تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 6940|ئىنكاس: 0

قان رەڭلىك شەپەق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

7

يازما

122

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
122
ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن!
جەنۇپنىڭ قۇرغاقيازلىرىدا بولۇپمۇ تومۇزدا كۈندۈزلىرى پىژغىرىم ئاپتاپ جاننى قاخشاتسىمۇ كېچىلىرىخېلى سالقىن بولۇدۇ. كېچە-كۈندۈزلۈك تېمپۇراتۇرا پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى بۇ يەردەمېۋىلەرنى »جەننەتتىن چىققان« دېيىشكە سەۋەپ بولۇدۇغان دەرىجىدەشېرىن قىلىۋېتىدۇ. ئاشۇ بال تەملىك مېۋىلەرنىڭ كانى بولغان بۇ تۇپراقلارنىڭكۈندۈزدىكى كۆرۈنۈشىگە قارىسا ئادەمنىڭ ئىچى سېرىلغۇدەك نامراتچىلىق پۇراپ تۇرۇدۇ.ۋەيرانە كەپىلەر، يېرىم ئوچۇق چەللىلەر، ئۆرۈلۈپ كەتكەن قوتانلار، چۇۋۇلغانچىتلار، توپا ئۆرلەپ، بوغۇناق چاڭ بىقسىپ تۇرغان يوللارغا قارىغان ئادەم بۇماكاندا ياشىغىلى بولمايدىغاندەكلا ھىس قىلىشى مۈمكىن.
ئەمما ئەسىرلەردىنياشاپ كېلىۋاتقان ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر دىھقىنى ئاشۇ ئەسكى ئۆيلەردە بولۇشىغا قارىماي،قارنى - كۆڭسىنىڭ كەڭلىكى، مەرتلىكى، مىھماندوستلۇقى بىلەن يولۇچى، سەيياھلارنىڭھەممىسىدە ئۆچمەس ئەستىلىكلەرنى قالدۇرۇپ كېلىۋاتاتىدۇ. ھەم دەل ئاشۇ مەرتلىكى،مىھماندوستلۇقى، ساددىلىقى قەھرىمانلىق دەۋرىدىلا ئاقىدىغان خىسلەتلەر بولغانلىقى،بۈگۈنكىدەك ئەقىل ۋە پەنت دەۋرىدە ئاقمايدىغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇ بىچارە خەلق ئەنەشۇ خىسلەتلىرى تۈپەيلى زىيان تارتىپ كەلمەكتە.
كۈندۈزدىكى چېقىرئاپتاپنىڭ ئەكسىچە خۇپتەندىن باشلاپ جانغا ھوزۇر سالقىن باشلىنىدۇ. قاياقتىندۇرئېزىققان ياكى نەدىدۇر »قېيىلىپ قېلىپ« بىردىنلا قويۇۋېتىلگەندەك، »غۇر«قىلىپ يۈزگە ئۇرۇلۇدۇغان سالقىنلار شۇنچىلىكراھەتبەخشكى، ئۇنىڭ يېقىملىقلىقىنى تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. كېچىنىڭ سىرلىقمىھمىنى كەبى مەيىن سالقىنىدا شىلدىرلىغان دەرەخلەر، ئۆيلەرنىڭ ئارقىلىرىدىكىچەكسىز كەتكەن ئېتىزلاردا يېشىرىپ تۇرغان قوناقلارنىڭ شىلدىرلاشلىرى كېچەجىملىقىنىڭ سۈپىتىنى بۇزالمايلا قالماي، خۇددى جىملىقنىڭ كەمتۈكىنى تولۇقلاش ئۈچۈنكەم بولسا بولمايدىغان ئېلىمېنتتەك، جىمجىتلىقنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى بىلەن بىرىكىپكەتكەنلىكى سېزىلىدۇ. نەدىدۇر چېكەتكە چىرىلدايدۇ. بۇ جىمجىتلىقنىڭ سۈپىتىنىئاشۇرۇدۇغان بىر ئامىلدەك، ئۇنىڭسىز جىمجىتلىقنىڭ سۈرىنى تولۇقى بىلەن ھىس قىلىشمۈمكىن ئەمەستەك بىلىنىدۇ. بولۇپمۇ كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتەن بىرىدە راھەتبەخشلىكھاۋا تېخىمۇ ۋايىغا يېتىپلا قالماي، ئۇنىڭغا گۈزەللىك قاتقان جىمجىتلىقمۇ ئەڭمۇكەممەللىشىدۇ.
بۇرۇنلاردا بۇنداقجىمجىت كېچىلەرگە يەنە بىر زىننەت بولۇپ، كېچىلىك سۇچىلارنىڭ چەكسىز كەتكەنئېتىزلارنىڭ قەيەرلىرىدىندۇر ئاڭلىنىدىغان سەھرا ناخشىلىرى ياكى كەچ قالغانجاڭگالچىلارنىڭ ناخشىسى قوشۇلاتتى. ئاۋال ئۇزاقلاردىن يۈرەكنى يېقىملىقپەپىلەنگەندەك، مىھىر-مۇھەببەتتىن لەرزىگە كېلىشكە ئوخشاش ھاياجانغا سالىدىغانمۇڭلۇق كۈيلەر، بارا-بارا يېقىنلىشىپ، ناخشىچىنىڭ ئېشىكىنى ھەيدىگەن، ئاۋازلىرى،ئېشەكنىڭ پۇشقۇرۇشلىرى، ئاندىن ئاياق تىۋىشلىرى پىشايۋانلاردا ئۇيقۇسىز خىيالسۈرۈپ ياتقان رومانتىك ھىسلىرى ئويغۇنۇۋاتقان يۈرەكلەرگە تەسەللىي بولاتتى؛ئەللەيلەيتى؛ ھەتتا كونا قەلب جاراھەتلىرىنى تاتىلاپ، يغىلىغۇسىنىمۇ كەلتۈرەتتى.
بۇ كۈنلەردە بولساجاڭگاللارغا بېرىشمۇ، بارغۇدەك جاڭگاللارمۇ قالمىغاچقا، كېچە يولۇچىلىرىنىڭجىملىققا زىننەت بېرىشى كەملىگەن ئىدى. سۇچىلارمۇ ئېتىزلارغا سۇ باشلاپ قويۇپ،بىرەر جىگدىنىڭ تۈۋىدە مۈگدەپ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا — ئاۋغۇستنىڭ 4- دە قەشقەر سەمەن يولىدايۈز بەرگەن ۋەقەدىن يۈرەكلىرى تىترەپ كەتكەن خىتايل ھۆكۈمىتى يېزا-كەنتلەر ئاراتوساق قۇرۇپ، كېچىسى يۈرۈشنى چەكلىگەنلىكتىنمۇ، كېچىلىرى ئاندا-ساندا بولۇپقالۇدۇغان يولۇچىلارنىڭ ئاياق تىۋىشلىرىمۇ ئۆچكەندەك قىلاتتى.
كېچىنىڭ ئاخىرقىئۈچتىن بىرى تەقۋادارلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پەيتى، مانا بۇ ۋاقىتتاپەرىشتىلەر پىرىنچى ئاسمانغا تۆۋەنلەپ، ئۇلارنى ئىبادىتى، دۇئالىرىنى قوبۇل قىلىپ،ئاللاھتىن ئۇلارغا كاتتا ئەجىر تىلەش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرۇدۇ. »مۆمىننىڭ مىراجى« دەپ ئاتالغان نامازنىڭ مانا بۇ مەزگىلدىكىسى ئەڭ ئەۋزەلرەمەت دەرۋازىلىرىنىڭ ئېچىلغان ۋاقتى دەپ بىلىپ، تەقۋادارلار تەھەججۇت نامىزىئۈچۈن ئۇيقۇنىڭ شېرىن دەملىرىدىن كېچىشىدۇ. ئەگەر مۇشۇ غېرىبانە يېزىدىمۇتەقۋادارلار بار بولسا، ھېلىلا جىمجىتلىقنىڭ ئۇ يەر، بۇ يېرىگە دەز كەتكىلىتۇرۇدۇ؛ ئارقىدىن سەھەرچى قۇشلار، ئاندىن سەگەك ھايۋانلار يېزىنى ئۆز شاۋقۇنلىرىبىلەن تولدۇرۇشۇدۇ. مانا شۇنداق قىلىپ كۈندىكىدەك بىركۈنلۈك ھايات باشلىنىدۇ.
قەيەردىدۇرئۈلگۈجىكى ياغسىراپ كەتكەن دەرۋازىلاردىن بىرى غىچىرلاپ ، ئارقىدىن بىرىنىڭ گېلىنىقىرىپ يېنىك يۆتەلگىنى ئىشتىلدى. بۇ يۆتەل بولۇپ قالغانلىقتىن ئەمەس، سەھەرلەردەھەمىشە گالنى قېقىش، ئۆزىنىڭ راستىنلا ئويغۇنۇپ ئورنىدىن تۇرغان ۋە ھاياتلىقھەركىتىنى باشلىغانلىقىنى سىناپ كۆرۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەتلەنگەن يۆتۈلۈشئىدى. ئارقىدىن تېخىمۇ يېقىنراقتىن يەنە بىر دەرۋازىنىڭ تېخىمۇ بەك غاتىلداپئېچىلغىنى ئاڭلاندى.
توپۇلۇق يېزايولىدا ئاۋال ئىككى ئادەمنىڭ ئارقىدىن ئۈچ ئادەمنىڭ ئاياق تىۋىشى ئاڭلىنىشقاباشلىدى. ئۇلارنىڭ مەھەللە مەسجىدى تەرەپكە بۇرۇلۇشى ئۇلارنىڭ پەرەز قىلىنغانتەقۋادارلار جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەڭ ئەۋەل مەسجىتكە كىرىپ، ئىشكنىڭيان تېمىنى سىپاشتۇرۇپ، چىراق ياققۇچىنىڭ يىپىنى تېپىپ تارتىشى بىلەنلا ئىككىتۈۋرۈكلۈك كىچىك مەسجىدنىڭ ئىچى يورۇپ كەتتى. يورۇقتا ئۇنىڭ بايىدىن قاراڭغۇلۇققاكۆنگەن بىر ئاز ئوراكۆزلىرى ئىگىز قاپاقلىرىنىڭ سايىسىدا بولسىمۇ يۇمۇلۇپ كەتتى.سەلدىن كېيىن كۆنۈككەندەك ئەسلىگە كەلدى. سىم بۇرۇتى ئۆزىگە ياراشقان بۇ يىگىتنىڭئورا كۆزلىرىدىن بولسا توختالغان پىشقەدەملەرگە خاس تەمكىنلىك بىلىنەتتى. قويۇققارا چاچلىرى نىمكەشرەك دوپپىسىدىن تېشىپ چىققاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ كۆزلىرى چىراقيورۇقىنىڭ قاماشتۇرۇشىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىنلا بىر تۈۋرۈكنىڭ ئارقىسىدا نامازغاتۇردى.
ئۇنىڭ ئارقىسىندېگۈدەك سوڭدۇشۇپ كىرگەن بودەك يۈزلۈك، ئىنچىكە، قويۇق چاچلىق، يۇمۇق كۆزلۈك،سىمساقال يىگىت بولسا، ئۈن-تۈنسىزلا ئۇنىڭ ئوڭ يېنىغا بېرىپ سەپ بولۇپ نامازغاقۇلاق قاقتى.
ئۇلار تېخىبىرىنچى رەكئەتنىڭ سەجدىسىگە بارماستىن ئۈچ يىگىت ئارقىمۇ ئارقا كىرىپ كېلىشتى.ئۇلار ئالدىدىكىسى كىچىككىنە كۆزلىرى يۇپ-يۇمۇلاق، قىسقا بۈدرە چاچلىق،بىلىنەر-بىلىنمەس قارىداپ تۇرغان بۇرۇتى يېزا ئەمگەكلىرىدە كۆيگەن بولۇشىغاقارىماي، تېگىدىن ئاقلىقى بىلىنىپ تۇرۇدۇغان بىر ئاز سوزۇنچاق يۈزىگە خوپ ياراشقانئىدى، زىلۋا بويلۇق، شوخ، تېنىمسىز كۆرۈنۈشلۈك، يوغان قۇلاقلىرى بىر ئاز ئالدىتەرەپكە داردايغان يىگىت ئىدى. ئارقىدىن يەنە قويۇق چاچلىرى پاخپارىغان، يۇمۇقكۆزلۈك، لەۋلىرى نېپىز، قىسقا بويۇنلۇق يىگىت؛ ئارقىدىن يۇمۇلاق يۈزلۈك، ساقال-بۇرۇتلىرىتولۇق ئېڭىزلانمىغاندەك قارىداپ تۇرۇدۇغان بىر يىگىت كىرىپ كەلدى.
ئۇلاردىن بېشىغائۇيغۇرلارغىلا خاس بولۇپ ئۆزلۈشۈپ كەتكەن شەپكە كەيگەنلىرى شەپكىلىرىنىڭچېكىلىكىنى ئارقىسىغا بۇراپ قويۇپ، سەپنىڭ داۋامىغا كېلىپلا نامازغا قۇلاققېقىشتى. ئەڭ ئاۋال كىرىگىنىگە ئەگىشىۋاتامدۇ، ياكى ھەربىرى ئۆز ئالدىغائوقۇۋاتامدۇ بەك ئىلغا قىلغىلى بولمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدە ھەركەتلىرىبەك ئارىلىقلىق ھالدا پەرقلىنىپ كەتمىدى. ئەمما ئۇلار شۇنچىلىك ئۇزاق-ئۇزاق سەجدەقىلىشتىكى، بىرى ئۇلارنى سەجدىدە تۇرۇپ ئۇخلاپ قالدىمىكىن دېگۈدەكلا ئىدى.
باشتىكىسى ئۇزاققاسوزۇلغان ئىككى رەكئەت نامازنى تۈگۈتۈپ، دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ، ئاۋال ئەرەپچەدۈرتلەرنى، دۇئالارنى پىچىرلاپ ئوقۇدى. ئۇ چاغقىچە باشقىلارمۇ سالام بېرىپ،نامازلىرىنى تۈگەتتى. ئاندىن ئۇ ئاۋازىنى پەس ئەمما ھەممە ئاڭلىغۇدەك چىقىرىپ،ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن دۇئا –تىلەكلىرىنى داۋام قىلدى:
— ئى ئاللاھ، ھىدايەت ئارقىلىق كۆزىمىزنىئاچقىنىڭ ئۈچۈن، ھەقنى، ناھەقنى تونۇتقۇنۇڭ ئۈچۈن يۈزمىڭ قەتلە شۈكرى. ئەمدى بىزگەھەقسىزلىققا قارشى، زۇلۇمغا قارشى روھ ئاتا قىلغايسەن؛ مۇناپىقلىقتىن ساقلىغايسەن؛پاك روھىمىز بىلەن شېھىت بولۇشنى نېسىپ قىلغايسەن؛ بىز سېنىڭ غەزىپىڭدىن، ھىساپكۈنىدىن قوقۇمىز؛ شۇڭا بىزگە بېرىلگەن ئىماننىڭ ئەمەلىي سىناقلىرىدىن ئۆتۈشكە،ئۆمۈرنىڭ ۋە بارلىق سەن ئاتا قىلغان نىمەتلەرنىڭ ھىسابى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىتەييارلاشقا بەل باغلىدۇق! زۇلۇمغا سەبىر قىلىش مۆمىنلىك ئەمەس، زۇلۇمغا قارشىتۇرۇش، ئاللاھ رىزاسى يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا سەبىر قىلىپ، نىشانغايەتمىگۈچە ياكى شېھىت بولمىغۇچە توختىماسلىق مۆمىنلىكتۇر. بۇنى بىلدۈرگىنىڭ ئۈچۈنساڭا ھىساپسىز ھەمد سانا بولسۇن! ئى ئاللاھ، سېنىڭ رىزالىقىڭ، مۆمىنقېرىنداشلىرىنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پىدا قىلغان قېرىنداشلىرىمىز قۇربانجان ۋەئابدۇراھمانلارغا پىردەۋس جەننەتلىرىدىن ئورۇن بەرگەيسەن. بىزگىمۇ ئاشۇنداقجاسارەت ئاتا قىلغايسەن! رىزالىقىڭ ئۈچۈن جېنىدىنمۇ، مېلىدىنمۇ كېچەلەيدىغانپىداكارلاردىن قىلغايسەن!.... ئامىن!
ھەممىسى تەڭلا »ئامىن« دېيىشىپ، ئۆز ئىچىدە پىچىرلاپ دۈرت ئوقۇغاندىن كېيىن يۈزلىرىنىسىپاشتى. ئۇلار سەپلىرىنى بۇزۇپ، ئۇ يەر، بۇ يەرگە تارقىدى. ئىككى تۈۋرۈككەئىككىيلەن يۆلۈنۈۋالدى. ئاندىن ئاۋال كىرگەن يىگىت ئېغىز ئېچىپ:
— توساقلانىڭ ئەھۋالى قانداكى، مىشاغا باغىچە،... — دېۋىدى،ئۇنىڭغا ئۇلاپلا يوغان قۇلاق، شوخ كۆرۈنۈشلۈكى:
— ئۆزىمىزنىڭ ژۇتى تۇرۇپ، ئىشۇ گۇيلىنىڭ توسىقىدىن قوقاپئوتتۇرىمىزما؟ — دېدى.
— بەك ساددا ئويلىمىسىلا ئابدۇسالام قارى، ھەممە ئىش ئاسانلامسىلىگە قاسا.
— ھە، شۇ، — دېدى ئۇ بوش كەلمەي، —توساقشۇ قىرىقئېرىق، خالتا پىلال، ئاقمىچىت يولى تەرەپتىكەنغۇ، ھەممىمىزنىڭ كىملىكىمىزبا، ماۋۇ ئاداشلىنىڭ شەگە بېرىپ كېلىمىز دەپ ئاغان خەتلىرىمۇ باكەن، كېتىۋېرىمىز،بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭلا ئابدۇرېھىماخۇن.
— ھازىرۋاغا، ياش باللىنىڭ بىژيەدىن بىژيەگە ماڭغانلىرىدىنمۇ گۇمانقىلىدىغان بولاپ كەتتى، دىققەت قىممىساق بوممايدا، — دېدىئابدۇرېھىم يەنە.
— ئااا! ما ئاداشنى! يامىنىغا كەسە ئۇندا ماڭماي، چارەكئېرىق، قاراجىلغا تەرەپ بىلەن مېڭىپ، چوكانيارغا چىقمامدۇق. ئاندىن چوكانياردىن مىشاغابارىدىغان يولغا چىقىمىز.
— مېنىڭچە شۇنداق قىساق بولۇدۇغاندەك قىلىدا... بۇ گەپلەنىقىلىشمايلى، مەزىننىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولاپ قالدى.
ئاندىن يانلىرىدىن كىچىك قۇرئان چىقىرىپ،ئوقۇشقا باشلىدى.
مانا شۇ چاغدا تالادا — يېزىنىڭئۇزاق بىر يېرىدىن خورازنىڭ چىللىشى ئاڭلاندى. ئارقىدىن ئۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك بىرنەچچە يەردىن ئۇنى جاۋاپلاپ، باشقىلىرى چىللىدى. بىردەمدىن كېيىن بىر يەردىنئېشەكنىڭ ھاڭرىغىنى ئىشتىلىپ، ئارقىدىنلا بىرنەچچىسى ئاۋاز قوشۇشتى. بۇ يېڭى بىركۈننىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى.
تاڭ سۈبھىسىنىڭ ئاقىرىشىغا ئەگىشىپ، ھەرخىل ئىگىزلىكتە سېلىنغان قىڭغىر-قىشىق يېزا ئۆيلىرى ئوچۇقراق كۆرۈنۈشكە، ئەنە شۇخىلمۇ-خىل سەۋىيەدە سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئىشكلىرى، دەرۋازىلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى.ياشلارنىڭ توپى مەسجىدكە كېلىپ بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى كىشى بولۇپ بىرى كوچىغاچىقتى ۋە يېزا ئۆيلىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئىگىزلىكى بىلەن بىلىنىپ تۇرۇدۇغانمەسجىتكە قاراپ كېلىشكە باشلىدى.
ئۇ نامازغا ئەزان ئېيتىش ئۈچۈن ئۆگزىنىڭپەللەمپىيى تەرەپكە كېتىۋېتىپ، بىردىنلا مەسجىت چىرىقىنىڭ يېنىق تۇرغىنىدىن بىرئاز تەئەججۈپلەنگەندەك قىلىپ، گال قىرىپ، قۇرۇق يۆتۈلۈپ قويدى-دە، ئىشكنى ئاۋايلاپئاچتى.
— ۋاھ، ماشائاللاھ دېگۈلۈك جۇما، مۇشۇ كەمنىڭ ياش باللىرى بەك تەقۋابولاپ كېتىپ بارىدا جۇما، —دېدىئۇ بوسۇغىدىن ئاتلاپلا، — نېمە، مەچىتتە تۈنۈمىگەنسىلە، ئابدىرىيىماخۇن؟
— ياقەي، قاسىمكا، بىزمۇ تېخى ئالدىلىرىدا چىرىپ تۇرۇتۇق، — دېدى سىمبۇرۇتلۇق ئەۋەل كىرگەن يىگىت، — بەك ئەتتىگەنمۇ ئەمەس، نامازنىڭ ۋەختى چىدى، زادى. ئەزانئېيتىۋەسىلە.
— ھە ھە،... ماقا، ماقا (ماقۇل)، مەن ئەزان ئېيتىۋېتىپ ئاندىنئوتتۇراي جۇما، — دېدى قاسىم مۇئەززىن، ئەمما نېمىشكىدۇر ھويلىغا چىقىشقائالدىرىماي، ھەر بىر ئادەمگە زەن سېلىپ قاراپ، باش لىڭشىتىپ سالاملىدى. ئاندىنسۆرۈلۈپ دېگۈدەك سىرتقا ماڭدى.
ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشىگىلا ئابدۇرېھىم:
— بىز بىر ئىشنى نىيەت قىلىۋاتقان ئادەم بوغاندىكىن، دىققەت قىساقبولىتى، باللا، — دېدى ئۇ كايىغاندەك قىلىپ، —نامازنى ئۆيدە ئوقۇساقمۇ بولىتى، بەك تەقۋالىقىڭلاتۇتۇپ كەتتى،...
ئارىنى ئۇزاق سۈكۈت باستى. سۈكۈت ئېغىرقوغۇشۇندەك يۈرەكلەرنى بېسىۋالدى. بىر ھازادىن كېيىن سۈكۈتنىڭ مۇجۇشىغا تاقىتىچىدىمىغاندەك:
— نىم بولدى، نىم بولدى؟ ئابدۇرېيىم؟ — دېدى زىلۋابوي، يوغان قۇلاق يىگىت.
— ياق، ھىچنېمە، ئابدۇسالام، باشقىلارغۇ مىھمان، سىلى بىلىلا، بۇقاسىم...
قاسىم مۇئەززىننىڭ ئەزان ئېيتىپ بولۇپقايتىپ كىرىشى بىلەن ئابدۇرېھىم گېپىنى توختۇتۇۋالدى. مۇئەززىن ئاۋال ئىككى رەكئەتناماز ئوقۇي دېمەستىنلا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغىراق كېلىپ يۈكۈندى.
— خوش، دېدۇق، بۇ مىھمانلا ئوخشىمامدا؟
— ھەئە، بىزنىڭ ئاغىنە باللا.
— نەدىن سورايمىز بۇ مىمانلىنى؟
— ۋاي بۇلا بى رۇمدىن كەپقالمىدى، قاسىمكا، — دېدىئابدۇسالام بىر ئاز زەردىسىنى بىلىندۈرۈپ، — پەزىۋاتتىن.
— ھە، ماندا دېسىلە، — دېدى قاسىم ئۆچكە ساقىلىنى دىرىلدىتىپ ئەسنىگەچ. ئۇ قانائەتقىلغاندەك شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، يەنە قانائەتلەنمىگەندەك ئۇلاپلا سوئال قويدى، — ھە،...پەزىۋات نەدىن؟
— ئ ! — دېدى ئابدۇسالام ئىچ چېكىپ، — نېمانداقىلىدىغاندۇ بۇ قاسىمكام، ئىشۇ مىشادىن، قىزىلبۇيىدىن، نەدىن بولىتىكى!
— ئۈكېم (ئۇكام)، ماندالام سوراپ قويدۇق، نېماندا چېچىلىپ كېتىلا؟خۇددى بى خۇدۇكى بادەك!؟
— ماڭا قالىسىلا، قاسىمكا، سىلى چوڭ، سىلىگە ئۈگەتكەنلىك ئەمەس،ئەمما مەچىتكە چىگەن ئادەم دېگەن دۇنيانىڭ گېپىنى قىمماي، ئەۋەلەم باشلاپ ئىككىرەكئەت ناماز ئوقۇۋېتىپ، ئاندىن ئوتتۇرۇدا، سىلىنى بى ئادەم ساقچىقويمىغاندىكىن...!
— ئ ! — ماڭا قالىسىلا، ئۈكېم (ئۇكام)، ساقچى قويمىغان دەيلىغۇ؟ئايغاقچىغا ئوخشۇتۇۋاتاملا؟ ساقچى بوسام نېمە بوپتا؟ بوسام ھۆكۈمەتكە ساقچىبوپتۇمە تازا! بۇزغۇنچىلىغا، ئا ھېلىقىدەك ۋاھابىلىغا كۆتەمىكەشلىك قىغاندىنياخشىدۇ؟! — ئۇنىڭ قارىشى بويىچە ئۇنىڭ ھەق ئىدى. خەلقنىڭ ھۆكۈمىتىگە ساقچىبولسىمۇ، پايلاقچى بولسىمۇ نېمە بوپتۇ؟ ۋاھابىلارنى، بۇزۇقلارنى، ھازىر يېڭىدىنپەيدا بولغان تېرورچى دەيدىغانلارنى پاش قىلسا، يوقۇتۇشقا ياردەم قىلسا نېمىسىيامان؟ بۇنىڭدىن چوقۇم ئاللاھمۇ رازى بولاتتى.
— ماڭا قاراڭلا، ئابدۇسالام، ئادېش! — دېدىئابدۇرېھىم ۋەزمىنلىك بىلەن، جىدەل چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇپ، —سىلى دېگەن قاسىمكامغا بالا يوللۇق بوغاندىكەن، بولدىقىلىسىلە، ماقىما؟ (ماقۇلما)، قاسىمكام دېگەن چوڭىمىز، ئۇزۇن ژىللىق مۇئەززىنىمىزتۇسا، گەپ ياندۇساڭلا، داداڭلىغا مۇش ئاتقاندەك بوممامدا، بىژ ئېغىز گەپتىنقالىمىز، ماندا، چوڭىمىز، چوڭ، كىچىكىمىز كىچىك بوغىنىمىز ياخشى. بىژ مەلىدە سەتتۇرۇدا، — دېدى ئۇ ۋە ئابدۇسالامغا جىددىي بىر بۇيرۇق ئاھاڭى بىلەن، — ›خاپا بولمىسىلا، قاسىمكا‹، دېسىلە بى! — دېدى. شۇنداقدەۋاتسىمۇ ئابدۇرېھىم تامامەن باشقا تۈرلۈك ئويلارنى خىيالىدىن كەچۈرۈۋاتاتتى. »ۋاي توۋا قىلدىم، بىزنىڭ ما ئادەملىنى، بىژ ئوبدانناماز ئوقۇپ ژۈگەن ئادەمنىڭمۇ تايىنى شۇنچىلىك-دە! ژۇتنى ۋاھابىلا تارتىۋالغانما؟دەپ ئويلاپ باقمايلا ۋاھابى دېسە، ۋاھابى دەپ يامان كۆرۈۋېرىدۇ-يا؟ بۇ نېمە دېگەنگەپ، قانداق ئادەملە؟ كىمگە دۈشمەن؟ كىمگە دوست؟ دەپ ئويلاپمۇ باقمايدا! خۇداياتوۋا، تېخى ھۆكۈمەتنى ئاقلىشىنى قاراڭلا، ئوقۇۋاتقان ناماز بىلەن خىتاينىڭ يېنىنىئېلىش سىغىشالامدا، دېمەيدا؟...«
ئابدۇسالام دوستىنىڭ كۆزىگە نارازىلىقبىلەن بىر قارىۋېتىپ، ئاندىن قاسىمغا ئانچىۋالا تىكىلىپ قارىمايلا:
— خاپا بولمىسىلا، قاسىمكا، — دېدى.
— خاپا بوممىدۇق، خاپىلىقتىن كېيىن تۇغۇلغاندىكىن،... — دەپ ھىجايدىقاسىم بىرنەچچىسىلا قالغان ساپ-سېرىق چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ. ئۇنىڭ بۇ ھىجىيىشلىرىۋە سۆزلىرىدىن قېرىسىمۇ چوڭ بولمايدىغان تىپتىكى ئادەملىكى بىلىنەتتى.
ئۇلارنىڭ غەۋغاسى بېسىقىپ تۇرۇشىغىلانامازخانلار كىرىپ كېلىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ماجرانى قايتىدىن قوزغاشقاشارائىتمۇ بولمىدى.
ئۇلار جامائەت بىلەن سۈننەت ئوقۇغاندىنكېيىن ئۇزاق ئولتۇرۇشتى. بۇ يۇرتلاردا ئۇپۇق ئاقىرىشقا باشلىغاندا ئاندىن پەرزئوقۇيدۇغان بىدئەت ئادەت بولغاچقا ئەنە شۇنداق ساقلىشاتتى. پەرزدىن كېيىنمۇ يەنەقىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇپ ئۇزاق دۇئا قىلىشاتتى.
ئۇلار نامازدىن چىققاندا شەرق تەرەپتىكىئۇچ-چېكى كۆرۈنمەيدىغان قوناقلىقنىڭ ئۇپۇققا تۇتاشقان يېرىگە قان رەڭلىك شەپەقيېيىلىپ، خۇددى ئاشۇ ئۇزاقتىكى قوناقلىقنىڭ ئۇچلىرى قانغا چىلىشىپ تۇرغاندەككۆرۈنەتتى.
***
بىزگە تونۇش بولغان ياشلار يامانياربازىرىغا قاراپ چوڭ يولدا كېلىشىۋاتاتتى. كۈن خېلى ئۆرلىگەن بولۇپ، يېزىنىڭتىرىكچىلىك ھەركىتى باشلىنىپ كەتكەن؛ يېزا يولىدا ۋەلىسىپىتلىكلەر، ئېشەكلىكلەر،ھارۋىلىقلار، پىيادىلار ھەتتا ئاندا-ساندا موتوسىكلىتلىق بايۋەچچىلەر ئۇ ياق-بۇياققا مېڭىشقا باشلىغان ئىدى. يول بويلىرىدىكى شالاڭ تېرەكلەرنىڭ ئارقىسىدا يېزائۆيلىرى، ئۆيلەرنىڭ بەزىلىرى خېلى ياسىداق بولسىمۇ، بەزىلىرى بەكمۇ ۋەيرانە ئىدى.بەزىلىرىنىڭ تاملىرى ئۆرۈلگەنمۇ ياكى ئۆرۈۋېتىلگەنمۇ، ئۈچ تېمى قالغان ئۆگزىلەرنىڭچېقىلغان تام تەرىپىدىن ئۆگزىنىڭ چىغ-پاخاللىرى، شاخ-شۇمبىلىرى ساڭگىلاپكۆرۈنەتتى.
يول بويىدىكى ئېرىقلاردا ياكى ئېرىق بىلەنئۆي تېمى ئارىسىدىكى پۇشلاردا كىچىك بالىلار ئويناۋاتاتتى. بالىلار بەزىدەقوغلۇشۇپ يولغىمۇ چىقاتتى ۋە زىيادە چاڭ-توزان كۆتۈرۈپ، توپا-چاڭدىن ئاللىقاچانيېشىللىقىنى يوقاتقان دەرەخلەر ئارىسىغا كىرىپ كېتىشەتتى. ئەگەر يولدىن ئۆزىگە ناتونۇش كىشىلەر، بىرەر ماشىنا ياكى شۇنىڭدەك يېزا مۇھىتىدا ئاز كۆرۈلۈدۇغان ئادەمۋە نەرسىلەر ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولسا ئويۇنلىرىنى توختۇتۇپ ھاڭقىيىپ قاراپتۇرۇشاتتى.
بالىلارنىڭ سەبى كۆزلىرىنىڭ غۇبارسىزچاقناپ تۇرۇشىلا ئۇلارنى سۆيۈملۈك كۆرسۈتۈپ تۇرۇدۇغان بىردىن-بىر ئامىل ئىدى.ئۇندىن باشقا ئۇلارنىڭ ئۈستىۋېشىدىكى كىيىملىرى كىرلىشىپ، قاسماق باسقان،بەدەنلىرىمۇ ئاللىقاچان قايسىدۇر توختام سۇلاردا چۆمۈلۈشتىن قالغان قارالايقېتىشمىلىرى، توپا-تۇماندا بۇلغۇنۇپ كەتكەن ئىدى. بەزىلىرى ئۇتتۇر چىشلىرى چۈشۈپكوماك بولۇپ قالغان ئاغزىنى قىيا ئېچىپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە قارىشاتتى.
— غاچ-غاچ مېڭىپ، باللا، ھاۋا قىزىپ كەتكىچە يادىن ئۆتۈۋالمايلىما؟ — دېدى ئابدۇرېھىمجىددىي قىلىپ ھەمرالىرىغا. يار دېگىنى يامانيار دەرياسى بولۇپ، ھازىر ئۇنى ھۆكۈمەتھۆججەتلىرىدە پەيزىۋات دەرياسى دەپ ئاتىشاتتى. يامانيار دەرياسىنىڭ بېشى گەزدەرياسى بولسىمۇ، بۆرىخىتايدىن ئۆتكەندىن باشلاپ يامانيار دېيىشەتتى. خۇددىئىسمىنىڭ ئۆزگەرگىنىگە ئوخشاش ئۇنىڭ دەريالىق سۈپىتىمۇ ئۆزگۈرەتتى. بەلكىمئىسىمنىڭ ئۆزگۈرۈشى مانا شۇ سۈپەتنىڭ ئۆزگۈرىشىدىن بولغانمىكىن؟ گەز دەرياسىدانورمالدىمۇ ئادەمنى ئېقىتىپ كەتكۈدەك سۇ ئېقىپ تۇراتتى. بۇ ئۇلۇق سۇ تەدرىجىييۇرتلارغا باشلىنىپ، ئازىيىپ باراتتى. ئاخىرىسىدا بولسا يامانيارغا ئوخشاش »يار«غائايلىنىپ، بەزىدە ئازراق سۇ ئاقسا، بەزىدە تامامەن قۇرۇپمۇ قالاتتى. بۇ دەريا بۇكۈنلەردىكى مەمۇرىي رايون ئايرىشىدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن پەيزىۋاتناھىيىسىنىڭ چېگرىسى ھىساپلىناتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ يار بويىغا ناھىيىدىن ناھىيىگەئۆتۈدۇغانلارنى تەكشۈرۈدۇغان توساق قۇرۇپ، ساقچىلار يولۇچىلارنى تەكشۈرۈپئۆتكۈزۈدۇغان بولۇشقانىدى.
— ئاااا ! ئابدۇرېھىماخۇن، سىلىمۇ-زە،... — دېدىئابدۇسالام شوخلۇق بىلەن، دايىملا ئۆكتچىلىك قىلىش ئۇنىڭ ئادەتلەنگەن مىجەزىدەكقىلاتتى، — بى تاڭ ئاتسۇن، بازالا ئېچىلسۇن، ماندا، ماۋۇ ئاغىنىلەنى تۈزۈك بىمىمان قىلاممىدۇق، بازادا ئوبدانراق مىمان قىلىلى، ئاندىن ماڭمامدۇق.
— مۇشۇ بىزنىڭ ئابدىسالام بارغۇ، ئۆزى ئوبدان بالا، ھەممە ئىشلىرىشۇندا جايىدا، ئەمما-زە، بەزىبىر ئىشلاغا كەگەندە ئاجايىپ بىغەم-دە.
— ئابدۇرېھىم راست دەيدا، ئابدۇسالام، بىز مىمان بولدۇق، شۇ يېتىدۇ،بى ئىشقا نىيەت قىغان ئادەم دېگەن، ئىشنىڭ پېيىدە بومماي، داسقاننىڭ كەينىدە ژۈسەقاملاشمايدا، ماقۇل دېسە، — دېدى يۇمۇلاق يۈزلۈك، يۈزلىرىدىكى ساقال بۇرۇتلىرى ئەمدىلا ئۇچچىقارغاندەك قارىداپ بىلىنگەن يىگىت.
— قېيۇماخۇن، سىلى مىمان، شۇك تۇرۇڭلا، سىلە دېگەن قوينىڭ قوزىسى،بۇ بىزنىڭ ئىشىمىز، — دېدى ئابدۇسالام يەنە، — ئاللاھرىزاسى ئۈچۈن قەدەم باسقان ئادەمگە ئاللاھ ياردەم قىلىدا.
— ماڭا قالاڭلا، ئابدۇسالام، — دېدىباياتىندىن بېرى گەپكە ئارىلىشىدىغاندەكمۇ قىلماي جىم كېلىۋاتقان بودەك يۈزلۈكيىگىت، — ماندا كېسىتىپ گەپ قىلمايمىز جىما، ئاللاھ خالىسا ياردەم قىلىدۇ.ئاللاھ بەلگۈلىگەن ھەممە قانۇنلاغا رىئايە قىلساق ياردەم قىلامدۇ-يا؟ ئىھتىياتقىلىش بىزنىڭ ئىرادىمىزگە قويۇلغان ئىش، بىز قىلالايدىغان ئىش. ئۆزىمىزقىلالايدىغاننى قىلىمىز، قالغىنىنى ئاللاھتىن تەلەپ قىلىمىز، ماندا.
— شۇ، شۇنى دەيمەنغۇ، ھەسەن قارىم راس دەيدا. ئۆزىمىز قىلىشقاتېگىشلىكنىمۇ قىلمايلا ئاللاھقا ئاتىپ قويساق، قاندا دېگەن گەپ بولاپ كەتتى، بۇ.
— ئااا! تالاشماڭلاۋە باللا، باشتا بى بازاغا چىمەيلىما، بىسمىللاھدەپ، ئاندىن كۆمەمدۇق.
مانا شۇنداق قىلىپ ئۇلار يېزا بازىرىغىمۇكېلىپ قېلىشتى. يېزا بازىرىدىكى تۆرت كوچىنىڭ بىر دوقمۇشىدا لەڭپۇچىنىڭ ھارۋىسى،ئۇنىڭ يېنىدىراقتا بىر ناۋاينىڭ نان تىزىلغان شىرەسى، ئۇنىڭ بېرىسىدە بىر دوغچىنىڭغالتىكى ۋە ئەتراپقا تىزىپ قويۇلغان بىرنەچچە لىڭشىق ئۇزۇن كۇسىلار (ئۈستەللەر)تۇراتتى. ئۇياقتا يەنە بىر-ئىككى ئاشخانىنىڭ رەختتىن قىلىنغان سايىۋىنى ئاشخانائالدىدىكى ئېرىق بويلىرىغا قويۇلغان بىرنەچچە تاماق شىرەسى ئۈستىدە خۇددى پۈتۈنمەينەتچىلىكنى ئۆزىگە شۈمۈرۈۋالغاندەك رەڭگى تونۇلماس ھالدا ئېسىلىپ تۇراتتى.
تاماقخانىنىڭ ئالدىدىكى شىرەدە بىر –ئىككىئادەم چاي ئىچىشىپ ئولتۇرغاندەكمۇ قىلاتتى. دېمەك ئاشخانىلاردا تاماقلار تەيياربولۇپ، خېرىدار كۈتۈشكە باشلىغاندەك قىلاتتى.
— جۈڭلا (يۈرۈڭلا)، باللا، ئاشخانىلامۇ ئېچىلىپ بولۇپتۇ، شەپەدىسىدە يېرىمدىن ئاش يەپ ماڭساق ئۇنىڭغا ئۆمرىمىزنىڭ يېرىمى كەتمىگەندىكىن، — دېدىئابدۇسالام دوستلىرىنى زورلاپ.
— چىك ئا! ئادېش!...
— بولدى قوياڭلا، تالىشىپ ئولتاغىچە چىقىپ بولۇمىز دەيمە، تاماقمۇتەييادەك قىلىدا، جۈڭلا، جۈڭلا، — ئۇ شۇنداق دەپلا قېيۇم بىلەن ھەسەننىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېنىك تارتتىۋە يەنە بىرىگە قاراپ، — ھە، ئىمام، سىلىمۇ، ماڭسا، ماڭسا دەيمەن، گەپنى ئاۋۇتماي!
ئابدۇرېھىم يالغۇز قېلىۋېتىپ،خالار-خالىماس ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلدى. ئەمما ئىچىدە ھەسرەت بىلەن: »بىز خەقنىڭ مۇشۇ ›مىھماندوستمىز‹ دېگىنىمىزمۇتازا باشقا بالا بىر ئىش. تارىختىمۇ نى-نى ئىشلا مۇشۇندا داسقاننىڭ كەينىگە چىرىپ،بۇزۇلۇپ كېتىپتىكەن، يەنە چۈچۈمەيدىكەنمىز، ھەممە ئىشقا داسقانئارىلاشتۇرۇۋالغان!...  موللىكىمىز راستدەپتىكەن، بىز خەقتە جىددىيەت بەك كەمكەن!« دېگەنلەرنىئويلاپ ماڭدى.
ئاخىرقى ھىساپتا يەنىلا شۇ ئۇيغۇرداستىخانچىلىقى غالىپ كېلىپ، ئابدۇرېھىممۇ ئاۋۇلارنىڭ ئارقىسىدىن سۆرەلمىلىك بىلەنكېلىپ، يۈغلىشىپ كەتكەن شىرەدىن ئورۇن ئالدى. شىرەنىڭ يۈزلۈك تاختايلىرى بۇرۇنقىبىر-بىرىگە يىلىملەنگەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئاجراشقا باشلىغان، بەزىلىرى خېلى خوپقېچىشىپ تۇراتتى. ئۈستىدىكى ياغلىشاڭغۇ ئالامەت بولسا ئۇنى خۇددى مىڭ يىلدىن بېرىئاشخانىلاردا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. شىرەنىڭ ئىككى تەرىپىگەقويۇلغان ئۇزۇن كۇسىلار (ئۈستەللەر) مۇ لىڭشىپ تۇراتتى. ئۈستىگە سايىۋەن ھىسابىداتارتىلغان قىزىلچىۋىر دەپ ئاتىلىدىغان رەختمۇ رەڭگىنى ئۆزگەرتكەن، ئۈستى تەرىپىيىللاردۇر قونۇۋاتقان، ئەمما كەملىمەيدىغان توپا-چاڭلار دەستىدىن ئاقىرىپ كەتكەنبولسا، ئاستى تەرەپ قىزىللىقى ئۆڭگەن، ياغلىشاڭغۇ ھور ئۇرۇلۇۋېرىپ، بەزى يەرلىرىدەقاپقارا تور ئىلىشىپ تۇراتتى.
بەش يىگىت ئىككىدىن-ئۈچتىن بولۇپ، شىرەنىڭئىككى تەرىپىدىن ئورۇن ئېلىشقاندىن كېيىنلا كۈتكۈچى جوغۇچى پۇچۇلۇپ كەتكەنچەينەكتە يىلىمانغا يېقىن چاي ۋە بەش پىيالە كۆتۈرۈپ كەلدى. پىيالىلارمۇ بەك ئۇزۇنزامان ئىشلىتىلگەندەك، يۇسا چىقماس قوڭۇر داغلار قاپلىغان، بەزىلىرى كۆتۈك(پۇچۇلغان) ھالەتتە ئىدى. بۇنداق چەينەك ۋە پىيالىلەرنى قەشقەرنىڭ ئەنئەنىۋىيساماۋارخانىلىرىدا ئۇچراتقىلى بولاتتى.
كۈتكۈچى پىيالىلارنى بىر نەچچە تېمىم چايبىلەن چايقىغاندەك »شەتىنىقىلىپ« ئاندىن چايدىن قۇيۇپ بېرىۋەتكەندىن كېيىن، خېرىدارلارنىڭ ئىستىكىنىسورىدى.
— بەش لەغمەن، — دېدى ئابدىسالام.
— ۋاي ئادې(ش)، ھېلى يېرىمدىن دېيىشمىدۇقما؟ — دېدى ئىمامبىر ئاز ياسىما تەكەللۇپ بىلەن.
— قوياڭلەۋە ئادېش، يېرىم ئاش يەپ، چالىسىنى سەنتەڭ بىلەنتولۇقلايدىغان بىز بى شەلىك بوممىساق يا، — دېدىئابدۇسالام چاخچاققا يۆلەپ.
بۇنىڭ بىلەن باشقىلارغىمۇ خوشياققاندەكھىچكىم تالىشىپ ئولتۇرمىدى. پەقەت ئابدۇرېھىملا كۆڭلىدە نارازى بولغان بولسىمۇ،ئۇمۇ باشقا يەردىن كەلگەن ئاغىنىلىرىنى مىھمان قىلىۋاتقاندىكىن، بۇنىڭغا قارشىچىقىشنى بىر خىل بىخىللىق دەپ چۈشۈنۈپ قېلىشتىن خىجىل بولدى. دېمەك، ئومۇمىيمىللىي خاراكتېردىكى بىر ئاجىزلىق دېسىمۇ بولۇدۇغان بۇ داستىخانچىلىق، نېمىشكىدۇرئەسىرلەردىن بېرى گويا ئىجابىي ئارتۇقچۇلۇق سۈپىتىدە تەرىپلىنىپ كەلگەنلىكى، شۇمىنۇتتا ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ غەلىتە تۇيۇلۇپ كەتتى. تارىختا توقچۇلۇق ئىچىدەئۆتكەنلىكىدىن ماختىنىدىغان بولۇشىغا قارىماي، بۇ مىللەتنىڭ ھەممە ئىشقا تاماق،داستىخان ئارىلاشتۇرمىسا، بىرەر ئادەم ئۆيگە كىرسىلا خۇددى يېيىشكە كىرىدۇ دەپتونۇغاندەك دەرھال داستىخان ئەكىلىشلىرى ئەمدىلىكتە ھىچ ئىجابىي ئارتۇقچۇلۇقتەكبىلىنمىدى. »كىم بۇقەدەر جىق ۋاقتىنى تاماقنىڭ كەينىدە ئۆتكۈزۈۋېتىدىكىن، بىزدىن باشقا؟«
ئۇ خېلى كۆپ تەربىيە ئالغان يىگىتتەك پىكىرقىلاتتى. ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن بولمىغۇر ئادەتلەرنى بايقايتى. ئەممائۇنىڭدەك چۈشەنگەنلەر يوق دېيەرلىك بىر ئىجتىمائىي توپ ئىچىدە ئۇ ئويلىغانئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇمەن دېسە سىقىپ چىقىرىشقا ئۇچرايدىغانلىقىنىمۇ ھىسقىلاتتى. دېمەك بۇنچىۋالا پايدىسىز ئادەتلەر ئىچىدە بولغان بۇ مىللەتتە بىرەرئەمەلىي ئىش قىلىش تولىمۇ قىيىن ئىدى. ئۇ دوستلىرىنىڭ غېمىدە يوق چاخچاقلىشىپ،كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇشلىرىغا بىر ياقتىن زوقلانسىمۇ، بىر ياقتىن بۇنداق بىغەملىكنىپايدىلىق سانىمىدى. ھەپسىلىسى تۆۋەن بولۇۋاتقاچ، پاراڭغىمۇ ئارىلاشماي، بازارمەيدانى تەرەپكە، ئۇ ياقتىكى يېزىلىق ھۆكۈمەت قوروسى، ئىشخانا بىنالىرى تەرەپكە،ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە خىيالى بىر يەردە بولمىغان ھالدا تىكىلىپ ئولتۇراتتى. ئەممائۇنىڭ كۆزلىرى بۇلارنى كۆرۈۋاتقاندەك قىلمايتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئاشخانالەمپىسى يېنىدىنلا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قاسىم مۇئەززىننى تونۇماي قالمىدى.
— ھوي، قاسىمكا، بۇ ياققا كەپتىكەنلا، كەلسىلە، بىللە تاماق يەيمىز،— دېدى ئۇ نېمىشكىدۇر خوشامەتلىك ئاھاڭدا. ئۇنىڭدا گويا بۇ ئادەمگەمەلۇم مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۇنى دوستلۇق، يېقىنلىق ھالقىسىغا كىرگۈزۈپ تۇتۇۋالمىساچاتاق تېرىپ قويۇدۇغاندەك ئىچكىي ئەندىشە بىلىنىپ تۇراتتى. يەنە ۋاقتا بۇنداق بىرتەكلىپنى ئېغىزدىن چىقار-چىقمايلا قوبۇل قىلىپ، كانىدەك چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ قارنىنىتويغۇزۇدۇغان بۇ ئادەم، بۈگۈن نېمىشكىدۇر بۇ ياشلارنى ئېرەڭسىمىگەندەك، ئۆزىبۇلاردىن يۈكسەككە چىقىپ قالغاندەك يوغانلىقى بىلىنەتتى:
— يەۋېرىشسىلە، مەن ئالدىرايمەن، ئىشىم با، — دېدى ئۇ ۋەئاشۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تەۋە ئىدارە ئورگانلارنىڭ ئىشخانىلىرى قاتارىغا قاراپمېڭىشىنى داۋام قىلىپ.
— قاق سەدە نېمە باردۇ بۇ چىشاڭغا، — دەپغۇدۇڭشىدى ئابدۇرېھىم يېنىدىكىلەر ئاڭلىغۇدەك قىلىپ، — تاماققاتەكلىپ قىپ قويساڭلا بولىتى، ئابدىسالام، — دېدى ئۇئابدىسالامغا، خۇددى قاسىم مۇئەززىن ئالدىدا مەلۇم ئاجىزلىقى باردەك ۋە بۇنىيېپىشقا ئۇرۇنۇشقا ئوخشىغان بىچارە ھلدا.
— ئااا، قويسىلا، ئۇندا....نى، قەزىمىز بوممىغاندىكىن، كەسە مانا،كەممىسە زولاپ نېمە كەپتا؟ سىلى تەكلىپ قىغاندىكىن بولدىغۇ.
— يا دەيمىنا، شۇندا بوسىمۇ،...
ئەمما ئابدۇرېھىمغا قاسىم مۇئەززىننىڭ بۇيەرلەردە تەمتىلەپ يۈرۈشى پەقەتلا نورمال تۇيۇلغىلى ئۇنىمىدى. كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ، كۆڭلىدىكى ئۆكتىچى تەرەپكە جاۋاپ بەرگەندەكقىلسىمۇ، يەنىلا سەۋەپلەر ئاجىزدەك، پۇت تىرەپ تۇرالمايۋاتقاندەك قىلىپ، يىراقتىنبىر ۋەھىمىنىڭ كۆلەڭگىسى ئۇنىڭ كۆڭلىنى خىرە قىلىپ تۇرۇۋالدى. يېقىندىن بېرىياشلارغا، بولۇپمۇ دىندار ياشلارغا بەك دىققەت قىلىدىغان بولۇشتى. مەھەللىلەردىكىپايلاقچىلارغىمۇ ياشلارنىڭ توپلۇنۇشلىرىغا كۆز قۇلاق بولۇش، باشقا يەرلەردىنكەلگەن ياش مىھمانلارغا دىققەت قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق بارىدى. بۇنى كىچىك بالىمۇپەرەز قىلالايتى. شۇڭا ئابدۇرېھىمنىڭ كۆڭلىگە شەك چۈشۈۋالدى.
ئۇنىڭچە بولغاندا ئۇلار بۇ چاغقىچە توساققايېتىپ باراتتى ۋە ھايالدىماي ئۆتۈپ كېتەلەيتى. كىم بىلىدۇ، ئەمدى بۇ ئىشتىن چاتاقچىقامدۇ. قانداق قىلىش كېرەككىن؟ قاراجىلغا تەرەپتىن چوكانيارغا ئۆتۈپ كەتسەتوساققا ئۇچقاشمايلا كەتكىلى بولاتتى. ئەمدى، ماۋۇ قاسىم مۇئەززىن بۇ يەردەيۈرگىنىدىن قارىغاندا، ئەگەر ئۇلار توساق يوق تەرەپتىن، چوڭ يولدىن ئەمەس، ئارقايولدىن مېڭىۋاتقىنىنى بىرەرسى كۆرۈپلا قالسا، خۇدۇكى بولمىسا نېمىشكە توساق بارتەرەپتىن ماڭمايدۇ؟ دەپ شەكلىنىپ قالۇدۇغاندەكلا شۈبھە ئازاپلاشقا باشلىدى. ماۋۇباللانىڭ غېمىدە يوق، ئەمما ئابدۇرېھىم بۇنى كاللىسىغا ئېلىۋالدى. ھەتتا تاماققىمۇزوقى بولماي، يېرىمىدىن جىقىنى ئاشۇرۇپ قويدى.
ياشلار ئىشى يوق بىكارچىلاردەك، تاماقتىنكېيىنمۇ ئاش سۈيى ئىچىپ ئۇزاق ئولتۇرۇشتى. ئابدۇرېھىمنىڭ بىرنەچچە قېتىملىقئەسكەرتىشىدىن كېيىنلا ئاندىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
ئازغۇنلار
»ئەجەلتارتىدۇ« دېگەندەك گەپلەر راسمىكىنە؟ دېگۈسى كېلىدۇ بەزىدە. ھاياتتا بۇنداقئىشلار ئازمۇ. ئىنسان ئۆز ئاياقلىرى بىلەن بالاقازاغا قاراپ ماڭىدىغان؟ئويلا-ئويلا ئاخىرى تاللىغان يولى دەل قاپقانغا دەسسەيدىغان يول بولۇپ چىقىدىغان؟بۇلارنى »ئەجەلسۆرەيدۇ« بىلەن چۈشەندۈرمىگەندە نېمە دېسە بولۇدۇكىن؟
تاماقتىن كېيىن يىگىتلەر ئالدىرىمايسۆرۈلۈپ تۇرۇپ، »ئۇيغۇرچۇلۇق«ىنى جارى قىلىشقاندىن كېيىن، قايسى تەرەپ بىلەن مېڭىشھەققىدە قىسقا دە-تالاش قىلىشتى. كىملىكلىرى بار، ھەتتا مىھمان يىگىتلەرنىڭيانچۇقلىرىدا كەنتتىن ئالغان خەتلىرىمۇ بارىدى. بۇ ھالدا نېمىدىن قورقۇدۇ؟ خەقنىگۇمانغا سېلىپ، قوناقلىقنىڭ قىرىدا ياكى ئارقا كوچىلاردا يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بۇھال ئابدۇرېھىمنىڭ ۋەھىمىسىدىن تۇغۇلغان قارارى بىلەنمۇ بىر يەردىن چىقاتتى. شۇڭائۇلار تېزلا قارار ئالدى: توساق تەرەپتىن ماڭىمىز! توپ ماڭىمىزمۇ تارقاقمۇ؟ بىرئاز ئالدى-كەينى بولۇپ ماڭىمىز! بەزى چاغلاردا ئۇيغۇر توپلىرى ھەپتىلەپ مەجلىسئېچىپمۇ قارار ئالماي تارقىشاتتى. ھەتتا قارار ئالمىغانلىقىنى ھىسمۇ قىلىشماستىنقوپۇپ كېتىشەتتى. ئەمما بۈگۈن بۇ ياشلار كوچىدىلا، كېتىۋاتقاچلا قارار ئېلىشتى.
— ياۋاش-يۇمشاق بولۇپ، گەپنى ئاۋۇتماي، چىرايلىق ئۆتۈپ كېتەيلىجۇما، باللا، — دېدى ئابدۇرېھىم ئەندىشىلەنگەن دادىدەك تاپىلاپ، — توساقتاھەقىچان ناھەقچىلىق، ئۇينى بوغاز قىلىۋېتىدىغان ئىشلا ئۇچقۇماي قاممايدا، خەقنىڭئىشىغا ئارىلاشماي، يولۇمىزغا مېڭىشنى بىلىلى.
ئۇلار خالتا پىلال، مازار، ئاق مىچىتكەنتلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يامانيار ئېقىنىدىن كېيىن مىشاغا تۇتۇشۇدۇغان يولغاچۈشتى. يېزا يولىدا ئىنتايىن ئەبجەق ئېشەك ھارۋىغا بىر نەچچە تاغار ئاللىنېمىنىبېسىپ تاغارلارنىڭ ئۈستىگە قونۇپ ئولتۇرۇپ، بىر دىھقان ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ھارۋىسىنىڭتاش كامېرى بۆسۈلۈپ كەتكەن بولسا كېرەك، تىلىملانغان رېزىنكە بىلەن يۆگەپ ماتىلىپ،يەنە بىر مەزگىل جاھاندارچىلىق قىلىشقا يارىغۇدەك قىلىۋېلىنغان ئىدى. بەنداشلىرىمۇقىشىيىپ كەتكەن بولسا كېرەك، شۇڭا كىرىست شەكلىدە كېسىشتۈرۈپ ئىككى تال ياغاچسىملار ئارىسىدىن بەنداشقا تىرەلگەن ئىدى. ھارۋىنىڭ يۈك ساندۇقى بولسا تېرىپتۆشەلگەن رەزگى يا غاچلاردىن بىر-بىرىگە ئانچە باپ كەلمىگەن شەكىلدە يونۇپلاياسىۋېلىنغاندەك بەكمۇ بىچارە، لىڭشىق، غىچىرلاپ تۇرۇدۇغان ئاۋارە ھالەتتە ئىدى.ئېشەككە قېتىلغان ھارۋا جابدۇقلىرىنىڭ رەزگىلىكى ھەممىدىن ئۆتۈپ كېتەتتى. ئېشەكمۇيېغىر باسقان، قېرىغان پەقەت تاياقنىڭ زورىدىن ئاران ئاران قەدەم ئېلىپكېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئاندا-ساندا ۋەلىسىپىتلىكلەر، ئېشەكلىكلەرمۇ ئۇچرايتى.ھارۋىنىڭ يېنىدىن يانداپ ۋەلسىپىتلىك ئىككى كىشى ئىلگىرى كېيىن بولۇشۇپ، خۇددىقارشى بورانغا يۈرگەندەك كۈچەپ پىدال تېپىپ كېلىشەتتى. يول بويلىرىدا گۆردىنئېچىۋلغاندەك توپا-تۇمانغا پىچىلىپ كەتكەن يېزا بالىلىرىنىڭ بىر توپى يولدىنئۆتكەنلەرگە ھاڭقىيىپ قاراپ قويۇپ، ئويۇنلىرىنى داۋام قىلاتتى. دەل-دەرەخلەرمۇچاڭ-توزانلار دەستىدىن ئاقىرىپ كەتكەچكە، يېشىللىق ئۆچۈپ، يېقىملىق تۇيغۇ بېرەلمەسبولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. پەقەت ئېتىزلىقلاردا يېشىل مەخمەلدەك جۇلالىنىپ تۇرغانقوناقلىقلارلا تومۇز ئىسسىقتا چاڭقىغان ئادەم مۇزدەك بۇلاق سۈيى ئىچكەندەكراھەتلىك ھىس بەخش ئېتەتتى.
ئۇزاقتىن توساقمۇ كۆرۈندى. پەرەزقىلىنغىنىدەك توساقتا ئادەم كەم ئەمەس ئىدى. دىھقانلار دايىم كىملىكلىرىنى يېنىدائېلىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنمىگەچكە ھە دېمەيلا توسۇقلاردا ئاۋارىچىلىققا يولۇقاتتى.شۇنچە ئۇزاقلاردىن كەلگەن بىچارىلەرنى ئۆتكۈزۈشمەي، ئارقىسىغا قايتۇرۇشاتتى.يىگىتلەر قاراردا دېيىشكىنى بويىچە بەك چېچىلىپمۇ ماڭمىدى. »ئۇيغۇرچە قارار«-دە. بەكتوپمۇ دېگىلى بولمايتى. ئابدۇرېھىم ئەنسىرەپلا تۇرغاچقا ئالدىنراق يېتىپ كەلدى.
توساقتا رەسمىي ساقچىلار يوق، يامانياريېزىسىنىڭ ئاكتىپ ياشلىرىدىن ئىككىسى ۋە خىتايدىن بىرى بار ئىدى. خىتاي كادىر ئۇيغۇرياشلىرىنى يولغا چىقىرىپ، ئۆز خەلقى بىلەن يامانلىشىشقا سېلىپ قويۇپ، ئۆزى كىچىكسايىۋەن ساتمىدا تۇراتتى. ياش ئاكتىپتىن بىرى دىھقانلار بىلەن دە-تالاش ئىچىدە،باشقا بىرى سايىۋەننىڭ ئالدىدا، گويا سايىۋەننىڭ ئىچىگە كىرىۋالايمۇ يولغا چىقايمۇدەپ قارار بېرەلمەيۋاتقاندەك گاھ ئىچىگە، گاھ يولغا قاراپ قوياتت. ئەسلىدەئاپتاپتىن قېچىپ، ئىچىگە كىرىۋالغۇسى بولسىمۇ، خىتاي خوجايىندىن سەل تارتىنىپتۇراتتى. تارىخنىڭ ھىچبىر بۆلۈگىدە بۇ كەبى كۆپ دىشۋارچىلىققا يولۇقمىغان بۇئادەملەر قوشنا يۇرتلار ئارىسىدا ئەركىن بېرىپ كېلەلمەي، خەت كۆرسۈتۈشكە مەجبۇربولۇۋاتسىمۇ، بۇلار نېمە ئۈچۈن؟ كىم ئۈچۈن دەپ سوراشنى ئەقىللىرىگە كەلتۈرۈشمەيتى.ئەكسىچە ئۆز بىخەستەلىكىدىن، ئاندىن مۇشۇنداق توسۇق قۇرۇشنى تەقەززا قىلغان »بۇزغۇنچى، بۆلگۈنچى ئۇنسۇر«لاردىن ئاغرىناتتى. چۈنكى ئۇلارغا ھەريەردە ئاشۇنداق تەلىمبېرىلەتتى؛ كىمدىن ئاغرىنىش ھەققىدە يۆن كۆرسۈتۈپ بېرىلەتتى. شۇڭا ئۇلارمۇ دەلشۇنداق قىلىشاتتى.
نۆۋەتتە دە-تالاش ئىچىدىكىسى مىشاغاكېتىۋاتقان يامانيارلىق بىر بوۋاي ئىدى. بوۋاي كەينىگە يېنىپ كىملىكىنى ۋە كەنتنىڭخېتىنى ئەكىلىشتىن ئېرىنىپ، بىكاردىن يالۋۇرۇپ، كۈچۈكلۈنۈپ، كىشىلىك ئىززىتىنىمۇپايمال قىلىپ تۈگۈتۈۋاتاتتى.
— ۋاي بالام، مەن مۇشۇ ساقىلىم بىلەن يامان ئىش قىلىدىغان ئادەمگەئوخشاتامدىم؟ چوڭ داداڭلىدەك بى ئادەمنى ماندا قىژناپ ژۈمەي ئۆتكۈزۈۋەتسەڭلابىژنېمە كەملەپ قالامىتى؟ پارتىيەنىڭ سىياسىتىمۇ ئانچىۋالا ئەمەس بوغىيتى، پارتىيەدېگەن قېرىلاغا كۆڭۈل بۆلگەننى كۆگەن،...
— ۋې! ساقىلىڭنى پەش قىمما! ما ساقىلىڭنى پەش قىمما، ماقىما! — دېدى ياشئاكتىپمۇ بوش كەلمەي، بوۋاينىڭ ساقىلىدىن قاماللاپ تۇتۇۋېلىپ، يۇقۇرىسىغاكۆتۈرۈپ-كۆتۈرۈپ قويۇپ.
بوۋاي ساقىلىنىڭ يۇلۇنۇشىدىن سىلكىنگەننېرۋلىرىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن كۆتۈرۈشتىن بۇرۇنراق كۆتۈرۈلۈشكە تىرىشىپ، يۇلۇنۇشنىڭئازابىنى ئازايتماقچى بولاتتى. ئۇنىڭ قورۇلۇپ كەتكەن چىرايى، ئەسلىدە ئاق بولغان،ئەمما شۇئاندا كىرلىشىپ كەتكەچكە ئاق دېيىشكە بولمايدىغان يالاڭ يەكتىكىنىڭ ئوچۇقمەيدىسىدىن چارلاشقان يۇڭلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. يىگىتنىڭ ساقىلىنى قاماللىغان قولىئۈستىدىن تۇتۇۋالغان قوللىرى بولسا توغراقنىڭ قوۋزاقلىرىدەك شورلۇشۇپ تۇراتتى.
ئابدۇرېھىم بۇ مەنزىرىگە قاراپ يەنىمۇئېزىلگەندەك بولدىيۇ، يەنە ئۆزىنى خاتىرىجەم كۆرسۈتۈش ئۇرۇنۇشىدا ئەتەيجانلىق-جانلىق سۆزلەپ:
— خېتى يوق، كىملىكى يوقلا بىر چەتكە تۇمامسىلە، بىز ئۆتۈۋالىلى، — دېدى ئەتەي توساقچىنىڭدىققىتىنى تارتىپ، تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىش ئۈچۈن.
توساقچى يىگىت بوۋاينىڭ ساقىلىنىقويۇۋېتىپ، ئوچۇق، يۇڭلۇق كۆكسىدىن نېرى ئىتتىرىۋەتتى:
— نېرى تۇرە، قېرى! ما بىزنى ئىش قىغىنى قوياپ، — يىگىتنىڭتەلەپپۇزىدىن قارىغاندىمۇ مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەندەك قىلاتتى، شۇنداق بولسىمۇۋەزىپىسىگە بولغان ساداقەتتىن ئۇ يۇرتداشلىرىغا قىلچىلىك يۈز خاتىرە قىلالمايتى، — ئۆيەڭگەكېتىپ خەت ئەكەل، بوممىسا نېرىغا بېرىپ تۇرۇۋە، زېرىكمىسەڭ، — دېدى-دە،ئابدۇرېھىم تەرەپكە بۇرۇلدى، — ھە، غوجام، ئۆزلىرى نەگە؟ — ئەمما بۇگەپتىكى ؛سىلى ئۆزلىرى«نىنورمال دېگىلى بولمايتى. بۇنىڭدا ئۆزىدىن تۆۋەنلەرنى مەسخىرە قىلىپ، ھۆرمەتئالمىشى ئىشلىتىدىغان، زەھەرخەندە ئادەملەرنىڭ تەلەپپۇزى ئوچۇق بىلىنىپ تۇراتتى.بۇنى ئابدۇرېھىم دەرھال ھىس قىلدى ۋە ئىچىدە: »ۋاي ھىچنېمە كۆرمىگەن ئابدال! كادىرسەن، توساق توسۇپخەت تەكشۈرەيسەن دەپ شىلاپ قويسا ئاشۇنداق زاڭلىقچى بولاپ كەتتىڭغۇ، سەن! كىچىككىنەئۆزەمنى ئايىمايدىغان بوسام شۇ گېپىڭ ئۈچۈن ئاغزى-بۇنۇڭنى تۈزلۈۋەتسەم!«
— مەن ئىشۇ مىشاغا بېرىپ كېلەي دەپتىم، — دېدىئابدۇرېھىم ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ.
— ئىشۇ مىشاغا بېرىپ كېلەي دېگەنمىتىلە، غۇجام؟ كىملىكلىرى باما؟چىقاسىلا، ماندا، ھە، ھە، ... خوش، خەتچۇ، خەت؟ مىشاغا نېمىشقا بارىدىغانلىقلىرىغاكەنتتىن خەت ئەكەللىمۇ-يا؟
— كىملىك بوغاندىكىن، دەپ خەت ئالماپتۇق؟ ئاڭلىشىمىزدىمۇ خەت-پەتنىڭگېپى يوقتى-يا؟
— ماڭە، تولا گەپ يومزىماي، نېرى ئۆت! يا بېرىپ خەت ئەكەل! — توساقچىئۇنىمۇ سەتلىدى، ئەمما بوۋايغا قىلغاندەك ئۇنچىۋالا يولسىزلىق، بىھۆرمەتلىكقىلمىدى دېيىشكە بولاتتى. چۈنكى ئابدۇرېھىمنىڭ ئۈستىۋېشى خېلى تۈزۈك ئىدى، — ھە،ئۆزلىرىچۇ، غوجىلىرىم؟ — دېدى توساقچى بالا ئارقىدىن يېتىشىپ كەلگەن يىگىتلەرگە قاراپ.
— مەن شەگە بېرىپ يېنىپتىم، مانا خەت، كىملىكمۇ با، مانا، — دېدى قېيۇمئالدىغا ئۆتۈپ. ئۇ كىملىكى بارلارغىمۇ يول بېرىلمىگىنىگە قاراپ، ھەم خەت، ھەمكىملىكىم بولغاندىكىن مەن سىناپ باقاي دەپ ئويلىغانىدى.
توساقچى بالا خەتكە سىنچىلاپ قاراپ،ئىنجىقلاپ تۈزۈك ئوقۇيالمىدى. چۈنكى دەل مانا شۇنداق چالا ئوقۇغانلارلا مۇشۇنداقخىزمەتلەرنى ئوبدان ئەپلەشتۈرەلەيتى. چۈنكى ئۇلارنى قانداق ئىش قىل دېسە شۇنداققىلاتتى؛ ئات دېسە ئاتاتتى. ئوقۇغان ئادەملەرنى يولغا كىرگۈزمەك ئاسان ئەمەس. ئۇسايىۋەننىڭ ئالدىدا تۇرغان ھەمرىيىنى چاقىرىپ، خەتنى ئۇنىڭغا بەردى.
— قاندا دېگەن ساۋاتسىزنىڭ خېتى بۇ؟ مۇشۇندامۇ يازامدا، خەتدېگەننى! — دەپ كايىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇيالماسلىقىدىكى چاتاقنى خەتنى يازغۇچىغائارتىشنىمۇ ئۇنۇتمىدى.
يەنە بىرسىمۇ بۇنى ھەجىلەپ، كۆپ ھەرەجتارتتى. شۇڭا ئۇ سايىۋەندە ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان خىتاينى چاقىرىشتى. چۈنكىئۈچەيلەننىڭ بېشى شۇدەك قىلاتتى. ئادەت بويىچە بېشى بولغان ئادەم ھەممىنى بىلىدۇدەپ قارىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ گەرچە ئۇ خىتاي بولسىمۇ، بۇ ئۇيغۇرچە خەت ھەققىدە ئۇنىڭقارار بېرىشى ئاجايىپ بىر ھال ئىدى.
— قاندا قىلىمىز شاياۋ ۋاڭ، ماخەتنى بىزئوقۇياممىدۇق، خەتكە ھىساپ قىلامدۇق يا،...
— نېمە خەتكەن ئۇ؟ بولمايدىغان يېرى بوسا ژىتىپ تاشلىۋەتمەمسىلە!؟
— بولامدۇ، بوممامدۇ، ئۇنىمۇ بىلەممىدۇق، ئوقۇغىلى بولمىسا، قاندابىلىمىزكى؟
خىتاي ئۇلۇغلارچە كىبرىسىنى جەۋلانقىلدۇرغان ھالدا تەنتەنە بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ بۇ تەرەپكە يېقىنلاشقاچ:
— ئوقۇغىنى بوممىسىمۇ ژىتىپلاۋەتسە تۈگەيدۇ، ئاندىن ئاندا پەلىپەتىشخەت يازماس بولۇدا، — دېدى ۋە ئاشۇ ئۇلۇغۋارلىق تۈسىنى بۇزماستىن خەتكە كۆزىنىڭ قىرىداقاراپ قويدى،— نېمە دەپتۇ، ھىچئوقۇيالمىدىڭلىما؟ — دېدى ئۇ بۇرنىنى تارتىپ تۇرۇپ.
— نېمە دەيدا، مانا،نېمە دەيدۇ، »ئىشىبولغاچقا شەھەرگە بېرىپ كېلىشىگە قوشۇلدۇق« شۇنداما؟ ھە،قارىم، شۇندامۇ يا؟ مۇشۇندامۇ چالا خەت يازامدا؟ نېمە ئىش؟ قانچە كۈنلۈك رۇخسەتبەدى؟ خەت قاچانغىچە كۈچكە ئىگە؟ ھىچنېمە يوق، مانا! مۇندا! — ئۇ شۇنداقدەپلا تىتىلىپ ئاران تۇرغان نېپىز قەغەزنى يىرتىپ تاشلىۋەتتى.
— ئادىشەي، نېمە قىلغانلىرى بۇ؟ ئەمدى مەن ئۆيگە قاندا كېتىمە؟باشقىدىن خەت ئالاي دېسەم ئۆيەم ئۇ قاتتا تۇسا!
— بارە! ماندا ماڭساڭ ۋىلايەتكە بارىسەن، گېپىڭ بوسا ئەز (ئەرز)قىل!
— خېتىمنى ژىتىۋەتسىلە ئەزگە قاندا بارىمەن؟ ھەقىچان شەگە باغىچەبادۇ سىلىدەك قاراكۆز غوجاملىدىن نەچچىسى، نەچچە يەدە؟
— ھې، تەنە قىلىسەنغۇ؟ ماۋۇنىڭ خېلى گېپى بادەك قىلىدىغۇ؟
— راس ئەمەسما، خېتىنى ژىتىۋەتسىلە، ئەمدە نەگە بارالايدا، بۇيىتىم؟ — دېدى ئەتراپتىكى دىھقانلارمۇ بولۇشۇپ.
مانا شۇندا قىلىپ، ماجرا تېرىلدى.ئابدۇسالام ئالدىغا ئۆتتى. ئۇ سەل بايۋەچچى مىجەز يىگىت بولغاچقا تونۇش-بىلىشىمۇجىق ئىدى. ئۇ ھەتتا مۇشۇ توساقچىلارنىمۇ تونۇيتى، پەقەت توساقچىلار ھازىر ئىشبېشىدا، خەقنىڭ ئىھتىياجى ئۆزىگە چۈشۈۋاتقان ۋەزىيەتتە بولغاچقا ئۆزلىرىنى خېلىيۈكسەكتە ھىساپلايتى، شۇڭا ئۇلار ھەتتا ئابدۇسالامنى كۆرمەيتى. ئابدۇرېھىمئابدۇسالامنىڭ ئىتتىكلىك قىلىپ، بىرەر چاتاق تېرىپ قويۇشىدىن يۈرىكى ئۆيەپ، ئۇنىڭبېقىنىغا كېلىپ، بىلىكىدىن قاماللاپ تۇتۇۋالدى.
ئەمما ئابدۇسالامنىڭ ئاللىقاچان ئۆتىتاشقان ئىدى. ئۇ بايا مۇشۇ تونۇش توساقچى قېرى بوۋاينىڭ ئاپپاق ساقاللىرىنىقاماللاپ تۇتۇۋېلىپ، ئىڭىكىنى كۆتۈرۈۋاتقاندىلا ئۆزىنى زورغا بېسىپ تۇرۇۋاتقانئىدى. ئەمدىلىكتە دادىسى تۇتۇۋالغان تەقدىردىمۇ سىلكىپ، ئىتتىرىۋېتىپ، گېپىنىقىلماي ئۇنىمايتى. ئۇنىڭ مېڭىسى قىزىپ كەتكەچكە ئەقلىنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپكەتكەندەك قىلاتتى. نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ئەقلىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقىنىمۇگۇمانلىق ئىدى. ئەتراپتىكى دىھقانلارمۇ ئۇنىڭغا بولۇشۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەممائۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكى ئەقلىگە ئولتۇرمايتى، پەقەت ئېغىزلىرىنىڭ مىدىرلاۋاتقىنىنىكۆرۈپ تۇراتتى. چىراي ئىپادىسىدىنلا ئۆزىگە تەرەپدارلىق قىلىۋاتقىنىنى بىلىپتۇراتتى. رىجە سۆزلەش بىلەن كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى ئايرىش ئۈچۈنئۇرۇنۇشلار ئۈنۈم بەرمىگەنسېرى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ جەھلى قېتىپ، بىر-بىرىنىئىتتىرىشلەر باشلاندى. توساقتا قاۋىلىپ قالغان دىھقانلار خېلى كۆپۈيۈپ قالغانئىدى. شۇڭا بارى يوق ئۈچ كادىر بۇ ئالامانغا تەڭ كېلەلمەي، ئۇلار قېچىپكېتىدىغاندەك جىددىيلىشىپ كېتىشتى.
شۇڭا ئۇلاردىن بىرى گويا ساتمىدا قويۇپقويغان قورالىغا يۈگەرگەندەك قىلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر پەش بولۇپ، ئەمەلىيەتتەبۇلاردا قورال يوق ئىدى. خىتايلار قوراللارنى بەك قاتتىق باشقۇرۇدۇغان بولغاچقا،پۈتۈن ئەتراپتا ئۇيغۇرلار ياشايدىغان بۇنداق بىر مۇھىتتىكى بىر توساقتا تۇرۇدۇغاندىھقان كادىرلاردىن بولغان توساقچىلارغا قورال تۇتقۇزۇپ قويۇپ خاتىرجەم بولالمايتى.ياكى ئۇيغۇر دېگەن كۈنسېرى ئەركەكلىكىنى يوقۇتۇۋاتقان، قورقۇنچاق خەق، قورال بولمىسىمۇكادىر دەپ توسۇققا بەلگىلەپ قويۇلغان ياش بالىلارغا مىڭى ئىتائەت قىلىۋېرىدۇ، دەپئويلىغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. يەنە تېخى شۇ ئىھتىماللىقنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايتى: »بۇ ئۇيغۇر دېگەننىڭ ھەممىسى پوتانسىيال دۈشمەندۇر، كىمبىلىدۇ، بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھى ھى قىلغان بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ تېرورچىلىرىنى كۆرگەندەئۇلارغا قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ، شۇڭا ئوق بىلەن قورال تۇتقۇزۇپقويساق ئۆزىمىزنى ئاتسۇنمۇ؟«
توساقچى يىگىتلەرگە ئاسان دەمسىلەر؟بۇرۇنقى ساقچىلارغۇ تېنچ دەۋرلەردە قىلغىلى ئىشى يوق، ئىشخانىدا قارت ئويناپ،زېرىكسە بازارغا چىقىپ، ئارىلىسا، قاسقان شەپكە دەسمىي بولۇپ، شەپكىدىنھۈركۈيدىغانلار بىكاردىنلا خۇشامەت قىلىپ، بىرى لەڭپۇغا، بىرى ئۆپكە –ھېسىپكە،بىرى سامسىغا تەكلىپ قىلىپ، قوساق بېقىپ يۈرۈشكىنى بىلەن، مانا ئەمدى جاھان تېنچبولماي قالدى، بۇنداق ئۇزاق سەھرالارغا يولداشلار كېلىپ نۆۋەتچىلىك قىلامدۇ؟ تىلبىلمەيمىز دېسىلا پۈتۈدۇ، ئىشخانىدا قېلىۋېرىدۇ، مانا مۇشۇنداق بىچارە ئۇيغۇرلاركېلىپ، ئوقۇمىغان نادان سەھرالىقلارنىڭ ئىچىدە رەج ئۇقتۇرالماي دەقەت بولۇپ،چارچاپ تۈگەيدۇغۇ.
ئاسان مائاش نەدە؟ يولداشلار ئىشەنمىگەندەكنەزەردە قاراپ جاننى چىقىرىۋاتقان، تۆۋەندە خەلق تېخى رازى بولمىغان! شۇ تېرورچىدېگەن نېمىلەرگە نېمە  كەمدۇ؟ نېمىشقا تېنچھاياتنى ياخشى كۆرۈشمەيدىكىنە؟ ئۇنىڭ نېنى تارتىۋالغاندەك، بىكاردىنلا يولداشلانىئۆلتۈرۈۋاتقان، ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ، مائاشنى بەرسە ھۆكۈمەت بېرىۋاتسا،ئۇلارغا نېمە ئېغىرىكىن؟! ھەي، نادانلىق!
مانا ئەھۋال مانا شۇندا؟ قائىدەبىلىشمەيدۇ، كۈن بويى قائىدە سۆزلىسەڭمۇ، قۇرۇقتىن-قۇرۇق يالۋۇرۇۋېرىشىدۇ. شۇندىنكۆرە دىككىدا بېرىپ، دېگەن خەتنى ئەكەلسىلا بولمىدىمۇ؟ بىر ئاز ھەددىنى بىلدۈرۈپقويمىساڭ تېخىمۇ ئۆزىنى بىلمەي قېلىۋاتقان. قاسقان شەپكىنىڭمۇ سۈرى قالمىدىمۇ بۇخەقنىڭ ئالدىدا؟ بىز دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى تۇرۇپ، مۇشۇ لاي سۇ ئىچكەنلەرنىئىگەلمىسەك سەت ئەمەسما؟
— قانۇن ئىجرا قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتىئۆتكۈزۈشۈۋاتىسەن ھەددىڭنى بىلىش! — ئۈچەيلەننىڭ بېشى بولمىش خىتاي كادىر، خىتايغاخاس تومۇرچۇلۇقىنى ئىشلىتىپ ۋارقىرىدى. دىھقانلارغا بۇ پوپۇزا سەل رول ئوينىغاندەكقىلدى،  ئۇلار قورققاندەك كەينىگە داجىشتى.ئەمما يىگىتلەر بۇنىڭغا پىسەنت قىلىشمىدى. شۇڭا ئابدۇسالام:
— كۆسەيلىرىڭ بولسا ئاتە! يامان بولساڭ! ھۇمۇناپىق غالچا! ھۇ ئۆزىنى بىلمەيدىغان ئازغۇن غالچا! — دېگىنىچەكۆكسىنى ئېچىپ ئالدىغا قىستاپ كېلىۋەردى.
بۇ ھال كادىرلارغا بەكمۇ ھار كەلدى. ئاتاي قورالىيوق، يالغان پەش قىلىشنى داۋام قىلاتتى:
— ھېلى باكا، پۇشمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەممەي قالاسەنمىكى، ھېلى باكا،ئاپلا!
— لاۋۋاڭ قورالنى ئاچىقسىلا، مانا بىز گۇۋا،نېمىدىن قوقىمىز؟ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، قوغدۇنۇشقا مەجبۇر بولدۇق دەيمىز، ئاچىقسىلاتاپانچىنى!
— ئاتە، مازپاينەك! غالچا، غالچىلىقىنىمۇ بىلگۈچىلىكى يوق ئازغۇن،ئاتە! — ئابدۇسالامدىن قېلىشقا كۆزى قىيمىغان يىگىتلەردىن بىرىمۇ كۆكسىنىئېچىۋېلىپ دېۋەيلىدى.
بۇ ئەمدى ئەركەكچىلىك، مەرت-مەردانلىقنىڭئىمتاھانىدەك تۈس ئېلىپ قالدى. بۇ ھالدا چېكىنىش، توساقچىلارنى يەر بىلەن يەكسانقىلاتتى. قورال بولسىدى، چوقۇم ئاتاتتى. ئاندىن نېمە كۆرسە كۆرەتتى. شۇغۇنىسى قوراليوق ئىدى. شۇڭا شارت كەينىكە بىر قەدەم داجىپ تۇرۇپ، يېنىدىن پىچاق چىقاردى-دەبېسىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن ئابدۇسالاممۇ پىچاقنى قولىغا ئېلىپ، دوستىغا ھەمدەمگەتەييار بولدى. توساقچى پىچىقىنى ئۇ ياق، بۇ ياققا شىلتاپ، راستىنلاسانچىۋېتىدىغاندەك ھەملە قىلىشقا باشلىغانىدى. بۇنىڭغا چىداپ تۇرۇش، يىگىتلىكغورۇرىغا مىسلىسىز ئېغىر بىلىنگەن يىگىتلەر بولسا ھەممىسى پىچاقلىرىنى چىقىرىپ، توساقچىنىڭھۇجۇمىنى توسۇشقا مەجبۇر بولۇشتى.
مۇشۇ قىلىقنىڭ ئۆزىلا ئۇلار ئۈچۈنئۆمۈرۋايەت تۈرمىدە يېتىشقا يېتىدىغان جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان ئىدى. ئەمدىقىلمىغان قاتىللىق ئۈچۈن، ھىچ پايدىسى يوق ھەملىلەر ئۈچۈن زىنداندا چىرىپ يېتىشتىنكۆرە، بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندىكىن، »مانائەمىسە« دەيدىغان يېرىگىمۇ كېلىپ قالغان ئىدى. ئابدۇرېھىم بۇلارنىئەقلىدىن ئۆتكۈزدى. »ئاللاھپىشانىمىزگە شۇنى پۈتكەن ئوخشايدۇ، ئەمدى بىز يول قويساقمۇ تۈرمىدىن قۇتۇلۇش يوق« شۇلارنىئويلاپ، باياتىندىن بېرى دوستلىرىغا ھاي بېرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بۇ يىگىت، بىردىنلابولدى قىلىپ، ئەكسى ھالدا:
— ئۆتتۈرە، مۇناپىقلىنى، خىتاي ئىزدەپ نەگە بارىتۇق، مۇناپىقمۇئوخشاش! تىقە پىچاقنى، بولغۇلۇق بولدى! — دەپۋارقىرىۋەتتى. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق قارارغا كېلىشىدە، كىم بىلىدۇ دىھقانلارئىچىدىن بىرلىرى خالىس خەۋەرچىلىك قىلىپ بولغان بولۇشىمۇ ئىھتىمال ئىدى، ئۇ ھالداھېلىلا بىر توپ ساقچى ياردەمگە كېلىدىغان بولسا بۇلارنى مىدىرلاتمايتۇتۇۋالاتتى-دە، تۈرمىگە كەتتىڭ دېگەن گەپ ئىدى.
ئالتە يىگىتنىڭ ئوڭ تەتۈر پىچاق شىلتىشىبىلەن توساقچىلار قەدەممۇ -قەدەم چېكىنىپ، ئۆزىنى قوغداش ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قالدى.تۇرقىدىن ئۆلۈم ۋەھىمىسى چىقىپ تۇرغان ھالدا، ئاجىزانە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى داۋامقلاتتى:
— گۇنادىن قولۇڭلانى ژىغىڭلا، شەيتاننىڭ كەينىگە چىمەڭلا،پارتىيەنىڭ كەڭچىلىكىگە ئېرىشىسىلە، ھەممىمىز ئۇيغۇر ئەمەسما، ماندا قىلىشىپكەتمەيلى، بىز يەنە سىلىنى قوغداپ قېلىش تەرەپدارى بولۇپ گۇۋالىق بېرىمىز، ئۇنداقىلماڭلا!...
— ۋې! سەن ئۇيغۇرما؟ نەرىڭ ئۇيغۇر سېنىڭ؟ بايا قىلغان قىلىقىڭئۇيغۇرنىڭ قىلىقىما؟ چوڭ داداڭدەك ئادەمنىڭ ساقىلىنى تۇتۇۋېلىپ، ئېڭىكىنى كۆتەگەنچېغىڭدا ئۇيغۇرلۇقۇڭنى ئۇنتۇپ قاغانما؟ چىمنى دەپ قىلىشىۋاتىسەن؟ ھۇ مۇناپىقلا!
— ماندا ئەكسىيەتچى گەپنى قىلماڭلا، بۇنىڭ ھىسىپىنى بەمەك تەس كەپقالامىكى... ۋايجان!
— مانا ساڭا ھىساپ، ھىساپنى ماندا بەسەكقۇ بولا، مانا ساڭا ھىساپ!مانا!...
— ۋايجان! خەلق كادىرىنى ئۆلتۈرەۋاتىدا، ئادەم بوساڭ ھۆكۈمەتكە خەۋەقىل، ۋاي ئادەم ئۆلدى!
قىيا-چىيالارغا قارىشىپ تۇرغان دىھقانلارمانا ئەمدى ئىشنىڭ ئاقىۋىتى بۇ تەقلىتتە ئاياغلاشقىلى تۇرغاندا قورقۇپ تىترەشكەباشلىدى.
— ئاپلا، ما قاتىللىنى قايلاڭلا، كادىر باللىنى ئۆتتۈرۈدۇغان(ئۆلتۈرۈدۇغان) بولدى! — دەپ ئېچىنىشقا باشلىدى ئۇلار.
بايا توساقچى بىلەن دە-تالاش قىلىپ، ساقىلىتارتىلغان بوۋاي بولسا ئارىدىكى ياشراقلارغا:
— جۇگۇڭلا (يۈگرەڭلار)، پەيسۇغا خەۋە قىپ قوياڭلا، ياش بوغاندىكىن،قوڭاڭلىدا ۋەلىسىتىڭلا بوغاندىكىن، — دېدى تىتلىق بىلەن. ياشلاردىن بەزىلىرى ۋەلىسىتلىرىگە مىنىشىپ،يامانيار يېزىلىق ھۆكۈمەت تەرەپكە ئاتلانغاندا بولسا، بوۋاي ئۆزىمۇ تۇرالماي،ئېشىكىگە مىنىپ شۇ تەرەپكە يول ئالدى. ئۇ ھودۇققان، قورققان، ئۆڭسىلى ئۆچكەنھالدا، — قىران باللىنى ئۆتتەدى-دە، ئازغۇنلا، ۋاي ئېسىت، بۇزۇق ئادەملەدېسە، قاندا بولىدىكى دەپتۇق، يېنىمىزدىلا بولۇدۇكەن ئەمەسما!... — دېگىنىچەسۆزلەپ كېلەتتى.
يولدا ئۇچراپ، »نېمە بولاپتا؟« دەپسورىغانلارغا بولسا:
— ھۆكۈمەت تۇتۇمىز دەپ ئىزدەۋاتقان بۇزۇقلا توساقتىكى كادىرباللىرىمىزنى قىيما-چىما قىلىۋەتتى، قاراپ تۇرۇپلا! — دەپۋايسايتى. ئاندىن يەنە ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ، — ئاللاغائامانەت، ئازغانلانى ئۆزەڭ ھىدايەت قىل، ئاللا! ما ئىشنى قاراڭلا، قاراپ تۇرۇپلاقىران باللىنى،ھە...
بۇ ياقتا بولسا يولنىڭ مىلىقلاپ تۇرغانقۇمساڭغۇ تۇپراقلىرىدا قان داغلىرى، قانلىق ئىزلار ئاشكارە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. توساقچىلاردىنئىككىسى ئاللىقاچان يول بويىدىكى ئېرىققا دومۇلاپ كەتكەن ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۆزىدىنئاققان قانلار ئېرىقتا يىغىلىپ، جەسەتلەر چىلىشىپ قالغانىدى. يەنە بىرى ئۆمۈلەپ،مۈدۈرۈپ، چوقۇرۇپ قېچىشقا تىرىشىۋاتاتتى. كەينىدىن يۈگرەپ بارغان ئابدۇسالام بولسائۇنىڭ دوڭغۇيۇپ تۇرغان ئەپلىك ھالىتىدە كۆتىگە شىددەت بىلەن بىرنى تېپىۋىدى، ئۇمۇقاڭقىپ بېرىپ يۈزىچىلا يولغا يىقىلدى. ئۇنىڭ قان ئېقىۋاتقان جاراھەتلىرىگە يولنىڭتوپىسى يۇقۇپ، لايغا ئايلانغان، قانلىق لاي بىلەن بۇلغانغان يۈزىدە پەقەتلاكۆزلىرى ئاشكارە كۆرۈنەتتى. كۆزلىرىنىڭ ئېقى يوغۇناپ كەتكەندەك، يوغان ئېچىلغانھالدا قارىقى قېتىپ قالغان ئىدى.
ۋەقەدىن قورقۇپكەتكەن دىھقانلار يولنىڭ يەنە بىر چېتىدە غۇژمەك بولۇپ تۇرۇشاتتى. ئۇلار نېمەقىلارىنى بىلمەيتى. شۇ ئارىدا ياشراق بىرى:
— ئەمدى يولىمىزغا ماڭمايلىما، — دېدى پېتىنمىغاندەك قىلىپ.
— بوممايدا، بالام، بوممايدا، — دېدى ئوتتۇرا ياشلىق بىر دىھقان، —ئۆز بېشىمىزغىلا كېتىۋەگەن بىلەن خاتالىق بولۇدا، بىزنى بىژ كىم سەن ئۆتتۈڭدېمىگەن تۇسا، ئۆتەپ كەتسەك قاندا بولۇدا؟
— دادىلىرى راست دەيدا، ساخچى باللا بىزنى تېخى ئۆتتۈڭدېمىگەنتى ئەمەسما، ھېلىغىچە باشقىلىرى كېلىدا، ھەقىچان، بۇندا تاشلاپ قويمايدايولنى، باشقىلىرى كەگەندە رۇخسەت بېرىپ قاسا ئۆتەمىز، — دېدى يەنە بىر پىشقەدەم.
— توۋا، رەڭگى روھى خېلى تۈزۈكتەك كۆرەپتىكەنمە، ھەجەپيامان شۇملاكەن ئاۋۇ؟ دۈشمەن دېگەننى-زە بىژنېمە دەپ بوممايدىكەن، جۇما،...
— شۇنى دەيمەن، نەۋقىران كادىر باللىنى دېسىلە، نېمىلادېگەن بىلەن شۇ بىچارىلەمۇ پىژ-پىژ ئاپتاپتا بىزنىڭ ئامانلىقىمىزنى دەپ تۇغانتىئەمەسما، ۋاي ئېسىت!..
ئۇلارنىڭمۇلاھىزىلىرى شۇ تەقلىتتە داۋام قىلىپ كېتىۋەردى.
بۇ مەزگىلدە بىزگەتونۇش قاتىللار تامامەن ئەقىلنىڭ كونتروللۇقىدىن پارىغ بولغاندەك بىر خىلكۆرۈنۈشتە سەندىرەكلىشىپ، يار تەرەپكە كېتىشتى. ئۇلار يارغا چۈشۈپ، ئادەملەردىن،چىغىرلاردىن ئۇزاقراققا كېتىشىپ، توختام سۇ ئازگاللىرىدا قانغا بويالغانقوللىرىنى، يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇشتى. نېمىدىندۇر يىركەنگەندەك، قۇرۇق قەي قىلىشىپ،ئېقىم تەرىپىدىن يېيىتىلغان قۇم ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاشتى. ئۆز ئارا گەپقىلىشقۇدەكمۇ ھالى باردەك قىلمايتى. تۇنجى ئادەم ئۆلتۈرگەنلەردە كۆرۈلۈدۇغانقورقۇنۇچ، كۆڭلى ئاينىش، ئۆز-ئۆزىدىن يىركىنىش تۇيغۇلىرىنىڭ قىينىشىدا ئەقلىمۇئىشلىمەي قالغاندەك قىلاتتى.
بىر ھازادىن كېيىنئابدۇرېھىم ئېسىنى يىغدى. ئۇ ھىچكىمگە بىۋاسىتە پىچاق تىقمىغان ئىدى. پەقەتھاياتىدا ھىچ كۆرۈپ باقمىغان كۆپ مىقداردىكى ئادەم قېنى ۋە ۋەھشىي شەكىلدە قانغامىلىنىپ ياتقان ئۆلۈكلەرنى كۆرۈشتىن ئەقلى قېتىپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭدابىۋاسىتە ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەردە بولۇدۇغان روھىي ئۆزگۈرۈشلەر، پاسسىپلىق،تورمۇزلۇنۇش بولماي، قاتتىق قورقۇپ كېتىش ۋە قاندىن كۆڭلى ئاينىش كۆرۈلگەچكە ئەڭئەۋۋەل ئۆزىنى كونترول قىلىۋالغان ئىدى. قۇمدىكى ياتقان ئورنىدىن ئۆرە بولۇپئولتۇرۇپ، خۇددى چۈشىدىن ئويغانغان ئادەمدەك ئەلەڭلەپ ئۇ ياق، بۇيېقىغا قارىدى.ئۇنىڭ قاراشلىرى ئۆندەرەشكىمۇ ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇ بىر ھازادىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭھېلىلا قىلىپ قويغان دەھشەتلىك ئىشىنى ئېسىگە ئالدى، ئېسىگە ئالدى دېگىنىمىز،ئەقلى بىلەن ئويلىدى، ئاقىۋىتى ھەققىدە ھەم ئويلىدى. ئەمدىلىكتە بۇ يەردە يېتىۋەرگەننىڭپايدىسى يوق، ھېلىلا ساقچىلار يېغىپ كېتىدۇ. تۇتۇلۇدۇ. شۇڭا دەرھال بىر ياققاكېتىپ دالدىلىنىش كېرەك!
نەگە بېرىپدالدىلانسا بولار؟ قېچىپ قۇتۇلۇش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ھامىنى ئۆلۈشىنىغۇ ھەركىمبىلىدۇ، ئەمما مۇشۇ يېقىن ئارىدا ئۆلۈدۇغانلىقىنى، تۇتۇلسىلا ساققالمايدىغانلىقىنى مانا ئۇ تۇنجى بولۇپ ئېنىق بىلدى. يېقىندا ئۆلۈدۇغانلىقىنى،ئەمدى ئائىلىسىنى قايتا كۆرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇرۇنقىدەك، ئەركىن بولمىسىمۇ،ھەرھالدا تۈرمىدىن ياخشىراق ھاياتقىمۇ قايتا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى.قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئۆلۈم ھەركىمنىڭ بېشىدا بار، ئەمما بۇلارنىڭ بېشىدىكىتېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ يېقىن ئىدى. مانا شۇلارنى بىلگەن ھالدا ياشىماق نەقەدەردەھشەت! ئۆلۈم سائەتلىرىنى، مىنۇتلىرىنى ساناپ ياشىماق نەقەدەر دەھشەت! قۇمساڭغۇتۇپراقلارغا مىلىنىپ بولسىمۇ ياشىسا نەقەدەر تاتلىق؛ ھاياتنىڭ ھەممە نېمىسى،جاپاسىمۇ، ئىزتراپلىرىمۇ نەقەدەر تاتلىق؟! ئاشۇ ئاسماندىكى ئاپپاق بۇلۇتلار،بۇلۇتلار ئارىسىدا تېخىمۇ تىنىق ۋە چىرايلىق كۆرۈنۈدۇغان چوڭقۇر سۇدەك كۆك ئاسماننەقەدەر يېقىملىق! بۇلارنى پەقەت ھايات ياشىغانلارلا كۆرەلەيدۇ. ئۆلگەنلەر ئۈچۈنھىچنېمە مەۋجۇت ئەمەس! يار بويلىرىدا ئانچە-مۇنچە ئۇچ چىقىرىپ قالغان يۇلغۇنلارمۇ،مۇشۇ قۇملۇق يارمۇ، يارنىڭ شور ئارىلاش گىرۋەكلىرىمۇ مەۋجۇت ئەمەس! ئەڭ يېقىمسىز،ئەڭ كۆرۈمسىز نەرسىلەرمۇ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن مەۋجۇت ئەمەس! ھەتتا تۈرمىدە چىرىپياشىغانلارمۇ دەرھال ئۆلۈدۇغانلاردىن ياخشىراقتەك قىلاتتى. ھاياتنىڭ بۇ قەدەرتاتلىقلىقى، ئۆلۈمگە سائەتلەر قالغان ۋاقىتتا تېخىمۇ ئېنىق بىلىنەتتى.
ئۇ چەكسىزمەيۈسلۈك، پۇشايمانغىمۇ، ئۆكۈنۈشكىمۇ، ھەسرەتكىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان، شۇنداقلاھىچقايسىغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل روھىي ھالەتتە قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۈچۈنمۇشۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنىڭ ھىچقانداق پەرقى يوقتەكمۇ قىلاتتى. ئەمما يەنە شۇھاياتقا بولغان ئىنتىلىش، ھايات سۆيگۈسى ئۇنى ھايات قېلىشقا، بۇنىڭغا چارەتېپىشقا، ئۇرۇنۇپ بېقىشقا ئۈندىدى. تېخىمۇ بالدۇر ئۆلۈش ۋەھىمىسىدىن چۆچۈپ ئېسىگەكەلدى. شۇندىلا باياتىنقى پاسسىپ روھىي-ھالىتىدە ئەقلىگە كەلگەن بارلىق ئەزگۈچىخىياللار ئورنىنى ئۈمىتلىك ئويلار ئىگىلەشكە باشلىدى. توغرىسى ئۇ ئۆز-ئۆزىنىئۈمىتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئېتىقاد ھەققىدە ئەمدىلا ئېسىگە ئېلىشقامۇۋەپپەق بولالىدى. ئېتىقاد! ئەنە شۇ مۇقەددەس ئېتىقاتلا ئۇنىڭغا مەدەت بېرەلەيتى.ئۆلۈمنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئەمەسلىكى شۇندىن كېيىن ئايان بولۇپ، كۆڭلى تەسكىن تاپتى.مۆمىن ئۈچۈن ھايات — كۆرەش ئىدى؛ ئۆلۈم — جەننەت دېمەكتى. بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە پايدا ياتاتتى.نېمىسىدىن قورقۇش كېرەك؟ قورققۇدەك ھىچنېمە يوق! ئۇ دۇنيادىن ئۈمىدى يوقمۇناپىقلارلا ئۆلۈمدىن قورقۇدۇ!
ئابدۇرېھىم دەسئورنىدىن تۇرۇپ، دوستلىرىنىڭ پۇتىغا تەپتى. دادىل-دادىل تەپتى:
— تۇرۇڭلا، باللا، ئۆلۈمنى ساقلاپ ياتامدۇق؟ئاشۇنچىلىك ئىش بىلەنلا ئىشىمىز پۈتتىمۇ يا؟ تۇرۇڭلا، تېزرەك كېتىلى بۇ يەدىن.
تېپىش بىلەنبولمىدى، بەزىلىرىنى مۈرىلىرىدىن سىلكىپ تۇرغۇزۇشقا توغرا كەلدى. كۆزلىرىنىچەكچەيتىپ ئۆلۈپ ياتقان ئۈچ جەسەت، يەرگە يېيىلىپ، قۇمساڭغۇ تۇپراققا سىڭىپ كەتكەنئۇ قەدەر كۆپ قان! دەھشەت سالىدىغان مەنزىرە ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىنشۇنچىلىك ئاسانلا كېتەمدۇ؟!
ئابدۇرېھىم ئۇلاربىلەن كېڭىشىشنىڭ پايدا بەرمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، »جۈڭلا« دەپلا ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ يارئىچى بىلەن ئېقىم يۆنۈلۈشىدە يۈرۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ مىشاغا بارىمىز دېگەنلىكىنىئاڭلىغانلار كۆپ ئىدى، ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى بەس-بەستە بۇنى مەلۇم قىلاتتى. بۇمۇكۆڭۈللەرگە ئايان ئىدى. شۇڭا دۈشمەن ئۇلارنى مىشا تەۋەسىدىن ئىزدەيتى. بۇ بىرئاددىي رىجە تۇرسا مىشاغا بارغىلى بولاتتىمۇ؟ ئابدۇرېھىم قىزىلبۇيا تەرەپكە ئۆتۈپكېتىشكە نىيەت قىلىپ يولغا چىققانىدى. باشقىلار بولسا مەيلىنى ئابدۇرېھىمغا تاپشۇرۇپ،ئەلەڭ-سەلەڭ روھىي ھالەتتىن چىقالمىغان ھالدا ئارقىدىن كېلىشەتتى.
ئۇلار يار ئىچىبىلەن يۈرۈپ، چوكانيارنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە شەرقىي قىرغاققا چىقىشتى. كۆز ئالدىدائۇچ –چېكى يوق كېۋەزلىكلەر، قوناقلىقلار يېشىرىپ ياتاتتى. كەچ كىرىپ قېلىۋاتاتتى.ياخشىكى قوزا چۈش بىلەن يەۋالغان لەغمەن ئۇلارغا قۇۋۋەت بولدى، ئەتتىگەنكى ناشتابىلەنلا بولغان بولسا ئۈزۈلۈپ قالاركەن. ئۇلار قوناقلىقلارغا شۇڭغۇدى. ئاھالەنۇقتىلىرىدىن ئەڭ يىراق بولغان بىر قوناقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىتاشلاشتى.
ئەمدى ئەڭ ئەۋەل ئەقىلگە كەلگىنى قېنىپ بىرئۇخلاپ، ئۈگە-ئۈگىلىرىگە يىغىلىپ قالغان ھاردۇقلىرىنى چىقىرىۋېلىش ئىدى. شۇغۇنىسىيەيدىغان بىر نەرسە يوقىدى. ھەممىدىن بەك ھەسەننىڭ قورسىقى ئېچىپ ئۇيقۇسىكەلمەيدىغاندەك قىلدى. شۇنداقلا قورقۇنۇچلۇق مەنزىرىلەر كۆز ئالدىدا قايتاجانلىنىپ تۇرۇۋېلىپمۇ ئۇخلاتمايدىغاندەك قىلاتتى. ئابدۇرېھىم مىشالىق ئىمامغاقاراپ بىردەم كۈزەتكەندىن كېيىن:
— قانداراق تۇرۇلا، ئادېش؟ — دەپ سورىدى.
— پەقەتلا ماجالىم يوق، ئۇخلاي دېسەم ئۇيقۇ تاپالايدىغاندەكقىلمايمەن، كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتسىلام قان كۆرۈپ، چۆچۈپ كېتىۋاتىمەن،... — دېدى ھالسىراپ.
— ماڭغۇدەك ھاللىرى باما؟
— ئۆرە تۇرغۇدەك ھالىمنى دېسىلە بى...
— ئەمما بۇندا ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتسەك بوممايدا، ھېرىپ كەتكۈدەك جىقيولمۇ ماڭمىدۇق، ئىشمۇ قىلمىدۇق، ھاغۇزۇۋاتقان ئىش ئاشۇ ئىش، بۇ ۋاقىتلىق، ھەممىسىئۆتەپ كېتىدا. ئايەت ئوقۇپ ئاللاھتىن ياردەم تىلەيلى. ماندا بى ئىش با، نەدىنبوممىسۇن يىگىدەك بىژ نەسە تاپمىساق بوممايدا. ئىمام مىشا تەرەپكە بېرىپ كەسۇنمىكىدەيمەن، نان-پان ئەكەسۇن، كېچىچە بېرىپ دەرھال يانسا، كۈندۈزى بىز قوناقلىقتايېتىپ، ھاردۇقنىمۇ چىقىرىۋېلىپ، ئاندىن كېچىلەپ قىزىلبۇيا تەرەپكە كەتسەك، ئۆزباللا بوغاندىكىن، ئۇ يەدىن پانالىق تاپارمىزمىكى دەيمەن.
— ئۆيگە بېرىپ كېلەلىشىمگە كۆزەم يەتمەيدۇ، جۇما، ئادېش،... يولدايىقىلىپ قالامەنمۇ دەيمەن...
— توختىماي سۈرە ئوقۇپ ماڭسىلا، ئاللاھ مەدەت بېرىدۇ، يول ماڭسىلاتېخى بالدۇراق كۆڭۈللىرى ئېچىلىپ كېتەمدۇ، تېخى، — دېدىئابدۇرېھىم، — تۇسۇلا، ئۆيلىرىگە بېرىپ قاممىسىلا، ئاغىنىلەنىڭ ئۆيىگە باسىلا.كىم بىلىدۇ سىلىنىڭ ئۆينى پايلاپ ياتقان بىرەسى يوق دېگىلى بوممايدا. ھايالبوممىسىلا.
ئىمام ئېتىزلىقنىڭ قىرلىرى بىلەن جەنۇپتەرەپكە كېتىپ، ئاياق تىۋىشىمۇ يۈتتى. قوناقلىقتىكىلەر بولسا گەپلىشىشكىمۇھەپسىلىسى يوقتەك جىم ئىدى. ئۇخلىغاندەك كۆزلىرىنى يۇمۇپ يېتىشاتتى-يۇ، ئۇيقۇتاپالىغاننىڭ تايىنى يوق، چۆچۈپ-چۆچۈپ كۆز ئېچىشاتتى. ئابدۇرېھىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنىچۈشەندى. ئۇ ئۇيقۇسىزلىققا چىداپ، قاراۋۇللۇق قىلمىسا، دوستلىرىنىڭ كارغاكەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. بۇ بىر بوھران ئىكەنلىكىنى ئۇ نەزەرىيە جەھەتتىنبىلەتتى. بوھران ئۆتۈپ كەتسىلا قورقمايدىغان بولۇپ قالاتتى. ھەتتا ئېيتىشلىرىچەئادەم ئۆلتۈرۈشكە خۇمار بولۇپمۇ قالارمىش.
يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە ئاندىن بالىلاريېنىك خورەك تارتىپ ئۇيقۇ سەھراسىغا كېتىشكەندەك قىلدى. شۇندىمۇ پات-پات چۆچۈپئويغۇنۇپ تۇراتتى. كېچىنىڭ كېيىنكى ئۈچتەن بىرى كىرگەندە ئابدۇرېھىم تەيەممۇمقىلىپ ناماز ئوقۇغاچ ئىمامنى كۈتتى. ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغۇتۇشقا قىيمىدى. ئەگەرئۇلار ئۇيقۇغا قېنىپ يېشىلىپ قوپمىسا ئەتىكى ھەركەتكىمۇ دەخلىسى بولاتتى. ئىمامنىڭشۇنچە ھايال بولۇشىمۇ ئۇنى ئەندىشىگە سالغىلى تۇردى.
ئۇ ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇپ بولۇپ زىكرىئېيتىپ ئولتۇرغىنىدا »شىپىر-شىپىر« ئاياقتىۋىشىنى ئاڭلىدى. بۇ يالغۇز كىشىنىڭ ئاياق تىۋىشىدەك ئىدى. شۇنداق بولسىمۇئىھتىياتتىن پىچىقىنى چىقىرىپ، ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قۇلىقىنى شىڭتايتىپ، كۈتۈپتۇردى. كەلگەن ئىمام ئىدى. ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇنكى، ئىمام ۋەزىپىنىمۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنداپ كەپتۇ. ئۆزىمۇ ئېچىلىپ قاپتۇ.
— ھېرىپ كەتتىلە، نامازنى ئوقۇپلا ئۇخلىۋالسىلا، — دېدىئابدۇرېھىم ۋە، — ئەمدى باللانى نامازغا ئويغۇتاي.
سەھەرنىڭ نەمخۇش سوغۇق ھاۋاسىدىن تىترەپكەتكەن يىگىتلەر چالا ئەسنىگەن ھالدا ئۇيقۇلىرىنى ئاچتى.
— يېقىنراق بىژ يەدە سۇ يوقمىدۇ؟ — دېدىئابدۇسالام.
— مەن تەيەممۇم قىلدىم، سىلىمۇ تەيەممۇمقىلىشسىلا، سۇ ئىزدەيمىز دەپ تەمتىلەپ ژۈسەك قاملاشمايدۇ. ئەمدى ئاخشاملىققىچەچىداشقا توغرا كېلىدۇ، باللا. ئاخشاملىققا يولغا چىقىمىز، يولدا سۇغا دۇچ كەلسەكئىچەمىز، تاھارەتنىمۇ كامىل ئالامىز، بوممىسا چارە يوق.
— تەيەممۇمغۇ قىلامىز، ئەمما-زە، ئېگىنىمىزدىكى قانلار قاندا بولادەيمەن يا؟
— ھىچنېمە بوممايدا، ساھابىلەرمۇ جىھاد مەيدانلىرىدا قان ژۇقىكىيىملىرى بىلەن ناماز ئوقۇغانغۇ، ئۇنتۇپ قاللىما؟ بوسىلا، ئىمام ساقلاپ قالدى،نامازنى ئوقۇپ يېتىۋالسۇن كىچككىنا.
ئۇلار جامائەت بولۇپ بامداتنىئوقۇۋالغاندىن كېيىن ئاران ھالى قالغان ئىمام گۈپپىدە چۈشكەن يېرىدە ئۇيقۇغاكەتتى. باشقىلار خېلى كۆتۈرەڭگۈ كۆرۈنەتتى. ئەمدى ئۇلار بىلەن مەسىلە مۇزاكىرەقىلىشقا مۈمكىندەك قىلاتتى.
— خوش، باللا، قاندا ئويلاۋاتىسىلە؟ نېمە قىلىمىز دەيسىلە؟ — دەپ پىكىرسورىدى ئابدۇرېھىم.
— ئابدۇسالام دېگەن ئاداش، مەن بىلگەندىنمۇ ئشتىكراقكەن ئەمەسما،باكادىن ئىش تېرىپ،... — دېدى ھەسەن بىر ئاز پۇشمانلىق كەيپىياتتا.
— ماندا لاتا گەپنى قىمماڭلا، ئادېش، — دېدىئابدۇسالام ئاچچىقى كېلىپ، — ئەمدى بوغاندا پۇشايماننىڭ بىر پايدىسى باما؟
— ياق، مەن قوقۇپ دەۋاتمايمە، ھامىنى ئادەم ئۆتتەگەندىكىن، خىتاينىئۆتتەسەكچۇ، دەيمىنا، ئۇيغۇرنى ئۆتتەگىنىمىز كۆڭلۈمنى سەل،...
— ھەسەن قارىم، ماندا تايىنى يوق گەپنى ئىككىنچى قىممىسىلا،ماقىما؟! — دېدى ئابدۇرېھىم سەل چېچىلىپ، — نېمە ئۇئۇيغۇر دېگەن؟ ئاشۇلا ئۇيغۇرما؟ كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن ئالدىمىزنى توستى ئۇلا؟قورالى بولغان بولسا بىزنى ئاتامتى ئاتمامتى؟ خىتاينىڭ يالاقچىنى قىلىۋاتقانگۇيلانى ئۇيغۇر دېگەنلىرى نېمىسى؟ سىلى يا بى قارا قوساق بوممىسىلا... ئۈچ خىتاينىئۆتتەدۇق دەۋەسىلە، ماندا، ئەكەكتەك! ئەمما-زە خاتا بوغان ئىش بىزنىڭ سەلئىشتىكلىك قىپ قويغىنىمىز بولدى. بىز دېگەن ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بى ئىشقا بەلباغلىغان ئەدەم بوغاندىكىن، پىلانىمىز بويىچە ئىش قىغان بوساق، مانچىۋالا ئەزانكەتمەيتۇق، جىقراق ئادەمنى سەپكە قاتالايتۇق، جىقراق دۈشمەننى ئۆلتۈرەتتۇق،ئەمدىزە، ھىچ كۈتمىگەن يەدىن، »ھادىسئاقيەدىن« دېگەندەك ئىش بولدى. پۇشماننىڭغۇ بى پايدىسى يوق، شۇندا بوسىمۇئادەم سەل،... نېمە بولۇدۇكەن...
— ئابدۇرېيىماخۇن، ماندا كۆڭەلنى غەش قىلىدىغان گەپنى قىممىسىلايا، — دېدىئابدۇسالام چېچىلىپ، — بىلىپ تۇرۇپ،...
— بولدى، بولدى، ئاۋازىڭلا ياڭراپ كەتتى، سەھەنىڭ جىملىقىدا بىسىئاڭلاپ قاممىسۇن، — دېدى قەييۇم، — نېمە قىلىمىز، نەگە بارىمىز، ما گەپنى دېيىشمەيلىما؟
— ئابدۇقەييۇم توغرا دەيدا، شۇنى دېيىشىلى، راستىنى دېسەم مەنغۇھازىر نەدىلىكىمىزنى، بۇ يەگە قاندا كەپ قاغىنىمىزنىمۇ بىلمەيمە، — دېدى ئىمامسەمىمىيلىك بىلەن.
— ھازىر بىز چوكانيانىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە، ھاجى مەلىسى تەۋەسىدەبىر يەردە بوساق كېرەك، — دېدى ئابدۇرېھىم تۈنۈگۈنكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن.
— بۇ يەدە نېمىش قىلىمىز؟
— مىشاغا بارىدىغىنىمىزنى دىھقانلانىڭ ھەممىسى ئاڭلىدى، بىزنىڭخەقنى بىلىشىلا، ئازغۇن، بەغەرەزلىكتە قاياشى يوق بى خەق، ئۇ گەپلەنى مەلۇم قىممايتۇراممايدا، شۇڭا مىشا تەرەپكە باماي، قىزىلبۇيا تەرەپتە بىر زامان پانالىنىپتۇساقمىكىن دەپ بۇ يەرگە باشلاپ كەگەنتىم. كۈندۈزى قوناقلىقتىن مىدىرلىيالمايمىزدەڭلا، بۇ ئاخشام ئەل ئايىغى جىمىققاندا يولغا چىقساقمىكى؟
— بولۇدۇ، شۇندا قىلىلى، ھېلىمۇ سىلىنىڭ ئەسلىرى جايىدىكەن،بوممىغان بوسا تۈنۈگۈن يانىڭ ئىچىدىلاكىم تۇتۇلۇپ قاراپ ئولتۇرۇدۇكەنمىز، ئاللاھقاشۈكرى.
— قىزىلبۇيىغا چوڭ يولغا يېقىن ماڭساق خەتەرلىك، شۇڭا ئېتىز ئارىلاپماڭىمىز. بۇ يەدىن چۈرۈچ تەۋەسىگە، ئۇ يەردىن قارايانتاق تەۋەسىگە بېرىۋالساق،ئاندىن بىز بىر يەردە تۇرۇپ تۇرۇمىز، ئابدۇقەييۇم بېرىپ تىڭ-تىڭلاپ كەلسە، ئۇيەدىكى باللا بىرە يەنى تېپىپ بىزنى يوشۇرالامدۇ-يوق، شۇنىڭغا قارايمىز-دە.
— چاتاق يوق، قىزىلبۇيىدا بىر زامان پانالانغىلى بولۇدۇ، — دېدىئابدۇقەييۇم غۇرۇر بىلەن.
ئەل بەختىنىڭ غەمگۈزارلىرى
يامانيار توسىقىدايۈز بەرگەن دەھشەتلىك ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەر ۋىلايەتكە يېتىپ كېلىشى بىلەنلائامانلىققا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەۋرەپ كەتتى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭتېنچ-خاتىرىجەملىكى جىددىي خەۋپكە دۇچ كەپتۇ دېگەن ئەندىشە ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىمۇچۆچۈچۈتۈۋەتكەن ئىدى. ئمەلىيەتتە ۋىلايەتنىڭ مەمۇرىي رەھبەرلىرىگە بىۋاسىتەئىتائەت قىلمايدىغان بولۇشىغا قارىماي، قوراللىق ساقچى ئەترىدىنىڭ قەشقەردىكى 4-تارماق ئەترىدى، ساجچى ئىدارىسى، زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىدى قاتارلىقئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرىنى تېلىپۇنغا چاقىرىپ كايىغان بولدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭجىددىي تەدبىر ئېلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى خاتىرىجەملىككە ئېرىشتۈرۈشىنى قەتئىيتەلەپ قىلدى.
بۇنداق بىر بۇيرۇقبولمىغاندىمۇ ئوخشاشلا قىلىنىدىغان ئىشلار شۇ گەپتىن كېيىن »ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن...« دېيىلىپ، ئەنە شۇ قالپاق ئاستىدائېلىپ بېرىلدى. يەنى بىر بىرلەشمە يىغىن چاقىرىلدى. ھەركىم پەرەز قىلالايدىغانئاددىي بىر رىجە ئىدى بۇ.
بىرلەشمە يىغىنساقچى ئىدارىسىنىىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە ئېچىلدى. بۇ ئۈچ ئورۇن ئىچىدە قوراللىق ساقچىتارماق ئەترىدى ئەڭ كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يىپ ئۇچى ۋە جىنايەت ئۇچۇرلىرىتەمىنلەنگەندىلا ھەركەتكە كېلەتتى. زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەترىدى (خەلقبۇلارغا پوپاڭدۈي دەپ ئات قويۇۋالغان بولۇپ، زوراۋانلىق قىلغۇچى ئەترەت دېگەنمەناغا كېلەتتى. كىم بىلىدۇ بۇ سىنىپىي دۈشمەنلەر قەستەن قويغان ئىسىممۇ تېخى!)ئادىمى ئانچە كۆپ بولمىغان، كەسپىي سەۋىيەسىمۇ بولمىغان كالتەكچىلەردىن ئىبارەتئىدى. بۇ ئىشنىڭ ئېغىرى ساقچى ئىدارىسى بىلەن قوراللىق ساقچى تارماق ئەترەتكەچۈشەتتى. يىغىن مەخپىيەتلىك تۈپەيلىدىن خىتاي باشلىقلارنىلا چاقىرىپئېچىلىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقاندىقىغا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقى بىرئەنئەنە، بۇرۇندىن كېلىۋاتقان ئۇدۇم ئىدى.
— يېڭى ئۇچۇرلار نېمە؟ ئورۇن، ئادەم سانى، قوراللارھەققىدە مەلۇمات بېرىلسە بىز توپۇلاڭچى قاتىللارنى يەنجىپ سۈيىنى چىقىرىۋېتىمىز! — دەپ غەزەپ بىلەن ئىپادە بىلدۈردىقوراللىق ساقچى 4-تارماق ئەترەتنىڭ باشلىقى جىيا خۇيلۇ.
ۋىلايەتلىك ساقچىباشقارمىسىنىڭ باشلىقى بۇ چاغدا ئادەتكە ئايلانغان ۋە ھەركىمگە يادا بولۇپ كەتكەنئەھۋال تونۇشتۇرۇش، خاراكتېرىنى بېكىتىش،... دېگەندەك قۇرۇق گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى.شۇڭا سۆزىنىڭ بېلىگە تەپكەن بۇ تىپىك خىتاي چىراي ياش باشلىققا مەنسىتمىگەندەكقاراپ قويۇپ:
— ئۆپكىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، لاۋ جىيا، مەنمۇ شۇ گەپكەكېلىش ئالدىدا، — دېدى ئىززىتىنى قوغداش ئۈچۈن بۇنداقبىر قارشىلىقنى زۆرۈر ھىساپلىغان ئاھاڭدا، — توپۇلاڭچى قاتىللارنىڭ ئۆلتۈرگىنىئىككى ئۇيغۇر، بۇ نۇقتىدىن بىزگە بىر زىيىنى يوق، يەنى، ئادەمنىڭ ئىشى چاغلىق ئىش.لېكىن، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ھۆكۈمەت ئىشى. ھۆكۈمەت ئىشى قىلىۋاتقان ئادەمنىئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلغانلىقى بىزگە قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن ئوخشاش دېگەن گەپ. مانابۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ئوخشاشلا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولۇدۇ.
— بۇلارنى كىم بىلمەيدۇ، كىم ئۆلگەنلەرگە ئېچىنىپكېتىۋېتىپتۇ؟ بىزمۇ شۇ ھۆكۈمەت ئادەملىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىقنىڭ ئۆزى بىزگەھۇجۇم قىلغانغا باراۋەر دەۋاتمامدۇق! — دەپ غۇتۇلدىدى جىيا خۇيلۇ يېنىدىكى پوپاڭ دۈيجاڭىغا،— قۇرۇق گەپنى ئاۋۇتماي نۆۋەتتىكىۋەزىيەت، نېمە تەدبىر ئېلىش دېگەندەكلەرنى ديىش كېرەك-تە...
— شەخسىي يىغىن ئاچمايلى، يولداشلار، بەزىلەر بەلكىمدەرىجە سۈرۈشتۈرۈپ قېلىۋاتسا كېرەك، بۇ بىز جۇڭگۇلۇقلاردا دايىم بولۇپ تۇرۇدۇغانئادەت، توغرا بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىمىز تەڭ دەرىجىلىك ئورۇنلار، ئەمما ۋىلايەترەھبەرلىرى بۇ ئىشنى تەشكىللەش ئىشىنى ماڭا ھاۋالە قىلغانلىقى، شۇئاندا بىزساھىپخانلىق ئورنىدا بولغىنىمىز ئۈچۈن مەن ئالدىڭلارغا چىقىپ قالدىم. چوڭ دۈشمەنئالدىدا دەرىجە سۈرۈشتۈسى قىلمايراق تۇرساق...
— ھىچكىم ئۇنداق گەپنى قىلمىدى، يولداش،...
— بولۇدۇ، ئەمىسە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت، دۈشمەننىڭ سانىبەش، يوشۇرۇنغان ئورنى مەلۇم ئەمەس. پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېرىدە دېيىشكەبولۇدۇ. لېكىن بۇ دېگەنلىك دۈشمەن ئالقىنىمىزدا دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى پەيزىۋاتناھىيىسىنىڭ زېمىنى كىچىك ئەمەس. ئون مىڭ ئەسكەر سەپەرۋەر قىلىنسىمۇ پۈتۈنناھىيىنى كونترول قىلىپ، دۈشمەننى تېپىش مۈمكىن ئەمەس.
— ھازىرغىچە يىپ ئۇچى بېرەلمىسەڭلا، بىز نېمە قىلىمىز؟— دېدى جىيا خۇيلۇ يۇمۇق كۆزلىرىنىتېخىمۇ يۇمۇپ، قاشلىرىنى سۈزۈپ.
— توغرا دەيسىز، ھازىرچە سىزگە ئىش يوق. يىپ ئۇچىتېپىش ئىشى بىزنىڭ ئىشىمىز. قولىمىزدىكى يىپ ئۇچى پەقەتلا ئاشۇ توساقتا ئۆلدىگەچىقىرىلغان، ئەمما ئۆلمەي قالغان خەنزۇ يولداش تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن،تېرورچىلارنىڭ تەققى-تۇرقى ھەققىدىكى ئۇچۇر. بەختكە قارشى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي،بۇ يولداشمۇ قۇربان بولدى. ئۇ تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى يامانياردىكى ئاممىنىڭتەمىنلىگەنلىرى بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇلۇپ، تېرورچىلارنىڭ رەسىملىرىنى چىقارغىنىمىزدىنكېيىن ئىزدەشمۇ، تۇتۇشمۇ ئاسان بولۇدۇ. ئەگەر دۈشمەندىن ئۇچۇر ئېلىنسىلا سىزگەخەۋەر بېرىمىز.
— قانداقسىگە دۈشمەن ئىزىنى يوقۇتۇپ غايىپ بولۇپكەتتى؟ بۇ دېمەك بارلىق ئۇيغۇرلار ئۇلارنى قوللايدۇ، ئۆيلىرىدە يوشۇرۇدۇ، دېگەنگەپ. ھىچ بولمىغاندا كۆپچۈلۈكى شۇنداق.
— لاۋ جىيا، ئەھۋالنى ئۇنچىۋالا يامان تەسەۋۋۇر قىلىپ،ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ قويمايلى، دۈشمەننى چوڭ مۆلچەرلەشقۇ ھۇشيارلىق ئۈچۈن پايدىلىق،ئەمما ئومۇمىي ئىستراتېگىيىدە دۈشمەننى مەنسىتمەسلىكمۇ زۆرۈر. ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىغايىللاردۇر ئېلىپ بېرىلغان ئىدىئولوگىيىلىك ئۆزگەرتىشلەر خاسىيىتىدە قۇللۇقئورناشتى، بەزىلەر بىزنىڭ ئىسمىمىزغىمۇ ئىتائەت قىلىۋېرىدۇ، ھەتتا بىر-بىرىنىتۇتۇپ بېرىپ خىزمەت كۆرسۈتۈش كويىدا، ئەمما بۇ خۇددى ئۇلارنىڭ ئۇيقۇلۇق ھالىتى؛كۆزىنى ئېچىپلا قالسا ھەر بىرى دۈشمەنگە ئايلىنىشىمۇ راست. ئەمما بۈگۈنكىۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، توپۇلاڭچىلارنى قوينىغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغانلىرىيوق ھىساپتا. چۈنكى بۇ خەلقنىڭ توغرا –خاتا ھەققىدىكى ئۆلچەملىرى تەرىپىمىزدىنبەلگىلەپ بېرىلگەن پېتى. يەنى، ھۆكۈمەتنى توغرا تەرەپ دەپ بىلىدۇ. شۇڭا خاتاتەرەپكە يان بېسىش ماددىي زىيانغىلا سەۋەپ بولمايدۇ، يەنە ئادىمىيلىك، ئەخلاق،ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ دىنى نۇقتىسىدىنمۇ خاتادەك ئاجايىپ بىر خىل قاراش شەكىللەنگەن.مانا بۇ تۇمانلاشقان كاللا كۈنسېرى تۇمان قويۇقلۇشۇپ، بىزنى خاتىرىجەملىك بىلەنتەمىنلەيدۇ.
— كارامەت چوڭ نەزەرىيىلەركەن بۇ...
— توغرا، سىلەر ئەسكەرلەر بۇلارنى چۈشەنمەيسىلەر،سىلەر ئاتساڭلارلا بولدى. ئەمما مەن شۇنى دەپ قوياي مېنىڭ دەۋاتقانلىرىم ئېتىشتىنمۇبەكرەك ئۈنۈم بېرىدىغان بويسۇندۇرۇش ۋە يوقۇتۇش ئۇسۇلى. بۇنى بۇ يەردە سۆزلىسەممۇبەرىبىر چۈشەنمەيسىلەر، — ساقچى باشلىقى ئۆزىنى كۆرسۈتۈپ، باشقىلارنىچۆكۈرۈشنىڭ پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى.
— ئەمىسە نېمىشكە بۇ گەپلەر بىلەن ۋاقىت زاياقىلىۋاتىمىز، چۇجاڭ؟
— گېپىڭىزگە يارىشا دەپ قويدۇم. ۋاقتى كەلگەندەكۆرۈسىز، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئەنە شۇ توپۇلاڭچىلارغا قارشى سەپەرۋەرقىلىمىز. شۇ چاغدا چۈشۈنۈسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ گەپ ئاڭلايدىغان ماشىنىلارغائايلىنىپ بولغان!
— بۇ نەزەرىيىلەرنى قويايلى، چۇجاڭ، ئەمدى نېمە قىلىشھەققىدە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە كېلەيلى، — جىيا خۇيلۇ ئۆزىنىڭ قولىدىكى مىڭلىغان قوراللىقئەسكەرنى گويا ئۆزىنىڭ كۈچى ھىساپلامدىكىن، ئۆزىنى بەك كۈچلۈك ھىس قىلاتتى.
— بىز دۈشمەنگە تەكرار ھەركەت قىلىش پۇرسىتى بېرىشكەمەجبۇرمىز، ئۆزىنى ئاشكارىلاش پۇرسىتى بەرمىسەك، پۈتۈن ناھىيىدىكى ھەر بىر ئۆي،ھەر بىر قوتاننى، ھەر ئېتىزنى ئاختۇرۇپ چىقالامدۇق؟ دۈشمەننىڭ ئەڭ كىچىك ھەركەتدائىرىسى مۇقىملاشقاندىلا ئاندىن بىز كۈچىمىزنى جارى قىلدۇرالايمىز. ھازىر يىپئۇچى ئىگىلەش، ئۇيغۇر ئاممىسى ئارىسىدىكى ئاكتىپلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇچۇرتوپلاش ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇڭا دۈشمەننى ھۈركۈتۈپ، تېخىمۇ كەڭلىككە قاچۇرۇپقويساق چاتاق بولۇدۇ. شۇڭا جىم-جىتلىق بېرىپ، ئۇلارنى بىخۇتلاشتۇرىشىمىز لازىم.ئۇلار بۇ قېتىم ئۆزىنى ئاشكارىلىسىلا قولغا چۈشۈدۇ، تەكرار غايىپ بولۇپكېتەلمەيدۇ. ھەممە كۆزلەر تىكىلىپ تۇرۇغلۇق، ھەممە ئادەم دىققەتتە.
— ئۇنداقكەن، ھەممە ئادەمنى چاقىرىپ مەجلىس ئېچىشقىمۇھاجەت يوقكەن ئەسلىدە، ئادەم ئاۋارە قىلىپ...
— بۇ ۋىلايەتنىڭ تاپشۇرۇقى، بىر. ئىككىنچىدىن ھەرقايسىئورۇنلارنىڭ قارىغۇلارچە ئۆز ئالدىغا ھەركەت قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن. بۇ يەردەيەنە تەكلىپ قىلىنغانلاردىن پەيزىۋاتتىن، يېڭىشەدىن كەلگەنلەرمۇ بار. بۇ ئىككىيەرلىك ئورۇندىكىلەر دۈشمەننى ئېنىقلاشقا مەسئۇل. لاۋجىيا، سىزدەك ئوۋچىقاپلانلارغىمۇ نۆۋەت كېلىدۇ، ئالدىراپ كەتمەڭ.
يىغىننىڭ ئاساسىيكۈنتەرتىبى دېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، يولداشلار قايناقسۇ ئىچكەچ ئۇيغۇرلارنىيوقۇتۇش ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى سۆزلۈشۈپ كېتىشتى. بەزىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇتاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلار بولۇۋاتاتتى. ھۆكۈمەتنىڭ لىڭتاسلمىلىقى ئوغىسىنىقاينىتاتتى. بۇنداق يۇمشاق سىياسەت يولغا قويۇشنىڭ نېمە كېرىكى؟ ئۇيغۇرلار شۇقەدەر كۈچلۈكمىدى؟ بۇ مۇنبەت تۇپراقلارنىڭ كۆزى ئوچۇق كېتىۋاتاتتى. يە تۈزۈكپايدىلىنىشنى بىلمىگەن. بۇلارنى تازىلاپ تۈگۈتۈۋېتىپ، ئاھالىسى زىچ ئۆلكىلەردىنكۆپلەپ ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ، پۈتۈنلەي يېڭىلاش كېرەك ئىدى. گەرچە ھۆكۈمەتمۇئاخىرقى ھىساپتا شۇنداق قىلماقچى بولسىمۇ، قەدەم بەك ئاستا، بۇ يەردە باشقۇرۇشتاكۆپ كۈچ ۋە چىقىم كېتىۋاتاتتى. ئېتنىك بىر خىللىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى دۆلەتمۇداپىئەسى ئۈچۈن غايەت زور پايدا كەلتۈرەتتى. ئازراق چىقىم بىلەن، كۆپ ئۈنۈمگەئېرىشكىلى بولاتتى. ئېتنىك پەرق، بولۇپمۇ چېگرا رايونلاردىكى ئېتنىڭ ئوخشىماسلىقمۇداپىئە مەزمۇنىدا ئىچىگە قارىتىلغان يەنە بىر فونۆىسىيەنى تەقەززا قىلغاچقا،ئادەم كۈچى مالىيە كۈچى ئىسراپچىلىقى بولاتتى.
ئەمما بەزىلەرھۆكۈمەتنىڭ ئاستا-ئاستا تۈگۈتۈش تاكتىكىسىنى توغرا ھىساپلىدى. بۇنداق بولغانداخەلقارادا ھىچقانداق غۇلغۇلىغا سەۋەپ بولمايلا پۈتتۈرگىلى بولاتتى. بۇلار تائۆزلىرى زېرىككۈچە مانا شۇ تېمىلاردا قىزىپ سۆزلۈشۈپ، تالاش-تارتىش قىلىشىپئولتۇرۇشتى. ئارىغا بىرەرمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئارىلاشمىغىنى ئۇلارغا خاتىرىجەملىك ئاتاقىلغانىدى.
***
جىياخۇيلۇ تارماقئەترەتكە قايتىپ كېلىپلا بۇ يەردە سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىردى. ھەرقايسى چوڭئەترەت، ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقلىرىنى توپلىدى. بۇ يىغىندا بىرگىنە ئۇيغۇر مۇئاۋىنمەسلىھەتچىلەر باشلىقى قەيسەر ئىدى.
نورمالدا قەيسەرنىئۆزلىرىدىن يات بىرسى قاتارىدا كۆرمەيدىغاندەك قىلىشىدىغان يولداشلار بۇ قېتىمقىۋەقە تۈپەيلىدىن قەيسەرگىمۇ گۇمانىي قارىغاندەك بىلىنىۋاتاتتى. بۇ قەيسەرنىڭيۈرەكلىرىنى زىرىلداتتى. ئۇ ساداقىتىنى ئىپادىلەشتە جېنىنى بېرىشكىمۇ تەييار ئىدى.ئۇنىڭ بىردىن-بىر ئۈمىدى، يولداشلارنىڭ ئۇنى توغرا چۈشۈنۈشى ئىدى. ئۆزىمۇ ئادەتتەيولداشلار بىلەن تاماقتا بىللە بولاتتى، چوچقا گۆشىنى يەۋېرەتتى. رەڭگى روھىمۇيولداشلاردەك پەرقلىنىپ كەتمەيتى. چېچىنى قىسقا ئالدۇرۇپ، يولداشلارنىڭ پىنتۇدېيىلىدىغان پاسۇنىدا ياسىتىپ يۈرەتتى. پىشانىسىنىڭ كەڭلىكى بىر ئاز يات ئىدىيۇ،ئەگىلمىگەن، تۈز سىزىق شەكلىدىكى كىچىككىنە قېشىمۇ يولداشلارنىڭكىگە ئوخشايتى.ئاشۇ قاپاقلىرى ئاستىدىكى يۇمۇق كۆزلىرى، يۈزىنىڭ كىپتى تامامەن يولداشلارنىڭئۆزىلا ئىدى. ئۇنى ئەسكەرلەر ئىدە كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم يولداشلاردىنپەرقلەندۈرەلمەيتى. بۇ ھال قەيسەرنى بەكمۇ خۇرسەن قىلاتتى. تېخىمۇ موھىمى ئۇنىڭتاشقى قىياپىتىلا ئەمەس، ئىچكىي دۇنياسىنىڭمۇ يولداشلاردەك بولۇشى ئىدى. ئۇنىڭپۈتكۈل قىممەت قاراشلىرىمۇ يولداشلاردەك ئىدى. شۇغۇنىسى بۇنى تەقلىت قىلىشقاتىرىشاتتى.
يۈز يۇيۇشتىمۇيولداشلاردەك داسقا سۇ ئېلىپ، لوڭگىنى چىلاپ تۇرۇپ يۇياتتى. ئائىلىسىدىمۇ تامامەنيولداشلارچە تۇرمۇش ئادەتلىرى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەنپارتىيىگە، يولداشلارغا سادىق ئىكەنلىكى ھەر بىر ئۇششاق ھەدد-ھەركەتلىرىدىن،قىلىقلىرىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. شۇڭا، يولداشلارمۇ ئىختىيارسىز يوسۇندا ئۇنى ئىچىمىزدىكىبىرسى دەپلا ئويلۇشاتتى. شۇڭلاشقىمىكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قالاق، غەلىتە قىلىقلىرىنىڭبىرەرسى تىلغا ئېلىنىپ قېلىپ، مەسخىرە قىلىشقا توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ قەيسەردىنتارتىنىپ تۇرۇشمايتى. قەيسەر ئۆزىمۇ بۇ مەسخىرىلەرگە قوشۇلۇپ، يولداشلاربىلمەيدىغان تەرەپلەرنى تولۇقلاپ، تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرەتتى. بۇ يولداشلارغاشۇنچىلىك ياقاتتىكى، قەيسەرنى تېخىمۇ ياخشى كۆرگەندەك قىلىشاتتى.
مانا ئەمدى ئاشۇيولداشلار ئۇنىڭغا بىر تۈرلۈك مەسخىرىلىك، تۇز كور بىرسىگە قارىغاندەكمەنسىتمەسلىك، نەپرەت نەزىرىدە قارىغاندەك قىلىشىۋاتاتتى. ئەترەت باشلىقى جىياخۇيلۇغۇ ئۇنىڭ خېلى يۈز-خاتىرىسىنى قىلغاندەك قىلدى. ئۇ يىغىندىن قايتىپ كېلىپيىغىن چاقىرماقچى بولغاندا، كارىدوردا يولۇققان قەيسەرنىڭ يىغىننىڭ كۈنتەرتىبىھەققىدە سوراپ سالغان سوئالىغا:
[1]关于你的老乡们干的好事، — دېدى ئۇ دوستانە كۈلۈمسىرەپ.
شۇنداق بولسىمۇ بۇ چاخچاققىمۇ تۈزۈتۈشبەرمىسە قەيسەرنىڭ ۋىجدانى ئازاپلىناتتى:
— جىيا دۈيجاڭ، — دېدى ئۇ سەمىمىي كۆڭلىدىن قېيدىغاندەك قىلىپ، — »يۇرتداشلىرىڭ« دەپ دىلىمنىرەنجىتىۋاتىسىز، مەن شۇ ئاتا-ئانام ئۇيغۇر بولۇپ قالغاننى ھىساپقا ئالمىغاندانەرىم سىلەردىن پەرقلىق؟ دەپ بېقىڭە قېنى؟ مېنى ئاشۇ توپۇلاڭچىلار بىلەن بىرخىلدەك گەپ قىلسىڭىز رەسمىي خاپا بولۇپ قالىمەن جۇمۇ!
— چاخچاق، كەي فۇسەنموجاڭ، چاخچاق، — دېدى جىيا خۇيلۇ كۆزلىرى تامامەن يۇمۇلغان ھالدا ھىجىيىپ.
ئەمما باشقىلار ئۇنىڭغا دۈشمەنگەقارىغاندەك قاراۋاتقاندەكلا بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى. مەسىلەن، ئاشۇ چوڭ ئەترەتباشلىقى ۋاڭ گاڭ دېگەندەكلەرچۇ! دايىملا ئىشخانىدا كۈچۈكلىنىپ يۈرۈدۇغان لاۋجىيانىڭ يالاقچىلىرىدىن لىيۇ جىژجۈن دېگەندەك ئەسكەرچاقلارمۇ ھالىغا باقمايئۇنىڭغا نەزەرمۇ سالمايۋاتاتتى. ئەگەر پارتىيە ھۆكۈمەت ئادىل تۇتۇپ تۇرمايدىغانبولسا، توپۇلاڭچىلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلار بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىئۆلتۈرۈپلا قويغۇسى بار خۇددى. ئەمما ئۇ ۋاڭ گاڭ بىلەن تەگىشىپ ئولتۇرمىدى.
يىغىندا ھەتتا بىرى »بۇ قېتىمقى ھەركەتكە ئۇيغۇر ئەسكەرلەرمۇ قاتنىشامدۇ؟« دېگەن بىمەنەسوئالنى قويۇۋىدى، ھەتتا باشقىلارمۇ ئاران تۇرغاندەك، مۇشۇنداق بىمەنە سوئالغاقارشى تۇرماقتا يوق، ئاران تۇرغاندەك، بۇنى بىر مۇزاكىرە تېمىسى قىلىۋېلىشتى.بەزىلەر ھەتتا خىجىل بولماستىن، »ئۇيغۇرلارقاتناشمىسۇن، كىم بىلىدۇ، ئۇلار ئارقىدىن خەنجەر ئۇرامدۇ تېخى! « دېگەنىدى،قەيسەر ئۇنىڭ كىملىكىنى كۆرۈۋېلىپ ئەدىبىنى بېرەي دەپ بوينىنى سوزۇپمۇ ئۇنىتاپالماي قالدى. شۇڭا ئۇ جىيا خۇيلۇنىڭ بۇ بىمەنە گەپكە ئاچچىقلاپ، قايناپكېتىشىنى تاما قىلىپ مۆلدۈرلەپ قارىغان ئىدى، قېرىشقاندەك جىيا خۇيلۇ خۇددىكۆڭلىدىكى گەپ بولۇۋاتقاندەك كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرۇۋەردى. بۇ ھال ئاۋۇ يولداشلارغاخۇددى يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەندەك تۇيۇلۇپ، ئەزۋەيلەپ كېتىشتى. بەزىلەر ئۇيغۇرقاتناشسۇن، ئەمما ئوق بېرىلمىسۇن دېگەنمۇ بولدى. يەنە بەزىلەر بولسا ئۇيغۇرلارغاقورال بېرىلمىسۇن، نەيزىمۇ، كالتەكمۇ شۇنىڭدەك بىرنەرسە تۇتسۇن دېگەنمۇ بولدى.
قەيسەر تولىمۇ ئازاپلاندى. ئۇ ئۆزئىپادىسىدە چوقۇم كەمچىلىكلەر بولۇشى كېرەك دەپ ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈردى. يولداشلارنىڭكۆڭلىنى چېگىپ قويغان يەرلىرىم بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى. يولداشلارنىڭئاغرىنىشلىرىنى ئاساسسىز دېيەلمەيتى. قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئازاتلىققا چىقىرىپقويسا، مانا مۇشۇنداق تۇز كورلۇق قىلىۋاتسا، بۇ خەق، كىم ئاغرىنمايدۇ؟ شۇڭا ئۇيولداشلاردىن ئەمەس، ئۆز مىللىي قېرىنداشلىرىنىڭ تۇزكورلۇقىدىن ئاغرىندى. ئازاتزاماننىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان تەربىيەسىزلىكى، ئاڭسىزلىقىدىن پۇچۇلاندى. »بۇ قېتىم ھەركەتكە قاتنىشىپ قالسام، بىزدىنمۇ خۇاڭجىگۇاڭ، دوڭ سۈنرۇيدەك قەھرىمانلار چىقىدىغانلىقىنى بىر كۆرسۈتۈپ قويمىسام، ماۋۇيولداشلار، قارىسام بەك رەنجىگەندەك، بەزى ئازغۇنلارنىڭ قىلغان قىلىقى تۈپەيلىھەممىمىز كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ كەتكەندەك قىلىمىز؛ دېمىسىمۇ يولداشلارنىڭ ئاغرىنىشىئورۇنلۇق، ئۇلار بىزنى ئۈچ چوڭ تاغنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئازات قىلغان تۇرسا،بىز خەقتەك تۇز كور خەلق جاھاندا يوق جۇما. ئەگەر خەنزۇ يولداشلار بولمىغان بولسائېشەككە مىنىپ ئۆتۈپ كەتمەيتۇقما؟ پويېز، ئايروپلان دېگەنلەرنى چۈشۈمىزدىمۇ كۆرمىگەنبولاتتۇق. نەدە بۈگۈنكىدەك شەھەرلىرىمىز بولسۇن؟ تېزەك قالاپ، سامان قالاپئۆتەتتۇق. ئى قەشقەلىكنى دەيمىنا، ئاشۇ ئاغمىغاننىڭ ئۇگىسىدەك ئۆيلىرىدە قاچانغىچەئولتۇراتتىكى، پارتىيە-ھۆكۈمەت بۇ كوۋۇكلارنى چېقىپ-تۈزلەپ زامانىۋىي شەھەر قۇرۇپبېرەي دەۋاتسا، ھەشقاللا ئېيتماقتا يوق، ئاللا-كاللا سېلىشىپ كېتىۋاتمامدا،ئاينىكا. بىز خەقمۇچۇ، ئۆتۈپ كەتكەن ... نېمە جۇما. ۋاي توشۇپ ئەكەتتى، ۋاي بىزگەقالمىدى! دەپ ئىغۋا تارقاتقان پايتىماباشلارنىڭ ئۆزىگە قالسا نېفىتنى كەتمىنىبىلەن ئاچامتىكىنا؟ زاۋۇت قۇرالايدىغان بولغىيمىدى؟ بىكار ياتقان بايلىقنى ئېچىپ،پىششىقلاپ ئىشلەپ تەييار قىلىپ ئەكىلىپ سېتىپ بەرسە يامان قىپتۇما!؟ قىلاي دېسەگەپ-تە!« دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈردى.
كۆڭلىدىن كەچۈرگەن جەڭگىۋار نىيەتلىرىگەقارىماي، بېشى چۈشۈپلا كەتكەن ئىدى. ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ھاقارەتكە ئۇچرىغاندەكقىلدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى سولتەك ئەسكەرلەردىن كۆرۈۋاتقان مۇئامىلە تۈپەيلىئەمەس، بەلكى، ئۆزىنىڭ تېخىچە ئىشەنچكە لايىق بولالمىغانلىقىدىن، يۇرتداشلىرىنىڭتۇزكورلۇقىدىن ئىدى.
ئاخىرىدا جىيا دۈيجاڭ غۇلغۇلىلارنىمەركەزلەشتۈرۈپ سۆز سۆزلەشكە باشلىغاندا ئۇ ئۈمىت بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ ئولتۇردى.
— ... بىز ھەركەت ئېلىپ بارىدىغان جايلاردىكى ئاھالە ئۇيغۇرلار،سېپىمىزدىكى ئۇيغۇر ئوفىتسېر ئەسكەرلەر بۇ قېتىمقى ھەركەتتە موھىم رول ئوينايدۇ.ئۇلار بولمىسا بولمايدۇ. مەن بۇ يولداشلارغا تولۇق ئىشىنىمەن،... — دېدى جىياخۇيلۇ سۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا شۇنىڭ بىلەن قەيسەرنىڭ چىرايى ئېچىلدى. ئېچىلدىلائەمەس، خۇشاللىق ياشلىرىنى تۇتالمىلى تاس-تاماس قالدى. شۇڭا ئۇ يىغىندىن كېيىنجىيا خۇيلۇنىڭ ئىشخانىسىغا ئالايىتەن كىرىپ رەخمەت ئېيتىشنى ئۆزى ئۈچۈن قەرزھىساپلىدى.
— ئەترىتىمىزدىكى بارلىق ئۇيغۇر ئەسكەرلەر نامىدىن سىزگە رەھمەتئېيتىمەن. بىزگە ئىشەنگىنىڭىز ئۈچۈن رەخمەت. ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويماسلىققاقەتئىي ۋەدە بېرىمەن! ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن جېنىم پىدا! ھەرقاچانقۇربان بولۇشقا تەييارمەن! — دەپ ھەربىيچە چاس بەردى ئۇ.
جىياخۇيلۇ مەمنۇنلۇق بىلەن ھىجايغانداكۆزلىرى تامامەن يۇمۇلۇپ كەتتى:
— 好好干! — دەپ ئىلھام بەردى ئۇ داھىيانەقىياپەتتە قەيسەرنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ.
قەيسەر بۇ بەختلىكتۇيغۇلىرىنى يوشۇرالمايلا قالدى. بۇ تۇيغۇلىرىنى بىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشمىسائىچىگە پاتقۇزالمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئەترەتتىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى تېپىپ،ئۇلارغا يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزگەچ، ئەترەت باشلىقىنىڭ ئىشەنچى ھەققىدىكىمەمنۇنىيىتىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى توغرا تاپتى.
ئۇيغۇر ئەسكەرلەرئۇنچىۋالامۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئاشۇ بەش-ئالتەيلەننى توپلاپ ئۇلاربىلەن سۆزلەشتى.
— باللا، بۇ قېتىم چوڭ ھەركەت با، خەۋىرىڭلا بادۇ؟يامانيادا بوغان ئىشنى تېرىغان قاتىللارنى تۇتۇمىز.
— ئاڭلىدۇق، ئەمما بەزى يولداشلار »سىلەر قاتناشمايسىلەر، سىلەر قاتناشساڭلا ئارقىمىزدىن خەنجەر ئۇرۇشۇڭلارمۈمكىن، سىلەرمۇ ئۇيغۇر« دەپ ژۈرۈيدا؟
— ھە، گەپ شۇ، — دېدى قەيسەر، — ئەگەر جىيا دۈيجاڭ بوممىغان بوسائاشۇنداقمۇ بولىتى، بەلكىم. ئەمما جىيا دۈيجاڭ بىزگە ئشىنىدىغانلىقىنى دەپ، بۇقېتىمقى ھەركەتكە ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىدۇ، دېدى. جىيا دۈيجاڭغا قانچىلىك رەخمەتئېيتساق ئاز. بىلدىڭلاما؟ ھە، يەنە، باللا، ئاۋۇ قاتىل گۇيلارئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىمىزنى چۈشۈردى، باللا، ھە، مەن دېمىسەممۇ بىلىسىلەر، ماۋۇيولداشلار بىزدىن رەسمىي رەنجىدى، باللا، ئۆزىمىزنى بىر كۆرسۈتۈپ قويايلى جۇما!قورقۇنچاقلىق قىلمايدىغانسىلەر؟ — دېدى.
— خاتىرىجەم بولسىلا، دەيمە، فۇسەنموجاڭ، بىز ئاشۇندائادەمما؟ — دېدى يىگىتلەر ئىپادە بىلدۈرۈپ.
— جىيا دۈيجاڭنىڭ ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ نامىدىن پونىئېتىپ قويدۇم، باللا، قۇربان بېرىشكىمۇ تەييارمىز دېدىم، مېنى ئوسال قىلىپقويماڭلا، مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى چۈشۈمەڭلا، جىما.
— ۋاي، خاتىرىجەم بولسىلا دەيمەن. ۋەدە بېرىپ توغراقىپلا، بىزمۇ شۇ قۇربان بولۇشقا تەييار زادى.
— بىزگىمۇ ئوق بېرەمۇ يا؟
بۇ سوئالغاجاۋابەن قەيسەرمۇ ئىككىلىنىپ قالدى.
— ئۇ موھىم ئەمەس، ئوقسىزمۇ، قورالسىزمۇقەھرىمانلىقىمىزنى كۆرسۈتۈۋېرەيلى، قاندا دەيسىلە؟
— ئۇنىڭدىغۇ گەپ يوق، ئەمما قورال بەرمىسە ياكى ئوقبەرمىسە شۇ بىر ئاز ھار كەپ قالۇدۇ-دە، ئىشەنمىگەندەك...
— ئەگەر بۇ قېتىم ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭمەيدانىنى ئىپادىلىسەك، بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلماس بولۇدۇ، ئىشەنمىگىنى ئۈچۈنخىجىل بولۇپ قالدۇ. بولسا ئاشۇنداق قىلسۇن، ئاندىن بىزمۇ يولداشلارنى خىجىل قىلىپقويايلى.
ئۇلارنىڭئەندىشىسى بىكار ئەمەس ئىدى. نورمالدا بىر يەردە ۋەقە يۈز بەرسىلا ئۇيغۇرساقچىلاردىكى قوراللار يىغىۋېلىناتتى. بۇلارنىڭمۇ ئوقلىرىنىڭ سانى تەكشۈرۈپتۇرۇلاتتى.
شىلدىرلىماڭلار، قوناقلار
شۇنداق قىلىپئۇلار قىزىلبۇيا تەۋەسىدىكى بىر قوناقلىققا كېلىپ پاناھلاندى. بۇ يەردىكى دوستلاربىلەن ئالاقە ئورنۇتۇلدى.  كېچىسىدوستلارنىڭ ئۆيلىرىدىمۇ بولۇشتى. كۈندۈزلىرى ئاھالىدىن ئەڭ يىراق بولغانقوناقلىقلارنىڭ ئىچىدە يېتىشتى. پۈتۈن ئۆمۈرنى بۇنداق ئۆتكۈزگىلى بولمايتى. بىراق،بۇ يەردىن باشقا نەگە بېرىش مۈمكىن؟ نا تونۇش جايلارغا كەتكەن بىلەنمۇ يوشۇرۇنۇش،تاماق مەسىلىلىرى باشنى قاتۇراتتى. مەسىلەن، تاغ ئارىسىغا كىرىپ كەتسە ياكى چۆلگەكىرىپ كەتسە بۇنچىۋالا قورقۇنۇچ بولمايتى. ئەمما تىرىك جان تاماق يېمىسەبولمايدۇ-دە. تاماقنى قانداق قىلىدۇ؟ ئوۋچىلىققا تايىنىپ ياشايلى دېسە بۇنىڭبىرنەچچە قىيىن تەرىپى بارىدى: بىرى ئۇلاردا ھىچقانداق ئوۋ قورالى يوق ئىدى.ئوۋچىلىق تەجرىبىسىمۇ يوق بولغاچقا، ئاددىي ئوۋ قوراللىرىنىمۇ ياسىۋالالمايتى.يەنە بىرى، مەيلى چۆلدە، مەيلى تاغ ئارىسىدا بولسۇن بىرەرسى ئۇچراپلا قالسائۇلارنى نورمال ئادەم ھىساپلىمايتى. چۈنكى بۇنداق يەرلەر ئاھالە ياشايدىغان يەرلەربولمىغاچقا، بەك ئاسان چېنىپ قالاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ھازىر چۆلنىڭ قەيەرلىرىدەپاناھ تاپقىلى بولۇشىمۇ بەلگىسىز ئىدى. چۈنكى نېفىتچىلەر، قىدىرىپ تەكشۈرگۈچىلەركەم بولمايتى. تاغلار ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ سىرلىق، قورقۇنۇچلۇق يوچۇن دۇنيا ئىدىكى،بۇلاردىن ھىچكىم تاغ ئارىسىدا ياشاپ باققان ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئۆز يۇرتىنىڭبىپايان زېمىنىدە بۇنچىۋالا قىستىلىپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ كۆرۈشمىگەنىدى. دۇنيانەقەدەر تار ھە! ياكى پەقەت مۇشۇلارغىلا ئاشۇنداق تارمىدۇ؟
تېخىمۇ ئەلەملىكبولغىنى ئۇلار ھەركەت ئىمكانلىرىدىن قېلىش تۈپەيلى، ھىچقانداق ئەمەلىي خىزمەتبېرەلمەيتى. باشقىلارغا تايىنىپ ياشايدىغان مەجرۇھلارغىلا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.شۇڭا ئۇلار زادى قانداق قىلىش، نېمە قىلىش، نەگە بېرىش ھەققىدە قارارسىز ھالەتتەكۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. قىزىلبۇيىدىكى دوستلار قورقۇپ تۇرۇۋاتسىمۇ، ئۇلارغاتاماق توشۇيتى ياكى كېچىلىرى ئۆيلىرىدە باقاتتى. ئۇلارنى بىزگە يۈك بولدۇڭلاردېيەلەمدۇ؟ ئەمما ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارغا بىر جاپا بولۇپلا قالماي، ئوتنى ئۆزىگەتۇتاشتۇرۇۋېلىشقىمۇ يارايتى. بۇ تازىمۇ ئوڭايسىز، تازىمۇ كىشىنى خىجىل قىلارلىقۋەزىيەت تۇغدۇرغان ئىدى. بۇنى ئاۋۇلار چۈشەنمەيتىمۇ؟ چۈشۈنەتتى. خىجىل بولۇشاتتى،ئەمما نېمە چارە؟
ئۇلار ھەر كۈنىلاتالاش-تارتىش قىلىۋاتقان بولسىمۇ، كەلگۈسى ھەققىدە ئېنىق قارارغا كېلىشەلمىدى.داۋاملىق بۇ تەقلىتتە يوشۇرۇنۇپ ياشاش مۈمكىن ئەمەسلىكى، كۈز كېلىپ قوناقلار ئورۇلۇپكېتىلسە، ھەركەت ئىمكانلىرىنىڭ تېخىمۇ تارىيىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ مۆلچەرلىشەتتى.ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىرى-بولمىسا بىرىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالمايمەن دېگىلىبولمايتى. چۈنكى، خىتايلار ھازىر ئۇلارنى مەيلىگە قويۇپ ئىزدىمىگەندەك قىلغىنىبىلەن، مەھەللە-مەھەللىلەردىكى ياغاچ ئاكتىپ، بىكارلىق غالچىلارنى سەپەرۋەر قىلمايقالغاندىمۇ؟ ھەممە ئادەم دىققەتتە تۇرۇۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە بۇنداق كېتىۋەرگىلىبولمايتى.
كەلگۈسى ھەققىدەئېنىق قارار بېرەلمەيلا ئون كۈنچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن ئابدۇرېھىمدوستلىرىنىڭ سەمىگە ھەممىگە ئايان بولسىمۇ ئۆزلىرىنى قاچۇرۇۋاتقان بىر رىئاللىققايۈزلۈنۈش كېرەكلىكىنى سالدى:
— ھازىرقى بۇ ئەھۋالىمىزدا بىزنىڭ ئۆلەمدىن باشقايولۇمىز يوق، باللا، ئۆز-ئۆزىمىزنى گوللىساقمۇ، گوللىمىساقمۇ بۇ ئېنىق، بۇنى ئېنىقتونۇيلى، ئۆزىمىزنى شېھىت بولۇشقا تەييار ھالدا تۇتىلى. ئاندىن يەنە بىر ئىش تىرىكتۇتۇلۇپ قېلىشنىڭ ئەڭ چاتاق ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇيلى. بۇنىڭ بىرى، مۇناپىق بولۇپئۆمۈرۋايەت قىلغان ئەقىدىمىزنى بىر تىيىن قىلىشتەك ئاخىرەتلىككە زىيان تەرىپى بار،ئىككىنچىسى قىيىن-قىستاقلاردا ئىنسان بالىسى ئەقلىگە كەلتۈرەلمەيدىغانۋەھشىيلىكلەر تارتقۇلۇقىمىز بولۇدۇ، ئۈچىنچى زىيىنى بىزدىن كېيىن يەنە ئاللاھرىزاسى ئۈچۈن ئىشىنى داۋام قىلىشى كېرەك بولغان، بىزدىن باشقىلا بىلمەيدىغاندوستلىرىمىزنى دەپ سېلىپ، كېيىنكى ئىشلارغىمۇ زىيان يېتىدۇ. شۇڭا، ئەگەر تۇتۇلۇپقېلىش خەۋپى تۇغۇلغاندا جان تىكىپ ئېلىشىپ، شېھىت بولۇشنى قولغا كەلتۈرسەك،دۇنيالىقىمىزمۇ، ئاخىرەتلىكىمىزمۇ ياخشى بولۇدۇ. مانا مۇشۇنىڭدا كۆڭلۈمىزدە سانبولسا.
— توغرا، — دېدى ئابدۇسالام، دوستىنى تەستىقلاپ، — ھەرقانداق ياغلىما گەپلەرگەئىشەنمىسەك بولۇدۇ. كەڭچىلىك دېگەن يوق، بۇنىڭدىن گۇمانلانماسلىق كېرەك.دۈشمىنىمىز خىتاي، بۇنداق بىر دۈشمەننىڭ كەڭچىلىك قىلىشىنى چۈشىسەك تازىمۇھاماقەتلىك بولۇدۇ، ھەم بۇنداق بىر دۈشمەندىن كەڭچىلىك تاما قىلىشمۇ ئىمانغا بېرىپتاقىلىدىغان خاتا ئىش. شۇڭا شېھىت بولۇشتىن ياخشىسى يوق.
ھازىر ئۇلارنىڭكۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن چاغدىكى پىسخىك قالايمىقانچىلىقلىرىتىنجىپ، ئەمدى يەنە ئادەم ئۆلتۈرۈش بولسا ھىچ ئىككىلەنمەيدىغاندەك قىلسىمۇ، يەنەبىر تەرەپتىن قېچىش مۈمكىن بولمايدىغان ئۆلۈمگە بۇ قەدەر يېقىندىن يۈلۈنۈشنىڭپىسخىك بېسىمى چىدىغۇسىز ھال ئالماقتا ئىدى. يېڭى ئۆيلەنگەنلەر ئۈچۈن بۇ ھالتېخىمۇ ئېغىر ئىدى. ياپ-ياش تۇرۇپ ئۆلۈش ئۇلار ئۈچۈن ئېچىنىشلىق ئەمەسلىكى ھەققىدەنۇرغۇن دىنىي تەلىملەرنى ئالغان، بۇ دۇنيا ھاياتى ۋاقىتلىق، قونالغۇ ھاياتىئىكەنلىكىنى، پانىيدىكى ھاياتلا مەڭگۈلۈك ھايات، ھەقىقىي ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانبولسىمۇ، يەنىلا ھايات بەرىبىر تاتلىق ئىدى. دۇنيا سۆيۈملۈك ئىدى. قولدىن كېتىشئالدىدا تۇرغان ھەرقانداق نەرسە ئاخىرقى دەملەردە قىممەتلىك بىلىنگىنىدەك، ئۇلارئۈچۈن نۇرغۇن-نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قىممىتى بىلىنمەكتە ئىدى. ئەمما بۇلارنى ئۆزئارائورتاقلىشالمايتى. بۇ بىر تۈرلۈك ئەيپ سانىلاتتى. ئۇلار پەقەت تۇيغۇلىرىنى شۇشەكىلدە پەدازلاپ ئىپادىلەيتى:
— ھامىنى ئۆلۈدۇغان بوغاندىكىن، ئى قۇربانجان،ئابدۇراھمانلاردەك بىرگە ئون قىساسىمىزنى ئېلىپ ئۆلگەن بولساققۇ ئارمىنىمىز يوقتى.شۇ بىرلا ئارمىنىمىز، قىلغان ئىشىمىزنىڭ تايىنى بولمايلا ئۆلۈپ كېتەرمىزمۇ دەيمىز،— دېگەن شەكىلدە قىيماسلىقلىرىنىتىلغا ئالالايتى. بۇمۇ راست ئىدى. كىم شۇنداق ئويلىمىسۇن؟ ئۆلۈۋاتقان ھەرقانداقبىر غايىلىك جان كۆپرەك ئىش قىلالمايلا ئۆلۈۋاتقىنىدىن ئۆكۈنۈدۇغانلىقى راستئەمەسمۇ؟!
ئاۋغۇستنىڭئاخىرلىرى كېلىپ قالدى. بۇ تازىمۇ چىدىغۇسىز ۋەزىيەت ئىدى. بۇ يەردىكى دوستلارغايۈك بولۇشقۇ چاغلىق، خالار-خالىماس ئۇلارنىمۇ بۇ ئىشقا چېتىۋالىدىغان ئىش بولساقانداق دەھشەت! چۈنكى كىمنىڭ ياردەم بېرىۋاتقانلىقى بىلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشقا مۈكىنچىلىك يوق جىنايەت بولاتتى. ھازىرقى ئەڭ چوڭ دىشۋارچىلىقمانا شۇ ئىدى.
25-ئاۋغۇستنىڭكېچىسىدە نان ئېلىپ كەلگەن قىزىلبۇيىلىق دوستنىڭ كۆزلىرىدىكى تەشۋىش، قورقۇنچ،كالپۇكلىرىنىڭ تىترەپ تۇرۇشلىرى قوناقلىقتا ياتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەھىمىگەسېلىۋەتتى. كۈتۈلگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەرگەندەك قىلاتتى.
— نىم بولدى، قارىم، بەك ئۆڭلىرى بۇزۇق كەللىغۇ بۈگۈن؟— دەپ سورىدى ئابدۇرېھىمقورقۇنۇچلۇق خەۋەر ئاڭلاشقا ئۆزىنى تەييارلىغان ھالدا.
— كېلىشمەسلىك بولدى، — دېدى يىگىت تىترەك ئاۋازدا، — بىزنى پايلاۋاتقان ئادەمنىغۇ باردەيتۇق، ئەمما ئۇلا ياردەم قىلىۋاتقانلىرىمىزنى بىلىپ بولۇپ، سىلەنىڭنەدىلىكىڭلانى بىلىشىكىلا قاراپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. بۈگۈن مېنى مۇشۇ يېقىن يەردەبىزنىڭ شودۇجاڭ كۆرۈپ قالدى. قولۇمدا داسقان بىلەن كېچىدە ئادەمسىز قوناقلىقلادانېمە قىلىدۇ دەپ ئويلا؟
— ئۇنداقمۇ بولماس، — دېدى ھەسەن ئۆز-ئۆزىنى بەزلەشكەئۇرۇنۇپ.
— قاندا دەيسىلە، ئادېش؟
— كېچىدە قوناقلىقتا ئۇچقۇشۇپ قالغانغىلا يامان ئويدابولاپمۇ كەتمەس دەيمەن.
— توغرا، ئانچىۋالامۇ ھۈكۈپ كەتمەي، تۇرىلى، كىمبىلىدۇ، بىزنىڭ مىدىرلىشىمىزنى ساقلاپ تۇرغان بولسا، دېگەن يېرىدىن چۈشمەيلىدەيمەن.
— ئەمىسە مۇنداق بوسۇن، — دېدى ئابدۇرېھىم گەپنىمەركەزلەشتۈرۈپ، — سىلە قايتىۋەسىلە، بىز يەر ئالماشتۇرىمىز دېسەك، سىلىنىڭ بىزنىتاپماقلىرى تەس بولۇدا، شۇڭا بىز ھازىرچە جايىمىزدىن قوزغالماي تۇرىلى، سىلى ئەتەكۈندۈزدە ئەھۋال كۈزۈتۈپ باقسىلا، ئەگەر شۇندا گۇمان بولۇدۇغان بوسا ئەڭ ئەۋەلسىلىنىڭ ئۆيگە كېلىدۇ، بۇندا بى شەپە بولغان ھامان تامدىن ئاتىلىپ قاچسىلا، بىزگەخەۋە قىلسىلا، بىزمۇ تەييا تۇرىلى، قېچىپمۇ نەگە قاچامىز، دەيلا، مۇشەدە ئېلىشىپ،بېشىمىزغا كەگەننى كۆرەمىز، يا...
— باشقا باللانىڭمۇ بىلىنىپ قاغانلىرى بوسا، بىخۇتئوتتۇراپ،  موكلا قولغا چۈشمىسۇن، ئۇلاغىمۇئەھۋالنى دەپ قويسىلا، ئۇلامۇ ئەگەر بىلىنىپ قاغانلىقى سەزگەن بوسا دەرھال بىزگەقوشالسۇن. ھەممىز كەگەننى تەڭ كۆرەمىز، — دېدى ئابدۇسالام.
— ئەمىسە بۇ كېچە ئۈچ تەرەپتە قاراۋۇل تۇرايلى،غەپلەتتە قالساق تىرىك تۇتۇلۇپ شەرمەندە بولمايلى يەنە، — دېدى ئىمام.
بۇرۇختۇملۇقئىچىدە بولۇدۇغان بىر يامان ئاقىۋەتنى كۈتۈش، شۇ ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىدىنمۇ يامانراقتۇيۇلۇدۇ. بۇ تازىمۇ »توينىڭ بولغىنىدىن ›بولۇدۇ‹سى قىزىق« دېگەندەكلا ئىش ئىدى. ئادەم بۇنداق دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۇزاققا سوزۇلغان كۈتۈشلەردە ھەتتا شۇنداقيامان ئىشنىڭ چاپسانراق مەيدانغا كېلىپ، »دۇمباقنىڭ يېرىلىشى«نى تىلەشكەباشلايدىغان ئىشمۇ بار. بۇ ياشلارمۇ نەچچە كۈندىن بېرىكى قارارسىزلىقتا، ھامىنىبېشىغا كەلمەي قالمايدىغان بەختسىزلىكنى بولۇدۇغىنى بولۇپلا قۇتۇلساقمۇ بوپتىكەن دېگەنيەرگە كېلىشكەندەك قىلاتتى. ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگۈرۈش خەۋىرى ئۇلارنى ھەتتا بىر ئازجانلاندۇرۇپ، جەڭگىۋار قىلىپ قويغاندەكمۇ قىلدى.
ھەممەيلەن بىردىنبىر قوراللىرى بولغان پىچاقلىرىنى بىلەشتى. نەچچە كۈندىن بېرى بۇ قان يۇقىپىچاقلىرىنى قىنىدىن ئېلىشتىنمۇ يىركىنىپ يۈرۈشكەن بولسا، ئەمدى بىردىنلا پەيدابولغان جاسارەت بىلەن، بىر پىچاقنى يەنە بىرىنىڭ ئارقىسىغا بىلەپ، يېقىنلىشىپكېلىۋاتقان ئۆلۈمگە سۈكۈت ئىچىدە يۈزلەنمەكتە ئىدى. ئابدۇرېھىم قىزىلبۇيىلىقدوستلارغا ئۆيلىرىدىكى ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ، يوغان پىچاقمۇ، نەيزىمۇ، قىلىچمۇنېمە قىلالىسا قىلىپ بىر ئاز قورال تەييارلاپ ئەكىلىپ بېرىشنى تاپىلىغان ئىدى.
***
ئەتىسى كۈنى بويىتېنچ ئۆتتى. ئەمما ئاخشىمى ئۈچ مۇجاھىت ۋە بىرسىنىڭ ئايالى قېتىلىپ تۆرت كىشىقوناقلىققا كېلىشتى. بۇ ھال كۈتۈلمىگەن بىر ھال سانالمىسىمۇ، يەنىلا دوستلارنىھۈركۈتۈۋەتتى.
— نېمە گەپ بۇ؟ — دېدى بىرنەچچە ئاۋاز تەڭلا.
مۇجاھىدلارنىڭيېمەك-ئىچمىكى ئاساسلىقى ئانارگۈلنىڭ قولىدىن چىقىۋاتاتتى. ئانارگۈلنىڭ ئىككى جانئىكەنلىكىنى بازار ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ بازارلىقسودىلىقلىرى بەزى باققال، قاسساپلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسا كېرەك. ھەر ئىككىكۈندە دېگۈدەك خېلى كۆپ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىۋاتقان بۇ ئائىلە ھەققىدە بازاردىكىقاسساپ ئۆزىنىڭ گۇمانىنى يېزىلىق ساقچىغا خەۋەر قىلغان ئوخشايدۇ.
بۈگۈن كەچكە يېقىنئانارگۈلنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا يېزا ساقچىسىدىن ئىككىسى كەپتۇ. ساقچىلاركېلىشتىن بۇرۇن ۋەزىيەتنىڭ زورى بىلەن قورال ھازىرلاش ئۈچۈن كەلگەن باشقا ئىككىيىگىتمۇ بۇ ئۆيدە ئىكەن. ئۇلار باغدا ئولتۇرۇپ، كونا ئوتىغۇچلارنىڭ سېپى ئورنىغائۇزۇن ساپ بېكىتىپ، ئاندىن ئوتىغۇچنىڭ تىغىنى سۇندۇرۇۋېتىپ، سۇنغان يەرنى ئۇچلاپ،بىلەپ، ئۇزۇن ساپلىق نەيزە ياساۋاتقان ئىدى. دەرۋازىنىڭ قېقىلىشى بىلەن ئۇلارجىددىلىشىپ كېتىشتى. ئانارگۈل دەرۋازىنى ئېچىش ئاچماسلىق ئارىسىدا مەڭدەپ قالدى.دەرۋازا تېخىمۇ قاتتىق ئۇرۇلدى. ئاچماي قۇتۇلغىلى بولمايتى. ئۇ قانداق قىلاي؟دېگەندەك ئېرىگە قارىدى. مۇجاھىتلار بىر-بىرىگە قارىشىپ بىرنەچچە دەقىقەتۇرۇۋالغاندىن كېيىن بىرى شۇنداق دېدى:
— داۋزىنىئاچسىلا، ئەگەر ساقچى بولسا ئۇلا ھويلىغا چىرىشىگىلا داۋزىنى يېپىۋەتسىلە، بىز باغئىشىكىدە تاييار تۇرايلى، ھويلا ئىچىدە جىمىقتۇرۇپلا بېشىمىزغا كەلگەننى كۆرەرمىز.
ئانارگۈلدەرۋازىنى ئېچىشقا ماڭغاچ، «مانا كېلىۋاتىمەن، كىمدۇ بۇ؟» دەپ ۋارقىراپ قويدى. بۇچاغدا ئۈچ ئەركەك باغ ئىشكىنىڭ ئاراچلىرىدىن ماراپ تۇراتتى. دەرۋازا ئېچىلدى.دېگەندەك، ئىككى ساقچى ئىدى. ئۇلار سۈر-ھەيۋە بىلەن كىرىپ كېلىپ:
— ئوغۇلۇق بىئىشلىرى بامىتى، نېمە؟ داۋزىنى ئاچماي كەتتىلە!؟ — دەپ سورىدى ئانارگۈلدىن خاپاچىراي ۋارقىرىشىپ.
— ئىچكىرىئۆيدىتىم، ئاڭلىماي قاپتىمەن، ئۆيگە كىرىشسىلە، — دېدى ئانارگۈل قورقۇپتۇرۇۋاتسىمۇ تەبىئىيرەك كۆرۈنۈشكە تىرىشىپ. ئاندىن دەرۋازىنى يېپىپ، زەنجىرنىئىلىپ قويدى. ساقچىلاردىن بىرى ئايالنىڭ بۇ قىلىقىدىن بىر ئاز گۇمانسىرىغاندەكقىلىپ:
— ھە، داۋزىنىزەنجىلاپ قاللىغۇ، خېنىم؟ باشقا ئىشقۇ يوقتۇ؟ — دېدى گۇمانىنى ئەپسانە چاخچاققىمۇئوخشۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق قورقۇنچىنى يېپىش ئۈچۈن.
دەل شۇ چاغدا باغئىشىكىنىڭ ئارقىسىدا ساقلاپ تۇرغان يىگىتلەر ئۇزۇن نەيزىلەرنى كۆتۈرۈپ، كۆزنىيۇمۇپ-ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا ئىككىلا تاقلاپ ساقچىلارغا يېقىنلىدى-دە، نەيزەئۇرۇشتى!
ساقچىلارۋارقىراشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا يەرگە يىقىلدى. بىرىنىڭ كارنىيىغا، بىرىنىڭ دەل يۈرىكىگەسانچىلغان ئىدى. ئۇلار خاخىراپ، ھويلىدا تىپچەكلەشكە باشلىۋىدى، يىگىتلەر يولدىنبىرەرسى ئۆتۈپ قالسا ئاۋازلاردىن گۇمان قىلمىسۇن ئۈچۈن دەرھال ئۇلارنى بېسىپتۇرۇۋالدى. ساقچىلار جان ئاچچىقىدا يۇلقۇنۇپ-يۇلقۇنۇپ، ئارقىدىن ئۇزۇن بىر تىنىقچىقىرىپ جىمىپ قالدى. باشقا بىرىنىڭ تاسادىپى كىرىپ قېلىشىنى مۆلچەرلىگەندە ئىككىجەسەتنىڭ ھويلا ئوتتۇرىسىدا تۇرۇشى توغرا بولمايتى. يىگىتلەر جەسەتلەرنى سۆرەپ،ئېغىل تەرەپكە ئاپىرىۋەتتى. ئاندىن ئۆيگە كىرىپ كېتىشتى. بىرەر سائەت ئىچىدەئۆيدىن چىقىپ كەتمىسە، ساقچىلارنىڭ كەتكىنىنى بىلىدىغان ساقچىخانىدىكى باشقاساقچىلار گۇمانسىراپ، كېلىپ قېلىش ئىھتىمالى بارىدى.
— قانداق قىلىمىز؟— دەپ سورىدى قورقۇپ لەۋلىرى كۆكۈرۈپ كەتكەن ئانارگۈل.
— قانداق قىلىمىزيوق، كېتىمىز، قوناقلىقتا ياتقان باللىغا قوشۇلۇپ، بېشىمىزغا كەلگەننى كۆرىمىز، —دېدى ئۇنىڭ ئېرى.
— شۇنىڭدىن باشقايولۇمىزمۇ يوق، ئۇنداق بوسا، باللا، ھايالشىماي ماڭايلى.
— ئالىدىغاننەرسىلە بوسا ئېلىپ يولغا چىقايلى ئەمىسە. ئانارگۈل قالسىمۇ بولار مەنچە...
— ياق، قاممايمەن،بالاغا مېنى قاسۇن دېمەيدىغانسىلە؟
— راست، سەنقالساڭ بولاتتى، مەن نەدىن بىلەي دەپ قۇتۇلۇپمۇ قالامىتىڭكىن دەيمەن، بىز شۇئاللاھقا ئامانەت دەپ، شېھىت بولغىلى كېتىپبارىمىز...
— سىلىدىن ئارىلىپتۇل قالغىنىم بىر دەرت، يەنە تېخى خىتاي مېنىڭ ئانداقتى، مانداقتى دېگەنلىرىمگەئىشەنمىسە — چوقۇم ئىشەنمەيدا — تۈرمىدە تىرىك تۇرۇپ دوزاق ئازابى تاتايما ئەمىسە؟
بۇ گەپكە يەنەمۇقابىل قويغۇدەك گەپ تاپالمايتى. شۇڭا ئۈچ ئەركەك ھىچنېمە دېيەلمىدى.
شۇنداق قىلىپئۇلار ھازىرلىغان پىچاق، نەيزىلىرىنى، يەيدىغان پىششىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىنىئېلىشتى. بۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇلار باغنىڭ ئارقىسىدىكىيانئىشكتىن چىقىپ، قوناقلىققا شۇڭغۇپ كېتىشتى.
بۇ ھىكايىلەرنىئاڭلىغان دوستلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ئانارگۈلگە ئېچىنىش بىلەن قاراشتى.ئارىلىرىدىكى بىردىن-بىر ئايال بولغىنى ئۈچۈنمۇ ياكى نەچچە كۈندىن بېرى ئۇنىڭھازىرلىغان تائاملىرى بىلەن بېقىلغىنى ئۈچۈنمۇ، ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىشھەممە ئەركەكلەرنى لال قىلدى.
— بىزغۇ مەيلى،...— دېدى بىرى ئېچى سىرىلغان ھالدا گەپ باشلاپ.
— ئەمما ئانارگۇلغا تەس-تە! — دېدى ئابدۇسالام گەپنىڭ ئاخىرىنىئۇلاپ.
— ئايال كىشىبوغاندىكىن قالساڭ ھىچنېمە بولماس دېدۇق، ئەمما بۇ تەرسالىق قىلدى، — دېدى ئېرىتېخىچە ئايالىنىڭ قاراپ تۇرۇپلا ياش كېتىشىگە چىدىماسلىق بىلەن.
— تۈرمىدە ئاسانراقما؟ — دېدى ياغلىقلىرىنىڭ ئارىسىداكىچىككىنە يۈزى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئانارگۈل ئۆكتە قىلىپ، — قىيىن-قىستاقلار تېخىمۇ تەستۇ؟ئۇنىڭدىن كۆرە ئاسانراق جان چىقىدىغان يولنى تاللىدىم، — ئۇنىڭ يۈزلىرىدىكى سەھراقىزلىرىغا خاس ساددىلىققا تامامەن توغرا كەلمەيدىغان بۇ قەيسىرانە جاۋاپيىگىتلەرگە بىر تۈرلۈك مەدەت، ئىلھام مەنبەسى بولۇپ قالدى. يىگىتلەر دوستىنىڭ ئايالىغاتىكىلىپ قارىمىسىمۇ بۇ ۋىجىككىنە قىزنىڭ ئەپچىل ۋۇجۇدىنى، قوللىرىنى مالغا ئوتئېلىشتىن قالغان يېشىل داغلارنى كۆرۈپ تۇرغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئون گۈلىدىن بىرىمۇئېچىلماي تۇرۇپ شېھىت بولۇشىنى ئويلىغىنىدا يۈرەكلىرى تىلغىنىپ كەتتى.
بۇ ھالدىنئابدۇرېھىمنىڭمۇ، ئابدۇسالامنىڭمۇ كۆزلىرىگە ياش كەلدى. لېكىن ئۇلار باشقىلارغاكۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن يەرگە قارىۋېلىشتى. ئۇلار يەنە بىر قېتىم تىرىك قولغاچۈشمەسلىك توغرىسىدا دېيىشىۋالدى. بۇ سۆز بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنلا ئۆلۈشتوغرىسىدا بېرىۋاتسىمۇ، بۇنداق خاتىرىجەم سۆزلۈشۈۋاتقان تۇرقلىرى خۇددى قانداقتۇرباشقا بىر ئىش، مەسىلەن، بولغۇسى توي ھەققىدە سۆزلۈشۈۋاتقاندەكلا ئىدى.دەككە-دۈككە بولۇشلار چەككە يېتىپ، ئەمدى ئۇلار تامامەن كۆڭۈل تىندۇرۇپقېلىشقاندەك، كەيپىياتى تۇراقلىشىپ قالغان ئىدى. پىچاقنىڭ يوغۇنىنى تۇتۇۋالغانئانارگۈل ئېرىگە:
— سىلى بىلەنمۇ، باشقا دوستلار بىلەنمۇ جەننەتتەكۆرۈشۈشكە نېسىپ بولا، ئىلاھىم، — دېۋىدى، ئەمدىلا بولغۇسى ئىشلارنىڭ دەھشىتىنىئۇنتۇپ، خاتىرىجەملىك قازانغان ئابدۇسالام تەكرار ھاياجانغا كەلدى. ئۇ دوستىنىڭكۆزلىرىگە بىلىندۈرمەي قاراپ قويدى. دوستى بولسا ئايالىنىڭ ۋىدالىشىش سۆزىنىئېيتىۋاتقاندىكى خاتىرىجەم تۇرقىغا تىكىلىپ، ئىچىدە ئاللاھقا ھەمد ئېيتىۋاتقاندەكقىلاتتى. قانداق باتۇر ئايال-ھە؟! ئۆلۈم ئالدىدا بۇنداق سالماقلىق ئاسانمۇ؟ ھېلىمۇباشقا ئايال بولسا ئېرى بىلەن بىر سەپتە ئۆلۈشنى تاللاش ئەمەس، »مېنى خازان قىلىۋەتتىڭ، ئاللا-كاللا« دەپ چوقان كۆتۈرۈپ مەھەللىنىبېشىغا كىيگەن بولاتتى. ئايالىنىڭ جەسۇرلىقى ئەرگە مەدەت بولدى. ئەگەر شۇئان بىرتوپ دوستلىرى ئارىسىدا بولمىغىنىدا ئۇنى مەھكەم قۇچاغلاپ، نەپەسلىرى كېسىلىپكەتكۈچە سۆيگەن بولاتتى.
***
ئەلقىسسە. گەپنىئەلنىڭ خاتىرىجەملىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئاتىغان قەھرىمان خەلق ساقچىلىرىدىنئاڭلايدىغان بولساق، قىزىلبۇيا يېزىلىق ساقچىخانا ئانارگۈلنىڭ ئۆيىنى شۇ كېچىسىلاباستى ۋە بولغان ئىشنى بىلىشتى. بۇ ۋەقەنىڭ شوۋ-شاۋلىرىدىن ھەرىكەتكە كەلگەنئىنقىلابىي ئاممىمۇ ئۆزى بىلگەن ھەربىر گۇمانلىق ھالقىلارنى خالىس تەمىنلەش بىلەن،ئاخىرى قاتىللار يوشۇرۇنۇۋالغان قوناقلىق مەلۇم بولدى. ناھىيىدىن كەلگەن بىر نەچچەساقچىنىڭ ئاقساقاللىق قىلىشى بىلەن بىر پىلان تۈزۈشتى. ئۇلار بار كۈچى بىلەنتوپۇلاڭچى قاتىللارنى ئاشۇ قوناقلىقتىن چىقارماي تۇتۇپ تۇرۇدۇغان، ۋىلايەتكە خەۋەربېرىلىپ، تاكى ئۇياقتىن زور قوشۇن يېتىپ كەلگۈچە ساقلايدىغان بولۇشتى. بۇ پىلانھەممىگە ياقتى. بولۇپمۇ كەچقۇرۇن يېتىپ كەلگەن ئىككىنچى ئاخباراتقا كۆرەبۆلگۈنچىلەر قىزىلبۇيىدىكى شېرىكلىرى بىلەن بىرلەشكەن. دېمەك ھازىر قوناقلىقتاتوققۇز نەپەر بۆلگۈنچى توپلانغان. ئەمما ھازىر بۇ يەردە بار ساقچى ئازلىققىلىدىغاندەك تۇراتتى. شۇڭا ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ياكى مۇھاسىرە ھالقىسىنىتارايتىمىز دەپ ئۇلارنى ھۈركۈتۈپ قويۇشقا بولمايتى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭتوپلانغانلىقى ئۇلارنىڭ يېڭى ھەركەت پىلانى بارلىقىدىن بىشارەتتۇر دېيىلگەنتەھلىلگە ئاساسەن ئۇلار قىزىلبۇيىدىن يۆتكۈلۈپ كەتسە يەنە ئۇزاققىچە يوشۇرۇنھالەتتە بولۇپ، جەمىيەتكە ۋە ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىغا تەھدىت ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭادەرھال ئۇلارنى ئاشۇ يەردىن مىدىرلاتماي تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئاتلانمىساق بولماپتۇ، دېگەنقەتئىي قارار بىلەنلا ئۇلار ئىنقىلابىي ئاكتىپلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن قوناقلىقئەتراپىغا يېتىپ كېلىشتى. كېچىدە ئۇلار شۇنچىلىك قورقۇشتىكى، مىدىر-سىدىرقىلىشماستىن ۋە كىرپىكمۇ قاقماستىن تاڭنى — 27-ئاۋغۇستنىڭ تېڭىنىكۈتۈۋېلىشتى.
قوناقلىقتىكىمۇجاھىدلار ئۆلۈمگە ھازىر ئىدىيىۋىي تەييارلىقتا بولغىنىدىنلا ئەمەس، ئۆلۈشنىڭتېخىمۇ زور پايدا ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچتىنمۇ، خېلى خوپ خاتىرىجەم بولغىنىئۈچۈن، ئەتراپتا قورشاۋ قىلىۋالغان ساقچىلارنى پايلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنى، روھىيكەيپىياتىنى ئوبدان مۆلچەرلەش بىلەن بىللە، نۆۋەتلىشىپ ئۇخلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈردى.كېچىسى بىلىنمىگەن پىستىرمىغا دۇچ كېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاڭ ئېتىش بىلەنلاساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قاار بېرىشكەنىدى.
ئۇلار بامداتنىجامائەت بولۇپ ئوقۇشتى. بۇ بەلكىم ئاخىرقى نامىزى بولۇپ قېلىشىنى مۆلچەرلىگەچكە،ئاللاھتىن شېھىتلىك مەرتىۋىسى سوراپ ئۇزاق دۇئا-تىلەكتە بولۇشتى. ئاندىنئۆزلىرىنىڭ پىلانى بويىچە مىشا تەرەپتىن چىقىپ، مىشاغا يۆتكۈلۈش، ئەگەر قولايبولغان ئەھۋالدا تىرىك قېلىشقىمۇ ھەرىكەت قىلىپ، كۆپرەك دۈشمەن ئۆلتۈرۈشكە ئىرادەباغلاشقان ئىدى. مىشا يامانيار دەرياسىغا يېقىن بولغاچقا، ئەگەر »ئوتنىڭ ئىچىدە پاختىنى ساقلاشقا قادىر ئاللاھ« يول بېرىپ قالسا يار بىلەنداۋاملىق قېچىپ، تاكى گەز دەرياسىغىچە، ئۇ يەردىن تاغ ئارىسىغىچە قېچىشمۇكۈنتەرتىپتە ئىدى.
ساقچىلارنىڭ سانىكۆپ بولمىغاچقا بەكمۇ تارقاق، يالغۇز-يالغۇزدىن تۇرۇشقانلىقىنى كېچىسى رازۋىدقىلىپ بىلىۋالغان مۇجاھىدلار ئەتتىگەندىكى سۆرۈن ھاۋادا »بىسمىللاھ« دەپ يولغا چىقتى. قوناقلىقنىڭ قىرىغا كەلگەندە قىرنىڭ ئارقىسىدامۆكۈنۈپ ياتقىنىچە ئۇخلاپ قالغان ساقچىغا يولۇقۇشتى. ئەسلىدە بۇ ھالدا ماجراتېرىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى، ئاستىلا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇشتى. بىراق، سەھەرنىڭقىملىقىدا قوناقلارنىڭ شاراقلاشلىرى شۇنچىلىك ۋەھىمىلىك سادا بېرەتتىكى، ئۇنىئاۋايلاش بىلەنمۇ ئازايتقىلى بولمايتى. مۇجاھىتلاردىن ئۈچى ئۆتۈپ بولغاندا ساقچىئويغۇنۇپ قالدى ۋە چوقان كۆتەردى.
ئارقىدىن يېتىپكەلگەن ئابدۇسالام قولىدىكى پىچاقنى ساقچىنىڭ كۆكسىگە كۈچ بىلەن ئۇرۇۋىدى، ساقچىئۆزىنى قاچۇردى. بۇ ئۇنىڭ تەربىيىلەنگىنىدىن، چاققانلىقىدىنمۇ ئەمەس، تەبىئىيئىنستىنكت ئىدى. ئارقىدىن كەلگەن قەييۇممۇ ئۇنىڭغا ئېتىلدى. ساقچى يەردەپومۇداقلىنىپ، توختىماي ۋارقىرايتى. تېخى ئادەم ئۆلتۈرۈپ باقمىغان مۇجاھىتلارھەتتا ئۇنىڭ نالە-زارىغا ئىچ ئاغرىتىپ، »بەلكىم بۇنىڭمۇ بالا-چاقىسى باردۇر« دەپ ئويلاشقا باشلىغاندا،ئىمامنىڭ ۋە ئابدۇسسالامنىڭ بىر زەربىسى بىلەن ئاغزىدىن بۇلدۇقشۇپ قان كېلىپزۇۋانى ئۆچتى. ئەمما ئۇنىڭ ئۆلمىگنلىكى ئېنىق بولسىمۇ قورقۇپ كەتكەن، تەجرىبىسىزمۇجاھىتلار كۆپ قاننى كۆرۈپ ئۇنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ قېلىشقان ئىدى. ئانارگۈلنىڭبېشىنى ئېرى قاماللاپ تۇتۇپ ئۆزىگە قارىتىپ كۆكسىگە مەھكەن بېسىۋالدى. شۇنداقبولسىمۇ ئانارگۈل ئىچ-ئىچىدىن كەلگەن قۇرۇق قەي بىلەن قوساقلىرى تولغۇشۇپ كەتتى.ئۇلار ئەنە شۇ تەقلىتتە ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما يەنە بىرنەچچەيلەن كۆز ئالدىدىكى ھىچكۆرۈپ باقمىغان قانلىق سەھنىگە قاراپ ھاڭقىيىپ تۇرۇشاتتى.
ئەنە شۇ چاغدائىككى تەرەپتىكى قوناقلىقلاردىن شاراقلىغان ئاۋاز بىلەن ئاياق تىۋىشلىرىئاڭلانغاندىلا ئابدۇسالام ھەمرالىرىغا:
— دۈشمەنلەر كېلىۋاتىدۇ، ئىشتىكراق كېتىلى، بولۇڭلا، — دېدى-دە يېڭى قېتىلغاندوستلىرىدىن بىرىنى كۈچەپ ئىتتىردى. ھەڭقىيىپ قالغان بۇ يىگىت شۇندىلاسەندىرەكلىگىنىچە قوناقلىق ئارىسىغا كىرىپ كېتىشتى.
ئۇلارنىڭ قارىسىيۈتۈشىگىلا يېتىپ كەلگەن بىر نەچچە ساقچىمۇ كۆز ئالدىدا توپا-لايغا مىلىنىپ، جانتالاشقاندا تىپچەكلەپ ئەتراپتىكى قوناقلارنىمۇ قايرىپ چەيلىۋەتكەن، چەيلەنگەنقوناقلارنىڭ شاخ –يوپۇرماقلىرىمۇ قانغا مىلەنگەن قورقۇنۇچلۇق مەنزىرىگە قاراپلا ھۆتۇتۇپ تەتۈر قارىۋېلىشتى.
— مۇشۇ ياققا كەتكەندەك، ئۇياقتىن قوناق شېخى شاراقلاۋاتىدا،— دەپ ۋارقىرىنىچە يېتىپ كەلگەنيەنە بىرىمۇ، بۇ مەنزىرىنى كۆرگىنىدە دەرھال زۇۋانى ئۆچۈپ، شەپكىسىنى ئاغزىغاقاپلىۋالدى.
ئۇلارغا دەرھالجاننىڭ تاتقى بىلىنگەن ئىدى. بۇ ئىش كىنولاردا كۆرگىنىدەك ئۇنداق ئاسان،ھەربىيلىرىمىز ئۆلمەيدىغان شەكىلدە ئەمەس، بۇنىڭمۇ ئىسسىق جېنى يۇمشاق گۆش ئىچىدەبولغاچقا بۇنىڭغىمۇ تىغ ئۆتۈدۇغانلىقى بىردىنلا ئايان بولغاندەك قورقۇپ ئۆڭسىلىئۆچۈپ كەتكەن ئىدى. تېخىمۇ موھىمى ئۇلار مۇشۇ ھاياتنى ياشاپ بولساقلا يەنە باشقاھايات يوق دەپ بىلگەچكە ھايات تېخىمۇ قىممەتلىك ئىدى. ئۇلار ئاخىرەت كۈنىگە،ھىساپ-كىتاپقا ئىشەنمىگىنى ئۈچۈنلا مانا شۇنداق مۇناپىقلىقنى بىر كەسپ سۈپىتىدەقىلىشىۋاتقانلار ئىدى.
ئەمما ۋەزىپەئېتىبارى بىلەن بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى قوغلىمىسا بۇ كەسپتىن قۇرۇق قالۇدۇغان ئىشمۇبارىدى. شۇڭا، ئۇلارغا يېتىشىۋېلىش، تۇتۇۋېلىش ئۈمىدىدە ئەمەس، پەقەت خوجاكۆرسۇنغىلا قوغلاپ كېتىشتى.
مىشا قوناقلىقى
ئارقىدىنقوغلاۋاتقان ساقچىلار مۇجاھىدلارغا يېقىنلىشالمىدى. چۈنكى بىر تەرەپ تامامەنجاندىن كەچكەن، يەنە بىر تەرەپ ياشاشتىن تامادا بولغاندا ئەنە شۇنداق ھالەتشەكىللىنىدۇ. ئۇلار مىشا يېزىسى تەۋەلىرىگە كەچكىچە ئاران كېلىشتى. چۈنكى ئۇلاركېپەزلىك بىلەن قوناقلىق قىرلىرىدا ئايلىنىپ، بەك ئۇزاق ئاۋارە بولۇشتى. بۇ چاغدامىشا يېزىلىق ساقچىخانىغىمۇ خەۋەر بېرىلگەچكە، مىشادىكىلەرمۇ يامانيار دەرياسىنىڭشەرقىي قىرغاقلىرىدا مۇجاھىدلارنى كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. بۇ ھال مۇجاھىتلارنى توختاشقامەجبۇر قىلدى. ساقچىلاردىكى ئوق چىقىرىشقا ئاجىزلىق، قورقۇنچاقلىق بىر ئاجىز ھالقائىدى. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇلار كېچىسى كىشىلەرنىڭ بالىخانىلىرى، ئورىلىرى،قوتانلىرىدىن پانالىق يەر تېپىپ، ئۆي ئىگىسىگىمۇ تۇيدۇرمىغان ھالدا شۇ يەرلەردەتۈنەشتى.
تاڭ سەھەردەقەشقەردە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى تۆرتىنچى ئەترەت مىشاغا يېتىپ كېلىشكەن ئىدى.ئۇلار يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىدىكى سەينادا ماشىنىلاردىن چۈشۈپ، شۇ يەردە سەپكەتىزىلىشتى. جىياخۇيلۇ بۇ پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ قوماندانلىق كىبرىسىنى كۆرسەتكەن ھالداجەڭ سەپەرۋەرلىكى نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە تىرىك تۇتۇشقا بولسا مۈمكىن قەدەرتىرىك تۇتۇش، بولمىسا نەخ مەيداندا ئېتىشقا ھوقۇق بەردى.
يېزىلىقھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرىمۇ جەڭچىلەرنىڭ بۆلگۈنچىلەرنى يوقۇتۇش ئىشىغا ياردەمدەبولۇدۇغانلىقى ھەققىدە تۇتۇم بىلدۈرۈشۈپ، كېرەك تېپىلسا بارلىق دىھقانلارنىسەپەرۋەر قىلىشقا ۋەدە بەردى. جىيا خۇيلۇ دىھقانلارنىڭ بەك كۆپ پايدىسى بولمايلاقالماي، ھەركەتكە توسالغۇ بولۇدۇغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ پىسخىك ئۈنۈمىنىچۈشۈنەتتى. چۈنكى ئۇ دېگەن خىتاي-دە. بۇ بۆلگۈنچىلەرگە شۇنداق مەساج بېرەتتى: »قارا، سەن ئازات قىلماقچى بولۇۋاتقان بۇ خەلقىڭمۇ بىز تەرەپتە، سېنىڭئارقاڭدا ھىچقانداق خەلق يوق، سەن يالغۇزسەن، يىتىمسەن!« مانا شۇنىڭ ئۈچۈن يېزىلىقھۆكۈمەتتىن سەپەرۋەر قىلىشقا بولۇدۇغان بارلىق ئەرلەرنى كالتەكلەر بىلەنقوراللىنىپ چىقىشقا سەپەرۋەر قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۆزلىرىنىڭمۇ مۇشۇجەڭگىۋار قوشۇننىڭ سېپىدە توپۇلاڭچىلار بىلەن كۆرەشكە ئاتلىنىدىغانلىقىدىن سۆيۈنۈپكەتكەن يەرلىك رەھبەرلەر دەر ھال ئۆز ئەترەتلىرى، مەھەللىرىدىكى 16 ياشتىن 45ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى كالتەك، ئارا، كۈرجەكلەر بىلەن قوراللىنىپ چىقىشقاچاقىردى. نۇرغۇن دىھقانلار بۇنى بىر خىل ھاشار سۈپىتىدە كۆرگەنلىكى ئېنىق؛ ھاشارغاچىقمىسا نومۇر تۇتۇدۇغانلىقى ئۈچۈنلا مەجبۇرىي چىقىشقان بولسا، نۇرغۇنى بۇنىڭ نېمەئىش ئىكەنلىكىنىمۇ ئاڭقارغىنى يوق ئىدى. ئاز بىر قىسمى بولسا بۇنىڭ بىلەن خىزمەتكۆرسۈتۈپ مۇكاپاتقا ئېرىشىش، بەلكىم بىرەر ئەترەتكە باشلىق بولۇپ قېلىش تاماسىدائاڭلىق قاتناشتى دېيىشكىمۇ بولاتتى. تېخىمۇ ئاز بىرنەچچىسى ئۆزلىرىنىڭ كىمگەقارشى، كىمنىڭ پايدىسى ۋە كىمنىڭ زېيىنىغا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، سەپتىنقېلىش بىلەن سالاھىيىتىنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ۋىجدانى ئازاپلانغان ھالدائارقىدىن سۆرۈلۈپ كېلىشەتتى.
جىياخۇيلۇتوپلانغان 3000 دەك دىھقانلار قوشۇنىغا قاراپ سۆيۈنۈشتىن كۆزلىرى تېخىمۇ يۇمۇلۇپكەتتى. ھازىر ئۇ پولك قوماندانى دەرىجىسىدە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قول ئاستىدا پولكشىتاتىدا بولۇشقا تېگىشلىك ساندا ئەسكەر يوق ئىدى. مانا ئەمدى مۇشۇ يېزىدىكىھەركەتتە بولسا ئۇ بىر بېرىگادا بولۇپ قېلىۋاتاتتى. سانسىزدەك بىلىنىپ، مەيداندامىغىلداشقان بۇ ئالامان پەقەت ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتى. ئۇ ئۆلتۈر دېسىلا ئالدىغاكەلگەننى ئۆلتۈرۈشكە تەييار ئىدى. ئۇ نېمىشكە مەمنۇن بولمىسۇن؟ تېخىمۇ قىزىق يېرىشۇكى، بۇ قاپاقۋاش خەلق ئۆزىنىڭ ئازاتلىق جەڭچىلىرىگە قارشى ئاتلاندۇرۇلۇۋاتاتتى.مانا مۇشۇنداق ئۆزىنى ئۆزىگە سېلىشنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تەشكىللىيەلىگەنلىكىنىئويلىسىمۇ مەمنۇن بولماي قالمايتى.
— سىلەر ۋەتەننىڭ تېنچلىقىنى قوغداشتا بىز — خەلق ئەسكەرلىرى ۋە خەلقساقچىلىرى بىلەن بىر سەپتە بولغىنىڭلاردىن پەخىرلەنسەڭلار ئەرزىيدۇ. بىزمۇ شۇنداق،سىلەردەك ھۇشيار، بۆلگۈنچۈلۈككە قارشى سەگەك بىر خەلق بىلەن بىللە كۆرەشقىلىدىغانلىقىمىزدىن سۆيۈنۈۋاتىمىز. بىز ئالدى بىلەن دۈشمەننىڭ يوشۇرۇنغا يېرىنىرازۋىت قىلىپ، مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قورشاپ تۇتۇشقا سىلەرنىڭياردىمىڭلار زۆرۈر بولۇشى مۈمكىن. شۇڭا سىلەر بىزگە ماسلىشىپ ھەركەت قىلىسىلەر،قالايمىقانچىلىق چىقماسلىقى ئۈچۈن ئۆز ئەترەتلىرىڭلار بىلەن، گورۇپپا بولۇپ، ھەرگورۇپپا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ھەركەت قىلسۇن.
مىشا ۋە قىزىلبۇياساقچىلىرى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچلىرىنى تەھلىل قىلىپ، دۈشمەننىڭ تەقرىبەن ئورنىبەلگىلەندى. ئاندىن كىچىك ئەترەتلەرگە ۋەزىپىلەر بېرىلدى. گورۇپپا-گورۇپپابولۇشقان خىتاي ئەسكەرلىرى مەھەللىلەرنى تىنتىشقا ئاتلىنىشتى.
چىش تىرنىقىغىچەقوراللانغان خىتاي ئەسكەرلىرى يوللاردىمۇ قوراللىرىنى ئالدىغا قارىتىپ تۇتۇشقانھالدا تىمسىقىلاپ كېلىشەتتى. قوللىرىدا ئاپتومات بولۇش بىلەن قالماي، ھەممىسىدەتاپانچا، بۇنىڭدىن باشقا يەنە خەنجەرلىرىمۇ بارىدى. ئەسكەرلەر ھازىرلا كۆزلىرىگەبۆلگۈنچىلەر چېلىقىپ قالۇدۇغاندەك تاماگەرلىك بىلەن يول بويلىرىغا، يول بويىدىكىئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىگە قاراپ كېلىشەتتى. ئۆگزىلەردە قوناقشېخى، جىگدە بادرىلىرى، ياكى ئەگرى دوناي بىرەر ئىككى ياغاچ، كۆتۈچەكلەر بېسىپقويۇلغان بولاتتى. يولدىن يېزا ئۆيلىرىنىڭ بىرى ئوچۇق كۆرۈنەتتى. بۇ ئۆيلەر بىرەريەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، چالما-كېسەك ئارىلاش پوملاپلا ئېتىۋېلىنغاندەك، بەكمۇسەت، ياپساسىز داڭگاللار سۇۋاقسىز يۈزى تۈزەنسىز ھالەتتە ئوچۇق كۆرۈنەتتى. بۇنىڭيېنىدا بولسا ھەقىقەتەنمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشكەندىن كېيىن شۇ پېتى تاشلىۋېتىلگەندەك ئۈچتېمى ۋە ئۆگزىسى بولغان، ئەمما قوتان ياكى تۇرالغۇ ئۆيلىكىنى ئايرىغىلىبولمايدىغان بىر يېپىلما تۇراتتى. بۇنچە رەزگى بىر قۇرۇلۇشنى دادىل ھالدا قوتاندېيەلمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبى بۇ يەردىكى ئەمەلىي ئەھۋاللاردا دايىملا مانا شۇنداقسىرتىدىن قوتاندەك ھەم پاكار، ھەم كۆرۈمسىز، سۈپەتسىز قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىشىكىنىئاچسىڭىز ئۇ يەردىن ئادەملەرنىڭ تىرىكلىك ھەركەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشى ئىدى.
ئەسكەرلەرگە قارشى يۆنۈلۈشتىن ئېشەك ھارۋىسىكېلىۋاتاتتى. ھارۋىدا تومۇز بولۇشىغا قارىماي بېشىغا تۇماق، ئۇچىسىغا قېلىنكىيىملەر كېيىۋالغان بىر دىھقان، ھارۋىسىدا ئايالى بولۇشى ئىھتىماللىقىنى پەرەزقىلىشقا بولۇدۇغان بىر ئايال، ئايالمۇ توپا چىراي نەگىدۇر ئىشلەشكە بېرىپكېلىۋاتقان، ياكى ئىشلەشكە كېتىۋاتقاندەك ھارغىن، ھاياتتىن ھىچ زوق ئېلىپ باقمىغانبىچارە چىراي تۇرقى بىلەن مۈگدەپ ئولتۇراتتى. ئۇلار ئەسكەرلەرنىڭ كوچىغا يېيىلىپ،قوراللىرىنى ئالدىغا قارىتىپ تۇتۇپ ئېتىشقا تەييار بىر ھالەتتە كېلىۋاتقىنىدىنخېلى ئېسەنكىرەپ كېتىشكەندەك قىلىشتى. چۈنكى ئۇلار قورقۇشقا ئۈگۈتۈلگەن خەلق ئىدى.گۇناھى بولمىسىمۇ قورقۇۋېرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسكەر دېگەننىڭ پەيلى تۇتسائېتىۋېتىپمۇ ھىچنېمە بولمايدىغانلىقىغا ئائىت نۇرغۇن ھىكايىلەرنى ئاڭلىغانبولغاچقا، مۈمكىن قەدەر رايىشلىق بىلەن ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىماسلىققا تىرىشىپئۆتۈپ كېتىشنى ئەۋزەل بىلىشەتتى. ھارۋىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنىچىرايىدىن ئىپادىلەشكە تىرىشقانسېرى، بۇ سۈنئىيلىك ئۇلارنى خۇدۇكى باردەككۆرسۈتۈپ، ئۆزلىرىچە ئەسكەرلەر بىزگە دىققەت قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ چىرايىمىزدىكىسەراسىمىنى بايقاپ قېلىۋاتامدىغاندۇ؟ دېگەندەك ئەندىشىلەردىن تېخىمۇ ھولۇققانھالدا ئېشىكىنى بىرچەتكىرەك تارتىشىپ، ھىجايغان چىراي ئىپادىسى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈپكېتىشتى.
ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئەسكەرلەركېلىشىۋاتاتتى. گەرچە كىيىنىشلىرى ۋە چىراي تۇرقىدىن ئۇيغۇرلۇقىنى بىلگىلىبولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئالدىغا ئۇچرىغانلاردىن، يول بويلىرىدا قىزىقىش بىلەنھاڭقىيىپ قاراپ تۇرغانلاردىن گەپ سورىغانلىرىدىلا ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بىلىنەتتى.ئۇلار ھەر ئادەمدىن يات كىشىلەرنى، بىنورمال كۆرۈنۈشتىكى ياشلارنى كۆردۈڭلارمۇ؟دەپ سۈرۈشتۈرۈپ كېلەتتى.
قارشىدىن موتوسىكلىت مىنگەن يېزابايلىرىدىن بىرى كۆرۈندى. ئۇنىڭمۇ ئالدىدىراق رەزگى ۋەلىسىپىتلەرگە مىنىشكەن ئىككىدىھقان كېلىۋاتاتتى. موتۇسىكلىت مىنگىنى ئۇلارنى چاڭ توزانغا كۆمۈپ ئۆتۈپ كەتتى.ۋەلىسىپىتلىكلەر چاڭ بىردەملىك غايىپ بولۇپ كەتكەندەك بولۇپ، ئارقىدىن ئاستا-ئاستابۇلۇتلار ئارىسىدىن چىقىپ كەلگەندەك، ئاۋال غۇۋا، ئاندىن ئېنىقراق كۆرۈندى. ئەمماموتۇسىكلىت مىنگەن بايۋەچچە ئەسكەرلەرنىڭ يېنىدىنمۇ ئاشۇنداق تېز ئۆتۈپ كېتىشكەپېتىنالمىدى. ئۆز-ئۆزىدىن قورقۇش پىسخىكىسى شەكىللەندۈرۈلگەن بۇ خەلقتە بۇنچىلىكجۈرئەتنىڭ بولۇشى قىيىن ئىدى. ئۇ جىددىي ئاستىلاپ، ئەسكەرلەر بىلەن روبىروكېلىشتىن ئاۋالراق توختايدىغانلىقى بىلىندى. دېگەندەك، ئۇ پۇتىنى يەرگە ئېلىپ،موتۇسىكلىت ئۈستىدە تۇرۇپ يەرگە چامداپ، بىرنەچچە قەدەم كەلگەندىن كېيىنلائەسكەرلەر بىلەن قاشىلاشتى. ئۇنىڭ كالتە ساقىلى چىرايلىق ياسىتىلغان، بېشىغاكەمچەت تۇماق كىيىۋالغان ئىدى. چىرايىدىن بولسا قۇللارچە خۇشامەت يېغىپلا تۇراتتى.ئۇ گويا مۇشۇ ئەسكەر يولداشلارنىڭ بىرەر ئىشىغا ياراپ قالسامكەن دېگەندەك بىرئۈمىت پارلايتى.
— يات ئادەم كۆردۈلۈما؟ ياش باللا، نا تونۇش، سىلى بۇ يەرلەردەبۇرۇن كۆرمىگەن باللا؟
— ئاۋۇ ئالدى تەرەپتە بىرنەچچە ياش بالىنى كۆدۈم، بىلمىدىم، سىلىئىزدىگەنلە شۇمىكى؟
— قانداراق باللىكەن؟ قانچىكەن؟
— تۆت بەشتەك باللا، ئاشۇ تەرەپتە بىر ئېتىز يولىغا چىرىپ كەتكەندەكقىلدى، يا بىرەسىنىڭ ئۆيىگە چىرىپ كەتتىمۇ، ئىشقىلىپ، ئالدىمدا يولنىڭ ئوڭتەرىپىگە ئۆتەپلاكىم ژۈتۈپ كەتتى.
ئەسكەرلەرگە بۇ تۇنجى مەلۇمات كىچىككىنەبولسىمۇ يىپ ئۇچى بولدى، ئەمدى بۇ ئەتراپتىكى ئۆيلەرنى بىر-بىرلەپ ئاختۇرۇشقا،ئېتىزلارنى قورشاشقا كىچىككىنە ئاساس بولدى. ئەسكەرلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنموتۇسىكلىت مىنگەن باي خېلى روھى كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك تېتىكلىشىپ قالدى. چۈنكى ئۇئەسكەرلەرگە ئەسقاتتى-دە. يول بويىدا قىزىقسىنىپ تۇرغانلارمۇ ئۇنىڭ بۇ ئەسقېتىشىغاھەۋەس بىلەن قاراۋاتقاندەك بىلىندى.
مەھەللىسىگە يېغىپ كەتكەن خىتايئەسكەرلىرىگە خۇددى قىزىق بىر ئويۇن ياكى ئەمەككە ئېرىشكەندەك قىزىقىپ قاراۋاتقانيېزا بالىلىرىنىڭ چىرايىدىن ئۈگۈتۈلگەن خوشامەت كۈلكىسى چىقىپ تۇراتتى. چىشلىرىكوماك مەكتەپ يېشىغا يەتمىگەن بىرىمۇ چوڭلارنىڭ كەيپىياتىغا ماسلىشىپ، ئەسكەرلەرگەھىجىيىپ قاراپ تۇراتتى.
بەزى ئاياللار بولسا ئوتتۇرىدا ئېقىپيۈرگەن يامان ئادەملەر، قاتىللار ھەققىدىكى خەۋەرلەر بىلەن مانا بۇ ئەسكەرلەرنىبىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگىنىدە ھېلىلا سوقۇش چىقىپ، غايىپ ئوق تېگىپ كېتىدىغاندەكسەراسىمە بىلەن، بالىلىرىنىڭ قولىدىن داقىرىتىپ سۆرىگىنىچە، قىڭغىر قىيسىقكەپىلىرىگە كىرىۋېلىشقا ئالدىراۋاتقىنى كۆرۈنەتتى.
ئەمدىلىكتە ئەسكەرلەر ئىككى تەرەپتىكىئۆيلەرگە يامراشتى. ئەسكى بورىلىرى چۇۋۇلۇپ چىقىپ تۇرغان ئېغىللار ياكى ئۆيلەرنىڭئۆگزىلىرى، بۇ يەرلەردە ئادەم ياشىمايدىغان تاشلاندۇق خارابىلەردەك كۆرۈنەتتى.ئەمما ئاشۇ گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەندەك چۇۋۇق بورا ئاستىدىكى ئوچۇق يەردىن قارالغىنىداياماق سېلىنغان غەلۋىر، كۆتمەك سۈپۈرگە، بىر چىشى سۇنۇق ئارا، جوغۇچى سۇنۇق ئىۋرىققاتارلىق نەرسىلەرنىڭ جاي-جايىدا تەخلىنىپ تۇرغىنى، سىرتتىن خارابىدەك تۇرسىمۇئىچىنىڭ پاكىز سۈپۈرۈلۈپ، سۇ سېپىپ قويۇلغانلىقى، بۇ يەردە ئادەم ياشاۋاتقانلىقىنىدەلىللەيتى.
بەزى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىمۇ يوق بولغاچقا،ئىچكىرىدىكىلەرنىڭ كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن ھەركىم تاپالىغان ئىمكانىغا كۆرە پەردەتارتىپ قويۇشقان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كونا ئەتلەس كۆينەكتىن ئۆزگەرتىلگەن خېلىقاملاشقان پەردىلەرمۇ، كونا كۆرپىلەرمۇ، سەگەز زەدىۋاللارنىڭ پارچىسىدىنھازىرلانغانلىرىمۇ بار ئىدى.
يېڭى بايلارنىڭ ئۆيلىرى خېلى ياسىداقدېيىشكە بولاتتى. قىرغىزلارنىڭ تەمسىلىدە »سارت باي بولسو تام سالات، قىرغىز باي بولسو قادىنئالات« دېگەندەك، ئۇيغۇرلار پۇل تاپسىلا ئۆي يېڭىلايدىغان، ئۆيسالىدىغان، ئۆي ياسايدىغان ئادەتكە كۆرە، بۇ ياسىداق ئۆيلەرنىڭ بەزىلىرىدە بۇرۇنقىسۇپىلار ئورنىنى تاختايلىق سۇپىلار ئىگىلىگەن، ھىچ بولمىسا ياتىدىغان ئۆيلەرنىئاشۇنداق چاپان شاللاردىن بولسىمۇ تاختاي سۇپا قىلىۋېلىشقان ئىدى. خىتاي ئەسكەرلەرسۇپا ئالدىغا تارتىلغان لەپىلدىمە پەردىلەرنى قورالنىڭ ئۇچى ياكى نەيزىسى بىلەنقوپال قايرىپ، ئادەم پېتىپمۇ كەتمەيدىغان بۇ پاكار سىغىناقلارنى بوش قويۇۋەتمەيئارىلاپ چىقاتتى.
خىتاي ئەسكەرلىرى مەلۇم بىر باينىڭ ئۆيىئالدىغا كېلىپ، بۇ ئۆينىڭ كۆك تۆمۈر دەرۋازىسىنى قېقىشقا باشلىدى. بۇ دەل ھېلىقىموتۇسىكلىتلىق ئادەم يات باللانى كۆردۈم دەپ تەرىپلىگەن يەردە بولغاچقا، بۇئەتراپتىكى ئۆيلەر ئالا قويۇلمايتى. دەرۋازىنىڭ گۈمبۈرلەپ ئۇرۇلۇشىغا ھىچكىم جاۋاپبەرمىدى. ئىككى قانات ئارىسىدىكى قىسىلچاقتىن قارىغاندا پىشايۋان سۇپىسىدا بىرئايال ئولتۇراتتى. ئۆيدە ئادەم بارلىقىنى ئېنىق كۆرگەن، ئەمما جاۋاپ ئالالمىغانخىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ گۇمانى ھەسسىلەپ ئاشتى.
— ئادەم بامۇ؟ دەرۋازىنى دەرھال ئاچ! — دەپۋارقىرايتى قەيسەر. ئۇ مەسلىھەتچىلەر مۇئاۋىن باشلىقى بولسىمۇ، ئۇيغۇر بولغانلىقىئۈچۈن قوشۇننىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئەسكەرلەردەكلا خىزمەت قىلىۋاتاتتى.
— دەرۋازىنى ئاچ! — دەپ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆز روللىرىنى جارى قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى باشقائۇيغۇر ئەسكەرلەرمۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خېلى بىر ئىشقا ئەسقاتقاندەك بولۇپ، ئۆزكۆڭلىنى ئاۋۇندۇراتتى.
بىر ھازا ھەپىلەشكەندىن كېيىن ئۈمىدىنىئۈزگەن خىتايلار بۇ ئۆيدە چوقۇم چاتاق بارلىقىغا ئىشىنىپ، تامدىن ئارتىلىشقا نىيەتقىلىشتى. قەيسەر قول ئىشارىسى بىلەن ئارقىسىدا ۋە يېنىدا تۇرغان ئەسكەرلەرنى تامدىنئارتىلىپ چۈشۈشكە بۇيرۇدى. ئۇنىڭ قول ئىشارىسى بىلەنلا ئەسكەرلەرنىڭ تامغايامىشىشىنى كۆرۈش قەيسەر ئۈچۈن بەكمۇ ھوزۇرلۇق تۇيۇلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر كوماندىرئىكەنلىكىنىڭ ئەمەلىي ئۆرنىكىنى كۆرۈۋاتاتتى. تامدىن ئارتىلىپ كىرگەنلەر دەرۋازىنىئېچىۋەتتى. ئەسكەرلەر خۇددى خىتاي كىنولىرىدا تەسۋىرلەنگەن ياپونلاردەك ھويلىغابېسىپ كېىردى.
پىشايۋان سۇپىسىدا ئولتۇرغان جۇۋانقورقۇشتىن يىقىلايلا دەپ قالغان ئىدى. ئارقىمۇ-ئارقا بېرىلگەن سوئاللارغا يەنىلاجاۋاپ بېرەلمىگەن جۇۋان قۇلىقى ۋە تىلىنى ئىشارەتلەپ، ئۆزىنىڭ ھەم گاچا، ھەم پاڭقايلىقىنىبىلدۈرگەندىن كېيىن، ئەسكەرلەر ئۇنىڭدىن گەپ سوراپ ئولتۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، ئۆينىڭئاستىنى ئۈستىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى. ئاخىرىدا خۇددى بۇ يەردە بىر توپ ياۋاتوڭگۇزئېغىنىغاندەك قالايمىقان قىلىۋېتىپ، چىقىپ كېتىشتى.
مەھەللىلەردە، ھويلا بۇلۇڭلىرىدا بولغانتونۇرلارنىڭ يامغۇردىن دالدا قىلىپ يېپىلغان يوپۇقلىرىمۇ قوپاللىق بىلەن چۆرۈپتاشلىنىپ، ئىچىگە قارايتى. بەزىلىرى قاراش بىلەن قانائەتلەنمەي، كۈللەرنىڭ ئاستىدايوشۇرۇن يەر ئاستى يولىنىڭ ئېغىزى بولۇش ئىھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، كۈللەرنىمۇتىتىپ باقاتتى.
ئەگرى-دوناي ياغاچنىڭ ئاچىسىنى تۈۋرۈكئورنىدا تىكلىگەن ئاران تۇرغان چەللىلەرنىڭ ئۆگزىسىمۇ ئالا قالمايتى. قورقۇنچاقخىتايلار چەللىلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، چەللە پىشايۋاننى تاياندۇرغانئەسكى ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، ئۇ يەردىن چەللىنىڭ ئۆگزىسىنى ئېنىق كۆرۈپخاتىرىجەم بولۇشاتتى. چەللىنىڭ ئۈستىگە بېسىلغان ئەسكى پاخاللارنى نەيزىسى بىلەنتىتىپ بېقىشقىنىدا، ئاستىدىن شۇرۇلداپ توپا تۆكۈلەتتى. ھەتتا بىرەر قۇچاق پاخالمۇچۈشەتتى.
بەزى ئۆيلەر بولسا مانا بۇ ياۋۇز قوشۇننىڭتىقىلىپ كىرىشلىرى ۋە ھەريەرنى تىنتىشلىرى بىلەن رەسمىي ئادەم ياشىمايدىغانخارابىلەرگە ئايلىناتتى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھىچقاندىقىغا ئىشەنمىگەچكە، ھەربىرئۆينى چالا قويماي ئاختۇرۇپ، ئون سائەت جاپالىق خىزمەت قىلىشتى. تۇرشاۋۇلقىسىملاردا مەخسۇس ئادەم گۆشىگە ئادەتلەندۈرۈلگەن ئاپشاركىلار ھېلىلا تاسمىسىنىئۈزۈپ قاچىدىغاندەك سۈر ھەيۋە بىلەن يۇلقۇنۇپ، يېتىلىگۈچى خىتاينى ھارغۇزۇپ، سۆرەپكېتەتتى. ئىتلارنىڭ بۇ ۋەھشىيانە پەيلى خىتايلارنىڭكىدىن قېلىشمايتى.
تاملىرى قوپال ئېتىلگەن قوتانلارنىڭ قىغچىقىرىش ئۈچۈن قويۇلغان تۆشۈكلىرى خۇددى پوتەينىڭ ئوق ئېتىش تۆشۈكىدەك كۆرۈنۈپكېتەمدىكىن، خىتايلار زور ئىھتىيات بىلەن تامغا سۇۋۇشۇپ كېلىپ، ئاندىن بىردىنلائۇدۇلغا ئۆتۈپ، قورال تەڭلەيتى. ئەنە شۇنداق ئەسكى ئۆيلەرنى تىنتىشتە لىيۇ جىژجۈنبۇ قوتاندىنمۇ بەتتەرراق ئۆيلەرنى ياراتمىغاندەك قىلىپ:
— بۇ ئېشەكلەر راستىنلا ئېشەك ئېغىللىرىدا ئولتۇرۇدۇكەن ئەمەسمۇ! — دەپ كۈلدى.ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەسلىھەتچىلەر باشلىقى قەيسەر نېمىشكىدۇر ئىختىيارسىز ئۇنىڭغاقاراپ قويدى. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىدا قىلچىلىك ئاغرىنىش، تە بولۇش، ھاقارەت ھىسقىلىش ئالامىتى كۆرۈنمەيتى. ئەكسىچە ئۇ ئۆزى تەۋە بولغان مۇشۇ ناقابىل مىللەتتىننومۇسى كەلگەندەك، شۇڭا ھېلىقى ئەسكەرگە: »قانداق قىلىسەن، بۇ خەلقنىڭ بېرى شۇ« دەپ ئۆزۈربايان قىلىۋاتقاندەك بىر چىراي ئىپادىسىدە بولدى. ئىچىدە بولسا: »راست ئەمەسمۇ. ئۆز ئۆيىنىمۇ ئادەمدەك ياسىۋېلىشنىبىلمىگەن بۇ خەق... «دېگەنلەرنىئويلىدى. لىيۇ جىژجۈن بولسا مۇئاۋىن مەسلىھەتچىلەر باشلىقىنىڭ مىللىتىگە ھاقارەتقىلغىنىدىن خىجالەتمۇ بولمىدى، خۇددى ئۇنى ئۇلاردىن ئەمەس، بىزدىن بىرى بولدۇڭ دەپئاۋۇندۇرۇۋاتقاندەك قىلاتتى. قەيسەرمۇ ئۆزىنى ئۇلاردىن ئەمەستەك ھىسىياتتائىدى-دە.
كەچ كىردى، بىركۈنلۈك جاپادىن ھىچقانداقنەتىجە چىقمىدى. نەچچە مىڭ ئەسكەر، ئونمىڭلىغان مىڭبىڭ بىكاردىنلا بىر كۈنتىمسىقلىغان بولۇپ چىقتى.
كېچە قاراڭغۇلۇقىدىن پايدىلىنىپ،ئاختۇرۇشتىن ئۆتكەن تەرەپكە ئۆتۈۋالمىسۇن دەپ ئەنسىرىگەن خىتايلار نەچچە ئونكلومېتېرلىق دائىرىگە قولى قولغا تېگىدىغان ئارىلىقتا مۇھاسىرە ھالقىسى بولۇپ دەمئېلىشقا ئولتۇرۇشتى. يېزىلىق ھۆكۈمەت تەۋە ساقچىخانىدىن كەلگەنلەر ئارقىلىق، كېچەقاراڭغۇلۇقىدىن ئىبارەت يوچۇقنى تولدۇرۇشقا، دىھقانلار قوشۇنى تازىمۇ ئەسقاتتى.ئۇلار بولغاچقىلا مانا شۇنداق زىچ بىر ھالقا شەكىللەندۈرۈلگەن ئىدى. ھەر كىچىكئېرىقلارنىڭ كۆۋرۈكىدە نەچچىدىن ئەسكەر كۈزەتكە قويۇلدى.
ئەتىسىگە غەلبىدىن ئۈمىت چوڭ ئىدى. چۈنكىمۇھاسىرە ھالقىسى خوپ تارايغان ئىدى. ئەسكەرلەر يىلاردىن بىكار نان يەپ گازارمىدايېتىشىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ھەقىقىي جەڭچىلەردەك جەڭ مەيدانىدىلا يېتىپ، شۇيەردە سەپەر تاماقلىرى يېيىشىۋاتقىنىدىن بەزىلىرىنىڭ جەڭچىلىك غورۇرى قانائەتتېپىپ، بەكمۇ مەمنۇن كۆرۈنەتتى. بەزىلىرى ھارغىنلىقتىن سۆزلەشكىدەكمۇ مادارى يوقسىڭايان بولۇپ يېتىپ قېلىشقان ئىدى. ئۇيغۇر ئەسكەرلەر بولسا ئەڭ كۆپ رولئوينىغانلىقتىن ئۆزلىرىنى تېخىمۇ بەختلىك ھىس قىلىشاتتى. شۇڭا پارىڭى تۈگۈمەيلاكېتىشكەن ئىدى. پاراڭ تەبىئىيكى، خىتايچە باراتتى. چۈنكى ئەگەر ئۇيغۇرچە سۆزلەشسە،يېنىدىكى خىتاي سەبداشلارنىڭ راھەتسىزلىنىشىدىن ئەنسىرەيتى. شۇنداقلا، ئۇلاردىمۇيەنىلا ئۇيغۇرلۇق پىسخىكىسىنىڭ قايتا شەكىللەندۈرۈلگەن خۇدۇكسىرەش تىپى بولغاچقا،ئۇيغۇرچە سۆزلەشسە يولداشلارنىڭ گۇمانسىراپ قېلىشىدىنمۇ قورقۇشاتتى.
ئادەم ئوۋچىلىرى
تاڭ سەھەردىلائەسكەرلەر ھەركەتلىنىشكە باشلىدى. ئۆيلىرىگە كەتكەن ئاز ساندىكى دىھقان قوشۇنىمۇقايتىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ كۆپچۈلۈكى قايتمىغان ئىدى. دىھقانلار قوشۇنىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىئۇيغۇرلاردىلا بولۇدۇغان شەكىلدە ئۆزلەشتۈرۈلگەن شەپكە، بەزىلىرى ياغلىشاڭغۇ شاپاقدوپپا، يەنە بەزىلىرى ياز بولۇشىغا قارىماي تۇماق كىيىۋېلىشقان بولۇپ، تومۇزبولغاچقا كىرلىشىپ كەتكەن كىيىملىرىنىڭ ئالدىنى ئېچىۋەتكەن ئىدى.
ئاختۇرۇش يەنەباشلاندى. ئۆگزىدە،ئۆي ئىچىدە، قوتاندا خىتاي ئەسكەرلىرى مىغىلدايتى.
بۇ ئەسكەرلەر يېتىشمەي قېلىشىدىنئەنسىرىگەندەك، مىڭبىڭ ھىسابىدا ھەركەتكە قوزغۇتۇلغان ئەر دىھقانلار قوللىرىغاچوماق، كالتەك ئېلىشىپ. ئەسكەرلەرنىڭ دۆشكەلەپ تۇرۇپ قىلىۋاتقان بۇيرۇقلىرىغائىتائەت قىلىشاتتى، بىراق ھەربىر خىتاينىڭ ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلغۇسى كېلىدىغانبولغاچقا، بىرى ئۇ ياققا بۇيرۇسا، بىرى بۇ ياققا بۇيرۇپ، كاللىسىنىقايدۇرۇۋېتەتتى. كوچىلارغا پاتماي مىغىلداشقان بۇ تەرتىپسىز »خەلق قوشۇنى« ئۆزلىرىنىڭ كىمگە، نېمىگە، نېمە ئۈچۈن قارشى كېتىۋاتقىنىتوغرىسىدىمۇ ئېنىقراق پىكرى يوق، باشلىقلار چىقىڭلار دېگەندىكىن دەپلا ھاشارغاچىققاندەك چىقىشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاز ساندىكىلىرى ھەقىقىي مېڭىسىيۇيۇلۇپ، »ئاڭلىقلاشتۇرۇلغان« دېيىشكىمۇبولاتتى. ئۇلار خىزمەت كۆرسۈتۈپ، ئېغىزغا ئېلىنىشقا ھېرىسمەن ئىدى.
قاغىلاردەك ئۆگزىلەرگە، دۆڭلەرگە، ئۆستەڭچۈشۈرگىلىرىنىڭ قاپقاق سۇپىلىرىغا قونۇۋېلىشقان ئەسكەرلەر، ھاشارغا ھەيدەلگەن »خەلق قوشۇنى«نىئىشەشسىزلىك بىلەن نازارەت قىلىپ تۇرۇشاتتى. ئۇلار بۇ ئاڭسىز پادىنىڭ بىردىنلائەقلىگە كېلىپ، شىردەك ھۆكۈرەپ ئۆزلىرىگە ئېتىلىشىدىن شۇنچىلىك ئەنسىرەپتۇرۇشاتتى. شۇنداق بولسىمۇ »پۈتۈنخەلق بىز تەرەپتە« ھاۋاسى يارىتىش ئۈچۈن ئۇنى سەپەرۋەر قىلىشتىنمۇ ۋاز كېچەلمەيتى.
ئۈستىگە پاخال تاشلانغان چامغۇر ئورىلىرىنىدۈشمەننىڭ يەرئاستى ئىستىھكامى دەپ ئويلاشقان خىتايلار قوناق شاخلىرىنى قورالنىڭئۇچى بىلەن قايرىپ، ئورىلارنى ئېچىشىاتتى. ئۇزۇن نەيزىلەرنى تۇتقان خىتايلار پاخالدۆۋىلىرى، شاخ دۆۋىلىرىگە نەيزە تىقىپ، تەكشۈرۈپ كۆرەتتى. مەلۇم بىر دىھقاننىڭئورىسى ئادەتتىكىدىن چوڭ ئىدى. بەلكىم ئۇنىڭ قىشلىق مېۋىلىرى كۆپ بولسا، شۇلارنىساقلاش ئۈچۈن شۇنداق يوغان ئورا قىلىۋالغان بولۇشى ئېنىق. بۇ ئورىنىڭ ئېغىزىنىتاپقانلىرىدا خىتايلار دۈشمەننىڭ ئۇۋىسىنى تاپقاندەك خوشال بولۇشتى. ئەمما بىرتەرەپتىن ئۇ يەرگە كىرىشتىن قورقۇپ، تاپقىنىغا پۇشايمان قىلغاندەكمۇ قىلىشتى. ئەڭئالدىدىكى ئەسكەر لىيۇ لىن ئورىغا كىرىشكە بۇيرۇلغاندا يۈرىكى ئاغزىغا قاپلىشىپقالايلا دېدى. ئەمما بۇيرۇقنى رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، مىڭ ئۆلۈپ، مىڭتىرىلىپ، قورقۇشتىن ھەركىتى قولاشمىغان ھالدا ئورىغا چۈشتى. ئورىدا ھىچنېمە يوقتى.بۇ ھال ئۇنىڭ ئۇھ دەپ يېنىك تىن ئېلىشىغا سەۋەپ بولغان بولسا، ئۇنىڭ »جاسارەت بىلەن »ئورىغا بىرىنچى بولۇپ كىرگەنلىكى« كېيىنچەئۇنىڭغا ئامەت كەلتۈرۈدۇغانلىقىنىمۇ مۆلچەرلەشكە بولاتتى. كېيىن ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭقەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى تەشۋىق قىلىنغاندا ئورىغا بىرىنچى بولۇپ كېرگىنى ئۈچۈنخوشال بولدى. ئۇ بۇنى قەھرىمانلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغىنىدىن ئەمەس، ئورىغا ئەڭيېقىن بولغىنى ئۈچۈن، كەينىگە يېنىۋېلىپ، ئارقىسىدىكىنى سەن كىر دېيىشكە مۈمكىنبولمىغىنىدىن مەجبۇر بولغان ئىش ئىدى.
ئشەك ھارۋىسىدا شەپكىنى قىرلاپ ئۆتۈۋاتقاندىھقانلار يولدا قوراللىق تىمسىقلاپ يۈرگەن خىتاي ئەسكەرلىرىگە قىزىقىش،ئەجەپلىنىش بەلكى ھەۋەس بىلەن قارىشىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. خىتايلارغا بولسامانا مۇشۇلارمۇ دۈشمەندەك تۇيۇلاتتى. ئۆزلىرى ئىزدەپ يۈرگەنلەر مۇشۇلاردىن بىرىبولۇشى ئىھتىمال ئىدى.
يول بويىدا بىكار ئولتۇرغان ئىككى ياش ۋەبىر بالىنىڭ يېنىغا يېقىنلاشقان خىتاي ئەسكەرلىرى ئىچىدىكى ئۇيغۇردىن بىرىبۇيرۇققا بىنائەن گەپ قىلدى. ئۇلاردىن »يېقىنئارىدا مۇشۇ يولدىن يات ئادەملەر ئۆتتىمۇ؟« دەپ سورىدى.
— كۆرمىدۇق، — دېدى بالا، ئەمما ئۇ بۇنى تەبىئىي تۇرقى بىلەن دېمەستىن بىر خىلئۆكۈنۈش تۇيغۇسى بىلەن دەۋاتاتتى. ئەسلىدە ئۇنىڭچە بولغاندا ئۇ بىرەر يات ئادەمنىكۆرگەن بولسا ۋە ئەسكەرلەرگە بولۇشلۇق جاۋاپ بېرەلىگەن بولسا مەمنۇن بولارلىق ئىشئىدى.
موتوسىكلىت مىنگەن، دوپپا كىيگەن بىرىكېلىۋاتاتتى. ئەسكەرلەر ئۇنىڭغا يول بېرىدىغاندەك قىلمايتى، شۇنداقلا ئۇمۇئەسكەرلەردىن مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك قىلمايتى. بۇ بىرخىل پىسخىك ئاجىزلىقبولۇپ، »مېنىئوغرى كۆرمىسۇن، مەندىن گۇمانلىنىپ قالمىسۇن« دېگەنئەندىشە تۈپەيلى، ئۆزىنى قورقمىغانغا سېلىش، نورمال ئادەم، ھەتتا كېرەك تېپىلسائەسكەرلەرگە ياردەم بېرىدىغان ئادەم قىلىپ كۆرسۈتۈشتەك ئۆز-ئۆزىنى كەمسۇندۇرۇشتۇيغۇسى ئۇنى زورلاپ تۇرغاچقا، ئۇ ئىختىيارسىز ئاستىلاپ قېلىۋاتاتتى.
يېڭى مەلۇماتقا ئېرىشتى. بىر دىھقان ئايالبىرنەچچە ياش بالىنىڭ ئۆزىدىن نان سورىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭقايسى تەرەپكە كەتكەنلىكىنىمۇ كۆرسۈتۈپ قويدى. بۇ يېڭى مەلۇمات ئەسكەرلەرنىڭدۈشمەنگە بەكمۇ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايتى. شۇڭا ئۇلار دەككە-دۈككەئىچىدە شۇنچىلىك ئىھتىياتقا چۈشتىكى، بۇ بىر بىراگادىنىڭ سانىدىكى قوشۇننى خۇددىئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ۋە كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كەلدىمىكىن دېگۈدەكلا ئىدى.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قارشىسىدا قورالسىز توققۇز نەپەر ياش بارىدى خالاس!
قوناقلىق ئادەملەرنىڭ ئارىلاپ مېڭىشى بىلەنشاخ-يوپۇرماقلار شۇنچىلىك شاراقلاريتىكى، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ جېنى چىقاي دەيتى.بۇ شاراقلاش ئۇلارغا ئەجەلنىڭ شەپىسىدەك تۇيۇلاتتى. ھەر قەدەمدە پەسكە ئولتۇرۇپئالدى تەرەپلەرگە زەن سېلىشاتتى. چۈنكى قوناقلارنىڭ ئۈستى تەرىپى يوپۇرماقلىقبولغاچقا بەك قويۇق كۆرۈنەتتى. پىت كۆزلۈك خىتايلار ھىچنېمە كۆرەلمەيتى. قوناقشاخلىرىنىڭ پاچاقلىرى يالىڭاچ بولغاچقا بىر ئاز ئۇزۇن ئارىلىقلارنى كۆرگىلىبولاتتى.
كېپەزلىك قىرلىرىدا، قوناقلىق قىرلىرىداخۇددى سول ئېلىش ئۈچۈن قاتار تۇرۇشقاندەك، خىتايلاردىن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان »خەلق قوشۇنى« كالتەكلىرىنى تۇتۇپ، ھاڭقىيىپ، نېمە بولۇۋاتقاندۇ، نېمەقىلىدىغاندۇق؟ دەۋاتقاندەك قارىشاتتى. بىر-بىرى بىلەن گەپلىشىشتىنمۇ قورقۇشاتتى.
دىھقانلار قوشۇنىدىكىلەردىن بىرى مەلۇم بىرقوناقلىق ئىچىدىن بىر توقاچ نان تېپىۋالدى. بۇ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ توچكىنىبېكىتىشتە موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. بۇ ئېتىز بەكمۇ چوڭ ئېتىز بولۇپ،ئۇزۇنلۇقى 50 مېتېرچە، كەلڭلىكى 30 مېتېرچە كېلەتتى. ئەگەر يوشۇرۇنماقچى بولغانبىر ئادەم ناھايتى تەبىئيكى مانا مۇشۇنداق ئېتىزنى تاللايتى. ئېتىز مەركىزىنىڭقىرلاردىن ئۇزاق بولۇشى، كۆرۈنمەسلىككە ئەڭ ئۇيغۇن كېلەتتى. ئەمدىن مۇشۇ چوڭ ئېتىزنىشانغا ئېلىنىشى بىلەنلا، بارلىق ئەسكەرلەر، كالتەكچى دىھقانلار خۇددى »قارا-قارا قۇشلارىم« ئويۇنىدا سەپئېلىشقاندەك بىر-بىرىگە تېگىپ دېگۈدەك تىزىلىشتى.
قوناقلىقتا بەك ئۇزاقنى كۆرگىلى بولمىغاچقابىر مېتېرلا ئارىلىقتىن بىرسى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئىھتىماللىقىنىمۇ نەزەرگەئالماي بولمايتى. شۇڭلاشقا جىيا خۇيلۇ قەتئىي تۈردە قوناقلىقنى تامامەن نابۇتقىلىشقا — قوناقلارنى قايرىپ ياتقۇزۇپ ئىلگىرىلەشكە بۇيرۇق بەردى. قوناقلارئۇزۇن نەيزىلەرنىڭ سېپى بىلەن بېسىلىپ، نابۇت قىلىندى. بۇ قوناقلار بۇھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى بويىچە بولغاندا دۆلەتنىڭ مۈلكى ھىساپلىنىشىكېرەك ئىدى. چۈنكى بۇ ھۆكۈمەت »يەردۆلەتنىڭ، سۇ دۆلەتنىڭ« دېگەننى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلغان ئەمەسمۇ؟ چۈنكى بۇ دۆلەتتەئاخىرقى ھىساپتا شەخسىي مۈلك بولمايتى. ھەتتا چىڭىغا چىققاندا پۇخرالارمۇ دۆلەتمۈلكى ئىدى. ئەمما مەلۇم مۈلك ئۇيغۇرنىڭ قولىدا بولغىنىدا بۇ ئومۇمىي قائىدىدىنچىقىلاتتى. ئەمەل قىلمىسىمۇ بولۇۋېرەتتى. بۇنداق »ئۇيغۇرنىڭ مەسئۇلىيىتىگە بېرىلگەن دۆلەت مۈلكى«نى نېمە قىلسىمۇ قىلاتتى، ئاخىرىدا ھىچقانداقمەسئۇلىيەتنى ئالمىغاندىن تاشقىرى، زىياننى ئاشۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۈستىگە ئارتىپقويۇۋېرەتتى. ئۇ ئۇيغۇر باشتا گويا گۇناھكارلارچە قول قوشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭبۇزغۇنچۇلۇقىغا قاراپ تۇرغاندەك، بۇ زىياننى تۆلەشكە كىم مەسئۇل؟ دېيەلمىگىنىدەك،ئىش ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆز ئۇۋالى ئۆزىگە بولۇپ قېلىۋېرەتتى، ئەرز-شىكايەتقىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتى. جۈرئەت قىلغان تەقدىردىمۇ قەيەرگە، كىمگە بارىدۇ؟ئاڭلايدىغان كىم بار؟
قوناقلىق زىچ قورشاۋغا ئېلىنغان بولسىمۇئەمما بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قوناقلىقتىمۇ ياكى مەلۇم قىسمى باشقا يەردىمۇ؟نامەلۇم بولغاچقا، ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراشتىنمۇ قورقۇپ تۇرۇشاتتى. قورقۇنۇچ شۇدەرىجىدە ئىدىكى، قوللىرىدىكى ئاپتوماتلارنى قۇرۇلغا ئالغان ھالدا ئىلگىرىلەشنىخەتەرلىك دەپ ھىساپلاپ، دۈشمەن كۆرۈنمەي تۇرۇپ قۇرۇلغا ئالماسلىققا قارار قىلىشقانئىدى. چۈنكى جەڭچىلەرنىڭ قورقۇنۇچقا پاتقان كەيپىياتىدىن قارىغاندا ئۇلار بىرەرشەپىنى سەزگەنلىرىدە قورقۇنۇچتىن ئاڭسىز ھالدا تەپكىنى بېسىۋېتىشى، نەتىجىدەئارقىدىكىلەرنىڭ ئوقلىرى ئالدىدىكى جەڭچىلەرگە تېگىپ كېتىشى مۈمكىن ئىدى.
ئۇزۇن نەيزە تۇتقان ئەڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇرئەسكەرلەر، دىھقانلار قوشۇنى قوناقلارنى يەرگە ياتقۇزۇپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭئارىلىرىدا بەتلەنمىگەن ئاپتوماتلىرىنى ئالدىغا قارىتىپ خىتايلار كېلىشەتتى.بۇيرۇقتىكى تاپىلاشتا قوناق شاخلىرىنىڭ قايرىلغانلىرى، يوپۇرماقلارنىڭقايرىلغانلىرى بارمۇ-يوق، بۇلارغا دىققەت قىلىپ ئىلگىرىلەش، بۇ بەلگىلەردىن دۈشمەنلەرنىڭكونكرېت ئورنىنى قىياس قىلىش ئىزىپ ئىچۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە ئۇزۇن نەيزىلەربىلەن، ئارا، گۈرجەكلەر بىلەن ئۇزاقتىنلا قايرىپ ياتقۇزۇلۇۋاتقاچقا،ئىز-بەلگىلەرگە زەڭ سېلىشنىڭ ئىمكانى تۈگۈگەن ئىدى.
دۈشمەن ئومۇمنىڭ دۈشمىنى بولسىمۇ جانشەخسنىڭ بولغاچقا، ھەر بىر خىتاي ئەسكىرى قورقۇنۇچ بىلەن خىزمەت كۆرسۈتۈشئىنتىلىشى ئارىسىدا سەراسىمە بىلەن يېرىم قەدەمدىن ئىلگىرىلەپ باراتتى.دۈشمەنلەردە قورال يوق ئىدى. بۇنى ئېنىق بىلىشەتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ياشاشتىنئۈمىدى ئۈزۈلگەن بولغاچقا ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىشقا ئۇرۇنماستىن ئېتىلىدىغانلىقىئېنىق ئىدى. ئەمما جەڭچىلەردە بولسا ھايات قېلىپ خىزمەت كۆرسۈتۈشتىن كەلگەنئەۋزەللىكلەردىن بەھىرلىنىش تاماسى كۈچلۈك بولغاچقا ھىچبىرىنىڭ ئۆلگۈسى يوق ئىدى.
ئەسقەرنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان لىيۇ جىژجۈنبىردىنلا ئالدىدا بىر قارا نەرسە كۆرگەندەك بولدى. ئۇ ئاپتوماتنىڭ زاتورىنىتارتقۇچىلا ئالدىدىكى قارا كۆرۈنگەن نەرسە لەڭڭىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر نەپەسئارىلىقىدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتايغا ھۇجۇم قىلدى. لىيۇ جىژجۈن ئۇتتۇرچىشلىرىنىڭ زىڭىلداپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتوماتنىڭ تەپكىسىنىجان –جەھلى بىلەن باستى. باشقا خىتايلار بەك قورقۇپ كېتىشكىنىدىن نېمەبولۇۋاتقىنىنى ئاڭقارماستىنلا قوراللىرىنى ھاپىلا-شاپىلا بەتلەپ، ئالدى تەرەپكەقارىتىپ ئۈلگۈجىسىگە ئوق ياغدۇرۇشتى.
قەيسەر پۇتىنىڭ تۈۋىگىلا ئۈچۇپ چۈشۈپسانچىلىپ قالغان پىچاقتىن شۇنچىلىك قورقۇپ كەتتىكى، ئوڭدىسىغا چۈشمەسلىك ئۈچۈنئۆزىنى زورغا تۇتۇۋالدى. بۇ پىچاق لىيۇ جىژجۈنگە ئېتىلغان بۆلگۈنچىنىڭ قولىدىكىپىچاق بولۇپ، ئوق تەككەندىن كېيىن ئۇنىڭ قولىدىن ئۇچۇپ چىققان ئىدى. قەيسەر بىرنەچچە سېكونتلۇق ئاشۇ غالىلداشتىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، تاپانچىسىدىن ئالدىغا قارىتىپئوق چىقىرىشقا باشلىدى. ئەمما ئۇ ھىچقانداق نىشاننى كۆرمەيتى. پەقەت قاتتىق قورقۇشئېلىپ كەلگەن كىرىزىس تۈپەيلى، كۆزلىرى بىرنېمە كۆرمەس بولۇپ قالغاندەك، ئەقلىقېتىپ قالغاندەك، ئوق ئاۋازلىرىغا قوشۇلۇپ ئاتتى خالاس.
لىيۇ جىژجۈننىڭ ئاپتوماتىدىن ۋە ئارقىدىنباشقىلارنىڭكىدىن ئېتىلغان ئۈلگۈجە ئوقلارنىڭ زىچلىقى تۈپەيلى قوناقلارنىڭشاخ-يوپۇرماقلىرىنى پاختا ئاتقاندەك توزۇتۇۋەتتى. ئۇششاق توزۇغان بۇ يېشىل توز ۋەتىتىلغان يوپۇرماقلار ئاۋال بىر ئاز كۆككە ئۇچۇپ، ئاندىن ئاستا لەيلەپ جەسەتنىڭئۈستىگە چۈشۈپ، خۇددى ئۇنى جەننەتتە يېشىل چىمەنلەرگە ئوراپ قويغاندەك كۆمۈۋەتكەنئىدى. بەلكىم ئۇلارنىڭ كېپەنلەنمەيدىغانلىقىدىن، يېشىل توزلاردىن يوپۇق يېپىپجەننەتكە ئۇزۇتۇۋاتقاندەك بىر كۆرۈنۈش بېرەتتى.
ئوق ئاۋازلىرىدىن چۆچۈگەن جىيا خۇيلۇئېتىزلىقنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن يۈگرەپ كېلىپ:
— نېمە بولدى؟ نېمىگە ئوق چىقاردىڭلار؟ — دەپ سورىدىئەنسىزلىك بىلەن.
بۇ توپتا قەيسەر كوماندىر ئورنىدا بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇقىدىن ئەسكەرلەر ئۇنى كۆزىگە ئىلمىگەچكە، ئۇنىڭ رېپورت قىلىشىغاھالاقىت بېرىپ، چۇڭۇلدۇشۇپ تەڭلا سۆزلەپ كېتىشتى:
— تېرورچىغا يولۇقتۇق، شاۋلىيۇغا ھۇجۇم قىلدى، شۇڭا ئوق چىقاردۇق...
بۇ چاغدا ئاغزىدىن قان ئېقىۋاتقان لىيۇجىژجۈن غالىپلارچە كۈلۈمسىرەپ، باشلىققا ئۆزىنى كۆرسەتتى.
— نېمە، يارىلاندىڭمۇ؟
— قاتتىق بىرنېمە چىشىمغا تەككەندەك قىلدى، بىلمەيمەن، چىشىم چۈشۈپكەتكەن ئوخشايدۇ.
— ياراڭغا قارا، كەينىگە يان.
— ياق، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشنى داۋام قىلىمەن، يارام ئېغىر ئەمەس، — دېدى شاۋلىيۇئۆزىنى ئىپادىلەشنىڭ پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي.
— ياخشى، ھەر مىللەت خەلقى كۆرسەتكەن خىزمىتىڭنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.شۇنداقتىمۇ دىققەت قىل.
جىيا خۇيلۇ كەلگەن تەرىپىگە كەتمەي، شۇتوپتا قالدى. ئۇ كۆڭلىدە جەڭنىڭ ئەڭ قىزىغان يېرىدە تۇرۇپ قوماندانلىق قىلماقتائىدى. ئەمدى باشقا بىر تەرەپتىن ئۈلگۈچە ئوق ئاۋازلىرى ياڭراپ كەتتى!
***
چوڭ ئېتىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىۋېلىشقانمۇجاھىتلار قوناقلىقنىڭ تامامەن قورشالغانلىقىنى بىلىشتى. ئۆلۈمنى ئاللىقاچانئىختىيار قىلىشقان بولۇشىغا قارىماي، جاننىڭ تاتلىقلىقى قورقۇنۇچ سېلىپ تۇراتتى.شەيتان ئۇلارغا ھايات قېلىشنى شىۋىرلاريتى. ھاياتتىن ئېلىنىدىغان لەززەتلەرھەققىدە ۋەدىلەرنى بېرىپ، ھايات قېلىش ئۈچۈن قۇتراتماقتا ئىدى. ۋاھالەنكى،ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن، تەكرار پانىينىڭ لەززەتلىرىنى تېتىشى ئۈچۈن بىرلايول بار ئىدى: مۇناپىق بولۇش!
ئابدۇرېھىم سەبداشلىرىنىڭ ۋەھىمە ئىچىدەروھى چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە جەڭگىۋارلىقى ئاجىزلاپ، ئەقلىنىيىغالماسلىق تۈپەيلى دۈشمەنگە قارشى پىلانلىق قارشىلىق قىلالمايلا قولغا چۈشۈپقېلىش مۈمكىنلىكىنى مۆلچەرلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنى مەنەۋىي جەھەتتىنقۇۋۋەتلەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ، ساھابىلەرنىڭ جىھاتلىرىنى، ئۇلاردىكىقىزغىنلىقنى، شېھىت بولۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىكنى ئەسلەتتى، جەننەتتىكى يۈكسەكدەرىجىلەرنى ئەسلەتتى. ھايات قېلىشتا كۆرۈشلىرى ئىھتىمال بولغان ئازاپ-ئوقۇبەت،خورلۇقلارنى تىلغا ئالدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىلغان- ئەتكەنلىرىنى ئەسلەتتى.
— ئۆزەڭلىنى قولغا ئېلىڭلا، بوشاپ كەتمەڭلا، ئۆزەڭلانى يوقۇتۇپقويساڭلا، چەبدەسلىكىڭلا بولمايدۇ. دۈشمەنگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلمەيسىلە، ئاللاھبىز بىلەن.
— ئاللاھ بىز بىلەن! — دەپ تەكرارلىدى ئابدۇسالام.
— شېھىت بولۇشقا رازىمىز، تىرىك قولغا چۈشمەيمىز! — دېدى قەييۇم.
ئانارگۈلنىڭ ئېرىلا ئايالىغا ئىچ ئاغرىتقانھالدا قاراپ قويدى. ئۇنىڭ قەھرىمانلىق نەمۇنىسى كۆرسۈتۈشىگە گويا ئايالى ھالاقىتبېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئايالىدىن ئەنسىرەش، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئوق تېگىپيىقىلىشىنى كۆرۈش تەسەۋۋۇرى ئۇنىڭ تېنىنى جۇغۇلدۇتۇپ، دەرمانىنى قۇرۇتماقتا ئىدى.بۇ قاراشلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن ئانارگۈل ھەم ئېرى، ھەم كۆرەش سەبدىشى بولغانيىگىتنىڭ مەسۇم-مەسۇم قاراشلىرىدىن كۆڭلى يۇمشىغان ھالدا:
— ئۆزلىرىنى تاشلىۋەتمىسىلە، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنى بولۇدۇ،مەندىن ئەنسىرەپ ئۆزلىرىنى تۈگەشتۈرمىسىلە، ئاۋال مەن كېتەي، يوللىرىغا پاياندازسېلىپ كۈتۈپ تۇرۇمەن، مېنى دەپ ئىككىلىنىپ قالمىسىلا،... — دېدى.
شۇ چاغدا يېقىنلا بىر يەردىن ياغدۇرۇلغانئوقلار ئۇلارنىڭ باشلىرىدىن، يانلىرىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. ھەتتا بىر نەچچە ئوقمۇجاھىتلاردىن بەزىلىرىگە تېگىپ، يەرگە يىقىلىپ چالا بوغۇزلانغان قويدەكئېچىنىشلىق پۇت ئېتىشقا باشلىدى. ئانارگۈل ئىختىيارسىز ھالدا ئېرىگە مەھكەنچاپلىشىۋالغان، بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىگە قاراپ قارچۇقلىرى قېتىپ قالغاندەك، گاڭسابولۇپ، يەر پىقىراۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. توپتىن بەش - ئون قەدەم نېرىدا دۈشمەننىكۈتۈۋاتقان قاراۋۇللار شېھىت بولغان، ئۇلارغا ئاتقان ئوقلار قوناقلىق ئوتتۇرىسىغائۇچۇپ كېلىپ، ھىچقانداق نىشانغا ئېلىنمىغان ئەھۋالدا كۈتۈلمىگەن شەكىلدەبىرنەچچەيلەننىڭ جېنىنى ئالغان ئىدى. ئوق چىققان تەرەپنىڭ قارشىسىغا ئىختىيارسىزسىلجىغان مۇجاھىتلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا قولتۇقلۇشۇۋالغان ئەر-خوتۇنلارغا تۇنجى بولۇپبىر دىھقان يىگىت ئارا بىلەن ھۇجۇم قىلدى. بۇ »مىنبىڭ« دېگەن ئات بىلەن شىلاپ ئېلىپ كېلىنگەن دىھقانلار قوشۇنىدىن بىرسىئىدى. كۆز ئالدىدا سەپداشلىرىنىڭ جېنى چىقماي تىپىرلاشلىرىنى كۆرۈپ ئاللىقاچانكونتروللۇقىنى يوقاتقان يىگىت، بېقىنىدا چاپلىشىپ تۇرغان ئايالىنى بىلىكى بىلەنئارقىسىغا داجىتىۋېتىپ، ھېلىقى ئاتالمىش »مىنبىڭ«غائېتىلدى:
— كېلە، ئىمانسىز! كېلە مۇناپىق، جوھۇت!
— سەن مۇناپىقمۇ، مەنمۇ؟ كېلە بۆلگۈنچى!
يىگىت بېقىنىغا سانچىلغان ئارىنىتۇتۇۋېلىپ، بار كۈچى بىلەن ئۆزىگە تارتقان ئىدى، مىنبىڭ مۈدۈرگەنچە دۆگجۈپئالدىغىلا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆكسىگە زەرب بىلەن خەنجەر ئۇرۇۋەتتى. مىنبىڭيەرگە يىقىلغاندىن كېيىنمۇ تىپىرلاپ، پۇت ئېتىپ، نالە-زار قىلىپ ياتتى. ئەممائۇنىڭغا تەكرار پىچاق تىقىشنى ھىچكىم خالىمىدى.
ئۇنىڭ نالە-زارى خىتايلارغا سىگنالبولغاندەك، خىتايلار بۇ ياقتىن قارا-قويۇق ئوققا تۇتتى. قوناقنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرىنىكۆككە توزۇتقان ئېتىشمىلاردىن ئايالىنى دالدا قىلىشقا ئۇرۇنغان مۇجاھىد ئەڭئالدىدا يەرگە يىقىلدى. ئەسلىدە ئايالىنىڭ تۇتۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاۋال ئۇنىڭكېتىشىگە كېلىشكەن بولسىمۇ، تەبىئىي يىگىتلىك تۇيغۇسى، ئايالنى دالدا قىلىشقائۈندىگەچكە، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنى دالدىغا ئالغان ئىدى. پۈتۈن كۆكسى تىتىلىپ،بىردەمدىلا ھەممە يەرنى قانغا بويىغان ھالدا يەرگە يىقىلغان ئېرىگە قاراپ،ئانارگۈل مىت قىلماستىن تۇرۇپ قالغىنىدا يەنە بىر نەچچە تال ئوق ئۇنىڭ بىربىلىكىنى بېغىشىدىنلا ئۈزۈۋەتتى. ئۇ شۇئان ھۇشسىزلىنىپ يەرگە يىقىلدى.
بۇ يەردىكىلەردىن ئابدۇسالامنىڭ بېشىغا بىرمۇنچە ئوق بىراقلا تەككەچكە بېشى تىتىلىپ، ئۇششاق پارچىلىنىپ، ئەتراپقا توزۇپكەتكەن، قان ئارىلىشىپ كەتكەن مېڭە قېتىقى قوناق شاخلىرىنى بويىۋەتكەن ئىدى. تىرىكقالغانلاردىن ئىمام، ئابدۇرېھىم پۇتىدىن يارىلانغاچقا يەرگە يىقىلغان، ئەممايەنىلا دۈشمەندىن بىرەرنى بولسىمۇ ئۆلتۈرۈپ ئاندىن شېھىت بولۇش ئۈمىدىدە قولىدىكىپىچاقلىرىنى مەھكەم سىقىمدىغان ھالدا سۈرۈلۈپ، دۈشمەن تەرەپكە ئۆمۈلەشتى.
نەيزىلەر بىلەن بېسىلىپ ياتقۇزۇلۇۋاتقانقوناقلارنىڭ دالدىسى بارغانسېرى يوقۇلۇۋاتقاچقا، ئېتىز ئوتتۇرىسىدا قالغانئازراقلا ئۆرە قوناقلارنىڭ ئارىسىدا ئابدۇرېھىم بىلەن ئىمامنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى.ئانارگۈلنىڭ ھۇشسىز گەۋدىسى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىرنەچچە قەدەم نېرىدا ياتاتتى.ئىككى يىگىت دۈشمەنگە قاراپ سىلجىشتىن توختىدى. ئەمدى دۈشمەن ئۆزى ھۇجۇم قىلىشىتەبىئىي ئىدى. پىچاقلىرىنى مەھكەم تۇتقان قوللىرى ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى. ئەڭئاخىرقى ئارىلىق نەيزىلەر بىلەن ياتقۇزۇلۇپ، مۇجاھىتلار ئېنىق كۆرۈنۈشى بىلەنلا،قورققاق دۈشمەن چىپپىدا توختىدى.
ئۇلارنىڭ يارىدارلىقى، دۈشمەنگە مەدەتبولۇپ تۇرۇۋاتسىمۇ، ھىچبىرى بۇ ئاخىرقى دەملەردە بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇقۇشنىخالىمىغاچقا، پىچاقتىن قورقۇپ جايىدا توختىغان ئىدى. تۆرتمىڭغا يېقىن ئادەمئوۋچىلىرى ئىككى نەپەر يارىدار مۇجاھىتنىڭ قولىدىكى پىچاقتىن قورقۇپ، ئېتىلىپبېرىپ قولىغا كەلەپچە سېلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى! كىمنىڭمۇ ئۆلگۈسى كەلسۇن؟يەنە كېلىپ بۇ دېگەن جەڭ ئاخىرلىشىپ، غەلىبىنىڭ ئۆزى كۆرۈنۈپلا تۇرغان چاغ تۇرسا!
مۇجاھىدلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئېتىلماقچىبولسىلا، دۈشمەن ئۇلارغا ئوق چىقىراتتى، ئۇلارمۇ سەبداشلىرىنىڭ ئارقىسىدىن شېھىتبولۇپ كېتەتتى. ئەپسۇسكى، ئۇلار يارىدار بولغاچقا ئورۇنلىرىدىن تۇرالمىدى، ئەمماپىچاقنىمۇ تاشلىمىدى. ساقچىلار ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆز روللىرىنى جارى قىلىدىغانپۇرسەت كەلگەندەك بولۇپ مەمنۇن بولۇشۇپ كەتتى. شۇڭا ئۇلار تۇشما-تۇشتىن:
— قولۇڭدىكى تاشلىۋەت، بولمىسا خاپىلىق تارتىسەن.
— قولۇڭدىكىنى تاشلىۋەتسەڭ ھاياتلىق يولى بېرىمىز.تاشلىۋەت.
—  ھەي،تاشلىۋەت قولۇڭدىكىنى تاشلىۋەت، — دېگەننىتەكرارلاشتى. بىر پىچاق تۇتقان دىھقان بالىسىغا يېقىن يولىيالماي تۇرغان قۇراللىقيۈزلىگەن ئازاتلىق ئارمىيە باتۇرلىرى ئۇنىڭ پىچاقنى تاشلىشىغا قاراپلا قېلىشقانئىدى. ھىچكىمنىڭ ئۆلگۈسى كەلمەيدىغان بولغاچقا، ھىچكىم ئالدى بىلەن ئۇلارغاتاشلىنىشنى خالىمايتى.
ئابدۇرېھىمنىڭ روھىنى قىينىغىنى تىرىكقولغا چۈشۈپ قېلىش، قىيناقلاردا ئازاپلىنىشمۇ ئەمەس، بايىقى ئۇيغۇر ئەسكەرنىڭسۆزلىرىدىكى مەتۇلۇق ئىدى. »قولۇڭدىكىنىتاشلىۋەتسەڭ ھاياتلىق يولى بېرىمىز!« نەقەدەر ئەقىلسىز ئىنسان –ھە! بۇ گەپتىكى »مىز« ئۆملۈكى »خىتايلاربىلەن بىللە« دېگەننى بىلدۈرەتتى. ئۇنىڭ قانداشلىرىدىن بىرى شۇئاندا ئۆزىنىخىتايلار بىلەن بىر تۇتۇۋاتاتتى! ئاندىن ئۇ دېگەن »ھاياتلىق يولى« نېمە ئۆزى؟ئالدى بىلەن خىتايلارغا ئىشىنىش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. »بېرىمىز«نىدەۋاتقان يىگىت بولسا سۆزلىرىگە ئىگە بولالىغۇدەك سالاھىيەتتە ئەمەس، خىتايلارئالدىدا بىر قورالدىنلا ئىبارەت ئىدى. ئۈچىنچى تەرىپىدىن ئېيتقاندا بۇ »ھاياتلىق يولى« خائىنلىقئىدى! شەرتى خائىن بولۇشتىن ئىبارەت ئىدى! بۇ پەقەتلا »قولىدىكىنى تاشلىۋېتىش«نى شەرت قىلمايتى، ئەلۋەتتە.
قورقۇنۇچ، ئەنسىزلىك، بۇرچ تۇيغۇسى ۋەياشاش ئىستىكى ئارىسىدا سىقىلىپ، نېرۋىلىرى كېرىلگەن خىتاي ئەسكەرلىرى جىسمانىيھەم روھىي جەھەتلەردىن تامامەن چارچىغان ئىدى. تىرىك تۇتۇش مەخسەت بولغاچقا ماناشۇنداق قورال تاشلاشقا دەۋەت قىلىندى دېسىمۇ ئاقمايدىغان يېرى شۇ ئىدىكى،قارشىسىدىكىلەردە ئوق ئۈزگۈچى قورال ئەمەس پەقەت پىچاق بارىدى. بۇنى ئېنىق كۆرۈپتۇرۇپمۇ، ھىچ بولمىسا بەيزە بىلەن تىرەپ تۇرۇپ بولسىمۇ بىرەرسى ئارقىسىدىن كېلىپقوللىرىنى قايرىشقا جۈرئەت قىلالماستىن، سائەتلەرگە سوزۇلغان »قولۇڭدىكىنى تاشلىۋەت، پىچاقنى تاشلىۋەت« دېگەنيېلىنىشلەرگە قارالسا خىتاي ئەسكەرلىرىدىكى جاسارەتنى پەھم قىلىش تەس ئەمەستى.
ئابدۇرېھىمنىڭ خىيالى بۇ يەردە ئەمەس ئىدى.ئۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئويلىدى. شېھىتلىكنىڭ ئۆزىگە نېسىپ بولمىغانلىقىغا بەكمۇ كۆڭلىيېرىم بولدى. تىرىك قولغا چۈشۈدۇغانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ ھالداۋەھشىيلىكتە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە ياراتقان خىتايلارنىڭ قولىدا كۆرۈشى ئېنىق بولغانئازاپ-ئوقۇبەتلەر ھەققىدە ئويلاپ تېنى شۈركەنمەي قالمىدى. قورقمىدى، دېگەن سۆزئەلۋەتتە بىر نورمال ئىنسان ئۈچۈن ئېيتىلسا يالغان بولاتتى. ئۇ قورقۇۋاتاتتى.ئەمما جاننىڭ تاتلىقلىقىدىن ئەمەس، ئازاپلاردىن، ئازاپلار، بىھۇش قىلىشلار،...نەتىجىسىدە سىرلارنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، مۇناپىق بولۇپ كېتىشتىنلا قورقاتتى. ئەگەرئۆلۈش بولۇدۇغان بولسا ئۇ ئۆلۈمنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋېلىشقا تەييار ئىدى، ئەمماجان ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، ئۇنى ئېلىش ياكى قويۇشمۇ ئاللاھنىڭ ئىلكىدەبولۇدۇغان ئىشكەن ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بۇنى تەقدىر دېمەيدىغان بولساق، باياتىنقى زىچئېتىلغان ئوقلارنىڭ ئىچىدە ھايات قېلىشنى قانداق چۈشەندۈرگىلى بولا؟ زىچلىقىدىنئانارگۈلنىڭ بىلىكىنى ئۈزۈۋەتكەن ئوقلاردىن بىرنەچچىسى نېمىشكە بۇلارنىڭ ئەجەللىكيېرىگە تەگمىدى؟ بۇ ئاللاھنىڭ »ئوتنىڭئىچىدە پاختىنى ساقلىغىنى« ئەمەسمۇ؟
شۇلارنى ئويلىغىنىدا ئابدۇرېھىم ئۆزىنى بىرمەنىۋىي كۈچنىڭ قوغدايدىغانلىقىنى كەشپ ئەتتى. دېمەك، دۈشمەن قولىدا بولسىمۇ،ئاللاھ ساقلىسا يەنىلا ساق بولۇدۇ! شۇلاردىن تېتىكلىشىپ ئۆزىگە كەلگىنىدە دۈشمەنيەنىلا ھېلىقى سۆزنى تەكرارلاپ تۇراتتى. ئۇنى ئۆزلۈكىدىن تەسلىم بولۇشقائۈندەۋاتاتتى. ئۇ بىر ئاز ئارقا تەرىپىدە ئۆزىگە يۆلۈنۈپ تۇرغان سەبدىشىغا لەپپىدەقاراپ قويدى. ئىمامنىڭ يارىسى ئېغىرراقمىدى؟ ياكى، ئاخىرقى دەملەردە شەيتانۋەسۋەسە قىلىپ، روھىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىمۇ؟
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشقا ھەركەت قىلىپمىدىرلىۋىدى، دۈشمەن تېتىكلىشىپ، يېرىم قەدەم ئارقىسىغا داجىدى ۋە قورقۇش ئارىلاشخىقىرىدى:
— پىچاقنى تاشلاپ تەسلىم بول! كەڭچىلىككە ئېرىشىسەن!
پاھ! كەڭچىلىك! دۈشمەننىڭ كەڭچىلىكى،بولۇپمۇ خىتاينىڭ كەڭچىلىكى نېمە ئىكەنلىكى كىشىلەرگە يادقۇ؟ ئىھ، ئەگەر ئۇنىڭقولىدا بىرەر تاياق بولغان بولسا ياكى يېنىدا بىرەر دەرەخ، تام،... دېگەندەكبىرنەرسە بولسا ئازراقلا تايىنىدىغان بىرنەرسە بولسىلا ئۆرە تۇرۇۋالالايتى. ئۆرەتۇرۇۋالسىلا دۈشمەنگە ئېتىلاتتى. ئۆلتۈرەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇرقىلالايتى. ئۇ بىر ئاز بۇرۇلۇپ، ئىمامنىڭ مۈرىسىگە تايىنىپ ئۆرە بولماقچى بولدى.ئەمما ئىمامنىڭ مۈرىسى مەزمۇت ئەمەس، باسقانچە بېسىلىپ كەتتى. دېمەك ئۇ ئېغىريارىلىنىپتۇ. ئەمما ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ روشەن پىكىر قىلىۋاتقىنىغا قاراپ، ساقىيىپكەتكۈدەك يارىلانسام كېرەك دەپ ئويلىدى. مانا شۇنىڭ ئۆزى قورقۇنۇچلۇق ئىدى. ھاياتۋە ئۆلۈم، قورقۇش ۋە تەسەللىي، ئۈمىت ۋە ئۈمىتسىزلىك ئارىسىدا روھى سىقىلىپ كەتكەنئابدۇرېھىم، خىتايلارنىڭ جۈرئەتكە كېلىپ، تېزرەك ئۆزىگە تاشلىنىشىنى تىلەپ كەتتى.بۇنداق روھنى غاجىلىغۇچى ئۇزاققا سوزۇلغان تارتىشما ئۇنى بەربات قىلىۋېتەتتى. ئۇتۇرۇش ئۈچۈن كۈچۈنۈپ، يەنە ئىمامنىڭ ئاللىقاچان چۆكۈپ كەتكەن مۈرىسىگەتايانغانىدى، يارىدار پۇتىنىڭ قاتتىق قاخشاپ كېتىشى بىلەن مۈكچۈيۈپ يىغىلىپلاقالدى. پۇرسەتنى كۈتۈپلا تۇرغان دۈشمەن دەرھال ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ، ئۇنىبېسىۋالدى. بۇ ئالتە يەتتە ئەسكەرنىڭ ئاستىدا نەپىسى كېلىسىلىپ، مىجىلىپ قالغانمۇجاھىتنىڭ قولىنى بىرى قايرىپ، پىچاقنى ئېلىۋالدى.
كۆرەش ئاخىرلاشقانىدى. يەنى، ئابدۇرېھىم ۋەبۇ يەردە ھازىر خىتاي ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ئاخىرلاشقان ئىدى. لېكىن، باشقىلار ئۈچۈنكۆرەش مەڭگۈ ئاخىرلاشمايتى. ئىككى تەرىپىدىن قولتۇقلۇنۇپ، سۆرەپ دېگۈدەك ئېلىپمېڭىلغان مۇجاھىت، خىتايلارنىڭ ئانارگۈلنى ھۇشىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قولىنى بېشىدىكىياغلىقى بىلەن مۇنداقلا پوملاپ تېڭىپ قويۇپ، ھەيدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.ياغلىقى ئېلىۋېتىلگەن ئانارگۈلنىڭ سۇمبۇل چاچلىرى چۇۋۇلۇپ مۈرىسىگە چۈشۈۋالغانبولۇپ، قانسىرىغان يۈزى ئاقىرىپ، بەكمۇ سۈزۈلۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇلار ئەنەشۇنداق سۆرەشتۈرۈلگەن ھالدا يولغا ئېلىپ چىقىلدى.
خىتايلار ئەمدىلا ئۇھ دېيىشىپ، سەپەرئالدىدا بىر ھازا ئارام ئېلىشتى. ئەتراپتىكى دىھقانلارغا ئۇيغۇر ئەسكەرلەرۋارقىراپ، گويا ئۇلار ئۈچۈن تاغنى تالقان قىلىپ بەرگەندەك، ئۆيىدە يېگۈدەكمېۋە-چىۋە بىرنەرسىلەر بولسا ئاچىقىشنى بۇيرۇدى. بەزى بايراق دىھقانلارقورقۇشتىنمۇ كۆرە خۇشامەت، قانغا سىڭىپ كەتكەن قۇلچۇلۇقنىڭ تۈرتكىسى بىلەنقوغۇن-تاۋۇز دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئۆزلىرىگە بەخت كەلتۈرگەنلىكىنىتەلقىن قىلىدىغان بۇ كىشىلەرگە كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىشتى.
خاتىمە
ئەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشىۋاتاتتى. يولبويلىرىدا قىزىقسىنغان دىھقانلار — ئەر ھەم ئاياللار، بالىلار — تۇتۇلغان »قاتىللار«نىئېنىقراق كۆرۈۋېلىش ئارزۇسىدا ئىختىيارسىز يول ئوتتۇرىسىغىراق سۈرۈلۈشتى. ئۇلارنېمىگە بۇنچە قىزىقىدىغانلىقىنى ئۆزلىرىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيتى. ئەگەر بىرەرسى سوراپقالسا چوقۇم دىھقانغا خاس ساددىلىق بىلەن ھىجىيىپ، دولىسىنى قورۇپ تۇرۇشى مۇھەققەقئىدى. نېمە ئۈچۈن قىزىقىدىغانلىقىنىمۇ بىلىشمەيتى. ئېچىنامدىغاندۇ؟ ئەمما ئۇلاردائېچىنىش بولۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇلار »قاتىللار« ئىدى. ئۇلار ساقچىلارنى ئۆلتۈرۈپتۇمىش ئەمەسمۇ؟ يۈرىكىنىڭقاپتەكلىكىنى قاراڭلار! ئۇلارغا قانداقمۇ ئېچىنسۇن؟! ھۆكۈمەت ئۇلارنى يامانئادەملەر، تېرورچىلار دەۋاتسا، ئۇلارغا ئېچىنىشى مۈمكىنمۇ؟ ئۇلار چوقۇم يامانئادەملەر!
ئالدىدا كېلىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرىئۇلارغا قوپاللىق بىلەن ۋارقىراپ، يولدىن نېرىراق تۇرۇشقا بۇيرۇش بىلەن تەڭ،ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ قالغانلىرىنى قورالنىڭ پاينىكى بىلەن قوپال ئىتترىپ، تېخىمۇقاتتىق ۋارقىراشتى. بۇ خۇددى قاشقىرنىڭ ھۆكۈرىشىگە ئوخشايتى. چۈنكى ئۇلار ھازىربەئەينى شە ئالغان نوچىلار-دە. دۇنيانىڭ ئەڭ ئەخلاقسىز ساقچىلىرى ھىساپلىنىدىغانبۇ خىتايلارنىڭ دۈشمەنلىككە تولغان نەپرەتلىك قاراشلىرىغا ۋە قوپال خاقىراپئىتتىرىشلىرىگە خۇددى ئۆزلىرىمۇ ئەيپكاردەك قىلچە تە بولمىغان، ئەكسىچەياخشىچاقلىق بىلەن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتكەن بۇ ئادەملەرنىڭ ئىچىدىكى بىلىكىگەيېرىمى چۇۋۇلۇپ، پۇچۇق بولۇپ قالغان ئەسكى سۆۋەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان، سۆۋىتىدىكى بىرسىقىم چاۋار، بىرنەچچە مونەك ئېشەك تېزىكى سۆۋەتنىڭ ئەسكىلىكىدىن مەيدانغا كەلگەنغېرىپچىلىققا تېخىمۇ چوڭقۇر مەنا قاتقان، ئۈستىۋېشى توپا-تۇمانغا پۈركەنگەن،ھوشۇقىنىڭ ئۈستىدىراق تۇرىدىغان كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتىنىڭ تىزلىرىدا يېڭى ھۆلتوپىدىن قالغان ئىزنالار، قېتىپ كەتكەن قوللىرىدا مالغا ئوت ئېلىشتىن قالغان يېشىلداغلارمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال:
— خوپ بولاپتا، قاتىللار! — دېدىئۇدۇلىدىن ئۆتۈۋاتقان ئەسىرلەرگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ. بۇنىڭ بىلەن گويا خىتايساقچىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ بىر مەيداندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى خوشقىلىۋەتمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.
— تۈفىي، گۇيلار، دىدارىنىڭ سەتلىكىنى! — دېدى يەنەبىر ئەر دىھقان ئەسىرلەرگە تۈكۈرۈپ، ئاندىن بىر خىتاي ساقچىغا خۇشامەت بىلەن ھىجىيىپقاراپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىۋېشىدىكى بەربادلىقنى تەسۋىرلەپ ئولتۇرۇشقا ھاجەت يوق. ئۇقەلبىدىكى ئاشۇ نەپرەتنىڭ سەۋەپلىرىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەيتى. پەقەت ئۇلار »پارتىيە يامان دېگەندىكىن يامان« دېگەنگەئۆگۈتۈلگەن ئىدى. شۇڭا »خەلقساقچىلىرى« ئاتلىنىپ چىقىپ تۇتقۇن قىلىۋاتقان بۇ ئادەملەرنىڭ يامان ئادەملەرئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلمايتى. گەرچە ھىچقاچان »پارتىيەدىن بۇنچە رازى بولۇشۇمدىكى سەۋەپ نېمە؟ ماڭانېمىلەرنى بەردى؟« دېگەن سوئالنى سوراپ بېقىشنى، ئۆزىنىڭ ئاشۇ ۋەيرانە تۇرمۇشىغاسېلىشتۇرۇپ، ئاشۇ يوغان گەپلەرنى قايتىدىن ئويلاپ بېقىش خىيالىغا كەلمىگەنبولسىمۇ، يەنىلا كومپارتىيىنىڭ ئۆزىنى ئازات قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلىپ باقمىغانئىدى. ئەگەر باشقا قانداقتۇر بىر يامان پارتىيە كېلىپ، ئورنىغا بىر ھۆكۈمەت قۇرغانتەقدىردىمۇ ئاشۇ ئايالنىڭ بىلىكىدىكى سۆۋەتنىڭ تېخىمۇ ئەسكىرىپ، يېرىمى قېلىشىنىئويلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.
ئارقىدىراق تۇرغان بىر بوۋاي بولسا:
— ھەي ي ي، »ئۇچۇشىنىبىلىپ، چۈشۈشىنى بىلىمىگەن« نادان باللا! قاسى شەيتاننىڭ كەينىگە چىگەنسىلە، قاندا بى پوقنىيەپ گۇنا ئىشنى قىلىپ ژۈگەنسىلە!؟ سىڭگەن نېنىڭلانى يېسەڭلا بومماسمىتى! — دېدى بېشىنىچايقاپ. بوۋاينىڭ رەڭگى-روھىدىكى توپا چاڭ، ئۈستىۋېشىدىكى مەينەتچىلىك، غېرىپلىق،بۇ يۇرتلاردىكى ئومۇمىي مىللىي قىياپەتلەرنىڭ يەنە بىر ئۆرنىكى بولۇش بىلەن، ئۇنىڭقورۇلۇپ كەتكەن تېرىلىرى، بويۇنلىرىدىكى سانسىز قورۇقلار، قاداقلىشىپ كەتكەن قوللىرىنىڭبارماقلىرى خۇددى قاخشال بولۇپ قالغاندەك ۋە تىنىمسىز ئەمگەكلەردە ئىگىلمەس بولۇپقېتىپ قالغاندەك بىلىنىشى، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئۆمۈر بويى ھايۋاندەك ئىشلىگەندىنباشقا ھىچقانداق تۇرمۇش لەززىتىنى تېتىپ باقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتەتتى. بوۋاينىڭساددىلىق بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىمۇ ئۇلارنىڭ مەڭگۈ يېپىق دۇنياسىغا خاس ئىدى. ئۇنىڭسۆزلىرىدە ئاۋۇلارنى »خاتاقىلدى« دەيدىغان قاراش باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاپ كەتسىمۇ، باشقىلارنىڭكىدەكقارىغۇلارچە نەپرەت ئەمەس، ئاتىلارچە كۆيۈنۈش، ئېچىنىش، ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسى بارئىدى.
— ۋاي، ئانام! ئارىسىدا خوتۇن كىشىلەرمۇ بارمىكەن، نېمە؟ ئاينىكا،ئۇزۇن چاچلىق بىرسى تۇمامدا!
— ھە، راس، ئايالكەن، ۋاي، شەرمەندە پاسكىنا! ساڭا نېمە يوق؟ غىتقىسىپ، نېنىڭنى يېسەڭچا! دىدارىنىڭ سەتلىكىنى كۆمىلىما؟ ئادەم دىدارى يوق، سەتنىڭ!گوردىن ئېچىۋالغاندەك!
— شۇنى دەيمە، خوتۇن كىشىگە نېمە يوق؟ ئاجىزلىقىغا تەن بېرىپ سىڭگەننېنىنى يېمەمدا!؟
— شەيتان، باللا، شەيتان! — دېدى بىرىئېغىر خۇرسۇنۇپ، — شەيتان ئازدۇرغان گەپ-تە. ئازماس ئاللاھ، دەپ، بەندە دېگەنئازىدۇ-دە...
— ھەقانچە ئازسىمۇ دەيمىنا، ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىپ ئايىغىدىنچىقالايمەنما دېمەمدا، ئەقىلسىز!
ئادەم توپىنىڭ يەنە بىر يېرىدە كىشىلەربۇلارنىڭ دۈشمەنلىكىنى شۇنداق سۆزلەر بىلەن مۇقىملاشتۇرۇشۇۋاتاتتى:
— ۋاي، »ئاللاھرىزاسى ئۈچۈن!« دەپ كېتىدىكەنمىش، بۇ نېمىلە، قېنىكىنا، ئۇرغۇينى ئۆتتەمەيدۇ،ساپلا خانسۇغا قارشىكەن دەۋاتمامتى، ئۆتتەگەننىڭ ھەممىسى ئۇرغۇي ئاينىكا.
— ساقچىلىرىمىزنىغۇ، ئرغۇي بوسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ چاپىنىنى كەيدى دەپئۆتتەسۇن، مانا بۈگۈننىڭ ئۆزىدە ئاۋۇ كالتەك تۇتقان دىخاندىنمۇ بىژنى ئۆتتۈرەپتۇ،دەيدا.
— ھە، شۇ ماۋۇ بىزنىڭ مىڭبىڭلىدىن بىژنى يامان يېرىگە پىچاقتىقىۋېتىپتىكەن، دوختۇرغا ئەكىتىپ بارسا ئۆلەپتا دەيدا.
— بۇ گۇيلىنىڭ ئۇرغۇيغا كۆيۈنىدىغىنىمۇ تايىنلىقكەن، ئاينىكا،كۆدۇق.
— زادىۋاغۇ، ھۆكۈمەت دۈشمەن دېگەندىكىن، دۈشمەن، خەلق ھۆكۈمىتىدېگەن جەلقنىڭ دېگەن چا.
— 'يولدىن چىقما، خاندىن قوقما« دەيدۇئەمەسما، ھۆكۈمەتنىڭ سىزىقىدىن چىقمىسا، شۇنىڭدىن نوچىسى يوق...
ئومۇمەن، 21-ئەسىردە ئۆزى ھەققىدە، ئۆزىنىڭقەدرى، كىملىكى ھەققىدە ھىچنېمە ئويلىمايدىغان، پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈپلاياشايدىغان »پالتاچۈشكىچە كۆتەك ئارام ئاپتۇ« دېگەندەك، »پالتاچۈشكىچىلىك« »ئارام«لارغا گول بولۇپ ۋە شۈكرى قىلىپ ياشايدىغان باشقا بىرخەلق بارمىكىن؟ دېگەن سوئال ئىختىيارسىز كۆڭۈلگە كېلەتتى.
ئەسىرلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئۆزلىرىگەقارىتىپ ئېيتىلغان لەنەتنى ئېنىق ئاڭلاشتى. تۈكۈرۈلگەننىمۇ كۆرۈشتى. ئەمما ئۇلاربۇ خەلقتىن ئەسلىدىنلا بىرنېمە كۈتمىگەن، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۆمىنلىكبۇرچىنى ئورۇنداۋاتىمەن دەپ قاراشقاچقا، ئۇ خەلقتىن ھىچ ئاغرىنمىدى. ئۇلارنىڭھىچكىمدىن تامايى يوق ئىدى. »قەھرىمان« دەپ يادلىنىشياكى گۈلدۈراس ئالقىشلارنى ئويلاپمۇ بېقىشمىغان ئىدى. شۇڭا ئۆزلىرى ئۇچرىغان بۇتەلۋىلەردەك مۇئامىلىگە ھىچ ئاغرىنمىدىلا ئەمەس، بەلكى بۇ خەلققە ئېچىندى. ئىچىدەئاللاھتىن بۇ كىشىلەرگىمۇ ھىدايەت ئاتا قىلىشنى، ھىدايەت ئارقىلىق غەپلەتكە پاتقاندىللىرىنى يورۇتۇشنى، ھەق-ناھەقنى كۆرسۈتۈشنى تىلەشتى. چۈنكى ئۇلار بىلەتتىكى،ئاللاھنىڭ رەسۇلى، دەسلەپكى چاغلاردا مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ تۈگۈمەس ھاقارەتلىرى،ئەزىيەتلىرى، زەربىلىرىگە ئۇچرىغان چاغلاردا ئاللاھتىن ئىلھام يولى بىلەن: »ئى مۇھەممەد، مەندىن تىلىگىن، سەنلا تىلىسەڭ مەن بۇئادەملەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىمەن، شەھەرلىرىنى گۇمران قىلىۋېتىمەن« دېيىلگەندە،رەسۇلىللاھنىڭ: »ياق،بۇلارنى كەچۈرگىن ئى، ئاللاھ، بۇلار نادان، بۇلار ھەقنى بىلمەيدۇ. بەلكىم بۇلارنىڭئىچىدىن ئىمان ئېيتىدىغانلار چىقىپ قالار، بۇلاردىن چىقمىسا، بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىئىچىدىن چىقىپ قالار، بۇلارنى كەچۈر، مەن سەبر قىلىمەن« دېگەنلىكىنىبىلىدۇ. بۇلارمۇ بۇ نادان قېرىنداشلىرىدىن ئاغرىنمايدۇ. ئۇلار نادان بولمىغانبولسا، ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان ئادەملىرىنى تونۇپ يېتەلەيدىغانبىلىمى بولغان بولسا بۇ كۈنلەرگە قالماسلىقىمىزنىمۇ بىلىدۇ. ئۇنداقكەن نېمىشكەئاغرىنسۇن!؟
ئابدۇرېھىمنىڭ كۆزىگە يول بويىدىكىئالاماننىڭ ئىچىدە قاسىم مۇئەززىندەك بىرى كۆرۈنۈپ كەتتى. »توۋا، بۇ ئادەم بىزنىڭ تاماشىرىمىزنى كۆگىلى مىشاغاكەگەندىمۇ؟ ياكى ئوخشاتتىممۇ؟ مانا مۇشۇنداق مۇئەززىنلەر، ئىماملارمۇ پەرقسىز،نامازنى ئوقۇيدۇ-يۇ، ناماز نېمىگە بۇيرۇيدۇ؟ ئىمان نېمىگە بۇيرۇيدۇ؟ دېگەنلەرنىئويلىمايدۇ. بۇ قانداق ئېتىقاتكىنە؟«
غەلىبە بىلەن قايتقان ئەسكەرلەرنىڭ سېپىجەڭگىۋار قاتارلىرى بىلەن پىيادە مىشا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدىكى سەيناغا قەدەركېلىپ، ماشىنىلارغا قاچىلاندى. ئاندىن يامانياردىن ئۆتۈدىغان يولغا چۈشۈپ،قەشقەرگە قاراپ ئاتلىنىشتى. بۇ چاغدا كەچكى شەپەق غەرپ ئۇپۇقىدا قان رەڭگىدەيېيىلغان بولۇپ، غەرپ تەرەپتىكى ئېتىزلىقلارنىڭ ئۇپۇققا تۇتاشقان يەرلىرىدىكىقوناقلارنىڭ ئۇچلىرى ئەنە شۇ »قان« ئىچىگەپاتقاندەك بىلىنەتتى.
2012-يىلى5-دىكابىردىن، 18- دىكاربىرغىچە بىرىنچى ئارگىنال پۈتتى.
كانادا،ئېدمونتون.


   [1] سېنىڭ يۇرتداشلىرىڭ قىلغان ياخشى ئىش توغرىسىدا،— ئا.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:43 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.314380 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش