يالغۇز دېسەم نېمە دەپ چۈشۈنۈلەر؟

ئادەمسىز جاڭگالدا قاپتۇ بۇ، دەپمۇ؟

ياكى ھەممىسى ئىشقا كەتكەن ئۆيدە؟

كۈلگۈم كېلىدۇ، شۇمۇ گەپمۇ؟

ئەگەر جىسمىي يالغۇزلۇق بولسىدى،

كېتەتتىڭ ئادەملەر قاينىغان توپلارغا

ۋە يالغۇزلۇقۇڭ تۈگەيتى دەرھال.

ئەمما مەندىكىسى غەلىتىرەك شۇئان،

ئائىلەمدە، ئادەملەر ئارىسىدىمۇ

يالغۇزلۇق ھىس قىلىمەن، چۆللەردە گاڭگىرىغان.

ئەگەر يەرشارىدىكى ھەممە ئىنسان بىريەرگە توپلانسا

سەن بولمىساڭ پەقەت،

مېنىڭ بۇ يالغۇزلۇقۇم يەنىلا مۇكەممەل قالىدىغان.

چۆللەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا يالغۇزمەن،

ھۇۋلايدۇ بوران.

دېمەككى سەن پۈتۈن دۇنياغا تەڭ،

سەن بولمىغاچ، مېنىڭ يالغۇزلۇقۇم ۋايىغا يەتكەن.

سەن پۈتۈن دۇنياسەن ئەي، جادۇگەر، ماھىتابان!

 

مېنىڭ ھايات شامىم ئۆچەي دەپ قالغان،

پىل-پىل يورۇقۇم ھىچيەرنى يورۇتالمىغان،

ئاشۇنداق بىر چاغدا چىقىپ كەلگەن ئىدىڭ مۆجىزىدەك،

ۋۇجۇدۇم، روھىم بىردىن جانلانغان.

سەن بولغانىدىڭ مەنبەئىي ئېنېرگىيەمنىڭ،

ئوزۇقى ئىدىڭ روھىي دۇنيامنىڭ.

ئەمدى نېمە بولۇدۇ، مېنىڭ ھالىم؟

ئەي ئالۋاستى، رەھىمسىز،

شامىم ئۆچەمدۇ، پىل-پىلمۇ قىلماي؟

روھىم ئۆلەمدۇ، ئوزۇقسىز، سۇسىز؟

كۈل باسقان چوغلىرىمنى پۈۋلىگەن ئىدىڭ

يالقىرىغان ئىدى ئوتلۇرۇم قايتا.

داۋام قىلامدۇ بۇ يالغۇزلۇقۇم؟

ھەر ئىككىمىز تۇرۇپ ھاياتتا؟

نېمە بولۇدۇ مېنىڭ شېرىن ئارزۇلۇرۇم؟

يېڭى تۆرەلگەن؟

كۆمۈلەمدۇ تۇغۇلماي تۇرۇپ.

نېمە دەي بۇ قىسمەتكە؟

ئەي ماڭا روھى چاپلاشقان ئالۋاستى؟

سەن جاۋاپكار بۇنىڭ ھەممىگە!

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

CComment تەرىپىدىن ئىشلەندى