تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1682|ئىنكاس: 0

غەرپ دۇنياسىدىكى بىر كۈنۈم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

13

يازما

130

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
130
يانپۇننىڭسىگنالى تولىمۇ ئەنسىز چالدى ياكى تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىم ئۈچۈن ماڭا شۇنداقتۇيۇلدى؛ ئەيتاۋۇر بۇ يېقىمسىز ئاۋازدىن دىرىڭڭىدە چۆچۈپ ئويغۇنۇپلا قالماي،چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. ھەتتا كارۋاتتىن چۈشۈپ بولغان ھالدا ئۆزۈمنىكۆردۈم. ئەمدى يانپۇن سىگنالىنىڭ يېقىمسىزلىقىغا كەلسەم، ئەسلىدە ئۆزەم ئەڭ ياخشىكۆرۈدىغان مۇزىكىنى تاللاپ قويغان ئىدىم، دېمەككى بۇ يېقىمسىزلىق رېئال بىريېقىمسىزلىق ئەمەس، خاھىشچانلىق يېقى بارلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. يەنى ئۇنىڭ تاتلىقئۇيقۇمنى قاپبەلدىن ئۈزۈپ، ئويغۇنۇشقا مەجبۇر قىلغانلىقى مەسىلىنىڭ تۈگۈنى بولساكېرەك.
بىرنەچچەسېكونت ئىچىدىلا ئاشخانىغا كىرىپ، كىچىك قازىنىمغا بىر تاۋاقچە سۇنى قۇيۇپ،ئوچاققا قويدۇم-دەئوتنى يېقىۋەتتىم. ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاۋال يۈز يۇيۇش ئۈچۈن تازىلىقئۆيىگە ماڭماي، ئاشخانىغا ماڭغان بۇ نېمە گەپ؟ دېگەن سوئال ھەركىمنىڭ كۆڭلىدىنكېچەر بەلكىم. گەپ شۇ يەردىكى ئورنۇمدىن تۇرۇشتىن ئىشقا مېڭىش ئۈچۈن ئۆيدىنچىقىشىمغىچە پەقەتلا يېرىم سائەت ۋاقتىم بار. بۇ ۋاقىت ئىچىدە يۈز-كۆزۈمنى يۇيۇشۇم، ناماز ئوقۇشۇم، ناشتىلىق ھازىرلىشىم،ياتقان ئورنۇمنى يىغىشتۇرۇشۇم، ناشتىلىق قاچىلىرىمنى يۇيۇشۇم، ئاندىن ئىشكىيىملىرىمنى كېيىپ ئشىكتىن چىقىشىم كېرەك. بۇلارغا ۋاقىت يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئويلاپتاپقان چارەم شۇ: ۋاقىتتىن قوش لېنىيەلىك پايدىلىنىش. قازان قاينىغىچە بەرىبىربىكار ساقلاپ تۇرۇمەن-يا، شۇۋاقىتتا تازىلىق ئۆيىدىكى ئىشىمنى تۈگىتىۋېلىشىم كېرەك.
ئورنۇمدىنتۇرغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى ئىش-ھەركەتلىرىمنىڭھەممىسى ئۇيقۇلۇق ھالەتتە بولۇدۇ. كۆزۈمنى غۇۋا ئېچىپ، ئۇياق-بۇياققا سوقۇلۇپ، سەندىرەكلەپ يۈرۈپ قىلىمەن. بۇ خۇددىبالىلىق چاغلىرىمدا قومۇشقا بارغان كەچمىشىمگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ چاغلاردائانامنىڭ ئاۋال ئەركىلىتىپ تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئاندىن ئۇنىمىغىنىمغا قويمايسىلكىشلەپ ئويغۇتۇشى ئارقىسىدا كۆزلۈرۈمنى خىرە-شىرە ئېچىپ، چالا - پۇلا يۈزۈمنىيۇيۇپ، ئانام قولۇمغا تۇتقۇزغان بىر پارچە زاغرىنى غاجىغاچ قومۇش ئورۇپ كېلىشكەماڭغان چاغلىرىم ئەنە شۇنداق ئۇيقۇلۇق، ئۇيقۇغا ھىچ تويۇپ باقمىغاندەك تەسىراتتاسەندىرەكلەپ مېڭىشلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.
جەنۇپتايازدىكى كېچە - كۈندۈزلۈك تېمپۇراتۇرا پەرقى بەك چوڭ بولغاچ، تاڭ سەھەردە تەننىجۇغۇلدۇتۇدۇغان سوغۇق بولاتتى. شۇندىمۇ كۈندۈزدىكى چېقىر ئاپتاپتا ئېغىركەلمەسلىكى ئۈچۈن كېيىپ يۈرۈدىغان بىر تامبال، بىر كۆينەك بىلەنلا يۈرەتتۇق.ئەتتىگەننىڭ سوغ ھاۋاسىمۇ ئۇيقۇمىزنى ئاچالمايتى. ئەسلىدە ئاخشاملىرى باغمۇ-باغ ئوغۇرلۇققا كىرىپ، قوغۇنلۇقلاردىن سويما ئوغۇرلاپ،كوچىلاردا توپا توزۇتۇپ قوغلاشماق ئويناپ،... دېگەندەك يېرىم كېچىگىچە ئۆيگەكىرمەيتۇق. بولۇپمۇ شۇ چاغلاردا يېزىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىقنى قاقئوتتۇرىدىن يېرىپ ئۆتكەن يېڭى يول تۈپەيلى، بەزىلەر يولغا توغرا كەلگەن قەۋرىلەرنىئېچىپ، ئۇرۇق-جەمەتلىرىنىڭجەسىدىنى تاغ باغرىغا يۆتكەۋاتاتتى. كۈندۈزلىرى بىز مەكتەپتىكى چاغدا،مەكتىپىمىزگە يېقىن بولغان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەر دەم ئېلىشتاقەۋرىستانلىققا يۈگرۈشۈپ كېلەتتۇق. قەۋرە ئېچىۋاتقان، ئۆلۈكلەرنى چىقىرىۋاتقان بۇمەنزىرە مۇھىتىمىزغا كۆرە بىزنىڭ قىزىق ئەمەكلىرىمىزدىن بىرى بولۇشى كېرەك، شۇنىتاماشا قىلاتتۇق. بەزى يېڭى ئۆلۈكلەر چىدىغۇسىز سېسىق پۇرايتى. كونىلىرىمۇپۇرايتى، ئەمما ئۇنىڭ پۇرىقى ئاشۇ يېڭى ئۆلۈكنىڭ پۇرىقىنىڭ كونىراپ قالغىنىدەك بىرتۈرلۈك پۇرايتى. ئاشۇ سېسىقتا سائەتلەرچە تۇراتتۇق. بەزى كونا ئۆلۈكلەر كېپەنلىرىچىرىپ كەتكەچكە يوغان-يوغانئۇستىخانلىرىلا قالغان بولاتتى. كېيىنچە يول پۈتۈپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىئېرىققا سۇ باشلاندى. مانا شۇ چاغدا بەزى ئىگىسى چىقماي ئۈستىلا تۈزلىۋېتىلىپ،ئۆتۈپ كېتىلگەن قەۋرىلەرگە سۇ كىرىپ، قورقۇنۇچلۇق گوداڭلارنى شەكىللەردۈرگەن ئىدى.ئېرىقلاردا دائىملا ئادەم باش سۆڭىكى، پاقالچاق سۆڭەكلىرى چىقىپ قالاتتى. باشسۆڭەكلىرىنى تاياققا سانچىۋېلىپ، مەكتەپكە كۆتۈرۈپ كېلىپ، قىزلارنى قورقۇتۇپ،چىقىراتقانچە قوغلاپ يۈرەتتۇق. كۈندۈزىغۇ بۇ ئوبدان ئەمەك بولۇپ، ۋاقتىمىز چاغئۆتەتتى. ئەمما كېچىسى ئۇخلىغاندا مانا شۇ ھىڭگىيىپ تۇرغان سىكىلتلار چۈشۈمىزگەكىرىپ ئۇخلىيالمايتۇق. باشقىلارنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچ كەچمىشلىرى بارلىقىغا جەزمقىلالمىساممۇ، مەن بۇ مەزگىلدە ھاياتىمنىڭ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كېچىلىرىنى ياشىدىمدېيەلەيمەن. ھەتتا ساراڭ بولۇپ قېلىش ئىھتىمالىممۇ پات-پات كۆزۈمگە كۆرۈنەتتى. ئۇخلىيالمايتىم. ئۇخلىغاندەكبىرئاز غەپلەت باستىمۇ دەرھال كۆز ئالدىمدا جىنلار ساما سالاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگەياز بويى ھويلىدا ياتقىنىمىز ئۈچۈن، پۇتىمىز تەرەپتىكى ئۈستى ئوچۇق، ئەسكى تاملىق(بۇ ئىلگىرى يالغۇز ئۆي دەپ ئاتىلىدىغان، ئايرىم بىر يۈرۈش ئۆي ئىكەن، كېيىنئاچارچىلىقتا يۇرتتىكىلەر ئىگىسىز قالغان ئۆيلىرىمىزنى ئېچىپ، ياغاچلىرىنى سېتىپقوساق باققان ئىكەن — بىز ئۇ چاغلاردا كانسۇ كان رايونىدا ياشايتۇق — كېيىنئائىلىمىزنىڭ يېرىم ئەزاسى يۇرتقا قايتقاندا بۇ ئۆيلەرنى قايتىدىن ياپقانبولساقمۇ، ئۈزۈكچىلىك تۈپەيلى ھەممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي، يالغۇز ئۆي يېپىقسىزقالغان ئىدى) تەرەپتىن جىنلار چىقىپ كېلەتتى. ئاسمانغا قاراپ ئوڭدا ياتقان مېنىڭقورسۇقۇمنىڭ ئۈستىدە — ھاۋا بوشلۇقىدا »ئودوكۇم« ئوينىشاتتى،مېنى بوزەك قىلاتتى. شورلۇق دالىدىكى يامغۇردىن كېيىنكى پاتقاق يولدا بولاتتۇق،دائىملا ھارۋام پاتقاققا پېتىپ قېلىپ، ھەمرالىرىمدىن ئايرىلىپ جىنلارنىڭئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالاتتىم. ئۇچۇپ كېتىشكە ئۇرۇناتتىم... يېنىمدىكىلەرنىبېقىنلاپ ئويغۇتۇپ ياردەمگە چاقىرىشقا ئۇرۇناتتىم. ئەمما ھىچيېرىمنىمىدىرلىتالمايتىم. قاچاي دېسەم خۇددى ئارقامدىن بىرى پېشىمنى چىڭ تارتىپتۇرۇۋالغاندەك، قەدەملىرىم بەكمۇ كۈچ بولاتتى... بۇ قىينىلىشلار ئىچىدە ئويغۇنۇپ،ياكى ھوشۇمغا كېلىپ، ئەڭ ئەۋەل ئەقلىمگە كەلتۈرگىنىم شۇ بولۇپ، ئەتىسىقەۋرىستانلىققا ئالاقىدار ئويۇنلاردىن نېرى تۇرۇشقا ۋەدە قىلساممۇ، ئەمما كۈندۈزىيەنىلا باشقىلارنىڭ قورقۇنچاقلىقتا ئەيپلىمەسلىكى ئۈچۈن يەنىلا، »قەھرىمانلىق ئۈلگىسى« كۆرسۈتۈشكەئالدىرايتىم.
ماناشۇ سەۋەپلەردىنمۇ ئاخشاملىرى ئۇخلاش دېسە خۇددى قورقۇنۇچلۇق كويىقاپقائىتتىرىلىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بىلەن تىرەجىگىم كېلەتتى. ئەگەر مەندەك ئۇخلاشقايېتىشتىن قورقۇدۇغان باشقا ھەمرالار بولغاندا، ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق ئۇيقۇدىن كېچىپ،تاڭ ئاتقۇچە ئويناشقا رازى ئىدىم. ئەپسۇسكى يېرىم كېچىگىچە ئوينىغاندىن كېيىنبالىلار ئاتا-ئانىلىرىتەرىپىدىن چاقىرىلىپ، بەزىلىرى قۇلاقلىرىدىن چۆجۈلگەنچە ئەكىرىپ كېتىلەتتى ۋەماڭىمۇ جىمجىت ھوھۇلداپ قالغان كوچىدا تۇرۇۋېرىشنىڭ ئورنى قالمايتى.
شۇسەۋەپتىنمۇ ئەتتىگەندە ئورنۇمىزدىن تۇرماق بەك ئېغىر كېلەتتى. بۇنداق چاغلاردابۈگۈن بالدۇرراق يېتىپ، راسا بىر ئۇخلىۋالمىسام دەپ ۋەدە قىلساقمۇ، يەنە ئاخشامبولغاندا ئويۇننىڭ قىززىقىدا ۋەدىمىزنى ئۇنتۇپ، »ئەشمىدا قىشلاپ« يۈرۈپ، يېرىمكېچە قىلىۋەتمەي قالمايتۇق.
شۇڭائاشۇنداق مەستلەرچە ھەركەتلەر بىلەن ئېشەكنى توقۇپ، تۈگۈنەكلەنگەن ئاغامچىنى،ئوغاقنى ئېلىپ، ئېشەككە مىنەتتۇق. ئاندىن زاغرىمىزنى يېگەچ يولغا چۈشەتتۇق.يۇرتنىڭ ئاخىرقى ئۆيلىرىگىچىمۇ ھەمرالار قوشۇلۇپ تۇراتتى. ئۇ چاغقىچە قولىمىزدىكىناننى يەۋاتقاچقا ھەرھالدا ئويغاق ماڭغاندەك قىلساقمۇ، يۇرتتىن چىقىپ، جاڭگاليولىغا كىرىشىمىزدىن كېيىنلا، ئۇيقۇنىڭ تەخىرسىز ھۇجۇمىدىن قىشىيىپ كېتەتتۇق. مۈگدەشئىچىدە قىشىيا- قىشىيا ئاخىرى »گۇپ« قىلىپلايەرگە يىقىلاتتۇق. بىر سېكونت ۋاقىت ئۆتكەندەك بولاتتيۇ، يىقىلغان يېرىمىزدىنسەكرەپ تۇرۇپ، ئوڭ سولىمىزغا ئالاق - جالاق قاراپ، قايسى ياقتىن كېلىپ، قايسى تەرەپكە كېتىۋاتقىنىمىزنىئىلغا قىلىپ بولغىچە، ئېشىكىمىز ئەللىك مېتېر ئۇزاپ كەتكەن بولاتتى.
»ھۇپچۈش! ھۇپچۈش!« دەپ كەينىدىنقوغلاپ يېتىپ، يەنە مىنەتتۇق. ئەمما ئون مىنۇت ئىچىدىلا ئىككىنچى يىقىلىشىمىزئەمەلىيلىشىپ بولاتتى... ئېشەكنى قوغلاپ يېتىشكە ئۇرۇنۇپ يۈگرىگەندە بەزى ھۈرككەكئېشەكلەر تۇتۇق بەرمەي قېچىۋېرىپ، تاكى قومۇشلۇققىچە يۈگرەشكە مەجبۇر قىلاتتى؛بۇنىسى تېخى ياخشى، بەزىلىرى تامامەن تەتۈر يۆنۈلۈشكە قاچىدىغان بولسا، ئېشەكنىيەنە قايتا ئۆيگە بېرىپ تۇتۇپ كېلىشكە توغرا كېلەتتى. قومۇشچىلارنىڭ كۆزلەيدىغىنىكۈن چىققىچە قومۇشنى ئورۇپ بولۇپ، كۈن چىقىشىغىلا ئېشەككە ئارتىپ ئۆيگە يېنىش ئىدى-دە، ئېشەك قوغلاپ تاڭ ئېتىپ كەتسە، ھاۋانىڭ قىزىقىدائەسلا ئىش ئاۋۇمايدىغان گەپ.
بالىلىقتىكىئاشۇ ئۇيقۇسىراشلارنىڭ تامامەن ئوخشىشى بولغان بۈگۈنكىسى، ياش بىر يەرگە بارغانداباشقا كېلىۋاتقان قىسمەت بولغاچقا، ئۇ چاغدىكىدەك، بىردەمدىلا ئۇيقۇ ئېچىلىپ، يەنەشوخ- تېنىمسىزلىشىپ قالىدىغان ئىش ئەمەس، ھاردۇق ئۈگە-ئۈگىلەرگە ئورنۇشۇپ كېتىدىغان گەپ ئىكەن.
مەنچاقماق تېزلىكىدە تاھارەت ئېلىپ، ساقىلىمنى قىرىپ، ئاشخانىغا چىققىنىمدا دەل سۇنىڭقاينىغان ۋاقتى بوپتىكەن. توڭلاتقۇدىن چوڭ قازاننى ئالدىم. ئۇنىڭدا ھەپتەيېتىدىغانغا قاينىتىپ قويۇلغان مەرجىمەكتىن قىلىنغان ئۇماچ بار. ئوماچ خۇددىلەڭپۇڭدەك ئۇيۇپ قالغان ھالەتتە. ئەمدى ئۇنىڭدىن بىرنەچچە قوشۇقنى خۇددى بەلچەبىلەن ئەنجانتامنىڭ لېيىنى كەسكەندەك كېسىپ كىچىك قازاندىكى قايناۋاتقان سۇغا سالدىم. توڭلاتقۇدىن چىققان مۇزدەكئۇماچنىڭ تەسىرىدە قايناۋاتقان سۈيۈم توختاپ قالدى. ئۇنىڭ تەكرار يەنە شۇ يوقۇرىتېمپۇراتۇرىغا يېتىپ، قاينىشىغىچە ئۇيۇغلۇق ئۇماچنى ئېزىپ، سۈيۈلتۈشكە ئۈلگۈرىمەن.ئەسلىدە پىششىق ئۇماچ بولغاچقا ئۇزاق پىشۇرۇشقا ھاجەت يوق. قاينىسىلا بولدى.
ئۇماچتولۇق سۈيۈلدۈرۈلۈپ بولغاندا، بىر قوشۇق قىزىل مۇچ، بىر چىمدىم ئاشكۆكى، بىرئازشوخلا قىيامى سېلىپ زىننەتلەپ بولدۇم. ئاندىن قايناشقىمۇ باشلىدى. دەرھال ئوتنىئۆچۈرۈپ، ئۇماچنى چوڭ چىنەمگە قۇيۇپ، شىرەگە قويدۇم. بۇ قايناق ئۇماچنى پۈۋلەپئىچىشكە بىرمۇنچە ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ئارىدىكى ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، ئۇ بىر ئازھورىغا جىمىغىچە مەن ناماز ئوقۇۋالىمەن. بۇمۇ ۋاقىتتىن قوش لېنىيەلىك پايدىلىنىشتۈرلىرىمدىن يەنە بىرى.
نامازدىنكېيىن ئۇماچنى ئالدىراپ ئىچىشكە باشلىدىم. بەزىدە سەل قىزىق كەلسە بىر ئاز نانچىلىۋەتسەم ئوبدان بولۇدۇ. بەزىدە ئىشتاھام تازا ساز بولمىسا نان بىلەن ئاۋۇپكەتمىسۇن دەپ، ئۇماچنىڭ ئۆزى بىلەنلا بولدى قىلىمەن. ئۇماچنى ئەسكەرلەردەكتېزلىكتە ئىچىپ بولدۇم-دەچىنەمنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، جۈمەكنى يوغان ئېچىپ، سۇنى بېسىم بىلەن چۈشۈرۈپ،يۇيۇۋەتتىم. ئاندىن ئاخشام ھازىرلاپ قويۇلغان چۈشلۈك تاماق قۇتىلىرىنى تاماق سومكامغاقاچىلىدىم، ئۇسسۇلۇقلىرىمنىمۇ سالدىم.
سائەتكەھىچ قارىمىدىم. ۋاقىت بىر - ئىككى مىنۇت ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ئالدىراشتىن بەكرەك مەڭدەپ كېتىپ،بىرمۇنچە ئىشىم ئوڭى سېپىدە يۈرمەيلا قالىدۇ، تەمتىرەش تۈپەيلى، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتزايا بولۇدۇ، قولۇمدىكى نەرسىنى ئىزدەپ، ھەر يەرنى تىتىۋېتىمەن. شۇڭا ھەرگىزسائەتكە قارىمايمەن. دەرھال ئىش كىيىملىرىمنى كېيىپ، تاماق سومكىسىنى دولامغائارتىپ، ئىشىكتىن چىقتىم. كاللامدا باشقا تۈرلۈك ئوي خىيال يوق، بولۇشىمۇ مۈمكىنئەمەس ئىدى. پەقەت »تېزبولۇش كېرەك!« دېگەن بىرلا ئۇقۇم بولاتتى.
پەللەمپەيلەردىنئۇچقاندەك چۈشۈپ، خۇددى ئوغۇرلۇق قىلىپ قېچىۋاتقان ئوغرىلاردەك بىنا ئىشىكىدىنئېتىلىپ چىقىپ، ماشىنام تەرەپكە يۈگرىدىم. »ئاللاھ ئۆزەڭ قوللا، ئۆزەڭ ياردەم قىل« دەپپىچىرلايتىم. چۈنكى بەزىدە غەرپ دۇنياسىدا ئېرىشكەن بىردىن-بىر »خوۋلۇق«ۇمىز بولغان نىمكەش ماشىنا دەرھال ئوتئالماي،قۇرقۇتاتتى. قىش كۈنلىرى بولغاندىغۇ تېخىمۇ چاتاق، بەزىدە ماشىنا توڭلاپ قېلىپ،ئادەمنى ئوسال قىلىپمۇ قوياتتى. بەزىدە قار يېغىپ قالغان بولسا بىر نەچچە مىنۇتماشىنا ئۈستىنى يېپىۋالغان قارلارنى تازىلاشقا كېتەتتى.
ماشىنامدەرھال ئوتئالغان ئىدى، »ئۇھ،خۇداغا شۈكرى!« دەۋەتتىم. ماشىنىنى قوزغاپ، ئارىلىقتىن چىقىرىپ، يولغا توغرىلاپبولغاندىلا، ئادىتىم بويىچە ماشىنا رادىئوسىنىڭ يېنىدىكى ئېلىكترونلۇق سائەتكە كۆزتاشلىدىم. 5:31 ئۆتكەن ئىدى. بۇنى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايتى. ھەر دايىم ئۆيدىكىئىشنى مۈمكىن بولغىنىچە تېزراق تۈگۈتۈپ، يول ئۈچۈن ئاشۇرۇپ قېلىشقا تىرىشاتتىم.چۈنكى ئارتۇقراق ۋاقىت قولدا بولغان دېگەن بەزى تاسادىپىيلىكلەر ئۈچۈن كاپالەتبولۇپ قالاتتى. مەسىلەن: يولۇمدا — دەل زاۋۇتنىڭ كىرىشىگە يېقىن يەردە تۆمۈر يول بار، بەزىدە مانا شۇئەتتىگەن سائەتلىرىدە بۇ يەردىن پويېز ئۆتۈپ قالىدۇ. ئەگەر پويېز بىلەن توسۇلۇپقالساڭ، 15 مىنۇت ئۆلدى دەۋەرسەڭ بولۇدۇ. چۈنكى بۇ يەر ئۇزاق دالا، جاڭگاللارئەمەس، ئادەملەر ھەركەت قىلىپ تۇرۇدۇغان مۇھىت بولغاچقا پويېز ھەرگىز ئىتتتىكماڭمايدۇ؛ بەلكىم ئۇنىڭ توختايدىغان مەنزىلى يېقىن يەردە بولغاچقا شۇنداق ئاستاماڭامدىكىن، بەك ئاستا. بەختكە قارشى بۇ پويېزلار ئۇنداق-مۇنداقلىرىدىن ئەمەس، شۇنچىلىك ئۇزۇنكى، بۇنى ئويلاپتاپقان ئادەمنىڭ ئاتىسىغا لەنەت دەپ كېتىسەن. بوغۇلۇپ ئۆلەيلا دەيسەن.
نېمىشكە؟
ئىشقابەش مىنۇت كېچىكسەڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئىشلەش ھوقۇقۇڭ يوق! ھەپتە ئاخىرىئىشلىيەلمەسلىك، ھەپتە ئىچىدە تۆرت كۈن ئىشلەپ تاپقىنىڭغا تەڭ پۇلنى زىيان تارتىشدېگەنلىك بولۇدۇ! قارىمامسىلەر، غەرپ دۇنياسىدا 19-ئەسىردە ئىشچىلار ئىش تاشلاپ، ئىش سائىتىنى قىسقارتىشنىتەلەپ قىلىشقانىدى. سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى تەلەپ قىلىشتا، ئۇلارغا ئايلىق(ياكى ھەپتىلىك) مائاش بېكىتىلگەن بولغاچقا، ئوخشاش پۇلغا كۆپ ئىشلەپ بېرىۋاتىمىزدېمەكچى بولاتتى. سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئەقىللىقكاپىتالىستلار بىردىنلا كاللىسىنى ئىشلىتىپ، سائەتلىك مائاش بەلگىلەشتى. مانائەمدى، ئىشچىلار ئۆزلىرى كۆپرەك سائەت ئىش تەلەپ قىلىدىغان بولدى. ئون سائەتلىكھەتتا بەزى ئىشلاردا ئون ئىككى سائەتلىك ئىشلاردا ئىشلەش، بۇنىڭغا چىداشنىڭ سەۋەبىنېمىدە؟ ئىشچىلارنى ئۆزلىرى كۆپرەك سائەت ئىش تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانئامىل سىستېمدىكى ئۇستۇلۇق بولۇپ، بىرەر ئۆي ئالىسىز، پۇلىڭىز بولمىسىمۇ قەرزگەبېرىۋېرىدۇ. بۇ ئوتتۇز يىلدىن قىرىق بەش يىلغىچە ھەر ئايدا تۆلەيدىغان قەرز سىزنىخۇددى قۇيرۇقىنىڭ ئاستىغا يانتاق قىستۇرۇلغان ئېشەككىلا ئايلاندۇرۇپ قويۇدۇ. ئاشۇقەرزدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توختىماي ئىشلەش كېرەك! ئىش سائىتىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ئارىدابىكار ۋاقىتنىڭ بەك ئازلىقى، كىشىلەرگە ئويلۇنۇۋېلىش پۇرسىتى بەرمىگەچكە، ئۇلاركۆپ يېقىدىن ماشىنىلارغىلا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۆي سېتىۋالغان تونۇشلۇرۇمدىن بىرى ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ، »ئۆيۈمنىڭ قەرزىنى 95 ياشقا كىرگەن يىلىم تۆلەپ بولۇمەن« دېگەن ئىدى.ئەگەر ئۆيگە ھەۋەس قىلمىغان تەقدىردىمۇ رەڭگا-رەڭ ماشىنىلار زوقنى تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىمۇ قەرزگەبەرگەچكە ئوخشاشلا ئىش ھارۋىسىغا »قوشۇلۇدۇغان« گەپ. بىزدەكسولتەكلارغۇ ھەر ئىككىسىگە ھەۋەس قىلىپ كەتمەيمىز؛ ئەمما يۇرتتا نامراتتۇققانلىرىمىز، ئائىلە ئەزالىرىمىز بولۇدۇ؛ »ياردەمگە كەلگەن« خىتايلارنىڭسايىسىدە ئۇ بىچارىلارنىڭ تۇرمۇش قامدىغۇدەك ئىشى بولمايدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ.مانا شۇلارغا پۇل ئەۋەتىش مەجبۇرىيىتى بىزنىمۇ ئوخشاشلا ھارۋىغا قوشۇدۇ. توختۇمايماڭىدىغان گەپ. ئىش تاپالماي يۈرگەن بىچارىلارغا قاراپ شۈكرى قىلايلى، ئىشلىسەكلابىرمۇنچە جاننى باقالايدىغان تۇرساق، تەييار پۇرسەتنى قويۇمىزمۇ؟ دەپ ئۆز - ئۆزىمىزگەقامچا سېلىپ، توختۇيالمايلا قالىمىز.
دۆلەتنىڭبەلگىلىمىسى ھەپتىلىك 40 سائەت. بىزدەك ئون سائەتتىن ئىشلەيدىغانلار بۇ نورمىنىپەيشەنبە كۈنى تۈگىتىمىز. ئاندىن جۈمە كۈنى ئارتۇق ئىشلىگەن بولۇمىز. بۇنىڭ ئۈچۈنيېرىم باھا ئارتۇق بېرىدۇ؛ شەنبە-يەكشەنبەدەم ئېلىش كۈنىمىز بولغاچقا، بۇ كۈنلىرى ئىشلىسەك ئىككى باھا بېرىلىدۇ. ئەگەرمەلۇم تەدبىر قوللۇنۇلمىسا، كىم ئىككى باھا ھەق بېرىدىغان كۈندە ئىشلەپ،دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە بىرەر ئىككى كۈن دەم ئېلىشنى ئويلىمايدۇ، دەيسىز؟ ماناشۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ھەپتە ئىچى — نورمال كۈنلەردە ئىش تاشلىغانلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئىشلەش ھەققىبولمايدۇ. ئىشقا كېچىكسىڭىزمۇ شۇ.
تاڭسۈزۈلۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇزاق بىريەردىن پويېزنىڭ گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلانغاندەكبولىۋىدى، يۈرىكىم قارتلا قىلىپ قالدى. ئارقىدىن تاراق-تارۇقلارمۇ ئاڭلانغاندەك قىلدى. ئىختىيارسىز گازغاباستىم. سۈرئىتىم تېز بولۇپ كېتىپ، بىرەر ساقچىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالسام ياكىيوللاردىكى كامېراغا چۈشۈپ قالسام ئوخشاشلا خاپىلىق: ماشىنامنىڭ ئالدى ۋەئارقىسىدىن تارتىلغان ئىككى پارچە سۈرەت ۋە بىر ۋاراق قەغەز ئادرېسىمغا كېلىدۇ. ئۇنىڭداقايسى چىسلادا، قايسى سائەتتە، قايسى كوچىدا قانچە سۈرئەتتە يۈرگەنلىكىم ۋە بۇيولنىڭ ئەسلى سۈرئەت نورمىسى، مېنىڭ ئاشۇرۇۋەتكەن كېلومېتىرىم قاتارلىقلاريېزىلىپ، غىڭ قىلىشقا ھىچ يوچۇق قالدۇرمىغاندىن كېيىن، 110 دوللار ياكى شۇنىڭئەتراپىدا بىر سان جەرىمانە جازاسى بېرىلگەنلىكى ۋە بۇ پۇلنى 14 ئىش كۈنى ئىچىدەتۆلىمىسەم قانچىلىك ئارتىپ ماڭىدىغانلىقى ياخشى چۈشەندۈرۈلگەن بولۇدۇ. قەغەزنىڭئارقا تەرىپىدە بولسا پۇل تۆلىنىدىغان ئادرېسلار، پۇل تۆلەش ئۇسۇللىرى شۇنداقياخشى تونۇشتۇرۇلغان بولۇدۇكى، بۇ قولايلىققا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايسىز:تېلىپۇن ئارقىلىق تۆلىمەكچى بولسىڭىز:....؛ چەك ئەۋەتمەكچى بولسىڭىز:....؛ بانكاپرىۋۇتى ئۈچۈن:....؛ ھەتتا تور ئارقىلىق تۆلەشمۇ بار. ماڭا بۇنىسى ھەممىدىن بەكياقىدۇ.
ماناشۇلارنى ئويلىغاندا سۈرئەتنى تېزلەتكەنمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۆتكەندەمانا شۇنداق ئالدىراش نەتىجىسىدە بىر ماشىنىغا سوقۇۋەتتىم. بۇ يەردە سالاغا ئورۇنيوق! بوپتۇلا دېگەننى خەق ئۇنتۇپ كەتكەن. پەقەتلا پۇل! تۆرتمىڭ دوللار بىلەنقۇتۇلغان ئىدىم. بىر ئاي بىكارغا ئىشلىدىم دېسەممۇ بولۇدۇ!
ئۆزەمنىبېسىۋالدىم. تۆمۈر يول كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇياقتىن پويېزنىڭ ئالدىراشسويلاپ كېلىۋاتقىنىمۇ كۆرۈندى. يەنە ئىختىيارسىز گازغا پۇتۇم كەتتىيۇ، بېرىپلادەلمۇ-دەلپويېزنىڭ بېشىغىلا ئۈسۈۋالىدىغاندەك بىر تەسەۋۋۇر بىلەن تېنىم شۈركۈنۈپ كەتتى.يەنە دەرھال بېسىقىمغا چۈشتۈم. مەن دەل پويېز ئۆتۈۋاتقان چاغدىكى ماشىنا توختاشسىزىقىغا دەسسىگەن چاغدا، پويېز يول كېسىشمىسىدىن بەش مېتىرچە ئۆتكەن ئىدى. ئونسېكونتلۇق بىر كېچىكىش! نەقەدەر ئېچىنىشلىق! ئەسلى بەلگىلىمەم بويىچە ئۆيدىنماشىنىغا چىقىپ بولۇدۇغان ۋاقتىم 5:30 بولۇشى كېرەك ئىدى-دە، بۈگۈنكى ئاشۇ بىر مىنۇتلۇق كېچىكىشنىڭ خاپىلىقىقانداق ئۇلانما خاپىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىنى كۆرۈڭ!
ئەمدى،ئون بەش مىنۇت بايىلا تۈگىدى دېگەن گەپ. بۇ سىرتلاننىڭ ئۇزۇنلىقىغا قاراڭلار!ئاخىرى كۆرۈنەي دېمەيدۇ! ۋاگونلارنى ساناپمۇ باقىسەن، يۈزگىچە ساناپ زېرىكىسەن.بەزىلەر زېرىكمەي ساناپتىمىش، 140 ۋاگون سۆرەيدۇ، دېيىشىدۇ. بەزىلەر 170 ۋاگونسانىدىم دەپ قەسەم ئىچىشىدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا بىرەر ئىشنى پۈتتۈرىۋالغىلى بولسادەپ كېتىسەن. ئۆيدە بولسامغۇ بۇنداق ئونبەش مىنۇت ۋاقىت دېگەن تازىمۇ كېرەكتى.ئەمما بۇ يەردە ئۆز گۆشۈڭنى يەپ كۈتمەكتىن باشقا چارەڭ يوق.
توغرا،دېيىلىشى مۈمكىن، »ئۇنداقبولغاندىكىن، سائەتنى بىرئاز بالدۇرراق چالىدىغان قىلىپ توغرۇلاپ قويسا بولۇدۇغۇ«. قارىماققاتوغرا. ئەمما ھەركۈنى ئاخشام سائەت توغرىلىغاندا 4:55 كە توغرۇلايمۇ؟ ياكى 5:00بولسۇنمۇ دەپ خېلى ئارىسالدى بولۇمەن. چۈنكى ئۇخلىمىسام بولمايدۇ. بەش مىنۇت، ئۈچمىنۇت دېگەندە قانچىلىك ئۇخلاپ كەتكىلى بولار دېيىلگەن بىلەن، بۇنى ياشاپ باققانبىلىدۇ. ئاشۇ ئەتتىگەن باشلانغان ماشىنالاردەك ھەركەت ئاخشىمى توختاپ، »ئۇھ« دەپ كارۋاتقا ئۆزەڭنى تاشلىغىچە قانچە سائەت ئۆتۈدۈغانلىقىنىئويلىساڭلا، بۇنىڭدا ۋاقىتنى ئاشۇنداق سىقىپ، ئۇخلاش ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىشقاتىرىشىشنىڭ ناھايىتى تەبىئىي بىر ئىنتىلىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايتۇرالمايسىز.
پويېزئۆتۈپ بولدى. نېمىلا دېگەن بىلەن بولغۇلۇق بولۇپ بولدى. ئەمدى پەسىللىك ياكىئايلىق مۇكاپات كارتلىرىممۇ ئۆلدى دېگەن گەپ! ۋاي ئاللاھ، ما قىسمەتنى!
ئىشۋاقتىمىز ئون سائەت دېيىلسىمۇ، ئىش ۋاقتىدىن 15 مىنۇت بۇرۇن كەلگەنلىك سىگنالىمىز كوميۇتېرغاكىرىپ بولۇشى كېرەك. يولدا كېتىدۇ يېرىم سائەتچە ۋاقىت، ئىشتىن چۈشۈدۈغانۋاقتىمىزمۇ 20 مىنۇت ئۆتكەندە بولۇدۇ، چۈنكى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى چىقىرىۋېتىلەمدۇقانداق، ئەيتاۋۇر، 6:00 باشلىغان ئىش 4:00 تە تۈگىشى كېرەك بولسىمۇ، 4:20 ئۆتكەندەسىگنال چېلىنىدۇ. يولدا يەنە يېرىم سائەتچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر كەچقۇرۇن يەنەپويېزغا ئۇچراپ قالىدىغان بولساڭ يېرىم سائەت كېتىدۇ. چۈنكى كەچقۇرۇن ئىشتىنچۈشكەنلەرنىڭ ماشىنىلىرى يوللارغا تولۇپ كەتكەچكە، كالا ھارۋىسىدىنمۇ ئاستامېڭىشقا مەجبۇر بولۇسەن. مانا شۇنداق قىلىپ، سائەت بەشلەردە ئۆيدە بولالىساڭ، ئونئىككى سائەت ۋاقىت سىرتتا كەتتى دېگەن گەپ!
ئىشقۇئېغىر ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى خاسىيىتىدە ھېچكىم كۈچىيەتمەيدىغان ئىشلارغا زورلانمايدۇ؛ ئېغىر كۆتۈرۈش، كۈچەپ ئىتتىرىش تەلەپ قىلىدىغانئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ماشىنا بىلەن قىلىمىز. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا بۇئىستراھەت ئەمەس، »ئىش« بولغىنىئۈچۈن ھېرىپ جۇلۇقۇم چىقىپ كېتىدۇ. بەلكىم ئاشۇ ئۇزاق سائەتنىڭ ئەڭ ئاز توققۇزسائىتىدە پۇتۇمنىڭ ئۈستىدە ئۆرىلا تۇرىدىغىنىم ئۈچۈندۇر، ئاخشىمى ئىشتىن چۈشۈپماشىنا ئورۇندۇقىغا ئۆزۈمنى تاشلىغان ۋاقتىمدا چۆلدىن ھېرىپ كەلگەن يولۇچىدەكلاماجالىمدىن كەتكەن بولۇمەن.
ئىشىمىزنىئېغىر ئەمەس، دېدىم. ئېغىر بولماسلىق بىلەن بىللە نۇرغۇن ئارا ۋاقىتلارمۇ بار. ھىچئىش قىلماي بىرسى بىلەن گەپلىشىپ تۇرۇشلار، سايمان كۈتۈشلەر، ماتىرىيالكۈتۈشلەر،... مۇشۇ تۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدىمۇ يەنىلا پۇتنىڭ ئۈستىدىلا تۇرۇدۇغانگەپ. ئولتۇرۇۋالساڭ دەرھال كۆزگە چېلىقىسەن؛ ئىشلىمەيۋاتقان ھورۇندەك بىلىنىپقالىسەن؛ ئەمما ئۆرە تۇرساڭ ئىشقا ھىساپ. تازىمۇ بىمەنىلىك. ئىش بولمىسىمۇ ئۆرەتۇرۇپ ھېرىشىمىزنىڭ كىمگە كېرىكىكىن، تازىمۇ تېتىقسىزلىق-تە، بۇ!
ھە،مانا شۇ تۇرۇشلاردا ئەگەر بىرەرسى ئېغىز تاتىلاپ گەپكە تۇتۇپ، ھالاقىت بەرمىسىلا،خالىغانچە خىيال سۈرسەڭ بولۇدۇ. بۇ خىيالىڭنىڭ قانچىلىك بىمەنە، شەھۋانى، گۇناھلىقياكى قانچىلىك جىنايى مەزمۇن ئېلىشى بىلەن ھىچكىمنىڭ ئىشى يوق. ھەتتا مەن بۇنداقخىياللىرىمنىڭ كۆپۈنچىسىدە بەھەيۋەت يوغان گىگانت ئادەمگە ئايلىنىشنى، ماڭا ئۇچارتەخسە تېزلىكىدە ئۇچۇدۇغان قابىلىيەتنىڭ ئاتا قىلىنغان بولۇشىنى خىيال قىلىمەن.ئاشۇنداق بولۇپ قالسام دەيمەن، ھەركۈنى ۋەتەنگە ئۇچۇپ بارسام، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىئارمىيىسىنىڭ گازارمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، تىرە-پىرەڭ قىلىۋەتسەم؛ ھەتتا خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىنى يەربىلەن يەكسان قىلىپ تۈزلىۋەتسەم، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل تەرەققىياتىنى، ھازىرقى زامانغاخاس نېمەرسىكى نەرسىسى بولسا ھەممىنى كۇكۇم- تالقانقىلىپ، ئۇلارنى ئىككى مىڭ يىل ئالدىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ۋەتىنىمىزدىنچېكىنىشكە مەجبۇر قىلسام،.... دېگەنلەرنى ئويلاپ كېتىمەن. يەنە تېخى بەزىدە بەكرەكغەزىپىم تۇتۇپ قالغان بولسا ئۇلارنى يەر شارىدىن تامامەن تازىلاپمۇۋېتىمەن.يەرشارى ئۈچۈن خىتاينىڭ نېمە كېرىكى! ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاھانەتقۇ ئۇلار! ھازىرغىچەئادەم گۆشى يەپ يۈرسە!
بۇرېئال بىر ئارزۇنىڭ تېشىغا تېپىشى دېيىشكىمۇ بولۇدۇغان فانتازىيەلەرگە پېتىپكەتكەن چاغلىرىمدا بىرەرسى دىققىتىمنى چالغىتىپ قالسا، ئاشۇ خىتايغا قارشى ئۇرۇشسېپىدىن قايتىپ كېلىشكە خۇشياقماي، چاقىرغان ئادەمگە ئالىيىپمۇ قويۇمەن. خىياللىرىمنىڭ90 پىرسەنتلىك قىسمىنى ئىشغال قىلغان بۇ شېرىن فانتازىيەلىرىم بىلەن بىرگە بەزىدەرېئال تۇرمۇشۇم ھەققىدىمۇ ئويلاپ كېتىمەن. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى كۈندۈلۈك ئىش –ھەركەت جەدۋىلىمنى تەكرار ئويلىماي بولمايدۇ. چۈنكىمىنۇت ھايال بولماستىن بۇ ئىشلارغا كىرىشەلمەي، ئارىسالدى بولۇپ ياكى نېمەقىلارىمنى بىلەلمەي مەڭدەپ قېلىش بىلەن بىرنەچچە مىنۇتنى ئىسراپ قىلسام، بۇ بىرنەچچە مىنۇت سۈرۈلۈپ بېرىپ، بىر چوڭ ئىشنى بەربات قىلىشقىچە بېرىپ يېتىدۇ.
مەسىلەن،بۈگۈن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىم ھەققىدە مانا مۇشۇ ئىشقا تەۋە ۋاقىتتىن پايدىلىنىپئوبدان ئويلۇنۇپ رەتكە تىزىۋېلىشىم كېرەك. بېرىپلا كىرلەرنى ماشىنىغا تاشلايمەن.كىرنىڭ يۇيۇلۇپ بولۇشىغا يېرىم سائەتچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ۋاقىت ئىچىدە دەرھال ئىشچاڭلىرىدىن ئېرىغدىلىش ئۈچۈن يۇيۇنۇۋالىمەن. ئەگەر بۇ كىرنىڭ يۇيۇلۇش ۋاقتىدىن بۇرۇنراقتاماملانسا تاماققا تۇتۇش قىلىپ، ھىچ بولمىغاندا تەييارلىقنى پۈتتۈرىۋېلىشىمكېرەك. قازىنىم قاينىغىچە بىكار كۈتۈپ تۇرۇدۇغان شۇ ۋاقىتتا بەزى زۆرۈرتېلىپۇنلارنى قىلىمەن. يەنى بۈگۈن نېمە تېلىپۇنلارنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىنى ئاللاھبىلىدۇ، ئەگەر جاۋاپ تەلەپ قىلىپ سۆز قالدۇرغانلار بولۇپ قالسا، تېلىپۇن ئۈچۈنمۇخېلى ۋاقىت كېتىدۇ. بەزىدە تۈگىمەس سودا ئېلانچىلىرىنىڭ تېلىپۇنلىرىمۇ ۋاقىتئالىدۇ. سۆز قالدۇرغان بولسا كىملىكىنى بىلمىگەندىن كېيىن بەرىبىر ئېچىپ، ئاڭلاپبېقىشقا مەجبۇر بولۇدۇغان گەپ.
— ئوووو! راست،بۈگۈن ئاينىڭ ئاخىرى، ئۆي ئىجارىسىنى ئۇنۇتماسلىقىم كېرەك! بىر كۈن كېچىكسەمجەرىمانىسىنى قوشۇپ تۆلىشىمگە توغرا كېلىدۇ! مانا شۇنداق ھەممىسى پۇللا دەيدۇ!غەرپ دۇنياسىدا ئىش ھەققى يوقۇرى، پۇلنى كۆپ تېپىۋاتقاندەك قىلىمىز-دە، قارىساڭ بەرگەن پۇلنى يانچۇغۇڭغا دوملاپ قويۇپلائېلىۋالىدىغان يوللارمۇ بەك كۆپ. ئاخىرىدا قارايسەنكى، يانچۇقۇڭدا بىرنېمەقالمىغان.
توغرا،ئۆي ئىجارىسى تۆلەيدىغان ئىشقا ئون مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ئۇنى بىرەر ئىشبىلەن پاراللېل قىلىشىم كېرەك. قوش لېنىيەلىك پايدىلىنىش ئۇسۇلۇم بىلەن. بولمىساۋاقىت توشامدۇ. ئۇيقۇم يېرىم كېچىگە قالىدۇ. ھە توغرا، تامىقىم سوۋۇغىچە بولغانئارىلىقتا يۈگرەپ چىقىپلا چەكنى بېرىپ كىرەرمەن.
بۈگۈنقىلىشقا تېگىشلىك يەنە نېمە ئىشلار بارىكىنە؟ تازا بىر ئويلۇنۇۋالاي! ھە، بۇشەھەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئاغرىق ئىكەنمىش، شۇنى بىر تۈرلۈكيوقلىيالماي كەتتىم. قانداق قىلسام بولۇدىكىن. بۈگۈن شۇنىڭغا ئېشىنالارمەنمۇ؟ بىرشەھەر دېگەن بىلەن ئارىلىقىمىز ئەڭ ئاز ئون كىلومېتېر، نىمكەش ماشىنىنى داراڭلىتىپبېرىپ كېلىش كېرەك. ئۇغۇ مەيلى، بارغاندىكىن بىر ئاز ئولتۇرمىسا تېخى، ئولتۇردۇڭمۇبولدى، ۋاقىت دېگەن بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىغان گەپ. ئاندىن ئۇخلاش ۋاقتىكېچىكىدۇ، ئەتتىگەندە كۆزۈڭنى يىرىپمۇ ئاچالماي قالىسەن. ھە، مەيلى، تېلىپۇندائەھۋال سوراپ قۇتۇلارمەن بولمىسا. ئىشتىن ئېشىنالمىغىنىمنى دېسەم توغرا چۈشۈنۈدۇ.چۈنكى بۇ يەردە دادا بالا ئارىسىدىمۇ ئەھۋال شۇ تۇرسا، نېمە ئىلاج؟!
ھە،يەنە بىر موھىم تېلىپۇن بار: بىرىنىڭ دادىسى كەلگەن ئىدى ئەمەسمۇ، ئۇنى بىرەرقېتىم ئۆيگە چاقىرىپ، ياكى باغچىدا كاۋاپ قىلىپ مىھمان قىلىپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى.بۇنىڭغىغۇ ئەڭ ئاز ئالتە سائەت ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا تېخىمۇ تەس. دەم ئېلىشكۈنىدىمۇ؟ دەم ئېلىش كۈنىدە ھەپتىلىك سودىلىقلىرىمىز بولۇدۇ، ھەپتىلىك تاماقھازىرلىۋالمىسام بولمايدۇ. يۇرتقا تېلىپۇن قىلىشىم كېرەك....
ئۆتكەنيىلى غېنىزاتنىڭ دادىسى كەلگەندە ئۆيگە چاقىرغانىدىم (قانداق قىلىپ بۇنچىلىك ۋاقىتچىقارغىنىمغا ئىشىنەلمەيمەن)، ئۇ ئادەمنىڭ تەسىراتلىرى مېنى ئاجايىپلا ئويلاندۇرۇپقويغان ئىدى.
ئۇئۆيۈمنىڭ بالكۇنىغا چىقىپ، ئەتراپقا قاراپ:
— ئوھھۇيي....! — دەپ ئۇشقۇيتۇۋەتتى. نېمە بولغاندۇر دەپ يۈگرەپ چىقتىم.
— نېمە بولدى؟ — ئەنسىزسورۇدۇم. دادىسىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن غېنىزاتمۇ ھېچنەرسىنى چۈشۈنەلمەي دادىسىغاقارىۋىدى، ئۇ ئادەم:
— ئۆيىڭىزنىڭئەتراپى نېمە دېگەن گۈزەل! — دېدى، جاۋابەن.
شۇندىلا»ئۇھ« دەپ دېمىمنىئېلىپ، غېنىزاتقا قارىۋىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۈنسىز تىكىلدى. ئۇنىڭ نېمە تەسىراتقاكەلگەنلىكىنى، نېمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلمەيمەن، ئەمما مەن شۇ چاغدىلا ئۆيۈمنىڭئەتراپىغا قاراپ، »پاھ،ھەجەپمۇ گۈزەلكەن، راست!« دەپ ئويلاش بىلەن، يۈرۈكۈمنى نېمىدۇر بىر نەرسە تاتىلاپ ئۆتكەندەكبولدى. ھەقىقەتەنمۇ دېرىزەمنىڭ ئارقىسىدا تىيىنلار ئويناپ يۈرىدىغان ئىگىز ۋەقامەتلىك دەرەخلەر، ئۇياقراقىدا تۈپ-تۈزكەتكەن ياپ –يېشىلچىملىق، چىملىقتا پۇتبول مەيدانى، بىر تەرەپتە بالىلار ئوينايدىغان تورنىكلار،سىرىلما تاختىلار، پىقىرىغۇچلار،... ئۇنىڭ قارشىسىدا ياۋا غازلار خاتىرىجەم ئۈزۈپيۈرگەن كۆپ- كۆك كۆل بارىدى. راستىنى دېسەم مەن بۇلارنى ئەمدىلا كۆرۈۋاتاتتىمياكى ئەمدىلا دىققەت قىلىۋاتاتتىم! ماشىنىدەك غۇيۇلدىغان ھەركەتلەر بىلەن كۈنۈمئۆتۈپ، شۇ دېرىزەمنىڭ ئارقىسىدىكى مەنزىرىدىن ھوزۇرلۇنۇش ئەمەس، ئۇ قەدەر گۈزەلئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشقىمۇ ھەپسىلەم بولمىغىنىغا ئىچىم ئېچىشىپلا كەتكەن ئىدى.
شۇئاندادادىسى كەلگەن ۋەتەندىشىمىز دادىسى يېڭى كەلگەن كۈنلىرى يۈز كۆرۈشۈش چېيىقىپتىكەن، شەھەرنىڭ ئەڭ كۆركەم باغچىسىدا كاۋاپ سەيلىسى ئارىلاش. مانا شۇ چايغا تەكلىپبىلەن بېرىشقا توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇمۇ تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ مېنى غەلىتەخىياللارغا پاتۇرۇپلاۋەتتى.
— نەقەدەرگۈزەل، نەقەدەر خاتىرىجەم دۇنيا، نەقەدەر ئەركىن.... نېمە دېگۈڭلار كەلسەدېيەلەيدىغان، خالىغاننى قىلالايدىغان،....
شۇچاغدا مەن ئەركىنلىكىمىز ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالغان ئىدىم. خالىغىنىمنى قاچاندادەيدىغاندىمەن؟ خالىغىنىمنى قاچان قىلىدىغاندىمەن؟ دېگەنلەرنى ئويلىسام خۇددىبېخىلنىڭ پۇلى خەجلەنمەي چاشقان تىتىۋەتكەندەكلا بىر ئىش بولۇۋاتقاندەك ھىس قىلىپقالدىم. بۇنىڭ بىلەن ئىچىمگە جىن كىرىپ، بۇ ئادەمنى گەپكە سالدىم. يەنە قانداقتەسىراتلىرى بارلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇم. دوستىمىز دادىسىنى ئوينۇتۇشئىھتىياجى ئۈچۈن دەم ئېلىش ئېلىپ، ئۇنى ئوينۇتۇپ يۈرگەن كۈنلەر ئىدى (تەبىئىيكىبىر ھەپتىدىن كېيىن ئىشقا چۈشتى). ئوخشىمىغان بىر دۇنيادىن كەلگەن ئادەم ئۈچۈن بۇيەر ھەقىقەتەنمۇ ھەممە نېمىسى قىزىقارلىق، چۈشتىكىدەكلا بىر يەر ئىدى. بىزسېزەلمىگەن نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرنى ئۇ كۆرەلەيتى.
ئۇنىيېقىن ئەتراپتىكى بىر ساياھەت رايونىغا ئاپارغان ئىكەن. دوستىمىزمۇ دادىسىنىڭباھانىسىدا ئەمدىلا بېرىپ ئويناپ كېلىشكە مۇۋەپپەق بولۇپ ئولتۇراتتى. يىللاردىنبېرى مانا بارىمەن، ئەنە بارىمەن دەپ بىر تۈرلۈك نېسىپ بولماي، كونىلارنىڭدېگىنىدەك »بوسۇغاداۋان«دىنچىقالمايلا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ گۈزەل مەنزىرىلىك جايلاردىن ئالغانبالىلارچە ئوماق تەسىراتىمۇ مېنىڭ كۆزۈمگە يىغا كەلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. مەنمۇ ئاشۇيېقىنىمىزدىكى ساياھەت رايونىغا بېرىپ ئويناپ كېلىشنى ئارزۇ قىلىپلا تۇراتتىم،ئەمما بىر تۈرلۈك بارالماي يۈرەتتىم. ھازىرقى مۇشۇ ئەھۋالىمدا قانداق بارالارمەن؟ئىشلەۋاتسام، تېپىۋاتقان پۇلنى قويۇپلا، پۇل خەجلەيدىغان يەرگە بېرىشقا كىمئۇنايدۇ؟ ساراڭمۇ خەق؟ ئىشتىن توختىسام بارارمەن، دېگەن نىيەت بىلەن ئۆز-ئۆزىمىزنى بەزلىسەكمۇ، ئەمەلىيەتتە نەچچە قېتىم ئىشسىزقالغان چاغلىرىمىز بولدى. ئەگەر بۇ قىش كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن بولسا، »قىشتا ساياھەتنىڭ پەيزى بولامدۇ« دەپئۆزىمىزنى گوللىدۇق، ئەگەر يازغا توغرا كەلگەن بولسا دەرھال بىر ئەمەلىي ھىساپكىتاپ قىلىپ، قورقۇپ كەتتۇق. چۈنكى بۇ يەردە ئالتە ئاي ئىشلەپ، بىرئايلا ئىشسىزقالسا سىدام بولۇپ قالىدىغان گەپ. ئۇنداقكەن، ئىشسىز قالغان ئادەم ساياھەتكەبېرىشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟ ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىن بەلگىلىگەن بىر چېكى بولمىسا،قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ، ئاڭغىچە بۇ ئېغىر ئۆي ئىجارىسىغا نېمە توشايدۇ؟ ئاڭغىچەنېمە يەپ نېمە ئىچىدۇ؟ بۇلارنى ئويلىغاندا ئادەمنىڭ كەيپى ئۇچماي قالامدۇ؟ شۇنىڭبىلەن بۇ كەيپسىزلىكتە ساياھەتكە رەغدى بولامدۇ؟
ماناشۇنداق قىلىپ، بۈگۈن دەپ، ئەتە دەپ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋېرىدىغان گەپ.
رېئالنەرسىلەرنى ئويلىساڭغۇ ئىشلىرىڭنىڭ كۈنتەرتىبىنى ئوبدان پۇختىلىۋالىسەن، ئەمما شۇئادەم كەيپسىزلىنىپ كېتىدۇ-دە.يەنىلا خامخىيالدىن ياخشىسى يوق. بىر كۈن ئىچىدە ۋەتەننى نەچچە قېتىم ئازات قىلىپبولۇسەن. ھەر قېتىمدىلا بىر-بىرىدىنقىزىق ئۇسۇللار بىلەن. شۇ خىتايلارنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى بۇرنىدىن بۇلاق قىلىشنەقەدەر پەيزى، ئەمما خىيالدىن باش كۆتۈرسەڭلا يېنىڭدىلا بىر خىتاي ھىجىيىپ ئۆتۈپكېتىۋاتقان بولۇدۇ. ھېچنېمە دېيەلمەيسەن، بۇنىسى تازىمۇ جانغا تېگىدۇ. يەنە ياخشىتەرىپى ۋاقىت خېلى تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئون سائەت ئىش ۋاقتى، كۈنلۈك ئۆمۈرنىڭ يېرىمىدېمەك! بۇ قەدەر ئۇزۇن ۋاقىتتا ئەگەر ئاشۇنداق گۈزەل تەسەۋۋۇرلاردىن تۇغۇلغانخامخىياللار بولمىسىدى، نەقەدەر زېرىكىشلىك، نەقەدەر ئۇزۇن بولاتتى!
ماناشۇنداق قىلىپ، ئىش سائىتىنى تۈگىتىپ، ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ھازىر بولدۇق. كارتنىسۇۋاپ، چىققانلىقىمىزنى كومپيۇتېرغا بىلدۈرۈشتىن ساق ئەللىك مىنۇت بۇرۇن ئىشتىنتوختايمىز، ئاندىن لەلەڭلەپ يۈرۈپ ئىمزا قويۇش ئۈچۈن توپلۇنۇدۇغان يەرگە كېلىپ،ئىش بېشىنى كۈتۈمىز. نۆۋەت تالاشقان ھالدا ئىمزانى قويۇپ تاماق زالىغا يۈگرەيمىز.ھاپىلا شاپىلا ئىش كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، كاسكىلىرىمىزنى ئېسىپ، تاماقسومكىمىزنى ئېلىپ چىققۇچە، كارت سۇۋايدىغان يەردە ئۇزۇن بىر ئۆچرەت ھاسىل بولۇپبولۇدۇ. بەش ئون مىنۇت مانا بۇ يەردە ئۆچرەتتە تۇرۇپ، سىگنالنىڭ چېلىنىشىنىكۈتۈشۈمىز كېرەك. بۇ يەردە تۇرغىنىمىز ئىشلىگەنلىكىمىز، ئەمما كارتنى بالدۇر سۇۋاپچىقىپ كەتسەك، كومپيۇتېر بىزنى بالدۇر كەتتى دەپ خاتىرلەپ قويۇدۇ.
سىگنالنىڭچىقىشى بىلەن كارت سۇۋاش باشلىنىدۇ، بىر كۈنلۈك ئىش ۋاقتىدىن قۇتۇلۇپ، گويائازاتلىققا چىقىدىغاندەك تەشنالىق يۈزلىرىدىن پارلاپ تۇرغان ھارغىن چىرايلارنىڭمەمنۇنىيىتى مانا شۇنداق باشلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ھەپتە ئاخىرى بولۇپ، ئىككى كۈن دەمئالىدىغان ئىش بولسىغۇ، بىر بىرلىرىگە خوشال ھەپتە ئاخىرى تىلەشلەر بىلەنخوشلىشىلار تونۇشلار ئارىسىدا تەكرارلىنىدۇ. ئاندىن ماشىنا توختۇتۇلغان مەيدانغاقاراپ يۈگرەيدىغان گەپ. بۇ يەردىن قانچە بالدۇر چىقىۋالساڭ، ئۆيگە شۇنچە چاپسانبارىسىەن. بۇ يەردە بىر مىنۇت كېچىككىنىڭ، يېرىم سائەتنىڭ بېشىغا چىقىشى مۈمكىن.چۈنكى ئىشتىن چۈشۈپ ھەرخىل تۆشۈكلەردىن چىقىشقان كىشىلەر، خىلمۇ - خىلماشىنىلىرى بىلەن كوچىغا بىراقلا تۆكۈلگەچكە، بۇ قىستاڭچىلىقتا ماشىنا ھەيدىگەندىنپىيادە ماڭغان كۆپ تېز بولۇدۇغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. ھەركىم ئالدىرايدۇ،ئالدىرىمايدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق. ھارغىن چىرايلارنىڭ خۇشاللىقى بۇ يەردەتاقەتسىزلىكتىن نېرۋىسى چېچىلىشقا ئايلىنىدۇ.
ئاللاھساقلىسۇن، بەزىدە مۇشۇنداق چاغدا بىر پويېز ئۆتۈپ قېلىشتىن! بۇنىسى تېخىمۇ ئاستاماڭغاچقا يېرىلىپ كېتەيلا دەيسەن. ھەتتا بەزىدە توختاپمۇ قالىدۇ.
شۈكرىلەربولسۇنكى، بۈگۈن پويېزغا يولوقمۇدۇق. 35 مىنۇتتا ئۆيگە يېتىپ كەلدىم. ماشىنامنىئۆزەمگە بەلگىلەنگەن ئورنۇمغا توختۇتۇپ، خۇددى پارتلاپ كېتىش ئالدىدىكى ماشىنىدىنئايرىلغاندەك تېزلىكتە ئىشىككە يۈگرىدىم. بىنانىڭ ئاساسىي كىرىش ئىشىكى ئىچىدىكىكىچىك زالدا خەت-چەكساندۇقىمىز بار، ھەركۈن ئىشتىن كېلىپ كىرىپ كېتىۋاتقاچلا خەت ساندۇقۇمنى ئېچىپ،ئۇنىڭدا نېمە بولسا ھەممىسىنى سېرىپ-سۈپۈرۈپئېلىپ ماڭىمەن. قاراشقا ئۈلگۈرمەيمەن. چۈنكى بۇ خەتلەرگە قاراشقا ئايرىلغان ۋاقىتئەمەس.  پەقەت لىفىتتىن چىقىپ كېتىۋاتقاچئۇنىڭدىكى توۋار ئېلانلىرىنىلا ئايرىپ ئايرىم تۇتۇۋالىمەن – دە، ئەخلەتكەتاشلىۋېتىمەن. لىفىتنىڭ ئاستىلىقى يۈرىگىمنى يېدى. ئۆيگە كىرىپلا تاماق سومكامنىئوتتۇرىغىلا ئېتىپ، قولۇمدىكى خەت-چەكلەرنىشىرەگە قويۇپ، ئاخشام ھازىرلاپ قويغان كىرلەرنى پىلاستىك سۆۋەت بىلەن كۆتۈرگەنچەكىرخانىغا چاپتىم. كىرلەرنى ماشىنىغا سېلىۋېتىپ، قارىسام پارشۇكنى ئۇنتۇپتىمەن.كىملەرنىدۇر مىڭنى تىللاپ يۈگرىگەنچە ئۆيگە يېنىپ، پارشۇكنى ئالدىم. پارشۇكنىماشىنىغا سېلىپ، ئاغزىنى يېپىۋىددىم، ماشىنا ماڭمىدى. شۇندىلا ماشىنىغا سالىدىغانپۇل ئورنىدىكى تەڭگىنى ئۇنۇتقىنىم بىلىندى. يەنە بىر قېتىم ئۆيگە يېنىشقا توغراكەلدى. ھېلىمۇ ياخشىكى بىنامىزنىڭ كىرخانىسى ھەر قەۋەتتىلا بار؛ بەزى بىنالاردايەرئاستىدا بولۇدۇ، ئەڭ ئۈست قەۋەتلەردىن يەر ئاستىغا چۈشۈش كېرەك. بۇمۇ خېلىبولۇدۇ؛ ئەمما بەزى كونا بىنالاردا بۇمۇ يوق، سىرتقا— مەھەللەكىرخانىسىغا چىقىشىڭ كېرەك. ئەگەر ئاشۇنداق بولۇپ قالسا، بۈگۈنكىدەك ئەھۋالداقانچىلىك ۋاقتىم كېتەتتىكىن؟ مانا شۇلارنى ئويلاپ، شۈكرى قىلدىم ۋە قولدىنبېرىۋەتكەن بىرنەچچە مىنۇت ئۈچۈن تەسەللى تاپتىم.
ئەمدىماشىنا يېرىم سائەت ئايلىنىپ، كىرلىرىمنى يۇيۇپ بولغىچە يۇيۇنۇپ چىقىشىم كېرەك.مانا بۇمۇ ۋاقىت ئىشلىتىشتىكى قوشقاتلىق پايدىلىنىش مېتودۇمغا دائىر كۈندىلىكمەشغۇلاتلىرىم.
ئۇچقاندەكقايتىپ كىرىپلا توڭلاتقۇدىن پىلتىلانغان خېمىرنى چىقىرىپ قويدۇم. بۇنىڭ بىلەنئوخشاش ۋاقىتتىن ئۈچ قات پايدىلانغان بولاتتىم. مەن يۇيۇنۇپ چىققۇچە خېمىرنىڭسوغۇقى كېتىپ، بىر ئاز يۇمشايتى. كىرىلىرىمنى ئېلىپ، قۇرۇتۇش ماشىنىسىغاتاشلىۋېتىپ، يەنە كىرەتتىم. ئاندىن قازانغا سۇنى قۇيۇپ، سۇ قاينىغىچە كوميۇتېرنىئېچىپ، خەتلىرىمگە ۋە بەزى بەتلەردىن يېڭىلىقلارغا كۆز تاشلىشىم كېرەك. مانا شۇچاغدا ئاشخانىدىن قازان تۇۋىقىنىڭ تاراقلىشى ئاڭلىنىپ، سۇنىڭ قاينىغانلىقىنى خەۋەربەردى. ئۇچقاندەك چىقىپ، خېمىرنى تارتىپ، ئاشنى سېلىۋەتتىم. مۇزدەك خېمىر بىلەن »ئۆستەڭ بويىغا يانغان« سۇ تەكرارقاينىغىچە يۈگرەپ چىقىپ كىرلىرىمنى ئەكىرىۋالدىم.
ئاشنىڭپىشىشىغا ئۈلگۈرتۈپ، قورۇمامنى قىزىتىشىم كېرەكىدى. توڭلاتقۇدا يەنە ھەپتىلىكقورۇما بىر قازاندا بولاتتى. ئۇنىڭدىن بىر سېلىملىق بۆلۈپ، ئۇنى مىكرو دولقۇنلۇقئىسسىتقۇچقا قويۇۋېتىپ، ئاندىن ئاشنى سۈزدۈم. ئاشنى چايقاپ، تەخسىگە سېلىپبولغىچە، ئىككى مىنۇتلۇق قىزىتىش ۋاقتى توشۇپ، ئىسسىتقۇچ سىگنال بەردى. قورۇمىنىئېلىپ، ئېشىمنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ، تاماق شىرەسىگە كېلىپ ئولتۇردۇم. شۇندىلا 14سائەتتىن بېرى مېنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن پۇتۇمنىڭ ئارامچىلىقى باشلاندى. مانا شۇندىلاپۇتۇمنىڭ تەقەدەر تېلىپ، ماجالى قالمىغانلىقىنى سەزدىم. تاماقنى يگەچ يەنەقىلىدىغان ئىشلىرىمنى بىر قۇر ئەسلەشكە تىرىشتىم.
ئۆيئىجارىسى! بۇ بەك موھىم بىر ئىشىم. ھە راست، خەت-چەكلەرگىمۇ قارىشىم كېرەك. ئۇنىڭدا بەزىدە جىددىيتۆلىۋەتمىسەم بولمايدىغان تالونلار كېلىدۇ. بۇ ئاي ئاخىرى بولغاچقا چوقۇم باربۇلار. توك پۇلى، تور پۇلى، تېلىپۇن ھەققى، كىرىدىت كارتى قەرزلىرى دېگەندەكلەردىنچوقۇم بىر ئىككىسى چىقىپ قالىدۇ. ئوي-خىيالبىلەن بولۇپ، تاماقنىڭ تاتقىنىمۇ بىلمەس بولدۇم. تاماقتىن كېيىن قازان-قومۇشلارنى جۈمەك ئاستىدىكى يۇغۇچقا سېلىپ، قاچا يۇيۇشسۇيۇقلۇقىدىن تۆكۈپ، ئاندىن بىر ئاز سۇ چۈشۈرۈپ قويدۇم-دە، ئۆزەمچە ئۇ يۇمشاپ تۇرغىچە خەت-چەكلەرگە قارىۋالماقچى بولدۇم. »ۋاقتتىن قوش پايدىلىنىش« ئۇسۇلىنىتاپقىنىمدىن كېيىن گويا بىر ئىشنى يالغۇز قىلسام ۋاقىتنىڭ كۆڭلىگە كەپقالىدىغاندەكلا بىر تۇيغۇدا بولۇدۇغان، شۇنىڭ بىلەن، ھەر ئىشقا بىر نەرسەقوشۇۋالىدىغان بولدۇم. ھەتتا سۈت پۇشۇرۇشتەك بېشىدا قاراپ تۇرمىسا ھېلىلا تېشىپ،ھەممە يەرنى رەسۋا قىلىۋىتىدىغان ئىشتىمۇ، قاينىغىچە بۇنى قىلغاچ تۇراي، دەيمەن-دە، نەتىجىدە دىققىتىم سۈتتە بولماي قېلىش تۈپەيلى،قاراپ تۇرۇپلا تاشقۇزۇۋېتىمەن. »‹يوق‹ دېسە ›چېلىپئىچىڭ«‹ دېگەندەك، ئەمدى ئوچاق بېشىنى تامامەن يۇيۇشقا توغرا كېلىدىغانيىگىرمە مىنۇتلۇق بىر تازىلىق خىزمىتى كۆپۈيەتتى!
خەت-چەكلەرگە قارىدىم. ئىككى دانە تالون بارىكەن. ئۇھھېلىمۇ ياخشى ۋاقتىدا ئېچىپتىمەن. كىرىدىت كارتى قەرزلىرىنى ۋاقتىدا تۆلىمىسەڭئۆسۈم باشلايدۇ. گۇناكار بولۇسەن. توك پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىمىسەڭ، جازاسى بار.ياخشىكى بۇلارنى تور ئارقىلىقلا تۆلەيمىز. ئەگەر بانكىغا بېرىپ قىلىشقا توغراكەلسە ياكى شۇ شىركەتنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ تۆلەشكە توغرا كەلسە قانداقمۇقىلارىدۇق. تور باياتىن بېرى ئوچۇق تۇراتتى. شۇڭا دەرھال بانكا ھىسابىمغا كىرىپ،بۇ ئىككى تالوندىكى ھىساپ نومۇرۇمغا تەلەپ قىلىنغان پۇلنى ئاغدۇرىۋەتتىم. بىرنەچچەمىنۇتتا قۇتۇلدۇم. نەقەدەر قولايلىق!
شۇندىلاكۆردۈمكى، ياتاق ئۆيۈمدىكى كارۋات بېشىدا تۇغان تلىپۇننىڭ سۆز قالدۇرۇش چىرىغىلىپىلداپ سىگنال بېرىپ تۇرۇپتۇ. سىگنال بىردە 6 دېگەن ساننى تەكرار كۆرسۈتەتتى.دېمەك ئالتە تېلىپۇن كەلگەن ۋە سۆز قالدۇرغان. بۇلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرمەيلا ئۆچۈرۈۋەتكەن چاغلىرىممۇ بولغان،ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ بەك موھىملىرى بولۇپ، چوڭ ئىشلارغا چېتىلىدىغان، پۇلغاچېتىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا بىرنەچچە مىنۇتقا چىداپ، بۇلارنى بىر-بىرلەپ ئاڭلاش كېرەك. بەزىلىرى بەك تېز گەپ قىلغاچقاھېچنېمىنى ئۇققىلى بولمايمۇ قالىدۇ. تەكرار-تەكرار ئاڭلاشقا توغرا كېلىدۇ. قالدۇرۇلغان تېلىپۇننومۇرىنى توغرا بىلىپ يېزىۋېلىش ئۈچۈنمۇ نەچچە قېتىم تەكرارلاش كېرەك.
ياخشىكى،بۈگۈنكىلىرىنىڭ كۆپى ئېلانلار ئىكەن. بېشىنى باشلىشىغىلا ئۆچۈرۈۋەتتىم. بىرسى مۇشۇشەھەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلىرىمىزدىن بىرسىنىڭ سۆزى ئىكەن. دەيدۇكى، »ئۇزۇن بولدى كۆرۈشەلمىدۇق، شۇڭا تېلىپۇندا بولسىمۇكۆرۈشۈپ قوياي دېگەنتىم«. ئەھۋال مانا شۇ. دايىملا دەيدىغىنىمىز، تېلىپۇندا بولسىمۇئەھۋاللىشاي دېگەنتىم،... دېگەندەك ياسالما گەپلەر. دېمىسىمۇ بۇ دوستۇم بىلەنكۆرۈشمىگىلى ئىككى ھەپتىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ كاشكى بىرىمىز قوقاندا،بىرىمىز سەمەرقەندە ياشىساق. بىر شەھەردە ياشايمىزۇ، ئەمما ۋاقتىمىز يوق. ۋاقىت قىسقىراپكەتكەنمۇ، نېمە بالا؟ بۇ كۈنلەردە ھىچنەرسىگە ئېشىنغىلى بولمايدىغۇ؟ بۇرۇنلاردابىر كۈن دېگەندە ئالەمنىڭ ئىشى تۈگەيتى، يەنە ئاخشاملىرى ئالاتاغىل ناخشىلارنىتوۋلاپ، خاكساردەك كوچىمۇ-كوچالاغايلاپ يۈرەتتۇق.
تېلىپۇننىڭخاسىيىتى شۇ بولدىكى، ھېلىقى دادىسى كەلگەن ئۇيغۇرىمىزنىڭ دادىسىنى ئۆيگە چاقىرىپقوياي دەپ ھىچ ئېشىنالماي كەتتىم. شۇ باھانىدە مەنمۇ »تېلىپۇندا بولسىمۇ كۆرۈشەي دېدىم... «دىن بىرنى دەپ، كۆڭۈل ياساپ قويۇپ تۇرمايمەنمۇ؟دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم. بۈگۈنكى ئىشقا كېچىكىشىمنىڭ ۋەجىدىن ھەقىچان ھەپتە ئاخىرىدائىشقا بارمايمەن. شۇ چاغدا چاقىرىۋالارمەن. ئۇنىڭدىن ئۆزۈر سوراپ بولۇپ، دوستۇمنىڭتېلىپۇن سۆزىگىمۇ جاۋاپ بېرىپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم. بىر ئاز گەپلىشىپ بولسىمۇئۇيغۇرچە سۆزلەش خۇمارىمنى باسقۇم كەلدى.
ماناشۇ چاغدا يۇرتتىكى ئىشلار خاتىرەمگە كېچىپ، چوڭقۇر ھەسرەت بىلەن ئۇلۇق-كىچىك تىندىم. ۋەتەننىڭ ئاخشاملىرى نەقەدەر گۈزەل ئىدى.كوچىنىڭ بىر دوقمۇشىدا توپلۇشۇۋېلىپ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشەتتۇق ياكى بىرەرسىمىزنىڭئۆيىگە توپلۇنۇپ ئولتۇرۇپ يېرىم كېچىدىن ئۆتكۈزۈۋېتەتتۇۇق. ۋاقىتنىڭ بەكلا بەركىتىبارىدى. كېسەللەرنى يوقلايتۇق؛ دائىملا بولۇپ تۇرۇدۇغان ئۆلۈم مەرىكلىلىرىگەقاتنىشاتتۇق، ھەتتا بەزىدە قەۋرىگىچە ئۇزۇتۇپ بارىدىغان چاغلىرىمىزمۇ بولاتتى. توي-تۆكۈنلەرگە، باشقا ھەر خىل »چاي«لارغابېرىپ تۇراتتۇق. ھەممىگە يېتىشەتتۇق. گەپلىرىمىز بىر يەردىن چىقىدىغان، بىر ئېغىزگەپتىن تۈمەن مەنا چۈشۈنۈدىغان دوستلىرىمىز بولاتتى. ئەمدىلىكتە بۇ يەردە ئۇيغۇربار دېسەكمۇ جەمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى زىچلىق تۈپەيلىدىن دائىم كۆرۈشۈپتۇرالمىغىنىمىز يەتمىگەندەك، گېپىمىزمۇ بىر يەردىن چىقمايدۇ؛ چۈنكى ئورتاق كەچمىشىمىزيوق. ھەر گەپنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئۇزۇن ھىكايىنى بىلگەنلەرلا ئۇنىڭدىكىمەنالاردىن زوق ئالالايدىغان گەپت-تە.بۇنداق سۆھبەتداشلار چوقۇم ئاشۇ ھىكايىلارنى ئورتاق باشتىن كەچۈرگەن، كەچۈرمىشئورتاقلىقىغا ئىگە كىشىلەرنى تەقەززا قىلىدۇ. »يولدا قوشۇلغان ھەمرا«غا ھەر سۆزنىڭ ئىزاھاتى ئۈچۈن ھەممە ھىكايىنى ئاڭلىتىپبولالمايسەن؛ ئاددىيدەك بىرەر سۆزنىڭ ئارقىسىدا ياتقان يومۇرلۇق ۋەقەنى دەپئولتۇرالمايسەن. مانا شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سۆھبەتلەر سۈنئىي، رەسمىيەتچىلىك تىپىدا؛ تاتيوق، لەززەت يوق؛ ھاردۇقۇڭ چىقمايدۇ. شۇڭا ئۇچراشقىڭ كېلىپ خۇمار بولۇپمۇكەتمەيسەن. سۆھبەت سۈنئىي بولغان ھالدا مۇناسىۋەتلەر چىن بولامدۇ؟ مۇناسىۋەتلەرتېخىمۇ سۈنئىي. نىمىدۇر يۈرەكنى تاتلايدۇ؛ ئاللىقانداق بىر خۇمار ھىچ يېشىلمەييىغىلىدۇ، يىغىلىدۇ،... نېرۋىنى بۇزۇدۇ. ئارىلىشاي دېسەڭ »ئۇيغۇرچۇلۇق«؛ ئارىلاشماي دېسەڭ يەنە »ئۇيغۇرچۇلۇق«. موھىمى ھەممە ئادەم غەلىتە خاراكتېرلىك بولۇپ قېلىشقان، ئارانلاتۇرۇدۇ، ھە دېمەيلا دۈشمەن بولۇپ قېلىشىدۇ. يۇرتتىمۇ ئۇرۇشۇپ تۇرۇدۇغان ئىشلاربار، ئەمما ئۇ يەردە قان چېچىشىپ كەتكەنلەرمۇ بىر سەۋەپ بىلەن يارىشىپ، تەكرار قويۇقمۇناسىۋىتىنى قىلىدىغان. ئەمما چەتئەلدە قىلچىلىك بىر ئىشلار ئۈچۈن قېيدىشىپقالغانلارنىڭ ياراشقىنىنى كۆرمەيسەن؛ شۇ پېتى ئۆمۈربويى دۈشمەن بولۇشۇپ قالىدىغانگەپكەن. نېمانچە نازۇكلۇقكىن بۇ؟ بىلىپ بولمايدۇ. بىر دوستۇم بېيجىڭدا ياشايدىغانئۇيغۇرلارمۇ شۇنداقكەن دەيدۇ. بۇ تەتۈرلۈكنىڭ سەۋەبىدىكى ئورتاقلىق شۇ: باشقا بىرمىللەتنىڭ ئىجتىمائىي توپى ئىچىدە ياشايدىغان، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي توپىدىنئايرىلىپ قالغان كىشىلەر مانا شۇنداق بولۇپ قالىدۇ، دېسەك بولۇدىكەن.
تېلىپۇننىئالغان دوستۇمغا:
— تېلىپۇنقىپتىكەنسەن، ئىشتا ئىدىم، —دېدىم.ئىش بۇ يەردە ھەرقانداق موھىم بىر سورۇندىن قالغان گۇناھىمىزغىمۇ كەففارەتبولالايدىغان بىر باھانە ئىدى. چۈنكى، بۇ يەردە ئىشسىز قالساڭ كۆز ئالدىڭ قاپقاراڭغۇ بولۇپ كېتىدۇ. ئەتەڭ ۋە ئۇنىڭ نېرىسىغا كۆزۈڭ يەتمەي، قورقۇنۇچ باسىدۇ.چۈنكى بۇ يەردە پەقەت پۇلۇڭ بولغاندىلا ھاياتلىق سېپىدىكى ئورنۇڭ بولۇدۇ. ئۇنىڭدىنباشقا ئەسقاتىدىغان ھېچنېمەڭ يوق: نە تۇققان، نە دوست، نە يۇرتداش،... يۇرتتىكىچاغلىرىمىزنى ئەسلىسەك، مەھەللىمىزدە يېنىدا ئون تىيىن پۇلى يوق قوشنىلار بولاتتى.ئۇ يېرىدىن چىققان ئاشلىقىنى كېتىغا بېسىۋالغاچقا، پۇلى بولمىسىمۇ خاتىرىجەم ھالدادوقمۇشلاردا باشقا يۇرتداشلار بىلەن خوشال-خۇررام قەرت ئويناپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئىشەنگىنى ئۆزئۆيىدە، ئۆز يۇرتىدا، ئۆز قېرىنداشلىرى ئارىسىدا بولغىنى بولسا كېرەك. دادىسىيامان كۈنگە قالسا بالىسى ئەسقاتمايدىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتساق، ئىش مەۋزۇسىداشۇنداق سەزگۈر بولماسلىقىمىز مۈمكىنمۇ؟
—جاھاندارچىلىقنىڭ زورىنى قارىمامسەن، پۇل تاپىمىز دەپ شۇ، بىر شەھەردە ياشاپتۇرۇپمۇ ئايلاپ كۆرۈشەلمىسەك، قانداق بوپ كەتكىنى بۇ؟ بۈگۈن ئىشقا كېچىكىپ، نۇرغۇنزىيانغا قالدىم، دېگىنە، بەلكىم ھەپتە ئاخىرىدىكى كۈنلەردە ئىشلىمەسمەن. شۇ چاغدابىر ۋاقىت چىقىرىپ، بىريەردە بىرەر دەم بىللە ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشەرمىز،....
يادىمنىڭبېرىدا ھېلىقى دادىسى كەلگەن ئاداشقا تېلىپۇن قىلىپ قوياي، تېلىپۇننىڭ يېنىدىنكەتسەملا ئۇنتۇپ كەتمەي يەنە.
— ئىش بىلەنبولۇپ يا بىر بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلەلمىدىم، يا بىر چاقىرىۋالالمىدىم، بۇ ھەپتەئاخىرى بىر بولسا تېلىپۇن قىلىپ قالىمەن، داداڭنى ئېلىپ كېلىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كېتەرسەن...تېلىپۇندا بولسىمۇ كۆرۈشۈپ تۇرايلى،...
ئەمدىھېلىقى ئاغرىپ قالغانغا بىر دەم ياسالمىلىق قىلاي.
....
تېلىپۇنلاردىنقۇتۇلدۇم. ئەمدى ئەتە ئىشقا ئېلىپ بارىدىغان تاماقلىرىمنى ھازىرلىشىم كېرەك. تاماقھازىرلاشتىمۇ بىرمۇنچە ماشىنىلىشىش، زامانىۋىيلىشىشلىرىم بولدى. سامساق توغراشياكى پىياز سوقۇش دېگەندەك، بەك ئۇششاق توغراشنى تەقەززا قىلىدىغان ئىشلارنىماشىنا بىلەن قىلىمەن، »گاژ«قىلىپلا ئالسام بولۇدۇ. ئەمما يەنە شۇنداق بولسىمۇۋاقىت كېتىدۇ. ئۇخلايدىغان ۋاقىتلىرىم كەتمەكتە. بۇنى ئويلىساملا تېزرەك تۈگۈتۈپ،بالدۇرراق يېتىۋالغۇم كېلىدۇ. بايا 14 سائەتلىك مېنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن ئازاتبولغان پۇتلۇرۇم ھەققىدە زىكرى قىلغان ئەمەسمىدىم، مانا ماۋۇلىرى 14 سائەتنىڭتېشىدىكىلىرى. ئاشخانىدا قازان بېشىدا ئۆرە تۇرۇشلۇرۇم ئۇ ھىساپقاكىرگۈزۈلمىگەنىكەن. تاماقلارنى قۇتۇلارغا، ئىچىدىغىنىمنى بوتۇلكىغا قاچىلاپ،توڭلاتقۇغا قويۇۋەتكەندىن كېيىن، بىردەم ئوڭ-سولۇمغا قاراپ، يەنە نېمىلەر چالا قالدىكىن، نېمىنىئۇنۇتتۇمكىن دېگەندەك مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم. بۇنىڭغىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ، ئەممامۇشۇنداق بىر تەسبىت قىلىشنى تەرك ئەتسەم، ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇ ئاخشام قىلمىسامبولمايدىغان بىرەر ئىش ئۇنتۇلغان بولۇپ چىقسا، ھېلى ياتقان يېرىمدىن قاڭقىپ تۇرۇپكېتىدىغان گەپ. »ئۇھ« دەپ ئەمدىيېتىپ، بىردەملىك خىياللاردىن كېيىن ئۇيقۇ دېڭىزىغا پاتاي دەۋاتقاندا بىردىنلائەسكە كەلگەن ئىش بىلەن قايتا ئورنىدىن تۇرماقنىڭ قانچىلىك مۈشكۈللىكىنى تەسەۋۋۇرقىلغىلىمۇ بولمايدۇ-دە!
ھازىرچەھىچنەرسە ئەقلىمگە كەلمىدى. ئەمدى يېتىشقا ماڭساممۇ بولۇدۇغاندەك قىلىدۇ. پەقەتخۇپتەن نامىزىمنىلا تۈگەتسەم بۈگۈنلۈك ھايات مۇششەققەتلىرىدىن قۇتۇلدۇم دېگەن گەپ.كىم بىلىدۇ، نامازدا تۇرغاندا كىشىنىڭ ئېسىگە ئۇنتۇلغان نۇرغۇن نەرسىلەركېلىدىغان، بىرەر نەرسە ئۇنتۇلغان بولسا نامازدا ئەسلىۋالسام ئەجەپ ئەمەس! كۆرۈنۈپتۇرغىنىدەك، بۇ تەقلىتتە نامازدىمۇ ئىخلاس ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ!
ئاللاھقاشۈكرىكى، ھېچنەرسە يادىمغا كەلمىدى. دېمەك، بۈگۈنلۈك ھەممىدىن قۇتۇلۇپتىمەن!كارۋاتقا، ھۇررا!
بىرقانچەمىنۇتلا خىيال سەھراسىدا تېڭىرقىسام ئۇيقۇغا كېتىمەن، بۈگۈنۈم شۇنىڭ بىلەنئاخىرلىشىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 01:33 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.169454 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش