا شۇ پىرىزمادىن قاراپ پروئۇست ئەسەرلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈمىز. .. پروئۇست ئۈچۈن مېتافور تۇيۇقسىز ھۇجۇم بولۇش بىلەن، ئوخشۇتۇش دايىما مېتافورغا، مېتافور بولسا ئوخشۇتۇشقا قاراپ سىرىلىدۇ.
  2. بىر جۈملىنى ئەڭ كەڭ شەكىلدە ۋە ئۇزۇنلۇقتا تولدۇرۇپ ئۇزارتىش، جۈملىنىڭ خالتىسىغا مۆجۈزىۋىي ساندا جۈملەچاقلار، تىرناق ئىچى جۈملىسى، يانداش جۈملە، يانداش جۈملىنىڭ يانداش جۈملىسى پىرسلاش مايىللىقى. قىسقىسى، پروئۇست، سۆزلۈك مەرتلىكىدە ھەقىقىي نورۇز بوۋادۇر.
  3. بۇرۇنقى يازغۇچىلاردا تەسۋىر تېكستلىرى بىلەن دىئالوگ بۆلۈملىرى بەك كەسكىن بىر ئايرىمچىلىق بولاتتى: ئالدى بىلەن بىشارەت، ئىزاھات شەكىللىك بىر تېكست [دىئالوگنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدىغان] ئاندىن سۆھبەت باشلىناتتى. مانا شۇنداق داۋام قىلاتتى. بۇ ئەنئەنىۋىي ئەدەبىياتتا شىشىگە قاچىلىنىپ [ماركىلىنىپ] سۇنۇلغان ب سىنىپ ۋە س سىنىپ ئەدەبىياتتا، شۇنداقلا چىلەكتە كەلگەن [يۇقۇرىدىكى شىشىگە قاچىلانغان مەھسۇلاتنىڭ تەتۈرى، پارچە شەكىلدىكى مەھسۇلات. خۇددى بوتۇلكىلىق ھاراق ۋە يوغان باكتىكى ھاراققا قىياس قىلىش مۈمكىن]، سىنىپلاندۇرۇلمىغان [دەرىجىگە ئايرىلمىغان] ئەدەبىياتتا بۈگۈن ھالا ئىشلىتىلىۋاتقان بىر ئۇسۇلدۇر. ئەمما پروئۇستنىڭ سۆھبەتلىرى ۋە تەسۋىرلىرى بىر بىرى بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇندۇر؛ گۈلنىڭ، ياپراقنىڭ ۋە قۇرۇتنىڭ ئوخشاش بىر ياشىرىپ تۇرغان دەرەخكە تەۋە ئىكەنلىكىدەك يېڭى بىر پۈتۈنلۈك يارىتىدۇ.

«پروئۇست بىلەن جويس خاراكتېرلىرى (پىرسۇناژلىرى)غا ياندىشىش ئۇسۇلىدا كۆرۈنەرلىك بىر پەرق بار: جويس، تەڭرىگە مەلۇم، جويسقا مەلۇم، پۈتۈن ۋە مۇتلەق بىر خاراكتېرنى ئالۇدۇ ۋە كېيىن كىچىك پارچىلارغا بۆلۈدۇ، بۇ پارچىلارنى كىتاپنىڭ زامان ۋە ماكانىغا سېپىۋېتىدۇ. ياخشى ئوقۇرمەن بۇ پارچىلارنى توپلاپ، ئاستا-ئاستا بىرلەشتۈرۈدۇ. پروئۇست بولسا، بىر خاراكتېرنىڭ، مىجەز-خۇلقنىڭ  ئەسلا بىر مۇتلەق شەكىلدە تېپىلمايدىغانلىقىنى، دايىما سېلىشتۇرمىلاردا بىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ. پروئۇست خاراكتېرلارنى پارچىلارغا بۆلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا خاراكتېرلەرنى باشقا خاراكتېرلەرنىڭ پىكىرلىرىدە مەۋجۇت بولغان شەكلى بىلەن كۆرسۈتۈدۇ. بۇ تۈردىكى بىر قاتار پىرىزما ۋە كۆلەڭگە كۆرسەتكەندىن كېيىن، بۇلارنى سەنئەت رىياللىقى ھالىتىدە ئارىلاشتۇرۇشنى ئۈمىت قىلىدۇ».

 

فرانىز كافكا — «ئۆزگۈرۈش»

«ھىكايىنى پارچىلارغا بۆلۈپ، ئۇششاق پارچىلارنىڭ بىر-بىرىگە قانداق ماس كەلگەنلىكىنى، ئارقاق-ئۆرۈشلىرىنىڭ بىر چارچىسى يەنە بىر پارچىسىغا قانداق جاۋاپ بەرگىنىنى تېپىشىمىز مۈمكىن. ئەمما نە تونۇيالمىغان، نە كۆرمەسلىككە سالالمىغان سەزگۈلىرىڭىزگە جاۋاپ سۈپىتىدە تىترىشىدىغان ئىچىڭىزدە بىر يەرلىرىڭىزدە بىر ھۈجەيرە، بىر گېن، بىر باكتىرىيە بولۇشى كېرەك. گۈزەللىك قوشۇلغان ئىچ ئاغرىتىش — سەنئەتنىڭ تەرىپىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا مانا شۇنچىلىك يېقىنلىشىمىز. گۈزەللىك بار يەردە ئىچ ئاغرىتىش بار، ئاددىي بىر سەۋەپ بىلەن: چۈنكى گۈزەللىك ئۆلۈشى كېرەك. گۈزەللىك دايىم ئۆلۈدۇ. ماددا بىلەن بىرلىكتە تۇتۇم(پوزىتسىيە)مۇ ئۆلۈدۇ. شەخسىي بىلەن بىرلىكتە دۇنيامۇ ئۆلۈدۇ. كافكانىڭ ‹ئۆزگۈرۈش›ى ھەرقانداق بىرەيلەنگە ھاشاراتشۇناسلىققا ئائىت فانتازىيەدىن ئۆتەراق بىر نەرسە بولۇپ گۆرۈنگەن بولسا، ئۇ كىشىنى ياخشى ۋە ئاجايىپ ئوقۇرمەنلەر سېپىگە قېتىلغىنى ئۈچۈن قۇتلايمەن.

«‹پەلتۇ›، ‹دوكتور جېكىلل ۋە ھايد ئەپەندى› ۋە ‹ئۆزگۈرۈش›نىڭ ھەر ئۈچى فانتازىيە دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. مېنىڭ قارىشىم بويىچە، ئۆزىگە خاس بىر شەخسنىڭ ئۆزىگە خاس دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ئۆلچىمىدە ھەر بىر پەۋقۇلئاددە سەنئەت ئەسىرى بىر فانتازىيىدۇر. ئەمما ئىنسانلار بۇ ھىكايىلەرنى فانتازىيە دېگىنىدە كۆزدە تۇتقىنى بۇ ھىكايىلەرنىڭ تېمىسى نۇقتىسىدىن ئاشۇ رىياللىق دېيىلگەن نەرسىدىن ئۇزاقلاشقىنى ئۈچۈندۇر.

«ماددىي رىياللىققا قايتىشنىڭ بىرلا يولى شۇ: شەخس دۇنيالىرىدىن بىرقانچە دانىنى ئېلىپ بىر ئوبدان ئارىلاشتۇرۇسىز، ئاندىن بۇ ئارىلاشمىدىن قوشۇق بىلەن بىر تامچە ئالىمىز، ماددىي رىياللىق مانا شۇ.

«فرانىز كافكا — بۈگۈنكى گېرمان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ بۈيۈكىدۇر. ئۇنىڭ يېنىدا رىلكېدەك شائىرلار، توماس مانندەك يازغۇچىلار يەر پاپىسى ياكى گەجدىن ياسالغان ئەزىز[خرستيان دىنىنىڭ كاتتا ئادەملىرى] ھەيكەللىرىچىلىك قالۇدۇ.

 «كافكانىڭ دېھاسىدا ئۈستى يېپىق دىنىي مەنىلەر ئىزدەشنىڭ ئورنى يوق. مەن تېما سىرتىدا قالدۇرۇشنى ئىستىگەن يەنە مەسىلە فرىئۇدچى قاراشلاردۇر. فرىئۇدچى تەھلىلچىلەر ‹ئۆزگۈرۈش›نى كافكانىڭ دادىسى بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋىتى بىلەن ھاياتى بويىچە داۋام قىلغان گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ئاساس بولغان دېيىش بىلەن چەكلىنىدۇ. تېخىمۇ كۈلكىلىكى، بۇلار مىتولوگىيىلىك سىمگە [سىمۋوللۇق بەلگە] چىلىكتە بالىلارنىڭ ھاشارات بىلەن سىمگىلىنىدىغانلىقىنى — بۇنىڭدىنمۇ گۇمانلىنىمەن — ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى كافكانىڭ قۇرۇت سىمگىسىنى فرىئۇدچى چىقىش نۇقتىسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئوغۇلغا ۋەكىللىك قىلدۇرۇشتا پايدىلانغانلىقىغا ئاپىرىشىدۇ. ‹قۇرۇت — دەيدۇ بۇلار — كافكانىڭ دادىسىنىڭ مەۋجۇدىيىتى قارشىسىدا چۈشكەن ھىسسىي ھالى (ئېتىۋارسىزلىق)نى تولۇق مەنىسى بىلەن ئىپادە ئېتىدۇ›. ...مەن بۇ تۇتامسىزلىقنى رەت قىلىمەن.

«كافكادىكى تەسىرنىڭ ئەڭ چوڭى فلائۇبېرتنىڭ تەسىرىدۇر. چىرايلىق گەپ يورغۇلۇتۇشلارغا نەپرەتلىنىدىغان فلائۇبېرت چوقۇمكى، كافكا ئىشلەتكەن ۋاستىنى ئالقىشلايتى. كافكا سۆزلەرنى قانۇن ۋە بىلىم تىلىدىن تاللاشنى ياخشى كۆرەتتى ۋە بۇ سۆزلەرگە بىر تۈرلۈك مەسخىرىلىك كەسكىنلىك بېرەتتى. يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس ھاياجانلىرىنىڭ ئىشقا ئارىلىشىشىغا ئىجازەت بەرمەيتى. بۇمۇ فلائۇبېرتنىڭ تەڭداشسىز شېئىرىي تەسىر ھاسىل قىلىشتا ئىشلەتكەن ئۇسۇلنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.

«كافكانىڭ ‹ئۈچ› سىمگىسىنى ئىستېتىك ۋە مەنتىقىي مەنىلەر نۇقتىسىدىن باھالىشىمىز كېرەك ھەمدە، جىنسىي مىتولوگىيەچىلەرنىڭ ۋىيانالىق سېھرىگەر دوىتۇرنى يۆنلەندۈشى نەتىجىسىدە ئويدۇرۇپ چىققان مەنىلەرگە ھىچ يول قويماسلىقىمىز كېرەك».

 

جېيمىس جويس — يۇلىسېز

يۇلىسېز — بىر كۈننىڭ ھىكايىسى بولۇپ، بۇ كۈن 1904-يىلى 16-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى. بۇ كۈن ھەققىدە تەتقىقاتچىلار شۇنى قەيت قىلغان: بۇ كۈن جېمىسنىڭ بولغۇسى ئايالى نورا بارناكل بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان كۈنى ئىكەن. جېيمىس ئۆزى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ھىساپلىنىدىغان بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، رومانىدا بۇ كۈننى تاللىغان بولسا كېرەك.

رومان ئاساسلىق ئۈچ باشقەھرىماننىڭ ئارقىسىدىن كېتىدۇ: لېوپولد بلۇم، موللى بلۇم (بلۇم خانىم) ۋە ستېفېن دېدالۇس. يۇلىسېزدىن تا دېدالۇسقىچە قەدىمقى يۇنان كىلاسسىكى ھومېرنىڭ ئودېسسا داستانىغا باغلىنىش قۇرۇشقا تىرىشىدۇ. دەسلەپتە — رومان باپلار ھالىتىدە «كىچىككىنە كۈزۈتۈش»تە ئېلان قىلىنغاندا باپلارنىڭ ئىسىملىرى بار ئىدى. بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىسى «ئودېسسا» داستانىدىن ئېلىنغان بولۇپ، جېيمىسنىڭ قەھرىمانلىرى بىلەن بىر ئوخشاشلىقى بارلىقى قىياس قىلىناتتى. مەسىلەن: كىتاپنىڭ ئىسمى بولغان يۇلىسېز ئودىسسا ئىدى. بىرىنچى باپ، ‹تېلىماخۇس›  ستېفېن دېدالۇسقا ئىشارە ئىدى؛ بلوم خانىم بولسا پېنېلوپقا ۋەكىللىك قىلاتتى...

ئەمما بۇنداق قەدىمقى كىلاسسىكلارغا باغلاشقا ئۇرۇنغان تەھلىلچىلەرنىڭ ئەكسىچە، نابوكوۋ بۇنداق باغلاشنىڭ ناتوغرىلىقىنى كەسكىن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇدۇ. بۇنىڭغا بولسا، پارچە ئېلان قىلىنغاندا قويۇلغان ھومېرچە ماۋزۇلارنىڭ كىتاپ سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغاندا ئاپتور تەرىپىدىن چىقىرىپ تاشلانغانلىقىنى دەلىل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىر قاملاشمىغان قىلىق ئىكەنلىكىنى ئاپتور ئۆزىمۇ ھىس قىلغان دەپ قارايدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئۈزۈنتە تەرجىمىلەردە نابوكوۋنىڭ ئۆز ئاغزىدىنمۇ ئاڭلايسىز.

«‹يۇلىسېز› — كۆركەم ۋە ئۆلمەس بىر ئەسەردۇر. ئەمما سەنئەت ئەسىرىنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەك پىكىرلەر، ئومۇملاشتۇرۇشلار ۋە ئىنسان ھىكايىسىنىڭ مۇرەككەپ تەرەپلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك ھەپىلىشىدىغان تۈردىكى تەنقىتچىلەر تەرىپىدىن ھەددىدىن بىر ئاز ئاشقىن باھا بېرىلدى. ئىلانچى بلۇمنىڭ ئودېسسا ياكى يۇلىسېزنىڭ بەك كۆپ خاسلىقى بولغان ئادەمنىڭ رولىنى ئوينىغانلىقى ۋە بلۇمنىڭ زىنا قىلغان خوتۇنىنىڭ ئىپپەتلىك پېنېپولغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ستېفېن دېدالۇسقا بولسا تېلېماخوسنىڭ رولى بېرىلگەنلىكى، لېوپولد بلۇمنىڭ دۇبلىندا بىر ياز كۈنى ئادەتتىكىچە كېزىشلىرى ۋە كىچىك ماجرالىرىدىن ئودېسساغا يېقىن بىر پارودىلارنى كۆرۈشكە قارشى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇمەن. بلومنىڭ ئەتراپتا كېزىشلىرى تېمىسىدا بەك داڭقان پۇتى ۋە بەك ئومۇملاشقان بىر ھومېرچە ئىنكاس بارلىقى، كىتاپ بويىچە بەك كۆپ ئەسلەتمىلەر ئارىسىدا بىر قاتار كىلاسسىك ئەدەبىياتقا قارىتا ئەسلەتمىلەرمۇ بار، ئەمما كىتاپنىڭ ھەر خاراكتېرىدە ۋە ھەر سەھنىسىدە يېقىن پاراللېل ئىزدىمەك ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولۇدۇ. كونىرىغان بىر ئەپسانىگە ئاساسلانغان ئۇزارتىلغان ۋە داۋام قىلدۇرۇلغان بىر ئالېگورىدىنمۇ زېرىكىشلىك نەرسە بولماس. ئەسەر باپلار بويىچە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جويس، بىلىمسەل ۋە ئاتالمىش بىلىمسەل لاۋزىلارنىڭ نېمىگە تەرەددۇت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باپلارنىڭ ساختا — ھومېرچە ماۋزۇلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتتى.زېرىكەرلىك بىر تىپ، جويسنىڭ چاخچاق ئارىلاش ھاسىل قىلغان بىر تىزىملىكى بىلەن خاتالاشقان ستۇئارت گىلبېرت [تەنقىتچى، جويسنىڭ دوستى] ئاتلىق بىر ئادەم ھەر بۆلۈمدە مۇئەييەن بىر ئەزا — كۆز، قۇلاق، ئاشقازان، ۋ ب — ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقتى، ئەمما بۇ بىزار قىلغۇچى تۇتامسىزلىقنىمۇ رەت قىلىمىز. سەنئەتنىڭ ھەممىسى بىر مەنىدە سىمۋوللۇقتۇر. ئەمما بىلىپ تۇرۇپ، بىر سەنئەتكارنىڭ ئۈستى يېپىق سىمۋولىنى بىر بىلەرمەننىڭ ئەسكى ئالېگورىسىغا — مىڭ بىر كېچىنى بىر شراينېرس قۇرۇلتىيىغا — ئايلاندۇرغان تەنقىتچىگە ‹توختا، ئوغرى!› دەيمىز.

«ئۇنداقتا كىتاپنىڭ ئاساسىي تېمىسى نېمە؟ بەك ئاددىي:

  1. ئۈمۈتسىز كەچمىش. 2. كۈلكىلىك ۋە تراگىك ھازىر. 3. مۇئەسسىر [تەسىرلىك] كەلگۈسى.

«كىتاپنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى، بىر قاتار تېمىلارنىڭ تەكرارلىنىشىدۇر. بۇ تېمىلار تولستويدا ۋە كافكادا قولغا ئالغانىمىزدىن تېخىمۇ بەك چېگرىلىرى بەلگىلەنگەن، تېخىمۇ بەك ئاڭلىق يوسۇندا داۋام قىلدۇرۇلغان تېمىلاردۇر. ‹يۇلىسېز›نىڭ ھەممىسى تەكرارلانغان تېمىلارنىڭ ئاڭلىق بىر يوپۇقى ۋە ئادەتتىكى ۋەقەلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشىدۇر.

«جويس ئاساسلىق ئۈچ ئاساسىي ئۇسلۇپتا يازىدۇ:

  1. ئەسلى جويس: توغرىدىن توغرا چۈشەنگىلى بولۇدۇغان، مەنتىقىلىق ۋە تۇرغۇن. بۇ 1. قىسىم، 1. باپ بىلەن، 2. قىسىم 1- ۋە 3- باپلارنىڭ ئومۇرتقىسىدۇر. چۈشۈنەرلىك، مەنتىقىلىق ۋە تۇرغۇن پارچىلار باشقا باپلاردىمۇ بار.
  2. ئاڭ ئېقىشى دەيدىغان شەيئىنى ياكى تېخىمۇ ئېنىقراقىنى دېيىشكە توغرا كەلسە، ئاڭنىڭ ئاتلىما تاشلىرىنى مۈمكىن قىلغان يېرىم، تېز، چالا جۈملە قۇرۇلمىسى.... ھازىرچە بۇ ۋاسىتىنىڭ، ئوي-خىيالنىڭ سۆزلۈك تەرىپىنى مۇبالىغە قىلغانلىقى ئىزاھىنى بېرىشىمىز مۈمكىن. ئىنسان پەقەت سۆزلەر بىلەنلا ئەمەس، ئىماگلار ئارقىلىقمۇ ئويلايدۇ، شۇغۇنىسى ئاڭ ئېقىشى قەغەزگە چۈشۈۈرگىلى بولۇدۇغان سۆز ئېقىشىنىلا مەۋجۇت دەپ قارايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بلۇمنىڭ دايىم ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلەشكەنلىكىگە ئىشىنىش قىيىن.
  3. رومان بولمىغان ھەرخىل پىچىملارنىڭ پارودىلىرى: گېزىت ماۋزۇلىرى، مۇزىكا، مىستىك ۋە قوپال كۈلدۈرگە ئويۇنلىرى، دىنىي تەلىم يوپۇقىدا سىناق سوئاللىرى ۋە جاۋاپلىرى، ئەدەبىي ئۇسلۇپلارنىڭ ۋە يازغۇچىلارنىڭ پارودىلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

«جويس ھەر خىل سۆز ھىلىلىرى، سۆز ئويۇنلىرى، سۆزنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، سۆزنىڭ ئەكس ساداسى ۋە غەلىتە پېئىل جۈپلىرىگە ياكى تاۋۇشلارنىڭ تەقلىدىگە ھەر زامان مۇراجەت قىلىدۇ. بەك كۆپ يەرلىك ئەسلەتمىلەردە ۋە چەتئەل تىلىدىن ئىپادىلەردە بولغىنىدەك، بۇلاردىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە  ئېنىقلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن كۆرە پەقەت مەلۇماتلىق بىرلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەپسىلاتلار بىلەن كېرەكسىز بىر چۈشۈنۈشمەسلىك پەيدا قىلىدۇ.

«[2-قىسىم 12-باپ ھەققىدە] بۇ باپنى توغرا شەكىلدە چۈشەنگەن ھەرقانداق بىر تەرجىمان تونۇمايمەن. ئارىيە ئەپسانىلەرنى پەسكەش بارلىقىنى قاپسىغان چۈشەنچىلىرى، قاراڭغۇ ئارقا پەللەمپەيلىرى بىلەن فرىئۇدچى مەزھەپكە ئەزا بولمىغانلىقىم ئۈچۈن روھىي ئانالىز تەرىپلەرنى تامامەن ھەم كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىمەن. بۇ باپنى مەستلىك ياكى بلۇمنىڭ يوشۇرۇن ئاڭىدا جىنسىي ئىنتىلىشىنىڭ نەتىجىسى ھېساپلىماق، شۇ ۋەجىدىن مۈمكىن ئەمەس:

  1. بلۇم تامامەن ئېسى جايىدا ۋە شۇ دەملەردە جىنسىي ئىقتىدارسىزلىق ھالىتىدە.
  2. بلۇم بۇ باپتا خىيال سۈپىتىدە بېرىلگەن بىر قىسىم ھادىسىلەرنى، خاراكتېرلەرنى ۋە ۋەقەلەرنى بىلەلمەيتى.

«جويس مۈمكىن قىلغان ھالى بىلەن ئاڭ ئېقىشىنى تەبىئىي بىر ھادىسە سۈپىتىدە كۆرۈشىمىز كېرەك. جويسنىڭ مېڭە پائالىيىتىنى، بۇ كىتاپنىڭ زېھنىنى ئەكس ئەتتۈرگەن دەرىجىدە بۇ ئاڭ ئېقىشى بىر رىياللىقتۇر. بۇ كىتاپ جويس ئىجات قىلغان يېڭى بىر دۇنيادۇر».

 كىتاپنىڭ ئاخىرىغا قىستۇرۇلغان يەنە بىر ماقالە: «ئەدەبىيات سەنئىتى ۋە ئوڭتۇيغۇ»، تۆۋەندە بۇ ماقالىدىن ئېلىنتىلار:

 

«ھەمجىنىسلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت سايىسىدا كەسپىي جەھەتتىن قولغا كەلتۈرگىلى بولۇدۇغان كۆزلەم، مىزاھ ۋە مەرھەمەت غەزىنىلىرىدىن ۋاز كەچكەن بىرى يېتەرلىك دەرىجىدە ئەخمەق ھەم ئۇزاقنى كۆرەلمەيدىغان يازغۇچىدۇر.

«بىر يازغۇچىنىڭ ئىشى دۆلىتىنىڭ ئەخلاقىنى تۈزەلتمەك، كوچا مۇنبىرىنىڭ مۇئەززەم ئىگىزلىكىدىن ئۇلۇغۋار ئىدىئاللارغا قول قويماق، ئىككىنچى دەرىجىدە كىتاپلارنى چالا-پۇلا يېزىپ جىددىي ياردەم [جەمىيەتنىڭ شۇئانكى ئىھتىياجلىرىغا جاۋاپ بولۇدۇغان نەرسىلەر دەپ يېزىلغان، زاماننىڭ ۋاقىتلىق چاقرىقلىرى، ۋاقىتلىق تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن نەرسىلەرنى دېمەكچى] ئەمىلىيلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايمەن. يازغۇچىنىڭ مۇنبىرى، خەتەرلىك دەرىجىدە، ئەرزان رومانغا يېقىندۇر ھەمدە تەنقىتچىلەر كۈچلۈك رومان دېيىشكەن نەرسە ئومۇمەن قېلىپلاشقان سۆزلەرنىڭ بولا-كېتە توپلۇنۇشى ياكى غولغۇن بىر قۇمسال [قۇملۇق ساھىل]دىكى قۇمدىن ياسالغان قەلئەلەردۇر؛ زىيارەتچىلەر كەتكەندىن كېيىن، كۆپۈكلۈك سوغۇق دولقۇنلار قۇرىغان قۇملارنى يالىغاندا، لايلىق خەندەكلەرنىڭ كۆزدىن يۈتۈشىنى كۆرمەكتىنمۇ كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان بەك ئاز نەرسە بار.

 «شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر يازغۇچى ئىختىيارسىز ھالدا ئەتراپىدىكى دۇنياغا كەلتۈرۈدۇغان يېڭىلاش-ئۆزگەرتىشلەر يەنىلا مەۋجۇت. ... يامان خاراكتېر [تىپ]نى بىر سويتارىغا ئايلاندۇرۇش، ھەقىقىي يازغۇچى ئۈچۈن باشتىنلا بەلگىلەنگەن مەخسەت ئەمەس؛ جىنايەت بىچارە مەسخرەۋازلىقتۇر، بۇنىڭ تەكىتلىنىشىنىڭ جەمىيەتكە ياردىمى تەگسىمۇ، تەگمىسىمۇ — ئومۇمەن ياردىمى تېگىدۇ — ئەمما بۇ يازغۇچىنىڭ توغرىدىن-توغرا مەخسىدى ۋە نىشانى ئەمەس.

«ساراڭلار، تونۇش بىر دۇنيانى ئەقەللىي ھەم پەرۋاسىز بىر شەكىلدە پارچىلارغا بۆلگەن، ئەمما بۇرۇنقىسىدەك ئاھاڭدار يېڭى بىر دۇنيا يارىتىشقا كۈچى بولمىغانلىقى — ياكى كۈچىنى يوقاتقانلىقى — ئۈچۈن ساراڭدۇر. سەنئەتكارغا كەلسەك، تاللىغان نەرسىسىنى سۆكەر ھەم بۇنى قىلىۋاتقان چېغىدا ئىچىدىكى بىر نەرسىنى — ئاخىرقى مەھسۇلاتنىڭ نېمىكىنى — بىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرۇدۇ. پۈتكەن باشئەسەرىنى تەتقىق قىلغاندا ئىجات شۇڭغۇشلىرىغا داخىل بولغان ھەرقانداق ئاڭ سىرتى مېڭە پائالىيىتى بولسا، خۇددى جانلىق بىر مەخلۇقنىڭ كەلگۈسى يېتىلگەن ھالىتىدە كۆپۈيۈش ھۈجەيرىلىرىدىكى گېنلاردا مەۋجۇتلۇقى بەلگىلەنگە ئوخشاش بۇ ئاخىرقى مەھسۇلاتمۇ دەسلەپكى تىترەش ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسكىن بىر لايىھەنىڭ

«پارچىلىماق باسقۇچىدىن مۇناسىۋەتلەشتۈرمە باسقۇچىغا مۇشۇنداق كېچىش، ئېنگىلىزچىدە بەك كەڭ مەنىدە ‹ئىلھام› (inspiration) دېيىلىدىغان بىر خىل روھىي تىترەش بىلەن مەلۇم بولۇدۇ. يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىرسى بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتىدۇ، دەل شۇ چاغدا سۇ يىغىلىپ قالغان چوڭقۇردا بىر شاخ پارچىسىنىڭ ئەكس ئەتكىنىنى كۆرۈسىز ۋە يەنە بىرلا ۋاقىتتا كونا بىر باغچىدا نەم، يېشىل ياپراقلار ۋە شوخ قۇشلارنىڭ بىرىكمىسىنى ئەسلەيسىز؛ ئۇزۇن زامان ئاۋال ئۆلگەن بىر ساۋاقداش تۇيۇقسىزلا كەچمىشتىن چىقىپ كېلىدۇ، كۈلۈمسىرەيدۇ ۋە تامچىلار ئېقىپ تۇرغان يامغۇرلۇقىنى يىغىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت سىيىۋاتقان بىر سېكونت ئىچىدە ئۆتۈدۇ ۋە كۈزۈتۈشلەر بىلەن ئوبرازلارنىڭ ھەركىتى شۇ قەدەر تېزكى، ئۇلارنىڭ تونۇلۇشى، تۈزۈلۈشى ۋە ئارىلىشىشىغا ھەمرا بولغان كەسكىن قائىدىلەرنى — نېمە ئۈچۈن ھەرقانداق بىر بىرىكىش ئەمەس، ئاشۇ بىرىكىش؛ نېمە ئۈچۈن باشقا بىر ئاۋاز ئەمەس ئاشۇ ئاۋاز — بۇ پارچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قانداق قىلىپ دەلمۇ دەل بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشكەنلىكىنى ئىلغا قىلىپ بولالمايسىز؛ بىر ئاندا مېڭىڭىزدە بىرلەشكەن ياسا-بۇز [بالىلار ئويۇنى]غا ئوخشاش، مېڭىنىڭ ئۆزى، پارچىلارنىڭ قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىگە ماس كەلگەنلىكىنى كۈزۈتۈشتىن ئاجىزدۇر؛ سىزمۇ مۇدھىش بىر سېھىر، گويا بىر ئۆلۈك ئادەم سىزنىڭ يېنىڭىزدىلا، ھاپىلا-شاپلا تەييارلانغان كۆپۈكلۈك بىر دورا بىلەن تىرىلدۈرۈلگىنىدەك بىر تۈرلۈك ئىچكىي تىرىلىشنى باشتىن كەچۈرۈسىز. ئىلھام دېيىلىدىغان نەرسىنىڭ ھۇلىدا بۇ نەرسە باردۇر — بۇ، ئوڭتۇيغۇ ئەيپلەشكە مەجبۇر بولۇدۇغان بىر ھالدۇر. چۈنكى ئوڭتۇيغۇ — قىيا مىديېسى [بىر خىل دېڭىز جانلىقى]دىن ئۆردەككە، ئەڭ ئادەتتىكى سازاڭلاردىن ئەڭ سۆيۈملۈك ئايالغا يەر يۈزىدىكى ھاياتنىڭ — يەر يۈزى مەمنۇنىيەت بىلەن سوۋۇۋاتقاندا — ئېچىتقۇلار بىلەن ئاكتىپ ھالغا كەلگەن كولوئىدلىق كاربون پاتقىقىدىن مەنبەلەنگەنلىكىگە دىققەت چېكىدۇ. ... ھاياتنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ۋە باغلىنىشلىرىنى تەتقىق قىلىپ تاپماق باشقا ئىش، ھاياتنىڭ ئىلھام ھادىسىسى ئەمەلىيەتتە نېمە دېگەننى ئىزدەپ چۈشەنمەك تېخىمۇ باشقا بىر ئىشتۇر.

«مەن تاللىغان مىسالدا — ئاھاڭ، ياپراقلار، يامغۇر — نىسبەتەن ئاددىي بىر تىترەش پىچىمى كۆزدە تۇتۇلۇدۇ. يازغۇچى بولمايمۇ بەك كۆپ ئىنسان بۇ تۈردىكى كەچۈرمىلەر بىلەن تونۇشتۇر؛ بىراق ئۇلار بۇلارنى يېزىش جاپاسىنى ئۆزىگە ئارتىۋالمايدۇ. مېنىڭ مىسالىمدا مېڭە مەركىزى خەۋەرسىز ئەمما ئاساسلىق بىر رول ئوينىدى ھەم ھەر ئىش كەچمىش بىلەن ھازىرنىڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئارىلىشىشىغا باغلىق ئىدى. دېھانىڭ ئىلھامى، ئۈچىنچى بىر ماتىرىيال قوشۇدۇ: تۇيۇقسىز بىر نۇر بىلەن ئۇچراشقان كەچمىش، ھازىر ۋە كەلگۈسى (سىزنىڭ كىتابىڭىز)؛ شۇنداق قىلىپ ۋاقىتنىڭ پۈتۈن چەمبىرى ھىس قىلىنىدۇ، باشقا تۈرلۈك ئېيتقاندا، ۋاقىت مەۋجۇتلۇقتىن قالۇدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىچىڭىزگە كىرىشى بىلەن، تامامەن ئېرىپ، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزنى ئورىغان دۇنياغا ئارىلىشىشىڭىزنىڭ بىرلەشمە ھىسسىدۇر. مەنلىك سىرتىدىكى دۇنيانىڭ مەھبۇسنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تاشقىرىدىن ئىچىگە سوقۇنۇشى بىلەن، مەنلىكنىڭ ھۈجەيرە تاملىرىنىڭ تۇيۇقسىز پارچىلىنىشىدۇركى، مەھبۇس ئاللىقاچان تالادا ئوينىماقتادۇر.

«ئىلھامنىڭ دەسلەپكى سپازم [مۇسكۇلدىكى ئىختىيارسىز تارتىشىش] كۈچى ۋە خاسلىقى — يازغۇچىنىڭ يازماقچى بولغان كىتابىنىڭ قىممىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ.

«چۇۋۇق، ئايرىم-ئايرىم يىپلاردىن كۈتۈلمىگەن كۆركەم نۇسقىلار ھاسىل قىلىش سەنئىتىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەسلا سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىغا قارىماي، مارسېل پروئۇست مىسالىدا كۆرۈلگەندەك، روماننىڭ ئەسلى پىكرى خۇددى بىر چۆرەك [ئۇن، ياغ ۋە مېغىز ئارىلاشتۇرۇلغان شېكەرلىك يېمەك]نىڭ تىلىمىز ئۈستىدە ئېرىشى ياكى ئايغىمىز ئاستىدىكى كۆتۈرمە تاشلىرىنىڭ مودۇر-چوقۇر بولۇشىغا ئائىت رىيال ھىسلاردىن تۇغۇلۇشى مۈمكىنلىكىگە قارىماي، بارلىق رومانلار يارىتىلىشىنىڭ، كۆككە كۆتۈرۈلگەن ماددىي تەجرىبىلەرگە ئاساسلىنىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكى خۇلاسىسىنى چىقارماق ئالدىراقسانلىق بولۇدۇ.

«يازغۇچى يېڭىدىن توقۇماق ئىشىغا كىرىش ئۈچۈن ئولتۇرغىنىدا، ئىجاتكار كەچمىشى ئۇنىڭغا ھەر دايىم سۆگەللىك، سېمىز ئالۋاستىلار ياكى ‹بوشلۇق تولدۇرغۇچ› دېيىلىدىغان بودەك كىچىك شەيتانلار، يازغۇچىنىڭ شىرەسىنىڭ پۇتلىرىدىن يۇقۇرىغا ياماشقىلى تۇرغاندا، ئەڭ بۈيۈك يازغۇچىلارمۇ غالىپ كەلگەن ھەر خىل قارىغۇلۇق دەملىرىدە نېمىدىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تاپىلايدۇ.

«يازغۇچىنىڭ زېھنىدە ۋاقىت ۋە نۆۋەت بولمايدۇ، چۈنكى ھىچبىر زامان ئامىلى ۋە ماكان ئامىلى دەسلەپكى تەسەۋۋۇرنى باشقۇرمىدى.  ئەگەر زېھىن ئارزۇغا ئۇيغۇن سىزىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسىدى ۋە ئەگەر بىر كىتاپ، بىر رەسىمنىڭ كۆز تەرىپىدىن بايقالغان شەكىلدە، يەنى سولدىن ئوڭغا ئىشلەش ئاۋارىچىلىقى ھەم باشلىرى بىلەن ئاخىرلىرىنىڭ تۇتامسىزلىقى بولماستىنلا ئوقۇشقا بولۇدۇغان بولسىدى، بۇ يول، بىر روماننى ماختاشنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك يولى بولغان بولاتتى، چۈنكى ئەسلىدىلا يازغۇچىمۇ رومانغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىلا روماننى مۇشۇنداق پەرەز قىلغان ئىدى».

«ئاخىرقى سۆز»دىن ئىككى كەلىمە:

«ئىچىمىزگە قاچىلىۋالغان رومانلار، ھاياتنىڭ ھەرقانداق مۇئەييەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىمىز ئۈچۈن بىر نەرسە ئۈگەتمەيدۇ. ئىش ئورنىڭىزدا، ھەربىي قارارگاھتا، ياكى ئاشخانىدا ۋە يا بالىلار ئۆيىدە ياردىمى بولمايدۇ. ئەسلىدە سىز بىلەن ئورتاقلاشماقنى ئارزۇ قىلىدىغان بىلگەم پەقەتلا ھەشەمەتتۇر. فرانسىيىنىڭ سوتسىيال ئېكونومىسىنى چۈشۈنۈشىڭىزگە ياكى بىر ئايالنىڭ يا بىر ئەركەكنىڭ قەلب سىرلىرىنى چۈشۈنۈشىڭىزگە ياردەم قىلمايدۇ.

«ئەگەر كىشى بۈيۈك سەنئەتكارلارنى ئوقۇشتىن لەززەت ئېلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرالمايدىغانلىقىنى ئويلىسا، باشتىلا ئۇلارنى ئوقۇمىغىنى ياخشى. نېمىلىكىم بولمىسۇن باشقا ساھەلەردىمۇ باشقا ھاياجانلار بار: ساپ بىلىمنىڭ ھاياجىنى، ساپ سەنئەتنىڭ لەززىتىچىلىك لەززەت بېرەلەيدۇ. ئاساسىي مەسىلە تەسەۋۋۇرنىڭ ۋە تۇيغۇنىڭ ھەر ساھەدىكى شۇ تىترىتىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتۇر. ئەگەر ھاياجانلىنىشنى بىلمىسەك، ئەگەر ئىنسان ئەقلى بىزگە سۇنغان ئەڭ نادىر ۋە ئەڭ بالاغەتلىك سەنئەت مېۋىسىنى تېتىماق ئۈچۈن ئومۇمەن شۇئانقى ھالىمىزدىن بىر ئاز يۇقۇرى ئۆزىمىزنى ئىتتىرىشنى ئۈگەنمىسەك، ھاياتنىڭ ئەڭ ياخشى يېقىنى قولدىن بېرىپ قويۇمىز».

 

بىر ئاز خۇلاسە:

نابوكوۋنىڭ ئەدەبىيات قارىشىدا «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» سالمىقى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇدۇ. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىلىش رولى بولۇدۇغانلىقىنى قىسمەنلىكتە ئېتىراپ قىلسىمۇ، بۇنى يازغۇچىنىڭ ئالدىن كۆزلىگىنى، مەخسەت قىلىپ قويغىنى ئەمەس، خالار-خالىماس يۈز بەرگەن نەتىجىدە، يازغۇچىنىڭ خەۋىرى بولمىغان بىر نەتىجە دېگەندەك قاراشقا مايىل. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەربىيىۋىي رولى ھەقىقەتەنمۇ كۈلكىلىك (بىر ئەخلاقسىز بىر روماننى ئوقۇپ، ئەخلاقىنى تۈزۈتەلمىشى ئەمەلىيەت) بولسىمۇ، بىلىش رولىنى بىر ئاز تەكىتلەش تەرەپدارىمەن. بۇنداق تەكىتلەش ھەرگىزمۇ نابوكوۋنىڭ دېگىنىدەك، يازغۇچى ئالدىن مەخسەت قىلىپ قويمىغان، تاسادىپى يۈز بەرگەن شەكىلدىكى تونۇش ئەمەس، بەلكى، يازغۇچى ئەسىرىدە بەزى نەرسىلەرنى مەخسەت قىلىۋېلىشىمۇ مۈمكىن دېگەن قاراشتۇر. بۇ قارشىمغا دۇنيا كىلاسسىكلىرىدىن بىرمۇنچە مىسال بېرىشىم مۈمكىن ئەلۋەتتە. ھەتتا بەزى نەزىرىيىچىلەر، تەنقىتچىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداقراق قارىشى بارلىقىنى بىلىمەن.