تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1068|ئىنكاس: 0

ئۈمىتسىزلىك ۋە ئەقىل ئۇچقۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

13

يازما

130

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
130
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇلۇشى دۈشمەنلىكمۇ؟ ياكى دۆتلۈكمۇ؟« دېگەن ماۋزۇدا بەس-مۇنازىرە قوزغاشقا ئۇرۇنۇپ، بۇ ماۋزۇنى توربەتكە ئېسىپ قويۇپ، ئىنكاسلارنى ساقلىدىم. بىر ئايغا يەتمەيلا 535 قېتىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ بىر قۇر ئىنكاس بېرىلمىدى.  بۇ ھال مېنى قاتتىق ئۈمىتسىزلەندۈرۈۋەتتى. ئىلگىرىكى بىر يازمىشىمدا توردىكى يوللانمىلار، ئىنكاسلار ھەققىدە مەلۇم كۈچلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن، ھەتتا ھەققى ئالدىن بېرىلگەن »ئىنكاسچىلار« ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قىياسىمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بۇ قېتىمقى سىناق بۇنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولۇپ قالدى.

ئەسلىدە مەن دېگەنلىرىمنىڭ توغرا چىقىپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ ئۈمىت قىلمايتىم. چۈنكى بۇ قورقۇنۇچلۇق ئىدى. بۇ دېگەنلىك بۇ مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرى ھەققىدە قىلچىمۇ چاتىقى بولمايدىغان مەتۇ مىجەزلىكىنىڭمۇ ئىسپاتى بولاتتى. يەنە شۇنىڭ ئىسپاتى بولاتتىكى، ئومۇمەن چەتئەللەردە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى دېيىلىدىغان ھەقىقىي بىر ئىدىيە ۋە ھەركەتنىڭ يوقلۇقى، ئۇنداق ئادەملەرنىڭمۇ ئاز-تولا ساۋادى بارلار ئىچىدە يوقلۇقى ياكى خىتاي غالچىلىرى ئارىسىدا خۇددى ئاشقا چاچقان قۇغۇن (قۇرۇق ئۇن)دەك يوق ھىساپتا ئىكەنلىكى، ئەمدى چەتئەللەردىكى ئىشلارنىڭ تامامەن خىتاينىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ بولغانلىقى قاتارلىقلارنىمۇ تەسەۋۋۇرغا كەلتۈرەتتى. بۇ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق-ھە!
535 كۆرگۈچىدىن بىرىمۇ تۆرت ئېغىز گەپنى ئېلىپبە بىلەن ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ساۋاتلىقلار ئەمەسمىدۇر؟ ياكى ھېلىقى مەن دەپ ئۆتكەن غەلىتە تەرەپبازلىقتىنمىدۇر؟ يەنى، بۇ مەندەك بىر يامان ئاتىلىپ قالغان »ياغلىقاپاق«نىڭ تەشەببۇسى بولغاچقا بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشنى خۇددى مېنىڭ قالدۇرۇق يېرىمگە ئىشلەپ بەرگەندەك بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشمىدۇر؟ ئەگەر بۇنىسى راست بولۇدۇغان بولسا نەقەدەر شەرمەندىلىك بۇ!؟
شۇ ئېسىمدە، (بۇنى ئومۇمىي مىللىي تەقدىرگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك بۇنداق بىر تۇتۇمغا سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقىنىمدىن ئازاپلىنىۋاتساممۇ، يەنىلا شۇنىڭغا مەجبۇر بولدۇم) بىر چاغلاردا بىر مۈجمەل جاناپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن قوغلانغان ئىدى. ئەسلىدە بۇ قوغلۇنۇش مىللىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، تەبرىكلەش كېرەك بولسىمۇ، »مىڭلىغان ئىنكاسچى« بۇ ئىشنىڭ خاتا بولغانلىقى، بۇ جاناپنىڭ رادىيونىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى دىۋىگاتېلى ئىكەنلىكى، راديونىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلسا تۈگىشىدىغانلىقى، ... ئىشقىلىپ، بۇ جاناپنىڭ راديودىن ھەيدىلىشىگە قارشى مەيدان ئىپادىلىگەن سانسىز ئىنكاسلار پىت بازىرىنى تولدۇرۇۋەتكەن ئىكەنمىش. نەقەدەر قەھرىمان »ئىنكاسچى«لار بۇلار-ھە!؟ ئاشۇ شەخسنىڭ مائاشلىق ئورۇندىن ئايرىلىپ قېلىشىغا قارشى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتكەن بۇ مىڭلىغان ئىنكاسچىنىڭ ۋەتەن مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلارغا لام دېمەي تۇرۇشلىرى، توردا بوي كۆرسۈتۈپ يۈرىدىغان »ئىنكاسچى«لارنىڭ ئەمەلىيەتتە مەلۇم كۈچلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن كىشىلەر ئىكەنلىكى، ھەتتا مائاشنى ئالدىن نەقلەشتۈرۈۋالغانلار ئىكەنلىكى پىكرىنى قۇۋۋەتلىمەمدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق ئەمەس دېسەكلا تېخىمۇ بەك سەتچىلىككە — ئومۇمىي مىللىي سەتچىلىككە قالىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ كۆردۇقمۇ؟ يەنى، ئۇ زامان بىز شۇنداق بەدبەخت مىللەت بولۇپ قالىمىزكى، بەزى شەخسلەرنىڭ مەنپەئەتى ئومۇمىي مىللىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن، شەخس ئۈچۈن جان پىدا قىلىمىزكى، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ئەمەس! دېگەنگە باراۋەر كېلىپ قالۇدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۆز-ئۆزىمىزدىن يىركەنگۈدەك سەتچىلىك بولغان بولۇدۇ.
بۇنداق شەخسلەرنىڭ جارچىسى بولۇپ جان پىدالىق قىلىۋاتقان پىت بازارلىرىمۇ ئەلۋەتتە دىققەتتىن چەتتە قالماسلىق لازىم. چۈنكى بۇ پىت بازارلىرىنىڭ بىر قارىسا بەك سەزگۈر، »چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغان« ھۇشيارلىقىنى كۆرۈمىز؛ بەزىدە قارايسىزكى، ئۆز لېدىرى ھەققىدىكى ھاقارەتلەرنىمۇ »كۆرمەي قالۇدۇ«. بۇنداق ھۇشيارلىقنىڭ دەستىدىن، بەزى سەتچىلىكلەر ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ھەتتا جامائەتتىن بىرىمۇ كۆرەلمەي قالغان ئىشلار مەۋجۇت. مەسىلەن، ئاشۇ يوقۇرىدا زىكرى كەچكەن جاناپنىڭ »شوۋا ئىچىپ«قالغانلىقىغا ئائىت خەۋەرنى بۇ پىت بازىرىدا كۆرگەنلەر بارمۇ؟ چوقۇمكى يوق! مانا! بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، پىت بازىرى باشقۇرغۇچىلىرى جاناپنىڭ يۈز-ئابرويى ئۈچۈن 24 سائەت كومپيۇتېر بېشىدا مىختەك قادىلىپ ئولتۇرغان دېيىش مۈمكىن ئەمەسمۇ؟ بۇ نەقەدەر ساداقەت، نەقەدەر تەسىرلىك قۇربان بېرىش روھى-ھە؟ كاشكى ۋەتەن مىللەت تېمىلىرىدا مانا شۇنداق جاسارەت نامايەن قىلغان بولسا!
ئەمدى بۇلاردىن قانداق ئەقىل تېپىشقا بولۇدۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ سېلىشتۇرمىسىدىن شۇنداق بىر ئەقىلنىڭ ئۇچقۇنى چاقناپ تۇرۇپتۇكى، بۇنى كۆرەلمىسىڭىز »تۆرت كۆز«ىڭىز بولغىنى بىلەنمۇ يەنىلا كور ئىكەنمەن دەۋەرسىڭىز بولۇدۇ. (بۇ تۆرت كۆز دېگەنغۇ ئىت سىنىپىغا ئائىت بولۇپ، شۇندىمۇ ئۇنىڭ ئىككىسى يالغان، پەقەت شەكىل.)
مەن بىر ئايدىن كېيىن يازغان بۇ ئىنكاسىمنى تورغا قويۇش – قويماسلىق توغرىسىدا بىر قارارغا كېلەلمەي ۋاقىت ئۆتتى، ئۆتتى، ئاخىرىدا ئىنكاس تەلەپ قىلىپ چىقىرىپ قويغان بۇ تېمامنى كۆرگەنلەرنىڭ سانى 2161 گە يەتكەن. بۇ جەرياندا ھىچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىرنەچچە ئېغىز يومزاشتىن باشقا ھىچقانداق كۈتۈلگەن ئىنكاس ئېلىنمىدى! مانا بۇ بىزنىڭ ھالىمىز! ئۆز ئىسمى شەرىپى بىلەن بىرنەرسە ئېلان قىلىشنى خالايدىغانلار يوق. بۇنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى ساۋات مەسىلىسى بولۇشى مۈمكىن. قارىسا ئۆزىنى خېلى كاتتا ھىساپلايدۇ، ئەمەلىيەتتە قولىدىن كېلىدىغىنى بۇ بولۇپ، كۆتى ئېچىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەش بولۇشى مۈمكىن. توغرا يەنە بەزى ئاقكۆڭۈل بولسىمۇ، سىياسىي تەقدىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈدۇغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ئوقۇمۇغانلىقى تۈپەيلىدىن يازاي دېسىمۇ يازالمايدىغانلاردۇر بەلكىم. بۇنىسى ئەڭ چىرايلىق بولغان بىر تۈردىكىسى تېخى. باشقىلىرى گۇمان قىلغىنىمىزدەك، خىتايلارنىڭ يۈندىسىگە تويمىغان مەلئۇنلار دېسەك خاتالاشمايمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:08 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.143948 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش