تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1698|ئىنكاس: 0

قورقۇنۇچلۇق سۈئىقەست

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

56

يازما

556

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
556
(ئاتالمىش »ئاپتونومىيە«چىلىك ئېلىپ كېلىدىغان پىسخىك پاجىئە)
خىتايلار ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى؛ بايلىقلىرىمىزنى تالاش؛ جىسمانىي بېسىملار، تەڭسىزلىكلەر،... دىن باشقا، پلان پروگراممىلىق ھالدا پىسخولوگىيىلىك بۇزغۇنچۇلۇق ئېلىپ بېرىشنى ئىزچىل داۋام قىلماقتا. ئۇزاق زاماننى نەزەردە تۇتقاندا خىتايلارنىڭ پىسخىك بۇزغۇنچۇلۇقى ھەممىسىدىن قەبىھ، ھەممىسىدىن خەتەرلىك ۋە قورقۇنۇچلۇق. چۈنكى، پىسخىك بۇزغۇنچۇلۇق بىزنىڭ روھىي دۇنيامىزنى بۇزۇشنى مەخسەت قىلغان بولۇپ، بىزدە قورقۇنچاقلىق، جۈرئەتسىزلىك، بۈگۈننىلا ئويلايدىغان كۆزى كىچىكلىك، شەخسىيەتچىلىك ئامىللىرىنى يېتىلدۈرۈپ، مەڭگۈ تەشكىللىنەلمەيدىغان؛ بىر-بىرىمىزگە ئىشەنمەيدىغان، ئەڭ موھىمى خىتايدىن قۇتۇلۇپ ئازاتلىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۆزى يەتمەس روھىي ھالەتنى ئۆزلەشتۈرۈشنى مەخسەت قىلىدۇ.
پىسخىك قايتا شەكىللەندۈرۈش ھەققىدە ھاياتىمىزدىن كونكرېت بىر مىسال بەرگەندىن كۆرە پىسخلوگلار كۆپ مىسال قىلىدىغان، «چارىسىزلىك» پىسخىكىسى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ۋاز كەچتۈرۈشنى جانلىق سۈرەتلەيدىغان ئۈچ مىسالنى تەكرارلايمەن:
بىرىنچى مىسال: بىر ئەينەك قاچىغا بىر چېكەتكىنى سولاپ قويۇپ، قاچىنىڭ ئاغزىغىمۇ بىر پارچە ئەينەكنى يېپىپ قويسىڭىز، ھەممە ياق كۆرۈنۈپ تۇرغاچقا، چېكەتكە تۇرغان يېرىنى بىر ئوچۇقچۇلۇق ھېساپلاپ، چىقىپ كېتىش ئۇرۇنۇشىدا سەكراشكە باشلايدۇ. بىر، ئىككى،... يۈز،... مىڭ،.... ئون مىڭ.... ئاخىرى چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇدۇ. بۇ پىسخىدىكى «چارىسىزلىق» پىسخىكىسى بولۇپ، يېڭى شەكىللەنگەن ئاڭ، ئۆز چارىسىزلىكىنى قوبۇل قىلىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. نەتىجىدە قاچىنىڭ ئۈستىدىكى ئەينەك پارچىسىنى ئېلىۋەتسىڭىزمۇ چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇش ھەركىتىنى تەكرارلىمايدۇ؛ مانا بۇ چارەسىزلىككە تەن بېرىش بولۇپ، يېڭىلگەن، پاسسىپ پىسخىكا.
ئىككىنچى مىسال: پىل بالىسى يېڭى تۇغۇلغاندا بىر كىچىك تەرەخكە باغلاپ قويۇسىز، پىل بالىسى يۇلۇقۇنۇپ سىناپ بېقىپ، بوشۇنالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندە يۇلقۇنۇشتىن توختاپ ياۋىشىپ ياتىدىغان بولۇدۇ. بۇ يوسۇن پىل بالىسى بىرنەچچە توننا ئېغىرلىقتىكى چوڭ پىلغا ئايلىنىدۇ. ئەمما شۇ چاغدىمۇ يەنىلا ھېلىقى كىچىك دەرەخ تۈۋىگە ئەكىلىپ باغلىسىڭىز تۇرۇۋېرىدۇ. گەرچە بۇنىڭدىنمۇ چوڭ دەرەخنى قومۇرۇۋېتەلەيدىغان كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، ئۆز كۈچىنىڭ پەرقىگە يېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان «چارىسىزلىق»ىنى تەن ئالغان.
ئۈچىنچى مىسال: ئېيىقنى ئۇسۇل ئوينۇتۇش. بىر پولات تاختىنى ئاستى تەرەپتىن قىزدۇرۇسىز، ئۈستىگە بىر ئېيىقنى چىقىرىپ قويۇسىز ۋە بىر تەرەپتە داپ چېلىپ تۇرۇسىز. ئېيىقنىڭ پۇتى كۆيگەچكە گاھ ئۇ پۇتىنى كۆتۈرۈۋالۇدۇ، گاھ بۇ پۇتىنى كۆتۈرۈۋالدۇ. قىزىقتىن قاچۇرۇپ نۆۋەت بىلەن پۇتنى پولات تاختىن تارتىۋېلىش نەتىجىسىدە تەكرارلانغان بىر «پەي-پەيلەش» ھەركىتى ھاسىل بولۇدۇ. ئېيىق داپ ئاۋازى بىلەنلا باشلانغان پۇت كۆيۈشكە ئۇزاققىچە ئۇچراۋېرىش نەتىجىسىدە، پۇت كۆيۈش خاپىلىقىنى داپ ئاۋازى بىلەن باغلىق دېگەن خاتا تونۇشقا كېلىدۇ. ئەمدى «مەشق دەۋرى» ئاخىرلاشقان ئېيىق جامائەت ئالدىغا ئاچىقىلىدۇ. داپ چېلىنىشقا باشلىغان ھامان، ئېيىقنىڭ مېڭىسىگە داپ ئاۋازى بىلەن باغلىنىشلىق قىلىپ خاتىرىلەنگەن پۇت كۆيۈش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قوزغۇلۇدۇ-دە، ئېيىق راستىنلا پۇتى كۆيۈۋاتقاندەك پەي-پەيلەشكە باشلايدۇ. بۇ تاماشابىنلارغا «ئۇسۇل، ئېيىقنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى» سۈپىتىدە سۇنۇلۇدۇ.
روھىي ھالەتنىڭ بولۇپمۇ ئاڭ قاتلاملىرى نۇقتىسىدىن كىملىكنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە باشقا بىر ماقالىدا توختالغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردە كۆپ توختالمايمەن. شەكىللىنىش ۋە شەكىللەندۈرۈش تەتقىق قىلىنىدىغان بولسا، بىزنى تەتقىق قىلىۋاتقان دۈشمەنلىرىمىزنىڭ بەزى ئىش ھەركەتلىرى، ئىجرائاتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىنى ئوچۇق كۆرەلەيمىز. ئىنسانلارنىڭ مەلۇم ئىشقا قارىتىلغان ئىشەنچىنى يېمىرىۋېتىش، ئەنە شۇ ئىشنىڭ ئىشقا ئېشىش ئىھتىماللىقىنى نۆلگە چۈشۈرۈۋەتكەنگە بارابەر كېلىدىغانلىقىنى مۇتەپەككۈرلەرنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدىن ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز:
»ئىشەنچ تاغلارنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا بىر كىشىنىڭ كېلەچەككە دائىر ئىشەنچىنى يوقۇتۇپ قويۇشى، ئونىڭ بېىشىغا كېلىشى ئىھتىمال بولغان ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى ھىساپلىنىدۇ.
»ئازاتلىققا، ھاياتقا، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بەختىگە ئىشەنمەك، روھنىمۇ، بەدەننىمۇ ھەركەتكە كەلتۈرۈدۇ.
»مۇۋەپپىقىيەتكە ئىشەنمەك، ئىشنىڭ يېرىمىنى پۈتتۈرگەنگە باراۋەر[①].»
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈش مۈمكىنكى، كىشى بىر ئىشنى مۈمكىن ئەمەس دەپ ئويلىسا ئۇ ئىش ھەقىقەتەنمۇ مۈمكىن ئەمەسلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. ياش پىسخولوگلىرىمىزدىن ئەلى قۇربان شۇنداق بىر ھىكايىنى مىسال قىلىدۇ: بىر كۈنى ماتىماتىكا دەرسى ۋاقتىدا بىر ئوقۇغۇچى پارتىغا بېشىنى قويۇپلا ئۇخلاپ قاپتۇ. ئويغۇنۇپ كۆزىنى ئاچسا سىنىپتا ئۆزى يالغۇز قالغان ئىكەن، ۋاقىتمۇ كەچكە يېقىنلاشقان بولۇپ، دەرستىن چۈشۈش سائىتى بولغانلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ خىجالەت بولۇپتۇ. دوسكىغا قارىسا ئىككى ماتىماتىكا مىسالى يېزىقلىق ئىكەن. بۇ بالا دوسكىدىكى ماتىماتىكا مىسالىنى تاپشۇرۇق بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، دەپتىرىگە كۆچۈرۈۋېلىپلا ئۆيگە قايتىپتۇ. ئۇخلاپ قالغان خىجالىتى ئۈچۈن بولسىمۇ تىرىشىپ، ھېلىقى تاپشۇرۇق مەسىلىنىڭ بىرىنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈپتۇ. ئەمما يەنە بىرىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىشلىيەلمەپتۇ. ئەتىسى ئۇ بىچارىلىك بىلەن مۇئەللىمنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۆزۈر سوراپتۇ: تۈنۈگۈن دەرستە ئۇخلاپ قاپتىمەن، شۇڭا، ئۆتۈلگەن دەرسنى چۈشۈنەلمىگىنىم ئۈچۈن تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلىيەلمەي قالدىم، پەقەت بىرنىلا ئىشلىدىم، دەپتۇ. مۇئەللىمنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كېتىپتۇ. بالىنىڭ قولىدىن تاپشۇرۇق دەپتەرنى يۇلۇپ ئېلىپ قاراپتۇكى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مەسىلىنىڭ بىرىنى يېشىپتۇ. بۇنىڭ نېمە مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ دەپ سوراپتۇ مۇئەللىم. بالا بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مۇئەللىم دەپتۇكى، ھازىر دۇنيادا ماتىماتىكا ئالىملىرى يېشەلمەيۋاتقان ئىككى مەسىلىدىن بىرىنى يېشىپسەن!
بۇ ھىكايىدە شۇنى كۆرۈمىزكى، بالا بۇ ماتىماتىك مەسىلىنى تاپشۇرۇق دەپ ئويلىغاچقىلا يېشىۋەتكەن. ئەگەر ئۇ ئۇخلاپ قالغان بولمىسىدى، مۇئەللىمنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلايتى ۋە بۇنىڭ دۇنيادىكى ماتىماتىكا ئالىملىرى يېشەلمەيۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئۇقاتتى. ئۇ ھالدا، ماتىماتىكا ئالىملىرى يېشەلمەيۋاتقان مەسىلىنى يېشىشكە ئۇرۇنۇش ئەمەس، قاراپ قويۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتى. يەنى، مۇئەللىمنىڭ مىسالنى پۈتۈن دۇنيا ماتىماتىكا ئالىملىرى يېشەلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر، بالىدا «چارىسىزلىك» روھىي ھالىتى شەكىللەندۈرەتتى-دە، ئۇرۇنۇپ ئاۋارە بولماسلىقنى، ۋاز كېچىشنى تاللايتى.
ئىنسانلارنى مەلۇم تەلەپتىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوللۇنۇشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. كۈچ قوللۇنۇپ ۋاز كەچتۈرۈش ھامان ۋاقىتلىق بولۇپ، ئەمەلىيەتتە تەلەپكار تەلەپلىرىنى مەجبۇر قىلىنىشى تۈپەيلى يوشۇرۇدۇ، خالاس. ئەمما بۇ تەلەپلەر يوقالمايدۇ، قەلپ تېرەنلىكلىرىگە كۆمۈپ قويۇلغان بولۇدۇ. قاچانكى، ئۇيغۇن پۇرسەت تاپسا ئاۋالقىدىنمۇ كۈچلۈك پارتلاپ چىقىدۇ. تەلەپلەردىن ۋاز كەچتۈرۈش، چارىسىزلىق تۇيغۇسىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن روھىي دۇنياغا سىڭدۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى جىسمانىي كۈچ قوللانغاندىنمۇ ئۈنۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزدىن ئۆچۈرۈلۈشى مۈمكىن.
«چارىسىزلىق» تۇيغۇسى دېگەن نېمە؟ مىسال: بىر ئەركەكنىڭ بىر گۈزەل قىزنى كۆرگەندە (بۇ يىگىت يوقسۇل ئائىلىدىن چىققان ۋە شۇئاندىكى ماددىي ئىمكانلىرىمۇ تۆۋەن بولغاندا) بىر خىل ھەسەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىچ كۆيۈك بىلەن ئۆرتۈلۈدۇ؛ روھى ئېزىلىدۇ؛ ئاجىزلىق، چارىسىزلىك ھىس قىلىدۇ. بەختسىزلىكىنى ئەڭ روشەن شەكىلدە كۆرۈپ يېتىدۇ: چۈنكى ئۇ قىزغا قولى يەتمەيدۇ. بۇ مەھرۇملۇق تۇيغۇسى ئۇنى ئېزىۋېتىدۇ. بۇنداق روھىي ئېزىكلىك كىشىنىڭ يېتىلىش مۇھىتىغا، بۇ مۇھىت شەكىللەندۈرگەن روھسىزلىق ھالىغا مۇناسىۋەتلىك. بەختىيارلارنىڭ غەمسىز ئويناپ كۈلۈۋاتقان سورۇنلىرى، كىشىلەرنىڭ (چەكلىك بولسىمۇ) ماددىي ئىمكانلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ ماختىنىشلىرىمۇ ئۇنى ئېزىدۇ. ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ھالىنى مەيدانغا چىقىرىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشتىن يۈرەكزېدە بولۇپ، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش روھىي ھالىتىدە تۇرۇدۇ. بۇ شۇنداق مىجەزكى، بۇ خۇددى ھەركەتتىكى نېفىت قۇدۇقلىرىدا ئۆزلۈكىدىن ھەركەت قىلىدىغان ئاتبېشى پومپىدەك، ئىچىدىن كەلگەن روھسىزلىق «ئېنېرگىيەسى» بىلەن ياكى ئىچكىي پوتانسىيالى بىلەن ئىشلەۋەرگەچكە ئۇلارنى داۋاملىق بېسىشقا، مەغلۇپ قىلىپ تۇرۇشقا ئىھتىياج قالمايدۇ. ئىچكىي روھسىزلىقىدىن ئالغان ئېنېرگىيە بىلەن روھسىزلىقى داۋاملىق «ئاكتىپ» ھالەتتە «ئىشلەۋېرىدۇ». چارىسىزلىك تۇيغۇسى جانلىق تىلىمىزدا «تەقدىرگە تەن بېرىش» دەپ سۈپەتلىنىدۇ. ئەمما بىز بۇنى قوللۇنۇشتا خاتا جايلاردا قوللۇنۇپ، بەزى قارشىلىقلارنى كەلتۈرۈپمۇ چىقىرىمىز. چۈنكى تەقدىر دىنىي ئاتالغۇ بولۇپ، ئەمەلىيەتتە تەقدىرگە تەن بەرمەسلىك ئىمانغا تاقىشىدىغان ئىش. لېكىن كىشىلەر، خاتا ھالدا، بەندىنىڭ قىلغانلىرىنىمۇ خۇددى ئاللاھ قىلىپ قويغان ئىش قاتارىدا چېقىلغىلى بولماس قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئۈمىتسىزلىكنى قانۇنىيلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشىدۇر.
ئارزۇلىرىمىزنى تونۇشىمىز، چۈشۈنۈشىمىز كېرەك ئىكەن، بىز بولساق چارىسىزلىكىمىزنى قوبۇل قىلىش تەرەپدارى بولۇشقا، ئارزۇلىرىمىزنى شەپقەتسىز باستۇرۇشقا، رەت قىلىشقا ئۈگۈتۈلدۇق. بۇ ھەقتە بىز سىياسىي ئارزۇمىز مەۋزۇسىدا —مۇستەقىللىق روھىمىزنىڭ ئاجىزلاپ بېرىشىدىكى ئىچكىي تاشقىي تەسىرلەرنىڭ پىسخىك نەتىجىسى ھەققىدە پىسخولوگلارنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقايلى:
شەرتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇدۇغان بەلگىلىگۈچى ئامىللار (دېتېرمىنىزم —determinism) شۇلاردىن ئىبارەت: 1) تۇغما ساپا (genetic determinism) — ياكى زاتىمىزدىن گېنىمىز بىلەن كەلگەن سۈپەت قۇرۇلمىمىز بولۇپ، بۇ ئېرسىي ئالاھىدىلىك، گېنىمىزدا پروگراممىلانغان ئالاھىدىلىكتۇر. 2) روھىي بەلگىلىگۈچى. بۇ روھىي قۇرۇلمىمىزدىكى ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمىزدا شەكىللەنگەن؛ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ بىزنى نېمىلەر ھەققىدە كۆپرەك ‹ھاي› بېرىپ كۆندۈرگەنلىكىگە، كىچىك ۋاقتىمىزدىكى مەكتەپ تەربىيىسىدە نېمىلەرنىڭ تەكرار تەلقىن قىلىنىپ، كاللىمىزغا سىڭدۈرۈلگەنلىكىگە باغلىق شەكىللەنگەن پىسخىكا بولۇپ،بۇ كۆپ ھاللاردا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ‹غىت قىسىش› ھەققىدىكى تەنبىھ، ئاگاھلاندۇرۇش، قورقۇتۇشلاردىن تەركىپ تاپقان. 3) مۇھىتنىڭ بەلگىلىگۈچىلىكى (environmental determinism). بۇ ھەركەت مۇھىتىڭىز بولۇپ، ھەر ئىشىڭىزغا دېرىكتور قارار بېرىدىغان بولسا، ئۇ يول كۆرسۈتۈدۇغان بولسا ياكى ئايالىڭىزنىڭلا دېگىنى راست بولۇدۇغان، ۋە يا دادىڭىزنىڭلا راست بولۇدۇغان، شۇ بويىچە قارار چىقىرىلىدىغان بولسا، بۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىشىڭىز بۇ تۈرگە كىرىدۇ. پاۋلوۋنىڭ نەزىرىيىسىگە ئاساسلانغاندا بىز — مەلۇم بىر خىل تەسىرگە مەلۇم بىر خىل ئىنكاس بىلدۈرۈدۇغان قىلىپ، شەرتلەندۈرۈلۈمىز. (مەسىلەن: دېرىكتورنىڭ قارارلىرى ھەققىدە ئويلاپ بېقىشقا ئەمەس، پەقەتلا «ماقۇل» دېيىشكە ئۈگۈتۈلگەن بولۇمىز).»قېتىشقان مەنفىي ئوي-پىكىر مودېللىرى ھاياتنى قىيىنلاشتۇرۇدۇ.... ھەر نەرسە روھىمىزغا ئويۇلغاندەك بولۇدۇ ۋە يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا خاتىرىلەكلىك بولۇدۇ.« خۇددى تەمسىللىرىمىزدىكى »سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر«دېگەندەك، بالا ۋاقتىڭىزدا ئوچاقتا قولىڭىزنى كۆيدۈرۈۋالغان بولسىڭىز، يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدا ›ئوچاق + ئاغرىق‹ بىرىكمىسى خاتىرىلەنگەن بولۇدۇ. قاچانكى ئوچاققا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشىڭىز بولسا ئاشۇ پروگرام ئىشلەشكە باشلايدۇ: ›دىققەت قىل، قولۇڭ كۆيۈدۇ!‹»مېڭە، ئۇنىڭغا بېرىلگەنلەرگە كۆرە يا مۇۋەپپىقىيەتكە، يا يېمىرىلىشكە پروگراممىلانغاندۇر.« (ئېنكىلمان)
ئەمدى تاشقىرىدىكى مىللىي ئازاتلىق ھەركەتلىرىدە بۇ بەلگۈلىگۈچىلەر قانداق ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدە سېلىشتۇرما قىلىپ باقايلى:
بىز نېمىگە شەرتلەندۈرۈلدۇق؟ «بەرىبىر بىزنىڭ دېگىنىمىز بولمايدۇ»، «ئۈستىمىزدىكىلەر قارار بېرىدۇ، ماقۇل دېسەكلا بولمىدىمۇ»غا شەرتلەندۈرۈلدۇق. بۇ ئەسلىدە گېنىمىزدا مەلۇم دەرىجىدە شەكىللەنگەن، ئاندىن ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسىدە كۈچەيتىلگەن ئىدى. چوڭ بولغۇنۇمىزدىن كېيىن بولسا مۇھىتنىڭ دەھشەتلىك سىقىشى، مەجبۇرلىشى بىلەن ئاخىرى ئۈمىتنى يوقۇتۇش گىردابىغا قىستاپ بېرىلدۇق. ئۈچىنچى بەلگىلىگۈچى ئەركىن دۇنيا دېيىلىۋاتقان چەتئەللەردە بولسا پەقەت شەكىل يەڭگۈشلىگەن بولسىمۇ، ماھىيىتى ئوخشاش قېلىۋەردى. ئالدى بىلەن: پۇل بېرىۋاتقانلار ھەر ئىشنى بەلگىلەپ بېرەتتى. بولمىسا بېرىپ-كېلىشلەرنىڭ كىراسى، مائاش يوققا چىقىش خەۋپى بارىدى. بۇ خىل قىستاش ئوخشاشلا رول ئويناپ، يەنىلا ھەققىمىزدە باشقىلار قارار چىقىرىش داۋاملاشتى؛ ئۇنىڭدىن قالسىلا، ھىچ دېموكراتىك ئېڭى، ئەقەللىي ئەركىنلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولمىغان «لىدېر»لارنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇشى نەتىجىسىدە شەخسنىڭ ئارزۇسى، شەخسنىڭ پىكىر قىلىش ئىمكانلىرى، ھەتتا ئىقتىدارىنى جارىي قىلىش زېمىنى چەكلەندى. ئاخىرقى ھىساپتا ئەركىن دۇنيادا خىتاي مۇھىتىنىڭ كېڭەيگەن بۆلىكى شەكىللەندۈرۈلدى.
چەتئەللەردە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىدە پەيدا بولغان ۋە تەدىرىجىي ھەممە ئادەمگە قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇلۇۋاتقان »ئاپتونومىيە«چىلىك، »ئەمەلىيەتچانلىق«تونىغا ئورۇنۇۋالغان پىسخىك بۇزغۇنچۇلۇقنىڭ داۋامى بولۇپ، بۇ خىتايلارنىڭ ئومۇمىي پىلانى ئىچىدىكى بىر بۆلەكتىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن مەخسەت، »خىتايدىن قۇتۇلۇش مۈمكىن ئەمەس«، »مۇستەقىللىق ئارزۇسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خىيالدىن ئىبارەت« دېگەننى روھىي قاتلاملىرىمىزغا — يوشۇرۇن ئېڭىمىزغا —سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، كەلگۈسىدە مۇستەقىللىق يولىدا ئۇرۇنمايدىغان قىلىش؛ خىتاينىڭ ئەبەدىل – ئەبەت ئايرىلغىلى بولمايدىغان »ئاكا« ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
»ئاۋال ھەقىقەتەن نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىڭ، كېيىن بىر نىشان بەلگىلەپ ئىشقا باشلاڭ.
»پلانلاش بولماستىن كىرىشىلگەن بىر ئىش خۇددى ›يەنە ئېيتاي باشتىن... ‹دېگەندەك قىردىن ئاشالمايدۇ.» (ئېنكىلمان)
بىزنىڭ ئاتالمىش يولباشچىلاردا ئەزەلدىن مۇئەييەن ئىدىيە — ئىدىيىۋىي سىستېم، نەزىرىيىۋىي سىستېم بولۇپ باقمىدى. شۇنداقلا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋام قىلدۇرۇلۇدۇغان ھەركەت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئېنىق نىشانمۇ بولۇپ باقمىدى. چۈنكى، شۇئار ۋە ئاتالمىش مەخسەتلەر باشقىلار تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەچكە، ئۇزاق داۋام قىلغان بۇنداق ئىزدەنمەسلىك، »باشقىلار بىز ئۈچۈن ئويلاپ، تەييار قىلىپ قويۇدۇ«، دەيدىغان ئاڭسىز كۈتۈش، تاماگەرلىك سەۋەبىدىن، باشقا ھەركەت پروگراممىسى، نىشان ۋە قەدەم باسقۇچلارنىڭمۇ باشقىلار تەرىپىدىن سۇنۇلۇشىغا تامادا بولۇشتىن ياكى »بىز بەلگىلىسەكمۇ پۇل بېرىۋاتقانلار رەت قىلىۋېتىدىكەن، ئۇندىن كۆرە ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىنى كۈتەيلى«، دېگەندەك روھىي ئارىسالدىلىق، مانا مۇشۇنداق ئېنىق نىشان، ئېنىق ئىدىيە بولماسلىق ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
» نىشانى بولغان كىشى بىر يەرگە يېتىپ بارىدۇ. ««بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ئىش بىلەن ھەپىلىشىشىمىز كېرەك.»(ئېنكىلمان)
بىزنىڭ قۇرۇلتايچىلار ئۆزلىرىمۇ ئېنىق دېگىنىدەك، مۇستەقىل بولالايدىغانلىقىمىزغا ئۆزلىرى ئىشەنمەيدۇ. ئىشەنچ بولمىغاچقا ئۇنىڭغا يارىشا ھەركەتنىڭمۇ بولمىشى ناھايىتى تەبىئىي. »مۇستەقىللىق دېگەنگىلا مۇستەقىل بولۇپ قالۇدۇغان ئىش يوق« دېگەندەك ئاساسلارنى ۋە ھازىر غەرپ جەمىيىتى ئۈچۈن كېرەك بولۇۋاتقان »تېنچلىق مېتودى«نى ھىچ ئويلىماستىنلا مېنىڭسىگەن بولغاچقا، »ئاپتونومىيە دېمىسەك پۇل بەرمەيدىكەن، مۇستەقىللىق دېيىش ئەمەلىيەتكە توغرا كەلمەيدىكەن« دېگەن »ئاساس«لارنى كۆرسۈتۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بىلىپ، بىلمەي خىتايلارنىڭ پىسخىك بۇزغۇنچۇلۇق پىلانىغا ئۇيغۇنلۇشۇۋاتقانلىقىنى پەدازلىماقچى بولۇشۇدۇ. يۇقارقى نەقىللەردىن شۇنى كۆرۈمىزكى، ئىنسان مېڭىسىگە سىڭدۈرۈلگەن ئۇچۇرلار يوشۇرۇن ئاڭدا توپلۇنۇدۇ، زامانننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇلار »قېتىشىپ« سابىت ھالغا كېلىدۇ.
»ئوي-پىكىرلەر، يوشۇرۇن ئاڭدا ئىنساننىڭ ئۆز ئىچىدىن ياكى سىرتىدىن كەلگەن تەسىرلەر بىلەن پىچىلىدۇ.
»كىشىلەرنىڭ ئۆز ھاياتى ھەققىدە شەكىللەنگەن قاراش، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىچىگە (يوشۇرۇن ئاڭغا) مۇستەھكەم ئورۇنلۇشۇدۇ.«
»يوشۇرۇن ئاڭ بىر كومپيۇتېرغا ئوخشايدۇ، ئىنسان دۇنياغا كەلگەن چاغدا بۇ›كومپيۇتېر‹ بوش بولۇدۇ؛ بىرىنچى سېكونتتىن باشلاپ ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەشكە، پروگراممىلاشقا باشلايدۇ. قوبۇللانغان ئەمما ئەقىلنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئىھتىياجى بولمىغان ياكى ئاڭ سەۋىيىسىگە چىقىشقا لايىق كۈچلۈك ئىمپۇلسلار(غىدىقلىنىش، قوزغۇلۇش)غا ئىگە بولمىغان ئۇچۇرلار يوشۇرۇن ئاڭغا خاتىرىلىنىدۇ. يوشۇرۇن ئاڭنىڭ خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەتتا ئانا قوسىقىدا باشلىنىدۇ دەيدىغان يېڭى قاراشلارمۇ ئىسپاتقا ئېرىشمەكتە.
»ئىنتايىن چوڭ ساندا ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولساقمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرقلەندۈرۈپ ساقلىيالمايمىز. خاتىرىمىزگە ۋە يوشۇرۇن ئېڭىمىزغا نېمىلەرنىڭ خاتىرىلىنىشى ھەققىدە بىرنەچچە سېكونتتىلا قارار بېرىلىدۇ. ئۇچۇلار ئاپتوماتىك بىر سۈزگۈچتىن كەچۈرۈلۈدۇ، بۇرۇندىن بار بولغان پروگراملارغا ئۇيغۇن بولغانلىرى تۇتۇۋېلىنىدۇ ۋە مۇناسىپ ئورۇنلارغا خاتىرىلىنىدۇ. يېڭى ئۇچۇرلار ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خاتىرە رايونلىرىغا ئېلىنىدۇ ۋە ئۇ يەردە ئېنىقلىققا ئېرىشكەن تۇيغۇغا باغلىنىدۇ. تۇيغۇلىرىمىز ۋە ئىنكاسلىرىمىز تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. بۇلار بىر ئالدىنئالا مەۋجۇت پروگرام دائىرىسىدە بىزنى يۆنلەندۈرۈشكە تەييار ھالەتتە كۈتۈپ تۇرغان بولۇدۇ. بىر قېتىم ئېڭىمىزغا كىرگەن نېگاتىپ ئوي-پىكىر قېلىپى بىزدىكى روھىي ۋە جىسمانىي چاتاقلارنىڭ مەنبەسى بولۇشى مۈمكىنلىكىگە ئوخشاش، ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، مۇۋەپپىقىيەتسىزلىكلىرىمىزگىمۇ سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن. زېھىن تېرەنلىكىمىزگە جايلاشقان پوزىتىپ پروگراممىلار بولسا، بىزنىڭ ئەڭ ياخشىنى تاللىشىمىزغا، ئەڭ ئۇلۇغ پۇرسەتلەرنى ئۇشلىشىمىزغا ۋە مۇۋەپپىقىيەت يولىدا ئىلگىرىلىشىمىزگە ئىمكان بېرىدۇ...
»يوشۇرۇن ئاڭ، ئۆزىگە يەتكەن بۇيرۇقلارنى ئورۇنلايدىغان بىر ئورگاندۇر ۋە بۇنىڭدىكى چاتاقمۇ دەل مۇشۇ يەردە. يەنى يوشۇرۇن ئاڭ، ھەرخىل بۇيرۇقلارنى —مەنىسى بار يوقلۇقىغا قارىماي — ئورۇنلاشقا تىرىشىدۇ. كەلگەن بۇيرۇقنىڭ سىزدىن ياكى باشقا بىرسىدىن كەلگەن بولۇشىغا قارىماستىن ئورۇنلايدۇ. يوشۇرۇن ئاڭ، ئاڭ ۋە ئەقىلگە ئوخشاش باشقۇرۇش ئورگىنى ئەمەس، ئەكسىچە، تامامەن ئىتائەتكار خىزمەتچى، بۇيرۇلغاننى ئورۇندىغۇچىدۇر. ئۇ خۇددى بىر ماشىنىغا ئوخشاش ئىشلەيدۇ، ياخشىنى ۋە ياماننى ئايرىمايدۇ، قارىنى ئاقتىن، بەختنى بەختسىزلىكنى ئوخشىمىغان تۇيغۇ شەكلىدە كۆرمەيدۇ. ئۇنىڭدا قايسى تۈگمىگە بېىسىلغىنىغا كۆرە مۇناسىپ پروگرام ئاپتوماتىك ھالدا ئىشقا چۈشۈدۇ.
»ھاياتنىڭ قۇرۇلما مەركىزى ۋە زېھىننىڭ ئىشلەش مەيدانى بولغان يوشۇرۇن ئاڭ، ھەر تۈرلۈك ئوي-پىكىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مايىل.
»بىر كىشى ئېشەكمەن دەپ ئويلىسا ئېشەكتەك قىلىق قىلىدۇ؛ كېيىن ئېشەككە قىلىنىدىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغىنىدا بۇنىڭغا ھەيران قالۇدۇ.«
»ئىچىڭىزدىكى ئۆز ھاياتىڭىزغا دائىر بۇ قاراشنى ئۆزىڭىزدىن باشقا بىرسى بارلىققا كەلتۈرمىگەن ۋە بۇنى سابىت بىر پىكىر ھالىتىگە كەلتۈرگەنمۇ سىزدىن باشقا بىرسى ئەمەس.
»يوشۇرۇن ئېڭىمىزدا مەۋجۇت بولغان قاراشلار ھەركىتىمىزگە قوماندانلىق قىلىدۇ.ئوخشاش ئوي-پىكىرنى قانچە كۆپ ئەقلىمىزگە كەلتۈرسەك، ئۇ ئوي پىكىر مېڭىمىزگە شۇنچە چوڭقۇر ئورنۇشۇدۇ ۋە ئاپتوماتىك ھالدا ئىنكاس بىلدۈرۈشكە باشلايدۇ.«
بەزىلەر بۇ »ئاپتونومىيە« سەپسەتىسىنى بەكلا ئاددىي قاراشلار بىلەن جىددىيگە ئالماستىن كېتىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئۈمىدسىزلىك تەكرارلىنىۋەرسە خەلقىمىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى پۈتۈنلەي مانا شۇ »ئايرىلالماسلىق« بىلەن پىچىملىنىدۇ. بۇ خۇددى»قانغا سىڭگەن« شەكىلدىكى تەلقىن قىلىش بولۇپ، خىتايلارنىڭ بىزنى مەڭگۈلۈك ۋاز كەچتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پىسخولوگىيىلىك بۇزغۇنچۇلۇق پىلانىغا ماس كېلىدۇ.
خىتايلارنىڭ ئۆز مەملىكىتىنى «جۇڭگۇ» دېگىنى مەركىزىي دۆلەت مەنىسىدە بولغىنى ئۈچۈن، ئەسىرلەر داۋامىدا تۇغۇلۇپ كېلىۋاتقان خىتاي نەسىللىرىدە ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ مەركىزى ھىساپلايدىغان، ئەتراپتىكىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بېقىندىسى دەپ تونۇش پىسخولوگىيىسىنى يېتىشتۈرگەن بولۇپ، بۇ تۇغما مىجەز خىتايلارنىڭ تۇغما كېڭەيمىچى مىللىي خاراكتېرىنى بەلگىلىگەن. ئەنە شۇ بىر ئاتالغۇ پەيدا قىلىۋاتقان كوللىكتىپ يوشۇرۇن ئاڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، مانا شۇ ئۆرنەككە ئوخشاش، دائىمىي تەكرارلانغان «ئاپتونومىيە» شۇئارىمۇ بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدە «مەڭگۈ بېقىندىلىق»، «باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇش» پىسخىكىسى، توغرىسى قۇلچىلىق پىسخىكىسى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان خىتاي روھىي بۇزغۇنچۇلۇق پىلانىنىڭ بىر قىسمى!
ئەمدىلىكتە تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەن ھالدا چېكىنىشنىڭ ئىككىنچى قەدىمى بولغانIndigenous People«يەرلىك مىللەت» سەپسەتىسى بازارغا سېلىنماقتا. بۇ قەبىھلىكتە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، «پىسخولوگىيىلىك تاسما قىسىش»نى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزمەكچى بولغانلىقىدىندۇر.
بەزىلەر ماڭا »ئۈمىتسىزلىكنى تەرغىپ قىلغۇچى« قالپىقىنى كەيدۈرمەكچى بولۇشقانلىرىدا ئەستايىدىلراق ئويلاپ كۆردۈمۇ؟ مېنىڭ ئۈمىتسىزلىكىم ھەرگىزمۇ مۇستەقىللىقىمىزنىڭ مۈمكىنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى قوللۇنۇۋاتقان مېتودىمىز، قىلىپ يۈرگەن مەنىسىز، پىلانسىز ئىشلىرىمىز، سىياسىي كىملىكىگە دىققەت قىلىنماستىنلا، مېنى قوللىدى دەپ توپلىۋېلىنغان »داھى«لىرىمىزدۇر.
ماڭا »ئۈمىتسىزلىكنى تەرغىپ قىلىش« گۇناھى ئارتىشقا ئۇرۇنغان شۇ»ئۈمىتۋارلار« يۇقارقى ئىلمىي دەلىللەردىن كېيىن »ئاپتونومىيە« تەرغىباتىنىڭ نېمىلىكىنى ئويلۇنۇپ كۆرسە بولۇدۇ. مانا بۇنىسى ھەقىقىي ئۈمىتسىزلىك ئۇرۇقى چېچىش بولۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
ناھايىتى ئەپسۇسكى، بۇرۇن دەپ ئۆتكۈنۈمدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ باھالاش مىزانى بەكمۇ غەلىتە. يەنى ھىچ ئادالەت تۇيغۇسى، ھەق-ناھەق قارىشى بويىچە ئەمەس»تەرەپدارلىق«نى ئۆلچەم قىلىپ باھالاش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشتىن بۇرۇنلا ئۇلارنىڭ باھاسى ھازىرلانغان ھالدا بولۇدۇ. يەنى، ئاشۇ تەرەپدارلىق، بېرىلىدىغان باھانى ئاللىقاچان بەلگىلىۋەتكەن بولۇدۇ. بۇ ھالدا بۇنداق باھالارنىڭ نېمە قىممىتى بولسۇن؟
ئەگەر شەرقىي تۈركىستانلىقلار مىللىي تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈدۇغانلا بولسا، ئەڭ ئەۋەل »ئاپتونومىيە« سەپسەتىسىگە دىققىتى مەركەزلەشكەن بولاتتى.
«ئاپتونومىيە» ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش مەنىسىنى بېرىدۇ. بۇ خېلى ياخشىدى، ئەمدى بۇ ساتقىنلار تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنى «ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان، مەدەنىيەت ئاساسى بولمىغان، باشقا مەدەنىيەتلىكلەرنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرمىسا بولمايدىغان ياۋايىلار» دېگەن يېڭى سەپسەتە «يەرلىك مىللەت» رەزگى مېلىنى بازارغا سالماقتا! «يەرلىك مىللەت سالاھىيىتى» تەلەپ قلىش باشقىلار تەرىپىدىن تېڭىلغانلىقىنى، بىزنىڭكىلەرنىڭ بۇنىڭ پايدا-زېيىنى ھەققىدە ئويلاپ كۆرمەيلا قوبۇل قىلغانلىقىنى يوقۇرىدىكى بايانلارغا سېلىشتۇرۇپ تەپەككۈر قىلىپ بېقىڭ.  تۈرك پىسخولوگى دوغان جۈجەلئوغلۇ شۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۆز قارارلىرىمىزنى چىقىرىشتىن بۇرۇن باشقىلارنىڭ رايىنى بەلگىلىگۈچى ئورۇنغا قويۇۋالۇدۇغان ئىشلار خېلى كۆپ. باشقىلار نېمە دەپ قالار؟ دېگەن ئەندىشە بىلەن، باشقىلارنىڭ كۆزىگە پاتمايدىغان شەكىلدە قارار بېرىمىز. بۇ قارار بىزنىڭ ئۆز ئارزۇمىزنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، ئۇنداقكەن ئۆز قارارىمىزمۇ ئەمەس! باشقىلارنىڭ قارارى! بىزنى بېقىندۇرۇۋالغان باشقا بىر كۈچنىڭ قارارى!» مانا بۇ شەكىلدە قارار قىلىدىغانلار قانداقمۇ بۇ مىللەتنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ؟ مەڭگۈلۈك پايدا-مەنپەتنى بۈگۈنكى مائاش ۋە بېرىپ كېلىش راسخودى ئۈچۈن تېگىشىۋېتىدىغان يىراقنى كۆرەلمەسلەر قانداقمۇ مىللىي كۆرەشنىڭ باشلامچىسى بولالايدۇ؟ بىز بىلەن تامامەن ئوخشاش سالاھىيەتتە بولغان تىبەتلىكلەر بۇ «يەرلىك مىللەت» سەپسەتىسى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
The Tibetan people consider themselves an occupied nation rather than an indigenous people but share many characteristics with indigenous peoples.[②]
(گەرچە تىبەتلىكلەردە يەرلىك خەلقلەر بىلەن نۇرغۇن خاراكتېر ئورتاقلىقلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى يەرلىك خەلق ئەمەس، بېسىۋېلىنغان دۆلەت دەپ قارايدۇ.)
يەنە بىر نۇقتىغىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، indigenous people سالاھىيتى بۈگۈنگىچە پەقەت ۋە پەقەتلا ئامېرىكا ھىندىيالىرى ۋە ئاۋترالىيە يەرلىكلىرىلا نائىل بولغان «شەرەپ»تۇر. بىز بۇ ئىككى قىتئەدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ سۈپەتلىرىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، ھىچقاچان مەدەنىي جەمىيەت بەرپا قىلىپ باقمىغان، يېزىق مەدەنىيىتى بولمىغان، ھىچقاچان مۇنتىزم دۆلەت قۇرۇپ باقمىغان، يېرىم ياۋايى كەچمىشىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز. بىزمۇ ئاشۇلاردەك يېرىم ياۋايىمىز دېمەكچى بولامدۇق؟ خۇددى ئۇلارغا ياۋروپالىقلار مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەندەك، بىزگە خىتايلار مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن، بولمىسا مەڭگۈ ئاشۇ ياۋايىلىقىمىزدا قالاتتۇق، دېگەننىڭ ئېتىراپىمۇ؟ بۇلار ھەققىدە جىددىي ئويلۇنۇپ باققان «ۋەتەنپەرۋەر»لىرىمىز بولۇپ باقتىمۇ؟ بۇلار بۇ ھەقتە نېمە ئوي-پىكىرگە كەلدى؟ ئەگەر توغرا دەپ قارىغان بولسا، توغرىلىقىنى ئىسپات قىلىپ باقسۇن! خاتا بولغان بولسا خاتالىققا قانداق ئىنكاس، قانداق قارشىلىق ئىپادىلىدى؟
خىتاي بۇنى بەرىبىر ئېتىراپ قىلمايدىغان بولسىمۇ، بۇنى بېسىۋېلىنمىغانلىقىمىزنىڭ، ئىختىيارىمىز بىلەن «مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگۈچى»لەرنى قارشى ئالغانلىقىمىزنىڭ ئىقرارى سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. ئۆز ئىختىيارىمىز بويىچە خىتايلارنىڭ «يېتەكچىلىك»ىنى قوبۇل قىلغانلىقىمىزنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ. نەتىجىسىگە ئۆزى ئىشەنمەيدىغان بۇ بىر توپ ئادەمنىڭ خەلقنى داۋاملىق ئالدىشى دەل بۇ مىللەتتىكى ھىپنوزلۇق ھالىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەگەر خەلقنىڭ كۆزى ئېچىلغان بولسىدى، ئۆزىنى سېتىۋاتقانلارنىڭ قىلمىشلىرىغا «تۇر!» دېگەن بولاتتى.
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن indigenous people سالاھىيىتى ئىلتىماس قىلىۋاتقان ئەقىللىقلەرنىڭ كۆرسەتكەن رىجىسى «ئەمىسە minority (ئاز سانلىق مىللەت) بولساق ياخشىمىدى؟» دېگەندىن ئىبارەت! چەتئەللىكلەر ئالدىدا «ئاپتونومىيە ۋە شىنجاڭ» دەپ ئىشلىتىدىغان، ئۇيغۇر خەلقىنى بىز مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچمىدۇق دەپ ئالدايدىغان بۇ ھاماقەتلەرنىڭ سۆزلىرىدىكى چەلەڭگۈشلۈكنى كۆرۈڭ! ئەگەر سەن ئاپتونومىيەنى قوبۇل قىلمىغان، خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىڭنى قوبۇل قىلمىغان بولساڭ، قانداقلارچە ئاز سانلىق بولۇپ قالىسەن؟ سەن ئۆزەڭنى خىتاي پۇخراسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىدىن بىرى: ۋەتىنىڭنى خىتاي تۇپرىقىنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئېتىراپ قىلغاندىلا، ئاندىن بۇ يوغان داشقايناقنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق بولۇپ قالىسەن! ئەگەر سەن خىتاي دۆلىتىنى دۆلىتىمىز دەپ تونۇمىساڭ، ۋەتىنىمىز بۇرۇندىن مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ كەلگەن ۋە كەلگۈسىدە چوقۇم مۇستەقىل بولۇدۇ! دەپ ئىشەنسەڭ، ئۇ ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاندا بىز نېمىشقا ئاز سانلىق بولۇپ قالغۇدەكمىز؟ بىز بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئەمەسمىدۇق؟
مەن بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، مىللىتىمىزنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈدۇغان بارلىق شەخسلەرنى، زىيالىلارنى مانا بۇ نۇقتىغا — ئاپتونومىيە تەلقىنلىرىنىڭ پىسخىك ئاقىۋىتى، indigenous people سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ سىياسىي ئاپىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىمەن.
                       
      [①]«كارىزما» (گېرمانىيە) نىكولائۇس ئېنكېلمان، — كارىزما — (ئېنگىلىزچە: Charisma، تۈركچە:Karizma) تەسىر كۈچ، سۈر، نوپۇز كۈچى مەنىلىرىدە بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا ھازىرغىچە تىلغا ئېلىنىپ باقمىغاچقا دەل چۈشۈدۇغان سۆز يوق، شۇڭا تۈركچىسىنى قوبۇل قىلدىم، —ئا.
[②] International Work Group for Indigenous Affairs (IWGIA)



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:04 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.165587 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 26 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش