تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئەينەك مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 2163|ئىنكاس: 0

شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى: SWOT ئانالىز مېتودى ئۈستىدە ئويلۇنۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

5

يازما

93

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
93
ئەركىن ئەكرەم
شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ــ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا قاراتقان سىياسىتى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستانچىلار» دەپ ئاتالغانلارنىڭ مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىگە؛ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىۋاتقانلارنىڭ ئېڭىدىكى غايىۋىي
شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ــ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا قاراتقان سىياسىتى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستانچىلار» دەپ ئاتالغانلارنىڭ مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىگە؛ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىۋاتقانلارنىڭ ئېڭىدىكى غايىۋىي پروگراممىلارغا؛ خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئاراغا قاراتقان سىياسىتى، شۇنداقلا خەلقئارالىق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تەڭپۇڭلۇقى ئەندىزىسىگە؛ ئەڭ مۇھىمى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ يىراقنى كۆرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە ياكى ئەمەسلىكىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختىن بېرى خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى جۆيلىمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مەۋجۇد خەلقئارا سىياسىي سىستېمىدا بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق (ئىگىمەن) دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز تېرىتورىيىسى ئىچىدىكى بىر پارچە زېمىن دەپ بايان قىلماقتا. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاننى (ئۆزىنىڭ) ئىچكى مەسىلىسى دەپ قارىغان خىتاي ھاكىمىيىتى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى 1884- يىلى تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز تېرىتورىيىسىگە قاراشلىق بىر ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇۋالدى. ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى (1644 ـ 1911) ۋە مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)نىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستاننى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما شەرقىي تۈركىستان 1949- يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ستالىننىڭ تەشەببۇسى ۋە ماددىي ياردىمىگە ئېرىشكەن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بولۇپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ماۋزېدوڭ بىلەن ستالىن ئارىسىدىكى تېلېگراف ئالاقىلىرىدا “ئىشغال” سۆزى ئوچۇق يېزىلغانىدى[1]. ستالىننىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلماقچى بولغان خىتاي ئارمىيىسىگە ياردەم بېرىشىنىڭ سەۋەبى، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىق ئىدى[2].
قىزىل ئارمىيە ئۈرۈمچىگە كىرگەن كۈن (20 ـ ئۆكتەبىر)نىڭ ئەتىسى، ماۋزېدوڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ چياۋمۇغا بىر پارچە مەكتۇب يوللىغان بولۇپ، مەكتۇبتا: »شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلىندى« دېگەن ئىبارىنىڭ ئورنىغا: »كۆزلەنگەن جايغا يېتىپ بېرىلدى« دېگەن ئىبارىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنىدى[3]. بۇ ئىشغال ھەقىقىتى ۋە بۇ ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلمىغان بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستانلىق كىشىلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەزكۇر رايونغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرالمىغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان ئاپتونوم رايونى قانۇنىنىمۇ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىگە چىقىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى، 1949- يىلىدىن 1960- يىلىغىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىنى »يەرلىك مىللەتچىلىك« دەپ قارىدى ۋە تىنچلاندۇرۇش سىياسىتى قوللاندى. 1960- 1990- يىللىرى ئارىسىدىكى مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بولغان ۋە خىتاينى بۆلۈشكە ئۇرۇنغان دەپ قاراپ، تېخىمۇ قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. 1980- ، 1985- يىللىرى ئارىسىدا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئوتتۇراھال سىياسەت يولغا قويۇۋاتاتتى. ئەمما سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان تەسىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ ئالاقزادە قىلىۋەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن سىياسىي ۋە قوراللىق پائالىيەتلەرنى يەنە سىرتقى كۈچلەر ۋە چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ رايوننى خىتاي قولىدىن يۇلۇپ ئېلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى تېخىمۇ شىددەتلىك تۈسكە كىرگۈزدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇشى ۋە بۇ باستۇرۇشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ئىسيانلار نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىم ۋەزىيەت شەكىللەنمىگەننىڭ ئۈستىگە، بۇ زېمىن نوپۇسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلار قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلدى.
چەتئەللەردە خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرى، 1949- يىلىدىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىققان ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستانغا «ئالىي مۇختارىيەت» تەلەپ قىلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن قاتارلىق زاتلار بىلەن باشلاندى. 1949- يىلىدىن بۇرۇن مىللەتچى خىتاي پارتىيىسىنىڭ مەجلىسىدە خەلق ۋەكىلى بولۇپ تۇرغان ۋە شەرقىي تۈركىستان يەرلىك ھۆكۈمىتىدە ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بۇ زاتلارنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە كېلىشى بىلەن باشلانغان مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىي بېسىمىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا پاراللېل ھالدا تەدرىجىي ئۇلغۇيۇپ بارغان. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بەزى شەرقىي تۈركىستانلىقلار قوراللىق مۇجادىلىگە ئاتلاندى ۋە ئافغانىستاندىكى ئەل ـ قائىدە لاگىرلىرىدا تەربىيىلەنگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندا قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نامى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۇ تەشكىلات، 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. (پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا قولغا چۈشكەن) 22 نەپەر ئۇيغۇر ياش تېرورىست گۇمانى بىلەن گۋانتاناموغا ئېلىپ كېتىلدى ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان 500 نەپەر تېرورىست گۇماندارى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى»غا ئوخشايدىغان باشقا كىچىك گۇرۇپپىلارمۇ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تېرورىزمغا قارشى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى داۋامىدا تارمار بولۇپ كەتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆزقاراش ۋە بايانىنىڭ پەرقلىق بولۇشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېخىمۇ چىگىش ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نى تېرورىست تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، ب م ت مۇ ئۆز تىزىملىكىگە ئالغانىدى. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىمۇ مەزكۇر تەشكىلاتقا قوشۇپ خەلقئارالىق تېرورىست كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈۋالغاچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى بايانات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئاۋۋال ئامېرىكا پرىزدېنتى جورج بۇش ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا خىتاي رەھبىرى جياڭ زېمىنغا: “بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى تېرورىزمغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان مۇجادىلە باھانىسى بىلەن دەپسەندە قىلىشقا بولمايدۇ” دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى لورن كرېنر شەخسەن بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئامېرىكا كۆزدە تۇتقان تېرورىستنىڭ پەقەت «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»دىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا تىرىشتى[4].
ئامېرىكا ۋە بەزى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ياكى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىككە يەتكۈزۈلۈشى قاتارلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. شەرقىي تۈركىستانلىقلار بۇ ئالاقىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىگە قىلىنغان ۋاسىتىلىك ياردەم دەپ بىلمەكتە، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ شۇنداق دەپ قارىماقتا ۋە بۇ ياردەملەرنى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايدىن ئايرىۋېتىش مانىۋېرى دەپ چۈشەنمەكتە. تۈركىيە گەرچە شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن ھەم قانداش ھەم دىنداش بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە پەقەت خەلقنىڭ (يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ) تەقدىرىگىلا كۆڭۈل بۆلمەكتە. شۇڭا، ئەنقەرە ھۆكۈمىتى ھەرقاچان خىتاينىڭ ئىگەمەنلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
مانا بۇ جەريان ۋە ئۇقۇم مەسىلىلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرنى قىيىنلاشتۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بىر ـ بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىشى ۋە «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نىشانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى قوغداشمۇ ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشمۇ؟» دېگەندەك مەسىلىلەرمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكىنى بىقارار قىلىپ قويماقتا. چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلماقتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرمۇ مۇشۇ تەلەپنى چۆرىدىگەن ھالدا قىلىنماقتا. ئەمما مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن شەرت ـ شارائىت ۋە كۈچ مەنبەسىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، بۇ شارائىت ۋە كۈچلەردىن توغرا پايدىلىنىش ئارقىلىق نىشانغا يېتىشنى بىلىش كېرەك.  
SWOT ئانالىز مېتودى
SWOT— ئىنگىلىزچە Strengths (كۈچلۈك نۇقتىلار)، Weaknesses (ئاجىز نۇقتىلار)،    Opportunities (پۇرسەتلەر) ۋە Threats (تەھدىتلەر)دىن ئىبارەت تۆت سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىدىن شەكىللەنگەن بىر رەھبەرلىك سىستېمىسىنىڭ ئىسمى.
● بۇ مېتودنىڭ ئىجادچىسى ـ فرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور دوكتورى Heinz Weihrich دۇر.
● SWOT ئانالىزى — مەلۇم بىر ئورگاننىڭ، تېخنىكىنىڭ، جەرياننىڭ، ئەھۋالنىڭ ياكى شەخسنىڭ كۈچلۈك (Strengths) ۋە ئاجىز (Weaknesses) نۇقتىلىرىنى ئېنىقلاش ۋە تاشقى مەنبەلەردىن كېلىدىغان پۇرسەتلەر (Opportunities) ۋە تەھدىتلەر (Threats)نى بايقاش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان تېخنىكا.
● SWOT ئانالىزىنىڭ مەقسىتى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، مەۋجۇد كۈچلۈك نۇقتىلىرى ۋە پۇرسەتلەردىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تەھدىت ۋە ئاجىز نۇقتىلىرىنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن پىلان ۋە ئىستراتېگىيە تۈزۈش.
● SWOT ئانالىزى — دىققەت ئېتىبارنى كۈچلۈك نۇقتىلار ۋە چوڭ پۇرسەتلەر كۈتۈپ ياتقان ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپلا قالماي، ئاجىز نۇقتىلىرى ۋە كەلگۈسى تەھدىتلەرنىمۇ كۆرۈپ يېتىشكە ياردەمچى بولالايدۇ.
●  تۆت تۈرلۈك ئىستراتېگىيىلىك يۆلىنىش مودېلى ئەمما ھەرقانداق تېئورما ۋە مېتودتا بولغىنىدەك، SWOT ئانالىز مېتودىنىڭمۇ نۇقسانلىرى بار.
  SWOT ئانالىز مېتودى ئومۇمەن ئىچكى ئەھۋالنى ئانالىز قىلىدىغان SW بىلەن تاشقى ئامىلنى ئانالىز قىلىدىغان OT دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ مېتود ئارقىلىق ئۆزىگە پايدىلىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەرزىيدىغان نۇقتىلار ياكى ئۆزىگە زىيانلىق ۋە ساقلىنىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا (يېڭى) مەسىلىلەر تېپىپ چىقىلىپ، بۇلارنى ھەل قىلىش ۋە كېلەچەككە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەش يوللىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ. SWOT ئانالىز مېتودىنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك ئىستراتېگىيىلىك يۆلىنىش مودېلىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
SO  ئىستراتېگىيىسى
WO ئىستراتېگىيىسى
ST ئىستراتېگىيىسى
WT ئىستراتېگيىسى
كۈچلۈك نۇقتىلار + پۇرسەتلەر
ئاجىز نۇقتىلار + پۇرسەتلەر
كۈچلۈك نۇقتىلار + تەھدىتلەر
ئاجىز نۇقتىلار + تەھدىتلەر
بۇ، ئەڭ غايىۋىي ئىستراتېگىيىلىك تاللاش بولۇپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك نۇقتىلىرى بىلەن تاشقى پۇرسەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە ھەردائىم مۇۋەپپىقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
ئىستراتېگىيىلىك مەنبەسىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشى، تاشقى پۇرسەتلەردىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى ھەل قىلىشى لازىم. ئەمما بەزىدە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن تاشقى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنالماسلىقى ياكى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.
ئىستراتېگىيىلىك مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشى لازىم. ئۆزىنىڭ كۈچلۈك نۇقتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تاشقى تەھدىتلەردىن ساقلىنىشقا تىرىشىشى كېرەك. بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قالتىس دانا رەھبەرگە موھتاج بولىدۇ.
بۇ، ئەڭ ئاجىز قوغدىنىش ئىستراتېگىيىسى بولۇپ، ھەم ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى ھەل قىلىشى ھەم تاشقى تەھدىتلەردىن ساقلىنىشى لازىم. بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە ئەھۋال ۋە كىشىلەرگە موھتاج بولىدۇ.
SWOT ئانالىز مېتودىغا كۆرە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى
  
شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز نۇقتىلىرى بىلەن (قولىدىكى) پۇرسەتلەر ۋە (كۆز ئالدىدىكى) تەھدىتلەر ھەققىدىكى خۇلاسىلەرنى SWOT ئانالىز مېتودىغا سېلىش ئارقىلىق مەلۇم نىسبەتتە بولسىمۇ نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
1)      شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كۈچلۈك نۇقتا(تەرەپ)لىرى:
(1)  شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىگە بولغان كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە ئىشتىياقى. شەرقىي تۈركىستانلىقلار 1884- يىلىدىن بېرى نۇرغۇن بەدەل تۆلىشىگە قارىماي، مۇستەقىللىق يولىدا تېز پۈكمەي كۈرەش قىلىپ كەلدى. ھەتتا 1933-، 1934 ۋە 1944-، 1949- يىللىرى ئارىسىدا قىسقا مۇددەتلىك بولسىمۇ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇردى.
(2)  شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن بارلىق توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلار ئۆز ۋاقتىدىكى خەلقئارالىق سىياسىي ۋە ئىستىراتېگىيىلىك تاسادىپىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ خەلقئارالىق ئىستىراتېگىيىلىك مۇۋازىنەتكە چېتىشلىق بولىدىغانلىقىدا ھېچقانداق شۈبھە يوق. تارىختا خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن كۆۋرۈك ۋە چېگرا لىنىيىسى رولىنى ئۆتەپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان، ھېلىمۇھەم ھەربىي مۇداپىئە، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ ئىستراتېگىيىلىك ئەۋزەللىكى خىتاي ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا، خىتاينىڭ رەقىبى ياكى دۈشمەنلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق مۇھىم. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ئەۋرىشىم ئاشقازىنى» ھېسابلىنىدىغان بۇ رايوندا مەيدانغا كېلىدىغان ھەرقانداق مۇقىمسىزلىق خىتاينىڭ كېلەچىكىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي مىللىي مەنپەئەتىنى (نەپسىنى) قاندۇرۇش، بولۇپمۇ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى، دۆلەت تەرەققىياتى ۋە ئاخىرىدا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان[5].
(3)  شەرقىي تۈركىستاننىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئورنى. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ۋە 1.68 مىليون كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان يەر ئۆلچىمى بىلەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە تەڭ كېلىدىغان شەرقىي تۈركىستان رايونى گەنسۇ ئۆلكىسى، چىڭخەي ئۆلكىسى، مۇڭغۇلىيە، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان ۋە تىبەت قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن چېگرىلىنىپ تۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ چەت دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگرا ئۇزۇنلۇقى خىتاينىڭ ئومۇمىي چېگرا ئۇزۇنلۇقىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەڭ كۆپ دۆلەت بىلەن چېگرىداش رايونى ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدا ئالتاي تاغلىرى، ئوتتۇرىدا تەڭرى تېغى، جەنۇبىدا كوئىنلۇن تېغى بار بولۇپ، بۇ ئۈچ تاغ پامىر تاغ تىزمىسىدا كېسىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمال، غەرب ۋە غەربىي جەنۇب تەرەپلىرىدىكى تەبىئىي توسالغۇسىنى ۋە 13 ئىستراتېگىيىلىك ئۆتكىلىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيىلىك ئەۋزەللىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم قابىلىيىتىنى ئاشۇرماقتا. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاننى ئىگەللىۋالغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ ھاكىم بولالىغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاننى ئىگەللىگەن ھەرقانداق بىر دۆلەت شەرقىي تەرىپى يالىڭاچلىنىپ قالغان خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالالايدۇ. شەرقىي تۈركىستان تارىختا خىتاي ئۈچۈن ئۆتكەل ۋە مۇداپىئە رايونى دەپ قارالمىغانىدى. تاڭ سۇلالىسى گېنىرالى گاۋ شيەنجىژ ۋە مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى گېنىرالى جاۋ خۈي ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان سەپەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تاغنى كېسىپ ئۆتكەن ۋە ئۇ ئەتراپنى كونترۇللۇقى ئاستىغا كىرگۈزۈۋالغانىدى. چىڭگىزخان بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى تاغنى ھالقىپ ئۆتۈپ، بۇ رايوننى ئىستېلا قىلدى. شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان ۋە شىنجاڭ ئىدارە رايونىنىڭ ئۇلىنى سالغان مانجۇ ئىمپېرتورلۇقى گېنىرالى زو زۇڭتاڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇنداق بايان قىلغان: »شىنجاڭغا ھاكىم بولۇش دېمەك، مۇڭغۇلىيەنى قوغداپ قېلىش دېمەكتۇر؛ مۇڭغۇلىيەگە ھاكىم بولۇش دېمەك، پايتەختنى قوغداپ قېلىش دېمەكتۇر. غەربىي شىمالىي رايون (خىتاي ئۈچۈن) خۇددى بىلەك بىلەن بارماقلارغا ئوخشاش بىر تۇتاش مۇداپىئە لىنىيىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەگەر شىنجاڭ قولدىن كەتسە، مۇڭغۇلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ… ئۇ چاغدا، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخارامان ئۇخلىيالىغۇدەك كۈنلىرىمۇ قالمايدۇ«[6]. دەرۋەقە، خىتاي تارىخىغا قارايدىغان بولساق، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان ۋاقىتلاردا كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانسا، شەرقىي تۈركىستاننى قولدىن چىقىرىپ قويغان ۋاقىتلاردا بەكمۇ زەئىپ ھالغا چۈشۈپ قالغان. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى قولدىن چىقىرىپ قويسا، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئوتتۇرا شەرققىچە سوزۇلغان رايونلاردىكى تەسىرىنى يوقىتىپ قويۇش بىلەنلا قالماي، يات كۈچلەرنىڭ بۇ رايوندىن ئۆزىگە (يەنى خىتايغا) قارىتىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇمىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ[7].
(4)  شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان ئىرقىي ۋە دىنىي مۇناسىۋىتى. شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان ۋە تۈرك خەلق بولۇپ، بەزىلىرى بىلەن ئورتاق تارىخ ۋە ھازارەت سىستېمىسىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خەلقنىڭ بىر قىسمى چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدە ياشىماقتا، يەنى سىياسىي چېگرانىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىدە ئوخشاش خەلق بىللە ھايات كەچۈرمەكتە. شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي باشقارمىسى بېيجىڭغا باغلىق بولسىمۇ، ئىرقىي مەنبەسى، تارىخ، كۈلتۈر، دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرى جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، ئارىلىرىدا »ئىچقويۇن- تاشقويۇن« مۇناسىۋەت بار. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياكى شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ھەرقانداق ۋەقەنىڭ بىر- بىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. ئۇنىڭدىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولغاچقا، بۇ ئىككىسىمۇ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان خىتاينى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىسلام دۇنياسىغا باغلاپ تۇرىدىغان، ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىسلام دۇنياسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىرقىي ۋە دىنىي مەسىلىلىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، پات ـ پات قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولدى. 11 ـ سېنتەبىردىن كېيىن، بۇ مەسىلىلەر تېخىمۇ ئۇلغايدى ۋە خىتاينى ھالقىپ ئۆتۈپ، خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىگە چىقتى. يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىرقىي، دىنىي، مۇھىتى ۋە ئىنسانىي ھەق ـ ھوقۇقلىرىغا ئوخشاش مەسىلىلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى[8].
(5)  شەرقىي تۈركىستاننىڭ گېئوئىقتىسادىي ئەھۋالى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايدىلىنىشقا بولىدىغان تېرىقچىلىق، ئورمان ۋە بوزيەر كۆلىمى 68 مىليون گېكتار بولۇپ، خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم نىسبىتى خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى. بۇ رايوندىن تېپىلغان كۆمۈر زاپاس مىقدارى 27 مىليارد توننا بولۇپ، خىتاي ئومۇمىي زاپىسىنىڭ %40نى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارىمۇ  30 مىليارد توننا بولۇپ، خىتاي ئومۇمىي زاپاس مىقدارىنىڭ %35نى تەشكىل قىلىدۇ ۋە خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا پاختا مەھسۇلاتى ئۇدا بىر نەچچە يىلدىن بېرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. خىتايلار پاختا بىلەن نېفىتنى “ئاق ئالتۇن” ۋە “قارا ئالتۇن” دەپ ئاتىشىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ نادىر مېتال ۋە ئىستراتېگىيىلىك خام ئەشيالىرىنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، بۇ بايلىق مەنبەلىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىزچىللىقىنىڭ ئىشەنچ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا، خىتاي ھاكىمىيىتى «غەربنى گۈللەندۈرۈش پىلانى»نىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جەلپ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا[9].
(6)  1949 ـ يىلىدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، 11 ـ سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن رەسمىي رەۋىشتە خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلاندى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى سەۋەبى بىلەن خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىلەردە «زەئىپ سىياسەت» يۈرگۈزەلەيدىغان ھالغا كەلدى ۋە تەسىر دائىرىسى كۈنسېرى ئېشىپ بارماقتا.
2)      شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاجىز نۇقتىلىرى:
(1)   شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دۆلىتى بولمىغاچقا، بىر دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق كۈچكە ئىگە ئەمەس.
(2)  شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ماددىي ئىمكانلىرى بەك قىس. ھەرقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ ماددىي ئىمكانىيىتى بولماي تۇرۇپ غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى تولىمۇ قىيىن.
(3)  خەلقئارالىق سەۋىيەگە يەتكەن ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتالايدىغان قابىلىيەتلىك كىشىلىرى يوق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيا سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى ۋە بىرمۇنچىلىغان دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالىق سەۋىيەدىكى باشقا مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە تەھلىل قىلىش كېرەك.
(4)  شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق مۇجادىلىسى ئۈچۈن غايىۋىي ۋە ئەمەلىي پروگراممىسى يوق. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق يولىنى بىرلا قەدەم بىلەن بېسىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ قىيىن ئۆتكەللەردىن ئىستراتېگىيىلىك قەدەملەر بىلەن بىر ـ بىرلەپ ئېشىش كېرەك.
(5)  ئەڭ مۇھىمى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىئولوگىيىسى ۋە پەلىسەپەسى يوق. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ئىدىئولوگىيىسى ياكى پەلىسەپەسى ئۇنىۋېرسال بولۇشى كېرەك.
(6)  گەرچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇستەقىللىق نىشانى بىر بولسىمۇ، (مۇستەقىللىق) مېتودىدا پىكىر بىرلىكى يوق. ئۆز ئارىلىرىدا ھېلىغىچە كۈچ تەڭلىمىسى ۋە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئىستراتېگىيىسى شەكىللەندۈرەلمىدى.
3)      شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پۇرسەتلىرى:
(1)  شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي گېئوئىستراتېگىيىلىك ئەۋزەل ئورنى ھەر دەۋر چوڭ كۈچلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغىنىغا كۆرە، بۇندىن كېيىن ۋە كېلەچەكتىمۇ بۇ گېئوئىستراتېگىيىلىك ئەۋزەللىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ گېئوئىستراتېگىيىلىك ئەھۋالى خىتاينىڭ كېلەچىكىگە تەسىر قىلىپلا قالماي، خىتايغا رەقىب كۈچلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالىشىمۇ مۇمكىن.
(2)  غەرب دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىگە ياردەم قىلمىسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى تراگىدىيىلىرى غەربنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلىرىغا بېرىپ تاقالماقتا.
(3)   ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرگەن خىتاينىڭ يۈكسىلىشىمۇ بىر پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى دېمۇكراتىك سىستېمىغا ئۆتۈپ بولدى. ئەمما خىتاي باشچىلىقىدىكى ئۈچتىن بىر دۆلەت دېمۇكراتىك سىستېمىدىن تېخىچە ئۇزاق تۇرماقتا. خىتاينىڭ يۈكسىلىشى بىلەن بىرلىكتە بىرمۇنچىلىغان دۆلەت سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەلەردە توسالغۇغا دۇچ كېلىدۇ. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرش سىستېمىسىمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن تەنقىد ئۇبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. يەنى خىتاينىڭ يۈكسىلىشى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.
4)      شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى كۈتۈۋاتقان تەھدىتلەر:
(1)   ئەڭ چوڭ تەھدىت يۈكسىلىۋاتقان خىتاينىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى بولۇپ، بۇ تەسىر سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەت دائىرىسى تارلاپ كېتىشى مۇمكىن.
(2)  خىتاينىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قىسمەن بولسىمۇ دېمۇكراتلىشىشى. بولۇپمۇ، دېمۇكراتىك سايلام تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ قالسا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق غايىسى سۇغا چىلىشىدۇ. چۈنكى خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس ستاتىستىكىسى ئاستىن ـ ئۈستۈن بولۇپ كېتىۋاتماقتا. ئۇندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىي قۇرۇلمىسى ئۇپرىماقتا ۋە كىملىك كرىزىسى كېلىپ چىقماقتا.
SWOT ئانالىز مېتودىغا كۆرە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى
SWOT ئانالىز مېتودىغا كۆرە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۈچلۈك ـ ئاجىز نۇقتىلىرى ۋە پۇرسەت ـ تەھدىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بۇ مېتودنىڭ تۆت تۈرلۈك ئىستراتېگىيىلىك يۆلىنىش مودېلىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك يۆلىنىش تەرەپلىرى تېپىپ چىقىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئاجىز ئەمما پۇرسىتى بار بولغان WO ئىستراتېگىيىلىك يۆلىنىش مودېلى ئۇيغۇن كەلمەكتە. SWOT ئانالىز مېتودىغا كۆرە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەڭ غايىۋىي ئىستراتېگىيىلىك تاللاش ھېسابلىنىدىغان SO ئىستراتېگىيىلىك يۆلىنىش مودېلىغا ساھىب ئەمەس، شۇڭا شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم.
WO ئىستراتېگىيىلىك يۆلىنىش مودېلى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنبەلىرىنى مۇۋاپىق قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپ بەرمەكتە. تاشقى پۇرسەتلەردىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى ھەل قىلىۋېلىشى ــ قىلمىسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ كەمچىلىكلەر تولۇقلانمىغىچە مەنپىي نەتىجىلەر كېلىپ چىقىۋېرىدۇ. يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئاسان قولغا كەلمەيدۇ. مەزكۇر مودېلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇشى شۇكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئاجىز نۇقتىلىرى تۈپەيلىدىن بەزىدە تاشقى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنالماسلىقى ياكى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ (پۇشايماندىن) ئېغىر ئازابقا قېلىش ئېھتىمالى بەكمۇ يۇقىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەسىلىنى ھەردائىم خەلقئارالىق كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ تۇرۇشى، تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەر ۋە خىزمەتچى خادىملىرىنى ئىختىساسلاشتۇرۇشى، تەشكىلاتلارنى قۇرۇلمىلىق تۈسكە كىرگۈزۈشى شەرت. مانا مۇشۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىلا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردىمىگە ئېرىشكىلى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى نىشانىدىن ۋاز كېچىشى ياكى نىشانىنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ، مۇستەقىللىق نىشانىنى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا قويۇشى لازىم.
»ئەمما ئىنسان كېلەچىكىنىڭ يېرىمى تەلەيگە، قالغان يېرىمى شۇ ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق[10]«. نىكولو ماكىياۋېللى (1469 ـ 1527)نىڭ بۇ تېئورمىسى ئىنساننىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كېلەچىكىنى شەكىللەندۈرەلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرمەكتە. داڭلىق كەلگۈسىشۇناس ھېرمان كاھنمۇ (1922 ـ 1983) شۇنىڭغا ئوخشاش پىكىر بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆرە، ئىنسان ئۆز كەلگۈسىنى تەخمىن قىلالمىسىمۇ، يەنىلا كەلگۈسىنى تاللىيالايدۇ[11]. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنىڭ مەلۇم قىسمى يەنىلا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قولىدا. يەنى ئىنسانلارنىڭ بۈگۈنكى ئىش ـ پائالىيەتلىرى كېلەچەكنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۆز ۋەتىنى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى ۋە خەلقئارادىن كېلىۋاتقان بارلىق ئامىللاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى لازىم. داڭلىق ئەسكىرىي ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئې. خوۋاردنىڭ ئېيتقىنىدەك، بۇ يەرگە نەدىن كېلىپ قالغانلىقىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ، بۇندىن كېيىن نەگە بېرىش مەسىلىسىنى ئويلىماسلىقىمىز لازىم[12]. ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىقلارنىڭ بەدىلى بۈگۈن تۆلەنگىنىدەك، بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىقنىڭ بەدىلى ئەتە تۆلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بۈگۈن توغرا قىلىنغان ئىشلار ئەتە مۇكاپات بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. شۇڭا كېلەچەكنى تېخىمۇ ياخشى تەييارلاش ئۈچۈن يىراقنى كۆرەلەيدىغان بولۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم[13]. چۈنكى ئەڭ مۇھىم كۈچ ـ مېڭە كۈچىدۇر. ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن تۈزۈلگەن ئىستراتېگىيىلىك پىلاننىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى ھەردائىم يۇقىرى بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان خىتايغا قارشى كۆپ تەييارلىق كۆرۈشى لازىم.
  
سابىرجان تەرجىمىسى





[1]  شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىش داۋامىدا رەئىس ماۋزېدوڭ بىلەن گېنىراللار ئارىسىدىكى تېلېگراف ئالاقىلىرى ئۈچۈن:
中国人民解放军第一野战军战史编审委员会编,《中国人民解放军第一野战军文献选编》(第二册), 北京: 解放军出版社, 2000:468-469;
《中国人民解放军第一野战军文献选编》(第二册), 2000:482, 582-585, 587-590, 603-604, 613-614, 621-624, 629-635, 642, 647-648, 650-653, 655-656, 660-661.
      [2]沈志华,《毛泽东、斯大林与朝鲜战争‎》, 广州: 广东人民出版社, 2003年, 页121-122; 李丹慧, 《北京与莫斯科: 从联盟走向对抗》, 广西师范大学出版社, 2002年, 页149.
   [3]毛泽东,《建国以来毛泽东文稿》第1册(1949.9-1950.12),北京: 中央文献出版社, 1987年, 页83.
  [4]ئەركىن ئەكرەم: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈركىيە ـ خىتاي مۇناسىۋەتلىرى»، Türkiye Günlüğü، 77 ـ سان (2004 ـ ياز)، 43 ـ ۋە 44 ـ بەتلەر.
   [5] ئەركىن ئەكرەم: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈركىيە ـ خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» 39 ـ ۋە 40 ـ بەتلەر.
   [6] 统筹 «新疆全局书» 1878
[7]ئەركىن ئەكرەم: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈركىيە ـ خىتاي مۇناسىۋەتلىرى»، Türkiye Günlüğü، 77 ـ سان (2004 ـ ياز)، 40 ـ بەت.
[8]ئەركىن ئەكرەم: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈركىيە ـ خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» 40 ـ ۋە 41 ـ بەتلەر.
[9]ئەركىن ئەكرەم: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈركىيە ـ خىتاي مۇناسىۋەتلىرى» 41 ـ بەت.
    [10]Niccolò Machiavelli, The Prince,  Chapter XXV, forgotten Books, 2008: 94. Orijinal ifadesi ise: “I hold it to be true that fortune is the arbiter ofone-half of our actions, but that she still leaves us to direct the other half, or perhaps a little less”.
   [11], The Year 2000: A Framework for Speculationon the Next Thirty-Three Years (New York: MacMillan Publishing Company, 1967). P. 2
    [12]Michael Howard, “Reassurance and deterrence: Western defense in the 1980”, Foreign Affairs, Vol. 61, No. 2 (Winter 1982-1983), p. 309. Orijinalifadesi ise: “There is little point in considering where we should be going ifwe do not first decide where we are starting from.”
   [13]Herman Kahn, On Thermonuclear War. New Jersey: Princeton UniversityPress, 1960:316; Herman Kahn, On Thermonuclear War. New Brunswick, NJ: Transaction Publishers, 2007: 576

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



"شەرقىي تۈركىستان
ھۆررىيەت نەشرىياتى " ئۈچۈن
ئىئانە قىلىڭ

ئارخىپچى|يانفون|قاماقخانا|ئەينەك تورى  

GMT-7, 2017-12-16 11:36 , بەت ھاسىل بولۇشقا 0.228383 سېكونت ۋاقىت كەتتى. ئەسلى تەلەپ 27 سېكونت ئىدى. .

شەرقىي تۈركىستان ھۆررىيەت نەشرىياتىتەرىپىدىن ئىشلەندى ()

©2015 webmaster@eynek.biz : باشقۇرغۇچى ئېلخەت ئادرېسى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش