تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2202|ئىنكاس: 0

ئىككى قېتىملىق ئىستىخبارات ئوپېراتسىيىسىدىكى ئوخشاش نۇقتىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

56

يازما

560

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
560
ئۆتمۈشتە شىمالدىكى مىللەتلەر (بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ۋە باشقىلار)نىڭ ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن سەددىچىننى سوقۇپ ئىچىگە بېكىنگەن خىتايلار مىڭ يىللار بويىچىمۇ سېپىلدىن چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى. ئەگەر شىمالدىكى مىللەتلەردىن موڭغۇللار خىتايلارنى مۇنقەرز قىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى ئۆز دۆلىتى قىلىۋالمىغان بولسا، كېيىن مانجۇلار سېپىلدىن ئىچكىرى كىرىپ، خىتاي قېتىش بۈيۈك ئېمپىرىيە قۇرمىغان بولسا، كىم بىلىدۇ، خىتايلار قاچانغىچە سېپىل ئىچىدە بېكىنىپ ياشايتى؟
خىتايلارسېپىلدىن ئۆزلىرى تېشىپ چىققىنى يوق، سېپىل قۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان ئاشۇ جەڭگىۋار مىللەتلەر ئۆزلىرى خىتايلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ئاخىرىدا ئۆزلىرى بالاغا قالغان ئىدى. قۇرۇت دېگەننىڭ ئۆز تۆشۈكىدە تۇرغىنى ياخشى ئەمەسمىدى؟ مانا ئەمدىلىكتە، خىتايلارنى ئىستىلا قىلىپ، ئۆزىگە قېتىۋالغان مىللەتلەرنىڭ ئىشغال قىلغان ھەممە يېرىنى خىتايلار ھىچ تارتىنمايلا ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى دەۋېرىدىغان بولدى. تارىخلارمۇ تەييارلا ئىدى. مۇنقەرزلىك تارىخىنى بىر ئازلا تەھرىرلىۋەتسىلام!
ئىچىگە بېكىنگەن خىتايلار ئىككىنچى قېتىم 80-يىللاردىن كېيىن تەدرىجىي يۈرەكلىنىپ، ئۇۋىلىرىدىن چىقتى. خەلقارا سەھنىلەردىمۇ ئويناشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولدى. بۇقېتىم سېپىلدىن ئەمەس، (سېپىل ئاللىقاچان خىتاي زېمىنىنىڭ ئىچىدە قالغان ئەمەسمۇ) بۈگۈنكى چېگرىلىرىدىن سىرتقا چىقتى. خۇددى بۇرۇنقى كۈچلۈك دۆلەتلەردەك ئۇزۇن يىللىق پىلانلىرى ئۈچۈن چەتئەللەردە ئىستىھبارات ئويۇنلىرى تەشكىللىگۈدەك ھالغاكەلدى.
خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ئىزچىل بىر نۇقتا يوشۇرۇلۇپ كېلىنمەكتە: خىتاي ئىمپېرىيىسى ئىچىدە مىللىي قارشىلىق بارلىقى، بەزى مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۇلقۇنۇۋاتقانلىقى جىددىي تۈردە يوشۇرۇلۇپ، بۇ قارشىلىقلار باشقىلار ھىسسىداشلىق قىلمايدىغان تۈردىكى يېقىمسىز سۈپەت ۋە ئىسىملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىنمەكتە. ئەڭ دەسلەپتە «جاھانگىرلارنىڭ مالايلىرى، ۋەتەن خائىنلىرى، كونا دۇنيانى تېرىلدۈرۈشكە ئۇرۇنۇدۇغان خەلق دۈشمەنلىرى... » دېيىلگەن بولسا، كېيىن سوۋېتكە باغلانغان دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن پەردىلەندى. بۆلگۈنچى دېگىنىمۇ خۇددى بىر پۈتۈن مۇقەددەس تەننى بۆلۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان، خەلق خالىمىغان بىر ئىشنى قىلماقچى بولغان دۈشمەنلەرئىدى. ئەگەر بۇ قارشىلىق ھەركەتلىرى مىللىي مۇستەقىللىق ھەركىتى دېيىلسىلا، مۇستەقىللىق جەڭچىلىرىنى ئەيپلەشنىڭ ئىمكانى بولمايتى. دۇنيادىمۇ ھىچكىم بۇنداق ئىسىمدىكى قارشىلىقنى (مەيلى قانچىلىك قانلىق تۈس ئالسۇن) ئەيپلىيەلمەيتى. چۈنكى، ئىنسانلا بولۇدۇكەن مۇستەقىللىق ئارزۇسى بولۇشى غايەت نورمال-دە! قانداق مىللەت قۇل بولۇشنى خالىسۇن؟ كىممۇ نېمىشقا قۇل بولۇشقا ئۇنىمايسەن؟ دەپ بىرسىنى ئەيپلىيەلىسۇن؟ «جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا» دېگەندەك، خىتاينىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرىمىزنى ھەمىشە تۆھمەت خاراكتېرلىق ئىسىملار بىلەن ئاتىشىنىڭ سەۋەبى ماناشۇنداق.
يېڭى دەۋردە —سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلگەن، سوغۇق ئۇرۇش تۈگۈگەن دەۋردە — غەرپ دۆلەتلىرى يېڭى دۈشمەن ئىھتىياجى ئۈچۈن «خەلقارا ئىسلام تېرورىزمى»نى دۈشمەن قىلىپ بېكىتتى. يەنى، بىرەر ئىسلامچى دۈشمەنلىك ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن دۈشمەن دەپ تونۇش ئەمەس، ئاۋال بەلگىلەندى، ئاندىن دۈشمەنلىك ھەركەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى ياكى بىرلا ۋاقىتتا ھەركەتلەرمۇ باشلاندى. خەلقارا دۈشمەن قارىشىغا ماسلىشىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەيپلىشىگىمۇ ئۇچرىماي قەتلىئام ئېلىپ بېرىشنىڭ پارلاق ئۇپۇقى كۆرۈلۈۋاتاتتى! خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ھەركىتىگە مانا بۇ قالپاقنى كەيدۈرۈشنى قارار قىلدى! بۇنىڭ بىلەن، ھەم يوشۇرۇن دۈشمەنلىرىنى ئۆزىنى ئاشكارىلايدىغان سورۇنغا باشلىيالايتى؛ ھەم كەلكۈننى قوشنىنىڭ ئېتىزىغا باشلاپ، مۇداپىئەلىنىش، ھەم تەشۋىقاتىدا دېيىلگەنلەرنى دەلىللەيدىغان ھەركەتلەرنى ئۇلارغا دۆڭگەشكە بولاتتى. ئاللىقاچان تالىبان كاتتىۋېشى موللا ئۆمەر بىلەنمۇ ناسىۋەتلىرىنى پۇشۇرۇپ بولغان، ئەگەر بۇ «مۇجاھىدلار» ئۇنىڭ قولىغا بېرىلسە، خىتايغا قارشى ھەركەتسىز، ئەمما دەلىل قىلىشقا ياراۋېرىدىغان شەكىلدە مەيدانغا چىقاتتى!
1997-1999-يىللىرى ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا، پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردا ئوينالغان بىرىنچى قېتىملىق ئىستىخبارات ئويۇنى مانا شۇنداق تۇغۇلدى. خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىققا بولغان تەشنالىقىدىن ئىنتايىن ئۇستۇلۇق بىلەن پايدىلىنىپ، بولۇپمۇ خىتايلارغا ئەسلا ياراشمايدىغان جۈرئەتكارلىق بىلەن بۇ ئويۇننى مىللىتىمىزنى ئويۇنچى قىلىپ ئېلىپ باردى. بىچارە خەلق ئۇزۇن يىللىق بېكىنمە ھايات ئىچىدە جاھان كۆرمىگەن، ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈن، گويا ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۆرەش سېپىگە قېتىلدىم دەپ ئويلاپ قالدى؛ ھەتتا بەزىلەر ئاللا رىزاسى ئۈچۈن جىھاد سېپىدىمەن دەپ ئويلىدى! ھىسام تىككەن ئاق ياغاچ ۋە قارا ياغاچقا ئوخشاش «ئىككى ياغاچ» تىكىلگەن ئىدى. گەرچە ياغاچلار ئوخشىمايتى-يۇ، ئەمما ھەر ئىككىسىگە توپلانغانلار ئوخشاش ئادەملەر(ھىسامنىڭكىسىدە ھەر ئىككىسىگە خوتۇندىن قورقۇدۇغانلار توپلانغانتى) — ساددا مۇسۇلمانلار، ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدى؛ بېشىدىكىلەرمۇ شۇ: روللىرى شۇ تەقلىتتە پىچىپ بېرىلگەن ئادەملەر بولۇپ، بىر خوجايىنغا تەۋە ئىدى.
ئويۇنچىلارتولۇقلاپ تۇرۇلدى: بىر ياقتىن خىتايلار گويا قاتتىق ئەيپلەش تەلەپپۇزى بىلەن: «ئاقچى-كۆكچى،ئېشەك ئوغرىسى دۇمباقچى! بۆلگۈنچى پالانچىلار پالان يەردە ھەربىي مەشق كامپى قۇرۇپ... » دېگەن مەزمۇنلاردىكى تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ، ياشلارغا قەيەرگە بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىشارەت بەردى، ئادرېس كۆرسەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، پاكىستانغا ئىشكنى داغدام ئاچتى: پاسپورتسىز، چېگرا خېتى بىلەنلا چىققىلى بولۇدۇغان قولايلىق يارىتىپ بەردى. پاسپورتسىز بولۇشىنىڭ يەنەباشقا پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بارىدى: ئەگەر كۆرسۈتۈلگەن ئادرېسقا كېلىپ، بۇ يەردىكى ئىشلار دىتىغا ياقماي قالغان تەقدىردىمۇ، پاسپورت بولمىغاچقا ھىچياققا كېتەلمەستىن، ھاياتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ھەلەپ بېرىلىدىغان ئوقۇردىن ئايرىلماي تۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتى. خىتايلار چېگرا خېتى بېرىشنى بەردى، قولايلىقنى يارىتىپقۇ بەردى.ئەمما خىتايچە كۆزى كىچىكلىكىنى، سىكە-پىيازلىقىنى جارىي قىلىپ، بىچارە ئۇيغۇرنىڭ پۇلىنىمۇ ئوبدان يىغىۋالدى. پۇل بولسىلا چېگرا خېتى ھەل بولۇدۇغان، چەتئەلگە چىققىلى بولۇدۇغان ئىش بولسا، نېمىلەرگە، نېمىلەرگە رازى بولمايدۇ، بۇ خەلق؟!يېرىم ئەسىردىن بېرى دۈملۈنۈپ، كاۋاپ بولايلا دەپ قالغان تۇرسا، تالا-تۈزگەچىققۇسى كەلمەيتىمۇ؟
خىتايلار بۇ ئويۇندا، پاسپورت، چېگرا خېتى دېگەندەك قەغەزلەرنى سېتىپ، ئۇيغۇرنىڭ ئاران تاپقان پۇللىرىنى يىغىۋالدى؛ ئىش ھەققىسىز ئىشلەيدىغان، ئەمما ئېپى كەپ قالسا يەنە شۇ ئۇيغۇرنىڭ يانچۇقىدىن ئېلىۋال دەپ يول ئېچىپمۇ بېرىلىدىغان شۇمپەن ئايغاقچىلار، ۋاسىتىچىلار ياكى پاسپورت ھۆددىگەرلىرىمۇ خوجايىنلىرىنىڭ ئىلتىپاتىدىن بېيىۋالدى. «يا شۇ خىتاي بولمىغان بولسا، بۇنداق ئوبدان ئىش نەدىمۇ بولاتتى؟» دېيىشىپ،خوجايىنننىڭ ئۆمرىگە دۇئا قىلىشتى. پۇلمۇ ئىستىھبارات ئويۇنلىرىدا بىر مەخسەت. ئەمما موھىمى، يوشۇرۇن دۈشمەنلىرىنى ئاشكارە ھالغا كېلىشكە ئۈندەپ، ئۇلارنى قارا تىزىملىككە چۈشۈرۈۋالدى. ئوتنىڭ ئارىسىدىكى يىلان ئوچۇق يەرگە چىقتى! پايدا بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى! ئۇيغۇرلارنى خەلقارا سەھنىلەردە سېسىتىش ئۈچۈن دەلىل ئىشلەپچىقىرىلدى. خىتايلار مەخسەتلىرىگە يەتكەندىن كېيىن بولسا «ياغاچ» بېشىدىكى «دوغىلىرى»غا ئىشارەت قىلدىمۇ، يا قولايلىقلارنى قىسىپلا ئىشنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىدىن بىشارەت بەردىمۇ، ئەيتاۋۇر، «ئاق ياغاچ ۋە قارا ياغاچ» تۈۋىدىكىلەر (گەرچە ھەممىسى «خوتۇندىن قورقۇدۇغانلار» بولسىمۇ) بىر-بىرىنى سەن ئاق، سەن قارا دېيىشىپ، ئىچكىي ماجراغا يۈزلەندى. بىر خىتاينىڭ بۇرنى قانىغان يوق، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈژمە تۆكۈلگەندەك تۆكۈلگىلى تۇردى. كىرگەنلەرنىڭ تىزىملىكى ئاللىقاچان خىتايلارنىڭ قولىدا بولغاچقا ئۇتتۇرلا چاڭگالغا چۈشتى! ھەتتا بۇ خاسىيەت بىلەن، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى «چىراق تۈۋى قاراڭغۇ» دېگەن قانۇنىيەت بويىچە خىتاي يۇرتلىرىغا بېرىۋېلىپ يوشۇرۇن ھەركەت قىلىۋاتقان، تۇتۇلمايۋاتقانلارنىمۇ تازىلىۋالدى. چۈنكى چەتئەلدىكى «لېدىرلار» ئىش تازا قىزىغاندا «ھەركەت بىر تۇتاش بولغىنى ياخشىدى، كەم كوتىسى بولسا بىز تەمىنلەيتۇق ئەمەسمۇ، ئالاقىلىشىپ تۇرغان بولساق... » دەپ ئۇستۇلۇق ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ «ياغاچ تۈۋىگە توپلانغان» سەبداشلىرىدىن ئۇچۇرلىرىنى ئېلىۋالغاچقا، «تۇتۇلماس» دەپ داڭقى چىققانلارمۇ دەرھاللا تۇتۇلۇپ يوقالغان ئىدى! خىتايلار ئۈچۈن پايدا شۇنىڭ بىلەنلا تۈگىسىغۇ! يەنە تېخى، چەتئەلدە ئىنقىلاپقا دەپ پۇل يىغىشمۇ بار. ئۈچبەش تەڭگە كۆز بوياش خاراكتېرىدە پالان ئىشقا دېيىلىپ، كۆرسۈتۈلگەن ئادرېسلاردىن باشقا، يەنە شۇ يوسۇن «دوغا»لارنىڭ نەپسىنى تويغۇزۇشقا يارىغان بولدى. تېخى، پۇل بەرگۈچىلەرنىمۇ قارا تىزىملىككە چۈشۈرۈپ، كىملەرنىڭ ئىنقىلاپقا ئىئانە بېرىدىغانلىقى، قارشىلىق ئىدىيىسى بارلىقى (پۇل بېرىپ قوللىشىدىن مەلۇم بولاتتى) بىلىۋېلىندى. ھەتتا شۇ يىللاردا زاكاتنى قەيەرگە بەرگەنلىكىگىچە سۈرۈشتە قىلىندى! ئەمدى، شۇنداق بىر ۋەزىيەت يارىتىلدىكى، بايلار پۇل بەرگۈسى بولسىمۇ بېرىشتىن قورقۇدۇغان، ئىنقىلاپ مەبلەخسىزلىك تۈپەيلى ئۇچقۇن ھالىتىدىلا ئۆچۈپ قالۇدۇغان بولدى!
خىتايلارئىككىنچى قېتىملىق ئىستىھبارات ئوپېراتسىيىسىنى مۇشۇ كۈنلەردە داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئىزچىل تۈردە خەلقارا جامائەتنى تەشۋىقاتىدىكى تۆھمەتلەرگە ئىشەندۈرەلمىگەن خىتايلار، ئەمدى كۆلىمى چوڭراق ئىش ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەلگەندەك قىلىدۇ. بۇ — شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق «قېچىپ چىقىش» ۋەقەسى ۋە بۇنىڭ داۋامىدا ئېچىلغان يېڭى «پەردىلەر»!
ساننىمۇ ئاۋۇتۇپلا قالماي، يەنە تېخى بۇلارنى دەل غەرپ تەشكىللىگەن ئويۇن سەھنىسىگە تاشلاپ ئوينۇتۇش ئارقىلىق، غەرپنى «ئىشەنمەي چارىسى يوق» ھالغا كەلتۈرمەكچى بولغانلىقى ئېنىق. ئەمدى غەرپ دۆلەتلىرىدە يۈز بېرىشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تېرورلۇق ۋەقەلىرىگە قاتناشتۇرۇشى ياكى قاتناشقانلارغا تەرەپدار پوزىتسىيەدە تۇتۇش ئارقىلىق ئۆچمەنلىك قوزغاشنى كۆزلىگەنلىكىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس.
ئالدى بىلەن ئوخشاشلىقلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: ئىلگىرى قولايلىق يارىتىپ، چېگرا خېتى ئارقىلىقمۇ چىققىلى بولۇدۇغان قىلىپ بەرگەن بولسا، بۇ قېتىم «قېچىش»نى قولايلىقلار بىلەن تەمىن ئېتىپ بېرىدۇ. مەھەللىدىن مەھەللىگە ئۆتكىچە توساقلاردا تەكشۈرۈلۈدۇغان بىر ۋەزىيەتتە يۈننەنگىچە بېرىش ئاسانمۇ؟ ھەتتا شۇ كۈنلەردە بەزى يېزىلارنىڭ چىقىش ئېغىزلىرىغا دەرۋازا بېكىتىپ ئاخشىمى قۇلۇپلاپ، خۇددى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئەسىر كامپلىرىدەك باشقۇرۇلۇۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئائىلە، بالاۋاقا، ئۇلۇغ-ئۇششاق بولۇپ سەپەرگە چىقىشى، گۇمان قوزغىماسلىقى ئاجايىپ ئىش ئەمەسمىدۇر؟ ئەمما بۇبىچارە ساددا مۇسۇلمانلار خىتاي موللىلار تەرىپىدىن تەبلىغلەرگە چۆمدۈرۈۋېتىلگەچكە، ئېتىقادى كۈچۈيۈپ كېتىپ، «ئاللاھ يولىغا ئۆزىنى ئاتىغان ئادەمنى ئاللاھ ساقلايدۇ» دەپلا ئىزاھات بېرىپ قويسا، قىلچە باشقا تۈلۈك ئويلاپ كۆرەيمۇ دېمەستىن، ئاللاھ ساقلاپ، تېچ ئامان يۈننەن چېگرا بويلىرىغا يېتىپ كەلدۇق دەۋەرگەن بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ ئامان ئېسەن بۇ 3000دىن 4000 كلومېتېرغىچە كېلىدىغان خىتايلار ھۆكۈمرانلىقى ئىچىدىكى مۇساپىدىن دەل خىتاي ئىستىھبارات ئويۇنىنىڭ «پەردە»، «كۆرۈنۈش»لىرى تەقەززاسى بىلەن ئەنە شۇنداق «تېنچ-ئامان» يېتىپ بېرىشقانلىقى، ئۇلارنى بۇ ئۇزۇن سەپەردە ئامان-ئېسەن ئېلىپ ماڭغان ھېلىقى «يولى بار» «بوخوچى»نىڭ ئەمەلىيەتتە رىژىسسورنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىمانلىرىنى كۈچلەندۈرۈپ، يېنىدىكى دۈشمەننى كۆرمەس قىلىپ، يىراقتىكى دۈشمەننى كۆرۈدۇغان قىلىۋەتكەن تەبلىغچى موللىنىڭمۇ رىژىسسورلاردىن بىرى ئىكەنلىكى ئۇخلىسا چۈشۈگە كىرمەيتى. چېگرا بويلىرىدىن ئۈستى يېپىق ماشىنا بىلەن بېرمىغا توشۇغانلارنىڭمۇ قانداقتۇر پۇلغا ئاچىقىپ قويۇدۇغان ئەتكەسچى ئەمەس، خىتاي ئىستىھباراتىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكى ئەقلىگە كېلەرمىدى؟
بۇ «ئىمانى كۈچۈيۈپ كەتكەن» مۇجاھىت «كۆچ قوشۇنى» توغرا-خاتا ھەققىدە گەپ قىلاي دەپ ئېغىز ئۆمەللەپ بولغۇچىلا «ھۇ مۇرتەد، ھۇ، تاغۇت!» دەپ تىللاپ، ھىچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندىن باشقا، ئالدىنقى قېتىمدىن مىراس قالغان ھېلىقى مەشھۇر «ئاقتاغلىق،قاراتاغلىق»قا ئايرىش شۇئارىنىمۇ ئەينەن تەكرارلىشاتتى: «ھۇ، دېموكراتچىلار!» ھوووھۇي، بىزنىڭ ئاشۇ ئوقۇمىغان خەلقنىڭ بىلىپ كەتكىنىگە دىققەت! دېموكراتچىمىش! ھاياتىدا دېموكراتىيىنى كۆرۈپ، تويۇپ كەتكەندەك گېپىنى كۆرۈڭ، سولتەكلەرنىڭ! ئالدىنقى قېتىمدا «ئۆزىنى ئىسلامچى» دەپ ئاتىۋالغانلارنى ئەمدى بۇ يېڭى چىققانلار دېموكراتچى دەپ ياراتماس بولغان گەپ! ئۆتنە جاھان دېگەن شۇ، دېسەك توغرىمىدۇ؟ ياكى«ئىنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ»، دېسەك توغرىمىدۇ؟
ئىشقىلىپ، ئۇلارنى تىغ ئۆتمەس، سۇ كىرمەس قىلىپ تەربىيىلەپ ئەۋەتكەن خىتاي موللىسىغا قول قويماي ئىلاج يوق! دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن، سىياسىيدىن، ئىستراتېگىيە دېگەندەك يوغان گەپلەردىن قانچە مىڭ كلومېتېر ئۇزاقتىلىقىنى ھىساپلاشنىڭمۇ مۈمكىنچىلىكى يوق ئىكەن، ئۇلارنىڭ خەقنى ياراتمايدىغان 100%لىك مۇسۇلمان بولۇپ كەتكىنىگە قاراڭلار! خىتاي موللىنىڭ قولىدا ئوقۇپ! بىزنىڭ مەھەللىدە بۇرۇنلاردا، بىر ئاز كەڭرىراق زامانلاردا قوشنا باللاردىن بىرنەچچىگە ھەپتىيەك ئوقۇتقان بىر قىز بارىكەنمىش، مۇشۇ كۈنلەردە ئاشۇ كونا ھىساپمۇ ئۇنتۇلماي، ئۇنى ھېلىقى يەرگە ئەكىتىپتۇمىش، قانچە ئايلاردىن بېرى دېرىكى يوق، ئۆيىدىكىلەر سۈرۈشتە قىلىشتىنمۇ قورقۇپ، ئىچىگە تىنىپ يۈرەرمىش. ئەمما بۇ يېڭى مۇجاھىت قاچاقلارنى ئوقۇتقان موللىلارنىڭ شۇنچە ئادەمنى تەربىيىلەپ، پولاتتەك مۇستەھكەم قىلىۋەتكىچىمۇ تۇتۇلمىشى بىر ئۇيغۇردا بىرەر چالا «نېمە ئۈچۈن؟» تۇغدۇرۇشقا يارىمىغان! نەقەدەر ئەقىللىق، زېرەك خەلقمىز! خىتاي شۇڭا بىزنى كولدۇرلىتىشقا بەك كۆپ باش قاتۇرۇپ، ھەر دايىم يېڭى ئويۇن تەييارلاپمۇ ئاۋارە بولمايدۇ. مىڭ قېتىم تەكرار ئىشلەتكەن ئۇسۇلغىمۇ بىز يەنىلا ئىشىنىۋېرىمىز. خۇددى تۇخۇمنى بويىغانچىلىكلا رەڭ بېرىپ قويسا بولدى.
شۇنداق قىلىپ، مۇجاھىت قاچاقلار ئۇلۇغ-ئۇششاق بولۇپ، «ئاللاھ ئاسان قىلىپ بەرگەن يول» بىلەن بېرمىنى ئاتلاپ (چۈنكى بېرمىغا پىچىپ بېرىلگەن رول تۇيماي تۇرۇش بولسا كېرەك)تايلاندقا، ھەتتا تايلاندنىمۇ ئاتلاپ مالايسىياغا كېلىشىدۇ. ياخشىكى، بىزگە تۈركىيە بار، تۈركىيە ئۆزىگە پىچىلغان قۇتقازغۇچىلىق رولىنى ئوبدان ئويناپ، ئونمىڭلارچە ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ. بىر دىكتاتور دۆلەتتىن قانۇنسىز قاچقان قاچاق، ئۇ دۆلەتنىڭ ئاسىيلىرى دېمەكتۇر، دۆلەتنىڭ دۈشمىنى دېمەكتۇر. ئەمما، بۇ دۈشمەنلەرنى (ئونمىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى) تۈركىيە ھىچ ئىككىلەنمەي، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ قۇتقۇزۇۋالىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، خىتاي بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىدە دەز ھاسىل بولمايدۇ، تېخىمۇ كۈچۈيۈپ كېتىدۇ، تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ھال خۇددى خىتايلار: «بىزگە ئاسىيلىق قىلىپ قاچقان بىچارە قاچاقلىرىمىز نەلەردىمۇ مۇساپىر بولۇپ، ئىسسىق-سوغۇقتا قالار، دەپ بېشىمىز قېتىۋاتقاندا ھەجەپمۇ ياخشى سىلەر قۇتقۇزۇۋالدىڭلا، ئاللاھ رازى بولسۇن» دەپ مەمنۇن بولغاندەكلا بىر ئىش بولدى.
ئۇلۇغ-ئۇششاقلىرى قېلىپ، جەڭگىۋار ياشلار ئاشۇ خىتاي موللىلار كۆرسەتكەن دۈشمەننى ئىزدەپ كېتىشتى! تۆرت يىل ياشىغان بولۇشۇمغا قارىماي، قايسى چېگرادىن قانداق ئۆتسە ئۆتكۈلى بولۇدۇ، ماڭا قالسا ھەرگىز بىلمەيمەن، ئەمما بۇ يېڭىلا چىققان ئەزىمەتلەر ئازماستىن چېگرىغا بېرىپ، كۆزلىگەن يېرىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ! بارغان يەردە ئوخشىمىغان توپلاربار! ئاق ياغاچ، قاراياغاچ دەپ ئىككىلا تۈر بولغان بولسىغۇ ياخشىدى، ئەمما بۇيەردە كۆكياغاچ، سارياغاچلارمۇ بار. قايسىسىغا قېتىلسا مەملىكەتتە تەبلىغ قىلغان موللىلار كۆرسەتكەن توغرا يولدا بولغان بولۇدۇ؟ تاللاش ئىمكانى بارمۇ؟ قىياسەن سىناپ باقايلى:
— بىز ھازىرلاچېگرىدىن ئۆتكەن يېڭى مۇجاھىتلارمىز، سىلەر قايسى توپ؟
— بىزلەر قاراياغاچتىن.
— بىزئىزدىگەنلەر سىلەر ئەمەسكەنسىلەر، بىز ئاقياغاچقا بارماقچىدۇق، ئۇلار قايسى تەرەپتە؟
— بۇنى كۆردۈڭما؟ (كىلاشنىكوۋنى كۆرسۈتۈدۇ) مانا شۇنىڭدىن ئامان قۇتۇلالىساڭ، ئاندىن ئاقياغاچقا بارالايسەن!
— بۇ...؟
— تۇرە، ماياققا، قاتارغا كىرە، ھۇ تەربىيەسىزلەر!
ئېلىپ كېتىدۇ.كۆزلىگەن توپ تەرەپكە كېتەتتىم دېسە، چوقۇم ئېتىۋېتىدىغانلىقى پەيلىدىن كۆرۈنۈپ تۇرمامدۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق بولۇدۇ-دە، ئۇلارغىمۇ ئادەم كۈچى لازىم تۇرسا، تەييار ئادەمنى «ھە، سىلە ئاقياغاچ تەرەپكە بارماقچىمىدىڭلا، ماندا ماڭساڭلا بارىسىلە» دەمتى؟
ئىككىنچى توپ ئۆتۈدۇ. ئۇلارغا بىرتوپ قوراللىق ئادەم ئۇچرۇشۇدۇ.
—ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قېرىنداشلار، بىز يېڭى ئۆتكەنتۇق، سىلەر قايسى توپتىن؟
— بىزلەركۆكياغاچتىن.
— بىز ئاقياغاچقا بارماقچىدۇق...
— جېنىڭدىن تويغان بولساڭ ماڭە قېنى، بىر قەدەم!
ئۇھ....بۇلارغىمۇ ئادەم كۈچى لازىم بولغاچقا تەييار ئادەمنى قولدىن بەرگۈسى كەلمىدى.
كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، خىتاي موللىلار بەلگىلەپ بەرگەن دۈشمەنگە قارشى جىھات قىلىپ، جەننەتكەيول خېتى ئالماقچى بولغان بۇ مۇجاھىتلار ئوخشىمىغان توپلارغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. قېنى ھېلىقى كۆزلەنگەن دۈشمەن؟ خالىساڭمۇ، خالىمىساڭمۇ قارشىڭدىكىلەرگە قارىتىپ ئاتىسەن! بىر-بىرىگە قارىتىپ ئېتىشلار باشلىنىدۇ! مانا ساڭا جىھات! مانا ساڭا مۇجاھىت!
ئالدىنقى قېتىمدىمۇ پاكىستاندا بىزنىڭكىلەر «ئىچكىي ئۇرۇش» (گىراژدانلار ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتايدۇغۇ بۇنى) قىلىشىپ كېتىشكەن ئىدى. نىشان خاتا تاللانسا، نىشاننى باشقا بىرى تاللاپ بەرسە ھەردايىم مانا شۇنداق بولماي چارە يوق!
ئالدىنقى قېتىمدىغۇ «ئىسلامچىلار»نىڭمۇ، «دېموكراتچىلار»نىڭمۇ داھىلىرى ئېنىق ئىدى. بۇقېتىم قانداقكىنە؟ ھازىرغىچە بۇلارنى بىلەلمىدۇق. بىر توپنىڭ داھىسىغۇ، ئاشۇ بۇرۇنقىسىنىڭ ۋارىسلىرىمىش! ھېلىقى پاكىستاندا بۈگۈنگىچە مەۋجۇت تۇرۇۋاتقان مۆجىزىۋىي توپنىڭ!
يېڭى مۇجاھىتلار قوشۇنىنى ھاسىل قىلىشتىن خىتايلار قانداق پايدا ئالار؟ نېمە ئۈچۈن ئەمدى خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىدىن قورقماس بولۇپ قالدى؟ بۇ ھەقتە چۈشۈنۈشكە تىرىشىپ بېقىش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بولۇپ قالدى. خىتاي، ئەزەلدىن بىزگە ياخشىلىق تۇرۇپ تۇرسۇن، زىيان بولماي، ئىزى بولۇدۇغان ئىشنىمۇ راۋا كۆرمەيدىغان خىتايلار ئىلتىپات قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ بۇنىڭ ئىلتىپات ئەمەسلىكىنى ھەممە ئۇيغۇر دېگۈدەك پەرەز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىكى سەۋەپنى توغرا پەرەز قىلىش ئاسان ئەمەس.
1962-يىلى ئىلى-چۆچەك ۋەقەسىدە بىر قېتىم چوڭ «قاچ-قاچ» بولۇپ، 60 مىڭ ئۇيغۇر «قېچىپ»كەتكەنىدى. ئەسلىدە بۇ ئويۇندا كۆزلەنگىنى، چېگرا بويلىرىنى ئۇيغۇردىن تازىلاپ، چېگرا مۇداپىئەسىدىكى «ئاچ بېقىن» ئاجىزلىقىنى ئوتتۇرىدىن قالدۇرماق ئۈچۈن بولغان ئىدى. چۈنكى چېگرىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە ئۇيغۇر بولغان ئەھۋالدا تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ، بۇ چېگرىنى قانداقمۇ ئىشەنچلىك دېگىلى بولۇدۇ؟ چېگرا دېگەننى ئەسكەر ساقلايدۇ دېگىنى ھەربىي مۇداخىلە، تاجاۋۇز ھادىسىلىرىگە قارىتا ساقلايدۇ دېگەن گەپ؛ ئەمما پۇخرا قاچاقلار، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆتۈشمىلىرىنى ئەسكەر توسالمايدۇ. چۈنكى ئەسكەر پەقەت مەلۇم نۇقتىلاردا گازارما قۇرغان بولۇدۇ، ئارىلىقتىكى نەچچە ئون، نەچچە يۈز كلومېتېرلىق چېگرا سىزىقى يەنىلا بوش بولۇدۇ.بۇنداق ئارىلىقلارنى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان پۇخراغا ئامانەت قىلىدىغان گەپ. شۇڭا چېگرا بويلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ بولۇشى خاتىرىجەمسىزلىك بولۇدۇ-دە! بۇ قاچ-قاچ سۈنئىي پەيدا قىلىنىپ، چېگرا بويلىرى ئۇيغۇردىن تازىلانغاندىن كېيىن، بۇ يەرلەرگە خىتايلار ماكانلاشتۇرۇلدى. بۇ چېگرا ئەمدى تولۇق خاتىرىجەملىك ئاتا قىلدى. قارايدىغان بولسىڭىز پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرا بويلىرىدا ئۇيغۇر يوق. ئۇيغۇر يۇرتلىرى رەسمىي چېگرا سىزىقىغا ئەڭ يېقىن بولغاندا 200 كلومېتېر كېلىدۇ. قازاقلار، موڭغۇللار، قىرغىزلار، تاجىكلار خىتايلار ئولتۇراقلاشقانلىقىنى كۆرۈمىز.
پەقەت، قاراقۇرۇمدىن ئىبارەت بۇ قاقاس ۋە ئاسمانغا تاقاشقان تاغلار ئارقىلىق ھىندىستاندىن ئايرىلىپ تۇرغان چېگرا بويلىرىدىلا خىتايلار يوق. باشقا چارۋىچى خەلقلەرمۇ يوق. چېگراسىزىقى ئوخشاشلا 200 كلومېتېردىن ئارتۇق بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىگىز ھاۋا رىئاكسىيىسى بېرىدىغان ئىگىز تاغلار ئارىسى ئاساسەن بوش ياكى ئەڭ چەت ئولتۇراق نۇقتىلىرىدا ئۇيغۇرلار بار! ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستاندەك ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي دۈشمەن بىلەن چېگرىلىنىدىغان تەرەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇشى نەقەدەر خەتەرلىك! بۇ قاچ-قاچتا ئاساسىي قاچاقلارنىڭ خوتەندىن بولۇشى تاسادىپىي ئەمەسمۇ نېمە؟
يەنىچۇ؟ ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇن پاختەك ئاشۇ بىر چالما بىلەن پوكۇلداپ چۈشمەكتە. ئىلگىرىكى خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋىي قورقۇنچاقلىقىنى قارىسىغا داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەكسىچە، يېڭى خىتاي رەھبەرلىكى، ئەمەلىي پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلىدى:
— ئۇيغۇرلارچەتئەلگە چىقىپ كەتسە تەھدىت شەكىللەندۈرەلەمدۇ؟
— تايىنلىق!
— ئۇزاق كەلگۈسى دەۋرلەردە پۇرسەت كەلسە بىر كۈچ سۈپىتىدە يۇرتقا قايتىشقا يارايدىغان سۈپەتنى ساقلاپ تۇرالامدۇ؟
— ۋەتەن ئىچىدىكىدىنمۇ تېزراق ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ، ئۇيغۇرلۇقى ئۆچۈدۇ!
—تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ، ئەمەلىي تەسىرى بولغان ھەركەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالامدۇ؟
— تايىنلىق!
— ئۇنداق بولسا قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوقكەن! نەگە بارساڭ بار دەپ داغدام يول بەرگۈلۈك!
يەنە شۇمۇ بولسا كېرەك: چەتئەللەردە مەيلى قايسى ياغاچنىڭ تۈۋىگە توپلانسا توپلانسۇن، ياغاچلار ئاللىقاچان بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشۈپ بولۇغلۇق، شۇڭا تەشكىلاتدۇق دېسىمۇ، يەنىلا بىزنىڭ باشقۇرۇشىمىز ئىچىدە!
يېڭى «قاچاق مۇجاھىتلار»نى نېمە قىلماقچىدۇ؟ ئۇنى نېمىگە ئىشلىتەر؟ ھازىرچە ئۇلار (غەرپنى تىللاۋاتقان بولسىمۇ) غەرپنىڭ پىلانىدا ئورۇن ئېلىپ، ئۆز ھەسسىلىرىنى قېتىپ تۇرۇدۇ ۋە خىتايلارنىڭ خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىق جەڭچىلىرىگە كەيدۈرگەن «ئىسلام تېرورى» قالپىقىنى راستقا چىقىرىدىغان «پولاتتەك دەلىل» بولۇپ تۇرۇپ تۇرۇدۇ. كېيىنچە؟
خىتايلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش پىلانى بار.  ئەنگلىيىلىك پروفېسسور ھارفورد جوننىڭ «كىم ئوتتۇرا ئاسىيانى كونترول قىلالىسا، شۇ دۇنيانى باشقۇرىدۇ» دېگەن. خىتايلار مانا شۇنىڭ ئۈچۈن قىزىقىۋاتامدۇ يا؟ بەلكىم.
خىتايلار قەدىمىي يىپەك يولىنى زامانىۋىي شەكىلدە قايتا قۇرماقچى ئەمەسمىدى؟ «بىر يول، بىربەلۋاغ» قۇرۇلۇشى دېگىنىنى ئۇنتۇپ قالمىغان دوستلار شۇنى ئەسلەپ باقسا بولۇدۇ. بۇ زور ھەجىملىك مەبلەخ تەلەپ قىلىدىغان قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بارسا، بۇ يەرلەرگە سېلىنغان مەبلەخنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتايلارنىڭ بۇ رايونلاردا ھەربىي بازىلىرى يوق، شۇڭا بۇ قۇرۇلۇشى ئەمەلگە ئاشمايدۇ دېگەن مەزمۇنلاردىكى مۇلاھىزىلەرنى ئەسلىسەكلا، ئەسلىدە خىتاينىڭ مۇشۇ قۇرۇلۇشنى قوغدايدىغان ھەربىي بازىلارنى بەرپاقىلىشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشكەنلىكىگە جەزم قىلالايمىز. خىتاي بۇ پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالارمۇ؟
بۇنى بىردىنلا ئىشقا ئاشۇرۇش مۈمكىن بولمىسىمۇ، ئاخىرى بىركۈن بۇيەرلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنى يېڭى ئەۋلاتلارنىڭ مېڭىسىگە ئۈزلۈكسىز قاچىلاشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ياساپ چىقىلغان تارىخنى مەكتەپ دەرسلىكلىرى ئارقىلىق ئەۋلاتلىرىنىڭ مېڭىسىگە قۇيۇپ، كېڭەيمىچى روھ يېتىلدۈرمەكتە. ئۇلار بۇ بېسىۋېلىش ھەركىتىنى نورمال ھەققىمىز دەپ بىلىدىغان تۈردە قايتا شەكىللەندۈرۈلمەكتە. بۇ ئۇزاق مەزگىللىك پىلاننىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئىشقا ئاشۇرۇلۇدۇغان شەكلى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ھەربىي بازا قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇشى، قەستەن چىقىرىلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاسترىتتىن تەشكىللەپ، كېڭىيىش پىلانىدا ئىچىدىن ماسلىشىدىغان كۈچ قىلىپ تەييارلاش جەريانى بولۇشى مۈمكىن. مانا بۇ پىلاندا ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرى قەندەك لازىم بولۇدۇ ئەمەسمۇ!
خىتايلارنىڭ شەرقىي دېڭىز تەرەپلەردە پەيدا قىلىۋاتقان ئەنسىزلىكلىرى ئەمەلىيەتتە دىققەتنى چالغىتىش ئويۇنى بولۇپ، خىتايلارنىڭ پىلانىدا ئالدىنقى ئورۇندا ئەمەس، پەقەت دۇنيا جامائىتىنى شەرق تەرەپكە قارىتىپ قويۇپ، غەرپكە كېڭىيىشنىڭ تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈشتۇر. خىتايلارنىڭ قەدىمدىن كېلىۋاتقان ئۇرۇش دەستۇرلىرىدا «شەرقتىن شەپەبېرىپ، غەرپتىن ھۇجۇم قىلىش» دېگەنلەر بار ئەمەسمۇ!
مەملىكەت ئىچىدە خىتايلار كۈنسېرى كۆپەيتىۋاتقان ھەربىي يۆتكۈلۈشلىرىنىڭ نىشانى ھەققىدە قوشنىلارغا خاتا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرىگە ئىھتىياجلىق. مانا شۇنداق قارشىلىقلارنى باھانە قىلغاندىلا ئاندىن ھەربىي يۆتكۈلۈشلەر، چېگرا بويلىرىدىكى ئەسكەر كۆپەيتىشلىرىنىڭ مەخسىدىنى پەردىلىگىلى بولۇدۇ. گويا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا مەۋجۇت كۈچى بىلەن تەڭ كېلەلمەي، يېڭىدىن ئەسكەر كۆپەيتىشكە مەجبۇر بولغان كۆرۈنۈش بېرىش ئۈچۈندۇر.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ھەربىي بازا تەلەپ قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھەركەت قىلىدىغان «شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىتلىرى» بولۇشى كېرەك. بۇنداق بىر باھانە ئارقىلىقلا بۇ دۆلەتلەرگە بېسىم قىلغىلى بولۇدۇ. قانداق بولۇدۇ؟ مۇجاھىتلارئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە خىتاي نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، پارتلىتىشلار يۈزبېرىپ تۇرۇدۇ؛ سودىگەر خىتايلار، خىتايلارنىڭ شىركەتلىرى، سودا ۋاكالەتخانىلىرى،كونسۇلخانىلار، ئەلچىخانىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىشى مۈمكىن. مۇجاھىتلار بۇنداق، ئېنىق خىتايغا تەۋە بولغان جايلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىرىدا ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھ يولىداجىھات قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۆزلىرىگە بىر خىتاينىڭ يېتەكچىلىك قىلىپ بۇئىشلارنى قىلدۇرۇشى ئۇخلىسا چۈشۈگىمۇ كىرمەيدۇ. ئۆز ۋاقتىدا شىمال ئىتتىپاقى بىلەن سوقۇشۇۋاتقان تالىبان سەپلىرىنى جىھات سېپى، موللا ئۆمەرنى ئەمىرۇل مۆمىن دەپ ئىشىنىپ قول بەرگەن بىزنىڭكىلەر، كەچكىچە غەرپنى، ئىسرائىلىيەنى تىللاپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ دەل ئەكسىنى قىلىۋاتقانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغاندەك، يۈزدە-يۈز ئىشىنىدۇ!
ئاشۇ قىلىپ يۈرگەنلىرى بىلەن كۆزلىگەن مەخسەتلەرگە يەتكىلى بولۇدۇ دەپ ساددا ئويلايدۇ. ئالدىنقى قېتىمدىمۇ كىلاشنىكوۋ تۇتۇشنى ئۈگۈنۈۋالغان يۈزچە ئادەم بىلەنلا كۆزى تولۇشۇپ، خىتاينى قويۇپ تۇرۇڭ-دە، دۇنيانى ئازات قىلىشتىن دەم ئۇرغان تايىپىمىز  ئەمەسمۇ بۇلار؟ بۇلار بىر دۆلەتتە قانچىلىك كۈچ، ئىمكان بولۇشى مۈمكىنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالىغۇدەك بولسا ئۇ قەدەر نادان بولمايتى-دە! مانا شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قىلىدىغان ئاشۇ «جىھات»نىڭ خاسىيىتىدە خىتاينىڭ پىلانلىرى بەخۈدۈك يۈرۈدۇ. تەمىنات خىتايدىن، خىتاي نىشانلىرى زەربىگە ئۇچراۋەرگەندە، نېمە بولۇدۇ؟ خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم قىلىپ، يا بۇلارنى جىمىقتۇر، بولمىسا مېنىڭ كىرىشىمگە يول قوي! دېگەن ئىككى يولنى تاللاشقا قويۇدۇ.
ئارقىلىرىدا ئوبدان ئۇستا، كۈچلۈك قوللىغۇچى بولسا پارتىزانلىق ئۇرۇشى دېگەنمۇ بەك بەلەن نېمەجۇمۇ! ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى چارىسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ، خىتايغا يول بېرىشكە مەجبۇر بولۇدۇ. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە شەخسەن خوجا بولۇش شېرىن چۈشىنى چۈشەۋاتقىلى نىكەم، ئەمما بۇنىڭغا ئىگە بولۇش ئاسانمۇ؟ ئېنېرگىيە يوللىرىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەردە ھەربىي بازا بولۇشى كېرەك، دايىم بۇدۆلەتلەرنى تىزغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ھەربىي بازا بولمىسا بولمايدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار پىلانلار خىتايلار تەرىپىدىن سىنارىيىلەشتۈرۈلۈپ، ئارتىسلار تەييارلانماقتا. پاكىستاندىكى مەۋجۇتلۇقلىرىدىن قىلچە گۇمانلانمايۋاتقان بۇ ئاقكۆڭۈل ئەزىمەتلىرىمىز، ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيادا مانا شۇ پىلان ئۈچۈن ئىشقا سېلىنغان تەقدىردىمۇ قىلچە گۇماندا بولماستىن ئۆز روللىرىنى ئوينىشى چوقۇم. چۈنكى،خاتا شۇ يەردىن باشلانغانكى، ئېنىق بولغان دۈشمەننى ئۆيدە قويۇپ تاشقىرىغا چىقىش، تەبىئىيكى، يېڭى – يېڭى خاتالارغا باشلىماي قالمايتى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-10 21:16 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.225850 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش