تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2094|ئىنكاس: 0

يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ۋاپاتىغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

13

يازما

130

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
130
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، "قۇتادغۇبىلىك"شۇناس، پىداگوك يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق 10-ئىيۇن كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. تەپسىلىي ماتىرايلنى كېيىن يوللايمىز
تۆۋەندە بىر مەرسىيە
كاشغەرى سۈپەتسەن،خاس ھاجىپ سۈپەت.

ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل
يارمۇھەممەدنىڭ بىر پارچە ماقالىسى

«تۇغلۇقنىڭ يۇلتۇزى ساقىدى بۈگۈن...»
ئاڭلىدىم ھەسرەتكە تولغان بايانات.
كۈندۈزۈم كۆرۈندى بولۇپ قارا تۈن،
سۇنغاندەك گوياكى پەرۋازلىق قانات.

قاناتتا سۇنۇش بار، يۇلتۇزدا ساقىش،
ۋە لېكىن بەك بالدۇر ساقىپ كېتىپسەن.
بۇ ساقىش دوستلارغا بەئەينى بىر قىش،
دۈشمەنگە باھاردۇر بەلكىم گىرىمسەن.

ھە توغرا، سەن ئىدىڭ مېۋىلىك دەرەخ،
مېۋىسى باجغانلاپ مەي بولۇپ پىشقان.
شاخلىرىڭ بىھۇدە سۇندى، ۋادەرىخ!
تۆھمەتخور مەلئۇنلار، چۈنكى، تاش ئاتقان.

ئۇ تاشلار بەستىڭنى پەسلىتەلمىدى،
توننىلاپ نەپ بەردىڭ ئەكسىچە ئەلگە.
«دىۋان»غا، «بىلىك»كە شەرھى – پەر ئىدى
سەن تىزغان بويۇڭدەك توملار – قۇت بەلگە.

بۇ توملار مىڭ يىلنى ھايا شەكلىدە،
ئاۋامغا تۇتقۇزدى ئەڭگۈشتەر قىلىپ.
ئەڭگۈشتەر، ئەڭگۈشتەر، ئاۋام ئەقلىدە
مەھمۇد دەر، يۈسۈپ دەر، تۇغلۇق دەر بىلىپ،

ئېھ، تۇغلۇق مەن ساڭا جەننەت تىلەيمەن،
بىر ساڭا ئارمىغان بولسۇن بار جەننەت.
تىلەكتە ھەم سېنى شۇنداق كىنەيمەن
كاشغەرى سۈپەتسەن، خاس ھاجىپ سۈپەت.

      2012. 6. 10 ئۈرۈمچى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:44 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.223849 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش