خىياللىرىمنىڭ باشقەھرىمانى

سېنى قىزغىنىمەن پۈتۈن دۇنيادىن...

 

خىيال، ئەجەپ شېرىن، ئەجەپ ئەركىن، چەكلىمە بولمىغاچ،

خالىغانچە توقۇشۇڭ مۈمكىن،

رىياللىقتا ھىچ مۈمكىن بولمايدىغان ھەممە ئىشنى سەن بىلەن بولۇدۇغان،

خىياللىرىمدا ئاسانلام ئىشقا ئاشۇرۇمەن،

ئەلۋەتتە تېخى نۇرغۇن ۋارىيانتلىرىمۇ بار...

ناھايىتى نورمالكى، سېرىق مەزمۇنلارمۇ كەم بولماس بۇ توقۇلمىلاردا.

چۈنكى ئەر-ئايال ئارىسىدىكى ئىشقىي سىرلارنىڭ ئىنتىلىشلەرنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى بۇغۇ؟!

ئىجاتكارلىقىم جارى بولۇپ راسا،

ھەر كۈن يېڭى قىلىقلارنى ئويلاپ تاپىمەن:

شۇنچىلىك شوخ، شۇنچە قىلىقسىز بولۇدۇ بۇلار.

ئەمما سېنىڭ سۈرىتىڭ غۇۋا،

چۈنكى بىرلا كۆردۈم سېنى،

رۇخسارىڭ غۇۋالىشىپ ئۆچتى تامامەن.

سەندىن قالغىنى پەقەت بىر ئىسىم،

مەغرۇر مىجەزىڭ، غەيۇر، جۈرئەتكارلىقىڭ.

يەنە شۇ ئۈستى چارىكى كۆرۈنۈپ تۇرغان كۆكسۈڭنىڭ ئاقلىقى —

خۇددى سۈتتىن يۇغۇرۇلغان زوۋۇلىدەك.

مانا شۇ ئۈلگىمۇ يەتتى مېنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىم ئۈچۈن يول باشلاشقا،

داۋام قىلار خىيالىم ئاشۇ ئاقلىقنى بويلاپ:

باشقا پىنھان جايلىرىڭ،

مەھرەم جايلىرىڭمۇ سۈتتىن يۇغۇرۇلغان خىيالىمدا.

مانا شۇنداق قىلىپ

بەدىنىڭنى ئۆزەم قايتىدىن لايىھەلەپ چىقىمەن ئەسلىدە،

شۇ يوسۇن، ھەر يېرىڭ ئارزۇغا ئۇيغۇن بولۇدۇ چوقۇم.

ئارزۇغا يېتىلمەس دۇنيادىن كۆرە،

خىياللاردا ياشىساق نە قەدەر گۈزەل؟!

 

نۇرلاندى قەلبىم،

گويا زۇلمەت كېچىدە باياۋاندىكى غېرىپ كۈلبىگە

ئاي نۇرى تولغاندەك.

چۈش چۈشىدىم دېيەلمەس بولدۇم،

چۈنكى ئىشەنچىم يوق،

«چۈشۈدۈممۇ؟ توقۇدۇممۇ؟»

كاشكى تەسەۋۋۇرۇمدىكى رەسىمىڭ ئېنىقراق بولسا

بىر ئاز دەرتكە داۋا، تەشنالىققا ئابى زەم-زەم بولارمىدىكىن؟

 

قايتا كۆرەلىسەم ئەگەر...

بۇ كۆرۈنۈش شۇنداق بولۇدۇ گويا:

سەن مېنى ئىزدەپ كېلىسەن (خىيال دېگەن شۇ)،

ئىشكنى چەككىنىڭدە

نەپىسىم تېزلىشىدۇ...

ئىشكنى ئاچىمەن ئۆزەمنى زورغا تۇتۇپ،

قۇچاغلىشىمىز بوسۇغىدىلا...

ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ ھەر ئىش، ئارزۇغا ئۇيغۇن...

 

پۇشكىن دېمىگەنمىدى (مازىپا ھەققىدە)

«... قېرىغاندا كۆيگەن يۈرەكنى ئەجەللا ئۆچۈرەر ئۆز كۈچى بىلەن»[1]!

(مەن مازىپا بولالمىغاندەك،

سەنمۇ مارىيا بولمايسەن بەلكىم؟)

نىم شېھىتمۇ لال بوپتىكەنمىش، قامىتىمۇ دال بوپتىكەنمىش؛

نەتىجىدە بىچارىغا ئۇۋال بوپتىكەنمىش[2].

دوستويېۋسكى ئاننا بىلەن توي قىلغاندا

بىر ھەسسىدىنمۇ چوڭراق ئىدى يېشى،

ئەمما سۆيگۈگە توسقۇن بولمىغان ياشنىڭ ئىشى.

ئەيپ ئەتمەڭ، مېنىڭ سوپىلىقىمنى يۈزۈمگە سېلىپ،

قانچىلىك ئىدى مېنىڭ سوپىلىقىم، شامەشرەپكە باققاندا؟

نىم شېھىت داموللىمۇ يىغلاپ قاپتىكەنمىش

دىرىڭ-دىرىڭ كىيىكتەك شوخ قىز تاشلاپ قاچقاندا.

دېمەك، قېرىلىقنىڭ كۆيمەككە بىر دەخلىسى يوق،

پەقەت سۆيمەككە...

ئادەم بىلەن ھاۋۋادىن تۆرەلگەنمىزغۇ؟

شۇڭا بار بىزنىڭ چەكلەنگەن مېۋىگە مايىللىقىمىز!

ئاللاھ جەننەت ئەھلى ئۈچۈن ۋەدە قىلغان نىمەتلەردىن بىرى دەل سېنىڭ جىنسىڭدىن ئەمەسمۇ؟

ئۇنداقكەن، ئىنتىلىشلىرىم، تەلپۈنۈشلىرىمنىڭ غەلىتىلىكى بارمۇ؟

 

 

ئايلار-ئايلار ئۆچمىدى بۇ خاتىرە.

ياق، بىر ئوت — ياشلىققا تالىق.

ھىچ خىيالىمدىن چىقىرالمىغاچ ئەي، گۈلۈم،

ئەي مېنىڭ لولىتام!

خىيال توقۇش بولدى مەشغۇلۇم.

خىياللىرىمنىڭ مەزمۇنى كېتەر چىگىشلەپ،

رىياللىقتىنلا ئەمەس، مەندىنمۇ ئۇزاقلاپ.

ھەتتا بىمەنىلىشىپ.

دەل شۇ ئاتەش يېقىلغاچ، بۇ تۇيغۇنىڭ شەخسىيەتچىللىكىدىن

قىزغىنىمەن سېنى ھەركىمدىن، ھەر نەرسىدىن.

قىزغىنىمەن، مۇئەللىملىرىڭدىن،

قىزغىنىمەن، سېنى ئېلىپ ماڭغان تاكسىچىلاردىن؛

قىزغىنىمەن سېنى كۆرۈپ تۇرغان ھەركىمدىن!

قىزغىنىمەن پۈتۈن ئىستانبۇلدىن!

ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىن!

 

[1] پۇشكىننىڭ «پولتاۋا» ناملىق داستانىدىن بىر مىسرا.

[2] نىم شېھىتنىڭ ئەسلى شېئىرى:

نىم شېھىتنى لال قىلدىڭ،

قامىتىنى دال قىلدىڭ،

ئەسلىدە ئۇۋال قىلدىڭ،

مېنى تاشلاپ قاچقان قىز.

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

Comments powered by CComment