تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 735|ئىنكاس: 0

قاتىل بولۇش ئارزۇسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

13

يازما

130

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
130
قايناق سۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تېچ، دېگەن بىزنىڭ  كونلار
تېچلىق ئەۋزەل، دەيتى ئانام ھەمىشە،
تېچلىققا نېمە يەتسۇن دەيتى داداممۇ،
مېنىڭ خۇي – پەيلىم شەكىللەندى شۇنداق ھاۋادا،
تەنبىھ ئاڭلايتىم، جىدەل قىلسام ناۋادا.

بۇغۇ ئوبدان تەربىيە قارىماققا،
بوزەكنى بوزەك ئەتمىسە قىيامەتتە سورىقى بولغاچقا،
مۇش يېدىم كۆپ تېچلىق سۆيگەن تۇمشۇقۇمغا.
تۇرۇپلا شۇڭا قاتىل بولغۇم كېلىدۇ،
ئەگەر كىنودىكىدەك ئاسان بولسا ئادەم ئۆلتۈرۈش،
ھەم ئادەمنىڭ سورىقى يوق بولسا چىۋىندەك.
چىۋىننى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرسەم ئىدىم،
چىقارمىدىكىن ئىچ پۇشقۇم تۈزۈكرەك؟
ياساپ قويسام يوغان بىر تەخسىگە «چىۋىن دورىسى»،
پالاقتا ئوۋلىسام ئۆزەم بىرياندىن،...
ۋاي، شۇنىسى يامان: بەك تاتلىق جېنىم،
شېكەرنى چىقراق قوشقانمىكىنە لېيىمغا مېنىڭ؟
ھېچ تەۋەككۈل قىلالمايمەن
تۇل خوتۇنلارچە تىترەپ ھەر ئىشتىن.
ئەيدىزدىن زارلايمىز، ئۆلىمىز بىركۈن،
قورقساقمۇ، زارلىساقمۇ ھەم،
بۇ قىسمەت ئۆزگەرمەس،
تۇغۇلغان ئىكەنمىز قۇتۇلۇش يوق ئۆلمەستىن.
باشقا نە چارە پىشانىدىكىنى كۆرمەستىن!
خىروئىن چېكىپ، زەئىپلەشتى بەدىنىم،
روھىم مەجرۇھ، تېنىممۇ مەجرۇھ،
ئاشۇنداق ئەسكىگەن تۇرۇپمۇ بۇ جان يەنىلا تاتلىق بولغىنى قىزىق!
گۇناغا پاتتىم، لۇت قەۋمىگە يەتتىم،
ئىسمىم يېزىلغان ساپال تاشلاردىن
ئۆلمەكنى كۈتىمەن بەلكى؟
چۈنكى مەن ئۆزەمنى ئۆزگەرتەلمىدىم،
نۇر بىلەن دىلىمنى نۇرلاندۇرمىدىم.
ئويلايمەن ھېلىقى كونىلىرىمىز دېگەندەك:
تېچلىق ئەۋزەل، نېمە يەتسۇن تېچلىققا؟
بىركۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرمەككە؟
مانا شۇلارنىڭ ھەممىسى جېنىمغا تەككەچكە
زەھەرنىڭ زەھرى يۈرەككە يەتكەچكە،
نېمە كۆرسەم كۆردۈم دەپ،
قاتىل بولماقنى قىلىمەن ئارزۇ،
ھەممە تەييارلىقىم ھازىر،
پەقەت شۇ جېنىم تاتلىق بولۇپ قالمىغان بولسا...
بۇ پەقەت ئارزۇ، قىلىنماس زاھىر،
چۈنكى ھەمراھىم قورقۇنۇچ يېنىمدىن كەتمىگەچ
بۇ ئارزۇيۇمنى ھېچ ئاغزىمدىن چىقىرالمايمەن،
دېمەك، ئەپسۇس،
مەن ئەبەدىي قاتىل بولالمايمەن!
ئارزۇنىڭ گۈزەللىكىمۇ دەل يەتكىلى بولماسلىقىدىمىش
خۇددى يار ۋىسالىنىڭ تاتقى جۇدالىقتىن سۇغۇرۇلغاندەك
مېنىڭ ئارزۇيۇممۇ مەڭگۈ يۈرىكىم قېتىدا
گويا ئۆلگەن، قەلب قەبرىگە كۆمۈلگەندەك!
2007-01-07
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:03 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.140371 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش