تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2928|ئىنكاس: 0

«قالىغاچ ئۇۋىسىدىكى مەخپىي سۆھبەت»تىن ئالغان ئىلھامىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

13

يازما

130

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
130
قىسقىچە خۇلاسە

قالىغاچ ئۇۋىسىدا ئىككى باچكا ئارىسىدا بولۇنغان سۆھبەتنى تاقلاپ-تاقلاپ كۆرۈپ باقتىم. مەندە ئاساسلىق ئىككى تەسىرات تۇغۇلدى: بىرى قۇيرىقىغا تۈك چىققان باچكىنىڭ سالاھىيىتى، كىملىكى، پەزىلىتى ئۈچۈن ئەينەك بولۇدۇكەن؛ يەنە بىرى، ئەتلەنگۆش باچكىنىڭ غالچىلىق دەرىجىسىگە بولغان قىياسىمىزنى يېڭىلايدىكەن. يەنى قۇيرۇقىغا تۈك چىققان باچكىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قانچىلىك نېمىلىكى كۈنسېرى ئاشكارە بولۇپ، چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ، تەرىپىنى تۇتقۇدەك يېرى قالمايۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ساداقىتىنى ساقلىشى، ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ «سادىق غالچا، ياراملىق قولچوماق»كەن، دېگەن خۇلاسىگە كەلتۈرىدىكەن.
بەزى سوئاللارمۇ تۇغۇلدى. يەنى، ئەجەبا بۇ قۇيرۇقىغا تۈك چىققان باچكا، ئۆز ئۇۋىسىدىكى باشقا تۈرلۈك ئۇچار قانات باچكىلىرىنىمۇ مۇشۇ مىزان بويىچە باھالاپ باقمامدىغاندۇ؟ دېگەندەك سوئاللار. مەسىلەن، ئانا باچكا، جاكاچى باچكا، ۋەكىل باچكا،... شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇۋىغا سامان توشۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسسسىقراق يېتىشىغا ھەسسە قوشۇدىغان سىرتتىكى باشقا پەررەندە ۋە چەررەندىلەر ئىچىدىمۇ بۇ باھا ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىگەندە «كۆتى نەم» چىقىپ قالىدىغانلىرى يوقمىدۇ؟ «پىشانەڭنى سىلىۋەت» دېگەن گەپنى ھەر قەدەمدە ئېسىمىزگە سالىدىغىنى قىزىق. بەزى چەررەندىلەر ياكى پەررەندىلەرنىڭ كۆتى نەم ئىكەنلىكىمۇ راستتۇر، ئەمما بۇ تۈپەيلى «ئۇنىڭ دادىسىنىڭكىدىمۇ ئىششەك پوق بارىدى»، دېيىش توغرا بولامدىغاندۇ؟ بەزىلىرىنىڭ «ئىچى سۈرۈپلا تۇرۇدۇغان»، ئۆمرى بويىچىمۇ پاچىقى قۇرۇپ باقمىغان بولۇشىغا قارىماي، پەدەزلەنگەنلىكىنى نېمە دەپ چۈشەنسەك بولۇدۇغاندۇ؟ قۇيرۇقىغا تۈك چىققان باچكىغا مەلۇم ئوخشاشلىقلىرى بولغان بولسا، «ئېنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، بىر كۈنلىرى موزاينىڭمۇ بېشىغا كېلىشى»دىن قورقۇپ، ئۇنىڭ شاتراق قېتىپ قالغان پاچاقلىرىنى كۆرمەسكە سالغاندىمۇ-يا؟بۇ باھالاشتا بەزى پۈتۈنسۈرۈك ئىشتاننىڭ رەسۋالىقى كىچىكلىتىلىپ، بىر پاچىقىلا ھۆل دېيىلگەندەك تۇرۇدۇ، بۇ بىلەلمەي قېلىشتىنمىدۇ؟ مەسىلەن: ھېلىقى مۇخبىر جاناپنىڭ قېينى ئاتىسى ھېلىقى نازارەتتە ئەمەس، ھېلىقى مىنىستىرلىكتە ئىشلىگەن كاتتا كىشى تۇرسا، نېمىشكە ئۇنىڭ دەرىجىسى چۈشۈرۈۋېتىلدىكىنا؟
تېخىمۇ قىزىق، ئەمما ئەقەللىي بىر سوئالمۇ بار: بۇ باچكىلار سۆھبىتىنىڭ غەيۋەت ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ پاچىقىدىمۇ قېتىشمىلار يوق، كۆتىدىمۇ نەم يوقلۇقىغا ئىشىنىدىغان بولسا، ئەجەبا ئۆزلىرىنىڭ زادى قانداق بىر پەررەندىنىڭ باچكىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارە دېيەلمىدى؟ گەرچە قالىغاچ ئۇۋىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، قالىغاچ باچكىسىدەك قىلمايدۇغۇ؟ سېغىزخاننىڭ باچكىسىمىدۇر-يا؟ ئاققۇچقاچنىڭكىدەكمۇ تۇرامدۇ-نېمە؟ ياكى ھارامدىن بولغان بولسا، دېيىشكە يۈزى قىزىرىۋاتامدىكىن؟

ئۈزۈندىلەر بىلەن مونولوگلار

«قالىغاچ ئۇۋىسى... »دىن دىققتىمنى قوزغىغان قۇرلارغا ئاز-تولا ئىلاۋە بەردىم. ئاستى سىزىلغان قۇرلار سىدىقھاجىنىڭ زىكرى قىلىنىۋاتقان «ماقالىسى»دىن ئېلىنغان ئۈزۈندىلەر. ئۈزۈندىلەرنىڭ ئاستىدا بولغانلىرى كەمىنىنىڭ زەئىپ ئەقلىگە كەلگەنلەر بولۇپ، بۇنى نە تەنقىد، نە رەددىيە دېيىشكە بولمايدۇ. بۇنى پەقەت ئىزاھات، ئەسلەتمە،... دېگەندەك تىپلاردا چۈشۈنۈشكە بولۇدۇ.
ئەركىن تارىم ھەر قېتىم ئامېرىكىغا كېلىدىغان چاغدا ، تۈركىيىدە ئالتۇن بازىرىغا كىرىپ ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر سېلىپ كېلىدىكەن.
ئاشۇ بوينىغا سېلىپ كەلگەن ئالتۇن زەنجىرنى كېتىشتە قەيەرگىدۇر قويۇپ كېتەرمىش. مۇشۇ «قالىغاچ ئۇۋىسى... >نى ئازاتلىق»تىن ئۆچۈرگۈزۈشتە ئەنە شۇ ئالتۇن زەنجىرنىڭ رولى بولغانمىش. چۈنكى، بىر قېتىملىق قويۇپ كېتىشىدە «ئازاتلىق»قا گېپى ئۆتۈدۇغان بىرسىگە قويۇپ كەتكەن ئىكەنمىش.
كمدۇ بىرسىنى لىدىر دەپ، قوللايدىغانلا بولسا. لىدىر بولغۇچى بۇ كىشى، ئۇنى قوللىغان كىشى كوممۇنىست بولسىمۇ، ساقچى بولسىمۇ،  ئىشلىتىۋىرىدىكەن.
بەك توغرا گەپ! بىزنىڭمۇ يىللاردۇر قايناۋاتقىنىمىز شۇ خۇسۇستا ئەمەسمۇ؟ مەسىلەن، سىز دەۋاتقاندىن بىرى: خىتاينىڭ مەخپى ئىشلار ئىدارىسى ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىك جاسۇسى ئايسۇلتان.... دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مائاۋىن رەئىسى مەمەت توختىغا قانداق توي قىلدى.......؟ ( مەمەت توختى 1 يىل بۇرۇن بۇ ئايالدىن ئاجراشقان)...
ئاشۇ بىزنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق داھىمىزنىڭ خانىمى ئىدى.
دېگىنىڭىزدەك ئەنە شۇ مەمەت توختى لىن بىياۋدەك خوشامەتنى بەك ئەپلەشتۈرگەچكە «كوممۇنىست بولسىمۇ، ساقچى بولسىمۇ» ئىشلىتىۋاتمامدۇ. بىريىل ئالدىدا ئاجراشقاننىڭ گېپىنى قىلمايلا قويۇڭ، ئاجراشسىلا جاسۇستىن قۇتۇلۇپ قالغان بولارمۇ؟ ئاشۇ ئايسۇلتان كاناداغا كەلمەستە مەمەت توختىنىڭ نېمىلەر قىلغانلىقىنى سىزگە دېگەنىدىمغۇ؟ كانادا پارلامېنتىدىكى بىر زالدا كانادادا ياشايدىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايراقلىرى ئېسىقلىق ئىكەن، بىر دۆلەت ئادىمى مەمەت توختىغا «سەنمۇ مىللىي بايرىقىڭنى ئەكىلىپ ئاسساڭ بولۇدۇ» دەپتۇ، ئەمما بۇ ئىش ئون يىلدىن بېرىمۇ قىلىنمىغان بولسا، بۇنى قانداق چۈشەندۈرسەك بولۇدۇ؟ خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت تىپىغا ئايرىپ، ئۇنىڭ ھورۇنلۇقى، بىخەستەلىكى، چولىسى تەگمەسلىكى دېسەك ئاقلىغىلى بولۇرمۇ؟ بۇ ئىش مەن كېلىشتىن (2002دىن) بۇرۇن دېيىلگەن ئىشكەن. ھازىرغىچە بۇ بايراق پارلامېنتقا بارغىنى يوق ۋە ئەمدى ئۇنداق ياخشى پۇرسەت بولامدۇ-يوق، ئاللاھ بىلىدۇ!
يەنە شۇ مەمەت توختى شۇ زامانلاردا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولۇدۇغان بىر نامايىشتىن بىر ئايچە بۇرۇن خەۋەر تاپقان تۇرۇپ، بىرمۇ ئۇيغۇرغا ئۇقتۇرمىغان! تاكى نامايىش ھارپىسىدا باشقا مەنبەلەردىن بۇ ئىش ئۇقۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇدۇغانلار ئۇنىڭدىن قىستاپ سورۇغاندا: «تېخى ئېنىق كۈنى بېكىتىلمىگەن ئىدى، مەن سۈرۈشتۈرەي» دەپلا تالاغا قاچقان. ئەمەلىيەتتە بىر ئاي بۇرۇنقى پىلان يىغىنىدىلا ئېنىق كۈن بېكىتىلىپلا قالماي، مەمەت توختى جاناپلىرىنىڭ سۆزلەيدىغانلىقى (ئۇيغۇرغا ۋاكالىتەن)مۇ بېكىتىلگەن ئىكەن. ئەسلىدە ئۇ ئۇيغۇرلارنى خەۋەرسىز قالدۇرۇپ، بىرلا ئۆزى بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەندىن باشقا ئىنقىلاپچى يوق، دېگەننى ئىپادىلىسە، باشقا چەتئەللىكلەر ئالدىدا ئۇيغۇرنى رەزىل قىلىش، خىتايلار ئالدىدا خىزمەت كۆرسۈتۈشنى كۆڭلىگە پۈكمىگەن بولسا سەۋەپ نېمە؟
يۇقارقى ئىككى ئىشنى سىياسىيدىن باشقا ھەرقانداق ئادەتتىكى سەۋەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغانلار بولسا مەرھەمەت قىلسۇن! مانا شۇ مەمەت توختىمۇ خۇددى سىدىق ئۇستازنىڭ دېگىنىدەك، «خوش خوش» ئېيتىپ تۇرالىغاچقىلا لىدېرغا ئىسسىق كۆرۈنۈپ بىزگە رەھبەرلىك قىلىشنى داۋام قىلماقتا.
شۇ  چاغدا رادىئودا سۆزلىگەن كىشىلەر. ئۇيغۇرنىڭ مۆتىۋەرلىرى رەھمەتلىك  يۈسۈپبەگ مۇخلىسوپ. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ     ئالتۇن مىدالىغا ئېرىشكەن   رەھمەتلىك دولقۇن ياسىن قاتارلىقلار ئىدى . روھى قورۇنمىسۇن ئەزىزلىرىمىزنىڭ. ئۇ ئىنسان، ئىنسان پەقەت ئاجىز بەندىدۇر. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇنداق كىشىلەرنى ئاقلاشقا بولمايدۇ. روس دېگەن بۇ ياۋۇز مىللەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك دۈشمەن ئىكەنلىكىنى  ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.
قىممەتلىك ئۇستازلاردىن يۈسۈپبەگ مۇخلىس، دولقۇن ياسىنلار رۇسلار قۇرۇپ بەرگەن رادىئودا (ۋەتەن قۇتقۇزۇش رادىئو ئىستانسىيىسى) سۆزلەپتۇ، سىدىقھاجى ئۇستاز ئامېرىكا قۇرۇپ بەرگەن رادىئودا سۆزلەپتۇ؛ ئاۋۇنداق كىشىلەرنىغۇ ئاقلاشقا بولمايدىكەن، ماۋۇنداق كىشىلەرنى ئاقلاشقا بولامدىغاندۇ؟ بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نېمىدۇ؟ ئاۋۇسىغۇ «شەرقىي تۈركىستان» دەپ سۆزلەيدىكەنمىش، ئەسلىدە مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىمىزنى سۆزلەيدىكەنمىش، خەلقنى ئاشكارە ھالدا خىتايغا قارشى بىلەيدىكەنمىش؛ ماۋۇسى ۋەتەننىڭ ئىسمىنىمۇ تىلغا ئالمايدۇ؛ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئەسلا-ئەسلا تىلغا ئېلىش مۈمكىن ئەمەس! ئۇ ھالدا بۇ سېلىشتۇرما شۇنى كۆرسۈتۈۋاتىدۇكى، ئاۋۇلارنى ئاقلاشقا بولمىغان يەردە، ماۋۇلارنى ھۈدۈدەس ئېتىشلا كېرەك بولمامدۇ؟ سىدىقھاجى روزىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە!
سىدىقھاجى روزى دېگەن كىشىمۇ ئامېرىكىدا ياشايدىكەن ، نېمىشقا رىشات ئابباس بىلەن  رۇشەن ئابباس ، رادىئوغا سىدىقھاجى روزىنى تونۇشتۇرماي ، كوممنىستنىڭ بالىسى ، كوممۇنىست دولقۇن قەمبىرىنى رادىئوغا تونۇشتۇردى؟
مۇددىئا مانا بۇ قۇرلاردا ئېنىقلىققا ئېرىشكەن! «جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا» دېگەندەك، رادىئوغا رەسمىي مائاشلىق مۇخبىر بولالمىغاننىڭ ئاچچىقىكەن-دە بۇ؟ بىز خېلى كاتتا دەپ بىلىدىغان بۇ ئادەم ئاشۇ ئۆزى ياراتمايدىغان قارا قوساق دولقۇن قەمبىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشلەر بولغىيمىدى؟ شۇنىڭغا غۇرۇرى، گەژگىسى يول قويار بولغىيمىدى؟ تايىنلىقكەنمۇ نېمە؟
ئۇيغۇرنىڭ دەردى ئۈچۈن بىر ئۆمرىنى سەرپ قىلغان، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېمۇكراتىيە چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ، يەنە شۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان سىدىقھاجىنىڭ سۈرىتى رادىئونىڭ دېسكىسىغا بىر قېتىم چاپلىنىپ باقمىدى.
بۇ گەپلەردىن سىز ئۈچۈن مەن خىجىل بولۇپ كەتتىم، تەقسىر. باشقىلارنى مىسال بەرسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزنى دېمەيراق تۇرسىڭىز بوپتىكەن. سىزنىڭ كۆزلەيدىغىنىڭىز نەقەدەر «ئۇلۇغۋار نىشان»لار-ھە!
بۇ كىشىلەر «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدۇق» دەيدىغان يالغان شوئارنى، ئادەم ئالدايدىغان شوئارنى كۆتۈرۈۋېلىشتى. غولامىدىن ئاكىنىڭ  ئىكرانغا چىقىپ سۆزلىگەن سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا ، شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىلىقلار ۋە ب د ت ، ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىپ، قايان كېتىسىلەر  ، ئامېرىكىغا كېتەمسىلەر بىز سىلەرنى قارشى ئالىمىز دېگەندە.، بېشىغا پاتمان سەللىنى ئورىۋالغان بۇ كىشىلەر : ياق بىز تۈركىيىگە كېتىمىز، كەشمىرگە كېتىمىز دېيىشكەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئۇلار قەيەرگىدۇ ، ئىنقىلاب قىلىش ئۈچۈن ئەمەس  ، قورساق بېقىش ئۈچۈن، جان ساقلاش ئۈچۈن كېتىۋاتقان كىشىلەر ئىدى.
كونا ئىنقىلاپچىلار ياكى ئۇنداق دېيىشكە بولمىسا بۇرۇنقى مۇھاجىرلار دەپ تۇرساقمۇ بولۇدۇ، «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدۇق» دەپ ئايرىلىپتىكەن، سىزچۇ؟ سىدىقھاجى روزى؟ سىز نېمە دەپ ئايرىلغان ئىدىڭىز؟ ئەگەر ئۇلار ئامېرىكىغا كەلگەن بولسا ئىنقىلاپ قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان بولاتتىمۇ؟ تۈركىيەگە كەتكەنلىكى ئۈچۈن جان بېقىش ئۈچۈن بارغان بولدىمۇ؟ بۇ قانداق ئۆلچەم ئەپەندى؟ جان باقىدىغانلار ئۈچۈن ئامېرىكا تېخىمۇ ياخشىدىغۇ؟ ياكى «قازى» بۇ يەردە بولغاچقا بۇ يەرگە كېلىشى شەرتمىدى؟
ئەمما ئۇلاردا سىياسىي كاللا بولغان بولسا ئەلۋەتتە كەشمىردە (ھىندىستاندا) قالغان بولاتتى؛ سىزدە سىياسىي كاللا بولغان بولسا ئاۋۇ گەپنى دېمەيتىڭىز، ۋەتەنگە چېگرىداش ۋە خىتايغا دۈشمەن بولغان بىر دۆلەتنىڭ تۇپرىقىدا قالمىدى، دەپ ئاغرىناتتىڭىز.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ قارمىقىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمى  ئەسلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى سۆزلەيدىغان، ئۇيغۇر خەلقى قۇبۇل قىلالايدىغان ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى ئارزولىرىغا مۇناسىۋەتلىك  تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىشى كېرەك ئىدى. رادىئو ئېچىلىپلا ، چېچېنىيە مۇنداق بولدى، لىفىڭ زۇڭلى ئالجىرىيىنى زىيارەت قىلدى. ئەيسا ئالىفتېكىن مۇنداق قەھرىمان ئىدى.، ئەركىن ئالىفتېكىن 10 خىل تىلدا سۆزلەيدۇ،   مىيۇنخىندا  قۇرۇلتايغا مۇنچە رەئىس سايلاندى. ئۆزبېك ئەنۋەرجان ب د ت غا خەت يازدى.
رادىئو ھەققىدە دەل مۇشۇنداق ئارزۇلىرىمىزنى مەن دېسەم ئەجەپ مەن گۇناھكار بولغانىدىمغۇ، تەقسىر؟ ئەمدى نېمە بولدى؟ «ئەتى-مەتى يوق» دېگەندەك، ئارقىمىزدا قالغان قۇيرۇققىمۇ قاراپ قويىلى، ئۇستاز. تېيىپجاننىڭ: «سۆرۈلەتتى بۇ قۇيرۇق، سۈپۈرگىدەك كەينىدىن» دېگىنىدەك بولمىسۇن.
شۇ چاغدا  «ۋول سىچىرۈيت گېزىتى»نىڭ  مۇخبىرى دەينېل پىرول ، پاكىستانلىق تېرورىستلار تەرىپىدىن بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلدى.... . ئامېرىكىلىق : ھەي ئۇيغۇر سەنمۇ مۇسۇلمان ئىكەنسەن ، بىزنىڭ مۇخبىرىمىزنى پاكىستانلىق ئۆلتۈردى، سەن بىزگە دەردىڭنى سۆزلەمسەن ئۇيغۇر؟ دىمىدى.
شۇنداق بولماي ئەمىسە، بىر دۆلەت، يەنە كېلىپ ئامېرىكىدەك دۇنيانىڭ تەقدىرىنى پىچىمەن دەپ يەڭ شىمايلاپ يۈرگەن بىر دۆلەت سىدىقھاجىدەك «تۇل خوتۇن ھىسابى» قىلاتتىمۇ؟
روسىيە ، خىتايغا ئاتۇم ئۇرۇشى قوزغىسا قوشۇلمايمىز. ئەگەر  بىر دانە راكېتا روسىيىنىڭ ھەربى بازىللىرىدىن ئايرىلىدىكەن، ئامېرىكا ، روسىيىنىڭ 130 ئورۇندىكى ئاتۇم، يادرو ھەربى بازىلىرىغا  بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىدۇ ، دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ گەپچە، سىز ئىزچىل بىزنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ دەپ تامادا بولغان ئامېرىكا خىتاينى قۇتقۇزۇپ قاپتىكەن ئەمەسمۇ؟ خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك كۈچلۈنۈپ كېتىشىدىمۇ ئامېرىكىنىڭ جىنايىتى بارىكەن ئەمەسمۇ؟
ئوتتۇرا ئاسىيادا  ئۇيغۇرنىڭ ئېتنىك قېرىنداشلىرى ،ئەمەلىيەتتە  نۆۋەتتىكى سىياسى دۈشمەنلىرى قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، تاجىك. ئۆزبېكلەر  ...
تۈزەلمەيدىغان سىياسىي ساۋاتسىزلىق! ئەپەندىم دەل ئەكسىچە بولغان بولسا، يەنى، بىز مۇستەقىل بولغان، ئوتتۇرا ئاسىيالىق «قېرىنداشلار» رۇس تاپىنى ئاستىدا يۇلقۇنۇۋاتقان بولسا سىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ قېرىنداشلارنىڭ مۇجاھىتلىرىنى دەپ «ئويغورىستان»نى رۇسلارنىڭ غەزىپىگە نىشان قىلىپ قويالامتىڭىز؟ دۆلەت مەنپەئەتى دېگەن ئەنە شۇنداق بۈيۈك نەرسە، مىليونلارنىڭ جېنى دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن پارچە پۇلدەكلا خەجلىۋېتىلىدۇ. دەل مانا شۇنى چۈشەنمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن قۇربان بەرمەي تۇرۇپ ئازاتلىقنى خىيال قىلىپ يۈرۈپتىمىز!
سىياسىي دۈشمەنلىرىمىز بىرلا خىتاي دەپ يۈرسەك سىز يېڭىلىرىنى تاپقان ئوخشىمامسىز؟ ھازىر قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك،...لەرمۇ سىياسىي دۈشمىنىمىز بولدىمۇ؟ ئۇلارنىمۇ يوقۇتامدۇق؟
خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ  چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن پايدىلاندى. ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش، پاسپورت ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ  ۋەتەنگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىش، بۇ ئارقىلىق بەلكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە زىددىيەت پەيدا قىلىش ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىلمۇ-خىل ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىش، ئۆزى قۇرۇپ بەرگەن قورچاق ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش «مىنىستىرلىرى»نى ۋەتەنگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىش،  ...
ھوي، ئەپەندىم، «ئاغزىمدىن چىقتى، ساقىلىمغا ياماشتى» دېگەن گەپنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ، قانداق؟ «قورچاق ھۆكۈمەت»نى خىتاي قۇرۇپ بەرگىنى راست بولسا، دەل سىز سىدىقھاجى روزى خىتاينىڭ ئادىمى بولۇپ قالمامسىز؟
ئىلھام توختى  مىللەتلەر ئۇنۋېرىستېتىنىڭ  پرروفېسورى ئىكەن.
ئىلھام توختى ئاتۇش شورۇقلۇق.  بېيجىڭدە ئوقۇغانلىقى راست. ئالىم بولغانلىقى راست.
ئۆزى دەۋالسىمۇ بولۇۋېرىدىغان ئىش بولسا، ئۇ ھالدا دولقۇن قەمبىرىنىڭ دوكتۇرلىقى مىڭ مىرەتە راست بولۇدۇغۇ؟ ئىلھام توختىنىڭ پروففىسسورلۇقى، دولقۇن قەمبىرىنىڭ دوكتۇرلىقچىلىكمۇ ئەمەس! ئەگەر ئۇ ئالىم بولسا سىزنىڭ ئەللامەلىقىڭىزمۇ راست بولۇدۇ.
ئىلھام توختىنىڭ تاپشۇرىقى بويىچە  «ۋەتىنىم تورى»نى باشقۇرۇۋاتقان بالا
ئىلھام توختىغا كەتمەي تۇرۇڭ، ئارىدا تېخى مەمتىمىن ھەز... بار.
.  بۇ ئالىمنىڭ (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئېمىننى دېمەكچى) نەزەرىيىۋى قۇرۇلمىسى بارمۇ،-يوق، قۇرۇلمىلىق نەزەرىيىۋى تەپەككۇرى بارمۇ يوق
سىزنىڭ بارمۇ؟ سىدىقھاجى روزى؟ سىزنىڭ بار بولسا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى دېگەن ئېيتقانلىرىڭىزدىن بىھىساپ زىتلىقنى تاپقىلى بولماس بولغىيدى؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىپ دەمسىز ياكى جۆيلۈپمۇ؟
رەھمەتلىك تىيىپجان ئېلىيۇپ كەپكە شەپكىسىنى بېشىدىن ئېلىۋىتىپ، ئوڭ قولى بىلەن چېچىنى كەينىگە تاراپ تۇرۇپ: ئابدۇشۇكۇر قاچان ئادەم بولىمىز،  ئابدۇشۇكۇر ...قاچان ...ئادەم بۇلىمىز ، دىدى . ئىككى قېتىم تەكرارلىدى،
ئادەم بولۇش ھەققىدىكى رىتورىك سوئالنى چىقارغان ئادەمنىڭ كىملىكىگە قاراڭ! زاكىسىدىن كوممۇنىست، خىتايلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ھەممىدىن بەك ئېرىشكەن، كىچىكىدىن («بالا شائىر» ئاتىلىپ يۈرگەن چاغلىرىدىن باشلاپ بۇ لەقەمنى جۇ ئېنلەي قويۇپتىكەنمىش!) كوممۇنىستلارنى مەدھىيىلەشتىن باشقىنى قىلمىغان، شامال ئۇيان چىقسا ئۇيانغا، بۇيان چىقسا بۇيانغا لەپىلدىگەن بىر قىزىل بايراقنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋېتىپتۇ! ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئېمىن بىر ماقالە بىلەن (كىم بىلىدۇ بەلكىم زورلانغاندۇ) بىر ئىپلاسقا ئايلىنىپتۇ-يۇ، تېيىپجان ئۇنىڭغا رىتۇرىك سوئال قويۇدۇغان مىللىي شائىر پېتى قاپتۇ! ئادالەتنىڭ ماۋۇ تارازىسىغا قاراڭلار!
1979-يىلى سىدىقھاجى روزى ئارسلان، نەسرۇللاھ ئابلەتلەر بىرلىشىپ تېيىپجانغا قارشى بىرلەشمە ئوبزور يېزىپ، ئېلان قىلىدىغان مەتبۇئات تاپالماي، ئاخىرى 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە شافىگراپتا بېسىپ يۈرگەنلىكىنى ئېسىدە تۇتقان ئادەملەرنىڭ بولۇپ قېلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان بولغىيمىدى؟ (بۇ بىرلەشمە ئوبزورغا ئىمزا قويۇشنى ئارسلان كەمىنىدىنمۇ تەلەپ قىلغان، ئەمما مەن تېخى ئەمدىلا ئىككى پارچە شېئىرىم ئېلان قىلىنغان ھەۋەسكار بولساممۇ رەت قىلغان ئىدىم). تېيىپجاننىڭ ئەسەرلىرىدىغۇ تىلغا ئالغۇدەك ئەدەبىي خاتالار بولمايتى، پىششىق يېزىلغان بولاتتى، شۇنىڭغا قارىماي تەنقىتكە لايىق بىر نېمىلەر تاتىلاپ تېپىلغان ئىدى. ۋەتەندە سىياسىي تەرىپىنى تىلغا ئېلىش مۈمكىن ئەمەستى. ئەمدى ئەركىن دۇنيادا سىياسىي تەرىپىنى تىلغا ئېلىش تامامەن مۈمكىن يەردە بۇ نېمە پوداقچىلىقتۇر؟
ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت بىر خاتا: كىپكا، شەپكە دېگەن ئىككى سۆز سىدىقھاجىم! بۇ ئىككى سۆز ئىسىم تۈرىدە بولۇپ، ئىككى خىل باش كىيىمىنى بىلدۈرىدۇ. تېيىپجان بىرلا ۋاقىتتا ئىككى باش كىيىمىنى ئۈستمۇ-ئۈست كىيىۋالمىغان بولغىيدى (قالپاقنىڭ ئىچىگە شاپاق دوپپا كىيگەندەك)؟
رەھمەتلىك تۇرغۇن ئالماس بىر كۈنى بۇلاق بېشى كوچىسىدا  ، بىر دۇكاننىڭ يېنىدا  سىدىقھاجى روزى بىلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ.  تۇرغۇن ئالماسنىڭ دەپ بېرىشىچە، بىر كۈنى فىڭ داجىن تۇرغۇن ئالماسنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپتۇ. ۋە:
-تۇرغۇن، دەپتۇ ، فىڭ داجىن. - بىز سىنى تەنقىد قىلىمىز، سىنىڭ 3پارچە كىتابىڭنى تەنقىد قىلىمىز. تەنقىد قىلمىساق بولمايدۇ، جىگا! سىنى چاقتى، بىرسى كېلىپ سىنى چاقتى . ئۇ، چاققاندىن كېيىن ، بىز سىنى تەنقىد قىلمىساق بولمايدۇ، دەپتۇ. تۇرغۇن ئالماس قايتىپ چىقىپ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ :
-لاۋفىڭ . دېگىنە مېنى كىم چاقتى؟ دەپ سوئال قويسا،  
فىڭ داجىن: - نېگىما!  نېگا ئابدۇشۇكۇرما! دەپتۇ.  روھى قورۇنمىسۇن رەھمەتلىكلىرىمىزنىڭ!
ئۇيغۇرنىڭ يېتىشكەنلىرىدىن بىرى يەنە بىرىنى چېقىپتۇ، بۇ چېقىم ئۇچۇرىنى لاۋ فېڭ خىتاي دەپ بېرىپتىكەن، ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر ئىشىنىپتۇ. ھەمدە بىزنىڭ ئەللامە سىدىقھاجى روزىمۇ دەرھال ئىشىنىپ، بۇنى پاكىت سۈپىتىدە بۇ يەرگە قىستۇرۇپتۇ! چۈنكى خىتاي دېگەن ئۇلۇغ مىللەت تۇرسا (ئاكا مىللەت دەيتۇققۇ)، يالغان سۆزلىمەيدۇ-دە! ئۇلارنىڭ ئۇنداق كاللا سوقۇشتۇرۇدۇغان ئادىتى يوققۇ. قەتئىي ئىشىنىش كېرەك! ياشىسۇن سەمىمىي خىتايلار!  
  ئىككىچى قېتىم . رەھمەتلىك ، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر سىدىقھاجى روزىنى ئۆزى ئىزدەپ كېلىپ ، روھى چۈشكۈن ھالدا : تۈنۈگۈن «شىنجاڭ داشۆ  ئىلمى ژورنىلى» نىڭ ختاي تەھرىرلىرى ئۆيۈمگە كەپتۇ. ئۇلار ماڭا: -ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن  سىزنى تەنقىدلەپ بىر پارچە ماقالە يېزىپتۇ. بۇ ماقالىنى ئېلان قىلايلى دېسەك تېخى، ئېلان قىلمايلى دېسەك تېخى  ، شۇڭا سىزدىن ھوزۇر(؟) سوراپ كەلدۇق، دەپتۇ.
بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم ئادالەتسىز ئۆلچەم ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: ئابدۇشۈكۈر مۇناپىق بولۇدۇ؛ ئوخشاشلا ئاشۇنداق بىر ماقالىنى يازغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بولسا يەنىلا ياخشى ئادەم بولۇپ قالىدۇ. ئەپەندىم، نېمە دېسىڭىزمۇ دەڭ، رازى بولايلى، ئۆلچەم ئوخشاش بولسۇن!
ھۆرمەتلىك ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئېلان قىلىڭلار دېگەن بولسىمۇ  ، لېكىن خىتاي تەھرىرلەر بۇ ماقالىنى ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى، پان تۈركىست ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، ئالتايچى ئابدۇرەھىم  ئۆتكۈر دېگەن گەپ ئىكەن.
بۇ قۇرلاردا ئۇلۇغ خىتاي خەلقىنىڭ بىزنىڭ ئالىملىرىمىزغا نەقەدەر كۆيۈنۈدۇغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىنىدۇ: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆزىگە قارشى ماقالىنى بېسىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تەھرىرلەر جۈرئەت قىلالمايدۇ! دېمەك، ۋەتەندە، خىتايلار ئالدىدا ئاشۇنچىلىك ئەتىۋارىمىز بارىكەن ئەمەسمۇ؟ تۇزكورلۇق قىلىپ، قىلچىلىك ھەق-ھوقۇقىمىز يوق دەپ قاخشاپ يۈرگىنىمىزنى دېمەمسىلەر! بىر ئۇيغۇرنىڭ ئابرويى مەسىلىسىنى دەپ «خىتاي جۈرئەت قىلالمىغان» ئىشلارمۇ يۈز بېرىدىكەن ئەمەسمۇ؟ دېمەك، خېلى ئادالەت بارىكەن-ھە!؟
يېقىندا ئۇشبۇ تور بىتىگە ئىنكاس يازغان بىر كىشى ، ئۇيغۇرلارنى كىم ئازاد قىلسا، قىلمامدۇ، مۇڭغۇل ئازاد قىلامدۇ، ئۆزبېك ئازاد قىلامدۇ ، كىم ئازاد قىلسا قىلمامدۇ ، دەيدىغان بىر پىكىرنى كۆتۈرۈپ چىقتى. مىنىڭ پىكرىم شۇنداق بولۇدۇكى، بىر خۇدادىن باشقا ھېچكىم سىنى ئازاد قىلمايدۇ.
بىر ئۆزۈڭدىن باشقا يەنىلا سىنى ھېچكىم ئازاد قىلمايدۇ.
ھەببەللى، مانا شۇنداق! ئەمما ھەرقاچان شۇ سۆزىڭىزدە تۇرالىسىڭىز! يىللاردۇر قاخشاۋاتقىنىم شۇ ئەمەسمىدى، ئۇستاز! ئاشۇنى مەن دېگەندە خاتا بولغانتىغۇ؟ غەرپ ئازات قىلىپ، تەييار قىلىپ بېرەتتىغۇ؟ مانا شۇ تالاشنىڭ ئاچچىقىدا چاپانچىلىرىڭىز بىلەن بىرلىشىپ، تارىخ ئۈچۈنمۇ ئۇنتۇلماس بىر ئۆرنەك بولغۇدەك كىتاپ چىقىرىپ مېنى تىللىمىغانمىدىڭىز؟ ۋە بۇ كىتاپ، ئىشىنىمەن، سىز ۋە چاپانچىلىرىڭىزنى تارىخ بەتلىرىگە ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىش ئۈچۈن سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، ئەگەر ئۇيغۇرنىڭ تەپەككۈر قىلالايدىغان ئادەملىرى يېتىلسە، بۈگۈنكىدىن ئالدىغىراق ماڭالىسا.
ئىشىنىڭلار دۇنيادا كىچىك مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يا ئۇنىڭغا يا بۇنىڭغا بىقىندى بولۇپ قېلىشتىن ئۆزگە قىسمەتكە يار بولالمايدۇ.
بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ كەشپىياتىڭىز، تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان دانا پىكرىڭىز ئەمەس، بەك قەدىمقىلار ئوتتۇرىغا قويغان، بۈگۈن بولسا ھەممە ئادەم، كىچىك بالىلارغىچە بىلىپ كەتكەن بىر ئۇقۇم ئىدى. خەيرىيەت، ئەڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ بۇنى چۈشۈنۈپ يېتىپسىز. دېمىگەنمىدىم، «غەرپلىكلەر لېي فىڭدىن ئۆگەنمىگەن بولغاچقا بۇنداق خالىس ياردەمنى قىلمايدۇ، ياردەم قىلىدىغانلارنىڭ چوقۇم بىر مەخسىدى بولۇدۇ» دەپ؟ مانا شۇنى تونۇپ يەتكەن بولسىڭىز دېمەك ئەمدى تەم-تىم مېڭىشقا باشلاپسىز.
دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى مۇھىتىدا ياشاۋاتقان ، ئۇيغۇر مىللىتىگە، مىللەتچىلىك ئىدئولوگىيىسى قەيەردىن كەلسۇن؟!
توغرا دەيسىز. سىز يەنە بىر يەردە تەشۋىقاتنى تىلغا ئاپتىكەنسىز. مانا شۇ ئىدىئولوگىيە شەكىللەندۈرۈش تەشۋىقات ئارقىلىقمۇ بولاتتى. دەل شۇ سەۋەپتىن مەن چەتئەللەردە ئۇنىڭ-بۇنىڭغا دوپپا كەيدۈرۈش بىلەنلا بولماي، خەلقتە مۇستەقىللىق ئېڭى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ موھىمى بىر تەشۋىقات مىخانىزىمى قۇرۇپ چىقىش كېرەك دەپ تولا قاخشاپ، ئاخىرىدا سىزنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك تەستىكىڭىزگە مۇشەررەپ بولدۇم ئەمەسمۇ؟ ئانام دەيتى: «ئانىنىڭ ئۇرغان يېرىدىن قىزىل گۈل ئۈنۈدۇ»، مانا شۇنىڭدەك سىز دېگەن كاتتىلىرىمىزدىن بولغاندىكىنغۇ، سىزنىڭ تەستىكىڭىزمۇ شۇنداق خىسلەتلىكتۇر، بەلكىم.
ئۇيغۇر ئىدئولوگىيىسىنىڭ بىر قانىتى، -ئەرەپچىلىك، بىر قانىتى تۈركچىلىك قانداق شارايىتتا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى......؟
سىزنىڭچە بولغاندا «ئەرەپچىلىك، تۈركچىلىك» بولماي، ئامېرىكىچىلىق بولغان بولسا توغرا بولامتى؟ ئەپسۇسكى سىزنىڭ ئىرادىڭىز بويىچە بولمايدۇ. ھەتتا شۇنى ئارزۇ قىلىۋاتقان سىزمۇ ئاشۇنداق بولالمايسىز! چۈنكى، ئىدىئولوگىيىنى، تەپەككۈر ئۇسۇلى بەلگىلەيدۇ؛ تەپەككۈر ئۇسۇلى بولسا مىللىي كۈلتۈر تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. خالىغانلارمۇ، خالىمىغانلارمۇ مانا شۇ توپنىڭ ئىچىدە بولۇدۇ!
سىدىقھاجى روزى بىر ئادەمنى پىرىنسىپسىز ئەسكى دېمەيدۇ، يەنە شۇنداقلا بىر ئادەمنى پىرىنىپسىزلا ياخشى دېمەيدۇ.
بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقان چېغىڭىزدا، يېقىن ئۆتمۈشتىكى بىرنەچچە ئادەم ھەققىدە گاھ ئۇيان، گاھ بۇيان ئۆزگەرگەن باھالىرىڭىز ئېسىڭىزگە كېلىپ يۈزىڭىز قىزارمىدىمۇ؟ سىز دەۋاتقان پىرىنسىپ قانداق پىرىنسىپ ئۇ؟ ئۇ پىرىنسىپنىڭ رەختى رېزىنكىگە ئوخشامدۇ؟
ئەركىن سىدىق يالغان سۆزلىمەسلىكى كېرەك. مەسىلەن ،دولقۇن قەمبىرى رابىيە قادىرنى ئازاد قىلىشقا ھەسسە قوشتى دېگەندەك
رابىيە قادىر يېڭى چىققان ئاشۇ مىنۇتلاردا سۆزلىگەن يالقۇنلۇق «رادىئو نۇتقىڭىز»دا قاتار-قاتار ئىسمى زىكرى قىلىنىپ، رەھمەت ئېيتىلغانلار ئىچىدە دولقۇن قەمبىرىمۇ بار ئىدىغۇ؟ سىزمۇ ئۇنى رابىيەنىڭ قۇتۇلۇشىدا ھەسسىسى بار دەپ رەھمەت ئېيتقان بولغىيدىڭىز؟ سىز دېسىڭىز توغرا بولغان بىر گەپ، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن چىقسىلا خاتا بولغىنى قانداق گەپ؟ بۇ ھېلىقى «رېزىنكە پىرىنسىپ»تا ئۆلچەنسە شۇنداق بولامدۇ-يا؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 19:52 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.157623 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش