تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1229|ئىنكاس: 0

بۇ رىياكارلىقمۇ ياكى شۇملۇقمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

7

يازما

122

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
122

خىتاينىڭ ئەڭيېقىن دوستى، نېمىنى سورىسا شۇنى بېرىدىغان ۋە ئالالايدىغان پاكىستان تۇپراقلىرىدابارلىقىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان »شەرقىيتۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى« ئىلگىرى يۈننەندە يۈز بەرگەن بىر ئاپتوۋۇز پارتلاش ۋاقەسىنىباتۇرلارچە زىممىسىگە ئالغان ئىدى. ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندە »تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك، ئەسكى تامدىن ھوشۇچىققاندەك« خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئاپتۇ. بۇ كىشىنىھەر خىل ئويلارغا سالىدۇ.
بىر ئىسلامپارتىيىسىنىڭ مەنسۇپلىرى قىلغان ئىشىنى كۆز-كۆز قىلىشنىڭ رىياكارلىقبولۇدۇغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ئەگەر بۇنى بىلىدىغان بولسا قانداق زۆرۈرىيەتتىنبۇنى  »ئۈستىگە ئېلىش« تەكقەھرىمانلىققا ئىھتىياج تۇغۇلغاندۇ؟ بەلكىم دېيىلىشى مۈمكىن: تەشۋىقات ئىھتىياجىياكى بىشارەت بېرىش، يۆنلەندۈرۈش ئىھتىياجى. ئەمما بۇنىڭمۇ نۇرغۇن تەرەپلىرى بار.ئالدى بىلەن، بۇنداق ئاشكارىلاش رىياكارلىقنىڭ گۇناھىغا كەففارەت بولۇدۇغانھىچقانداق ئارتۇقچۇلۇققا ئىگە ئەمەس؛ بىشارەتمۇ ھەر خىل مەزمۇندا، ھەر خىلنىيەتتە، ھەر خىل سەپتىكىلەردە، ھەر خىل ئوخشىمىغان كۈچلەرنىڭ پايدىسى ئۈچۈنبولۇشى مۈمكىن. يۆنلەندۈرۈش بولسا كىشىلەرنى — ياشلارنى دېسەكمۇ بولۇدۇ — بۇنداقبىر تەشكىلاتنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقىدەك ئاجايىباتلىرىنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىقئۆزىگە تارتىشنى مەخسەت قىلغان دېيىلسە، بۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىنىمۇ ئويلىمايبولمايدۇ: ئەگەر بۇ شۇمپەن بىرلىرىنىڭ — توغرىدىن-توغرا خىتاينىڭ دېسەكمۇ بولۇدۇ —ئويۇنى بولسا، نۇرغۇن ساددا ئادەملەرنى كەچمىشىمىزدە بولغىنىدەك بۇ »موما« تۈۋىگە جەلپ قىلىپ، ئاسان ئوۋلاش شارائىتى يارىتىش ئۈچۈنمۇبولۇدۇ. بۇنداق ئۇسۇلنى بىز ئىلگىرى»قارانۇرلۇق چىراق« دەپ ئوخشۇتۇش قىلغانىدۇق. ئىسلامنى سۈئىئىستىمال قىلغان تۇرۇغلۇققىلىنغان بۇ رىياكارلىق، چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان بىر زۆرۈرىيەتتىنتۇغۇلمىغانلىقى مانا مەن دەپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق جاكالاشنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەرقانداقتۈردە بىر پايدىسىنىڭ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس!
يېقىندا ئىرانرەئىس جۇمھۇرى ئەخمەدى نىجاد: »11-سىنتەبىر ۋەقەسىنى ئەلقائىدە قىلغان ئىش ئەمەس، بۇ ئامېرىكىنىڭئوتتۇرا شەرق ئىشغالىيەتلىرى ئۈچۈن باھانە يارىتىش ئۈچۈن ئۆزى پىلانلىغان ئىش« دەپتىكەن،ئەلقائىدە ئەخمەدى نىجادقا تەھدىتلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپتۇمىش. بىزنىڭكىلەردائىما تەقلىت قىلىپ كېلىۋاتقان، خىتايمۇ شۇلارنىڭ بىر پارچىسى دەپ دۇنيانىئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇدۇغان «ئەلقائىدە« مانا شۇ.ئۇلارمۇ خۇددى شۇنداق رىياكارلىقنى قىلىشقان! 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنى بىر مۇسۇلمانتەشكىلاتى دېيىلىۋاتقان تەشكىلاتنىڭ قىلغان بولۇشىنىڭ مۇسۇلمانلار جامائىتىگەبىرەر پايدىسى بارمۇ؟ بۇنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشنىڭ قانداق پايدىلىرى باردۇ؟ خۇددىشۇنداق، بىزنىڭكىلەرنىڭ قىلمىشىمۇ شۇ.
يەنە باشقائويلۇنۇشقا تېگىشلىك تەرەپلەرمۇ بارمىدۇ؟ ئەلۋەتتە بار. مەۋجۇتلۇقنى ساقلاشمەسىلىسى. يەنە كېلىپ پاكىستاندا! بەلكىم دېيىلىشى مۈمكىن: پاكىستان مۇسۇلماندۆلىتى. ھۆكۈمەت كاپىر، خىتاي دوستى بولغان بىلەن، خەلق مۇسۇلمان، خەلقنىڭ ئىچىدەمەۋجۇتلۇقنى ساقلاش تامامەن مۈمكىن. بۇ گەپلەرگە ساددا ئادەملەر دەرھال ئىشەنسىمۇمەندەك گۇمانخورلار پەقەتلا ئىشەنمەي تۇرۇۋالىمىز. پاكىستاندەك بىر ئەلدە، خەلقئىچىدە يوشۇرۇن ياشىغىلى بولۇدۇ دېيىلسە، ئۇ ھالدا چوقۇم ھىساپسىز پۇل بولۇشىشەرت. بۇنىڭ بىلەن ھەم ئۆز خىراجىتى، ھەم بەزى ئېغىزلارنى ئېتىش، بەزى كۆزلەرنىيۇمدۇرۇش ئۈچۈن كېرەك. ئەمما بۇمۇ ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى جىددىي بىر ئىش سۈپىتىدەتۈرۈلۈپ قولغا ئالمىغان ۋاقىت ئىچىدە كۈچكە ئىگە. ئەمما، خىتاي جىددىي شەكىلدەتەلەپ قىلىۋاتقان، پاكىستان ھۆكۈمىتى بەلنى باغلاپ تاپاي دەپ مەيدانغا چۈشكەنئەھۋالدا ھىچ مۈمكىنچىلىكى يوق بىر ئىش.
بۇرۇندىن دەپكېلىۋاتقىنىمىزدەك، بىزنىڭ ئومۇمىي مىللەت سۈپىتىدە ئىستىخبارات ئېڭىمىز يوق.بۇنداق بىر مىللەتنىڭ مەلۇم بىر يەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك يەرئاستى ھاياتى ياشاپقېلىشى ھەقىقەتەنمۇ گۇمانلىق. پاكىستانلىقلارنىڭ ئۇزۇن كۆڭلەكنىڭ ئېتىكىگەپۇتلۇشۇپ، پالاكەتتەك كۆرۈنۈشىگە قارىماڭ. ئۇ يەنىلا بىر دۆلەت. بېقىنىدا كۈچلۈكۋە بەك يوغان بىر دۈشمىنى — ھىندىستان بار. ئەگەر سىز-بىزلەر ئويلىغاندەك ئۇدەرىجىدە كالۋا بولسا بۇ دۆلەت پەقەتلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىگە خاسئىستىخبارات تەجرىبىسى، مىليونلاپ ئىستىخبارات خىراجىتى، يۈزمىڭلاپ جاسۇسى،ئايغاقچىسى بار. »يەرنىڭتېگىدە يىلان كۆشىگەننى بىلىپ تۇرۇدۇ.« ئۇنداق بولمىسا قانداقمۇ دۆلەت دېگىلى بولۇدۇ؟ تېخى ئاۋۇبىزنىڭكىلەرگە قاراڭ: ئادەم تەربىيىلەيدىغان »لاگىرى«مۇبارىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنى مەلۇم بىرسىنىڭ قازنىقىدا قىلغىلى بولمايدۇ، چوقۇم ئەڭ ئازيېرىم مو يەر كېرەك بىر ئىش. بۇنى قانداقمۇ مەخپىي تۇتقىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگەبۇلار »ئىسلام« نامى بىلەنشەرەپلەنگەنلەر بولۇشىغا قارىماي، »ئىش-ئىزلىرىمىزكۆمۈلۈپ قالمىسۇن، تارىخ بولۇپ قالسۇن« دەپ كۆرۈنۈشلەرنى ۋىدىئوغا ئېلىپ ساقلاپ تۇرۇدۇكەن ئەمەسمۇ! بۇمۇ خۇددىرەسىمگە چۈشۈشكە ئوخشاش مەخپىيەتلىكنىڭ جىددىي دۈشمەنلىرىدىن بىرى (ئۇنىڭ ئۈچۈنرەھمەتلىك زەيدىن يۈسۈپ رەسىمگە چۈشۈشكە بەك قارشى ئىدى).
ئەمدى يەنە كۆزدىنكەچۈرۈلۈدۇغان باشقا تەرەپلەرگىمۇ نەزەر سېپ كۆرەيلى. بۇ »ئۈستىگە ئېلىش«قەھرىمانلىقىنىڭ روياپقا چىققان ۋاقتىغا قاراڭ: 11-سىنتەبىرنىڭ 10 يىللىقخاتىرىسىگە ئۈلگۈرگەن! خىتاي ئۆزلىرىنى، »تېرورچى« (ئۇيغۇر) لارنىڭ زىيانكەشلىكى ئاستىدا قالغان مەسۇم قىلىپكۆرسۈتۈش ئۇرۇنۇشىدىن داپيۈزلەرچە ۋاز كەچمىگەن، بۇ ئون يىللىق خاتىرە كۈندە دۇنياجامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتى تېرور مەسىلىسىگە بۇرۇلۇدۇغانلىقىدەك موھىم، دىققەتكەشايان پەيتتە يەنە ھېلىقىدەك »مەسۇملۇق« سەپسەتىسىنىداۋراڭ قىلىشى ئۈچۈن چوقۇم پاكىتقا مۇھتاج بولۇدۇ ئەمەسمۇ؟ مانا شۇنداق »بازارغا ئۈلگۈرتۈش« ئىھتىياجىبىلەن  »كەچ بولسىمۇ« كۆڭلۈڭلارغا ئالماسسىلەر دەپ بۇ ئىشنى ئۈستىگە ئالغاندەك تۇرۇدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەردىكى ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچىنى خىتايلار پاكىستانداتەربىيىلەنگەن، ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئادىمى دەپ ئېلان قىلغان ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭۋىدىئودا خىتاينىڭ بۇ دېگەنلىرىنى تەستىقلاپ، دەل ئاشۇ خىتاي تىلغا ئالغان شەخسنىڭئىسلام پارتىيىسىنىڭ »لاگىرى«دا تەربىيىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بېرىلىشىمۇئاجايىپ ئىش! گەپنىڭ بىر يەردىن چىقىشى، بىر-بىرىنى تەستىق قىلىشىمۇ بىزگەھىچقانداق شەكلىك تۇيۇلمىسا، بىز ھەقىقەتەنمۇ »بۇرنىمىز تۇرۇپ پوق يەيدىغان«لاردىن بولۇپ قالىمىز جۇمۇ!
نورمالدائوغۇرلۇقنى قىلغان ئادەم »ۋەقەدىنھەممىدىن كېيىن خەۋەر تاپقان« بولۇۋالىدىغان كىلاسسىك ئۇسۇل بار ئەمەسمىدى؟ خىتاينىڭمۇ قىلىقىغاقاراڭلار. ئۇلارنىڭ تېخى بۇنىڭدىن (ئۈستىگە ئېلىپ جاكارلاشتىن) خەۋىرى يوقكەن!ئەمما تېرورلۇققا قارشى خەلقارا ھەمكارلىققا ئاۋاز قوشۇشقا ھەر زامان تەييارئىكەن!
»ئۈرۈمچى قەتلىئامى«دەك بىر ۋەقەنىڭ جاۋاپكارلىقىنى خىتايلار بىزنىڭ »تېنچلىقچى« قۇرۇلتايچىلارغا ئارتىپ، ئۇلارنى شەرەپلەندۈرگەن ئىدى. ئۇمۇ بىرئىھتىياجدىنمىدى، ئەجەبا؟ بۇ »قۇرۇلتاي« دېگىنىبارغۇ، بۇرۇن دېگىنىمدەك بەك يېتىشكەن ئەللامەلەر، تەتقىقاتچىلار يىغىلغان تاۋكاجۇمۇ! قاراڭلار ئۇلار بۇ ئىشتىمۇ بىلەرمەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، مۇشۇنداق بىرتەشكىلاتنىڭ — »جىھاد« ھەركىتىنىڭبارلىقىنى ئېتىراپ قىپتۇ ئەمەسمۇ! تېخى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇشبېرىپ، »... مۇشۇنداق قىلىۋېرىدىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق كۆرەشيولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولۇدۇغانلىقىنى«مۇئەسكەرتىپتۇ. ئەگەر خىتايلار بىر ئاز بوش قويۇۋەتسە قوراللىق كۆرەش يولىغاماڭمىساقمۇ بولۇدۇكەن-دە!؟ ئىلگىرى لېدىر خانىممۇ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭخىتايچىسىدا ھاي دېسە ئۇنىماي، ئۆزىنى توختۇتالماي قىلغان سۆزىدە مانا مۇشۇنىڭغائوخشايدىغان بىر گەپنى قىلمىغانمىدى. ئەگەر خىتايلار بىزنىمۇ بىر پۇخراسى قاتارىداكۆرۈپ، بارابەر مۇئامىلىدە بولغان بولسا، بىز بۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولمايتۇق،...دېگەندەك.
ئەمدى بۇ قىسقاگۇمان نوتىمىزنىڭ تۈگەنچىسى قىلىپ، كىچىككىنە خۇلاسە بەرسەك تېخىمۇ توغرا بولساكېرەك:
بىر ئىسلامتەشكىلاتى، بىر مۇسۇلمان، ھىچقانداق سەۋەپ بىلەن قىلغان ياخشى ئىشىنى داۋراڭقىلمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن بۇ  »ئۈستىگە ئېلىش« ھەقىقەتەنمۇگۇمانلىق بولۇش بىلەن، تارىختىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى مۇشۇ تۈردە »ئۈستىگە ئېلىش«لار ئۈچۈنمۇ بۇ خۇلاسىمىز كۈچكە ئىگە.
ئېسىمىزدە بولۇشىكېرەككى، پاكىستان خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن دوستى. خىتاي بىزنىڭ ئىشىمىز تۈپەيلى،پاكىستانغا ھەتتا ئاتوم تېخنىكىسىنىمۇ بەرگەن ئىدى. پاكىستان بۇ دوستى ئۈچۈن ھەرزامان شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىي قاچاقلارنى تۇتۇپ بېرىپ كەلدى ۋە بۇندىنكېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇق خىتاينىڭ خاھىشىدىن بولماي،ئۆز-ئۆزىدىن بولۇشى مۈمكىن ئەمەس.
بىزنىڭ مىللىيپىسخىكىمىزدىكى ئاجىزلىقلار ئىچىدە ساددىلىقىمىز ئەڭ ئالدىدا تۇرۇش بىلەن، بۇبىزنىڭ ئىستىخبارات ئېڭىمىزنىڭ نۆلدىن تۆۋەن بولۇشىغا سەۋەپ بولغان بولۇپ، ئەڭئەخمەق دۆلەتنىڭ ئىستىخباراتىمۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزچە قالتىس مەخپىي تۇتتۇق دەپئويلىغان، ئەمەلىيەتتە لوپۇلدۇما ھەركەتلىرىمىزنى بىلمەي ئولتۇرمايدۇ.
ئېلان قىلىشۋاقتىدىكى »ئاجايىپتوغرا كېلىپ قېلىش«تىنقارىغاندىمۇ بۇ بىر گۇمانلىق تەشكىلات!
مەن بۇ »ئىسلام ھەركىتى«نىڭ ھازىرغىچە (ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئىشغالىيىتىدىنكېيىنمۇ) يەنىلا »تاغلاردا« مەۋجۇت بولۇپكېلىۋاتقانلىقى، توربەتلىرىدە دايىم ھېلىقىدەك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرۇشلىرىھەققىدە گۇمانى قاراش ئوتتۇرىغا قويغىنىمدا، بەزى سەمىمىي ئادەملەر، ساددا ۋەئاقكۆڭۈل دوستلار قارشىلىق كۆرسەتكەن، »مەنبىلىدىغان باللا تۇرسا... « دېگەندەك »پاكىت« بىلەنئالدىمنى توسقان ئىدى. چوقۇمكى، بۇ ماقالە دەپ ئاتاشقىمۇ شەرتى توشمايدىغانكىچىككىنە يازمىشىمدا يەنە بىر ئاز ئېنىقلىما بېرىش، ئىستىخبارات ساۋادى شەكلىدە،تەسەۋۋۇرلارغا ئىلھام بېرىپ، ئوبدانراق ئويلۇنۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بولسىمۇزۆرۈر دەپ قاراپ، بۇ »تەشكىلات«نىڭ ئىشلەش فونكىسىيىسى ھەققىدە توختالماقچى بولدۇم.
سىز تونۇيدىغان،خىتايغا ئىشلەش ئىھتىماللىقى يۈزدە-يۈز يوق، ھىچ مۈمكىنسىز بولغان ئاشۇ ساددا ۋەئاقكۆڭۈل يىگىتلەر بار تۇرۇپمۇ، بۇ ئىشنى قىلىش تامامەن مۈمكىن. بۇ قانداق بولۇدۇ؟بۇ خۇددى ئىلگىرى نۇرغۇن ھەقىقىي تۈردە دىن ۋە مىللەت يولىدا ئۆلۈشكە بەل باغلاپچىققان ياشلارنىڭ ئاشۇ ساددا ئىشەنچلىرى بىلەن، ھىسامىدىننىڭ »مۇما«سىدەكبىر ئاق مۇما، يەنە بىر قارا مۇما تۈۋىگە توپلانغانلىقىنى، »قارا مۇما«نىيامان دېگەنلەر »ئاقمۇما« تۈۋىگە، قارىسىنى يامان دېگەنلەرنىڭ »ئاق مۇما« تۈۋىگە توپلانغىنىدەك ئاددىي بىر ئىش. بۇنى ئىككى تۈردە روياپقاچىقىرىشقا بولۇدۇ:
تەشكىلات بېشىدىكىشەخس خىتاينىڭ ئايغاقچىسى بولسا بولدى، قالغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ ھەقىقىي ئىنقىلاپچىبولۇشى بىلەن، تەشكىلاتنىڭ نىشانىغا ئۆزگەرتىش كەلتۈرەلمەيدۇ. بۇ باشلىق پاكىستانئىچىدە مەۋجۇت بولۇشقا »رۇخسىتى« بولغاچقا،خاتىرىجەم تۇرۇۋېرىدۇ ۋە بۇنى بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئېپىدىن دەپ چۈشەندۈرۈپ تۇرسابولۇۋېرىدۇ. ھەتتا ئۇلار يېرىم كېچىلەردە تاتلىق ئۇيقۇلىرىدىن ئويغۇتۇلۇپ،ئورۇنلىرىنىڭ بىلىنىپ قالغانلىقى، گۇمانلىق ھەركەتلەر سېزىلگەنلىكى، شۇڭا جىددىي يۆتكەلمىسەبولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، شۇ كېچىسى باشلىق تەييارلاپ قويغان باشقابىر بىخەتەر جايغا يۆتكىلىشىمۇ مۈمكىن. بۇنىڭ بىلەن ئويۇنغا چىنلىق تۇيغۇسى بەخشئېتىلىپ، بىر ئاز چېچەن كۆرۈنگەن بالىلاردا قايتا ئىشەنچ ئويغۇتۇشقا بولۇدۇ.ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەمىن خىتايلار تەرىپىدىن بولۇۋېرىدۇ. بالىلار پەقەتباشلىقىمىز (قارىھاجىكام)نىڭ ئېپى بار، دەپلا ئويلايدۇ. بۇ ساددا بالىلارنىڭمۇتلەق كۆپچۈلۈكىدە قىزغىن دىن سۆيگۈسى ۋە خىتايغا نەپرەت بولۇشتىن باشقا،ئادەتتىكى بىلىممۇ بولمىغاچ (بەزىلىرى ئۆزلىرىنى خېلى بىرنېمە بىلىمەن دەپھىساپلىسىمۇ)، ئۇنچە مۇرەككەپ ئويلاپمۇ كەتمەيدۇ. قارىھاجىكىسى بولسا دايىملائاللىقانداق بىر يەردىن پۇل ھەل قىلىپ، چىقىملارنى قامداۋاتقان بولغاچقا ھەرقېتىمدىلا بىرەر ھىكايە بىلەن، پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسىگە بىرەر ئادرېس كۆرسۈتۈپ،ساددا بالىلارنى ئالدايدۇ:
— ھەج سەپىرىگەماڭغان بىر باي ئۇچراپ قالغانتى، بۇرۇندىن بىر ئاز تونۇشلۇقىمىز بارىتى، راسا بىرتەبلىغ قىپتىكەنمەن، تەسىرلىنىپ كېتىپ، بىر توقماق پۇل تاشلىدى. باللا، بىز دېگەنئاللا رىزاسى ئۈچۈن مەيدانغا چىققان بولغاندىكىن، ئاللاھ بىزگە ياردەم قىلىدۇ، ھەرسەۋەپ بىلەن رىزقىمىزنى يەتكۈزۈپ تۇرۇدۇ، — دەيدۇ. بالىلار مەمنۇنىيەت بىلەنئالقىشلايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىغا كىم گۇمان قىلالىسۇن؟
يەنە بىر قېتىمدابولسا باشقا بىر سودىگەر (ھەجگە ماڭمىغان، پاكىستانغا مال ئەكەلگەن ياكى بۇ يەردىنمال ئەپكېتىدىغان) ئۇچراپ قالغان بولۇدۇ. ئۇمۇ تەسىرلىنىپ كېتىپ بىر توقماقبېرىۋېتىدۇ.
ئوخشاش قېلىپتاتەكرارلىنىدىغان بۇ ھىكايىلەرنىڭ گۇمان قوزغىماسلىقىغىمۇ سەل قارالمايدۇ. بالىلارئىچىدە بىر ئاز كۆپرەك ئوقۇغان، بىلەرمەن ھىساپلىنىدىغان، ئاچىماق سوئالنىمۇ كۆپسورايدىغان بىرى بولۇدۇ (بۇنداق خاراكتېردىكى ئادەملەر ھەرقاچان بىر توپتا بولمايقالمايدىغۇ). پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە گۇمان قوزغىماسلىق، ئەسلىدىنشەكىللەنگەن گۇمانلارنى تارقىتىۋېتىپ، تەكرار ئىشەنچ قازىنىش ئۈچۈن، ئەنە شۇ »بىلەرمەن بالا« گۇۋاچىقىلىنىدۇ. بۇ قانداق بولۇدۇ؟ ناھايىتى ئاسان. خىتاي  بىر باي ئايغاقچىسىدىن پۇل ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭدىنبېشىمىز قارىھاجىمنىڭ خەۋىرى بولۇدۇ. دەل شۇ كۈنى قارىھاجىم ھېلىقى چاتاقچى بالىنىچاقىرىدۇ:
— پالانجان،جۈسىلە، ئۇكام، بىر يەرگە بېرىپ كېلىمىز، مەن بىلەن ھەمرا بولسىلا، — دەيدۇ.
ئىككىسىراۋالپىندىنىڭ مىژژامىژژاڭ كوچىلىرىدىن بىرىدە كېتىۋاتقاندا »تۇيۇقسىزلا« ھېلىقى باي ئۇچراپ قالىدۇ. ئۇلار ئەسلىدىن تونۇشلار سۈپىتىدە رولئالسىمۇ، ياكى بىرى تونۇيدىغان، يەنە بىرى ئانچە بەك تونۇمايدىغان بولۇۋالسىمۇبولۇدۇ.
— پالانجان،قارىسىلا، ئاۋۇ ئادەم ئۇيغۇردەك تۇرۇدۇغۇ؟ قەشقەردە كۆرگەندەك يادىمدا، ھەەەە،بىلدىم، چوقۇم شۇ، ماڭسىلا بېرىپ كۆرۈشۈپ قويىلى، ۋەتەندىن چىققان ئادەملەرنىكۆرسىمۇ ئادەمنىڭ يۈرىكى بىر قىسما بولۇپ كېتىدىكەن،... — تەسىرلىك ئاۋاز،تىترەڭگۈ، ھەقىقەتەنمۇ ۋەتەننى سېغىنغان تۇيغۇ، سېغىنىچتىن يىغلامسىراۋاتقانچىراي. ياش شاگىرت قارىھاجىمكىسىنىڭ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆز راھىتىدىن كېچىپ،مۇساپىر ئەللەردە دۈم يېتىپ، دۈم قوپۇپ يۈرگەنلىرى كۆز ئالدىدىن تىزىلىپ ئۆتۈپ بۇئادەمگە ھەقىقەتەنمۇ مىھرى ئۇرغۇيدۇ.
—ئەسسالامۇئەلەيكۇم، — ئۇلار ھېلىقى ۋەتەندىن چىققان باي دەپ بىلگەن كىشىنىڭئالدىغا بېرىپ سالام قىلىدۇ.
— ۋەەەلەيكۇم ممئەسسالاااام... — ئادەم مەڭدەپ قالۇدۇ. (ياكى تونۇشلۇق بېرىشكەن شەكىلدە ئوينىسىمۇبولۇۋېرىدۇ).
— سىلىپالانىھاجىم ئەمەسما؟
— ھە، مەن شۇ.ئەمما سىلى....؟
— مەن سىلىنىتونۇيمەن، بىز ئا ھېلىقى... دە بىللە بولمۇدۇقما، پالانى يىلى ھېلىقى....
— توغرا، توغرا،ئەمما مەن سىلىنى تازا تونۇيالمىدىم جۇما. دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىغۇ توغرا تۇرۇدۇ.
ئەسلىتىشلەر بىرئاز داۋام قىلسىمۇ ياكى دەرھال مەسىلە ھەل بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.
— نېمىلىكىمبولمىسۇن، ۋەتەندىن چىقىپلا، بىزدەك مۇساپىرلار ئۈچۈن سىلىنىڭ ۋەتەندىن ئېلىپچىققان قەدەم چاڭلىرىمۇ كۆزىمىزگە دارا دېسىلە، جۈسىلە، بىر پىيالە چاي ئىچكەچگېپىمىزنى داۋام قىلىلى. بىز دېگەن بۇ يەرگە كونا، سىلى مىھمان، جۈسىلە،...
—ھەبىسىلىرى نېمىش قىلىشىلا، بۇ يەدە؟
— ئۇزۇن گەپ، ئاشەدەدېيىشىمىز، جۈسىلە،... مەن ھېلىقى پالانىھاجىمنىڭ نەۋرىسى، پۇستانى داموللامنىڭبالىسى ئەمەسما، ھە، ئەمدى بىلگەنلا؟... — كېتىۋېتىپ سۆھبەت داۋام قلىدۇ.
مانا شۇنداققىلىپ، تونۇشلۇق راست چىقىپ، باي ھاجىمدا توپبېشىمىزغا ئىشەنچ پەيدا بولۇدۇ. ئۇلارچاي ئىچىشكەن يەردە سۆھبىتىنى داۋام قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىشقىلىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى ياپتىراق شەكىلدە ئۇقتۇرۇدۇ. مەملىكەت ئىچىدىمۇ دايىمخىتاي تەشۋىقاتلىرى »پاكىستانداھەركەت قىلىۋاتقان بىر ئىسلامىي جىھاد ھەركىتى«دىن لاپ ئېتىپ تۇرۇدۇغان بولغاچقا، باينىڭ دەرھال ئەقلىئىشلەپ، بۇنى بىلگەنلىكىنى ياپتا گەپلەر بىلەن ئىشارە قىلىشىدۇ. ئەمدى ئاستا-ئاستاتەبلىغ باشلىنىپ، ئاللاھ يولىدا ئىش قىلىۋاتقان مۇجاھىدلارغا ياردەم قىلىشھەققىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر، بۇنىڭغا ئۇلانغان تەسىرلىك تۇنۇقلار .... قىسقىسىئاخىرقى نەتىجىدە بۇ باي »تەسىرلىنىپ« كېتىپ،كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا بىللاغنى يېشىپ، بىر توقماق چىقىرىپ، قارىھاجىمنىڭقولىغا قىستۇرۇدۇ....
ئۇلار ئەسلىدەكوچىغا چىقىشتا باھانە قىلىنغان ئىشقىمۇ بىر يولۇقۇۋېتىدۇ. ئاندىن »كامپ«قاقايتىپ كېلىدۇ. ئەمدى قارىھاجىمنىڭ چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشىغا ھاجەت قالماي، بۇئىشلارنى »ئۆزكۆزى بىلەن كۆرگەن« گۇۋاچى بالىلارغا پىچىرلايدۇ.
يەنە بىرتەرىپىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك: بۇ بالىلاردا ھىچ پۇل يوق، پاسپورتيوق! ئۇلار نەگىمۇ كېتەلىسۇن؟ بۇ توپتىن ئايرىلىپ قالسىلا ئاچ قالىدۇ، خەتەردەقالىدۇ. شۇڭا مەلۇم گۇمانلىرى بولسىمۇ، ئىشەنگەن بولۇۋېلىپ، جان ساقلاشقا مەجبۇربىر ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇدۇ. (بۇ ئەھۋالمۇ يېقىن ئۆتمۈشىمىزدە بولغان ئىدى:»خىتاي پاسپورتىنىكۆتۈرۈپ يۈرۈش گۇناھ ياكى ئەيپ« دېگەندەك تەبلىغلەر بىلەن بالىلارنىڭ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنغان ۋەيىرتىپ تاشلانغان؛ بۇنىڭ بىلەن بۇ بالىلار خالار-خالىماس بۇ توپقا ئايرىلماس بولۇپباغلانغان ئىدى. ئابدۇللاھ قارىنىڭ توپىدىكىلەردىن بىلىدىغانلىرىمىزنى ئەسلىسەكمۇ،ئۇلارنىڭ »ھەق«نى دەپ ئەمەس، جان ساقلاش ئىھتىياجىدىن — چۈنكىپاسپورت يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە پۇلمۇ يوق ئىدى — ئابدۇللاھتەخەيگە ئىشەنگەن قىياپەتتە ئەگىشىپ يۈرگەنلىكىنى ئەسلىيەلەيمىز).
ئەمدى، ئەگەرتوپبېشى خىتاي ئايغاقچىسى بولماي، ھەقىقىي ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگەن ئىنقىلاپچىبولسىچۇ؟ بۇنىڭغىمۇ چارە تېپىلىدۇ:
خىتاي تەرىپىدىنبىرى ئارىغا سوقۇلسىلا ئىشلارنى خىتاي بەلگىلىگەن يۆنۈلۈش بويىچە ئېلىپكېتىۋېرىدۇ. بۇ قانداق بولۇدۇ؟ خۇددى يېقىن كەچمىشىمىزدە ساتتارھاجىدەك مۇناپىقئونمىڭ دوللار بېرىپلا ئىشەنچكە ئېرىشكەن ۋە »شۇرا«غاكىرگۈزۈلگەن؛ قەشقەردىكى ساقچى ئەمەلدارى مامۇتجاننىڭ جىيەنى (ئابدۇمىجىت)  بالىلارنىڭ ئارخىپىغا مەسئۇل قىلىنغاندەك،كاللىمىزنىڭ ئاددىيلىقى خاسىيىتىدە ئوڭايلا روياپقا چىقىدۇ.
بىزنىڭپەۋقۇلئاددە »ئادىمىگەرچىلىك«ىمىز، »يۈز-خاتىرىچى«لىقىمىز خىتاي ئۈچۈن بەك ئوبدان يوچۇق تەمىن ئېتىدۇ.خۇددى بايىقى بايدەك بىرەرسى ئۇچرايدۇ. ياكى بەك باي بولمىسىمۇ بولۇدۇ. »بارى-يوقى« ئون مىڭ دوللار پۇلىنىمۇ ئۆزىنىمۇ بۇ توپقا تەقدىمقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، نېمىشكە قوبۇل قىلمىغۇدەك؟ ئابدۇللاقارى (تەخەي ياكىھاڭگا—يەكەندىكىكۆچمەن ئۆزبىكلەردىن)نىڭ دادىسى بىرىنچى بۆلۈمنىڭ ساقچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانتۇرۇپ، ئۇنى توپنىڭ بېشىدىكىلەردىن قىلىۋالغان يەردە، پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىدەئالاھىدە مەشھۇر بولغان مۇناپىق ئائىلىنىڭ مۇناپىق ئەۋلادى بولغان ساتتاتھاجى(يەكەنلىككۆچمەن ئۆزبەك)غا ئىشەنگەن يەردە باشقا گۇمان بولۇشى مۈمكىنمۇ؟ بىزگە ئىتائەتبىلدۈرسىلا، ماختىسىلا ئۇچۇۋېرىمىز ئەمەسمۇ؟ پەقەت بىزگە قارشى پىكىر بەرگەندىلاھۇشيارلىقىمىز ئۇيغۇنۇپ، »بۇئادەم مۇناپىق بولۇشى مۈمكىن«، ھەتتا «بۇئادەم خائىن، جاسۇس« دەپ كەسكىن ھۆۈم چىقىرىمىز. بىزگە قارشى تۇرمايدىغان، «خوش-خوش« ئېيتىپلا تۇرۇدۇغان بولسا، ھېلىغۇ مامۇتجاننىڭ جىيەنىكەن،مامۇتجان ئۆزى كەلسىمۇ بىرەر پەتىۋانى تاپىمىز-دە، ئۇنىمۇ سېپىمىزگە قوشۇۋالىمىز.بۇلارنىڭ ھەممىسى يېقىن ئۆتمۈشىمىزدە ئىسپاتلانغان ئىشلار.
ئاندىن پۇل بەرگەنئادەمنى ئادەتتىكى ئەسكەر بالىلارنىڭ قاتارىغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا يۈزىمىزمۇچىدىمايدۇ. ئۇنى شۇرامىزغا قېتىۋالىمىز. پۇلنىڭ توم بېشىنى ئۇ بەرگەن بولغاچ،ئىقتىساتقا ئۇنى مەسئۇل قىلىشىمىزمۇ مۈمكىن. پۇللۇقلارنىڭ، مىھمان قىلغانلارنىڭ،بايلارنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈدىغان ئىش بار ئەمەسمۇ؟ ھۆرمىتىمۇ چوڭ بولۇدۇ. ئەنەشۇنداق قىلىپ، ئۇ كىشى ھە دېمەيلا توپتىكى مۇھترەم كىشىلەردىن بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.ئۇ خېلى سۆزمەن، ھەم خېلى بىلىمدان كىشى بولۇپ چىقىدۇ. كۆپ چاغلاردا ئۇنىڭدېگەنلىرى راست چىقىپ، ئۇ خېلى كۆزگە كۆرۈنۈدۇ. مانا شۇنداق كۈنلەردە »يوقۇرىدىن« ئۇنىڭغا »قەشقەرۋە خوتەندىكى ۋەقەلەرنى ئۈستۈڭلارغا ئېلىڭلار« دېگەن بۇيرۇقكەلسە، ئۇ شۇرادا بولغاچ، شۇراغا شۇنداق بىر تەكلىپ سۇنۇشى مۈمكىن:
— خوتەن ۋەقەشقەردىكى ۋەقەنى بىز قىلدۇق دەپ ئۆزىمىزنى بىر كۆرسۈتۈپ قويمايلىما!
— قانداق بولا؟...
— ئى! قاندابولىتى تازا ئوبدان بولۇدا، خەلق بىزنىڭ قولىمىزدىن ئىش كېلىدىغانلىقىغائىشىنىدىغان بولۇدا، پۇل بېرىدىغانلارمۇ، توپقا قېتىلىدىغانلارمۇ »ۋاي بۇلا بوش ئەمەسكەن جۇما، ئىشەنسەك بولغۇدەك« دەپ كەگىلىتۇرۇدا.
ئۇ پۇللۇقبولغاچقا بىرەر قېتىم بازاردا مىھمان قىلىپ قويغان بىرى، ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپكەسكىن سۆزلەر بىلەن بۇنى قوللايدۇ. باشلىقنىڭ بېشى قايىدۇ. قانداق قىلساق بولار؟نېمىلا دېگەن بىلەن شۇرادىكى ئادەملەرنىڭ يېرىمىدىن جىقى بۇ پىكىرنى قوللاپ تۇرسا،بۇ پىكىر بىزنىڭ ئاشۇ پالانىھاجىمدىن چىققان پىكىر تۇرسا، بۇنى رەت قىلىساق سەتتۇرامۇ-يا؟... ئاخىرى مىللىي خاراكتېرىمىزدىكى »داستىخانچىلىق« بېسىپ كېتىپ،بۇ پىكىر تەستىقلىنىدۇ. مانا شۇنچىلىكلا ئىش.
كىچىككىنە ئىلاۋە:
بۇ ماقالە ئېلانقىلىنغاندىن كېيىن بەزى سەمىمىي دوستلۇرۇممۇ مەندىن رەنجىپ قالدى. چۈنكى ئۇلار بۇدېيىلىۋاتقان ئاتالمىش پاكىستاندىكى مۇجاھىد گورۇپپىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىغائىشىنەتتى. نېمە ئامال؟ ئۇيغۇر ساددىلىقى. سىياسىيدىن قانچىلىك بىلىمەن؟ سىياسىيئويۇنلارنىڭ مۇرەككەپ پەردىلىرىدىن قانچىلىكىنى بېشىمدىن كەچۈردۈم؟ قانچىلىكتارىخىي مىساللارنى ئوقۇپ خەۋەردار بولدۇم؟ دەپ ئۆز-ئۆزىدىن سوراپ كۆرەي دېمەيلا،ساپدىللىق بىلەن مانا شۇنداق ئىشىنىپ، سەن ئۇنىڭدىنمۇ گۇمان قىلامدىغان دەپقېيداشتى. بۇلاردىن ئاغرىنغىلى بولامدۇ؟ ئەمما ئاغرىنغانلارنىڭ ھىچبىرىدە مەنكۆرسەتكەن سەۋەپلەرگە بىرەر قايىل قىلارلىق رەددىيە يوق. پەقەتلا ساپدىللىقتىنباشقا ئەمەلىي بىر نەرسە كۆرسۈتۈلمەيدۇ. سوئاللارنى ئاددىيلاشتۇرغاندا شۇ:پاكىستان خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمۇ-ئەمەسمۇ؟ بۇنى ئىنكار قىلالمايسىز،قانچىلىغان قاچاقلارنى بېرىۋەتتى، ھەتتا چېگرىدا ئۆتكۈزۈۋېلىپلائېتىۋېتىلىگەنلەرمۇ بار. ئۇنداق بولسا پاكىستان ھۆكۈمىتى دوستىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭمەۋجۇتلۇقىنى بىلەلمەيۋاتامدۇ؟ ياكى بىلسىمۇ، (بىزنىڭكىلەرنىڭ چىۋەرلىكىدىن)تاپالمايۋاتامدۇ؟ بۇلارغا قانائەتلەنگۈدەك جاۋابىڭىز بولمىسا، نېمە ئۆكتىچىلىك بۇ؟ئۇيغۇرچۇلۇق!
ھەتتا ئاتالمىشئاشۇ مۇجاھىدلاردىن بىرى ماڭا ئېلخەت يېزىپ تەھدىتمۇ سالدى! ئاگاھ بول مۇناپىق!خىتاي ساڭا شۇنداق تاپشۇرغانمىدى؟ دېگەندەك گەپلەر بار. خىتاي ئۆز تەشۋىقاتلىرىئۈچۈن ئەسقېتىۋاتقان بۇ تەشكىلاتنى خىتاينىڭ قورچىقى دېيىشكە ۋەزىپە بېرەرمۇ؟ مانابۇ خەلقنىڭ ئەھۋالى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-10-20 01:51 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.222540 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش