تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1357|ئىنكاس: 0

خوتەندىكى شاھلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
ۋاقتى: 2015-10-19 14:03:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


(ئابدۇۋەلى ئايۇپ)

"خوتەن بىلەن قەشقەرنىڭ زادى قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلمىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىدىن تارتىپ دۇككانلىرىغا مال تىزىشلىرىغىچە، ئىتقادقا، ھۈنەرگە، تۇرمۇشقا ۋە تىجارەتكە پۇختىلىقىدىن تارتىپ ئۆيلىرىنى بېزەشلىرىدىكى سەنەتلىرىگىچە ئوخشىشىپ قالىدىكەن. پەقەت خوتەندە "شاھلار"نىڭ كۆپلىكى دىققىتىمنى تارتتى. ئەنجۈر پادىشاھى، ياڭاق پادىشاھى، تېرەك پادىشاھى دېگەندەك شاھلار خوتەننى "سورايدىكەن".
مەرھۇم شائىر روزى سايىتنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدىم. رەھمەتلىكنىڭ ياتقان جايى كادىرلار قەبرىستانلىقى بىلەن دېھقانلار قەبرىستانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىكەن. كادىرلار قەبرىستالىقىنىڭ يېنىدا مەخسۇس كادىرلارنىڭ ئاخىرەتلىكىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر ئىمارەتنى كۆردۈم. قارىغاندا پارتىيلىكلەرنى ئىشلەتكەن ئىدارە ئورگانلاردىكىلەر نامازنى قانداق چۈشۈرۈشنى بىلمىگەچكە ياكى پارتىيە نىزامنامىسىدە دەپنىگە ئائىت ماددا بولمىغاچقا مەخسۇس مۇشۇنداق بىر ئورۇننى تەسىس قىلغان بولسا كېرەك. دېھقانلار قەبرىستانلىقى سۈننەتكە ئۇيغۇن بولۇپ خىش سىمۇنت بىلەن قەبرە قاتۇرۇلمىغان، ھەيۋەتلىك مۇنارلار تىكلەنمىگەن، كادىرلار قەبرىستانلىقى بۇنىڭ دەل ئەكىسچە.
خوتەندە مەخسۇس ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخى سۆزلىنىشكە باشلاپتۇ. بۇ تارىخنىڭ رىۋايەتلىك ئاساسى «غەرپكە ساياھەت» تەك قىلىپ تۇرىدۇ. قالغانلىرى بۇ يەرگە كەلگەن، كەلمىگەنلەرنىڭ يېزىپ قويغان ياكى يېزىشقا ئۈلگۈرمىگەنلىرىكەن. ھاياتلار شۇ يېزىلمىغانلارنى زامانغا لايىق رەڭ كىرگۈزۈپ جانلاندۇرۇپ ئۈلگۈرۈپتۇ. شۇ يازمىلارغا ئاساسەن راۋاقلار، ئابىدىلەر ياسىلىپ ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ قوشۇپ قۇراشتۇرۇشلىرى بىلەن بېيىپ ئۇيغۇرلارمۇ بىلمەيدىغان ھەم ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئۇيغۇر تارىخى بارلىققا كەپتۇ. بۇ ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى بويىچە«غەرپكە ساياھەت»دىكى ئاياللار دۆلىتى بۈگۈنكى كۇچامىش. مۇشۇنداق رىۋايەتلەرنى خېلى كۆپ ئاڭلىدىم، لېكىن قىزىقمىغاچ ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
خوتەندە ئەپسۇسلىنارلىق يېرى ئادەمنى ۋاي دېگۈزگىدەك ئاتا بوۋىلاردىن قالغان بۈيۈك ئىمارەت يوق ئىكەن. خۇددى بىزنىڭ دۆلەت قۇرۇپ ئوردا بىنا قىلغان بوۋىلار سەلتەنەتلىرى بىلەن ئىمارەتلىرىنى قەبرىسىگە بىللە ئېلىپ كەتكەندەك. ئويلىنىپ قالدىم، ھەسرەت بىلەن، خوتەندە ھۆكۈم سۈرگەن سەئېدىيە دۆلىتىنىڭ شاھزادىلىرى بىرەر داچا سالدۇرمىغان بولغىيمىدى، قارا خانىلار دۆلىتىدىن بىرەر مۇنار ۋە ياكى جامە قالمىغان بولغىيمىدى. كىشىنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قول بىلەن سىلىغىلى بولمايدىغان، كىتاب ۋە يۈرەكلەرگىلا يېزىلغان تارىخنى ئەۋلادلارغا قانداق سۈرەتلەپ بېرىمىز. ئەسلى ئەجدادلاردىن قالغان قەسىرلىرىمىزنىڭ بىرەر تېمى، مەرھۇم جەڭچىلىرىمىز قىلغان جەڭلەرنىڭ بىرەر پارچە خەرىتىسى، ئاتىلار جان بەرگەن قورغانلارنىڭ بىرەر بۇلۇڭى ساقلىنىپ قالغان بولسا ئېدى، تارىخنى شۇلار ئۆزى سۆزلەيتتى. ئۇلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى، ياساپ زامانغا ماسلاشتۇرغىلى بولمايتتى. كىتابنىڭ سۆزلىگىنى ھىكايە، ئاسارە ئەتىقىنىڭ سۆزلىگىنى ھامان پاكىت بولاتتى ئەمەسمۇ؟
خوتەندە باغلاردا دەرەخلەر شاھ ئىكەن، ئاشخانىلاردا تائاملار شاھ ئىكەن. ئەپسۇس، ئەسلىدە ئىنساننىڭ سۆزى، خىيالى، ئىتقادى، ئىرادىسى ۋە ھۆرلۈكى شاھ بولۇشى كېرەك ئېدى. شەھىدانە خوتەندە ھەققانىيەتنىڭ، ئادالەتنىڭ، ھۆرلۈك ۋە باراۋەرلىكنىڭ شاھ بولۇشىنى تىلىدىم. ئىنسان شاھ بولمىغان يەردە تائامغا،دەرەخكە نېمە شاھلىق؟»

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:44 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.224212 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش