ئاللاھ ماڭا بىر قورال بەرگەن

ئىشلىتىشنى ئانام ئۈگەتكەن،

ماھىرلاشتىم ئىشلەتكەنچە

ئۆتكۈرلەشتى قورالىم ئىشلەتكەنچە.

ئۇ بىر زۇلپىقار بولدى قولۇمدا

گاھىدا خەنجەر...

ئۇ ئايلاندى تېنىم-جېنىمغا

ياشالمايمەن، ئايرىلسام ئەگەر.

بەزىدە توپ-زەمبىرەك بولۇپ

دۈشمەنلەرنى شەرمىسار ئېتەر.

ئەمما دوستلار ئۈچۈن، ياخشىلار ئۈچۈن

تاتلىق شەربەتتۇر، مىسالى كەۋسەر.

خالىسام بال تامدۇرىمەن

خالىسام شېكەر.

سۆيۈمەن ئۇنى —

سۆيگۈم شۇنچىكى:

مەن ئۆلەى، كېرەكسە

ئۇنىڭدىن ئەۋۋەل!

كۆزۈم كۆرمىسۇن ئۇنىڭ زاۋالىن

چىدالمايمەن، بۇ جۇدالىققا

تارتالمايمەن ئۇنىڭ ۋابالىن.

چۈنكى ئۇندىن ئايرىلسام

كېرەكسىزمەن، گويا بىر مەجرۇھ

قەدرىممۇ تۈگەر،

تىرىك ئۆلۈكتەك

كىملىكىم يوق،

يوقلۇقلارغا چۆكۈمەن تولۇق.

ئۇندىن ئايرىلماق

مەن ئۈچۈن بالا!

شۇڭا دەيمەن: ئۇندىن بۇرۇن

ئۆلگىنىم ئەلا.

 2017 –يىلى 18-نۇيابىر

ھەمبەھرلەڭ:
Pin It

Comments powered by CComment