تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1141|ئىنكاس: 0

ھارغىن قەشقەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
ۋاقتى: 2015-10-18 13:01:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن
"كىچىكىمدە قەشقەردىكى باغچىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم." دەپ باشلاپتۇ سۈرگۈن قەشقەردىكى كەچۈرمىشلىرىنى. "باغچىنىڭ ئالدىدىكى پۇتبۇل مەيدانىدا مۇسابىقە كۆرگەندىكى ھاياجانلىرىم ھازىرمۇ ئېسىمدە. چەتئەللەردە سەرسان بولۇش جەريانىدا ياۋروپاغا مەشھۇر كۇلۇپلارنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆردۈم. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىلىرىنىمۇ نەق مەيداندىن كۆرۈپ باقتىم. ئەمما قەشقەردىكى ئاشۇ پۇتبۇل مەيدانىدا ۋارقىراپ ئۈنلىرىم پۈتۈپ كەتكەن قىزغىنلىقنى؛ ئۆزۈمنى، ۋاقىتنى، دۇنيانى ئۇنتۇپ مەيداندىكى توپچىلار بىلەن، مۇسابىقە بىلەن بىر تەن بىر جان بولۇپ كەتكەن ھىسسىياتنى تاپالمىدىم.
قەدىمكى مەھەللىلەر شۇنچىلىك مۇڭلۇق، شۇنچىلىك غېرىپ، شۇنچىلىك ئۈنسىز. ئەمما يېڭىدىن ئاۋاتلاشتۇرۇلغان ھىچ يەردە جىمجىتلىق يوق. ئاپتوبۇستا ئېلان قۇلاقنى زېرىكتۈرىدۇ، باغچىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇق ئويۇنچۇقلار مىڭەڭنى يەيدۇ. شەھەردىكى ئازراق ئادەمسىز بوشلۇق تىپىلسا شۇ يەرگە ئۇسۇلچىلار پەيدا بولىدۇ-دە كانايلاردىن، ياڭراتقۇلاردىن چىققان جالدۇر-جۇلدۇر سادالار نېرۋاڭنى قوچۇشقا باشلايدۇ. قەشقەر قۇچاقلاپ ئاقىدىغان تۈمەن ئاساسەن قۇرۇغان، تۈمەننى ئوراپ ئۇزاقلارغا بوي سوزغان گۈل بەرگىدەك كۆللەر قۇرىغان ئېدى. قەشقەرنىڭ يۈزلىرى قورۇپ يېرىلغان، لەۋلەرى چاڭقاپ قوۋزاقلىغان ئېدى. مەن سېغىنغان چىرايلار مۇڭلانغان، قامەتلەر ھالسىرىغان. مۇدھىش ئىس تۈتەك، بىزەڭ توپا-تۇمان ھەممە يەرنى قاپلىغان. ماڭا ھەممە نەرسە يېڭى. كوچىدىكى دەرەخلەردىن تارتىپ كوچىنىڭ ئىسىملىرىغىچە يات. مەن رومانلاردىن ئوقۇپ ئىشتىياق باغلىغان يۈز يىل بۇرۇنقى پارىژدىكى بىنارلار شۇ پېتى، بوۋام تەسۋىرلەپ بەرگەن ئىستانبول كوچىلىرىدا ئېزىپ قالمايمەن. ئەمما ئۆزۈم چوڭ بولغان قەشقەر ماڭا يات، ناتونۇش. ماڭا قەشقەردە بىنالار بارغانچە ئىگىزلەپ كىشىلەر بارغانچە پاكارلاپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.
قەشقەر ئۇيغۇرلىرى تولىمۇ نۇرسىز، سۇلغۇن، ھارغىن كۆرىنىدىكەن. قارىماققا ئۇلارنىڭ جۇغى ۋىۋىسكىلاردىكى ئۇيغۇرچە خەتلەردەك ۋىجىك، ئۆلچەمسىز ۋە ئاجىز تۇيىلىدىكەن. خۇددى مەن كۆرگەن چەتئەل شەھەرلىرىدىكى بارلىق روھسىز، ئىمكانسىز، زەيىپ كىشىلەر قەشقەرگە يىغىۋىلىنغاندەك. مەسجىدلەرگە كىرسەڭ تېخىمۇ شۇ. گېزىتلەرنى ئوقۇپ بەرگەندەك ئاڭلىنىدىغان خۇتبە ۋە تەبلىقلەر. بىر جۈمە كۈنى غەزىنىچى بەگ مەھەللىسىدىكى بىر جۈمە نامىزىغا داخىل بولدۇم. خاتىپ مۇنبەردە تۇرۇپ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ بولالماي دەرىزە ئالدىغا كېلىپ تەبلىق قىلدى. ئەمما جامائەت كۆپ بولغاچقا يەنىلا ئاڭلىيالمىدۇق. كىشىلەر ئارام ئالىدىغان جامائەت سورۇنلىرىدا ياڭراتقۇلارنىڭ كاكىرىشى بىلەن مەسجىدلەردە كانايسىز قېلىشى روشەن سېلىشتۇرما ئىكەن.
كىشىلەر ھالسىز، ھارغىندەك قىلغان بىلەن ئاشخانىلار ئاۋات،چايخانىلار ئاۋات، دېسكوخانىلار قايناق ئىكەن. مەن بىلەن ساۋاقداش ئوقىغانلارنىڭ بىر ئىككى يۈرۈش ئۆي، ئېسىل ماشىنىسى بار ئىكەن. لېكىن چىرايلىرىدا شۈكۈرچانلىقتىن باشقا مەزگىلسىز قورۇق، چاچلىرىنى ئاق ئارىلىغان. بەدەن ھارغىن بولغاچ ھەرخىل كېسەللەر چىرمىغان، روھ سۇلغۇن بولغاچ چىرايدا نە نۇر، نە زوق ۋە شاتلىق يوق. نېمە ئۈچۈن؟ يەۋاتقان تاماق ئىشەنچسىز، سېتىۋالغان تاۋار ئىشەنچسىز. ئىدارىدە ئىقتىدارىغا، جەمئىيەتتە بىخەتەرلىكىگە، ئائىلىدە سالاھىيىتىگە كاپالەت يوق. كىشىلەر توپلىنىشقا، جامائەتچىلىككە شۇنچە ئۆزىنى ئۇرىدىكەن، ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ئۇنۇتقان ھالدا جامائەتچىلىكتىن، ئادەمىگەرچىلىكتىن قالمايدىكەن، ئەمما يەنىلا ئەنسىز، شۇنچە ئادەم جامائەت ۋە ئىزدەپ قانماس تۇققانلار ئىچىدىمۇ ئۆزىنى كۈچسىز، يالغۇز،خەۋپتە ھىس قىلىدىكەن. ئۆزى خالىمىغان خىزمەتنى قىلىش، ئۆزى ياقتۇرمىغان كىشىلەر بىلەن ئىشلەش، ئۆزى مەجبۇر مۇھىتتا ياشاش، ئۆزى شەك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىستىمال قىلىش، خاتالىقنى بىلىپ تۇرۇپ خاتالىشىش، ھارامنى بىلىپ تۇرۇپ رەت قىلالماسلىق، ئادالەتسىزلىككە نارازى بولۇپمۇ باقماي باش ئىگىش، ھەق سۆزدىن تىلىنى، ھەق يولدىن ئۆزىنى تارتىش كىشىلەرنى ھارغىن قىلىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن. ياشاشقا ماھىر، سۈلكەتلىك قەشقەر ئۇيغۇرلىرى بەلكىم ئاشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، تەشۋىشلىك ھايات سەھنىسىدە بىرلا ۋاقىتتا نەچچە خىل رول ئىلىپ بولالماي ھىرىپ كېتىۋاتقان بولسا كېرەك.
ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر.
مەنبە: http://bbs.bagdax.cn/thread-35372-1-1.html

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:09 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.139801 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش