تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 5497|ئىنكاس: 0

سىتراتېگىيە ۋە تاكتىيكا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
ۋاقتى: 2015-12-26 14:55:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پىدائىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-16 10:05  

سىتراتېگىيە ۋەتاكتىيكا
(1-قىسىم)
ئابدۇللا جاھانگىرىئابدۇقادىر
     ئىلاۋە:
  مەزكۈر تېماسىتراتېگىيە ۋە تاكتىيكىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشنى مەقسەت قىلمايدۇ.مەن ئۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئەمەس. پەقەت ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىگە نورمىدىن سىرتزىيادە قىستىلىشىپ كىرىۋالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ئۇيغۇرتىل-يېزىقىدا سىتراتېگىيە ۋە تاكتىيكىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر ئاتالغۇ -ئۇقۇمنىڭبارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. مەزكۈر تېما يەنە مەلۇم بىر سىياسىيگۇروھ، سىياسىي پارتىيە ۋە دۆلەتكە قارىتىلمىغان. يەر شارىدا 200 دەك دۆلەت ۋەرايون بار.مەن كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەربىي ساھەسىدە بىرقىسىم ئوموملاشقان نۇقتىلارنى بىي تەرەپ مەيداندا تۇرۇپ قىسقىچە تەھلىل قىلىشبىلەنلا چەكلەندىم، خالاس.
   مەزكۈر تېما ئىككىقىسىمغا بۆلىنىدۇ. 1-قىسىمدا سىتراتېگىيىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى تەھلىل قىلىنىپ،تەرتىپ بويىچە بايان قىلىنىدۇ. 2-قىسىمدا ئۇرۇش تاكتىيكىلىرى تەھلىل قىلىنىپ،تەرتىپ بويىچە بايان قىلىنىدۇ. ۋاقىت مۇناسىۋېتى ھەم تورداشلارنى چارچىتىپقويماسلىق ئۈچۈن بۇ ئۇزۇن تېمامنى قىسقا-قىسقا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يوللايمەن. تېمىغاقىزىققۇچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
سىتراتېگىيىنىڭھەرقايسى قاتلاملىرى
   سىتراتېگىيە بىلەنتاكتىيكا تىنچلىق يىللىرىدىمۇ، ئۇرۇش يىللىرىدىمۇ كەڭ مەناغا ئىگە بولغان ھادىسەۋە ماھىيەت؛ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاپ كېلىدىغان پەلقۇلئاددەبىر ئۇقۇمدۇر. سىتراتېگىيە ئومومىيلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇرۇش ۋەزىيىتىسىتراتېگىيىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ جەريانىغا، ئۆزگىرىشىگە ۋەتەرەققىياتىغا سىتراتېگىيە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىتراتېگىيىنىڭ دەل چۈشۈدىغان توغراتەبىرى يوق. ئۇ خىلمۇ-خىل تەدبىق قىلىنىدۇ. سىتراتېگىيە بىر دۆلەتنىڭ ياكى مەلۇمبىر ھەربىي رايوننىڭ تەلىماتىنى كۆرسىتىشى مۈمكىن. ئەمەلىي ئۇسۇل-مېتودلىرىنىكۆرسىتىشى مۈمكىن. نەزىرىيە، پەن ۋە تەھلىلنى كۆرسىتىشى مۈمكىن. مۇھىمى ئۇرۇشنىڭئومومىي ۋەزىيىتىدىن توغرا يەكۈن چىقىرىپ، ھۈكۈم قىلىشنى كۆرسەتسە كېرەك.
  سىىتراتېگىيە ۋەتاكتىيكىنىڭ كونكىرىت شەكىللىرى بىلەن قاتلاملىرى بار. ئۇ يەنە جۇغراپىيەئۇقۇمىدىكى سىتراتېگىيە ۋە تاكتىيكا، ئىقتىساد ئۇقۇمىدىكى سىتراتېگىيە ۋەتاكتىيكا، سىياسىي ئۇقۇمدىكى سىتىراتېگىيە ۋە تاكتىيكا، ھەربىي ئۇقۇمدىكىسىتراتېگىيە ۋە تاكتىيكا قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىتراتېگىيە _دۆلەتنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھەرخىل تۈزۈلمىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدەتەدبىقلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئۇقۇمدۇر.
  دىيالېكتىيكىنىڭئاساسىي قانۇنى بولغان_قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ بىرلىگى بىلەن زىتلىقى قانۇنىيىتىدە،شەيئىلەر ئۆزئارا بىرلىككە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزئارا زىتلىققىمۇ ئىگەبولغان بولىدۇ. شەيئىلەر تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزئارا تەسىر قىلىش، ئايلىنىش،قوشۇلۇش ۋە ئۆزگىرىش ئارقىلىق دىيالېكتىيكىنىڭ قارىمۇ-قارشىلىقىنىڭ بىرلىگى بىلەنزىتلىقى قانۇنىيىتىدىكى بىرلىك زىتلىققا؛ زىتلىق بىرلىككە توقتاۋسىز ئايلىنىپتۇرىدۇ. دىيالېكتىيكىنىڭ بۇ خىل ئىككى بىسلىق قانۇنىيىتى _ سىتراتېگىيە بىلەنتاكتىيكىغا جانلىق تەدبىقلىنىدۇ. مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا تىنچلىق يىللىرىئۇرۇش يىللىرىغا ئۆزگەرسە، ئۇرۇش يىللىرىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تىنىچلىق يىللىرىغا ئۆزگىرىپتۇرىدۇ. توقۇنىش بىلەن سۆھبەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
  ھەرقانداق بىر ئۇرۇشرايونىنىڭ سىتراتېگىيىسى ئۇرۇش رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەخۋالىنى كونكىرت تەھلىل قىلمايقالمايدۇ. تەدبىردىكى ئۆزگىرىشچانلىق بىلەن ھەربىي ھەرىكەتتىكى ھەرىكەتچانلىق ياكىدۈشمەننى سۆھبەت ئۈستىلىگە تەكلىپ قىلىدۇ؛ ياكى، دۈشمەننى جەڭگاھقا سۆرەپ كىرىدۇ.مەۋقەسى تۇراقسىز، ئەمما ھەربىي تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان قوماندانلار ئىدىيولوگىيەئۇرۇشى بولسۇن، ۋە ياكى زېمىن-بايلىق ئۇرۇشى بولسۇن، ئۇرۇشسەنئىتىدىن  پايدىلىنىپ دۈشمىنىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىدۇ. پۇختاتۈزۈلگەن ھەربىي پىلان-تەدبىرلەرمۇ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ تۇراقسىزلىقى تۈپەيلىدىنياكى كارغا كېلىدۇ؛ ياكى كارغا كەلمەيدۇ. ۋەزىيەت مۇقۇملاشقاندىلا بۇ خىلپىلان-تەدبىر ئەسقېتىپ قېلىشى مۈمكىن. ئۇرۇش قانۇنىيىتى نۇقتىسىدىن تەھلىلقىلىدىغان بولساق، سىتراتېگىيە بىلەن تاكتىيكا نىسپىي بولۇپ، مۇتلەق ئەمەس. چۈنكىتەدبىردىكى ئۆزگىرىشچانلىق بىلەن ھەربىي ھەرىكەتتىكى جانلىقلىق قېلىپلاشقان مۇتلەقرامكىنى رەت قىلىدۇ.
2000 يىللىق سىتراتېگىيە
  ئەمىنىيە ۋە ئۇرۇشقاقبەگلىكلەر دەۋرىدىن باشلاپلا سەددىچىن سېپىلى سېلىنىشقا باشلىغان. سەددىچىنسېپىلىنىڭ قەد كۆتۈرىشى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەر 2000يىللىق سىتراتېگىيىنى پىلانلاشقا باشلايدۇ. غەربىي دىياردىكى كۆچمەن ھاكىمىيەتلەرچېگىرا رايونلاردا تەپىرىقىچىلىق پەيدا قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تەكرار تەھدىتسېلىپ تۇرغاچقا، سەددىچىن سېپىلىمۇ يايلاق ئوغلانلىرىنى توسۇپ قالالمايدۇ. غەربىيخەن سۇلالىسىدىن باشلاپ چېگىرا رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىتىراتېگىيىسى يولغاقويىلىدۇ. چېگىرا رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىتراتېگىيىسىنى ھەرقايسى دەۋىردىكىئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەر ئىزچىل ئىجىرا قىلىپكېلىدۇ. چېگىرا رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىتراتېگىيىسىنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردىكىئىجىرا قىلىنىش ئەھۋالىمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئاھالە كۆچۈرۈش بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپمۇقالدى. ياكى، يايلاق ھاكىمىيەتلىرى تەرەپىدىن قەتلى قىلىندى. لېكىن ئوخشايدىغانتەرەپى بولسا، چېگىرا رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىتراتېگىيىسى ئۇدا 2000 يىل ئىزچىلداۋاملىشىپ كەلدى.
  ھالە بۈگۈنكىدەۋرىمىزگە كەلگەندە، چېگىرا رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىتراتېگىيىسى ئومومىيۈزلىكئەمەلگـە ئاشتى. چېگىرا رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىتراتېگىيىسى ئەمدىلىكتە چېگىرارايوننى گۈللەندۈرۈش سىتراتېگىيىسىگە ئالماشتى. ۋىلايەت، ناھىيە ۋەيېزا-بازار-كەنتلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن تەسىس قىلىنىشى بىلەن ئاھالىلەر سەپلىنىپتولۇقلىنىپ تۇردى. دىيارىمىزنىڭ تارىختىن داۋاملىشىپ كەلگەن يېرى كەڭ، ئاھالىسىشالاڭ بولۇشتەك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى. يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن بىر قىسىمتېرورلىق ۋەقەلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دىيارىمىزنىڭ مۇقۇملىقى ئاساسىي جەھەتتىننورمال بولۇپ كەلمەكتە. مۇقۇملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دائىرىلەر ئىچكى-تاشقىمۇداپىيە سىستېمىلىرىنى ئىنچىكە ۋە پۇختا بەرپا قىلىپ، قىلچە يوچۇق قويماسلىق،سۈر-ھەيۋىنى نامايىش قىلىپ تېرورىزىمگە يۇقىرى بېسىم پەيدا قىلىشتەك سىياسىيتەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا. بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن تاراتقۇلارنىڭزىيادە سەزگۈرلىكى كىشىگە‹ئوتنى چۇقچىلىساڭ ئوت ئۆچىدۇ، خوشناڭنى كوچىلىساڭ خوشناڭكۆچىدۇ› دەيدىغان بىر مىللىي ئۇسلوپتىكى ئىدىيومنى ئىختىيارسىز كىشىنىڭ سەمىگەسېلىپ تۇرىدۇ. مۇقۇملىقتىن مۇقۇمسىزلىق پەيدا قىلىش؛ يېڭى سۈپەتتىن كونا سۈپەتكەچېكىنىش _ جۇڭگو ئارزۇسى ئەمەس. چېگىرا رايوندىكى ھەربىر پۇقرانىڭمۇ ئارزۇسىئەمەستۇر.
   ھەرقانداق بىرجەمىيەتتە زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن سوتسىيالىزىم جەمىيىتىدەئانتوگونىيىلىك زىددىيەت مەۋجۇت ئەمەس. بىزگە مەلۇم بولغىنى خەلق ئىچىدىكىئانتوگونىيىسىز زىددىيەتلەردۇر. جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ زىددىيەتتىنئايرىلالمايدۇ. زىددىيەتتىن خالىي تەرەققىياتمۇ بولمايدۇ. دەسلەپكى بىرقانچەيىللاردا ئاپتونوم رايونلىق خەلق ھۈكۈمىتى ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنى دىيارىمىزنىڭجەنۇب، شىمال، غەرىب ۋە شەرق تەرەپ يۆلىنىشلىرى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ،دېھقانلارنىڭ يىللىق قوشۇمچە كىرىمىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرغانىدى. خەلقتۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، بۇ بىر ياخشى ئەھۋال ئىدى. لېكىن، يېقىنقى چاغلاردىنباشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئاساسىي زىددىيەت _ مۇقۇملىقخىزمىتى بىلەن رايونلىق خەلق ھۈكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان قوشۇمچە كىرىم قىلىشسىتراتېگىيىسى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىر قىسىم ناھىيە،يېزا-بازار-كەنتلەر قاشالاش، قورۇغداش ۋە رامكىلاشتىن ئىبارەت بىنورمال غەيرىسىتىراتېگىيە ۋە تاكتىيكىنى ئىجىرا قىلىشقا باشلىدى. يەنە ئېشىندى ئەمگەككۈچلىرىنى يېغىۋېلىپ، سىرتقا چىقماسلىق، سىرتتىن كىرمەسلىكتەك بېكىنمە ھالەتنىپەيدا قىلىپ، دېھقان ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قوشۇمچە كىرىم قىلىش يوللىرىنىئۈزۈپ قويدى. ئەمما، سوتسىيالىزىم جەمىيىتىدىكى بۇ خىل ئانتوگونىيىسىز زىددىيەتلەرئومومىي ياكى قىسمەن سان ئۆزگىرىشى جەريانىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ، مەلۇم چەككەبارغاندا جەزمەن سۈپەت ئۆزگىرىشى ھاسىل قىلىشى مۈمكىن.
سىتراتېگىيىنىڭجۇغراپىيىلىك قاتلىمى
      جۇغراپىيىلىكقاتلام _ سىترېتېگىيىلىك جايلارنىڭ قارار تېپىشىدىكى يەنە بىر ئاساسلىق ئامىلى.سىتىراتېگىيىلىك جايلار جۇغراپىيىلىك شارائىت ۋە جۇغراپىيىلىك موھىتتا مەۋجۇتبولۇپ تۇرىدىغان مۇھىم جايلارنى كۆرسىتىدۇ. سىتراتېگىيىلىك مۇھىم جايلار ئۇرۇشرايونىنىڭ مەركىزىي قىسمىغا ئايلىنىدۇ. چۈنكى، جۇغراپىيىلىك قاتلامدا كۆلەملەشكەنئۇرۇش رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك دائىرىسى چوڭ بولغاندا،  پۈتكۈلقۇرۇقلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. كىچىك بولغاندا، بىرەر فىرونت ياكى ئىگىزلىكبىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئەگەر سىياسىي چەك-چېگىرا بىلەن چەكلەنمىسە، بۇ رايون چۇقۇممۇھىم جۇغراپىيىلىك توسالغۇ تەرەپىدىن ياكى باشقا ئۇرۇش رايونلىرىدىن ئارىلىقىيىراق بولۇش تۈپەيلىدىن مۇداپىيە قىلىش ئاسان، ھۇجۇمغا ئۆتۈش تەس بولۇش، ياكىھۇجۇمغا ئۆتۈش ئاسان، مۇداپىيە قىلىش تەس بولۇشتەك سەۋەپلەر بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.مەيلى ئۇرۇش رايونىنى تەشكىل قىلغۇچى رايون _ ئۆلكە بولسۇن، دۆلەت بولسۇن، ياكىبىرقانچە دۆلەتتىن تەركىب تاپقان كەڭ رايون بولسۇن، بۇ ئۇرۇش رايونى تېخىمۇ چوڭھەربىي گەۋدىنىڭ بىر قىسمى بولماستىن، بەلكى، ئۆزى بىر پۈتۈن مۇستەقىل ھەربىيگەۋدە بولغان بولىدۇ.
      گەرچە،ئۇرۇش رايونى قاتلىمىنىڭ سىتراتېگىيە مەنتىقىسى قارىمۇ-قارشى تەرەپلەرنىڭ ئۆزئاراتەسىر كۆرسىتىشىنى ماكان نۇقتىسىدىن چەكلەپ تۇرسىمۇ، لېكىن، بۇنداق مەنتىقەئالاقىدار رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئېتىكا تەۋەلىكى بىلەن تامامەنھېسابلاشمايدۇ. مەيلى بۇ رايون ماددى مەھسۇلاتلار مول چىقىدىغان گۆھەر زېمىنبولسۇن، ياكى ئادەم ئاياغ باسمايدىغان قۇملۇق بولسۇن، ئۇ كونكىرت ھەربىيئالاھىدىلىكنىلا نەزەردە تۇتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ تەدبىركۆرۈش داۋامىدا، ئۇرۇش رايونىنىڭ سىتراتېگىيە مەنتىقىسىدىن تولۇق خەۋەرداربولسىمۇ، لېكىن، كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭغا سەل قارايدىغانلىقى زادىلا ئەجەبلىنەرلىكئەمەس.
     بىز كەينىمىزگە سەلچېكىنىپ مۇھاكىمىنى داۋاملاشتۇرايلى. بىز تىلغا ئالغان جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمدىكىسىتراتېگىيىلىك مۇھىم جايلار _ زۆرۈر تېپىلغاندا دىيالېكتىيكىنىڭ ئىككى بىسلىققۇنۇنىيىتى بويىچە، ھەربىي سىتراتېگىيە ۋە سىياسىي سىتراتېگىيە ئۈچۈن خىزمەتقىلىشى مۈمكىن. مۇداپىيە، ھۇجۇم ۋە چېكىنىشكە ئەپلىك بولۇشنى كۆرسىتىدىغانجۇغراپىيىلىك ئۇقۇمدىكى سىتراتېگىيىلىك مۇھىم جايلار، مەلۇم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئۇرۇشۋەزىيىتىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىشى مۈمكىن. سىتىراتېگىيىلىك مۇھىم جايلارنىڭتوغرا تاللىنىش ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىنغاندىلا، ئۇرۇش ۋەزىيىتى پايدىلىق يۆلىنىشكەقاراپ ئۆزگىرەيدۇ. ئەكىس تەرەپىدىن ئانالىز قىلساقمۇ، تەرەپلار ئارىسىدا تاللاشئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇرۇش رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك يەر شەكلى ھەرقانداق بىرقومانداننى ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتىپ تۇرىدۇ. ئۇرۇش سەنئىتىگە ماھىر قوماندانلاركۆل، دەريا، دېڭىز ۋە تاغ قىيالىرىغا ئوخشاش تەبىئىي توساقلاردىن جانلىقپايدىلىنىش بىلەن بىرگە، مۇداپىيە ئاساسىدىكى سۈئىي توساقلارنىمۇ بەرپا قىلىپ،تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئھتىماللىقى بولغان قىسمەن ھۇجۇم، قايتۇرما ھۇجۇمتاكتىيكىلىرىنى _ مۇداپىيە، مۇھاسىرە، ھۇجۇم ۋە چېكىنىش قاتارلىق تۈز لېنىيىلىكتەپەككۈر شەكلىگە تەدبىقلاپ، بىر پۈتۈن ئۇرۇش رايونىغا قوماندانلىق قىلالايدۇ. ئۇرۇشرايونىدىكى مەلۇم بىر سىتراتېگىيىلىك مۇھىم جاينىڭ غەلىبىسى-پەۋقۇلئاددە بىر زامانياكى پۇرسەتتە، ئومومىيۈزلۈك ھەربىي سىتراتېگىيىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئاساس بولىشىمۈمكىن. ئومومىيۈزلۈك ھەربىي سىتراتېگىيىنىڭ غەلىبىسى بولسا _ يېڭى جەمىيەت، يېڭىھاكىمىيەت ۋە يېڭى دۆلەت بەرپا قىلىشتىكى سىياسىي سىتراتېگىيىنى كاپالەتكە ئىگەقىلىدۇ.
      ئەينىۋاقىتتا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر ئارقىلىق، دۈشمەننىڭ ئاساسىي كۈچىدىن ئۆزىنىقاچۇرۇپ، يەنئەندىن ئىبارەت مۇھىم سىتراتېگىيىلىك جاينى ئىگەللەپ، ئۆزىنىڭئىنقىلاۋىي ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. بەش قېتىملىق قورشاپ يوقىتىش مەزگىلىدە،پىرقە دۆلەتنىڭ ئاساسىي قوشۇنى شىمالىي جىياڭشى ۋە فۇجىيەن ئۆلكىلىرىگەمەركەزلىشىپ قالىدۇ. ياپونىيىنىڭ مىليون كىشىلىك كانتون ئارمىيىسى شەرقىي شىمالغاتوپلىنىشقا باشلايدۇ. قىزىل ئارمىيە قوش لېنىيىدىكى دۈشمەننىڭ ئاساسىي كۈچلىرىدىنئۆزىنى ئەنە شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن چەتكە ئالىدۇ.
     ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭجەريانى، ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ سىتراتېگىيىلىك مۇھىم جايلارمۇيۆتكىلىپ تۇرىدۇ. ئازاتلىق ئۇرۇشى ئارپىسىدا، خۇ زۇڭنەن قوشۇنلىرى يەنئەننى ئىشغالقىلغاندىن كېيىن، ئازاتلىق ئارمىيە خۇاڭخىدىن ئۆتۈپ شىبەيپونى ئىشغال قىلىدۇ.يەنئەن ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە ئايلانغان بولسا، شىبەيپوپۈتۈن مەمىلىكەت ئازاتلىق ئۇرۇشىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. قوماندانبولغۇچى كونا سىتراتېگىيىلىك مۇھىم جايلار ئۇرۇش قىلىش قىممىتىنى يوقاتقان چاغدا،ئارىسالدى بولماي دادىللىق بىلەن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، يېڭى سىتراتېگىيىلىكجايلارغا يۆتكىلىشى كېرەك.
     بىز يەنە كەينىمىزگەسەل داجىپ، جۇغراپىيىلىك سىتراتېگىيىلىك مۇھىم جايلارنى بېكىتىشتىكى مۇھىمنۇقتىلارنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سېلىپ قويايلى:
     1. جۇغراپىيىلىكئەۋزەللىككە ئىگە بولغان بولىدۇ. مۇداپىيە، ھۇجۇم ۋە چېكىنىشكە ئەپلىك بولۇشنىكۆرسىتىدۇ.
     2. ھەربىيئۈستۈنلىكنى جارىي قىلدۇرالايدىغان زېمىنغا ئىگە بولغان بولۇشى لازىم. پۈتكۈلئۇرۇش رايونىنىڭ ھەرقايسى ئۇرۇش سەپلىرىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ جەريانى، ئۆزگىرىشىۋە تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، غەلىبىگە كاپالەتلىك قىلغان بولىدۇ.
     3. دۈشمەننىڭئاساسىي كۈچى بىلەن ياردەمچى قوشۇنىنىڭ ئىچكى-تاشقى جەھەتتە ئۆزئارا ھەمدەمدەبولۇپ، جەڭ قىلىش لېنىيىسى ئۈزۈپ تاشلانغان بولىدۇ.
     4. دۈشمەننىڭئارقا سەپ تەمىناتىنى، ماددى ۋە ھەربىي خام ئەشيا بازىلىرى بىلەنقاتناش-تىرانسپورت لېنىيىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان بولىدۇ.
     5. جۇغراپىيىلىكمۇھىم سىتىراتېگىيىلىك جايلارنىڭ بېكىتىلىشى يەنىلا ئۇرۇش رايونىنىڭ كونكىرت ئۇرۇشئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. ئۆز بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكى پايدا-زىيان تەخمىنقىلىنىپ، سياسىي سىتراتېگىيە بىلەن ھەربىي سىتىراتېگىيىنىڭ قىممىتى تەپەككۈرقىلىنىدۇ.
         سىتراتېگىيىنىڭ ئىقتىسادىي قاتلىمى
      ئۇرۇشيىللىرىدا ئىقتىساد تېخىمۇ خورايدۇ. مەلۇم دۆلەت ۋە ياكى مەلۇم ئۇرۇش رايونىنىڭئىقتىسادىي ئاساسى مۇستەھكەم بولمىسا، ئۇرۇش رايونى بىرلەمچى سىتراتېگىيىسىگەغايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئارقا سەپ بازىسىدىكى زاپاس كۈچلەر يەنە قورال-ياراغ،ماددى خام ئەشيا، ئوزۇق-تۈلۈك، داۋالاش ئەسلىھەلىرى بىلەن داۋالاش خادىملىرى،قاتناش-تىرانسىپورت ۋە زاپاس قوشۇنلار ئۇرۇش رايونى سىتراتېگىيىسىنىڭ غەلىبىسىنىكاپالەتكە ئىگە قىلىشتا زۆرۈر بولغان شەرتتۇر. ئۇرۇش رايونىنىڭ بىرلەمچىسىتراتېگىيىسى بىلەن ئىككىلەمچى سىتراتېگىيىسىنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسى سىتراتېگىيىنىڭئومومىيۈزلۈك غەلىبىسىنىڭ جەزىملەشكەن ۋاقتى بولىدۇ. ئارقا سەپ لازىمەتلىكلىرىنىڭخوراپ تۈگۈشى ۋە تەكرار تولۇقلىنىپ تۇرىشى بىلەن ئۇرۇش رايونىنىڭ ئىككىلەمچىسىتراتېگىيىسى ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى بىلەن ئىزچىلباغلىنىشتا بولىدۇ.
       ئىشغالىيەت رايونىدىكى ئۇرۇش سېپىنىڭ زىيادە ئۇزۇراپ كېتىش سەۋەبىبىلەن ئارقا سەپ تەمىناتىنى بەلگىلەنگەن جايغا يەتكۈزۈش تۈرلۈك توسقۇنلىقلارغائۇچۇرىشى مۈمكىن. گەرچە ئىشغالىيەت رايونىدىكى دۈشمەننىڭ مۇنتىزىم ئارمىيىسىيوقىتىلغان بولسىمۇ، يەرلىكتىكى ئوتتۇرا ۋە كىچىك كۆلەمدىكى پارتىزانئەتىرەتلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ۋاقىتلىق ھەربىي ھۈكۈمەتقۇرۇش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. ۋاقىتلىق ھەربىي ھۈكۈمەتنىڭ قوللانغان ئىقتىسادىيتەدبىرى بولسا، ئىشغالىيەت رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىش بىلەنبىرگە، يەرلىكنىڭ سانائەت رايونىنى چاقماق تېزلىكىدە كونتىرول قىلىپ، شۇئارقىلىقھەربىي لازىمەتلىكتە خورالغان مەبلەغنى تولۇقلايدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا پۈتكۈل ئۇرۇشرايونىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئالدىنقى سەپ بىلەن ئارقاسەپ سىجىل ماسلىشىپ، ھەر ئىككى سەپ كېسىشكەن نۇقتىدا، ئاندىن ئۇرۇش رايونىسىتراتېگىيىسىنىڭ ئومومىيۈزلۈك غەلىبىسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
     بىر قىسىم يېنىكقوراللانغان يۆنىلىش ئارمىيىلىرى ئىشغالىيەت رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئارقا سەپتەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالغاندا، رېئاللىقتىكى كونكىرت مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ،ھەربىي تەمىناتنى ئىشغالىيەت رايونىدىن تولۇقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىشغالىيەترايونىغا بەك ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەن قوشۇننىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى ئۈزۈلۈپقالغاندا، ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى كۆزگە كۆرۈنىپلا قالىدۇ. كونكىرت سەۋەبلەرگە كۆرە،بۇنداق قوشۇنلار ياكى دۈشمەن قوشۇنىنىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قېلىپ، چېكىنىش يولىئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. ياكى يۇقىرىنىڭ بۇيرىقى بويىچە، چېكىنىش پۇرسىتى بار چاغدا،چېكىنىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ياكى يېڭى ئىقلىم ۋە يېڭى كىلىيماتقا ماسلىشالمايقالىدۇ. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا، موسكىۋاغا ھۇجۇم قىلغان گېرمانىيە ئارمىيىسىھەربىي تەمىناتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى بىلەن يۇقىرىدىكى قىسمەتكە دۇچار بولۇپ، پۈتۈنسەپ بويىچە موسكىۋانىڭ قەھرىتان سوغوقىدا ئادەم ۋە قورال-ياراغنىڭ كۆپ بىر قىسمىتوڭلاپ قالىدۇ. ئەگەر قوشۇندا ھەربىي تەمىنات يېتەرلىك بولغان بولسا،جەڭچىلەرنىڭمۇ روھى ئۇرغۇپ، بەلكىم، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزگەرتىشئىمكانىيىتى تۇغۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى. بۇنىڭدا قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىدىن سىرت،قومانداننىڭ سىتداتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. يەنىلا، ھەربىي ھەرىكەتكە تىيەكبولىدىغىنى ھەربىي تەمىناتتۇر. تەمىناتتىن ئايرىلغان قوشۇن شەرقىي شىمالدا ياپونغاقارشى ئۇرۇشنىڭ نەمۇنىسى بولغان گېنېرال ياڭ جىڭيۈدەك دەرەخ قوۋزاقلىرىنى يېيىشكەمەجبۇر بولىدۇ. دۈشمەننىڭ ھەربىي تەمىناتىنى ئۈزۈۋېتىش ئارقىلىق، دۈشمەن قوشۇنىنىتارمار قىلىشقا بولىدۇ. چىيبىي ئۇرۇشىدا، ساۋ ساۋ يۈەن شاۋنىڭ ئارقا ساپتەمىناتىنى كۆيدۈرىۋېتىش ئارقىلىق، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ۋە كۈچلىك بولغان يۈەنشاۋ قوشۇنلىرىنى تەل-تۆكۈس تارمار قىلىدۇ. نەزەرى ئۆتكۈر ھەربىي كومىتېت ئىچكىئېنېرگىيىنى ھەركەتلەندۈرۈپ، تەمىنات مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ. ئۇزۇن سەپەرجەريانىدا، ئالدى-ئارقا ۋە ئوڭ-سولدىن تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالغان قىزىل ئارمىيەئۆزىنىڭ تەمىنات مەسىلىسىنى ئەنە شۇنداق ھەل قىلىپ كەتكەنىدى.
     ھالبۇكى، ئايروپىلان،دېڭىز يۈزىدىكى پاراخوت ۋە يەر يۈزىدىكى تانكا، بىرونىۋىك، ماشىينا ئەتىرەتلىرىنىڭھەممىسى ئېنېرگىيە سەرىپ قىلىدۇ. يېقىلغۇ ئېنېرگىيىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى بىلەنسەرپىياتى تەڭپۇڭ ھالەتتىكى چەكلىمىدىن ئېشىپ كەتسە، ئەلۋەتتە، ئىقتىسادىيقەھەتچىلىك كۆرۈلىدۇ. ھەرخىل ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ خورىشى بىلەن تولۇقلىمازاپچاسلارنىڭ زاپاس مىقدارىمۇ تەدىرىجىي كېمىيىشكە باشلايدۇ. قورال-ياراغ،ئوق-دورا، كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك ۋە سەھىيە _ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىش بىلەنسەرپىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇرۇش مەزكۈر دۆلەتتېرىتورىيىسى ئىچىدە پارتلىسا، زىيان تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى سانائەتئۇل مۇئەسسەسىلىرى دۈشمەن تەرەپنىڭ بومباردىمان نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىپ، ئېغىربۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرايدۇ. بۇنداق دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئاسانلا پالەچھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، سەرپىياتنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى بىلەن دۆلەت خەزىنىسىخوراپ تۈگەيدۇ. ئۇرۇش ئىقتىساد بىلەن بولىدۇ. تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچۇرىغان دۆلەتنىڭئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىدە تېجەش بىلەن خوراش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سەرپىياتئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بىر قەدەر گەۋدىلىك بولىدۇ. كۆپۈنچە دۆلەتلەر زىياننىتولدۇرۇش ئۈچۈن سىرتتىن سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. كۆرۈنىپ تۇرۇپتىكى، بۇ خىلپاسسىپ ئىقتىسادىي تەدبىرلەر دۆلەتنى قەرىزگە بوغۇپ قويىدۇ.
ئۇرۇش دۆلەتتېرىتورىيىسىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرسە ئەھۋال تامامەن باشقىچە بولۇشى مۈمكىن.تاجاۋۇزچى دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول بولسا، ئۇنىڭ سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنورمال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. شۇنداقتىمۇ تەبىئىي بايلىقنىڭ خورىشىبىلەن بايلىقنى ئېچىش ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. دۆلەت بايلىقى يېتىشمىگەندە،تاجاۋۇزچى دۆلەتلەر ئىشغالىيەت رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىپدۆلەت خەزىنىسىنى تولدۇرىدۇ. ئەمدىلا قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆززېمىنىدىكى تەلىم-تەربىيە لاگىرى، سانائەت، ھەربىي قورال-ياراغ ئامبىرى ۋەزاۋۇت-فابىرىيكىلارنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملەش شارائىتىغا ئىگەبولىدۇ. ئىشغالىيەت رايونىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، تېرىتورىيە سىرتىدا جەڭ قىلغۇچىدۆلەت ئېھتىياجلىق بولغان ئۇرۇشقا كېرەكلىك ماددى ئەشيالار ۋە ئەسكىرىي كۈچىنىكۈنسېرى ئۇزۇراپ كېتىۋاتقان ياردەم بېرىش ۋە تەمىنلەش لېنىيىسىدىن توشۇپ كېلىشكەتوغرا كېلىدۇ. ئارقا سەپنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتىن ھەربىي كۈچى بىلەنقورال-ياراغنى يۆتكەپ كېلىپ، ئارقا سەپ تەمىنات قوشۇنلىرىنىڭ كۈچىنى تولۇقلاشقا،ياكى ھېچبولمىغاندا، ياردەمچى قوشۇنلارنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇر بولۇشى مۈمكىن.تېرىتورىيە سىرتىدا ئۇرۇش قىلغۇچى دۆلەت ئارمىيىسى ئەسلىدە دۈشمەن كونتىروللىقىدابولغان جايلارغا كىرگەندە، بۇ زېمىندا دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى قوراللىقپارتىزانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوستانە بولمىغان ئاھالە بار بولۇشى مۈمكىن. يەنەپارتىزانلىق ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەتەي قېلىپ قالغان مۇنتىزىم قىسىملارمۇ بولۇشىمۈمكىن. ئەڭ ياخشى ئەھۋالدا، خوراپ كەتكەن ئادىمىي كۈچ ۋە بايلىقنىڭ ئورنىنىئەمدىلا قۇرۇلغان ھەربىي ھۈكۈمەت ئارقىلىق شۇ جاينىڭ ئۆزىدىن يېغىپ تولدۇرۋالغىلىبولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەلىي ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولماسلىقى مۈمكىن.مۇبادا تۆمۈر يول لېنىيىسى، تاشيولدىكى ئاپتوموبىل ئەتىرەتلىرى، ماددى ئەشيا بىلەنتەمىنلەش پونكىتلىرى، مۇلازىمەت قىسىملىرى ۋە ئارقا سەپ قوماندانلىق شىتابىغاتۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قوراللىق قارشىلىقكۆرسىتىش كۈچلىرى مەۋجۇت بولسا، ‹دەرۋازا› سىرتىدا ئۇرۇش قىلغۇچى دۆلەت ئارمىيىسىئالدىنقى سەپتىكى قىسىملىرىدىن بىر قىسىم ئۇرۇش قىلغۇچى ئەسكىرىي كۈچىنى يۆتكەپ،بىخەتەر بولمىغان ئارقا تەرەپ مۇھاپىزەت قىسمى، ئامانلىق-كۈزەتچىلىك قىسمى ۋە تېزئىنكاس قايتۇرغۇچى قىسىم قىلىپ، ئۆزگەرتىلىپ تەشكىللىنىشى مۈمكىن. ئەگەر غەلىبەقىلغان ئارمىيىنىڭ ئىشغال قىلغىنى دوستانە پۇقرالار بولسا، ئۇلار ھەم قارشىلىقكۆرسەتمەيدۇ. ھەم تۇرۇپ قالغان قىسىملارنى پاناھلاندۇرمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا،ئۇنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى يەنىلا نىسبەتەن يامان ۋەزىيەتتە بولىدۇ.
      قورال-ياراغنىڭبىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا تەرەققىي قىلىشى دۈشمەن تەرەپكە ئوت كۈچىنىڭمەخپىيەتلىكىنى سىر تۇتۇپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق قورال-ياراغلارنى تۈركۈملەپئىشلەپچىقىرىشتا ئۆزئارا تۇتۇشىپ كەتكەن ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىلىرىئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەخسۇس ماشىنا-ئۈسكۈنە، ستانوك ۋە ھەرخىل ئەسۋاپلارغاتايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. دەل مۇشۇنداق مەھسۇلاتلارنىڭ بىردەكلىكى زاۋۇتلارنىتېجەشلىك بىلەن زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭئۈستىگە بۇنداق ئۆلچەم بىرلىكى قانچە بىرلىككە كەلگەنسىرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈممۇشۇنچە ئېشىپ بارىدۇ. زاپاس ساقلانغان ماشىنا-ئۈسكۈنە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىردەكلىكىقانچە يۇقىرى بولسا، زاپاس ساقلاشقا تېگىشلىك ماددى ئەشيا ۋە زاپچاسلارنىڭ تۈرىشۇنچە ئاز بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق باشقۇرۇش ھەققى ۋە مەبلەغنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.ئىشلەپچىقىرىشتىكى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانى كۆپ، ئەمما تۈرى ئاز بولسا،توقتاۋسىز ئايلىنىش ئۈچۈن كېتىدىغان زاپاس زاپچاسلارنىڭ ئامباردىكى ساقلىنىۋاتقانمىقدارىنى تېخىمۇ توغرا ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. ئوخشاشلا، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭئۆلچەم بىرلىكى قانچىلىق بىرلىككە كەلسە، رېمونت قىلغۇچىلار بىلەن ماشىناباشقۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەش ھەققى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. ھەم ئۇلارمۇ شۇنچە كۆپنەرسىلەرنى ئۈگۈنىۋېلىپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ.شۇڭلاشقا، ئۆلچەم بىرلىكى بىرلىككە كەلگەن ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشساھەسىگە كۆپلەپ سەپلىمە قىلىش _ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم قازىنىشتىكى مۇھىمخۇسۇسىيەت ھېسابلىنىدۇ.
       ھەرقانداق تۇقۇنۇش سىتراتېگىيە كاتىگورىيىسىگە مەنسۇپبولىۋەرمەيدۇ. قوراللىق كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىشىش ئىرادىسى رول ئوينىمىغان ساپمەمۇرىي ئىشلار داۋامىدا، ئۆلچەم بىرلىكىنى بىردەكلىككە ئىگە قىلىش ئارقىلىقكۆلەملىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ھېچقانچە توسقۇنلىققا ئۇچۇرىمايدۇ. ئەمما،سىتراتېگىيە كاتىگورىيىسىدە _ ھەربىي قورال-ياراغلاردىكى نوقۇل ھالدىكى بىردەكلىكئارتۇقچىلىق بولماي، بەلكى بىر يوشۇرۇن ئاجىزلىق بولۇپ قالىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشۋاستىلىرىدىكى بىر خىللىق - قورال-ياراغلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى چەكلەشتەككۆلەملەشكەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلىشىش _ ئۆز بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكىمۇداپىيە ۋە ھۇجۇم شەكلىدىكى ئۇرۇشتا بىر تەرەپلىمە نەتىيجىنى قوزغىتىپ قويىدۇ.مۇداپىيە ياكى ھۇجۇم ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان مەلۇم بىر قورالنى ئۆلچەملەشتۈرۈپبىرلا تىپقا ئۆزگەرتكەندە، تۈرلۈك تىپلىق قوراللار بىلەن قوراللانغانغا قارىغاندا،خېلى ساندا مەبلەغنى تېجەپ قالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇشتا، قابىلىيەتلىك بىررەقىب بۇ قوراللارنىڭ بىر خىللا ئىكەنلىكىدەك خۇسۇسىيىتىنىڭ چەك-چېگىراسىنى پەرقئېتىۋالالايدۇ. ئاندىن ئامال قىلىپ بۇ چەك-چېگىرادىن ھالقىپ ئۆتۈپ، زەربىدىنئۆزىنى قاچۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. نوقۇل تىپتىكى قوراللارنىڭمۇ ئاسانلا نوقۇلتىپتىكى بىر يۈرۈش قارشىلىق تەدبىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇراشتەك ئاجىزلىقىمۇ بار.ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق بىر خىل تىپلىق قورالنىھەرقانداق بىر خىللا قارشىلىق تەدبىرلىرىگە قارشى تۇرالايدىغان قىلغىلى بولۇشىمۈمكىن.  ئەمما، دۈشمەن قارشىلىق تەدبىرلىرى ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدىغاننىشان بىر خىللا بولۇپ قالىدىغان بولغاچقا، دۈشمەن بارلىق قارشىلىقتىرىشچانلىقلىرىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈشى مۈمكىن. ھەتتا، ئىنتايىن مۇكەممەل،تولۇق بولغان بىر يۈرۈش قورال-ياراغلارمۇ دۈشمەن پايدىلىنىپ كېتىدىغان مەلۇم ئاجىزلىقنىئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. قورال تىپىنىڭ ئەمەلىي كۈچسېلىشتۇرمىسىدىكى زىددىيەت پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي قائىدىنىڭ تەدبىق قىلىنىشى _خىراجەتنى كۆپلەپ تېجەپ قېلىش ئۈچۈن نوقۇل ھالدىكى تىپلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنىيولغا قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      ۋاھەلەنكى،قوراللىق توقۇنىشتا قانۇنىي چېگىرا دەيدىغان گەپ يوق. ئۆلچەملەشتۈرۈش نەتىيجىسىدەدۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قورال ياكى ئۈسكۈنەئاسانلا ھۇجۇمغا ئۇچۇراشتەك ئاجىزلىققا ئىگە بولۇپ قالىدۇ. مەيلى ئۇرۇش ئايروپىلانىبولسۇن، باشقۇرىلىدىغان بومبىلىق سۇ ئاستى چۆكمە پاراخوتى بولسۇن، ياكى ئالدىنسېگنال بېرىدىغان رادار بولسۇن، دالا ئۇرۇشىدىكى رادىيو ۋاستىلىرى بولسۇن، ھەممىسىشۇنداق بولىدۇ.
        شۇڭلاشقا، توقۇنىش ۋە سىتراتېگىيە ساھەسىدە ئىقتىسادىي قائىدەبىلەن توقۇنىشنىڭ ئۈنۈمىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر بىۋاستە قارىمۇ-قارشى بولىدۇ.
      گەرچە،روشەن ھالدىكى خىراجەت چەك-چېگىرىسى بولغانلىقتىن كۆپ خىللىقنى چەكسىز ھالداقارغۇلارچە قوغلىشىش مۈمكىن بولماي قالسىمۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن پەيدا بولۇپقېلىش ئېھتىمالى بولغان، ئاسانلا ھۇجۇمغا ئۇچۇرايدىغان ئاجىزلىقمۇ نوقۇللاشتۇرۇشئارقىلىق قوغلىشىدىغان كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى توسۇپ قويىدۇ. ئوخشاش تەرەپلىكخەۋىپ ئۆلچىمى بويىچە ماشىنا-ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش قارار قىلىنغاندا، كۆپ خىللىقئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەلنى قانچىلىق دەرىجىدە قۇبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىقنىكۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. لېكىن، بۇ ئۆلچەمنى بېكىتىشتە، ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ھەممەيېرىگە توغرا كېلىدىغان ئومومىي ئىقتىسادىي ئىدىيىنىڭ سىتراتېگىيە ساھەسىدە چوقۇمئۈنۈملۈك بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرىبىلەن قىسىم تۈرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە قوراللىرىنى تاللاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭمۇستەقىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى جىددى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ھەربىي ئاپپاراتلارمۇسىتراتېگىيىلىك نەزەر-دائىرە كەم بولغان تەغدىردىمۇ، قورال-ياراغ سېتىۋالغانداخەۋىپ-خەتەر پەيدا قىلىدىغان، ئۇچۇغا چىققان بىر خىللىقتىن ساقلىنىش مۈمكىن.بىراق، سېتىۋېلىنىدىغان مۇرەككەپ قوراللارنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىنى بەلگىلەشتەكۆلەملىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلىشىشنى توسۇشنىڭ چارىسى تېخىچە تېپىلمىغاندەكقىلىدۇ. ئىقتىسادقا ماددى كۈچنىڭ مەركەزلىك ھالدىكى بەدىلى ئارقىلىق ئېرىشكىلىبولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دۈشمەن مەركەزلىك ھالدا زەربە بېرىدىغان نىشان بىلەنتەمىنلىنىپ قالىدۇ. ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ سىتراتېگىيىنىڭ نورمالسىز مەنتىقىسىنىڭئورنىغا دەسسىشى تامامەن توغرا ئىشتۇر. ئەمما، بۇ پەقەت تىنچلىق مەزگىلىدىلاشۇنداق بولىدۇ.
سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىيقاتلىمى
      قەدىمدىنتارتىپ ھازىرغىچە، جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە بولسۇن، ئۇرۇش قىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىككىتەرەپ ئەۋۋەل بىر مەيدان سىياسىي ئويۇن ئوينايدۇ. دۆلەت ئىچىدە، ئۆكتىچەرنىڭئاغزىنى تۇۋاقلىسا، خەلقئارادا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىدۇ. (سىياسىي ئويۇننىڭمۇقەددىمىسى). مۇنداى سىياسىي قانلىق، ۋەھششىي، شۇنداقلا ئۇرۇش خۇماربولمىغان  تەغدىردىمۇ، بۇنداق تۈزۈمنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرگەقاراتقان ئاساسىي نىشانى بولسا، ھۈكۈمران گۇروھقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەجبۇرىيكونتىرول قىلىشنى يولغا قويىدىغان ئاپپاراتىنى ئامال قىلىپ ساقلاپ قېلىش؛ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۇچۇراشنى خالىمايدىغان خەلق ئارىسىدىكىباشقىچە سىياسىي قاراشتا بولغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ نىشانىھىلىقىدەك ئاپپاراتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتۇر. شۇڭا، سىياسىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسىتەرەپلىرىدە، ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش شەكلى بولىدۇ. ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ھۇجۇمقىلىش ۋە مۇداپىيە قىلىش، يوشۇرۇن زەربە بېرىش ۋە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشتاكتىيكىلىرى بولىدۇ. خۇددى، ئۇرۇش داۋامىدىكىدەك، يوشۇرۇنىش، مەخپىي ئىش-ھەرىكەتقىلىش ۋە كۆز بويامچىلىق قىلماي قالمايدۇ. مەيلى ھۈكۈمرانلار بولسۇن، ياكى باشقىچەسىياسىي قاراشتا بولغۇچى ئۆكتىچىلەر بولسۇن، ھەممىسى شۇنداق قىلىدۇ. چۈنكىمۇشۇنداق يوشۇرۇنىش ۋە كۆز بويامچىلىق قىلىش ئارقىلىق شۇنداق تۈزۈمنى قوغدايدۇ.شۇنىڭدەك، يوشۇرۇنىش ۋە كۆز بويامچىلىق قىلىش يەنە، پەم بىلەن دۆلەت ئىچى تىنچلىقغەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى قوللىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىدۇ.دائىرىلەرنىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بىر ئامال قىلىپ، باشقىچە سىياسىي قاراشتابولغۇچىلار تەشكىلىنىڭ ئىچكى قىسمىغا سۇقۇنىپ كىرىدۇ. باشقىچە سىياسىي قاراشتابولغۇچىلارمۇ، بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلايدۇ. چۈنكىئۇلارنىڭ ئاساسلىق كۈچى ئاشۇ تەشكىلات ئىچىدە بولىدۇ.
       دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي بېسىمنىڭ نورمالسىزلىقى بىلەن سىياسىيتۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى ساختىپەزلىكنىڭ، ئالدامچىلىقنىڭ ئېغىر ئاقىۋېتىھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ ساداقىتىدىن يېتىم قالدۇرىدۇ. بۇ خىلھالەت تىنچلىق يىللىرىدا بىلىنمەيدۇ. ئۇرۇش يىللىرىدا ھاكىمىيەت تەۋرىنىپقالغاندا، بۇ خىل ھالەتنىڭ روشەن ئىپادىلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ. تېخىچەئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ: 2-قېتىملىق پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىنىڭ ئالدى- كەينىدە ئىراقپىرىزدېنتى سادم ھۈسەيىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئەل رايىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنبىي غەيرى رەسمىي زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. سايلام زۇڭتۇڭ سادم ھۈسەيىننى 100%قوللاش نەتىيجىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. 2-قېتىملىق پارىس قولتۇقى ئۇرۇشى رەسمىيپارتلىغاندا، ئىراق ئارمىيىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سىرلىق ھالدا، ئالدىنقى سەپئۇرۇش مەيدانىدىن تارقىلىپ كېتىدۇ. يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاغزىنىتۇۋاقلىغان بولسىمۇ، سەركىنى قازانغا پاتۇرالماي قالىدۇ.
      سىتراتېگىيىنىڭسىياسىي قاتلىمىدا، بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ھەربىي قاتلاملار ئوتتۇرىسىدىكىئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش، ھەمكارلىشىش ۋە توقۇنۇشۇش كەڭ خەلقئارا سىياسىي موھىتدائىرىسىدە، دۆلەتلەرنىڭ غەيرىي ھەربىي بېرىش-كېلىش داۋامىدا ئۆزئارا رولىنىئىلگىرى سۈرۈشكە نىسبەتەن، ئاخىرقى ھېسابتا تەسىر كۆرسىتىدۇ. غەيرىي ھەربىيبېرىش-كېلىش رەسمىي دېپلوماتىك ئالاقە، جامائەتنىڭ تەشۋىقات ئالماشتۇرۇشى، مەخپىيھەرىكەتلەر، ھۈكۈمەت تەرەپ ۋە غەيرىي ھۈكۈمەت تەرەپنىڭ توپلىغان ئاخباراتلىرىدىنشەكىللەنگەن باشقا دۆلەتكە قارىتا ھاسىل بولغان قاراشلارغا تايىنىش، نوقۇلشەخىسلەر خاراكتىرىدە بولمىغان بارلىق ئىقتىسادىي سودىغا تايىنىش قاتارلىقلارنىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، بۇنداق تاناسىپسىز ئەڭ يۇقىرى قاتلامدا، سىياسىيجەھەتتىكى بىرلىك ۋە زىتلىق، ھەربىي جەھەتتىكى ئىتتىپاقداشلىق، ئىقتىسادىي جەھەتتىكىئىمبارگو ۋە دېپلوماتىيا جەھەتتىكى مىسلىسىز يېتىم ئەڭ ئاخىرقى نەتىيجىسى دۆلەتلەرئوتتۇرىسىدىكى توقتاۋسىز ھالدا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەنپەئەت كۈرۈشىداۋامىدا پەيدا بولىدۇ. ھالبۇكى، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكىسىياسىي تاللىشى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دېپلوماتىيە مۇناسىۋېتىگە تەسىركۆرسىتىدۇ. ئەكىس تەرەپىدىن ئانالىز قىلساقمۇ، شۇ دۆلەتنىڭ ھەربىي تاللىشىغىمۇتەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ئەمما، مەزكۈر دۆلەتنىڭ خەلقئارا سىياسىيسىنىڭ ئومومىيدائىرىسى ئىچىدىكى قىسمەن تاللاشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. كۆپ دۆلەتلەر بىلەنبولغان مۇناسىۋەتتە قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلمايدۇ.قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىپ، ئۆزئارامۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلمايدۇ. شۇڭا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسىسىتراتېگىيە لوگىيكىسىنىڭ بىۋەستە چەكلىمىسىگە ئۇچۇرىمايدۇ. بىر تەرەپ بىيتەرەپدەپ تونۇلغان ، يەنە بىر تەرەپ ئۆز ئالدىغا ھەربىي ھازىرلىقلارنىمۇ قىسقارتقانتەغدىردىمۇ، ئۇلارنى قارشى تەرەپنىڭ يوشۇرۇن دۈشمەنلىكىدىن خالىي قىلالمايدۇ ۋەمەلۇم دەرىجىدە تۈزۈشكەن ئىتتىپاقداشلىقىدا باشقا مۇرەككەپ سىتراتېگىيىلىكمۇناسىۋەت پەيدا بولۇشتىن مۇستەسنا قىلالمايدۇ.
ھالبۇكى، بۇنداقۋاستىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قوش تەرەپلىك مۇناسىۋەتكەكۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىي قاتلىمىخەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئەنە شۇ تەرىقىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ۋاھەلەنكى، ئۇ يەنەخەلقئارا سىياسىينىڭ دائىرىسى بىلەن بىردەك ئەمەستۇر. خەلقئارا جەمىيەتنىڭمۇئەييەن تەرەققىيات جەريانىنىڭ قانداقلىقىنى ئۆلچەشتە، سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىيقاتلىمىنڭ قانچىلىق مۇھىم سىتراتېگىيىلىك مۇناسىۋېتى بارلىقىغا قاراش ئۆلچەمقىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، پەلقۇلئاددە چاغلاردا سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىي قاتلىمىخەلقئارا سىياسىينىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزئارا قورال كۈچىنىقالايمىقان ئىشلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە (مەسىلەن روسىيە بىلەن ئامېرىيكىغا ئوخشاش)تەرەپلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلامدا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلاردا، مەيلى ئىچكى ئۇرۇش بولسۇن، ياكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارقالايمىقانچىلىق تۇغدۇرسۇن، دۆلەت قورال كۈچىنى مونوپول قىلىۋالمىغانلا بولسا،ئوخشاشلا نورمالسىز لوگىيكىمۇ سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىي قاتلىمىدا ئېنىقئىپادىلىنىدۇ.
     ئەلۋەتتە،سىتراتېگىيەنىڭ سىياسىي قاتلىمىنىڭ نەتىيجىسىنىڭ ياخشى-ياكى يامان بولۇشى سوبېكتىپھۈكۈم بويىچە بولىدۇ. مۇستەبىتنىڭ كاللىسىنىڭ قىزىپ قىزىپ كېتىشى، بىيوروكراتئاپپاراتنىڭ ياقتۇرۇشى، ياكى تەرتىپلەرنى دېموكىراتىك ئاساستا تاللاش ئارقىلىقبەلگىلەنگەن بولسۇن، سىتراتېگىيە لوگىيكىسى بۇ نىشاننى بەلگىلەش داۋامىدا رولئوينىمايدۇ. سىتىراتېگىيىنىڭ سىياسىي قاتلىمىدا ، بەزى دۆلەتلەر ئالدى بىلەن باشقادۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئىلكىگە ئېلىش ۋە زېمىن كېڭئەيمىچىلىكى قىلىشنىقوغلىشىدۇ. (خۇددى ھازىرقى روسسىيىگە ئوخشاش)؛ يەنە بەزى ھۈكۈمەتلەر ئۆزىنىڭخەلقئارادىكى كۈچى ۋە تەسىرىنى ساقلاپ قېلىشنىلا ئويلايدۇ. شۇنىڭدەك زېھنىنىڭمۇتلەق كۆپ قىسمىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلارغا، يەنە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش،جۈملىدىن ئۆز دۆلىتىنى گۈللىتىپ قۇدىرەت تاپقۇزۇشقا قارىتىدۇ (دۆلىتىمىز جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش)؛ يەنە بەزى دۆلەتلەر خەلقئارا سەھنىدە ئاكتىپ ھەرىكەتقىلىپ ھەرخىل ئىقتىسادىي ياردەملەرگە ئېرىشىشنى ۋە باشقىلار بىلەن ئىقتىسادىيھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. (ياپونىيەبىلەن كورىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر) ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەننەتىيجىلىرىنى توغرا ھېسابلاپ چىقىدۇ؛ يەنە بەزى دۆلەتلەر ئۆزلىرى قورقىدىغاندۆلەتلەرنى ئۆزىگە قارىتا يېنىكلىك بىلەن ھەرىكەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويۇشمەقسىتىدە باشقا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرمەكچىبولىدۇ. (شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيەدىكى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا تايانغىنىغائوخشاش). سىرنى ئاشكارىلىمىغان بىلەن ھەربىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق نىشانى بولىدۇ.شۇڭا، ئۇلارنىڭ نەتىيجىگە بېرىدىغان باھاسى ئوخشاشمايدۇ. ئوخشاش بىر نەتىيجىنى،مەسىلەن شۇ چاغدىكى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشنى مەلۇم دۆلەتنىڭ  ھۈكۈمىتىغايەت زور مۇۋەپپەقىيەت دەپ قارىسا، يەنە بىر دۆلەتنىڭ ھۈكۈمىتى پاجىئەلىكمەغلۇبىيەت دەپ قارايدۇ.
كىشىلەر يالغۇز مەلۇمدائىرىدىكى پايدا-زىيان ياكى مۇپەپپەقىيەت _ مەغلۇبىيەتكىلا ئوخشاش بولمىغانقاراشلاردا بولۇپ قالماي، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي مۇھىت داۋامىدابەلگىلەنگەن، ئەمما تېخى سىتراتېگىيە توقۇنۇشى باسقۇچىغا كىرمىگەن بارلىق باشقانىشانلارغا قارىتامۇ ھەرخىل قاراشلاردا بولىدۇ. ناھايىتى روشەنكى، دۆلەت مەنپەئىتىسىتراتېگىيىسى ھېچقانداق رول ئوينىمايدىغان بىر خىل سىياسىي تەرتىپ ئىچىدە،سوبېكتىپ ھالدا بەلگىلىنىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي پائالىيەت جەريانىدا ئۆزئارارىقابەتلىشىۋاتقان پارتىيە-گۇروھلار ئۆز گۇروھىنىڭ نىشانىنى دۆلەت مەنپەئىتى قىلىپئېتىراپ قىلدۇرۇشنى كۆزلەيدۇ. شۇڭا، ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئادەتتىكى لوگىيكىلىقتەپەككۈر بويىچە ئىش قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. ئاتالمىش لوگىيكىلىق تەككۈر بويىچە،ياخشىسى ياخشى، يامىنى يامەن بولىۋېرىدۇ. ئۈنۈمنىڭ زور بولغىنى كىچىك بولغىنىدىنياخشى بولىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرىنىڭ قارار قىلىنىشىدىمۇ ئىچكى سىياسىيساھەنىڭ لوگىيكىلىق تەپەككۈرى تەدبىق قىلىنىدۇ. يەنى كۆپ بولسا كۆپ، ئاز بولسا،ئاز بەلگىلىنىدۇ. بىزنىڭ ئومومىيۈزلۈك زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ئاقىۋەتنىنۇرغۇن مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرىشىمىزنىڭ ھاجتى يوق. ئەگەر تارىختا ئاساسەنئىنسانلارنىڭ ئەخمىقانە ھەرىكەتلىرى خاتىرىلەنگەن بولسا ئىدى، ئۇنداقتا بۇ خىلتەپەككۈرنىڭ پەرقى ئىنسانلارنىڭ ئەخمىقانە ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسىيسەۋەبكە ئايلىنىپ قالاتتى. ئىچكى ئىشلاردا ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەننۇرغۇنلىغان سىياسىي رەھبەرلەر دېپلوماتىيە ئىشلىرىغا قەدەم قويغان ھامان، يەنەبىر مۇنچە سالتاڭ قەھرىمان ياكى دېپلوماتىيە ماھىرلىرى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشقانھامان، شۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. بىر قانچە پەلقۇئاددە ۋەقە، ياكى بىر قانچە ئەسىرتەكرالىنىۋەرگەن ئوخشاش بىر خاتالىق تىراگېدىيىسى، ئاخىرقى ھېسابتا كىشىلەردەتوقۇنۇش بولۇۋاتقان ساھەدە لوگىيكىلىق تەپەككۈرنى تەدبىقلاپ پىلانلاش توغرابولامدۇ-يوق، دېگەن گۇماننى  پەيدا قىلىشقا باشلايدۇ.
      دۆلەتئىچىدە دۆلەتكە ئۇرۇش ۋاستىسى ئارقىلىق ھۈكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭھۈكۈمەتلىرى خەلقئارا ئىشلاردا، لوگىيكىلىق تەپەككۈرغا ئەمەل قىلىدىغان ئەھۋال بىرقەدەر ئاز كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بۇنداق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ نورمالسىزلوگىيكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىدە ئەمەس. ھەتتا ئۇلار بۇ قائىدىنى زادىبىلمەيدىغان قارا قورساقلاردىن  بولۇشى مۈمكىن. لېكىن، ئۇلار دۆلىتىئىچىدە تىزگىنلەشنى يولغا قويغاندا، كاززاپلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، تەھدىتسېلىش ۋە قورال كۈچى ئىشلىتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىشقا ئادەتلىنىپ قالغان،ھەمدە ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەت ئەندىزىسىدىن سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىيقاتلىمىنىڭ ئاددى قىياپىتىنى ماراپ بىلىۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق سىتراتېگىيە ئىلمىدىنتەربىيە ئالىدۇ. دۆلىتى ئىچىدە دېموكىراتىيىنى يولغا قويغان ھۈكۈمەتلەردېپلوماتىيە سىياسىتىدە سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىي قاتلىمىنى ئاسانلا تەدبىققىلالايدۇ. ھالبۇكى، دۆلىتى ئىچىدىكى سىياسىي كىلىيماتتا زورلۇق بىلەن كونتىرولقىلىشنى يولغا قويغان رەھبەرلەر دېپلوماتىيە ئىشلىرىدا ئاسانلا توقۇنۇشلوگىيكىسىنى قوللىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش تاجاۋۇزچىلىق تەبىيئىتى مەۋجۇتئەمەس. دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ئۇرۇش قوزغاشقا خۇشتار بولۇش خاھىشى بىلەنمۇناسىۋەتسىز.
تارىخىي خاتىرىلەردىنمەلۇمكى، مۇستەبىت دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئەپ ئۆتەلەيدۇ. ۋاھەلەنكىدېموكىراتىك دۆلەتلەر ھۈكۈمەتلىرىنىڭ ئۇرۇشخۇمار بولۇشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىندۇر.بىر قىسىم دۆلەتلەر دېموكىراتىيەلەشتۈرۈش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ،بارغانسېرى تاجاۋۇزچىل بولۇپ كېتىدۇ. ئەكسىچە يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەردېموكىراتلىشىپ بولغاندىن كېيىن، تاجاۋۇزچى دۆلەتنىڭ ئىمپېرىيە كېڭئەيمىچىلىكىبىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى ئاساسلىق رىقابەت رەقىبىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىز مەلۇممەزگىلدىكى ئالىيجاناب روھ ئارقىلىق ھەممە مەسىلىنى چۈشۈندۈرۈشكە قادىر ئەمەس.بۈگۈنكى كۈندە، پۇرسەتلا بولىدىكەن، ئىككى دۆلەتنىڭ سايلىغۇچىلىرى يەنىلا ئۆزدۆلىتى ھۈكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە قورال كۈچى ئىشلىتىشنى پۈتۈن دىل، پۈتۈن نىيىتىبىلەن قوللايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، دۆلەت پۇقراسىنىڭ ئارزۇسىدا ئانچەچوڭ پەرق بولمايدۇ. پەقەت ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش دەرىجىسىدە بەزى پەرقلەربولىدۇ. بۇنداق پەرق دېموكىراتىك ھۈكۈمەتنىڭ مۇستەبىت ھۈكۈمەتنى چەكلەش كۈرىشىدەئېنىق ھەم توغرا ئايان بولىدۇ. دېموكىراتك ھۈكۈمەت دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋەقۇدىرەت تېپىشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدۇ؛ مۇستەبىت ھۈكۈمەت زومىگەرلىك ھوقوقىغائېرىشىشنى كۆزلەيدۇ، جان-جەھلى بىلەن دېپلوماتىيە ئىشلىرىنى دۆلەت ئىچىدە ئىشلىتىپئادەتلىنىپ قالغان ۋاستىلەر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. دېموكىراتىك ھۈكۈمەتلەرئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى ئىجادچانلىققا ئىلھام بېرىدۇ. پەن-تېخنىيكا ساھەسىدەھەشەم تارتمايلا ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاپ قالالايدۇ؛ كاززاپلىق قىلىش، ئالدامچىلىققىلىش، تەھدىت سېلىش ۋە قورال كۈچى ئىشلىتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىش جەھەتتە،بۇنداق ھۈنەرگە ئۇستا بولغان مۇستەبىت ھۈكۈمەتكە قارىغاندا ئۈستۈنرەك تۇرىدۇ.ئۇرۇش ئارقىلىق پەرقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە، ئامېرىيكاقاتارلىق دېموكىراتىك دۆلەتلەر ئاشۇ كاززاپلىق قىلىش، ۋە ئالدامچىلىق قىلىشۋاستىلىرىنى قوللىنىش جەھەتتە دۈشمىنىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بېسىپ چۈشتى. ئەمدىئەسلەپ كۆرۈدىغان بولساق، تىنچلىق مەزگىلىدىكى خەلقئارا سىياسىي داۋامىدىكىتوقۇنىشنى سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىي قاتلىمى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش _ دېموكىراتىكدۆلەتلەرنىڭ تۈپ ئاجىزلىقى. بۇنداق ئاجىزلىق كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا نىسبەتەن ئېغىرتەسىر كۆرسىتىدۇ.
        بىز ئەمدى كەينىمىزگە سەل يېنىپ، خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ پەيدابولۇش جەريانىغا نەزەر سالغاچ ئۆتۈپ كېتەيلى. خەلقئارا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش_ توقۇنۇشۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ھەرخىل بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇشتىكىكۆز بويامچىلىق تاكتىيكىسىدۇر. خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ كونكىرت ئىپادىلىرى بىزدېمەكچى بولغان مۇنو 4 خىل نۇقتىغا يېغىنچاقلىنىدۇ:
       1. سىياسىي جەھەتتىكى بىرلىك ۋە زىتلىق.
       سىياسىي جەھەتتىكى تەشۋىقات ئۇرۇشى كۆلەم جەھەتتە دۆلەتلەر ئارابىرلىك ۋە زىتلىقنى كۆرسەتسا، دائىرە جەھەتتە، تاق لېنىيىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان <ئا ...... ب >تەرەپنىڭ بىر-بىرىنىمايىل قىلىش ۋە يەرلىك كۈچلەرنى ئۆزىگە تارتىش سىياسىي مۇددىئاسىنى كۆرسىتىدۇ.دۆلەتلەر ئارىسىدا بولىدىغان سىياسىي ئۇرۇش يەككە دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ كۆرۈلىدۇ،كۆپ دۆلەتلەر بىلەن بىر دۆلەت ئارىسىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكىسىياسىي تەشۋىقات ئۇرۇشى دۆلەت مەنپەئەتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. زېمىنتارىخىنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق تېرىتورىيە كېڭئەيمىچىىلىكى بىلەن ئىگىلىك ھوقوقى داۋاسىنىقىلىدۇ. تالاش-تارتىشتىكى ئاساسلىق زىددىيەت _ زېمىن ۋە زېمىندىكى تەبىيئىيبايلىقتۇر. قارشى تەرەپتىن كېلىدىغان تەھدىتمۇ مۇشۇ زىددىيەتتىن بىخلىنىپ، دۆلەتبىخەتەرلىكى ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىياسىي تەشۋىقاتكۈرەشلىرىدىكى بىرلىك نۇقتىئىنەزەرى سوتسىيالىزىم لاگىرىدىكى دۆلەتلەردە، دۆلەتئىچىدە بىردەك ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، قىزىققانلىقنى ئېنېرگىيە ئورنىداپايدىلانغان بۇ خىل بىرلىك دۆلەت سىرتىدىكى ئۆزگىچە يېڭى موھىتقا ماسلىشالماي،خەلقئارادىكى ھەرخىل تۈرلۈك چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ رىقابەتكە دۇچ كەلگەنۋە ھەق دەپ قارالغان زىتلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. كاپىتالىزىم لاگىرىدىكى دۆلەتلەردەشەخىسنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي گەۋدە ئۈستىگە قۇرۇلغان مەنپەئەت مونوپوللىقىھامان، دۆلەت مەنپەئىتىدىن غالىپ كېلىپ، بىر قەدەر خەلقئارالاشقان جامائەت پىكىرىنىقوزغىيالايدۇ. بۇ يەردىكى شەخىسنىڭ مەنپەئەت مونوپوللىقى بىلەن دۆلەت مەنپەئىتىتار مەنىدىكى مەنپەئەت ئۇقۇمىنى كۆرسەتمەيدۇ. ھۈكۈمران تەبىيقىلەر ئۆزىتايىنىۋاتقان سىياسىي تۈزۈلمە ئارقىلىق يادىرولىق مەنپەئىتىنى قانداغ قوغداشنىبىلىدۇ. چوڭ دۆلەتلەر كىچىك دۆلەتلەرگە قارىتا؛ كۆپ دۆلەت بىر دۆلەتكە قارىتا،خەلقئارالاشقان سىياسىي بىرلىك بىلەن زىتلىق ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ خىل سىياسىيبىرلىك بىلەن زىتلىقنىڭ كونكرت شەكىللىرى يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك سىياسىي بېسىم،سىياسىي تەشۋىقات ئويۇنلىرىدىكى سىياسىي تەھدىت، سىياسىي تۆھمەت ۋە ئويدۇرماپاكىتلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئالاھىدە شارائىتتا، ھەرقايسى تەرەپلەرگە خاس بولغانمەلۇم ئاساسلارمۇ يوق ئەمەس. چۈنكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قارارگاھى يوقتۇر.
      لوگىيكىلىقتەپەككۈر ئارقىلىق تۈزۈلگەن ئىچكى نىشان بىلەن خەلقئارا سىياسىي توقۇنۇش جەھەتتىكىنىشان بىردەك بولماي قېلىش ئەھۋالى بىر خىل ئومومىيۈزلۈك ھادىسەدۇر. دۆلەت ئىچىدە،دۆلەتكە ئۇرۇش ۋاستىسى ئارقىلىق ھۈكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھۈكۈمەتلىرىخەلقئارا ئىشلاردا لوگىيكىلىق تەپەككۈرگە ئەمەل قىلىدىغان ئەھۋالى بىر قەدەرمۇجىمەل بولىدۇ. ھەرقايسى تاراتقۇ ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى جۇغلىغان پىتنىلەردىنئايان بولۇشىچە بۇ خىل مۇجىمەللىك تېخىمۇ سىرلىقلىشىپ كېتىدۇ. ئىچكى-تاشقىۋەزىيەتنىڭ بىردەك بولۇشى ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىش بولغاچقا، سوبېكىت ئاپپاراتنىڭئارزۇسى ئوبېكتىپ ئەمىلىيەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋەزىيەتكە نىسبەتەن خىلاپىيپوزىتسىيىدە بولىدۇ. شۇڭا، ھاكىمىيەت بېشىدا ئىش تەۋرىتىۋاتقان سىياسىيونلارنەزەرىنى تېخىمۇ يىراقلارغا قارىتىپ، بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى بىلەندېپلوماتىيە سىياسىتىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ تەڭپۇڭ ھالەتتە تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك.بىر قولىدا توقۇنۇشنى، يەنە بىر قولىدا سۆھبەتنى تۇتۇپ تۇرالىغان ھۈكۈمەتئاپپاراتىلا سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىي قاتلىمىغا سىڭىپ كىرەلەيدۇ.
2. ھەربىي جەھەتتىكىئىتتىپاقداشلىق.
       سىياسىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغاندا، قوراللىق كۈچكە تايىنىشقا توغراكېلىدۇ. قوراللىق كۈچ _ بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي بولغان جانغا ئەسقاتىدىغان كۈچىدۇر.چوڭ ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەر خەلقئارادىكى سىيياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككەتايىنىپ، ئاسانلا ئىتتىپاقداش قوشۇن تەشكىللىيەلەيدۇ. تەرەپلەر ئاخىرقى نەتىيجەئۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشتىن دەقىيقە بۇرۇن نەسىھەت خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.نەسىھەت قىلىشنى دۈشمەن ياكى دوست تەرەپلەرگە تەڭ قوللىنىشقا بولىدۇ. قوراللىقنەسىھەت بىلەن قوراللىق توسۇش پەقەت دۈشمەنگىلا قارىتىلىدۇ. قوراللىق نەسىھەتزوراۋانلىققا ئوخشاشلا ئۇزاق تارىخقا ئىگىدۇر. ئەگەر زوراۋانلىققا تايىنىدىغانئادەم زوراۋانلىققا تايىنىپ ياخشىلىققا ئېرىشىشنى كۆزلىمىسە، ئۇنىڭ ئۈستىگەزوراۋانلىق قىلىنغۇچى زوراۋانلىقنىڭ زىيىنىدىن قورىقمىسا، زوراۋانلىقنىڭ قىلچەرولى قالمايدۇ. قوراللىق نەسىھەت قىلىش بىلەن قوراللىق توسۇشنىڭ مۇناسىۋېتى _ بىردۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ مۇناسىۋېتىگە تەڭدۇر. ئۇرۇشتىن كېيىنكى غايەت زورزىياننى ئەسلىگەندە شۇنداق تەڭداش مۇناسىۋەتتە كېلىدۇ. توسۇش _ كۈچنىڭ پاسسىپشەكلى بولسا، نەسىھەت قىلىش _ كۈچنىڭ ئاكتىپ شەكلىدۇر. بىز بۇ يەردە تىلغائېلىۋاتقان <كۈچ> دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسالكۈچىدىكى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا بولغان ئاكتىپ ھەم پاسسىپ كۈچلەرنى كۆرسىتىدۇ.قوراللىق توسۇش دۈشمەننىڭ ئۆز ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، دۈشمەننى توسۇشنىكۆرسىتىدۇ. قوراللىق نەسىھەتنىڭ ئەھمىيىتى مەلۇم خىلدىكى قوراللىق كۈچنى ساقلاپقېلىشتا ئەمەس، بەلكى، بۇنداق قوراللىق كۈچ ئارقىلىق باشقىلاردا ئىنكاس قوزغاپ،ئۇلارغا چىقارغۇزغان قارار ئېلىپ كېلىدىغان نەتىيجە. بۇ خىل قارار-نەتىيجەقوراللىق كۈچكە بولغان قارىشى، ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئېھتىماللىقىغا ۋە ئۇرۇشئەھۋالىغا بولغان مۆلچەرى ھەم باشقىلارنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىپ ئۆزلىرىنى قوللىشىياكى زەربە بېرىشنىڭ ئېھتىماللىقىغا بولغان قىياسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. قوراللىقنەسىھەت بىلەن قوراللىق توسۇش كار قىلمىغاندا، ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلانغىلىبولمايدۇ. چۈنكى، ئۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى پەقەت ئەمەلىي ئۇرۇش داۋامىدىلا ئۆلچىگىلىبولىدۇ. ئۇرۇش پارتلىشىمۇ، پارتلىماسلىغىمۇ مۈمكىن. شۇنداق پارتلىغان تەغدىردىمۇ،زامان،ماكان ۋە ۋەزىيەت قاتارلىق قىياس قىلغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ئامىللارئۇرۇشنىڭ ئاقىۋېتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
     "11-سېنتەبىر" ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىيكا ئافغانىستان تالىبانھۈكۈمىتىگە بىنلادىننى تاپشۇرۇپ بېرىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاشمىسالدىن يەنە بىرنى كەلتۈرسەك 2-قېتىملىق پارىس قولتىقى ئۇرۇشى پارتلاشنىڭئالدى-كەينىدە ئامېرىكا ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادام ھۈسەيىننى ئىراقتېرىتورىيىسىدىن چىقىپ كېتىشكە نەسىھەت قىلىدۇ. قوراللىق نەسىھەت دىيىلىشتىكىسەۋەپ شۇكى، نەسىھەتنىڭ كەينى تەرەپىدە قورال بەتلەگلىك ھالەتتە تۇرىدۇ. ھەر ئىككىنەسىھەت ئوخشىمىغان زامان-ماكاندا ئۇرۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. قوراللىق نەسىھەتپايدا-زىيان ئوتتۇرىسىدىكى ئاقىۋەتنى توقتىماي ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى،سىتىراتېگىيە تەپەككۈرىنىڭ ھەرىكىتى مەڭگۈ توقتىمايدۇ. ھېچبولمىغاندا، مۇشۇتەپەككۈرنىڭ ئايلىنىش مېخانىزىمى ئىچىدە، ھايات قالغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا،شۇنداق بنولىدۇ. شۇڭا، بارلىق ئاقىۋەت، جۈملىدىن رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانغالىبىيەت ۋە مەغلۇبىيەت ۋاقىتلىق نەتىيجىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ. ئۇلار جەزمەنئۆزگىرىش ياسايدۇ، ھالبۇكى بۇنداق ئۆزگىرىشنى دەل ئاشۇ نەتىيجە كەلتۈرۈپ چىقارغانئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىيقاتلىمىدا نورمال ئەھۋالدا بارلىققا كەلگەن نەتىيجە، يەنى ئۇرۇش بىلەن قارىمۇ-قارشىبولغان قوراللىق نەسىھەت قىلىشنىڭ ئۆزى ئەمەلىي كۈچ، ياكى تېخىمۇ توغرىراق قىلىپئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچتىن ئېرىشكەن ئاشۇ بىر قىسىم دۆلەت كۈچىدىنئىبارەتتۇر. ئەمەلىي ۋە يوشۇرۇن ھەربىي كۈچكە بولغان قاراش نەسىھەت قىلىش رولىنىپەيدا قىلىدۇ. ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىغا بولغان تەسەۋۋۇر ۋە دۆلەتنىڭ ئۇرۇشسەپەرۋەرلىكى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن كېتىدىغا ئىقتىساد،ئادەم جەھەتتىكى ئەمەلىي كۈچكەبولغان پەرەز ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇنىڭدىن بارلىققا كېلىدىغان نەسىھەت رولىئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلىشى مۈمكىن، ئەمەلىي ئەھۋالدىن تۆۋەن تۇرۇشى مۈمكىن،ياكى ھېچقانداق نەسىھەت رولى بارلىققا كەلمەسلىكىمۇ مۈمكىن.
      رايونئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي توقۇنۇش رايون سىرتىدىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغانسىياسىي كۈچلەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچۇرايدۇ. ساراسىمە ئىچىدە توقۇنۇش پاتقىقىغا پېتىپقالغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مەنپەئەت بولمىغاچقا ئىختىلاپ تۇغۇلىدۇ.ئامېرىيكا بىلەن روسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەت كۈرۈشى بۇ نۇقتىغا بىر قەدەرجانلىق مىسال بولالايدۇ. قوراللىق نەسىھەت قىلىش مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئالدى-كەينىدەمەخپىي سىياسىي ھەرىكەت بىلەن غەيرىي رەسمىي ھەربىي ھەرىكەت بىردەك قوللىنىدۇ. بۇخىل مەخپىي ھەرىكەتلەر ئىگلىك ھوقوقىغا ئىگە بولغان باشقا دۆلەت زېمىنىگە قارىتائېلىپ بېرىلغان بارلىق دۈشمەنلىك ئاساسىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنىكۆرسىتىدۇ. بىرىنچى خىلدىكى مەخپىي ھەرىكەت _ ئېلان قىلىنمىغان مالىيە ياردىمى،ئالداش تەشۋىقاتى ۋە جاسۇس كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى خىلدىكى مەخپىيھەرىكەت بولسا، شۇ جايدىكى يەرلىك توپىلاڭچىلارنى قوللاشنى ۋە كېيىنكى چاغلارداتايىنىشقا بولىدىغان بارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىشنى يەنى، داھىينى قورقۇتۇش ۋەچوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاجاۋۇزچىلىق، ئاغدۇرمىچىلىقھەرىكەتلىرىدە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى خىل مەخپىي ھەرىكەت تاللاپ قوللىنىدۇ.ئىچكى-تاشقى سىياسىي  ۋاستىلەر بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، شەرت-شارائىتپىشىپ يېتىلگەندە ئىككى دۆلەت ياكى كۆپ دۆلەت  بىلەن بىر دۆلەتئارىسىدىكى ھەربىي مۇداخىلە رەسمىي باشلىنىدۇ.
3. دېپلوماتىيە جەھەتتىكىيېتىم قالدۇرۇش.
        دېپلوماتىيە بەزىدە كۈچلۈك بىخوتلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولغاچقا،توقۇنۇش موھىتىدا، دېپلوماتىيە ئارقىلىق كۆپ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. تىنچلىقيىللىرىدىمۇ، ئۇرۇش يىللىرىدىمۇ، دېپلوماتىيە ناھايىتى ئوبدان ئۈنۈم بېرىدۇ. ئىككىتەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى ناھايىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەندە،دېپلوماتىيە ھەرىكەتلىرىدە، مەلۇم دەرىجىدە زىيادە ئېھتىياتچانلىقمۇ كۆررۈلىدۇ.زور مەسىلىلەردىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى ئۇزاققىچە ھەل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ،ئېنىق، كونكىرت كىچىك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەمەلىيەتكە، مەنتىقىگە ئۇيغۇنھەمكارلىق دېپلوماتىيىسىنى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ. بۇنداق دېپلوماتىيە ھەرىكىتىئارقىلىق ئۈزۈلمەي كەلگەن دۈشمەنلىك كەيپىياتىنى ھەرقايسى تەرەپ نامۇۋاپىق دەپقارىغان ئالاقە يوللىرىدىن باشقا تەرەپكە بۇراپ، مەلۇم تەرەپنى، ھەتتا ھەرقايسىتەرەپنى پايدىغا يەنە، ئاساسلىقى تەشۋىقات جەھەتتىكى پايدىغا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.زېمىن تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىشتا، ئىككى تەرەپ مەلۇم بىر دۆلەتنى زىددىيەتپەسەيتكۈچى دۆلەت دەپ قارىسا،  ھەمدە بۇنداق زىددىيەتنى پەسەيتكۈچىدۆلەتكە قارىتا ھەرقانداق كېڭئەيمىچىلىك ھەرىكىتى قوللانماسلىققا كاپالەت بەرسە،گەرچە ئىككى تەرەپ باشقا رايوندا كېڭئەيمىچىلىك قىلىشنى كۆزلەۋاتقان بولسىمۇ، بۇھەمكارلىق دېپلوماتىيىسىنىڭ ئەڭ ياخشى گەۋدىلەنگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.دېموكىراتىك دۆلەت ھۈكۈمەتلىرى دېپلوماتىيە سىياسىتىدە تاق لېنىيىلىك راۋان ۋەروشەن لوگىيكىلىق تەپەككۈرنى تەدبىق قىلسا، مۇستەبىت دۆلەت ھۈكۈمەتلىرىدېپلوماتىيە ئىشلىرىدا ئاسانلا توقۇنۇش لوگىيكىسىنى قوللىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە،ئاتالمىش تاجاۋۇزچىلىق تەبىيئىتى مەۋجۇت ئەمەس دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ئۇرۇشقوزغاشقا خۇشتار بولۇش خاھىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. دېپلوماتىيىدىكى تىنجىتىشبولسا، ھەمكارلىق دېپلوماتىيەسى ۋاستىسىنى قوللىنىپ، توقۇنۇش يىلتىزىنىقومۇرىۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئوخشاش بىر خىلدىكى ھەربىي كۈچكە قارىتا، مۇقەررەر ھالدائوخشاش بولمىغان پەرەز بولىدۇ. دېپلوماتىيە بىلەن تەشۋىقاتنىڭ مۇھىم روللىرىنىڭبىرى ئاشۇ سوبېكتىپ پەرەزلەردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشتۇر. ئىنتايىن ئازئەھۋالدا، دېپلوماتىيە بىلەن تەشۋىقاتنىڭ مەقسىتى قورال كۈچىنىڭ رولىنى سۇندۇرۇش،شۇ ئارقىلىق قورال كۈچى ئىشلەتكەندە كىشىنىڭ خىيالىغا كىرمەيدىغان ئۈنۈملەرنىقازىنىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. لېكىن، كۆپلىگەن ئەھۋاللاردا، دېپلوماتىيە بىلەنتەشۋىقاتنىڭ مەقسىتى نەسىھەت قىلىش رولىنى ئىمكانقەدەر كۆپىرەك پەيدا قىلىشتىنئىبارەت بولىدۇ. دېپلوماتىيە يەنە ئالدامچىلىق ۋاستىسىنىمۇ قوللىنىدۇ. ئەينىچاغدا، گىتلېر مەككار سىتالىن بىلەن ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىنىئىمزالاپ، ئۇزۇن ئۆتمەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. گىتلېرنىڭدېپلوماتىيىدىكى فاشىستىك ئىدىيىسى سىتالىننىڭكىدىن غالىپ كېلىدۇ. دەرت ئەلەمگەچىدىمىغان سىتالىن نىمە قىلارىنى بىلمەي، بىر ھەپتە كىشىلەرگە كۆرۈنمەيدۇ.دېپلوماتىيەدىكى بۇ خىل ئالدامچىلىق ۋاستىسى ئۆزىدە ئەمەلىي ئەھۋالدىن زوردەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدىغان ساختا ئوبىرازنى تىكلەش ئۈچۈن، ئەمەلىي ھەربىي كۈچىنىكۆز-كۆز قىلغاچ، قارشى تەرەپكە يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى زورقىرغۇچى قورالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ساختا ئاخباراتلارنى تارقىتىدۇ.خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ، قارشى تەرەپنى دېپلوماتىيە ساھەسىدە،مىسلىسىز يېتىم قالدۇرىدۇ. مەلۇم خىل ماددى ۋە ھەربىي مەقسەتكە يېتىشنى پىلانلاپ،بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە ھەربىي مۇداخىلە يۈرگۈزىدۇ.
                                   4. ئىقتىسادىي ئىمبارگو.
          ئىقتىسادىي ئىمبارگونىڭ قانداق مەنا-مەقسەتلەردەبولىدىغانلىقىنى كۆپۈنچىمىز بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. چۈنكى، زامانىمىزدا بىرقىسىم دۆلەتلەر يەنە شىمالىي كورىيە، ئىران، سابىق سادام ئىراق ھاكىمىيىتى ۋەھازىرقى روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خەلقئارا ئىقتىسادىي ئىمبارگونىڭ تەمىنى خېلىتېتىپ قالغان دۆلەتلەردۇر. بۇ خىل رېئاللىقنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. مەن بۇيەردە ئىقتىسادىي ئىمبارگونىڭ ئاز بىر قىسىم ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە قىسقىچەتوقتىلىپ ئۆتىمەن.
        خەلقئارالاشقان ھەرقانداق بىر توقۇنۇش كونكىرت ئىككى خىل شەكىلدەداۋاملىشىدۇ. بىرى ئىقتىسادىي ئىمبارگو، يەنە بىرى بولسا، ھەربىي مۇداخىلىدۇر.قوراللىق كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىشىش ئىرادىسى رول ئوينىمىغان ياكى پۇرسەتنىڭ كېلىشىمۇقۇملاشمىغان ساپ مەمۇرىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلار داۋامىدا، تىركىشىۋاتقان تەرەپلەرئوتتۇرىسىدا رايون خراكتىرىدىكى ياكى خەلقئارالاشقان ئىقتىسادىي ئىمبارگو ھادىسىسىيۈز بېرىدۇ. ئىمبارگونىڭ يۈز بېرىش ھادىسىسىدە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ مەنپەئىتىقوغدىلىشتەك ھەققانىي ئامىللار كۆرۈلسىمۇ، ھادىسىنىڭ ماھىيىتىگە نەزەر سالساق،يەنىلا كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى ئانىي تەپقانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.تەڭلەشكەنلەر بەللەشمەيدۇ. پەقەت غالىبلار ئاجىزلارنى چەنلىشىدۇ. خەلقئاراجەمىيەتتىكى بۇ خىل تەڭسىز تەرتىپ خېلىدىن بېرى كىشىلەرنى بىزار قىلىشقا باشلىدى.بۇ خىل بىزارلىقنىڭ تۈرتكىسىدە بىر قىسىم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ساختا ئوبىرازىئاشكارىلىنىپ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا سۇنۇشقا باشلىدى. ھەققانىيەت پەلسەپىسىئىجتىمائىي ئاڭدا تېپىشماققا ئايلىنىپ، توغرا-خاتا يېشىملەرنى كىشىلەرنىڭئىقتىيارىغا تاشلاپ بەردى.
        بىر دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىقتىسادىي ئىمبارگو _تىنچلىقنىڭ ئاخىرلىشىپ، ھەربىي مۇداخىلەنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.ئىقتىسادىي ئىمبارگو يەنە ئۆتكۈنچى دەۋىر خۇسۇسىيىتىگىمۇ ئىگىدۇر. بۇ خىل ئۆتكۈنچىدەۋىر نىسپىي داۋام قىلىشى مۈمكىن. ئىراننىڭ ھازىرقى ئىمبارگو تۈسىنى ئالغانئىقتىسادىي كىرزىسى بۇ نۇقتىغا يارىغۇدەك مىسال بولالايدۇ. شۇڭلاشقا، توقۇنۇش ۋەسىتراتېگىيە ساھەسىدە، ئىقتىسادىي قائىدە بىلەن توقۇنۇشنىڭ ئۈنۈمىگە قويۇلىدىغانتەلەپلەر بىۋاستە قارىمۇ-قارشى بولىدۇ. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە توغرا كېلىدىغانئومومىي ئىقتىسادىي ئىدىيىنىڭ سىتراتېگىيە ساھەسىدە چوقۇم ئۈنۈملۈك بولۇپكەتمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. توقۇنۇشنىڭ پەسىيىشى ياكى ئەۋجىگە چىقىشىمۇئىقتىسادىي ئىمبارگونىڭ قانداق ئۇسۇلدا تەتبىقلانغانلىقىغا قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە،توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان مەنبەلەرنىڭ چوڭقۇر يېلتىز تارتىشى بىلەن ھەمكارلىقئاساسىدىكى ئىمبارگولىق ۋاستىلەر يېڭى زېمىندا ئۆز رولىنى ياخشى جارىيقىلدۇرالايدۇ. تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا سودا تەڭپۇڭسىزلىقى كۆرۈلىدۇ. ئىقتىسادئۇچۇرۇشىشىدىكى بۇنداق تەڭسىز ھەمكارلىق بىر دۆلەتنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت ۋە خەلقتۇرمۇشىغا سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. (بىۋاستە زىيانلار). خەلقئاراداسىياسىي ۋە دېپلوماتىيە جەھەتلەردە مىسلىسىز يېتىم قالغان كىچىك دۆلەتلەر بۇ خىلئىمبارگونىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھەمدە، شارائىت ۋە پۇرسەتنىڭ پىشىپيېتىلىشى بىلەن ھەربىي مۇداخىلىگە ئاساس بولىدۇ.
         2- قېتىملىق پارىس قولتۇقى ئۇرۇشى _ يۇقىرىدا قىسقىچە بايان قىلىنغان4 خىل نۇقتىدا خەلقئارا جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىپ، ئىراق سادام ھاكىمىيىتىنىمۇنقەرىز قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، ئىراقتا دەرىجىدىن تاشقىرى خىمىيىلىك قىرغۇچى قوراللاربار دېگەن ساختا ئاخبارات _ ساختا خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى پەيدا قىغانىدى.
ستراتېگىيىنىڭ ھەربىيقاتلىمى
            قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، جۇڭگو ۋەچەتئەللەردە بولسۇن، ھەربىي كۈچلەر مۇنداق ئۈچ خىل تەرتىپ بويىچە ئورونلاشتۇرۇلۇپكەلگەن: (1). ئالدىنقى سەپتىكى ئالدىن يۈرەر ھۇجۇمچى قوشۇن. (2). ئوتتۇرا سەپتىكىئاساسىي قوشۇن. (3). ئارقا سەپتىكى زاپاس قوشۇن.
        ئۇرۇش رايونىدىكى ھۇجۇمچى قوشۇن، ئاساسىي قوشۇن، ۋە زاپاس قوشۇنلارئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ كونكىرت ئەھۋالىغا قاراپ زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت ھاسىل قىلىدۇ.قوشۇننىڭ قانداق شەكىلدە تەشكىللىنىشىگە يەنىلا ئۇرۇش رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىكمۇھىتى بىلەن ئۇرۇش ۋەزىيىتى تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل تەرتىپكە يەنەئوڭ قانات قوشۇن، سول قانات قوشۇن ۋە بۆكتۈرمە قوشۇنلار قېتىلىپ، دۇنيا قەدىمكىزامان ئۇرۇش تارىخدا نۇرغۇن قېتىم تەتبىقلانغان كونا جەڭ قىلىش ئۇسۇلى بولۇپقالغان. كىچىك كۆلەمدىكى ئۇرۇش رايونىدا (يېزا-بازار، شەھەر ياكى ئۆلكە) شۇ خىلئۇرۇش سەنئىتى ناھايىتى تېزلا ئۈنۈم كۆرسىتەلەيدۇ.
        دۇنيا يېقىنقى زامان ئۇرۇش تارىخدىكى ئۇرۇش رايونىسىتراتېگىيىسىنىڭ بىرىنچى قاتلىمى بىلەن ئىككىنچى قاتلىمىنىڭ زىيادە كېڭىيىشى ۋەئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، ئارمىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدىمۇ قىسمەن ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. يۆنىلىش ئارمىيىلىرى كېڭىيىپ، گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىنى تەشكىل قىلسا،گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە كېڭىيىپ كورپۇس ئارمىيىنى تەشكىل قىلدى. كورپۇس ئارمىيەمۇكېڭىيىپ ھەربىي رايونغا ئۆزگەردى. بىر يۆنۈلىش ئارمىيىنىڭ قوشۇن سانى تەخمىنەن 2تۈمەندىن 5 تۈمەن ئارىلىقىدا بولىدۇ. ئالاھىدە شارائىتتا قوشۇن سانى بۇ ساندىنھالقىپ كېتىشىمۇ، ياكى كېمىيىپ قېلىشىمۇ مۈمكىن. بىر گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە تەخمىنەنبىر قانچە ( ئىككىدىن يۇقىرى، ئالتىدىن تۆۋەن ) يۆنۈلىش ئارمىيىدىن تەشكىلقىلىنىدۇ. بىر كورپۇس ئارمىيەمۇ تەخمىنەن بىر قانچە گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىدىن تەشكىلقىلىنىدۇ. ئوخشاشلا، بىر قانچە كورپۇس ئارمىيە ئۆزى تۇرۇشلۇق تېرىتورىيىنىڭسىياسىي ۋە جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، بىر ھەربىي رايوننى تەسىس قىلىدۇ.سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا 13 ھەربىي رايون بولغىنىدەك، دۆلىتىمىز جۇڭگودىمۇ بېيجىڭھەربىي رايونى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى، گۇاڭدۇڭ ھەربىي رايونى، يۈننەن ھەربىيرايونى، لەنجۇ ھەربىي رايونى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى قاتارلىق ھەربىي رايونلىرىتەسىس قىلىنغان. يۆنىلىش ئارمىيىلىرى بولسا كىچىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكىبىرلىكلەردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. يۆنىلىش ئارمىيىلىرىنىڭ تارمىقىدا روتا،،باتالىيون، پولك، بىرىيگادا، دىيۋېزىيە ۋە ئارمىيە قاتارلىق قىسىملار بولىدۇ.ھەرقايسى قىسىملارنىڭ قوماندانى، مۇئاۋىن قوماندانى ۋە شىتاب باشلىقلىرى بولىدۇ.ئارمىيە قۇرلىشىدىكى بۇ خىل تەشكىللىنىش _ ئارمىيىنىڭ ئىچكى-تاشقىماسلىشىشچانلىقىنى، ھەرىكەتچانلىقىنى، يۆتكىلىشچانلىقىنى، ئۆزگىرىشچانلىقىنى ۋەئىنتىزامچانلىقىنى يۇقىرى بىردەكلىككە ئىگە قىلىدۇ. ھەمدە، تىنىچلىق يىللىرىدادۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدىسا، ئۇرۇش يىللىرىدا ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم رولىنى جارىي قىلدۇرىدۇ.
         ھەرقايسى ھەربىي رايونلار سىجىل ھەمكارلىق ئاساسىدا دۆلەتمۇداپىيەسىنى تەشكىل قىلىدۇ. دۆلەت مۇداپىيەسى قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزتەۋەلىكلىرى بويىچە ئىچكى-تاشقى مۇداپىيە لېنىيىسىنى تەسىس قىلىدۇ. مەلۇم ھەربىيرايون ئۆز تەۋەلىكىدىكى شەھەر-بازار، ۋە ئۆلكە تەۋەلىكىدە كىچىك ۋە ئوتتۇراتىپتىكى گارنىزون قىسىملارنى تەسىس قىلىدۇ. چېگىرا رايونلارغا چېگىرا مۇداپىيەقىسىملىرىنى ۋە قاراۋۇل قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنەدۆلەتنىڭ ئىچكى مۇداپىيە سىستېمىسىدىكى قوغدىنىش، مۇھاپىزەت ۋە جەمىيەتئامانلىقىنى ساقلايدىغان قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بار. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭئارمىيىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىمۇ ئوخشاشمايدۇ. بەزى دۆلەتلەردە ئارمىيەمەمۇرىيەت ۋە ھاكىمىيەت سىياىسي ئىدىيولوگىيىسىدىن ئايرىلىپ، بىۋاستە دۆلەتكەقارايدۇ. ئارمىيىنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تىزگىنلەش مېتودى كۆپ ھاللاردا، دېموكىراتىكدۆلەتلەردە كۆرۈلىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە ئارمىيە ھاكىمىيەتكە سادىق بولۇپ، ھاكىمىيەتبېشىدىكى پارتىيىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. بۇ خىل ئارمىيەنىڭ سىياسىيمەيدانى دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدىيولوگىيىسى بىلەن قوراللانغان بولىدۇ. دۆلەتھاكىمىيىتى پۇت تىرەپلا تۇرىدىكەن، ئارمىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى شۇنداق ھالەتتەمەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئارمىيە بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ تەغدىرى چەمبەرچەس باغلىنىپقالىدۇ. ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئارمىيە تۈزۈلمىسىدىمۇ تۈپتىن ئۆزگىرىشبولىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تارىخسەھنىسىدىن غايىب بولىدۇ. بىر قىسىم دۆلەتلەردە، ئارمىيە مەمۇرىيەت ۋە ھاكىمىيەتئىشلىرىغا ئارلىشىپ، ھەربىي دېكتاتۇرىنى يولغا قويىدۇ. زامانىمىزدا، ھەربىيدېكتاتۇرىنى يولغا قويغان دۆلەتلەردىن پاكىستان ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنى تىپقىلىشقا بولىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى جۇغراپىيىلىكئامىل بولغان تېرىتورىيىنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى بەلگىلىمەستىن، مۇھىمى ئۇنىڭ ئىقتىسادىيگەۋدىسى بىلەن ھەربىي ئامىلى بەلگىلەيدۇ. ھەربىي رايون تەسىس قىلىشقا قۇدىرىتىيەتمەيدىغان كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى دۆلەتلەرمۇ بولىدۇ. بەزى كىچىك دۆلەتلەرنىڭشۇنداق قىلىشقا ھەقىيقەتەن قۇربىتى يەتمەيدۇ. قىسمەن دۆلەتلەر ھەربىيھازىرلىقلارنى قىسقارتىپ، خىراجەتنى تېجەپ قېلىش ئۈچۈن بۇ يولدا ماڭمايدۇ. ئىقتىسادىيگەۋدىسى نورمال تەرەققىي قىلغان، بىر قانچە ھەربىي رايونغا ئىگە بولغان دۆلەتلەرئومومىي جەھەتتىن خەلقئارادىكى كۈچلىك ياكى چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانبولىدۇ. كۈچلىك ۋە چوڭ دۆلەتلەر ئەتىراپىدىدكى خوشنا دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەنبىخەتەرلىكىگە ۋاستىلىق تەھدىت سالالايدۇ ۋە تەھدىت نەزىرىيىسى ئۇقۇمىنى پەيداقىلالايدۇ.
         زۆرۈر دەپ قارالغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ئارمىيىنىڭ سان-سۈپەتمەسىلىسىدۇر. ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى سان ئەمەس، بەلكى سۈپەت بەلگىلەيدۇ.لېكىن، سانمۇ بەلگىلىك مۇئەييەنلىككە ئىگىدۇر. ئارمىيىنىڭ سۈپۈتى قورال-ياراغنىڭخىللىقى بىلەن چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ. مەنىۋىيەتتىكى مۇئەييەنلىكتىن ھاسىلبولغان سۈپەت ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنىبەلگىلەپ بېرەلەيدۇ. پىرقى دۆلەت ئارمىيىسى سان جەھەتتىن، قورال ياراغنىڭ خىللىقىجەھەتتىن كومپارتىيە ئارمىيىسىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى. شۇنداقتۇرۇقلۇق، پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبى ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ بىرقىسىم ئامىللىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، مۇھىمى سۈپەتكە كاپالەتلىكقىلالايدىغان ئىدىيە تەلىم-تەربىيە خىزمىتى مۇكەممەل ئىشلەنمىگەن، ياكى شۇنداق بىرئېتىقاد بىرلىكى بولمىغان. شۇڭا، ئارمىيىنىڭ ئىدىيە-نەزىرىيە قۇرلىشىغا ھەرگىز سەلقاراشقا بولمايدۇ. ياپونلارنىڭ سامۇراي روھى، گېرمانلارنىڭ ئارىيان روھى ۋەكوممۇنىستلارنىڭ ئىنتېرناتسىيونالىزىملىق روھى ئۆز ئېتىقادىنىڭ تەلىماتلىرىدىنتېگىشلىك ئېنېرگىيىلىرىنى قۇبۇل قىلغانلار ئىدى. ماھىيەتلىك بولغان سانلار سۈپەتكەتەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، ماھىيەتلىك بولمىغان سانلار سۈپەت ئۆزگىرىشى ھاسىلقىلالمايدۇ. مۇنتىزىم ئارمىيە بىلەن ياللانما ئەسكەرلەر،قورچاق ئەسكەرلەر تۈپتىنپەرقلىنىدۇ. ئالدىنقىسى غايىنى نىشان قىلغان بولسا، كېيىنكىسى بايلىق ۋە مەنپەئەتقوغلىشىدۇ. ئارمىيىدىن ئىبارەت ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، سۈپەتتىكىمۇئەييەنلىك ئۇلارنى يەنىلا پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.
        تىنچلىق يىللىرىدا، ئارمىيە قۇرلىشىدىمۇ قوش ئۆلچەم قوللىنىدۇ.دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىقاۋى بىلەنئەتىراپىدىكى دۆلەتلەرگە ھەم تەھدىت سالسا، ھەم ئۇلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرىدۇ.ھەقىقىي مەقسەت ئارمىيىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچ-قۇۋىتىنى زورايتىش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكىخوجىلىق ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. ئاشقۇن ھەربىي ئىدىيە بىلەن ئېشىندى ھەربىيكۈچ ھەرقانداق بىر مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلىتىدۇ. گېرمانىيەناتسىسلىرى ئارىسىدا پەقەت ئارىيانلا ئېسىل ئېرىق، بويسۇندۇرغۇچى ئېرىق دېگەندەكئېرقىي ئايرىمىچىلىق ئىدىيىسى كەڭ تارقالغان. كېيىنچە بۇ خىل قاراش گېرمانىيەئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ئاشقۇن ھەربىي ئىدىيىگە ئاساس سالىدۇ.گېرمانىيە ۋە ياپونىيە ئارمىيىسىدىكى "ئارىيان روھى" بىلەن"سامۇراي روھى" ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە پەلقۇلئاددەئېنېرگىيىلىك رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە "ئارىيانروھى" بىلەن "سامۇراي روھى" ۋە ئىككى دۆلەت ئارمىيىسىدىكى زاپاسكۈچلەر ئەكسى تەرەپتىن تەدىرىجىي ئاينىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ھەربىيئىلىمدىكى نورمالسىز مەنتىقىگە تەدبىقلىنىدۇ. ھەمدى ئىككى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭھالاكىتىنى تېزلىتىشتە تۈرتكۈلىك رول ئېلىپ قالىدۇ. ھەربىي ئىلىمدىكى بۇ بۇ خىلنورمالسىز مەنتىقە دۆلەت بىختەرلىكىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، رايون بىخەتەرلىكىگەمۇداخىلە قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېھتىيات قىلمايمۇ بولمايدۇ. قىزىل سىزىقتىنئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەندە، ھەرخىل چېگىرا ماجىرالىرى يۈز بېرىدۇ. سىياسىي يول بىلەنھەل قىلىش ئۈنۈم بەرمىسە، قوراللىق مۇداخىلە قىلىش چەتكە قېقىلمايدۇ. شۇڭا، مەلۇمبىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن ئارمىيىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچ-قۇۋېتىرايون سىتراتېگىيىسىنى بەلگىلەشكە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ خىل رايون سىتىراتېگىيىسى ھەمئۇرۇشخۇمارلىق، ھەم تىنچلىقپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت قوش ئۆلچەمنى ئاساس قىلىشىمۈمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەردىن مەلۇم تەرەپ مۇئەييەنئاساس ( ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ) قا تايىنىپ، ئۈستۈنلىكنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
بىر ياكى بىر قانچەيۆنىلىش ئارمىيىلىرىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار قىلىنىشى _ دۆلەتلىك ماقامىغاتېخى يەتمىگەن يېڭىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان يەرلىك سىياسىي كۈچلەر ئۈچۈن بىر يوقىتىشخاراكتىرلىك ئەجەللىك زەربە بولسا، بىر دۆلەت ئۈچۈن قىسمەن مەغلۇبىيەتتىنئىبارەتتۇر. بىر ياكى بىر قانچە گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە بىلەن بىر ياكى ئىككى كورپۇسئارمىيىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار قىلىنىشى _ شۇ تەۋەلىكتىكى ھەربىي رايوننىڭيېمىرىلىشىگە يېتەرلىك پاكىت بولۇپ قالىدۇ. ھەربىي رايوننىڭ يېمىرىلىشى _ دۆلەتنىڭمۇنقەرىز بولىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
      ئىتتىپاقداش ئارمىيەنورماندىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىققاندا، ستالىنگىراد ۋە لېنىنگىرادتا تۇمشىقىغا يېگەنگىتلېر ھاپىلا- شاپىلا غەربىي فىرونتتا گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە تەشكىللەيدۇ. بۇگىتلېرنىڭ غەربىي فىرونتتا ئاخىرقى جان تالىشىشى ئىدى. يېڭى تەشكىللەنگەنگۇرۇپپىۋوي ئارمىيە قارىماققا قوراللىرى خىل، جەڭگىۋاردەك كۆرۈنسىمۇ، ئوپىتسېر-ئەسكەرلەر باش ئۈستىدە ئەگىپ يۈرگەن مەغلۇبىيەتكە تەن بېرىشكە باشلايدۇ. ئۇرۇشنىڭدەسلەپكى چاغلىرىدىكى جەڭگىۋارلىق ئۇلاردا ئەمدى يوق ئىدى. ئىتتىپاقداش ئارمىيەچاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن بۇ قوشۇننى مەغلۇپ قىلىپ، توسالغۇسىز ھالدا رېيىندەرياسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىدۇ. غەربىي سەپتىكى گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىنىڭ پۈتۈن سەپبويىچە تارمار قىلىنىشى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلىتىدۇ. سوۋېت-گېرمانئۇرۇشىدا ھەر ئىككى تەرەپ گۇرۇپپىۋوي ۋە كورپۇس ئارمىيىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مىليونكىشىلىك قوشۇن بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇ دۇنيا ئۇرۇش تارىخدا كەمدىن-كەمئۇچۇرايدىغان قىرغىنچىلىق بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ ياشاش لوگىيكىسىدە ئۇنىڭبىنورماللىقى چېكىگە يەتكەنىدى.
        بىز يەنە سەل تەخىر قىلىپ سىتراتېگىيىنىڭ ھەربىي قاتلىمىدا ئورۇنئېلىشقا ھەقلىق بولغان بىر قانچە مۇھىم نۇقتا ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.
        1. ئۇرۇش سەنئىتىدىكى تەپەككۈرنىڭ ھۈكۈمسىمان ھالەتلىرى.
        ئۇرۇش سەنئىتىدىكى تەپەككۈرنىڭ ھۈكۈمسىمان ھالەتلىرى ئۆزگىرىشچانھەم بۇرمىسىمان بولۇپ، ئۇنىڭ ھۇجۇم شەكلى بىلەن مۇداپىيە شەكلىدىكى ھالەتلىرى _ھۇجۇم شەكلىدە ئاكتىپ، مۇداپىيە شەكلىدە پاسسىپ ھالەتتە كېلىدۇ. لېكىن، ئۇقېلىپلاشقان قانۇنىيەت ئەمەس. بەلكىم قومانداننىڭ سىتداتى ئالاھىدە شارائىتتا،تەپەككۈرنىڭ مۇداپىيە شەكلىدىكى ھۈكۈمسىمان ھالەتلىرىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتەلىشىمۈمكىن. تالانتنىڭ بۇنداق پارتلاپ چىقىشى ئۇرۇش سەنئىتى قائىدىسىدە كەمدىن -كەمئۇچۇرايدىغان ھادىسەدۇر. چۈنكى، تەپەككۈرنىڭ ھۈكۈمسىمان ھالەتلىرى مەيلى ھۇجۇمشەكلىدە بولسۇن، ياكى مۇداپىيە شەكلىدە بولسۇن، ئۇ ئۆزگىرىشچان بۇرمىسىمانمۇقىمسىزلىققا ئىگە بولغاندىلا، قېلىپلاشقان قانۇنىيەتتىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ.پىلان-تەدبىرلەر ئۇرۇشۋەزىيىتىنىڭ تۇراقسىز خۇسۇسىيىتى تەرەپىدىن ئەنە شۇنداق تاللىنىدۇ، ياكى شاللىنىپكېتىدۇ. ئاسانغا توختىمايدىغان پۇرسەت توغرا تاللىنىپ، ھۈكۈم قىلىپ بېكىتىلگەندە،ئۇرۇشنىڭ يۆلۈنىشى ئايدىڭلىشىشقا باشلايدۇ. كۆڭۈلدىكى ساننىڭ ئەمەلىيلىشى بىلەنئاخىرقى نەتىيجە قارار قىلىنىپ بولىدۇ. يېڭى رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا،ئۇرۇش سەنئىتىدىكى تەپەككۈرنىڭ ھۈكۈمسىمان ھالەتلىرى ھۇجۇم شەكلىدىكى ئاكتىپھالەتتىن مۇداپىيە شەكلىدىكى پاسسىپ ھالەتكىمۇ ئۆزگىرىدۇ. مۇداپىيە شەكلىدىكىپاسسىپ ھالەتتىن ھۇجۇم شەكلىدىكى ئاكتىپ ھالەتكىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. رەقىبلەرنىڭقوماندانلىق سەنئىتىدىكى تالانتىنىڭ تۇراقسىز ئۆزگىرىشچان خۇسۇسىيىتى ۋەزىيەتنىكونتىرول قىلىپ، بىرلا نۇقتىغا تىكىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتتىنساقلاپ قالىدۇ. مەقسەت تېخى ئېنىق بولمىغان ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلاتوقۇنىشىۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا، تاكتىيكا نورمال ھالەتتە ئالمىشىپ تۇرىدۇ.ئىگەللىگەن ئاخباراتنىڭ توپلىنىشى بىلەن سىر ئاشكارىلىنىدۇ. توقۇنۇشقا سەرىبقىلىنغان ۋاقىت ئىچىدە پايدا-زىياننىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، يېڭى رەقىبلەر كونارەقىبلەرگە ئايلىنىدۇ. رەقىبلەر كونىرىغانسېرى مول ئۇرۇش تەجىرىيبىلىرىگە ئىگەبولۇپ، ھامان بىر تەرەپ ئۈستۈنلۈك قازىنىدۇ. ئۇرۇش سەنئىتىدىكى تەپەككۈرنىڭھۈكۈمسىمان ھالەتلىرىدىمۇ قاتلاممۇ-قاتلام ئىنقىلاب خارەكتىرلىق يېڭىلىقلار يۈزبېرىدۇ. مانا شۇ چاغدا، ئۈستۈنلۈك قازانغان داھىينىڭ ھۈكۈمسىمان تەپەككۈرىكامالەتكە يېتىپ، ھۇجۇم شەكلىدىكى ئاكتىپ ھالەتتە تۇراقلىشىپ قالىدۇ. بۇ خىلھالەتلىك ۋەزىيەت ئاخىرقى پەللىگىچە داۋاملىشىدۇ.
        جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدا، پىرقى دۆلەت بىلەن كومپارتىيەئوتتۇرىسىدا ھەم قارشىلىشىش، ھەم مۇرەسسە قىلىش ئامىللىرى كۆپ قېتىم تەكرارلىنىدۇ.پىرقى دۆلەت بىلەن كومپارتىيە ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان داغدىغۇلىق شىمالغايۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى بىر قىسىم مىلىتارستلارنى يوقىتىپ، دۆلەتنى شەكىل جەھەتتەبىرلىككە كەلتۈرىدۇ. ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقمۇ ئۇزۇنغا پايلىماي،ئاخىرلىشىدۇ. چىن دۇشىيۇنىڭ "ئوڭچىل تەسلىمچىلىك خاتالىقى" مۇ ئىككىپارتىيىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقىنى قوغداپ قالالمايدۇ. ۋاڭ مىڭ، بوگۇقاتارلىق كىشىلەر سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىنىڭ تەجىرىيبىسىنى جۇڭگوغا ئۆز ئەينىكۆچۈرۈپ كېلىپ، چوڭ شەھەرلەردە ئىنقىلاب قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. نەتىيجىدە قىزىلئارمىيە ئۇزۇن سەپەر قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. كومپارتىيىنىڭ سوۋىت قىزىل ھاكىمىيىتىدەۋرىدە بولسۇن، ياكى ئازاتلىق ئۇرۇشى دەۋرىدە بولسۇن، ماۋ زايدۇڭ بىلەن جاڭ كەيشىئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش قىلىپ كونا رەقىبلەردىن بولۇپ قالىدۇ. قەدىيناس رەقىبلەرنىڭئۇرۇش سەنئىتىدىكى ھۈكۈمسىمان تەپەككۈر ھالەتلىرىدە يۈكسىلىش بولىدۇ. پىرقى دۆلەتئارمىيىسى بىلەن كومپارتىيە ئارمىيىسى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش تارىخىنىۋاراقلايدىغان بولساق، پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئازات رايونلارغا كەڭ-كۆلەمدەئومومىيۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى كۆرۈمىز. كومپارتىيە ئارمىيىسى پۈتۈن لېنىيەبويىچە مۇداپىيە ھالىتىدە تۇرۇپ، ئۇرۇش مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا، كومپارتىيەئارمىيىسىنىڭ ئومومىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈمىز. جەڭمەيدانىدىكى ئەمەلىي ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، ئۇرۇش سەنئىتىدىكى تەپەككۈرنىڭھۈكۈمسىمان ھالىتىنىڭ ھۇجۇم شەكلى بىلەن مۇداپىيە شەكلى قارىمۇ-قارشى يۆلۈنىشتەتۇرىدۇ. يەنى ئەمەلىي جەڭ مەيدانىدا ھۇجۇمغا ئۆتكۈچى پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭسىتراتېگىيەسى بىلەن تاكتىيكىسى ئۇرۇش سەنئىتىدىكى تەپەككۈرنىڭ ھۈكۈمسىمانھالىتىنىڭ مۇداپىيە شەكلىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئەمەلىي جەڭ مەيدانىدا مۇداپىيە قىلغۇچىكومپارتىيە ئارمىيىسىنىڭ سىتراتېگىيىسى بىلەن تاكتىيكىسى ئۇرۇش سەنئىتىدىكىتەپەككۈرنىڭ ھۈكۈمسىمان ھالىتىنىڭ ھۇجۇم شەكلىدە تۇرۇپ قالىدۇ. يەنى ماۋ زايدۇڭنىڭھۈكۈمسىمان تەپەككۈرى ھۇجۇم شەكلىدىكى ئاكتىپ ھالەتتە  قارار تاپسا، جاڭكەيشىنىڭ ھۈكۈمسىمان تەپەككۈرى مۇداپىيە شەكلىدىكى پاسسىپ ھالەتتە تۇرۇپ قالىدۇ. ماۋزايدۇڭنىڭ ھەربىي ئىدىيىسى ھەرقېتىم  ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرىدائەمەلىيلەشكەندە، جاڭ كەيشى ئاندىن ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ، ماۋ زايدۇڭنىڭ ھەربىيئىدىيىسىدىكى ستراتېگىيە بىلەن تاكتىيكا پىرىنسىپلىرىنى ئانالىز قىلىشقاباشلايتتى. ئىككى داھىينىڭ ھۈكۈمسىمان تەپەككۈرى ئەگەشمە مۇناسىۋەت كاتىگورىيىسىدەباغلىناتتى. ماۋزايدۇڭ ئاۋۋال ھېس قىلىپ، ئاندىن ئەمەلىيلەشتۈرەتتى، جاڭ كەيشىئاۋۋال بايقاپ، ئاندىن قارشى تەدبىر قوللىناتتى. ماۋ زايدۇڭنىڭ ھۈكۈمسىمانتەپەككۈرى بىرلەمچى ئورۇندا، جاڭ كەيشىنىڭ ھۈكۈمسىمان تەپەككۈرى ئىككىلەمچىئورۇندا تۇراتتى. بىرى قوزۇقنى قېقىۋالاتتى، يەنە بىرى قوزۇق قاقىدىغان جاينىيوشۇرۇپ قالالمايتتى. ھۈكۈمسىمان تەپەككۈر ئەندىزىسىدە مەغلۇپ بولغان پىرقى دۆلەت ئارمىيىسى ئەمەلىي جەڭ مەيدانىدىمۇ مەغلۇپ بولىدۇ.
        ( داۋامى بار

2. ئۇرۇش رايونى سىتراتېگىيىسىنىڭ 1-قاتلىمى بىلەن 2-قاتلىمى.

           ئۇرۇش رايونى سىتراتېگىيىسىنىڭ 1- قاتلىمى:
          مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە ئۇرۇش رايونىدا توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
          ستىراتېگىيىنىڭ 2- قاتلىمى:
          مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە ئۇرۇش رايونىدا توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرگە ئالاقىدار بولغان دېپلوماتىيە، ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ سىياسىي كۈرۈشىنىڭ يېغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.
         ئۇرۇش يىللىرىدا ھۇجۇم قىلىش بىلەن مۇداپىيە قىلىش ياكى ھۇجۇمدىن مۇداپىيەگە ئۆتۈش؛ مۇداپىيەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، ياكى ھۇجۇم بىلەن مۇداپىيەنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ھەربىي ھەرىكەت بىلەن دېپلوماتىيە، ئاخبارات ۋە تەشۋىقاتتىن ئىبارەت سىياسىي كۈرەش چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ، بىرىدە غەلىبە قىلىپ، يەنە بىرىدە مەغلۇپ بولۇش بولسا، سىتراتېگىيىنىڭ ئومومىيۈزلۈك قاتلىمىغا سىڭىپ كىرەلمەيدۇ. سىياسىي كۈرەشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرىغان ھەربىي ھەرىكەتتىكى ئۈستۈنلۈك ھامان ۋاقىتلىق نەرسە بولۇپ قالىدۇ. ئاخىرقى غەلىبىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت بىلەن سىياسىي كۈرەشنىڭ ماسلىقى بىلەن تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ماسلىق بىلەن تەڭپۇڭلىقتىن ئايرىلغان يەككە كۈرەش قىلىش شەكلى غەلىبىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ قالالمايدۇ. ھېچبولمىغاندا ھەربىي ھەرىكەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇپەپپەقىيەتلەر بىلەن سىياسىي كۈرەشتە سادىر بولغان خاتالىقلارنىڭ تەسىرىنى كونتىرول قىلىش كېرەك. دانا سىياسىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئىككى خىل كۈرەش شەكلىدە، ماسلىق بىلەن تەڭپۇڭلۇق ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋېتىگە ئىگىدۇر. بىر ساھەدىكى ماسلىق بىلەن تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىشى يەنە بىر ساھەدىكى كۈرەشنىڭ رولىنى چەكلەپ قويىدۇ. ھەربىي ھەرىكەت بىلەن سىياسىي كۈرەشتىكى ماسلىق بىلەن تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىشىنى يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلەرنىڭ قوماندانلىق سىتداتى، ئۇرۇش تاكتىيكىسى، سىياسىي تەجىرىبىسى ۋە سىتراتېگىيە مېتودلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كۈرەش قىلىش سەۋەنلىكى يەككە تەرەپتە كۆرۈلىشتىن سىرت، يەنە توقۇنۇشىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپتىمۇ ئوخشاشلا سادىر بولۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. ھەربىي ھەرىكەتتىكى مەنتىقە بىلەن سىياسىي كۈرەشتىكى مەنتىقىنىڭ سىغىشالماسلىقى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان ئوق مەركىزى كۈچلىرىنىڭ سىتراتېگىيىنىڭ ئومومىيۈزلۈك قاتلىمىدا توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرىدۇ. ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تاكتىيكا ۋە ئوپىراتسىيە قاتلىمىدىكى بۇرۇنقى ئۈستۈنلۈكى تۈرلۈك ئۇرۇش شەكلى ۋە خاتا سىياسىي يېتەكچىلىك تۈپەيلىدىن ھەرقايسى ئۇرۇش رايونى ئىچىدە كەينى-كەينىدىن تۈگۈشىپ كېتىدۇ. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن ھەربىي ھەرىكەتنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتە پايدىلىق ئورۇنغا ئىگە بولۇشىغا ئەگىشىپ، دېپلوماتىيە، ئاخبارات ۋە تەشۋىقاتتىن ئىبارەت سىياسىي ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن ئۈستۈنلۈك ئۇرۇشتا ئالاھىيدە گەۋدىلىك بولغان چاغدا، ھەربىي ساھە بىلەن سىياسىي ساھە قوشۇلغان سىتراتېگىيىنىڭ ئومومىيۈزلۈك قاتلىمىدا قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش بىلەن بىرگە، دۈشمەننىڭ سانائەت ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاشقا بولىدۇ. ۋەزىيەت تەتۈر تەرەپكە قاراپ بۇرۇلۇشقا باشلايدۇ. ھەربىي ھەرىكەت بىلەن  سىياسىي كۈرەشتە، ئۆزئارا ماسلىق بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قالغان تەرەپ، ھەر ئىككى ساھەدە پايدىلىق ئورۇنغا ئۆتىدۇ. ھەمدە، غەلىبە قىلىش مۇتلەقلىشىپ قالىدۇ. ھەربىي ھەرىكەت بىلەن سىياسىي كۈرەشنىڭ بىرىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ، يەنە بىرىدە پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان تەرەپ، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئېرىشىۋالغان ئۈستۈنلىكىدىن تەدىرىجىي ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ. ھەمدە، يۈرەكلىك ھالدا تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغان زېمىنلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئازاتلىق ئۇرۇشى دەۋرىدە پىرقى دۆلەت ئارمىيىسى سىياسىي كۈرەشتە كومپارتىيە ئارمىيىسىگە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. پىرقى دۆلەتنىڭ سىياسىي تەدبىرى دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شەكىل جەھەتتە بىرلىكنى ساقلاپ قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، مەزمۇن جەھەتتە پىرقى دۆلەت يەنىلا يېتىمسىرەپ قالىدۇ. كوممۇنىزىم ئىدىيىسى جۇڭگو دېھقانلىرىنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك جەلىپ قىلىۋالغانىدى. شۇڭا، كومپارتىيە دۆلەت ئىچىدە پۇختا ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولىۋالىدۇ. ھەربىي ھەرىكەتتىكى بۇنداق يۈرەكلىك ھالەت _ ھەم ھەربىي قابىلىيەتنىڭ تەسۋىرى بولسا، ھەم سىياسىي سۈيىقەستنىڭ رەزىل ئىپادىسى بولۇپ قالىدۇ. ئارمىيىنىڭ سان-سۈپەت جەھەتتىكى چېكىنىشى بىلەن تېخنىيكا، تاكتىيكا ۋە ئوپىراتسىيە جەھەتتە بېسىلىپ چۈشۈشى سىياسىي ساھەدىكى ئۈزۈل-كېسىل ھەم توختاۋسىز مەغلۇبىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
       لېكىن، بۇ نەتىيجىنىڭ قايسى قىسمى سىتراتېگىيە لوگىيكىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ دەرۋەقە، بىرەر قېتىملىق تەدبىر سەۋەنلىكى سىتراتېگىيىنىڭ ئومومىيۈزلۈك قاتلىمىنىڭ ئۈزۈلمەس ھەرىكەتلىك ھالەت جەريانىغا نىسبەتەن ئۇزاققا سوزۇلىدىغان تەسىرلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ. ھەربىي ھەرىكەتتە كۈنسېرى ئاجىزلاشقان تەرەپنىڭ سىياسىي ساھەدە پايدىلىق ئورۇنغا ئۆتۈش مۈمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىكتۇر. شۇنداقتىمۇ بۇ خىل ئاجىزلىقنى ئاستىلىتىش ياكى توقتىتىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەك. ھەر ئىككى ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەرەپنىڭ ھەرقايسى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تولۇق غەلىبە قىلىش پەيتى، ئۇرۇش ۋاقتىدىكى كۈچلەرنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىغان چاغ، دەل بىر ياكى ھەر ئىككى ساھەدە مەغلۇپ بولغان تەرەپنىڭ چاك-چېكىدىن سۆكۈلۈپ، پارچىلىنىپ كەتكەن چېغى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇرۇش سىجىل داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋېتى كۆرۈلىشى مۈمكىن. دوس-دۈشمەن كەيپىياتىنىڭ تەكرار دەۋىر قىلىشى بۇ خىل ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋېتىنىڭ بەلگىسىدۇر. چۈنكى، ئۇرۇشنىڭ چوڭ كۆلەمدە خورىتىشىدىن پەيدا بولغان ئېھتىياج ۋە مۇھتاجلىق تەرەپلەرنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئەگەر توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر بۇرۇن ئىشنى ھەددىدىن ئارتۇق تېرىۋەتمىگەن، ھەرقانداق يارىشىشنى مۈمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئايلاندۇرۇۋەتمىگەن بولسىلا، ئۇلار تامامەن ئۆز ئۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنالايدۇ. قالدۇق كۈچ كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن كۈچى ئارقىلىق پۇرسەت كۈتۈپ، قارشى تەرەپنى ئۆزى بىلەن يەككە ھالدا يارىشىشقا جەلىپ قىلسا بولىدۇ. ئەمما، يارىشىپ قېلىش ئىمكانىيىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سىناپ كۆرۈشى كېرەك.
         خورىتىش ئۇرۇشىدا، خوراشنىڭ ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىشى، قانداقلا بولمىسۇن رول ئوينايدىغان بولغاچقا، ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبىگە تەسىر يەتكۈزەلمىسىمۇ، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ غەلىبە قىلىش قەدىمىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. سەۋەپ ناھايىتى ئاددى: ئاساسلىق بولمىغان ئۇرۇش مەيدانىدا ئەڭ كۆپ ساندىكى دۈشمەن ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىم ئۇرۇش رايونىدىلا، يەنە دۈشمەن زېمىنىدىكى سانائەت ۋە ئۇل-مۇئەسسەسەلەرنى ۋەيران قىلىش چارىسىنى قوللىنىپ، ھەربىي ھەرىكەتتىكى ئارمىيە كۈچىدىن پايدىلىنىپ، سىياسىي ساھەدە ئاجىزلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ھەربىي جەھەتتىكى غەلىبە سىياسىي ساھەگە تەسىر كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىگە تاشلىغان ئاتوم بومبىسى بۇ نۇقتىغا جانلىق مىسال بولالايدۇ. چۈنكى، سىياسىي جەھەتتە ياپونىيە ئاتوم بومبا زەربىسىدىن شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلايدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ھەربىي ئىشلارنىڭ غەلىبىسى سىياسىي تەدبىرلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەيدۇ. سىياسىينىڭ بۇ چاغدىكى رولى بولسا، دېپلوماتىيە ۋاستىسى ئارقىلىق دۈشمەن ئىتتىپاقىنى پارچىلىۋەتكەندىلا، ئاندىن ھەربىي ئىشلار غەلىبىسىدىن ھەقىيقەتەن پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. مۇنقەرىز بولغان دۆلەتلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلىپ، سىياسىي ساھەدە پۈتكۈل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ھەربىي ھەرىكەتتىكى غەلىبە سىياسىي ھەرىكەتتىكى ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدىغانلىقتىن، ھەربىي ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيەت سىتراتېگىيىنىڭ ئومومىيۈزلۈك قاتلىمىدا يېتەكچى رول ئوينىيالايدۇ. شۇڭا، ھەربىي كۈچنى مۇھىم بولمىغان ھەرقايسى ئۇرۇش مەيدانلىرىغا كۆپ مىقداردا چېچىۋەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ھەربىي ھەرىكەتتىكى قاتلاملار ئوتتۇرىسىدا ئېغىر ھالدىكى ماس كەلمەسلىك مەۋجۇت بولسا، ھەربىي ھەرىكەت دائىم پايدىسىز بولىدۇ. لېكىن، ھەربىي ھەرىكەت بىلەن سىياسىي كۈرەش ئوتتۇرىسىدا ماس كەلمەسلىك مەۋجۇت بولسا، ھەربىي ھەرىكەت ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەت مەغلۇبىيەتتىن يامان بولىدۇ.  ھەر ئېھتىمالغا قارشى كىچىك كۆلەملىك ھەربىي غەلىبە ئارقىلىق تەشۋىقات جەھەتتە ئۈنۈم قازىنىپ، سىيياسىي ھەرىكەت ساھەسىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە، ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق دېپلوماتىيە جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولىدۇ.
يۇقىرىدىكى تەھلىلدىن ئايەن بولدىكى، ئۇرۇش رايونى سىتراتېگىيىسىنىڭ بىرلەمچى قاتلىمى بىلەن ئۇرۇش رايونى سىتراتېگىيىسىنىڭ ئىككىلەمچى قاتلىمى دىيالېكتىيكىنىڭ ئۆزئارا بېقىندى مۇناسىۋېتى كاتىگورىيىسىدە باغلىنىدۇ. بىرلەمچى قاتلامدىكى ھەربىي ھەرىكەت بىلەن ئىككىلەمچى قاتلامدىكى سىياسىي كۈرەش ئۆزئارا ماسلىق بىلەن تەڭپۇڭلىقنى ساقلاپ قالغاندىلا، غەلىبىگە تولۇق ئاساس سالغىلى بولىدۇ. بىرلەمچى قاتلامدىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تولۇق غەلىبىسى ئىككىلەمچى قاتلامدىكى سىياسىي كۈرەشنىڭ مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرۇپ كېتەلەيدۇ. ئەمما، ئىككىلەمچى قاتلامدىكى سىياسىي كۈرەشنىڭ غەلىبىسى بىرلەمچى قاتلامدىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ مەغلۇبىيىتىنى توسۇپ قالالمايدۇ. كۆرۈنىپ تۇرۇپتىكى، ئۇرۇش رايونى سىتراتېگىيىسىنىڭ بىرلەمچى قاتلىمىدىكى ھەربىي ھەرىكەت يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇرۇش رايونى سىتراتېگىيىسىنىڭ ئىككىلەمچى قاتلىمىدىكى سىياسىي كۈرەش يېتىلەنگۈچى بېقىندى ئورۇندا تۇرىدۇ. سىياسىي غەلىبە تولۇق ئەمەلىيلەشمىگۈچە، ھەربىي غەلىبە ئۆزىنى مۇكەممەل مۇستەھكەملىيەلمەيدۇ.

                  3. مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى بارمۇ؟

           ئۇرۇشتا يېڭىش-يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ. گەرچە ئۇرۇشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ غەلىبىسى بىلەن مەغلۇبىيىتى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىيجىسى بولسىمۇ، تەرەپلەرنىڭ بىرى مەغلۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى جەزمەن مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى دەئىرىسىدە تۇرۇپ قالىدۇ. مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى شۇنداق بىر دائىرىكى، مەغلۇپ بولغۇچى تەرەپ چوقۇم ئۇنىڭغا يۈزلەنمەي قالمايدۇ. پايدىسىز ۋەزىيەتتىكى بۇ خىل تەشۋىشلىك ۋەھىيمىدىن قومانداندىن تارتىپ ئاددى ئەسكەرگىچە ھېس قىلالايدۇ. مۇنو بىر قانچە ھەربىي ئامىل مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
          بىرىنچى. مۇھاسىرە چەمبىرىكى ئارقىلىق مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنى پەيدا قىلىش.
          مۇھاسىرە چەمبىرىكى بىلەن مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى ئىككىسى ئىككى خىل ئۇقۇمدىكى ئاتالغۇدۇر. مۇھاسىرە چەمبىرىكى _ قارشى تەرەپنى يالاڭ مۇھاسىرىگە ئېلىش، ياكى قاتمۇ-قات مۇھاسىرىگە ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. يەنە، ھەربىي كۈچنىڭ ماددى شەكىلدە زاھىر بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى _ توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بىرىگە مەغلۇبىيەت مۇقۇملىشىپ بولغان، رەھىمسىز رېئاللىق ئىچىدىكى پايدىسىز ۋەزىيەتنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، ھەربىي جاسارەتنىڭ سۇنغان ھالىتىنىڭ مەنىۋىي شەكىلدە زاھىر بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
           مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت ئەمەس. ھەربىي تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان سىتداتلىق قوماندانلار مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ ھىلىقىدەك ئاتالمىش ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتىنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىسلاھ قىلالايدۇ. ئەمما، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۇنداق ئەرزانغا توختىمايدۇ. دۇنيا تارىخدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئۇرۇشلاردا، مەغلۇپ بولغان نۇرغۇن رەقىبلەر مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىن ئۇنداق ئاسان قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ياكى قۇتۇلۇپ قالغانلىرىمۇ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بولۇپ قالغان. ئاساسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى ئۆز دائىرىسىدە ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتتۇر. نورمال ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغان ئادەتتىكى قوماندانلار مۇھاسىرە چەمبىرىكى پەيدا قىلغان مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپ شۇكى، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى دائىرىسىدە تۇرىۋاتقان قوماندان مۇھاسىرە چەمبىرىكى دائىرىسىدە تۇرۇۋاتقان قومانداننىڭ ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ ھۈكۈمسىمان تەپەككۈرى سىزىقىدىن ئەگىپ چىقىپ كېتەلمىگەنلىكىدە كۆرىلىدۇ. ۋەزىيەت ھەقىيقەتەن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. لىياۋشىن، پىڭجىن ۋە خۇايخۇەيدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭدە، كومپارتىيە ئارمىيىسى پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىنى بىر قانچە چوڭ شەھەرلەرگە بۆلۈپ، مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. مۇھاسىرە چەمبىرىكىدە تۇرۇۋاتقان پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردىكى قوشۇن سانى كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ. پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىىڭ بەزى شەھەرلەردىكى قوشۇن سانى 200 مىڭدىن 300 مىڭ ئەتىراپىغىچە بولسا، بەزى شەھەرلەردە 4-5 يۈزمىڭ ئەتىراپىدا، ھەتتا بەزى شەھەرلەردە 7-8 يۈزمىڭ ئەتىراپىدا بولغان. مۇھاسىرە چەمبىرىكىدە تۇرۇۋاتقان پىرقى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى قوشۇنلىرى ئىچكى جەھەتتە، شەھەر قامىلىدىن بۆسۈپ چىقالمىسا، تاشقى جەھەتتە،  ھەرقايسى شەھەرلەردە مۇھاسىرىگە ئېلىنغان پىرقى دۆلەتنىڭ شۇنچە زور قوشۇنى ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، ئۇرۇشمۇ قىلالمىغان. ئەمەلىي جەڭ مەيدانىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزۈتىدىغان بولساق، كىمنىڭ كىمنى مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. كومپارتىيە ئارمىيىسى پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىنى تاشقى لېنىيىدىن مۇھاسىرىگە ئالغانىكەن، پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىمۇ تاكتىيكىسىنى ئۆزگەرتىپ، كومپارتىيە ئارمىيىسىنى ئىچكى لېنىيىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىپ، تاشقى مۇھاسىرە چەمبىرىكىگە روبىرو تېتىيالايدىغان ئىچكى مۇھاسىرە چەمبىرىكىنى بەرپا قىلىشى كېرەك ئىدى. كومپارتىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش رايونى سىتراتېگىيىسىنىڭ ئىككىلەمچى قاتلىمىدىكى سىياسىي كۈرىشىنىڭ غەلىبىسى ئۇرۇش رايونى سىتراتېگىيىسىنىڭ بىرلەمچى قاتلىمىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بېرىدۇ. ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلىگەن پىرقى دۆلەت ئارمىيىسى كومپارتىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتىدىكى ھۈكۈمسىمان تەپەككۈر سىزىقىدىن ئەگىپ چىقالماي، مىليون كىشىلىك قوشۇنغا ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇق، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمايدۇ. ھەمدە، پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار قىلىنىدۇ.
           بىز يەنە سەل كەينىمىزگە يېنىپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ 5 قېتىملىق قورشاپ يوقىتىشقا قارشى پىرقى دۆلەت ئارمىيىسى بىلەن قىلغان جەڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتەيلى: ئەينى چاغدا، پىرقى دۆلەت ئارمىيىسى قوشۇن سانى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى قورال-ياراغنىڭ خىللىقى جەھەتتىن بولسۇن، كومپارتىيە ئارمىيىسىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى. 4 قېتىملىق قورشاپ يوقىتىش ئۇرۇشىدا، پىرقى دۆلەت ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ، كومپارتىيە ئارمىيىسى غەلىبە قىلىدۇ. 4 قېتىملىق قورشاپ يوقىتىشقا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى ماۋ زايدۇڭنىڭ ھەربىي ئىدىيىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. قىزىل ئارمىيە ھەرىكەتچان ئۇرۇش تاكتىيكىسىنى قوللىنىپ، دۈشمەننى ئالداپ ئازات رايونغا ئىچكىرىلەپ كىرگۈزىپ، ئاندىن دۈشمەننى بۆلۈپ مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن دۈشمەننى بىر-بىرلەپ يوقىتىدۇ. ئەسلىدە، پىرقى دۆلەت ئارمىيىسى زور ھەربىي كۈچ بىلەن ئۆزىدىن ئاجىز ئورۇندا تۇرىدىغان كومپارتىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قوزغاپ، مۇھاسىرە چەمبىرىكى ئارقىلىق كومپارتىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىگە قىستاپ بارىدۇ. دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، قومانداننىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان  ھەربىي سىتداتى مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتىنى ئىسلاھ قىلىدۇ. يەنە دۈشمەن تەرەپنىڭ ھۈكۈمسىمان تەپەككۈر سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. ھەمدە، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىن مۇھاسىرە چەمبىرىكىگە ئوڭۇشلىق ئالمىشىدۇ. بۇ خىل ئۇرۇش قىلىش سەنئىتى دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدا كۆپ كۆرۈلمەيدىغان سەنئەتلىك ھادىسىدۇر. نورمال ھەربىي ھەرىكەتتە، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىن مۇھاسىرە چەمبىرىكىگە ئۆتۈش؛ ياكى مۇھاسىرە چەمبىرىكىدىن مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىگە ئۆتۈش مۈمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن بولغان بىنورمال ھەربىي ھەرىكەتتۇر.
               ئىككىنچى. تەبىئىي توساقلاردىن پايدىلىنىپ، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنى پەيدا قىلىش.
           تەبىئىي توساق دېگىنىمىز ئۈچ تەرەپى تىك، ياكى يانتۇ قىيالىق، ئالدى تەرەپىلا ئۇچۇق بولغان تار، قىساڭ جىلغىلارنى، ياكى ئۈچ تەرەپى تىك قىيالىق، بىر تەرەپىلا يانتۇ كەلگەن تاغ چوققىسىنى، ياكى ئالدى تەرەپى دەريا-دېڭىز، كەينى تەرەپى تىك يار كەلگەن دەريا-دېڭىز قېنىنى كۆرسىتىدۇ. ياكى بولمىسا چۆل-جەزىيرە ۋە قۇملۇقلارنىمۇ كۆرسىتىشى مۈمكىن. ھەربىي ئىلىمدىن ئاز-تولا خەۋىرى بار قوماندانلار بۇنداق تەبىئىي توساقلارغا قەستەن بۆسۈپ كىرمەيدۇ. بۇ خىل ھالەكەت دېڭىزىغا كىرىپ قالغان قوشۇن ھەرگىز ساق قالمايدۇ. تارىختا، بارماق بىلەن سانىغۇدەك ئاز بىر قىسىم قوماندانلارلا، بۇ خىل ھالەكەت جىلغىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان. مۇتلەق كۆپ قىسىم قوشۇنلار تەبىئىي توساق پەيدا قىلىدىغان  مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدە ھالەك بولماي قالمايدۇ.
جاسارەتلىك، ھەم جەڭگىۋار ۋە ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار قۇشۇن-قوماندانلار، تەبىئىي توساق پەيدا قىلىدىغان مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدە ئاسانلىقچە قاپسىلىپ قالمايدۇ. تەبىئىي توساقلارنىڭ ئاساسلىق ياكى غوللىق مېھمىنى بولسا، توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەردىن مەلۇم بىر تەرەپ، تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دۈشمىنىگە تەڭ كېلەلمەي، چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ھەمدە، دۈشمەن تەرەپنىڭ ئىز بېسىپ قوغلاپ زەربە بېرىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالماي، داۋاملىق چېكىنىش جەريانىدا، ئىلاجىسىزلىقتىن مۇشۇنداق ھالاكەتلىك تەبىئىي توساقلارغا كىرىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئايرىم ئەھۋاللاردا، دۈشمەن تەرەپنىڭ ھىيلىسىگە ئالدىنىپ قېلىپ، ئۆزلىكىدىن ھالەكەت جىلغىسىغا كىرىپ قالىدىغان ئاقىۋەتمۇ كۆرۈلىدۇ.
         قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە، رىم قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى گىلادىياتور سپارتاك بىرنەچچە مىڭ كىشىلىك قوزغىلاڭچى گىلادىياتورلىرى بىلەن رىم قوشۇنى تەرەپىدىن ئۈچ تەرەپى تىك قىيالىق، پەقەت ئالدى تەرەپىلا يانتۇ كەلگەن بىر تاغ چوققىسى ئۈستىدە قاپسىلىپ قالىدۇ. رىم قوشۇنى ئالدى تەرەپتىكى يانتۇ كەلگەن تاغ يولىنى قاتتىق قامال قىلىدۇ. سپارتاك قوشۇنى پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى دائىرىسىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئەمما، ھەربىيلەرگە خاس جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان سپارتاك تاغ چوققىسىدىكى ئۇزۇن غوللىق يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە دەرەخ قوۋزاقلىرىدىن ئارغامچا ئېشىپ، بىر كېچىدىلا، پۈتۈن قوشۇن ئۆزلىرى ئېشىپ توقۇغان ئۆسۈملۈك ئارغامچىسى بىلەن قىيالىقتىن پەسكە سېرىلىپ چۈشۈپ، قاپسىلىپ قالغان تاغ چوققىسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ. ھەمدە رىم قوشۇنىنىڭ قانلىق چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىنكى مەزگىللەردىكى سپارتاك قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ يۆنىلىشىگە ئاساس سالىدۇ.
         قۇمۇل خەلقىنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىق ئوغلانى بولغان خوجانىياز ھاجى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى شىڭ شىسەي قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشىۋېتىپ، قۇمۇل تاغلىرىنىڭ بىرىدە، ھىلىقىدەك تار ۋە قىساڭ جىلغىغا قاپسىلىپ قالىدۇ. جىلغىنىڭ ئىككى يان تەرەپى تىك قىيالىق، ئادەم ئەمەس، ئۇچار قۇشلارمۇ ئۇچۇپ چىقالمىغۇدەك دەرىجىدە شۇنداق تىك. كەينى تەرەپى بولسا، ھەم تىك، ھەم يانتۇراق كەلگەن سايلىق ئىدى. جىلغىنىڭ ئالدى تەرەپىدىكى كىرىش ئېغىزىنى شىڭ شىسەي قوشۇنى قاتتىق قامال قىلىۋالغانىدى. مۇنداقسىگە ئېيتقاندا، خوجانىياز ھاجىم ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇنى مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى دائىرىسىگە كىرىپ بولغانىدى. مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق جىددى پەيتتە، مول ئەمەلىي جەڭ تەجىرىبىسىگە ئىگە ھاجىم ئاتىمىز بىر چىقىش يولىنى تاپىدۇ. قىشنىڭ قەھرىتان سوغوقىدا، قوزغىلاڭچى قوشۇن تۈن نىسپىدىن پايدىلىنىپ، قار كېچىپ ھالەكەت جىلغىسىنىڭ كەينى تەرەپىدىكى تىك ھەم يانتۇ سايدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دۈشمەننىڭ قامال قىلىشىدىن، ھەم مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىن بىر يولىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇتۇلۇپ چىقىدۇ ۋە قوزغىلاڭنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا لازىملىق بولغان ئاساسىي كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ. تەبىئىي توساق پەيدا قىلغان مۇھاسىرە چەمبىرىكىدىكى قوماندان بىلەن ھالەكەت جىلغىسىدا قاپسىلىپ قالغان مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىكى قوماندان روشەن بىر سېلىشتۇرما ئىچىدە تۇراتتى: بىرى ياپونىيەدىكى ھەربىي مەكتەپتە سىياسىي ۋە ھەربىي ئىلىم تەھسىل قىلغان، ھەم ستالىندەك مەككار سىياسىيوننىمۇ ئالداپ كەتكەن مۇنتىزىم ھەربىي تەربىيە كۆرگەن لاياقەتلىك ھەربىي قوماندان ئىدى. يەنە بىرى، مول ئەمەلىي جەڭ تەجىرىيبىسىگە ئىگە، ئاددى دېھقان چارۋىچى ئىدى. بىرى مول نەزىرىييېۋىي ھەربىي ئىلىمگە ئىگە بولسا، يەنە بىرى ئاددى جەڭ تاكتىيكىلىرىغا ماھىر ئىدى. ھاجىم ئاتىمىز يول تاپقاندىمۇ قالتىس چىقىش يولىنى تاپتى. ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن! ھاجىم ئاتىمىز بىر ئاددى چارۋىچى دېھقان بولسىمۇ، شىڭ شىسەينىڭ ئۇرۇش سەنئىتىدىكى ھۈكۈمسىمان تەوەككۈر سىزىقىدىن ھالقىپ كەتتى!  ئۇرۇش تارىخىمىزدىكى شانلىق بىر مۇۋەپپەقىيەتتۇر. گەرچە، خوجا نىياز ھاجى سىياسىي ئىلىم ۋە ھەربىي ئىلىمدىن ئاڭقاۋ ھالەتتە تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مول ئەمەلىي جەڭ تەجىرىبىسى ئۇنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. سپارتاك بىلەن خوجانىياز ھاجىمنىڭ ھايات-ماماتلىق، قىيىن-قىستاق مەزگىلىدە، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىن شۇنداق چەبدەسلىك بىلەن قۇتۇلۇپ چىقىشى دۇنيا ھەربىي ئىشلار تارىخدا كام ئۇچۇرايدىغان مۆجىزىلىك ۋەقەدۇر.
           تەيپىڭ تىيەنگونىڭ غوللىق رەھبىرى شى داكەي ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە تۈمەن قوشۇنى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئىز بېسىپ قوغلاپ زەربە بېرىشىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، داۋاملىق چېكىنىدۇ. شى داكەي ۋە ئۇنىڭ تۈمەنلىگەن قوشۇنى چېكىنگەن بويى دادۇخې دەرياسى بويىدا قاپسىلىپ قالىدۇ. ئالدى تەرەپى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دادۇخې دەرياسى، قارشى تەرەپتىكى  دەريا قېنىمۇ تىك يارلىق، ئۆزى تۇرۇۋاتقان دەريا بويىمۇ تىك يارلىق. تىك يارنىڭ ئۈستىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۈمەن كىشىلىك لەشكەرلىرى تۇراتتى. شى داكەي ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئىككى خىل چەمبىرەكنىڭ ئىسكەنجىسىدە تۇراتتى. بىرى، تەبىئىي ۋە ھەربىي ئامىللاردىن قۇراشتۇرۇلغان مۇھاسىرە چەمبىرىكى، يەنە بىرى، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى ئىدى. شى داكەي ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە تۈمەن كىشىلىك قوشۇنى دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك قىسمەتكە يولىقىدۇ. پۈتكۈل قوشۇن دادۇخى دەرياسى بويىدا، تەل-تۆكۈس قەتلى قىلىنىپ تاشلايدۇ.
          ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، پىرقى دۆلەت ئارمىيىسى قىزىل ئارمىيىگە بىردەممۇ ئاراملىق بەرمەيدۇ. ھازىرقى دەرىسلىك كىتابلىرىمىزدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئۇزۇن سەپەر قىزىل ئارمىيىنىڭ سىتراتېگىيىلىك چېكىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئاساسلىق مېھمىنى يەنىلا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلاجىسىز قېلىپ، چېكىنگەن قوشۇنلاردۇر. قىزىل ئارمىيىمۇ، شى داكەي ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ماڭغان يولنى بويلاپ مېڭىپ، دادۇخى دەرياسى بويىدا تۇرۇپ قالىدۇ. تارىخ يەنە قايتىلىنىدۇ. رەئىس ماۋ زايدۇڭ قىزىل ئارمىيىنىڭ شى داكەي قوشۇنلىرىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئالاھىيدە ئەسكەرتىدۇ. ھەمدە قىزىل ئارمىيە دەريا ئۈستىگە تارتىلغان پولات زەنجىرلىك كۆۋرۈك ئارقىلىق دادۇخى دەرياسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئىنقىلاۋىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
          ئۈچۈنچى. دۇنيا ئۇرۇشى تارىخدا، نامەلۇم ئېنىقسىز ياكى بەلگىسىز سەۋەپلەرگە كۆرە، مۇھاسىرە چەمبىرىكى بىلەن مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، ياكى تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ.
           2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، نورماندىيىدە شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەنگىلىيە بوغۇزىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى دۇنكىرىكتا ئەنگىلىيە-فىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ 340 مىڭدەك قوشۇنىنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ قورال-ياراغلىرى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭكىدەك خىل ئەمەس ئىدى. ئۇلاردا توپ  -زەمبىرەك ، تانكا ۋە بىرونىۋىك قىسىملىرى يوق دىيەرلىك ئىدى. خىل قوراللانغان گېرمانىيە ئارمىيىسى بىرلا نەرە تارتسا، بىرلەشمە ئارمىيە پۈتۈن سەپ بويىچە كۈمپەيكۈم بولاتتى. نىمىشقىكىن، توسالغۇسىز بېسىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە ئارمىيىسى نامەلۇم بۇيرۇق سەۋەبىدىن ھۇجۇم قىلىشتىن ئۇشتۇمتۇت توختاپ قالىدۇ. پۇرسەتتىن پايدىلانغان بىرلەشمە ئارمىيە چوڭ-كىچىك ھەممە كېمىنى سەپەرۋەر قىلىپ، 7 كېچە-كۈندۈزدە دۇنكىرىكتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ، ئەنگىلىيە بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئەنگىلىيە زېمىنىغا قەدەم قويىدۇ. ھەمدە كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش سەپلىرىنى مول ھەربىي زاپاس كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۇنكىرىكتىكى مۇھاسىرىدە، گېرمانىيە ئارمىيىسى نىمە ئۈچۈن بىرلەشمە ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلىشتىن تۇيۇقسىز توختاپ قالىدۇ؟ بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا، نىمە ئۈچۈن بىر ھەپتە سۈكۈت قىلىدۇ؟ گېرمانىيە ئارمىيىسىنى قانداق بىر كۈچ ھۇجۇم قىلىشتىن توسۇپ قويدى؟ ئەگەر گېرمانىيە ئارمىيىسى دۇنكىرىكتا ئەنگىلىيە-فىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان بولسا، كېيىنكى چاغلاردا ئەنگىلىيەنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا قولقانات بولىدىغان بىر قىسىم زاپاس كۈچلىرىنى يوقاتقان بولاتتى. شۇنداقلا ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىدا، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۈستىدىن قازانغان تۇنجى غەلىبىسى بولۇپ قالاتتى. دۇنكىرىك ۋەقەسى دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدىكى سىرلىق ۋەقەدۇر. شۇڭا، بۇ ۋەقە تارىختا، "دۇنكىرىك" مۆجىزىسى نامى بىلەن مەشھۇردۇر. مۇھاسىرە چەمبىرىكى بىلەن مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئوخشاش زامان-ماكاندا ئوخشىمىغان ھالەتتە زاھىر بولۇشى دۇنيا ئۇرۇز تارىخىدا كامدىن-كام كۆرۈلىدىغان پەلقۇلئاددە بىر جەرياندۇر.
            تۆتىنچى. خورىتىش ئۇرۇشى پەيدا قىلىدىغان مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئېنىقسىزلىق ھالىتى.
          خورىتىش ئۇرۇشى _ توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر ئوخشاشلا ھۇجۇم شەكلىدە ئېلىپ بارسىمۇ بولىدىغان، ياكى بىر تەرەپ ھۇجۇم شەكلىدە، يەنە بىر تەرەپ مۇداپىيە شەكلىدە ئېلىپ بارسىمۇ بولىدىغان ئۆزگىچە جەڭ قىلىش ئۇسۇلىدۇر. خورىتىش ئۇرۇشىدا، تاكتىيكا-تەدبىرگە ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ. قورال-ياراغلىرى خىل زاپاس ھەربىي ئەشيا بىلەن زاپاس قوشۇنى كۆپ ۋە ئوت كۈچى زور بولغان تەرەپ خورىتىش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلالايدۇ. توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر ئوخشاشلا تەڭ خورايدىغانلىقتىن، غەلىبە قىلغۇچى تەرەپنىڭ غەلىبىسىمۇ ناھىيىتى خۈنۈك بولىدۇ. شۇڭا، خورىتىش ئۇرۇشىنىڭ تاكتىيكا-تەدبىرگە ئانچە ئېتىبار قىلماسلىقتەك ئالاھىيدىلىكى _ مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئېنىقسىزلىق ھالىتىنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، ھەرئىككى تەرەپتە ئوخشاشلا ئۆلۈش-يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ھەر خىل ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى ئوخشاش مىقداردا خورايدۇ. قايسى تەرەپنىڭ غەلىبە قىلىپ، قايسى تەرەپنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بىلگىلى بولمايدۇ. خورىتىش ئۇرۇشىدا مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى ئېنىقسىزلىق ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقتىن، تەرەپلەرگە نىسبەتەن ئۇنىڭ خېيىم-خەتىرى ئانچە چوڭ بىلىنمەيدۇ. خورىتىش ئۇرۇشى 17-، 18-، 19- ئەسىرلەردە ياۋروپادا كۆپ قېتىم تەدبىقلانغان ئالاھىيدە ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىدۇر. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يۈز بەرگەن 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ، بۇ خىل ئۇرۇش شەكلى خېلى دەرىجىدە تەدبىقلانغان. ناپولىيون بىلەن كوتوزوپ ئوتتۇرىسىدا بولغان خورىتىش ئۇرۇشى ئۈلگىلىك تىپقا كىرىدىغان ئۇرۇشتۇر.
        خورىتىش ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ تەۋەلىكىنى ئېنىق بېكىتكىلى بولمايدۇ. توقۇنىۇشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى دائىرىسىگە كىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن دەرىجىدە بولىدۇ. مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ خەۋىپ-خەتىرى ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەتمەسلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇنىڭدىن. بۇ خىل ئۇرۇش شەكلىدە، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى ناھايىتى خۇنۈك ھالەتتە بولىدۇ.

سىتراتېگىيىنىڭ تېخنىيكا قاتلىمى

           ئىلىم-پەننىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى تەرەققىياتى تەكشى بولمىغانلىقتىن، تارىخقا ئايلىنىپ بولغان، ئايلىنىۋاتقان، ياكى ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئۇرۇشلارنىڭ تېخنىيكا قاتلىمىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرمۇ ئۆزئارا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. قەدىمكى زاماندىكى بىر قىسىم ئۇرۇشلاردىكى تېخنىيكا ئۈستۈنلىكى بەزى چاغلاردا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. مەسىلەن، ھونلار 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى بولۇپ، كىچىك كامان بىلەن پەيدا بولغاندا يۈز بەرگەن ئەھۋالغا ئوخشاش. كامان ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئات ئۈستىدە ئىشلىتىشكە باب كېلەتتى. ئەمما، ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى قىرىش-زەخىملەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى.
           زامانىمىزدىكى ھەربىي قورال-ياراغلارنىڭ تېخنىيكا قاتلىمىدىكى تەلىۋىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلاپ بارماقتا. تانكا قىسمى، ماتورلاشقان بىرونىۋىك قىسىم، رىياكتىپ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، سۇ ئۈستى ۋە سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتلىرى، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تولۇق قوراللانغان زور مىقداردىكى پىيادە ئەسكەرلەر قىسىملىرى ۋە يەردىن يەرگە باشقۇرىلىدىغان سىناردنى قويۇپ بېرىش سىستېمىسىغا ئىگە ماتورلاشقان بىرونىۋىك قىسىملىرىنىڭ قارشىلىقى داۋامىدىكى سىتراتېگىيىنىڭ تېخنىيكا قاتلىمىنى داۋاملىق تەڭشەپ-مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنسىمۇ، تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقىش مەسىلىسى زىددىيەتلىك بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى تېخنىك خادىملارنىڭ ئۇرۇش مېخانىزىمىغا ماس كېلىدىغان يېڭى مېخانىزىمنى بەرپا قىلىش بىلەن دۈشمەن تەرەپنىڭ يېڭى قورال-ياراغلىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە كۆرۈلىدۇ.
           ئەڭ يېڭى ئىلىم-پەن تېخنىيكىلىرىدىن پايدىلىنىپ مۇكەممەل بولغان سەپ ئىچكىرىسىگە ھۇجۇم قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتۇر. بۇ سىستېما سۈنئىي ھەمرا، بوشلىقتىن كۈزۈتىش-ئالاقىلىشىش سىستېمىسىنى، باشقۇرۇش مەركىزى ھەمدە نىشاننى پەرق ئېتىش، قارىغا ئېلىش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە "كۆپ باشلىق" يىراق مۇساپىلىق، ئوتتۇرا مۇساپىلىق ۋە يېقىن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇشى، نەچچە ئون كىلومېتىرلىق يىراقلىقتىكى ماتورلىق ماشىينا ۋە باشقا ھەرىكەتچان نىشانلارنى بايقاپ ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنى جەزىملەشتۈرۈپ، كومپىيوتورلاشقان باشقۇرۇش مەركىزىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى، باشقۇرۇش مەركىزى مانا مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، شۇئان ھۇجۇم قىلىش قارارىنى چىقىرىپ، دۈشمەن قىسىملىرى ئالدىنقى سەپكە تېخى يېتىپ كېلەلمىگەن ياكى ھۇجۇم قىلىشقا ئۈلگىرەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بارلىق نىشانلارنى تەڭلا ئوققا تۇتۇپ، ئۇلارغا توسۇپ زەربە بېرىشى ۋە يوقىتىشى كېرەك. دۈشمەننىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇررۇشىنى ئۈنۈملىك تىزگىنلەپ، تاكتىيكا جەھەتتە ئۇلارنى بېسىپ چۈشۈپ، ھاكەت گىردابىغا يۈزلەندۈرۈشنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەلنىڭمۇ ناھىيىتى زور بولىدىغانلىقى قىياس قىلىنىدۇ. بەلكى، ئۇرۇش سىتراتېگىيىسىنىڭ ئادەتتىكى رولى ۋە مېخانىزىمى ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزگىرىشچان ھالەتلىرىنىڭ مۇناسىۋېتىگە ھەم تىنچ، تۇراقلىق ئەھۋاللىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
           ستراتېگىيىنىڭ تېخنىيكا قاتلىمىنى مۇئەييەن دائىرە ئىچىدە چەكلەپ قويۇش خالىغانچە قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ قاتلامدا، ئۇرۇش قوراللىرى ۋە بۇنداق قوراللارنىڭ ئۆزئارا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى رېئال بولغان مەلۇم بىر ئالاھىيدە جەھەتتىن كۈزەتكىلى بولىدۇ. دەرۋەقە، بۇنداق رېئاللىق قىسمەن رېئاللىقتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، بارلىق باشقا ماددى ۋە شەكىلسىز مۇھىت شەرتلىرى ئېنىقسىز بولىدۇ. لېكىن، ئۇ يەنىلا رېئاللىقتۇر. ھەربىي ساھەدىكى قورال-ياراغ تەتقىيقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار ۋە ئىنجېنېر-تېخنىكلارنىڭ كەسپىي قىزىقىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان رېئاللىقنى چوقۇم ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىلەر ئاشۇ تەرەپلەردىكى خۇسۇسىيىتىنى ئەمەلدە كۆرسۈتىشنى ئالاھىيدە ئۈمىد قىلىۋاتقان، شۇنىڭدەك قۇربان بولىۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا ئومومىي جەھەتتىن قايسى سەۋىيىگە يېتىش خۇسۇسىيىتىنى قوغلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالىملار ۋە ئىنجېنېر-تېخنىكلار سىتراتېگىيىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى قاتلىمى نەزەردە تۇتۇلۇپ چىقىرىلغان يوليورىقىنى چوقۇم تاپشۇرۇۋالىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار تەتقىيقات قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرغان قوراللار سىتراتېگىيىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى قاتلىمىدا ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرغان تەغدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى تامامەن تېخنىيكا قاتلىمىنىڭ چەكلىمىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار بولسا، چىن مەنىدىكى تېخنىيكا مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىدۇ.
            گەرچە، تېخنىيكا قاتلىمىدىكى تەرەققىيات كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت پۈتكۈل ئۇرۇش ساھەسىدە ئەكىس تەسىر پەيدا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ماددى تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ دائىرىسىنى ئابىستراكىت ئىلمىي نەزەرىيە، قۇرۇق ئىبارىلەر ۋە سانلار چەكلەيدۇ. ھەمدە، ھەرقانداق بىر كونكىرت پەيتتە، ئۇلار تېخنىيكا بۆسۈپ ئۆتەلمەيدىغان توسالغۇغا ئايلىنىدۇ. بولۇپمۇ، دېموكىراتىك دۆلەتلەردە، بۇ خىل كەيپىيات بىر قەدەر نورمال ھادىسەگە ئايلانغان. ئىلمىي نەزەرىيە ياكى قائىيدە ھەرقاچان كىشىلەر تەرەپىدىن ئىنكار قىلىنىشى مۈمكىن. ئۇلار ئىنكار قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە بولىدۇ. سېلىشتۇرۇپ ئېيتساق، تېخنىيكا تەرەققىياتىنىڭ نىشانى ۋە دائىرىسىنى بەلگىلەيدىغان ئىككى خىل يېتەكچى كۈچ بار: بىرى، ھەربىي پىرىنسىپ. يەنە بىرى، سىياسىي پىرىنسىپتۇر.
            ھەربىي پىرىنسىپ.
            تېخنىكلار بىلەن ھەربىيلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت بولىدۇ. بۇنداق زىددىيەتلەر تۈزۈلمە ئىسلاھىتى ئارقىلىقلا ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تېخنىكلار يوليورىققا بىنائەن ھەربىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنىڭ كونكىرت تەرەپلىرى بىلەن تەلەپلىرىنى ئادەتتە ئانچە پىششىق بىلىپ كەتمەيدۇ. تېخنىكلار بۇنداق يوليورۇقلارغا قارىتا شەكىل جەھەتتىلا بويسۇنۇش پوزىتسىيىسىنى تۇتىدۇ. ئۇلار ھەربىي ئېھتىياجنىڭ ناھايىتى قىسقا بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يېڭى نەزىرىيە ۋە سىتراتېگىيىنىڭ نەچچە يىلدا بىر قېتىم مەيدانغا كېلىپ تۇرۇدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن بىر قانچە ئون يىل كېتىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار ئوبېكتىپ ئىمكانىيەتنى تولۇق چۈشۈنمىگەچكە، يېڭى تېخنىيكىلارنى ھەربىيلەشتۈرۈش ئىشلىرى ھامان ئىككى خىل خىرىسنىڭ ئىسكەنجىسىدە بولىدۇ: بىرى، تەدبىقلانغان پەنلەر نوپوزى. يەنە بىرى، غەيرى تېخنىيكا ھەربىي دەرىجە تۈزۈم نوپوزى.
            شۇڭا، بىلىمسىزلىكتىن تۇغۇلغان بىر خىل توسالغۇ مەۋجۇت بولۇپ قالماي، تۈرلۈك مەقسەتتىن تۇغۇلغان توسالغۇمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەربىي بىيۇروكىرات ئاپپاراتلىرى ساننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بىر خىل قورال ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئەڭ ياخشى سۈپەتنى قۇربان قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قىسىملار سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى تەشكىلىي ئۇلىنىڭ مىدىرلاپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تېخنىكلارغا نىسبەتەن سان ھېچقانداق قىممەتكە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ قوغلىشىدىغىنى ئەڭ ياخشى بولغان سۈپۈت، خۇسۇسىيىتى ئەڭ ياخشى بولغان قورالدۇر.
             تېخنىكا قاتلىمىدا قوللىنىلىدىغان مەلۇم خىلدىكى ئىنكاسنى پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەت _ بىر قەدەر ئاددى قوراللاردىن باشلىنىشى مۈمكىن، ياكى سانى ئاز بىر قەدەر ئىلغار بولغان قوراللاردىن باشلىنىشىمۇ مۈمكىن. ھەربىي بىيۇروكىرات ئاپپاراتى  بىلەن تېخنىكلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي زىددىيەت يېڭى قورالنى قىسىمغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە كۆرۈلىدۇ. كونا قورالنىڭ ئىلغار تېخنىيكىلىرى ئۈلگە قىلىنىپ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان يېڭى قوراللار قىسىم تەرەپىدىن تاللىنىشى ياكى شاللىنىشى مۈمكىن. ئەگەر، يېڭى قورال بىر خىل كەشپىيات بولۇپ، بۇرۇن بۇنداق قورال بولمىغان بولسا، قوراللىق قىسىملار قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. بىر قىسىم كونا قىسىملارنى قىسقارتىپ، يېڭى قىسىملارنى تەشكىللەپ، بۇنداق يېڭى قوراللارنى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ.
              سىياسىي پىرىنسىپ.
              تېخنىيكا ساھەسى بىلەن سىياسىي ساھە ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولغان ماس كەلمەسلىك مەڭگۈلۈك بولىدۇ.  بۇ تامامەن نورمال ئەھۋال. تېخنىيكا خادىملىرىغا كۆرە دۆلەتنىڭ سىياسىي مەقسىتى، دائىم شۇنداق يىراق، ھەم تۇتۇق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئويلاش دائىرىسىگە كىرىشىمۇ ناھايىتى تەس بولغان بىر جەرياندۇر. ئايرىم ئەھۋالدا ھوقوقدارلار يۇقىرىدا تۇرۇپ ئارلىشىپ، نىمىلەرنى قىلىش ياكى نىمىلەرنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇقلارنى چۈشۈرىدۇ. گىتلېر ياكى ستالىنغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرەر شەخىس دىكتاتۇرىنى تەجىرىيبىخانا ياكى سېخلارغا قوللىنىپ، تېز سۈرئەتتە تىرايىكتورىيىلىك راكېتا ياكى پارچىلىنىدىغان بومبا ياساشنى جاكارلىشى مۈمكىن. ياكى تېخنىيكا نۇقتىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئىنتايىن ئۈمىدلىك بولغان كەشپىيات تۈرى ئۇلارنىڭ ئېتىيكا نۇقتىئىينەزەرى بىلەن چىقىشالماي، بۇنداق كەشپىيات تۈرىنى تەرسالىق بىلەن توختىتىۋېتىشى مۈمكىن.
              تېخنىيكا بىلەن سىياسىي ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق تۈپ ماس كەلمەسلىك ئەھۋالىلا شۇنداق زور تەسىرگە ئىگە قارارنى تاسادىپىي ھالدا چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا، كومىدىيىلىك پەن ئۇرۇشى قىستۇرما كۈيى مەيدانغا چىقىپ، خىروسىما، ناگاساكىي ۋەقەلىرى يۈز بەردى. شۇندىن ئېتىۋارەن، مەخپىي تېخنىيكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۆز-قارىشى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى بىلىملىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق قىسىملارغا پەن ئاپپاراتلىرى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى. ئەمما، بۇلارنىڭ تېخنىك خادىملىرى بىلەن ھۈكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرلىككە كىلەلمەسلىكىنى تۈگۈتىش جەھەتتە ئوينىغان رولى ئەسلىدە ئۈمىد قىلغاندىكىدەك چوڭ بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىككى خىل تېخنىيكا مەسىلىسىلا مەۋجۇتتۇر: بىر خىلى، كۈندىلىك مەسىلە بولۇپ، بۇنداق مەسىلىگە قارىتا سىياسىي قارار چىقىرىشنىڭ زادى ھاجىتى يوقتۇر. يەنە بىر خىلى، تالاش-تارتىش بولىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، بۇ خىل مەسىلىگە قارىتا ھەتتا، ئالىملار ئوتتۇرىسىدىمۇ باشقىچە پىكىرلەر بولىدۇ. ئىختىلاپ بار نۇقتىلارنى كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار چۈشەنمەيدۇ. سىياسىيونلار يەنىلا دۆلەتتىن ئىبارەت بىر پاراخوتنىڭ كاپىيتانى بولۇپ، ھەربىيلەر پالابودىكى قوراللارنى باشقۇرىدۇ. ئەمما، تېخنىك خادىملار ماتورخانىنى باشقۇرۇپ، بۇ پاراخوتنى ئېنىق بولمىغان قاتناش لېنىيىسىنى بويلىتىپ ماڭدۇرۇپ، نامەلۇم مەنزىلگاھقا ئېلىپ بارىدۇ.

ﺳﯩﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ

            ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯘﺟﯘﻡ _ ﺩﯨﻴﺎﻟﯧﻜﺘﯩﻴﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ-ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﮬﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺳﻪ، ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯩﺴﭙﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻳﻪﻧﻪ: ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ_ﮬﯘﺟﯘﻡ_ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ، ﻳﺎﻛﻰ ﮬﯘﺟﯘﻡ_ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ_ﮬﯘﺟﯘﻡ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯨﻴﺎﻟﯧﻜﺘﯩﻴﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﺪﺍﺕ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺩﯨﻦ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻖ، ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺳﻮﺯﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ _ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﯩﺪﯗﺭ.
            ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ _ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﯩﻐﺎ ﺗﻮﻳﯘﻧﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻚ، ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻴﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺮﺍ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯗﺭ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﮬﯘﺟﯘﻣﭽﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻳﺎﺭﺍﻏﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻍ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﯩﺮﻛﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
            1. ﮬﺎﯞﺍ ﮬﯘﺟﯘﻣﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ.
            ﮬﺎﯞﺍﺩﯨﻜﻰ ﺳﯩﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻧﭽﻰ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ، ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻧﭽﻰ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﯞﻩ ﺭﯨﻴﺎﻛﺘﯩﭗ ﻛﯜﺭﻩﺷﭽﻰ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﻯ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺳﻪﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺯﯦﻨﺖ ﺗﻮﭘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﯞﺍﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﺭﯦﺪﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺭﺍﺩﺍﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﯨﻴﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﻯ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﺷﯩﻼ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ. ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﮬﺎﯞﺍ ﮬﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
            2. ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﻯ ﮬﯘﺟﯘﻣﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ.
             ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﺷﻪﺧﯩﺴﻜﯩﻤﯘ ﻣﺎﻳﯩﻞ، ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﻜﯩﻤﯘ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﯩﻨﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻧﻜﺎ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﻪﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯞﻩ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﺭﯦﺪ ﺳﻪﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻭﻧﯩﯟﯨﻚ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﭽﯩﻼﺭ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺕ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯩﮭﻜﺎﻣﯩﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﯞﺍﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺟﺎﺭﯨﻲ ﻗﯩﻠﺪﯨﺮﯗﻟﯘﺷﻰ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻴﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻤﯘ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
             3. ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯜﺯﻯ ﮬﯘﺟﯘﻣﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ.
             ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻟﻪﻳﻠﯩﻤﻪ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺕ ﺋﻪﺗﯩﺮﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﭼﯚﻛﻤﻪ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺕ ﺋﻪﺗﯩﺮﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯜﺯﻯ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﺪﯗﺭ. ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻟﻪﻳﻠﯩﻤﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺕ ﺋﻪﺗﯩﺮﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﭼﯚﻛﻤﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺕ ﺋﻪﺗﯩﺮﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﯞﻳﺎﻣﺎﺗﻜﯩﻨﻰ ﻳﺎﺩﯨﺮﻭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﻮﻏﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﭘﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺳﯘ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻓﯩﻠﻮﺗﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ؛ ﺳﯘ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻳﺎﺩﯨﺮﻭﻟﯩﻖ ﭼﯚﻛﻤﻪ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯘ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﭼﯚﻛﻤﻪ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺕ ﻓﯩﻠﻮﺗﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻨﯩﻴﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﺘﯘﺭ.
             ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﮬﺎﯞﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ، ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﯞﻩ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻏﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯞﻩ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﺭﯦﺪﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻣﺒﯩﻼﺭ ﻳﯧﻨﯩﻚ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯞﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﻖ ﺳﯘﭘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻴﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ-ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺳﯩﻐﯩﺸﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺗﻪﯓ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻧﻜﺎ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ  ﺑﻮﻣﺒﺎ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺗﻮﭘﭽﯩﻼﺭ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻭﻧﯩﯟﯨﻚ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺗﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﺎﺭﯦﺪ  ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
              ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻴﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻳﺘﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ _ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ، ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﮬﯜﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻍ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﯩﻨﻰ ﺩﻩﻗﯩﻴﻘﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﯞﻩ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺩﻩﻗﯩﻴﻘﻪ، ﺳﯧﻜﻮﻧﺖ ﯞﻩ ﻣﯩﻨﻮﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
             ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﺳﯩﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺳﯩﺘﺪﺍﺕ، ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ، ﭘﯘﺭﺗﺴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻖ _ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﻴﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﻪ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﺴﯩﺰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﺴﯩﺰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻴﻜﺎ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯜﭺ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﮬﯜﻛﯜﻣﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
             ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺳﯩﺘﺪﺍﺕ _ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭙﻨﯩﯔ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺳﯩﺘﺪﺍﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﻪﭖ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﻪ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻮﻻﺗﺘﻪﻙ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ  ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﮬﺎﻟﺪﺍ، ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﮕﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
             ﮬﯘﺟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻛﺘﯩﻴﻜﺎ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ، ﮬﺎﯞﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﯞﻩ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﮬﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﺭ ﺷﻪﻛﻠﻰ،ﮬﺎﯞﺍ ﻛﯩﻠﯩﻴﻤﺎﺗﻰ، ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﺎ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﺭﻭﻝ، ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺳﯩﺘﺪﺍﺕ، ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺗﺎﻧﻜﺎ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻭﻧﯩﯟﯨﻚ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﮬﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﯘﺷﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﻣﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻤﺪﯗﺭ. ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻕ-ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻰ، ﻗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺑﯘﻟﯘﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺗﺎﻧﻜﺎ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻭﻧﯩﯟﯨﻚ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﯩﯟﺍﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺗﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﺯﯛﺗﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﺋﯩﺪﯨﺮﺍﻛﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺗﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺟﻪﯓ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﺭﯦﺪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﯜﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭖ، ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯜﻛﯜﻣﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻣﺒﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺶ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
              ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺳﺎﻧﻰ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪﺭﺕ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﺴﺎ، ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﻗﻮﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﯩﺨﻮﺩﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.
يان تەرەپ ھۇجۇمدىكى نورمالسىز مەنتىقە دەل مۇشۇ جايدىن باشلىنىدۇ. پىلانېر، پاراشوت، ياكى ئىگىزگە يامىشىش ئەسۋاپلىرى بىلەن دۈشمەن ئىستېھكامىغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىش _ بىخود ھالەتتىكى دۈشمەننى ساراسىمىگە سېلىپ قويىدۇ. بۇ خىل ھۇجۇمنىڭ خەتىرى چوڭ، تۆلىنىدىغان بەدەلمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، قولغا كەلگەن جەڭ نەتىيجىسى پەۋقۇلئاددە بولۇپ، تاسادىپىيلىقتىن مۇقەرەرلىككە يۈزلىنىدۇ. گەرچە، ئۇدۇل تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىش ياكى يان تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىش بولسۇن، مۇۋاپىق يەر شەكلىنى تاللايدۇ. مۇۋاپىق يەر شەكلىدىن پايدىلىنىش تەدبىرى ئۇرۇشنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە چەكلەپ تۇرالايدۇ. ئۇدۇل تەرەپتىن قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ زىيىنى روشەن، خورىتىش تۈسىنى ئالغان بولسا، يان تەرەپتىن قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ زىيىنى يوشۇرۇن بولۇپ، ئەسكەرلەرنىڭ پىسخىيكىسىدىكى تەشۋىشلىك ئالامەتلەرنى تۆۋەن چەكتە كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇدۇل تەرەپتىن قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ  زىيىنى يەنىلا چوڭ بولىدۇ. قىسمەن چاغلاردا بۇ خىل ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى جەڭ تاكتىيكىسىدىن چەتنەپ، كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قاراملىق قىلىشى مۈمكىن. ياكى ئەمەلىي جەڭ تاكتىيكىسىنى قوللىنىپ، غەلىبە قىلىشىمۇ مۈمكىن. تۆلەنگەن بەدەلنىڭ سالمىقى ئاشقانسېرى ئېرىشكەن غەلىبىمۇ شۇنچە خۈنۈك بولىدۇ. يان تەرەپتىن قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئالاھىيدىلىكى بولسا، تۇيۇقسىزلىقتۇر. تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش دۈشمەننىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىپ، ئاز كۈچ سەرىب قىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. يان تەرەپتىن قىلىنغان ھۇجۇم ئۇدۇل تەرەپتىن قىلىنغان ھۇجۇمدەك چوڭ كۆلەمدە قوشۇن قاتناشتۇرمايدۇ. ئۇدۇل تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىش ئىمكانىيىتى قالمىغاندا، ئايرىم ئەھۋاللاردا چوڭ قوشۇن يان تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىش تاكتىيكىسىنى قوللىنىشىمۇ مۈمكىن. يان تەرەپ ھۇجۇم ئالاھىيدە تەربىيىلەنگەن كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى ئەتىرەتلەرنى كۆپىرەك ئىشقا سالىدۇ. بۇنىڭغا دائىر بىر قانچە مىساللارنى ئەسكەرتىپ ئۆتسەك بولىدۇ: 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيىنىڭ كىچىك تىپتىكى ئالاھىيدە ئەتىرىتى موسسولىننى تاغ-تۇرادىكى قاماقخانىدىن ئوڭئۇشلۇق قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئازاتلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە،  شەرقىي شىمالدا يۈز بەرگەن << ۋېيخۇسەن تېغىنى ئەقىل بىلەن ئېلىش>> ۋەقەلىكى ۋە زامانىمىزدىكى بىن لادىن ۋەقەسى مۇشۇ خىل ئۇرۇش تاكتىيكىسىغا مىسال بولالايدۇ.
             مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ھۇجۇم باشلىنىشتىن بۇرۇن، يېتەرلىك ۋاقىتقا ئېرىشىپ، مۇداپىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. ئەپلىك بولغان جۇغراپىيىلىك يەر شەكلى، تەبىئىي توساق، سۈنئىي توساق، ئاكوپ-خەندەك ۋە يەر ئاستى ئۆيلىرى ئەنئەنىۋىي مۇداپىيە تەدبىرلىرىدۇر. مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئاساسىي كۈشەندىسى دۈشمەن تەرەپنىڭ توپ-زەمبىرىكى، باشقۇرۇلىدىغان سىنارېد قويۇپ بېرىش سۇپىسىغا ئىگە تانكا ۋە بىرونىۋىك قىسىملىرى بىلەن ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدۇر. مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ياكى مۇداپىيە لېنىيىسىنى قوغداپ قالىدۇ، ياكى پۈتۈن سەپ بويىچە مەغلۇپ بولىدۇ. ياكى مۇداپىيە لېنىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ. يۇقىرىدىكى 3 خىل ئېھتىماللىق ئۇرۇش رايونىنىڭ 3 خىل ۋەزىيىتى بىلەن چېتىشلىق بولىدۇ.
              ئۇرۇش رايونىنىڭ بىرىنچى خىل ۋەزىيىتى.
              ئۇرۇش رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىتراتېگىيىسى، ھەربىي سىتراتېگىيىسى ۋە سىياسىي سىتراتېگىيىسى ئېھتىياجىدىن مۇداپىيە لېنىيىسىنى قەتئىي قوغداپ قېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. قانداق بەدەل تۆلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئالدىنقى سەپ ئوق-دورا، قورال-ياراغ، ئوزۇق-تۈلۈك ۋە زاپاس قوشۇنلار بىلەن ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. خورىغان كۈچلەرنى ئىزچىل تولدۇرۇش بىلەن بىللە، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ، دۈشمەن تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى ھەربىي كۈچىنى زور دەرىجىدە خورىتىپ، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىكى سىتالىنگىرادنى قوغداش ئۇرۇشى بىلەن لېنىنگىرادنى قوغداش ئۇرۇشى مۇشۇ خىل مۇداپىيە لېنىيىسىنى قوغداش ئۇرۇشى تىپىغا كىرىدۇ.
             ئۇرۇش رايونىنىڭ ئىككىنچى خىل ۋەزىيىتى.
             ئۇرۇش رايونىدىكى مۇداپىيە لېنىيىسىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار قىلىنىشىدا بىر قانچە كونكىرت زىددىيەت مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ ئۇزاق ۋاقىت ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىيەلىشى مۈمكىن. مۇشۇنداق شارائىتقا دۇچ كەلگەن مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ئوق-دورا، قورال-ياراغ، ئوزۇق-تۈلۈك، سەھىيە ۋە زاپاس قوشۇندىن ئىبارەت ئارقا سەپ تەمىناتىدىن تولۇق بەھرىمان بولالماسلىقى مۈمكىن. ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىغا بىۋاستە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. قەھرىتان سوغۇق، پىژغىرىم ئىسسىق ۋە جۇدۇن-چاپقۇندىن ئىبارەت كىلىيمات ھادىسىسىمۇ لىڭشىپ قالغان مۇداپىيە لېنىيىسىنى ئاسانلا تەۋرىتىپ قويىدۇ. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى موسكۋا، ستالىنگىراد ۋە لېنىنگىراد ئۇرۇشلىرىنى قوزغايدۇ. گېرمانىيە ئارمىيىسى ھۇجۇم شەكلى بىلەن مۇداپىيە شەكلىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارىدۇ. يۇقىرىدىكى سەۋەپلەرگە كۆرە گېرمانىيە ئارمىيىسى پۈتۈن سەپ بويىچە گۇمران بولىدۇ.
             ئۇرۇش رايونىنىڭ ئۈچۈنچى خىل ۋەزىيىتى.
             ئۇرۇش رايونىدا يەنە ئۆتكۈنچى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان مۇداپىيە لېنىيىلىرى بولىدۇ. ئۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئىشغالىيەت رايونىدا بىر قىسىم يېنىك مۇداپىيە لېنىيىلىرى بەرپا قىلىنىدۇ. دۈشمەننىڭ ئوت كۈچىگە تەڭ كېلەلمەسلىك سەۋەۋىدىن ئاساسىي قوشۇننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سىتراتېگىيىلىك چېكىنىشكە توغرا كېلىدۇ. دۈشمەننىڭ ئاساسىي كۈچىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، دۈشمەننىڭ ئاجىز نۇقتىسىغا زەربە بېرىشتەك ئۇرۇش قانۇنىيىتىدە، ئىشغالىيەت رايونىنى مۇتلەق قوغداپ قېلىش مەقسەت قىلىنمايدۇ. شۇڭا، ئۆتكۈنچى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مۇداپىيە لېنىيىسىمۇ، ئاسانلا ئۆزىنىڭ سىتراتېگىيىلىك قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. سىتراتېگىيىلىك تەدبىر شەكىللەندۈرگەن تاكتىيكا ۋەزىيىتى بۇنداق مۇداپىيە لېنىيىسىنى ساقلاپ قېلىشنى تەرغىپ قىلمايدۇ. مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپ دۈشمەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى، دۈشمەن بىلەن بولغان ئارىلىقىنى سېلىشتۇرۇپ مۆلچەرلەيدۇ. ھەمدە، ئېرىشكەن سانلىق مەلۇمات بويىچە ئۇرۇش رايونىدىكى سىتراتېگىيىلىك قىممىتى قالمىغان مۇداپىيە لېنىيىسىدىن تېز سۈرئەتتە چېكىنىپ چىقىدۇ. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، قىزىل ئارمىيە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەقەززاسى ۋەجىدىن مەلۇم بىر جاينى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋالمىغان. يېڭى ئىشغالىيەت رايونىنىڭ زۆرۈرىيىتىدىن كونا ئىشغالىيەت رايونىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇرۇش رايونىنىڭ ئۆتكۈنچى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان مۇداپىيە لېنىيىسىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنىپ تۇرغان. قىزىل ئارمىيىنىڭ چىيشۈيخى دەرياسىدىن 4 قېتىم ئۆتۈشى مۇشۇنداق نۇقتىغا تەدبىقلانغان جانلىق تاكتىيكىسىدۇر.
              يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئەسكەر سانى مۇداپىيە قىلغۇچىنىڭ ئەسكەر سانىدىن بىر نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولىشى كېرەك. مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ تاكتىيكا قاتلىمىدىن ئالغاندا، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ھامان ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ تۇرىدۇ. مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلمىغاندا، ئۇلار ئاكوپ كولاپ فىرونتنى پۇختىلىۋېلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرالايدۇ. مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئاشكارا ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنى ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇشى؛ ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋە يارىلاندۇرۇشىغا قارىغاندا ئاسانغا توختايدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئاكوپ ۋە خەندەك مۇداپىيە سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلىشىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ بىر ھەسسىگە بىر قانچە ھەسسە نىسبەت بويىچە  بولۇشىنىڭ قائىدىگە سىغىدىغانلىقى كۆزگە كۆرۈنىپلا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇرۇش نەتىيجىسىز ئاخىرلاشسا، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ تۆلەيدىغان بەدەل تېخىمۇ زور بولىدۇ. ئەمەلىي جەڭ ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلگەنسېرى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھالاكىتى كۆزگە كۆرۈنىپلا قالىدۇ. ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇداپىيە لېنىيىسىنى ئۇدۇل تەرەپتىن بۆسۈپ ئۆتۈش مۈمكىنچىلىكى قالمىغاندا، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ ھۇجۇمنى توختىتىشقا مەجبۇر بولۇشى كېرەك. ھەمدە، دۈشمەن مۇداپىيە لېنىيىسىنىڭ ئۈزۈك جايلىرىنى تېپىپ، ئىككى قانىتىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى فىرانسىيىنىڭ ماگىينوت مۇداپىيە لېنىيىسىدىن بېلگىيىنىڭ ئادېن ئورمانلىقى ئارقىلىق ئەنە شۇنداق ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە فىرانسىيىنىڭ كەينى تەرەپىدىن خەنجەر ئۇرىدۇ. بۇ چاغدا، ئەگەر مۇداپىيە قىلغۇچى قىسىملار يەنىلا ئاكوپلاردا بولسا، مۇداپىيە ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇبىيەتلىك بولىدۇ. چۈنكى، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ قىسىملىرى ئىككى يان تەرەپتىن ياكى ئارقا تەرەپتىن مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ قىسىملىرىغا بىۋاستە ھۇجۇم قىلالايدۇ.. ھەتتا، مۇداپىيە قىلىۋاتقان قىسىملارنى يوقىتالايدۇ.
ئەگەر، مۇداپىيە قىلغۇچى قىسىملار دۈشمەننىڭ ئىككى يان تەرەپتىن ياكى ئارقا تەرەپتىن قورشاپ قىلغان ھۇجۇمىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرسا، ئۆزىنىڭ ئۇرۇش سېپىنى ئۇزارتىپ، ئەسكىرىي كۈچىنى چېچىۋېتىدۇ؛ ياكى ئاكوپلاردىن چىقىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈۋاتقان قىسىملارنى توسۇپ، ئوخشاشلا ئۆزىنى ھەرىكەتچان ياكى ئاشكارا ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەسكىرىي كۈچىنى چېچىۋېتىش بىلەن ئەمەلىي كۈچىنى دۈشمەن تەرەپكە ئاشكارىلاپ قويۇش، مۇداپىيە لېنىيىسى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق بولغان پاسسىپ ھالەتتۇر. ئۇرۇش سەنئىتىدىكى پۈتۈننى پارچە قىلىش، ياكى پارچىنى پۈتۈن قىلىش، ئەمەلىي جەڭدە شۇنداق كونكىرىت تەدبىقلىنىدۇ. ئەگەر، مۇداپىيەدە تۇرغان تەرەپنىڭ قىسىملىرى مۇداپىيە لېنىيىسىنىڭ ئۇدۇل تەرەپىنى كېڭئەيتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا، گەرچە، سان جەھەتتىن ئاز ئەسكەر بىلەن كۆپ دۈشمەننى يېڭىشتەك سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قالالىسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي جەڭ بولىۋاتقان قىسىملاردا، ئەمەلىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە قارشى تەرەپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى مۈمكىن. چۈنكى، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۈستۈن ئەسكىرىي  كۈچ بىلەن مۇداپىيە لېنىيىسىدىكى ھەربىي كۈچى چېچىلغان دۈشمەن قوشۇنىنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلالىشى مۈمكىن. ئەگەر، مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپنىڭ قىسىملىرى ھەرىكەتچان جەڭ بىلەن ھەرىكەتچان ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانسا، ئەمەلىي جەڭ بولىۋاتقان قىسىملاردا، گەرچە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولسىمۇ، لېكىن، مۇداپىيە تۇرغۇچى تەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ ئاز ئەسكەر بىلەن كۆپ ئەسكەرنى مەغلۇپ قىلىش سېلىشتۇرما ئۈستۈنلىكى قولدىن كېتىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھۋالنىڭ قايسى بىرى بولسۇن، ھۇجۇمغا ئۆتكەن تەرەپنىڭ ئۈچ روتا ياكى ئۈچ باتالىيون ئارقىلىق مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپنىڭ بىرلا روتىسى ياكى بىرلا باتالىيونىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ئەمدى گەپ كەتمەيدۇ.
             ۋاھالەنكى، 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى غەربىي لېنىيە جەڭ مەيدانلىرىدا، مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپنىڭ تاكتىيكا جەھەتتە ئىگەللىگەن سېلىشتۇرما ئۈستۈنلىكى ئۇرۇش رايونىنىڭ سىتراتېگىيىە قاتلىمىدىمۇ تولۇق ئىپادىلەنگەنىدى. بۇنداق بولۇشى فىرانسىيىنىڭ ئاكوپلىق مۇداپىيە لېنىيىسى بېلگىيىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدىن تا شىۋىتسارىيىنىڭ چېگىراسىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، ئۈزۈلۈپ قالغان يېرى يوق ئىدى. شۇڭا، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ يان تەرەپتىن ئايلىنىپ ئۆتۈشى مۈمكىن بولمىدى. گەرچە، گېرمانىيە ئارمىيىسى چوڭ قىسىملارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بولىنىيىنىڭ كىچىك بىر قىسمىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، زەمبىرەكلىرىدىن ئوق ياغدۇرۇپ تۇرغان فىرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىش سۈرئىتى _ توپ ئوقى، پىلىموت ئوقى ۋە سىم توساق ئارىسىدا تەستە ئىلگىرىلەۋاتقان گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭكىدىن كۆپ تېز بولغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، مۇداپىيەدە تۇرغۇچى فىرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ سۈرئەت جەھەتتە ياكى ھەربىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈش جەھەتتە بولسۇن، ھۇجۇمغا ئۆتكۈچى گېرمانىيە ئارمىيىسىگە قارىغاندا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. قېپقالغان مەسىلە، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئالدىن ھۇجۇم قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پايدىلىق ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇشتىنلا ئىبارەت. بۇنداق پايدىلىق ۋەزىيەت مۇداپىيەدە تۇرغۇچىنىڭ قانداق ئۇستىلىق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، تامامەن يوقىلىپ كېتىشى مۈمكىن ئەمەس. ئەمما، ھۇجۇم قىلغۇچى ئالدىن ھۇجۇم قىلىپ ئېرىشكەن پايدىلىق ۋەزىيەتنى يوققا چىقىرىشنىڭ چارىسىنى جەزمەن تاپقىلى بولىدۇ. چۈنكى، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ ئارىلىقتا ئۈزۈك جايلار بولمىغان مۇداپىيە لېنىيىسىدىكى ئاكوپلاردا، مۇداپىيىدە تۇرغۇچى قىسىملارنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا، مۇداپىيىدە تۇرغۇچى تەرەپ تاكتىيكا جەھەتتە پايدىلىق ئورۇننى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇڭلاشقا، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ھېچبولمىغاندا ۋاقتىنچە بولسىمۇ، بىرى بەشكە، ھەتتا ئونغا تېتىپ، قارشى تەرەپنى ياردەمسىز ھالەتكە كەلتۈرەلىگەندىلا، ئاندىن تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرالايدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ ياردەمچى قوشۇنغا ئىگە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شۇنداق بولىدۇ. توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر ياردەمچى قوشۇنغا تەڭلا ئىگە بولسا، ئۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشى مۈمكىن. ئەكسىچە بىر تەرەپلا ياردەمچى قوشۇنغا ئىگە بولسا، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۈمكىن.
              ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي شەكلى بولغان ھۇجۇم بىلەن مۇداپىيەنىڭ قېلىپقا چۈشكەن ياكى قېلىپلاشقان شەكلى يوق. «ئا» ئۇرۇش رايونىدىكى ھۇجۇم بىلەن مۇداپىيەدىكى تاكتىيكا-تەدبىرلەرنىڭ «ب» ئۇرۇش رايونىدىكى ھۇجۇم بىلەن مۇداپىيىگە ماس كېلىشى ناتايىن. بۇنداق بولۇشتىكى تۈپ سەۋەپ ئەمەلىي جەڭ ئەھۋالىنىڭ كونكىرتلىق دەرىجىسىدە بەلگىلەنگەن. 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا،  غەربىي فىرونتتىكى ھۇجۇم بىلەن مۇداپىيەنىڭ ئەھۋالى شۇنداق بولغان. ئەمما، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا، غەربىي فىرونتتىكى ھۇجۇم بىلەن مۇداپىيەنىڭ ئەھۋالى تامامەن ئەكسىيچە بولۇپ قالغان. ئەسلىدە، بۇرۇنقى لاي-لاتقىلار بىلەن توشۇپ كېتىدىغان ئاكوپ-خەندەكلەرنىڭ ئورنىنى ئەمدىلىكتە پولات-چىۋىقلىق بىتونلاشقان مۇداپىيە ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولغان يەر ئاستى ئۆيلىرى ئىگەللىگەنىدى. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىنى شۈبىھلەندۈرمەيدىغان تۈز لېنىيىلىك لوگىيكا فىرانسىيىلىكلەرگە ماگىنو مۇداپىيە لېنىيىسىنى بىنا قىلدۇرغان ئىدى. بۇ مۇداپىيە لېنىيىسى ھەقىيقەتەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. مۇستەھكەم قەلئەگە پىيادە ئەسكەرلەر، پىلىموتچىلار ۋە زەمبىرەكچىلەر ئورۇنلاشقانىدى. 1940- يىلى، گېرمانىيە ئارمىيىسى فىرانسىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا، بېلگىيىگە قاراپ يول ئېلىپ، ماگىينو مۇداپىيە لېنىيىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەن. سىتراتېگىيىنىڭ نورمالسىز لوگىيكىسى نۇقتىئىينەزەرىدىن قارىغاندا، ماگىينو مۇداپىيە لېنىيىسى بەك مۇستەھكەم بولغانلىقى ئۈچۈن، فىرانسىيىنى قوغداش رولىنى ئوينىيالمىدى. مۇداپىيە لېنىيىسى بەك مۇستەھكەم بولۇپ كەتسە، ھەتتا دۈشمەننى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. كىشىلەر شۇنداق يەكۈنگە كېلىشى مۈمكىن: ئەگەر، ماگىينو مۇداپىيە لېنىيىسى ئۇنچىۋالا پۇختا بولمىغان، ئۇنداق قورقۇنچلىق بولمىغان بولسا، ئەكسىچە، فىرانسىيىگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن ئىدى. چۈنكى، شۇنداق بولغاندا، ھېچبولمىغاندا گېرمانىيىلىكلەر بۇ مۇداپىيە لېنىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىستېھكام ئۇرۇشى پاتقىقىغا پېتىپ قالاتتى. ئەمەلىي ئەھۋال شۇنداق بولدىكى، ماگىينو مۇداپىيە لېنىيىسى تاكتىيكا دەرىجىسىدە بېسىپ ئۆتكىلى بولمايدۇ دەپ قارالغانلىقتىن، گېرمانىيىلىكلەر ئۇرۇش رايونى سىتراتېگىيىسى جەھەتتە ھەرىكەتچان ئۇسۇل قوللىنىپ، بېلگىيىنىڭ مۇكەممەل مۇداپىيە لېنىيە قۇرۇلۇشلىرى بولمىغان ئادېن رايونىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ماگىينو مۇداپىيە لېنىيىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەن. ھەمدە، فىرانسىيىنىڭ كەينى تەرەپىدىن پىچاق ئۇرغان. تا، نورماندىيىدىكى دېڭىز  بويلىرىغىچە يېتىپ بارغان. تېز غەلىبە قىلغان ئۇرۇشنىڭ ئاساسىنىڭ مۇكەممەل بولمايدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىيقەت.
                مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپ ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپكە قارىغاندا، ئەسكىرىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىدۇ، دەيدىغان نەزىرىيە سىتراتېگىيە قاتلىمىدىكى چاقماق تېزلىكىدە زەربە بېرىش ئۇرۇشى تەرەپىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. چاقماق تېزلىكىدە زەربە بېرىپ، ئىچكىرىلەپ ئىلگىرىلەۋاتقان گېرمانىيىنىڭ ماتورلاشقان تانكا ۋە بىرونىۋىك قىسىملىرىنىڭ سۈرئىتى _ مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپنىڭ يان قاناتقا مۇداپىيە كۈچلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈش سۈرئىتىدىن  كۆپ تېز بولغانلىقتىن، چاقماق تېزلىكىدە زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىۋاتقان گېرمانىيىنىڭ تانكا ۋە بىرونىۋىك قىسىملىرى زەمبىرەك ئوقلىرى تەرەپىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىش ۋە توساقلارنىڭ توسقۇنلىق قىلىشىدىن قورىقمايدىغان بولغاچقا، مۇداپىيە لېنىيىسىدىكى پىيادە ئەسكەرلەر مۇداپىيە ئۇرۇشىدا تاكتىيكا جەھەتتىكى ئەسكىرىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولالمايلا قالماستىن، بەلكى سان جەھەتتىمۇ، قارشى تەرەپ تەرەپىدىن بېسىپ چۈشۈلىدۇ. 1940- يىلدىكى تارىخ بىزگە ئىككى ساۋاق بەردى: قۇسۇر تاپقىلى بولمايدىغان ماگىينو مۇداپىيە لېنىيىسىدىن ۋاز كېچىش كېرەك ئىدى. قارىماققا ھەقىيقەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان 1:3 نىسبەت مۇناسىۋېتى ئەمەلىيەتتە پەقەت تاكتىيكا قاتلىمىغىلا باب كېلەتتى.  لېكىن، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئەھۋال تامامەن بۇنىڭ ئەكسىيچە؛ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن بۇنداق ھېسسىيات خاھىشىدىن ھەيرانلا قالىمىز، خالاس. شۇنداقتىمۇ، ھۇجۇم شەكلى بىلەن مۇداپىيە شەكلىدە توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر سىتراتېگىيىلىك قىممىتى قالمىغان نۇقتىلاردىن ۋاز كېچىشنى بىلىشى، ئەمەلىيەتتە تەدبىقلىنىشتىن بۇرۇن، نەزىرىيە جەھەتتە ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك.



سىتراتېگىيىنىڭ ئوپېراتسىيە قاتلىمى

                   ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى يوشۇرۇن مەقسەت بىلەن خەتەرلىك پىلان.           بىز ئادەتتە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنىڭ ئوپېراتسىيە دېگەن بىر ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ياكى ئاڭلاپ تۇرىمىز. تىبابەتتىكى ئوپېراتسىيە ئۇقۇمى بولسا، ئادەمنىڭ ئىچكى-تاشقى ئەزاسىنى ئوپېراتسىيە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تىبابەتتىكى ئوپېراتسىيەدە چاتاق قايسى ئەزادىن چىقسا، شۇ كونكىرت ئەزانى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئەتىراپىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەزالارغا دەخلى-تەرۇز قىلىنمايدۇ. لېكىن ، ئۇرۇشتىكى ئوپېراتسىيە ئاتالغۇسى دۇنيا يېقىنقى زامان ئۇرۇش تارىخىدا پەيدا بولغان ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ تىبابەتتىكى ئوپېراتسىيە ئۇقۇمى بىلەن ھەم، مۇئەييەنلىككە ئىگە، ھەم ئىنكارلىققىمۇ ئىگىدۇر. ئۇلار ئوتتۇرىسىكى مۇئەييەنلىك كونكىرت ئەزا بىلەن كونكىرىت جاينىلا ئوپېراتسىىيە قىلىپ، ئەتىراپىدىكى خوشنا ئەزالار بىلەن خوشنا جايلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەھدىت سالماسلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىنكارلىق ئۆزگىچە بولۇپ، تىبابەتتىكى ئوپېراتسىيەدە كېسەل ئەزانى كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن باشقا، يوشۇرۇن مەقسەت بىلەن خەتەرنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇرۇشتىكى ئوپېراتسىيە قاتلىمىىدا ئېلىپ بېرىلغان ئوپېراتسىيە ھادىسىسىدە، ئەۋۋەل خوشنا جايلارنى تىنچلاندۇرۇپ، مەست-خۇش قىلىدۇ. ئاندىن ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان كونكىرت جاينى بىمالال ئوپېراتسىيە قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ يەردىكى بىمالاللىق ئۇيقۇلىق ھالەتتىكى تاشقى كۈچلەرنىڭ تەھدىتى بىلەن تەسىرىدىن قانداق ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئۇرۇش ئوپېراتسىيىسىدە كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى چوقۇم جەزىملەشكەن يوشۇرۇن مەقسەت بىلەن خەتەرلىك پىلان كىشىلەردىن مەخپىي تۇتۇلىدۇ.
               ۋاھالەنكى، سىتراتېگىيىنىڭ ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى ئۇرۇش _ ئۇرۇش رايونىنىڭ جۇغراپىيە قاتلىمىدىكى مەلۇم بىر كونكرت جايىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. قارىماققا ئەتىراپىدىكى خوشنىلار بىلەن تىنچتەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما، ئوپېراتسىيە ئۇرۇشى شۇنداقلا، جمجىت تاماملىنىپ قالمايدۇ. ئوپېراتسىيە قاتلىمىنىڭ ئورتاق ئالاھىيدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ مەقسىتى يوشۇرۇن، پىلانى خەتەرلىك بولىدۇ. كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش رايونىنىڭ ئۇرۇش يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە پەۋقۇلئاددە تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگىدۇر. ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى تىنچلىق نىسپىي بولۇپ، كىشىلەر دەمەللىققا ئۇنىڭ يوشۇرۇن مەقسىتى بىلەن خەتەرلىك پىلانىدىن گاڭگىراپ قالىدۇ. ئوپېراتسىيەنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمى ئوخشاشمايدۇ. ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى بەزى ئوپېراتسىيىلىك ئۇرۇشلار سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار ئېھتىياجىدىن كەنت، يېزا-بازار ۋە شەھەرلەرنى مەركەز قىلسا، بەزى ئوپېراتسىيىلىك ئۇرۇشلار بىر دۆلەتكە مەركەزلىشىپ قالىدۇ. 1940- يىلى، 9- ئاينىڭ، 1- كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى پولشا ئوپېراتسىيىسىنى ئېلىپ بارىدۇ. چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش تاكتىيكىسى ئارقىلىق پولشا ئارمىيىسىنى بىر ھەپتە ئىچىدە تەلتۆكۈس تارمار قىلىدۇ. ئوپېراتسىيە پەقەت پولشا تېرىتورىيىسىدە ئېلىپ بېرىلىپ، خوشنا دۆلەتلەرگە دەخلى-تەرۇز قىلىنمايدۇ. ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى بۇنداق نىسپىي تىنچلىقتىن گاڭگىراپ قالغان غەرىب دۆلەتلىرى دەمەللىققا جانلىق تاكتىيكا قوللىنالماي قالىدۇ. كېيىن مەلۇم بولدىكى، پولشا ئوپېراتسىيىسى گېرمانىيىنىڭ مۇنداق بىر يوشۇرۇن مەقسىتى بىلەن خەتەرلىك پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بىرى، غەربىي فىرونتتا فىرانسىيىنى مەركەز قىلغان غەربىي ئۇرۇش لېنىيىسىنى ئېچىش؛ يەنە بىرى، شەرقىي-شىمالىي فىرونتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان شەرقىي ئۇرۇش لېنىيىسىنى ئېچىشتۇر.
             خۇددى سىترتېگىيىنىڭ تېخنىيكا قاتلىمىدا قوراللار ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتكەنگە ئوخشاش، تاكتىيكا قاتلىمىدا ئۇرۇش قىلىشىۋاتقان قىسىملار ئۆزئارا قارشىلىق كۆرسەتكەنگە ئوخشاش، ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىمۇ، ئىككى تەرەپ ئوپىتسېرلىرىنىڭ ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتىكى تەدبىر مۇسابىقىسى ۋە ئۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئېلىشىشىنى، يەنە ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، چاقماق تېزلىكى چوڭقۇرلىقىدىكى مۇداپىيە ئۇرۇشى، سىتراتېگىيىلىك تۇيۇقسىز ھاۋا ھۇجۇمى، كۆپ قاتلاملىق دېڭىز ئارمىيە ھاۋا مۇداپىيە ئۇرۇشىنى كۆرۈمىز. ئوپېراتسىيىنى ئابىستراكت ھالدا بايان قىلىش بىر قەدەر قىيىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇشنىڭ قوماندانلىق قاتلىمى، ئۇرۇش ئۇسۇلى، ھەرىكەت كۆلىمى قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ يۆنىلىشى ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ. مەلۇمكى، ئوپېراتسىيىگە ئاللىقانداق تەبىر بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىزگە لازىم بولغىنى بارلىق ئۇرۇش مىساللىرىدىن سىتراتېگىيىنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنگەن قۇرۇلمىسىنى ئېچىپ كۆرسىتىپ، ئوپېراتسىيە قاتلىمىنىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى قاتلامدىكى ئورنىنى ئىگەللەشتۇر. دەرۋەقە، سىتراتېگىيىنىڭ تاكتىيكا ۋە ئوپېراتسىيە قاتلاملىرىنىڭ ئېنىق ئايرىلىشى، ئۇرۇش دائىرىسى ۋە ئۇرۇش ۋاستىسى قاتارلىق مۇھىم ئامىللار توغرىسىدا چىقىرىلغان كونكىرت تەدبىرلەرنى ئىگەللەشتۇر. ئوخشاش بىر ئۇرۇش رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا، بىر-بىرىگە تولىمۇ ئوخشىمايدىغان ئوپېراتسىيە شەكىللىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. يەنە سۇ، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئوپېراتسىيىسى دېگەندەكلەر.
               كۆلەم ۋە ۋاستىنىڭ كۆپ خىل بولۇشى زۆرۈر شەرت ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، بۇ شەرتلەرنىڭ بولۇشى كۇپايە قىلمايدۇ. ئەگەر، ئوپېراتسىيە قاتلىمى ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا، ئوپېراتسىيە ھەرىكىتى تاكتىيكا قىسمىنىڭ يېغىندىسىدىن كۆپ بولغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بۇ بەلگىلەنگەن مۇھىت ئىچىدە يولغا قويۇلىدىغان ئۇرۇش ئۇسۇلىغا باغلىقتۇر. تېخىمۇ كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سەرپىيات ۋە ھەركەتچانلىقىنىڭ كۆپۈيۈپ بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشىدە تۇتقان ئورنىغىمۇ باغلىقتۇر.

                 ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى ئاساسلىق ئۇرۇش شەكىللىرى

         خورىتىش ئۇرۇشى بىلەن ھەرىكەتچان ئۇرۇش شەكلى ۋە مۇداپىيە شەكلى بىلەن ھۇجۇم شەكلى ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى ئاساسىي ئۇرۇش شەكىللىرىدۇر. ئۇلار ئۆزئارا ئايلىنىش، ئۆزئارا سىڭىشىش ۋە ئۆزئارا ئۆزگىرىشتەك دىيالېكتىيكىلىق بىرلىك بىلەن زىتلىق مۇناسىۋېتىگە ئىگىدۇر. خورىتىش ئۇرۇشى _ سانائەت ئەمەلىي كۈچىنى تىكىپ قىلىدىغان بىر خىل ئۇرۇش ئۇسۇلى. بۇنداق ئۇسۇل بىلەن پەقەت دۈشمەن بىر قاتار نىشانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئۈستۈن ئوت كۈچى ۋە ماددى كۈچنىڭ جۇغلانما ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا دۈشمەن تەرەپتىكى بارلىق نىشانلار بىتچىت قىلىنىپ، غەلىبە قولغا كەلتۈرىلىدۇ. مۇبادا، دۈشمەن چېكىنىپ، ياكى تەسلىم بولۇپ، بۇ جەريان ئاخىرلاشسا، ئۇ باشقا گەپ. ئۇنىڭ بىر خىل ئۇرۇش ئۇسۇلى بولۇشىدىن ئېيتقاندا،  خوراش تەركىبى قانچە كۆپ بولسا، نىشان يۆنىلىشى بويىچە ماددى ئەشيالارنى يۆتكەش ۋە تولۇقلاش شۇنچە زۆرۈر بولىدۇ. ئوت كۈچى ئارقىلىق دۈشمەننىڭ مۇقىم نىشانلىرىنى ياكى دۈشمەننىڭ ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان، ھەم ئوت كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. غەلىبە قىلىش شۇندىلا توغرا ھەم ئىشەنچىلىك بولىدۇ. دەرۋەقە، ئۆز تەرەپمۇ، دۈشمەن تەرەپ تاڭغان خوراشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر، خوراش جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولمىغاندا بۇنداق ئۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. مەيلى ئۆلۈم-يېتىم، ياكى ماددى زىيان جەھەتتىن بولسۇن، غەلىبە قىلغان تەغدىردىمۇ، تۆلەنگەن بەدەل ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. ئېرىشكەن غەلىبىمۇ ماس قەدەمدە خۇنۈكلىشىپ قالىدۇ.. كونكىرت تالاپەت ۋە زىياننىڭ دەرىجىسىگە كەلسەك، ئۇ دۈشمەننىڭ كۈچىگە باغلىقتۇر. دېمەك، ئەمەلىي ئۇرۇش داۋامىدا، تەدبىر ۋە ئەقىل-پەنت تامامەن بولمىغان، پۈتۈنلەي سانائەت ئەمەلىي كۈچىنى تىكىپ، نوقۇل خورىتىش ئۇرۇشى قىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىسىمۇ، ئەمما، خورىتىش ئۇرۇشى تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغان ئەھۋال يەنىلا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئۆزگىرىپ بېرىۋاتقان جەرياننىڭ يەنە بىر تەرەپى ئويلىمىغان يەردىن ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قازىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرىكەتچان ئۇرۇشتۇر. مەيلى ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىن بولسۇن، تېخنىيكا جەھەتتىن بولسۇن، ياكى تەشكىلىي جەھەتتىن بولسۇن ھەرىكەتچان ئۇرۇش شەكلى خورىتىش ئۇرۇشى شەكلىدىن ئۈنۈملۈك بولىدۇ. خورىتىش ئۇرۇشى _ بىر خىل غەيرى رەسمىي فىزىيكىلىق جەريان بولۇپ، مۇنداق ئۇرۇش ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىنىپ قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىيجە، كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقنىڭ سۈپۈتى ۋە سانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئەكسىيچە، ماددى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك بولمىسا، بۇنداق ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ھەرىكەتچان ئۇرۇشنىڭ غەلىبە نەتىيجىسى تۆلەنگەن بەدەلدىن مۇتلەق ئۈستۈن بولىدۇ. ئايرىم ئەھۋالدا دۈشمەننىڭ ئويلاپ يەتمىگەن كۈچلىرىگە يولۇقۇپ قالسا، مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتچان  ئۇرۇش تامامەن مەغلۇپ بولۇشى مۈمكىن. ئۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرىسىلا، بۇ مەغلۇبىيەت ئاپەت خارەكتىرلىك بولىدۇ. چۈنكى، ھۈكۈم خاتا بولغان، ياكى ئىجىرا قىلىش مۇۋاپىق بولمىغان ھامان، پۈتكۈل ھەرىكەت مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرايدۇ. ئەمما، خورىتىش ئۇرۇشى _ تولۇق بەدەل تۆلەيدىغان، خەۋىپ-خەتەر بىر قەدەر ئاز بولغان ئۇرۇش شەكلىدۇر. ھەرىكەتچان ئۇرۇشنىڭ خەتىرى چوڭ، لېكىن خەتەر ئېرىشىدىغان غەلىبىدىن ئاسانغا توختايدۇ. كۈچ تاللاشنىڭ ئەمەلىي مۇناسىۋەتلىك نۇقتىسىىدىن پايدىلىنىشتا، ھەرىكەتچان ئۇرۇش ئارقىلىق ئوپېراتسىيە قاتلىمىدا دۈشمەننىڭ ئاساسلىق كۈچى بىلەن توقۇنۇشىپ قېلىشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ساقلىنىپ قالغان تەغدىردىمۇ، ئۇرۇش _ تاكتىيكا قاتلىمىدىكى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن خورىتىش ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۈمكىن.
              ۋاھالەنكى، ھەرقانداق ئۇرۇش ھەرىكەتچان ئۇرۇش شەكلى بىلەنلا ئېلىپ بېرىلىۋەرمەيدۇ. خورىتىش ئۇرۇشىغا ئوخشاش، پۈتكۈل ئۇرۇش ھەرىكىتى داۋامىدىكى ھەرىكەتچان ئۇرۇش تەركىبىمۇ، ئەھۋالنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن تۈرلۈك بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئوپېراتسىيە قاتلىمىنى يولغا قويۇش ئۇسۇلىنى تاللاش دائىرىسى بەلگىلىنىپ تۇرىدۇ. ھەرىكەتچان ئۇرۇش قانچە كۆپ ئېلىپ بېرىلسا، ئوپېراتسىيە قاتلىمىنىڭ ئورنى شۇنچە مۇھىم بولىدۇ. تەھدىت سېلىش كۈچىگە ئىگە  ۋە ماددى جەھەتتىن ناھايىتى كۈچلىك دەپ قارالغان دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئاسارەتلەرگە ئۇچۇرىماي، خورىتىش ئۇرۇشى ئۇسۇلى بويىچە ئىش قىلسا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. ئەمما، ماددى جەھەتتە بىر قەدەر ئاجىز دەپ قارالغان دۆلەتلەر ئۆزى ئەڭ ياخشى دەپ قارايدىغان لايىھىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئالدى بىلەن باشقا دۆلەتنىڭ ئاجىزلىقلىرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئويلايدۇ.

شۇنداق دېيىش كېرەككى، خورىتىش ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرىكەتچان ئۇرۇش ھەرگىز ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىلا كۆرۈلمەستىن، سىتراتېگىيىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئەمما، ئوپېراتسىيە قاتلىمىنىڭ مۇھىملىقى يەنىلا مۇشۇ خىل ئۇرۇش تەركىبىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە باغلىقتۇر. ئەگەر، مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئۇرۇش ھەرىكىتى ماھىيەت جەھەتتىن خورىتىش ئۇرۇشىغا مەنسۇپ بولسا، مەسىلەن 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى كۆپ قىسىم خەندەك ۋە ئاكوپ ئۇرۇشلىرىغا ئوخشاش بولسا، جەڭ ھەرىكىتى ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىن كۈزىتىلىدۇ. ئۇ پەقەت ئۇرۇش لېنىيىسىنىڭ بۇ قىسمى، ياكى ئۇ قىسمىدا تەكرار كۆرۈلگەن، ئوخشاش خاراكتىردىكى تاكتىيكىلىق ئۇرۇش پائالىيىتىدىن ئىبارەتتۇر. مەسىلىنى ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىن كۈزىتىپ ئىگىلىگەن نەرسىلەر پەقەت تاكتىيكا نۇقتىسىدىن كۈزەتكەن ھەر قېتىملىق ئايرىم ئۇرۇش ھەرىكىتىگىلا ئوخشايدۇ. باشقا بارلىق ئۇرۇش شەكىللىرى جەھەتتىمۇ ئەھۋال ئوخشاش بولىدۇ. ئەكسىيچە، مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتچان ئۇرۇش تەركىبى ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلىگەندە، ئوپېراتسىيە قاتلىمىنىڭ رولى مۇناسىپ ھالدا ناھايىتى مۇھىم بولۇپ كېتىدۇ. مەيلى ھازىرقى زاماندىكى ئۇرۇشنى يولغا قويۇش بولسۇن، ياكى بۇرۇنقى ئۇرۇشلارغا قاراتقان تەھلىلدە بولسۇن، ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئېھتىمال ئەڭ ياخشى مىسال بىزنىڭ مۇشۇ دەۋرىمىزدىكى ئەڭ تىپىك ھۇجۇم ئۇرۇشى شەكلى _ بىرونىۋىكلار بىلەن چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قىلىش شەكلىدىن ئىبارەت بولۇشى مۈمكىن. ئۇ مۇھاكىمە قىلشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا. بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ داۋاملىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتچان ئۇرۇشقا روشەن سېلىشتۇرما بولالىغۇدەك باشقا ئۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

                      ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى تۆت خىل ئۇرۇش شەكلىنىڭ ئۆزئارا ئۆزگىرىش تەرەققىياتىدىكى جانلىقلىق.

            بىز تانكا، پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ماشىنىسى ۋە ئاپتوموبىللاردىن تەركىب تاپقان، ئۇزۇن سەپ تارتىپ ماڭغان گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيىنىڭ دۈشمەن رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەنلىكىنى، ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچۇرىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرۈشىمىز مۈمكىن. گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيىنىڭ ئالدىن يۈرەر تانكىلىرى دۈشمەن ژاندارمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتكەن، ياكى يولنى بويلاپ ئالدىنقى سەپكە كېتىۋاتقان دۈشمەن ئاپتوموبىل ئەتىرىتى بىلەن دوقۇرۇشىپ قالغاندا، ئاگاھ بولۇش يۈزىسىدىن قىلغان كىچىك جەڭلەردىن باشقا، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىرەر قېتىملىق جەڭنى كۆرەلمەيمىز. ئەگەر، ھازىر ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ دېسەك، بىز مۇقەررەر ھالدا قىسىملارنىڭ توسالغۇسىز ھالدا شىددەت بىلەن غەلىبىلىك يۈرۈش قىلىۋاتقانلىقنى كۆرۈمىز. مەلۇمكى، بىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرگۈچىنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى، ھەتتا دۈشمەن تەرەپنىڭ پايتەختىگە يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىگە تولۇق ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرسەك بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.
            ھۇجۇمغا ئۆتكەن گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيە؛ توپچىلار ياكى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھىمايە قىلىشى بىلەن دۈشمەننىڭ چېگىرا بويلاپ قۇرغان ئالدىنقى سەپ مۇداپىيە لېنىيىسىنىڭ ئاجىز نۇقتىسىىدن بۆسۈپ ئۆتىدۇ. ھۇجۇمچى قوشۇن بۆسۈپ ئۆتكەن ئاجىز نۇقتا بولسا، تار يوچۇق بولۇشى مۈمكىن. تار يوچۇقنىڭ ئىككى تەرەپىدە يەنىلا دۈشمەننىڭ مۇداپىيە لېنىيىسىنى قوغداۋاتقان نەچچە ئون كىلومېتىرغا سوزۇلغان كۈچلىك قىسىملىرى بار. ئەمما، بۇ يەردە ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ مەلۇم بىر قانۇنىيىتى ئىجىرا قىلىنىشى مۈمكىن: ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ ساختا ۋە كىچىك كۆلەملىك ھۇجۇم ئارقىلىق تار يوچۇقتىن بۆسۈپ ئۆتكەن ۋاقتىدا، تار يوچۇقنىڭ ئىككى تەرەپىدە نەچچە ئون كىلومېتىرغا سوزۇلغان مۇداپىيە لېنىيىسىدىكى دۈشمەننىڭ كۈچلىك قىسىملىرى قايمۇقىپ، گاڭگىراپ قالىدۇ. ھەمدە، دۈشمەن قىسىملىرى مۇداپىيە لېنىيىسىنى پۈتۈنلەي يېمىرىلدى، دەپ ئويلاپ قالىدۇ. توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مۇنداق بىر تاكتىيكىلىق مەسىلە يۈز بېرىشى مۈمكىن: بىرى، نامەلۇم بۇيرۇق تۈپەيلى مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپ مۇداپىيە لېنىيىسىدىكى بىر قىسىم ئېغىر تىپتىكى قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلىرىنى تاشلاپ، ئەسلىدىكى مۇستەھكەم ئورۇنلىشىۋالغان مۇداپىيە ئىستېھكاملىرىدىن بىر پاي ئوقمۇ ئاتماي چېكىنىپ چىقىدۇ. چېكىنىپ چىققان قىسىم مۇنداق بىر خەتەرلىك ئەھۋالغا يولىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان تانكا، بىرونىۋىك ۋە ماتورلاشقان ماشىينا قىسىملىرى قاتناش قىستاڭچىلىقى ياكى ھاۋارايى ھادىسىلىرى سەۋەۋىدىن يولدا قاپسىلىپ قالىدۇ. ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ رازۋېتچىك ئايروپىلانلىرى نىشاننى بايقاپ قالسا،  قاپسىلىپ قالغۇچى تەرەپ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. ئۇلار ھاۋادىكى بومبا بىلەن ئوتتۇرا مۇساپىلىك توپ ئوقلىرىغا يەم بولىدۇ. ھالقىلىق ۋە ھەل قىلغۇچ پەيتتە، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ئەسلىدىكى فىرونتنىڭ ئارقا تەرەپىدە تامامەن يېڭى بىر مۇداپىيە لېنىيىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار چېكىنىش بۇيرىقىنى تاپشۇرۇۋېلىپلا، ئىمكانقەدەر تېزلىكتە داۋاملىق ئارقىغا قاراپ چېكىنىۋاتقان بولىدۇ. چېكىنمە قىسىملار ئىككىنچى مۇداپىيە رايونىغا يېتىپ كەلگەندە، بۇ يەردە ھېچقانداق ئەسلىھەلەرنىڭ يوقلىقىنى، ئاكوپ-خەندەكلەرنىڭ تېخىچە قېزىلمىغانلىقىنى، زەمبىرەك ئىستېھكامىنىڭ قۇرۇلمىغانلىقىنى ۋە ئوق-دورا ئامبىرىنىڭ ياسالمىغانلىقىنى كۆرىدۇ. بىرىنچى مۇداپىيە رايونىدىن بىر پاي ئوق ئاتماي، ئىككىنچى مۇداپىيە رايونىغا چېكىنىپ چىقىش بولسا، ھېچقانچە سىتراتېگىيىلىك قىممىتى يوق ئىشتۇر. ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ قائىدىسى بويىچە بولغاندا، ئەسلىدە بىرىنچى مۇداپىيە لېنىيىسى پۈتۈن سەپ مىقياسىدا يېمىرىلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىككىنچى مۇداپىيە رايونىغا چېكىنىشكە بولاتتى. بىرىنچى مۇداپىيە لېنىيىسىنىڭ يېمىرىلىشىمۇ، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ ھەربىي كۈچىنى خورىتىش رولىنى ئوينايتتى. ئازاتلىق ئۇرۇشى دەۋرىدە، كومپارتىيە ئارمىيىسى مۇداپىيەدە تۇرۇۋاتقان پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىگە ساختا ھۇجۇم قىلىپ، ھەم يالغان ئاخبارات يەتكۈزۈپ، پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىنى ئىسسىق ئۇۋىسىدىن تالاغا كۆچۈرۈپ چىقىپ، ئوڭدىن، سولدىن، ئالدىدىن ۋە كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ، پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىنى پۈتۈن سەپ بويىچە ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن قوشۇپ تارمار قىلغان جەڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ ئۇچۇرايدۇ.
             ئەگەر، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ تار تاكتىيكا نۇقتىئىينەزەرىدىن ۋاز كېچىپ، مەسىلىگە كەڭ ئوپېراتسىيە نەزەرى بىلەن قارىغان بولسا، پۈتكۈل ۋەزىيەتتە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولاتتى. ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيىسى بۆسۈپ ئۆتكەن ھېلىقى تار يوچۇقنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى مۇداپىيەدە تۇرغۇچى قىسىملار ئىككى ياندىن ئالدىغا سەل داجىپ، تار يوچۇقنى ئېتىۋېتىشى كېرەك ئىدى. ھەمدە، دۈشمەننىڭ ئارقا سەپ تەمىنات لېنىيىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۆز تېرىتورىيىسىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەن ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيىسىنى كەڭ دائىرىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئارقا سەپ تەمىناتى ئۈزۈپ تاشلانغان دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ بىرونىۋىك-تانكا قىسىملىرىنىڭ يېقىلغۇلىرى، ئوق-دورىلىرى ۋە ئوزۇق-تۈلۈكلىرى خوراپ، دۈشمەن قوشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالاتتى. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، ئوپېراتسىيە قاتلىمىنىڭ ئالاھىيدە بەلگىسى بولسا، ھەرىكەتچان ئۇرۇشتۇر. تار يوچۇق ئېتىلگەندىن كېيىن، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇداپىيە لېنىيىسىدە بولۇش ئېھتىمالى بولغان خورىتىش ئۇرۇشىدىن ۋاز كېچىپ، تاكتىيكا جەھەتتە،  ھەرىكەتچان ئۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى زۆرۈردۇر. ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە زاپاس كۈچلىرى ئۈزۈلۈپ، ئۆز تېرىتورىيىسى ئىچىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەن دۈشمەن ئارمىيىسىنى پارچىلاپ مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن بىر-بىرلەپ يوقىتىش كۈنتەرتىپكە كىرگەن بولاتتى. جىڭگاڭشەندىكى قىزىل ئارمىيە پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ 4 قېتىملىق قورشاپ يوقىتىشىنى مۇشۇ خىل جەڭ ئۇسۇلى بىلەن تارمار قىلغانىدى. يەنە، قىزىل ئارمىيە ھەرىكەتچان ئۇرۇش مېتودىدىن پايدىلىنىپ، دۈشمەننى ئازات رايوننىڭ ئىچكىرىسىدىكى تاغلىق رايونغا ئالداپ ئەكىرىپ، ئاندىن قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ، ھورىنى چىقارماي دۈشمەننى بابلىغان. بۇ خىل جەڭ مىساللىرى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىمۇ، كۆپ كۆرۈلگەن. گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى پاسسىپ مۇداپىيە ھالىتىدە تۇرغان. بىر مۇداپىيە رايونىدىن يەنە بىر مۇداپىيە رايونىغا ئۈزلۈكسىز چېكىنىپ تۇرغان. موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشى باشلىنىپ قاپ بەلگە كەلگەندە، پاسسىپ مۇداپىيە ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. قىزىل ئارمىيە مۇداپىيەدىكى خورىتىش ئۇرۇشى شەكلىدىن ۋاز كېچىپ، جانلىق سىتراتېگىيە يۆنىلىشىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، جانلىق تاكتىيكا قوللىنىپ، ئومومىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ھەمدە، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى تارمار قىلىپ، موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
              يەنە بىرى، مۇنداق بىر ئاقىۋەتمۇ كۆرۈلىشى مۈمكىن: ھۇجۇم قىلغۇچى گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا، ئارقا سەپ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مۇنداق كالاڭپاي زور قوشۇننىڭ ئارقا سەپ زاپاس كۈچلىرى ئالدىنقى سەپنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ تۇرغاندىلا، ئۇلارنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسىملىرى دۈشمەننىڭ ئىككىنچى مۇداپىيە رايونىدىن ھالقىپ ئۆتكەن بولۇپ، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئارقا سەپ بازىسىنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغان ۋاقتى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر، ئەھۋال ھەقىيقەتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا،  ۋەزىيەت مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپكە پايدىسىز بولۇپ، مەغلۇبىيەت ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنىپلا قالىدۇ. مەسىلىنى ئەكسى تەرەپىدىن ئانالىز قىلىپ كۆرسەكمۇ، ئەگەر ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار داۋاملىق قاراملىق قىلىپ، ئىچكىرىلەپ باستۇرۇپ كېلىۋەرسە، پۈتۈنلەي ئۆزىنى-ئۆزى ھالەك قىلغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ. ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ ئارقا سەپ بازىسىدىن يىراقلاپ كەتكەن چاغدا، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى تار يوچۇقنى ئېتىپ تاشلىسا، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. مۇبادا، ھۇجۇمغا ئۆتۈۋاتقان نىشان ئالغا ئىلگىرىلەشتىن توختاپ قالسا، ئۇنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئاجىزلىقلىرى تولۇق ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ: ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاپتوموبىل ئەتىرەتلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن ھۇجۇمغا ئۇچۇراپ، ئۇدۇل تەرەپتىن زادى مۇداپىيە قىلالمايدۇ. ھەرقايسى قىسىملار ئاسانلا ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. قارام ھۇجۇمچىلار ئۆزلىرى ئىش تېرىپ، مۇداپىيە قىلغۇچىلارنىڭ تامامەن غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن بولىدۇ. ئادەتتە، مۇنداق بىر كالاڭپاي زور قوشۇننى مۇھاسىرىگە ئېلىش ناھايىتى تەس بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم ئۇلار ئۆزلىكىدىن ئەتەي مۇھاسىرە چەمبىرىكىگە كىرگەن بولىدۇ. قارام ھۇجۇمچىلار تەرسالىق بىلەن  ئۆزى تىرانسىپورت قوراللىرىنى چىقىرىپ ئۆزىنى مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپنىڭ قەۋرىستانلىقىغا، ياكى ئەسىرلەر لاگىرىغا ئاپىرىپ بەرگەنلىكى بىلەن باراۋەر بولىدۇ.

تۈز لېنىيىلىك ئوپېراتسىيە تەپەككۈرىدىكى مۇداپىيە بىلەن ھۇجۇمنىڭ ئەھۋالى.

             بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەھلىلدىن شۇنى كۆرۈپ يېتىمىزكى، ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى ئۇرۇشنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىيە شەكلىدە توقۇنۇشىۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەلۇم بىرى سىتراتېگىيىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىدا پۇت دەسسەپ تۇرالايدىكەن غەلىبە شۇ تەرەپكە مەنسۇپ بولىدۇ. ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ماتىماتىيكا ياكى فىيزىيكا قانۇنلىرىدەك ئۆلۈك بولماي، ئەكسىچە جانلىق بولىدۇ. قانۇنىيەتلىك جەھەتتىن مۇتلەق بولسىمۇ، ئىجىرا قىلىنىش جەھەتىدىن نىسپىي بولىدۇ. ئوپېراتسىيە قاتلىمىدا، ھۇجۇم شەكلىدىن مۇداپىيە شەكلىگە ئۆتۈش، مۇداپىيە شەكلىدىن ھۇجۇم شەكلىگە ئۆتۈش؛ ھۇجۇم شەكلىدىن مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قېلىش، ياكى مۇداپىيە شەكلىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىشقا ئۆزگىرىش بولسا، جانلىق سىتراتېگىيە ۋە ئۆزگىرىشچان تاكتىيكىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدىكى تەدبىقلىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. سىتراتېگىيە بىلەن تاكتىيكا ئەنە شۇنداق نەزەرنىڭ كەڭلىكىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر بوشلىقتۇر. شۇڭا، ئوپېراتسىيە قاتلىمىدا، تۈرلۈك ئامىللار ئۆزئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. رەسمىي ئۇرۇش ھالىتىدىكى تۈرلۈك ئامىللارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى بىلەن غەيرى رەسمىي ئۇرۇش ھالىتىدىكى ئاخبارات-تەشۋىقاتنىڭ راس-يالغانلىقى قومانداننىڭ تەپەككۈر چوڭقۇرلىقى بىلەن ھۈكۈم ئىقتىدارىغا ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. قومانداننىڭ نەزەر-دائىرىسىنىڭ كەڭ-تارلىقى مانا مۇشۇ نۇقتىدا سىنىلىدۇ. ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئۆزئارا يېقىنلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كىمنىڭ كىمنى قورشاۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئېيتماق تەستۇر. مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپنىڭ گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيە توپىنىڭ قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايمىقانچىلىق ياكى ساراسىمىنى كۆرۈمىز. دەرۋەقە، مۇنداق ساراسىمىنى چۈشۈنىشكە بولىدۇ. دۈشمەننىڭ تانكىلىرى تېز سۈرئەت بىلەن يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، دۈشمەن يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى قايتىدىن قۇرماقچى بولغان يېڭى مۇداپىيە لېنىيىسى يەنىلا ئۇرۇش پىلانى بويىچە تۇرماقتا. ئەمەلىيەتتە، مۇداپىيەدە تۇرغان تەرەپنىڭ قىسىملىرى بۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىلدى. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، دۈشمەننىڭ ئۇدۇل تەرپتىن قىلغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ پىيادە ئەسكەرلەر قىسىملىرى روتا، باتالىيون بىر قىلىنىپ، ئۇرۇش لېنىيىسىدىكى خەندەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. توپ-زەمبىرەكلىرىمۇ، روتا بىرلىك قىلىنغان ھالدا ئىستېھكاملارغا تارتاقلاشتۇرۇلىدۇ. مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپنىڭ تانكىلىرى دېۋىزىيىدىن تارقاقلاشتۇرۇلىپ، بىر قانچە كىچىك ئەتىرەتلەرگە بۆلىنىدۇ. ھەمدە، ئالدىنقى سەپنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدىكى پىيادە ئەسكەرلەرگە ماسلاشتۇرۇپ تەقسىملىنىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىنىدۇ. ھېلىمۇ شۇنداق كۈچلىك قىسىملار توساتتىن چېكىنىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۇلارنىڭ كوماندىرلىرى، شىتاب ئاپپاراتلىرى ئىنتايىن چۆچۈپ كېتىدۇ: ئۇلار قانداقسىگە دۈشمەن تېخى ئۆزلىرى ساقلاۋاتقان جايلارغا يېتىپ كەلمەي تۇرۇپلا، ئۆزلىرى نۇرغۇن جەبىر-جاپالارنى تارتىپ بەرپا قىلغان فىرونتتىن ۋاز كېچەلىسۇن؟  چېكىنگەن قىسىم ئاسانلا دۈشمەننىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىگە ئۇچۇرايدۇ. لېكىن، بىز يەنىلا شۇنى كۆرۈمىزكى،  مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپنىڭ قىسىملىرى ھەممىلا يەردە چېكىنىۋاتقان بولىدۇ. چېكىنگەن قىسىملار پاسسىپ ھالەتتىن ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتەلمىسە، ئەھۋالى ياخشىلانمايدۇ. چېكىنىۋاتقان قىسىملار جەزمەن ئەنئەنىۋىي چېكىنىش ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىپ، يېڭى ئۇرۇش لېنىيىسىنى ئېچىپ، ۋەزىيەتكە بولغان كونتىروللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشى زۆرۈردۇر. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا، ئۇلار دۈشمەن قىسىملىرى بىلەن ئەمەلىي جەڭ قىلسىلا، كوللېكتىپ تەسلىم بولۇش ئەھۋالى بارلىققا كېلىشكە باشلايدۇ؛ ياكى داۋاملىق چېكىنىشتىن ئىبارەت بىردىن-بىر چارىلا قالىدۇ. مەسىلىنى تاكتىيكا جەھەتتىن كۈزەتكەندە، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپنىڭ تاكتىيكا قاتلىمى ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئوپېراتسىيە قاتلىمى بىلەن بىردەك بولىپ، كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيىلىرى بۆسۈپ ئۆتكەن ھېلىقى تار يوچۇقتا يوشۇرۇنغان ئىنتايىن ئېغىر تاكتىيكىلىق ئاجىزلىقلارنى تېخىچە ھېچقانداق بىر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەل قىلمىغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ماس، بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلمىسى ۋە پىسخىك ئېففېكىت پەيدا قىلغان ھەل قىلغۇچ تەسىرى پەقەت ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىلا روشەن ھالدا ئىپادىلىنىدۇ. ۋەقەدىن كېيىن، قارايدىغان بولساق شۇنى بىلەلەيمىزكى، مۇداپىيە قىلغۇچى سادىر قىلغان ھەل قىلغۇچ خاتالىق ھۇجۇم قىلغۇچى ئاچقان تار ئۆتەر يولغا (يوچۇققا) ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرمەي، بەلكى تۇنجى قېتىم چېكىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ چىقىدۇ. چېكىنىشنىڭ سەۋەۋىمۇ يوق ئەمەس. مۇداپىيە قىلغۇچى قىسىملارنىڭ قوماندانلىق شىتابىدا مۇنداق ئېنىق ئوپېراتسىيىلىك نەزەر بولمىغاچقا، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئۇرۇش لېنىيىسىنى بۆسۈپ تاشلاشتا، قانداق غەرىزىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. پەقەت دۈشمەننىڭ ئۇرۇش سېپىنى ئالغا سۈرمەكچى بولىۋاتقانلىقىنىلا بىلىدۇ. شۈبىھىسىزكى، بۇنداق تۈز لېنىيىلىك ئوپېراتسىيە تەپەككۈرى بىلەن ئۇسۇلى مۇداپىيەدە تۇرغۇچى قىسىملار قوماندانلىق شىتابىدىكى ئوفىتسېرلارنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭىپ كىرگەن ھەمدە، چىڭ يىلتىز تارتقان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار دۈشمەن تانكىلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىغا دائىر تۇنجى تۈركۈم دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندا، دۈشمەن مەلۇم خىلدىكى كۆلەملىك تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى قارار قىلغان، دېگەنگە ئوخشاش شۈبىھىلىك ئىزاھەتنى بېرىدۇ. مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىكتىن ئىبارەت قايسى خىل كۆلەمدىكى ھۇجۇمنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىغا دەمەللىققا جاۋاپ تاپالمايدۇ. ھەمدە، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى تەپەككۈرىنى چۈشۈنەلمەي، تەدبىر قوللىنىپ تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.

                               ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى ئاخبارات ئۇرۇشى.

             بۇ چاغدا ئاخبارات _ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالىغا ئايلىنىدۇ. ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيىلىرى غەلىبە نىشانلىرىغا قاراپ ئىمكانقەدەر تېزلىكتە ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ قارشىلىق كۆرسەتكەن قىسىملارغا ھۇجۇم قىلىش، ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈپ، داۋاملىق تېز سۈرئەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى قارار قىلىدۇ. ئارقا سەپتىكى قوماندانلىق شىتابى قىسىملارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى رەتلەپ، ئۇرۇش خەرىتىسىگە سىزىپ، بۆسۈپ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، بۇ ئارقىلىق ئۆز تەرەپ ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۆز قىسىملىرىنى خاتا بومباردىمان قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ھەمدە، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتقان قىسىملارنىڭ يولىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان، ياكى ئاشكارىلىنىپ قالغان يان تەرەپكە  قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىغان قارشى تەرەپ مۇداپىيە قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئالىي قوماندانلىق شىتابى كۆپ ئاخباراتقا مۇھتاج بولمايدۇ. خەۋەرلىشىش كۆپۈنچە تاق لېنىيىلىك بولىدۇ. يەنى مەلۇماتلار ئالدىنقى سەپتىن ئارقا سەپكە يوللىنىدۇ. ئارقا سەپتىكى قوماندانلىق شىتابىدىن ھەرقايسى كورپۇسلارغا چۈشۈرىلىدىغان بۇيرۇقلار بىر قەدەر ئاز بولىدۇ.
             مۇداپىيەدە تۇرغۇچىنىڭ ئەھۋالى تامامەن باشقىچە بولىدۇ. مۇداپىيە قىلغۇچىلارنىڭ كوماندىرلىرى ئاخىر دۈشمەننىڭ كەڭ ئۇدۇل تەرەپتىن ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان چاغدا، دۈشمەننىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىلگىرىلەپ كېلىۋاتقان قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى توغرىسىدىكى ئاخباراتلارغا دەل ۋاقتىدا ھەم توغرا ھالدا ئىگە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپنىڭ قوماندانلىق شىتابى ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىن ئەتىراپلىق تونۇش ھاسىل قىلالىغان بولسا، توغرا ھەرىكەت لايىھىسى بولغان ئۇرۇش سېپىدىكى بۆسۈلگەن ئېغىزنى ئېتىپ، ياكى ھېچبولمىغاندا، دۈشمەننىڭ باستۇرۇپ كەلگەن بىرونىۋىك قىسىملىرىنىڭ ئارقا تەرەپىگە توساقلارنى قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ماددى ئەشيا تەمىنات ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان بولاتتى. ھالبۇكى، بۇ چاغدا مۇداپىيەدە تۇرغۇچى قىسىملار قوماندانلىق شىتابىنىڭ خەۋەرلىشىش لېنىيىسى تەرەپ-تەرەپتىن كېلىۋاتقان مەلۇماتلار بىلەن تويۇنۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ مەلۇماتلارنىڭ بەزىلىرى ئىلگىرى ناھايىتى توغرا بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمدىلىكتە ۋاقتى ئۆتكەن؛ يەنە بەزى مەلۇماتلاردا گەپ ئاشۇرۇۋېتىلگەن، يەنە بەزى مەلۇماتلار قورقۇنچ تۈپەيلىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بولىدۇ. دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ ئورنى، ھەرىكەت سۈرئىتى، كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلىقتىكى دۈشمەننىڭ ئەڭ مۇھىم ئاجىز نۇقتىلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، جايلاردىن كەلگەن ئاخباراتلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ، رەتلەشكە توغرا كېلىدۇ. مۇداپىيە قىسىملىرىنىڭ ئوفىتسېرلىرى ئەھۋالنى ئېنىق ئۇققان چاغدا، ۋەزىيەتتە يەنە ئۆزگىرىش بولغان، يەنى، دۈشمەن داۋاملىق تۈردە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان، ھەتتا سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق كۈزىتىش سىستېمىسى، ھاۋادىن زامانىۋىي سۆرەت تارتىش سىستېمىسى ۋە تېخىمۇ ئىلغار بولغان خەۋەر-ئۇچۇر سىستېمىسىمۇ كارغا كەلمىگەن بولىدۇ.


داۋامى بار...


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-10 21:16 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.314940 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش