كەل،

مېنىڭ خىياللىرىمغا كەلگەندەك.

كەل،

چۈشلىرىمگە كىرگەندەك.

كەل، مېنىڭ سەن ئۈچۈن گۈلدەستە تىزغان چارباغلىرىمغا،

كەل، سۇمرۇغ بولغان چېغىمدا، پەقەت بىر كۈنلا،

سېنى ئېلىپ قاچقان تاغلىرىمغا.

كەل، يېنىمغا ئوماق ئاسلىنىم كەلگەندەك سۇۋۇشۇپ،

كەل، ھوجرامغا كەل،

خىلۋەت ئىستىسەڭ مەن بىلەن ھەرئان.

كەل، چەكلەنگەن مېۋىنى تېتايلى بىللە...

كەل، چۈشۈمدە ئىھتىلام قىلغان چىشى جىندەك غىمىسسىدە.

كەل، كەلگىنىڭدە ھىچ كەتمىگىن خىياللىرىمدىن،

چۈشلىرىمدىن.

رىياللىقىمدا بولمىغىنىڭنىڭ ئورنىنى باسسۇن؛

مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتمىگىن ئۇزاق.

كەل!

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

Comments powered by CComment