تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 5045|ئىنكاس: 0

ئەرزان جانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

7

يازما

122

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
122
ئەلۋىدا، ئانا يۇرت!
1
1992-يىلى، 20-ئاۋغۇست،ئەتتىگەن.
ئۇششاقباشنىڭ ئادەتتىكى كۈز ئەتىگىنى،ئۇزاقتىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئەسكەن سالقىن دەرەخ شاخلىرىنى مەيىن لىڭشىتىپ، خۇددى سانسىز قۇشلارنىڭ ئۇزاقلاردا شىۋىر-شىۋىر قىلغىنىغا ئوخشاش شىۋىرلىغان ئاۋاز چىقىراتتى. سەھەرنىڭ سالقىنى جانغا ئارام بېرىپ شۇنچىلىك خۇشياقاتتىكى، سۈمۈرۈپ-سۈمۈرۈپ نەپەسلەنگۈسىنى كەلتۈرەتتى.
شۇ يەرنىڭ ئادەتتىكىچە دىھقان ئائىلىلىرىنىڭ بىرىدە ئەتتىگەندە كۈندىلىك تىرىكچىلىكى ئۈچۈن ئۆيدىن چىققان ئىدرىسخان دەرۋازىنىڭ قىسىلچىقىدا كىچىككىنە قەغەز باغاقچىنى كۆرگىنىدە يۈرىكى «قارت»تىدەقىلىپ قالدى. بۇنى شاماللار ئەكىلىپ قىستۇرۇپ قويغانمىدۇ؟ ياكى ئاخباراتمىدۇ؟ ئۇ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرغانلارنىڭ يوقلۇقىغا ئەمىن بولۇش ئۈچۈن كەينىگە شارتتىدە قارىۋېتىپ، ئاندىن باغاقچىنى ئاچتى. ئاچتىيۇ، يۈرىكى «شۇررىدە» قىلىپ كەتتى. بۇنى ھاياجان دېيىشكىمۇ، قورقۇنۇچ دېيىشكىمۇ ئاساس يوقىدى. پەقەت، باغاقچىغا يېزىلغان ئۇچۇرنىڭ پۇچۇركىسى تونۇش ئىدى. بۇنداق تونۇش پۇچۇركا بىلەن بىرلا كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان ئۇچۇر تەكرارلىقى ئاسانلا سېزىلىپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى. ئۇ باغاقچىنى سىقىمداپلا يانچۇقىغا سالدى. چۈنكى ئارقىسىدىنلا ھويلىغا چىققان ئىنىسى قولىدىكى نەرسىنى كۆرۈپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى. شۇڭا دەرھال قازناققا ماڭدى.
ئۇ تاسادىپىي كۆرۈپ قالغان بىر كىنودا يەرئاستى پائالىيەتچىلىرىنىڭ شىفىرلىق يېزىشىدىغانلىقى، بۇ «شىفىر» دېگەننى تەرجىمە قىلىپ ئاندىن ئوقۇيدۇغانلىقىنى، باشقىلار كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، ۋۇجۇدىنى بىر تۈرلۈك ھاياجان لەرزىگە كەلتۈرگەن ئىدى. «شۇشىفىر دېگەن قانداق نەرسىدۇ؟ كاشكى بىزمۇ شۇنى بىلگەن بولساق قانداق ياخشىبولاتتى؟ ساۋاتنىڭ تۆۋەنلىكىدىن قىلغان ئىشىمىزنىڭ تايىنى يوق ھە دېمەيلا تۇتۇلۇپ،خىتاينىڭ قولىدا نابۇت بولۇپ كېتىۋاتقان نەۋقىران باللىغا ئېست!» شۇندىن كېيىن ئۇ سەبداشلىرىغا بۇ ھەقتە كۆپ گەپ قىلدى. «مۇشۇنداق بىر ئالاقە ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش يولىدا ئىزدىنىپ بېقىشقا تىرىشىپ باقايلى، مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى تاپايلى»، دەپ قاخشىدى، ئەمما كۆڭۈل قويۇشمىدى. ھەتتا ئۇنىڭ «كىنودىن كۆردۈم» دېگىنىمۇ تالىپ بالىلارغا غەلىتە ئاڭلاندى. «توۋا ئىدرىسخان كىنولارغىمۇ بېرىپ تۇرۇدۇكەن ئەمەسما؟» دېيىشىپ، ئۇنى ئەيپلەشتى. ئەمما ئىدرىسخان ئۇلارغا «ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن نىيىتىمنى چۈشۈنۈڭلا، مەن نېمەدەۋاتىمەن، سىلەر نېمە ئاڭلاۋاتىسىلە؟» دەپ قاخشاپ كەتكەنىدى. ھەتتا شۇنداق تالىپلارمۇ بارىدىكى، ئۇلار باشقا پەننىي كىتاپلارنى ئوقۇشنىمۇ خالاپ كەتمەيتى. يامان دېيەلمىسىمۇ، ھەر ھالدا تۇمشۇقلىرىنى پۈرۈشتۈرەتتى.
ئۇ قازناققا كىرىپ ئاندىن باغاقچىنى چىقىرىپ ئاچتى. ئۇچۇردا شۇلار يېزىلغان ئىدى:
«شاھيار ئەتراپلىرىدىكى ھەركەتكە داخىل بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. سىز ئۆزىڭىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، قالغانلار سىزنى ئىزدەپ بارغۇچە سىز قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ تۇرۇڭ. مۈمكىن بولغىنىچە چېگرىغا ئەڭ يېقىن يەرگىچە بارالايدىغان بولسۇن. سەبداشلىرىڭىز سىزنى ئىزدەيدۇ. K سىلەرگە باشلامچىلىق قىلىدۇ. ھەممىسى تونۇشلىرىڭىز بولغاچ پارولغا ئىھتىياج يوق. كۆرۈشۈش بۇرۇنقى يەردە».
شۇغۇنىسى ئاشۇ K كىمكىنا؟ ئۇ بىز تونۇمايدىغان بىرى بولسا كېرەك، شۇڭا ئىھتىيات يۈزىسىدىن ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان گەپ-تە.
بۇ بۇيرۇق ئىدى. بۇنىڭغا ئارىسالدىلىق قىلىشقا بولمايتى. ئۇ ھويلىغا قايتىپ چىقىپ ئىنىسىگە زۆرۈر ئۆي ئىشلىرىنى تاپشۇردى ۋە:
— مېنىڭ ناھىيىگە بارىدىغان زۆرۈر ئىشىم چىقىپ قالدى، بىر بولسا ھايالشىپ قالىمەن، بىر بولسا قايتىپ كېلىمەن، — دېدى.
ئاندىن ئاساسىي ئۆيلەرگە يۆلەپ باغ تەرەپكە سېلىنغان ئايرىم ئىككى ئېغىز ئۆيگە — ئۆزىنىڭ ھوجرىسىغا كىردى. ئايالى بۇ چاغدا بۇدرۇق ئوغلىنى ئىمىتىپ ئولتۇراتتى. بۇ ھال ئۇنىڭغا بەكمۇ ئازاپلىق بىلىندى. ئۇ تېخى ئۆيلەنگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى. مۇھەببەتنىڭ سىرلىق دېڭىزىدا پىلتىڭلاپ ئۈزۈۋاتقان مەزگىلى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇنداق ئوماق بىر ئوغۇل ئاتا قىلغانىدىكى، ئۇنىڭ جانلىق، ھەركەتچانلىقى، دايىملا شۈك تۇرماستىن دىرىڭلاپ تۇرۇشى، ھەتتا ياش دادىنىمۇ ھارغۇزۇپ قويۇدۇغان دەرىجىدە تىنىمسىز ئىدى.ئۇنىڭ تاتلىقلىقىمۇ دەل ئاشۇ شوخلۇقىدا بولۇپ، شوخ قارا كۆزلىرىنىڭ مەسۇمانە چاقنىشى، ئۈچبۇرجەك بولۇپ كۆرۈنۈدىغان ئاغزىنىڭ ئوماقلىقىغا چىداپ بولمايتى. ئاخشاملىرى يوتقان ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن ئويناشماق شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ئىدىكى، ئۇ ئاللاھقا بولغان شۈكرانلىرىنى شۇنداق ئىپادە قىلىشقا ئادەتلەنگەنىدى: «ئىھ ئاللاھ، ماڭا مۇشۇنچىلىك چوڭلۇقتا ئالتۇن بەرگەن بولساڭمۇ، مېنى بۇنچىلىك بەختىيار قىلالماس ئىدى!» ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق دېگۈچىلىكى بار — ئالتۇنغا بەرگۈسىز بالا ئىدى.
مانا ئەمدى بۇيرۇق بويىچە ئۇ بىر قانچە سەبدىشىنى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى كېرەك ئىدى! ياش ۋە تىپىك سەھرا گۈزىلى بولغان ئايالىنى، ئاشۇ «ئالتۇنغا بەرگۈسىز» ئوغلىنى تەرك ئېتىشى كېرەك ئىدى! ئايالىغا نېمە دېيىشى كېرەك؟ ئالداش كېرەكمۇ؟ راستىنى ئېيتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇنىڭ بېشى پىرقىراپ كەتتى. ئۇ ھىجرەتكە كەتسە قايتىپ كېلەلەمدۇ؟ بۇ پەقەت مۇشۇ مۇدھىش ئىستىلاچى ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلغاندىلا مۈمكىن بولۇدۇغان ئىش ئىدى؛ ئۇ تېنچ ئامان چىقىپ كېتەلىسە، بارغان يەرلىرىدە پۇت تىرەپ تۇرغىدەك ئىمكانغا ئېرىشسە، بۇلارنى ئىلىپ كېتەلەرمۇ؟ بۇمۇ خىتايلارنىڭ ئىنساۋىغا باغلىق ئىش ئىدى. ئومۇمىي جەمئىي شۇ ئىدى: بۇ جۇدالىق كەمكوتىسىز جۇدالىق ئىدى! ئاخىرىغا كۆز يەتكۈزگىلى بولمايتى.
ئۇنىڭ بوسۇغىدىلا مەڭدەپ تۇرۇشى ئايالغا بەكمۇ يوچۇن تۇيۇلدى.
— سىلىگە بىر نېمە بولدىما؟ گاڭسا ئادەمدەك تۇرۇپلا كەتلە، ھەمزە سىلىگە ئۆمتۈلۈپ، ئۆمتۈلۈپ، جاۋاپ بولمىغاچقا نەچچە كالپۇك چۆجەپ يىغلامسىراپلا كەتتى.
— ھە،.... كەل بالام، — دېدى ئۇ ئوخشاشلا ئاشۇ تۇمانلىق روھىي ھالەتتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن ھالدا، — نېمە، سىلە مېنىڭ تۇرۇقلۇرۇمغا دىققەت قىلىپ قالدىڭلا؟
— دىققەت قىلمىغۇلۇقما ئەمىسە؟ شۇندا ئاجايىپلا تۇرۇپ كەتتىلە-يا؟
ھەقىقەتەنمۇ قىيىن مەسىلە ئىدى. بۇئىشلارنى قانداقمۇ چۈشەندۈرگۈلۈككىنە؟ ئۇنداق ئادەم نېمىشكىمۇ ئۆيلەندىكىن؟ ماڭغان يولۇڭ بارسا كەلمەس يول تۇرسا، ئاقىۋىتىڭ بىر كۈنى مۇشۇنداق بولۇشى كۆڭلۈڭگە ئايان تۇرسا، خەقنىڭ قىزىغا ئۇۋال قىلىپ، بىگۇنا بىر نارەسىدىگە ئۇۋال قىلىپ نېمىشكىمۇ ئۆيلەندىڭكىنە؟ «ئى ئاللاھ، ماڭا ئۆزەڭ ياردەم قىل، بۇ مېنىڭ ماڭغان يولۇمدىن پۇشايمان نالەم ئەمەس،مۇشۇ قىيىن مەسىلىدىن چىقىشىمغا ياردەم قىل» دېگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ. ياش جۇۋاننىڭ پەدازسىز يۈزىدىكى تەبىئىي گۈزەللىكلەرنى تاماشا قىلغىنىدا ئۇنىڭ ئازابى تېخىمۇ ئارتتى. ئايالنىڭ يوغان كۆزلىرى ئۈستىدە قايرىلما كىرپىكلىرى كۆز بۇلاقلىرىغا سايە تاشلاپ، خۇددى سۈزۈك بۇلاق سۈيىگە بۇلاق بويىدىكى مەجنۇنتاللار سايە تاشلاپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى؛ ئىلىپتەك ئىنچىكە ۋە قۇسۇرسىز تۈز قاڭشىرى بۇ كۆزلەرنى خۇددى ئىككى سۈزۈك كۆلچەكنى ئايرىغان قىرلىق ئىدىرغا ئوخشايتى. ئېغىزلىرىدىكى نەپسلىك دەل ئاشۇ ئوماق ئوغۇلنىڭ ئاغزىدا ئەكسىنى تاپقان ئېرسىي ئالاھىدىلىكتىن بىرى ئىدى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى مانا مۇشۇنداق بىر پەرىزاتنى ئىدرىسخاننىڭ ئىمانى كامىللىقى، ئەخلاقىي پەزىلىتى، دىنىي ئىلمى ئانچە يۈكسەك بولمىسىمۇ، ئاللاھ سۆيگۈسى ئۈچۈن ياشايدىغان پاك روھىنى دەپلا بەرگەن ئىدى.
ئەمما بۇ پاك يىگىتنىڭ كىشىلەر، ھەتتا ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئانچە بىلمەيدىغان بىر تەرىپى بار ئىدى. ئۇ ئاللاھ سۆيگۈسى ئۈچۈن ياشىغان ئىكەن، ئاللاھ بۇيرىغان ئىشتىن باش تارتالمايتى. ۋەتەندە تاجاۋۇزچى خىتاي بارىكەن، ئۇ تېنچ-خاتىرىجەم ناماز ئوقۇش بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ، دىنىي بۇرچۇمنى ئورۇندۇدۇم دېيەلمەيتى. ئۇنىڭ تېخىمۇ موھىم بۇرچى، ۋەتەننى تاجاۋۇزچىدىن قۇتۇلدۇرماق، بەندىنىڭ قۇللۇقىدا قالغان ئاللاھنىڭ قۇللىرىنى ئازات قىلماق ئىدى. بۇ يولنىڭ ئەنە شۇنداق شەرىپى بارىدى،ئەمما ئەنە شۇنداق خەتىرى بارىدى. كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئايال تۇل، بالا يىتىم بولاتتى.
— زىلەيخان، ماڭا قاراڭلا، مېنىڭ ناھىيە بازىرىدا ئىشىم چىقىپ قالدى، مەن دىككىدا شۇ يان چىرىپ چىقاي، ئۇزۇنىمۇ سەپەر، قىسقىسىمۇ سەپەر، «سەپەر دېگەن خەتەر» دېگەن گەپ بار ئەمەسما، ئەگەر ھالىمادىس ماڭا بىر نەرسە بولۇپ قالسا، خالىساڭلا مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ قېلىڭلا، بولمىسا ئۆزەڭلارنىڭكىگە كەتسەڭلامۇ مەيلى، ياش بوغاندىكىن قايتا ياتلىق بولساڭلىمۇ مەن رازى، — دېدى. بۇ گەپلەرنى ئۇ بىر يولىلا دەۋەتتى. نېمىشكە بۇنداق دېگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، ئەمما شۇنى بىلەتتىكى، يەنە ئىككىلىنىپ، تىل چايناپ تۇرسا، ئايالى تېخىمۇ يامان گۇمانلارغا مۇپتىلا بولاتتى. شۇڭا ئۇ ئالدىراپ-سالدىراپ دەيدىغىنىنى دەۋەتتى.
— نىمانداق گەپلەرنى قىلىلا، ئىشت پوق يىمەستە؟ قارا بېسىپ قاپتۇ-يا؟ يامان چۈش كۆرۈپ قالغان بولسىلا باشلىرىدىن بىر نان ئۆرۈپ دىۋانىغا بېرىۋېتىلى. ئاخشام ھىچ خەۋىرى يوق ئىش، ئەتتىگەن قوپقاندا خەۋىرى بولمىغان ئىش، تالاغا بى چىقىپ چىرىپلا نەدىن چىقتى؟ ئۇنىڭغىمۇ خوپ، ئەمما نېمە شۇم ئېغىزلىق قىلىپ كەتتىلە؟خۇددى بۇرۇن ھىچ قاغىلىق بازىرىغا بېرىپ باقمىغاندەك؟! — خوتۇننىڭ نېپىز لەۋلىرى ئۆمچەيگىلى تۇرۇۋاتاتتى، كىيىك كۆزلىرىدىمۇ ياش دۇردانىلىرى لىغىرلاپ، ھېلىلا تۆكۈلۈشكە تەييار تۇرغاندەك ئىدى.
— بۇرۇنمۇغۇ باغان، توغرا، بامىغان يەر ئەمەستى. ئەمما ھازىر دېگەن چوڭ ئادەم بولدۇق، بۇرۇنقى ساياق باللادەك كېتىۋەرسەك بوممايدۇ، شۇڭا... باشقا بى تەرىپى يوق، يامىنىغا ئەپ كەتمەڭلا، — ئۇ شۇنداق دېگەچ كېلىپ ئايالىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى. ئاندىن خۇددى مودا ئارتىسلىرىدەك ئىنچىكە بېلىنىدىن ئۆزىگە تارتتى. بۇنداق ئەۋرىشىم بەللەرگە چوڭ شەھەرلەرنىڭ خېنىملىرى مىڭلارچە سوم پۇل خەجلەپ، گۈزەللىك گىمناستىكىسىغا خەتلىنىپ، ھەم ۋاقىت ھەم پۇل زايا قىلىپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان گۈزەللىك ئىدى. بۇ گۈزەل قامەت ناۋايى تىلىدا: «تالى مەجنۇن قامىتىڭنى باغدا شەمشاد ئەيلىگىل» دەپ تەرىپلەنگەن بولسا، خەلق داستانلىرىدا «ئەۋرىشىمدەك بويلارىڭغا چىرماشىپ ئۆلسەم كاشكى» دەپ كۈيلەنگەن ئىدى.
نازۇك قامەت يىگىتنىڭ بىجىرىم قامىتى بىلەن يۆگەشكەندە، ئۇنىڭ توم لەۋلىرى ئۆمچۈيۈشكە باشلىغان نېپىز لەۋلەرگە جۈپلەشتى.لەۋلەر ھەتتا دەم تارتىلغاندەك ئۇنىڭ ئاغزى ئىچىگە خۇددى ئېمىزگىنىڭ ئېغىزلىقىدەك شورۇلۇپ كىرىپلا كەتكەنىدى. قۇۋۋەتلىك قوللىرى بولسا نازۇك بەدەننى — ئارقىسىدىن سىلاشقا باشلىغانىدى. ئايالنىڭ دۈمبىسىنى سىلاۋاتقان قوللىرى مۈرىلىرىدىن باشلاپ،زىلۋا بەلدىن ئۆتكەندە، زىلۋا بەلگە نىسبەتەن ئالاھىدە تولغان ۋە گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمىگە ئاجايىپ جىپىس كەلگەن ساغرىسىغا كەلگەندە يۇمشاق، تولغان ساغرىلاردىن قولى ئارقىلىق ئۆتكەن كۈچلۈك بىر ئېلىكتىر ئېقىمى يۈرەكلىرىنى جىغىلدىتىۋەتتى. بۇچاغدا بولسا ئىدرىسخاننىڭ يىگىتلىك ۋۇجۇدى ئەسەبىي بىر ئوت تەرىپىدىن ۋەسۋەسە قىلىنىپ، تىنىقلىرى تېزلىشىشكە باشلىغان ئىدى. ئەمما ئۇ يەنە بىر ئاز كۆڭۈلنىڭ مەيلىگە بېرىلسە نېمىلەر بولۇشىنى پەملەپ، ئايالىنىڭ لەۋلىرىدىن ئاجراتقان ئاغزىنى ئىتتىك-ئىتتىك ئىككى مەڭزىگە ئۇزۇتۇپ، چوكۇلدۇتۇپ سۆيۈپلا، ئايالنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇردى. ھەرئىككى كۆزدە خۇددى يانارتاغدەك قۇدرەتتە، بەس كەلگىلى بولمايدىغان شەھۋانىي ئوت يېنىپ تۇراتتى.
— كۆڭلۈڭلىگە ھەقىسما يامان ئوينى كەلتۈرمەڭلا، خوتۇن، ئاللاھ ساقلىسا ئامانچىلىق، — دەپ ئىڭەكلىرىدىن ئەركىلىتىپلا، سۇپا ئۈستىدە ئۆمۈلەپ يۈرگەن ئوغلىنى چاقىردى، — ھەمزە، ھەمزە، كەل بالام، بىر سۆيۈۋېتەي!
بالا دادىسى بىلەن ئوينۇشۇپ كۆنۈپ قالغاچقا دەرھال بۇ ياققا ئۆمۈلەپ كەلدى. ئىدرىسخان ئوغلىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بويۇنلىرىنى، چاچلىرىنى، يۈز –كۆزلىرىنى پۇراپ چىقتى، ئاندىن يەنە شۇ يوسۇن بىر خىل ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۇتتۇر كەلگەن يەرلىرىگە سۆيۈپ چىقتى. ئاندىن بالىنى ئانىنىڭ قولىغا بېرىپ:
— دۇئا قىلىڭلا، — دېدى –دە، ھوجرىسىدىن چىقىپ كەتتى. شۇنداق تېز، تۇيۇقسىزلا، ئېتىلغاندەك چىقىپ كەتتى. ئۇ چاناقلىرىنى ئېچىشتۇرۇۋاتقان جۇدالىق ياشلىرىنىڭ لىغىرلىشىنى ئايالىغا كۆرسۈتۈپ،ئاجىزلىق ئىپادىلەشنى خالىمىغاندىمۇ؟ بۇنداق قىلىش ئۇيغۇر ئەركەكلىرىگە ئەسلا ياراشمايدىغان قىلىق بولغاچقا، ئەنئەنىلەر قېنىغا سىڭىپ كەتكەن يىگىتنىڭ غۇرۇرى بۇنىڭغا يول قويمىغانمىدۇ؟ ياكى چىرايلىق ئايالنىڭ، ئوماق ئوغۇلنىڭ كۆزلىرىدە ئەكس ئېتىۋاتقان تەئەججۈپكە، سوئاللارغا تولغان گۈزەل نىگاھلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي بەل قويۇۋېتىشىدىن قورققانمىدۇ؟ ھەممە ئىھتىماللىق بولۇشى مۈمكىن ئىدى.
ئەمدى بۇ ئائىلىنىڭ ئاساسىي ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى. ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلۇشۇشى كېرەك ئىدى. دادىسى خۇددى ئىدرىسخانغا ئوخشاش بەقۇۋۋەت، جاپاغا بوي بەرمەيدىغان بىجىرىم ئادەم ئىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلمىغاچقا، نەگە بارىمەن دېسىمۇ دۇئا قىلىپ قېلىۋېرەتتى. بۇ ئوغلىدىن بەكمۇ پەخىرلىنىدىغان دادا، ئەل-يۇرت ئالدىدا يېشىغا باققاندا ھۆرمىتى چوڭ بولغان ئوغلىنىڭ، ئۆي ئىشىنى قويۇپ مېڭىشىدا چوقۇم جامائەتكە پايدىلىق بىر مەخسەت بار دەپلا بىلەتتى. شۇڭا سۈرۈشتە قىلىپمۇ كەتمەيتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى:
— ئاللاھ ئىشىڭنى ئوڭ قىلسۇن، بالام، — دېدى ئۇئوغلىنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ.
ئەمما ئانىنىڭ تۇيغۇن كۆڭلى ئۇنىڭغا نېمىلەرنى شىۋىرلىدىكىن، ئۇ بىر ئاز خوتۇن كىشىچە چىڭگىسلىك قىلىپ كەتتى. ئوغلىنىڭ يۈزلىرىنى سىلايتى، كۆزىگە مۆلدۈرلەپ قارايتى، سورىمىغىنى قالمايتى.
— بولدى قىلىڭلا، ئانىسى! — دېدى ھەمرىيى ئۇنىڭ قىلىقلىرىدىن ئىچى پۇشۇپ، — ئوغۇل بالا دېگەنگە ئانچىۋالا قىلىپ كەتكۈلۈك ئەمەس! ئاقيول تىلەپ دۇئا قىلىڭلا، ماندا.
ئوغۇل ئانىنىڭ پىشانىسىدىن، ئانىمۇ ئوغۇلنىڭ پىشانىسىدىن سۆيۈشۈپ خوشلاشتى. بۇ ھال دادىغا تازىمۇ مىجىمەرۇق قىلىقتەك تۇيۇلۇپ، مەسخىرىلىك كۈلۈپ، ئۇ ياققا قارىۋالدى. چۈنكى، ئىلگىرىلىرى قاغىلىق بازىرىغا كىرىپ چىقىدىغان ئىشلار ئۈچۈن نە ئىدرىسخان، نە ئانىسى بۇنداق ئۆمچۈيۈشۈپ يۈرمەيتى. بۈگۈن نېمە بالا، بۇ قەدەر مىچىلداش!
ئىدرىسخان ئاخىرقى قېتىم «خوش» دەپ، ئىشكتىن چىقتى. ھويلىدا ئىشەكنى توقۇپ، تىرىكچىلىك ئىشى ئۈچۈن جابدۇنۇۋاتقان ئىنىسى ئۇنىڭغا بەكلا يوچۇن قارىغاندەك قىلدى. ئۇمۇ ئىنىسىغاخۇددى «ئەمدى سىلەرنى يەنە كۆرەلەمدىمكىن؟» دەۋاتقاندەك غەلىتە پارقىراپ قارىغان ئىدى، ئىنىسى ئۇنىڭدىن بىر نېمە سورايدىغاندەك ئېغىز ئۆمەللىدى. ئۇنىڭ گەپ سوراپ ۋاقىتنى ئېلىشىدىنمۇ تولا، ئۇنىڭ كۆڭلىگە يوشۇرۇۋاتقان سىرىنى ئېچىۋېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىپ، دەرھال دەرۋازىنىڭ سىرتىغا ئۆزىنى ئالدى. تا ئارقىسىدىن دەرۋازا يېپىلغاندىلا «ئۇھ» دېدى. ئەمدى نېفىتلىكنىڭ ماشىنىلىرىغا ئۇچقۇشۇۋېلىش ئۈچۈن يولغاچىقتى.
2
دايىم قاغىلىق تىبەت تاشيولىدا قاتناپتۇرۇدۇغان مەجىد تۇراپ ئىدرىسخان بىلەن يېڭى تونۇشلاردىن ئەمەس، خېلى گېپىنىئېلىشىدىغان يېقىنلاردىن ھىساپلىناتتى. مەجىد تۇراپ ئىدرىسخان ۋە ئۇنىڭيولداشلىرىنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرۈدۇغانلىقىنى پەرەز قىلالمىغۇدەكقاپاقباشلاردىن ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. قورقۇپتۇرسىمۇ ئۇنىڭ بەزى ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ تۇراتتى. ئەمما ھىچ زامان ئۇنىڭئىشلىرىنىڭ تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقمايتى. ياكى »مەنمۇ قېتىلاي« دېيىشكەجۈرئىتى يوق ئىدى. جەمىيەتتە ئەنە شۇنداق نۇرغۇن كىشىلەر ئىنقىلاپچىلارغاھىسىداشلىق قىلسىمۇ، ئۆزى قاتنىشىشقا جۈرئەت قىلالمايتى.
مەجىد تۇراپ ماشىنا سېتىۋېلىپ، تىبەتكەبۇغداي، گۈرۈچ ئاپىرىپ سېتىپ، ئۇ ياقتىن تېرە-تەسەك ئېلىپ كېلىپ سېتىشتىن خېلى پايدا كۆرۈپ، قولىدائازدۇر-كۆپتۇرئېشىنچا ھاسىل بولۇشقا باشلىغاندىن بېرى، ئىدرىسخاندەك دوستلىرىغا ئانچە-مۇنچە ئىئانە بېرىپمۇ تۇرۇدۇغان بولۇپ قالغان ئىدى.
— نېمىگە بېرىۋاتىسىلە ئادېش؟ — دەپ سورىغانئىدى ئىدرىسخان دەسلەپتە ئۆزىگە پۇل تەڭلىگەن مەجىددىن، ئۇنى سىناش ئۈچۈن،سەدىقەڭلىمۇ؟ زاكىتىڭلىمۇ؟ مېنى بىرسىنىڭ قولىغا قاراپ قالغان نامرات كۆرۈپ قالمىغانسىلە؟
— ئا...، تولا گەپكە سالماڭلا، ئېلىۋېرىڭلا، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىشلىتىسىلە، — دېگەن ئىدى مەجىد تۇراپ.
ئىدرىسخان ئارتۇقچە كوچىلاپ يۈرمىگەن ئىدى.دېمەك، ئۇنىڭ بەزى ئىشلارنى پەرەز قىلىدىغانلىقىنى، ياردەم قىلىشقا ھەرقاچان تەييار ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۇششاقباشتىن يولغا چىقىۋاتقاندىلا مەجىدنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن ئىدى. ئەگەر مەجىد يېڭىلا سەپەردىن قايتىپ كەلگەن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنى ھاپىلا-شاپىلاجابدۇتۇپ، يەنە بىر قېتىم ئاتلاندۇرۇش كېرەك ئىدى. باشقا يول يوق. ئەمما بۇنىڭغا بىرنەچچە كۈن ئارتۇق ۋاقىت كېتەتتى شۇ.
ئىدرىسخان ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە مەجىد تۇراپ ماشىنىسىغا گۈرۈچ بېسىپ قويغان ئىكەن. ئۇنىڭ پىلانى ئەتىسى ئەتتىگەندە »يا بىسمىللاھ« دەپ يولغاچىقىش ئىكەن. ئىدرىسخان بۇنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتتىكى، »بەلكىم بۇ بىر خۇش بىشارەتتۇر« دەپ ئويلىدى.
— ئادېش، خاپا بولماي بىر - شىككى كۈنتۇرۇڭلا، مەنمۇ سىلى بىلەن ماڭىدىغاندەك تۇرۇمەن، — دېدى ئۇ.
— چاخچاقمۇ-يا؟
— يا، يا،... چاخچاق ئەمەس، راست دەۋاتىمەن. مېنىڭ تەييارلىقىم پۈتكىچە ساقلاپ تۇراسىلە؟
— نېمىشقا ئەمدى؟ ماڭىدىغان بولساڭلا ئەتىلا ماڭىلى، نىيەت قىلغان يولدىن قېلىشمۇ ياخشى ئەمەس، شىككى كۈننىڭ نېمە لازىمى؟ نېمە جىق تەييارلىق بۇ سىلىدىكى؟
— مەنغۇ تەييا، مېنىڭ يەنە بىرقانچە ھەمرالىرىم باتى.
— نەگە بارىسىلە؟ تىبەتكە تىجارەتكە بارمايدىغانسىلە؟
— ياق، تىبەتكە ئەمەس، يولنىڭ يېرىمىغىراق،...
— قەيە ئۇ؟
— مازا داۋاندىن ئۆتكۈزۈپ قويساڭلا بولدى.
مەجىد تۇراپ بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدى. قاراقۇرۇمنىڭ بۇ قاقاس تاغلىقلىرىدا سەيلى قىلغۇدەك سەيلىگاھ بولمىسا، بىر توپ ياشبالا ئوينىغىلى باراتتىمۇ؟ گىيا ئۈنمەيدىغان بۇ تاغلاردا ئوتۇنچىلىق قلاتتىمۇ؟مەجىد تۇراپنىڭ ئىچىگە بىر قورقۇنۇچ چۈشتى. نارېسىدە بالىلىرىنى، ناتاۋانئايالىنى، قېرىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنىئويلىماي تۇرالمايتى. ئەمما بۇ ئىشتىن باش تارتىشقىمۇ ۋىجدانى چىدىمايتى. شۇڭادوستىنىڭ تەلىپىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى.
— بۇ يامان تەس ئىش جۇما، — دېدى ئۇئاخىرىدا بۇرۇنلىرى تەرلەپ.
— تەسلىكىنى مەن بىلمەيمەنما ئادېش؟ بىلىمەن، باشقا چارىمىز يوق.ئۆلەمنى ساقلاپ ئولتۇرۇمىزما؟
— شۇنچىۋالا يامانمۇ زۆرۈرما؟
— دېدىم-يا،ئۆلەمنى ساقلاپ تۇساق بولۇدۇ شۇ.
— ئانچىۋالا بوسا، ... ئاللاھقا تەۋەككۈل قىپ باقىلى، ئادەم سانىچۇ؟
— ئەڭ كۆپ بولغاندا يەتتە.
يەتتە!؟ ساراڭمۇ سىلە؟ يەتتە ئادەمنى قەيەگە قويۇمەن؟ ئەنەكۆدۈڭلا، ماشىنىدا ژۈك، يەتتە ئادەمنى نەگە سىغدۇرىمەن؟ يول تىژ ئەمەس، ئاقازدىنباشلاپ ھەر دوبەندە[1]تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىدۇ. چېگرا خېتى ئالاممايسىلە، قاندا قىلىمىزكى؟
— بى چارىسىنى تاپامىز، سىلە ماقۇ دەڭلا بى.
— ھە ماقا، نېمە چارە قىلىمىز ئەمىسى؟
— كېچىسى تاغالانى بىر تەرەپكە ئەپ تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا بىر كاۋاكچىقاساق، شۇ كاۋاككا چىرىپ ياتساق، ئۈستىگە يەنە چەللە قىلىپ تاغا باسۇرۇپيېپىۋەتسەك بومماسما؟
— ...
بۇنداق قورقۇنۇچلۇق ئىشقا ئېنىق قىلىپ »بولۇدۇ« دېگەن جاۋاپنى بېرىشمۇ تەس گەپ ئىدى. شۇڭا مەجىد تۇراپنىڭ شۈكتۇرۇشىنى »ماقۇل«غا ھىساپ قىلىشقا بولاتتى. ئەمما ئۇ سەلدىن كېيىنئەندىشىسىنى ئېيتماي تۇرالمىدى:
— كېيىن چاتىقى چىقىپ قاسا، مەن دېگەن بالا-چاقىلىق ئادەم تۇسام،... نېمە دەپ قۇتۇلغىلىبولۇدىكى؟...
— ئاللاھ ساقلا، ئادېش، تولا ئەنسىرىمەڭلا، ياخشى كۈننىڭ يامىنىبولۇپ قالسا، »مەندېگەن تىجارەتچى، پۇل تېپىشقا تۇغان ئادەم، ›كىشى بېشىغا 200 كويدىن بېرىمىز‹ دېسە، پۇلغاقىزىقىپ شۇ پوقنى يەپ ساپتىمەن« دەسىلە، قانداق قىلىمىز ئەمدى؟
— ئەمىسە شۇندا دەيلى، بىر ئىش بولاپ قاسا سىلىمۇ شۇندا دېيىشسىلە.
ئىدرىسخان بۇ ئىشنى شۇنداق ھەل قىلدى. ئىشھەل بولغاندىن كېيىن »ئۇھ«دەپ تىنىپ، مەجىد تۇراپ بىلەن بىردەم كونا-يېڭى پارڭلارنى سېلىشىپ ئولتۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئىشىتۈگۈگەن ھامانلا قوپۇپ كېتىپ قالسىمۇ سەت تۇرۇدۇغاندەك بىلىنگەن ئىدى. شۇنداقلانورمالدا ئۇچرۇشۇش يېرىگىمۇ كەچرەك بارىدىغان ئىش بولغاچقا بىردەم بۇ يەردە ۋاقىتئۆتكەزمەكچىدى. مەجىد تۇراپ ئايالىغا تاماق بۇيرۇتتى. ئىدرىسخانمۇ ياسالماتەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرمىدى. شۇنداق قىلىپ، تاماق پىشقىچە ئۇلارغا پاراڭلىشىدىغانۋاقىت چىقتى.
— بىز بارىدىغان ئارىلىقتا چېگرا قاراۋۇلخانىسى يوققۇ؟ شۇنچىۋالاقىپ كېتىشىمىز كېرەكما؟ — دەپ سورىدى ئىدرىسخان پاراڭ ئارىلىقىدا قىزىقىشىنى يوشۇرالماي.
— دېدىمغۇ، دوبەنلەر بار، ھەر دوبەندە قارىغىلى تۇرۇدۇ، — دېدى مەجىدتۇراپ.
— بۇنىڭ تاشيول ئاسرايدىغان خەق بىلەن نېمە ئالاقىسىكى؟
— ئۇلار قوشۇمچە قاراپ قويۇدۇ، قوشۇمچە قاراپ قويۇڭلا، دەپتاپشۇرۇلغان –دە.
— ۋاي توۋا، قوشۇمچە قاراپ قويغانغا قوشۇمچە ھەق ئالامدىغاندۇ؟
— قوشۇمچە ھەق بېرەمدا، ئادېش؟ بىلمەمسىلە بۇ خەقنى؟ »خو« دەپ قويغانغىلا قىلىۋېرىدىغان گەپ. »ۋاي، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار بەك موھىم، ۋەتەننىڭ چېگرائالدىنقى سېپىدىكى قاراۋۇلسىلەر، نامسىز قەھرىمانلارسىلەر، فورمىسىز جەڭچىسىلەر،... « دېگەندەك ماختاپ، »ئىشتىنسىرت قوشۇمچە قاراپ قويۇڭلا« دېگەنگىلا مانا شۇنداق ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ، تولۇقى بىلەنئورۇندايدىغان گەپ.
— سىلە ھەپتىدە بىر بوممىسىمۇ ئايدا ئۈچ قاتناپ تۇرۇسىلە، تونۇشبولاپ كەتكەنسىلە؟ سىلىنىمۇ تەشكۈرۈپ ئولتاماس؟
— نېمە دەيدىغانسىلە، ئادېش؟ بىز خەقنى بىلمىسەڭلىكەن، ئى بى »بەنجاڭ« دەپ ئاتنى قوياپ قويغانغا »كۆكتاشقا مىنىدۇ« دەيمەن،كۆزىگە ھىچنېمە كۆرۈنمەيدا.
— ئۇيان-بۇيانئۆتكىچە بى نەسىلە ئالغاچ بارىدىغانسىلە؟
— ھە، ئالغاچ بارمامتۇق، ھەر قېتىمدىلا قۇرۇق بامايمەن، ئۆزلىرىمۇئۇنى-بۇنىبۇرۇتۇپ تۇرۇدۇ. شۇندا بوسىمۇ بەسەڭ ئالۇدۇ، ئىشىنىمۇ ئوخشاشلا قىلىۋېرىدۇ.
»توۋا،قانداق خەلقمىز-ھە؟قېنى بىزدىكى ئۆچمەنلىك؟ خىتاي ئاتا قىلغان قايسى خوۋلۇقلار ئۈچۈن شۇنداققىلىدىغاندۇق؟ كاشكى بۇ تاغلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنى ئادەم قاتارىدا كۆرسە!؟ ياخشىغۇبۇ تاغلارنىڭ ئارىسىدا ئىشلەيدىغان بىرمۇ خىتاي يوق، ھەممىسى ناھىيىدە ئولتۇرۇپ ›رەھبەرلىك‹ قىلىدۇ، بىرەرسى بولۇپ قالسا قانچىلىك خوشامەت قىلىشىپكېتەتتىكىنا؟ تېخى ئاڭلىسام قاراقۇرۇم تاشيولىدا ئىشلەيدىغانلار 50 ياشتىن ئارتۇقئۆمۈر كۆرەلمەيدىكەن، يوقۇرى ھاۋا تەسىرىدىن شۇنداقمىش. شۇنىڭغا شۇنچىۋالاقىلامدىغاندۇ؟ تېخىمۇ قىزىقى، ئەگەر مۇشۇ ئىشچىلارغا بىرەر باي ئىككىھەسسە مائاش بېرەي، ماڭا ئىشلەڭ دېسە ئۇنىمايدا، بىسىگە مالاي بولاپ قالدىم دەپچۈشۈنۈدا، ئەمما-زە، خىتايغا ياللىنىپ ئىشلىسە مالاي بولغان بولمايدا، ‹خىزمىتىمبا› دەپ، خۇدى بى يەنىڭ دوتىيىدەك قىپ كېتىشىدا، ئاجايىپ تونۇش-تە بۇ!»  دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىئىدرىسخان.
تاماقتىن كېيىن ئۇ دوستى بىلەن خوشلۇشۇپ،باشقا يولداشلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن »بۇرۇنقىجاي«غاقاراپ كەتتى.
3
ئىدرىسخان بازارغا قاراپ كېتىۋېتىپ، »ئەگەر باشقا ھەمرالا كەممىگەن بوسا دىككىدا ئۆيگە چىقىپبىر قوناپ چىسەممىكى« دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى. دېگەن بىلەن، ئۇ تېخى ياش، كۈچقۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان يىگىت ئىدى. تېخى ئائىلە ھاياتىنىڭ لەززەتلىرىگە كۆزىتويمىغان تۇرسا شۇنداق ئويلىماي قالامدۇ؟ نىمىلىكى بولمىسۇن ئۇمۇ قان بىلەن گۆشتىنپۈتكەن ئىنسان-دە.ئىنسان دېگەن نەپس بىلەن يارىتىلغان تۇرسا سېغىنماي قالاتتىمۇ؟ ئۇ ھېلىمۇ ھېلىقىئەتتىگەن ئايالى بىلەن خوشلۇشۇۋاتقان چاغدا ئۇنىڭ ئارقىلىرىنى سىلاشتىن ھاسىلبولغان ھارارەت تەسىرىدە يېنىۋاتاتتى؛ ئاشۇ تەخىرسىز ئىستەك ئۇنى ئىنتىلدۈرۈپتۇراتتى.
»بۇرۇنقىجاي« بىر كەچلىك دۇكان بولۇپ، بۇ يەردە پىۋا، ھاراق، ۋە سوغۇقئىچىملىكلەر سېتىلاتتى. تالىپلار ئۈچۈن بۇنداق بىر يەردە ئۇچرۇشۇشتىن مەخسەتبىخەتەرلىك ئۈچۈن ئىدى. كىشىلەر ئۇلارنى ھاراقكەش بالىلار ئىكەن دەپ ئويلاپ قېلىشىمۈمكىن ئىدى. ئۇ كىرىپ كەلگەندە پىۋەخانىنىڭ بۇلۇڭ تەرىپىدىكى شىرەنى چۆرۈدەپ ئولتۇرۇشقانيىگىتلەرگە كۆزى چۈشتى. ئۇلارنىڭ ئالدىلىرىدا قۇتۇلۇق سوغۇق ئىچىملىك بارىدى.ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى پىۋە ئىچىۋاتقان لۈكچەكلەرگە تەقلىت قىلىپ تەرتىپسىزرەكشەكىلدە ئولتۇرۇشقان ئىدى. ئىدرىسخانمۇ بىر قۇتا سوغۇق ئىچىملىك ئېلىپ، شۇلارغاقاراپ كەلدى.
ئۇلار ئابدۇلھەمىد قارى (ھەمىد تالىپ)،خېلىل ئالتۇن، مۇھەممەد ئېمىن يۇنۇس، مۇھەممەدئېمىن سىيىت، مۇھەممەدئېمىنئابدۇۋەلى قاتارلىقلار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۇچارلىق يىگىتلەر بولۇپ، ئۇلارئىلگىرى بىرلىكتە شاھيار، توقسۇ ئەتراپلىرىدا بەزى قارشىلىق ھەركەتلىرى، پۇل بۇلاشئىشلىرىنى قىلغان ئىدى. پۇل، ئىنقىلاپنىڭ مەبلىخى قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر لازىم ئىدى.بۇلاردىن ئابدۇلھەمىد قارىنىڭ يېشى 27لەردە بولۇپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان، خۇددى ئىدرىسخانغا ئوخشاش يېڭىلا دادابولغان يىگىت ئىدى. باشقىلىرى تېخى توي قىلمىغان نەۋقىرانلار ئىدى. ئۇلار خۇددىكۈندە بىرگە ئىچىشىپ تۇرۇدۇغان لۈكچەك بالىلاردەك نايناق ھەركەتلەر بىلەن كۆرۈشتى.
— سىلە كۆپ ساقلاپ كەتتىڭلاما يا؟ قاچان كەلگەنتىڭلا؟ — دەپ سورىدىئىدرىسخان كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن. ئەمما شۇئان ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىر ۋەھىمە ھۇجۇمقىلدى: »نەقەدەرنادان خەلقمىز-ھە؟شۇئاندا ئۈستۈمۈزدىنلا باسىدىغان بولسا بىرلا نۆۋەتتە ئالتە ئەركەك تۈگىدى، دېگەنگەپ-تە!مۇشۇنداقمۇ قاراملىق بولامدۇ؟ يالغۇز-يالغۇزدىنكۆرۈشۈدىغان ئىشكەندۇق. ھازىر قاغىلىق بازىرى، غەيرى-غەيرى ›دىۋانىلە‹، ›دەرۋىشلە‹، تىجارەتچىلە، يەنە ئاللىقانداق سالاھىيەتتىكى تىڭ-تىڭچىلا بىلەن تولاپ كەتكەن تۇسا، ھېلىمۇ ئاللاھساقلاپتا«.
— بىز تۈنۈگۈن كەلدۇق، تۈنۈگۈن كېلىپلا بۇ يەرگە بىر يولۇقۇپ بېقىپ،سارايغا كەتكەن، بۈگۈن يەنە بىر كەپ باقايلى دەپ كەلگەنتۇق، — دەپ جاۋاپبەردى ئابدۇلھەمىد قارى.
— ھەممىڭلار بىللە كەلدىڭلارمۇ؟ ياكى بۇ يەردە تېپىشتىڭلارمۇ؟
— كۇچاردا تېپىشىپ، بىللە كەلدۇق.
— بىللە يېتىۋاتامسىلەر؟
— ھەئە، — ساددا بالىلار ھىچنەرسە ئويلىمايلا جاۋاپ بېرەتتى.
ئەمما ئىدرىسخان بۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە يېشىچوڭراق بولغاچمىكىن ياكى كىچىكىدىن تولا ئويلايدىغان، بولغاچمىكىن، ياكى بىرقانچەكىتاپنى ئارتۇق ئوقۇغاننىڭ خاسىيىتىمىكىن، دايىملا تەپەككۈر قىلىپ تۇراتتى. ھەرھەرىكىتى، سۆزى توغرىسىدا ئويلاپ، ئۇنىڭدا خاتالار، يوچۇقلار بار-يوقلۇقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ تۇراتتى. شۇئان يەنە ئۇقورقۇپ كەتتى. »قارىمامسىلەر،بۇلارنى خىتايلار ئىزدەپ يۈرۈۋاتسا، كۇچاردىلا تېپىشىپ، بىللە كەپتۇ! يەنە تېخىبىللە يېتىپتۇ! بۇ يەردىمۇ توپلۇشۇپ ئولتۇرۇپتۇ! ئاھ ئاللاھ، سۇبھان ۋەتائالا،بىزلەرگە ئىشىمىزغا لازىملىق ئىلىم ئاتا قىلغايسەن، دۈشمەنلىرىمىزنى غەپلەتتەقالدۇرغايسەن!...«
— بۈگۈن ئاخشام بۇ ئادرېسقا بېرىڭلار، — ئۇ ئېڭىشىپتۇرۇپ پىچىرلىدى، — بەك كېچە بولۇپ كەتسە كوچىدا چارلايدىغانلار گەپ سوراپ قالسا،كۇچاچە گېپىڭلار دەرھال چېنىپ قالۇدۇ، ھازىر بۇ يەردىن چىقىپلا شۇ يەرگە بېرىڭلا،ئاندىن خالادىمۇ، بىريەلەدە خۇپتەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئۆيگە چىرىڭلا، — دېدى ئۇئۆزىچە بىر ئاز تەدبىر قىلىپ.
— ھازىر ماڭايلىمۇ؟
— يەنە بىر ھەمرىيىمىز با، شۇ كەلسۇنمىكىن، ھە، ياق، سىلەمېڭىۋېرىڭلا، مەن ئۆزەم ساقلاي، — دېدى ئۇ.
بۇرادەرلەرنىڭ چىقىپ كېتىشىنى كۈتۈپتۇرغاندەك بىردىنلا بىر چالا تونۇش يىگىت پەيدا بولدى:
— سالامۇئەلەيكۇم، ئىدرىسخان، — دېدى ئۇقۇلىقىغا ئېڭىشىپ پىچىرلاپ، مەن ئاشۇ K بولۇمەن. ۋەزىپىلىرىنى ئاداقىلدىلىمۇ؟ بۇ يەردە بەك ئۇزاق تۇغىلى بوممايدا جۇما.
— قىلدىم، ئەتە سەھەردە ماڭساق بولۇدۇ.
— ئەمىسە مەن باشقا تەييارلىقنى قىلاي، قەيەردە؟
ئىدرىسخان ئادرېسنى پىچىرلىدى.
— بولۇدۇ، سىلى كېتىۋەسىلە، ئاشۇ يەدە كۆرۈشىلى، — ئۇ شۇنداقدېدى-دەدەرھال چىقىپ كەتتى.
ئىدرىسخان ئادىتى بويىچە يەنە خىيالغاكەتتى. يولدا كېتىۋېتىپ ئاشۇ ئىسمىنى مەلۇم قىلمىغان يىگىتنى ئويلىدى. »ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ ئادەممىدۇ؟ ياكى مەلۇماتتىنيوچۇق چىققان بولسا، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ ئادىمى سەپلىنىۋالغانمىدۇ؟ ئەجەپدەرھاللا ئىشىنىپ كېتىپتىمەنا! ۋاي، ئاللاھ، شۇ بىز خەقنىڭ مۇشۇ ساددىلىقىمىزشۇنچە بېشىمىزغا چىقسىمۇ يەنە ئۆزگەرمەيدىكەنمىزغۇ-تاڭ«. ئۇ بۇ ناتونۇش يىگىتنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەردە يېتەكچىلىكقىلىدىغانلىقىدىكى سەۋەپنى چۈشۈنۈپ بېقىشقا تىرىشتى. ئىلگىرىلىرى سەبداشلاردىنبەزىلەر چەتئەلگە قاچۇرۇلغان ئىدى. شۇ چاغلاردىكى مىش-مىشلاردا قاغىلىقلىق بىر يىگىت يوللارنى ئوبدانبىلەرمىشكەن. ئۇ تاغدا كۆپ يۈرگەچكە خېلى تەجرىبىسى بارىكەن. ئاندىن ئۇ يەنە كۆپھەركەتلەرگە قاتنىشىپ، ئامان قالغان، بىردىن بىر قورقۇمسىز يىگىتمىش. بەلكىم بۇئاشۇ يىگىت بولۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ گورۇپتىكىلەرنىڭ ھىچبىرى كۆكيانىڭ ئۇ يېقىغائۆتۈپ باقمىغان تۇسا، بۇ ھىسابى يوق تاغلارنىڭ ئارىسىدا ئېزىپ قالماستىن چېگرىنىتېپىشى مۈمكىنما؟
تالادا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى. ئۇخۇپتەننى مەسجىدتە ئوقۇيمۇ-قانداقدەپ بىردەم ئىككىلەندى. ئەمما دەرھال: »ياق،بوممايدىكەن، مەن مەجىدنىڭ ئۆيىدە كۈتۈپ تۇمىسام، مەجىد باللىنى تونۇمايدۇئەمەسما، چاتاق چىقمىسۇن« دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن كەچۈرۈپ، دەرھال دوستىنىڭ ئۆيىگە يول ئالدى.مەجىد ئۇنى كۈتۈپلا تۇرغاندەك ئىشكنى چېكە-چەكمەيلا ئاچتى. ئۇنىڭ ساراسىمىلىك چىرايىدىنقورقۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. تىت-تىتبولۇپ، قولى ئىشقا بارماي، ئوتتۇرىدا گاڭسادەك چۆگۈلەپ يۈرگەنلىكىنى قىياس قىلىشتەس ئەمەس ئىدى. ئىدرىسخاننىڭمۇ ئىچىگە قورقۇنۇچ چۈشتى. »ما ئاداش نىماندا قىلىدىغاندا؟ يېنىۋالامدۇ-نېمە؟« تېزراق ۋاقىت بولسا، يولغا چىقىپ كەتسە ئىش تۈگەيتى، مانامۇشۇنداق كۈتۈش جاننى سىقىدۇ-دە!
خۇپتەنگە ئەزەن ئېيتىلىپ، بۇ ئىككەيلەنبىرلىكتە نامازلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىشك ئارقا-ئارقىدىن چېكىلىپ، بالىلار كىرىپ كېلىشتى. مەجىدتۇراپنىڭ بۇيرۇتمىسى بىلەن ئايالى بىر قازان سۈيقاش قىلغان ئىدى. نان-پان چىلاپ ئىچىۋېلىشتى. ئاندىن ئىدرىسخان ئۇلارغا:
— خۇپتەن ئوقۇمىغان بولساڭلا ئوقۇۋېلىڭلا، ئاندىن ئىشىمىز با، — دېدى.
ئۇلار ناماز ئوۇۋاتقاندا، ئۇلارنىڭسالاھىيىتى نامەلۇم سەبدىشىمۇ كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ قولىدىمۇ ئېغىر بىر سومكابارىدى.
نامازدىن كېيىن ئۇلار تىۋىشسىز ھالداماشىنا ئۈستىگە چىقىپ، گۈرۈچ تاغارلىرىنى پەسكە چۈشۈردى. يېرىمىنى ئېلىۋېتىپ،ئاندىن قالغان تاغارلارنى كوزۇپنى ئايلاندۇرۇپ تىزىپ، ئوتتۇرىنى بىكار قويۇشتى.ئىككى قاتار تاغار تىزىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن بىرنەچچە تال كالتەكنى ئىككىتەرەپتىكى تاغارلارغا چىشلىتىپ، ئىشكبېشى شەكلىدە قويغاندىن كېيىن، ئۈستىگە قالغانتاغارلارنى قويۇپ، ھېلىقى بوشلۇقنىڭ ئۈستىنى يېپىشتى. ئالدى تەرەپتىن بىر ئادەم پاتقۇدەك،بىر تاغار بىلەن يېپىلغۇدەك كىرىش ئېغىزى قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىدرىسخان مەجىدتۇراپقا:
— قانداق قىلىمىز؟ ھازىرلا چىرىۋالىمىزما؟ — دېدى.
— ھەئە، ھازىرلا. بامداتنى ئوقۇپلا ماڭىدىغىنىمنى قوشنىلارمۇبىلىدۇ، مېڭىشىم كېرەك، ئۇ چاغقىچە ما يەنى ئوچۇق قويساق ھالىمادىس بىرەسىنىڭ كۆزىچۈشۈپ قالسا بوممايدا، — دېدى ئۇ.
شۇنىڭ بىلەن K ئۇلارغا:
—  راست دەيدۇ،تېچلىق ئەۋزەل ھازىرلا كىرەيلى، — دېدى. ئۇنىڭ بۇ سەپەردە ئەمىر ئىكەنلىكىنى بىلگەچكەھىچكىم ھىچنېمە دېمىدى. ئۇلار سومكىلىرى بىلەن بىللە تۆشۈكتىن ئىچىگە كىرىپ، ئاستىدىكىئاشۇ باشنى كۆتۈرگىلى بولمايدىغان، پەقەت سوزۇلۇپلا يېتىشقا بولۇدۇغان تارچۇققاكىرىشكە باشلىغانىدى، — ئەمىر Kبۇ قەدەر يوغانسومكىلار بىلەن ھەم بۇ كىچىككىنە بوشلۇققا يەتتە ئادەمنىڭ پاتمايدىغانلىقىنى، ھەمئۇزاققا سوزۇلغان تاغ يولىدا بۇنچىۋالا يۈك بىلەن پىيادە مېڭىشمۇ مۈشكۈللۈكىنىبىلگەچكە، بالىلارنى توختاتتى، — توختاڭلا، باللا، بۇ سومكىلا بىلەن بۇنىڭ ئىچىدە تىقىلىپ قالىمىز،ھەممەڭلار سومكاڭلارنى تۆكۈڭلا، مەن نېمىنىڭ لازىم، نېمىنىڭ لازىم ئەمەسلىكىنىئېيتىپ بېرىمەن، لازىم بولمايدىغان نەرسەڭلا ھەرقانچە قىممەتلىك بوسىمۇتاشلايسىلە! — دېدى.
ھىچكىم قارشى گەپ قىلمىدى، چۈنكى بۇ بۇيرۇقئىدى ھەم زۆرۈرىيەت ئىدى. ئاندىن K ئۆزىنىڭ سومكىسى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ:
— مېنىڭكىسىدە ھەممەيلەنگە كېرەكلىك نەرسىلە با، شۇڭا بۇ نېمىشقائۆزى بىكا قىممايدىغاندۇ دەپقامماڭلا، —دېدى.
يەتتە ئاەم ئۈچۈنبۇ يەر تولىمۇ تارلىق قىلاتتى، بىراق ئىككى قېتىم توشۇشنىڭ ئىمكانى بولمىغاچقائۇلار بۇ يەرگە توغرىسىغا تىزىلدى. بۇ تىزىلىشتا پۇت-قولنى يىغىپ تۈگۈلۈۋېلىش كېرەك ئىدى، شۇندىلا ئاران پاتاتتى. ئۇلار كىرىپبولغاندىن كېيىن مەجىد تۇراپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇزۇن سەپەردە قانچىلىك قىينىلىشىنىتەسەۋۋۇر قىلىپ ئىچى ئاغرىپ كەتتى.
— بولدىمۇ، باللا؟ ئاغزىنى ئېتەيمۇ؟ — دەپ سورىدى ئۇ قىيمىغاندەكئاۋازدا.
— ئەتسىلە، ئەمما خاپا بومماي، ھازىرلا ماڭسىلا، ۋاقىتئۇزۇراپ كەتسە بىز بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ قالىدىغاندەك قىلىمىز، — دېدى K.
ئۇلارنىڭ نېمە بولۇشىنى ئاللىقاچان ئەقلىگەكەلتۈرۈپ بولغان مەجىد تۇراپ ئەتتىگەنگىچە بۇلارنى ئارتۇق ئازاپلىغاندىن كۆرەيولغا چىقىپ كېتىشنى ئۆزىمۇ ئويلاپ تۇراتتى. شۇڭا دەرھال مېڭىشقا ماقۇل بولۇپ،تاغارنى ئوچۇق يەرگە يۇمۇلۇتۇپ ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئۆيىگەخوشلۇشۇش ۋە سەپەردە كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى.
قان قىرغاق
1
قەدىمىي لاداقكارۋان يولىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان قاغىلىق-تىبەت تاشيولى دۇنيادا داڭقىسى بار خەتەرلىك يوللارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسىبولسا كېرەك. ئۇزاق قەدىم زامانلاردا بۇ يوللاردا ئاتلىق، ياياق ھىندىستانغا،كەشمىرگە، ئەرەبىستانغا ھەجگە ماڭغان ئەجداتلىرىمىزدىن قانچىلار مانا مۇشۇيوللاردا شېھىت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا يول دېگۈدەكقۇ يولمۇ يوقىدى، پەقەتكارۋان ئۇلاغلىرىنىڭ مېڭىۋېرىشىدىن شەكىللەنگەن تۇتۇق ئىز — يول دەپ ئاتىلاتتى. مانا شۇئىزلاردا ئىنسانلار ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مېڭىپ، يارغا يىقىلغانلارنى يەرلىكسىز،تاشلار بىلەن كۆمۈپ داۋام قىلىۋەرگەن ئىدى. سۇلتان سۇتۇق تەختكە چىقىپ، كەشمىرگەقوشۇن تارتقاندا مۇشۇ يولدىن ماڭغان...
ئەمدىلىكتەئۆزلىرىنى »خەلقنىڭ غەمگۈزارلىرى« دەپ سۈپەتلىۋالغان كوممۇنىستخىتايلارمۇ بۇ يەردە ھىچقانداق »سوتيالىزمنىڭداغدام يولى«نى  ياسىۋەتكىنىيوق. يولنىڭ خەتەرلىك ئەگىملىرى، تىكلىك گرادۇسىدا ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغاچقا،يول يەنىلا ئەجەل بىلەن ئېلىشىش مەيدانى بولۇشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. قوزايايلاقئوچاستىكىسىدىن چىققىنىڭىزدىن كېيىنلا بۇلۇتلارغا تاقاشقان تىك داۋان باشلىنىدۇ،بۇ ئاقاز داۋىنى دەپ ئاتىلىدىغان داۋان. داۋاننىڭ تىكلىكىدىن 10 كلومېتېرلىقسۈرئەت بىلەن تاشپاقىچە ئۆمۈلەپ بۇ داۋانغا ياماشقاندا، خۇددى يىلاننىڭ سويلىشىدەكئەگىلىپ، ھەر مىنۇت يۇمۇلاپ چۈشۈش خەۋپى ئاستىدا داۋانغا چىقىدىغان گەپ. داۋاننىڭخۇسۇسىيىتى شۇكى، ھەرزامان چىقماقتىن چۈشمەك تەس! يەنە ئاشۇنداق تۈگىمەسئەگىشلەردىن نەچچىنى ئەگىپ، خۇددى پىلسىراتتىن ئۆتۈۋاتقاندەك قورقۇنۇچ ۋە ئىھتىياتبىلەن تۆۋەنگە چۈشكىنىڭىزدە  ئاقاز ئوچاستىكىسىغاكېلىسىز. ئاقاز ئوچاستىكىسى خالاستان دەرياسىنىڭ بويىدا بولۇپ، دەريا ئاقازداۋاننىڭ غەربىي جەنۇپ ئېتىكىدە شىددەت بىلەن ئاقىدۇ. شۇندىن كېيىن يول ئاسراشنۇقتىلىرى دەريانى بويلاپ، خۇددى دەريا ۋە يولنى ئېشىپ قىلىنغان يىپقا ئۆتكۈزۈلگەنمارجانلاردەك، كۈدە، جۇداق، قارا كۆۋرۈك نۇقتىلىرى چېلىقىدۇ. يول دەريادىنئايرىلىپ غەرپكە ئەگىپ، تەخمىنەن ئونبەش كىلومېتېر (تۈز سىزىق بويىچە)،ئەمەلىيەتتە تاغ ئەگىملىرى بىلەن يەنىمۇ ئۇزۇنراق مۇساپىدىن كېيىن جەنۇپقابۇرۇلۇدۇ. ئەنە شۇ بۇرۇلۇشنىڭ دوقمۇشىغا جايلاشقان يول ئاسراش نۇقتىسى سېرىق داۋاندېيىلىدۇ. ئەمما بۇ يەرنىڭ يەنە »قان قىرغاق« دېگەن ئاجايىپ نامىمۇ بار.
قان قىرغاق!قانلىق قىرغاق، قان بىلەن بويالغان قىرغاق دېمەكتۇر. بۇ يەرنىڭ بۇ نامنى ئېلىشىدائالاھىدە بىر ھىكايىسى بار.  1980-يىللارنىڭ بېشىدا ۋەتىنىمىزدە تارقالغان »قوتاز ۋەقەسى«نى ئاڭلىغان بولغىيدىڭىز؟ بىرخىتاي ئەسكىرى يەرلىكنىڭ قوتىزىنى ئېتىپتۇ، ھاي دېگىنى ئۈچۈن ئىگىسىنى ئېتىپتۇ،دەپ ئاڭلىغان بولسىڭىز مانا شۇ ۋەقەدە بۇ يەر ئەنە شۇنداق دەھشەت چېچىپ تۇرۇدىغانبىر نامنى ئالغان ئىدى. ۋەقە ئاڭلىغىنىڭىزدىن تېخىمۇ دەھشەتلىكراق بولۇپ، قۇربان — ھاپىز ئابدۇللاھ بىزلەرگەئۇقۇلغىنىدەك ئۆزىنىڭ كالىسىنى دەپ ئەمەس، كوللىكتىپ (ئەمەلىيەتتە خىتايھۆكۈمىتى)نىڭ كالىسىنى دەپ قۇربان بولغانلىقى مەسىلىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپپىسخولۇگىيىلىك مەنا قاتلاملىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
تىبەتكە قاتنايدىغان،كۇچاردا تۇرۇشلۇق يۈك ئاپتوموبىلى قىسىملىرى مانا ئاشۇ جەھەننەمگە مەنىداش بولۇپكەتكەن تاشيولدا ماڭاتتى. تاشيول ئۇيغۇر ئىشچىلار تەرىپىدىن ئاسرىلاتتى. چۈنكى »ياردەمگە چىققان« خىتايلار بۇنداق يەردە ئىشلەشنى خالامدۇ؟ بۇيەرلەردە ئىشلەيدىغانلار ئەللىك ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرەلمەيتى؛ ئىگىز ھاۋابوشلۇقى كېسىلى تۈپەيلى ئۆلۈم يىتىم بولۇپلا تۇراتتى. ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكتىن،ئاغزى-بۇرنىدىن قان كېتىپ ئۆلۈش، كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكئارىلىقتا روي بېرەتتى. بۇنداق بىر يەردە خىتاي ئىشلەمدۇ؟ قاراقۇرۇم تاغلىرىدېگەندە ئىنسانلار كۆز ئالدىغا قانداق تاغنى كەلتۈرىدىكىن؟ بۇ تاغلاردا باشقاتاغلاردىكىدەك تاغ چاتقاللىرى، ئارچا، قارىغاي دېگەندەك دەرەخلەر، ئومۇمەن ياغاچغوللۇق ھىچنەرسە ئۆسمەيدىغان، ئاندا-ساندا قۇرغاقكېلىمات سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈدىغان، شۇندىمۇ بەك شالاڭ، ئۇزاق-ئۇزاق ئارىلىقلاردا بىرەر تال ئۇچرايدىغان، سىپ-سىدام، كۆيۈك تۇپراقلىق بىر تاغ. تاغنىڭ تاشلىرىمۇ خۇددى كۆيۈپ كەتكەندەكقارا. تاغنىڭ سىداملىقى، تىك قىيالار، ئۆڭكۈرلەر،... بولماسلىقى، تاغنىڭيانباغرلىرىدا بىر قاغا بولسا ئۇزاقلاردىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇدۇغانلىقىدىن دېرەكبېرەتتى.
بۇنداق بىرتەبىئىي شارائىتتا، شۇ يەرگە ماسلاشقان ھايۋانلارلا ياشىيالايتى. بولۇپمۇ قوتاز،پەقەت قوتازلا بۇ ھاۋا شارائىتىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ھايۋان ئىدى. شۇڭا قاغىلىق 2- چارۋىچىلىق مەيدانى بۇ يەرلەردەقوتاز باقاتتى. قوتاز باقىدىغانلارمۇ تاشيول ئىشچىلىرىغا ئوخشاش ساپلائۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپاتتى. مانا شۇ قوتازلار 1982-يىلى 2-ئاۋغۇستتا »ئازاتلىق ئارمىيە« تەرىپىدىن »ئوۋلانغان« ئىدى. ئەسكەرلەرنىڭ قوتازنى ئېتىپ، ماشىنىغا بېسىۋاتقانلىقىنىئۇزاقتىن كۆرگەن پادىچى، »دۆلەت مۈلكى«نى قوغداش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئاتلانسىمۇ، ماشىنىغايېتىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ئاتلىق تۈز كېسىپ، قىسقا يولدىن ئۇدۇللاپچېپىپ، سېرىق داۋان يول ئاسراش نۇقتىسىغا كېلىپ، بۇ نۇقتىنىڭ مەسئۇلى ئونبېشى(بەنجاڭ) ھاپىز ئابدۇللاھقا ئەھۋالنى بايان قىلدى. ساپ نىيەت، ساددا دىللىق بۇئادەملەر »تاغار باينىڭ، ئېشەك باينىڭ، يىقىلسا يۆلۈمەيمەن، ئۆلسەتۆلۈمەيمەن« دېگەن پوزىتسىيە تۇتسىمۇ، »قوتازمۇ خىتاينىڭ، ئوغۇرلىغانمۇ خىتاي، ماڭا نېمە؟« دېسىمۇ بولۇدۇغان. »سەن نېمىشكە قاراپ تۇرۇپ كارىڭ بولمايدۇ؟« دەيدىغان بېشىدا قاراپ تۇرغانخىتاي يوق ئىدى، ئەمما ساددىلىقى تۈپەيلى، كوللىكتىپنىڭ مۈلكىنى قوغداش ساداقىتىبىلەن مەيدىسىنى كېرىپ چىقىشقانىدى. يەنە كېلىپ، ھاپىز ئابدۇللاھ تاشيولچى ئىدى، »قوتاز بىلەن نېمە ئىشىم؟« دېيىشكە تامامەن ھەقلىق ئىدى. ئەمما، ئاشۇئونبېشىلىق ئەمەل ئۇنىڭغا گويا بۇ »كوللىكتىپ« دېگەننى، بۇ »ھۆكۈمەت« دېيىلگەن تاجاۋۇزچى گورۇھنى »ئۆز« قىلغان ئىدى. ئۆزىنى بۇ ئاتاقنىئىلتىپات قىلغان بۇ ھۆكۈمران گورۇھنىڭ بىر پارچىسىدەك ساددا ھىسىياتقاكەلتۈرگەنىدى. ئاشۇنچىلىك بىر ئاتاق ئۇنىڭغا جاننى ئالقانغا ئېلىشقا يەتكۈدەكمەسئۇلىيەت يۈكلىگەن ئىدى. ئۇ نەدىن بىلسۇنكى، بۇ خىتاي دېگەننىڭ نەقەدەر رەزىللىكىنى؟»خاتا ھالدا ›ياۋا قوتازنىئوۋلىدۇق‹ دەپ قىلىپ سالغان بولسا، خاتاقىلغىنىنى، بۇنىڭ ياۋا قوتاز ئەمەسلىكىنى بىلگەن ھامان، ئەپۇ سوراش ئارىلاشقوتازنى چۈشۈرۈپ بېرىپ كېتىدۇ، چۈنكى، ئۇلار دېگەن ›جەپاڭجۈن‹ تۇرسا« دەپ ئويلاپ قالغانلىقى چوقۇم.
ھاپىز ئابدۇللاھبايراقنى چىقىرىپ ئەسكەر ماشىنىلىرىنى توستى. ماشىنىلار ئارقىمۇ-ئارقا تىزىلىپ توختاشتى. ھاپىز بەنجاڭ ئۆزىگە خۇددى بىر قوماندان ئىدى،ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ھىچكىم يىرالمايدىغاندەك، يىرغانلارغىمۇ تېتىيالايدىغاندەكئەخمىقانە بىر ھىسمۇ يوق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ ئويلايتىكى، ئۇ ھەق تەرەپتارى ئىدى؛كوللىكتىپنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتاتتى؛ ئەسكەردېگەنمۇ دەل كوللىكتىپنىڭ مۈلكىگە قاراۋۇل بولغۇچىلار ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭغا كىم غىڭقىلالايتى؟ شۇڭا ئىشەنچ بىلەن، قوتاز يۈكلەنگەن گاۋ شۈينىڭ ماشىنىسىغا يېقىنلاپكېلىپ، ئۆزىنىڭ چالا خىتايچىسى بىلەن بۇ ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىسىنى سالاملىدى ۋەئۇنىڭ خاتا ھالدا ياۋا قوتاز دەپ ئاتقىنى ئەمەلىيەتتە كوللىكتىپنىڭ ئىكەنلىكىنى،ئاتقىنىغا بوپتۇ قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، ئەمما قوتازنى چۈشۈرۈۋېتىپ كېتىشىكېرەكلىكىنى ئېيتتى.
كىم بىلسۇن، خىتاي،خىتايغا خاس كىبرى بىلەن دىمىقىنى قېقىپ، ياراتماسلىق ئىپادىلەپ، ماشىنىسىنىتەكرار ئوت ئالدۇرۇپ، مېڭىشقا تەمشەلدى. ھاپىز بەنجاڭ، كۆڭلىدە »جەپاڭجۈننىڭ ئىچىدىمۇ ماندا ياغاچ قۇلاقلىرى باكەن-يا؟« دەپ ئويلاپ، دىككىدە سەكرەپ،كاپىنكىگە چىقىدىغان باسقۇچقا چىقىپ، گاۋ شۈي بىلەن روبىرو كەلدى ۋە بۇ بەڭۋاشجەڭچىگە كوللىكتىپنىڭ مۈلكى ھەققىدىكى ئۇلۇغ نەزىرىيىلەردىن ئۆزى بىلىدىغانلىرىنى،كىچىك ۋاقىتلىرىدا مەكتەپتە ئۆگۈتۈلگەن ئازاتلىق ئارمىيە ناخشىلىرىدىن »ئۈچ چوڭ ئىنتىزام، سەككىز دىققەت«نى ئەسلىتىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى »ئاممىنىڭ يىپ-يىڭنىسىنىمۇ ئالماسلىق« دېگەن ماددىنى سۆزلەپ، ئۇنى قايىل قىلماقچىبولۇۋىدى، كىم بىلسۇن، گاۋ خىتاي يېنىدىكى كىلاشىنكوۋ[2]نىئېلىپلا ھاپىز ئابدۇللانىڭ ئاغزىغا تاقىدى. »جەپاڭجۈن دېگەن خەلقنىڭ ئەسكىرى، خەلق جەڭچىسى خەلقنى قۇتقۇزۇدۇغان تۇرسا،خەلقنى ئاتامدۇ؟« دېگەنگە قەتئىي ئىشىنىشكەئۆگۈتۈلگەن ھاپىز بەنجاڭ، گاۋنىڭ بۇ قىلمىشىنى چاخچاق ھىسابىدا كۆرۈپ، ئېڭىكىئاستىغا كىلاشنىكوۋنىڭ ستۋولى تاقالغان ھالدا يەنىلا ئۆز گېپىنى تەكرارلىدى.
گاۋ خىتاينىڭدىلىدىكى شوۋىنىست ئوتلار لاۋۇلداپ، ئۆزىگە تاجاۋۇزچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەنشوۋىنىستلىق تەربىيە ئۆز رولىنى كۆرسۈتۈپ، كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىت ئىچىدە بىرجاسارەت ئۇرغۇدى-دە، ئاشۇ جاسارەت تۈرتكىسىدە ئاپتوماتنىڭ تەپكىسىنىبېسىۋەتتى! 30 تال ئوق سىغىدىغان دىسكىدا قوتاز ئېتىشتىن ئېشىپ قالغان 27 پاي ئوقبارىدى. ئاپتوماتنىڭ تاللاش كونۇپكىسى ئۈلگۈجە ئېتىش نۇقتىسىدا بولغاچقا 27 پايئوق ئۈچ سېكونتقا يەتمەي  چىقىپ بولدى[3].»چىقىپ بولدى!« نەقەدەر ئاددىي گەپ-ھە؟ چىقىپ بولدى! ئەمما ھاۋا بوشلۇقىغا ئەمەس، دەل ھاپىز ئابدۇللاھبەنجاڭنىڭ بېشىغا! ئاغزى تەرەپتىن كىرگەن ئوقلار ئۇنىڭ باش سۆڭىگىنى پاختائاتقاندەك ئېتىپ، پۈتۈن ئەتراپقا توزۇتۇپ چېچىۋەتتى! سېرىق داۋان تاشيول ئاسراشنۇقتىسى بەنجاڭنىڭ قان، مېڭىسىنىڭ قېتىقى، گۆش ۋە ئۇستىخانلىرىنىڭ ئۇگۇتۇلغانپارچىلىرى بىلەن بويۇلۇپ كەتتى! ھەر تاش، يولنىڭ ھەر سانتىمېتېر يۈزى، ئىشچىياتاقلىرىنىڭ تاملىرى مېڭە قېتىقى ۋە قىزىل قان بىلەن بويالدى! ئەگەر ھاپىزئابدۇللاھ كوللىكتىپنىڭ مۈلكىنى بىرەر ئۇيغۇر بۇزۇق ئۇنسۇردىن قوغدايمەن دەپ بۇھالغا كەلگەن بولسا ئىدى، ئۇ قەھرىمان بولۇپ گېزىتلەردە تەشۋىق قىلىنغان بولاتتى.ئەمما ئۇ »ئازاتلىق ئارمىيە«دىن قوغدىماقچى بولدى. ئەمدى نېمە بولار؟
گاۋ شۈي خىتايھاپىز ئابدۇللاھنىڭ باشسىز گەۋدىسى يول ئۈستىگە ئوڭدىسىغا يىقىلغاندىن كېيىن،خاتىرىجەم ھالدا ماشىنىسىنى خوتقا سېلىپ، يولغا ئاتلاندى! ئەسلىدە ئىنتايىنقورقۇنچاق، جۈرئەتسىز كېلىدىغان خىتاينىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلىشىنى بىرچەتتە قويۇپ تۇرايلى، بۇ نورمال بولمىغان ئۆلتۈرۈشتىن، كۆرگەن ئادەمنىڭ تېنىنىشۈركەندۈرۈدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان پەۋقۇلئاددەۋەھشىيلىك سەھنىسىدىن ھىچ قانداق ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويماي، مەڭدەپ كەتمەي، قەيقىلغۇسىمۇ كەلمەي، خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك ماشىنىنى ھەيدەپ كېتەلىشىدىن بۇنىڭئاستىدا ياتقان تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر مەنانى چۈشۈنۈۋېلىشقا بولاتتى: ئۆلگۈچىخىتاينىڭ نەزىرىدە ئادەم ئەمەس ئىدى!
بۇ ۋەقە قانداقبىر تەرەپ قىلىنغاندۇ؟ بۇ تاشيول ئاسراش نۇقتىسىدىكىلەر — ھاپىز بەنجاڭنىڭ ئىشداشلىرىبۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالغاندۇ؟
ئىككى سوئالنىڭجاۋاپلىرىنى ئومۇمىي مەنتىقە بويىچە پەرەز قىلغىلىمۇ بولۇدۇ. خىتايدەك بۇنداقئادالەت تۇيغۇسىدىن مەھرۇم، يىرتقۇچ تەبىئەت، نومۇسنى بىلمەيدىغان بىر مىللەتنىڭمەنتىقىسى بويىچە ھەر كىم ھىس قىلالايدۇكى، ئومۇمنىڭ مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆزىنىپىدا قىلغان ھاپىز بەنجاڭ بىر چىۋىنچىلىكمۇ قەدىر قىممەتسىز كەتكەن بولۇدۇ، ئۇنىئۆلتۈرگەن قاتىلغىمۇ خۇددى چىۋىننى ئۆلتۈرگەن ئادەم قاتىل ھىساپلانمىغاندەكمۇئامىلە قىلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتىمۇخۇددى شۇنداق بولدى. ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ باشسىز گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ نامايىشقىلىشلارنىڭ ھىچقانداق رولى بولمىدى. ھەتتا خىتايلار گاۋشۈينى ھەربىي سوتتىن ئېلىپقاچتى. بۇ ئەسلىدە خىتاي ھەربىي سوتىغا قىلىنغان ھاقارەت بولۇپ، ئۇنىڭ قاتىللىقىبىر ياندا تۇرسۇن، قاتىلنى سوتتىن ئېلىپ قاچقانلارنىڭمۇ سوتقا ھاقارەت كەلتۈرگەنجىنايىتى ئۈچۈن جازالىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما نېمە ئامال؟ خىتاي دېگەن شۇ: نومۇس،ۋىجدان دېگەنلەرگە ناتونۇش بولغان بۇ مىللەت بۇ ئىشتا بېزىرىۋېلىش، داۋانىكونارتىپ، قىزغىنلىقنى پەسەيتىش، داۋاگەرلەرنى زېرىكتۈرۈش تاكتىكىسى ئىشلىتىشتى.ھەتتا قەشقەر يېڭىشەردىكى خىتاي پۇخرالىرى نامايىش قىلىشتى. ئادالەت ئۈچۈنمۇ؟ ياق،قاتىل ئۈچۈن! يەنى، قاتىلنى جازالىماسلىق تەلىپى بىلەن! ئۇلارنىڭ شۇئارى شۇ ئىدى:ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش ئاخىرقى نىشانىمىزغۇ؟ بىر ئاز بۇرۇن قول سالسا نېمىسى خاتا؟
مانا شۇنداققىلىپ، قاتىلنى جازالاشنىڭ شەكلى ئۆزگۈرۈپ، »مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەربىيىسى«، »ئارمىيە خەلقئىتتىپاقى تەربىيىسى« تولا ئىشلىنىپ، پەقەت خىتاي مىللىتىگىلا خاس بولغان بىزەڭلىك،زېرىكمەي زېرىكتۈرۈشتەك بۇدۇشقاقلىق بىلەن، ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ ئانىسىقەمبەرخاننىڭ بېشى ئاغرىتىۋېرىلىش نەتىجىسىدە، ئىزا دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ھىچبىلمەيدىغان كوممۇنىست خىتايلارنىڭ »شىنجاڭ گېزىتى« 1985-يىلى 5- ئاۋغۇستتىكى سانىدا نومۇسسىزلىقنىڭئەڭ يوقۇرى پەللىسى ئۈچۈن مىسال بولۇپ، جىنىس رېكورد قامۇسىغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغانبىر يالغاننى باستى: »ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ ئانىسىقاتىلنى ئۆلتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى، ئۇنى ئۆز ئوغلى ئورنىدا بېقىۋېلىشنى تەلەپقىلدى«!
ئەمدى ئىككىنچىسوئال — ھاپىز بەنجاڭنىڭ ئىشداشلىرى ياكىشۇنىڭدەك بارلىق خىزمەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالغاندۇ؟ دېگەنگەكەلسەك، بۇمۇ ئۆز مەنتىقىسى بويىچە بولدى. خەلق ساددا ئىدى، ئۆز خەلقىمىز بولغىنىئۈچۈن ساددا دېدۇق، ئەسلىدە »ئەخمەق بولغاچقا« دېسەك تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلەتتى.بۇنىڭدىن »خىتاي دېگەن بەرىبىر بىز خەقنى ئادەم ھىساپلىمايدىكەن،بۇ خەققە ›ھە‹لا دەپ قويۇپئىشىمىزنى قىلساق بولۇدۇكەن، ئۇنىڭ ئىشىغا جان كۆيدۈرۈپ كەتكەنننىڭ پايدىسى يوقكەن« دېگەن ساۋاقنى ئېلىشى مۈمكىنمۇ؟ھىچ مۈمكىن ئەمەسىدى.
ئۇلار دەسلەپكىقىزغىنلىقلىرى بىلەن بۇ ئوچاستىكىغا بىر سىمۋوللۇق قەۋرە قاتۇرۇشتى. گەرچە ھاپىزئابدۇللاھ يۇرتىغا ئاپىرىپ دەپنە قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقەنى ئۇنۇتماسلىق ئۈچۈن،قان بىلەن بويالغان تاشلاردىن قەۋرە قاتۇرۇشقا كۈچى يەتتى. شۇنداقلا بۇ يەرنىڭئىسمىنى »قان قىرغاق« دەپ ئالماشتۇردى. ئەمما خىتاي دېگەن ھەرقانداقئۇششاق – چۈششەك ئىشلارغىمۇ ئەھمىيەتسىزنەزەردە قارىمايدىغان چىڭگىس مىللەت بولغاچقا، قەۋرە ۋە يېڭى ئىسىمنىڭ بۇ ۋەقەنىئەسلىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك تەربىيىسى بېرىدىغان، ئەۋلاتلارنى ئۇنۇتماسلىققاچاقىرىدىغان رولىنى بايقىماي قالمايتى. شۇڭا قەۋرىنى مەجبۇرىي چېقىۋەتتى. ياساش-چېقىش بىرنەچچە قېتىم تەكرارلاندى. ئاخىرىدا بۇلارغىمۇ بىر خىزمەتگورۇپپىسى كەلدى ۋە ئۇلارنى تولا قىستاپ، ئىپادە بىلدۈرۈشكە زورلاپ، ... ئاخىرىداقەۋرىنى تەكرار ياسىماسلىققا، سېرىقداۋان دېگەن نامنى تەكرار قوللۇنۇشقا، قانقىرغاق دېگەننى تىلغا ئالماسلىققا ماقۇلغا كەلتۈرۈپ، يازما ئىپادىلىرىنى يازدۇرۇپ،ئەمەلىيەتتە قەسەميات قىلدۇرۇپ كېتىشتى. مۇشۇ ئاغزاكىي شەپقەتلەر، خىزمەتلەرنەتىجىسىدە ئەمەلىي بىر ۋەقە تېزلا خاتىرىلەردىن ئۆچۈرۈلدى!
ئەخمەق خەلق، بۇ— خىتاي دېگەنگە مەڭگۈ نەپرەتلىنىشكەيېتىپ ئاشىدىغان مۇشۇنداق بىر مىسالدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا ئەخمەقلىقىدە، چۆگۈلۈتۈپقويۇپ بېرىلگەندەك گاڭسالىقىدا قېلىۋەردى. بىر ئېغىز ماختاشقا، ھېلىقىدەك پوققائەرزىمەيدىغان ئونبېشىلىقلارغا شاپاشلاشتىن ھىچ توختاپ قالمىدى!
1992-يىلىنىڭ 21-ئاۋغۇستىغا كەلگەندە بولسا، بۇئاچچىق ساۋاقلاردىن ھىچ ئىزنامۇ، ئەسەرمۇ قالمىغاچقا ھاپىز ئابدۇللاھنىڭ »ئونبېشى«لىق »مەنسىپى«گە ۋارىسلىق قىلغان يېڭى بەنجاڭ يىراقتىن قارىسى كۆرۈنگەن ماشىنىنىكۆرۈپلا:
— تۇغۇناخۇن، بايراقنى ئاچىقسىلا، ماشىنا كېلىۋاتىدا، — دېدى جىددىي ئەستايىدىللىق بىلەن.
— مەجىد تۇراپنىڭ ماشىنىسىغۇ، — دېدى تۇرغۇناخۇن ماشىنىنىيىراقتىنلا تونۇپ.
— مەجىد تۇراپنىڭ بوسا نىم بولۇدا؟ دادامنىڭ بوسىمۇ بىپەقى يوق يا! تۈزۈم دېگەن تۈزۈم، — دېدى بەنجاڭ.
تۇرغۇناخۇنياتاققا كىرىپ كېتىپ چاپسانلا بايراقنى ئېلىپ چىقتى. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا غۇدراپقويدى:
— مەجىد تۇراپ دېگەننى بىلمەمدىلا، ئايدا ئەڭ ئاز تۆرتقېتىم ئۆتەۋاتقان ئادەم تۇسا، ئۇ دېگەن يامان ئىش قىلىدىغان ئادەممۇ ئەمەسقۇ؟
— ماندا دېمەيمىز، تۇغۇناخۇن، جۇمۇسۇلا! ماندامەسئۇلىيەتسىزلىك قىساق تەشكىلگە قاسى يۈزۈمىز بىلەن جاۋاپ بىيىمىز؟ — دېدى بەنجاڭ قاتناش بايرىقىنىڭقىزىل رەڭلىكىنى كۆتۈرۈپ، ماشىنىغا توختاش ئىشارىسى قىلىۋېتىپ.
2
گۈرۈچتاغارلىرىنىڭ ئاستىدا ياتقانلارغا گويا مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا قىيامەت بولغاندەكئىدى. كېچىنىڭ يېرىمىدا ماشىنا قوزغالغاندىلا مۇشۇنداق بولۇشى بەلگىلىك بولسىمۇ،كېچىنىڭ سالقىنىدا ئاللاھقا شۈكرىكى، يامان ئەمەس دېيىشكە بولۇدۇكەندۇق. ئۇلارغۇشۇ چاغدىلا قاقشىغىلى تۇرغان، ئەمما ئىدرىسخان بالىلارغا مەدەت بېرىپ:
— خۇداغا شۈكرى دەڭلا، باللا، ھازىر تېخى كېچە،كېچىنىڭ سالقىنىدا مۇشۇنچىلىك. ھېلى كۈن چىقىپ، چۈشكە يېقىن بولغاندا قانداققىلىمىز؟ مانىڭدىن ۋايسىغىلى تۇساق ئۇ چاغدا »بولدى جان ئالساڭمۇ ئال« دەپ چىقىپلا كېتىمىزما؟ — دېدى.
شۇندىلا ھەممەيلەنبۇ تەرىپىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، جىم بولۇشتى. يەتتە ئادەم خۇددى ياپسا كەلتۈرۈپقاچىلىغاندەك جىپىسلا تولدۇرۇلغاچقا، ئارىلىرىدا ئازراقمۇ بوشلۇق يوق ئىدى.تاغارنىڭ، گۈرۈچنىڭ، يەنە كوزۇپ ياغىچىنىڭ ئۆزىگە خاس پۇرىقى نەپەسلەرنىقاقشىتاتتى. بۇغۇ تېخى ياخشىدى، بىر ئازدىن كېيىنلا تەرلەش باشلىنىپ، بەزىلەرنىڭتېنىدىن چىققان چىدىغۇسىز پۇراق ئۇلار نەپەسلىنىدىغان ھاۋانى تولدۇرۇۋەتتى! ماناشۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى رەسمىي باشلانغان بولدى. ئۇلار كۆزى تېڭىپقويۇلغان قارىغۇ چاشقاندەك نەگە كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتى. پەقەت ئۆزلىرىقاچىلانغان ئاشۇ »ئۆلۈك ساندۇقى«نىڭ ئىچىدە ئەمدى ئۆلۈدىغان بولدۇق، دەپ ئۆلۈمگە تامامەن ھازىرلانغان چاغدابولسا، چۈش ۋاقتى بولغانلىقىنى بىلىشتى. ئەتتىگەنلا ۋايساشقا باشلىغانلارنىڭ بۇۋاقىتتىكى ھالىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ھەر ھالدا تەس بولمىسا كېرەك. كوزۇپ ئاستىدىكىشالنىڭ بەزى يېرىقلىرىدىن ئازراق يورۇق كۆرۈنەتتى، شۇنداقلا غۇيۇلداپ ئارقا تەرەپكەئۆتۈۋاتقان يول غۇۋا بىلىنەتتى. يان تەرەپلەردىنمۇ تاغارلارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇچراشقان يەرلىرىدە قالغان كىچىك يوچۇقلاردىن ئازراق يورۇقلۇقكۆرۈنەتتى. ئەمما ئۇ يەردىن ھىچنەرسىنى كۆرگىلى بولمايتى.
— ساق بارالمايدىغان ئوخشىمامدۇق؟ — دېدى بىرى بوغۇلغان ئاۋازدا، — شۇئاندا بۇ يەردە خېمىر بولساچوقۇم پىشاتتى، — دېدى ئۇ نالە قىلىپ.
— ئاللاھقا شۈكرى قىلايلى، باللا، — دېدى يەنە ئىدرىسخان مەدەتئىيتىپ، — بۇ دوزاق ئۈچۈن بىر كەففارەت،ئاللاھ بىزنىڭ ئەجرىمىزنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بېرىۋاتقان بىر پۇرسەت، باللا. بۇئىسسىق، دوزاقتىنمۇ ئىسسىقمىتى؟ ئويلاڭلا، باللا، بىلالنى[4]ئويلاڭلا، ئەرەبىستاننىڭ ئاشۇ تۇخۇم پىشىدىغان ئىسسىقىدا قىزىپ كەتكەنتاشلارنى بىلالنىڭ يالىڭاچ قورسۇقىغا ئېلىپ قويۇپ قىينىغان ئەمەسمىدى؟ بۇ ئىسسىقشۇنىڭدىنمۇ يامانمىدۇ؟
ياش يىگىتلەر بىردەم جىم بولدى. چىدىماي باشقا بىر تاللاش ئىمكانىمۇ يوق ئىدى. پەقەت ئۇلار ھۇشىدىنكەتكەن بولۇشى مۈمكىنكى، ۋايساشلار تامامەن توختاپ قالدى. چېگرا رايون تەۋەسىھىساپلىنىدىغان ئاقاز داۋانغا ياماشقاندا بولسا يەنە بىر ئاز سالقىنلىغاندەك بولۇپقېلىشتى. داۋانغا يامىشىۋاتقاندا كۈچۈنۈۋاتقاندەك ماشىنىنىڭ  غىڭىلداپ،تاشپاقىدەك ئاستا مېڭىشى داۋاننىڭ قانچىلىك تىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەتتى. تاغھاۋاسى ھەرھالدا سالقىن ئىدى. تاغار تېگىدە ياتقانلار ئۈچۈن ئالاھىدە راھەتتەكبىلىنگىنى پەقەت ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر ئاز پەرقلىق بولغانلىقىلا ئىدى.بولمىسا بۇ تىقىنچىلىقنىڭ ئىچىدىكى ئاللىقاچان سېسىپ كەتكەن ھاۋانى سالقىن دېگىلىبولمايتى. تاغ ئۈستىگە يېقىنلاشقانسېرى بۇرۇن تۆشۈكلىرى ئېچىشىپ، نەپەسسىقىلغاندەك بولۇۋىدى، بۇ تەرەپلەر ھەققىدە بىردىن-بىر مەلۇماتى بولغان K ھەمرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى:
— بۇ يەرلەردە تۈتەك بار، ئۇخلاپ قالساڭلار تۈتەكئېلىپ كېتىدۇ، ھەرگىز ئۇخلىماڭلار.
دېمىسىمۇ بۇدوزاقتا ئۇخلىغىلى بولاتتىمۇ؟ ھەر كىم ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى ئۇنتۇپ قلېىش ئۈمىدىدەئۆز خىياللىرىغا غەرق بولۇشقان ئىدى. تەبىئىيكى، ئايالى بولغانلار ئايالى بالىلىرىھەققىدە شېرىن كەچمىشلىرىنىڭ ۋاراقلىرىنى ۋاراقلاپ، ئەڭ بەختىيار دەملىرىنىقايتىدىن روھەن باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆزىگە ھوزۇر بېرىشكە تىرىشاتتى. ئۆيلەنمىگەنيىگىتلەرنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق شېرىن خاتىرىلىرى بارىدى. ئېلىشقا پۈتۈشكەنلايىقلىرى، مەكتەپ ھاياتىدا بىللە ئوقۇغان چاغلىرىدا كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەنقىزلار؛ ياكى ئىنقىلاپ سېپىگە قانداق قوشۇلغانلىق جەريانىنى ئەسلىگىنىدە،ئۆزلىرىنىڭ بىلگىسىز، نادان بىر ساياق بالىدىن قانداق ھىدايەت تاپقانلىقى، ئىمانىقانداق كۈچلەنگەنلىكى، قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ مۆمىنلىك ۋە ئىنسانلىق بۇرچىنى تونۇپيەتكەنلىكى قاتارلىق سىياسىي ھاياتى ئىچىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدىمۇ تالايھاياجانلىق مومېنتلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى. ئەمدى مۇشۇنداق بارسا كەلمەس يولغاجابدۇپ كېتىۋاتقاندا بولسا ئاتا-ئانىسىغا، يۇرتماكانىغا، سۆيگەن ۋە سۆيۈلگەن كىشىلىرىگە قىيماسلىق تۇيغۇسى قىسمەن باش كۆتۈرمەيمۇقالمىدى. چۈنكى ئادەم دېگەن قان بىلەن گۆشتىن پۈتكەن تۇرسا، ماشىنا بولمىسا،جاپاغا، ئۆلۈم تەھلىكىسىگە دۇچ كەلگەندە ماڭغان يولى ھەققىدە قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشئېلىپ بارمايدۇ دېگىلى بولامدۇ؟ ئەمما ئۇلار »ئەجەبا، خاتا يولغا ماڭغانمىدىم؟ قىلغانلىرىم خاتا بولغاچقا ئاللاھ بۇنىڭجازاسى ئۈچۈن بېشىمغا بۇ دىشۋارچىلىقنى، غۇربەتكە سۈرۈلۈشنى سالغانمىدۇر؟« دېگەنلىرىنى ئويلىغىنىدا دەرھالجاۋاپلىرى كەسكىن تۈس ئالاتتى: »ياق، بۇ ھەق يول،بۇ ئاللاھ رازى بولۇدۇغان يول، ئاللاھ ئۆزى بۇيرىغان يول. مۈشكۈلاتنىڭ بولۇشىھەرگىزمۇ يولۇمىزنىڭ خاتاسىدىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىنىڭئەجرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن مۈشكۈل سىناقلارغا مۇپتىلا قىلىدىغانلىقىدىن«.
ئوي ئويلاش بىلەنۋاقىت ھەر ھالدا تېز ئۆتەتتى. ئۇلار ئاقاز داۋاندىن ئېشىپ، ئۇ تەرەپكە ئاقاز يولئاسراش نۇقتىسىغا چۈشۈپ بولغان ئىدى. بۇنى ئۇلار ماشىنىنىڭ توختىغانلىقىدىنلائەمەس، مەجىد تۇراپنىڭ كابىنكىنىڭ ئارقىسىنى »توك-توك« ئۇرۇپ قويۇشىدىنمۇ بىلگەن ئىدى. ماشىنا يېنىغاكەلگەن بىرلىرىنىڭ مەجىد تۇراپ بىلەن سۆزلەشكەنلىرى ئاڭلاندى:
— ھە، مىجىتاخۇن يەنە ماڭغان ئوخشىمامدۇق؟ پايدا دېگەنئادەمنى ئوتتاغۇزمايدا-ھە؟
— تىرىكچىلىك، قاندا قىلىمىز؟ تىرىكچىلىك دېمىسەكباللىنىڭ ئىسسىق قوينىدىن ئارىلىپ، مۇشۇ يوللادا مېڭىپ ژۈگۈمىز باما، دەڭلا،سىلىنىڭ مۇشۇ تۈتەكتە، تاغ ئارىسىدا ئىشلەپ ژۈگۈڭلا باما؟
— راست دەيسىلە، ئادې، راست دەيسىلە. جاھاننىڭقاتتىقچىلىقى شۇ، — قىسقا ھاللىشىشلاردىن كېيىن يول ئىشچىسى رەسمىي گەپكە ئۆتۈپ، — ھە، مىجىتاخۇن، ماشىناڭلىدا غەيرىئادەم يوقتۇ؟
— كۆرەۋاتقانسىلە، ئاينا؟
— كۆرەشنىغۇ كۆرەۋاتىمىز، كەبىنكەڭلا قۇرۇق تۇرۇدۇ،ئاينىكا، ما تاغانىڭ تېگىدە بىر نېمە يوقتۇ؟
— چىك-چىك... ئادې، بىزبى بىلىشمەيدىغان ئادەملىدىن بوممىساق، شۇندامۇ دېيىشىپ كېتىمىزما؟ تاغانىڭ تېگىدەنېمە بولا سىلىنىڭچە؟
— ياق، دەيمىنا، نەپس شەيتان دېگەن گەپ با ئەمەسما؟پۇلنىڭ كەينىگە چىرىپ بى يامان پوق يەپ قالدىڭلىمىكى دەيمىنا!
— قارىۋېلىڭلا، ئادې! ئاينا ماشىنا، مەن تىقىۋاممىدىم،ئاينا تۇرۇدۇ، ئوبدانراق تەشكۈرۈڭلا.
غاراس-غۇرۇس ئاۋاز بىلەن بىرىنىڭ كوزۇپقا ياماشقىنى بىلىندى. ئىچىدىكىلەرگە يورۇقچۈشۈدىغان تۆشۈكلەردىن بىرى ھېلىقى ئادەمنىڭ بېشى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. ئۇنىڭبىر كۆزى ئاشۇ تۆشۈكتە كۆرۈندى. ئىچىدىكىلەر ئۇنىڭ كۆزىنى كۆردى، ئەمما تېشىدىكىسىقاراڭغۇلۇقتىن ھىچنېمە كۆرەلمىدى. ئىدرىسخان يەنە بايىقىدەك خىياللارنى كۆڭلىدىنئۆتكۈزەتتى. »مۇشۇ خەققە نېمە يوق؟ كىم ئۈچۈن شۇنچە جان كۆيدۈرۈپكېتىدىكىنا؟ خۇددى چوڭ دادىسىنىڭ ئىشىغا كۆيگەندەك! بوممىسا كۆرۈۋاتقان خوۋلۇقىبۇ. ھەجەپ خەقكەنمىزا، ھەجەپ خەقكەنمىز! ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت، بىز خەقكەھېلىمۇ تېخى ئاز ئوخشايدا«.
ئاقاز داۋاننۇقتىسىدىن قوزغۇلۇپ ماڭغاندا خۇددى چىڭ تارتىلغان تار ئۈزۈلەي دەپ قالغاندابىردىنلا بوشۇتۇلغاندەك بىر ھال تاغار تېگىدىكىلەردە روي بەردى. ھەممىسى »ئۇھ، ئۇھ« دېيىشىپ كەتتى. ئەمما بۇ تېخىقۇتۇلۇش ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە كۈدە، سۆگەتلىك داۋان، جۇداق، قاراكۆۋرۈك دېگەن نۇقتىلار بارىدى. ئاندىن ئۇلار خالاستان دەرياسىغا خۇددى يىپقاتىزىلغان مارجانلاردەك تىزىلغان نۇقتىلاردىن ئايرىلىپ، غەرپكە بۇرۇلۇشتى. غەرپكەقاراپ 15 كلومېتېرچە ماڭغاندىن كېيىن ماشىنا يەنە تاشيولچىلار تەرىپىدىن توسۇلدى.بۇ تاشيولنىڭ دەل جەنۇپقا ئەگىلگەن دوقمۇشىدىكى سېرىق داۋان نۇقتىسى ئىدى؛ سېرىقداۋان دەل بىز ھەققىدە يېقىن ئۆتمۈشنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ھىكايىسىنى ئاڭلاتقان ئاشۇ »قان قىرغاق« شۇ ئىدى.
قان قىرغاقتا ئۇزاقتىن مەجىد تۇراپنىڭ ماشىنىسىكۆرۈنۈشى بىلەنلا بەنجاڭنىڭ تۇرغۇناخۇنغا بايراقنى ئاچىقتۇرغانلىقىدىن خەۋىرىمىزبولغانىدى. ماشىنا كېلىپ توختىدى. ئۇلار ئۆز ئارا ياخشى تونۇشاتتى.
— ھە، ئادې، يەنە ماڭدۇقما؟ ماشىنىدا نېمە بار بۇ دا؟ — سورىدى بەنجاڭ.
— نىم بولۇدۇ دەيسىلە، ئادېش، گۇرۇچ، — دېدى مەجىد تۇراپ. ئۇ ئىچىدىكىقورقۇنچىسىنىڭ تېشىغا تېپىپ بىلىنىپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەپ تۇرغاچقا، ئىلاجقىلىپ، تەبىئىيرەك كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۇلارنى گەپكە تۇتۇشقا تىرىشاتتى.
شۇنداق بولسىمۇئۆز ئىشىغا پۇختا بەنجاڭ، مەجىد تۇراپنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگەماشىنىنى تەكشۈرۈشنىمۇ جايىدا بېجىرىۋاتاتتى:
— تۇغۇناخۇن، ماشىنىنىڭ تېگىگە چىرىڭلا، قاراپ چىقىڭلاماندا بى، — دېدى ئۇ يېنىدىكى ھەمراھىغا.
— يائاللاھ، — دېدى مەجىد تۇراپ ئۇنى جىملىگەندەكقىلىپ ھەم يېقىنلىقىنى قېيداش ئارقىلىق ئېسىگە سېلىپ، — شۇنچىۋالا قىپ كەتمىسەڭلا مەن بىيات ئادەم بوممىغاندىكىن،... تىك-تىك،... — ئەمەلىيەتتە مەجىد تۇراپ ئۈچۈنماشىنا ئاستىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ئىدى. پەقەت تاغارنى ئۆرۈپ –چۆرۈپ قالارمۇ دەپلا يۈرىكى سۇ ئىدى.
— شۇندا بوسىمۇ، خىزمەت ئەمەسما، توغرا چۈشۈنۈسىلە-دە، ئادې، — دېدى بەنجاڭ. ئۇ يەنە مەجىد تۇراپنىڭ توختىماي گەپ قىلىشلىرىغاقۇلاق سېلىپ تۇرۇپمۇ ماشىنا ئۈستىگە چىقىپ بېقىشنى ئۇنۇتمىدى. ئاۋالقىنۇقتىلاردىكى تەكشۈرۈشلەردە ئۈستىگە چىقماي، يېنىدىن ئېسىلىپ، بىر ئاز كۆتۈرۈلۈپلائۈستىگە قاراپ باققان بولسا، مانا ئەمدى رەسمىي ئۈستىگە چىقىشتى. مەجىد تۇراپنىڭيۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى. بەنجاڭ تاغارلارنىڭ ئۈستىدە لەڭ ئۇرۇپ،ئېغىرلىقىنى سېلىپ، بىرەر يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتەمدۇ-قانداق دېگەندەك قىلىپ، ھەممە تاغار ئۈستىدە يۈرگەندىن كېيىن،ئارىلىقلاردىن سىنچىلىدى. مەجىد تۇراپ شۇئان »ئۆلدۈم!« دەپلا ئويلىدى. ئۇ ئۈستىگەيېپىلغان تاغارلارنى كېچىدە ياپقانلىقلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، كېچىدە ئارىلىقلارنىڭھىم بولغان-بولمىغىنىغا ئانچە ئەمىن بولغىلى بولمايتى، ئەمدىبۇنىڭغا كۈندۈزى قارىسا »كامار كۆرۈنۈپقالارما« دەپ قورقۇشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى.شۇڭا ئۇ بەنجاڭنىڭ دىققىتىنى ھىچ بولمىغاندا يېرىم ياتا بولسىمۇ چالغىتىش ئۈچۈنداۋاملىق گەپ قىلىپلا تۇردى. قاغىلىقتىكى يېڭىلىقلار، ھەتتا ئاياللار ھەققىدە ئۇقەدەر بەتقىلىق ھىكايىلارنى توقۇپ سۆزلىدىكى، گويا شۇ بەتقىلىقلارنى ئۆزىقىلغاندەك دەپ بېرىۋاتاتتى.
— ۋې! مىجىتاخۇن، بولدى قىلىڭلا، — دېدى بەنجاڭ ئاخىرى چىدىيالماي، — نىمانداغ يالغان گەپلەنىقىلىدىغان بولاپ كەتتىڭلا؟ سىلىنى بىز بىلمەمدۇق يا؟ سىلى دېگەن بى بەش نامازئادەم تۇساڭلا، ئاشۇ گېپىڭلاغا ئىشىنەمىزما؟
»ئىم، ماناتۈگەشتىم!« دەپ ئويلىدى ئۇ. »نېمە دەپ بۇنچىۋالا تاپتىن چىكەتتىمكىنە؟ خۇدۇمنى بىلمەي، چەتنەپ، مانائەمدى رەسمىي گۇمانغا قالىدىغان بولدۇم، جۇما«.
ئەمما بەنجاڭباشقىچە گۇمان قىلغاندەك قىلمايتى. ئۇ ماشىنا كوزۇپىدىن چۈشتى.
— بىزگە ھىچنېمە ئاغاچ كەممىدىڭلىماۋا ئادېش؟ — دەپ سورىدى ئۇ ئىشىنى تۈگۈتۈپبولۇپ.
— سىلىگە قاچان بى قۇرۇق كەپ باققان بىز، — دېدى كۆڭلى تىنغان مەجىد تۇراپيىنىكلەپ ۋە كابىنكىدىن بىر تۈگۈنچەكنى ئېلىپ بەنجاڭغا ئۇزاتتى. ئۇنىڭدا بازارنىڭگىردىلىرى ھەم ئازراق قۇرۇق يىمىش بارىدى. ئەسلىدە قوغۇن ئېلىۋالماقچىدى، بەرىبىريولدا يىيىلىپ كېتەتتى.
— جۈڭلا، بىردەم ئوتتۇراسىلە، — دېدى تۇرغۇناخۇنمۇ ئەمدى مەجىدتۇراپنى تەكلىپ قىلىپ.
— ياق، مەن ماڭاي، ما قېتىم ئالدىراپ قالدىم،ئىشتىگرەك كەلمىسەم بولمايدىغان ئىشىم بېيىدى، — دېدى مەجىد تۇراپ ئۇلارغا ئىگىلىپتۇرۇپ خوش ئېيتىپ.
مانا شۇنداققىلىپ، ئاللاھ نېسىپ قىلغان بولسا، مەجىد تۇراپ ئەڭ يامان توساقتىنمۇ قۇتۇلدى.ئۇئەمدى جەنۇپ تەرەپكە بۇرالغان يولدىن يۈرۈپ كەتتى. ئىچىدە ئاللاھقا ھەمد ئېيتىشقا،تەسبىھ ئېيتىشقا باشلىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاخىرقى توساق — مازار داۋان قالغان ئىدى. مازارداۋاندىن ئۆتۈپلا ئاشۇ ئېغىر يۈكلەردىن قۇتۇلۇۋالسىلا، ئىككىنچى بۇنداقكۆڭۈلچەكلىكنى قىلمايدىغانغا ئۆز-ئۆزىگە ۋەدەقىلىۋەتتى. »ما قېتىم بى پوق يەپ قاپتىمەن، ئەمدى بۇندا پوقنىئىككىنچى يىمەسمەنا!« دەپ ئويلىدى ئۇ.
مازار داۋانغىمۇكەلدى. بۇ ناھايىتى شۇ 20 كلومېتېرچە يول ئىدى. يېرىم سائەت ئۆتكەندە ئۇنىڭنېرۋىلىرى ئىككىنچى قېتىم چىڭقىلىشقا باشلىدى. ئۇنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغىنى بۇيەردە بىر »بېيجىڭ« جىپ توختۇتۇپ قويۇلغان بولۇپ، ئادەتتە بۇنداقجىپلاردا يا باشلىقلار ئولتۇراتتى، يا بولمىسا ساقچىلار مەلۇم جىددىي ۋەزىپەئۆتىگەندە مىنىشەتتى. بۇ جىپنىڭ بۇ يەرلەردە توختاپ تۇرۇشى نىمىلىكىم بولمىسۇنياخشىلىقتىن بىشارەت ئەمەس ئىدى.
— ھە، بەنجاڭ، مىھمىنىڭلا با ئوخشىمامدا؟ — دەپ سورىدى مەجىد تۇراپ جىپنىئىشارە قىلىپ، ئۇستۇلۇق بىلەن ماشىنىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىپ.
— ھە، ناھىيىدىن يەتتە-سەككىز كادىر چىقىپتىكەن، ما تاشقوغان بىلەن ئارىمىزدىكى يايلاق ماجراسىنىھەل قىلىشقا، ماشىنىسىنى قويۇپ پىشادە كېتىشتى. چېگراغىچە بارىمىش. بۈگۈن تۆرت-بەش كۈن بولۇپ قالدى.
— يايلاق تەشكۈرەمدىكەن؟ — دېدى مەجىد تۇراپ ئۇلارنىڭسالاھىيىتى ھەققىدە گۇمانلىنىشنىمۇ، ئىشىنىشنىمۇ بىلەلمەي.
ماشىنا قانقىرغاقتا تەكشۈرۈپ ماڭدۇرۇلۇدۇغانلىقىنى ئۇلارمۇ بىلگەچكە، ئارىدىكى 20كلومېتېردىن كېيىن يەنە ئۇنچىۋالا قاتتىق تەكشۈرۈپ كەتمەيتى. مەجىد تۇراپ بۇيەردىكىلەر بىلەنمۇ ئەنە شۇنداق خوشلۇشۇپ، ئەمدى شەرق تەرەپكە بۇرالغان يولدىنيۈرۈپ كەتتى. كەچقۇرۇن بولغاندا توختىدى. بۇ يەر ئالاھىزەل مازاردىن ئون كىلومېتېرئۇزاقتا ئىدى. كەچ كىرىپ قالغاچقا يولۇچىلارنىڭ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.مازاردىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ قارىسىنى كۆرەلمەيتى. مانا بۇ يەردە ئۇ يىنىك تىن ئېلىپ،ماشىنا كوزۇپىغا چىقتى.
— باللا، باللا! — بامۇ يا سىلى؟ — دېدى ئۇ، — كەلدۇق، تېگىدىن تاغانى يۆلۈشۈپبەمىسەڭلا مەن كۇچۇيالمايمەن جۇما، مەۋە تۈتەك، كۇچۇغىلى بوممايدا، ھە مانا ماۋۇباشتىكى تاغا، تەڭ كۇچايلى، ھە!
ئۇلار شۇنداققىلىپ بىرىنچى تاغارنى ئۈستىگە ئۆرۈپ، كاۋاكنىڭ ئاغزىنى ئاچتى. ئالدىراپ كەتكەنيىگىتلەر بىرى ئارقىسىدىن بىرى ئالدىرىشىپ چىقىشتى. ئۇلارنىڭ پاكىز ھاۋانى قانداقئاچكۆزلۈك بىلەن دەم تارتىپ كېتىشكەنلىكىنى دەپ ئولتۇرۇشقا ھاجەت بولمىسا كېرەك.ئۇلار خېلى ئۇزاق ئېسىنى ئالدى. سۇ ئىچىشتى. بىرەر بۇردىدىن نان يىيىشتى. ئاندىنمەجىد تۇراپنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن ئىشقا كىرىشتى.
— باللا، كېلىڭلا ئەمدى قولمۇ-قول تاغالارنى ئۆرۈپ، كامارنى »تىندۇرۇۋېتىلى« يۈك چۈشۈگەن يەدىكىلەر، نىمكامادۇ بۇ دەپ گۇمان قىپ قاممىسۇن.
ئۇلار ئۈستىگەياپقان تاغارلارنى ئاغدۇرۇپ تۇرۇپ، ئاۋال ئاستىغا بالداق قىلىپ قويغان كالتەكلەرنىئېلىۋەتتى. ئاندىن تاغارنى ئاستىدىن تىزىپ چىقىشتى. مەجىد تۇراپنىڭ رازىلىقىنىئالغۇچە ئوڭشاپ بولۇپ، ئاندىن ماشىنىدىن چۈشتى.
— باللا، — دېدى مەجىد تۇراپ دوستلىرىغا ئاخىرقى تاپىلاشلىرىنىتەكرارلاپ، — مازاردا بىر »بېيجىڭ« پەر جىپ تۇرۇدۇ، نېمەدېيىشكەنلىكىمنى ئاڭلىغانسىلە ھەقىچان؟ بىر گورۇپ ئادەم يايلاق تەشكۈرۈش دەپكەپتۇمىش، چېگرا بويلىرىغا كەتتى دەيدۇ. ئاللا بىلىدۇ، ئۇ خەقنىڭ نېمەتەشكۈرىدىغىنىنى! ئاللاغا ئامانەت، دىققەت قىلىڭلا، ئاشۇ خەقتىن كۆڭلەم تازاخاتىرىجەم ئەمەس.
ئۇلار مەجىتتۇراپنىڭ بۇ سەمىمىي ئاگاھلاندۇرشىغا رەخمەت ئېيتتى. رەخمەتقۇ ئېيتتى، ئەمما بۇنىكۆڭۈللىرىدە بىر دىققەت نۇقتىسى سۈپىتىدە تۇتتىمۇ؟ ياكى دەرھاللا ئۇنتۇپ كەتتىمۇ؟بىلىپ بولمايتى.
ئۇلار ئۆز ئاراقۇچاقلىشىپ خوشلاشتى. بالىلارنىڭ تەرەپ تۇيغۇلىرى قالايمىقان بولۇپ كەتكەچكەماڭىدىغان يۆنۈلۈشىنىمۇ بىلمەلمەي بېشى چۆگۈلەپ كەتكەنىدى. مەجىد تۇراپ ئۇلارغاغەرپ تەرەپنى كۆرسەتتى. شۇئانكى يول زەرەپشان دەرياسىنى بويلاپ كېتىۋاتاتتى.يولنىڭ دەريا ياقىلىغان بۇ بۆلىكى مازاردىن باشلىناتتى. بۇ ئەتراپلاردىكى چوڭ –كىچىك ئېقىن-دەريالارنىڭ ھەممىسىلا يەكەندەرياسىنىڭ شاخچىسى ئىدى. بۇ زەرەپشان دەرياسى بولسا شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭغوللۇقى ئىدى. ئاللاھقا شۈكرىكى، بۇنىسى خالاستان دەرياسىدەك شىددەتلىك ئەمەس،يېيىلىپ ئاقاتتى.
يىگىتلەر تاڭئاتقۇچە تاشيول بويىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتمىسە بولمايتى. شۇڭا دەريانىڭ سايازيەرلىرىدىن كېچىپ ئۆتتى. ئاندىن دەريانىڭ غەربى ياقىسىنى بويلاپ دەريا بىلەنپاراللېل سوزۇلغان تاغدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن ياماشتى. تاغ بارلىق قارا قۇرۇمتاغلىرىدەك كۆيۈك تۇپراقلىق، سىدام، قاقاس ئىدى. بىر ئادەمنى يوشۇرغۇدەكمۇ دالدىسىيوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇھ دېگۈدەك ماجالى بولمىسىمۇ، غەيرەت قىلىپ تاغدىن ئارتىلىپئۆتمىگىچە ئارام ئېلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
قەھرىمانمۇ؟ قەھرىمەندمۇ؟
ئۇزاقچېگرىلىرىمىزنىڭ كەشمىرگە تۇتاشقان يەرلىرىدە بىر-بىرىگە يانداش چېگرىسى بولغان تاشقورغان ۋە قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ ئانچە-مۇنچە كۆرۈلۈپ قالىدىغان يايلاق جېدىلى بولۇپ تۇراتتى. بۇ يەرلەر يەكەندەرياسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىلىرى بولۇپ، تاغ سۈيى شىددەت بىلەن ئاقاتتى. نۇرغۇنتارماق شەخچىلىرى بارىدى. بەزىلىرى تاشقورغان تەۋەسىدىن باشلانسا، بەزىلىرى قاغلىقناھىيىسىنىڭ تەۋەلىرىدىن باشلىناتتى. ھەتتا خوتەن تەۋەسىگىچە ئىچكىرىلەپ كەتكەنغولراق ئېقىنلىرىمۇ بولاتتى.
ئاشۇ چېگرابويلىرىدا بولۇدۇغان ئىككى ناھىيەنىڭ يايلاق تالاشلىرىنى تەكشۈرۈش، ناھىيەچېگراسىنى بېكىتىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىككى ناھىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلىرى تىلىپۇنبىلەن ئالاقىلىشىپ، بىرلىكتە تەكشۈرۈشكە چىقىدىغان بولۇشتى. قاغلىق خەلق ئىشلىرىئىدارىسىنىڭ باشلىقى توختى مۇھەممەد سىيىت (بۇ كىشى قاغىلىق يىتىم لوقۇملۇق ئىدى)تاشقورغاندىكى كەسپدىشى مۇنى تابىلدىغا تېلىپۇن قىلىپ، قاچان قەيەردە ئۇچرۇشۇشھەققىدە كېلىشتى. مۇنى تابىلدى ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر يازىدىغان تاجىك شائىر ئىدى.
ۋاقىت ۋە ئورۇنپۈتۈشۈۋېلىنغاندىن كېيىن توختى مۇھەممەد سىيىت مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن يەتتىنىئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ، 16-ئاۋغۇستتاقاغىلىقتىن يولغا چىقتى. ئۇلار »بېيجىڭ« ماركىلىق سەككىز كىشىلىك جىپقامىنىشكەن ئىدى. جىپنىڭ بېرزېنت ئۈست قاپلىمىسىدىن تومۇزنىڭ ئىسسىقى ئۆتۈپ، زىچئولتۇرغان سەككىز ئادەمنى تەرلىتىپ تۇراتتى. ئەمما بۇ سەككىز نەپەر يەرلىك كادىردۆلەت خىزمىتى ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا تەييار ئاكتىپ، ئىنقىلابىي يولداشلاربولغاچقا ئىسسىقتىن زارلانماي، جاپاغا يولۇققاندا لېي فىڭ روھىنى ئەسلەپكېتىۋاتاتتى. بۇ گورۇپپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېقى جېلىل تاجىك بولۇپ، ناھىيىلىكچارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى. قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئىنقىلابىيئۇيغۇر كادىرلار ئىدى.
ئۇلار مازارغىچەماشىنا بىلەن كېلىشتى. يول شۇندىن كېيىن جەنۇپقا بۇرۇلۇپ كېتەتتى. شۇڭا ئۇلار مۇشۇيەردە ماشىنىنى توختۇتۇپ قويۇپ، زەرەپشان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پىيادە غەرپكە قاراپكېتىشتى. باشلىقلار ئانچە ياشمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىيكوممۇنىستىك روھىغا تارىختا ئۆتكەن كوممۇنىست قەھرىمانلارنىڭ روھى مەنىۋىي ئوزۇقبولۇپ تۇرغاچقا، قەتئىي تەۋرەنمەستىن يولنى داۋام قىلدى. چۈنكى بۇ خىزمەتنىئۇلارغا كومپارتىيە ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئىدى. ئۇلار كومپارتىيىنىڭ ئىشەنچىسىنىئاقلاش، ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماسلىقى كېرەك ئىدى.
بۇ ئىنقىلابىيئۇيغۇر ۋە تاجىك كادىرلار ئىنقىلابىي روھىنى جارى قىلىپ، »يۈگوڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى«دەك جاسارەت بىلەنتاغ ئېشىپ، 36 كلومېتېر يول باسقاندىن كېيىن، تاشقورغان چېگرىسى ئىچىدىكى ئۈزۈككەكەلدى. ئۈزۈك تاجىكلار تەرىپىدىن رەسكەم دەپ ئاتىلاتتى. بۇ يەردە ئون توققۇزئائىلە ئۇيغۇر ياشايتى. بۇ ئون توققۇز ئائىلىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 119 جانئىدى.  بۇ ئائىلىلەر — ئۈزۈك خەلقى موھىم تاغ يولىئۈستىدە بولغاچقا، تارىختىن بېرى چېگرىدىن ئۆتۈپ چەتئەلگە چىقىدىغانلار مۇشۇكىشىلەرنىڭ تىرىكچىلىك پائالىيەت دائىرىسىدىن ئۆتمەي قالمايتى. چېگرا ساقلايدىغانئەسكەر دېگىنىمىز نورمالدا يوغان بىر تاشقىي ھۇجۇمغا قارىتىلغان كۈچ ئىدى؛ چېگراساقچىسى دېگەندە ئۇلارمۇ تاغ ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىدا تۇرۇپ، يولدىنئۆتكەنلەرنى تەكشۈرەتتى. ئەمما، بىرەر – ئىككىدىن بولۇپ چېگرىدىن چىقىدىغان، كىرىدىغانشەخسلەرنى نە ئارمىيە، نە ساقچى توسۇپ قالالمايتى؛ يەنى بايقىيالمايتى.بۇنداقلارنى مانا شۇ چېگرا بويلىرىدا ياشايدىغان خەلق ھەرگىزمۇ كۆزدىن قاچۇرمايتى.چۈنكى ئۇلار مۇشۇ مۇھىتتا ياشايدىغانلار بولغاچقا ئوي-چوڭقۇرنىڭ ھەممىسىنى بىلەتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىمۇ شۇڭقارنىڭكىدەك ئۆتكۈربولغاچقا ئۇزاقتا كۆرۈنگەن قارا نېمىنىڭ قارىسى؟ دەرھال ھۆكۈم قىلالايتى. يەرلىكئادەم ياكى يوچۇن ئادەملىكىنى دەرھال تونۇيالايتى.
شۇڭا تارىختىنبېرى ھۆكۈمرانلار بۇلاردىن پايدىلىنىپ چېگرانىڭ ئامانلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى.كومپارتىيە كەلگەندىن بېرى ئۇلارغا »غەمخورلۇق« قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنىجارى قىلدۇرغاچقا، ئۇلار يۈزلىگەن، مىڭلىغان بۇزۇق ئادەملەرنىڭ چەتئەلگە قېچىشئۇرۇنۇشلىرىنى ۋاقتىدا تەشكىلگە خەۋەر قىلىپ، بالا-قازانىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى. پارتىيىنىڭ ئۇلارغا »غەمخورلۇق«ى بىرەر لەۋھە، شاھادەتنامە، »ئىلغار چارۋىچى«، »بەشتە ياخشىچارۋىچى« دېگەندەكلەر؛ ياكى »نامسىز چېگرا قاراۋۇلى« دېگەندەك »شەرەپلىك نام« بېرىش شەكلىدە ئىپادىلىنەتتى. ئۇلارنىڭ ۋەيرانە كەپىلىرىنىڭ تۆرتېمىدا ھەر قاچان مۇشۇ تىپتىكى »پارتىيەنىڭغەمخورلۇقلىرى«دىن بىرەر ئۆرنەكنىڭ ئېسىغلىق تۇرغىنىنى كۆرەتتىڭىز.ئۇلار گويا بېشىغا كۈن چۈشكەندە ساتسا پۇل بولۇدۇغان ئالتۇندەك كۆرۈپ، مۇشۇشاھادەتنامىلەردىن كۆڭلى توق، خۇددى كۆڭۈل ئاۋۇندۇرغۇچى بىر خوشلۇقتەك ھىسىياتتائىدى. مانا شۇ روھىي شاتلىق تۈپەيلىدىن ئۇلار چېگرىنى خۇددى ئۆز ئۆيىنىقوغدىغاندەك ساداقەتتە، بەلكىم تېخى ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈدىغان قىزغىن،پىداكارلىق بىلەن قوغدايتى. ئەمما شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، ئۇلار »ۋەتەن« دېگەننى، ئۇنىڭ كونكېرېتمەنىلىرىنى ھىچ چۈشەنمەيتى-يۇ، خىتايلارتەرىپىدىن »ۋەتەننىڭ چېگرىسىنى قوغدىغان قىران بۈركۈت« دېگەندەك »شەرەپلىك نام« بېرىلسە سۆيۈنۈپ كېتىشەتتى.
توختى مۇھەممەدسىيىتلەر ئۈزۈككە يېتىپ كېلىپ، ئەنە شۇ توپا چىراي، ئۈستىبېشى جۇل-جۇل، نامراتلىقتىن ئېغىزلىرى شورلۇشۇپ تۇرۇدۇغان ئاھالە بىلەن كۆرۈشتى.بىچارە ساددا ئاھالە »كادىرلار كەپتۇ« دېيىشىپ ھەر تەرەپتىن يۈگرۈشۈپكېلىپ كۆرۈشتى. ئۇلار خۇددى ماجۇشى بىلەن كۆرۈشۈپ بەختىيارلىققا چۆمگەن قۇربانتۇلۇمدەك شاتلىنىپ كېتىۋاتاتتى. گويا بۇ كادىرلار ئۇلارغا »ئىنجۇلۇق ئىشتان« ئالغاچ كەلگەندەك بەختىيارلىققا چۆمۈلۈشكەن ئىدى.ئەمەلىيەتتە كادىرلار ئۇلارغا »پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقسالىمى«نىلا ئېلىپ كەلگەن بولاتتى. ساددا خەلق يىللار بويىئۆزلىرىمۇ ئېغىز تېگەلمەيدىغان، مانا مۇشۇنداق ئەزىز مىھمانلارنى دەپ ساقلاپقويۇدۇغان ئېسىل نەرسىلىرىنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئوتتۇرىغا تۆكۈپ، ئۇلارنى مىھمانقىلىشتى. بۇ يەردە ئۇلار تاشقورغان گورۇپپىسى بىلەن ئۇچراشتى.
مۇنى تابىلدىباشچىلىقىدىكى تاشقورغان گورۇپپىسىمۇ 8 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مۇئاۋىن گورۇپپا باشلىقى بىر خىتاي ئىدى،قالغانلىرى تاجىكلار ئىدى. بۇنداق قىيىن تەبىئىي شارائىتتىكى جايلاردا قىلىدىغانئىشلارغا خىتاينى باشلىق قىلىپ ئەۋەتمەي، مۇئاۋىن قىلىپ قويۇشمۇ، تۈلكەخىتايلارنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇستۇلۇقى ئىدى. بىزنىڭكىلەر ئۆزلىرىنى »بىز شۇئاندا خەنزۇ يولداشتىنمۇ ئۈستۈن مەۋقەدەمىز، پارتىيە نەقەدەر ئادىل،كەڭ قوساق-ھە؟« دەپ ئويلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ شاپاشلىسۇن دېگەنقۇۋلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ خىتاي مەيلى بىر گورۇپپىنىڭباشلىقى ياكى ھەتتا ئەزاسى بولسۇن، بەرىبىر ئۇنىڭ گېپى گەپ بولۇدۇغانلىقى ئېنىقئىدى. چۈنكى بىزنىڭكىلەر ئادەتلەندۈرۈلگىنى بويىچە بۇنداق سورۇنلاردا خىتايغاياخشى كۆرۈنۈش بويىچە ئومۇمىي مۇسابىقە شەكىللەندۈرەتتى. مەسىلەن ھەتتا ھېلىقىتاغلىق مەھەللىدە مىھمان بولۇشۇۋاتقان چاغدىمۇ، ئۇلار داسقان ئۈستىدە:
— لاۋۋاڭ، بۇنىڭدىن يەپ بېقىڭ، بۇ دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇنداق-مۇنداق،... تامىقى.
— لاۋۋاڭ، بۇنىڭدىن تېتىپ بېقىڭ، بۇ چارۋىچىلارنىڭئەنئەنىۋى تامىقى،...
دېيىشىپ، گوياسورۇندا ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم يوقتەك قىلىشىپ كېتىشەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىيئادىتى بويىچە تەبئىي ھالدا بۇ سۆھبەتلەر خىتاي تىلىدا بولاتتى. چۈنكىئۇيغۇرلاردىن ئوتتۇزى ئارىسىدا بىر نەپەرلا باشقا مىللەت كىشىسى بولسا، ئىلاجىكىبار ئۇنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان، ھەتتا بىلمىسىمۇ قىينىلىپ تۇرۇپ بولسىمۇيامىدايدىغان ئادەت بويىچە، بۇ يەردىمۇ ئەنە شۇنداق بولۇۋاتاتتى. ھەتتا يەرلىكئاھالىمۇ گورۇپپىنىڭ باشلىقى كىم؟ دەپ سوراپ ئولتۇرمايلا، »ھەقىچان خىتاي بار يەردە شۇسى چوڭ بولۇدۇغۇ« دېگەن كىلاسسىك قاراش بويىچە ئەڭئەزىز مىھمان سۈپىتىدە ئۇنى خوش قىلىشقا تىرىشاتتى. ئۇزاپ ماڭماقچى بولغاندىمۇبالىلىرىغا بەرمەي ساقلىغان ئېسىل نەرسىلىرىدىن بىرەر سوغاتلىق يوللۇق تۇتمايكۆڭلى ئۇنىمايتى. بۇنچىۋالا خۇشامەتنى نېمىشكە، قايسى مەخسەت ئۈچۈن قىلىۋاتقىنىنىئۆزلىرىمۇ بىلمەيتى. بۇ ئومۇمەن قانغا سىڭىپ قالغان قۇلچۇلۇق ئۇدۇمى ئىدى، خالاس!
ئىككى گورۇپپائۇچرۇشۇپ، تاماگەر نەپسلىرىمۇ ئوبدان تويۇپ، بىرەر ئىككى كۈن خۇماردىن چىققاندىنكېيىن ئاندىن ئۇلار نېمىلەر قىلىش، قەيەرلەرنى چارلاش ھەققىدە كونكېرېت مەسلىھەتكەئېشىندى. ئۇلارنىڭ خىزمەتكە بولغان كۆيۈنۈشى ھەر ھالدا ئاۋۇ نامرات، ساددا خەلققەقارىغاندا كۆپ تۆۋەن دېيىشكە بولاتتى. ھىچ بولمىغاندىمۇ، ئۇلار ئۆز شەخسىينەپسىدىن كېيىنلا خىزمەتنى ئويلىشاتتى. ئۇلارنىڭ خىزمەت مۇزاكىرىسىدىن شۇ نەرسەمەلۇم بولدىكى، ئۇلار يايلاق تەكشۈرۈش نىقاۋى ئاستىدا چېگرا ئامانلىقى مەسىلىرىنىتەكشۈرۈش، يەرلىك ئاھالىگە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش؛ تاغ يوللىرىدىكى يوشۇرۇنيوچۇقلارنى، ئاجىز ھالقىلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، شۇنىڭغا قارىتا تەدبىر بەلگىلەشئۈچۈن كەلگەنلەر ئىدى. ئۇلار يەرلىك ئاھالىدىن بىرمۇنچە قىممەتباھا چارۋامەھسۇلاتلىرىدىن سوۋغاتلارنى ئېلىش ھىسابىغا، ئۇلارغا قۇرۇق »شەرەپلىك نام«لارنى بېرىپ، ھىچنېمىگەپايدىسى يوق رىغبەتلەندۈرۈشلەرنى تۆكۈپ، خىزمەتنىڭ نۆۋەتتىكى زىچلىقى ۋەجىددىيلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇلارغا بىرمۇنچە مەجبۇرىيەت يۈكلەشتى. بىر تۈركۈمخەتەرلىك بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ مەملىكەت ئىچىدە ياشاش شارائىتلىرى تارىيىپ،چەتئەلگە قېچىش ئىھتىماللىقى يۈكسەلگەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇردى. بۇ بۆلگۈنچىئۇنسۇرلارنىڭ ئادەتتىكى قاچقۇنلارغا ئوخشىمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كۆپ قېتىم دىلوسادىر قىلغانلىقى، ئادەم ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەتكارلىقى، قولىدا قورال، پارتىلىتىشئۈسكۈنۈلىرى بولۇشى ئىھتىماللىقى ھەققىدە تاپىلاشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاندىنبۇ بىرلەشمە گورۇپپا بىرلىكتە يەنە باشقا يوشۇرۇن يول ۋە يوچۇقلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاتلىنىشتى. بۇ 21-ئاۋغۇست ئىدى.
بۇ گورۇپپا 1992-يىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست كۈنىدە كەچكە يېقىنئوپران دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كېلىشتى. بۇ يەر كەشمىر تەرەپكە 15-16 كلومېتېرلا كېلىدىغان ئىنتايىنموھىم جاي ئىدى. ھەققىقىي كومپارتىيە ئەزاسىغا خاس جاسارەت بىلەن ئۆز قوشۇنىنىڭئالدىدا كېتىۋاتقان توختى مۇھەممەد سىيىت دەريانىڭ بىر قېشىنى تەشكىل قىلغانتۆپۈلۈكتىن چىقىشىغىلا دەريا بويىدا — ئىككى يۈز مېتېرچە يانتۇ تۆۋەندە بىر كىشىنىڭقارىسىنى كۆرۈپ قالدى-دە، دەرھال كەينىگە چېكىنىپ،ھەمرالىرىغا ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشقا ئىشارەت قىلدى. توختى جۇجاڭ ئۆزىنىڭئەزالىرىدىن بىرىدىن دۇربۇننى ئېلىپ، دۆڭنىڭ ئارقىسىدا يېتىپ، بىر ئازلا بېشىنىچىقىرىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۈزۈتۈشكە باشلىدى. بۇ چاغدا باشقىلارمۇ يېتىپ كېلىشىپ،ئۆمۈلۈگەنچە ئىگىزلىكنىڭ ئارقىسىغا يېتىپ، ئىھتىيات بىلەن باشلىرىنى چىقىرىپ،پەسكە — ئوپران دەريا بويىغاقارىشىۋاتاتتى. توختىنىڭ دۇربۇندا كۆرگىنى ياش بىر يىگىت ئىدى. ئۈستىبېشىدىنقارىغاندا تاغدىكى چارۋىچىلارغا ھىچ ئوخشىمايتى. شەھەرلىك ياشلاردەك كېيىنگەن بۇيىگىتنىڭ بۇ يەرلەردە نېمە ئىشى بولۇشى مۈمكىن؟ بۇ ناھايىتى ئاسان گۇمانقوزغايدىغان ئەھۋال ئىدى.
تېخىمۇ گۇماننىتەستىقلىغان ئىش شۇ بولدىكى، قاياقتىندۇر يەنە ئالتە يىگىت پەيدا بولۇشتى.بۇلارنىڭ ھەممىسىدە لىق بىرنەرسە قاچىلانغان سومكا بارىدى. سومكىلىرىدا نېمىلەربولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق سومكىلار، بۇنداق ئۈستىباش پەقەتلا بۇ تاغ ئارىسىدايوچۇن، ئالاھىدە بىلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پىچاق ئېسىۋالغانلىقىمۇبىلىنەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىلىقى 200 مېتىر تۆۋەندە بولسىمۇ، دۇربۇندا قارىغانكادىرلار ئۇلارنى يېنىدىكىدەكلا كۆرۈپ تۇرغاچقا ئۇلارنىڭ گۇمانلىق ھەركەتلىرىگەدىققەت قىلماي قالمايتى. يىگىتلەر كەچ كىرىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، دەريادىنئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى. دەريانىڭ بېشى تەرەپ بەك ئىگىز بولغاچقا، ئېقىم تىك،بەكمۇ شىددەتلىك ئىدى. سۇ ئانچە ئۇلۇق بولمىغان بىلەن تېز ئاققاچقا قوقۇنۇچلۇقتۇيۇلاتتى. كېچىدە دەريادىن ئۆتۈشكە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ بىر زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟خەتەرنى ئويلىغاندا ھىچكىم بۇنداق تەۋەككۈلچىلىكنى قىلمايتى.
ئۇلارنىڭ دەريادىنئۆتۈشكە تەمشىلىپ بېقىپ كېيىن يالتايغانلىقىنى جەزم قىلغان توختى مۇھەممەد سىيىت،ھەقىقەتەنمۇ پورۇلېتارىيات جەڭچىسىگە خاس ھۇشيارلىق بىلەن، ۋەزىيەتنى خاتاسىزمۆلچەرلىدى. بۇلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشنى ئەتىگە قالدۇرغانلىقىغا تولۇق ئىشەندى. بۇدېمەك، ئەتىگىچە بىزنىڭ قەھرىمان ساقچى قىسىملىرىمىز يېتىپ كېلىپ، بۇ قاچقۇنبۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بار دېگەنلىك ئىدى.
— دەرھال سىمسىز ئاپپارات ئارقىلىق مەلۇمات يوللايلى، — دېدى ئۇ لاۋ ۋاڭ خىتايغا قاراپ.گەرچە كەسپىي تەڭتۇشى مۇنى تابىلدى بولسىمۇ ئۇ يەنىلا خىتاي دېگەن ئۇلۇغ بولۇدۇئەمەسمۇ دېگەن ھىسىياتتا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئېلىۋاتاتتى.
— تو جۇجاڭ، بۇ دېگەن چاخچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس،ئەگەر مەلۇمات خاتا بولۇپ قالسا، دۆلەتنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپلانى نۇرغۇن چىقىمبىلەن ئاۋارە بولۇدۇغان گەپ، شۇڭا سالماقراق بولساق. يەنە كۆزۈتۈپ باقايلى، بۇلارھەقىقەتەنمۇ يامان ئادەملەرمۇ، ئەمەسمۇ؟
— ۋاڭ زۇجاڭ، قەتئىي ئىشەنچىم كامىل دەيمەن، بۇلارشەھەرنىڭ باللىرىدەكلا تۇرمامدۇ ئاينا، — دەپ تۇرۇۋالدى توختى.
ئۇلار خېلى ئۇزاقتالاش-تارتىش قىلىشتى. توختى مۇھەممەد سىيىت، مۇنىتابىلدىلارنىڭ پوزىتسىيەسى قاتتىق بولدى. پەقەت ئاچچىق مۇچنى تولا يەپ، كۆزىنىڭخۇنى قالمىغان يۇمۇق خىتاينىڭ كۆزى ھىچنېمە كۆرمەيۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ كۆرۈنگەنقارىلارنى ھەتتا پەرق قىلغۇدەكمۇ ھالدا ئەمەس ئىدى. ئەمما توختى جۇجاڭنىڭ پارتىيەۋە ھۆكۈمەتكە بولغان چەكسىز ساداقىتى ئۇنى قەتئىيرەك بولۇشقا ئۈندەپ، خىتاينىڭئىككىلىنىش، ئارىسالدىلىقلىرىغىمۇ پىسەنت قىلماي، بۆلگۈنچىلەر ھەققىدە دەرھالمەلۇمات بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشىغا تۈرتكە بولدى:
— خاتا بولۇپ قالسا مەسئۇلىيەتنى ئۆزەم ئۈستۈمگەئالىمەن، — دېدى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن، — ئەكە، ئاپاراتنى ئاچە، — دەپ بۇيرۇدى خىزمەتچى خادىمىغا.
ئاپارات تەڭشەلدى،قاغىلىق ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئۇلاندى. قارشى تەرەپتە بىر رادىست ئۇلارنىگەپ قىلىشقا سۈيلەپ تۇراتتى. توختى مۇھەممەد سىيىت ھەتتا خىتايچە سۆزلەشتە چالابىلگەن خىتايچىسى بىلەن بىرەر ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،رادىستقا:
— جۇجاڭ گو جىشەنگە بېرىلىدىغان جىددىي مەلۇمات بار،مەن مەلۇماتنى كەشمىر چېگرىسىغا يېقىن يەردىن بېرىۋاتىمەن، شۇڭا بىر ئۇيغۇر تېپىپسۆزلىرىمنى ئاڭلىتىڭ، ئۇقۇشماسلىق بولۇشىدىن قورقۇمەن، مەلۇمات بەك جىددى. ئەتەسەھەردىن قالسا ئەھمىيىتى قالمايدۇ، بەك جىددىي، — دېدى.
رادىست ئۇنىڭغاماقۇل بولۇپ دەرھال بىر ئۇيغۇر ساقچىنى تېپىپ كەلدى. قارشى تەرەپتىن ئۇيغۇرنىڭئاۋازى كەلگەندىن كېيىنلا، توختى ئاندىن خاتىرىجەم بولۇپ رەسمىي سۆزگە ئۆتتى.
— تولۇق ئاڭلاپ ئاندىن خاتىرىلىۋالسىلا ۋە شۇئان گوجۇجاڭنى ئۆيدىن ئۇخلاۋاتقان بولسىمۇ ئويغۇتۇپ، يەتكۈزۈڭ، سەۋەنلىك كۆرۈلسەكاللىلىرى بىلەن جاۋاپ بېرىلا، — دەپ تاپىلاشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، — مەن توختى مۇھەممەد سىيىت،ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ جۇجاڭى، شۇئاندىكى ۋەزىپەم چېگرا تەكشۈرۈشگورۇپپىسىنىڭ زۇجاڭى، مەن ھازىر كەشمىرگە 16 كىلومېتېر كېلىدىغان ئوپران دەرياسىبويىدا. دەريا بويىدا يەتتە نەپەر گۇمانلىق ئادەم بايقالدى. ئەتە ئەتتىگەن يېتىپكېلەلمىسەڭلا ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ، توسۇشقا ئامالسىزمىز. يەتتە نەپەر ئادەم،ئۇلاردا قورال باردەك قىلىدۇ. مەن ھازىر ئاپاراتنى تېخنىكىمىزغا بېرىمەن، ئۇ سىزگەخەرىتىدىكى رەسمىي ئورنىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، خاتىرىلىۋالسىلا. خاتا بولۇپ قالساتاپالماي چۆگۈلەپ كەتسە، ۋاقىت زايا بولۇدۇ. ئاڭغىچە بۇزۇق ئادەملەرگە قېچىپ كېتىشئۈچۈن پۇرسەت چىقىدۇ، شۇڭا بەك دىققەتلىك بولسىلا.
توختى جۇجاڭبارلىق كوممۇنىست باشلىقلارغا ئوخشاش ھۇرراچىلىقتىن يېتىشىپ چىققان ئاكتىپبولغاچقا، ساۋادى يېتەرلىك ئەمەسىدى. خەرىتە دېگەننى چۈشەنمەيتى. شۇڭا سۆزلۈشۈشئاپاراتىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن تېخنىڭ خادىمغا ئۇزاتتى.
— رەسمىي ئورنىمىز °76 مېردىيان، °36 پاراللېلئەتراپىدا. دەريا كۆرۈندۇ، دەريانىڭ ئەتراپىدىكى يەر تۈزۈلۈشى مۇنداق،...
مەلۇمات يوللاندى.مەلۇمات ئۇيغۇر تىلى بىلەن يوللاندى. ئۇيغۇر تىلى بىلەن مۇشۇ تىلنىڭدۈشمەنلىرىگە مەلۇمات بېرىلدى. سۆيۈملۈك ئانا تىلنى سۆيۈملۈك ئانىلارنىڭ ۋە گۈزەلتىلىمىزنىڭ دۈشمەنلىرىگە مەلۇمات يەتكۈزۈشكە ئىشلەتتى! قانداق دەھشەت! بۇ ئادەملەرنېمىنى ئۈمىت قىلىپ ياشايدىغاندۇر؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىدىن قانچىلىكئېمىندۇ؟
»ۋەزىپەبەك موھىم، دۇئا قىلسىلا، دادا«
1
گو جىشەننىڭ تۇيۇقسىز چاقىرتىشى بىلەنئۈستىبېشىنى تولۇقراقمۇ كەيمەي چېپىپ چىقىپ كەتكەن ئوغلى سىيىت ھوشۇرنى كۆز نۇرىبىلەن ئۇزۇتۇپ قالغان ھوشۇر بوۋاي، تېخى بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا سەھرادىن كېلىپ،پەخىرلىك ئوغلى سىيىتنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. بوۋاي ئوغلىنىڭئەمەلدار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغىنىنى، بىرمۇنچە ساقچىلارنىڭ »ۋاي جۇجاڭ« دەپ قول باغلاپ تۇرۇشلىرىنى كۆرگىنىدە كۆڭلىنى پەۋەس ئىپتىخارھىسسى تولدۇرغان ئىدى. شۇغۇنىسى ئوغلىنىڭ ئىشى مانا شۇنداق ۋاقىت قەرەلى يوقئىشكەن ئەمەسمۇ؟
ئۇ نامازلىرىدا ئوغلىغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭ »كۆپنىڭ ئىشى ئۈچۈن« چېپىپ يۈرگەنپاچاقلىرىغا كۈچ-قۇۋۋەتتىلەيتى. شۇغۇنىسى بالىسى ئۇنىڭدەك نامازخان بولمىدى. بولمىدىلا ئەمەس، دادىسىنىڭناماز ئوقۇشىنىمۇ دايىملا مەسخىرە قىلىپ قوياتتى.
— دادا، شۇ قىلىقلىرىنى ئىدارىدىكىلەر كۆرسە، قولۇمدا ئىشلەيدىغانئادەملەر نېمە دەپ قالا؟ »بۇسىيىت جۇجاڭ-زە،بىزگە ماركىسزىمنى سۆزلىگەن بىلەن، دادىسىنى ئۆزگەرتەلمەپتۇ« دېمەسما؟ — دەپ خاپابولۇپمۇ كېتەتتى. ئۇنى جۇجاڭ دەپ ئۆيلىرىگە مىھمانغا چاقىرىپ تۇرۇدۇغانلارمۇ كۆپبولغاچقا، ئۇ ھەر ئاخشىمى دېگۈدەك تەڭشەلگەن ھالدا شىر كەيپ ئۆيگە كېلەتتى. بۇبوۋاينىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇراتتى. بالىسى ئۈچۈن نېمىدىندۇر ئەندىشە قىلاتتى.
شۇنداق بولسىمۇ دادا ئەمەسمۇ، ئوغلىنىڭ »كۆپنىڭ ئامانلىقى« ئۈچۈن كۆيۈپپىشىدىغان بىر ئىشتا ئىكەنلىكىدىن كۆڭلى قانائەت تاپاتتى. بەلكىم بۇنداق »ساۋاپلىق ئىش« نامازنىڭئورنىغا كەففارەت بولۇدۇغاندۇ، دەپ ئويلايتى ساددا ئادەم. ئائىلىدىكىلەر سىيىتجۇجاڭنىڭ ئالدىراش ئىشلىرىغا كۆنۈك بولغاچقا كۆرۈۋاتقان تېلىۋىزىيە فىلىمىنىتۈگۈتۈپلا ئۇخلاپ قېلىشتى. ئەمما بۇنداق ئالدىراشلىقلارغا كۆنۈكمىگەن سەھرالىق دادابولسا ئوغلى ھەققىدە ۋايىم يەپ ئۇخلىيالمىدى. ئۇ خۇپتەندىن كېيىن بىرمۇنچە نەفلناماز ئوقۇپ، ئوغلىنىڭ ئامان - ئېسەنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. دۇئادىن كېيىن پەقەت ئۆيدىكى كېلىن،بالىلارنى خاپا بولمىسۇن دەپلا ئورۇنغا كىرىپ ياتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇيقۇسىكەلمەي، جاھاننى سورۇپ، ئوي ئويلاپ ئۇيقۇسىز ياتتى. يازنىڭ تۈنلىرى شۇنچىلىك قىسقابولۇدۇغان بولسىمۇ، ئۇيقۇسىز ئادەم ئۈچۈن شۇنچىلىك ئۇزۇن ۋە ئازاپلىق ئىدى.
ئۇ مۇشۇنداق ئۇيقۇسىز تولغۇنۇپيېتىۋېرىشتىن زېرىكىپ، ناماز بامداتتىن خېلى بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئاۋايلاپئىشكنى ئېچىپ ھويلىغا چىقىپ تاھارەت ئالدى. بامداتقا ئەزان چىققۇچە يەنە بىر نەچچەرەكئەت تەۋەججۇد نامىزى ئوقۇشنى نىيەت قىلغان ئىدى. ئۇ تەۋەججۇد نامىزدىن ئىككىرەكئەت ئوقۇپ، سالام بېرىپ، يەنە ئىككى رەكئەت ئۈچۈن تۇرغاندا ھويلا ئىشىكىقېقىلدى. سىيىت قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ھوشۇر بوۋاي نامازنى بۇزالمايتى. كېلىنبولسا شېرىن ئۇيقۇدا تاكى سائەت توققۇز بولمىغۇچە ئورنىدىن تۇرمايتى، ھەتتا ئىشقابارىدىغان ئوغلىغىمۇ ناشتىلىق داستىخان سالمايدىغانغا كۆنگەن، تازىمۇئېسىلزادىلەردىن ئىدى. ئوغلى ھەر كۈنى دېگۈدەك ناشتىسىز ئىشقا كېتەتتى، بىچارە.ئەمما بوۋاي بىلمەيتىكى، ئوغلىنىڭ جەمىيەتتىكى »يۈز -ئابرويى« تۈپەيلىدىنناھىيىنىڭ كوچىلىرىدا سەھەر ئېچىلغان ھەر چايخانا ناشتىغا تەكلىپ قىلىپ خۇشامەتقىلىدىغانلىقىنى.
نەتىجىدە بوۋاي نامازدىن كېيىن ئىشكنىئاچتى. كېچىكىپ ئېچىلغان ئىشىك سىيىت جۇجاڭنى خاپا قىلغان ئىدى.
— نىمانچە ئۇيقۇڭلار قاتتىق! مەن كەلگىلى نەۋاق، — دېدى ئۇغۇدراپ.
— مەن ئۇخلىمىغانتىم، بالام، نامازدىتىم.
— ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، ئاندىن كەچكىچە ئوقۇۋالسىلا بولمامتى؟ — دېدى ئۇئۆزىنى باسالماي. ئوغلى ئادەتتە دادىسىغا خېلى كۆيۈنۈپ مۇئامىلە قىلاتتى. بۈگۈنكىمۇئامىلە ئۇنىڭ جىددىي روھى ھالىتىدىن بولۇۋاتقىنىنى چۈشەنگەن بوۋاي خاپا بولمىدى،ئەكسىچە ئوغلىنى قانداق بىر ئىشنىڭ خاپا قىلغانلىقىنى بىلگۈسى كېلىپ تىت-تىت بولدى.
— بىرە خاپىلىق بولمىغاندۇ، بالام؟ چېچىلىپ قاپسەن، شۇڭادەيمىنا،... — دېدى بوۋاي.
— بولدى، باشقا ئىش يوق. مەن بىر يەرگە كېتىپ بارىمەن. جىددىيۋەزىپە بىلەن. ئۆيگە ئالدىراپلا كەلدىم، ئالىدىغان نەرسىلىرىم بارىدى، — دېدى ئۇ.
— بۇنچە سەھەردە ماڭمىسا بوممايدىغان قاندا ئىشتۇ، بالام؟ سېنىڭئىشىڭنىڭمۇ شۇ،... ئەجەپ تەس ئىشكەن،...
— بۇزۇق ئادەملەرنى تۇتۇدۇغان ئىش، دادا، قاچقان بۇزۇقلارنى! — دېدى جۇجاڭدادىسىغا ئاسانراق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن.
— خەتىرى يوقتۇ، بالام؟ — سورىدى دادا ئەنسىرەپ.
— ھىچنېمە دەپ بولمايدۇ، — دېدى سىيىتجۇجاڭ بىر يەرلەرنى ئاختۇرۇپ، بىر نېمىلەرنى ئېلىپ سومكىغا سالغاچ، — ئاڭلىساق،بۇزۇقلاردا قورال بارىمىش.
— ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت بالام، ئىھتىيات قىلاسەن، كۆپنىڭئامانلىقىنى دەپ قىلىۋاتقان خاسىيەتلىك ئىش بوغاندىكىن ئاللاھ ئۆزى ساقلا، — دېدى ئۇ يەنەئىشەنچ بىلەن.
— ۋەزىپە جىددىي ھەم مۈشكۈل، دۇئا قىلسىلا، دادا، — دېدى ئۇ مېيىغىداكۈلۈپ، دادىسىغا قاراپ، ئىشىك تۈۋىدە خوشلۇشۇۋېتىپ.
— ئىنشائاللا، بالام، دۇئا قىلمامدىغان، قىلىمەن، سېنى ئاللاھقاتاپشۇدۇم.
سىيىت شۇنچە ئالدىراشلا چىقىپ كەتتى.بوۋاي، ھىچنېمە بىلەن ئىشى يوق كالىدەك ياتقان كېلىنىدىن شۇ بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلاخوشى كەتتى. »ئېرىجاننى ئالقانغا ئېلىپ كېتىۋاتسىمۇ خوش دېيىشكە يارىماي، سېسىق ئوسۇرۇپ ياتقانقانداق خوتۇن بۇ!؟ مۇشۇ كەمنىڭ قىز-كېلىنلىرىمۇشۇ!... « ئەمما بوۋاي ئوغلىنىڭ ئۆزىدىن دۇئا تەلەپ قىلغانلىقىنى بىر ياخشىباشلىنىش دەپ ئويلاپ بەك سۆيۈندى. چۈنكى بۇ ساددا ئادەم ئوغلىنىڭ بۇ گەپلەرنىدېگەن چاغدىكى مەسخىرىلىك كۈلۈمسىرىشىنى كۆرمىگەن ياكى دىققەت قىلمىغان ئىدى. شۇڭائۇ ئىلگىرىلىرى نامازنى خۇراپاتلىق دەپ ئاچچىغى بىلەن سۆكۈپ تۇرۇدۇغان ئوغلىنىڭدۇئاغا مۇھتاج بولغانلىقى، دۇئاغا ئىشەنگەنلىكى دېگەن پەرەز بىلەن بۇنى ياخشىلىققاجورۇپ، ئۆزىچە ئوغلىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا يەنىلا مۇسۇلمانلىقنىڭ بىخىئۆلمىگەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. دېمەك ھازىر مودا بولۇۋاتقان، كادىرلارنىڭپېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن نامازخان بولۇۋېلىشىغا ئوخشاش، ئوغلىنىڭمۇ ئاخىرى بىركۈنى مەسجىد ئەھلىدىن بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلدى.
2
قاسساپتا ماي قايغۇسى، ئۆچكىدە جانقايغۇسى.
— خەلق تەمسىلى
سىيىت ھوشۇرئىدارىغا كەلگەندە باشلىق گو جىشەن ۋە بىرنەچچە ساقچى ئۇ يەردە ئىدى. ئۇلارنىڭھەممىسى تولۇق قوراللانغان، ئۈستىلىرىدە ئوق ئۆتمەس جىلىتكە بار ئىدى. ئۇ كەلگەنئارىلىقتا يەنە بىرنەچچەيلەن كېلىشتى. سىيىت ھوشۇرمۇ دەرھال ئىشخانىغا كىرىپ، ئوقئۆتمەس جىلىتكىنى كىيىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمى قىسقا ستۋوللۇق ئاپتومات(كىلاشنىكوۋنى ئىسلاھ قىلىپ ياسالغان)، بەزىلىرى كىلاشنىكوۋ ئاسقان ئىدى.پەۋقۇلئاددە مەرگەن ئاتىقى بار ئىككىيلەندە دۇربۇن بېكىتىلگەن ئۇزۇن ستۋوللۇقمىلتىق بار ئىدى.
— ئۇقتۇرۇش ئالغانلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ بولدى، — دېدى گوجىشەن، — تەييارلىقلىرىمىز پۈتتى. بىزھازىر دالا ئارمىيە گازارمىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىزنى ساقلاۋاتقان تىك ئۇچاربىلەن دەرھال ئاتلىنىمىز. باشقا ئىشلار بارمۇ؟
— يوق، — دېدى سىيىت ھوشۇر. راستىنى دېگەندە بۇ قېتىمقىئوپېراتسىيە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەرنى جەھەننەمگە يوللىشى مۈمكىن ئىدى. ئەمماھاياتلا قالغانلار بۇنىڭدىن شۇنچىلىك پايدا ئالاتتىكى، بۇنداق ئامەت ئىنسانغا ئەرئۆمرىدە بىر كېلىشى مۈمكىن. قانچىلار مۇكاپات پۇلى، قانچىلار ئەمەل، قانچىلارشەرەپ نامى ئالىدىغانلىقىدا گەپ يوق.
سەپەرگە ھازىربولغانلار ئالتە خىتاي، ئالتە ئۇيغۇر، بىر تاجىكتىن ئىبارەت 13 نەپەر خىتايساقچىسى ئىدى. ئۇلار ساقچى ماشىنىلىرىغا چىقىپ دالا ئارمىيە گازارمىسىغاكېتىۋاتقان چېغىدا گوجىشەن بىر ئەپ پۇرسەت تېپىپ، خىتاي ساقچى شياۋ خۇغا ئىھتىياتبىلەن پىچىرلىدى:
— باشقا يولداشلارغا يەتكۈزۈپ قوي، ھەر قاچان ماۋۇئايلامباشلارنىڭ ئارقىسىدا بولۇشقا دىققەت قىلىڭلار، بۇلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ،ھەتتا بۇلار جان پىدا قىلىۋاتقان تەقدىردىمۇ بىر پۇرسەتتە ئاينىپ، قورالنى بىزگەقاراتمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا نازارەتنى بوشاشتۇرماڭلار، ئارقىسىدىنھەركەت قىلىڭلار.
شياۋخۇ بۇرۇن ئۆزىگە بېرىلگەن تەلىمنىئەسلىدى. ئۇلار دەسلەپتە شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلارغا مەخسۇسئۇيغۇرلار ھەققىدە قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش ھەققىدىكى قىزىلتاشلىق كىتاپ بېرىلگەنئىدى. بۇ تەلىمدە: »ئۇيغۇرنىڭرەئىس بولغىنىنىمۇ دۈشمەن دەپ قاراڭلار، پەقەت ھە دەپ قويۇسىلەر، ھالقىلىقۋاقىتلارغا توغرا كەلگەندە ئۇلارنى ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇر قاتارىدا كۆرسەڭلاربولۇدۇ، غەيرى ئەھۋال سېزىلسە ھىچ ئىككىلەنمەي ئاتىسىلەر« دېگەنمەزمۇندا شوۋىنىست تەلىم-تەربىيىدىنئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
شياۋخۇ يېنىدىكى باشقا خىتايلارغاپىچىرلىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەركەت پىرىنىسىنى ئەسلىرىگە ئېلىۋېلىشتى.خىتايلار ئۈچۈن بۇ بەكمۇ كۆڭۈللۈك بىر ئوۋ پائالىيىتى بولۇپ ھىساپلىناتتى. ئادەتتەھىسابىنى ئېلىپ، بىر تېلى ئۈچۈن خىزمەتتىن ھەيدىلىشكىچە سەۋەپ بولۇدۇغان ئوق، بۇھەركەتتە ھىساپسىز ئىدى. قانچىلىك ئاتسا مەيلى ئىدى. بولۇپمۇ بۇ ئوۋنىڭ ئوبېكتىئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان، مۇشۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغاندا بۇ تېخىمۇ قىزىقبولۇشىدا گەپ يوق. شىياۋخۇلار ئامېرىكىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان دەۋرلىرىدىكى »كالىچى«لار(كاۋبوي)نىڭ ھىندىيانلارنى خۇددى ياۋايى غازنى ئاتقاندەك ئېتىپ يۈرگەن كىنولىرىنىكۆرگەن چاغلىرىدا شۇنچىلىك ھاياجانلانغانلىقىنى ئەسلىدى. بۇنداق كىنولارنىكۆرگەندە ئادەتتە ياۋروپالىق كۆچمەن كاۋبويلارغا ئۆزلىرىنى، يەرلىك ھىندىيانلارغائۇيغۇرلارنى تىمسال قىلىپ، خۇددى ئاشۇ ئاتلىقلارنىڭ بىپايان ئامېرىكا چۆللىرىدە،جاڭگاللىرىدا، يايلاقلىرىدا ھىندىيان ئوۋلاشلىرىدىن بەكمۇ ھوزۇرلۇنۇپ كېتىشەتتى.ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشۇنداق بىر پۇرسەت بولۇشىنى، راسا پۇخادىن چىققۇدەك ئېتىۋېلىشنىئارزۇ قىلىشقان ئىدى.
مانا ئەمدى ئاشۇ پۇرسەت كەلگەندەك قىلاتتى.شۇغۇنىسى بۇ كۆڭۈللۈك كىنو بەك قىسقا بولۇپ قالىدىغاندەك ئىدى. چۈنكى ئوۋلىنىدىغانئۇيغۇر پەقەت يەتتە، ئۇلار بولسا 13 ئوۋچى ئىدى. شۇڭا تەلەيلىكلەرگە بىرەردىنتوغرا كېلىپ، باشقىلىرىنىڭ قولى تەگمەستىنلا ئىش ئاخىرلىشاتتى. يەنە كېلىپ،پىرىنسىپ بويىچە ئۇيغۇرلار ئالدى سەپ بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاچقا، شىياۋخۇلارقوراللىرىنى بەتلەپ بولغىچىلا بۇ ئايلامباشلار ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى بىز ئۈچۈنئېتىپ بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئۇ ھالدا بىر پايمۇ ئوق ئاتالماي قالساڭ نەقەدەرئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇدۇ-ھە!ئىھ، بىر كۈنلىرى كېلىپ، مۇشۇ خەقنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ قىرىپلاۋېتىدىغان ئىش بولسا نەقەدەر پۇخادىنچىقاتتۇق-ھە!
ئەمدى شىياۋخۇ قاتارلىق خىتايلار جەڭدىنكېيىن كېلىدىغان پايدا ھەققىدە ئويلاشقا باشلىغان ئىدى. مەيلى بىرەرسىنىئاتالىسۇن، ئاتالمىسۇن، بۇ ئوپېراتسىيىگە قاتنىشىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغانلارنىڭھەممىسىگە بىر نەرسە تەگمەي قالمايتى. بەلكىم گو جۇجاڭ ۋىلايەتكە ياكى بىۋاسىتىلامئۈرۈمچىگە ئۆستۈرۈلەر؛ ئۇنىڭ بوشىغان ئورنىغا سىيىت ھوشۇر ئۆسەرمۇ؟ ياق-ياق، بۇ مۈمكىن ئەمەس، ئايلامباشلارنىڭ تەقدىرى مەڭگۈمۇئاۋىن بولۇش. ئۇ ئۆسۈشى مۈمكىن ئەمما يەنىلا مۇئاۋىن بولۇپ ئۆسۈدۇ. ئۇنداقتائىككى ئورۇن بىكار بولۇدۇ. كىم جۇجاڭ بولار؟ بەلكى مەن؟ ھىچ بولمىسا مۇئاۋىنبولارمەن. ياق، مۇئاۋىن دېگەن ئايلامباشلارنىڭ ئىشى. ماۋۇ قارشىمدا ئولتۇرغانئەخمەق قەھرىمانلاردىن بىرى بولۇپ قالار. بۇلار شۇ تاپتا قانچىلىك ھاياجاندىكىن؟بىز ئۈچۈن جان پىدا قىلىۋاتقىنىنى، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭمۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدەيەنىلا دۈشمەن ھىساپلىنىشتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟
قارشىدا ئولتۇرغانئۇيغۇرلاردىن سىياسىي بۆلۈمنىڭ ساقچىسى ساۋۇت ئۇزۇن ستۋوللۇق، دۇربۇن تاقالغانيېرىم ئاپتوماتىك مىلتىقىنى باغرىدا تۇتۇپ ھىچكىمنى كۆزگە ئىلمەيدىغان روھىئۈستۈنلۈك بىلەن گىدىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مەرگەن دېگەن ئاتىقى بار ئىدى. دۇربۇنبېكىتىلگەن قورال تۇرۇۋەرسۇن، دۇربۇنسىزمۇ بەشتە بەش نىشانغا ئاتالايتى. شۇڭا ئۇمەغرۇر ھالدا ئويلايتى. »ئوۋلايدىغىنىمىزپەقەتلا يەتتە بۆلگۈنچى تۇرسا، ماۋۇلارغا نېمە ئىش بارىكىنە؟ مەن بىلەن بىرەرقارىشىپ بېرىدىغان بىرسى بولسىلا خۇددى تېزەك تەرگەندەك بىر-بىرلەپ تىرىۋەتمەمدىم. مۇشۇ خەنزۇ يولداشلارنىڭ قورقۇنچاقلىقىمىدۇ بۇ؟ ياكىئارتۇقچە ئىھتىياتچانلىقىمىدۇ؟ بۇنچە ئادەمگە نېمە كېرەك بارىكىنە؟ ھېلى كۆرۈمىز،خەنزۇ يولداشلار قورقۇپ ئارقىمىزغا مۆككىلى تۇرۇدۇ، ئاڭغىچە بىزلەر كوملا قويۇمىز،بۇلار قوراللىرىنى بىكاردىن –بىكار كۆتۈرۈپبېرىپ، كۆتۈرۈپ ياندۇرۇپ كېلىدۇ. يەنە تېخى بۇلار خىزمەت كۆرسەتكەن بولۇپباھالىنىشىمۇ مۈمكىن. قاندا قىلىمىز، تەقدىر شۇنداق، ھوقۇق مۇشۇلارنىڭ قولىداتۇرسا، ئۇلار ئاكا مىللەت بولغاندىكىن، شۇلاردىن ئاشسا بىزنىڭ-دە! بۇ قېتىم سىيىت جۇجاڭ ئۆسەپ قەشقەگە كېتىپ قاسا، ماڭا ئۇنىڭ ئورنىتېگىپ قالامدۇ، تېخى! بۇ قېتىمقى ئىشتا مەن خىزمەت كۆرسىتەلمىسەم، بۇنداق جاننىڭنېمە كېرىكى! مەندە گەپ يوق. ئۇزاقتىكىلەر دېمىسىمۇ مېنىڭ! قىسقا سىتۋوللۇق قورالبىلەن ئۇزاقتىكى نىشاننى ئاتىمەن دېگەن بىكارلا ئاۋارىچىلىق. يېقىندىكىلىرىمۇبىزلىدىن ئاشسا ئاندىن باشقىسىغا تېگىدۇ-دە!... «
دۇربۇنلۇق يەنەبىر مىلتىق تاجىكنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇنىڭمۇ ئۆز خامچوتلىرى بارىدى. ئۇ قاغىلىقتائازسانلىق مىللەت بولۇپمۇ يەنە ئازسانلىق بولغاچقا، خەنزۇ يولداشلار ئۇنىڭغاغەمخورلۇق قىلىپ، ئېتىۋار بېرىپ تۇراتتى. ئەممازە مۇشۇ ئۇيغۇر ئاداشلارنىڭ ئۇنىڭغاتارلىقى كېلىپ، ئۇ ئېرىشكەن ئېتىۋارنى قىزغىنىپ، پۇرسەت تاپسىلا غاجىشىپتۇرۇدۇغانلىقىنى سېزەتتى. شۇڭا ئۇ ئويلايتىكى، »ياخشىمۇ بەختىمىزگە خەنزۇ يولداشلار بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا مۇشۇ ئۇيغۇرخەقنىڭ قولىغا قالساق بىزدەك ئازسانلىقلارنى مىجىپلا قويۇدۇ جۇما! ياخشىمىغۇ، خەنزۇيولداشلار ئۇيغۇرلارغا بەك ئىشىنىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ھەمىشە بۆلگۈنچىلەر مۇشۇخەقتىن چىقىۋاتسا، بۇزغۇنچۇلۇق ھەركەتلىرىنى قىلىدىغان يامان نىيەتتىكى دۈشمەنئۇنسۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خەقتىن چىقىۋاتسا، ... ھېلىمۇ ما خەنزۇ خەقنىڭ قورسىقىكەڭ، بولمىسا بۇ خەقنى ئوتتۇرىدىن يوقلا قىلىۋەتسىمۇ قىلىۋېتەلەيدۇ جۇما. بۇ قېتىمبۇ ھەركەتكە قاتناشقان بىردىن-بىر تاجىك مەنئىكەنمەن، ھىچ ئىش قىلالمىساممۇ ئېتىۋار بېرىش يۈزىسىدىن بولسىمۇ بىرنېمە تەگمەيقالمايدىغۇ«
ئۇنىڭ يېنىدىكىباشقا ئۇيغۇرلاردىمۇ خۇددى ئەينەن شۇ تىپتىكى مەغرۇرلۇق بارىدى. ئۇلار تىك ئۇچاريەرگە قونۇپ بولغۇچىلا يەرگە سەكرەپ چۈشۈپ، دۈشمەنلەرگە ئوت ئېچىشنى كۆڭلىگەپۈكەتتى. خەنزۇ يولداشلار چوقۇم مىس-مىس ھەركەتلەربىلەن ۋاقىتنى ئېلىپ، جاننى ئايايدىغاننىڭ قازىنىنى ئاسىدۇ، بىز دېگەن قارامئۇيغۇر تۇرساق، جانغا تەۋەككۈل قىلىش دېگەن قانچىلىك ئىش!؟ »قېرى خوتۇن شاپتۇل يەپ، ئۈچكىسىنى ئايرىغۇچە« ئىشنى تۈگۈتۈپ قاراپ ئولتۇرۇمىزچوقۇم!
بۇنداق شېرىنئويلار سىيىت ھوشۇر بىلەن گوجىشەندە بولمايتىمۇ؟ ئۇلار دېگەن بۇ قېتىمقى ھەركەتنىڭقوماندانلىرى تۇرسا، ئەلۋەتتە تۆھپىنىڭ توم بېشى ئۇلارغا تېگىدۇ-دە! سىيىت ھوشۇرنىڭ ئارزۇسى قەشقەر شەھرىدە ئىشلەش ئىدى. سۆيۈملۈك خانىمىقەشقەر كوچىلىرىدا غىتتىڭشىپ مېڭىپ كەتسە، ئاخشاملىرى باغچىدا سەيلى قىلسا، ھەممەئادەم ھېلىقى قاغىلىقنىڭ چېگرا رايونىدا خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان شۇكەن،دېيىشىپ، شىۋىرلىشىپ، بىر-بىرىگە كۆرسۈتۈپكېتىشسە، خانىمى بىر قەھرىماننىڭ خوتۇنى بولۇپ قالغىنىدىن ئىپتىخارغا چۆمۈلۈپكەتسە. دادىسىنى ئەكىلىپ، ھەپتە-ئون كۈن تۇرغۇزۇپ،مۇشۇنداق بىر قەھرىمان ئوغۇلنى تاپقىنىدىن مەمنۇنلۇققا چۆمدۈرۈۋەتسە،... ئۇھبۇلارنى ئويلىغاندا قانداقمۇ ھاياجانلانماي تۇرغىلى بولسۇن؟
ئۇلار يولغا چىقىپئون مىنۇتقىمۇ قالماي گازارمىغا كېلىشتى. گازارمىنىڭ كەڭ ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىداتىك ئۇچار ئايروپلان قاناتلىرى ئىشلەۋاتقان ھالەتتە كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. بىرنەچچەئەسكەرمۇ تىك ئۇچارنىڭ يېقىنراق يېرىدە بۇلارنى كۈتۈپ تۇرغانىدى. ساقچىلارماشىنىدىن چۈشۈپ، ئەسكەرلەرگە ئۆزلىرىنىڭمۇ ئەسكەرلەردىن قېلىشمايدىغانلىقىنىكۆرسۈتۈپ قويماقچى بولۇۋاتقاندەك جەڭگىۋار سەپ بولۇپ تىزىلىپ، تىك ئۇچارغا قاراپمېڭىشتى. كۈتۈپ تۇرغان ئەسكەرلەر گوجىشەننى سالاملىدى، سالام تاما قىلىپ ھىجايغانسىيىت ھوشۇرغا پەس بىر نەرسىگە قارىغاندەك، ياراتماسلىق بىلەن قاراپ قويۇپ،گوجىشەنگە:
— كەلدىڭلارمۇ؟ ھەممىڭلار مۇشۇمۇ؟ — دەپ سورىدى.
— ھە، كەلدۇق، ھەممە تەييارلىقىمىز تەق. ماڭساقلابولۇدۇ.
— بولۇدۇ، ئەمىسە، ئەگەر ياردەم كېرەك بولسا ئۇچقۇچىغائېيتساڭلار، ئۇ سىمسىز ئاپارات بىلەن بىزگە يەتكۈزۈدۇ.
— بولۇدۇ، رەخمەت، تۈەنجاڭ، مېنىڭچە ئۇنچىۋالامۇ بولۇپكەتمەس، ئۆزىمىز يېتىشىپ كەتسەك كېرەك.
— بولۇدۇ ئەمىسە، مېڭىڭلار، مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن!
ئۇلار تېزلىكبىلەن تىك ئۇچارغا چىقىپ جايلاشقىلى تۇردى. ئاۋال كىرگەنلەرنىڭ ئارقا ئورۇندۇققا جايلىشىدىغانلىقىنىپەم ئەتكەن خىتايلار بۇ يەردە ئۇستۇلۇق بىلەن ئالدى قاتار بولۇۋېلىشقاچقا ھىچچانماستىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىسىدىن ئورۇن ئېلىشتى.
ئۇلار جايلىشىپبولۇپ، تىك ئۇچار ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغاندىلا سىيىت ھوشۇر بايا دالا ئارمىيەتۈەنجاڭىنىڭ ئىلتىپاتسىزلىقىنى يادىغا ئالدى. ئەمما ئۇ ئۇنىڭدىن ئاغرىنمىدى.ئەكسىچە »ھەربىي يولداشلاغىمۇ تەس جۇمۇ، يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپمۇشۇنداق چەت-ياقا جايلارغا كېلىپ، بىز خەقنى دەپ خىزمەت قىلىۋاتسا،يەنە بىز بەغەرەز خەق ياخشىلىققا يامانلىق قىلىپ، دايىملا بىچارىلارنىڭ بېشىنىئاغرىتىپ تۇرۇۋاتقاندىكىن، كۆڭلىدە مېنىمۇ ›سەنمۇ شۇ تائىپىدىنغۇ‹ دەپ شۇنداق قىلسىمۇ قىلغاندۇ. ئەمما بۇ قېتىمقىھەركەتتە تولۇق غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەن چېغىمىزدا كۆرۈمىزغۇ، مېنىڭ ئۇنداقبۇزۇق ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايدىغان، ئىنقىلابىي ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ يېتىپ،ئەپۇ سوراپ كېتەمدۇ تېخى!... «
تىك ئۇچار ھاۋاغاكۆتۈرۈلۈپ، غەرپ تەرەپكە قاراپ ئۇچۇشقا باشلىغاندا، قاغىلىقنىڭ مەسجىدلىرىدىنبامداتنىڭ ئەزىنى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇ 24-ئاۋغۇستنىڭ تېڭى ئىدى.
قان بولۇپ ئاققانئوپران دەرياسى
تۈنۈگۈن دەريادىنئۆتۈشتە كەچ قېلىپ، دەريادىن ئۆتۈشنى ئەتىسىگە قويغان يىگىتلەر، 24-ئاۋغۇستنىڭ تاڭ سەھەرىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇق تاغسۈيىدە تاھارەت ئېلىشتى. ئاندىن جامائەت بولۇپ نامازلىرىنى ئوقۇدى. نامازدىن كېيىنئۇزاق دۇئا قىلىشتى. ئاندىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، دەريانىڭ ئۆتۈشكە ئەپلىكرەكيېرىنى تېپىش ئۈچۈن بىر تۆۋەنگە، بىر يوقۇرىغا مېڭىپ، ئاخىرى بىر يەرنى مۇۋاپىقدەپ قاراشتى. Kنىڭ بۇ يەرلەردىكىشىددەتلىك ئاقىدىغان دەريالاردىن ئۆتۈشتە مەلۇم تەجرىبىسى بارىدى. ئۇ مۇشۇنداقگورۇپپىلاردىن بىرنەچچىنى يولغا سالغان بولغاچقا، ئۇ كېچىكنى بېكىتتى.
كېچىكنى بېكىتىپ،شۇ يەردىن ئۆتۈش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن Kئۆزى ئۆتۈپ سىناپ باقماقچى بولدى. ھەر ئىھتىمالغا قارشىسومكىسىنى قويۇپ، سۇغا كىردى. سۇ تاغلاردىكى قارلارنىڭ ئېرىشىدىن كەلگەنلىكى،شۇنداقلا بۇ يەرلەرمۇ ئىگىزلىكتە بولغاچقا تومۇز بولۇشىغا قارىماي سۆڭەككە ئۆتۈپكېتىدىغان سوغۇق ئىدى. ئۇ ئېقىننىڭ ئەڭ ئۇلۇق ئاققان ئوتتۇرا قىسمىغا قەدەر بېرىپ،ئۆتۈشكە بولۇدۇكەن دېگەننى جەزملەپ قايتىپ كەلدى. ئاندىن سومكىسىنى ئېلىپ،مۈرىسىگە ئاستى-دە:
— ئەمىسە ئارقامدىن مېڭىڭلار، بىسمىللاھ دەپ، — دېدى ۋە ئۆزى »بىسمىللاھ« دەپ سۇغا پۇتىنى تىقتى. بايامقى سوغۇق تېخىچە جېنى قاخشىتىپتۇراتتى، شۇڭا ئۇ چىدىغۇسىز توڭۇپ كەتتى. ئارقىدىكىلەرمۇ توختىماي سۈرىلەرنىپىچىرلاپ كېلىشەتتى. دەريا گەرچە كىچىك بولسىمۇ تېز ئاققاچقىلا شۇنچە خەتەرلىكئىدى.
دەريادىن ئۆتۈۋېلىشتى.پاچاققا ئۇرۇلغان سۇلار تۈرۈلۈپ، ئۆرلەپ بەلگىچە چىقىپ كەتكەچكە، ئۈستىبېشى ھۆلبولۇپ كەتكەن، سەھەرنىڭ سوغۇق ھاۋاسى قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ چىشلىرى بىر-بىرىگە تېگىپ كاسىلداپ تۇراتتى. بىر ئاز ئوغرى تىكەن، قامغاقتەكبىرنېمىلەرنى تېپىپ كېلىپ بىر يەرگە دۆۋىلەپ، ئوت يېقىپ ئىسسىنىۋالمىسا چىدىغۇسىزئىدى. كېسەل بولۇپ قېلىشىمۇ مۈمكىن ئىدى. شۇڭا ئەمىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەر كىمسومكىلىرىنى تاشلاپ ھەر تەرەپكە يۈگرۈشۈپ يۈرۈپ سامان غوللۇق چۆل ئۆسۈملۈكلىرىدىنتوپلاشقا باشلىدى. بۇ چاغدا تاڭ سۈزۈلۈپ، ئەتراپ تامامەن يورۇپ كەتكەن ئىدى.
بۇ سىدامتاغلاردىن ئوت قالىغۇدەك بىرنەرسە تېپىشمۇ تەس ئىدى. خۇددى تازنىڭ بېشىدەك تاقىرتاغنىڭ يانباغرىدا يۈگرەپ يۈرگەن يىگىتلەر ھەم ھەرىكەت بىلەن ئىسىپ قېلىشنى ئۈمىتقىلىشاتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق سومكىسنى قويغان يەرگە بېرىپ كېلىپ، قۇرۇق ئۆسۈملۈكلەرنىتېرىپ يۈرگەندە ئۇزاق يەرنىڭ تېگىدىن كېلىۋاتقاندەك موتۇرنىڭ ئاۋازى كەلدى. ئەڭئەۋۋەل بۇ ئاۋازنى تۇيغان K قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ، قۇلىقىنىدىڭ قىلىپ بىردەم تىڭشىدى. ھەقىقەتەنمۇ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان موتۇر ئاۋازى ئىدى. بۇيەرلەردە يول بولمىغاچقا بۇنىڭ ماشىنا موتۇرى بولۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
Kنىڭ جىم تۇرۇپ تىڭشاۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان ئىدرىسخانمۇ جىم تۇرۇپتىڭشاپ، ئۇمۇ موتۇر ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئاڭلىدى-يۇ، تاتىرىپ كەتتى! بىر دەقىقە ئىچىدە كۆز ئالدىدىن نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەرتىزىلىپ ئۆتۈشكە ئۈلگۈردى: زىلۋا بويلۇق سەھرا گۈزىلى ئايالى، ئوماققىنە ئوغلى،ھاياتى بويى جاپادىن باشقا كۆرگۈلۈكى بولمىغان جاپاكەش دادىسى، دايىم ئېزىلىپ ياشتۆكۈپلا تۇرۇدۇغان ناتاۋان ئانىسى، ئىنىسى، باشقا كىچىكلەر،... قاغىلىق بازىرى،قەشقەر شەھرى، ئۇششاقباش يېزىسى، كۆك ئاسمان، قاقاس ۋە ئۇچ-چېكى كۆرۈنمەيدىغان تاغلار، تۈرمە، ئازاپلىق قىيىن-قىستاقلار، جازا مەيدانى،... تۇل قالغان چىرايلىق ئايال، يىتىم بولغانئوماق ئوغۇل ۋە يىتىملىكتە، يوقسۇزلۇقتا نىمجان، كېسەلچان بولۇپ ئۆسۈش،غېرىپچىلىق،....
— تېز بولۇڭلا، باللا، تىك ئۇچار! —ۋارقىرىدى K. ئۆزىمۇ دەر ھال يۈگرەپ سومكىسىغا يېتىشىشكەتىرىشتى.
بۇ كەمگىچە تىكئۇچار ئۆزىمۇ كۆرۈندى ۋە ئۇلارنىڭ سومكىسىغا يېقىنلىشىشىغا يول بەرمەي،ئۈلگۈجىسىگە ئېتىشقا باشلىدى. بىر تەرەپتىن ئېتىپ، بىر تەرەپتىن پەسلەپ، دەريابويىدىكى كىچىككىنە تەكشىلىككە قوندى. تىك ئۇچار قونغان يەر بىلەن بالىلارنىڭئارىلىقى 100 مېتېرچە كېلەتتى. تىك ئۇچار قونا-قونماي ئېتىلىپ سىرتقا چىققان ساقچىلار ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىپ، بۇلارتەرەپكە ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى. بىرلىرى ئوق ئېتىپ مىلىكە قىلغان پۇرسەتتەبىرلىرى يىگىتلەرگە يېقىنلىشىپ، ئىمكان بار تىرىك تۇتۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلىمەكتەئىدى.
— تېز، دەرياغا يېقىنلىشىڭلار، يۇمۇلاپ مېڭىڭلار، — دەپ ۋارقىرايتى K.
ئۇ جىددىي ئۆمۈلەپسومكىسىغا يەتتى. سومكىسىنى ئېچىپ نېمىنىدۇر ئىزدەپ تېپىپ ئېلىشقا تىرىشاتتى.ئەمما ئۈلگۈجە ياغدۇرۇلغان ئوقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ ھەركىتى تازا قولاشمايتى. بۇئارىدا ئەڭ دەسلەپكى تۇرشاۋۇل ساقچىلار يەردە سوزۇلۇپ يېتىۋالغان يىگىتلەردىنبەزىلىرىگە يېتەي دەپلا قالغان ئىدى. مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە Kسومكىسىدىن بىر تال قول بومبىسىنى ئېلىپ ساقچىلار تەرەپكە ئېتىۋەتتى.
— قول بومبىسى! — دېگەن ۋەھىمىلىك چوقان بىلەن تەڭ،ئوق ياغدۇرغاچ بېسىپ كېلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ ھەممىسى »گۈپپىدە« يەرگە يېتىۋېلىشتى. بۇ پۇرسەتتە K قولىغا بىر تاپانچا ئېلىشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى.
— دەرياغا قاراپ يۇمۇلاڭلار! — دەپ توۋلىغاچ ئۆزىمۇ دەرياتەرەپكە قاراپ يۇمۇلىدى. ئارىدىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، قولبومبىسى پارتلىمىدى. ئەسلىدە ئالتە سېكونتتا پارتلىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىنساقچىلار دەرھال ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. قول بومبىسىنىڭ بىخەتەر قۇلۇپى تارتىلمايلاتاشلانغان ئىدى!
ئەمدى تامامەنخاتىرىجەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن ساقچىلاردىن ساۋۇت مەرگەن دەريابويىغا يېقىنلاشقان خېلىل ئالتۇننى قارىغا ئېلىپ، »گۇم« قىلىپلا ئېتىۋىدى، خېلىل ئالتۇنبېشىنى زورىغا بىر كۆتۈرۈپ، ئارقىدىن گىرۋەكتىكى سۇغا پالاققىدە چۈشتى. ساقچىلاريېقىنلاشماقتا ئىدى! ئۇلار مۈمكىن قەدەر تىرىك تۇتۇشنى كۆزلىگەچكە ئاتقان ئوقلىرىنىشانلىق دېيىشكە بولمايتى. پەقەت دەريا ئېقىنى بىلەن ئېقىپ، كۆزدىن يۈتۈشئۇرۇنۇشلىرى تۇغۇلغاندىلا ئاتمىسا بولمايتى. بىر سەبدىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن K تاپانچىسىنى ساقچىلارغا قارىتىپ ئاتتى. ئەمما ئۇ بەكجىددىيلىشىپ كەتكەچكە ھىچ نىشان ئېلىپ ئاتمىغان ئىدى. شۇڭا ھىچبىر ئوقى بىرەرساقچىغا تېگىپ كەتمىدى. ئۇيغۇر ساقچىدىن بىرى ھەمىد تالىپنى بېسىۋالدى. ھەمىدتالىپ خېلى كۈچلۈك بولغاچقا ساقچىنىڭ قولىغا كويزا سېلىۋېلىشىغا ئىمكان بەرمەي،يېنىدىن پىچىقىنى چىقاردى. پىچاقنى كۆرگەن ساقچى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتاجىددىي قارار ئېلىپ، كويزا سېلىشتىن ۋاز كەچتى-دە، ئۆزىنى يان تەرەپكە ئاتتى. يەر تۈزۈلۈشىمۇ دەريا دەرەپكە قىسايغانبولغاچقا، تېزلا سۇ يېنىغا چۈشتى. ئابدۇلھەمىد قارى قولىدىكى پىچاقنى ئۇنىڭغاتىقىش ئۈچۈن گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئېتىلاي دېيىشىگىلا، ئارقىدىكى يەنە بىرساقچى سەبدىشىغا يۈزلەنگەن خەتەرنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇنىڭغا قارىتىپ تەپكىنىبېسىۋەتتى! ئابدۇلھەمىد قارى توپتەك نەچچە قاڭقىپ، دەلدەڭلەپ بېرىپ، دەريانىڭئوتتۇرىغا يېقىن يەرگە چۈشتى. ئۇنىڭ جەسىدى بىر ئاز ئاققاندەك قىلدىيۇ، ئېقىننىڭئىچىدە چوقچۇيۇپ تۇرغان بىر تاشقا بېرىپ تاقىلىپ تۇرۇپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭدىنئېقىۋاتقان قىزىل قان مۇزدەك تاغ سۈيىنى قىزىلغا بوياشقا تىرىشىۋاتقاندەك،بەسلىشىپ ئېقىۋاتقاندەك قىلاتتى.
بۇ چاغدا K نىشانسىز ئېتىپ يەتتە تال ئوقىنى تۈگەتتى. ئۇنىڭدائارتۇق ئوقمۇ يوق ئىدى. ياخشى بولغىنى ئۇ بۇ ئېتىش خاسىيىتىدە دەريا بويىغاكېلىۋالغان ئىدى. ۋەزىيەتنىڭ چاتاقلىقىغا كۆزى يەتتى. ئۆزىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىدېگۈدەك دۈشمەننىڭ چاڭگىلىدا دېسىمۇ بولۇدۇغان ئارىلىقتا بولۇپ، Kنىڭ ئۇلارغاھىچقانداق ياردىمى تەگمەيتى. دۈشمەننىڭ دىققىتى ئۇلاردا بولۇۋاتقان پۇرسەتنىغەنىمەت بىلگەن K ئۆزىنى سۇنىڭ ئۇلۇق يېرىگە ئېتىپ، يېتىق ھالەتتەشىددەتلىك ئېقىۋاتقان دەريادا ئېقىپ، ئۇزاقلىشىپ كەتتى.
تاغ ئارىسىدا ئوقئاۋازلىرىنىڭ ئەكس ساداسى شۇنچىلىك شاۋقۇنلۇق ئاڭلىناتتىكى، گويا بۇ يەردە تۈمەنكىشىلىك بىر قوشۇننىڭ ئېلىشىشى بولۇۋاتقاندەك. خىتايلارنىڭ ساقچىلىرى مۇجاھىدلارغايېقىنلاپ، تىرىك تۇتۇشقا ئۇرۇنۇنماقتىدى. ئەمما ئۇلارمۇ بوش كەلمەي، قولىغا پىچاقئېلىۋالغاچقا، قورقۇپ يېقىن كېلىشەلمەي، ئېتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتاتتى.مۇجاھىدلارنىڭ مەخسىدىمۇ ئۇلارنى ئېتىشقا مەجبۇر قىلىپ شېھىت بولۇش ئىدى. چۈنكىقۇتۇلۇشتىن ئۈمىد يوق ئىدى. بۇ ھالدا تىرىك قولغا چۈشسە خىتايلارنىڭ قىيىنقىستاقلىرى فاشستلارنىڭكىدىنمۇ ئون قات ۋەھشىي ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. تىرىك قولغاچۈشمەسلىك ئەڭ ياخشى چارە ئىدى. شۇڭا ئۇلار پىچاقنى تۇتۇپ »كېلىشە لالما ئىتلار!« ۋارقىراپ ھەيۋە قىلىپ تۇراتتى.
— تىرىك تۇتۇش كېرەك! — دەپ ۋارقىرىدى خىتاي گو جىشەن.
— قولىدا پىچاق تۇرسا، قانداق يېقىنلىشىمىز؟
— قولىغا ئېتىپ، قولىنى ئۈزۈۋېتىڭلار! ئەمدى ئۇلارغاقولنىڭ لازىمى بولمايدۇ!
بۇ بۇيرۇقخىتاينىڭ ساقچىلىرىغا جۈرئەت بەردى. شۇڭا ئۇلار قولىغا ئاتتۇق دەپ قالايمىقانئېتىشقا باشلىۋىدى، قول بەدەنگە يېقىن بولغاندىكىن ئۇنى ئايرىم ئېتىش تەس بولۇپ،ئاتقان ئوقلار بەدەنلەرنى تىتىپ تاشلاپ، بىرنەچچەيلەن دەريا بويىدىكى دۆڭ سايازغايىقىلدى. پەقەت ساۋۇت مەرگەنلا ئىدرىسخاننىڭ پىچاق تۇتقان قولىنى بېغىشىدىنئۈزۈۋەتتى-دە، شۇئان تەييار تۇرغان يەنە بىر ئۇيغۇر ساقچى ئۇنىقۇچاقلاپلا تۇتۇۋالدى.
جەڭ ئاخىرلاشتى.تەڭسىز بىر سىناق مەيدانى ئىدى. بىر تەرەپتە ھەممە قورال بارىدى. بىر تەرەپتەبولسا بىر قول بومبىسى بىلەن بىر تاپانچىلا بارىدى. شۇندىمۇ تېخى قول بومبىسىپارتلىمىدى. تاپانچىدىكى ساناقلىقلا ئوق ھىچ نەتىجىسىز ئېتىلىپ تۈگىدى.تەربىيىسىز، مەشقسىز، تەجرىبىسىز مۇجاھىدلار خۇددى بىرنەچچە تال دان بىلەنلاقاپقانغا چۈشكەن قۇشقاچتەك، چىقىمسىز بىر شەكىلدە خىتايلارنىڭ ئوۋچىلىرى تەرىپىدىنئوۋلاندى. ئالتەيلەننىڭ قانچىسى ئۆلۈك؟ قانچىسى تىرىك بىلىپ بولمايتى. چۈنكىشۇئاندا ئۇلارنىڭ ھەممە يېرىدىن قان ئېقىۋاتقاچقا، ئۆلمىگەنلەرمۇ ھۇشىدىن كەتكەنبولۇشىدا گەپ يوق. بۇ ھالدا قانچە تىرىك بارلىقىنى كىم بىلسۇن؟
ئانا ۋەتەننىڭ ئەڭچوڭ دەرياسى بولغان تارىمغا بېرىپ قوشۇلۇدۇغان يەكەن دەرياسىنىڭ بۇ كىچىككىنەشاخچىسى ئوپران ئالتە مۇجاھىدنىڭ قانلىرىدىن قىزىل بولۇپ ئاقتى. بۇ قىزىل قانلاريەكەن دەرياسىغا، ئاندىن تارىمغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئانا دىيارنى سۇغۇرۇدۇ، چۆللەرگەسىڭىپ كېتىدۇ. تاغلار، بۇ سىدام تاغلار مۇجاھىدلارغا خائىنلىق قىلغانلىقىدىن خىجىلبولۇۋاتقاندەك مۇسىبەت ئىلكىدە ھوھۇلداپ تۇراتتى. بايىقى سۈرەن-شاۋقۇنلاردىن كېيىن ئەتراپتا جىم-جىتلىق ئۆز سەلتەنىتىنى يايغان ئىدى. بۇ جىملىقتا يالغۇز قېلىشىدىنئەنسىرىگەندەك، پۈتكۈل قاراقۇرۇمدا بىر ئۆكسۈش سېزىلەتتى. ئۇ سىدام بولۇپ قالغىنى،قىيالار، يارلار، ھاڭلار، ياكى چاتقاللار، دەرەخلەر بىلەن قاپلانمىغانسىداملىقىدىن بۇ جانلارغا زامىن بولغىنى ئۈچۈن ئۆزۈر سوراۋاتقاندەك قىلاتتى.شۇنداقلا پاك جانلارنىڭ روھىغا بىر تەسەللىي ئۇ تاغلارنىڭ ھوھۇلدىغان تىلىدىنتۆكۈلۈۋاتاتتى: »سىدام يۈزۈمدە يوشۇرۇنغىدەك يەر تاپالماي، مۇداپىئەگەقولايسىزلىقتىن ئەرزان كەتتۇق، قىيا تاشلار، ئورمانلار بولغان بولسا ھىچ بولمىسابىرەر ئىككى خىتاي ساقچىسىنىڭ جېنىنى ئېلىپ ئاندىن جان تەسلىم ئەتمەسمىدۇق، قانداقشۇم تاغلار بولغىيدىڭ دەپ ئاغرىنماڭلار، سىلەرنى بۈك-باراقسان جەننەتلەرنىڭ سەككىز دەرۋازىسىدىن چاقىرماقتا؛ ›ئەي پالانچى بۇ يەردىن كىر! ئەي پوكۇنچى بۇ دەرۋازىدىن كىر‹ دەپ تالىشىپ كېتىلىدىغاندەرىجىلەرگە ئېرىشتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەڭ يۈكسەك ماقام ئىلتىپات قىلدى« دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
قۇرئاندا »ئۆلمەيدۇ« دەپ كېسىپلا ئېيتىلغان شېھىتلارنىڭروھلىرى بولسا تاغلارنىڭ ئۈنسىز سادالىرىغا شۇنداق جاۋاپ بېرەتتى: »بىز شېھىت بولغانلىقىمىزدىن چەكسىز بەختىيارمىز، قىلغان ئىشىمىزدىنئۆكۈنۈشۈمىز يوق. پەقەتلا ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ھىچقانداق شىكەست يەتكۈزەلمەيئەرزان كەتكىنىمىز ئۈچۈن ئەپسۇسلۇنىمىز«.
ئانا ۋەتەننىڭتاغلىرى بىلەن ئانا ۋەتەننىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىنىڭ روھلىرى ئارىسىدا ئاشۇساماۋىي سۆھبەت بولۇۋاتقان چاغدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورقۇنۇچلىرى پەسكارىغاچۈشكەن، جىددىلىشىشتىن ئۆپكىلىرى ئېچىپ ھاسىراپ قالغان ساراسىمىلىك كەيپىياتلىرىمۇپەسەيگەن بولۇپ، ئەمدى ئۇلار غەلىبىلىرىنى خوجايىنلىرىغا مەلۇم قىلىپ، تاما قىلغانيۇندىلىرىنى ئىچىشكە ئالدىراشتى.
— ئۆلۈك-تىرىك ھەممىسىنىبېسىڭلار، ھىچنەرسە چۈشۈپ قالمىسۇن، — دېدى گوجىشەن.
— تېز، تېز! — دەپ بۇيرۇقنى يېڭىلىدى سىيىتھوشۇر. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بىر قوماندان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى ئىدى. شۇنداق دەپبولۇپ، خۇددى شەنى ئالغان نوچىدەك تايتاڭلاپ ماڭغاچ، بىرەر »خو« ئاڭلاش ئۈمىدىدە گوجىشەنگەقارىدى.
— 干的好! (ياخشى قىلدىڭلار) ، — دەپ ماختاپ قويدى ئۇمۇخوجايىنلارچە تەلەپپۇزدا رىغبەتلەندۈرۈپ.
ساقچىلارمۇجاھىدلارنىڭ جەسەتلىرىنى، لاكاسلاپ قالغان تەنلىرىنى، تەنلىرىنىڭ پارچىلىرىنى،سومكىلىرىنى تىك ئۇچارغا ئاپىرىپ باستى. شۇندىن كېيىنمۇ بۇيرۇق بويىچە جەڭمەيدانىنى چالا قويماي، غېرىچمۇ-غېرىچ ئارىلاپ،ھەر ئۇششاق تاشلار ئارىسىغا سىنچىلاپ، ھەر يەرنى ئوۋچى ئىتلىرىدەك پۇراپ تەكشۈرۈپچىقىشتى. ئاندىن تىك ئۇچار يېنىغا بېرىپ تىزىلىشتى. مۇئاۋىن بولۇش سالاھىيىتىبىلەن باشلىقىغا سىيىت ھوشۇر راپورت بەردى:
— گورۇپپىدىكى ھەممە جەڭچى ھازىر بولدى! ئۆلگەنلەر ۋەيارىلانغانلار يوق!
— ياخشى! ياخشى قىلدىڭلار ئەزىمەتلەر! پارتىيە ۋە ھەرمىللەت خەلقى سىلەرنىڭ قىلغان بۇ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىڭلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ! قېنى ئەمىسە ئاتلىنايلى!
ئەمدى ئۇلار تىكئۇچاردىن ئورۇن ئېلىشتى. شۇنچىلىك قىسقا مۇددەت ئىچىدە تاغ-جىرالارنى شاۋقۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان ئوپېراتسىيە ئاخىرلىشىپ،تىك ئۇچار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ئوپېراتسىيىنىڭ مۇزەپپەرلىرى يۈز-كۆزلىرى، ئۈستىبېشى مەينەت، مۇجاھىتلارنىڭ ئۈستىدىن يۇققان قانلار بىلەنئىپلاسلانغان بولۇشىغا قارىماي، چىرايىدىن غەلىبە شاتلىقى يېغىپ تۇراتتى. ئەمدىئۇلارنىڭ كېلىۋاتقىچە قىلىشقان شېرىن خىياللىرى تېخىمۇ كونكرېت تۈس ئالغان ئىدى. ئەمدىئۇلار بۇنداق خىياللارنى قىلىشقا، بولغۇسى نىمەتلەردىن ئاغزىنى تاتلىق قىلىشقاتامامەن ھەق قازانغان ئىدى.
ساۋۇت ئۆزىنىڭتۆھپىسىنىڭ ھەممىدىن زورلىقىنى ھىس قىلىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ بۇ يەردىكىھەممەيلەندىن ئىگىزلەپ كەتكەن ھىسىياتتا، ھەمرالىرىغا يوقۇرىدىن قاراپ، مەمنۇنىيەتبىلەن كۈلۈمسىرەيتى. ئۇنىڭ بىلەن قارىشىپ ئولتۇرغان شىياۋخۇ بولسا، »توۋا، ما ئايلامباشنىڭ ئەقلىنى! ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى ھىچ ئىككىلەنمەيلائاتتى-يا! شۇئاندا تېخى ئۇ قەھرىمان بولدۇم دېگەن تۇيغۇداشۇنچىلىك خوشال كۆرۈنۈۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ ئەگەر ئۇنىڭ قىلغىنىنى مەن قىلىپ قالغانبولسام ئىشىم پۈتۈتتى-دە. مەملىكەت بويىچە داڭقىمچىقاتتى. بۇ بىچارىگىمۇ بىر نەرسىلەر تېگەر، ئەمما، ئۇ بۇنىڭ نەقەدەر رەزىللىكئىكەنلىكىنى، ئۆز مىللىتىگە خائىنلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەمدىغاندۇ؟ ياكىچۈشەنسىمۇ، نەپسىنى دەپ قىلىۋېرەمدىغاندۇ؟ بىزدىمۇ بولمىغانمىدى، ياپونلاربېسىۋالغان چاغلاردا، ياپونلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغان خىتايلار ئاز ئەمەس ئىدىغۇ؟ئۇلارنى خەلق ›ياپونلارنىڭ لالما ئىتى‹ دەپ ئاتايتى. ئەمما بۇلارنى نېمەدەپ ئاتايدىغاندۇ؟ بۇلارنى لالما ئىت دەيدىغانلار بەك ئاز بولسا كېرەك. بۇئايلامباشلاردا ۋەتەن، مىللەت دېگەن ئۇقۇممۇ بەك تۆۋەنكەن ئەمەسمۇ، چوقۇم بۇلارنىبىز بىلەن ئوخشاشلا قەھرىمان دەپ بىلىدىغان بېشى ئايلىنىپ قالغانلىرى كۆپ ساندابولسا كېرەك. ئەگەر بىر كۈنلىرى كېلىپ، بۇ يۇرت بىزنىڭ مۇستەملىكىمىزدىن چىقىپكەتسە، ئۇ چاغدا بۇ سىيىت ھوشۇرلار، بۇ ساۋۇتلار نېمە ئاتاقلاردا تىلغا ئېلىنىشىنىئويلاپ كۆرەمدىغاندۇ؟« شياۋ خۇ ئۇيغۇر كادىرلارنى ئىلگىرىدىن بىلەتتى، ئەمما ئۇلارنىڭكۈلكە چىراي كۆرسۈتۈپ، خوشامەتگۇيلۇق بىلەن تۇرۇشلىرىنى ھارامزادىلىك، ئىچىدەخىتايلارغا ئۆچ، يالغاندىن ئاشۇنداق كۆرۈنۈدۇ، دەپ قارايتى. بۈگۈنكى ئەمەلىي جەڭئۈستىدە بۇلارنىڭ ئۇ قەدەر جان پىدالىق بىلەن، خۇددى بىكارغا تارقىتىۋاتقان مەلۇمبىر ماددىي مەنپەئەت تۈگەپ كېتىدىغاندەك ئالدىراپ، تالىشىپ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۆلۈمگەقاراپ يۈگرەشلىرىنى كۆرۈپ، بۇ خەقنىڭ نەقەدەر رەزىللىكىگە ھەيران قالغان ئىدى.ئاشۇنداق ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان روھى بار تۇرۇپ، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس،غالچىلىق بىلەن، خوجايىنلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشى ئۇنىڭغا تازىمۇ ئەقىل قوبۇل قىلغۇسىزتۇيۇلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئالدىدىكىلەرگە »ئەجەبا بۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەممۇ، يا باشقا مەخلۇقمۇ؟« دەپ ئىشىنەلمەيۋاتقاندەك قاراپ-قاراپ قويۇۋاتاتتى. »دېمەك مۇشۇنداقبىر توپ لالمىمىز بولۇپ تۇرۇدۇكەن، بۇ زېمىندا مەڭگۈ خوجايىن بولۇشىمىزدا گەپيوقكەن«، دېگەن كەسكىن قىياسقا كەلگەنىدى.
ئۈستى-ئۈستىگە دۆۋىلەنگەن ئۆلۈكلەرنىڭ يېنىدا ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگەيۆلەپ، يەرگىلا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان ئىدرىسخان، ئالدىراپ-تېنەپلا باغلاپ قويۇلغان قول بېغىشىنىڭ مېڭىنى زىڭىلدىتىۋېتىدىغانئاغرىقىدىن ھۇشىغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا تىك ئۇچاردائولتۇرغىنىنى كۆردى. ئۇ ئۆزىدىن باشقا ساق قالغانلار يوقتەك پەرەز قىلدى.قارشىسىدا ئولتۇرغان ساۋۇتنى تونۇدى. مۇشۇ ساۋۇت ئۆزىنىڭ مەرگەنلىك ھۈنىرىنى جارىقىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ پىچاق تۇتقان قولىنى بېغىشىدىن ئۇچۇرۇۋەتكەن ئىدى. بولمىسا ئۇمۇباشقىلاردەك شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن بولاتتى. ئەمدى تىرىك قېلىشنىڭ نېمىدىندېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئويلاشمۇ بىر دەھشەت ئىدى!
»بۇلار شۇنچە تېز، شۇنچە دەل قانداق يىتىپ كەلدى؟ تۈنۈگۈن بىزنى كۆرگەن ئادەملەرنىڭئىچىدە خىتايلار يوقتەك ئىدى، كىملەر مەلۇم قىلغاندۇ؟  بۇنچە چەكسىز تاغلىقلاردىكى چېگرىنى بىرنەچچەيەردىكى قاراۋۇل پونكىتى ئارقىلىق كونترول قىلىش مۈمكىن ئەمەس، خىتايلار ئاساسەنئۆزىمىزگە تايىنىپ بۇ مەخسەتكە يېتىدۇ. تۇتۇلغان ھىساپسىز مۇجاھىتلارنىڭ ھىچبىرىنىخىتاي ئەسكەرلىرى، ساقچىلىرى كۆرۈپ قالغان ئەمەس، شۇ تاغلاردا ياشايدىغان يەرلىككىشىلىرىمىز بايقىغان. ئۇلار نېمە ئۈچۈن؟ كىم ئۈچۈن دېگەن سوئاللارنى قويۇپ ئويلاپباقمايلا مۇشۇنداق ئىشنى قىلامدىغاندۇ؟ ئۇلار بىزنى ھەقىقەتەنمۇ خەلقنىڭ، ۋەتەننىڭدۈشمەنلىرى دېگەنگە ئىشەنگەچكە شۇنداق قىلامدىغاندۇ؟ قانداق دەھشەت! بۇ ئادەملەرنېمىنى ئۈمىت قىلىپ ياشايدىغاندۇ؟ ئۇلار بىزنى نېمە كۆرۈدۈغاندۇ؟« دەپ ئويلايتىئىدرىسخان. ئاشۇ مەلۇم قىلىپ قويغۇچىلار نېمىنى بولمىسۇن بىر نېمىنى ئويلىسىلاياخشىدىغۇ، ئەمما ئۇلاردا ئويلاشمۇ يوقىدى. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت، كۆز ئالدىدىكىدۇنيالا ھۆكۈمران ئىدى. ئۇلار كەم-كۇتىسىزماڭقۇرتلار ئىدى.
»ھەي، بىزغۇ نىمىلابولمىسۇن ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۈپتۇق، نېمە بولسا ئۆزىمىزنىڭ تاللىغىنى شۇ، بىچارەمەجىد تۇراپ ئاداشقا يامان بولۇدۇغان بولدى-دە! بالا –چاقىلىق ئادەمدى، ئائىلىسىۋەيران بولۇدۇغان بولدى! ئەمما ئۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. توغرا، ئۇنى بىلىدىغان بىرلامەن بار. ئەمما مەن تىرىك، مانا شۇنىسى يامان-دە! شۇڭا دەيمەن، بۇنداق ھايات قېلىشىمدىن ئۆلۈپ كەتكىنىم كۆپ ياخشىدى!ئاللاھ، ئۆزەڭ بىر چىقىش يولى بەرگىن. قىلغان ئەجرىمنى مۇناپىقلىق بىلەن ژۇيۇپتاشلايدىغان شەرمەندە بىر قىسمەتكە قويمىغىن ئاللاھ! مەن تىرىك قولغا چۈشتۈم،ئەمدى مەن بىلىدىغانلارنى دېمەي قۇتۇلالامدىم؟ مىڭ تۈرلۈك ئازاپلارغا چىدامدىم؟ئاللاھ مەدەت بەرسە چىدايمەن! ئەمما، ھەرخىل بىھۇش قىلىش ئۇسۇللىرى، جۆيلۈتۈشئۇسۇللىرى بارىمىش، ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلغىلى بولۇدۇ؟... مەجىد تۇراپتىن باشقانېمىنى بىلىمەن؟ ھىچنېمىنى! ماڭا رەھبەرلىك قىلغۇچىنى كۆرۈپ باقمىدىم، خۇداغاشۈكرى. بىلمەيمەن دېگىنىمگە خىتاي ئىشەنمەي بەرىبىر قىينايدۇ-دە!... «
»ئى،... زىلەيخاننېمە بولۇپ كېتەر؟ قانداق لىۋەن خوتۇن ئىدى. ئۇنىڭ بەلەنلىكىنى بىرلا ئۆزەمبىلىمەن-دە. مانا ئەمدى ئۇنىڭغا نېمە بولار؟ مېنى ساقلاپ ئۆمرىئۆتەرمۇ؟ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپلا كەتسە باشقا ئەرگە بېرىدۇ دېگەن گەپ! — ئۇنىڭ باشقا ئەرگە تېگىشىھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ئۇنىڭ يۈرىكىدە يانارتاغچە رەشق ئوتى ياقتىكى، تولغۇشۇپ كەتتى!ھەتتا قولىنىڭ ئاغرىقىنىمۇ ئۇنۇتقۇزۇۋەتتى! — ياق، زىلەيخان مېنى ساقلايدۇ. مەندېگەن ھەمزىنىڭ دادىسى تۇسام، بالىنى يىتىم قىلغۇسى كېلەمدا؟ ئەمما، بالىنى يىتىمقىلمايمەن دەپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈۋېتەمدا؟ ئۇ تېخى ئەمدىلا يىگىرمە ياشقا تولۇۋاتقانبىر غۇنچە تۇرۇپ، ئاشۇنداقلا سولۇشۇپ كېتەما؟ ياق، كونىدىن كېلىۋاتقان ئۇدۇم شۇ:ئاكىسى ئۆلسە، بالىنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن ئىنىسىگە نىكاھلايدىغان ئىش بار.بەلكىم ئىككى ئائىلىدىكىلەر ھەمزىنىڭ بەختىنى ئويلاپ، زىلەيخاننى ئىنىمگە نىكاھلاپقويامىكى؟« بەرىبىر ئۆزىدىن باشقا بىرىنىڭ زىلەيخانغا يېقىنلىشىشىنى ئويلىغىنىدا ئۇنىڭقەلبىدىكى رەشق ماگمىسى پارتلىماي قالمىدى! زىلەيخاننىڭ كېلىشكەن زىلۋا بويى،شەھەر ئاياللىرىنىڭ سۈنئىي ئىشلەملەر بىلەن چوقچايتىۋالىدىغان كۆكسىدەك، ئەمماھىچقانداق سۈنئىيلىك ئارىلاشمىغان كۆكسى، بويۇنلىرىنىڭ سۈزۈكلىكى، يىڭىچكە بەلدىنئۆتۈپلا بىردىن دومبۇيۇپ كۆتۈرۈلگەن تولۇق، بىجىرىم ساغرىلار ۋە ئۇنىڭ قان تومۇرلىرىكۆرۈنگىدەك سۈزۈكلىكىنى،...نى تەسەۋۋۇر قىلغىنىدا رەشقتىن ئۆرتۈنۈپ كەتتى.
»ھەمزە نېمە بولا؟ئۇنىڭ ئويۇنچىلىقى، ئەكىلىكى، ئادەمنى مەھلىيا قىلىپ ئۆزىگە ئامراق قىلىۋالىدىغانجىمىكى خۇلقى ئەمدى بەرباد بولاما؟ مەن نۇرغۇن يىتىملەنى كۆمۈدۈممۇ؟ ئۇلارنىڭساغىرىپ، بويۇن قىسىپ تۇرۇشلىرى، باشقىلانىڭ قولىدىكى يەيدىغان نەسىلەگە مۆلدۈلەپتىكىلىشلىرىنى كۆرمۈدۈممۇ؟ ھە،.... ئىسلامدىكى يىتىملەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، يىتىمگەتاماق بېرىش، يىتىمنىڭ بېشىنى سىلاش ھەققىدىكى تاپىلاشلارنىڭ ھىكمىتى بۇ يەردەئىكەن ئەمەسمۇ؟! كاشكى شۇ بىزنىڭ خەلق ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغان بوسىغۇ، دىنىمىزنىڭھەممە تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان بوسىغۇ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتىمۇ بولمايدىكەندۇق،ھەي،... ئەمما بىزنىڭ خەلق نامازنى بىر ئۇدۇم، ياكى كۆنۈپ قالغان ئادەت ھىسابىدىلاداۋام قىلىۋاتقان بىلەن، ئەمەلىيەتتە دىننى چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا ھەتتا بىزدەك ئاللاھيولىدا، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى كۆزلەپ، ئاشۇ مەزلۇم خەلقنى دەپ مۇشۇنداق كۈنلەرگەقالغىنىمىزنىمۇ چۈشەنگۈدەك ھالى يوق. خىتاي قىلغان تەشۋىقاتقا ئىشىنىپ، بىزنىيامان ئادەملەر دەپ قارايدۇ تېخى! ›سىڭگەن نېنىنىيېسە بولمامدۇ؟‹ دەپ ئەيپلىشىپ بېرىدۇ. ئەممائۇلار بىر مۇسۇلمان، كاپىرلار ۋەتىنىنى بېسىۋالغان ئەھۋالدا ›سىڭگەن نېنىنى يەپ‹ ئولتۇرسا گۇناھكار بولۇدۇغانلىقىنى، بەندىنىڭقۇللۇقىنى تەن ئېلىشنىڭ ئاللاھنىڭ قۇللۇقىنى رەت قىلىشقا بارابەر بولۇشىنىچۈشەنمەيدۇ ئەمەسمۇ!... ھەي، ھەمزە، ھەي ھەمزە، ھازىر نېمە قىلىۋاتىدىكىن؟ ئانىسىئورنىدىن تۇرۇپ ھويلا-ئارامنى سۈپۈرۈپ، سۇ سېپىپبىكار بولغۇچە ئۇخلايدىغان، بەلكىم، بۇ ئۇلارنىڭ ناشتا ۋاقتىغۇ دەيمەن؟ ياق، بىزجەڭ بىلەن بولۇپ ۋاقتنىمۇ ئۇنتۇپتۇق، ئاللىقاچان قوزاچۈش ۋاقتى بولۇپ قالغاندەكتۇرۇدۇ. ھە بۇ چاغدا ھەمزە نېمە قىلاتتى؟ ئانىسىچۇ؟ زىلەيخان مالغا ئوت ئالۇدۇ،ئوت سالۇدۇ، سۇ بېرىدۇ،... شۇنىڭدەك باشقا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ. ئانىسى ئۆيئىشلىرى بىلەن بولۇۋاتقان چاغلاردا ھەمزە بەزىدە ھويلىدا ئۆمۈلەپ يۈرۈدۇ، ياكىسۇپىنى تۇتۇپ مېڭىپ يۈرۈدۇ. يىقىلىپ قوپۇپ، ئۈستىبېشى توپا –تەرەت، ئاللا-ئاللا، يېزىنىڭ بالىسى-دە! قانداق تاتلىق. توپا-چاڭغا مىلىنىپكەتكەن يۈزلىرىمۇ شۇنداق ئوماقتى-دە جانۋارنىڭ!ئانىسىچۇ، خۇددى ئۇنىڭغا ئوخشاش، ئانىسىمۇ شۇ، پەردازنى بىلمەيدۇ، سەھراچە، يۈز-كۆزى كۈيە، توپا ياكى ئوتنىڭ كۆكى چىقىپ قالغان، شۇنداق بولسىمۇ شۇنداقيېقىملىق،... — ئىدرىسخاننىڭ ھەمزىدىن باشلىغانخىياللىرى قاناتلىنىپ، ھەرتەرەپكە ئات چېپىپ كەتكەن ئىدى. بۇنى كېيىن سەزگەنئىدرىسخان، قايتىدىن ھەمزە ھەققىدە ئويلاپ، ئۇنىڭ ئىشىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقاتىرىشىپ باقماقچى بولدى، گويا ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلىشقا قۇربى يېتىدىغاندەك! — ئانىسى ھەمزىگە ›داداڭ ساڭا بازاردىن ئويۇنچۇق ئەكىلىدۇ‹ دەۋاتامدىغاندۇ؟ مېنىڭ بازاردائەمەس، مازاردا ئىكەنلىكىم ئۇخلىسا چۈشىگە چىمەيدۇ-دە، ئۇلانىڭ. ئاڭلىسا قورقۇپ ژۈرىكى چىقىپ كېتە! ھەي، شۇ ھەمزىنى دېگەندەيەنىلا زىلەيخاننىڭ ئىنىمگە ياتلىق بولۇشى ئەڭ ياخشىسىدەك تۇرۇدۇ. بۇ ئىشلا بولۇپبولغاندا مەن قۇتۇلۇپ چىقىپ قالسام نېمە بولۇپ كېتە؟ ياق، مۈمكىنما؟ مۇشۇ خىتايلامېنى قويۇۋېتەما؟... «
تىك ئۇچارقاراقۇرۇم تاغلىرىدىكى قورقۇنۇچلۇق داۋانلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، دەسلەپكىيۇرتلار ئۈستىدە كېتىۋاتقاندا، ئىدرىسخاننىڭ كۆزى ئىختىيارسىز ھالدا پەستەكۆرۈنۈۋاتقان ئېتىزلار، يوللار، ئورمانلار بىلەن زىننەتلەنگەن ئېرىقلارغا چۈشتى.بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى رەڭلىك قېرىنداش بىلەن قەغەزگە سىزغان رەسىمدەكلاكۆرۈنەتتى. ئېتىزلاردىكى زىرائەتلەرنىڭ رەڭگى ياكى زىرائىتى ئورۇۋېلىنغان ئېڭىزلىقلاربويىچە ئايرىلىپ، خۇددى يېشىل مەخمەلگە سېرىق تاۋاردىن ياماق سالغاندەك؛ ياكىسېرىق تاۋار يوتقانغا يېشىل مەخمەلدىن ياماق سالغاندەك كۆرۈنەتتى.
»ئۇششاقباشنىڭئاسمىنىدىن ئۆتتۇقمىكىن؟« دەپ ئويلىدى ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا. ۋە يۇرتىنىئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئىستىكىدە كۆزلىرىنى پەستىن ئالماي تىكىلىپلا قالدى.ئەسلىدە ئۇ يۇرتىنىلا ئەمەس، ئۆزى ئۆسكەن ئاشۇ ئەسكى كېسەك ئۆينى، ھويلىدا يۈرگەنبولسا ئۆيدىكىلەرنى، زىلەيخاننى، ھەمزىنى كۆرۈۋېلىشنى تاما قىلاتتى. خۇددى بۇئىگىزلىكتىن پەستىكى ئادەملەرنى كۆرگىلى، تونۇغىلى بولۇدۇغاندەك! ئۇ ئۈمىدىئەمەلگە ئېشىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بىلەن لەرزىگە كەلدى. چىدىغۇسىز ئاغرىپتۇرۇۋاتقان قولىنىڭ ئاغرىقىنى يەنە بىر كەررە ئۇنتۇپ قالدى! ئۇ ئۇششاقباشنى تونۇپقالغان ئىدى! شۇڭا ئۇ ئەمدى باشقا ئارزۇلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا ئاشىدىغاندەك بېشىنى تېخىمۇ پەسكە ئىگىپ، ئۆيىنى ئىزدەشكەباشلىدى، ئۆيىنى تېپىۋالسىلا ھويلىدا ھەممەيلەن ئۇنى كۈتۈپلا ئاسمانغا قارىشىپتۇرغاندەك بىر ئەخمىقانە ھىس بارىدى.
2
زىلەيخان كۈندىلىكئادەت بويىچە قوزا چۈش مەھەلدە ئۇلاغلارنى سۇغۇرۇپ، ئوقۇرلارغا ئوت سېلىش ئۈچۈنھويلىغا چىقتى. ھەمزە پاچىقىغا ئېسىلىپ ئەركىلەپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇنى كۆتۈرۈپچىقتى. تالادا كۆيدۈرگۈچى چېقىر ئاپتاپ قايناپ كەتكەن ئىدى. بالىنى ھويلا سۇپىسىتۈۋىدە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن گەپلەشكەچ ئىشىغا تۇتۇندى.
— مېنىڭ بالام بەك ئەقىللىق، خاپا قىلمايدۇ، ئۆزى ئويناپتۇرۇدۇ، مەن ئىشىمنى تۈگۈتۈپ بالامنى ئوينۇتۇمەن، — زىلەيخان سۇپا تۈۋىدىن قوتانتەرەپكە يىراقلاپ كېتىشى بىلەنلا ھەمزە يىغلاشقا تەمشەلدى. سۇپىنى تۇتۇپ بىرئۇياققا، بىر بۇياققا مېڭىۋاتقان بالا، قانداق قىلسىمۇ ئانىسى تەرەپكەكېلەلمەيۋاتقىنىنى چۈشەنمەستىن جىلى بولغانىدى.
— مانا ھازىر كېلىمەن، جېنىم بالام، بىردەم ئويناپتۇر، — زىلەيخان ئۇنى بىردەم گوللاپ،ئىشىغا داۋام قىلدى.
زىلەيخاننىڭئىشىمۇ تۈگەپ تۇرۇشىغا، ھەمزە سۇپا تۈۋىدە سەندىرەكلەپ، سۇپىنى تۇتۇۋېلىشقائۈلگۈرمەي، بۇ ياق تەرەپكە يىقىلىپ، يىغلاپ كەتتى.
— خاپا بولما، بالام، ئاناڭ ئەسكى، خاپا بولما، — دېدى زىلەيخان يۈگرەپ كېلىپ، ۋەبالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ شېرىن ئەركىلىتىشلەر بىلەن بەزلەشكە تىرىشتى، — بالامنىڭ دادىسى بازاردىن ياخشىئويۇنچۇق ئەكىلىدۇ، بالام ئوينايدۇ، ساڭا ماشىنا ئەكەلسۇنمۇ بالام؟ ھويلىدا ھەيدەپئوينامسەن؟ — زىلەيخان بالىنى قۇچىقىدا ئىككىيانغا چايقاپ گول قىلغاچ، ئويۇنچۇق ھەققىدە ئويلاپ قالغان ئىدى. »ھەي ي، ئەتتىگەن ئاۋۇ كۈنى نېمىشكە بالىغا ئويۇنچۇق ئالغاچ كېلىڭلا دەپبۇيرۇمۇغاندىمەن؟« دەپ ئۆكۈندى ئۇ. ئەمما تېزلا، »ئۇ چوقۇم بىر نەرسە ئېلىپ كېلىدۇ، بالىسىنى يەپ قويغۇدەك ياخشى كۆرۈدۇئەمەسمۇ، چوقۇم بىر نەرسە ئەكىلىدۇ« دەپ ئىشەندى. دەل شۇ چاغدا قاراقۇرۇم تەرەپتىن تىكئۇچارنىڭ ئاۋازى غوڭۇلداپ ئاڭلىنىپ، ئارقىدىن ئاق بۇلۇتلار پاختىدەك تازا، توپ-توپ لەيلەپ يۈرگەن، ئەمما بۇلۇتسىز يەرلىرى زەڭگەررەڭ كۆك ئاسماندا بىر تىكئۇچار پەيدا بولدى. زىلەيخاننىڭ ئويۇنچۇق ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىغا ئەمدى كونكرېت بىرنەرسە قوشۇلغان ئىدى، — قارا، بالام، كۆردۇڭمۇ ئۇ تىك ئۇچارنى؟ سەنمۇ تىكئۇچاردا ئۇچامسەن؟ داداڭ ساڭا تىك ئۇچار ئەكىلىدۇ، سەن ئۇنى ھويلىدا ئۇچۇرۇسەن، — دېدى ۋە بالىنىڭ قولىنىڭبېغىشىدىن تۇتۇپ ئىگىز كۆتۈرۈپ، — ھەي، ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلار! — دەپ توۋلاپ، بالىنىڭ قولىنىپۇلاڭلاتتى، — مەنمۇ بىر كۈنى ئۇچۇمەن،سىلەردىنمۇ ئىگىز ئۇچالايمەن! — بالا ئۈچۈن، ئۇنىڭ تىلىدا بۇ خىتاپنى قىلىپ، يىغىدىنتوختاپ دىرىڭلاپ، ئەركىلەشكە باشلىغان ئوغلىنى باغرىغا باسقىنىچە، ئۇنى ئۇخلۇتۇپقويۇش ئۈچۈن ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى.
»تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى« تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان »بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىلى« ناملىق كىتاپچىدا بېرىلگەن ئاخباراتلار ئاساسقىلىندى.
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى


   [1] دوبەن — خىتايچە (道班) نىڭ بۇزۇلغان شەكلى بولۇپ، يول ئاسراش نۇقتىسىنىبىلدۈرىدۇ، —ئا.

   [2] كالاشنىكوۋ — مىخائىل تىموفىيۋىچ كالاشنىكوۋ — 1919-يىلىئالتاي رايونىدا تۇغۇلغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قورال مۇتىخەسىسى، بۇ يەردەئۇ كەشپ قىلغان ئاپتومات كۆزدە تۇتۇلۇدۇ. بۇ تۈردىكى ئاپتوماتAK-47  دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرنەچچە قېتىملىق ئىسلاھ قىلىشلاردىن كېيىن 1947-يىلىئاخىرقى شەكلىنى ئالغان. ئەللىكىنچى يىللاردا بارلىق كوممۇنىستدۆلەتلەر قورال تۈرلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇرۇش پەيتلىرىدە ئۆزئاراماسلىشىشقا پايدىلىق بولۇدۇغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ خىل قورالنىڭئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىنى خىتايغىمۇ بەرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىتاي ئارمىيىسىنىڭئاساسلىق قوراللىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى، — ئا.

    [3] كالاشنىكوۋنىڭ ئېتىش فونكىسىيىسىدە كۆرسۈتۈلىشىچەمىنۇتتا 600 دىن 650 تالغىچە ئوق چىقىرىدۇ، — ئا.

   [4] بىلال — رەسۇلىللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن. قارا تەنلىك مۇسۇلمان. نەبەۋىيمەسجىدىنىڭ تۇنجى مۇئەززىنى، ھايات ۋاقتىدىلا جەننەتتىن خۇشبىشارەت بېرىلگەنساھابىنىڭ بىرى، —ئا.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 20:16 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.193443 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش