تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2213|ئىنكاس: 0

داۋا ۋە نوپۇزنىڭ مۇناسىۋىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

4

يازما

39

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
39
ئىككى قەدەم ئارقىغا
خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باش بولۇپ، باشقا تەشكىلاتلار، مەتبۇئاتلارمۇ قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋا ھەركىتى (خەلقارادا تونۇلۇشى) ئۈچۈن بەك ياخشى بىر كوزۇر ياراتقان ئىدى. بۇ كوزۇر رابىيە قادىر ئىدى. ئەمما رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىغا يولغا سېلىنىشى بولسا كوزۇرىمىزنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشىدىكى بىرىنچى قەدەم، يەنى،خاتىمىسىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەركىزىدىكى خىتايغا مەسئۇل بۆلۈمدىكى مايكقا (ئەسلىدە 1999-يىلىدىن باشلاپ بىزنىڭ كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتىمىز قويۇق بولغان، ئۇ چاغلاردا ئالەت لەيدىگۇي خانىم باشلىق ئىدى، كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا مايك تەيىنلىنىپتىكەن) شۇنداق ئېلخەت ئەۋەتكەنتىم: «بىزئۈچۈن ياراتقان كوزۇرۇڭلارنىڭ قىممىتى تۈگىدى، شۇڭا ئەمدى يېڭىدىن يەنە بىرنى ياراتساڭلار،... »
شۇنداقلا، رابىيەخانىمنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ھامان بۇ چۈشەنچىلىرىمدىن بىر ماقالە يازماقچى بولدۇم. يەنى، خىتاينىڭ رابىيە خانىمنى قويۇپ بېرىشىدىكى سەۋەپ، قويۇپ بېرىشنىڭ پايدا -زېيىنى،... قاتارلىقلار ھەققىدىكى مۇلاھىزەمنى. ئەمما ئەڭ ئالدى بىلەن سىدىقھاجىدىن قورقتۇم. مۇناسىۋىتىمىز ياخشى ئىدى. مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرىدىم. بۇ ھەرگىزمۇ بۇ كىشىنىڭ «بەك يېزىۋېتىدىغانلىقى»دىن ئەمەس، سىياسىينى چۈشەنمەيدىغانلىقىدىن، مېنىڭ مۇلاھىزەمنى توغرا ئىلمىي پوزىتسىيەبىلەن قوبۇل قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم. چۈنكى ماقالەمگە شۇنداق ماۋزۇ قويماقچىدىم: «ئۇيغۇرلارموھىم بىر كوزۇرىدىن ئايرىلدى». مانا بۇنى سىدىقھاجىنىڭ چۈشۈنەلىشى مۈمكىنمىدى؟ سىدىقھاجى دەل ئەكسىچە، «ئۇيغۇرلاربىر كوزۇرغا ئېرىشتى» دەپ چۈشۈنەتتى. شۇنداقلا، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىنمۇ ئەنسىرىمەي بولمايتى. جامائىتىمىز بەكمۇ بالىلارچە پىكىر قىلاتتى؛ ئۆتكۈنچى ھاياجانلارغا بېرىلىپ ۋە شۇ ھاياجانلار ئىچىدە پىكىر قىلاتتى؛ ياكى تەرەپدارلىقنى ئۆلچەم قىلىپ پىكىر قىلاتتى: ئالدى بىلەن ھەر ئۇيغۇر بىر «تەرەپ»كەمەنسۇپ ياكى بىر «تەرەپ»كە كۆڭلىدە تەرەپدار، ئاندىن مەسىلە ۋە شەخسلەرنى باھالىغاندا مانا شۇ تەرەپدارلىقنى ئۆلچەم قىلىپ باھالايدۇ. بۇنداقكەن، بۇنداق بىر مۇلاھىزە بەك قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتكە قالاتتى. بۈگۈن بولسا بەختكە قارشى بۇنى ھەركىم قوبۇل قىلالايدىغان كىلىمات بارلىققا كەلدى.
ئەنە شۇ چاغلاردا دېمەكچى بولغانلىرىمدىن بىرنەچچە نۇقتا شۇلار ئىدى:
رابىيە قادىرنى خىتايلار نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىغا يولغا سېلىپ قويدى؟ بۇ ھەرگىزمۇ سىدىقھاجى ۋە باشقا سىدىقھاجىغا ئوخشىغانلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ يۈرىكى ئاغزىغا قاپلىشىۋالغانلىقتىن ئەمەس ئىدى. ئىككى ئىھتىماللىق بارىدى: بىرى، رابىيە قادىر خىتايلار تەكلىپ قىلغان مەلۇم شەرتلەرنى قوبۇل قىلغان بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇئىھتىماللىق ئاجىزراق ئىھتىماللىق ئىدى. ئىككىنچى ئىھتىماللىق، رابىيە قادىرنىڭ تۈرمىدە تۇرۇپ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان نوپۇزى، تەسىرى خىتاي ئۈچۈن ۋەھىمىگە ئايلانغان، بۇ ئىسىم بىلەن بىللە ئۇيغۇر دېگەن مىللەت چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دائىمىي خەۋىرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى. ھەتتا ئۇنى تۈرمىدە تۇتۇۋەرگەندە رابىيە قادىرغا نوبىل مۇكاپاتى بېرىلىشىمۇ مۈمكىن ئىدى. بۇ نۇقتىلاردىن رابىيە قادىرنىڭ تۈرمىدە بولۇشى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولۇۋاتاتتى؛ (پەقەت سىدىقھاجى ئائىلىسى ئۈچۈن بەختسىزلىك ئىدى.) بۇلارنى مۆلچەرلىگەن خىتاي سىياسىيونلىرى مۇتىخەسىسلەرنىڭ مەسلىھەتىگە مۇراجەت قىلدى. مەخسۇس مەھكۇم مىللەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتىخەسىسلەر بولسا ھاكىمىيەتتىكى خىتايلارغا شۇ مەسلىھەتنى بەرگەنلىكىدە شەك يوق: ئەگەر رابىيە داۋاملىق تۈرمىدە تۇتۇلسا ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسى خەلقارالىشىپ كېتىدۇ، رابىيەنىڭ نوپۇزىغا ئەگىشىپ يوغۇنايدۇ؛ رابىيە ھەتتا تۈرمىدە تۇرۇپ نوبىل مۇكاپاتى ئېلىشى مۈمكىن. بۇ ۋەزىيەت خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ بالايى- ئاپەت. بۇ ئىشنى چىرايلىق تىنجىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى رابىيەنى ئۇيغۇرلار ئىچىدە سېسىتىپ، ئابرويسىزلاندۇرۇپ تۈگۈتۈش! بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى قويۇپ بېرىپ، ئامېرىكىغا يولغا سېلىپ قويۇش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن تېخى خىتايلار كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغۇچى تونىمۇ كىيىۋالالايتى! بۇ قارارغا ئاساس بولغان سەۋەپلەر شۇلار:
رابىيە ئايال،ئۇيغۇرلاردىن بەزى توپلار ئەنەنىۋىي قاراشلار تۈپەيلى ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدۇ؛ رابىيە ئوقۇمۇغان، شۇڭا تېزلا ئۆز نوپۇزىنى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ؛ رابىيە مەن-مەن، شۇڭا ھىچكىمنىڭ توغرا مەسلىھەتىنى ئاڭلىمايدۇ؛ شەخسىي پەزىلىتىمۇ كىشىلەرنى چاپسانلا ئەتراپىدىن قاچۇرۇشقا ئۇيغۇن. شۇڭا تېزلا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ پوقىنى قاتۇرۇپ،تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇيغۇرلار، ئۆزىدىن چىققان لىدېرنى خاھلىمايدىغان مىللىي پىسخىكا شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاسترىتتىن تارقىتىلغان پىتنە-ئىغۋالارغا ئاسانلا گول بولۇپ، تېز ئارىدا ئۇنى ھەلەق قىلىپ تۈكۈرۈپ تاشلايدۇ! مانا مۇشۇنداق ئويلۇشۇلغان ۋە رابىيەنى قويۇپ بېرىش قارارى چىقىرىلغان!
رابىيە قادىرچىقتى. ئۇيغۇر خەلقى ئىنتايىن پايدىلىق بىر كوزۇردىن مەھرۇم بولدى؛ پەقەت سىدىقھاجى خوتۇنغا، بالىلىرى ئانىسىغا مۇيەسسەر بولدى.
دەل شۇنى قىياس قىلغانلىقىم ئۈچۈن، رابىيەنىڭ نوپۇزى داۋانىڭ تەسىرىگە ئوڭ تاناسىپ دەپ قاراپ، بۇمەزلۇمغا ناھايىتى كۆپ مەسلىھەتلەرنى بېرىشكە ئۇرۇندۇم. بىۋاسىتە دېگەنلىرىممۇ بولدى، مەندىنمۇ يېقىنراقلىرى ئارقىلىق سالام ئېيتقان چاغلىرىممۇ بولدى. يېقىنلىرى ئارقىلىق ئالغان جاۋابىم شۇ بولدى: «ماڭاھىچقانداق مەسلىھەت كېرەك ئەمەس، ئۆزەمنىڭ ئەقلى يېتىپ ئاشىدۇ!»
بۇ ئوقۇمىغان ئايالدىن نېمىنى كۈتەتتۇق؟ ھېچنېمە كۈتۈلمەيتى، ئۇنىڭ نوپۇزىدىنلا پايدىلىنىشقا، ئۇنى بايراق قىلىپ كۆتۈرۈۋېلىپ، «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا» شەكلىدە باشقا بىر گورۇپ ئۇيغۇر زىيالىسى باراڭنىڭ ئاستىدا ئىش يۈرگۈزۈشلا كېرەكتى (ئەگەر بىز پىشقان بىر مىللەت بولغان بولساق، بالىلارچە ئەخمەق بولمىغان بولساق شۇنداق قىلالايتۇق، بۇنداق تەييار كوزۇردىن ئۇستۇلۇق بىلەن پايدىلىنىپ، داۋامىزنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى باستۇرالايتۇق؛ كوزۇر بولغۇچىمۇ كەڭ قوساقلىق بىلەن: «مەن كۆپ ئوقۇمىغان، ئۆزەمنى بىلەلمەي چوڭ ئىشنى بۇزۇپ قويماي، سىلەر قىلىڭلار، مەن پەقەت كۆرۈنۈش بېرىپلا قوياي» دەيتى. ئەپەندىمنىڭ «يىپنى تارتىشى»غا قارىتا ئەمىرنىڭ جاۋابىدەك ھاماقەتلەرچە جاۋاپ بېرىدىغان ئىش بولمايتى). شۇنداقلا مەن سىدىقھاجىنىڭ ئاشۇ مەشھۇر نامى- شەرىپىگىمۇ ئىشىنىپ قالغىنىم ئۈچۈن، رابىيەنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى تىزگىنلەيدىغان ئەقىللىق، بىلىملىك، بولۇپمۇ سىياسىي كىملىكى ئىشەنچلىك بىر ئادەم بار دەپ ئويلايتىم. نەدىن بىلەي، كىمنىڭ كىمنى تىزگىنلەيدىغانلىقىنى؟!
سىدىقھاجى رابىيەخانىم يېتىپ كەلگەن ئاشۇ ھاياجانلىق مىنۇتلاردا بىر پارچە «رەخمەت تىزىملىكى» ئېلان قىلىپ،«پالان-پالان ئەپەندىگە، ... » دېگەن شەكىلدە نۇرغۇن ئىسىملارنى مەكتەپ يوقلىمىسىدەك ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، رابىيەنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىغا ياردەمدە بولغان بۇ تىزىمدىكىلەرگە رەخمەت ئېيتقان ئىدى. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە «خۇ جىنتاۋ ئەپەندىگە رەخمەت» دېگەن جۈملىلەرمۇ بارىكەنمىش. (راستىنى دېسەم مەن بۇنى ئاڭلىمىدىم). رادىئودىكى ئۇلۇغلىرىمىزدىنمۇ بىرنەچچە ئىسىم ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ئىدى (بۈگۈن تىللانغان ئىسىملارمۇ بار). مۇشۇ رەخمەت تىزىملىكىلا سىدىقھاجىنىڭ سىياسيونلۇق بىلىمىنى نامايان قىلىشقا يېتەتتى. چۈنكى بۇ رەخمەتتىن ئاڭلىشىلىۋاتقان ئۇقۇم شۇكى، تىزىملىكتىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ياكى ئىنسانىي بۇرچلىرىنى ئادا قىلغان بولماستىن، سىدىقھاجى ئائىلىسى ئۈچۈن ياردەم قىلغان بولاتتى. بۇ يەردە بۇ كىشى رابىيە قادىر مەسىلىسىنى سىدىقھاجى ئائىلىسىنىڭ مەسىلىسى قىلىشقا تىرىشىۋاتاتتى. بۇنىڭسىزمۇ ئۇنىڭ نۇرغۇن يازمىشلىرىغا قارىسىڭىز ئەنە شۇنداق مەنا، ئائىلە پاجىئەسى ئۇقۇمى تېشىپ تۇراتتى. ئۇ گويا باشقا كىشىلەرمۇ رابىيە قادىر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، رابىيە قادىر ئۈچۈن ۋارقىرىسا، خۇددى رابىيە قادىر ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك بىر خىل بالىلارچە ئەندىشە بىلىنەتتى. ئەسلىدە بۇ ئومۇمىي مىللىي پاجىئە ئىچىدىكى بىرمىسال ئىدى، خالاس. كىشىلەر بۇنى ئومۇمىيلىققا كۆتۈرۈشكە تىرىشقانسېرى، سىدىقھاجىنىڭ شەخسلەشتۈرۈشكە تىرىشىشلىرى يوقۇرىدا دېيىلگەندەك، سىياسىي سەۋىيە مەسىلىسى ئىدى.
داۋا نوپۇزغا ئوڭ تاناسىپ
ئەركىن ئالپتېكىن «پىت بازىرى»دىن ئۆچۈرۈلگەن تېمىسىدا دېگەندەك، نوپۇز داۋانىڭ ھاياتى. داۋا نوپۇزغا ئوڭ تاناسىپ. ئەركىن ئەپەندى دەل بۇنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز ۋاقتىدا ئۆركەش دۆلەتنى «تۆر»گە تەكلىپ قىلىش ئۇرۇنۇشىدا بولغانلىقىنى زىكرى قىلىدۇ (ئەمما خىتايپەرەستلىشىپ كەتكەن بۇ بالا بۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ). خۇددى شۇ ئوخشاش چۈشەنچە سايىسىدا ئەركىن ئەپەندى رەئىسلىكنى رابىيە قادىرغا ئۆتۈنگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. بۇمۇ راست. مانا بۇ داۋاغا كۆيۈنىدىغان بىر ئادەمنىڭ تۇتۇمى؛ سىياسىنى چۈشۈنىدىغان ئادەمنىڭ تۇتۇمى.
ئەمما بەختكە قارشى، رابىيە خانىمنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇملانغان سىدىقھاجىنىڭ باشتىن- ئاخىرقى ئەندىشىسى، رەئىسلىكنىڭ قولدىن كېتىشى بولدى. نوپۇز —بىلىمنىڭ سەمەرىسى ئەمەس، تەشۋىقاتنىڭ سەمەرىسى. نوپۇز بولمىسا بىر داۋانىڭ بېشىغا چىقىۋالغىلى بولمايدۇ. ھىچكىم بىلمەيدىغان بىر بىلىملىكنى رەئىس قىلىپ قويۇپ كۆرۈپ بېقىڭ، قانداق بولۇدىكىن! بۇ بىرەرسى سۈيقەست قىلىپ ياكى شايكا توپلاپ ئېلىۋالسىلا بولۇدۇغان نەرسە ئەمەس. بۇنىسى بىر خىل ئېتىقادقا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشەنچ ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ تونۇشى. شۇڭا رەئىسلىك قولدىن كېتىدىغان بولدى دېگەن ئەندىشە تۈپەيلى نېرۋا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىشنىڭ ھىچ ئورنى يوق ئىدى. رەئىسلىكنى ھىچكىم ئېلىۋالماقچىمۇ ئەمەس (مەن بۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەن، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئەركىن ئالپتېكىننىڭ بۇنداق نىيىتى يوقلۇقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن)، ئېلىۋېلىپمۇ ئايىغىغاچىققىلى بولمايتى. شۇڭا قوساقنى سەل كەڭ تۇتۇپ، ھەر ساھەنىڭ تەكلىپ، ئىنكاسلىرىغا قۇلاق سېلىش، كۆپچۈلۈكنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، يەككە ھەركەتكە ئايلاندۇرۇۋالماسلىق لازىم ئىدى. ئەمما ئاشۇ ۋەھىمە بۈگۈنكى جىمىكى سەلبىي نەتىجىلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى! يەنى چەتئەللىكلەر بىلەن ئۇچرۇشۇپ سۆزلۈشۈدۇغان ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، باشقا سەۋىيەسى ئۈستۈنراق بىرىنى ۋەكىل قىلىش، پەقەت كۆرۈنمىسە بولمايدىغان سورۇنلاردىلا كۆرۈنۈپ، بولمىسا سىمۋول شەكىللىك ئارقىدا تۇرۇشلا ئۆزىگە يارىشاتتى. قانچە كەم كۆرۈنسە سىرلىقلىشاتتى؛ سىرلىقلاشقانسېرى سۈرلۈك بولاتتى؛ سۈر دېمەك نوپۇز دېمەك ئىدى. بۇنىڭ بىلەنمۇ ئۇ مۇشتاق بولغان شەرەپلەرنىڭ تاجى ئۇنىڭ بېشىغا كېلىپ قونۇۋېرەتتى. ئەمەلىي ئىش قىلغانلار خۇددى «بىكارلىق مەدىكار» دېگەندەك، ئۇنىڭ شان- شەرىپىنى، نوپۇزىنى يۈكسەلتىش ئۈچۈن ئىشلىگەن بولاتتى.مىڭلارچە ئەپسۇسكى، كۆزنىڭ كىچىكلىكى، كېلىپ چىقىشنىڭ «زىدى... » دېگەندەك بولۇشى تۈپەيلى، بۇ مەزلۇم ئۇنداق ئويلىمىدى، ئۇ ئۆزىنى خېلى ئىش قاملاشتۇرۇدۇغانلاردىن دەپ ئويلايتى. كارخانا قۇرغان، بىنا سالالىغانلىقى بۇ خىل شېرىن ئۆلچەمگە ئىلھام بولغان ئەمەلىي بىر مىسال رولى ئويناپ قالغان ئىدى. شۇڭائۇ: «ئۆزەمنى بىر كۆرسۈتۈپ قويسام، كىشىلەر ھەيرانۇ-ھەس قېلىپ، تېخىمۇ بەك مەستانە بولۇدۇ، نوپۇزۇم تېخىمۇ ئېشىپ، داڭقىم ئالەمگە پاتمايدۇ» دەپ خام خىيال قىلىپ قالدى. «ئاشۇ كۆرۈنۈدۇغان سورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزەم كۆرۈنمىسەم، ئاۋۇلار شەرەپنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ»،ئەندىشىسى بىلەن، «مەدرىسنى ۋەيران شەھەرنى پوق» قىلىش نەتىجىسى كېلىپ چىقتى. بەرىبىر «ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت» –تە! ئۆز ۋاقتىدا، ئۇزاق بىر يايلاقتا چارۋىچىنىڭ قويى ئۈچنى تۇغسا، «ماۋجۇشىنىڭرەھبەرلىكىدە... » دېيىلمەمتى؟ دۇنيادىكى ئىشلار كۆپ ھاللاردا ئەنە شۇنداق بولۇدۇ. قولۇڭ تەگسۇن، تەگمىسۇن، ھەتتا بۇنداق بىر ئىشتىن خەۋىرىڭ بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئىش بېشىداسېنىڭ ئىسمىڭ بولغان ئىكەن، بارلىق نەتىجىمۇ ساڭا مەنسۇپ بولۇۋېرىدىغان گەپتى. مۇشۇنچىلىك ئاددىي رىجىنىمۇ چۈشەنمىگەن ئادەملەر ئەللامەلىكتىن تامادا بولۇۋاتقىنى قىزىق ئەمەسمۇ؟
رابىيە خانىم ئۆز ۋاقتىدا قۇرۇلتايچىلاردىن قاخشاپ، «ھەر بىرىنىڭ بىرەر مەنسەپ تەلىپى بولۇدۇ، <ماڭا مۇئاۋىن رەئىسلىكنى بېرىسەن، بولمىسا ئىشلىمەيمەن، ماڭا ئۇنى بېرىسەن، بۇنى بېرىسەن،.... > دېگەندەك ھەرخىل تامالىرى بولۇدۇ. بۇ ئادەملەرنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇپ، كېلىشىپ ئىشلىمەك ئاسان ئەمەس... » دېگەن مەزمۇندا گەپ قىلغان چېغىدا مەن: «مېنىڭ ھىچقانداق ئەمەل تەلىپىم يوق، ئەمما نامسىز ئىشلەشكە مەن تەييار، شۇڭا قانداق بىر يەرگە يوللۇنۇدۇغان يازما ماتىرىيال بولسا، مېنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشۈمگە ئەۋەتسىڭىز، سەۋىيەسىز بىر نەرسىلەرنى چەتئەللىكلەرگە سۇنۇپ ئۆزىمىزنى چۈشۈرۈۋالمىساق،... مەن بۇ ئىشلارنى تامامەن نامسىز شەكىلدە قىلىشقا رازى» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان ئىدىم. كېيىن ماڭا بۇ ھەقتە ۋەدە قىلىندى. «ھەرقانداق يازما ھۆججەت سىزنىڭ قولىڭىزدىن چىقىدۇ» دېيىلدى. بىر ماتىرىيالنى بۇ گەپنىڭ راستلىقىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە سىمۋوللۇق ئەۋەتكەنمۇ بولدى. ئەمما بۇ بىر خىل «نەزەرگە ئىلىندىم» تۇيغۇسى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ساداقەت تۇغدۇرۇش ئۇرۇنۇشىلا ئىدى. ئەۋەتىلگەن ماتىرىيالنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىشىمۇ ديىلمىگەن. چۈنكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلىدىغان بىر نەرسە بىلەن، چەتئەللىكلەرگە بېرىلىدىغان نەرسىنىڭ پەرقى بولۇدۇ؛ شۇنداقلا چەتئەللىكلەردىنمۇ ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا ئوخشاش تەلەپپۇز ئىشلىتىلمەيدۇ. ئىشلىتىش جايى ئېيتىلمىغان بۇ ئۇزۇن ماتىرىيال پەقەت كۆز بوياش خاراكتېرىدە ئەۋەتىپ قويۇلغاچقا، ئوبېكتى ئېنىق ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا خانىمدىكى «سىدىقھاجى بەك يېزىۋېتىدۇ» دېگەن ئېتىقاد ھىچ سۇسلىمىغان ئىدى، ئۇنداقكەن، ئاشۇنداق «بەك يېزىۋېتىدىغان» بىرى تۇرغان يەردە ماڭا ئەۋەتىشى راست بولاتتىمۇ؟ ئەتراپتىكى كۆتۈرمىچىلەرمۇ خانىمغا ھىچقاچان راست گەپنى قىلىپ، «خانىم، سىدىقھاجىنىڭ بەك يېزىۋېتىشىمۇ چاغلىقتەك قىلىدۇ،... » دېمەيتى. بۇنداق بولۇشىغا سەۋەپ بولۇۋاتقان ئامىل: بىرىنچىدىن بۇ ئادەملەرنىڭمۇ قەلەم قۇۋۋىتىنى باھالىغۇدەك ئۇمىچى بولمىغاننى ئاز دەپ، ئۆزلىرىمۇ بەك بىر نەرسە ئوقۇپ يۈرۈدۇغان ئاۋارىلار ئەمەس ئىدى؛ ئىككىنچىدىن سىدىقھاجىنىڭ بار يېرى ھەققىدەراست گەپنى قىلسا مەن ئۆكتىچى (ئۇلارنىڭمۇ خوپ غۇمى بولغان، ئەگەر قولىدىن كېلىدىغان ئىش بولسا خىتاينى قويۇپ تۇرۇپ ئالدى بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ دەردى چىقمايدىغان ئۆكتىچى)نى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ قالاتتى-دە!
تىرىشچانلىقلارغا قارىماي، نوپۇز كىچىكلەۋاتاتتى. دەسلەپكى يىلى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ نامزاتىنىڭ بىرى بولغان بولسا، كېيىنكى يىللاردا ھەتتا تىلغىمۇ ئېلىپ قويۇلمىغانلىقى بۇنىڭ بىر دەلىلى ئىدى. ئەنەشۇ ھالدىمۇ ئۆزىنى چاغلاش، تەجرىبە - ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىش، خاتالارنى تۈزۈتۈش سەمىمىيىتى بولمىدى. دەل ئەكسىچە، بۇ بولۇۋاتقانلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ يامانلىقىدىن،بارلىق مەۋجۇت تەشكىلاتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىرلا رابىيەگە ئەگەشمەسلىكىدىن دەپ چۈشۈنۈشتى. ھەتتا سىياسىي تەشكىلاتلارلا ئەمەس، ئۇلاردىن ھوقۇق تالاشمايدىغان ئىلمىي تەشكىلاتلارمۇ كۆزىگە پاتتى: «مائارىپ جەمىيىتى» ۋە «ئۇيغۇرئاكادىمىيىسى» ھەققىدىمۇ سۆكۈشلەردە بولدى. بۇمۇ شۇنچە زۆرۈرمىدى؟ ئۇلار نېمىگە پۇتلاشقان ئىدى؟ ماناشۇنداق قىلىپ نوپۇز سۇنۇشقا يۈز تۇتۇپلا قالماي، ئاشكارە مەسخىرىلەرگىمۇ نىشان بولۇشقا باشلىدى....
ئەمدىچۇ؟ نوپۇزنىڭ تامامەن سۇنۇشىدەك ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەت ئالدىدا تۇرۇپتۇمىز. ئەسلىدىغۇ ئامەت قاچقاندا تاپا-تەنە قىلىش، ئۆتمۈشنى تەگەش ئوغۇلبالىچىلىق بولمايتى. ئەمما، شۇ سىدىقھاجىلاردا بۇ نۇقتىنى چۈشەنگۈدەك ھال بولسا، راستىنلا كونا خاماننى سورۇپ يۈرمىگىنىمىز ياخشىدى،ئەلۋەتتە. پەقەت ئۇلاردا بۇنى چۈشەنگىدەك ھال بولمىغاچقىلا، بۇنىڭدىن چەكسىز ئازاپ ھىس قىلىپ تۇرۇۋاتساممۇ بۇلارنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتىمەن.
بالىلاردەك شىغا ئۇچۇدۇغان سىدىقھاجىنىڭ يېنىكلىك بىلەن قىلىپ يۈرگەن قىلىقى تۈپەيلى، ئۇۋۇسىغا سۇ قۇيۇلغان چۆمۈلىلەردەك قوزغۇلۇپ كەتكەن ھەرخىل سالاھىيەتتىكى كىشىلەر، فائىلى مەجھۇل كىشىلەر، ھەتتا ئۈرۈمچىدىمۇ،چەتئەلدىمۇ؟ ئۇقۇپ بولمايدىغان كىشىلەر، نوپۇزنىڭ ئاخىرقى زەررىلىرىنىمۇ چەيلىۋېتىدىغاندەك قىلىدۇ. بەزى پۇرسەتپەرەست خىتاي ئايغاقچىلىرى بۇ پۇرسەتتە ئاكتىپ ھەركەتكە ئۆتتى. ھەتتا شۇنى دېيىشكىمۇ بولۇدۇ، ئەسلىدە سىدىقھاجىنى كۈشكۈرتكەنلەر ياخشى ئادەملەر ئەمەس ئىدى؛ ئەمدى سىدىقھاجىنىڭ «قالىغاچ ئۇۋىسى... »نى باھانە قىلغان توپ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن خىتاي ئايغاقچىلىرى ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس. نوپۇزنىڭ سۇنۇشى كىمگە نېمە پايدا ئېلىپ كېلەر؟ بۇنى ئويلاپ كۆرەيمۇ دېمەستىن قىزىپ كېتىشلەرنىڭ ئارقىسىدا چوقۇمكى بىر تەشكىللەش بار. ئادەتتە پايدىلىق بىر ئىش ئۈچۈن بۇنداق بىر يەڭدىن باش چىقىرالمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپادىلەۋاتقان بۇنداق ئۇيۇشقاقلىقى ناھايىتىمۇ گۇمانلىق.
بۇ جاناپلاردىن شۇنداق سوراشقا مەجبۇرمىز: بۈگۈنننىڭ شەرتلىرى نەزەردە تۇتۇلغاندا، رابىيە قادىردىنمۇ بەكراق مۇۋاپىق كىمىڭىز بار؟
ئۇيغۇرلارنىڭ مىزانى
سىدىقھاجىنىڭ «قالىغاچ ئۇۋىسى... »نى يېزىشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچىسى ھىچ توغرا ئەمەس ئىدى. يوقۇرىدا دېيىلگەن سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش خاپىلىقىدىن «رەئىسكە لايىق ئادەم قويماي، ھەممىنى پوقلىۋېتىش» نىيىتى بىلەن بولغان. نىيەت ياخشى بولغان بولسىدى، بىر ئاز سالماقراق بولغان بولاتتى. چۈنكى سالماقراق بولسىلا، قالىغاچ ئۇۋىسىدا زىكرى كېچىۋاتقان «باچكىلار»دىن بەزىلىرى ھەققىدىكى بايانلار ئەلۋەتتە توغرا ئىدى. سىدىقھاجىنىڭ ئەنە شۇ ناتوغرا ھەركەتلەندۈرگۈچى تەرىپىدىن قۇترۇتۇلۇپ، كېلىپ چىققان بۇ «ماقالە» قارا- قويۇق ھەممىنى ئارىلاش ساۋاش بىلەن، ئەمەلىيەتتە بەزىلەرگە «چام ئالدۇرۇپ» قويدى: مۇناپىقلىق ئېلېمېنتلىرى بولغان بۇ جاناپلار، قارا- قويۇق ساۋالغان باشقا ئادەتتىكىلەر ياكى گۇناھسىزلار قاتارىدا پايدا ئېلىپ، ئىتتىپاقداشلارغا ئېرىشىۋالدى!
ئەسلىدىغۇ بۇ «ماقالە» ماقالە شەكلىدىمۇ ئەمەس، ئىنكاس كۆزنىكىگە، قورقۇمسىرىغاندەك ئىمزاسىز بېرىلگەنكەنمىش (سىدىقھاجىنىڭ ئىمزاسىز يېزىشى بىر ئوبزورچىنىڭ شەنىگىمۇ توغرا كەلمەيدىغان ئەخلاقسىز قىلمىش بولۇپلا قالماي، ئۆزى دەۋاتقان نەرسىلەرنىڭ راستلىقىنى يوققا چىقىرىپ، ئۆز ئۆزىنى چۈشۈرۈدۇغان بىر قىلىق ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەنگۈدەك ھالدا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپتۇ). ئىمزانىڭ بولمىغانلىقى، قانۇنىي نۇقتىدىن قارىغاندا ھىچنېمىگە يارىمايدىغان ئەخلەت دېمەكتۇر. مەسىلەن، سوتتا ئىمزاسىز پاش قىلىش مەكتۇبى پاكىت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇنداق ئىكەن، ئۇنى بىر تىيىنگە ئالماسلىق پوزىتسىيىسىدە بولۇش ئەڭ توغرا ئىدى(بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مىللەتنىڭ پىشقان مىللەت بولۇشى شەرت ئىدى). ئەمما، بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا بىر تەشكىللىك دۈشمەنلىك ياتقاچقا، نوپۇزنى ئاخىرقى ھىساپتا بەربات قىلىۋېتىش ئۈچۈن، بۇنداق ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلانماي قويمايتى. ئۇيغۇر جامائىتىمۇ  كوللىكتىپ پىسخىكىسىدىكى قىتىغۇرلۇق تۈپەيلى،بۇنداق ماجرالارنى جان دەپ قارشى ئالاتتى. ئىمزاسىز بولغاندىكىن، سالاھىيەت ئاشۇ تۇتۇقلۇقىدا تۇرۇۋەرگەن بولسا (گەرچە ھەممە ئادەم سىدىقنىڭ ياكى سىدىق دەستەكلىك چاپانچىلارنىڭ دەپ بىلىپ بولغان بولسىمۇ) بىر ئاز ياخشىدى. ئەمما ئاڭلىسام، خانىم يېنىكلىك بىلەن سىدىقھاجى ئۈچۈن ئەپۇ سوراپ، بۇ ھاقارەتنامىغا رەسمىي ئىمزا قويۇۋەتكەندەك ئىشنى قىپتۇ (مانا بۇمۇ سىياسىينى بىلىش مەسلىسى، سەتچىلىكلەردىن قانداق ئۆزىنى قاچۇرۇشنى بىلىشمۇ سىياسىي ماھارەتلەرنىڭ بىرى، ئەلۋەتتە). ئۇنداق قىلمىغان بولسا بىرەر «ئوغلاق»نى گۇناھقا كەففارەت قىلىپ ئەرزان قۇربانلىق بىلەن قۇتۇلغىلىمۇ بولاتتى. ئەمدىكى جەڭنى كۆرۈڭكى، ھاقارەت تارىخىنىڭ رىكوردى يارىتىلىدىغاندەك قىلىدۇ.
ئۆلچەم نېمىدى؟سىدىقھاجىنىڭ ئۆلچىمى رەئىس بولۇش ئىھتىماللىقى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى چۆكۈرۈۋېتىش بولغاچقا، باشقا نەرسە ئويلىمىغان. ئىمزاسىز جاۋاپ بەرگۈچىنىڭ ئۆلچىمى «سەن يامان دېگەندىكىن مەن ياخشى دەيمەن» دېگەندىن ئىبارەت بولغان. بۇ جاۋاپنىڭمۇ ئىمزاسىزلىقى، ئوخشاشلا بىر تىيىنلىق قىممىتىنىڭ يوقلۇقى ئىدى. ئىشلەتكەن سۆزلىرىدىكى ئەخلاقسىزلىقلارنى دېگەندە ھەر ئىككىسىنى بىرەر ھاقارەتنامە دېيىشكە بولاتتى. ئاتالمىش جاۋاپلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىمزاسىز بولۇشى ھىچ دىققەتلەرگە بىر ئىما بولالمىدى. ئەسلىدە ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆز ئىمزاسى بىلەن جاۋابىدىن باشقىلىرىنى جاۋاپ دېيىشكىمۇ بولمايتى. بىر تىيىنلىق قىممىتى يوق بۇ نەرسىلەرگە ئېتىۋار قىلىشنىڭ مەنىسى يوق. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا: نوپۇزنى تامامەن يوق قىلىۋېتىشتىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن «بىرلىكسەپ»! بۇنىڭ ئارقىسىدا پىلانلىق بىر قوماندانلىق، ئەسلىدە بىر- بىرىگە ئانچىۋالا يۇقۇشمايدىغاندەك تۇرغانلارنىڭ دەرھال ئىتتىپاق ھاسىل قىلالىشى قاتارلىق ئامىللاردىن قارىغاندا، بۇ سەل قارىلىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇرۇندىن دەپ كېلىۋاتقىنىمدەك، چەتئەللەردە ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئاز سانلىق ئىكەنلىكى ۋە كۈچسىز ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قارىشىمىزنى بۇ پاكىت يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
كۆپچۈلۈكنى بۇئىككى پارچە ھاقارەتنامىدىكى كىشىلەرنى باھالىغان ئۆلچەم ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچ ھەققىدە ئويلۇنۇپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلىمەن. نەقەدەر كۈلكۈلۈك ئۆلچەم! ئۇ يامان دەپ تىزغانلىقى ئۈچۈنلا، بۇنىسى ھەممىسىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىرەر قەھرىمانى دەپ كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ! مۇشۇنداقمۇ ئۆلچەم بولامدۇ؟
ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق يېزىلىپ تۇرۇۋاتقان «جاۋاپلار»، ئىنكاسلارنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، تېخىمۇ تېتىقسىز مەنتىقىسىزلىقلارنى كۆرۈمىز: سىدىقھاجى نېمىلا دېسە دېسۇن، بەزى دەلىللەرنى كەلتۈرۈپتۇ. مەسىلەن، ئەركىن تارىمنىڭ قېينىئاتىسى ئامانلىق مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بىرىنچى نومۇرلۇق جاسۇس (ئەمما سىدىقھاجى خاتا قلىپ، نازارەتتە دەپ قويغان) دېگەن بولسا، رەددىيە بەرگۈچى چوقۇم ئەنە شۇ دەلىلنى ئاغدۇرماق لازىم كېلەمتى قانداق؟ يەنى مەسىلەن، ئەركىن تارىمنىڭ قېينى ئاتىسى ئامانلىق مىنىستىرلىكىدە ئەمەس، دىھقانچىلىق مىنىستىرلىكىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى دەلىللەپ كۆرسۈتۈش ئارقىلىق، بۇقاراشنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىلا، سىدىقھاجىنىڭ خاتا بولغان بولۇدۇ. ئەمما ئۇنداق بىرھالنى كۆرمەيسىز. كۆزنى يۇمۇۋېلىپ تىللاشنى كۆرۈسىز، ساراڭ، ئېشەك، توڭگۇز،...دېگەندەك ھاقارەتلەر. بۇ يەردە بىرلىرى قەستەن سۇنى لېيىتىۋاتقاندىن باشقا، ھىچقانداق ئىلمىيلىك يوق.
ئەگەر سىدىقھاجىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى پاكىت ئەمەس بولسا، ئۇنى دەلىللىمەك لازىم. ئەگەر بۇ ھەقتە دەيدىغىنىڭىز بولمىسا، ئەمما سىدىقھاجىنى يەنىلا ئەيپلىشىم كېرەكتى دېسىڭىز، ئۇ ھالدا سىدىقھاجىنىڭ «چېكى توختىمايدىغان»لىقىغادائىر سانسىز مىساللار، پاكىتلار بار. شۇلارنى تىلغا ئالسىڭىزمۇ بولاتتى. مەسىلەن، تېخى يېقىندىلا رادىئو ئۈچۈن ئادۋۇكاتلىق قىلغان ئىدى، ئەمدى ئۇنى تىللاپتۇ. يەنە شۇنىڭدەك ئەيىپلىگەن ئادەملىرىدىن بىرمۇنچىسى ئۆزى بىلەن بىر كېمىدە سايازغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. «ئۆزەڭ بىلەن بىر كېمىدە بولغاندىكىن نېمىشكە كېمىدىن چۈشۈرۈۋەتمىدىڭ؟» دەپ سورالسىمۇ بولۇدۇ.... ئەپسۇسكى، تور ئىنكاسچىلىرىمىزدا ئەزەلدىن ئىلمىيلىك بولۇپ باقمىدى؛ نۇقتىنەزەر بولۇپ باقمىدى. قارا- قويۇق تىللاش ياكى لىن بىياۋدەك ماختاش. ئەمما بۇنىڭغا سەۋەپ تەمىنلەشنى ئويلاپمۇ كۆرمەسلىك!
توپۇلاڭ ئىچىدىكى تەركىپلەر
بۇ توپۇلاڭدا مۇرەككەپ تەركىپلەر بار. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇپ يېزىۋاتىدۇ دېسەكمۇ بولۇدۇ. توپۇلاڭدىن ئاشۇ «قالىغاچ ئۇۋىسى... »دا تىلغا ئېلىنغان، ھەقىقەتەندىمۇ «كۆتى پوق» باچكىلار پايدا ئالماقتا. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ موھىم نۇقتا شۇكى، ئىنكاسچىلاردىكى قىزغىنلىق نەدىن كېلىۋاتىدۇ؟ ئەجەبا بۇ ئىنكاسچىلار پايدىلىق بىر بەس-مۇنازىرە تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز جىم- جىت ئىدىغۇ؟ ۋەتەن مىللەتنىڭ پايدىسىغا بىرەر ئىش قىلىشتا ھىچقاچان بۇنداق بىرلىشەلمەيتىغۇ؟ نېمىشكە شەخسلەر ئۈچۈن بۇنداق جىددىي؟ مەسىلەن، يېقىن ئۆتمۈشتە ئۆمەر قاناتنىڭ رادىئودىن قوغلۇنۇشى ھەققىدە ئىنكاسچىلارنىڭ قايناپ كەتكەنلىكى ئېسىمىزدە. شۇنداقلا توربەتچىلەرنىڭمۇ پوزىتسىيىسى ئىنتايىن گۇمانلىق! بەزى ھەققانىي نەرسىلەرنى ئۆچۈرۈپ توختاتمايدىغانلىقى، بەزى ھاقارەتلىك نەرسىلەرنى تۆرگە ئېلىپ قويۇشلىرى، بەزى شەخسلەرنىڭ ئابرويىنى قوغداشتىكى قەھرىمانلىقى (بۇ نۇقتىدا يەنە ئۆمەر قانات ئەپەندىنى مىسال قىلساق بولۇدۇ، ئۇنىڭ ئابرويى ئۈچۈن «پىت بازىرى» كېچە - كۈندۈز دېمەي كومپۇتېر ئالدىدا مىختەك ئولتۇرۇپ، تاكى ئىنكاسچىلار زېرىككىچە «قەتئىي كۆرەش» قىلغانىدى). مانا شۇ توربەتلەر بۈگۈن «قالىغاچ ئۇۋىسىدىكى سۆھبەت»تە ئىسمى زىكرى قىلىنغان باچكىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جان- جەھلى بىلەن كۆرەش قىلىشماقتا.
ئىنقىلاپچىغا ئايلاندۇرۇلغان بەزى جاناپلارنىڭ كىملىكىنى ئويلىساڭ كۈلۈپ كېتىسەن! ياشاپ كەت ئۇيغۇر! پەقەت سىدىقھاجى يامان دېگەچكىلا  بىر توپ مۇناپىقمۇ ئىنقىلاپچى دېيىلسە، بۇ قانداق مىللەت؟! دېمەك، بىزگە ئازاتلىق، مۇستەقىللىق كېرەك ئىكەنلىكىمۇ گۇمانلىق ھالغا كېلىدىغۇ؟!
«گۈمبەز» ياساش ئۇرۇنۇشى
ئاز-تولا تارىخ ئوقۇغانلارنىڭ خەۋىرى بار، ئاباق خوجا ھايات ۋاقتىدىلا ئۆزىگە گۈمبەز ياسىتىشنى باشلىغان. بۇ گۈمبەز ئۈچۈنمۇ تۈگۈمەس ئالۋاڭلار سالغان. گۈمبەزنىڭ ئەگمىسى توختىماي، نەچچە قېتىم گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن. ئاخىرى گۈمبەز  بۈگۈنكى ھالىتىدە پۈتكەن.
ئاپاق خوجىنىڭ مەخسىدى ئۆزىنىڭ قەۋرىسىنى بىر تاۋاپگاھقا ئايلاندۇرۇش ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە گۈمبەزلا بولسا تاۋاپ قىلغۇچىلار تېپىلاتتى. ئۇنى خېلى توغرا ئويلىغان دېمەي چارىمىز يوق. بىرنەچچە يۈز يىلدىن بېرى بۇ گۈمبەزنى نادان خەلقىمىز تاۋاپ قىلىپ كەلدى. ھەتتا ھەرەمنىڭ ئالدىغا قويۇۋالىدىغان رىۋايەتلەرنىمۇ توقۇپ چىقىرىشتى:
ئەرەبىستاندا ھەج قىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇرلاردىن سوراپتۇمىشلار:
—قەيەردىن كەلدىڭلار؟
—قەشقەردىن.
—ھە، ھېلىقى ئاپاق خوجا مەقبەرىسى بار جايدىنمۇ؟
—ھەئە شۇ يەردىن.
—ۋاي ئېسىت، نېمىشكە ئاۋارە بولۇپ كەلگەنسىلەر، شۇ قەبرىگە تاۋاپ قىلساڭلارمۇ ئوخشاشتى ئەمەسمۇ.
ھەتتا «بۇيەرگە كەلگەندىن ياخشىراقتى ئەمەسمۇ»دەپتۇ دېگەندەك رىۋايەتلەر تارقالغان.
راست دېگەندەك ئۇيغۇرخەلق چۆچەكلىرىدە تېخى بىر ئېشەكنىڭ قەبرىسىنىمۇ تاۋاپگاھ قىلىۋالغان بىر چۆچەك بارغۇ. گەرچە ئاپاق خوجا مازىرى بۈگۈنگە كەلگەندە لەنەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان بولسىمۇ، تېخىچە ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتى ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ نۇرغۇن ئاھالىسى ھېلىمۇ بۇ قەبرىنى مۇقەددەس بىلىپ كەلمەكتە.
بۇندىن باشقا نۇرغۇن مۇستەبىتلەرمۇ ھايات تۇرۇپلا ئۆزلىرى ئۈچۈن «گۈمبەز»،خاتىرە مۇنارىسى تىكلەش ئۇرۇنۇشلىرىدا بولۇشقانىدى. بۈگۈنكى دەۋردىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بەزى رەئىس جۇمھۇرلارنىڭ مۇشۇنداق ئۇرۇنۇشلىرىنى، ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى مۇستەبىتلەرنىڭ ھەريەرگە رەسىملىرىنى ئېسىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ تۇرۇپتىمىز. بۇلارمۇ ئەنە شۇ «گۈمبەز»ياساش ئۇرۇنۇشى بىلەن مەنىداش ھەركەتلەر سانىلىدۇ.
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ چەتئەلدىكى قىلىق ھەركەتلىرىمىزگە قايتىپ كەلسەك، مۇشۇنداق «گۈمبەز» تىكلەش ئۇرۇنۇشلىرىنى كۆپ ئۇچرۇتۇمىز. تارىخقا ئىمزالىرى چۈشۈدۇغان قەھرىمانلارنىڭ «گۈمبەز»لىرى بولۇدۇ. ئەمما بۇنى ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كېيىنكىلەر تىكلىگەن بولسا سۆيۈملۈك بولۇدۇ، مەڭگۈ چۆلدەرەپ قالمايدۇ؛ ئەگەر ئۆزى ھايات تۇرۇپلا ۋاسىتە تاللىماستىن ئۆزى قۇرۇشقا تىرىشقان «گۈمبەز» بولسا بۇنىسى ئۇ تېخى ھايات تۇرۇپلا لەنەتگەردى بولۇشى مۈمكىن. شۇڭا تەۋسىيەمىز: «ھەي شەرقىي تۈركىستان داھىلىرى، لېدىرلىرى! سىلەر ئۆزەڭلارنى ئۇنۇتقان ھالدا خىزمەت قىلىۋېرىڭلار، <گۈمبەز>نى بىز تىكلەيلى! كېيىنكىلەر تىكلىسۇن!»
مۇناسىۋەتلىك سەتچىلىك جەريانىداكۆرۈلگەن بىر ساختىپەزلىك
كۆپچۈلۈككە مەلۇم بولغىنىدەك، «ئازاتلىق» تورى خاس رابىيەخانىمنىڭ بېتى ھىسابىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى خانىمنىڭ بۈيۈك خىزمەتلىرىنى كۆپچۈلۈكنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش، ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىش. يەنى ئىككى ئاساسىي تۈردە بولۇپ، بىرى مەدھىيە، يەنە بىرى ھاقارەت.
كېيىن بۇ سىدىقھاجى روزىنىڭ ئاساسىي پىكىر سەھنىسى رولىنى ئوينىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق «ئوبزور»لىرى، «لىكسىيە»لىرى، «پوبلىستىكا»لىرىمۇ شۇ يەردە ئېلان قىلىناتتى. ئەگەر بۇ يەردە بەتنىڭ تۈپ مۇددىئاسىغا قارشى بىرەر تەنقىدىي ماقالە ئەمەس، ئىككى كەلىمە ئىنكاس بولغان تەقدىردىمۇ ئۆچۈرۈلەتتى. ھەتتا ئاي پى ئادرېسلىرى چەكلەپ قويۇلاتتى. نۆۋەتتە كىرىزىسقا سەۋەپچى بولۇۋاتقان «قالىغاچ ئۇۋىسى... »مۇ بۇ توردا قەپەزدىن چىققان ئىكەنمىش. ھەتتا سىدىقھاجىدەك مۇشۇنداق «قۇيرىقىغا تۈكى چىققان باچكا» بىلەن، ئازاتلىق تورىدا ۋە شۇنىڭ ئشتىن سىرتقى ھەمتاۋاقلىقىدا بولغان «ئەتلەنگۆش باچكىلار»نىڭ يېقىن ھەمكارلىقىمۇ بارىدى. چوڭ ۋە كىچىك باچكىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا بارلىققا كەلگەن مەخسۇس ھاقارەت قامۇسلىرىمۇ بارىدى. (بۇ قامۇسنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىمۇ مەشھۇر ئورۇن تۇتۇدۇغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن) بەلكىم نۆۋەتتىكى «قالىغاچ ئۇۋىسى... » دا شىۋىرلاشقانلارمۇ مانا شۇلار بولۇشى مۈمكىن. «قۇيرۇقىغا تۈك چىققان باچكا» بىلىم غەزىنىسى بولغاچقا خام ماتىرىيال تەمىنلىگەن، ئازاتلىقتىكى ھەمتاۋاق «ئەتلەنگۆش باچكا» يېزىپ چىققان بولۇشىمۇ مۈمكىن.
بۇ مەشھۇر خىزمىتى بىلەن دۇنيانى قىزىتىۋەتكەن «ئازاتلىق» تورى ئاڭلىسام مېنىڭ كىتاپلىرىمنى ئېلان قىپتۇمىش! بىرەر ماقالە ئەمەس، پۈتۈنسۈرۈك كىتاپلارنى! ۋاھ، بۇ نېمە گەپتۇ؟ بۇنىڭغا ئىلگىرى مېنىڭ ئىسمىم كەچكەن بىرەر ئىنكاسىنىمۇ يازالمىغان، ھەتتا چەكلىنىپ كەتكەن ئىنكاسچىلاردىن بەزىلىرى ھەيران قاپتۇ. ئىلگىرى بىرى بىر ھىكايە چاپلاپتىكەن، (ھىكايىنىڭ ئىسمىنىمۇ بېرەي، مەخپىي قالمىسۇن: «قان ئىچىدىكى بوۋاق»، بۇ ھىكايە بارىن ئىنقىلابىنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى جەريانىنى سۆزلىگەن، ھۆججەتلىك بىر ھىكايە، ھازىر «ئەينەك»تە بار) ئاۋال بۇ ھىكايىنى تەستىقلاپتۇكەن. كېيىن بۇنى ئەينەك تورىغىمۇ قويغاندىكىنلا، «ئازاتلىق»تىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان! ئەسلىدە ئۇلار بۇ ھىكايىنىڭ ئاپتورىنى بىلمىگەندە يارىغان، ئاپتورىنىڭ مەن بولۇش ئىھتىمالىم مەيدانغا چىقىشىغىلا يامان ھىكايە ھىساپلانغان ۋە ئۆچۈرۈلگەن! قاراڭلار، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن مانا بۇ تەقلىتتە ئىشلەيدىغان گەپ! ئازاتلىق ئۈچۈن مانا مۇشۇ پوزىتسىيە بىلەن كۆرەش قىلىدىغان گەپ. يەنى بىر نەرسىنىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق بولۇشى ئۆلچەم ئەمەس، ئاپتورى مەن تەرەپمۇ، ئەمەسمۇ؟ بۇنىسى ئۆلچەم! ئەمدىلىكتە نامايان قىلىۋاتقان بۇ تەرەپسىزلىككە قاراڭلار! ئادەمنىڭ ھەۋىسى كېلىدۇ.
مېنىڭ كىتاپلىرىمنى ئېلان قىلىشتىكى بۇ مەردانىلىكتىن غەرەز نېمىدۇ؟ «ئۇر - ئۇرغا قالغان» بۇ ۋەزىيەتتە تەقدىرداشلارنى كۆپەيتمەكچىمىدۇ؟ ئەپەندىمنىڭ خۇرجۇن يۈتتۈرگىنىدەك؟ ياكى «تورىمىز ئەزەلدىن تەرەپسىز، شۇڭا ھەرقانداق تۈردىكى يوللانمىلارنى رەت قىلمايدۇ. مەسىلەن،ئەڭ مەشھۇر ئۆكتىچى غۇلامنىڭ كىتاپلىرىنىمۇ بېرىۋاتىمىز، شۇ قاتاردا <قالىغاچئۇۋىسى .. >نىمۇ بەرگەنمىز، بۇنىڭ ئەجەپلەنگۈچىلىكى يوق، بۇ دېگەن ئەركىن مەتبۇئات، قاراشلار ئاپتورلارغا ئائىت» دېگەن سىگنالنى بەرمەكچى بولغانمىدۇ؟ ياكى «ھامىنى سەن <ياغلىقاپاق> بولغاندىكىن، بۇ ئىشتىمۇ سېنى شېرىكتەك كۆرسۈتۈپ، تېخىمۇ <ياغلاشتۇرۇۋېتەيلى>» دېگەن غەرەز يوشۇرۇنغانمىدۇ؟ بەلكىم شۇ بۈگۈندىن باشلاپ بىز ئەركىن مەتبۇئات بولۇشنى باشلىدۇق دېگەننى بىلدۈرىدىغاندۇ.
خۇلاسە
بولغان، بولۇۋاتقانلار ھەققىدىكى بۇ يازمىشىمنى خۇلاسىلىشىم كېرەكتەك قىلىدۇ.
ئىمزاسىز يازغان نەرسىلەر يۈرىكى پوك-پوكلارنىڭ قىلمىشى بولۇپ، ئوغۇرلۇقتىن پەرقى يوق. شۇڭا ئۇنى بىر ئەخلەت ھىساپلاشلا كېرەك. ئىككىنچى، ئادەم ۋە ھادىسە باھالاشتا بىر ئىنقىلابىي ئۆلچەم بولۇشى كېرەك؛ ھەرگىزمۇ «سەن ياخشى دېگەننى مەن يامان دەيمەن، سەن يامان دېگەندىكىن، مەن ھەممىسىنى ياخشى دەيمەن» شەكلىدىكى بالىلارچە، ھەتتا مەتۇلارچە ئۆلچەمنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، سىدىقھاجىنىڭ «قالىغاچ ئۇۋىسى... »دا ئەيپلەنگەنلەر ئىچىدە بەك چەكتىن ئاشقان، ئەخلاق چېگرالىرىدىن چىقىپ كەتكەن، ئۇۋال قىلىنغانلار ئەلۋەتتە بار. ئەمما ئۇنىڭدا ھەقىقەتەنمۇ راستى دېيىلگەن، خەلققە تونۇتۇپ قويۇشقا تېگىشلىك بولغان، ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆرۈۋېلىشىمىز زۆرۈر بولغان فائىلى مەجھۇل شەخسلەرمۇ ئاز ئەمەس. (بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختۇلۇشنى ئايرىم ماقالىدا قولغا ئالىمىز)
ئاقكۆڭۈل، سىياسىي تەقدىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈدۇغان كىشىلىرىمىزگە تەۋسىيەمىز شۇ: بۇ بىر مەيدان خامتالاش كومپانىيىسىگە قېتىلماڭ، بۇ «دوستقا تاپا، دۈشمەنگە كۈلكە» بولۇدۇغان زىيانلىق بىر ئىش؛ نۆۋەتتىكى بىزنىڭ ئەمەلىيىتىمىزدىن ئېيتقاندا رابىيە قادىرنى بېسىپ چۈشۈدۇغان بىرەر نوپۇز يوق، ئۇنداقكەن، ئۇنى خامتالاشتا يوق قىلىۋېتىشنىڭ ئۆزىمىزگە زىيىنىلا بار.
تەنقىدلەشكە ئەلۋەتتە بولۇدۇ، تەنقىدلەشتە نۇقتىئىينەزەر بولۇشى لازىم. مەلۇم خاتا نۇقتا، ئەگرى كەتكەن بىر پاكىتنى تۇتۇپ،تەنقىدلىسىڭىز بولۇدۇ. ياكى، سىدىقھاجىدەك ئوبزورچىنىڭ تەنقىدلىرىدە تىلغا ئېلىنغان پاكىتلاردىن ساختىلىرىنى، يالغانلىرىنى ئېچىپ بېرەلىسىڭىز، ئەنە شۇ نۇقتىنى تۇتۇپ تەنقىدىڭىزنى قاناتيايدۇرۇوڭ. ھىچقانداق سەۋەبىيەت كۆرسەتمەستىنلا كۆزنى يۇمۇۋېلىپ تىللاش ئىلمىيلىك ئەمەس، ئادىمىيلىك ئەمەس، تەربىيىلىك، ئەخلاقلىق بىر ئادەمنىڭ قىلىقى ئەمەس. دەل شۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئاتالمىش ئىنكاسچىلار بۇئىشنى ئىمزاسىز قىلىشماقتا. چۈنكى تارىخ ھامان كېيىنكىلەر تەرىپىدىن يېزىلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا، تارىخ يازغۇچى مۇشۇ دەۋرنىڭ يازما ھۆججەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ،ئاندىن يازىدۇ. ئەگەر ئاۋۇ «ئىنكاس»لار ئىمزا بىلەن يېزىلسا مانا شۇتارىخقا، بۇ ئىنكاسچىلار بەك شەرەپلىك بىر شەخس سۈپىتىدە قىستۇرۇلماي قېلىشىنى بىلگەچكە، ئەنە شۇنداق ئىسمىنى يوشۇرۇپ غەۋغانى ئۇلغايتىدۇ. شۇلارغا خىتابىمىز: جاناپ، ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولسا نېمىشكە روپاش خېنىمدەك، چۈمبەلنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ گەپ قىلىسىز؟ جامائەتكە كۆرۈنگىدەك يۈزۈڭۈز يوق ئوخشىمامدۇ؟
ئەمدى زېدىلەنگەن نوپۇز توغرىسىدا نېمە خۇلاسىمىز بار؟ زېدىلەنگەن نوپۇزنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولارمۇ؟ بۇنىڭ مۈمكىنچىلىكى يوق. چۈنكى زېدىلەنگەن نوپۇز —سۇنغان جانان چىنىگە ئوخشايدۇ. سۇنغان چىنىنى قاداقچىغا قاداتقىلى بولسىمۇ نۇقسانلىق، كۆرۈمسىز بولۇپ قالۇدۇ، ھەرگىزمۇ بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ. ئەمما بۇ نوپۇز، ئاشۇ زېدىلەنگەن ھالىتى بىلەنمۇ يەنە ئەڭ يوقۇرى نوپۇز بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. قاداتقان چىنىگە يەنىلا سۇ ئالسا تۇرۇدۇ! ھىچ بولمىغاندا چەتئەللىكلەرنىڭ تونۇشى بىلەن شۇنداق. ئۇنداقكەن، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ھاقارەتلەرگە ئاۋاز قوشۇپ، نوپۇزنى تېخىمۇ يوق قىلىش، كۈلىنى كۆككە سورۇشقا ھەسسە قوشماي، شۇ بۈگۈنكى ھالىتىدە بولسىمۇ ساقلاپ قېلىشقا تىرىشسا، بۇنى بىر مىللىي بۇرچ ھىسابىدا قىلسا، توغراقىلغان بولۇدۇ. نوپۇز ئۆزى مۇشۇ ساۋاقلاردىن دەرس ئېلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن، كەلگۈسىنىڭ بىر نوپۇزىنى تىكلەش ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ ھۇل سالسا توغرا قىلغان بولۇدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:46 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.228931 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش