تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2050|ئىنكاس: 0

«ئەلۋەتتە ھەر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ياخشىلىق باردۇر» (سىن ئارىلاش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

56

يازما

560

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
560
(كانادانىڭ تورونتو شەھرىدە ئېچىلغان "شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ ئۇپۇقلىرى ۋە خىرسلار" تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز)
قېرىنداشلار،
بۈگۈن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ئىنسانلىققا يات ۋەھشىيلىكلەر، كۆچمەن خىتايلارنىڭ خەلقىمىزنى يەر-مۇلكىدىن ئايرىپ تامامەن يانچىلارغا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىندىلارغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا قۇل ئىشچى قىلىپ ياشلىرىمىزنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىشلىرى، بىر ياندىن پىلانلىق تۇغۇت نامىدىكى بالا قاتىللىقى، ئانا تىل ئاسسىمىلاتسىيىسى، بۇ زۇلۇملارنىڭ چەككە يېتىشى بىلەن كۆتۈرۈلگەن قارشىلىقلارنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى، باستۇرۇشتىنمۇ ئۆتۈپ، كىچىك-چوڭ، قېرى-ياش دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نەسلىمىزنى قۇرۇتۇش مەخسەت قىلىنغان قىرغىنچىلىقلار،كۆز ئالدىمىزغا ئاخىرىغا كۆز يەتمەس قاراڭغۇ زۇلمەتنى كەلتۈرۈدۇ.
بۇ چەكسىز زۇلمەت، ھىچيەردىن يورۇقلۇق ئۈمىدىنىڭ بولماسلىقى، قارشىلىقلىرىمىزنىڭمۇ ئەڭ ئىپتىدائىي شەكىلدىكى قۇرۇق قول بىلەن بولۇشى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەكتە. ھەتتا بەزىلەر ئۆز باياناتلىرى ياكى مەھەللىۋىي بايانلىرىدا بۇ قىرغىنچىلىقلارنىڭ سەۋەبىنى خەلقىمىزنىڭ ئۈستىگە يۈكلەش شەكلىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارماقتا: ئۇلارنىڭ چۈشۈنۈشى ياكى چۈشەندۈرۈشىدىن قارىغاندا قىرغىنچىلىقلارنىڭ سەۋەبى خەلقنىڭ قارشىلىقى بولۇپ، ئەگەر خەلق قارشىلىق قىلمىسا، تېنچ بولسا ھۆكۈمەتمۇ قىرغىنچىلىق قىلماسمىش! بۇ بىر قاراشقا نادانلىقتىن بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيىتىدە خىتاينىڭ خالىس تەشۋىقاتچىلىقى بولۇشىمۇ مۈمكىن!
قايسى ئىش قايسى ئىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئىچكىي ماھىيىتىنى چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ. تاجاۋۇزچىلىق ئىككى تۈردە بولۇپ، بىرى ۋاقىتلىق مۇستەملىكە قىلىپ، پەقەت بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش شەكلىدە بولۇدۇ. بۇ خىل تاجاۋۇزچىلىقتا يەرلىك خەلق ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، قىرىپ تۈگۈتۈۋېتىش مەخسەت قىلىنمايدۇ. يەنە بىر خىل تاجاۋۇزچىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ماكانى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ خىل تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئاداققى مەخسىدى يەرلىك خەلقنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىپ، ئۇلارنىڭ يېرىگە مەڭگۈلۈك خوجايىن بولۇشتىن ئىبارەت. كونا مۇستەملىكىچىلەر بۇنداق نەسىل قۇرۇتۇش تىپىدىكى قىرغىنچىلىقلىرىنى ئاپ-ئاشكارە شەكىلدە ۋە قىسقا مۇددەتلىك پىلان ئىچىدە قىلىشقان بولغاچقا، بۇ دۇنيا تارىخىدا ئوچۇق بىر قانلىق داغ بولۇپ كۆرۈنۈپ تۇرۇدۇ.
ئەمما شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ماكانى قىلىپ يۇتۇۋېلىشنى مەخسەت قىلغان خىتايلارنىڭ مىللىي قىرغىنچىلىقلىرى كونا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا بولغاچقا، قاتتىق پەردىلەنگەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان سۈپىتىدە ئىجراغا قويۇلغانلىقتىن تاكى بۈگۈنگىچىمۇ خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يوشۇرۇپ، ئۆزلىرىنى قۇتقازغۇچى سۈپىتىدە سۇنۇپ كەلدى. شۇنداقلا ئاڭسىزلىققا بەنت قىلىۋېتىلگەن خەلقىمىزنىڭ كۆپچىلىكىمۇ ئۇلارنى ئازات قىلغۇچى، قۇتقازغۇچى سۈپىتىدە تونۇپ كەلگەچكە، ئىنقىلاپچىلار يىتىم قالۇدۇغان، خەلق دۈشمەننى تونۇماي شەپقەتچى بىلىدىغان قورقۇنۇچلۇق بىر ۋەزىيەت ھۆكۈمران بولۇپ كەلگەنىدى. ۋەتىنىمىزدە كۈنسېرى پۇت تىرەپ تۇرۇش زېمىنىگە ئېرىشىۋالغان، يېرىمدىن كۆپرەك نوپۇس نىسبىتىگە ئېرىشىۋالغان خىتايلار ئەسلى مەخسەتلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم ئاشكارىلاشقا باشلىدى. شۇ ھالدىمۇ ئېزىقتۇرغۇچى تەشۋىقاتلىرى ئوخشاشلا ئىشلىمەكتە ۋە ئۆزلىرىنىڭ قۇتقازغۇچىلىق سۈنئىي سۈپەتلىرىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسۈتۈشنى، قىرغىنچىلىقلارنى ئىلاجى بار پەردىلەشنى، دۇنيادىنلا ئەمەس، قوشنا كەنتتىنمۇ يوشۇرغان ھالدا ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدە «خەلقنىڭ دۈشمەنلىرى»نى يوقاتقانلىقىغا خەلقىمىزنى ئىشەندۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنى زېرىكمەستىن داۋام قىلماقتا. بۇ تەشۋىقات تۇمانلىرى يەنىلا بىر قىسىم خەلقىمىزنى ئالداشقا مۇۋەپپەق بولماقتا.
ۋەزىيىتىمىز ئەنە شۇنداق ئىكەن، بىز بۇنى قانداق چۈشۈنۈشىمىز كېرەك؟ قانداق چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك؟
دىئالېكتىكا نۇقتىسىدىن قارالغاندا ھەرقانداق شەيئىنىڭ قارىمۇ-قارشى ئىككى تەرىپى بولۇدۇ؛ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى شۇكى زۇلمەتتىن كېيىن تاڭ ئاتىدۇ؛ بىر مۇسۇلماننىڭ چۈشۈنۈشى شۇنداقكى ۋە شۇنداق بولۇشى كېرەككى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت دىنسىزلارلا نائۈمىت بولۇدۇ. شۇنداقلا ھەر شەيئىدىكى قارىمۇ-قارشى ئىككى تەرەپنىڭ بولۇشىنى ئاللاھ قۇرئانى كەرىم، ئىنشىراھ سۈرىسىدە «ئەلۋەتتە ھەر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ياخشىلىق باردۇر» دېگەن تەكرار ئايەتلەر ئارقىلىق بايان قىلىپ بەردى. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئىلاھىي ھىكمەتلىرىدىن بىرى شۇكى، بەزىدە خەيرلىك ئىش بىر شەرنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنغان ھالدا بولۇدۇ. بىز يامان بولدى دېگەن ئىشلارنىڭ ئارقىسىدىن بىز كۈتمىگەن بىر ياخشىلىقنىڭ زاھىر بولغىنىنى دايىم كۆرۈپ تۇرىمىز. دەل ئەكسىچىمۇ بولۇدۇ: بىر ياخشىلىق ئارقىسىغا بىر شەر يوشۇرۇنغانمۇ بولۇدۇ.
ئۇ ھالدا بىز ۋەزىيىتىمىزنى زۇلمەت ئىچىدە تاڭ ئۇپۇقىنى كۆرۈش شەكلىدە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:
1. تىل ئاسسىمىلاتسىيىسى. بۈگۈنكى بولۇۋاتقان بارلىق زۇلۇملار ئىچىدە مېنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇدىغىنىم تىل ئاسسىمىلاتسىيىسى بولۇپ، بۇ مىليونلارچە خەلقىمىزنىڭ قىرغىن قىلىنغىنىدىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ۋە زىيانلىقتۇر. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ زۇلۇم ئىچىدىنمۇ تاڭ ئۇپۇقىنى كۆرۈش مۈمكىن. تىل ئورتاقلىقى مۇقەررەر تۈردە ھىسىيات ئورتاقلىقى، ھىسىيات يېقىنلىقىنى تۇغدۇرۇدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە مىللىيلىك ئاجىزلىشىدۇ، مىللىي كۈلتۈردىن ياتلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنى بىز ئارىمىزدىكى خىتايچە ئوقۇغانلارنى كۈزەتسەكلا دەرھال كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئۇلاردا خىتايلارغا قارىتا بىرخىل دوستانە ھىسىياتنىڭ تۇغۇلغانلىقى، دۈشمەن دەپ قاراشنىڭ ئەقلىنىڭ ئۇچىغىمۇ كەلمەيدىغانلىقى، خىتايلارنى ئۇلۇغ بىلىپ، ئۆز خەلقىنى تۆۋەن كۆرۈدۇغانلىقى بايقىلىدۇ. بۇ ھال ئەلۋەتتە قورقۇنۇچلۇق. ئەمما، خىتايلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىدىن ئېيتقاندا، خىتايلار، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئادەم دەپ قارىمايدىغان غەلىتە بىنورمال پىسخىكىلىق مىللەتتۇر. ئۇلار شىمال تەرىپىدە ياشىغان مىللەتلەرنى «ياۋايى ئالۋاستىلار»، ياۋروپالىقلارنى «ئەجنەبىي ئالۋاستىلار» دەپ ئاتاپ كەلگەن. بۈگۈن بۇ خىل ئاتاش ئۇلارنىڭ كۈندۈلۈك تىلىدا كۆرۈلمەس بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىنىڭ ئۆزگۈرۈپ قالغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۈگۈننىڭ خىتايلىرىمۇ ئۆزىدىن بولمىغانلارنى مەڭگۈ پوتانسىيال دۈشمەن ھىساپلايدۇ. بۇ ھالدا، خىتاي تىلى بىرىنچى تىلى، تەپەككۈر تىلى بولۇپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتايلارنىڭ ئۆز كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىشى مۈمكىنمۇ؟ ھەرگىز مۈمكىن ئەمەس. ئۆز مىللىي كۈلتۈرىدىن ياتلاشقان، شۇنداقلا يات كۈلتۈر توپى تەرىپىدىنمۇ قارشى ئېلىنمىغان بۇ يېڭى سىنىپ بىر خىل روھىي ئىزتىراپ ئىچىدە سىقىلىشقا باشلايدۇ. ھەرقانداق بېسىمنىڭ پوتانسيال پارتلاش كۈچى ھاسىل قىلىدىغانلىقى، تەرسىگە تېپىدىغانلىقى تەبىئەتنىڭ ئاددىي قانۇنىيىتى.
بۇنىڭغا شۇنى مىسال قىلىشىمىز مۈمكىن: ئافرىقىلىقلار ياۋروپالىق مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن قۇل قىلىنىش بىلەن بىرگە خىرىستيانلىققا زورلانغان ئىدى. ئافرىقىلىقلارنىڭ كۆپچۈلۈكى كەمسىتىشكە نىشان بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى دىنىي ئوخشىماسلىقتىن دەپ چۈشۈنۈپ قالغاچقا، خرىستيانلىقنى قوبۇل قىلساق، ياۋروپالىقلار بىلەن ئوخشاش بولۇمىز، كەمسىتىشتىن قۇتۇلۇمىز، دەپ ئويلاشقان ئىدى. كىم بىلسۇن ئاقلار خىرىستيانلىقنى قوبۇل قىلغان قارىلارنىمۇ ئوخشاشلا كەمسىتىۋەرگەن، ھەتتا بىرلىكتە ئىبادەت قىلىشىغىمۇ يول قويۇشمىغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ قىرىقىنچى يىللىرىدىن 60-يىللىرىغىچە ئامېرىكىدا كۆتۈرۈلگەن مالكولم ئېكس (ئالىجاھ مۇھەممەد) باشچىلىقىدىكى نېگىرلار ھەركىتىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇ بولدىكى، ئۇلار توپ-توپى بىلەن ئىسلامغا قايتتى. بۇنىڭ سەۋەبى، خىرىستىيانلىقتىن تاپالمىغان بارابەرلىكنى ئىسلامدىن تاپقانلىقى ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى ئىسلامدا ئاق مۇسۇلمان، قارا مۇسۇلمان دەپ ئايرىلمايتى، پادىشاھ بىلەن قۇل بىر سەپتە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالايتى. بۇ كۈچلۈك سېلىشتۇرما، بارابەرلىك ئىنتىلىشىدە سىقىلىپ، روھىي دۇنياسىدا بېسىم كۈچى پەيدا قىلغان ئافرىقىلىقلارنىڭ خىرىستيانلىقتىن چىقىشلىرىغا سەۋەپ بولغان ئىدى.
دېمەك، ئىنسانلاردا بولۇدۇغان تۇغما بارابەرلىككە ئىنتىلىش تۇيغۇسىنىڭ قارشىلىققا دۇچ كېلىشى، تەبىئىي يوسۇندا ئىككىنچى تەرەپنىڭمۇ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماي قالمايدۇ! بۇ مۇلاھىزىمىز توغرا دەپ قارالسا، شۇنداق دېيىشىمىز مۈمكىن: تىل ئاسسىمىلاتىسىيىسىگە ئۇچراپ، ئانا تىلىدىن ياتلاشقان ۋە خىتايمۇ بولالمىغان يېڭى تەبىقىنىڭ قارشىلىقى تېخىمۇ شىددەتلىك تۈس ئېلىشى مۈمكىن!
2. خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان قۇل ئىشچى مەسىلىسى. پۈتۈنلەي خىتاي ئاھالىسى ئىچىدە بولۇش ۋەزىيىتى بۇ ياشلارغا ئۆز يۇرتىدا ھاسىل قىلىشى ئىھتىماللىقتىن يىراق بولغان نۇرغۇن تۇرمۇش بىلىمىنى ھىس قىلىش ئىمكانى بېرىشى مۈمكىن. مىللىي سۈركۈلۈش مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مۇھىتتىلا كۆرۈلۈدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بىزنىڭ خىتايلاردىن ئۇزاق بولغان يېزىلىرىمىزدىكى دىھقانلاردا خىتايلارغا قارشى مىللىي ئۆچمەنلىك بولمىغان ئىدى. ئۇلارنى خىتايلارنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش ھەممىدىن تەس ئىدى. چۈنكى ئۇلار خىتايلارنىڭ بىۋاسىتە زىيانلىرىنى تېتىپ باقمىغاچقا، تېئورىلارنى چۈشەنمەيتى. ئەكسىچە ھەركۈنى قۇلاقلىرىغا چېلىنىپ تۇرغان ئازات قىلىنغانلىقى، قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىدە خىتايلارنى ئاكا مىللەت دەپ قاراش ئومۇمىي تۈس ئالغان دېيىشكە بولاتتى. دەل مانا شۇ خەلقلەر ئارىسىدىن ئېلىپ كېتىلگەن، ئەسلىدە مىللىي ئۆچمەنلىكنى بىلمەيدىغان ساددا يېزا ياشلىرى خىتايلار ئارىسىدا ئىشلەش، كەمسىتىشكە بىۋاسىتە ئۇچراش، بىۋاسىتە خىتايدىن زۇلۇم كۆرۈش نەتىجىسىدە مىللىي ئۆچمەنلىك ھىسىياتى يېتىلىشى مۈمكىن. ئاز ساندىكى ئېتىقادسىزلىرى ئاينىپ كەتسىمۇ، زور كۆپچۈلۈكى ئۇ يەرلەردە كەمسىتىش، زۇلۇم، تەڭسىزلىك ئىچىدە مىللىي روھلىرى تاۋلىنىشى مۈمكىن. مىللىي كۈلتۈردىن مەلۇم دەرىجىدە ياتلاشسىمۇ، يەنىلا مىللىي قارشىلىق روھى، مىللىي پەرقنى ساقلاشتا ئېنىرگىيە رولى ئوينىشى مۈمكىن. ھەتتا ئۇلار ئەگەر ئەمەلىي قارشىلىق ھەركەتلىرىگە جۈرئەت قىلىدىغانلا بولسا ئۆز ۋەتىنىدە ئېرىشەلمىگەن ماددىي ئەۋزەللىكلەرگىمۇ ئېرىشەلەيدۇ. مەسىلەن: قورال-ياراقلارغا ئېرىشىش يوللىرى نىسبەتەن كەڭراق، ھۇجۇم نىشانلىرى ئېرىغ-ساپ ھالدا بولۇدۇ. بۇ ھال خىتايلارنىڭ بېشىغا ئويلاپ كۆرۈلمىگەن پالاكەتلەرنى كەلتۈرۈشى چوقۇم.
3. پىلانلىق تۇغۇت. ئىلگىرى شەھەر ئاھالىسى ئىچىدىكى ئاتالمىش ئاڭلىقلار خىتايلارنىڭ سۈپەتلىك بالا سەپسەتىسىگە ئىشىنىپ، پىلانلىق تۇغۇتنى قارشىلىقسىز قوبۇل قىلغان ئىدى. خالاپ قوبۇل قىلىش ۋە مەجبۇر بولۇش ئارىسىدا زور مەنەۋىي پەرقنىڭ بارلىقىنى ھەممەيلەن ھىس قىلالايمىز، ئەلۋەتتە. يېقىندىن بېرىقى دەھشەتلىك قىزىل تېرورلۇق، قىرغىنچىلىقلار، ئاشكارە بېسىملار، ھەتتا مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنىڭمۇ چەكلىنىشىدەك چەكتىن ئاشقان زۇلۇم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىپ، پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى كەيپىياتنى بىلىمەكتە. ئاشكارە نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلمىسىمۇ، ئەمما ئۆز ئەمەلىيىتىدە بۇ خىل سىياسەتكە مۇخالىپ نەتىجە تۇغدۇرۇش ئومۇملاشماقتا. بۇ خىل چەكلەشنى بۇرۇنلاردا ھۆكۈمەت بىزنىڭ پايدىمىزنى كۆزلەپ شۇنداق دەۋاتىدۇ، دەپ بىلگەنلەر، ئەمدىلىكتە خىتايلارنىڭ ئەسلى مەخسىدىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، مىللىي ئىستىقبالدىن ئەنسىرەش، ھىچ بولمىغاندا ئائىلە نەسەبىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇلىرى كۈچۈيۈپ، بالىنى پىلاندىن ئاشۇرۇش ئارقىلىق قارشىلىق ئىپادىلىمەكتە. بۇ بىر خىل تەشكىللەنمىگەن، ئوتتۇرىدا ئاشكارە تەشەببۇسلىرىمۇ، شۇئارلىرىمۇ بولمىغان، جىم-جىت، گەندىچە قارشىلىق تۈسىنى ئالماقتا. خىتايلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئارقىلىق يوقۇتۇش مەخسىدى ئاللىقاچان پالەچ ھالغا، ئىشلىمەس ھالغا چۈشۈپ قالدى.
4. يەر-مۈلكىدىن ئايرىلىش، يوقسۇللار سىنىپىنىڭ تۇغۇلۇشى. يەر-مۇلكىدىن ئايرىلىشمۇ ئوخشاشلا قارىماققا ئىنتايىن يامان، قورقۇنۇچلۇق ئىش، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدا يەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن يەر ئىگىسى بولغان خىتايغا بېقىندى بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇدۇغان يېڭى كىملىك مەيدانغا كېلىدۇ. ھازىرقى زامان يانچىلىرى. ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىندىلىققا مەھكۇم بولۇدۇ. ئىقتىسادىي قۇللۇق، قۇللۇقنىڭ ئەسلى غولى ھىساپلىنىدۇ. نامراتلىق، نادانلىقنى ئىلگىرى سۈرسە، نادانلىق قۇللۇقنى مۇقۇملاشتۇرۇش رولى ئويناپ، بىرى-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىر دەۋرىيلىك ھاسىل قىلىشتەك تېخىمۇ يامان تەرىپىمۇ بار. بۇ ھالدا بۇنىڭ ئاستىدا يەنە قانداق خەير بولسۇن؟ دېگەن سوئال تۇغۇلماي قالمايدۇ.
جەمىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مەسىلىگە قارالغاندا، يېڭى تەشەببۇسلار، چاقىرىقلار، ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلار، سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەر، ئىنقىلاپلارنىڭ ئاساسلىق كۈچ مەنبەسى تەھلىل قىلىنسا، ئەڭ ئاساسىي كۈچنىڭ يوقسۇللار سىنىپى ئىكەنلىكى كۆرۈلۈدۇ. جەمىيەتشۇناسلاردىن ئبنى خالدۇننىڭ قارىشىچە بەدەۋىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز قەبىلە باشلىقىغا، قەبىلە پىرىنسىپلىرىغا سادىق بولغان ھالدا قەبىلە باشلىقى چاقىرغان ياكى قەبىلە مەنپەئەتى تەقەززا قىلغان ھەركەتلەرگە ئاتلىنىشتىكى پىداكارلىقى ھەرقانداق مۇقىم ئولتۇراقلاشقان قەبىلىلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك بولۇدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، كۆچمەن بەدەۋىي قەبىلىلەردە تارتىشقۇدەك پاراۋان ھايات يوق، قىيالمىغۇدەك مال-دۇنياسىمۇ يوق، شۇڭا تەمسىلىمىزدا دېيىلىدىغان «يالىڭاچ سۇدىن قورقماپتۇ» شەكلىدە پىداكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلىم نۇقتىسىدىن ئاق بولۇشى قەبىلە باشلىقى ياكى بىرەر بىلەرمەن دانىشمەنگە شەرتسىز بويسۇنۇشتەك ساداقىتىگە سەۋەپ بولۇدۇ. بۈگۈنكى ئەمەلىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساقمۇ، پىداكارلىق كۆرسۈتۈۋاتقان ياشلارنىڭ ھىچبىرى ماددىي پاراۋانلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان، نىسبەتەن ئىقتىسادىي سەۋىيىسى ئۈستۈن بولغان رايونلاردىن ئەمەس، نامرات يېزىلاردىن چىققان ياشلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈمىز. ئىقتىسادىي بايلىق، ماددىي پاراۋانلىقنىڭ يامان بىر تەرىپى، ئادەمنى ھاياتقا چىڭ باغلايدىغانلىقىدۇر. ئۇنىڭ قىيالمايدىغان بىرمۇنچە مال-مۇلكىنىڭ بولۇشى، ئۇنى پىداكار بولۇشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. خۇددى شۇنداق، يېڭىدىن مەيدانغا كېلىدىغان يانچىلار سىنىپى خۇددى ماركىسزمدا ئىنقىلاپنىڭ ئاۋانگارت سىنىپى قىلىپ تەسۋىرلىنىدىغان پۇرۇلېتارىيات سىنىپى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن ۋە بۇ سىنىپ مەۋجۇت بولغان مۇددەتتە پىداكارلىق بىلەن قارشىلىق قىلىشمۇ توختىمايدۇ.
5. مىللىي قىرغىنچىلىق. ئەمدى ئاخىرقى نۇقتا، مىللىي قىرغىنچىلىق، قەتلىئاملارغا كەلسەك، بۇمۇ بەزىلەرنىڭ قورقۇپ كەتكىنىدەك ئىش ئەمەس. بىز خىتايلارنىڭ پىلانلىرى بويىچە بولغاندا جىم ئولتۇرىشىمىز كېرەك ئىدى. جىمجىتلىق ئىچىدە مىللىي قىرغىنچىلىقنى بۇسىنى چىقارماي پۈتتۈرگۈسى بارىدى. بۇ ھالدا تارىخ ئالدىدىمۇ رەزىل بولمايتى، چىقىممۇ تارتمايتى. چۈنكى قارشىلىق بولغاندا خىتايلار تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشقا، ئاشكارە شەپقەتسىزلىك قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك تازىلاش پىلانى ئاشكارىلىنىپ كېتەتتى. بۇ ئاشكارە قىرغىنچىلىقنى كۆرگەن خەلقنىڭ نەپرىتىنى كۈچلەندۈرۈپ، نەتىجىدە تېخىمۇ شىددەتلىك قارشىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولۇدۇ. قارشىلىق ۋە قىرغىنچىلىق بىر-بىرىنى شىددەتلەندۈرۈپ، ئاخىرىدا ئىككى مىللىي فرونت ئېنىق ئايرىلىپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىدۇ.
دەل شۇنداق بولغاچقا، خىتايلار قارشىلىقلاردىن ئەڭ راھەتسىز، ئەڭ زىيان تارتقۇچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. لېكىن ئىچىمىزدىكى بەزىلەرمۇ خىتايلار ئارزۇ قىلغان تېنچلىقنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. بۇ گويا خەلقارادا مودا بولۇۋاتقان تېنچلىقچىلىققا ئاۋاز قوشۇۋاتقان ياكى بىردەكلىكنى ساقلاۋاتقان قىياپەتتە كۆرۈنسىمۇ، بۇ خىتايلارنىڭ تەشەببۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زىيانلىق قاراشتۇر. تېنچلىق بىز ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق. ھېلىمۇ بىز تېنچلىقنى بۇزۇشتا كۆپ كېچىكتۇق. بۇنداق بىر قىرغىنچىلىق تاجاۋۇزچىنىڭ ئاخىرقى مەخسىدىدىكى بىر قەدەم بولغاچقا، بۇنى بىز يوۋاش بولساقلا ئۇمۇ ئۇنداق قىلمايتى دېگەن تەقلىتتە چۈشۈنۈش ئىنتايىن ساددىلىقتۇر. ئەگەر بىز خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىدا قىرىلىپ تۈگەيدىغان بولدۇق دېگەنگە ئىشەنسەك، ئۇ ھالدا جىمجىتلىقتا تېخىمۇ بالدۇر تۈگەپ كېتىدىغانلىقىمىزغا ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئىشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. قارشىلىق بولسا بىزنىڭ ئىككى ئۆلۈم ئىچىدىن شەرەپلىك ئۆلۈمنى تاللىۋالغانلىقىمىز بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، بۇمۇ بىزنىڭ غەلىبىمىز.
قىرغىنچىلىقلاردىن بىز كۆرۈۋاتقان تاڭ ئوپۇقى شۇلاردۇر: بۈگۈنكى قىرغىنچىلىقلارنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەنچە، خىتايلار بۇ قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن غەپلەتتە ياشاپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز سىياسىي پارتىيىلەر، يەرئاستى تەشكىلاتلار، چەتئەلدىن كىرگۈزۈلۈدۇغان مەتبۇئات مەھسۇلاتلىرى سايىسىدە ئەللىك يىلدىن بېرىمۇ چۈشەندۈرەلمىگەن دۈشمەن ئۇقۇمى روشەنلەشتى. ئىلگىرى ئۆز ئۇكىسىنى، ئۆز بالىسىنى دۈشمەن دەپ تۇتۇپ بەرگەن ئادەملەر كۆپلەپ تېپىلاتتى. چۈنكى ئۇ چاغدا خىتاي تەشۋىقاتىدىن كاللىسى ئايلىنىپ قالغان خەلق، خىتاينى ئەمەس، ئۆزىنىڭ قارشىلىق ھەركىتى ئېلىپ بارغان مۇنەۋۋەر ئوغۇل-قىزلىرىنى دۈشمەن دەپ تونۇيتى، خىتايلار ئۇلارنى ئەنە شۇنىڭغا ئىشەندۈرگەن ئىدى. بۈگۈن بولسا ئىككى سەپ بارغانسېرى ئېنىق ئايرىلىپ، خەلقىمىز كۆزىدە دۈشمەن سېپى روشەنلەشمەكتە. بىز بۇ پايدىغا مىلياردلاپ پۇل سەرپ قىلىپ، مەۋھۇم تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىش يولى بىلەن ھەرگىز ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇق. بۇنى دۈشمەن قىسقا مۇددەتتە ئۆزلىرى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويدى. بىر مىللىي ئىنقىلاپتا ئەڭ موھىم بولغىنى دۈشمەننى تونۇش مەسلىسى بولۇپ، دۈشمەن ئۇقۇمى مۈجمەل بولغان ھالدا ئىنقىلاپ قىلىش  مۈمكىن ئەمەس، خەلقنىڭ قوللىشى بولۇشىمۇ مۈمكىن ئەمەس. بۇ ئەڭ موھىم ئاساس مانا شۇ مىللىي قىرغىنچىلىقلار ئېلىپ كەلگەن ئەڭ بۈيۈك پايدىمىز بولۇشى مۈمكىن.
يوقۇرىدا دىنىي نۇقتىدىن ئۇقۇملاشتۇرۇلغان شەر كۆرۈنگەن شەيئىلەر ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ياخشىلىق مانا شۇ. بەزىدە ياخشىلىق بولۇپ كۆرۈنگەن شەيئىلەر ئارقىسىغا يامانلىق يوشۇرۇنغان بولۇشى ئۇقۇمىمۇ بۇ بايانلاردا ئېنىقلىققا ئېرىشتى دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن، تېنچلىق تەشەببۇسچىلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكى تېنچلىق، ياخشىلىق كۆرۈنۈشىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق بولۇشى بۈگۈن مىللىتىمىزنىڭ بىلەرمەنلىرىگە سىر ئەمەس.
ئاللاھ قۇرئانى كەرىم بەقەرە سۈرىسىدە يەنە بۇ قاراشلارنى كۈچەيتىدىغان شۇنداق بىر ئايەتنىمۇ بايان قىلىدۇ «سىلەر بىرنەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۈمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، سىلەر بىر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۈمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر»[①] بۈگۈنكى ئەمىلىيىتىمىز مانا بۇلارنى تەكرار ئىسپاتلىماقتا.
ئۈمىت ئۇپۇقىمىزغا يەنە شۇلارنىمۇ ئىلاۋە ئېتىشىمىز مۈمكىن:
خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدىكى كۈلتۈر توقۇنۇشلىرىدا خىتايلاردا سادىر بولۇۋاتقان ۋە خىتايلار مەڭگۈ ساقلىنالمايدىغان تۇتامسىزلىق ۋە تۇتامسىزلىق ياراتقان ۋاكۇۇم خەلقىمىزنىڭ يەنە بىر نەپەس ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىدۇ.
نورمالدا، بىر دۆلەتتە، دۆلەت كۈلتۈرى ۋە خەلق كۈلتۈرى دېيىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك كۈلتۈر مەۋجۇت. بەزى مىللىي دۆلەتلەردە بۇ ئىككى كۈلتۈر زور دەرىجىدە بىرلىككە كەلگەن بولۇشىمۇ ئىھتىمال. ئەمما كۆپ ھاللاردا بۇ ئىككى خىل كۈلتۈر پەرقلىق بولۇدۇ. بۇلاردىن بىرى خەلقنىڭ ئەجداتلىرىدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ ياراتقان تەبىئىي ۋە دائىمىي كۈلتۈرى بولۇپ، جەمىيەتشۇناسلىقتا بۇنى ئاممىباپ كۈلتۈرمۇ دەپ ئاتايدۇ. يەنە بىرى ھاكىمىيەتلەرنىڭ سىياسىي ئىھتىياجلىرى ئۈچۈن پۈتۈن دۆلەتتە يېيىشنى، ئومۇملاشتۇرۇشنى كۆزلەۋاتقان دۆلەت كۈلتۈرى بولۇپ، بۇنىسى دىكتاتور سىستېمدىكى دۆلەتلەردە تېخىمۇ شىددەتلىك، تېخىمۇ مەجبۇرىي تۈس ئالغان بولۇدۇ. ئۈستقۇرۇلمىنىڭ زۇۋانى ۋە بارلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەلققە بۇ كۈلتۈرنى تاڭىدۇ.
ۋەتىنىمىزدە بۇنىڭ قانچىلىك جاھىلانە تىركىشىش ۋەزىيىتىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈش مۈمكىن. ئەمما، بەختىمىزگە خىتايلارنىڭ جۇڭخۇا ئائىلىسى سەپسەتىسىنى يادرو قىلغان، ئايرىلماسلىقنى شۇئار قىلغان دۆلەت كۈلتۈرى بىلەن خىتاي مىللىتىنىڭ مەڭگۈ باشقىلارنى يەكلەشتەك مىللىي خاسلىقى بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى كەلگەچكە، دۆلەت كۈلتۈرىنىڭ ئاساسلىق سۇنغۇچىلىرى بولغان خىتايلار ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئاغزىدا تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىرىنى يالغانغا چىقىرىپ تۇرۇدۇ. بۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئىشەشسىزلىك ھاۋاسى خىتاي دۆلەت كۈلتۈرىنىڭ، بىزنىڭ ئىسلام ۋە تۈركچىلىكنى يادرو قىلغان مىللىي كۈلتۈرىمىز ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىنى توسالغۇغا ئۇچرۇتۇدۇ. بىزنىڭ مىللىي كۈلتۈرىمىز بولسا ئۆزىنىڭ تىركىشىش ئېنىرگىيىسىنى خىتايلارنىڭ مانا مۇشۇ تۇتامسىزلىقىدىن ئالۇدۇ. خىتايلاردا كانادا مىسالى كۆپ خىل كۈلتۈرلەرنىڭ باراۋەرلىكتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويۇدۇغان ئىنسانىي خىسلەتلەرنىڭ ئويغۇنۇشى تەسەۋۋۇر قىلىنمىغاندەك، كۈلتۈر توقۇنۇشى ئىچىدە بىزنىڭ قارشىلىق كۈچىمىزنىڭ ئېنېرگىيەسى تۈگەپ كېتىشىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ.


[①] بەقەرە سۈرىسى 216-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.





كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:43 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.225322 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش