تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2659|ئىنكاس: 1

پەيغەمبەر يولىدىكى خەلىپىلىك ۋە «د ئا ئى ش» يولىدىكى خەلىپىلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
پەيغەمبەر يولىدىكى خەلىپىلىك ۋە «د ئا ئى ش» يولىدىكى خەلىپىلىك

ئاپتور: دوكتۇر ئەھمەد رەيسۇنى

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇستاپا كامال ئىسلام دۇنياسىدا ھەربى ئىنقىلاپ قوزغاپ، ياۋروپانىڭ ئوسمان خەلىپىلىكنى بىكار قىلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلدى. شۇ چاغدا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار يېتىم قالغانلىقىنى ھېس قىلىشتى، شۇ كۈندىن تارتىپ خەلىپىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان غەيرەتلىك بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئارزۇسىغا ئايلاندى.
تۈركىيىدىكى ئوسمان خەلىپىلىكىنىڭ قولدىن كېتىشى ئىسلام دۇنياسىدا بىر قانچىلىغان زامانداش ئىسلام ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولدى. يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىسلام ھەرىكەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى خەلىپىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدىيىسىگە باغلانغان ئىدى. "ھىزب تەھرىر"گە ئوخشاش بەزى ئىسلام ھەرىكەتلىرى خەلىپىلىك تۇرغۇزۇشنى ئويغىنىش پىلانىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ قارىدى. "مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى"غا ئوخشاش بەزىلەر ئۇنى ھەرىكىتىنىڭ غايىسى قىلىپ بەلگىلىدى. "تەبلىغ" ۋە "نۇر ھەرىكىتى"گە ئوخشاش يەنە بەزى ئىسلام ھەرىكەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ مۈشكۈللىرى خەلىپىلىك ياكى سىياسى مەسىلە ئەمەس؛ بەلكى دىندىن يىراقلىشىش، ئىمان ۋە دىندارلىقتىن سۇسلىشىپ كېتىش مەسىلىسى دەپ قارىدى.
بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە، مورىتانىيە، مىسىر، سۇدان، لىۋىيە، تۇنىس، ئالجىرىيە، ماراكەش... دېگەندەك ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى ئەۋلاد ئىسلام ھەرىكەت ۋە ئېقىملىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇلار خەلىپىلىكنى ئېنىق پروگرامما قىلماي؛ شەرىئەت بويىچە مېڭىش، ئەركىنلىكنى قانات يايدۇرۇش، كېڭەش ئاساسىدا ئىش قىلىش، ئادالەتنى تەتبىقلاش ۋە توغرا سىياسەت يۈرگۈزۈش دېگەندەك شەرئىي سىياسەتنىڭ ئەمەلىي بەلگىلىك مەقسەت ۋە نىشانلىرىنى تۇتۇپ ماڭدى.
بولۇپمۇ ئاخىرقى 30 يىل مابەينىدە بۇ ئىككىنچى ئەۋلادنىڭ كۆز قارىشى ئىسلام ھەرىكەتلىرى ئىچىدە يىلتىز تارتىشقا باشلىغان بولۇپ، ئىسلام خەلىپىلىكى دېگەن شوئارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاتالغۇغا ئەمەس مەزمۇن ۋە مەقسەتكە مەركەزلەشتۈرگەن.
يېقىنكى كۈنلەردە بۇ شوئار "«د ئا ئى ش»" ئارقىلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى ۋە ئىلمى مەيداندا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولدى.نەتىجىدە خەلىپىلىك ئارزۇسى ئىسلام دۇنياسىدىكى مىڭلىغان ياشلارنىڭ ئارزۇسىغا ئايلاندى. بەزىلەر بەيئەت قىلدى، بەزىلەر يىراقتىن قوللىدى، يەنە بەزىلەر نەتىجىسىگە قاراپ تۇردى.
ئىسلام دۇنياسىدىكى(20مىڭدىن ئارتۇق ئالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) «دۇنياۋى مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسى» 2014-يىلى 7-ئاينىڭ،3-كۈنى «د ئا ئى ش»نىڭ خەلىپىلىكىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ، «د ئا ئى ش»نىڭ خەلىپىلىكىنىڭ يولسىزلىقى، خەلىپىلىك تىكلەشنىڭ شەرت ۋە قىممەت-قاراشلىرىغا توشمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇسۇلمان ئالىملار بىرلەشمىسى:«بىز ئالىملار پەيغەمبەرنىڭ يولى بويىچە ئىسلام خەلىپىلىكىنى تۇرغۇزۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. خەلىپىلىكنىڭ مۇمكىن بولسا بۈگۈنلا مەيدانغا كېلىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
خەلىپىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئارزۇ قىلغۇچىلارنىڭ تايىنىدىغان دەلىلى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىستۇر. رەسۇلۇللاھ بۇ ھەدىستە:«ئاللاھ خالىغان مۇددەتكىچە پەيغەمبەرلىك داۋاملىشىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر تۇتۇپ ماڭغان يول بويىچە خەلىپىلىك بولىدۇ، بۇ خەلىپىلىكمۇ ئاللاھ خالىغان مۇددەتكىچە بولىدۇ. ئاندىن پۇقرالارغا زۇلۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈمى باشلىنىدۇ، بۇ تۈزۈم ئاللاھ خالىغان مۇددەتكىچە داۋاملىشىدۇ. ئاندىن كىشىلەرنى خالىمايدىغان ئىشلارغا مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى زومىگەر پادىشاھلىق بولىدۇ، بۇ تۈزۈممۇ ئاللاھ خالىغان مۇددەتكىچە داۋاملىشىدۇ.ئاندىن پەيغەمبەرنىڭ يولى بويىچە خەلىپىلىك بولىدۇ» دېگەن.
بۇ ھەدىسكە نەزەر تاشلىساق، بىرىنچىدىن:ھەدىس ئىسپاتلىنىش ۋە ساغلاملىق جەھەتتىن ئاجىز لىقتىن خالى ئەمەس. ھەدىسشۇناسلار بۇ ھەدىس توغرىسىدا بەرگەن يۇقىرى باھا ئىسنادى (يېتىپ كېلىش يولى) «ھەسەن» دەپ باھا بەرگەن. ئۈممەتكە ئالاقىدار چوڭ مەسىلىلەر ۋە مۇھىم ئىشلارنى مۇنداق ھەدىسكە تايىنىپ يەكۈنلەش توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەدىستىن بىشارەت ئالساق ۋە ئۈمىدۋارلىقنى قانات يايدۇرساق بولىدۇ. جىددى چوڭ مەسىلە بولسا، چوقۇم تېكىستلىرى ساغلام بولغان ھۆججەتلەر بولىشى لازىم.
ئىككىنچىدىن:بۇ تېمىدا مۇشۇ دەرىجىدىكى ياكى ئۇنىڭدىن سەل يۇقىرى دەرىجىدىكى ھەدىستىن بىرسى بار. ئۇ سەپىنەنىڭ ھەدىسى بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇ ھەدىستە:«پەيغەمبەرنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغان خەلىپىلىك 30 يىل بولىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ھاكىملىقنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ»دېگەن (تىرمىزى ۋە ئەبۇۋادۇد رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىس پەيغەمبەرنىڭ يولى بويىچە بولىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق خەلىپىلىكنى تىلغا ئالمىغان.
ئۈچىنچىدىن: ھەر ئىككى ھەدىستە بىر ئىشقا بۇيرۇغان ياكى توسقان كۆرسەتمە يوق. قايسى بىر ئادەم خەلىپىلىك ۋە ئۇنىڭ نازۇك مەسئۇلىيىتىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ پەرز قىلغان ئىشنى قىلدىم دەپ دەۋا قىلسا، مۇنداق ھۆكۈم قەيەردە بارلىقىنى ۋە خەلىپىلىكنىڭ ۋاجىپلىقىنى بىزگە دەپ بەرسۇن؟ بولمىسا قۇرۇق دەۋاگەر بولۇپ قالىدۇ.

خەلىپىلىك ئىككى يول ئارىسىدا
توغرا يول تۇتقان خەلىپىلىك ياكى پەيغەمبەر مېتودىدىكى خەلىپىلىك ئاتالغۇسىغا قارىساق، ئۇنىڭ سۈپەت ۋە ئەھۋاللىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايقايمىز:
1.ئۇ خەلىپىلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن رازى ۋە خۇرسەن بولغان. بىراق «د ئا ئى ش»نىڭ خەلىپىلىكىگە قارىساق بىرەر مۇسۇلمان دۆلىتىنى ياكى بىرەر مىليون مۇسۇلمانلارنى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئالغان ئىش يوق. ئۇنىڭدىن سىرت شۇلار باشقۇرۇۋاتقان زېمىندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى قايىل بولۇپ، رازى بولۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈم يۈرگۈزۈشىنى ياخشى كۆرگەنلەرمۇ؟. ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس.
2.نورمالدا خەلىپە سايلاش مەسىلىسى ئۈممەت ئىچىدىكى بىلىملىك ۋە ئورنى بار ۋەكىل خاراكتېرىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن بولاتتى. ھەزرىتى ئۆمەر:«قايسى بىر ئادەم مۇسۇلمانلار بىلەن مەسلىھەتلەشمەي تۇرۇپ ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئېلان قىلىپ بەيئەت ئالغان بولسا، بۇ ئادەمگە ۋە بەيئەت بەرگەن ئادەمگە ئەگىشىشكە بولمايدۇ. كىم شۇنداق قىلغان بولسا ئۆزىنى ئۆلۈمگە تەڭلىگەن بولىدۇ» دېگەن. (بۇخارى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
بىراق «د ئا ئى ش»نىڭ دەۋاگەر خەلىپىسىگە كىم بەيئەت بەردى ۋە كىم تاللىدى بىلمەيمىز؟ ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى قىممىتى ۋە ئورنى قانچىلىك؟ بىزنىڭ بىلدىغىنىمىز ياردەمچىلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىدىن بىر بۆلەك ئادەملەر بەيئەت بەرگەنلىكىدە شەك يوق. بەلكىم بۇ ئۇلارنىڭ خاس ئىشلىرىدا ئەمىر بولۇش سالاھىيىتىنى بېرىشى مۇمكىن. بىراق مۇشۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى بولۇپ كېتىشى قۇرۇق گەپ.
3.خەلىپە سايلاش قىلىچ، تەھدىت، مەجبۇرلاش ۋە جازالاش تەھدىتلىرى ئاستىدا ئەمەس، مۇتلەق ئەركىنلىك ۋە تولۇق خاتىرجەملىك ئىچىدە ئېلىپ بېرىلاتتى.
تەشۋىقات ۋاستىلىرى سۆزلەۋاتقان «د ئا ئى ش»نىڭ خەلىپىلىكىگە كەلسەك پىتنە ۋە ئۇرۇش قاينىمىدا، قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش ۋە مەجبۇرلاش ئىچىدە ئېلىپ بېرىلماقتا ۋە مەجبۇرى تېڭىلماقتا.
بۇنىڭدىنمۇ ئاددى ئىشلارغا قارايدىغان بولساق، ئىمام مالىك: مەجبۇرلانغان ئادەمنىڭ قىلغان تالىقى چۈشمەيدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن. ئۇنداقتا مەجبۇرلىنىش ۋە قورقۇش ئىچىدە بەيئەت بەرگەن ئادەمنىڭ بەيئىتى ئىناۋەتسىز.
4.توغرا يول تۇتقان خەلىپىلىك يولى بىرلىك، رەھمىدىللىك ۋە مۇسۇلمانلارغا نېمەت ئىدى. ئۇ خەلىپىلىك بۈگۈنكىدەك مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش خەلىپىلىكى، ياكى ئىنتىقام ئېلىش، پىتنە تېرىش ۋە قىيناش خەلىپىلىكى ئەمەس ئىدى.
5. پەيغەمبەر يولىدىكى خەلىپىلىك قۇرۇق شوئار، قۇرۇق بايانات، كۆرۈنۈش ۋە لەقەم بولماستىن؛ مەقسەت، مەزمۇن ۋە ئەمەلىي ئىشلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىدى. ئىمام بەغەۋى"شەرھ سۈننە"ناملىق كىتابىدا مۇنداق نەقىل كەلتۈرگەن:"ھەقىقى خەلىپىلىك دېگەن مۇشۇ ئىسىمنى قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئارقىلىق تەستىقلىغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى تۇتۇپ ماڭغانلارغا ئىشلىتىمىز. ئەگەر ئۇلار سۈننەتكە خىلاپلىق قىلسا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھايات مېتودىنى ئۆزگەرتىۋەتسە، ئۇ چاغدا ئۇلار خەلىپە دەپ ئاتالسىمۇ، پادىشاھ دەپ قارىلىدۇ".
لەقەملىرىنى بىزەپ، ئۆزلىرىنى مۇقەددەس كۆرسىتىپ ۋە نەسەبلىرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قالدۇرغان نۇرغۇن ھاكىملار بار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۈممەت ۋە خەلققە پىتنە-پاسات، خاپىلىق، ھالاكەت ۋە بۇزغۇنچىلىقتىن باشقا پايدىلىق ئىش قىلىپ بەرگىنى يوق. بەزى خەلىپىلەر توغرىسىدا شائىر مۇنداق دېگەنىكەن:
ئەندەلۇس(ئىسپانىيە) زېمىنىدا ئۆز جايىغا قويۇلمىغان مەملىكەت لەقەملىرى ماڭا ياقمايدۇ.
ئۇ لەقەملەر ئىچىدە شەرىئەتنى قوللىغۇچى ۋە ئاساس سالغۇچى دېگەن لەقەملەر مۈشۈككە ئوخشاش بولۇپ، ئۆزلىرىنى چوڭ كۆرسىتىپ شىرنىڭ سۆلىتىنى ھېكايە قىلىشىدۇ.
مۈشۈك ئەسلىدە ياخشى كۆرۈلىدىغان مەخلۇق، مۈشۈكنىڭ ۋەزىپىسى بار. بىراق مۈشۈك ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ئۆزىنى شىر دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى ئورمان پادىشاھى قىلىپ تىكلىۋالسا، ھەممە نەرسىنى يوقىتىپ قويىدۇ ۋە قىممىتى يوق نەرسىگە ئايلىنىدۇ.
ئىمام ئەللامە تاھىر ئاشۇر:"شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرى ئىسىم ۋە شەكىلگە ئەمەس؛ مەزمۇن، مەقسەت ۋە سۈپەتلەرگە باغلىقتۇر"دېگەنىدى. يەنى شەرئى ئەھكاملار شەكىل، ئىسىم ۋە كۆرۈنۈش ئۈستىگە قۇرۇلمايدۇ. بەلكى نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى ۋە تەسىر كۆرسىتىدىغان سۈپەتلىرىگە رېئايە قىلىش ئاساسىدا يەكۈنلىنىدۇ.
شەرىئەتتە ئىسمى ياكى لەقىمى ياكى شەكلى ياكى رەڭگىگە قاراپ ھارام دەيدىغان ياكى مۇباھ دەيدىغان ياكى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىش مەۋجۇد ئەمەس. تاھىر ئاشۇر:«شەرىئەتنىڭ مەزمۇن ۋە مەقسەتلىرىنى تولۇقلىمىغان بەزى ئەھكاملارنى نەرسىلەرنىڭ ئىسمىغا ياكى يۈزەكى شەكىللىرىگە قاراپ خىيال قىلىپ قېلىشتىن ساقلان، بولمىسا چۈشەنچە خاتالىقىغا چۈشۈپ قالىسەن"دېگەن.
بىز توختىلىۋاتقان ھاكىمىيەت، خەلىپىلىك ۋە سىياسەت تېمىسىغا كەلسەك، شەرىئەت ئادالەتنى ئېلىپ كەلگەن، ھەر قانداق مەيدانلارنى ئادالەتنى تەتبىقلاشنى پەرز قىلغان. ھەر قانداق ئىشنى گۈزەل يوسۇندا قىلىشنى پەرز قىلغان. كېڭەش ئاساسىدا ئىش قىلىش، شەرىئەت قانۇنىنى تۇتۇپ مېڭىش ۋە مۇستەبىتلىكنى رەت قىلىشنى ئېلىپ كەلگەن. ئۆتۈنۈشنى مەدھىيىلىگەن، شەخسى ئىگىلىۋېلىشنى ئەيىبلىگەن. باراۋەرلىك، كەمتەرلىكنى ئېلىپ كەلگەن، زوراۋانلىق ۋە زومىگەرلىك قىلىشنى ھارام قىلغان. خەلقنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكلىرىنى قوغداشنى ۋە پايدا يەتكۈزۈشنى پەرز قىلغان، باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە قول سوزۇش، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، ئوغرىلىۋېلىش، بۇزۇپ چېچىش ۋە ئادالەتسىزلىك قىلىشنى ھارام قىلغان. بۇ شەرىئەت ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن. كۈچلۈكلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلىشى، ھەددىدىن ئېشىشى ۋە زۇلۇم قىلىشىدىن چەكلىگەن. شەرىئەت ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىكنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش، قورقۇنچ ۋە خاتىرجەمسىزلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كەلگەن شەرىئەتتۇر...
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى دىنىمىزنىڭ ئاساسلىرى، پەرزلىرى، كەسكىن پرىنسىپلىرى بولۇپ، ئورنى ۋە دەلىل-پاكىتلىرى ئېنىق روشەن. ئەگەر خەلىپىلىك دېگەن ئىسىمنىڭ سايىسىدا يۇقىرىقى مەقسەت ۋە مەزمۇنلار رېئاللىققا ئاشسا، نېمىدېگەن ياخشى خەلىپىلىك ھە!، بىزنىڭ مەقسەت قىلىدىغىنىمىز دەل مۇشۇنداق خەلىپىلىك. ئەگەر يۇقىرىقى پرىنسىپال مەسىلىلەر خەلىپىلىك سايىسىدا يوقاپ كېتىپ ۋۇجۇتقا چىقمىسا، نېمىدېگەن ناچار خەلىپىلىك ھە!. بىز مۇنداق تۈرىنى ھەرگىز خالىمايمىز.
يۇقىرىقى ئەھكاملارنى، ئۇندىن باشقا پرىنسىپ ۋە مەقسەتلەرنى پەرز قىلغان شەرىئىتىمىز خەلىپە، ئىسلام خەلىپىلىكى ياكى خەلىپىلىك دۆلىتى دېگەن نامدا دۆلەت تۇرغۇزۇشنى پەرز قىلمىدى. شەرىئىتىمىزدە خەلىپىلىك ياكى دۆلەت تۈزۈمىنىڭ مۇئەييەن شەكىلدە تۇرغۇزۇلۇشى پەرز قىلىنمىغان. شۇنداقلا ھاكىمنى خەلىپە دەپ ئاتاڭلار، ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى خەلىپىلىك تۈزۈمى دەپ ئاتاڭلار دەپمۇ كۆرسەتمە كەلگەن ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن دەيمەنكى، ئەگەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدىن خەلىپىلىك تۈزۈمى ۋە خەلىپە دېگەن سۆز يوقاپ كېتىپ قالسا، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەگەر شەرئى سىياسەتنىڭ ئاساسلىرى بولغان ئادالەت، كېڭەش بويىچە ئىش قىلىش ۋە سىياسى تۈزۈمنىڭ قانۇنلۇقى بىرەر كۈن يوقاپ كېتىپ قالسا، مانا بۇ ئۈممەتكە نىسبەتەن چوڭ قىيامەتتۇر.
بىزگە قىلىچ ئارقىلىق كەلگەن ۋە قىلىچ ئارقىلىق خىتاب قىلىدىغان خەلىپىلىك شۇملۇقنىڭ سىگنالى ۋە ئۈممەتكە نىسبەتەن يامانلىقنىڭ مەنبەسىدۇر.
بىز قىلىچ ئارقىلىق كەلگەن ۋە قىلىچ بىلەن ھۆكۈم يۈرگۈزۈۋاتقان ھاكىملاردىن نۇرغۇن دەرد-ئەلەملەرنى تارتتۇق. بەزى تۈزۈملەر ھازىرغىچە قىلىچنى دۆلەت ۋە بايراقنىڭ شوئارى قىلىپ قوللانماقتا. قىلىچ، سىياسىتىنى تېڭىش ۋە مۇستەبىتلىك ئەمدى يېتەر.
قىلىچ دۈشمەنلەرنى توسالىسا، تاجاۋۇزچىلارغا رەددىيە بېرەلىسە، مۇناپىق ۋە ئىككى يۈزلىمە ئادەملەرنى باش ئەگدۈرەلىسە قارشى ئالىمىز. ۋەتەننى قوغداپ، چېگرىلارنىڭ ئامانلىقىنى ساقلىيالىسا ئالقىشلايمىز. بىراق بۇ قىلىچ مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكىگە قادالسا، كېڭەش ۋە شەرئى قانۇن بويىچە ئىش قىلماي ھوقۇقنى كۈچ ئارقىلىق ئىگىلىۋېلىش، ئۆزىچە ھاكىم بولۇۋېلىش ۋە ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە، بۇ قىلمىشى ۋە خەلىپىلىكى باتىلدۇر، ئىناۋەتىسزدۇر ۋە يولسىزدۇر.
ماقالىنىڭ مەنبەسى:

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇزەپپەر نەسرۇللاھ


تەرجىماندىن ئىلاۋە :
دۇنياۋى مۇسۇلمان ئالىملار تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىنىڭ خەلىپىلىكنى ئىنكار قىلىش مەقسىتى يوق. بۇ ماقالىنىڭ بىردىن بىر مەقسىتى خەلىپىلكىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلارغا، بولۇپمۇ ھازىرقى «د ئا ئى ش» تەشكىلاتىغا رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەت. خەلىپىلىك شەرتىنى ھازىرلىماي ۋە ئۈممەت ۋەكىللىرى بولغان ئالىملارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئېلان قىلىپ، بەيئەت بەرمىگەنلەرگە مۇرتەد دېگەندەك تۆھمەت چاپلايدىغان «د ئا ئى ش»قا ئىلمىي رەددىيە بېرىش مەقسەت. «د ئا ئى ش» تەشكىلاتى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان ئورۇنلارغا نىسبەتەن ھاكىم ۋە ئەمىردىن باشقا ئېتىبارى يوق.
خەلىپىلىك تۈزۈمى ئىسلام شەرىئىتىدىكى سىياسى تۈزۈمىنىڭ بىر شەكلى. شەرىئەتتىكى بىردىن بىر سىياسى تۈزۈم بۇ ئەمەس. خەلىپىلىك تۈزۈمى دەپ ئاتىماي، ئىسلامنىڭ سىياسى تۈزۈمى ياكى شەرئى سىياسەت دەپ ئاتىسىمۇ بولىۋىرىدۇ. خەلىپە تۈزۈمى دەپ ئاتىمىساڭ بولمايدۇ دەيدىغان دەلىل يوق.
خەلىپىنى خەلىپە دەپ ئاتىماي سۇلتان، ھاكىم، ئىمام، باشلىق دەپ ئاتىسىمۇ دۇرۇس. چۈنكى پەقەت خەلىپە دەپ ئاتايسەن دەيدىغانمۇ دەلىل يوق.
ئاپتۇرنىڭ مەقسىتى ئىسىمغا ئەمەس، شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە قارايلى دېمەكچى. خەلىپە دەپ ئىسىم قويۇۋىلىپ، شەرىئەتنى تەتبىقلىمىسا قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.

39

تېما

56

يازما

556

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
556
ۋاقتى: 2015-9-21 17:05:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ بىر زۆرۈرىيەت بولۇپ قالغان مۇشۇنداق بىر باھا بېرىش. چۈنكى نۇرغۇن چالا مۇسۇلمانلار ۋە دىننى ھىچ بىلمەيدىغان، بىلىمدان مۇسۇلمانلارمۇ ئاۋۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە قاراپلا مۇسۇلمانلار زادى مانا شۇنداق دەپ چالۋاقاشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىشلار بولغانىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 01:45 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.167421 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 26 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش