تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1437|ئىنكاس: 1

يەنە بىر توپ مۇناپىقلىرىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

56

يازما

560

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
560
تارىخىي ھىساپكىتاپنى ئۇنتۇش، جىنايەتلەرگە سالاۋات قىلىۋېتىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يارىماس، ئەڭ ماز پاينەكلەرچە قىلمىشلىرىدىن بىرى بولۇپ، بىز مۇناپىقلارنى لەنەتگەردى قىلىپ، جىمى ئەھلىجاھانغا بىلدۈرۈش ئورنىغا يوشۇرۇدۇغان غەلىتە قىلىقىمىز بار. بىرەر يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن مۇجاھىت ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلسەك، خۇددى ئالەمنىڭ سىرىنى بىلىۋالغاندەك پىچىرلىمىغان ئادىمىمىز قالماي، ئاخىرى ئۇنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەپ بولۇمىزۇ، ئەمما بىرەر مۇناپىقنىڭ مۇناپىقلىقىغا ئائىت سىرنى بىلسەك، ئۇنى كۆز قارچۇغىمىزنى ساقلىغاندەك ساقلايدىكەنمىز. بۇ ھەقتە شەخسەن مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتكەن بىر نەچچە مىسال بار: رەھمەتلىك بارات ھاجى 2001لەردە بىر قېتىم ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر شەخسنىڭ ئۆيىگە بىر ئىش بىلەن ئالدىن خەۋەر بەرمەي تۇيۇقسىز كىرىپ قاپتۇ، كىرسە كونسۇلخانىنىڭ خىتايلىرىنى مىھمان قىلىپ ئولتۇرغان ئىكەن. گەرچە ئىسمىنى دېگەن بولسىمۇ، دەلىل قىلىش ئۈچۈن دېگەنلىرىنى يېزىپ بېرىشكە، ياكى ئاۋازغا ئېلىۋېلىشقا ھەرگىز ئۇنىمىغانىدى. بىر مۇجاھىت، پىشقەدەم جەڭچىمىزنىڭ غەلىتىلىكى! كانادادا بىر ۋەتەنپەرۋەر يىگىت بىر تاسادىپ ئەسىرى بىر مۇناپىق ئايالنىڭ خىتايلار بىلەن قاينىشىپ تۇرغان رەسىمىنى قولغا چۈشۈرۈپتۇ (ياكى ئۆزى تارتىۋاپتۇ) ئىشقىلىپ، ئۇنىڭدا شۇنداق بىر رەسىم بارىكەن. ئەمما ئۇ بىر قېتىم توردا ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتاي تەرىپىدىن تەنبىھ ئاڭلاپ، ئۆچۈرۈۋەتكەنچە، قورقۇپ كەتكەنمۇ، قايتا ئېلان قىلماپتۇ. كېيىن بىرسىگە بۇ رەسىم مەلۇم دەلىل ئىسپات ئىھتىياجى چۈشۈپ سورالغاندا بۇ ۋەتەنپەرۋەر يىگىت نۆزەمبىللاھ بۇ رەسىمنى بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ رەت قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ!
گېرمانىيەدە ئىككى نەپەر خىتاي جاسۇسى پاش بولغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر مىش مىشراق تەرىقىدە تارقالوغان بولسىمۇ، قۇرۇلتاي رەسمىي يوسۇندا بۇلارنىڭ ئىسمى، تەرجىمەھالى، رەسىمىنى ئېلان قىلمىدى؟ بۇلاردىن بىرى شايارلىق مەرھابا دېگەن خوتۇن، يەنە بىرى مۇرات خىرستيان دېگەن كىشى ئىكەن. بۇنداق نەخ ھىساپلارنى ئوتتۇرىغا يېيىشقا ئادىمىگەرچىلىكىمىز يول قويمايدۇيۇ، بىرلىرىنى گۇمانلار بىلەن (ئەمەلىيەتتە شەخسىي خۇسۇمەتتىن) مۇناپىق دەيدىغان بولساق پىت بازىرىنى چىتلىۋېتىدىكەنمىز.

ھىساپلار ئۇنتۇلمىسۇن ئۈچۈن بۇ رەسىمنى بۇ يەردە ئېلان قىلدىم. تونۇيدۇغانلار ئىسىملىرىنى ئېلان قىلىۋەتكەي.


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

63

تېما

70

يازما

580

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
580
ۋاقتى: 2015-10-26 04:54:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://www.trt.net.tr/uyghur/مەدەنىيەت-سەنئەت-ئۇچۇرلىرى/2015/10/26/تۈركىيە-–-خىتاي-ياشلا-دوستلۇق-ئەلچىلىرى-خىتاي-سەپىرىنى-باشلىدى-374218#.Vi4LLO9JkB8.facebook

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا ھەر قايسى ئۇنىۋېرستېتلاردىن تاللانغان 15 تۈرك ئوقۇغۇچى خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى «تۈركىيە – خىتاي ياش دوستلۇق ئەلچىلىرى» پائالىيەت پىروگراممىسىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ پىروگراممىغا تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرستېتلاردىن كەلگەن 15 تۈرك ئوقۇغۇچى بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئېچىلغان يىغىندا، باش ئەلچى يۈ خوڭياڭ تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي جەمئىيىتىنى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن چۈشىنىشىنى ھەمدە تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ھەسسە قوشۇشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ مۇخبىرلارغا، تۈركىيەدىن تاللاپ خىتايغا ئەۋەتىلگەن 15 تۈرك ئوقۇغۇچىنىڭ، خىتاينىڭ سىياسىي تارىخى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇماتلاردا قەيت قىلنىشىچە، «تۈركىيە – خىتاي ياش دوستلۇق ئەلچىلىرى» پىروگراممىسىغا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى، قەيسەرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرستېتى، ئىستانبۇلدىكى فاتىھ ۋە ئوكان ئۇنىۋېرستېتلىرىدىن 15 تۈرك ئوقۇغۇچى تاللانغان. بۇ ئوقۇغۇچىلار 2015 – يىلى 26 – ئۆكتەبىردىن 1 – نويابىرغىچە بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە نىڭشىيانى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭدىكى چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تۈركچە بۆلۈمىنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىدىكەن، مەدەنىيەت ۋە سىياسەت ساھەلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كونفرنسلارغا قاتنىشىدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-10 21:16 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.219391 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش