تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2451|ئىنكاس: 0

خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

7

يازما

122

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
122

خىتاي-ھىندىستانمۇناسىۋەتلىرى ئىزچىل يامان بولۇپ كەلدى. 1962-يىلىدا بۇ زىددىيەت ئۇرۇش قىلىشدەرىجىسىگە يەتتى. شۇ قېتىم خىتايلار ئاقساي رايونىنى ئىشغال قىلدى. بۇنىڭ بىلەنخىتاي-ھىندىستان ئارىسىدا ھەل قىلىش قىيىن بولغان زىددىيەتنىڭ ئۇرۇقلىرى تېرىلغانبولدى. بۇندىن باشقا خىتايلارنىڭ يالۇزاڭبۇ دەرياسىنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇش پىلانىھىندىستان ئۈچۈن ھاياتى تەھلىكە تەشكىل ئېتىدىغان قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتلەرنىكەلتۈرۈدۇغانلىقى يېقىدىن، ھىندىستاننى تېخىمۇ تېرىكتۈرمەكتە. يەنە تېخى خىتايلاربۇتان، سىككىم، نېپال ئەتراپلىرىدا مۇخالىپ كۈچلەرنى قوراللادۇرۇپ، پارتىزانلىقتەشكىللەشتەك ئاغدۇرمىچىلىق ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ھىندىستاننى بىر چوڭ ئۇرۇشپاتقىقىغا سۆرەپ كىرىشكە ئۇرۇنماقتا. ھىندىستان بىلەن بولغان ئىت-مۈشۈك زىددىيىتىتۈپەيلى، خىتايلار پاكىستاننى ئۆزىگە دوست تۇتتى. ھەتتا تارىختا قاغىلىقناھىيىسىگە باغ تاپشۇرۇپ كەلگەن بەزى چېگرا يېزىلارنى پاكىستانغا بېرىۋەتتى.پاكىستاننىڭ كەشمىر مەسىلىسىدىكى ھىندىستان بىلەن بولغان زىددىيىتى خىتاي ئۈچۈنتېپىلغۇسىز ئەنگۈشتەر ئىدى. شۇڭا تارىختىن بېرى پاكىستاننى قورال سۈپىتىدەقوللۇنۇپ، ھىندىستاننىڭ خورىكىنى بېسىپ كەلدى. »پاكىستان مۇجاھىدلىرى«نى قوراللاندۇرۇپ، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىركەئىچكىرىلەپ كىرىپ پارتىزانلىق ھەركەتلىرى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ياردەمچى ۋەكۈشكۈرتكۈچى بولدى.
ئۆز ۋاقتىدىكىسوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە كۆرۈلگەن كىرىزىس تۈپەيلى، رۇسىيە ھىندىستان تەرىپىنىتۇتتى. شۇنداق قىلىپ، ئىككى چوڭ كۈچ، ئىككى ئىتتىپاقدىشىنى قوللاشتامۇسابىقىلاشتى. بۇ مۇسابىقە بۇ ئىككى دۆلەتنى ئاتوم بومبىسى بىلەن قوراللاندۇرۇشدەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.
ئەمدى نۆۋەتتىكىۋەزىيەتتىن پوروخ ھىدى تېخىمۇ كۈچلۈك پۇرىماقتا. خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ پاكىستانكونتروللۇقىدىكى كەشمىردە بولۇشى بۇ ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇ ئۇرۇشھەركىتى پاكىستان قولى ئارقىلىق قىلىنىشىمۇ، خىتاي بىۋاسىتە سەھنىگە چىقىپ قىلىشئىھتىماللىقى بولغان بىر خىل ئۇرۇش بولۇشىمۇ مۈمكىن. نېمىكلى بولمىسۇن ئۇرۇشنىڭپاكىستان زېمىنىدا بولۇشىدەك پاكىت، پاكىستاننىڭ ئەسلىدىمۇ نامرات بولغانئىقتىسادىي ئەھۋالىدا ھالاكەتلىك كىرىزىس يارىتىشى، بۇ تۈپەيلى خىتايغا تېخىمۇ چىڭبېقىنىشى مۈمكىن.
كىلاسسىك سىياسىيتۇتۇم ياكى ئەقەللىي سىياسىي ساۋات شۇكى، دۈشمەننىڭ دۈشمىنىنى ئىزدەپ ئىتتىپاقچىقىلىش، ياكى كۈشكۈرتۈپ، ياردەم بېرىپ، دۈشمەنگە قارشى سېلىش ئومۇمىي بىر ئادەت.ئەمەلىيەتتە خىتاي-پاكىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ خاراكتېرىمۇ شۇ.
ئەمدى ھىندىستانتەرىپىدىن مەسىلىگە قارالغاندا، ھىندىستان خىتاينىڭ دۈشمەنلىرىنىئىزدەۋاتامدىغاندۇ؟ ئادەتتىكى تەجرىبىلەردىنمۇ بىلگىلى بولۇدۇكى، ئىزدىمەيقالمايدۇ! ھىندىستان قۇرۇلغان كۈندىن ئېتىبارەن خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ چەتئەلگەقېچىشىدا ساھىپخانلىق رولى ئوينىغان ئىدى: دالاي لامانى ئۇلار كۈتۈۋالغان،ئورۇنلاشتۇرغان؛ شەرقىي تۈركىستان قاچاقلىرىنىمۇ ھىندىستان كۈتۈۋالغان: ئىسايۈسۈپنىڭ ئەسلىمىسىدىن قارىغاندا ئۇلار لاداخ يولى ئارقىلىق كەشمىرگە ئۆتكەندەھىندىستان ھۆكۈمىتى تىك ئۇچار ئايروپلان ئەۋەتىپ، ئۇلارنى سىرىناگار شەھرىگە ئېلىپكېلىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان قاچاقلىرى ھىسىياتقا بېرىلىپكېتىپ تۈركىيەگە كەتمىگەن بولسا، ھىندىستاندا تېخىمۇ ياخشى داۋا شارائىتىغا ئىگەبولۇشىمۇ مۆلچەرلەشكە بولۇدۇغان ئەمەلىيەت ئىدى. چۈنكى دۈشمەننىڭ دۈشمىنىلا ئىشەنچقىلغىلى بولۇدۇغان ئىتتىپاقچى بولالايدۇ. دۆلەتنىڭ ھىسىياتقا باقمايدىغانلىقىدىنئىبارەت رىياللىق شۇنى كۆرۈۋېلىشىمىزغا ئىمكان بېرىدۇكى، تۈركىيەدە بۇنداق بىر مەۋجۇتلۇقھاۋاسى تاما قىلىنمىسىمۇ بولۇدۇ. بۇ خۇددى ئەپەندىمنىڭ ئۆيدە يۈتتۈرۈپ قويغان ئۈزۈكىنىكوچىغا چىقىپ ئىزدىگىنىدەك بىر ئىش.
1997- يىلى غۇلجىداقىرغىنچىلىق بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى خەۋەرلەر گېزىتلەردە باش خەۋەربولۇپ قالغان مەزگىللەردە ئىستانبۇلدىكى ھىندىستان كونسۇلخانىسى شەرقىي تۈركىستانفوندى جەمىيىتىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ياردەم كېرەكمۇ؟ دەپ چېكىپ بېقىشقان ئىدى. ئەمما »چېكىش«تىن چىققانسادا »جىرىڭلاش« بولماي، »بوكۇلداش« بولغانلىقتىن ئۇلار ئۈمىتلىرىنى ئۈزۈپ قايتىپ كەتكەن. ئاڭلىشىمچەئۇلار كېيىنكى چاغلاردا قەيسېرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىگىمۇ بېرىپتۇ؛ چېكىپ بېقىپتۇ.ئەمما، قېرىشقاندەك، بىزدە راستىنلا ۋەتەن ئۈچۈن كۆرەش قىلىش روھى بار ئىنقىلاپچىلارنىڭبولماسلىقى ياكى ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تەشكىلاتلاردا ئاۋازغا ئىگە ئەمەسلىكى تۈپەيلى،مانا شۇنداق تەييار ياردەم قولىمىزنىڭ ئارقىسى بىلەن ئىتتىرىلىپ، بىز بولساقئەپەندىمچە »ئۈزۈكئىزدەش«نىداۋام قىلىپ كېتىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلىنى چۈشەنمىسەك قانداق بولۇدۇ. ئۇلارنىڭئائىلە بالا – چاقىسى بۇ يەردە تۇرسا، ھىندىستاندا نېمە بار؟ ئۆزى خاتىرىجەمبولماي تۇرۇپ ئىنقىلاپ قىلغىلى بولامدۇ؟ مانا شۇنداق! قىلىۋاتقان »ئىنقىلاپ«ىمىزئەسلىدە بىر خىل ئالدامچىلىق (ئۆز-ئۆزىنىمۇ، خەلقنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئالداشتىنئىبارەت) بولغاچقا، مانا شۇنداق كېتىۋاتىمىز-دە!
داۋا — بىز قەيەردەتېخىمۇ بەك ئوبدان جايلىشىپ، خاتىرىجەم ياشايمىز؟ دېگەن شەرتلەر ئاساسىدىكىتاللاشتا تاللىۋېلىنغان دۆلەتلەردە ئەمەس، كىم خىتاينىڭ دۈشمىنى؟ دېگەن تاللاشئارقىلىق تاللىۋېلىنغان دۆلەتلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈدۇ. ئەگەر بەك ياخشى كۆيۈمچانبىر دۆلەت تېپىلغان، بىزگە ياردەم بېرىشنى خالىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ دۆلەت ئەگەربىزگە چېگرىداش بولمىسا بۇنداق ياردەمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەقىقەتەنمۇ بەك تەس. بۇدۆلەت چوقۇم چېگرىداش دۆلەتتىن تىرانزىت ئۆتۈش ھوقۇقى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا مەجبۇربولۇدۇ. يەنى ئەگەر ئامېرىكا بىزگە ياردەم بېرىشنى خالىغان تەقدىردە يا پاكىستان،يا ھىندىستاننى ماقۇل كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولۇدۇ (قازاقىستان، قىرغىزستان،تاجىكىستانمۇ بولۇدۇ). ئەمما شۇئاندا بولسا ھىندىستاندەك بىر دۆلەت نەق، ئەمما بىزنېسىدىن تامادا بولۇپ، غەرپتە تەمتىرەپ يۈرۈپتۇمىز.
بۇ نەزەرىيە ۋەئەمەلىيەتلەر شۇنى ئۇقتۇرۇدۇكى، خىتاينىڭ دۈشمەنلىرى قانچە كۆپەيسە، بىزنىڭئىتتىپاقچىلىرىمىز شۇنچە كۆپۈيۈدۇ. ئەمما ۋەزىيەتنى ئۇشلىيالىساق، كېلىۋاتقانئامەتنى بىلەلىسەك بولۇدۇ. ئەگەر سىياسىينىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئەمەس، ھىسىياتقاكۆرە مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىدىغان بولساق، بۇنداق تەبىئىي ئىتتىپاقداشلارنىڭكۆڭلى لەت يەپ، بىزنىڭ نەقەدەر يارىماس، ئەقىلسىزلىقىمىزغا ئىچىدە كۈلۈپ، ھەتتاقايتا ئېسىگىمۇ ئالمايدىغان بولۇپ غايىپ بولۇشى چوقۇم. ئەگەر مۇشۇ كۈنلەردە بىزنىڭبىرەر دىپلوماتىيىگە پىشقان، دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ-قوپۇشالايدىغانتەشكىلاتىمىز ۋە لېدىرىمىز بولغان بولسا چوقۇم ئاللىقاچان ئۇلار دەرۋازىمىزنىقېقىپ، بىزنى غىدىقلاپ باققان بولاتتى. ئەمما تارىختا قىلىنغان »بالىلىق« خاتالىرىمىز تۈپەيلى بىزدىن ئۈمىت كۈتكىلى بولمايدىغانلىقىنىبىلگەچكە ئەمدى ئۇلار بىزنى ئىزدىمىسە كېرەك. ئەللىكىنچى يىللاردىن بېرى ۋەتەنسىرتىدا »داۋا« كېتىۋاتقانتۇرسا، نېمىشكە بۇ داۋاچىلارنىڭ خىتاينىڭ بىردىن-بىر چوڭ دۈشمىنى بىلەن ئالاقىسىبولماي كەلگەنلىكى بىزنىڭ سىياسىي ساۋادىمىزنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنىچۈشەندۈرۈش بىلەنلا قالماي، تارىختا بىز بىلمىگەن نۇرغۇن قېتىملىق سەتچىلىكلەرنىڭبولغانلىقىنى — »نادانغابەرگەن ئېسىت كۆڭلۈم« شەكلىدىكى لەت يېيىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈنھىندىستاننىڭ بىزگە كۆزىگە ئىلىش پوزىتسىيىسىدىمۇ بولمايۋاتقانلىقىنى ئەلەم ئىچىدەكۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.
بۈگۈنكىدەكخىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن ھاللاردا — سىياسىدىكى نورمال ۋەئەقەللىي ئويۇنلارنىڭ بىرى شۇكى، ھىندىستان دەرھال خىتاينىڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرىگەيېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىندۈرۈپ، خىتايغا ئاگاھ بېرىدۇ: مەسىلەن ئۆكتىچىلېدىردىن بىرىنى ھىندىستانغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلىدۇ؛ بۇنىڭغىمۇ خىتايدىنتېگىشلىك جاۋاپ ئالالمىسا (ئىجابىي نەتىجە كۆرۈلمىسە) بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ، ئۇنىڭئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ئاشكارا بايانات بېرىش،ھەتتا بەزى ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەندۈشمىنىگە بېسىم ئىشلىتىدۇ. ھىندىستاننىڭ بۇنداق بىر تۇتۇم ئىپادىلىمەيۋاتقانلىقى،بىزدىن بىزار بولغانلىقىنىڭ، »سەنلەرگەۋەتەن لازىم ئەمەس خەقكەنسەن، بەرىبىر كارغا كەلمەيسەن!« دېگىنى بولساكېرەك.
خەلقارامۇناسىۋەتلەرگە دىققەت قىلىدىغان كىشىلەر سېلىشتۇرۇپ ئويلۇنۇپ باقسا بولۇدۇ. ئەگەربىزدە ياراملىق بىر لېدىر بولمىغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىمىزغا،قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرالايدىغان قەھرىمانلىقىمىزغا ئىشەنچ قىلالىسىلا، بۇنداقدۆلەتلەر ھەتتا لېدىرنى ئۆزلىرى يېتىشتۈرىشى مۈمكىن. چۈنكى دۆلەت دېگەننىڭ »قولىنى نەگە ئۇزاتسا يېتىدىغان« ئىمكانلىرىبار. لېدىرنى، ئاندىن بىر تۈركۈم پىدائىيلارنى يېتىشتۈرۈپ، خىتاينى راھەتسىزقىلىدىغان، ھالسىرىتىدىغان كىچىك تىپتىكى قارشىلىق ھەركەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى مۈمكىنئىدى. ئەمما بىزنىڭ چۆگۈلۈتۈپ قويۇپ بېرىلگەندەك بىر خەلق ئىكەنلىكىمىز، بولۇپمۇچەتئەلگە چىققانلىرىمىزنىڭ ئۆز خىيالىمىزغا پاتقان، ئۆز كاللىمىز ئىچىدەشەكىللەنگەن تار بىر دۇنيانىڭ پاتقاقلىرىغا پېتىپ ياشايدىغان، دۇنيادا ئەمەس، ئۆزۋەتىنىمىزدە نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ، خىتاي نېمە قىلماقچى، بۈگۈنكى ئەھۋالنەدىن-نەگىچە؟ ئەتە نېمە بولۇدۇ؟ مىللەتنىڭ تىلى ۋە دىنىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇمنىڭئاقىۋىتى مىللەتنىڭ يوقۇلۇشىمۇ ئەمەسمۇ؟... ھىچنەرسىنى ئويلاپمۇ باقماستىن غەلىتە،مەتۇلارچە خاتىرىجەملىك بىلەن يەككە تىپلىق ھايات لېنىيەسى سىزىپ كېتىشىدىغان بىرخەلق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنلىكى مانا دەپ تۇرۇپتۇ.
مۇشۇنداق ئەھۋالدانېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
ئەگەر ھەقىقىيۋەتەن مىللەت مەنپەئەتى ئۈچۈن مەۋجۇتمىز دەيدىغان تەشكىلات ھىندىستاننىڭ ئىشىكىنىقېقىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن ئادەم تەربىيىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى، كىچىك تىپتىكىقارشىلىق ھەركەتلىرى، بۇزغۇنچۇلۇق ھەركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ماھارەتلىكگورۇپپىلارنى تەربىيىلەپ بېرىشنى، بۇنىڭغا كېرەكلىك تېخنىكا، ئەسلىھە بىلەنتەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. شەخسنىڭ بۇنداق تەلىپى قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكىبىر دۆلەت پەقەت تەشكىلاتلار بىلەنلا مۇئامىلە قىلىدۇ. (بۇنىڭدىن يەنە خىتاينىڭنېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى كونترولى ئاستىغا ئېلىۋالماستىن ئارامتاپالماسلىقىنىڭ سەۋەپلىرىنىمۇ كۆرۈۋالالايمىز.) ئەمما تەشكىلات فونكىسىيىسىنىڭجانلىق ھەركەتچانلىقى، لېدىرنىڭ سەۋىيەسى ھىساپقا ئېلىنىپ، ئاندىن بۇنداق تەلەپكەئىجابىي جاۋاپ بېرىلىشى مۈمكىن. »گولچامغۇر«دەكھاماقەت بالىغا بىر دۆلەتنىڭ ياردەم بېرىشى، بۇنداق بىر ساپاسىز بىرسى ئۈچۈندىپلوماتىك سەتچىلىككە قېلىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلىشى مۈمكىن ئەمەس.
بۇمۇ مۈمكىنبولمىغاندا، تېنچلىقچىلىق كېسىلىمىز (توغرىسى قورقۇنچاقلىقىمىز) سەۋەپلىك بۇنداقبىر تەشكىلات چىقمىسا نېمە قىلغۇلۇق؟ (بۇنداق بىر تەشكىلات ۋە داۋاغا لايىق ساپاسى بار لېدىرنىڭ يوقلۇقى ھەممىمىزگەئايان)
ئۇ ھالدا بىزھازىرنىڭ ئۆزىدە ھىچنېمە قىلالمايمىز. پەقەت خىتاي-ھىندىستان ئارىسىدا رەسمىيئۇرۇش پارتلىشىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق ئەھۋالدا ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلۈشكە مەنتەييار دەپ ئاتىدىغان پولىرىمىز راست بولسا، ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكىھىندىستان ئەلچىخانىلىرى، كونسۇلخانىلىرىغا بېرىپ، ھىندىستان سېپىدە خىتايغا قارشىسوقۇشقا پىدائىي بولۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى مەلۇم قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ بىلەنۋەتىنىمىز ئازات بولمىسىمۇ، ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي دۈشمىنىمىز بولغان خىتايلارغازەربە بەرگىلى بولۇدۇ، يىغىلىپ قالغان قىساسلىرىمىزدىن بىرقىسمىنى بولسىمۇئالالايمىز، بىر ئاز بولسىمۇ پۇخادىن چىقىۋالىمىز؛ ئۆزىمىزنىڭ قۇربان بېرىشكە جۈرئەتلىكخەلق ئىكەنلىكىمىزنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە، دۈشمەنلىرىمىزگە كۆرسۈتۈپ قويالايمىز؛ئازاتلىقىمىز ئۈچۈن جان بېرىشكە چىدايدىغان جاسارىتىمىز بارلىقىنى نامايانقىلالايمىز؛...
بۇنىڭ ھىندىستانغاقانچىلىك پايدىسى بولۇدۇ؟ بۇنچىلىك ئەرزىمىگەن ياردەمنى ھىندىستان قوبۇل قىلىشىمۈمكىنمۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە جىددىي تەرەپ. ھىندىستاننىڭ دىققىتىنى قوزغاش، جىددىيمۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر قىلالايدىغان بىر ۋەزىيەت — كەيپىيات يارىتالىشىمىزغاباغلىق: بارلىق ئۇيغۇر بار دۆلەتلەردىن ئارقىمۇ-ئارقا پىدائىيلىققا ئۆزىنىتىزىملاتقىلى ئۇيغۇرلار كېلىۋەرسە، تەشكىللىك بولۇشىغا ئىھتىياج بولمىسىمۇ، ئۇلاربۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر بولۇدۇ. ئون يىگىرمە ياكى ئۇنىڭدىنئاز ياكى كۆپرەك ئۇيغۇرنىڭ ياردىمى بىر دۆلەت ئۈچۈن كۆزگە ئىلگۈدەك نەرسە بولمىسىمۇ،بۇنىڭ مەنەۋىي تەسىرىگە سەل قارالمايدۇ. بۇنچىلىك ئادەم ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە بەلگىلىكئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە، ئەمما ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جەڭمەيدانىدىلا تۇشۇش بىلەن قالمايدۇ، يەنە پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشمۇ قىلىدۇ. بىزنىڭ ياردىمىمىزئەنە شۇ پىسخولوگىيىلىك سەپتە زور پايدا كەلتۈرىشى مۈمكىن. ئۇ ھالدا بىز ھىچئىككىلەنمەي بۇ سەپتە دۈشمىنىمىزگە قارشى ئۇرۇشۇشقا بارالىساق، ئاندىن ئۆزىمىزنىڭقەتئىي مەيدانىنى ئىسپاتلىيالايمىز. ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ھىندىستان بىزگەئىللىق بېقىشقا باشلايدۇ. تەلەپ قويۇشقا، ياردەم ئېلىشقا يۈزىمىز بولۇدۇ. چۈنكىھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەت بەكمۇ چېگىش بولغاچقا ئاسانلىقچە پۈتۈپكەتمەيدۇ. بۇنداق ئۇزاققا سوزۇلۇدۇغان دۈشمەنلىك بىزنىڭ ياردەم مەنبەمىزنىڭمۇمۇقىملىقى دېمەكتۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 19:51 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.144129 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش