تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2573|ئىنكاس: 2

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەققىدە تەرتىپسىز دىئالوگلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

13

يازما

130

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
130
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەتمۇسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-7 17:15  

يېڭى قوشۇلغان ئىلاۋە: ئەينەك تورىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى گەۋدىسى بولغان تور بەتتە بەزى تەنقىدلىرىم ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان 2004 ۋە 2005 ئارىلىقلىرىدا بەزىلەر ئامېرىكىدىكى مەشھۇر »پىت بازىرى«دا ماڭا قاراتقان بەزى سوئاللارنى ئېلان قىلىشتى. بۇ سوئاللار مېنىڭ رادىئو بىلەن مۇناسىۋىتىم، رادىئوغا قارىشىم، ئومۇمەن مەن ۋە رادىئونى چۆرىدىگەن مەزمۇنلاردا ئىدى. بۇ سوئاللارغا ئۇزاققىچە ئېتىبار قىلمايمۇ يۈردۈم، ئاخىرىدا يەنىلا سوئاللارنى رەتلەپ، بىر سوئال -جاۋاپ قۇراشتۇرۇپ چىقتىم. بۇ مەزگىلدە رادىئودىكى دولقۇن قەمبىرى ئەپەندىنىڭ دوكتورلۇقى پەش قىلىنىپ، ئۇنىڭ قارا قوساقلاردىن ئەمەسلىكى ھەققىدىكى ئاقلاشلارمۇ مۇشۇ پىت بازىرىدا كۆرۈنگەن ئىدى.
بۇ تەرتىپسىز دىئالوگلار قوراشتۇرۇپ چىقىلغان بولسىمۇ شۇنچە ئۇزۇن يىلنى باشتىن كەچۈرۈپ، »يارىماس ماقالىلار« توپلامىم ئىچىگە بەنت قىلىنىپ، ئېلان قىلىنماسلىققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. سەۋەبى باشقا بەزىلەرگە، بەزى ساھەلەرگە ئىستەككە قارشى ھالدا »دەز كېتىش« نەزەردە تۇتۇلغان ئىدى. ئەمدى بۇ كۈنلەرگە كەلگەندە تۇيۇقسىز بۇنى ئەسلەپ قېلىشىمغا نۆۋەتتە مەيدانغا كەلگەن ئاتموسفرا — ئېنىقراقىنى دېسەم »قالىغاچ ئۇۋىسى...« خاپىلىقى سەۋەپ بولدى. مەن بۇ دولقۇن قەمبىرى دېگەن جاناپ ھەققىدە چوقۇم توختالمىسام بولمايدىغانلىقىنى، بۇ جاناپنى خەلققە، تارىخقا ئەسلى سۈپەتلىرى بىلەن تونۇتۇپ قويمىسام بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ زۆرۈر بىر مىللىي مەجبۇرىيەت ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. بۇ ئادەمنىڭ نەقەدەر ئەخلاقسىز، پەزىلەتسىز بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ھىچنېمە دېمەسلىك خۇددى بىر »تامايى بار«دەك ھاۋا ئەستۈرۈدۇغان تۈرى بار. شۇڭا، بۇ يەردە بۇ ئىلاۋە ئارقىلىق، ئەسلىدە ئېلان قىلماسلىق قارارىغا كېلىنگەن بۇ تەرتىپسىز دىئالوگلارنى ئېلان قىلىش قارارىغا كېلىپ قېلىشىمدىكى يېڭى سەۋەپلىرىمنى ئېيتىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر ھىساپلىدىم.
ئىلگىرى مەن ئىستانبۇلدا بىر ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئودىن نېمىلەرنى كۈتۈدۇغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغانىدىم. بۇ ئىمزا توپلانغان قەغەزلەر ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەنمۇ بولدى. ئەمما بۇ ئادەم بۇنىڭدىن بىر نىشاننىڭ ئۇپۇقىنى كۆرەي دېمىدى؛ كېيىن بەزى يېنىك تەنقىدلەر بىلەن غىدىقلاپمۇ باقتىم؛ بۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئەۋەتىلگەن بەزى مەتۇ خەۋەرلەر پايدا-زىيىنى ئويلاپ كۆرۈلمەستىنلا ئېلان قىلىندى: بىرى قازاقىستاندا بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن، بىرىنچى سېكرىتار بولغان بىر مۇناپىق ئۇيغۇرنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئىدى. كوممۇنىست دەۋرىدە يوقۇرى ئەمەل تۇتقان، كوممۇنىستلارنىڭ ئەتىۋار بالىسى بولغانلار ئومۇمەن خەلق دۈشمىنى ھىساپلانمامدۇ؟ بەك ئاددىي بىر فورمۇلا بىلەن بۇنى ئايرىغىلى بولۇدۇغان بولسىمۇ، ئەمما دولقۇن ئەپەندىدە بۇنى ئاڭقارغىدەك ئۇماچنىڭ يوقلۇقى بىلىندى، توغرىسى بۇنداق نىيەتنىڭ، سەزگۈر قەلبنىڭ يوقلۇقى تېخىمۇ ئېنىق ئىدى؛ كېيىن بىر ئۇيغۇر جاسۇس تونۇشتۇرۇلدى. ئۇ مىللىي مەنپەئەتىمىزگە قارشى سوۋېت ك گ ب سىدە ئىشلىگەن پىشقەدەم جاسۇس ئىدى؛ تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، مەنسۇر روزىيېۋ دېگەن يەنە بىر مۇناپىق، شىڭ شىسەي جاللاتنىڭ سوۋېتلىك مەسلىھەتچىسىنىڭ »ئۇيغۇر زېمىنىدە« ناملىق كىتابىنىڭ خەۋىرى بولدى. بۇ كىتاپتا بىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى بارلىق قەھرىمانلىرىمىز قارىلانغان بولۇپ، شىڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر بايان قىلغان كىتاپ ئىدى! بۇ قەدەر ۋىجدانسىزلىقلارغىمۇ سۈكۈت قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇردىن باشقا بىر مىللەت بولۇدۇغان بولسا، مىللىي مەنپەئەتلىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇنداق بىر ئورۇندا بۇنداق بىر قارا قوساق ياكى تېخىمۇ توغرىسى بۇنداق بىر نىيىتى بۇزۇقنىڭ ئىشلىشىگە ھەرگىز سۈكۈت قىلمىغان بولاتتى. ئەمما بىز دەپ ئۆتكۈنۈمىزدەك لامزەللە »دىپلومات مىجەز« بولغانلىقىمىزدىنلا بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىدى ياكى بىز ئۈچۈن ئەزەلدىن »تەرەپ« مىللىي مەنپەئەتتىنمۇ ئۈستۈن تۇرغاچقا مانا شۇنداق مىللىي زىيانداشلار مۇشۇنداق بىر ئورۇندا داۋاملىق تۇرۇپ، تېخىمۇ زور خىزمەتلەرنى قىلغىلى بولۇدۇغان يوشۇرۇن پوتانسىيال ئەۋزەللىكلەر زايا كەتمەكتە ئىدى.
بۇ بىچارىنىڭ نەقەدەر قارا قوساقلىقىنى »قالىغاچ ئۇۋىسى... « ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بۇ يۈزى قېلىن ئادەم قىلچە ئىككىلەنمەي، سىدىقھاجىنى ئوبزورچۇلۇقتىن توختۇتۇپ قويدى! گەرچە سىدىقھاجىنىڭ قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرىنى ئوبزور دەپ كەتكۈدەك بىر نېمە بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ خەلققە مەلۇم پايدا بېرىشىنى جەزم قىلغىلى بولمىسىمۇ، نېمىلىكى بولمىسۇن دولقۇن قەمبىرىگە بۇرۇن يارىغان، رادىئونىڭ ئەھۋالىغا يارىشا بىر ئوبزورچى ئىدى-دە. ئەمما شەخسىي خۇسۇمەتتىن توختۇتۇپ قويۇشى ھەقىقەتەنمۇ پەسكەشلىك بولغان! ئەخلاقسىزلىق بولغان! دەل كوممۇنىست خىتايلاردىن يۇقتۇرۇپ كەلگەن بۇنداق رەزىل ئەخلاقسىزلىقنى ھۆر دۇنيادىمۇ تارتىنماستىن ئىشلەتكەن. كاشكى بۇنىڭغا ھەققى بولسا! چوڭ دادىسىدىن قالغان مۈلۈك بولغان بولسا!
رادىئودا شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى، رادىئودا دولقۇن قەمبىرىنىڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى، ھىچ بولمىغاندا شۇنداق كۆرۈنۈدۇ؛ بەلكىم بۇ دەسلەپتە رادىئوغا كىرىشتە تۈركىيەدىن ئالغاچ كەلگەن جاۋاھىراتلارنىڭ يۈزىدىن ياكى بىللە يېگەن ئۆپكە ھېسىپنىڭ يۈزىدىن بولۇشىمۇ مۈمكىن. يەنە بىر تەرەپتە بۇ ئادەملەر سىدىقھاجىنىڭمۇ يېقىنى بولۇپ، رادىئونىڭ ئىچكىي سىرلىرىنى تەمىنلەپ، رادىئونىڭ »قىزىلچىراق رايونى«غا ئايلىنىپ قالغانلىقىدەك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، ئۇنى قۇترۇرۇتۇپ، »قالىغاچ ئۇۋىسى... « دەك »ماقالە«لەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە كۈشكۈرتكۈچىمۇ بولالايدۇ.
بۇ ئادەملەرنىڭ ۋەتەندىن چىقىشىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ كۆرۈدۇغان بولساق شۇنداق ئاجايىباتلار بىلەن روبىرو كېلىمىز: ۋەتەندىكى بارلىق مال-مۈلكىنى ساتىدۇ، نۇرغۇن كىتاپنى يۈكلەپ، پۈتۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ يولغا چىقىدۇ؛ ئەمما خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ دىققىتى قوزغالمايدۇ! بالىلارغا پاسپورت بېجىرىش ئەزەلدىن ئاسان ئەمەس ئىدى، بۇنى كۆپچۈلۈك بىلىدۇ. پۈتۈن ئائىلە بىرلا قېتىمدا يولغا چىقىدۇ، كەلمەسكە كېتىۋاتقىنى بىلىنىپلا تۇرسىمۇ، ھاماقەت خىتايلار بىلەلمەيدۇ! مانا مۇشۇنداق مۆجىزە يارىتالايدىغان ئۇلۇغ ئەرباپلارغا تولغان بۇ رادىئو قىلىشى مۈمكىن بولغان ئىشلارنى تولۇق قىلالىدىمۇ؟ ياق!

مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر بىلەن بۇ دىئالوگنى ئېلان قىلىشنى قارار قىلدىم. ۋە بۇنىڭغا »قالىغاچ ئۇۋىسى... « ۋەقەسىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن سوئاللارنىمۇ قوشتۇم.

***
سىزنىڭ رادىئو بىلەن چىقىشالماسلىقىڭىزنىڭ ئاساسىي سەۋەبى نېمە؟
چىقىشالماسلىق دېگەن سۆز قارىماققا مىجەزى ئوسال ئىككى ئادەمنىڭ تالىشىدەك، مەسىلىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ كۆرسۈتۈدۇكەن، شۇنداق بولسىمۇ دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم. «چىقىشالماسلىقىم»نىڭ سەۋەبى، مەندە بىر ئىنقىلابىي پىرىنسىپ بار، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن شەيئىلەرنى باھالايدىغان ۋە شەخسلەرگە باھا بېرىدىغان. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى مانا شۇنىڭغا ئاساسەن زىت كېلىدۇ. بەزى (ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ) ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرمۇ بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق چاغلاردا بۇنى ھازىرلىغۇچىنىڭ قوللىرىغا سۆيگۈم كېلىدۇ. دېمەككى، مېنىڭ بۇ «چىقىشالماسلىقىم»دا ھېچقانداق شەخسىي غەرەز يوق. مېنى سۆزلەتمىدى دېگەن ئاچچىقمۇ يوق. ئۇنىڭسىزمۇ مېنىڭ قازانچلىرىم يېتەرلىك. مەن 30 مىليون خەلقنىڭ ئىچىدە يازغۇچى بولۇپ تونۇلالىغان؛ چەتئەلدىكى — «تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشاھ بولىۋاپتۇ» دېگەندەك — مۇھىتتا ئەمەس. مەن « پادىشاھ مايمۇنلار»غا ھەسەتمۇ قىلمايمەن؛ پەقەت، شەرقىي تۈركىستان خەلقى نېمىگە مۇھتاج؟ دېگەن نۇقتىدىن ئىشقا تېگىش قىلىنسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى نېمىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟ دېگەن نۇقتىدىن ئىزدىنىلسە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە نېمىلەرنى بىلدۈرۈپ قويۇش زۆرۈر ۋە تەخىرسىز؟ دېگەن يۆنۈلۈش بويىچە ھەرىكەت قىلىنسا مەن ئۇلارغا ئاپىرىن ئېيتىۋېرىمەن. چۈنكى بىز ئېتىزلىقىمىز ئۈچۈن سۇ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغان ئەمەس ياكى شۇنىڭدەك شەخسىي تالىشىمىز يوق.
رادىئودىكىلەر ئاڭلىتىشقا ئوبدان بىرنېمىلەرنى تاپالماي ئاۋارىمىش دەپ ئاڭلايمەن، نېمىشكە سىزدەك بىر يازغۇچىنى يېنىغا تارتماي، چەتكە قاقىدىغاندۇ؟
مەنمۇ ئاڭلىغان. ئۇلارنىڭ «بىرنېمە تاپالمايدىغانلىقى» راست. مېنى چەتكە قېقىشى يەنە باشقا بىر مەسىلە. بىر نېمە تاپالماسلىق، ئىلمىي ساپاغا باغلىق مەسىلە بولۇپ، دېمىسىمۇ ئۇ يەردە «بىرنېمە تاپالايدىغان» تىپتىكىلەر يوق ھىساپتا. «يولۋاسنىڭ يوقىدىن پايدىلىنىۋاتقان پادىشا ‹مايمۇن›لار». مېنى چەتكە قېقىش مەسىلىسى، سىياسىي سۈپەتكە، سىياسىي سالاھىيەتكە باغلىق. بۇ ھەقتە باشقا ماقالىلەردە كۆپ توختالدۇق ھەم توختۇلۇمىز. شۇڭا بۇ يەردە «بىرنېمە تاپالماسلىق» توغرىسىدا بىر چەتئەل لەتىپىسى سۆزلەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ.
بىر ھاراقكەشكە يېسۇستىن ۋەھى كېلىپ دەپتۇلەركى، »سېنىڭ ئۈچ تەلىپىڭنى ئىجابەت قىلىمەن، پەقەت ئوبدان ئويلۇنۇپ ئەڭ موھىم بولغان ئۈچ ئارزۇيۇڭنى تىلە«.

ھاراقكەش ئويلا-ئويلا، زابوي بولۇپ كەتكەن كاللىسىغا باشقا بىر نېمە كەلمەي، ئاخىرى شۇنى تىلەپتۇ:

—پۈتۈن دۇنيادىكى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ ھەممىسى ھاراق بولۇپ كەتسە.
—ئىجابەت. (ھەقىقەتەنمۇ پۈتۈن دېڭىز-ئوكيانلار ھاراق بولۇپ كېتىپتۇ) قېنى ئەمدى ئىككىنچىسىنى سورا.
ھاراقكەش تېخىمۇ ئۇزاق ئويلىغان بولسىمۇ زەئىپ ئەقلىگە ھېچنېمە كەلمەپتۇ. ئۇنىڭ ئويلايدىغىنىمۇ، ئارزۇ قىلىدىغىنىمۇ بەك پەس نەرسىلەر بولغاچقا، ئۆز تىپىغا ئۇيغۇن بولۇشتىن خالىي بولالماي، شۇنى سوراپتۇ:
— پۈتۈن دۇنيادىكى دەريا-كۆللەر ھاراق بولۇپ كەتسە.
— ئىجابەت— دەپتۇمىش يېسۇس (بارلىق دەريا كۆللەر ھاراق بولۇپ كېتىپتۇمىش)،— ئەمدى ئۈچىنچى ئارزۇيۇڭنى تىلە.
ھاراقكەش ئويلا- ئويلا موھىم دېگۈدەك ھېچنېمە تاپالماپتۇ. ئۇنىڭ تار نەزىرى،زەئىپ ئەقلىدە ھاراقتىن باشقا ھېچنەرسە يوقتەكلىكەن. شۇڭا بەرىبىر ئۇنىڭ كاللىسىغا باشقا نەرسە كەلمەي،شۇنداق تىلەپتۇ:
—ئاشۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر بوتۇلكا ھاراق قوشۇۋەتسىڭىز...
رادىئودىكىلەرنىڭ »بىرنېمەتاپالماسلىقى«دىن تۇغۇلغان ئىلھام بىلەن يادىمغاكەچكەن بۇ »تاپالماسلىق« ئارىسىدا مەنچە بىرخىل مەنتىقىي ئورتاقلىق بار. بۇ پىسخىك خاھىشچانلىقنىڭ ئېلىپ بارىدىغان مۇقەررەر نەتىجىسى جەھەتتىكى ئوخشاشلىق؛ ئىنسان يوشۇرۇن ئېڭىدا ئورۇن ئالغان شەيئىلەرنىڭ موھىملىق رەتتەرتىبى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ ئىختىيارسىز ئاشكارىلىنىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن، مۇشۇ ئاشكارىلىنىش جەھەتتىكى ئوخشاشلىقنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىن.
توردىكى بەزى يازمىشلاردا سىزنىڭ تۇتۇمىڭىزغا قارشى ئىنكاستەك بىلىنىدىغان بەزى نەرسىلەرمۇ يېزىلىپ قالغان چاغلار بولغان، مەسىلەن: RFAغا بىرنېمە دېمەيلى، ئۇلار قالتىس ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، قايسىمىزنىڭ قولىدىن شۇنچىلىك ئىش كېلىۋاتىدۇ؟... دېگەندەك. سىز بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟
بۇ «قالتىس ئىش قىلىۋاتقانلار» ئامېرىكىدىن مائاش ئېلىپ تۇرۇپمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسى، نان تېپىپ يەۋاتقان ئىشى شۇ تۇرۇپمۇ ئاشۇنچىلىك ئىش قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ ئادەملەر رادىئودا ئىشلىمىگەن بولسا، پىززىچىلىق ياكى بىرەر رىستۇراندا يۇغۇچلۇق قىلىپ ھاياتىنى قامداپ، يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئاشۇ قىلىۋاتقىنىنىڭ ئوندا بىرىنى قىلغان بولسىدى، قالتىس ئىش قىلغان ھېساپلىناتتى، ئەلۋەتتە. «قالتىس ئىش قىلغانلىق» مانا بۇنداق تۈردىكىلەرگە قارىتىلغان سۈپەت؛ مائاشقا ئىشلەش، ھەتتا مائاشقا لايىقمۇ تۈزۈكرەك ئىش قىلماسلىقنى سۈپەتلەيدىغان سۆز ئەمەس. ھېلىھەم بىرەر سەۋەپ بىلەن بۇ ئادەملەر رادىئودىن ئايرىلىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا ئىزدىنىپ بىرەر ئىش قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشىنى — رادىئوغا كىرىشتىن بۇرۇنقى كۈنلىرىنى بىلىدىغانلار لىللا ئويلاپ كۆرسىلا، خۇددى نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ نېسىگە جاۋاپ يوق دېگىنىدەك، «بىكارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك قىلىدىغان ئەخمەقلەر»دىن ئەمەسلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، رادىئو ئۈچۈن بۇ تۈردە ئادۋۇكاتلىق قىلغۇچىلار رادىئونىڭ «يالىقىدا يۈندىگە ئاغزى تېگىپ قالغان»لار ياكى شۇلارنىڭ ھەمتاۋاقلىرى. خەلقنىڭ ساداسى ئەمەس.
ئاڭلىشىمچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەزى چەكلەنگەن رايونلارنى بەلگىلەپ قويغاچقا ئۇلارنىڭمۇ ئامالى يوقمىش، سىز بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟

كەتمەننى ئۆزى ئەپلەشتۈرۈپ چاپالماي، كەتمەندە گۇناھ قويغۇچىلار تىلىمىزدا قانداق سۈپەتلىنەتتى؟ «كەتمەن ئوڭدا ئەمەس، گەپ قوڭدا» دېيىلەتتى. رادىئودىكى ئەپەندىلەر ھەققىدىمۇ شۇنى دېمەك جايىدا. ئەگەر ئۇلاردا بىرەر ئىشنى قىلاي دېگەن نىيەتلا بولسا، «قالاشنى بىلسەڭ قارمۇ كۆيىدۇ» دېگەندەك، «چەكلەنگەن رايون» دېگەنلەردىن ھالقىپ ئۆتىدىغان يول تېپىلماي قالمايتى؛ خۇددى «تالاققا يول تېپىلغاندەك»! مەسىلەن: رادىئونىڭ مەيدانى ۋە تۇتۇمى سۈپىتىدە ئاڭلىتىشقا بولمايدىغان نەرسىنى، سىرتتىكى بىرىنى زىيارەت قىلىش يولى بىلەن ئۇنىڭ ئاغزى ئارقىلىق دېسە، پىرىنسىپقا نېمىسى پۇتلىشاتتى؟ «مەن دېمىدىم، سرتتىكى بىرىنىڭ ئۆز قارىشىكەن، ئۇنىڭ قارىشىنى چەكلەش ھوقۇقۇم يوق»، ئىش تامام. خۇددى بارلىق قاخشاشلىرىمنىڭ يادروسى بولغان «نىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئاز - تولا ئىش قىلىش يوق، كونتروللۇققا چۈشۈپ قالدى» دېگەن قارىشىمدىكىدەك، بۇنداق بىر مەخسەتتە ئىزدىنىش، ئۇرۇنۇش بولمىغاچقا، «يامان بولۇدۇ»سى كۆپ بولۇپ، «ساۋاپ بولۇدۇ»سى ئاز قېلىۋاتقان گەپ.

رادىئونىڭ بېشىدىكىلەردە تەرەپبازلىق، مەزھەپچىلىك بار دېيىشتە نېمىگە ئاساسلاندىڭىز؟

مەن بۇ ھەقتە ئىلگىرىمۇ توختالدىم، شەرقىي تۈركىستان سەرگەردان ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرى — دەسلەپ «گاچا بولىۋېلىشى، كېيىن قىتىغۇرلۇق بىلەن زىددىيەت تېرىش ئۇرۇنىشىدىكى تەتۈرىگە ئۆرۈپ سوئال سوراشلىرى — بىتەرەپلىكتىنمىدى؟ ئامېرىكىنىڭ باشقا مەتبۇئاتلىرىغا بىر خىل، پەقەت رادىئونىڭ ئۇيغۇرچە بۆلىمى ئۈچۈن يەنە بىر خىل سىياسەت بەلگىلەنگەنمۇ؟

رادىئونىڭ بەزىلەرنى كۆپتۈرۈپ كۆتۈرۈۋېلىشى، «مەشھۇر ئۇيغۇر پالان نېمىسى...» دېگەندەكلەر مەزھەپچىلىكتىن بولمىسا، بۇ مەشھۇرلۇققا ئاساس تەشكىل قىلغان سەمەرىلەرنى كۆرگەنلەرنىڭ تايىنى يوق. خۇددى كۈرۈك توخۇ زامانلار ئۆتۈپ بىرنى تۇغۇپ قويسا تام ئۈستىگە چىقىۋېلىپ كەچكىچە ۋاقىلداپ غەلۋە قىلغاندەك، قىلغان ئىشتىن ئېشىپ چۈشكەن بۇ ۋاقىلداشلار مەزھەپچىلىكتىن بولمىسا نېمىدىن؟ قىلمىغان ئىشنى قىلدى قىلىپ، كىچىكىنى پىل قىلىپ كۆپتۈرۈپ ماختاشلار، خىتايلارنىڭ بەزى مەخپىي پىلانلىرىدا دېيىلىۋاتقان بىزگە بىر «داھىي» بەلگىلەپ بېرىش ئۇرۇنۇشىنىڭ دەسلەپكى تەشۋىقاتىمۇ قانداق؟ دېگەن گۇماننى تۇغدۇرمامدۇ؟
مەن نورمالدا رادىئونى ئاڭلىمايمەن (نېرۋا بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن)، ئەگەر بىرەرسى رادىئودا ئېلان قىلىنغان دىققەتكە سازاۋەر (ئىجابىي ياكى سەلبىي يۆندىن) بىرەر نەرسە ئاڭلىتىلغىنى توغرىسىدا مېنى قىزىقتۇرۇپ، ئاڭلاپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلسا، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇ كۈنلۈك باشقا ئاڭلىتىشلارنىمۇ ئاڭلاشقا توغرا كەپ قالىدۇ. بەزەن كۈلۈپ كېتىمەن، «ئوبزورنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئوبزورچىلىرىدىن ئۆرگىلەي» دەپ. بەزەن، جۈملىلەر ۋە سۆز ئىشلىتىشتىكى بۇجۇمبۇشلۇقتىن يېرىلغۇدەك بولىمەن ۋە « مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام» دېگەندەك، يىغىۋالغان ئادەملىرىنى قاراڭلار! «ھاپىتىغا شاپىتى، مەرەزدارغا توڭرۇلۇق» دېگەننىڭ ئۆزى مانا شۇ-دە، —دەيمەن ئۆز - ئۆزەمگە. بەزەن، «داۋامىنى ئاڭلىتىمىز» دېيىلگەن بىر نېمىلەردىكى سۆرەلمىلىك ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن ۋاقىت ۋە ئەھمىيەتنىڭ ئارتۇقلىقى زەردەمنى قاينىتىدۇ؛ «ۋاي ماز پاينەكلەر!» دېۋىتىمەن ئىختىيارسىز. ئانچىكى نېمىلەر خەۋەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇن مۇندەرىجىسىدە تىلغا ئېلىنىپ، دىققەتكە ھاۋالە قىلىنغىنى ۋە تېخىمۇ موھىم تېمىلارنىڭ ئالدىن تونۇشتۇرۇلمايلا «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك، ئەسكى تامدىن ھوشۇر چىققاندەك» بېرىلىشىدىكى تەڭسىز مۇئامىلىمۇ دىققىتىمنى تارتىدۇ. بەلكىم بۇ نان ئاۋارىلىرى نېمىنىڭ تېخىمۇ موھىملىقىنى ئاڭقىرالىغۇدەك ئەھۋالدا بولمىسا كېرەك، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.
رادىئونىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ۋاسىتىلىك كونترول قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قارىشىڭىزغا سەۋەپ بولغان ئامىللار قايسى؟
بۇ مەسىلىگە باشقا ماقالىلىرىمدا مەنتىقىي ئاساسلار بىلەن جاۋاپ بېرىلدى. قىسىقىسى، خىتاي بۇنداق بىر ئەركىن مەتبۇئاتنىڭ پېيىگە چۈشمەي قالامدۇ؟ ھەركىم شۇنداق جاۋاپ بېرىشى مۇھەققەقكى، جەزمەن پېيىگە چۈشىدۇ! گەپ تامام! دېمەك پېيىگە چۈشىدىكەن نېمىلەر قىلىدۇ؟ ئىچىدىن بۇزۇش ئەڭ ئۇيغۇن يول. چۈنكى رادىئونى ئاشكارا تاقاتقۇزالمايدۇ. ئىچىدىن بۇزۇش دېمەك ئەنە شۇنداق پىچەك نەرسىلەرگە ۋاقىتنى كۆپ بېرىش ئارقىلىق، پۇرسەتنى زايا قىلىدۇ؛ خۇددى ئۇيغۇرلارغا پايدىلىقتەك بىلىنىدىغان، ئەمەلىيەتتە خىتايلارنىڭ پايدىسىغا نەتىجە بېرىدىغان بەزى مەزمۇنلارنى ئاڭلىتىپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرەلمىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. مەسىلەن: «ئۇيغۇر تېرورچىلىرى» تىزىملىكىنىڭ ئېلانى قاتارلىقلار. (ئاتالمىش تېرورچىلار ھەققىدە باشقا مەخسۇس مۇلاھىزە يېزىشىم مۈمكىن).
بۇندىن باشقا بۇنداق بىر رادىئودا ئىشلىگەن ئادەملەرنىڭ ئائىلىسى خىتاي كونتروللۇقىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا بولسا، كېيىن ئىلتىماس قىلىپ ئەكەلگىلى بولارمۇ؟ ئادەتتە ھىچ نامى – شەرىپى ئوتتۇرىدا مەلۇم بولمىغان سولتەكلەر ئائىلىسىنى ئەپچىقىش ئىشىدا چىقماسقا پېتىپ ئولتۇرغانلىقىنى دايىملا كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز؛ ئەمما رادىئودىكى بەزىلەرنىڭ ئائىلىسىنى خىتايلار كەڭ قوساقلىق بىلەن ئەۋەتىپ بەرگەن ئىشلارنى نېمە دەپ چۈشەنسەك ئورۇنلۇق بولار؟
يەنە دولقۇن قەمبىرىدەك مۇشۇنداق ئەركىن مەتبۇئاتنىڭ بېشى بولغان بىر جاناپ ئۆتمۈشتە بىر تەشكىلات قۇرغان ۋە تەشكىلاتنى جاكالاپلا ئارقىدىن ۋەتەن زىيارىتىگە بارغان ئەمەسمىدى؟ ھىچقانداق ئاكتىپ پائالىيەتتە بولمىغان نۇرغۇن ئادەملەر بېرىپ كېلىشتە، تۇققانلىرىنى ئەكىلىشتە توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلىقى راستمۇ؟ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بۇنى ئىنكار قىلمايدىغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا »قۇيرۇقىنىڭ ئاستىغا ياغقا مىلەنگەن پاختا تەگدۈرۈپ« قويۇلمىغانلىقى قانداقمۇ ئەقلىڭىزگە ياتىدۇ؟
سىزگە رادىئودا ئىشلەشكە تەكلىپمۇ بېرىلدىمۇ؟ ۋە سىز نېمە جاۋاپتا بولغان بولاتتىڭىز؟
ياق، بۇنداق تەكلىپ بېرىلمىدى. باشقا ماقالىلىرىمدا دېگىنىمدەك، ئامېرىكا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى يولغا قويۇشتا ھەرگىزمۇ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى»نى كۆرۈكلەشنى مەخسەد قىلغان ئەمەس، ئەگەر شۇنداق مەخسىدى بولغان بولسا دەل ماڭا ۋە مەندەكلەرگە رادىئودا ئىشلەش تەكلىپى بولغان بولاتتى. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ بۇنداق نىيىتى بولغان تەقدىردە ھازىرقىلار بىلەن بۇ ئىشنى قىلغىلى بولمايتى. رادىئو پەقەت مۇستەبىت تۈزۈم تەرىپىدىن تارتىۋېلىغان ھەق - ھوقۇقلار ھەققىدە خەلققە بىر ئاز تولۇقلىما بېرىشنى مەخسەد قىلغان ۋە يەنە ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىدە بىر تولۇقلۇما تاش رولى ئوينۇتۇشنى مەخسەت قىلغان.
يەنە بىر تەرەپمۇ بار، ئەگەر رادىئودا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ مېنىڭ قوبۇل قىلىشىم ناتايىن ئىدى. چۈنكى مەن قوساق بېقىش ئۈچۈن ياشىمايمەن. ئۇنداقكەن، سىياسىي غايەم، ئەقىدەم ئۈچۈن پايدىلىق، پايدىسىز تەرەپلەر، ئىرادەمگە زىت كېلىش ئىھتىمالى بولغان تەرەپلەر ھەققىدە ئويلۇشۇپراق قارار بېرىمەن. مەسىلەن، رادىئودا ئىشلىگۈچىلەر «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتسە بولمايدىكەن. ئەمما مەن دەل شۇ سۆيۈملۈك ئىسىمنى دەخلىسىز دېيەلەيدىغان بولۇش ئارزۇسىدا ياشاۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئائىلەمدىن ئايرىلىپ ئون يىلدىن بېرى سەرگەردان ھايات كەچۈرىۋاتىمەن؛ بۇ ماڭا خۇددى ئاشىقنىڭ ۋىسالىدەككى، بۇ ۋىسالدىن بىر دەقىقە ۋاز كەچمەك، مىليون يىللىق زىندان ئازابىدۇر. ئاشۇ سۆيۈملۈك ئىسىم ئورنىغا «ئۇيغۇر دىيارى» دېگەندەك ناجىنىس ئىسىمنى قوللانماق، ماڭا ئامبارنىڭ ھاشارسىغا ئىشلىگەندىنمۇ تەس! ئۇنىڭدىن كۆرە بىرەر رېستۇراندا قاچا يۇساممۇ يۇيۇپ ھاياتىمنى قامدىسام، شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىم ئورنىغا ھېلىقىدەك ناجىنىس ئىسىمنى ئىشلىتىش ئازابىنى تارتمىسام تېخىمۇ راھەت ھىس قىلىمەن.

سىزگە بۇنداق تەنقىدچىلىك تۇتۇمىڭىز تۈپەيلى ھەرخىل يوللار بىلەن تەھدىتمۇ بولدىمۇ؟

ئەلۋەتتە، ئەمما تەھدىت دەپ كەتكۈدەكمۇ ئەمەس، بەكمۇ كۈلكىلىك: كىچىك ۋاقتىمدا بىرەرسىنى قورقۇتىۋەتمەك ئۈچۈن يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ، تەتۈر ئۆرۈلگەن تۇماقنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلايدىغان ئىش بارىدى؛ تۇماقنىڭ يۇڭلۇق ئىچ تەرىپى ئارقىلىق بۆرىنى ئەسكە سالماق ياكى غالجىر ئىتنى ئەسكە سالماق ئىستەنسە كېرەك، ئەمما تۇماقنىڭ جۇغى بەك كىچىك بولغاچقا تۇيۇقسىز تۇرغان ئادەممۇ ئۇنى بۆرە دەپ ئويلاپ كەتمەيتى، ھېچ بولمىغاندىمۇ ئىتمىكىن دەپ قورقۇپ كېتىدىغان ئىشمۇ يوقىدى. مېنى ئەنە شۇنداق تەتۈر ئۆرۈلگەن تۇماقنى ئالدىمغا تاشلاپ چۆچۈتىۋەتمەككە ئۇرۇنۇش، بەكمۇ بىچارىلىك ئەلۋەتتە. چۈنكى، بىلىشلىرى كېرەككى مەن كىچىك بالا ئەمەس.
بەزى ھەمتاۋاقلارنىڭ تىلى ئارقىلىق، CIA (ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئاگېنتلىقى) نىڭ ماڭا دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، مېنىڭ دىلويىمنى ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى »ھۈركۈتۈش«لەرمۇ بولدى. نەقەدەر بىچارىلىك بۇ! ئەگەر بۇ راست بولسىدى، مەن قورقمىغاننىڭ ئۈستىگە بەكمۇ خوشال بولاتتىم. چۈنكى، مەندىن »نېمە دەردىڭ بار؟ مەخسىدىڭ نېمە؟« دەپ سورايدىغان ئادەم چىققان بولاتتى –دە، مەنمۇ جىمى دەردىمنى ئاڭلىتىۋالاتتىم. ئىشىنەتتىمكى، بۇ ھۆر دۇنيادا خىتايلاردەك چېقىمغىلا تۇتۇپ قاماپ قويمايدۇ، چوقۇم مەندىنمۇ سورايدۇ.
ئىنتېرنەت سەھپىلىرىدە دولقۇن قەمبىرى ئەپەندى بەك قالتىس تونۇشتۇرۇلغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالدىم، بەلكىم سىزمۇ ئاڭلىغانسىز، بۇ سىزنىڭ چۆكۈرۈشلىرىڭىزگە بېرىلگەن ۋاسىتىلىك جاۋاپتەك قىلامدۇ قانداق؟ بەزىلەر ئۇششاق رەددىيىلەرنىمۇ يېزىپتۇ، سىز بۇلارغا نېمە دەيسىز؟
مەن باشقىلاردىن ئاڭلاپ كۆرۈپ باقتىم(چۈنكى مەن نورمالدا بۇنداق «زامانىۋىي پىت بازىرى»دا ۋاقىت زايا قىلالمايمەن)، ئەمما تەپسىلىي ئوقۇمۇدۇم. چۈنكى، بۇنىڭ بىر »چاپانچىلىق«تىن مەنبەلەنگەنلىكى، ياكى »چاپانچىلار«غا زاكاز قىلىپ يازدۇرۇلغانلىقىمۇ بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. تەپسىلىي ئوقۇغانلارنىڭ ئىنكاسى ئارقىلىق دەڭسەپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئىنكاسلاردىن بىرنەچچىنى ئۆرۈپ باقتىم. بىرسى دەپتۇ: ئەگەر بۇ كىشى شۇنداق مەشھۇر دوكتۇر بولغان بولسا، نېمىشكە كەسپىنى تاشلىۋېتىپ رادىئودا ئىشلەيدۇ،... بۇ ئىنكاس مېنىڭ ئىلھامىمنى غىدىقلىدى. راست، كونىلاردا «ھۆنىرىنى خار قىلغان يالچىماپتۇ» دېگەن گەپ بار، بۇ ئادەم كەسپتە بۆسۈپ چىقىشقا ئىشەنچ قىلالايدىغان بىرى بولسا، شۇنداقلا كەسپنى سۆيۈدىغان بىرى بولسا بەلكىم كەسپنى تاشلىۋەتمەيتى،... كەسپ - پەسپ دېگەنلەر بىلەن ئىشى يوق، پەقەت نېمە قىلسا قىلىپ نان تېپىپ يېسىلا بولۇدۇغان تىپتىكى ئادەملەرلا مانا شۇنداق بولسا كېرەك. بۇ ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن بولۇۋاتقان ئىشلارنى روبىرو قىلىپ، «ھە، شۇڭا - زە ساتراشنى سەنئەت ئۆمەككە باش قىلىپ قويغاندەك ئىشلار بولۇۋېتىپتۇ-دە» دەپ ئويلۇدۇم. ئويلىغىنىڭىزدەك، بۇ ئۆز - ئۆزىنى يۈكسەك كۆرسۈتۈش ئارقىلىق، رادىئودىكى تۇتۇمى تۈپەيلى نەزەردىن چۈشۈۋاتقان مۇبارەك نامى - شەرىپىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۇرۇنۇشىدەكمۇ قىلىدۇ. ئەمما، مېنىڭچە بۇ ئۇرۇنۇشلار كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. خۇددى يوقۇرىدىكى ئوخشۇتۇشۇمدىكىدەك، سەنئەت ئۆمەكتە ئىشلەۋاتقان بىرىنى «قولى يۇمشاق، ئۇستا ساتراش ئىدى...» دەپ ماختاشنىڭ نەقەدەر مەنتىقىسىزلىق بولۇشى ھەركىمگە ئايان. قالتس ئارخىئولوگ بولسا شۇ كەسپ ئۈستىدە بولغاندىلا ئاندىن بۇ ماختاش مۇناسىپ كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.

دېموكراتىك مۇھىتتا ياشاۋېتىپمۇ كوممۇنىست خىتايلارچە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ھەمتاۋاق توپلاش، «دۆت بولسىمۇ سادىق بولسۇن» پىرىنسىپى بويىچە ئادەم تاللاشلارنى قانداق چۈشەندۈرسە مۇۋاپىق بولۇدۇكىن؟ ئەخلاقسىزلىقمۇ؟ ھېچنېمە كۆرمىگەن زېدى پەسلىكمۇ؟... لايىق سۈپەتمۇ تاپالماي قالىمەن...
بەزى قارشى ئىنكاسلار سىزنى بىئارام قىلمامدۇ؟
بۇ سوئال ئېسىمگە لۇشۈن فىلىيتونلىرىنى كەلتۈرۈۋاتىدۇ: لۇشۈن بىرەر ماقالە ئېلان قىلغان ھامان تەرەپ - تەرەپتىن تالاپ كېتىشىدىكەن؛ ئەمما بىر قېتىم ئۇنداق بولماپتۇ، جىم - جىت... بۇ ھال لۇشۈننى قاتتىق خاپا قىلغان ئىكەن. سەۋەبى، ئۇ ئاتقان ئوقۇم جايىغا تەگمەپتۇ دەپ چۈشەنگەن ئىكەن. خۇددى شۇنىڭدەك، ئىنكاسلارنىڭ بولغىنى ياخشى. ناھايىتى ئەپسۇسكى، ماڭا قارشى ئىنكاسلار ماقالە شەكلىدە ئېلان قىلىنماي، غەيۋەت سورۇنلىرىدا، تونۇش - بىلىش، ھەمتاۋاقلار ئارا تېلېپون كۆرۈشمىلىرىدە خۇددى يىپ بازىرىدىكى خوتۇنلارچە بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ ئەدىۋىنى بېرىشنىڭ ئېپى يوق، ئورنىمۇ يوق بولۇۋاتىدۇ.
توغرا، بەزى يازما ئىنكاسلارمۇ بولمىدى ئەمەس، ھەتتا پۈتۈنسۈرۈك كىتاپلارمۇ چىقتى. ئەمما بۇ بىچارىلارنىڭ جامائەتكە كۆرۈنگۈدەك يۈزى بولمىغاچقا چۈمبەلنىڭ كەينىدە تۇرۇپ گەپ قىلدى. بەزى چۈمبەللىكلەرنى خاتا ھالدا »ھەجەپ تەقۋا، ئىپپەتلىك ئايالكەن« دەپ ئويلاپ قالماڭ، يۈزىنى ئاچسا ھەرگىز خېرىدار تاپالمايدىغان جالاپلارمۇ چۈمبەل سېلىۋالغاننى كۆپ كۆرگەنمىز.
رادىئودىكىلەر بەك خاپىمش، بۇ خاپىلىق تۈپەيلىدىن ئورتاق يامان كۆرۈش كەيپىياتى شەكىللەنسە كېرەك، شۇنداقمۇ؟
ئەلۋەتتە. تۇز پەقەت يارا بار جايغا تەگسە ئېچىشتۇرىدۇ، بولمىسا ھېچقانداق ئاچچىقى بىلىنمەيدۇ.
ئەسلىدە تەنقىدىم رادىئودىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەس، باشقۇرغۇچىلارغا ئائىت ئىدى. ئەمما ساپا تۆۋەنلىكىدىن، «يەۋاتقان نان»نى قوغداش زۆرۈرىيىتى بىلەن، باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ باشلىققا «قولمۇ قول يامان كۆرۈشۈپ» بېرىۋاتسا كېرەك.
رادىئودىكىلەر بىلەن بولغان كۆرىشىڭىز داۋام قىلامدۇ؟
ناھايىتى تەبىئى، داۋام قىلىدۇ ۋە قىلمايمۇ بولمايدۇ. چۈنكى شۇئاندا بۇ چەتئەلدىكىلەر بىلەن ۋەتەندىكىلەرنى بىر - بىرىگە باغلايدىغان بىردىن - بىر رىشتە. بۇنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن كونترول قىلىۋېلىنىشىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ، بۇ مېنىڭ ۋىجدانىي بۇرچۇم.
نەتىجىسى سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەمدۇ؟ يەنى زېرىكمەمسىز؟
مەن ئۇنداق ئاسان زېرىكىپ كېتىدىغانلاردىن بولسام مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمىغان بولاتتى. ئويلاپ كۆرۈڭ، ئون يىللىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەل مېنىڭ ئون يىللىق ئوقۇش دەۋرىمنى قاپسىغان ۋە نابۇت قىلغانىدى. بىلىسىز بۇ دەۋردە «ئۈزۈندە» يادلاشتىن باشقا ئىش بولمىغان. ئەگەر مەن ئۇنداق ئاسان زېرىكىپ كېتىدىغان بولسام ساۋاتسىز قالغان بولاتتىم. بۈگۈنكى بىلىمىم تامامەن ئەنە شۇ زېرىكمەس روھىمنىڭ، تالماس تىرىشچانلىقىمنىڭ مەھسۇلى. 16 يېشىمدىلا مۇستەقىللىق ئارزۇيۇم تېشىغا تېپىپ، «ئەكسىلئىنقىلاپچى» بولۇپ قالغىنىم ئۈچۈن، 1977 — 78 -يىللىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتاھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىشنىڭ تۇنچى ۋە ئىككىنچى يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستى تەۋەسىدىن ئىمتاھانغا قاتناشقانلار ئىچىدە مۆجىزىۋىي نومۇر ئالغان بولساممۇ، كوممۇنىست خىتاي مېنىڭ ئالىي مەكتەپكە بېرىشىمغا يول قويمىغان ئىدى. ئەنە شۇ زېرىكمەسلىكىم مېنى قامچىلاپ، ئىچىمدە «سەن بارغۇزمىساڭ، مەن ئالىي مەكتەپنى ئۆيدە پۈتتۈرىمەن!» دېگەن نىشاننى بەلگىلىدىم. ھەر يىلى ئالىي مەكتەپكە كەتكەن قۇرداشلىرىم تەتىل قىلىپ كەلگەندە، بىلىندۈرمەي ئۇلارنىڭ ئومىچىنى ئۆلچەپ، ئۆزەمنى سېلىشتۇرۇپ تۇردۇم ۋە شۇنىڭغا ئىشەنچ بىلەن ئىرادە باغلىدىمكى، «كوممۇنىستلار ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغىلى بارغۇزمىغان بولسا، ئەمدى مەن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا بارىدىغان بولۇشۇم كېرەك!» ئاشۇ زېرىكمەسلىك، بۇ نىشانغىمۇ يەتكۈزدى(ئەلۋەتتە، ئائىلەم ئۈرۈمچىدە بولغان بولسا بۇ نىشاننى تېخىمۇ دەبدەبىلىك تۈستە ئىشقا ئاشۇرغان بولاتتىم؛ ئەمما ياشاۋاتقان شەھرىمدە بۇ نىشاننى سىمۋوللۇق تۈردە ئىشقا ئاشۇردۇم: رادىئو-تېلىۋىزىيە ئۇنۋېرسىتېتىغا ئۇيغۇر تىلى، ئىستېتىكا، ئىستىلىستىكا، چەتئەل ئەدەبىياتى، خىتاي يېقىنقى زامان ئەدەبىيات تارىخى قاتارلىقلاردىن ئىشتىن سىرت دەرس بەردىم). 30 ياشتىن بۇرۇن بىر كىتاپ نەشىر قىلدۇرۇش نىشانىم بارىدى، شۇ يىلى ئىككى كىتابىم بىرلا ۋاقىتتا ئايرىم نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا قولۇمدا نەشىر قىنمىغان، ھازىر ھالەتتە بەش كىتاپ بارىدى.... مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى زېرىكمەسلىكتىن بولۇۋاتاتتى. ھېلىھەم بۇ روھىم ئۆلگىنى يوق. گەرچە ھازىر قېرىپ قالغان، چەتئەلدە ئائىلە خاپىلىقى تۈپەيلى تەڭگە تەڭ دېگۈدەك زەئىپلىشىپ كەتكەن بولساممۇ، يەنە بەزى تىرىشچانلاردىن قېلىشمايمەن. مەن تېخى كومپۇتېرنى تۇتۇپمۇ باقمىغان 1997 -يىلىدا، «مېنىڭ ئۆز تور بېتىم بولىشى كېرەك!» دەپ ئىرادە باغلىغان ئىدىم. 1998 - يىلىلا ئاندىن كومپيۇتېرغا ئېرىشتىم ۋە تام تۇتۇپ ماڭغان بالىدەك، ھەممىنى نۆلدىن باشلاپ كىتاپلارغا قاراپ ئۆگۈنۈپ، ئاخىرى بۇ نىشاننىمۇ ئىشقا ئاشۇردۇم. بىرەر چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈپ، ۋەتەننىڭ دەردىنى شۇ تىلدا بىۋاسىتە يېزىش ئارزۇيۇم بارىدى. كېلىپ تۇرغان يېرىم تۈركىيە بولغاچقا، تۈركچە ماقالە يېزىپ گېزىتتە ئېلان قىلدىم ۋە كېيىن تەدىرىجىي كېڭەيتىپ، كىتاپ قىلدىم. ئەمدى ئېنگىلىزچە يېزىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇۋاتىمەن، ئەمما بۇ ياشتا بۇنىسى ئاسان بولمايدىغاندەك. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان تەلەيلىكلەرگە، بولۇپمۇ چەتئەللەردە ئوقۇش نېسىپ بولغانلارغا ھەۋىسىم كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن تېخىمۇ كۆپ نەرسە كۈتىمەن(ھەقلىق يوسۇندا)، ئەگەر ئۇلار ئاشۇنداق ئىمكانلىرى تۇرۇپمۇ ھېچ ئىش قىلماي قوساق بېقىپ يۈرسە تەبىئىيكى مېنىڭ ھۇجۇم نىشانىمغا ئايلىنىدۇ.
ئائىلىڭىزنى ئەپ كېلەلمەيۋېتىپسىز، ئەگەر رادىئودا كۆپرەك سۆزلەشكە ئىمكانىڭىز بولغاندا بۇ ئىشىڭىز تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كەتمەسمۇ؟
مېنىڭچە بۇنىڭسىز مەن بىرەر پايدىغا ئېرىشىپ قالمايمەن؛ يەنى، سۆزلىمىگىنىم ئۈچۈن خىتاي ماڭا شەپقەت قىلىپ قالمايدۇ. خىتايلار چەتئەلدىكى ھەممەيلەننىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇش ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا مېنىڭ ۋاقىتلىق بىرەر تۇتۇم ئىپادە ئېتىشىم، خىتاينىڭ ئائىلەمگە تۇتىدىغان پوزىتسىيىسىدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلمايدۇ.( يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئائىلەمنى كوزېر قىلىش ئارقىلىق ماڭا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇشلىرىنىڭمۇ ھېچ نەتىجە بەرمەيدىغانلىقى خىتاي ئىستىخباراتىغا سىر ئەمەس.) چۈنكى مېنىڭ خىتايلارنى بەك بىئارام قىلغان كىتاپلىرىم ۋەتەن ئىچىدىمۇ مەخپىي بېسىپ تارقىتىلغانلىقى، بۇ كىتاپنى ئوقۇغانلىقى بىلىنگەن ئادەملەرنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىمۇ كىشىلەرگە مەلۇم. بۇنچىۋالا «گۇناھ»نى قىلىپ- قىلىپ، ئاخىرىدا «ئاكتىپ» بولىۋېلىشىم بىلەن خىتايلارنى ئالدىغىلى بولمايدىغۇ؟
ئائىلەمنى ئېلىپ كېلىش ئىشىدىكى مۇۋەپپىقىيەتسىزلىك ماڭا خىتاي نەزىرىدىكى زۇلپىقارنىڭ ۋەزنى، قىممىتى، دۈشمەن ئۈچۈن خەتەرلىكلىك دەرىجىسى، قورقۇنۇچلۇق دەرىجىسىنى كۆرۈۋېلىش ئىمكانى بەرگەچكە بۇنىڭدىن مەنىۋىي قۇۋۋەت ئالىمەن؛ ئۆز مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشۈنۈپ، شۇنىڭغا يارىشا تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشكە ئۆزەمگە ھەيدەكچى بولۇمەن. بەزى «ئىنقىلاپچىلار»نىڭ ھەتتا بەزى «تەشكىلاتچىلار»نىڭ ئائىلە - بالاۋاقىسى چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرساملا ئاشۇ قىممەت — ئۆزەمنىڭ ئىنقىلاپچىللىق قىممىتىم — مەلۇم بولىدۇ. بۇ مەن ئۈچۈن مەنەۋىي مۇكاپاتتۇر ۋە شۇنداقلا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئاۋۇلارنىڭ كىملىكىنى قايتا ئويلۇنۇش ئۈچۈنمۇ ئىشارەتتۇر. (مەسىلەن: مەزكۈر رادىئونىڭ 8 -ئىيۇندىكى قىممەتلىك خەۋىرىگە قارىغاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى‹؟!› دىلشاد رېشىتنىڭ خانىمىنىڭ خىتايلارنىڭ كۆزلىرىنى غەلەت قىلىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك قېچىپ چىققان. ئەسلىدىكى پاسپورتىنى خىتاي تارتىۋالغان ئەھۋالدا، يېڭىدىن يالغان پاسپورت ئىشلىتىپ قېچىپ چىققان. بۇ ھەقتە بىر ماقالە يازدىم.) مانا بۇلارغا سېلىشتۇرۇلسىلا، مېنىڭ قىممىتىمنى كۆرگىلى بولۇدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدىن ئازاپلىنىمەنمۇ؟ غۇرۇرلۇنۇمەنمۇ؟ بۇنى كۆپچۈلۈك ئۆزى دەڭسەپ كۆرسە بولۇدۇ.
يەنە شۇنىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئويلىنىپ كۆرىشى ئۈچۈن ھاۋالە قىلغۇم كېلىدۇ: ھېلىقىدەك «ئىنقىلاپچى»لار دەرمىش: بىز چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتقاچقا، خىتايلار قورقۇپ ئائىلىمىزنى تۇتۇپ قېلىشقا جۈرئەت قىلالماي، چىقىرىپ بېرىۋاتىدۇ! بۇنىڭدىكى بىمەنىلىك ھەربىر نان يېگەن بەندىگە ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرسا كېرەك.
سەندىن ئۇ قەدەر قورققاندىكىن، خىتايلارغا بىر ۋارقىراپ قويغان بولساڭ، تىلىمىزنى چەكلىمىسە بولاتتىغۇ!
ئىككىنچى بۆلۈم، يېڭى دىئالوگلار
ئىلاۋە: 2005- يىلدىن كېيىن پىت بازىرى مېنىڭ ھەققىمدە ئومۇمەن سەلبىي نەرسىلەرنى ئېلان قىلىدىغان، ئىجابىي نەرسىلەرنى دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىدىغان بولۇشتى. شۇڭا سوئاللارنى ئەينەككە يوللايدىغان زىيارەتچىلەر پەيدا بولدى. بۇ سوئاللارغا ئەسلىدە جاۋاپمۇ بېرىلمىگەن ئىدى. بۇ قېتىم بۇ كونا تېمىنى ھازىرلاۋاتقان چېغىمدا يېڭى سوئاللارنىمۇ قېتىۋېتىشنى لايىق تاپتىم. »قالىغاچ ئۇۋىسى... « ۋەقەسى بىلەن سوئاللارمۇ تەكرارلانغان ئىدى.
تەنقىدلەرگە قىلچە پىسەنت قىلماستىنئاڭلىتىشلاردا ئوخشاش خاتالارنى تەكرارلاش قاراقوساقلىقتىنمىدۇر؟ ياكى تەنقىت قىلغاندىكىن مانا ئەمىسە دەپ تەتۈرلىكى تۇتقانلىقمىدۇر؟
ئويلاپ كۆرۈڭ، ھەر بىر تەپەككۈر ئىگىسى ئويلاپ كۆرسۇن، ئەگەر بىر كىشى ۋەتەن مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە كۆيۈنۈدۇغان بولسا، تەنقىت تۈپەيلى تەتۈرلىكى تۇتۇپ، مىللىي مەنپەئەتكە قارشى ياكى قىلچە پايدىسى يوق نەرسىلەرنى ئاڭلىتىشنى داۋام قىلارمۇ؟ ئەگەر سىز بىر ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتسۆيەرمەن دېسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز قانداق قىلغان بولاتتىڭىز؟ »سەن دېگەندىكىن مانا ئەمىسە!« دەپ، ۋەتەن مىللەتكە پايدىسىز ئىشلارنى قىلىۋېرەمتىڭىز؟ بۇ مەسىلە ئۆز-ئۆزىدىن ئېنىق تۇرمامدۇ.
سىز دولقۇن قەمبىرى بىلەن تونۇشامسىز؟ كۆرۈشۈپ باققانمۇ؟
تونۇشمايمەن، ئەمما بۇ مۇھترەم زاتنىڭ مۇبارەك جامالىنى بىر قېتىم كۆرۈشكە توغرا كەلگەن. تۈركىيەدە بىر مىھماندارچىلىقتا بىللە بولۇپ قالغان ئىدۇق. ئۇنى »رادىئونىڭ باشلىقى« دەپ تونۇشتۇرغاچقا مەن دىققەت قىلغان، مېنى ھىچكىم تونۇشتۇرمىغاچقا ئۇنىڭ مېنى ئەسلىيەلىشى ناتايىن.
شۇ چاغدا سىزدە قانداقراق تەسىرات قالدۇرغانتى؟
قورسىقىغا ئوبدان ئىشلىگەن ئادەمكەن دېگەن تەسىراتقا كەلگەنىدىم.
سىز دولقۇن قەمبىرىنىڭ سىياسىي كىملىكىگە ئىشىنەمسىز؟
ياق، ئىشەنمەيمەن.
كۈتۈلگەن، ئەمما يەنىلا دەھشەتلىك جاۋاپ بولدى بۇ. سەۋەپلىرىنى دەپ بېرەلەمسىز؟
مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى دەپ بولدۇم ياكى داۋاملىق دەۋاتىمەن. ئەگەر ئۇ سىياسىي كىملىكى ئىشەنچلىك بىرى بولسا، تەشكىلات قۇرغاندىن كېيىنلا ۋەتەنگە بېرىپ كېلەلمەيتى. شۇنداقلا ئۇ سىياسىي كىملىكى روشەن ھالدا مىللىي مەنپەئەت مەيدانىدا تۇرۇدۇغان بىرى بولغان بولسا، ئۆزىنىڭ لاياقەتسىزلىكى كۆڭلىگە ئايان بولغاندىكىن، مىللىي مەنىۋىيەتكە زىچ ئالاقىدار بىر ئورۇندا پۇتلۇشۇپ ئولتۇرۇپ، ئىش بۇزغاندىن كۆرە، مەرتلىك بىلەن بۇ ئىشنى رەت قىلىپ، تېخىمۇ ئۇيغۇن بىر نامزاتنىڭ بۇ ئورۇندا ئولتۇرۇشىغا يول ئاچقان بولاتتى.
بۇنى سىياسىي كىملىككە مۇناسىۋەتلەشتۈرمەي، ئاشۇ قاراقوساقلىققا باغلاپ چۈشەنسەك بولماسمۇ؟ مەسىلەن، ئۇ قاراقوساقلىقىدىن »مەن بىر دوكتۇرمەن، مەن بۇ ئورۇنغا ئەڭ مۇناسىپ« دەپ ئويلاپ قىلغان دەپ چۈشەنسەكچۇ؟
ئۇنداق چۈشۈنۈشكىمۇ بولۇدۇ. ئەمما بۇنىسى بەك قايىل قىلارلىق بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولۇدۇغان بولسا، دەسلەپ ئۆزىنى چاغلىيالماي بۇ ئورۇنغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، كېيىنكى تەنقىتلەر تۈپەيلى كۆزىنى ئېچىپ، مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى، ھەتتا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقىنى كۆرسۈتۈپ بېرىلگەندىن كېيىن چېكىنىپ كەتكەن بولاتتى. شۇنداقلا ھىچ بولمىغاندا خاتالارنى قەستەن تەكرارلىمىغان بولاتتى.
بەزىلەر سىزنىڭ كىتاپلىرىڭىز ھەققىدە خەۋەر بەرمىگىنى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاچچىق قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشۈنۈدۇكەن، سىزچە بۇنىڭ مەلۇم توغرۇلۇق پايى بارمۇ؟
پەقەتلا يوق دېيەلمەيمەن. ئەمما پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى كىتاپ دېگەن كىتاپ! رادىئودا ئېلان قىلىنمىغانغا قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ. يەنىلا دولقۇن قەمبىرىدىن ئۇزۇنراق ياشايدۇ. تۈركىي تىللار دىۋانىدىن بىر دانىسى تاسادىپەن ساقلىنىپ قالغان ۋە بىر ئىلىملىكنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قېلىش بىلەن قىممىتى بايقالغان. مىڭ يىلدىن بېرى ياشاۋاتىدۇ. كىتاپ ئەنە شۇنداق ياشايدۇ. رادىئودا ھەربىر كەپپارە – كېپەك كىتاپلارمۇ ئېلان قىلىندى. ھەتتا مەنسۇر روزىيېۋنىڭ »ئۇيغۇر زېمىنىدە« دېگەن ئەكسىيەتچىل كىتابىمۇ بىر خۇشخەۋەر تەرىقىسىدە ئېلان قىلىندى. بۇلارغا سېلىشتۇرسىڭىزلا ھەقنى سۆيگەن ھەر ئادەمنىڭ قوسىقى كۆپكۈدەك بىر ئىش. ئەگەر بۇ رادىئو قاسىمجان قەمبىرىنىڭ مىراسى بولغان بولسا ئەلۋەتتە ھىچ ئاغرىقىم، رەنجىشىم بولمىغان بولاتتى، ئەمما بۇ ئامېرىكىنىڭ پۇلى بىلەن چۆگۈلەيدۇ، ئۇنى دولقۇن قەمبىرى قوساق باقسۇن دەپ ئېچىپ بەرگەن ئەمەس، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئېچىپ بەرگەن شۇڭا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ھەق ئىددىئا قىلىشقا ھوقۇقى بار. ئەمما مىللىتىمىز ئۆزىنىڭ مىللىي تەقدىرىگە خۇددى »كىشىنىڭ ئىشىغا تومۇزدا قولى توڭۇدۇغان« شەكىلدە مۇئامىلە قىلغاچقىلا، سىز ۋە باشقىلار بۇنى مېنىڭ ئىشىمدەك، مېنىڭ كىتابىمنىڭ ئىشىدەك كۆرۈۋاتىسىلەر. ئەمەلىيەتتە بۇ ئومۇمىي مىللەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە، غەزەپلىنىشىگە تېگىش بىر ئىش.
ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان بەزى چەتئەللىك دوستلار ئامېرىكىدىن ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بارلىقىنى ئۇقۇپ، »خېلى تەلىيىڭلار بارىكەن« دېيىشتى. ئەمما رادىئونىڭ قىلىپ يۈرگەن »خىزمەتلىرى«دىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇ ھەيران قالدى. »سىلەر قانداق خەلقسىلەر؟ ئۆزەڭلارنىڭ ئىشىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلساڭلار، يەنە كىمدىن، نېمە دەپ ئاغرىنىسىلەر!؟« دېدى. ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى، مىللىي مەنىۋىيىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بۇنداق بىر ئورۇندا دولقۇن قەمبىرىدەك بىر قارا قوساقنىڭ ئون يىللاردىن بېرى ئىزچىل ئىشلەپ قالالىشى بىزنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىمىزدىنلا ئىكەن! باشقا ھىچقانداق بىر مىللەت بۇنداق ئىشلارغا بۇ دەرىجىدە يول قويۇپ، ئۇنداق »كەڭ قوساقلىق« قىلمايدىكەن. پەقەت بىز، پەقەت بىزلا مىللىي مەنپەئەتلىرىمىز خۇسۇسىدا ئۆتۈپ كەتكەن سەرىمەس بولغۇنۇمۇز ئۈچۈن، ئىشلىسە ماڭا نېمە؟ مائاشنى مەن بېرەمتىم، دەپلا كارىمىز بولمايدىكەن.
»قارا قوساق« دەۋېرىشىڭىز بىر ئاز كاللامنى قىزىتىۋاتىدۇ، راستىنى دېسەم. ئۇ نېمىلىكى بولمىسۇن بىر دوكتۇر تۇرسا، قاراقوساق دەۋەرسىڭىز قانداق بولۇدۇ؟
دوكتۇرلۇق مەسىلىسىگە يوقۇرىدا جاۋاپ بېرىپ بولدۇم. »قالىغاچ ئۇۋىسى... «دىمۇ جاۋاپلار بارىكەن. يەنە شۇنى قوشۇمچە قىلساممۇ ئارتۇق كەتمەس، بىرەر دىپلوم، شاھادەتنامە،... دېگەندەكلەر بىر ئادەمنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسىنى چېكىپ بېقىپ بېرىلمەيدۇ. پەقەت چەكلىك سوئاللارغا جاۋاپ بېرەلىسىڭىزلا بېرىلىدۇ. يادلىۋېلىپ جاۋاپ بەردىڭىزمۇ، كۆچۈرۈپ جاۋاپ بەردىڭىزمۇ؟ باشقىلارنىڭكىنى مېنىڭ ئېتىۋېلىپ قۇتۇلدۇڭۇزمۇ؟ بۇنىڭ پەرقى يوق. ئۇنۋاننى ئېلىۋېرىسىز. دىپلوملار، مەكتەپتىكى دەسلىكلەرنى ئوقۇغانغا بېرىلىدۇ. مەن نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەنلەرنى، ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ئۇنۋانى قوشۇلغانلارنى كۆرگەنمەن. ئۇلار ئەنە شۇ مەكتەپتىكى دەسلىكنىڭ تېشىدا ئىككى كىتاپمۇ ئوقۇپ باقمىغان بولغاچقا، دىھقاندەك پىكىر قىلغاننى ئاز دەپ، ئەقەللىي بىرنەرسىلەرنى چۈشەندۈرگىلى بولمىغان كەچمىشلىرىم بولغانىدى. بىلىملىك ئادەمنىڭ، توختىماي ئىزدىنىدىغان بىر ئادەمنىڭ لاس ۋېگاستا ئىشى بولمايدۇ. كاسىنولاردا ئىشى بولمايدۇ....
ئۇنى ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتىن ئەيپلىشىڭىزدىكى سەۋەپلەر، ئاساسلار نېمىلەر؟
دىموكراتىك دۇنيادا شۇنى كۆرۈۋاتىمىز، خەلق نارازى بولسا ھاكىمىيەتتىكىلەر ئىزا تارتىپ، ئىستىپا بېرىدىكەن؛ كوممۇنىست خىتايلاردەك، پۈتۈن مەملىكەت قارشى بولسىمۇ، »ئىنتايىن، ئىنتايىن ئازساندىكى بىر ئوچۇم... « دەپ بىزەڭلەرچە ئولتۇرۇۋەرمەيدىكەن. بۇ بىر ئىنسانىي ئار-نومۇس تۇيغۇسى، ئىزا-ئاھانەت تۇيغۇسىنىڭ ئويغاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. مۇشۇنداق بىر كېلىماتتا شۇنچە ئۇزۇن ياشاپ تۇرۇپمۇ ئازراق كىشىلىك پەزىلەت ئۆگەنمىگەنلىكى، بېزىرىپ ئولتۇرۇشى ئۇنىڭ پەزىلەتسىزلىكىنى ئىسپاتلاشقا يەتمەسمۇ؟ ئامېرىكىدەك يات بىر ئەل تەسىس قىلىپ بەرگەن رادىئونى خۇددى قاسىمجان قەمبىرىدىن مىراس قالغاندەك شەخسىي ھىسىياتىغا كۆرە ئىش ئېلىپ بېرىشىچۇ؟ بۇلارمۇ يەتمەمدۇ؟ يەنە بىرمۇنچە »شاپاققا تېيىلىپ كەتكەنلىكى« ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ بار، تۈركىيەدە ئاشۇنداق بىر »شاپاققا دۈم چۈشكەن ۋەقە« بوپتۇمىش دېگەندەك رىۋايەتلەرنى ئاڭلىساممۇ، بۇنداق تەرەپلەر ھەققىدە ئېنىق ئىسپات بولماي تۇرۇپ بۇلارنى تىلغا ئېلىپ يۈرمەيمەن. ئۇنىڭ چىۋىندەك »شاپاق - شالتاققا ئامراق«لىقىدىن رادىئودا »يوتا قېتىش باجا«لىرى كۆپۈيۈپ كەتتى دېگەندەك رىۋايەتلەر تارقالسىمۇ بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ نەدە قانداق »شاپاق تېرىپ يەپ« يۈرىشى ئۆزىنىڭ ئىشى، ئەمما مېنىڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغىنىم رادىئونىڭ سۈپىتى ۋە ئۇنىڭ بۇ ئورۇندىكى خىزمەتنىڭ كەسپىي تەلىپىگە توغرا كەلمەيدىغان ساپاسى، خالاس.
ئەگەر بۇ سۆھبەتنى ياكى دىئالوگنى ئېلان قىلسىڭىز، سىزگە بولغان قارشىلىقى تېخىمۇ ئېشىپ، تېخىمۇ قاشىيىپ كېتىشى مۈمكىن. تۈركىيەدىكى مەلۇم مۇخبىرىگە يېڭى رومانىڭىز ھەققىدە تەكلىپ بېرىلگەندە، ئاڭلىسام ئىجابىي مەيدان ئىپادىلەپتۇمىش، يەنى ئوقۇپ بېقىپ ئاندىن ئاڭلاتساق بولۇدۇ، دەپتۇمىش، ئەگەر بۇ دىئالوگلار ئېلان قىلىنسا، پوقى قېتىپ، بۇ گەپتىن يېنىۋالماسمۇ؟
ئەلۋەتتە يېنىۋالىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ماڭا بىرەر زىيىنى بارمۇ؟ ئۇنىڭ ئەخلاق پەزىلەتلىرى ھەققىدە دېگەنلىرىمنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ، شۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە زىيان قىلىدۇ. يەنە بىر تەرىپىمۇ بار: ئۇ ھېلىقى روزىيېۋنىڭ »ئۇيغۇر زېمىنىدە« دېگەن ئىپلاس كىتابىنى ئوقۇپ بېقىپ ئاندىن خەۋەر قىپتىكەنمۇ؟ ئوقۇپ بولۇپ بىرنېمە دېيىش پەقەت ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ تۇرمامدۇ؟ مانا شۇنىڭدىنلا يەنە بىر ئىسپاتنى كۆرۈۋاتامسىز قانداق؟
»ئازاتلىق تورى«غا قويۇلغان ر ف ئا غا يارىمىغان گۇناھكار تېمىلار دېگەن بىر ماۋزۇنى كۆرۈپ قالدۇق، كېيىن بۇ ئەينەككىمۇ قويۇلدى. بۇ تىمىغا يېزىلغان ئىنكاسلار خېلى ئىجابىي ئىدى، ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ باھاسى يوقۇرى بولۇش بىلەن، رادىئونىڭ مۇشۇنداق بىر ياخشى تېمىنى نېمىشكە رەت قىلغانلىقىغا ئەجەپلەنگەن خۇرسۇنۇشلار بارىدى. بۇ ھەقتە نېمە دەيسىز؟ ئۇلار بۇنى نېمىشكە ياراتمىغاندۇ؟
خەلققە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ياراتمىغان، بۇ بىرىنچى سەۋەپ بولسا كېرەك. ئىككىنچى سەۋەپ، مۇخبىر مېنى زىيارەت قىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن مېنىڭ ئاۋازىم رادىئودىكىلەرگە رىئاكسىيە بەرگەن. مانا شۇ رادىئوغا يارىمىغان تېمىنى كۆرۈپسىز، دېمەك بۇنىڭدىنمۇ دېگەنلىرىمنىڭ قانچە پىرسەنت توغرا ئىكەنلىكىگە جەزم قىلالايسىز. بۇ رەت قىلىنغان تېمىنىڭ ۋاقىت خاراكتېرى يوق، بىلىمسەل تېما بولغاچقا، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى دېگەنچىلىكمۇ باھانىسى يوق. پەقەت شەخسىي خۇسۇمەت ۋە خىتايلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياش!
رادىئودىكىلەر ئىلھام توختىنى بەك قالتىس تونۇشتۇرۇپ كەتتى. سىز ئىلھام توختى ھەققىدە گۇمانلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇڭۇز، بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلاردا بەك يامان ئىنكاسلار بولدى، بۇ ھەقتە نېمە دەيسىز؟
ئىلھام توختىنى ئەڭ دەسلەپ رادىئوغا تونۇشتۇرغۇچى م. ھەز... مىش. بۇنى بىر مۇھىم ھالقا سۈپىتىدە ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، ئەمدى رادىئونىڭ ۋەزىپىسى خىتايلار ئۈچۈن بەزى پايدىلىق جامائەت پىكرى تەييارلاپ بېرىش (بۇ شۇنداقكى، ئەگەر بۇنى خىتاي مەتبۇئاتلىرى دېسە كىشىلەر ئىشەنمەيلا قالماي، تەتۈرىنى چۈشۈنۈدۇغان نەرسىلەر) بولغاچقا، خىتايلارنىڭ كەلگۈسى شۇم پىلانلىرىدا رول ئوينايدىغان بىر شەخسنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتاتتى. بۇ ھەقتە كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىنىڭ بىر تۇتۇمى بارمۇ؟ مەن كۆرسەتكەن پاكىتلار قارشىسىدا ھىچقانداق سەۋەپسىز تىللاشلار. ئەپەندىم، مېنى ئوسال قىلماقچى بولسىڭىز، مەن كۆرسەتكەن سەۋەپلەرنى يوققا چىقىرىشىڭىز كېرەك! م. ھەز... م. ئازاتنىڭ كىملىكىنى تەنتەنە بىلەن جاكالىغان ماقالىسىدا » مېنىڭ ئىسمىم ۋەتەن ئىچىدە مەنئى قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئىسمىم بىلەن ۋەتەن ئىچىدىكى مەتبۇئاتلاردا يازما يېزىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى« دېگەنىدى. ۋاھالەنكى، بۇ مۇبارەك كىشىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ م. ئازات تەخەللۇسلۇق ماقالىلىرى ئۇيغۇر بىز تور بېتىدە تۇرۇۋەردى. باشقا داھىلىرىمىزنىڭمۇ ئۆز ئىسمى بىلەن يازغان »ئەسەرلىرى« بۇ يەردە بارىدى. ھەتتا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تور بېتىدىكى نەرسىلەرمۇ كۈنلۈكى كۈنلۈك بۇ بەتتە ئېلان قىلىناتتى. مۇشۇنداق بىر توربەتنىڭ ساھىبى خىتاي دىكتاتورسى ئاستىدا ئەركىن ياشىيالايتى. بۇ بولسا ھەرگىز گۇمانلىق بولمايتى. گەرچە ئۇنىڭ ئۆيىدە تەقىپكە ئېلىنغانلىقى، ئاتۇشقا بېرىشى چەكلەنگەنلىكى،... قاتارلىق ھىكايىلار بىلەن خۇددى »پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن ياپقانچىلىك« ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمىسىمۇ بۇ بەك كۈلكۈلۈك ئەمەسمىدى؟ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر خىتاينى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەيپلەشلىرىنى پىسەنت قىلماستىن تۈرمىگە تاشلىغان خىتاي، ئىلھام توختىغا چېقىلالماي، ئۇنى يۇرتىغا بېرىشتىن چەكلەيدۇ، شۇنىڭدەك ئۇششاق ئاقلاشلار... ئۇنىڭ بارلىق ھەددى – ھەركەتلىرىنى بىزنىڭ ئۇلۇغ م. ھەز... ئەپەندىم تەقىپ قىلىپ تۇرغاچقا ھەممىنى خەۋەر قىلىدۇ. رادىئو-ئىلھام توختى – م. ھەز... (ۋەتىنىم تورى) بىر ئۈچبۇلۇڭ ھاسىل قىلغانلىقى كۆرۈلۈدۇ. ۋەتىنىمنىڭ بىر كوپىيىسى ئۇيغۇر بىز تورى ئىكەنلىكى پاكىت ئەمەس ئويدۇرمامىدى؟ بۇ قەدەر پاكىتلارغا پىسەنت قىلماي، »تەرەپ« مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرغان، ئۆز ئىشىغىمۇ »تومۇزدا قولى توڭۇدۇغان« بۇ مىللەتنىڭ ئازاتلىق تامايىدا بولۇشقا ھەققى بارمۇ؟ يەنە ئىلھام توختىنىڭ ئاكىسى ئەركىن توختى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەنلىكىدەك پاكىتمۇ كۆرمەسكە سېلىندىغۇ؟ سىلەر ئىلھام توختىنىڭ ئىسمىنى تالادا م. ھەز... نىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئاڭلاپ قالغان بىلەن، مەن ئۇنىڭ جەددى - جەمەتىنى بىلىمەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن بىز بىر شورۇقلۇق تۇرساق، بۇمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، »تەرەپ« جانپىدالىقىدا قالغان بۇ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق ھەققىدە ئاغزىنى تاتلىق ئېتىپ يۈرۈشكە نېمە ھەققى بولار؟!
ئاشۇ پاكىتلاردىن كېيىن توربەتلەردىكى روپاش ئىنكاسچىلارغۇ چۈمبەلنىڭ ئىچىدە نېمە دېسە دەۋەرسۇن، ئامېرىكىنىڭ پۇلىدا چۆگۈلەيدىغان رادىئومۇ قەيسەرلىك بىلەن خىتاينىڭ شۇم پىلانى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى داۋام قىلدى ئەمەسمۇ؟! مەن يەنە شۇنى دەيمەن، تەكرار دەۋېرىمەن، ئەگەر بىر ماقالىغا قارشى بىرنەرسە يازماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن بىر نۇقتىئىينەزىرىڭىز بولسۇن! قارشى ماقالىدا قارشى تۇرۇلۇۋاتقان ماقالىدا »پاكىت« دەپ بېرىلگەن نۇقتىلارنى ئاغدۇرۇۋەتسىڭىزلا بولدى، »ئېشەك، توڭگۇز ساراڭ،... « دەپ تىللىمىسىڭىزمۇ ئۆزى رەسۋا بولۇۋېرىدۇ. پاكىتلار ھەققىدە ھىچقانداق گېپىڭىز يوق، كوچا خوتۇنلىرىدەك تىللاۋەرسىڭىز بىزەپ جالاپلاردىن نېمە پەرقىڭىز، تەقسىرلەر؟
(سوئاللارغا كۆرە داۋاملىق تولۇقلۇنۇدۇ)
(ئەگەر سىز بىر ئەخلاق ئىگىسى ئىنسان بولۇدۇغان بولسىڭىز بۇ تېمىنى ھىچيەرگە كۆچۈرمىگەيسىز. تەۋسىيە قىلىپ، توربېتىمىزنى تونۇشتۇرسىڭىز بولۇدۇ.)

13

تېما

13

يازما

130

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
130
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-7 16:55:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
# adilas يىل-ئاي-كۈن سائەت:مىنۇت
xitay 1949yili 10-ayda wetinimizge basturup kelgende gomindanggha yallinip ishligen uyghur emeldar ghalchilar keshmirge qéchiptiken.ghulamidin paxta akimizning 3-qurultay waxtida éytip bérishiche eyni yilliri bdt we amirka bukishlerni amirkigha kilinglar dise yaq biz tükiyege kitimiz dep türkiyege kétiptu.xeq bizni bdt gha kilip siyasi paaliyet qil , milli dewaringni qil dise unmighan munapiqlar,eger amirkigha ketken bolsa ishlar bashqiche bolghan bulishi mumkin idi.dunyaning weziyitini amirka belgileydighan torsa bu xeq amirkigha barmay türkiyege nime dep baridu. kallisida weten millet digen uqum yoq gomindangchilar .shunga türkiyege barghandin kiyimu qorsaq béqip bikar yatqan. eysa aliktikin del shu nadanlarning bashlamchilirdin biri . kiyinki künlerde erkin aliptikin radiyoda sözlep memtimin bughra ,eysa aliptikinlerni andaq qehriman mundai qehriman dep teriplep yürüp qehrimanning pushti salayiti bilen duq gha reyis bolghandi.reysiliktin chüshkendin kiyinmu rabiye xanim bilen birmezgil rehberlik hoquqini taliship yürdi.sidiq hajining qalghach uwisidiki mexpi söhbet namliq esiridiki bayanlirigha asaslan'ghanda aliptékin jemeti heqiqi inqilapchi emes.

13

تېما

13

يازما

130

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
130
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-7 16:56:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
# مەتقۇناخۇن يىل-ئاي-كۈن سائەت:مىنۇت
قەدىرلىكىم، سىز يەنىلا كونا خاماننى سورۇپ يۈرۈپسىزغۇ؟ باشقىلارنىڭ يازغانلىرىنىمۇ ئوقۇپ باقامسىز بەزىدە؟ ئوقۇمايدىغاندەك قىلىسىز، ئوقۇسىڭىز بۇنداق بىمەنە نەرسىلەرنى يازمىغان بولاتتىڭىز. بىرىنچىدىن، مۇھاجىرلار ئامېرىكىغا كەلگەن بولسا ئىنقىلاپچى بولاتتى، تۈركىيەگە كەلگەچكە قوساق بېقىشقا كەلدى، دېگەن مەزمۇندىكى داۋاڭىز بەكلا چۈپرەندىلىك بولۇپتۇ. قوساق بېقىشقا ئامېرىكا تۈركىيەدىنمۇ ياخشىراق ئەمەس، دېيەلەمسىز؟ سىزنىڭچە ئامېرىكىغا كەلگەن بولسا ئىشىمىز ئاقىدىغان بولسا، نېمىشكە دالاينىڭ ئاقمايۋاتىدۇ؟ ئامېرىكا ھەتتا ئۇنىڭغا شۇنداق ياردەملەرنى بەرگەنكى، رەسمىي ئەسكەر تەربىيىلەپ، پاراشۇت بىلەن ھىمالاياغا تاشلىغان ئەمەسمىدى؟ (بۇنى سىدىقھاجى ئاكىنىڭ كىتاپلىرىدىن تاپالايسىز).
ئەمدى ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ رابىيە قادىردىن رەئىسلىكنى تالاشقانلىقىغا كەلسەك، بۇنىڭغا نەچچە جاۋاپ بېرىلىپ، رەسۋاسى چىققان بىر يالغانغۇ بۇ؟ رەئىسلىك تالىشىدىغان ئادەم ئۆزى بېرىۋېتەرمىدى؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 19:54 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.165547 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 26 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش